رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم نۇتۇقى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> ئاۋازلىق ئەسەر -> ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم نۇتۇقى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yalghuz 2010-09-30 19:30

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ساۋاقداشلار! بۈگۈن مېنى چەت ئەلدىكى ئىلمىي زىيارىتىم ئاساسىدا ئىگە بولغان تەسىراتلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپسىلەر. بۇنىڭدىن دۇنيانى بىلىشكە تەشنا يۈرىكىڭلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. توغرا، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى چۈشىنىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ۋە ھەققىمىزدۇر. ئۇچۇر ۋە بىلىمنى يۈكسىلىشنىڭ ئاساسلىق سەرمايىسى قىلىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، دۇنيانى چۈشىنىش ئەقەللىي بىر : ئىش بولۇپلا قالماي، بىز دۇنيانى قانچىكى چۈشەنسەك، ئۆزىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزمۇ توغرىلىققا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. مەن سىلەرنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان جۇشقۇن تەبىئىيىتىڭلارنى قەدىرلەيمەن. بۇ جەھەتتىكى ئىشتىياقىڭلارنى قاندۇرۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئۆزۈڭلار توغرىسىدا ئازراق ئويلىنىپ كۆرۈشكە تۈرتكە بولالىساملا، ھەممىمىزنىڭ ھازىرقى ۋاقتى بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بەزىلەر مېنىڭدىن بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ، دەپ سوراشتى. مەن »ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدىكەن، دېگەن ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم« دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار بۇ جاۋابىمنى ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلىشتى. شۇنداق، قارىماققا بۇ گەپ شۇنچە ئاددىي، لېكىن بۇ گەپنىڭ تېگىدىكى ھەقىقەتنى ھەربىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن، ھىجراندىكى ئازابلىرى بىلەن، كۆز ياشلىرى بىلەن ئىزھارلاپ بولغىلى بولمايدىغان ماددىي-مەنىۋى بەدەللىرى بىلەنلا چۈشىنەلەيدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ خاتىرجەم ياشاۋاتقان بىر بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن ئۆيى ۋەيران بولغان مېيىپ پەلەستىنلىك بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟! بەزى ھەقىقەتلەر ئېيتىلىشىدىنلا ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاممىباب بولغاچقا، ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ، ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ، ئالاھىدە بىر ئىش تەسىر قىلمىغۇچە ئىنسان ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ھەقىقەت توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمايدۇ، ئۇ ئويلىنىپ بېقىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن چۈشىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزدە تۇرۇۋاتقاندا ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلمايسىز ياكى يۈزەكى ھېس قىلىسىز، ئاشۇ ئەزىز ۋەتەندىن مەلۇم مەزگىل ئايرىلغاندا، »ۋەتەن« دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بايقايسىز. مەن لوندوندا باشقىلارغا ياللىنىپ كۈن كەچۈرۈۋاتقان ئافغانىستانلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ يەردىكى رەھىمسىز ئۇرۇش ئوتى ئۇنى سەرگەردانلىق كوچىسىغا پالاپتۇ، ئۇ ئىككى ئاكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ھازىرغىچە ئالالماپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋەھىمە ئىچىدە ھېس قىلىپ، يالغۇز ئانىسىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندا ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كەتتى. »مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنىدە نېمىشقا تۇرالمايمەن؟« دەيتتى ئۇ. مەن يەنە سۇمالىلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭدىن: »لوندوننى ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟« دەپ سورىدىم. »ۋەتىنىمدىكى ئۇرۇش ۋە قەھەتچىلىك مېنى سەرسانلىق بالاسىغا سالدى، مەن لوندوندا تۇرۇپ سۇمالىنى چۈشەيمەن« دېدى ئۇ ماڭا. ۋەتەن سېغىنچى مېنى راسا ئۆرتەپ تۇرۇۋاتقاندا، بىرەر كۆچمەننى كۆرسەم پۇرسەت بولسىلا ۋەتەن توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالاتتىم، ئۇلارنىڭ ۋەتەن توغرىسىدىكى ھەسرەتلىك بايانلىرى مېنىڭ يارامغا تۇز بولۇپ سېپىلەتتى. ھېلىمۇ ياخشى، بۈگۈنكى كۈندە مۇساپىرەتتىكى چاغلىرىڭىزدا دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىن دەردلەشكۈدەك بىر قانچە ۋەتەنداشنى تاپالايسىز، ئۇلار بىلەن بولغان پاراڭ ئارقىلىق سىزنى قىيناۋاتقان سېغىنىش ئوتىنى باسالايسىز. مۇشۇنداق چاغدا شۇنداق تەسىراتقا كېلىسىزكى، قېرىندىشىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەربىر گەپ، ھەربىر شېۋە، ئۇنىڭ مىجەزى ۋە روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزىمۇ سىز سېغىنىۋاتقان سۆيۈملۈك ۋەتەننىڭ نەق بىر پارچىسى ئىدى. سىزمۇ بىلىسىز، ۋەتەن دېگىنىمىز قانداقتۇر بىر پارچە يەنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ يەنە ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق، خەلقنىڭ مىجەزى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە بىر پۈتۈن تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بىر ئەلدە ئويلىمىغان يەردىن بىر قېرىندىشىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، سىزدە بىردىنلا ئىللىق دىلكەشلىك سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر ئېغىز ئانا تىلىڭىزنى ئاڭلىسىڭىزلا زور تەسەللىگە ئېرىشىپ قالىسىز. شۇڭا، بەزىدە يەت مۇھىتتىكى تونۇش بىر چىراي، ئاددىي بىر سالام، ھەتتا بىرەر تاۋۇشنىڭ ئۆزىلا ۋەتەن بولۇپ تۇيۇلىدۇ.   ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات بىر كوچىسىدا بىز ئۇچ يۇرتداش يۇمۇرلۇق چاقچاقلىرىمىز بىلەن كېتىۋاتاتتۇق، »مېنىڭچە، كەينىمىزدىكى ئاۋۇ قىز چوقۇم ئۇيغۇر« دېدى ھەمراھىمىزنىڭ بىرى. بىز ئىختىيارسىزلا كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ قاراپ، شۇنداق سەت چاندۇردۇق. »نېمىگە ئاساسەن ئۇنداق دەيسەن؟« دەپ سورىدىم مەن. »ئۇ قىز چاقچىقىمىزدىن كۈلگەندەك قىلدى« دېدى ھەمراھىم. مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ شۇ قىزنىڭ ئۆزىدىنلا سورىماقچى بولدۇم. بىز قىز بىزگە يېتىشكۈچە ساقلاپ تۇردۇق. قىز يېقىنلاپ كەلگەندە، »سىز ئۇيغۇرمۇ؟« دەپ سورىدىم. قىز كۈلۈپ كەتتى ۋە »شۇنداق« دەپ جاۋاب بەردى. بىز شۇ ھامانلا پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئۇ بىزنىڭ چاقچىقىمىزنى ئاڭلاپ قالغانىكەن. دېمەك، بىز قىلىشقان گەپنىڭ بىر بۆلىكىلا رەستىدىكى يات ئادەملەرنى قېرىنداشلىق رىشتى بىلەن ئورىۋەتكەنىدى. قىز ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىلى ئۈچ يىل بوپتۇ، شۇ تاپتا چېنىقىش كۇلۇبىغا قاراپ ماڭغانىكەن. بىز ئارىمىزدىكى بۇنداق تارتىشىش كۈچىنى قەشقەر ياكى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بولساق ھېس قىلالمىغان بولاتتۇق، بەلكىم بۇ كەيپىياتنى گۇمانسىراش ئىچىگە غەرق قىلىۋەتكەن بولاتتۇق. ئەسلىدە بىز بىر-بىرىمىز ئۈچۈن شۇ قەدەر سۆيۈملۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇھىم ئىكەنمىز. بىزدە »يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس« دېگەن ئاتىلار سۆزى بار، قېرىنداشلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا بىر-بىرىنى كۆزىگە سىغدۇرالماسلىقى نادانلىقنىڭ ئالامىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن لوندوندىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، مەن چاقچاق قىلىپ: »سىلەر مايكول جېكسون، مادوننا، سېلىن دىئانلارنىڭ ناخشىسىنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەمسىلەر - نېمە؟« دەپ سورىدىم. ئۇلار: »ئۆزىمىزنىڭ ناخشىلىرى بەكرەك ياقىدىغان بولۇپ قالدى، سەۋەبىنى ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايمىز« دېيىشتى. ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمىز، لېكىن ۋەتەندە ئىشلىگەن تۇرمۇش فىلىملىرىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇ فىلىملەرنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، لېكىن ئۆزىگە تارتىدۇ« دېدى بىرەيلەن. »مەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى قەشقەر شېۋىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا تەكرار كۆرىمەن« دېدى يەنە بىرەيلەن.) مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاددىي ناخشا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تىلغا ئالماقچى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان كۈچ پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇپ، مۇكەممەل ھەم ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنە شۇنداق ئاددىي ئېلېمېنتلار ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. نەچچە يۈز توننا كېلىدىغان كىتمۇ ئاددىي ھۈجەيرىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟ ئارىدا بىر ۋەتەندىشىم مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قالدى، تاماقتىن كېيىن تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق. گەپ ۋەتەن تېمىسىغا كەلگەندە ئۇ جىمىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۈكۈتلۈك دەقىقىلىرىگە ھۆرمەت قىلدىم. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي بىر شېشىنى كۆتۈرۈپ كىردى. »بۇنى پۇراپ بېقىڭ« دېدى ئۇ شېشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ. مەن ئېھتىيات بىلەن پۇرىدىم، ئاچچىق توپا ھىدى دىمىغىمنى يېنىك قىچىشتۇردى. مەلۇمكى، شېشىگە قاچىلانغىنى توپا ئىكەن. »بۇ مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ توپىسى. كۈن نۇرىدا تاۋلانغان توپا، سەككىز يىل بولدى ساقلىغىلى« دېدى ساھىبخانا چۈشەندۈرۈپ. شىشىدىكى توپا مېنى ئويغا سالدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ »توزان قەسىدىسى« دېگەن شېئىرى يادىمدىن كەچتى: چەت ئەلگە چىققان بىرەيلەن بىر مۇھاجىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ، مېھمان ئۇچىسىدىكى كىيىمنى قاقماقچى بولغاندا، مۇھاجىر ساھىبخانا: »قېرىندىشىم، ئۇ چاڭدىكى توپىنى قاقمىغىن، ئۇ مەن ئۈچۈن تەۋەررۈك تۇتىيا« دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ھېسسىياتنى مۇساپىرچىلىقنىڭ مۇزدەك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملا چۈشىنەلەيدۇ. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار »ۋەتىنىم بارغۇ« دېگەن ئۈمىد بىلەن يۈرىكىنى پۈتۈن قىلىدىكەن، دەل مۇشۇ ئۈمىدنىڭ قۇدرىتى بىلەن نەچچە ئون يىللىق قارا ھىجرانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.   بەلكىم سىلەر »ۋەتەن« دېگەن زادى نېمىدۇ، دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ۋەتەن ئابستراكت مەنىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ سىز چوڭ بولغان ئۆي، مەھەللىڭىزدىكى كاداڭ قاپاق تېرەك، سىز كېچىپ ئۆتكەن كېچىك، ياۋا گىياھلار قاپلاپ كەتكەن خارابە، سارغىيىپ كەتكەن قوليازما، سىزگە ئىسرىق سېلىپ ئوت كۆچۈرۈپ قويغان مويسىپىت موماي، سىزگە ئىسىم قويۇپ بەرگەن ئاخۇنۇم، قوي-كالىلار توپ توزۇتۇپ كېتىۋاتقان يېزا يولى، دېھقاننىڭ تېرىق زاغرىسىدەك يېرىلىپ كەتكەن تاپىنى، بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملارنىڭ سىماسى ۋە ئۇلار ياراتقان ئەقىل-پاراسەت... ۋەھاكازالار. سىز يىراق بىر يەرگە كېتىپ ۋەتىنىڭىزنى سېغىنغاندا، ئالدى بىلەن ئانىڭىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ بەرگەن چۆچۈرىسى ياكى ئۆزىڭىز كۆپ ماڭغان قەدىم كوچىلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولۇشى تامامەن يوللۇق. چۈنكى، ۋەتەن كونكرېت ئۇقۇم، مۇھەببەتمۇ كونكرېت ھېسسىيات، سىزنىڭ ئۆز خەلقىڭىزگە ۋە ۋەتىنىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىز ئۆزىڭىز باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن كونكرېت ئىشلار، سىز ئۇچراتقان نۇرغۇن كونكرېت ئادەملەرنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا، سىز ياقا يۇرتتا كۆرگەن بىر پارچە سۈرەت، ھەتتا قامۇسلاردىن ئورۇن ئالغان يۇرتىڭىزنىڭ بىرەر خىل قۇشىمۇ يۈرىكىڭىزنى لەرزىگە سالىدۇ، سىز يات بىر ماكاندا يۇرتىڭىزغا دائىر كىچىككىنە ئۇچۇرنى كۆرسىڭىز پەخىرلىنىپ كېتىسىز. ئەنگلىيىدىكى ۋاقتىمدا توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوباجىن دېگەن يېرىدىن 8- ئەسىرلەردە ئۆتكەن مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ۋەتەن ھەققىدىكى ئۇقۇمۇمدا كېڭىيىش بولغانىدى. تارىخ ئىلىمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدە نەقەدەر مۇھىملىقىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخىي پاكىتلار بىلىش ئۇپۇقىمىزنىڭ سىرتىدا قالغاندا، ئېچىلىشقا تېگىشلىك ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى بولالماي قالىدۇ. ۋەتەننىڭ پاسىلى سىزنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتىڭىز، غەيرەت-شىجائىتىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىدۇ. نەزەر دائىرىسى تار، شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ۋەتەن تولىمۇ كىچىك بولىدۇ، نادانلىق ۋە نومۇسسىزلىق ئىسكەنجىسىدە قالغانلارنىڭ تاماق قاچىسى قەيەردە بولسا، شۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى دەپ قارايدۇ، ئۇلار ۋەتەننى تاماق قاچىسى ئارقىلىق چۈشىنىدۇ، ئۆز نەپسىگە بولغان تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىغان ئىنسان ۋەتەننى سۆيۈش لاياقىتىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، بىر جەمئىيەتتە بۇنداق قورساق بەندىلىرى كۆپىيىپ كەتسە، خەلقنى ئاپەت باسقىنى شۇ. ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە ۋەتەن توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن گېپىمنى ۋەتەن ھەققىدىكى تەسىراتىمدىن باشلىدىم. بىر ئادەم سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بىر مەزگىل چەت ئەلدە يۈرۈپ، ئۆز ۋەتىنى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسا، ئۇنىڭ سەپىرىنى تولۇق غەلىبىلىك بولدى دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ۋەتەن توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىشىمنىڭ سىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زۆرۈرىيىتى باردۇ؟ سىلەر ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، ھازىر ئۇچۇر ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ئاجايىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىقتىساد ۋە مائارىپ يەرشارىلىشىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچىيىۋاتىدۇ، چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تەسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، »مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى« دېگەن ئۇقۇم بىلەن بىللە »مەدەنىيەتلەر دىئالوگى«، »مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇشى« دېگەندەك شوئارلارمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر خىرىس بىلەن ئۈمىد بىللە مەۋجۇد دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەت دەل بىزنى ئوراپ تۇرماقتا. سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە ئوقۇشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم كېيىنچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشىڭىز مۇمكىن. روشەنكى، سىز تۇغۇلغان يېرىمدە مەڭگۈ تۇرىمەن دەپ ئېيتالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە »دۇنيانىڭ يەرشارىلىشىشى« دېگەن گەپ پۇرسەتنىڭمۇ يەرشارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قەيەردە خەلقىمىزگە لازىم بىلىملەر بولسا، ئىمكانقەدەر شۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇشىڭىز كېرەك، بىزنىڭمۇ دۇنيادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك؛ بىزنىڭمۇ دۇنيانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئورۇنلىرىدا قەد كۆتۈرگەن خادىملىرىمىز بولۇشى كېرەك، سىلەر مۇشۇنداق ئالىي مەقسەتلەرنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكۈپ تۇرۇپ ئوقۇشۇڭلار لازىم. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىسام، قازاقىستاننىڭ غالجات مەھەللىسىدە چوڭ بولغان، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى شۆھرەت مۇتەللىپ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقئارادا چوڭ تەسىر قوزغاپتۇ. ھە دېسىلا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەردىن چىقماسلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسابلانمايدۇ، بىر ئۆمۈر ۋەتەندە ياشاپ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەيدىغان ئىنسانلارمۇ بولىدۇ. ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىش ۋەتەننى تەرك ئەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى، چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ ۋەتەنگە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاپ تۇرۇپ قەلبىڭىزدە ۋەتەن بولمىسا، ۋەتەن ئالدىدا نانكور بولىسىز، ۋەتەندە بولالمىسىڭىزمۇ ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلسىڭىز، يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر بولالايسىز. رۇسىيە شائىرى شىدرىن: »ۋەتىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىنسانلار ئەڭ خەتەرلىكتۇر« دېگەنىكەن. سىز نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئانا تۇپراققا بولغان سەمىمىي رىشتىڭىزنى ئۈزمىسىڭىزلا، بۇ رىشتە سىزنى ئادەمىيلىكنىڭ سۈزۈك بۇلاقلىرىغا ئۈندەپ تۇرىدۇ، ئۆزىڭىزدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى سېزىپ تۇرىسىز. كلاسسىك شائىرلىرىمىز »ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر« دېگەن ئوتلۇق مىسرانى قالدۇرغان، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ۋەتەنگە تەتبىقلىساق تازا جايىغا چۈشىدۇ. ئادەتتە پەننىڭ چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، لېكىن ئالىمنىڭ ھامان ۋەتىنى بولىدۇ. قۇش ھەر قانچە ئېگىز پەرۋاز قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقى بىلەن ئۇۋىسى زېمىندا بولىدۇ. ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى يەر شارى كەڭلىكىدىن ئىزدەڭلار، لېكىن ۋەتىنىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار دەۋاتىمەن. شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنىمۇ تەربىيىلەشكە ۋە پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك قەيەردىن باشلىنىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، تۇغقانلىرىمىز، بوۋا ۋە مومىلىرىمىز، ئاندىن قالسا قۇلۇم-قوشنا، مەھەللە-كويلىرىمىز ئەڭ بىۋاسىتە ۋەتەندۇر. بىز مۇشۇ ۋەتەن ئاساسىدا ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى تەدرىجىي كېڭەيتىمىز، بېيىتىمىز ۋە ئالىيجاناب پەللىگە كۆتۈرىمىز. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئانىمىز بەرگەن سۈت ۋە نان بىلەن شەكىللىنىدۇ، چۈنكى ئانىلار ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئالەمچە مېھرىنى قوشۇپ بېرىدۇ. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئاتىمىز بەرگەن غۇرۇر بىلەن بېجىرىملىك ۋە قەتئىيلىككە ئىگە بولىدۇ. ئاتا-ئانا بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سۈپىتىدە خاراكتېرىمىزگە ئۆچمەس تامغىلارنى باسىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆزىمىز تەۋە بولغان خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ئېسىل ئەنئەنىسى، پارلاق مەدەنىيىتىنى بىلدۈرەلمىسە، بىز بالىلىقتىكى ناھايىتى مۇھىم ئوزۇقتىن مەھرۇم قالغان بولىمىز. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۇستازى، ئانا تىلىمىزدىكى چوڭقۇر مەنالىق، ھېسسىياتقا باي سۆزلەرنى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئانا تىل شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىككى، ئۇنى بىزگە مېھرىبان ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز مۇھەببەت بىلەن ئۆگەتكەن، تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش، ھەربىر ئاھاڭ بىزگە ئازادىلىك ۋە مۇھەببەت ئەۋجىدىكى شېرىنلىك ئىچىدە سىڭگەن بولىدۇ. بىز ئاتا-ئانىلىرىمىز ئارقىلىق سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئۆگىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى، ئىنكاسى، خۇشاللىق ۋە قايغۇسى بىلەن تەبىئىي ئۆزلىشىپ كەتكەن ھايات بىلىملىرىنى ئۆگىنىمىز، بۇ بىلىملەر بىزنىڭ كېيىنكى سىستېمىلىق پەننىي بىلىملىرىمىزنىڭ خۇرۇچلىرىغا ئايلىنىدۇ.! بىز ئۆسكەن مەھەللە بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ يەنە بىر ئۇستازى، بىزنىڭ بالىلىقىمىز مەھەللىمىزدىكى تەبىئىي مەنزىرە، مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، بىزنىڭ تىلىمىز مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ ئىخچام مەدەنىيەت مۇزېيى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىيدۇ، غەمسىز بالىلىق بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن مەھەللە بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىمىزگە ئايلىنىپ، خۇشاللىق ۋە لەززەت ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر روھىي ئوزۇق ئالىمىز، بىر ئۆمۈر ئىلھاملىنىمىز. بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى سۆز بايلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى شۇ خەلق ياشىغان ماكاننىڭ ئېكولوگىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىزدە بىر بالا تۇغۇلسا »ئوغۇلمۇ، قىزمۇ؟« دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا »بۆرىمۇ، تۈلكىمۇ؟« دەپ سورايدىغان ئەھۋاللار بار. ئەگەر بۆرە بىلەن تۈلكە خەلقىمىز ياشاپ كەلگەن بۇ مۇقەددەس زېمىندا مەۋجۇد بولمىسا، بىزدە بۆرە بىلەن تۈلكىنىڭ ھاياتى ۋە خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ئىنچىكە كۆزىتىش بولمىسا، ئۇلار ھەققىدە ھەقىقىي تونۇشمۇ بولمايتتى، جۈملىدىن يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەشمۇ بولمايتتى. تىل دېگەن ھاياتلىقتىكى كونكرېت ماكان-زاماننىڭ مەنىۋىلىشىشى سۈپىتىدە بىر مىللەتنىڭ ھايات شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ خۇلقىنى ئۇنىڭ تىلىدىن روشەن كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بالىلىقتا قوبۇل قىلغان تىل بىلەن تەپەككۇر بىزنىڭ كېيىنكى ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ گېنىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاتاقلىق مائارىپشۇناس م. مونتىسسارى: »كىشىلەر ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلىيەلەيدىغان بىردىنبىر تىل - دەل بوۋاق مەزگىلىدە ئۆگەنگەن ئاشۇ تىلدۇر« دېگەنىدى. بىز باشقا تىللارنى ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆگىنىمىز ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش مۇساپىمىزنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن باسىمىز.- ساۋاقداشلار، سىلەر ئۈرۈمچىدە چوڭ بولدۇڭلار، ئۈرۈمچى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما مەدەنىيەتلىك شەھەر، سىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئەۋزەل ئائىلە ۋە مەكتەپ شارائىتىدا يېتىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، سىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىدۇ: ئۆيۈڭلاردا كىچىكرەك بولسىمۇ ئائىلە كۇتۇپخانىسى بارمۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تارىختىكى ھەم ھازىرقى ئالىم-ئەدىبلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرامدۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئائىلەڭلارنىڭ نەسەبنامىسىنى سۆزلەپ بېرەلەمدۇ-يوق؟ ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانمىسا، سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى سىز ئاتا-ئانىڭىزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سوراڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزدىن ئۆزلىرىنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدىغان بولسۇن. كلاسسىك كىتابلار سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ئاۋازى، سىز بۇ كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ئەجدادلار بىلەن ئۆزىڭىزنى تۇتاشتۇرالايسىز، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۈشىنىدىغان بولىسىز، ئۆزىڭىزنى توغرا تارىخىي ئاڭغا ئىگە قىلالايسىز، ئەقىل بۇلىقىڭىز تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، ئىجادىيەت ھەۋىسىڭىز ئۇرغۇيدۇ. سىز ئىراننىڭ 10-، 11- ئەسىرلەردە ئۆتكەن داڭلىق شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ تۈرك نەسىللىك سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خوراسانغا ھۆكۈمدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پارسلارنىڭ ئەپسانە دەۋرىدىن ئىسلاملىشىش دەۋرىگىچە بولغان تارىخىنى پارس تىلىدا يېزىپ چىقىپ، »شاھنامە« دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى تەقدىم قىلىدۇ. شائىر ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق يازىدۇ: ئوتتۇز يىل مېھنەت ھەم زەخمەتتە قالدىم، پارسچىدا ئىراننى قۇتقۇزۇپ ئالدىم. فىردەۋسى شۇنى بىلىدۇكى، چېچىلاڭغۇ تارىخ راۋان، ساپ تىل بىلەن رەتلىنىپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغاندا، ئۇ ئەۋلادلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشىدىكى ۋە قەدىر-قىممەتنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىنى تېپىشىدىكى يول خەرىتىسىگە ئايلىنىدۇ.2 G6 o% R2 i& r1 P' g ساۋاقداشلار، ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولسىمۇ، خەلقىمىزگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان دېھقانلار ئاممىسىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىسىڭىز ۋەتىنىڭىزنى ھەرگىز تولۇق چۈشىنەلمەيسىز. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز يېزىلاردا، سىز يېزىلارغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ يېزىلىرىمىزنىڭ جاپالىق، لېكىن سېخىي قىياپىتىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر تېخىچە ئۇنداق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە تەكلىپ بېرىمەنكى، تەتىلدىكى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ جەنۇب ۋە شىمالدىكى يېزىلارغا بېرىڭ، شۇ چاغدا ۋەتىنىڭىزنىڭ بىپايان قۇچىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز، خەلقىڭىزنىڭ روھىدىكى بايلىقلارنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز لىققىدە بولىدۇ. تەكلىماكان ۋادىسىدىكى ھەر بىر يۇرت، ھەر بىر شەھەر ئۆزگىچە خىسلەتلەر بىلەن سىزنى رام قىلىۋالىدۇ، سىزگە ھەر قانداق كىتابتا دېيىلمىگەن ھايات مۆجىزىلىرىنى نامايان قىلىدۇ، سىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۈرۈمچىنىڭ ئېگىز بىنالىرىدىن تورلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىڭىز كەڭ دالىلارنىڭ باغرىدا ئەركىن قىيغىتىدۇ. سىز ئانا دىيارىڭىزدىكى تاغ-دەريالارنى، ئۇنىڭدىكى بايلىقلارنى، خەلقىڭىزنىڭ ياشاش شەكلىنى تۈزۈك چۈشەنمەيلا يىراق ئەللەرگە كېتىپ قالسىڭىز، كېيىنچە پۇرسەت يارىتىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. چۈنكى، سىز چوڭ بولغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىسىز. شۇنداق بىر ئاددىي پرىنسىپ بار، بىلىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن: ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنى سۆيەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سۆيمىگەنلەر باشقىلارنى تېخىمۇ سۆيمەيدۇ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ۋەتىنىنىمۇ قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ. بۇنداقلار ئۆزىنىڭ قەدرىنى مەڭگۈ باشقىلارغا بىلدۈرەلمەيدۇ. مەن سىزگە بىر ئاددىي ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك تەرەپ ھەققىدىكى بىر مىسالنى دەپ بېرەي، بۇنى بىر ۋەتەندىشىم ماڭا دەپ بەرگەنىدى: »ئىستانبۇلنىڭ بىر قاتناش بېكىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتىم، - دەپ بايان قىلىشقا باشلىدى ئۇ ۋەتەندىشى، - بىر ئايالنىڭ قويۇق خوتەن شېۋىسىدىكى گېپى مېنى ئەندىكتۈرۈۋەتتى، ئۇ ئايال مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنى ھەرگىز بىلمەيدۇ، مەنمۇ ئۇ ئايالنى تونۇمايمەن، ئۇ مېنى بىر تۈرك دەپ يول سورىغانىدى، مەن ئۇ ئايالدىن ھەم ھەيران قالدىم، ھەم سۆيۈندۈم. ئۇ ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا ئۇيغۇرچە سۆزلىدى. ئەگەر ئاقسۇدا ياكى غۇلجىدا بولغان بولسا ھەيران بولمايتتىم. ئۇ ئۇيغۇرنى ئالايىتەن ئىزدىمىسە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان يات بىر شەھەردە خوتەن پۇراپ تۇرىدىغان تەلەپپۇزدا مەندىن يول سورىدى. قارىسام ئۇ ئايالدا نە تەڭقىسلىق، نە خىجىللىقنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەكسىچە ناھايىتى تەبىئىي تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىپ يولنى چۈشەندۈردۈم. ئۆزۈم شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم.« مانا بۇ بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى ساپ دىللىق. ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئايال ئىستانبۇللۇق بىر تۈرككە ئۇچراپ قالغان بولسىمۇ غەرىزىنى ئۇقتۇرالىغان بولاتتى. بىر سودىگەر ئۇيغۇرچە سۆزلەپ يۈرۈپ ئالمۇتا، بېشكەك، تاشكەنت، ئاشخاباد، باكۇ، ئىستانبۇللاردا نان تېپىپ يېيەلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئەگەر سىز ئانا تىلىڭىزغا پىششىق بولۇپ، خەنزۇ تىلىغىمۇ ماھىر بولسىڭىز، كېيىن ئىنگلىز تىلى قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگەنسىڭىز، سىز ياشىيالايدىغان مۇھىت ھەسسىلەپ كېڭەيگەن بولىدۇ. سىز كۆپ تىللىشىش دەۋرىدە ياشاۋاتىسىز، ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت مۇناسىۋىتىنى قانداق يارىتىسىز؟ بۇ سىلەردەك ئەۋلادنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوڭ مەسىلە. تىل - بىلىملەر خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى، ئادەم بىلەن ئاچقۇچنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئادەم بەلگىلىگۈچى ئامىل، ئاچقۇچنى نېمىگە ئىشلىتىسىز؟ بۇ غايە مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ) ساۋاقداشلار، سىز ئانا يۇرتىڭىزدىن ئايرىلغان ھامان ۋەتەن ۋە تىل مەسىلىسى شۇ ھامان ئايدىڭلىشىدۇ. بۇلارنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مەن بۈگۈن بۇلار ھەققىدە توختالدىم. يول ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ، دېگەن گەپ بار. سىلەر زېرەك ھەم چېچەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاستا-ئاستا بىلىۋالىسىلەر. ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇق، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت تىلەيمەن. زەپەر سىلەرگە يار بولسۇن! كۆپچىلىككە رەھمەت

مەنبە:بورۇن توردىن ساقلىۋالغان

80halta 2010-09-30 21:01
تولۇق ئاڭلىۋەتتىم. ھەم ساقلىۋالدىم. ئېسىل نۇتۇق بوپتۇ. بۇ نۇتۇقنىڭ داۋامى باردەكلا تۇرىدىيا؟ داۋامىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز!!!

tutem 2010-09-30 21:17
شىنجاڭ ياشلېرى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان سۆھبەتكەن.ئەمما رىياسەتچىنىڭ ئالدىدىكى دىگەن بىر پاتمان گەپلېرىدىن ئەدەبىي تىلغا نامراتلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.لېكىن بۇ سۆھبەت ھەقىقەتەن ئىسىل چىققان.

zakira 2010-09-30 21:32
   مەنمۇ تولۇق ئاڭلىدىم . نەچچە يىل بۇرۇن ئابرۇقادىر  جالالىدىن  بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ لىكسىيە سۆزلىگەن  ئىدى ...

نازى 2010-09-30 22:22
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت يالغۇز ئەپەندى.

uqmas 2010-10-01 01:13
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ، رەھمەت سىزگە.  مەن يىقىندىن  بۇيان ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  < مېھرىگىيا > ناملىق رومانىنى  ئوقۇۋاتىمەن. بەك ياخشى يېزىپتۇ. پۇرسەت بولسا  سىلەرمۇ ئوقۇپ بېقىڭلار .

tarim-oghli 2010-10-01 02:55
نەقىل
بۇ 6قەۋەتتىكىuqmas يوللىغان 2010-10-01 01:13 غا قارتىلغان  :
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ، رەھمەت سىزگە.  مەن يىقىندىن  بۇيان ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  < مېھرىگىيا > ناملىق رومانىنى  ئوقۇۋاتىمەن. بەك ياخشى يېزىپتۇ. پۇرسەت بولسا  سىلەرمۇ ئوقۇپ بېقىڭلار .

< مېھرىگىياھ > رومانى جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانىغۇ دەيمەن. ناۋادا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭمۇ < مېھرىگىياھ > رومانى ئېلان قىلىنغان بولسا مەن ئۇنى ئوقۇماي قالدىممۇ نىمە؟
ئابدۇقادىر جالالىدىنىڭ بۇ جەمىيەت ۋە ئائىلە توغرىسىدىكى نۇتىقىنى ئاڭلاپ بەكلا خوش بولدۇم.  شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەدىنىيەت بوستانى، كۆڭۈلدىكى سۆز پىرۇگىراممىسىدا كۆرۈپ تۇرىدىغان بۇ ئۇستازنىڭ < ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا > ناملىق كىتاۋىنى شۇنداق قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنغا  بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى. بۈگۈن مۇنبەردە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۇم تېخىمۇ يايراپ كەتتى. مۇمكىن بولسا يالغۇز قېرىندىشىمىزنىڭ داۋامىنى تېزرەك يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئۇستاز ئابدۇقادىر جالادىنغا تېخىمۇ سالاماتلىك، مول ئىجادىيەتلەرنى تىلەيمەن!...

uyghurzade 2010-10-01 13:11
ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدىغان پىكىر ئىگسى. ياشاۋاتقان مۇھىتى، ئۆسۈپ چوڭ بولغان شارائىتى قاتارلىق نۇقتىلارنى ھېسابقا ئالغاندا، ناھايىتى قالتس بىر ئادەم: پۈچەكلىك قورشاۋىدا، يۇقىرى ھارارەتلىك بىر مۇھىتتا  تۇرۇپ شۇنچىلىك پىكىر قىلماق، شۇنچىلىك ياشىماق ئاسان ئەمەس؛ خاسلقىنى، ئەقىدىسىنى  شۇنچىلىك ساقىلىماق ئاسان  ئەمەس. ئۇ بىز ئۈچۈن ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تولدۇرغان بىر ياخشى زىيالى. زىيالىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغان يېرى جىق.

بەزىلەرنىڭ كۆزى سۆزلەيدۇ.ئەمما، ئابدۇقادىر مالىمنىڭ ئاۋازىدىكى مۇڭ سۆزلەيدۇ. نۇتۇقىنىڭ بېشىنى ئاڭلاپ بۇ ئىنكاسنى يازدىم.كېيىنكى ئىنكاسىمدا، تېما ھەققىدە توختلىپ، "ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈن ..." دېگەن مەزمۇندا ئىنكاس يازىمەن.يولىدا داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىشساق بولىدۇ.
ئابدۇقادىر مالىم ئامان بولسۇن!

uyghurzade 2010-10-01 15:52
ئابدۇقادىر  جالالىدىن بىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بىرىنچى، غابدۇللا توقاي تاتارلار ئۈچۈن، خۇرشىد دەۋران ئۆزبەكلەر ئۈچۈن،ئىمران سالھى پارسلار ئۈچۈن،مەھمۇت دەرۋىش پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن، ئادنان ئوكنان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بەرسە، ھازىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈنمۇ شۇنڭدىن دېرەك بېرىدۇ. قالغان گەپنى قىسقارتاي.

ئىككىنچى، گەندىنىڭ شۇنداق بىر قالتىس گېپى بار: "ئۆز خەلقىم ماڭا تاش ئاتقان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر". داغستان مەشھۇر شائىرى رەسول ھەمزوتوف مۇنداق دەيدۇ: "مىللتىم دەيسەن، ئاخىرى مىللىتىڭ ئاتقان ئوقتا ئۆلىسەن".ئابۇقادىر داموللا، ئۇيغۇرى، مۇتەللىپ ۋە تەۋپىقلەرنىڭ ئۆلىمىدە رەسول ھەمزەتوف دەۋاتقان ھېكمەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەھكۇملۇق ئاسارىتى چىرمىغان قەۋمنىڭ جىگەرلىك زىيالسى خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىرادە قىلغان كۈنىدىن باشلاپ بەختسىزدۇر، ھەسرىتى مەڭگۈلۈكتۇر.چۈنكى، ئاسارەتلەر قالدۇررۇپ كەتكەن جاراھەتلەرگە، زىندان كاللىلارغا قارىشى كۈرەش قىلىش ئاۋۋال شۇ توپتىكى نادان مۇخلىسلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا، يەكىلشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق زىيالى يولىدىن قايتىشى ، جاھانسازلىق يولىغا كىرىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئۇ تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولىدۇ. مېنىڭ مەيدانىم شۇكى، گەرچە بىلگەنسىرى ئادەمنىڭ ھەسرىتى ئاشسىمۇ، دۇنيانىڭ راھىتىنى ئويلانمىغۇچىلار سۈرسىمۇ، زىيالى ئۆز ئەقىدىسىدىن يانماسلىقى كېرەك. نۇرغۇن پىكرىچى مۇتەپپەككۇرلار بەختسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ،ئۇلار ئىنسانيەت ئەقلى پاراسىتىنىڭ سىمۋولىدۇر.شۇنڭغا ئوخشاش چامسى يېتىدىغان دائىرىدە، چەكلىك ئىمكەنىيەت ئىچىدە  بۇنچە قاتتىق پىكىر قلىۋاتقان ئا.جالادىندەك ئادەم بىز ئۈچۈن بىباھادۇر.

ئۈچىنچى، بىر شائىر، بىر تەتقىقاتچى، بىر مۇتەپپەككۇر، بىر ناتىق، بىر يازغۇچى، بىر ئىجتىمائىي تەنقىدچى، بىر قەھرىمان....مانا ئا.جالالدىن مانا شۇنداق يەتتە ئادەمدە بولىدىغان كۆپ قىرلىق ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بىر تالانت ئىگىسىدۇر. دېمەكچى، يۇقىرىقىلارىنىڭ بىرى بولۇپ ئۆتۈپ كەتمەك بەكمۇ ئاسان، ئەمما ھەممە ۋەزىپنى ئارتقۇزۇپ ياشىماق بەك تەس. ئەپسۇس، بىزدە بۇنداق ئادەم بەكمۇ ئاز. ياخشى شائىرلىمىز بار، ئەمما بوينىنى ئىچىىگە تقىپ، ئېستىتكېىلىق ياتلىشىش ئىچىگە غەرق بولۇپ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئۇنتۇغان. شۇنداق تەتقققاتچىلار بار، نوپۇزغا، مادىيلىققا باش ئەگكەن. شۇنداق ئىجتىمائىي تەنقىدچىلەر بار، ئۆزى تەنقىدلىگەن نەرسىگە ئەمەل قىلمايدىغان. ئەمدى، ئا.جالالدىنىچۇ؟ئۇ مەن بايا دېگەنلەرنىڭ ھەممسى.شۇڭا ئۇ بىزنىڭ بايلقىمىز. بىزدە زوردۇنشۇناس، ئا.جالالىدىنىشۇناشلار بولۇشى كېرەك. ئاۋۇ بىر تورداشنىڭ ئا.جالالدىننى جالالدىن بەھرام بىلەن پەرقلەندۈرەلمەسلىكى كىچىك ئىش ئەمەس.بىز ئويلىنايلى.

تۆتىنچى، بەزى مۇنبەرلەردە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا بۇرۇن تەسرىگە ئۇچرىغانلار ئا.جالالدىنغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا خىرس قىلىدىغان، تېخى ھازىرقى مەشھۇر شائىرلار قاتارىغا ئا.جالالىدننى تىزمايدىغان بىر يۈزلىنىش بار.  رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغان، كۇسۇك ئىتتەك قۇيرۇقىنى قىسىپ ، بەخۇدەك ياشاۋاتقان ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەسئۇليەتسىز شائىرلارنىڭ ئا.جالالدىنغا دىماغ قېقىشىغا تېخى ھايىلى بار. بۇنداقلارغا  شەيتىنى ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىۋاتىدۇ.  شۇنداق نۇقتا ئېسىمزدە تۇرۇشى كېرەككى، يېڭى شېئىريەت ھەرىكىتىنى باشلاپ بەرگەنلەر ئىچىدە ئا جالالىدىنلا شۇ ۋاقتىىكى ئوتتىن يانمىغان، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىگە خاسلىقىنى يەم قىلىپ بەرمىگەن ھەم ئىجـىمائىي بۇرچىنى قەتىي ئۇنتۇمىغان بىردىنىبر ئەدبتۇر. مەسىلەن، غالب راخمان، ئەركىن ئىبراھىملارمۇ ئاشۇ يېڭى شېئىريەت ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئىدى.ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرى بازارنىڭ ئېرقتۇرۇشى بىلەن بۇرۇنقى تالانتىنى يەپ بولدى،يەنە بىرى نېمە بولدىكىىن، جىمىپ كەتتى(دېمەك مەغلۇپ بولدى)،يەنە بەزىلەر قالتس تالانت ئىگسى بولسىمۇ خەلقنى تەرك ئېتىپ، بۇرچىنى ئۇنتۇپ ياشىدى.بۇنداق ياشىماق، سانئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ياشىماق ئاسان ئىدى. لېكىن، ئا.جالادىندەك ياشىماق تەس ئىدى.شۇڭا ئېيتىمەنكى، بىزنىڭ ئا.جالالدىننىڭ ۋۇجۇدۇدىن ئۆگىندىغان يېرىمىز بەك جىق. بىرەر شېئرىمىز، بىرەر تېمىمىز ياكى ئىنكاسىمىز  بەك ياراپ كېتىپ شەيتان ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە چوڭ كۆرسەتكەندە، سەل ھاياجنىمىنزنى بېسىۋالايلى. بەزى ئەقدىسىز، ھەقنى تونۇمىغان شائىرلارنڭ يۈز ياخشى شېئرىنى ئا،جالالدىننىڭ بىر قېتىملىق نۇتقىغا تەڭ قىلمايمەن. مەن شېئرىغا بولغان ھۆرمىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم شېئرىنىڭ چەكلىمىكىنى ھېس قىلىپ بۇ يولدىن چېكىنگەن بىرسى.شۇڭا، يەنە دەيمەن، بىرەر شائىرىنىڭ، مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنىڭ، مەلۇم بىر تەنقىدچىنىڭ ۋە توردا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بىرەر تورداشنىڭ ئا.جالالىدنىغا دىماغ قاقىدىغانغا تېخى ۋاقتى بار.

ئىجتىمائىي بۇرچ-شېئىر يېزىشتىنمۇ، تەتتقققات بەنتچىلكىدنىمۇ مۇھىم.شۇڭا، بىز ئۈچۈن ئا. جالالىدىن ھەر ۋاقت سۆيۈملۈكتۇر.ئەمما، ئەپسۇسلىندىغىنىم. ئا.جالالدىن يەنە بۇنىڭدىن تېخمۇ ئۇزاققا ئۇزىيالايتتى.

ئابدۇقادىر مالىمغا20-ئەسردە ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر دانانىڭ مۇنۇ سۆزىنى سۇنىمەن: بۇنداق مىللەتنىڭ ئىللەت-نۇقسانلىرى كۆپ بولىدۇ.لېكىن بۇ ئىللەت-نۇقسانلار بۇ مىللەتنى سۆيۈشىمىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ.


ھازىرچە دەمال ئويلىغانلرىمنى مۇشۇنچىلىك يازاي. كېيىن يەنە يازىمەن.

uyghurzade 2010-10-02 13:56
ئابدۇقادىر جالالىدىن "ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىم"دېگەن بىر كىتابنى يېزىۋاتقان ، قانداق بولۇپ كەتتى؟ چىقىپ بولدىمۇ يا مەن كۆرمەي قالدىممۇ؟

جىق-جىق يازسا بولاتتى.

kixmixkiz 2010-10-02 19:11
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىuyghurzade يوللىغان 2010-10-01 15:52 غا قارتىلغان  :
ئابدۇقادىر  جالالىدىن بىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

بىرىنچى، غابدۇللا توقاي تاتارلار ئۈچۈن، خۇرشىد دەۋران ئۆزبەكلەر ئۈچۈن،ئىمران سالھى پارسلار ئۈچۈن،مەھمۇت دەرۋىش پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن، ئادنان ئوكنان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بەرسە، ھازىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بىز ئۈچۈنمۇ شۇنڭدىن دېرەك بېرىدۇ. قالغان گەپنى قىسقارتاي.

ئىككىنچى، گەندىنىڭ شۇنداق بىر قالتىس گېپى بار: "ئۆز خەلقىم ماڭا تاش ئاتقان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر". داغستان مەشھۇر شائىرى رەسول ھەمزوتوف مۇنداق دەيدۇ: "مىللتىم دەيسەن، ئاخىرى مىللىتىڭ ئاتقان ئوقتا ئۆلىسەن".ئابۇقادىر داموللا، ئۇيغۇرى، مۇتەللىپ ۋە تەۋپىقلەرنىڭ ئۆلىمىدە رەسول ھەمزەتوف دەۋاتقان ھېكمەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەھكۇملۇق ئاسارىتى چىرمىغان قەۋمنىڭ جىگەرلىك زىيالسى خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىرادە قىلغان كۈنىدىن باشلاپ بەختسىزدۇر، ھەسرىتى مەڭگۈلۈكتۇر.چۈنكى، ئاسارەتلەر قالدۇررۇپ كەتكەن جاراھەتلەرگە، زىندان كاللىلارغا قارىشى كۈرەش قىلىش ئاۋۋال شۇ توپتىكى نادان مۇخلىسلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا، يەكىلشىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق زىيالى يولىدىن قايتىشى ، جاھانسازلىق يولىغا كىرىۋېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئۇ تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولىدۇ. مېنىڭ مەيدانىم شۇكى، گەرچە بىلگەنسىرى ئادەمنىڭ ھەسرىتى ئاشسىمۇ، دۇنيانىڭ راھىتىنى ئويلانمىغۇچىلار سۈرسىمۇ، زىيالى ئۆز ئەقىدىسىدىن يانماسلىقى كېرەك. نۇرغۇن پىكرىچى مۇتەپپەككۇرلار بەختسىزلىك ۋە ھەسرەت ئىچىدە ياشىغان بولسىمۇ،ئۇلار ئىنسانيەت ئەقلى پاراسىتىنىڭ سىمۋولىدۇر.شۇنڭغا ئوخشاش چامسى يېتىدىغان دائىرىدە، چەكلىك ئىمكەنىيەت ئىچىدە  بۇنچە قاتتىق پىكىر قلىۋاتقان ئا.جالادىندەك ئادەم بىز ئۈچۈن بىباھادۇر.
.......


ماۋۇ ئۇيغۇرزادە دىگەن بالىنىڭ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يازغان <سىلىق چۇماق> ئىنكاسلىرىغا قاراپ،بەك سوغۇق مىجەز بالىمۇ نىمە دەپ چۈشىنەلمەي يۈرەتتىم.بۈگۈن ئابدۇقادىر مۇئەللىم توغرۇلۇق ئەستايىدىل يىزىلغان شۇنچىلىك ئىلمى،ئەمەلى ھەم تىرەن پىكىرلىك ئىنكاسىغا قاراپ بىردىنلا ئۇنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،شۇنداقلا ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم ھەم ھۆرمىتىم ئاشتى.
بىر تەكلىپ ئۇيغۇرزادە ئەپەندى،باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە پىكىر بەرگەندە ئامال بار پوزىتسىيەدە يەنىمۇ ئىلمى بولۇپ ئىپادىلەش ئۇسولىغا دىققەت قىلسىڭىز!!!
ئەمىليەتتە دىگىنىڭىز توغرا: <تەنقىتتىمۇ ئوتتەك مىھىر بار> .ئەمما بۇ دىگىنىڭىز، چۈشىنەلىگەنلەر ھەم ھىس قىلالايدىغانلار ئۈچۈن شۇنداق.مۇنبەرگە ئىجادى ئەسەرلەرنى سۇنۇۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى يېڭىدىن يىتىلىۋاتقان ياش نوتىلار ياكى ھەۋەسكارلار ،ھەرگىزمۇ پىشقان كەسپى يازغۇچىلار ئەمەس.بەلكى مۇنبەر ،ئۇلار ئۈچۈن بىر مەشىق مەيدانى.
دىمەكچىمەنكى، ياش مايسىلارشەمشەردەك ئۆتكۈر تەنقىتلەر ئالدىدا تۈگۈلۈپ قېلىپ بۇسۇغىدىن چىقمايلا تۇنجۇقۇپ قالمىسا !!!

kixmixkiz 2010-10-02 19:48
ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەسى بارلىقىنى ئاڭلاپ قالساملا ،ھەر قانچە زۆرۆر ئىشىم بولسىمۇ، بىر ئامال قىىلىپ ئاڭلايتتىم.مۇئەللىمنىڭ ھەربىر قېتىلىق نۇتىقى بىزلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز ئەھمىيەتلىك دەرس.بۈگۈنمۇ شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدىم.قانداق ۋەزنىلىك ئاۋاز،قانداق چوڭقۇر پىكىرلەر ھە ئالىمدىكى.....!!!!!!!

مېنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ،نەدىكى [ئاياللارنىڭ بۇرت قۇيۇشى،ئەرلەرنىڭ قۇرساق كۈتۈرۈشى] دىگەندەك تېمىلارغا يەتتە،سەككىز بەت ئىنكاس.مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور ئىسىل تېمىغا ئىككى بەتمۇ ئىنكاس چۈشمەي ئارقا بەتكە ئۈتۈپ كىتەي دەپ قالغانلىقى.........
مۇنبەردە گۆھەرنىڭ قىممىتىنى تۇنۇيدىغانلار بەكلا ئازمۇ ياكى قۇرۇق گەپ سېتىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلار بەكلا كۆپمۇ؟؟؟؟

uyghurzade 2010-10-03 03:08
       ھەمشىرىمىز كىشمىش قىزنىڭ پىكىر قاتناشتۇرغىنىغا ۋە ماڭا بەزى پىكىرلەرنى بەرگىنىگە ھەشقاللا.
       مەن-- نەپسىنى ۋە ھېسسىياتىنى قوي بوغۇزلىغاندەك  ئۆلتۈرۈپ ياشاشنى باشلىغان، شۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ مەۋجۇدلۇقنىڭ ، ھاياتنىڭ يەنە بىر چىن، ئاچچىق  تەرىپىنى قاتتىق چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتقان ، نەتىجىدە كۈلەلمەس بولۇپ قالغان بىرسى.بۇرۇن سىز دېگەندەك قىزغىن، ھەممە ئادەمگە ياخشى تەسىر بېرەلەيدىغان، رومانتىك بالا ئىدىم. ئەمدىلىكتەتونۇشقا تېگىشلىك ھەقىقەتلەرنى تونۇماي ياكى يۈزەكى تونۇپ  مۇشۇ ياشقا كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلغىنىمدا(بولمىسا مەن بۇ چاغقىچە قۇرداشلىرىم ھەۋەس قىلغۇدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ بولغان)،ھېسسيىلىق ئىچىدە ئۆتكەن بۇرۇنقى ئۆمرۈمگەئېچىندىم  ھەم شۇ قاتاردا توردىكى نۇرغۇن ئازغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدىكى بىنورماللىققا ، ئارىمىزدا كۆلەملشىشىكە،ئومۇملىشىشقا ئۈلگۈرگەن پۈچەكلىككە، شاكاللىققا ئىچىم پۇشتى ؛ ئازراق گەپ قىلىش لازىملىقىنى توغرا تاپتىم(ئەلۋەتتە بۇنى ھېس قىلغان قېرىندشلىرىمىز نۇرغۇن، بەزىلەرنىڭ تونۇشىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرمىغانلا يېرى بار). ئەگەر مەن بۇنداق خاتا يۈزلىنشىكە گەپ  قىلمىسام، ئۆزۈم چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان قىرىنداشلىرىمغا ۋە ئۆز ئەقىدەمگە يۈز كېلەلمەيتتىم.  ئاغزىدىكى شوئارنى مۇھەببەت ۋە ئەقىدە دەپ چۈشىنىش باسقۇچىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر ئادەم بولغىنىم ئۈچۈن، قەۋمىمگە بولغان ئەقىدەمنى ۋە مۇھەببىتمنى ئەمەلىي تىرشچانلىق بىلەن ئىپادىلىسەم دەيمەن.  ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ ئارىدا بەزى ئاچچىق گەپلەرنىڭ چىقىشى، يېڭى كىرگەنلەرگە ھاكاۋۇردەك تەسىر بېرىشىم تەبئىي.  ئەمما،شۇنىسى ئايانكى، ئىشىنىڭ ۋە ئىشەنمەڭ، سىز، مەن  ۋە ئۇ....  ئاغزىدىكى شوئارنى خەلقچىللىق ۋە مىللەتپەرۋەرلىك دەپ چۈشنىۋالغانلارمىز. شۇڭا بىز تەنقىدلىنىشمىز كېرەك.
          ئەمىسە نېمشىقا بىراۋلارنى ئالدىراپ ماختمايمەن(ئابدۇقادىر ئاكىدەك، ئادىل تۇنيازدەك ھالال ياشاۋاتقانلار بولسا مانا مۇشۇ مۇنبەردىكىدەك مۇئەييەنلەشتۈرىمەن ھەم تېخى ئۆزۈمنى ئۇلارغا قەرزدار ھېسابلايمەن)، مېنىڭ رومانتىكىلىققا بېرىلگۈم يوقمۇ؟ مېنىڭ كىمدۇر بىراۋلارنى ماختاپ مۇناسىۋەت تورى ئورناتقۇم ۋە "ياخشى ئادەم" دېگەن ئاتاققا ئېرىشكۈم يوقمۇ؟ مەن ئەمدى ئۇنداق قىلالمايمەن. چۈنكى، ئۆزىمىزنى قاتتىق ئۆزگەرتمىسەك، قاتتىق ئوپېراتسىيە قىلمىساق بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالدى. ھېلىمۇ يالغان گەپنى، شېرىن گەپنى، شوئارنى جىق ئاڭلاپ كەتتۇق. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىۋېرىپ ئۆزىمىزگە زىيانكەشلىك قىلدۇق. كېسەللىرىمىز ، ئادەمنىڭ ئىچى ئېلشقۇدەك چىركىنلىكلىرىمىز يەتكۈچە ئېشىپ تۇرغان، ئەقىدىسى مۈجىمەل ئادەملەرمىز. بۇنداق ئادەملەرگە تەنقىد بولۇشى ۋە تېخمۇ كەسكىن بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىنى كەچكىچە مەدھىيە ئاڭلاپ خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ ھېس قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
       مېنىڭ ئەلكۈيىدە پەيدا بولۇشۇم شاكاللىق ۋە پۈچەكلىك بىلەن كۈرەش قىلىش يولىدىكى ئەنە شۇ ئىرادەمنىڭ تۇنجى قەدىمى ۋە ئەلكۈيى مۇنبىرىدە ئەمدى بولىدىغان بەزى ئىجابىي يۈزلىنشىلەرنىڭ شەپىسى. يېقىندا  مەن  تەنقىدلىگەن بەزىلەر مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدى. ئەمەلىيەت پات ئارىدا ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئۆزلىرىگە ھېس قىلدۇرىدۇ.مەن ئەمەلىي دەلىللەر بىلەن، ئىلمىي تەنقىد بىلەن ئۇلارغا ۋە باشقا بەزىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ تۇيۇق يولدا ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن دۇنيا قارشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىمەن ھەم كىشمىش قىز دېگەندەك تەنقىدنى تېخمىمۇ ئىلمىي ۋە سىلىق قىلشقا تىرىشىمەن. تەنقىدي ئاڭغا ئىگە قېرىنداشلىرىمنى مۇنبەرگە كىرىشكە تەكىلىپ قىلىمەن.
        بۇ تىرىشچانلىقىمنىڭ مىۋىسىنى پات ئارىدا مۇنبەرگە يوللايدىغان تۆۋەندىكى تېمىلاردىن كۆرسىىلەر:
1. تور يازغۇچىلىرى  نېشمىقا ياخىشراق يازمايدۇ: يانغىن،ھېسلىرىم ۋە بەرگىيەنىڭ ئەسەرلىرىگە تەنقىد(ئاۋۋال "بەرگىيە، ياخشىراق يېزىڭ" دېگەن تېمىنى ئۆكەبىرلىك ئارامنىڭ 7-كۈنلىرى ئەتراپىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن. ئەنسىرىمەڭلار، ئاۋۋال مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئاندىن پاكىتى بىلەن بولمىغان يېرىنى دەپ بېرىمەن).
2. رومانتىكىلىق بىزگە نېمە بېرىدۇ؟( 13-چسلا ئەتراپىدا يېزىلىدۇ)
3. تور  ئەدەبىياتى نېمىشقا قاشاسىز تامغا ئوخشاپ قالدى؟( 20 چېسلا ئەتراپىدا يېزىلىدۇ)
4.خەلقنى سۆيۈشنىڭ 50 تۈرلۈك كونكرىت ئەمما  ئاددىي ئۇسۇلى(نويابىردىن بۇرۇن).ئاڭغىچە مەن يازغان تەنقىدنى كۆرۈشنى خاايدىغانلار بولسا مۇشۇ مۇنبەردىكى"قوناق چېپش"، "كېېچىلەردىن سالامەت ئۆتكىن" دېگەن تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلسۇن، ئالدىنقىسى  پۈچەك شېئىر ھەققىدىكى تەنقىد، كېيىنكسى  قۇرۇق رومانتىكىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدكى تەنقىد.
        بارلىق تەنقىدىي يازمىلارنى ئەلكۈيىدە ئېلان قىلىمەن ھەم شاكال مۇنبەرلەرگە يازمىلىرمنى چاپلىشىڭىزنى خالىمەيمەن.

       يولدىن چىقماي ، ئەلكۈيىنى ئاياپ تۇرۇپ قىلدىغان ئىش ۋە ئىمكانىيەت جىق.ئەلكۈيى مۇنبرى ئەمدى قىزىغۇسى.
        ئەگەر مۇنبەر باشلىقى ئۈمىدۋار ئەپەندى باشقۇرغۇچىلىرىغا ۋە تېمىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويالىسا، مەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە مەۋايتتەك جاراڭلاپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم بالىلارنى بۇ مۇنبەرگە باشلاپ كىرىمەن.  پۈچەك تېما ئاز يوللانسا.

سڭلىم كىشمىش قىز، پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. لۈكچۈن قېرىندشىم، پىكرىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ. بىلمىگەن نەرسىنى تەڭ ئۆگىنىمىز.

uyghurzade 2010-10-04 04:38
كەۋسەر قېرىندىشىم، سەممىي ئىنكاسلىرىڭىزنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن ھەم ئىشلەتكەن تىلىڭىزدىكى پاساھەتتىن ھۇزۇرلنىۋاتىمەن. بولسا داۋاملىق. بىلسىڭىز، بۇ تورغا  مۇشۇنداق سەۋيىەلىك قېرىنداشلىرممۇ بارغۇ دەپ كىرىمەن.  
     سىز ئېيتقاندەك، ئابدۇقادىر مالىم بۇ تېمىدا ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئىلگىلرىلەپ مۇھاكىمە قىلشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
   كىشمىش ئېتيتقاندەك "ياۋروپا ئاياللرى بۇرت قويماقتا" دېگەن تېمىغا 10 بەت ئىنكاس.ماۋۇ تېمىدا ئادەم يوق. بۇ ھال بىز قىلدىغان ئىشنىڭ جىقلىقىنى، شاككالىق بىلەن تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلشىمىزنى دەللەلەيدۇ.  
    باشقۇرغۇچىلار، بۇ تېمىنى نېمىشقا قىزىق تېمىلاردىن ئېلۋېتىسىلەر؟يەنە كېلىپ،مەن ئاۋۇ مۇنبەردىكى بالىلارنىڭ خېلى بىر تۈركۈم سوئالىغا مۇشۇ تېمىدا جاۋاب بەرگەن. بۇنى ئارقا ھويلىغا تاشىۋەتسەڭلار ئادىل بولامدۇ؟ جاۋابىمنى ئۇلار قانداق تاپىدۇ؟ تۇرۇپ تۇرسۇن شۇ يەردە نەچچە كۈن.
ئەگەر ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ كېتىشتە باشقا سەۋەب بولسا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر بېرىڭلار. بولمىسا چوققىلاپ قويۇڭلار.

zohran 2010-10-04 15:34
   مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرىنى.بۇ يىڭى نوتۇقىنى ئاڭلىغىنمغا بەك خوشال بولدۇم .بولسا مۇشۇنداق نوتۇقلارنى ھەم ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ يولىساڭلار بەك ياخشى بولاتتى .

lukqak 2010-10-04 19:01
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ نوتۇقىدىن نېمىنى ھىس قىلدۇق؟ نېمە كەمچىلىكلىرىمىز باركەن شۇلارنى بىر سۆزلەشمەمدۇق دوستلار ، بىز تۈزىتىدىغان يەرلەردىن نەدىن نەگە بېرىپتۇ ، ئابدۇقادىر جالالىدىننى سۈيىمەن ، ياخشى كۆرىمەن دەپ ئىنكاس يازمايلى بولسا مۇشۇ نوتۇقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئازراق ئوپراتسىيە قىلىپ بىزخىجىل بولغۇدەك يەرلەر بولسا ئويلىنايلىچۇ!

dihqan 2010-10-17 19:05
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ" ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا " ئەسئەت سۇلايمەننىڭ" ئۆزلۈك ۋە كىملىك "دىگەن كىتاپلىرىنى ئوقۇمىغانلارنىڭ ئوقۇپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

qoldikitogra 2010-10-18 01:03
ئابدىقادىر جالالىدىن بىر ئەل سۆيگەن يازغۇچى ،ئۇنىڭغا كۆپتىن - كۆپ رەخمەت

koklam216 2010-11-19 16:33
قانداق چۈشۈرىدۇ  

koklam216 2010-11-19 16:36
ئاۋاز يوقكەنغۇ؟مەن ئاۋازلىق چۈشۈرمەكچى ئىدىم قانداق چۈشۈرىمەن؟

ihlasmen 2010-11-20 05:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېزىز قېرىندىشىم!
قىممەتلىك يوللانمىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!
دەرۋەقە بىز بۇ ھۆرمەتلىك ئىلىم ئەربابىنىڭ يازمىلىرىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشىمىز، ئۇنىڭدىن ئەۋلاتلىرىمىزغا نۇرغۇن ياخشى تەسىراتلىرىمىزنى سۇنۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
ئەنە ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، سانسىزلىغان ئۇيغۇر ۋەتەن سىرتىدا ياشىۋاتقان بولسىمۇ ۋەتەن مۇھەببىتىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق. بەلكى، ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئانا تىل - يېزىغى بىلەن ۋە ياڭراق ناخشا سادالىرى بىلەن نامايان قىلىپ كەلمەكتە!
بۇ جەھەتتە يازمىدا قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن مەسىلە - مىساللار بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر. خۇسۇسەن، مەنمۇ  گەرچە 13 يىلدىن بۇيان چەت ياقا يۇرتلاردا ياشىۋاتقان بولساممۇ ، ئەمما ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمنى يوقۇتۇپ قويغىنىم يوق. بەلكى، ئەتتىگەن ـــ ناماز بومداتتىن يېنىپ بىر سائەت تورغا كىرىۋېتىپ ئاندىن يېزىۋاتقان كىتاۋىم بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلايمەن. كەچ سائەت 9 - 10 بولغاندا يەنە بىر ئاماللاپ بۈتۈن تورلارنى ئارىلاپ چىقىمەن ۋە خەلقىمنىڭ دەردى نىمە؟ دېگەن سۇئالنى قويۇپ پىكىر مۇلاھىزىدە بولىمەن......
قىسقىسى ، ئانا ۋەتەننىڭ قەدىر - قىممىتى كۈندە مىڭ رەت ئۆتۈلۈپ تۇرىدۇ....
ئەمدىكى مەسىلە ئانا تىل مەسىلىسى. بۇ نوقتىمۇ ئەمىلىي ، جانلىق مىساللار بىلەن تىلغا ئېلىنغان. بۇ جەھەتتىكى بايانلارمۇ كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ، ئەلبەتتە!!!
............................؟؟؟
قىسقىسى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ بۇ قىممەتلىك نۇتقىنى پۈتكۈل پۇشتى ئۇيغۇر كۆرۈپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ، جەنابىي ئاللاھ بۇ مۆھتەرەم ئىلىم ئەربابىغا ئۇزۇن ئۆمۈر ، ئەبەدى سالامەتلىك ۋە زور مۇۋاپپىقىيەتلەرنى ئاتا قىلغاي، ئامىن! 

zohran 2010-11-20 12:07
man inkas bilan sdakliwalay

ay-turk 2011-01-26 16:24
ئاۋازى يوققۇ؟

hujanasirdin 2011-01-27 15:23
  باشقىلار يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپلا ئاڭلىۋالغان ئوخشىمامدۇ ؟  " نەزەر مۇفتىمغا خەت" دېگەن شىئېرنىمۇ شۇنداق قىپتۇ. نەچچە قېتىم ئەنكاس يازساقمۇ  بۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ پەقەت كارى بولمىدى. بىر ئىككى ئادەم ئاڭلىسىلا تۈگەيدىغان قىلىپ يوللايدىغان ئوخشايدۇ بەزى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى.

zial 2011-01-27 15:34
قوناق چېپىش، كېچىلەردىن سالامەت ئۆتكىن دىگەن تېمىڭىزنى بۇ مۇنبەردە ئىلان قىلىپ بولغان بولسىڭىز ئادىرىسنى  دەپ بېرەمسىز؟ مېنىڭ ئوقۇپ باققۇم بار.  /uyghurzada

shabine 2011-01-27 16:53
دىمىسىمۇ ئابدىقادىر مالىم بىزنىڭ يۈرىكىمىز بولالايدۇ.ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى بىر پۈۇتۇنلۈكنى ئىگەللىيەلەيدۇ.مەنمۇ بۇ مالىمنىڭ <ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا> دىگەن كىتاۋىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. مۇشۇ مۇنبەردىكى ئۇيغۇرزادە يازغان ئىنكاس تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.

babur029 2011-01-27 17:22
راسىت گەپنى قىلسام يېقىندىن بېرى يازغان ئەسەرلىرى ماڭا پەقەت يارىمىدى،يېڭى ئىدىيە جۆيلۈمىسى،مائارىپنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم دېگەن ماقالىلىرىنىڭ تازا تايىنى يوق،كونا مەزمۇن قايتا چاينالغان.

hitaf402 2011-01-27 19:12
يازغۇچى يازغان ئەسەر مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنىپ قولىمىزغا تەگگىچە خىلى جۇدۇن چاپقون سوغۇقلارنى باشتىن كەچۇرىدۇ ،،، بۇ جەرياندا ئەڭ گۇزەل چىچەكلىرىگە جۇدۇن تىگىپ ئۇششۇشى تۇرغانلا گەپ ،،،،  شۇڭا بەزى ئەسەرلىرى بۇرۇنقىدەك چىقماسلىقى مۇمكىن ،،،

xungkar0990 2011-07-10 09:45
assalamu alaykum kerhndhxhm yahxi eserkrn xunga tor bethmhzdhki  tordaxlarnimu huzurlansa digen umutta tor betimizge yotkep koydum renjimigeysiz

saypullah 2011-07-10 10:41
بۇ سۆھبەت ماڭا تولىمۇ ياقتى  

yaramlik 2011-09-18 15:48
ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ پائالىيەتلىرى مىنى ئىختىيارسىز 20-ئەسىردىكى مۇنەۋەر پائالىيەتچان زىيالىلىرمىزنى ئەسلىتىپ قويىدۇ.زامانىمىزدىكى زىيالىلىرمىز (ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى پىرۇففىسورلار،ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى زىيالىلار) ئۆزىمىزنىڭ زىيالىلىق بۇرچىمىزنى ،مەسئولىيتىمىزنى شۇنداقلا ھاياتىمىزنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقساق!  بىزدە قىلىدىغان ئشلار بەك جىق ،(بىر ئادەمىنڭ قىممىتى نىمىلەرگە ئىرىشكەنلىگىدە ئەمەس ،نىمىلەرنى ياراتقانلىقىدا) ، 1.خەلىقىمىزدە كومپىيۇتېر تىخى چوڭقۇر ئومۇملىشىپ بولۇنمىدى(سىز بۇنى ئەڭ ئادىيسى كىتابخانىغا كىرىپ ئەڭ يىڭى نەشىردىكى ھەخىل كومپىيۇتىر بىلىملىرى توغىرسىدىكى كىتابلارنىڭ يوقلىقىدىن ھىس قىلىشىڭىز مۇمكىن)،يەنە،كومپىيۇتىردا ئۇيغۇرچە خەت ئۇرۇشىمىز خەنزۇچە خەت ئۇرغاندەك ئۇنچىۋالا راۋان ئەمەس، بۇ ئەلۋەتتە تىخنىكىدىكى مەسىلە، بۇ تىخنىكىنى قاچانغىچە ھەل قىلىمىز؟
2.بىزدە دۇنياۋى مەشھۇر پەلىسەپە،تەبىئي پەن كىتابلىرى يوق دىيەرلىك (نىيوتۇن:تەبىئەت پەلىسەپىسنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى،يوروقلۇق ھەققىدە.يەنەئارىستۇتىل،باكۇن ،ئىينىشتىيىن، رۇسسىل،گالىلىي،فىرانكىلىن،فرۇئىد،دىكارت،لوك،كوپىرنىك،
رۇسسۇ،بور(ئاتۇم قۇرۇلمىسى نەزىريىسىنىڭ ئاتىسى)،....................قاتارلىق)،بۇمەشھۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى قاچانغىچە (تەرجىمەقىلىنىپ)
نەشىر قىلىنمايدۇ. مەبلەغ مەسىلىسى ئەڭ چۇڭ توسالغۇ بولسىمۇ ئۇنى پەقەت ھەل قىلغىلى بولمامدۇ؟
بىزدە ئوقۇيدىغان ئەدەبى كىتابلار چىقىدۇ ،لىكىن ئۈگىنىدىغان نەزەريىۋى كەسپى كىتاپلار ناھايتىمۇ،ناھايتىمۇ ،ئادەمنى چۆچۈتكىدەك ئاز،چىقسىمۇ كۆپىنچىلىرى،قوراشتۇرۇلغان،تۈزۈلگەن كىتابلار،(تىخى كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ ،ساپاسى تۆۋەن دەپ چىقىرىلمايدىكەن ،ئەمما بۇنداق كىتابلار چىقىرىلمىسا كىشىلەرنىڭ ساپاسى شۇ پىتى تۇرىۋەرمەمدۇ،بىردىن ئىككىدىن ئوقۇپ،تاما-تاما كۆل بولۇپ ،ئاخىردا ،ئوقۇيدىغان كىشىلەر تىخىمۇ كۆپىيىدە-دە!)
ئەلۋەتتە يەنە 3.،4.،5.......لەرمۇ بار
ئەلۋەتتە بىزدە ئىختىساسلىق كىشىلەر خىلى بار،ئىزچىللىق كەم،نەزىريىۋى بىلىم كەم،خۇددى تىرىشچان ،مەسئولىيەتچان،ئۈلگىلىك زىيالىمىز بولغان
زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ" نەەزەرىيە قۇرۇق نەرسە ئەمەس "(شىنجاڭ ئىجتىمائي پەنلەر مۇنبىرى 2011-يللىق 1-سان) ناملىق ماقالىسىدا دىيلگەندەك نەزەرىيگە تۇتقان پوزىتسىيمىز كەمچىل ،شۇنىڭ بىلەن بىزدە نەزەريىۋى تەپەككۇر كەمچىل ،بۇئاخىردا ھەقىقي مەنىدىكى نەزەريىۋى كىتابلىرىمىزنىڭ ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇشى مومكىن.

oguzpuxti 2011-09-18 18:25
ئۇيغۇرزادىنىڭ دېگەنلىرىگە قايىلمەن ، مەن بۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە دىيەلمىگۈدەكمەن ، ئۇيغۇرزادىگە رەھمەت ، كۆپتىن -كۆپ رەھمەت ، ئۇستاز ئابدىقادىر جالالىدىننىڭ ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم نۇتۇقى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.043557 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us