رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- <بەرگىيە> بەرگەن ئىلھاملار --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر] -> <بەرگىيە> بەرگەن ئىلھاملار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

مۇبارەك 2010-09-27 22:23

«مەن تۇل خوتۇن لېكىن بۇزۇق ئەمەس» تىن ھېسلار...

        
ھايات قىسمەتلەرگە باي.
شۇنداققۇ؟! گۈلنازنىڭ ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمىنى دەپ، يۇرتىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن، ئۇرۇق-تۇققان، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا كېلىشى، شۇ قۇربانلىق بېرىشلىرىگە چۇشلۇق تېگىشلىك بەختكە ئېرىشىشى، شۇ بەختنى ھاسىل قىلغان سۆيۈملۈك يولدىشى مەردان، ئوماق، جان-جىگەر قىزى تۇمارىس، مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل، ئىللىق چىراي قېيىن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ...ھەممىسى ئۇنۇڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قەدىرلىك ھەم قىممەتلىك ئىدى. لېكىن ھاياتلىقتا ھەر قىسمەتلەر بولىدۇ. كىم دەيدۇ، بۇ دۇنيادا ھەممىلا ئادەم كۈلۈپ، شادىمان ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ؟! قاراڭلار گۈلنازنىڭ قىسمەتلىرىگە. ئەسەر باشلىنىپلا يولدىشى ھەم قىزىنىڭ پىراقىدا يىغلاپ تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان بىر ئوبراز بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. «مۇھەببەتسىز ئادەم ئادەم ئەمەس» دېگەندەك، ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنى مېھىر-مۇھەببەتكە تويۇنغان ئىنسان دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مېنىڭچە ناھايىتى تەبىئىي رەۋىشتە ئەسەرنىڭ كېيىنكى بۆلەكلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلايسىز...

ئاتا-ئانام بالىنى بىز ئوقۇشۇڭلار پۈتكۈچە بېقىپ بېرەيلى، دېگەنتى، بايا قىزىمنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ خۇددى ھاززىرلا بىرى قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ نەچچە تۈمەن كىلومىتىر يىراقلىققا ئېلىپ كېتدىغاندەك بىلىنىپ، كۆزۈمدىن ياش تۆككەنتىم، ئەسىرىڭىزنىڭ ئاۋۇ قۇرلىرى يۈرۈكۈمنى تېخىمۇ ئېزىۋەتتى. «ئەلكۈيى» گە مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى دەپلا كېرىۋاتىمەن، بەرگىيە. (مۇنبىرىمىزدىكى <كۆمۈش> ناملىق ئەزانىڭ ئۈشبۇ ئەسەرگە قالدۇرغان ئىنكاسى).
مۇشۇ ئىنكاستىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئەسەردە بىر ياش ئانىنىڭ ئوبرازى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئوبراز دېگەندىن كۆرە، ئىچكى ھېسىيات دېسەك بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. گۈلنازنىڭ قىزىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن، قىزى بولمىسا ياشىيالمايدىغان دەرىجىدىكى روھى ھالىتىدىن، ئۆزىگە قىلغان خىتابلىرىدىن...تېخى ئانا بولمىغان مەن شۇنچىلىك تەسىرلىنىپ كەتتىم. بەلكىم بۇ خىل قىسمەتكە يېققىن، ھېچبولمىغاندا ئوماق مەلىكىلىرى بار ھەربىر ياش ئانا مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ قۇرلارنى ئوقۇغان چاغدا كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلگەندۇ. قانچىلىكى يىغلىۋەتتى، قانچىلىكى ئېغىر خۇرسىنىشلار ئىچىدە...ئويلاپ بېقىڭ، ئەمدىلا يولدىشىدىن ئايرىلىپ، ئۇ ئازلىق قىلغاندەك ئۆز باغرىنى يېرىپ چۈشكەن قىزىنىمۇ كۆرەلمەسلىكتىن ئارتۇق ئازاب نەدە؟! ئاشۇ غېرىبانە، مۇڭلۇق، سوغۇق ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ياش تۆككەن چاغلاردا قۇچىقىدا قىزى بولسا، شۇ جان-جىگىرىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ يېنىش-يېنىشلاپ ھىدلاش ئارقىلىق ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي تېپىش...ھېسابتا بىر ئانىنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكى ئىدىغۇ؟! ئاشۇ يۈرەك پارىسىنىڭ تومۇرىدا يولدىشىنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان، رۇخسارىدا يولدىشىنىڭ سىيماسى كۆرۈنۈپ تۇرغان، جىسمىدا يولدىشىنىڭ ھىدلىرى بار بولغان ئىدىغۇ؟! بىر ئانا تۇرۇپ شۇلاردىنمۇ تەڭ مەھرۇم قالسا...گۈلناز يىغلىماي كىم يىغلىسۇن، قىسمىتى شۇنداق بولىۋاتقان بارلىق ئانىلار يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟! شۇ قۇرلارنى ئوقۇغان كەلگۈسىدىكى ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىزلەر، دادا ھەم دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئۇلار...ھېسداشلىق قىلماي تۇرالارمىزمۇ؟!... ئىنكاسىغا <مەن ھېچنىمىنى ھېس قىلمىدىم...> دېگەندەك يېزىپ قويغانلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب: يوقال!

ئۆلگەن كېتەر خاتىرجەم، بار تارتقۇلۇق تىرىككە.
مەردان كېتىپ قالدى. ئۇنۇڭ ئەڭ ئاخىرقى تېنىقى قالغان پەيتلەردىكى قاراشلىرىدىن گۈلنازنىڭ قىزى ئۈچۈن بولسىمۇ كىيىنكى ھاياتىنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆتكۈزىشى كېرەكلىكىنى ئاپتور <جىسمىم بىلەنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن روھىم بىلەن بېغىشلانغان سەزگۈلىرىم ھېس قىلغانتى...> دېگەن گۈلناز تىلىدا ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك ئىپادە قىلغان. ھەي مۇھەببەت، چىن مۇھەببەت. مۇشۇ قۇرلاردىن بۇ بىر جۈپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئادەم بولسىمۇ ھېس قىلار بولغىيدى، دەپ ئويلايمەن. «تىتانىك» ناملىق فىلىمنى كۆرگەنلەر كۆپ بولىشى مۇمكىن، ھايات-ماماتلىق پەيتلەردە فىلىمدىكى ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-ساداقىتىنى ھەقىقىي ئىپادە قىلىدۇ. ئەسلەپ بېقىڭە: ئاقسۆڭەك تائىپىغا تەۋە بولغان قىز ئالاھىدە ئەھۋال ئۈچۈن سەپلەنگەن قولۋاققا چىقىش ئىمتىيازىغا ئىگە ھەم چىققاندىن كېيىن سۆيگەن يىگىتىنى ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان پاراخوتقا تاشلاپ قويۇشقا چىدىماي يەنە ئۆزىنى پاراخوتقا ئاتىدۇ، ماۋۇ يۈرەكنى! شۇ چاغدا قەلبىڭىز ھاياجانلانغانمۇ-يوق؟ يىگىت قارا نىيەت كىشىلەر تەرىپىدىن كويزا بىلەن قامىلىپ قالغاندا قىزنىڭ خەتەرگە قارىماي، سوغۇق سۇنى كىچىپ يۈرۈپ كويزىنى چېقىش ئۈچۈن ئەسۋاب ئىزدەپ يۈرگەن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا قىزنىڭ مۇھەببىتىگە قايىل بولغانمۇ-يوق؟ ئەڭ ئاخىرىدا يىگىت خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى كۆڭلى تۇيغاندەك، قىزغا: مەن ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم قەيسەرلىك بىلەن ياشاڭ، دەپ توڭلاپ قېلىپ مەڭگۈلۈك دېڭىز تىگىگە چۈشۈپ كەتكەن يەرلىرىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا كۆزىڭىزگە لىققىدە ياش كەلگەنمۇ-يوق؟...مەن مەرداننىڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ گۈلنازغا قارىغان شۇ دەقىقىدىكى ئىلتىجالىرىنى ئاپتورنىڭ قەلىمى ئارقىلىق چۈشۈنۈپ، مۇشۇ فىلىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ چاناقلىرىم ياشقا تولۇپ كەتتى...لېكىن مەردان كېتىپ قالدى. قېيىن ئانىسىنىڭ دوق قىلىپ، تىللاپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشلىرى، قىزىنى كۆرەلمەسلىكى، تۈگىمەستە قالغان ئۆسەك-سۆز، غەيۋەتلەر...ھەممە، ھەممىسى گۈلنازغا : <ئەمدى قانداق قىلىسەنكىن> دېگەندەك، ئاسمان بىلەن يەر ئوتتىرىسىدا چوڭ سۇئال بەلگىسى چىقىرىپ گېدىيىپ تۇراتتى. بىچارە ئايالنىڭ ئالدىدا يەنە قانداق كۈنلەر ساقلاپ تۇرغاندۇ؟...

تەسەللىينى قوبۇل قىلىدىغان دەرت كىشىنى بۇنچىلىك يىغلاتمايدۇ. (رېشات نۇرى گۈنتىكىن)
تۇل ئاياللارنىڭ كەينىدىن سۆز-چۆچەك ئەزەلدىن شۇنداق كۆپ بولامدىغاندۇ؟ تۇل ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بىزلەرنىڭ نەزىرىمىزدە يولدىن چىققان بولامدۇ؟ ياكى گۈلناز چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟...سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلىش، قىزىنى ئانىلىق مېھرى بىلەن باغرىغا باسالماسلىق، قېيىن ئانىسىنىڭ سۆرۈن پوزىتسىيىسى...بۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەلگەن سۆز-چۆچەكلەر بىر ياش ئانا ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر بېسىم-ھە! بىلىمىز، بىز غەيۋەت-شىكايەتتىن يىراقراق تۇرۇپ باققان ئەمەس، بۇ ئىللەت بىزدىن يىراقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن كۈنسېرى ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ۋەيران بولغان ئائىلىلەر، شۇ سەۋەبلىك ئۆزىنى يوقىتىپ قويىۋاتقان ئادەملەر، شۇ سەۋەبلىك پەيدا بولىۋاتقان پاجىئەلەرگە كىملەر گۇۋاھ، كىملەر ئىگە، كىملەر سەۋەبچى؟! سىز مۇشۇ ئەسەردىكى گۈلنازغا قارىتىلىپ دېيىلگەن ھەربىر غەيۋەت-شېكايەتنى ئوقۇغان چېغىڭىزدا قوشۇمىڭىزنى تۈرۈپ، < مىڭ لەنەت، سەنلەرگە!> دېگەنسىز. سىزمۇ بەلكىم باشقىلار تەرىپىدىن بىكاردىن-بىكار غەيۋەتنىڭ ئوبىيكتى بولۇپ زەربە يىگەن، يەنە بەلكىم بەزى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدە بىلىپ- بىلمەي شۇ مېتىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالغان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئەنە شۇنداق، خەق تەرىپىدىن غەيۋەت ئوبىيكتى بولساق گۈلنازنىڭ ھېسىياتىدا بولىمىز، خەقنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق گۈلنازدەكلەرگە ئۇۋال قىلغان بولىمىز، مېتە بولىمىز. مۇشۇ ئىللەتنى بالدۇرراق ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئالدىمىزدىكى ھەربىر ئىنسانغا ئىنسان كۆزىدە تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ ياشىغان بولساق دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى، نۇرغۇن پاجىئەلەردىن ساقلىنىپ قالغان بولاتتۇق...ھېس قىلدۇق: گۈلناز دۇچ كەلگەن ھەربىر زەربە بۇ ناتىۋاننىڭ كۆزىدىن تارام-تارام ياش تۆككۈزگەن چاغدا، چاناققا پاتمىغان ياشلىرى يۈرىكىگە قان بولۇپ تامغان چاغدا، زىيادە چارچاش، بېسىم دەستىدىن ھالىدىن كېتىپ يېقىلغان چاغدا...تۇرمۇشنىڭ ئەنە ئاشۇنداق بىر بۇلۇڭلىرىدا خۇددى بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ئۆزىگىلا كېلىۋاتقاندەك ئويلاپ، بۈگۈنى قان يىغلىسىمۇ ئەتىسى يەنە ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ياشاش ئۈچۈن يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۆتىۋاتقان ئاياللارنىڭ بارلىقىنى ئېغىر تېنىقلار ئىچىدە ئولتۇرۇپ خىيال قىلىپ چىقىمىز. گۈلنازنىڭ ھەربىر قۇردىكى نالە ئارىلاش ئاچچىق يىغىلىرى، مىسكىن ھالىتىدىن، ئەگەر مەندە قۇدرەت بولغان بولسىدى، مەرداننى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن بولاتتىم، تۇمارىسنى گۈلنازنىڭ قۇچىقىغا قايتۇرۇپ كەلگەن بولاتتىم، ھېچبولمىغاندا گۈلنازغا ماس كەلگۈدەك يىگىت بولۇپ گۈلناز ھەم تۇمارىسنىڭ ھالىدىن ئۆمۈرۋايەت ئوبدان خەۋەر ئالغان بولاتتىم، دېگەن ئويلارغا كېلىپ كېتىمىز. تېلەيمەن پەقەت: < چېھرىمىزدىن كۈلكە ئۆچمىسۇن، ئازاب ھەم يىغىلار بىزدىن يىراقراق تۇرسۇن>.

مېنىڭ تېنچلىقىڭنى بۇزغۇم يوق، خۇشلۇقىڭنى بۇزغۇم يوق. مېنىڭ قىزغىنلىقىمنى مۇھەببەت دەپ بىلمە، ماڭا كېرىكى پەقەت سېنىڭ دوستلۇقۇڭ. (بايدون)
ئېلزاتنىڭ ھېكايىسى. مەن ھەيران قالدىم، بۇ بالا ئەينى چاغدا گۈلنازنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا بوشاڭلىق قىلغاندۇ...قايتىدىن توي قىلىپتۇ، لېكىن ئۆزى ھالال نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنىغا ھەم قىزىغا نېمىشقا مېھىر بېرەلمەيدۇ؟ ئۇنداق ئادەم نېمىشقا توي قىلىدىكىنە؟...ھاززىرقى ساددا خىياللىرىم بىلەن بۇلارنى چۈشۈنۈشكە ئامالسىز قالدىم. گۈلنازنى كۆرۈپ ئۈمىد چىرىقى قايتا يانغاندەك بولۇپتۇ-يۇ، يەنە نېمىشقا ئۆز ئايالىنىڭ تۇل قالىدىغانلىقىنى، قىزىنىڭ تىرىك يىتىم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ؟ نېمىشقا؟! گۈلناز گەرچە مەرداندىن باشقا ئالىي مەكتەپتە ئەڭ ياخشى ئۆتكەن دوستىنى قايتا ئۇچىرىتىپ، ئۇنۇڭدىن ئازراق تەسەللىي تاپقان بولسىمۇ لېكىن ھېسىيات ئالدىدا مۇھەببەت ھەم دوستلۇقنىڭ چىگرىسىنى ئېنىق ئايرىدى. ھېسىيات جەھەتتە ئاجىزراق، ئىرادىسى بوش، ئالدى-كەينىنى ئويلىمايدىغانراق بىرى بولغان بولسا بەلكىم بۇ يەردىكى نەتىجە باشقىچىرەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن گۈلناز ئەقىللىق ئايال ئىدى. ئۇنۇڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئېلزاتقا دېگەن مۇنۇ سۆزلىرى ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالسا كېرەك: < بەختلىك بول ئېلزات، كۆڭلۈڭنى تامامەن چۈشۈنىمەن. بىراق مەن تۇللۇق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقىنىم ئۈچۈن يەنە بىر ئاجىزنى بۇ يولغا ئىتتىرەلمەيمەن، قىزىڭغا دادىلىق مېھرىڭنى، ئايالىڭغا ئەرلىك مۇھەببىتىڭنى بەرگىن! ھەر ۋاقىت گۈلنازنىڭ بەختى ئۈچۈن دەپ ئايالىڭنى، تۇمارىسنىڭ دادا مېھرى ئۈچۈن دەپ قىزىڭنى سۆيۈپ ئۆتكىن...>

ئاياللار ھەقىقەتەن ئاجىز يارىتىلىپتىكەن.
بۇ نۇربىيەنىڭ ھېكايىسى ئىدى. گەرچە نۇربىيە بىلەن گۈلنازنىڭ قىسمىتى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇ قىسمەتنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبىتى ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى پاك ئۆتكۈزۈپ، يۈزى تۆۋەنلىك بىلەن ياشىغان نۇربىيە توي كېچىسى قىز چىقمىغانلىق سەۋەبى(ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى شۇنداقكەن، ئۇنۇڭدا نېمە گۇناھ؟) ئېرى تەرىپىدىن كۈندە تاياق، تىل-دەشنام ئىششىتكەن. ئۇ ئۆزىنى قانداقمۇ ئاقلاپ بولالىسۇن، كىم گۇۋاھ؟ ئايال كىشى نېمە دېگەن ئاجىز-ھە! ھېلىقى ئەر قىز چىقمىغان بولسا نېمىشقا شۇ كۈنىلا ئاجىرىشىپ كەتمەيدۇ، نېمشقا ئۆيگە سولىۋېلىپ ئۇرىدۇ، قىينايدۇ، نېمىشقا ھايۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا  بىر قونچاق ئورنىدا كۆرىدۇ؟! نۇمۇسسىز ئەبلەخ! ھېلىقى چاغدا گۈلناز قىزىنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆرەلمەي يېرىم كىچىدە قايتىپ كەلگەن چاغدا تاكسى شوپۇرى بېزەڭلىك بىلەن نېمىلەر دېمىدى، پۇلنى يۈزىگە ئېتىپ ماڭسا كەينىدىن نېمە تىللار بىلەن ھاقارەت قىلمىدى؟...ئاشۇنداق بىر قىسىم لاۋزا ئەرلەرگە قاراپ ئادەمنىڭ يىغلىغۇسى كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇقمايدۇ، لېكىن ئالدىدىكى شەرمىي-ھايالىق بىر ئايالنى، بىر قىزنى ئۇياتسىز سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ئابدۇراھمان ئەزىز ئوغلىنىڭ «ئىگسىنى تاپالمىغان بەتنام» ناملىق يازمىسىنى ئاشۇنداق لاۋزىلارنىڭ يۈزىگە چاپلاپ قويسام دەيمەن!...نۇربىيە شۇنداق قىلىپ ھەممە يېققىنلىرىنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىپ بىر يولىلا مۇشۇ «يول» غا كىرىپ كەتتى، نېمىلا بولمىسۇن گۈلناز ئۇنۇڭ بۇ ئەلەملىك كۈنلىرىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئازراق بولسىمۇ گەپ قىلىپ قويسا بولاتتى، دەپ ئويلىغانتىم. گۈلنازنىڭ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇرىشىدىن نۇربىيە ئۆزىمۇ باشقىچە بىرخىل بولغان بولىشى مۇمكىن، بەلكىم بۇ قىز جالالىدىن بەھرامنىڭ «ناتىۋانلار» رومانىدىكى <تەن دېگەن قانچىلىك نېمىتى؟ ناھايىتى بىر سىقىم توپا!> دېگەن بىر جۈملە سۆزگە بەكرەك ئېتبار بىلەن قاراپ سالغانمۇ ئەيتاۋۇر، ئىشقىلىپ ئۆزى توغرا دەپ قارىۋالغان بۇ يولدا كېتىپ باراتتى. ئېنىقكى، بۇ يولنىڭ ئاخىرلشىش نەتىجىسى ھامان ياخشى بولمايدۇ. لېكىن ئۇنۇڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىغا زادى كىم، زادى نېمە سەۋەبچى؟...ئۇلار ئۇخلىغان چاغدا بىر-بىرىنىڭ تېنىقلىرىنى، ئۇھسېنىشلىرىنى ئېنىق ئاڭلىشىپ ياتىدۇ، گۈلناز ئۆز بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ چىقىپ، ئاجىزە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ھالغا كېلىپ قالغان نۇربىيەنى تۇيۇقسىز چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدۇ...مەن شۇ چاغدا ئىپادە بىلدۈرمەي ئولتۇرىۋالدى، دەپ ئويلىغىنىمنىڭ سەل بالدۇر چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كىم تەسەللىيگە مۇھتاج ئەمەسكەن، لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەتىراپىمىزدىكى بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەر بارغانسېرى ئازلاپ ماڭىدۇ، ھەممە ئادەم ئۆز غېمىدە. شۇڭا ئۆز-ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرىشنى ئۆگۈنىشىمىز كېرەك.

بىز ھەممە ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق. (قۇرئان كەرىمدىن)
شۇنداق، گۈلنازنىڭ ئۆز قىزىغا ئېرىشىش ھوقۇقى بار، بۇ ئەڭ ئەقەللىي ساۋات. يولدىشىغا بولغان سېغىنىشى ھەم ئۆزىگە بىردىنبىر ھەمراھ، سېرداش بولالايدىغان ئوماق مەلىكىسىدىن ئايرىلش ئازابىغا بىر ئانا ھەرگىز چىدىمايدۇ. شۇڭا ئۇ سوتقا ئەرز سۇندى. دەل شۇ كۈنلەردە قېيىن ئانىسى ئىشلارنىڭ ھەقىقىي تەرىپىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، گەرچە ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن ھەرگىز گۈلنازنىڭ ئالدىغا كىلىپ كەچۈرۈم سورىمايدۇ. بۇ ئانىمۇ ئوغلىدىن ئايرىلىپ ئارىلىقتا قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلىپ قويدى، بىز بىر ئانىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى نۇقتىسىدىن قاراپ بۇ تەرەپلىرىنى توغرا چۈشۈنۈشكە تىرىشىمىز. ئوغلىنىڭ قىزى، نەۋرىسى بولغان تۇمارىسقا بۇ ئانىمۇ چىدىمايدۇ. شۇڭا نىغمەت گۈلنازنىڭ ئالدىغا كېلىپ بالىنى ئۆزى باقسىمۇ پات-پات بوۋا ، مومىسىغا كۆرسۈتۈپ تۇرىشىنى كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئۆتۈنىدۇ، مۇشۇ چاغدا ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كېلىپ، كېتىش ئالدىدا مېھرىبان يۈزىنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي قالغان گۈلناز نىغمەتكە قەھرى بىلەن ۋارقىرايدۇ. بەلكىم بۇ قۇرلاردىن سىز ئەمدى گۈلناز تۇمارىسنى چوڭ ئۆيدىكىلەرگە ھەرگىز كۆرسەتمەيدىكەن، دەپ ئويلاپ قالىسىز، لېكىن سىز خاتالاشتىڭىز، مەن ئالدىدا دېگەندەك گۈلنازنىڭ ئوبرازى بىر ئەقىللىق ئايالنىڭ ئوبرازى ئىدى، ئۇ ئۆزى سۆيگەن ئادىمىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىلىدۇ، قەدىرلەيدۇ. ئانىنىڭ ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىپ قىلغان سەۋدالىقلىرىنى ئاشۇ كەڭ-قورساق مىجەزى بىلەن يەنىلا كەچۈرىۋېتىدۇ، ئۆزى سۆيگەن ئادىمى ياشىغان ئاشۇ چوڭ ئائىلىدە قىزىنى ئېلىپ بېرىپ شۇ ئەزىزلەر بىلەن بىللە ياشاشنى بۇندىن كېيىنكى بەختلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بەختى دەپ بىلىدۇ. گۈلناز ھەم گۈلنازغا ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىپ، ھايات يولىدا قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق ھەدىلىرىمىز، ئانىلىرىمىزغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەخت، تېنىگە سالامەتلىك تېلەيمىز.


بەرگىيە ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بارسام ماڭا لەغمەن ئېتىپ بېرىدۇ. مەن ھەدەمنىڭ يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئۆيىگە كىرىپ رەت-رەت تىزىلغان كىتابلار ئارىسىدىن تونۇش ھىدلارنى ئىزلەيمەن. كەچتە ھەدەمنىڭ قۇچىقىدا ئارمانلىرىم ھەققىدە چۇڭۇلداپ سۆزلەپ كەتسەم، ھەدەم ماڭا تۇرمۇش، مۇھەببەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئادەم بولۇش ھەققىدە ھارماي تەلىم بەرسە، مەن ئاڭلاپ، ئاڭلاپ قانمىسام. ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مۇڭداشساق. نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى...
تاڭ سۈبھىسى كۆتۈرۈلگەندە، ھەدەم قولۇمدىن يىتىلەپ يېڭى بىر كۈننىڭ قۇچىقىغا مېنى بىللە ئېلىپ ماڭدى. يەنە بىر قولۇمدا بىر دەستە گۈل، ئۇنۇڭ بەرگىلىرى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرىدا ۋىلىققىدە كۈلگەن پېتى باغرىمغا سېڭىپ كەتتى...

ئەسىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەيمەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!




2010-يىلى27-سېنتەبر                              شەھىرى نەنجىڭ

pariay 2010-09-27 22:44
كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرنى بىراقلا تۆكۈپسىز !! مەنمۇ بىر ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بالامنى كۈندە بىر باغرىمغا بېسىپ تۇرمىسام كۈندە نەچچە رەت كۆرۈپ تۇرمىسام چىدىمايمەن ... گۈلنازنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەر ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەندۈرىدۇ، ئاياللار نىمە دىگەن ئاجىز ھە !  

gulnazi 2010-09-27 22:53
بۇ ئەسەرنى مەنمۇ ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ، ئاللا قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، بەرگىيە خانىمنىڭ تۇرمۇشىغا  چەكسىز بەخىت تىلەيمەن . مۇمكىن بولسا بەرگىيە سىز بىلەن بەكمۇ سىرداش دوست بولغۇم بار.

aynuri888 2010-09-27 23:06
بۇ ئەسەرنى سۈيۈنۈپ ئوقۇدۇم.ئەزىزلەرگە تەشەككۈر.

gvzal3.8 2010-09-27 23:23
مۇشۇ مۇبارەك سىڭلىمنىڭ ئىنكاسلىرىنى دەسلەپ ئوقۇغىنىمدا، ياش قۇرامى بىزلەر بىلەن تەڭتۇش بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم.
   چوڭقۇر پىكىرلىك ئەقلىيە سۆزلەر، تۇرمۇشتىكى چىن بايانلار... بىلەن ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز-قارىشىنى بىرلەشتۈرۈپ يازغان ئۆزگىچە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئەستايىدىل ئىنكاسلىرى كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ. مانا، بۈگۈنمۇ مۇنبىرىمىزنىڭ مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بەرگىيەنىڭ ئەسىرىدىن ئالغان تەسىراتىنى تېما سۈپىتىدە يوللاپ، ئەسەر ئىگىسىگە ۋە ئەسەر مەزمۇنىغا بولغان ئىخلاسىنى چىن سۆزلىرى بىلەن ئىپادە قىپتۇ...
    مۇبارەكنىڭ ئەقىل بۇلىقىنىڭ ئوخچۇپ تۇرۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

bardax 2010-09-27 23:27
مۇبارەكنىڭ  بۇ ئەسەر توغرىسىدا يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىسى كىشىنى خۇددى بۇ ئەسەرنى قايتا ئوقۇپ چىققاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. شۇنداق ئەتراپلىق ھەم چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىلىپتۇ. ئەسلى ئەسەر بىلەن باغلىنىپ خۇددى "ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقان" دەك ماسلىشىپتۇ.
  بۇ تېمىمۇ ئەسلى ئەسەردەكلا نادىرلىنىشقا تېگىشلىك دەپ قارايمەن.

جىن 2010-09-28 00:27
"ئەسەرنى تەھلىل قىلىش، ئەسەردىكى مېخانىزمغا بولغان ھەر بىر مەسئۇلىيەت قان تىپىنىڭ توختىماي تپىرلىشنىڭ نەتىجىسى". مەشھۇر شەرقشۇناس پەيلاسۇپ   (ئېدۋارد سەئىد)
مۇبارەككە ئاپىرىن دەيمىزكى، بەرگىيە  خانىمنىڭ ئەسىرىنى ياخشى ئوپېراتسىيە قىلغان، ياخشى بىر ئەسەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئاپتورغا بولغان ھۆرمەتنى بىلدۈرۈشىمۇ ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئيتقاندىمۇ ، مۇنبەر مەسئۇلىيەتلىكتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ۋاجىبىيەت بولۇپ قالىدۇ. بەرگىيە خانىم سىزگە رەھمەت،  شۇنداقلا مۇبارەك سىزگىمۇ  ئاپرىن،

sahra 2010-09-28 09:29
بەرگىيەنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان ئەسەرلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بۇ ئەسىرىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىققان ئىدى، مەنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، يۈرىكىمىزدىكى سۆزلەر قىلىنغان ئۇ ئەسەرگە بىر نەرسە يېزىشنى ئويلىغان، مۇبارەك سىڭلىمىز تېخىمۇ ياخشى قىپتۇ، توۋا، مەنمۇ گۈزەل ئېيتقاندەك مۇبارەكنى بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك قىز بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان، ئىنكاسلىرىدىن شۇنداق تۇيغۇغا كېلەتتىم، چۈنكى بۇ قىزنىڭ  ئىنكاسلىرىمۇ كىشىنى ئويغا سالاتتى، بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، مەلەك سىڭلىم  ئىككىڭلارنىڭ مۇشۇ قىزغىنلىق ۋە تىرىشچانلىقىڭلار  بىلەن يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرلىشىڭلارنى، پۇرسەتنى چوقۇم قەدىرلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. بەرگىيە يازمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەت تاپسۇن. سىزگە  خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

uyghurzade 2010-09-28 09:31
بەرگىيە بىر تالانت ئىگىسىدەك قىلىپ تۇرىدۇ. مەن بىكار بولغاندا ئەسىرىنى ئوقۇپ پىكىر بېرىمەن.
بەرگىيە، ئۈمىدىم شۇكى، ئايال يازغۇچىلاردىن خالىدە ئىسرائىل، رىزۋانگۈل يۈسۈپتەك يازغۇچىلاردىن بولۇڭ. چوڭقۇر يېزىڭ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ روھى بەك تېيىز قېزىلىپ قالمىسۇن!بەزى چاپ-چاپ بازاغا ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن ئەسەر يېزىۋاتقان ساختا يازغۇچىلارنى قەتئىي دورىماڭ، ئاندىن بەك سالماق بولۇڭ.

مۇبارەككە رەھمەت دېسەم بولغىدەك، بۇ ئوبزورى بىلەن مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى ۋە بەرگىيەنىڭ ئەسرىنى ئوقۇشقا قىزىقتۇردى(مەن پەقەت كلاسسىك ئەسەرلەرنىلا ئوقۇيمەن.شۇڭا ساپ ئەدەبىيات ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويۇپ مۇنبەردە ياخشى ئەسەرلەر يوق دەپ قاراپ ئوقۇماپتىكەنمەن). بولسا، مۇبارەك، سىز رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ يېڭى رومانى بىلەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ "ئوربېتا" ناملىق پوۋېستىغا بىر ئوبزور يازسڭىز. بىزدە ئايال ئوبزورچىلار قوشۇنى بەك كەمچىل.

بەرگىيەنىڭ ئەسرىنى ئوقۇپ پىكىر بېرىمەن. سالامەت بولۇڭلار، بىزنىڭ ئەقلى سۈزۈك ھەمشىرىلىرىمىز!

uyghurzade 2010-09-28 09:38
بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن. مۇنۇ گۈزەل دېگەن باشقۇرغۇچى قىزنىڭ ئىملاسى ئەجەب توغرىكەن! قالتىس!(بۇرۇن ئىمزاسىغا قاراپ ئىملاسى قانچىلىكتۇ دەپ ئويلىۋىدىم). مەن بايىقى ئىنكاسىنى ئالدىراشچىلىقتا يېزىپ بىر نەچچە يەردە ئىملا خاتالىقى سادىر قىلىپتىمەن. دىققەت قىلاي. گۈزەلنىڭ روھىدىن ئۆگىنەيلى.

zakira 2010-09-28 09:54
  مەن بۇ مۇبارەك سىڭلىمنى شۇنداق خىيالچان ئولتۇرىشلىرىغا قاراپ  بۇنچىلىق تەسىرلىك ئەسەر يازار دەك ئويلىماپتىمەن . ھەقىقەتەن ياخشى ئىزاھلاشلار بوپتۇ . بەرگىيەنىڭ  ئەسىرىنى تېخىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم ... ئوماق گۈلۈم سىزنىڭ ھەر بىر مىنۇتلىرىڭزنىڭ  شادلىق ئىچىدە ئۆتىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

begana 2010-09-28 10:32
بەرگىيەنىڭ بۇ ئەسىرى مۇبارەكنىڭ ئىلھام غەليانلىرىنى بۇنچىلىك ئويغىتار دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن .مۇبارەك بولسۇن .ھىسسىي بىلىش ،چۈشىنىش ،ۋە يىزىش ئىقتىدارىڭىزغا ئاپىرىن .
مەنمۇ "ئاھ تۇرمۇش"نى ئوقۇپ ئاجايىپ ھىسلارغا چۆمۈلۈپ "ئاياللارغا نىمە كام ،نىمىلەر ئارتۇق"تىمىسىدا بىر ماقالە يازغان ئىدىم بىراق ،گۈزەلگە كۆرسىتەي دىگۈچە گۈزەل بىلەن ئالاقە قىلالماي شۇ پىتىچە قالدى .بۇ ئىلھامىڭىز ئالدىدا تازا چاناتتىكەن ئەسلى ....

بىر ئىنكاس بىر ئادەم .يۇقىردىكى توردىشىمىز ئۇيغۇر زادە نىڭ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىغا قاراپ
كۆز ئالدىمغا بىر مۇز چىراي ،سۇغۇققان ،تاراڭ -تۇرۇڭ بىلىملىك زىيالى كەلگەن ئىدى .
بۈگۈن ياشلىرىمىزنى يىتەكلەيدىغان ،ئۈمۈدۋارلاردىن ئۈمۈد كۈتىدىغان ،قەلبىدە مىڭ خىيال
سەزگۈر ئوبىرازدا نامايەن بولدى .تىمىدىن چەتنەپ كەتتىم .ئىجادىيەت ،ئوي -پىكىرلىرىڭلار زىيادە بولسۇن.

dilhux2 2010-09-28 12:15
بەرگىيەنىڭ ئەسىرىنى ئۇقۇپمۇ بۇنچىلىك چوڭقۇر ھاياجانلانمىغان بولغىيتتىم.
مۇبارەكنىڭ بۇمۇلاھىزىسى  ئارقىلىق تىخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتىم.

ahu 2010-09-28 12:20
مۇبارەكنىڭ بەرگىيەنىڭ ئەسىرى ئۈستىدە يۈرگۈزگەن تەھلىلى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق،چوڭقۇر بوپتۇ،ئۇقۇمىغان ئادەممۇ بۇ تېما ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى،ئاپتور يەتمەكچى بولغان مەقسەتلەرنى چۈشىنىۋالالىغىدەك.مۇبارەك،زېھنىڭىز تېخىمۇ ئوچۇق بولسۇن!

.utkur. 2010-09-28 12:21
بىرى خۇش پۇراقلىق ئەتىرگۈل،يەنەبىرى ئىشچان ھەسەل ھەرىسى...............بارىكاللا!

fana 2010-09-28 15:06
پاسسىق  كىشىلەرنىڭ  دۇئا-  تىلاۋەتلىرى  ئاسمان  بوشلۇقىنى  تولدۇرۋەتسىمۇ  ، ئاللا ئۇنىڭغا كۆز  قىرىنى  سېلىپ قويمايدۇ  .  سەمىمىي،  تەقۋادار  كىشىلەرنىڭ  دۇئالىرى  پاكىز  قەلىبتە  ئاستا  شىۋىرلاپ ئېيتىلسىمۇ   ، ئاللا ئۇنى مەقبۇل قىلىدۇ  .
                                                                                               
                                                                                            -ئىبراھىم ئالىپ تېكىن .

ھەمشىرىمىز  مۇبارەكنىڭ  بۇ تېمىسىنى ئوقۇپ  ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم .

gvzal3.8 2010-09-28 15:35
نەقىل
بۇ 11قەۋەتتىكىbegana يوللىغان 2010-09-28 10:32 غا قارتىلغان  :
بەرگىيەنىڭ بۇ ئەسىرى مۇبارەكنىڭ ئىلھام غەليانلىرىنى بۇنچىلىك ئويغىتار دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن .مۇبارەك بولسۇن .ھىسسىي بىلىش ،چۈشىنىش ،ۋە يىزىش ئىقتىدارىڭىزغا ئاپىرىن .
مەنمۇ "ئاھ تۇرمۇش"نى ئوقۇپ ئاجايىپ ھىسلارغا چۆمۈلۈپ "ئاياللارغا نىمە كام ،نىمىلەر ئارتۇق"تىمىسىدا بىر ماقالە يازغان ئىدىم بىراق ،گۈزەلگە كۆرسىتەي دىگۈچە گۈزەل بىلەن ئالاقە قىلالماي شۇ پىتىچە قالدى .بۇ ئىلھامىڭىز ئالدىدا تازا چاناتتىكەن ئەسلى ....

بىر ئىنكاس بىر ئادەم .يۇقىردىكى توردىشىمىز ئۇيغۇر زادە نىڭ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىغا قاراپ
كۆز ئالدىمغا بىر مۇز چىراي ،سۇغۇققان ،تاراڭ -تۇرۇڭ بىلىملىك زىيالى كەلگەن ئىدى .
.......

  ۋاي ئېسىت بېگانە، يوللىمىغان ماقالىڭىزنىڭ  "ئاياللارغا نېمە كام ،نېمىلەر ئارتۇق" دېگەن ماۋزۇسىدىنلا ئۇ ماقالىڭىزنىڭ مۇلاھىزە تىپىدىكى ماقالە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ يەتتىم، يوللىغان بولسىڭىز، ئوقۇپ تېخىمۇ ياخشىراق مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلىشاتتۇقكەن
   سىزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىڭىز ۋە ئىلھامىڭىز بىلەن باشقا تورداشلىرىمىزنىڭ ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ، سىزنىڭ ماقالىڭىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بولۇشى تەبىئىي، باشقىلىرىمىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق. مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئويلىغانلىرىڭىزنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان بولسىڭىز، 100 تەڭگىلىك بوپ قالاتتىڭىز-دە...

20078 2010-09-28 17:44
بەرگىيە ھەم سىزگە تەشەككۇر .بەرگىيەنىڭ ئەسىرىنى ياخشى ئوپراتسىيە قىلىپ چىقىپسىز. قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قول قويماي تۇرالمايمەن. تېخىمۇ تىرىشىڭ سىڭلىم، ئۈمىد سىزدە ...مۇنبەردىكى قەلەمكەش ھەمشىرىلەرنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن بەكمۇ سۆيۈنەتتىم . بۈگۈن بۇنى كۆرۈپ ئىنكاس قايتۇرماي تۇرالمىدىم . مەن بەرگىيەنى بۇرۇنقى مۇنبەرداش( نىگار)مىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن . خاتا پەرەز قىلغان بولسام كەچۈرۈڭ، بەرگىيە خانقىز. مەن ئۇ قىزنىڭ ھەر -بىر يازمىسىنى بەكمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقاتتىم. ھاززىرقى ھەمشىرىلەرنىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى مۇنبەرداشلارغا بەكمۇ ئوخشىتىمەن. بولۇپمۇ مەن مۇنبەردىكى خانىم -قىزلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا بەكمۇ قايىل. سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرى ...
ئاخىرىد،ا مۇبارەك سىڭلىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق .تەپەككۇر ھېسلىرىنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ...

firuzi 2010-09-28 18:55
مۇبارەكنىڭ  بۇ تېمىسىنى ئوقۇسا ئاندىن "مەن تۇل خوتۇن ئەمما بۇزۇق ئەمەس" دېگەن ئەسەر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغاندەك بولىدىكەن، مۇبارەكنىڭ قەلىمىنى تۇنجى كۆرۈشۈم،  ئۇنىڭ سۆز ئىشلىتىش سەنئىتىگە قاراپ كىچىك بىر قىز ئەمەس پىشقان قەلەم ئىگىسىدەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم،

ehtiram 2010-09-28 20:04
مۇبارەك قىزنىڭ قەلىمىگە تەشەككۈر ، بەرگىيەنىڭ بۇ تېمىسىنى ئىنتايىن تەپسىلى ئوپىراتسىيە قىلىپ چىقىپسىز ،تىلىڭىز ئۆتكۈر ، مەناسى تىرەن ، زېھنىڭىز ئوچۇقكەن ، دىمىسىمۇ بەرگىيەنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك ، تۇرمۇشقا يېقىن ، رېئالىي ھىكايىلىرى يۈرەك-تارىمىزنى تىترىتىپ بىزنى ھايات قىسمەتلىرى ھەققىدە تىرەن پىكىرلەر قاينىمىغا تاشلايدۇ.
شۇنداق ،مەن بۇ ھىكايىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇپ چىقتىم ، بەزى يەرلىرىدە مۇشۇ مۇڭلۇق يۈرىكىم پارە-پارە بولۇپ كەتكەندەك تولغاندىم ، بەزى يەرلىرىدە ‹ ئاھ ،رەھىمسىز ھايات  ›دەپ نالە قىلدىم .مەن بەرگىيەنىڭ ئىستىداتىغا تولىمۇ قايىل ، مەن ئىككى- تۆل تال ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇپلا ئۆزەمنى ‹ كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى› دەپ يۈرۈپتىمەن ، نومۇس قىلدىم ،نومۇس ،مەن نىمە  يازالىدىم؟ مەن خەلقىم ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق بولالىغۇدەك زادى قانچىلىك ئەسەر يازدىم؟ ....... مەن بەرگىيەدەك تىرىشچان ئەمەسكەنمەن ، بۇنى تەن ئالىمەن ، چۈنكى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقى ،كۈندە ئايىغى چىقماس مۇشەققەتلەر، تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىش-تىرمىشىشلار مېنى ھالسىرىتىپ ماجالىمنى قويمايۋاتىدۇ ... مەن شۇنداق نىيەتكە كەلدىمكى ، بەرگىيەدىن ئىلھام ئېلىپ ،قەلەمنى قايتىدىن قولۇمغا ئېلىپ خەلقىم سويۈپ ئوقۇغۇدەك ئېسىل تېمىلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. بەرگىيەنى مەنىۋى ئۇستازىم دەپ ھېسابلايمەن . شۇنداق قىلسام بولامدۇ بەرگىيە ....

نازى 2010-09-28 23:38
مۇبارەكنىڭ سۈزۈك ھىسلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدىم، مۇشۇ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىسىڭىز، يېقىن پۇرسەتتە خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغىدەكسىز، قەلەم تۇتۇشلىرىڭىزمۇ ئۆزگىچىكەن، ئەسەرنى ياخشى تەھلىل قىلىپسىز.  
جاپا تارتىپ يازغان ئەسەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئىنكاس يازسا قەلەم ئېگىسىنىڭمۇ ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ.  
داۋاملىق تىرىشىڭ سىڭلىم.

kumush 2010-09-29 00:49
مەن ئانىلاردىن سوراپ باقاي، قانچىڭلار يۇقارقىدەك ئەھۋالدا بالاڭلاردىن كېچەلەيسىلەر؟

ظاەذ 2010-09-29 11:59
تۇرمۇشقا بەكمۇ يىقىن، يۈرەكتىن ئوخچۇپ مۇنبەرگە يىزىلغان بۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى كۆرۈپ مىنى ئىختىيارسىز ھىق تۇتتى. ھەم ئوڭشاپ ئىنكاسمۇ يازالماي قالدىم. قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن ئەزىزلىرىم. بۇ دەرتىلىك كۆڭۈللەر سىلەرنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىڭلار بىلەن تەسەللى تاپقۇسى!! بارىكاللا!

otyak 2010-09-29 12:10
ئىلھاملىرىڭىز تىمىنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىپتۇ.

sadakatguli 2010-09-29 20:27
رىزۋانگۈل يۈسۈپ، خالىدە ئىسرائىل ،گۇلباھار ناسىر مەن ئەڭ ياقتۇردىغان ئەسەرلىرنى سۆيۈپ  ئوقۇيدىغان ئايال يازغۇچىلار،بۈگۈن بۇ قۇشۇنغا بەرگىيەنىمۇ قېتىۋالدىم.مۇبارەكنىڭ بۇ ئوبزورىمۇ ناھايتى ياخشى چىقپتۇ،خالىدە ئىسرائىلنىڭ ‹ئوربىتا›ناملىق پوۋستىدا دەرت-ئەلەم ،ئازاپ ۋە ئۆزگەرمەي بىر ئورنىدا پىرقىراۋىرىدىغان بۇرۇقتۇرما تۇرمۇش ،ئېرى بىلەن توي قىلغان كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ئېرنى ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى قىز ۋە كېيىنكى چاغلاردا  شۇ ئۆيدە شۇلار بىلەن تەڭ ياشاۋاتقان ئاشۇ قىزنىڭ روھى،ئەرلىك مەسئۇليەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يوقاتقان ئەر،قسىمەتلىرى ھەرخىل دوستلىرى،خىزمەتتىكى ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىم  ئەڭ ئاخىردائەسەردىكى ‹مەن› نى-باش پېرسونانى(باش پېرسونازنىڭ ئىسىمى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ.ئايشەم دەپ يېزىلغانغۇ دەيمەن) نېرۋىسىدىن ئېزپ قېلىش قىسمتىگە دۇچار قىلدۇ.شۇ چاغدا مۇشۇ پوۋسىت ئۈچۈن نەچچە كۈنىگىچە گاراڭ بۇلۇپ قالغاندىم،شۇنداق تەسىر قىلىپ كەتكەن.ھازىرمۇ شۇنداق،بۇلۇپمۇ ھېلىقى مۇشۈكنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ياشاۋاتقان ‹مەن›نىڭ دوستى سائادەت، شۇڭا ھازىرغىچە مۈشۈك كۆرسەم مۇشۇ ئەسەر يادىمغا كېلىدۇ.بۇ ئەسەر توغرۇلۇق تەڭرىتاغ  ژۇرنىلىغا ئوبزور يېزىلغان. مۇبارەكنىڭ بۇ ئوبزورىمۇ ئەسەرنى ناھايىتى ئوپراتسىيە قىلىپ باش تېمنى يارقىن يۇرۇتۇپ بەرگەن،ئەسەرنى ئوقۇمىغان كىشلەرنى ئوبزورنى بىرلا ئوقۇپ ئەسەرنى ئوقۇپ بېقىش ئىسىتكىگە ئەكىلدۇ،شۇڭا بەرگىيەنىڭ بۇ ئەسىرى بۇ ئوبزوردا تېخىمۇ بەك جۇلالانغان دېسەم ئاشۇرۋەتكەنلىك ئەمەس.
بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم،ئاخىرىدا بەرگىيەنىڭ قەلىمگە ئۇتۇق تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،مۇبارەك قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي، ئاخىردا ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم سىزدىن سوراي:رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ يېڭى چىققان قايسى پوۋسىتى ؟مەن ئىچكىرىدە بولغاچقا ئۇقماي قالىدىكەنمەن،شۇڭا يۇرتىتكلەرگە دەپ ئەۋەتكۈزەي دېگەن،ئېغىر كۆرمەي ئىسمنى دەپ بەرگەن بولسىڭز.رەھمەت!!

uyghurzade 2010-09-30 16:01
سىڭلىمىز ساداقەتگۈل ئەسەر تونۇيدىكەن. مۇبارەك بولسۇن!

"ئوربېتا"-بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئايالللىرىنىڭ قىسمتىنى ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن قالتىس ئەسەر( يازغۇچى ئالىمجان ئىسرائىل بۇ ئەسەر تارىم تەھرىر بۆلۈمىگە كەلگەندە بىر ئوقۇشىدا تۈگىتىپ بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئوبزور يازغان.راست، شۇنداق يېرى بار). ئۇنڭدىن باشقا بۇ يازغۇچىنىڭ "تىمتاس شەھەر" دېگەن پوۋېست-ھېكايىلەر توپلىمىنى ھەر بىر قېتىم ئوقۇسام، ھەر بىر قېتىم يېڭى ھېسلار قوينىغا كۆمۈلىمەن. مېنىڭ خالىدە ئىسرائىل ئاپپايغا بولغان ھۆرمىتىم ئانامغا بولغان ھۆرمىتىمدىن قېلىشمايدۇ. قالتىس ئايال،يامان بولغىنى ئېرى نامەرد بىر ئەر چىقىپ قېلىپ، بەختىسىز بولۇپ قالدى، قىزى ئاغرىق دەۋاتاتتى.ساقىيشىغا تىلەكداشمەن. ئۈرۈمچىدىكى قىزلار، "خالىدە ئىسرائىل" ئاپپاينى يوقلاپ تۇرۇڭلار.

گۈلباھار ناسىرنىڭ ئەسەرلىرى خالىدە ئىسرائىلنىڭكىگە قارىغاندا، سەل ئاددىي.

بەرگىيە سىڭلىم ، سىزنىڭ خالىدە ئىسرائىلدىن ئۆگىنىدىغان يېرىڭىز بەك جىق. ئەسىرىڭىزگە زورلاپ ۋەھىمە ۋە بالا-قازا كىرگۈزمەڭ، بۇ بىر تۇيۇق يول(جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازىنى ئوقۇپ بۇ ھېسسىياتقا كەلدىم) . نازى دېگەندەك كۆپرەك تەسۋىرگە ئىشلەڭ. تۇل خوتۇن دېگەن ئەسرىڭىزنى ئەمدى ئوقۇشقا چۈشتۈم. كېيىن سستېمىلىقراق پىكىر بېرىمەن.

ئاياللارنىڭ تەقدىرى، مۇھەببەت  ھەققىدە ئەسەر يازمچاقچى بولغانلار قايتا-قايتا ئوقۇپ تەھلىل قىلشقا ئەرزىگۈدەك ئەسەلەر:
خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرى: ئوربېتا، ھاڭگىرت كۆلى، قۇملۇقنىڭ چۈشى، شۇ كۆزلەر، رەڭدار قۇيۇن، ئھ-ھايات.
مۇھەممەت باغراش: جەزىرە، زەيتۇنە، شوپېرنىڭ چۈشى، كۈلرەڭ رەسىم
ئەختەم ئۆمەرنىڭ مۇھەببەت تېمسىىدىكى(باشقا تېمىلارمۇ بار) مەشھۇر ئەسەرلىرى: ئومىقىم، كۆزۈڭنى ياشلىما، ئاھ، رھىمىسىز دەريا، قىيامەتتە قالغان ساھرا.
ئابدۇكرېىم قادىر ئەسەرلىرى: شەنبە بازارنىڭ ئوتى، دولقۇنلۇق دەريا.
پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى: ھالاكەت، مۇزلىغان دېرىزە.

چەت ئەلنىڭ  بۇ تېمىدىكى مەشھۇر ئەسەرلىرى:
تۇنجى مۇھەببەت(مۇستاپا ئەمىن،مىسىر، 1993-يىل) ئۇنىۋېرستېتېت كۇتۇپخانسىدا بار.
ئۆكسۈش(قالتىس ئەسەر، كەرىمە نادىر)، سامان يولى(كەرىمە نادىرى)
ھالاكەت(تاگور)، مۇھەببەت ئۇچقۇنى(ھىندىستان ناىر پوۋېستلىرى)
لەۋدىن قەلبكە(رىشات نۇرى گۇنتېكىن)

بۇلارنىڭ ھەممىسى-- مۇھەببەت تېمىسنى ئاددىي يېزىپ قويۇۋاتقانلار ئوقۇشقا تېگىشلىك ئېسل ئەسەرلەردۇر. مەن تېخى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ گارسىيا ماركۇزنىڭ "يۈز يىل غېرىبلىق" قاتارلىق دۇنياۋىي ئەسەر تىزىملىكىنى تىزمىدىم.

پاخال ئەسەر ئوقۇمايلى، كلاسسىك ئەسەر ئوقۇيلى. بىزنىڭ ياراملىق ئاپتورلىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق قىلسۇن.پۈچەك ئوقۇرمەندىن ئەستايىدىل ئوقۇرمەنگە ئايلىنايلى.ھاياتىمىزدا جىق ئۆزگىرش يۈز بېرىدۇ.
زېھنىمىىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاددىي يازمىلارنى پەقەت ئوقۇمايلى.

dil-naz 2010-09-30 17:47
مەن بەرگىيەنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە قايىل... بۇ ھېكايىسىنى ئوقۇپ تېخىمۇ ئاپىرىن ئېيىتقان ...

uyghurzade 2010-10-01 16:34
بەرگىيە، مۇبارەك، ساداقەتگۈل قاتارلىق سىڭللىرىم،ئا.جالالىدىن ۋە قوناق چېپىش دېگەن تېمىلارغا ئۆزۈمنىڭ زىيالى ۋە شېئىر ھەققىدكى قاراشلرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم .قاراپ بېقىڭلار. كېيىن سىلەرمۇ ياخشى ئۇيغۇر زىيالىلرىدىن بولۇپ چىقىشىڭلار مۇمكىن. بەزى قاراشلارنىڭ سىلەرگە نان تېگىدىغان يېرى باې.

nigara025 2010-10-01 17:20
بەرگىيە ھەدەمنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان، مەن ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن، بۇ ھىكايىدىكى ۋەقەلەر بارلىق قىز ئاياللارنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەندۈرىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلىمىز، لىكىن شۇ قىسمەتلەر <<ئاجىز ئاياللار>>نىڭلا بېشىغا كىلىدۇ، نىمىشقا مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلىدىغاندىمىز؟

coffee 2010-10-02 19:00
ظەلكۈيىدە ەەقىقەتەنمۇ ظېسىل ئەسەرلەرنى تاللاپ ظوقۇيدىغان ۋە ظېسىل ظەسەر يازىدىغانلار كأپكەن. مەنمۇ بۇرۇندىنلا ظەدەبىياتقا شۇنچىلىك قىززىقساممۇ، بۇنىڭدەك كأپ كىتاپلارنى ظوقۇماپتىكەنمەن. ەازىر ظأزەمنى توردىن ظىبارەت قۇرۇق دۇنياغا ۋاقت ظىسراپ قىلىپ، يازغۇچىللىرىمىزنى چۈشىنىش ۋە ظۇلارنىڭ ظەسەرلىرىدىن ەوزۇرلىنىش پۇرسىتىدىن يىراقلاپ كېتۋاتقىنىمنى ەېس قىلىۋاتىمەن. خالىدە ئىسرايىل ھەدىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشقا يېقىن، ھېسسىياتلار تەبىئى ئېچىپ بېرىلىدۇ. ئەينى يىللاردا تارىم ژورنىلى مۇشۇ بىر قانچە پوۋسىتچىلارنىڭ قەلىمى بىلەن خېلىلا گۈللەنگەنىدى. ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ "يىغلىما قىز" ناملىق پوۋسىتىنى ئوقۇغانلار بولسا كېرەك، بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىدى. شۇ يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئېچىپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ناھايىتى يىتىشكەن، ئېسىل يازغۇچىللىرىمىز بار. جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ياخشى، چىن يازىدۇ.

مۇبارەك سىڭلىمىز ئۆزى كىچىك بولسىمۇ بەرگىيەنىڭ ئەسىرىگە ناھايىتى تەپسىلى ئىنكاس يېزىپتۇ. بەلكىم بەرگىيەمۇ كۆرۈپ ھاردۇقى چىققاندۇ. بۇ قەلەمكەشلەر بىر-بىرىدىن ھېسسىياتقا باي، تىرىشچان، ئىزدىنىشچانكەن. ئادەم تۇرمۇشنى سۆيسە، تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىسا ھەر ۋاقت خۇشال-خورام ياشايدۇ. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ ياشايدىغان، ئەدەبىياتنى ياقىلايدىغانلاردا بىر خىل ئىنتىلىشچان، ھېسسىياتقا باي، رومانتىك تۇيغۇ مەۋجۇت بولىدۇ. تۇرمۇشتا روھلۇق، تەلەپچان بولىدۇ.

بەرگىيە ۋە مۇبارەكلەرنىڭ قەلىمىگە بەرىكەتلەر بولسۇن! تېنىڭلار سالامەت بولسۇن!

ئايتۇغ 2010-10-02 19:30
مۇبارەكنىڭ ئىنكاسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغانمەن،چۈنكى بۇ قىز مۇشۇنداق چوڭقۇر،تېتىملىق،ئەتراپلىق...مۇلاھىزە قىلىپ،سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكاس بىلدۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مۇشۇ تېما مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ پەخىرلىك تور ئەدەبىيات يازغۇچىسى بەرگىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن.ھارمىغايسىز دوستۇم!سىزنىڭ يېڭى-يېڭى مىۋىلىرىڭىزنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز.

bargiya 2010-10-06 17:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇبارەك،
تېمىڭىزنى  بۈگۈن تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم شۇنداقلا ئارقىسىدا يېزىلغان ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقىپ بىر خىل سۆيۈنۈش ئىچىدە بۇ ئىنكاسنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن.
يۇقىرىدىكى بىر نەچچە ئىنكاسلاردا باشقىلار دەپ ئۆتكىنىدەك مەنمۇ مۇبارەكنى  ئىنكاسلىرى ئارقىلىق تونۇغان،ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە دىققەت قىلغان،ئىنكاسلىرى ئارقىلىق قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل ھۆرمەت ھېسسىياتى شەكىللەنگەن.(بۇ ھەرگىزمۇ مۇبارەكنىڭ مېنىڭ تېمامغا قارىتا بۇ تېمىنى يازغانلىقى ئۈچۈنلا دىيىلىۋاتقان گەپ ئەمەس.بۇ گەپنى مەن بۇرۇنمۇ باشقا تېمىلارغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا دەپ ئۆتكەن)
مېنىڭ ھېكايەم گەرچە پىشقان قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىدەك مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ بىراق تورداشلىرىمنىڭ مانا مۇشۇنداق سەمىمى يۇسۇندا  مەيلى مەدھىيە مەيلى تەنقىدى بولسۇن ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىنكاسلىرى،قاراشلىرى ئارقىلىق بارا-بارا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ دەپ قارايمەن.  ۋاقىت،زىھىن ئاجرىتىپ تۇرۇپ تېمامنى كۆرگىنىڭىزگە شۇنداقلا ئارقىدىن شۇنىڭغا قارىتا ئايرىم تېما يوللاپ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭىزغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر سىڭلىم!!

مۇبارەك ئۆيۈمگە كەلدى. ئۇ ياخشى كۆرىدىغان لەغمەننى ئېتىپ بېرىپ زىھنى ئوچۇق،دادىل پىكىرلىك،ئەستايىدىل سىڭلىمنىڭ چۈچۈك تىللار بىلەن كىتاب ئىشكابىمدىكى ئۆزى ئوقۇغان ۋە ئوقۇمىغان كىتابلار توغرىسىدا توختىماي چۇۋۇرلاشلىرىغا مەس بولۇپ مەنمۇ قېرىنداشلىق مىھرىم يۇغۇرۇلغان كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇپ دۇنيا،ھايات،تەغدىر،قىسمەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى تۆكۈشكە باشلىدىم..
سۇبھى كېچە پەردىسىنى يىرتىپ خەۋەرچى خوراز چىللاپ كائىناتقا تاڭ خەۋىرىنى بەرگەن دەقىقىدە  كېچىچە جۇپلەشمىگەن كىرپىكلىرىمىز قورشاۋىدىكى كۆزلىرىمىز  يەنىلا بىھىساپ تەشنالىق ئېقىنلىرىدا يۈرەك سۆزلىرىمىزنى قارچۇقىمىزدىكى نۇرلارغا يىغىپ بىر-بىرىمىزگە يوللاشقا باشلىدى.
ئەقىللىق،ئېدىتلىق،ئەستايىدىل سىڭلىمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېڭى بىر تاڭدا يېڭى بىر نەتىجە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتلىنىش نەقەدەر كۆڭۈللۈك ھە!!

guldar 2010-10-09 22:29
مۇبارەك: سىز ئوبزۇرچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويسىڭىز بولغۇدەك.
يازغانلىرىڭىزدىن بەك سۆيۈندۈم.

tanhabayawan 2010-10-11 19:42
بۇ تېمىمۇ ئەسلى ئەسەردەكلا نادىرلىنىشقا تېگىشلىك

xahzat_520 2010-11-09 18:30
بۇ ئەسەرنى مەنمۇ ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ، ئاللا قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، بەرگىيە خانىمنىڭ تۇرمۇشىغا  چەكسىز بەخىت تىلەيمەن . مۇمكىن بولسا بەرگىيە سىز بىلەن بەكمۇ سىرداش دوست بولغۇم بار.

kashgar 2010-11-30 12:01
مەن ساقلىۋالدىم ئالدىرىماي ئوقاي

gvlbeden 2010-12-29 13:36
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
بەرگىيە ، تېمىلىرىڭىزدىن شۇنداق بىر مىھىر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئەلكۈيى ئۈچۈن جىق كۈچ چىقىرۋاتىسىز!!!قەلىمىزگە ھاردۇق يەتمىسۇن!!

mahira513 2011-01-18 17:40
مۇبارەك، ئوبزورىڭىز ھەقىقەتەن مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن! ئەسلى مىنىڭمۇ كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ ئىنكاس يازغۇم بار ئىدى، لىكىن مۇنبەرداشلار ئاللىقاچان كۆڭلۈمدىكىدەك ئىنكاسلارنى يېزىپ بۇلۇپتۇ، شۇڭا ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلىپ يېزىپ يۈرمەي. پەقەت سىزگە، بەرگىيەگە ھەم مۇنبەردىكى بىر قىسىم پىكرى تىرەن، ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىدا ھارماي ئىزدىنىۋاتقان مۇنبەرداشلارغا بۇرۇن خاتىرەمگە كۆچۇرۈپ قويغان، لىكىن بىخەستىلىك سەۋەبىدىن ئاپتورىنى ئەسكەرتمىگەن بىر شېئىرنى تەقدىم قىلاي. دەيدىغىنىم سىلەرگە رەھمەت، ھارماي تىرىشقايسىلەر، خۇدايىم سىلەرگە ئەقىل- پاراسەت ۋە غەيرەت- شىجائەت ئاتا قىلغاي.

مەرىپەت گۈللىرى كۆكلەر قېرىماس،
بىلىمگە سۈيۈنگەن مەرتلەر قېرىماس.
ئىلىم- پەن ئەبەدىي خۇش پۇراق غۇنچە،
ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا قالىدۇ خالاس.

gulvm 2011-01-31 23:24
مەنمۇ  بەك ياقتۇردۇم  ،رەخمەت  سىزگە  !     قولىڭىزغا  دەرىت  بەرمىسۇن !

ataxkum 2011-02-02 17:34
بەرگىيە خالىسىڭىز سىز بىلەن تۇنۇشقۇم بار ، چ چ نۇمۇرۇم 1252735072 قېتۋىلىڭ بۇلامدۇ  

miskinyurak 2011-04-07 11:58
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز .ئىھ خىرۇستال قىز دىگەن ئەسىرىڭىزنىڭ 5-بۆلىمىگە شۇنداق تەشنامەن.تىزراق يوللىسىڭىز بولاتتى .ئاللا ھ سىزگە بەخىت ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلسۇن .

nazi412 2011-04-07 13:44
مەنمۇ شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئەسەرنىڭ بىرى بۇ ،،،
سىزمۇ شۇنداق ئورۇنلۇق سۆزلەپسىز،،،
ئاياللار ئۆزىنى ئاجىز دەۋەمەي ،ئاجىزىلىقى ئۇستىن غالىپ كىلىشنى ئۇگىنىۋىلىشى كىرەك !

zurky 2011-05-23 12:09
ئەسەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،ئەلكۈيى تورىغا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇش ئۈچۈنلا چىقىمەن دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەس ،لېكىن يېقىندىن بېرى <ئىھ، خىرۇستال قىز > نىڭ كەينىنى تاپالماي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىم،مۇمكىن بولسا كەينىنى ئوقۇيدىغان  ئادرىسىنى قالدۇرسىڭىز.(2-خاتىرە)

nafisahinim 2011-05-25 01:02
مۇبارەك ،ھەقىقەتەن كۆڭلۈمدىكىنى تېپىپ يېزىپسىز.رەھمەت سىزگە!
دوسلۇرۇم سىلەردىن بىر ئۆتۈنۈشۈم ،بەرگىيەنىڭ
<ئىھ ،خىرۇستال قىز>>قىز دىگەن ئەسىرىنىڭ داۋامنى تاپالماي بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى .ماڭا بىر ياردەم قىلىپ ئادرىسىنى تېپىپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن ،.

maoluda 2011-05-25 12:03
ئېھ ،خىرۇستال قىز نىڭ ئاخىرى نىمىشقا چىقمايدۇ؟يا مەن ئاخىرىنى تاپالمىدىممۇ؟ماڭا ياردەم قىلساڭلار......

miskinyurak 2011-06-09 19:46
مەنمۇ بەرگىيەگە بەخىت تىلەيمەن .ئېھ خىرۇستال قىزنىڭ داۋامىنى تىزراق يازسىڭىز بولاتتى .ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن .

tatleh 2011-08-08 19:28
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك ،ھەربىر ئانا ئەمەس ،ھەقىقى يۈرىكى بار ئىنسان بولسا تەسىرلەنمەي قالمايدۇ ،يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققاندەك تەسىراتقا ئىگە بولدۇم ،
مۇبارەك سىڭلىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئۇزۇندىن بىرى دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئىدىم ، قەلەم قۇۋۋۇتىڭىز  ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن ، بەرگىيە ،مۇبارەك قەلىمىڭلار ھارمىغاي !


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- <بەرگىيە> بەرگەن ئىلھاملار --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.040632 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us