مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 1499-يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادى. 1495-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ پەرمانى بويىچە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن، خوتۇنى خۇبنىگار خانىم بىلەن ئۆرەتۆپە (ھازىرقى تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا)گە بارغان. 1508-يىلى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان شەيبانىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھېراتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان ئانىسى خۇبنىگار خانىم بىلەن بۇخاراغا قېچىپ كەلگەن، لېكىن بۇ يەردىمۇ بىخەتەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەخشاندىكى قەلئەئى زەفەرگە كەتكەن، 1509-يىلى كابۇلغا _ بابۇرنىڭ ھوزۇرىغا بارغان؛ 1512- ۋە 1513-يىللىرى ئەنجانغا _ سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان، 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان ھەمدە مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن تاكى 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغانغا قەدەر، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ساھەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەدەخشانغا كەتكەن، ئۇ ياردىن كابۇلغا_ كامران مىرزىنىڭ سائىيىغا بارغان. ئۇ يەردىن ئەگرەگە _ ھۇمايۇن مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ، 1541-يىلى كەشمىرنى ئالغان. شۇ ۋاقىتتىن تاكى 1551-يىلىغىچە كەشمىرنى ئىدارە قىلغان ۋە شۇ يىلى تاغلىق قەبىلىدىكىلەر ئاتقان ئوقتا يارىلىنىپ، كەشمىردە ئالەمدىن ئۆتكەن. مىرزا ھەيدەر كوراگان كەشمىرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، يەنى 1547-يىلى يەركەند خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى، سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئاتاپ پارسچە «تارىخىي رەشىدىي» (ئىككى كىتابقا بۆلۈنگەن، ئاپتور بىرىنچى دەپتەر، ئىككىنچى دەپتەر دەپ ئاتىغان)نى يازغان، بىرىنچى كىتاب «رەسمىي تارىخ» 70 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1329-1362-يىللىرى)نىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىدىن تارتىپ ئابدۇرەشىدخان (1510-1559-يىللىرى) دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان؛ ئىككىنچى كىتاب «ۋەقەلىكلەر بايانى» (ئاپتور بۇ قىسىمنى «مۇختەسەر» دەپ ئاتىغان) 117 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، بوۋىسى يۇنۇسخاننىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت تۇتقىنىدىن ئۆزىنىڭ كەشمىردە ھاكىمىيەت تۇتقىنىغا قەدەر بولغان تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.  ئومۇمەن، بۇ كىتابقا 200 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ، ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، دىن، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۇيرات موڭغۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پائالىيەتلەر سۆزلىنىپ، موڭغۇل خانلىرى ۋە دوغلات جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغانلىق تارىخىمۇ بايان قىلىنغان. «تارىخىي رەشىدىي» ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئەينى مەزگىلدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىۋاسىتە ماتېرىيال بولالايدۇ. ئۇ شەرق مەملىكەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەر خىل قوليازما نۇسخىلىرى ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا. خەلقىمىز ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ تۈرلۈك قوليازمىلىرى ۋە تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. 18-، 19-ئەسرلەردە بارلىققا كەلگەن مۇھەممەد سادىق كەشىغەرىي ۋە موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇرنىڭ تەرجىمىسى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كاشغەردە تەرجىمە قىلىنغان، ھازىر تاشكەنتتە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر نۇسخىسى بىزدە بارلىققا كەلگەن مۇھىم تەرجىمە نۇسخىسىدۇر. 1895-يىلى ئەنگلىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم ئېدۋارد دېنىسون رۇس تەرجىمە قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر غەربىي ياۋروپادىكى شەرقشۇناسلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە 1898-يىلى 2-نەشرى نەشر قىلىنغان، 1972-يىلى قايتا بېسىلغان؛ ئەنە شۇ ئىنگىلىزچە نۇسخا ئاساسىدا خەنزۇچە نۇسخىسى 1983-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم قىلىپ نەشر قىلىنغان. تاكسون تەرىپىدىن ئىزاھ، ئىندېكىس بېرىلگەن، پارسچە تېكىست بىلەن بىللە ئىشلەنگەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 1996-يىلى ئامېرىكا ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛ 1996-يىلى تاشكەنت «پەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇسچە تەرجىمىسى، 2003-يىلى ئالما-ئاتادا قازاقچە تەرجىمىسى، 2004-يىلى تېھراندا پارسچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ 1895-يىلىدىكى ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيە سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. «تارىخىي رەشىدىي»نى نەشرگە تەييارلاشتا موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ سانت-پېتېبۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .0759 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى ئاساس قىلىندى. موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ھىندىستان كىتابلىرى بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان مسس. تۇركى.1 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئامبىردگە ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان مس.290 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى، «تارىخىي رەشىدىي»نىڭ موللا مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىي تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنىڭ سانت-پېتېربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .569 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان پارسچە قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئادد.24090 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى قاتارلىق نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلدى. ئۇلاردىن باشقا، خەنزۇچە، قازاقچە، پارسچە ۋە تۈركچە نەشرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېكىستولوگىيىلىك پەرقلەر ھاشىيىدە ئىزاھلاندى. دېمەك، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى بىرقەدەر مۇكەممەل نەشر قىلىندى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى») مىرزا ھەيدەر يەركەندە سەئىدخانغا ئەگىشىپ يۈرگەن چاغلىرىدا «جاھاننامە» ناملىق بىر داستان يازغان.① بۇ ئەسەر 1528-1533-يىللىرى يېزىلغان. مىرزا ھەيدەر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە «ئاياز شىكەستە» ياكى «ئاياز» دېگەن سۆزلەرنى تەخەللۇس قىلغان. «جاھاننامە» ئاپتورنىڭ تىبەت ۋە بەدەخشان سەپەرلىرى جەريانىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. (ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى) چۈشەندۈرۈش: «جاھاننامە» ئىلگىرى «ئايازبەگ قۇشچى» ياكى «ئاياز شىكەستە» دېگەن ئايرىم بىر شائىرنىڭ ئەسىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن، بۇ ئەسەرنڭ مىرزا ھەيدەرنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى،شۇنداق بولسىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشنى چەتكە قاقمايدۇ.
ئىپارخان

گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتاپتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن.ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېىجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.
ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارىخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۇرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسوندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان. چيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسەبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بوياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھوجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوسۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە: ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن، سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن. تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ، كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن. قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا، تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن. بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دىرامما ساھەسىكىلەرمۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بېيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان:
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا، جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا. گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى، ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا. ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس، قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى. ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ، پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى. بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى، ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى. (نەزىرە مۇھەممەد سالىھ) ئىزاھات: يۇقۇرىدىكى ئىپارخاننىڭ رەسىمىنى _ جۇڭگو تارىخى موزېي تەتقىقاتچىسى،جۇڭگو گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگوچە رەسىم زىننەتلەش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى،بېيجىڭ جۇڭگوچە قوليازمىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ يەن(王 雁)سىزغان. بۇ رەسسام توغرىلىق يازغان تەرجىمەم ئانچە مۇۋاپىق بولمىدى. تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى ياكى تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خەنزۇچىسى: (中国历史博物馆研究员、中国美术家协会会员、中国工笔重彩画学会理事、北京工笔书学会副会长)

يۈسۈپ سەككاكى سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى_(1160-1228) مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق پىداگوگ ۋە يازغۇچى. سەككاكى ئىسمىنىڭ بېشىغا قويۇلغان خارەزمى دېگەن جاي ئىسمىغا،شۇنداقلا ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخەي دېگەن يېرىگە جايلاشقان مازارنىڭ سەككاكى نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ خارەزىمدا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئالمىلىق(ئىلى)دا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. سەككاكى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. دىنىي ئىلىم،تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،تارىخ،جۇغراپىيە،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)،تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن.ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا پارىس،ئەرەپ تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ«بايات»مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ«9-ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان. چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردا دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى،ھەربىي مۇتەخەسىسلەر ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ئەرباپلىرىنى قويغان بولۇپ شۇ چاغدىكى چاغىتاي خانغا مەسلىھەتچى بولغانلار ئىچىدە يۈسۈپ سەككاكىمۇ بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىجدىھات قىلىشى ئارقىسىدا چاغاتاينىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئالمىلىقتا ھەر-خىل مەكتەپلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىنىپ،مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققىي قىلغان،قەشقەر،بۇخاراغا ئوخشاشلا ئالمىلىقمۇ ئاسىيا بويىچە ئىلىم-پەن مەركەزلىرىگە ئايلانغانىدى. سەككاكى ئوردا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن بىلىملىك كىشىلەرنى ئالمىلىققا توپلىسا،يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلغان.بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتسە،يەنە بىر تەرەپتىن دەرسلىك تۈزۇپ چىققان. ئۇنىڭ«مۇفىتا ھۇل ئۇلۇم»(ئىلىملەر ئاچقۇچى)ناملىق يىرىك ئەمگىگى ئەنە شۇ خىلدىكى بولۇپ،ئۇنىڭدا تىل-ئەدەبىيات، لوگىكا،ئىستىتىكا،پەلسەپە،ئاسترنومىيە،ماتىماتىكا،تارىخ، تىبابەت ئىلمى،مۇزىكا ئىلمى قاتارلىق 13تۈرلۈك ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلىقى، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىكى مەرىپەت يۇلتۇزى،ھەققانىيەتچى،خەلق بىلەن تەقدىرداش ئالىم يۈسۈپ سەككاكى گەرچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ئازاتلىقى يولدا تەر ئاققۇزغان خانغا دۆلەت باشقۇرۇش،ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىداياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ،ئوردىدىكى مەرىپەت دۈشمەنلىرى،ھەسەتخور مەنسەپدارلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ 3يىل زىنداندا يېتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.بۇ مەشھۇر ئالىم،داڭلىق پىداگوكنىڭ مازىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.«ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزلار»(ئورخۇن) سەككاكى مازىرى(خۇنىخاي مازىرى)
|