-جانابى ئالەم، -دېدى باتۇرەكە –مەن بىر ناخشا بىلىۋالغاندىم، شۇنى ئوقۇيمۇئ -نىمە ناخشا؟ -دىباغا بېرىپ ئۆگىنىۋالغان رەپ ناخشىسى، روك مۇزىكىسى ..
-ئوقۇ.
باتۇرەكە توغراق شېخىدىن ياسىۋالغان سازىنى ئېلىپ غەلىتە كۈيلەرگە چېلىشقا باشلىدى. بۇ سازلاردىن چىققان رېتىملىق مۇزىكا ئولتۇرغانلارنى ئۇسۇلغا سالدى، ئۇلار بىر بولۇپ، بېشىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ مۇقۇلدىشىپ ئۇسۇلغا چۈشتى. بۇ چاغدا توختى مەرەمخاننى ئېسىگە ئېلىپ تولغىنىپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ پۇت-قولى خۇددى باغلاپ قويۇلغاندەك پەقەت مىدىرلىتالمىدى. دەل شۇ چاغدا ئالەم قاراڭغۇلىشىپ، گۈلخانلار ئېتىلىپ، چاراسلاپ كۆيۈپ كەتتى، ئەتراپتا بىر خىل مۇدھىش قاراڭغۇلۇق، مۇدھىش غېرىبلىق باستى، تۇختىنىڭ تۇرۇپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن تۇرالمىدى. بىر چاغدا ئۇلارنىڭ ناخشىسى ئەۋجىگە چىقتى. ئاتلار چاپقاندەك، خورازلار چىللىغاندەك، مۈشۈكلەر مىياڭلىغاندەك، كىشىلەر چىقىرىغاندەك ئاۋازلار چىقىپ، گۈلخان ئەتراپىدىكىلەر ئەسەبىيلىشىشكە، ياقىلىرىنى يىرتىپ چىقىراشقا باشلىدى. -جىم، دېدى ھېلىقى بۇرۇتلۇق، چاچلىرى دۈمبىسىگە چۈشكەن باشلىق. –ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەن ئوخشايدۇ، گۈزەل كۈيلەرگە چېلىڭلار. ھەي ئىسىت مىڭ ياشلىق توغراق بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى. -جانابى ئالەم، ئەكەلدۇق، كۆرۈپ باقسىلا.- توساتتىن ھېلىقى ئىككىسى كېلىپ، قان تامچىپ تۇرغان ئۆپكىنى چوڭىغا بەردى. -ھە....-ياخشى، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆپكىسى بىزگە بەك ئوزۇق بولىدۇ. روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ، -بايامقى ئىككەيلەن ئۆپكىنىڭ قېنىنى يەرگە ئېقىتماستىن قوللىرىنى تۇتىۋالغان ئىدى. -قان تاممىغاندۇ؟ -شۇ...بىر تامچە قان بوسۇغىغا تېمىپ قالدى.
-نىمە ؟ مەن سىلەرگە نىمە دىدىم؟ توختى ئەمدى جىددىيلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. ئاغىزىغا گەپمۇ كەلمەيتتى. لېكىن ئىچىدە ئايتەلكۈرسىنى ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندىلا ئېزىپ كىتەتتى.
-ماڭ ئاپىرىپ قوي. بولمىسا ئۇلار بىزنى پىتىرىتىۋىتىدۇ، تېز بول. -خوپ، -ھېلىقى ئىككەيلەن ناخۇش ھالدا كەينىگە ياندى. -چوڭ كۈيگە چېلىڭلار، ھەجەپ پەيزىم ئۇچتى، چېلىڭلار.
بايىقى سازەندە سازىنىڭ تارىنى غەزەب بىلەن چىرتىپ چىقىراپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. دەل موشۇ چاغدا توختى سۈرىنى تولۇق ئوقۇپ بولۇشقا ئاز قالدى. توختىنىڭ قوپۇپ قاچقۇسى، ئىشەك ھارۋا، ئوتۇن ۋە گۈلخان ئەتراپىدىكىلەرنى تاشلاپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن ئۇ يەنە قىمىرلىيالمىدى. دەل شۇ چاغدا سازنىڭ تارى ئۈزۈلۇپ، ناخشا ئاۋازى توختىدى. -قېچىڭلار، ئەتراپتا بىرسى بىزنى كۈزىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەتىراپ پاتپاراق بولۇپ كەتتى، ھەممەيلەن چىقىراشقىنىچە ئۆزىنى ھەر يەرگە ئاتتى. توختى كۆزىنى ئاچقاندا ئىشەك ھاڭراپ ئالەمنى بىر ئالغان، باش كۈزنىڭ تاڭ يورۇغان پەيتى ئىدى، توختى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەندى، ئۇ ھارۋىنى قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئالدىراپ مېڭىپ كەتتى، مېڭىش ئالدىدا سۆگەتنىڭ ھەر يېرىگە شۇنچە قارىسىمۇ ئاخشام كۆرگەن گۈلخاندىن ئەسەرمۇ يوق تۇراتتى.
-ھە چۈش كۆرۈپتىمەندە، -دېدى ئۇ ئۆزىگە. –خۇداغا شۈكىرى چۈشۈم ئىكەن، ئەمدى ئوتۇنغا ھەرگىز مۇنداق كۈن چۈش بولغاندا ماڭمايمەن. ئىشەكمۇ بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەندەك تاكراڭشىپ چېپىپ كەتتى. ئۇ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئۆيدىن مەرەمخاننىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، توختى ئىشەكنى باغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆيگە يۈگىرەپ كىردى، كات لېۋىدە مەرەمخان چاچلىرى چۇۋۇق، يۈز كۆزىنى تەر باسقان ھالەتتە ياتاتتى، توختى يۈگىرەپ كىردى-دە، مەرەمخاننىڭ ئايىقىدىكى ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى كۆرگەن توختى ئۇنى ئالدى ۋە پۇتىدىن تۇتۇپ، كاسسىسىغا بوش ئۇردى، بالىدىن ئىنجا بولمىدى، تۇختى ھۇدۇقۇپ كەتكەنلىكتىن پاققىدە بىرنى سالدى. دەل شۇ چاغدا بالا ‹‹ ۋار ›› رىدە يىغلىۋەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇ بالىنى قويۇپ، ئايالىنىڭ بېشىدىن يۆلىدى. مەرەمخان بىر دەمدىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ، توختىغا ھالسىز كۈلۈمسىرىدى. شۇ چاغدا توختىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلدى. -جېنىم خوتۇن، مەن يوق، قېشىڭلىدا بولالماپتىمەن، كەچۈرۈڭلار، ئەمدى ھېچيەرگە بارمايمەن. توختى بالىنى يۇيۇپ، كىندىكىنى ئۆزى كەستى، مەرەمخاننى ياتقۇزۇپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ ئوتۇن ئەكىرەي دىيىشىگە بوسۇغىغا تامغان بىر تامچە قاننى كۆرۈپ ئەندىكىپ، چىرايى ئاقىرىپ كەتتى tamam |