رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئانا قەسىدىسى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ شېئىرىيەت گۈلزارى ] -> ئانا قەسىدىسى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

editor 2010-09-09 20:50

ئانا قەسىدىسى

  editor


ئانىنىڭ كۆزىدە شۇنداق بىر دۇنيا بار ،ئۇ دۇنيادا بالىنىڭ پەسىللىرى دائىم گۈل ئېچىپ، خۇش ھىد چېچىپ تۇرىدۇ ؛ زىنھار جۇت – جۇدۇن ، بوران – چاپقۇن بولمايدۇ ؛ مېھىر – مۇھەببەتتە بالقىغان چېچەكلەردىن شېرىن – شەربەت مېۋىلەر پىشىپ تۇرىدۇ ؛قاغجىراق دىللارغا ھاياتبەخش كەۋسەرلەر شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدۇ ؛ھېكمەتلەرگە تويۇنغان چۆچەكلەر زېمىن بالىلىرىغا ھايات سىرلىرىنى سۆزلەپ تۇرىدۇ !

ئانىنىڭ ئالقانلىرىدا شۇنداق بىر دۇنيا بار ، ئۇ دۇنيادا ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن باشتىن كەچۈرگەن جاپا –مۇشەققەتلىرىنىڭ ئابىدىسى قەد كېرىپ تۇرىدۇ ؛ ئائىلىنىڭ بەخت –سائادىتى ، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ خۇش ھىدلىق بوستانلىرىنىڭ پەرۋىشى ئۈچۈن دۇچ كەلگەن ئىسسىق – سوغۇقلارنىڭ ئىزلىرى خۇددى شەبنەمدە ئەكس ئەتكەن قۇياش نۇرىدەك يالىلداپ تۇرىدۇ ؛ پەرزەنت تۇنجى بولۇپ تېتىغان ئوغۇز سۈتىنىڭ ، بىر بوردا ناننىڭ تەمى تۇرمۇشنىڭ بارلىق تەملىرىنى مۇجەسسەملەپ تۇرىدۇ ! ئانىنىڭ شۇ ئالقانلىرى ئىنساننىڭ ھاياتلىق بىناسىغا بىر تال بىر تالدىن خىش تىزىپ ئەسلا ھارمايدۇ ، تالمايدۇ . ئانىنىڭ بەللىرى نان ئۈچۈن قوقاسقا يادەك ئېگىلگەندە ، ئاشۇ ئالقانلار ئۆمۈرلۈك مېھنەتلەرنى تاۋلاشنىڭ چىن مەناسىنى نامايەن قىلىدۇ . ئاشۇ ئالقانلاردا چىدام ، غەيرەت ، خەيرى – ئېھسان ، ساخاۋەتنىڭ ئىلاھىي قىسسىلىرى پۈتۈلىدۇ ! ئەشۇ قىسسىلەر ھارارىتىدە ئىنسان ھاياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ !

ئانىنىڭ قۇچاقلىرىدا شۇنداق بىر دۇنيا بار ، ئۇ دۇنيادا ئىنسان مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ مېۋىسى ئۆز تەمىنى تاپىدۇ ؛ ئۇ دۇنيادا ئانىنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنت مۆجىزىگە ھامىلدار ئەللەيلەشلەرنىڭ سېھىر بەخش لەززەتلىرىدە يېتىلىدۇ ! ئۇ دۇنياغا پۈتۈن كائىناتنىڭ بار – يوقى مۇجەسسەملەنگەن ! ئۇ دۇنيادا ئانىنىڭ پەرزەنت ۋىلىقلاپ كۈلگەن چاغدىكى كۈلكىسى – دۇنيانىڭ كۈلكىسى ، پەرزەنت نېمىگىدۇر قەغىش قىلىپ يىغلىغان چاغدا تۆككەن ياشلىرى – دۇنيانىڭ يىغىسى بەدىلىگە تۆكۈلگەن ياشلار ! ئەمما ، ئانا يىغىدىن مۇستەسنا . ئۇ دۇنيادا ئۇ تۆلىگەن بەدەل قانچە كۆپ بولسا ، ئۇنىڭ شادلىقى شۇنچە كۆپ ، باشتىن كەچۈرگەن كۈلپەتلەر قانچە كۆپ بولسا ، ئەقىدىسى شۇنچە كۈچلۈك ! پەرزەنت ئۇنىڭغا بىر بوردا نان بەرسە ، ئۇ پەرزەنتكە بارلىقىنى ئاتا قىلىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئاددىي – ساددىلىقى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ !

ئانا ئەل – ۋەتەننىڭ قورقۇمسىز ئوغۇل – قىزلىرىنى پەرۋىش قىلىدۇ ، باھادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ . دېمەك ، ئانا بۈيۈكلۈكنىڭ تەختىدە مەڭگۈ !


  

ياشىغانلار، ياشنىغانلار  دۇنيادا،

قانماي ئانا قۇچىقىغا ، ئۆتىدۇ.

قەلبلەردە يىلتىز تارتقان ئارمانلار،

ئانىلارنىڭ مېھنىتىدە پۈتىدۇ.

  

قولنى سۇنساڭ مېۋە ئۈچۈن شاخلارغا،

ئانا قىزىل يۈرىكىنى تۇتقۇزار.

چاڭقىساڭ گەر ، ئۇزۇن ھايات سەپىرى،

مېھىر  بىلەن تەشنالىقنى قاندۇرار.

  

كۆز ياش ئەمەس كىرپىكتىكى شەبنەملەر،

مۇھەببەتنىڭ ئابىھايات سۈيى ئۇ؛

ئۈزۈلمىگەن زامانلاردىن زامانغا،

پەرزەنت ئۈچۈن ئېيتقان ھايات كۈيى ئۇ!

  

يادەك ئېگىپ بەللىرىنى قوقاسقا،

ئاق نان كەبى مېھنەتلەرنى تاۋلايدۇ.

تۇز بېرىدۇ بەرگىنىدەك ئاپئاق سۈت،

تۇرمۇشنىڭ كۆپ تەملىرىنى تەڭشەيدۇ.

  

يالغان ئەمەس ئانا ئېيتقان چۆچەكلەر،

رىۋايەتتە ھېكمەتلەرنى سۆزلەيدۇ.

ھېچ گەپ ئەمەس سەن يولۇققان خەتەرلەر،

ئانا ھامان جاپايىڭنى كۆزلەيدۇ.

  

تۆلىگىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھار ئەمەس،

ماڭغان يولى پەرزەنت ئۈچۈن تار ئەمەس.

باغاشلايدۇ چىدام بىلەن مۈشكۈلنى،

بىلسەڭ ئانا ھەرنە بولسا خار ئەمەس !

  

ئانا باغرى مۆجىزىگە ھامىلدار،

بىخلىتىدۇ ئۈمىدىنى ئەتىنىڭ.

باسقىنىدەك بوغۇنلارنى باغرىغا،

تەۋرىتىدۇ بۆشۈكىنى دۇنيانىڭ.

  

ئانا بىلەن مۇھەببەتلىك دۇنيا بۇ،

قۇچاقلىرى چىمەنلەرگە ئەندىزغۇ؟!

ئانىلارسىز قىياس قىلماق تەس شەرەپ،

بەرىكىتى بولماس تەرنىڭ ھەرگىزمۇ .

  

ھەر نە بولساڭ نېنىڭ يېرىم ئانىسىز،

داستىخاندا ئېشىڭ يېرىم ئانىسىز،

قاپاق يېرىم ، سۇغا چىقساڭ بۇلاققا ،

تۇتماس تولۇق تىككەن جىرىم ئانىسىز .

  

ئانا بىلەن مۇرۇۋۋەتلىك ئاتىمۇ،

ئانا بىلەن ئەزىزلىنەر بالىمۇ ؛

ئانا بىلەن شۇنچە قوۋناق ئائىلە،

شىپا تاپار دىلىڭدىكى يارىمۇ .

  

ئانا بىلەن كۆكىرىدۇ باغلارمۇ ،

تۆكۈلگەچكە مېھنەت بىلەن تەرلىرى .

ئۆكۈنۈش يوق ئەڭ ئاداققى نەپەستە ،

تۆلەنگەچكە بەدەل بەرگەن قەرزلىرى .

  

دالالاردا كۆيگەن يۇلغۇن چېچىكى ،

ئانىلارنىڭ ئوتقاش چېھرى ئەمەسمۇ ؟

جەبرىلەردە گۈزەللىكنى ياراتقان ،

مۇھەببەتنىڭ قۇياش سېھرى ئەمەسمۇ ؟

  

ئانا تەققاس يەنە ئەزىز يۇرتقىمۇ،

بەستى تاغدۇر، قۇچاقلىرى مېۋىزار .

ۋايىم يېمە چېچەك تۇتقان ئارزۇدىن،

ئەتراپىڭدا تۇرسا ئانا - پەرۋىشكار .

  

ئانىلارنى ھاپاشلىساڭ بىر ئۆمۈر،

ساڭا قىلغان ئەجرى تامام تۆلەنمەس .

بىرنى بەرسەڭ ئوننى بېرەر قايتۇرۇپ،

ئانا كۆڭلى قول سۇنۇشقا كۆنەلمەس .

  

ئانا يازار قىسسىسىنى ھاياتنىڭ ،

ئانا ئېيتار ناخشىسىنى ئارماننىڭ؛

ئانا تۇغار ئەلنىڭ ئوغۇل – قىزىنى،

ئانا بىلەن يولى ئوچۇق ئىنساننىڭ .

  

بۇ دۇنيادا ھوزۇر ئىزدەش نە كېرەك ،

شايى ، ئەتلەس ياپقان گۈزەل باغلاردىن ؟

تۇرسا ئانا باغرى تەمسىل جەننەتكە ،

تارار ئامەت ئۇندا تۈگەل چاغلاردىن !

  

قاراپ باققىن ئانا كۆزى نە دەيدۇ !

سوراپ باققىن :ئاپئاق چاچتا نە ھېكمەت ؟

پىغانلاردىن پۈتكەندە ئاق تەبەسسۇم ،

سورا يەنە ئىپتىخاردا ، نە خىسلەت ؟

  

ئانا بىلەن ئىسىمداش ئۆز ۋەتىنىڭ ،

شۇڭا ئانا ئۇلۇغلۇقنىڭ تەختىدە .

ھۆرمىتىڭمۇ، ئىززىتىڭمۇ ئۇ بىلەن،

تامچە سۈتتە بەختىڭ سېنىڭ ئەسلىدە !

isilbala 2010-09-09 23:25
ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن !،،

             ئانا

چىشلىدىممۇ يۇمران كۇكسىڭنى ،
بۇۋاقلىقتا  ئاغرتپ ئانا .
تىز پۇكمەستىن جەبرۇ –جاپاغا،
كەتتىڭ مېنى يىغلىتىپ مانا ،
مەڭدەپ قالدىم كۇرگەن چۇشۇمدىن ،
مىڭ كەپتەردەك بۇقۇلداپ ئانا .

چۇشۇرمەيتىڭ ئالقانلىرىڭدىن ،
زۇقلىناتتىڭ بۇشۇككە قاراپ .
سەككىز جاننىڭ ئۇتىغا سېلىپ ،
ئەگدى يىللار قەددىڭنى تالاپ .
تار بىلىندى بىپايان دۇنيا ،
سۇپۇرگەندە قەبرەڭنى يىغلاپ

يالغۇزلىقنىڭ غېمى بەك يامان ،
غەمخانە بۇل غېمىمگە ئانا .
تىلىۋالاي شىۋى قەدرىدە ،
كۇلۇپ كەلگىن ئويۇمگە ئانا ،
سىغىنىشنىڭ مۇڭلۇق كۇيىدە
بۇسۇغاڭنى يادلىدىم مانا  .

ئانا دەيمۇ قۇرام تاشلارنى ،
ئانا دەيمۇ ئىسسىق ئاشلارنى.
ئانا دەيمۇ قۇياشنى ئاينى ،
كۇزگە سۇردۇم كۇنا مەسەڭنى ،
تەشۋىش بىلەن تۇۋلا ‹‹قۇزام›› دەپ
ھىدلىۋالاي نۇغۇچ –سۇپراڭنى .

قەرىزدارمەن ئىككى دۇنيالىق ،
تاڭدا بەرگەن ئۇغۇز سۇتىڭگە .
شۇڭقار بۇلدۇم قىيادىن ئاشقان ،
نىمە يەتسۇن باققان ئەجرڭگە .
زىننەت ئارتۇق ئاپئاق چىچىڭغا ،
قەرىزدارمەن مارجان يىشىڭغا ...

ئاپتۇرى :س. ھېنىپىدىن

ئايتۇغ 2010-09-09 23:51
ئايەم ھارپىسىدىكى بۇ تېتىملىق يازمىڭىزدىن بەھرىلەنگىنىمگە ئىپتىخارلاندىم.شۇنداقلا رەھمەتلىك ئاتامنى ئەسلەپ مۇڭلىنىپ قالدىم.ياراتقان ئىگىمىز بىزنى تۈرلۈك نادامەتكە تاشلاپ  كەتكەن ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن.تىرىكلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ،مىھرىگە قېنىپ ياشىغىلى نىسىپ قىلسۇن.

ئايتۇغ 2010-09-09 23:55
ئەلۋىدا جېنىم دادا


(ئايتۇغ)


مەزمۇتقىنە تۆۋرۈكۈم غۇلاپ چۈشتىغۇ مىنىڭ،
ئىسىلغىنە كەپتىرىم يىراق ئۇچتىغۇ مىنىڭ،
غېرىپسىنىپ سېنىڭسىز ئىچىم پۇشتىغۇ مىنىڭ،
قاناتىمدىن ئايرىلىپ بېشىم چۈشتىغۇ مىنىڭ،
چىدالمىدىم ياش تۈكۈپ ئۈنۈم پۈتتىغۇ مىنىڭ،
بىخارامان،شات كۈلگەن كۈنۈم يۈتتىغۇ مىنىڭ.

سېنىڭ بىلەن تەڭ كەتتى بارچە شاتلىق جان ئاتا،
قانداق ياشاي سېنىڭسىز،يۈرەك باغرىم قان ئاتا،
ئۇل قەلبىمنىڭ تۆرىدە تاجۇ-تەختىم،خان ئاتا،
بېرەلمىدىم بەرداشلىق،بىر كەينىڭگە يان ئاتا،
لېكىن قايتىپ كەلمەيسەن ماڭىمۇ ئايان ئاتا،
بۇلبۇل كەبى سايرىغان كۈيۈم ئۆچتىغۇ مىنىڭ.

بارلىغىڭدا يۈرەك توق،ئەركىن ئۇچار قۇش ئىدىم،
قۇچىقىڭدا ئەركىلەپ ھەركۈن شۇنچە خۇش ئىدىم،
پاك مىھرىڭدىن سۈيۈنۈپ ھەتتاكى بىھۇش ئىدىم،
مىنى تاشلاپ كەتكىنىڭ بولسىكەن بىر چۈش دىدىم،
ئامال يوقكەن تەغدىرگە ئىختىيارسىز(خوش)دىدىم،
جۇت-شىۋىرغان ۋاقىتسىز گۈلۈم ئۈزدىغۇ مىنىڭ...

روھىم چىقىپ كەتكەندەك قالدىم بۇندا تەمتىرەپ،
قانداقلارچە ياتقانسەن مەندىن ئۇندا ئەنسىرەپ،
بۇ ئۆمرۈڭدە ئۆتكەنتىڭ بىزلەر ئۈچۈن غەملايەپ،
دىمەپتىمەن بارىڭدا چالا قاپتۇ نۇرغۇن گەپ،
ئەمدى ئېيتاي دىسەممۇ تېپىلمايدۇ بىرەر ئەپ،
پۇشايماندا قالدىمغۇ بۇ قىسمەتتىن ۋايىم يەپ،
چىدالمىدىم كەتمىگىن،ياكى مىنى ئېلىپ كەت،
زەپىراڭدەك سارغىيىپ خۇنۇم ئۆچتىغۇ مىنىڭ.



2008.4.8

bayawan 2010-09-10 01:03
سىز-سائادەت خانىممۇ ؟ بۇ شېئىرىڭىزنى مېنىڭ بىر تېمامغا ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاسلاپ بېزىگەن ئىدىڭىز !

enwerjan 2010-09-10 15:30
ئانا سىزنى ئەسلەپ تۇردۇم...سىزنى ھەر ۋاقىت خوشال قىلسام دەيمەن

zakira 2010-09-10 19:54
بىر بىرىدىن ياخشى چىققان ئەسەرلەركەن .. ئاتا - ئانىلارنى  ھايات ۋاقتىدا ئوبدان رازى قىلايلى ..

umitjan 2010-09-10 19:55
ئايەم ھارپىسىدا مۇنۇ ئىچكىردە تۇرۇپ بۇ تىمىنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم....
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن روزا ھىيتىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن!!!!
ئىسىل قەسىدىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.....

otyak 2010-09-12 16:22
ئانا دىسەم

ئانا دىسەم كۆز يېشىم ئاقار،
ئانا دىسەم تايچىقىم ئوينار.
ئاۋات بازار قايناق تۇرمۇشتا،
ھەر بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالار.

ئانا دىسەم يۈرەك يىغلايدۇ،
ئانا مېھرى خۇددى بىر دەريا.
ھايات پەيزى ئۆتكەن قوينىدا،
سىغىنىشلىق گۈزەل بىر دۇنيا.

ئانا دىسەم ئەسلىتەر يايلاق،
قوزا كالا ياشايدۇ شۇنداق.
ئىناقلىققا كۆزتەەمەيدىكەن.
تۇرمۇشلىرى ئالامەت قوۋناق.

ئانا دىسەم قايىدۇ بېشىم،
ئانام ئانام بال ئىدىڭ ئانام.
كۇندە سېنى سىغىندىم ئانا .
ئۆيىمىزنىڭ گۈلى ئىدىڭ ئانام.

ئانا دىسەم توۋلىغۇم كېلەر،
سەندىن سۇئال سورىغۇم كېلەر.
باش پاناھىم ئىدىڭ ئەمەسمۇ ،
دەدتلىرىمنى ئەمدى كىم بىلەر؟

ئانام ئانام سوۋلىتىم ئانام،
ئانام ئانام دوۋلىتىم ئانام.
چىڭ دۇنياغا كەتتىڭغۇ ئانام ،
ھاياتلىقتا قۇربىتىم ئانام.
_______ ئوتياق

sumaya0999 2010-09-25 21:52
تىما ئىگىسىنىڭمۇ ئىنكاستىكىلەرنىڭمۇ شئېرلىرى شۇنداق مەزمۇنلۇق ئاللا ئانىلىرىمىزنى ھەرۋاقىت ئامان ئىسىەن قىلغاي

.boran 2010-10-15 23:20
تېمىلار سەرخىل ئىنكان ئاندىن  ھەممەڭلارنىڭ قۇلىغا  ئاللاھ   بەركەت بەرگەي

shabine 2010-12-26 13:29
مەن ئالدى بىلەن تېما ئىگىسىگە رەخمەت ئېيتىمەن.شۇنداقلا ئىنكاس يازغان ئىنە-سىڭىللىرىمغىمۇ رەخمەت.سىلەرمۇ مىھرىبان ئانىلىرىمىزنى شۇنداق ياخشى تەرىپلەپ يېزىپسىپسىلەر. ئۇلۇغ ئاتا-ئانىلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

etikad 2010-12-30 23:15
ئانىلارغا ھەر قانداق قەسىدىلەرمۇ ئاز كېلىدۇ،ئايتۇغنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

kalgin 2011-03-18 15:09
ئانا توغرىسىدىكى كۇيلەر .ئۈزۈلمىسۇن،
توختىماي يېزىلسۇن ،ئۈنچىلەر ئۇنسۇن.

halnur 2011-05-24 17:54
بەك ياخشى  يېزلىپتۇ

唯了伱 2011-07-02 13:54
جەننەت- ئانىلارنىڭ ئايغى ئاسـتىدا!   !!!!!!!!!!!!!!!!!

pazilat2004 2011-07-31 12:14
مەن ئانا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ياخشى كۈرىمەن  .

qin=hakikat 2011-09-08 11:52
ئانا ، دىسەم يىغلايدۇ ، يۈرەك ! .

ئانا ! دىسەم تىترەيدۇ ، دۇنيا . ! .

ئانا بىلەن بالا بەختلىك ! .

ئانىلاردىن  تۆرەلگەن ئۇ ئۇ ۋاپا !؟.......

tumaris107 2011-09-12 18:48
ئانىنىڭ پەرزەنىتكە بولغان سويگۇسى تولىمۇ شەخسىيەتسىز بولىدۇ،ئۇ ھىچقانداق جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئامان بولغاي.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئانا قەسىدىسى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.033649 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us