رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھايات قىممەتمۇ، ھايامۇ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ بەس-بەس مۇنازىرە ] (18) -> ھايات قىممەتمۇ، ھايامۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

nilupar0997 2010-09-07 12:39

         تۈنۈگۈن يولدا كىتۋېتىپ تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ماشىنىسى ئىچدىكى ئۈنئالغۇدىن[ ھايا قىممەتمۇ ھاياتمۇ ] دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ قالدىم. يولدا ماڭغاچ بۇ چۇقۇم رادىئودا ئېلان قىلىنغان بىرەر ماقالە بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. گەرچە بۇ بىر جۈملە سۆزدىن باشقىسنى ئاڭلاش نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ،لىكىن بۇ سۆز ئۈسـتىدە قايتا قايتا ئويلاندىم. ھاياتنى قىممەت دەي دىسەم ، ھايا بىلەن ياشمىغان ھاياتنىڭ نىمە قىممىتى....... ھايانى قىممەت دەي دىسەم، بىزگە شۇ ھاياتلىق بولمىسا،ھايا نەدىن كىلدۇ؟ ئويلاپ زادى ئاخىرىنى چىقىرالماي ، ئاخرى مۇنبەردىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش نىيتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم . ئەگەر بۇ ماقالىنى ئاڭلىغانلار بولسا ، يوللاپ قۇيارسىلەر.......
     قېنى ئەمسە مۇنبەردىكىلەر ، مۇنازىرە قىلىپ بېقىڭلار........... ھايات قىممەتمۇ ھايامۇ؟
      

tutem 2010-09-07 12:43
ھازىر نەزىرىيە جەھەتتن ھايا قىممەت،ئەمىليەت جەھەتتىن ھايات. ئىشەنمىسىڭىز كەينىدىكى ئىنكاسلاردا ھايا تۇغرىسىدا ئاغزىدا كۈپۈك قايناپ سۆزلەيدىغانلار چىقىپ قالىدۇ.

nilupar0997 2010-09-07 12:48
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىtutem يوللىغان 2010-09-07 12:43 غا قارتىلغان  :
ھازىر نەزىرىيە جەھەتتن ھايا قىممەت،ئەمىليەت جەھەتتىن ھايات. ئىشەنمىسىڭىز كەينىدىكى ئىنكاسلاردا ھايا تۇغرىسىدا ئاغزىدا كۈپۈك قايناپ سۆزلەيدىغانلار چىقىپ قالىدۇ.

ئۇنداقتا ، سىزنىىڭچە ھايات قىممەتمۇ، ھايامۇ؟ ئۆز قارىشىڭىزنى دىمەپسىزغۇ؟

hakanxp 2010-09-07 12:56
ھايات دىگەن ھايات، ھايا دىگەن ھايا، ئىككىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە، بۇ ئىككىسىنى قانداق سېلىشتۇرغىلى بۇلىدۇ.

enwerjan 2010-09-07 13:05
ھايات بىلەن ھايا ...
ھايا+ت=ھايات بولىدىكەن...
ت=تەدبىر......
ھايالىق تەدبىركار كىشىلەر جىمى ئەلەڭگۈش ئىشلاردىن خالى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن

جىق سۆزلەپ قويدۇم......

aynuri888 2010-09-07 13:05
     ما ئىنكاسنى ...........ئەگەر مەن ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككىدىن بىرنى تاللا دەپ قالسا..............ئويلىنىپ باقاي ھە،.......ھاياسىز بولۇپ ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشىراق ئىكەن.ھايانى يوقاتقان ھايات ئىنسان ھاياتى بولمايدۇ.............

nilupar0997 2010-09-07 13:08
[quote]بۇ 3قەۋەتتىكىhakanxp يوللىغان 2010-09-07 12:56 غا قارتىلغان  :
ھايات دىگەن ھايات، ھايا دىگەن ھايا، ئىككىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە، بۇ ئىككىسىنى قانداق سېلىشتۇرغىلى بۇلىدۇ.
مەجبۇرى ئىنكاس يېزىشنىڭ ھاجىتى يوقتىغۇ؟!

baburxah 2010-09-07 13:13
     بۇنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،چۈنكى ئىسان -ھەقىقى ئىنسان ئۈچۈن ھەر ئىككىلىسى موھىم

isilbala 2010-09-07 13:15
ھاياتتا ھايا بۇلمىسا ئادەم خۇددى ئىگىسىز تۇپ- تۇپ يۇرگەن  پادىدىن پەرقى نىمە ؟بۇ ئىككى سۇز مەڭگۈ ئاكا -ئۇكىدەك بىر- بىرىگە قۇشماق سۆزدۇر .شۇنداقلا ئىنسانغا ھەر ئىككىلىسى ياغ بىلەن گۆشتەك موھىم !..

رەھمەت ئەزىز ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن ...

tikan 2010-09-07 13:17
ھاياتلىق بەك تاتلىق،ھايا بەك ئىسىل.ئادەم ئۈچۈن ئىككىسىلا مۇھىم.

arkindunya 2010-09-07 13:20
مېنىڭچە ئادەم  بۇ دۇنيادا ھايات ياشىيالىغىنى ئەڭ چوڭ بەخىت

بىراق .ھاياسىز ياشىغاننىڭ نېمە مەنىسى؟ ھايات بىلەن ھايا  ئىككىلىسى  ئوخشاشلا  مۇھىم

gamsiz 2010-09-07 13:26
ھايا ئەڭ قىممەت، ھاياسىز ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ. ھاياتلىق ھايا بىلەن گۈزەل...

bardam 2010-09-07 13:38
ھايا بىلەن ئىپپەتنىڭ پەرقىنى ئايرىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ ،ھايانى زورلۇق ۋاستىسى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ  چۈنكى ئۇ روھتىكى مەسىلە بولۇپ  بىرسى سىزنى مەجبۇرى يالىڭاچلىسۇن ۋە ياكى ئىپپىتىڭىزگە تەگسۇن ئۇ سىزنىڭ ھاياسىز ئىكەنلىگىڭىزنى ئەسلا بىلدۈرمەيدۇ ،شۇنداق ئىشتىن كىيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ياكى نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئۆز ئىمكانىيەت دائىرسىدە قارشىلىق كۆرسەتكۈزگەن كۈچ دەل ھايادۇر. ئەمما تەن جەھەتتىن ئىپپەتنى يوقاتقان بولىسىز ، بۇ خىل ئەھۋالدا كىيىنكى ھاياتىڭىزنى يەنىلا ھايا بىلەن ئىگىمىزگە بولغان قۇلچىلىق بىلەن ئۆتكۈزسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ھايا بولمىسا ھەقىقى مەنىدىكى گۈزەل ھاياتمۇ بولمايدۇ  شۇڭا ئىنساندا چوقۇمكى ھاياتتىن ھايا قىممەت دىگەن قاراش بولغاندىلا چىن ھاياتنىمۇ ھايانىمۇ قوغداپ ياشىغىلى بولىدۇ.
دىمەككى ھاياتنى دەپ ھايادىن كىچىشكە توغرا كەپ قالمايدۇ  ،ئەمما ھايانى دەپ ھاياتتىن كىچىشكە توغرا كەپمۇ قالىدۇ  بۇ خىل تاللاش ھايانى مۇكەممەللىككە ېلىپ بارىدۇ

nilupar0997 2010-09-07 13:50
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىbardam يوللىغان 2010-09-07 13:38 غا قارتىلغان  :
ھايا بىلەن ئىپپەتنىڭ پەرقىنى ئايرىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ ،ھايانى زورلۇق ۋاستىسى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ  چۈنكى ئۇ روھتىكى مەسىلە بولۇپ  بىرسى سىزنى مەجبۇرى يالىڭاچلىسۇن ۋە ياكى ئىپپىتىڭىزگە تەگسۇن ئۇ سىزنىڭ ھاياسىز ئىكەنلىگىڭىزنى ئەسلا بىلدۈرمەيدۇ ،شۇنداق ئىشتىن كىيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ياكى نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئۆز ئىمكانىيەت دائىرسىدە قارشىلىق كۆرسەتكۈزگەن كۈچ دەل ھايادۇر. ئەمما تەن جەھەتتىن ئىپپەتنى يوقاتقان بولىسىز ، بۇ خىل ئەھۋالدا كىيىنكى ھاياتىڭىزنى يەنىلا ھايا بىلەن ئىگىمىزگە بولغان قۇلچىلىق بىلەن ئۆتكۈزسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ھايا بولمىسا ھەقىقى مەنىدىكى گۈزەل ھاياتمۇ بولمايدۇ  شۇڭا ئىنساندا چوقۇمكى ھاياتتىن ھايا قىممەت دىگەن قاراش بولغاندىلا چىن ھاياتنىمۇ ھايانىمۇ قوغداپ ياشىغىلى بولىدۇ.
دىمەككى ھاياتنى دەپ ھايادىن كىچىشكە توغرا كەپ قالمايدۇ  ،ئەمما ھايانى دەپ ھاياتتىن كىچىشكە توغرا كەپمۇ قالىدۇ  بۇ خىل تاللاش ھايانى مۇكەممەللىككە ېلىپ بارىدۇ

يازغان قايىل قىلارلىق ئىنكاسىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۇم........

layli 2010-09-07 13:53
bardam  نىڭ ئىنكاسى ماڭىمۇ بەك ياقتى .

ibniabbas 2010-09-07 16:13
<<بەردەم>>نىڭ پىكرى ئورۇنلۇق .

tograk001 2010-09-07 16:26
ھاياسىز ياشىغان ھاياتنىڭ نىمە مەنىسى بولسۇن .ئۇنى ھايات دىگۈلى بولمايدۇ .  ھايات  ھايا بىلەن ھايات بولىدۇ .  ھايات   سۈزىنىڭ ئالدىدىمۇ  ھايا  سۈزى بار .

serdax 2010-09-07 17:03
ئىككىلىسى ...كەم بولسا بولمايدۇ   ...

.utkur. 2010-09-07 17:24
ئىنساندىكى ھۆسن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر. ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەتكە ئوخشايدۇ__ (ئىبن سىنا)  

ھايا-نومۇس ئىمانغا دەلىلدۇر،
ھاياسىز ھەر دائىم خار-زەبۇندۇر.
__ (ئابدۇللا ئەۋلانى)

دېمەك،ھايالىق ھايات ھەممىدىن قىممەت.(ئاغزىمدىن كۈپۈك قايناپ سۆزلەپ قالمىغاندىمەن ھە؟؟؟)

.utkur. 2010-09-07 18:01
مېنىڭچە،ئاشپەز تورىدىكى مۇنۇ تىما سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بولالايدۇ....

ھايا قىممەتمۇ ، ھاياتمۇ ؟

تىلىۋۇزۇردا يىرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بىر قىز چىقتى ۋە ئۇسۇلغا چۇشتى . ئۇ ، خۇددى ئوزىنىڭ نازۇك ھەركەتلىرىنى بىزنىڭ تولۇق كورەلمەسلىگىمىزدىن ئەنسىرىگەندەك ، بىز ئۇچۇن «كوڭۇل بۆلگەن»دەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئەركىن تولغۇنىشى خۇددى دادام ئىيتىپ بەرگەن ھېكمەتتىكى شەيتاننىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ھەۋۋا ئانامنى قىزىقتۇرغان ھېلىقى مىۋىدەك كوڭلۇمگە ئازغۇنلۇق شولىسنى تاشلىماقتا ئىدى..........
__ ھۇ، ئۇياتسىز !_ دەپ قويدۇم ئۇكىلىرىمنىڭ ئالدىدا خىجىل بولغاندەك قىلىپ . ئۇلارمۇ ئازراق قىمىرلاپ قويدى.
____ كىيىمىنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ نىمە !؟ ___دىدى كىچىك ئۇكاممۇ كىنايە قىلغاندەك . بىراق تۇرقىمىزدىن ئەندىكىش ئەمەس ، كۆنۈكۈش ، قىزىرىش ئەمەس ، قىزىقىش تېمىپ تۇراتتى . جەزبىدار مۇزىكا ئىقىمىدىن سىرغىپ چىققان بىر تامچە سۇدەك لېغىرلاۋاتقان ، بۇ سىرلىق «تەنگە» تىكىلگەنىدۇق......
توساتتىن تىلىۋۇزۇر ئۆچتى . ھەيرانلىق ، ئەندىكىش ، نارازىلىق چىرايىمىزغا چىقتى . كوزىمىز بىزگە سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرغان دادامغا قادالدى.......
___بالىلىرىم كۆرىدىغان نىمە تاپالمىغان بولساڭلار ، سىلەرگە ھىكايە ئىيتىپ بىرەي .
__ئارقىدىن ياخشى نۇمۇر بېرەتتى ...__دىدىم غۇدۇڭشۇپ .
«ياخشى نۇمۇر» لار تۈگۈمەيدۇ بالام ، ئۇ تۈگسىمۇ ھېچ گەپ ئەمەس ، بېراق بىزدىكى نۇمۇس ، ئىتىقاد ، غۇرۇر، ۋىجدان تۈگىسە بولمايدۇ!
ھەممىمىز دادامنىڭ جانلىق ھەركەتلەر بىلەن ئېيتىدىغان «ئەپسانى چۆچەك»ىگە قۇلاق سالدۇق....
********************************************************
_بېگىم ، مىنى چاقىرىپتىكەنلا ___جەبىر بەگ ھاياسىز قاراشلىرى بىلەن بۇ ياش دېدەكنىڭ باش-ئايىغىنى تىنتىپ چىقتى .
___ھە ، ھىم ...سەن مىنىڭ بۇ قورۇقۇمدا ئوبدان يەپ ، ياخشى كېيىپ چوڭ بولدۇڭ ،رەسىدە بولدۇڭ .......ھى ھى ھى ، ئىسمىڭ نىمىدى سېنىڭ .........
---غەلىبە!
---نىمە دېگەن گۇزەل ..._قېرى خوجايىن ئۇنىڭ بىلىكىدىن «كاپ» قىلىپ تۇتىۋالدىدە ،ئوزىگە تارتتى.
____ماڭا رەھىم قىلسىلا بېگىم ...__ غەلىبە تىپىرلاپ ئوزىنى تارتقانسىرى بەگ شۇنچە تەلۋىلەشتى ...غەلىبەنىڭ كوزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۇشتى. تىنى غەزەپتىن تىترەيتى ....بەگ ئۇنىڭ ئۇستىگە تاشلىناي دەپ تۇرغاندا ،مەيدىسىگە تىرەلگەن پىچاق ئۇنى چوچىتتى.
_ئەبلەخ ، سەن ئانامنىمۇ يەتكىچە خورلىغان ئىدىڭ ،ئەمدى سەنمۇ ئازاپنىڭ تەمىنى تىتىپ قوي !
_____قولۇڭنى تارت پاسكىنا ، كىمگە گەپ قىلغىنىڭنى بىلمەيۋاتامسەن ؟!
___يۇرىكىم سەندەك تەلۋىنى ئەمەس ،ھەممە ئىنساننى تەڭ ياراتقان تەڭرىنىلا تونۇيدۇ!
بەگ ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولىغا ئۇرماقچى بولىۋىدى ،غەلىبە چاققانلىق بىلەن پىچاق ئۇردى ...لېكىن پىچاق بەگنىڭ بىلىكىگە سانجىلغان ئىدى ،ئۇ ، غەلىبەنى زەربە بىلەن تىپىۋەتتى.
قولى تېڭىلغان بەگ كۆپۇپ ۋاقىراۋاتاتتى: ___قارا ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭلىقىغا ،ئۇنى خالايىق ئالدىدا دارغا ئاسىمەن ،چايناپ پۇركىۋەتمىسەم ھىساپ ئەمەس !
_ھەي ، بىگىم ئۇ ، چىشلىرىنى پاسكىنا قىلىشلىرىغا ئەرزىمدۇ !؟
بەگ «قانداق ئامالىڭ بار؟» دىگەندەك غوجىدارغا قارىدى ،غۇجىدار سىرلىق ھېجايدى :
__ئۇنى خالايىق ئالدىدا پۇتۇن كېيىمنى سېلىشقا مەجبۇر قىلسىلىچۇ ؟ !
__نىمە ؟ ئۇنى شۇنداق قىلىدۇ دەمسەن !؟ ئۇنىڭ ھېلىقى كۈندىكى ئەپتىنى كۆرمىدىڭدە !
___كۆرسەم - كۆرمىسەم بەرىبىر بېگىم . خوتۇن خەقنىڭ غەيرىتى قانچىلىك بولماقچىدى ؟! ۋەھشى بۇقا ئالدىدا ئۇ چۇقۇم كىيمىنى سالىدۇ .
_بۇ نمە دېگىنىڭ ؟ ئۇنى بۇقىغا ئۈستۇرمەكچىمۇ ؟
___ياق بىگىم . بۇقا قىزىل رەڭلىك نەرسىگىلا ئۈسىدۇ .ناۋادا ئۇنى قىزىل رەڭلىك كۆينەك كەيگۇزۇپلا بۇقا بىلەن بىر مەيدانغا سالساق، بۇ بىر مەزگىل پادا باققان ، بۇقىنىڭ خۇيىنى بىلىدىغان «باتۇر قىز» ھاياتىنى ساقلاش ئۇچۇن چوقۇم قىزىل كۆڭلىكىنى سېلىپ ، بۇقىنى ئالداشنىڭ كويىغا چۇشىدۇ . دەھشەتلىك ھايات- ماماتلىق پەيتىدە ھەجىبا ئۇ ئۆلۈمنى تاللىۋالارمۇ ؟ !
-دىمەكچىسەنكى ، ئۇ شۇ مەيداندا كۆڭلىكىنى سالمىسا بۇقا ئۈسۈپ ئۆلتۈرىدۇ ، سالسا ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ شۇنداقمۇ ؟ !
_بەرھەق بېگىم . ئەمدى ئۇنىڭ قارشىلىقىنىڭ ،غەيرىتىنىڭ قانداق سۇنىدىغانلىقىنى كۆرسىلە. ئۇ ، خالايىق ئالدىدا ئۆزلىكىدىن يالىڭاچ بولىدۇ دىگەن گەپ .
---ھا ھا ھا ، راستىنلا كاتتا پىلان بوپتۇ . تىز بۇيرۇق قىل ، ئەتە ئەتىگەندە پۇتكۇل خالايىق چوڭ سەيناغا يىغىلسۇن . قۇللارنىڭ بىرىمۇ كەم قالمىسۇن ،ھىم...
ئەتىسى مىڭلىغان كىشى چوڭ سەيناغا يېغىلدى . قىزىقچىلارنىڭ ھەر خىل ھەركەتلىرى ۋە سۆزلىرى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز كىشىلەرنى بولىشىغا كۇلدۇرەتتى . دەل شۇ چاغدا بىر جاكارچى قاتتىق ئاۋازدا توۋلىدى؛
____تىنىچلىنىڭلار خالايىق .ھازىر ئەڭ قىزىق ئويۇن كۆرىسىلەر ،ھازىر بۇ قىز بۇقا ئويناتماقچى ....
خالايىق قىقاس كۆتۇردى ؛
_ئۇ كىم ؟ .....قايسى قىزدۇ ؟
ئىگىز يوغان تۈرۈكلەر بىلەن قويۇق قاشالانغان ،ئورنى پەسرەك خېلى چوڭ سەينا ئىچىدە بىر يوغان ،قارا بۇقا تەلۋىلەرچە چېپىپ يۈرەتتى . قاشا ئىچىگە قىزىل كۆڭلەك كېيگەن قىز تاشلاندى .
__غەلىبە.خالايىق ئۇنى تونىۋالدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەندىشە بىلەن توۋلاشتى ...
غەلىبە ئەتراپىدىكىلەرگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى .. ئاھ ، سويۇملىك بىچارە كىشىلەر .. ئۇ كۆزىگە كەلگەن ياشنى كۈلكە بىلەن توسۇپ قالدى .
بۇقىنىڭ كۆزىگە توساتتىن بىر چوغدەك قىزىل شولا كىردى-دە، كۆزىگە قان قۇيۇلغاندەك بولۇپ مېڭىسىگە تەلۋىلىك ئوتى تۇتاشتى ۋە قىزىل توچكىنى قوغلاپ ئېتىلدى . ھەممە تەۋرەپ كەتتى . غەلىبەمۇ ئۆزىگە يىراقتىن ئېتىلىپ كېلۋاتقان بۇقىغا تىكىلدى . سۈر باسقاندەك تېنى بىلىنەر- بىلىنمەس تىترەيتى . ئۇ ئۇچىسىغا قارىدى، كېنىزەكلەر مەجبۇرى كېيدۈرۈپ قويغان يوتىسىنى ئاران يېپىپ تۇرىدىغان قىزىل كۆڭلەك ئۇنى بۇقىغا تۇتۇپ بېرىدىغىنى ئېنىق ئىدى.
__نىمە قىلىش كېرەك ؟ ئۇ ، قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ،ئۇنىڭ ھاياتنى تاللىشىغا بىرلا يول قالغان ئىدى ..
ئۇ ، لىۋىنى قاتتىق چىشلىدى ، لېۋىدىن سىرغىغان قان ئىڭىكى ئۈستىدە لېغىرلاپ قالدى .
«غەلىبە رەقىبلىرىڭ ئالدىدا باش - كوزۇڭدىن قان تۆكۈلسىمۇ ، كۆزۇڭدىن ياش تۆكۈلمىسۇن، ئوزۇڭنىڭ ....ياق ھەمشىرىلىرىڭنىڭ غۇرىرى ئۈچۈن بۇقىغا ئاتلان !»
ئۇ ، بۇقىغا غەزەپ بىلەن تىكىلدى . ۋە مەزمۇت دەسسەپ تۇردى . ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن قەھىرلىك غەيرەت ئۇرغۇيتتى . ئۇ بىشىغا تاغ يېقىلسىمۇ مۇشۇ ھالەت بىلەن تۇردىغاندەك ئىدى .
__بۇنى ئال غەلىبە !--غەلىبە تولىمۇ تونۇش ئاۋاز چىققان تەرەپكە تەلمۇردى...
___ئازاد!_____غەلىبە يىگىتنىڭ ئىسمىنى توۋلىدىدە چۆرۇپ بەرگەن خەنجەرنى تۇتىۋالدى ۋە خەنجەرگە قاراپ پىچىرلىدى .....بىلىمەن، قاشا ئىچىگە كىرەلىگەن بولساڭ مىنى قۇتقىزار ئىدىڭ ،بىراق بۇ قاشا شۇنداق ئىگىز .... بۇ خەنجىرىڭ ئۇچۇن رەھمەت .
غەلىبە جەڭگە تەييارلاندى ، ئۇ تىز يانغا شۇڭغۇپ شىددەت بىلەن ئېتىلغان بۇقىنىڭ كۆكرىكىگە زەربە بىلەن خەنجەرنى تىقتى ....شۇنداق ئۇ غەلبە قىلدى، قېرى بەگنىڭ كۆكسىگە تىقالمىغان خەنجەرنى ئاخىرى بۇقىنىڭ كۆكرىكىگە تىقالىدى . بۇقا قاتتىق ھۆكىرەپ يەرگە يىقىلدى . غەلىبە رازىمەنلىك بىلەن بىر كۈلدىدە بۇقا ئۇستىگە يىقىلدى .ئۇنىڭ ئوماق چېھرىدە ئاداققى كۈلۈش قېتىپ قالغان ئىدى . ...
كىشىلەر بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىگە چىداپ تۇرالماي ،كالتەك توقماقلىرىنى كۆتۈرۇپ ئىنساپسىز ، رەھىمسىز جەبىر بەگنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى...
**************************************************************************
مىنىڭ ۋە ئۇكىلىرىمنىڭ كۆزىدە بىر ئىللىق پەردە لىغىرلاپ قالغان ئىدى .
____سىلەر ئۆز قىممىتىڭلارنى ۋەھشى بۇقا ئالدىدىمۇ كۆڭلىكىنى قايرىپ قويمىغان قىزدىن سورىماقچىمۇ؟ ياكى زامانىۋى مۇزىكىلاردىن ئىرىپ « مانا بۇ مەن » دەپ تۇردىغان قىزدىن ئىزدىمەكچىمۇ ؟ سىلەر مۇشۇ ئەپتىڭلار بىلەن تارىختىكى شۇ ھەدە سىڭىلىرىڭلارغا يۇز كېلەلەمسىلەر ؟!!....
كوز ئالدىمدىن تارىختىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مەردلەرچە سىماسى بىر - بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى ... مانا تۇمارس ، مەختۇمسىلا ، نۇزۇگۇم ، غەلىبە...... بايىقى تىلىۋۇزۇر ئىكرانىدىكى بېلىقتەك قىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ كىرمەكچى بولىۋىدى ، ۋىجدان سوتۇم ئۇنى سوتلىدى :
سەندە بار قامەت باشقىلاردا يۇقمۇ ؟
__ئەلۋەتتە بار .
_____باشقىلاردا بار ھايا ، ئېتىقاد ، قىزلىق غۇرۇرچۇ ؟ سەندە بارمۇ ؟

http://www.axpaz.cn/bbs/read.php?tid-122.html


(

sakina 2010-09-07 18:15
ئاخىرىقى جاۋاب ئۆتكۈرنىڭ يوللىغان تېمىسىدىن چىقىپتۇ .
<نىلۇپەر ،ئۆتكۈر >سىلەرگە كۆپ رەھمەت ،كۆز ئالدىمىزدا خىرىس قىلىپ تۇرغان ئۇشبۇ سوئالنى بىرەرىمىزمۇ تېخى مۇنچىلىك ئويلىشپ باقمىغان بولغىيتۇق .لىكىن ،جەمئيتىمىزدە ھايا بىلەن ھاياتتىن قايسىسىنى تاللايسەن دىسە ؟ھايانى دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنمەن .
اللاھ قەلەم تەۋرەتكەن قوللىرىڭلارغا دەرد بەرمىسۇن !

arginakun 2010-09-07 18:46
ھەر ئىككىسى مۇھىم

ھايا قىلىشنى بىلدىغانلارغا ھايا ھاياتتىنمۇ مۇھىم.
ھايا قىلىشنى بىلەمەيدىغانلارغا نىسبەتەن ھايات ھەممىدىن مۇھىم.
ـــــــــــــــ
مىسالغا تاپالىسىڭىز شىنجاڭ مەدەنيىتىدە ئىلان قىلىنغا ياسىنجان
سادىقنىڭ ئىككى ئايال دىگەن مىكرۇ ھىكايسىنى ئوقوپ بىقىڭ.
بۇنىڭداـــــــــ
بىر ئايال قىيىن ئانىسىنىڭ قىشىدا ئوسسوروپ سالغانلىقى ئۈچۈن ئىسىلىپ
ئۆزنى ئۆلتۈرۋالىدۇ
يەنە بىر ئايال،ئوغرىنى قوغلاپ مۇنچىدىن قىپيالىڭاچ يۈگۈرۈپ چىقىدۇ.
ۋە كوچىنى بىشىغا كىيىدۇ.نوموس قىلغان ئوغرى ئاخىرى ئوغورلىغان نەرسىسنى
تاشلاپ قىچىپ كىتىدۇ

dilimhux 2010-09-07 19:21
ئاللا بىزگە بەرگەن بۇ ھاياتنى بىزنىڭ حالىعانچە ئاحىرلاشتۇرۇشقا ھىچقانداق ھوقۇقىمىز يوق.
ھايا بولسا، بۇ سۆزنىڭ تەبىرى ئىنتايىن كۆپ ئەگەر بىز ھاياتلا بولساق بىركۇنلەردە ھايانى يوقىتىپ قويعان تەقدىردىمۇ تۆۉە قىلىشقا پۇرسەت بولىدۇ.مىنىڭچە ھەرقانداق كىشىنىڭ ئازىدىعان ۋە يانىدىعان ۋاقتى بولىدۇ ، ئازعانلارنىڭ يىنىشى ئۉچۉن ئەلۋەتتە ھاياتلىق بولىشى كىرەك.ئۆزىمىزگە ياكى باشقىلارعا پۇرسەت بىرىش سەۋەىرچانلىق بىلەن دۇنياعا قاراش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەجبۇرىيىتى.
مەيلى بىز مەيلى ئەتراپىمىزدىكىلەر بولسۇن ھايا دىن ئايرىلعان ۋاقىتتا يەنىلا ھاياتىنى قەدىرلەپ تۆۋە قىلىپ يىڭى بىر ئىنسان بولۇش ۋە ئاللانىڭ مەرھىمىتىگە ئىرىشىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. باشقا مۇسۇلمانلار ئۇ كىشىنىڭ قايتا ھايالىق بولىشىعا ياردەم قىلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرىشى كىرەك. ھايا كەتسە كەلمەيدىعان نەرسە ئەمەس ، لىكىن ھايات كەتسە كەلمەيدۇ.


ھايات ھەممىدىن قىممەت!~!~!~!

tarimjs 2010-09-07 20:51
ئالدى بىلەن سىزدىن سوراپ باقاي: ھايات دېگەن نېمە؟ھايا دېگەنچۇ؟ مۇشۇ  ئىككىسىگە ئۆلچەملىك جاۋاب بېرەلىسىڭىز ھايات قىممەتمۇ ياكى ھايامۇ ئۆزىڭىز ئايرىۋالالايسىز.

fatima 2010-09-07 22:26
مىنىڭ كۆز قارشىممۇ ھايات بىلەن ھايانىڭ ئىككىلىسىلا قىممەتلىك چۈنكى ئىنسان ھاياسىزلىق بىلەن ياشىسا ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندىن نىمە پەرقى؟

umitjan 2010-09-08 15:21
بىرلا ئىغىز گەپ  ئىككىلىسىلا  مۇھىم.

arman03 2011-07-20 11:24
بۇخۇددى «تۇخۇم باشتا پەيدا بولغانمۇ، ياكى تۇخۇمۇ» دېگەندەك سۇئال بوپتۇ. ھايات بولمىسا ھايا بولمايدۇ. ئەمما ھاياسىز ھايات تۇلىمۇ شەرمەندىچىلىك.
ئاۋۋال ھايات ياشاڭ، ئەمما ھايا بىلەن ياشاڭ، ھايادىن چىقىپ كەتسىڭىز ھايۋان بىلەن باراۋەر بۇلىسىز. مۇشۇنداق جاۋاپ بەرسەك بۇلارمىكىن.

adiyat 2011-07-20 11:33
ھايا -ئايالغا نىسبەتەن  ئىپپەتنى كۆرسەتسە ،
ئەرگە نىسبەتەن ۋىجداننى كۆرستشى مۈمكىن.
ئادەمنىڭ قىممىتى مۇشۇ ھايادا.
قىممەتنى ساقلاش بەزى چاغلاردا تەسكە توختايدۇ.
شۇڭا: < بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى كەچۈرگىن ! ، ئىلگىركى ئۈممەتلەرنى سىنىغاندەك ئېغىر سىناقلاردىن بىزنى خالاس قىلغىن!> دەپ دۇئا قىلىشىمىز مۈمكىن.

apirida 2011-07-20 11:40
ھاياتلىق  ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم، ھاياتنىڭ  قىممىتى ھايادا .
ئاللانىڭ  ئىنسانلانى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا  ئولۈمنى تاللىماي ھايات قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا ئۈندىشى، شۇنداقلا ئىپپەتنى ،ئار نومۇسنى دەپ ئوزىنى ئولتۇرىۋالغۇچىلانى  قۇبۇل كومەسلىكىنىڭ سەۋەبى ، ھاياتلىقنىڭ بىز ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ئىكەنلىگىنى كورسىتىدۇ... لېكىن بۇ دىگەنلىك ھاياسىز ياشا دىگەنلىك ئەمەس.  چۈنكى ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدۇر.
بىر ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا يارىتىلىشىدىكى  ئەڭ ئەقەللى تەلەپ ھاياتلىقنى قەدىرلىگەن ئاساستا ھايا بىلەن ياشاش.

维族boy 2011-07-24 03:14
مەنچە ھايات بىر يول بويىدىكى دەرەخقە ئوخشايدۇ! ھايا  ئۇنى ياشنىتىپ تۇر دىغان كاپالەت!
بۇ كاپالەت بولمىسىمۇ بۇ دەرەخ دەرەخ بولىۋىرىدۇ  ، لىكىن ھەقىقى دەرەخ بولالماي قالىدۇ !

qogluktvmvri 2011-07-24 13:13
"ئۆتكۈر"نىڭ جاۋابىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم ، ئاللا قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ..........

javir 2011-07-24 13:43
يالىڭاچلىق گۈزەللىكنىڭ خاتىمىسى .ئەخلاق ،ھايا ،ئادىمىيلىك .......دىگەندەك ئىنسانى پەزىلەتتىن ھىچ نەرسە قالمىغان ئادەم ئاخىرى  يالىڭاچلىقىنى  دوغا تىكىدۇ .

nursima 2011-07-24 17:30
ھايا-ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر،ھايا -نۇمۇس بولمىغان كىشىدە ئمان بولمايدۇ،ئىمانسز ئادەمنىڭ كۇپپاردىن نىمە پەرقى؟!!!
نۇزۇگۇم روھىنىڭ بىزگىچە يىتىپ كىلەلىشىدىكى سەۋەپ نىمە؟دەل ئاشۇ ئۆزپاكلىقى،ئۆزئپپىتى،ھايا -نۇمۇس ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلالىغانلىقى ئەمەسمۇ؟!
مەنچە ھايا ھەممىدىن مۇھىم!!!!!!!!!!!!!!!!

koygandengiz 2011-07-24 17:49
     مېنىڭ كۆز قارىشىمچە ھەرگىزمۇ " ھايات " بىلەن "ھايا "قانداقتۇر بىللە تۇرغۇزۈلۈپ سېلىشتۇرىلىدىغان ئۇقۇملار ئەمەس . چۈنكى ئالدى بىلەن ياشاشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن يەنى ھايات ياشىغۇچىلار قاتارىدا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن" ھايا "توغرىسىدا سۆز ئاچالايسىز . بۇ نۇقتىدا ئەلۋەتتە ھايات مۇھىم . بۇنداق دىسەم يەنە نۇزۇگۇمغا ئوخشاش قىزلىرىمىزنى مىسالغا ئېلىپ مېنى تىللاپ كەتمەڭلار ........ئەلۋەتتە ، نۇزۇگۈمغا ئوخشاش قىزلىرىمىزمۇ ئۆتكەن ،ئەمما ئالدى بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا  قىممەتلىك ياشاش پۇرسىتىنى بەرگەنلىگى ئۈچۈن تىللاردا داستان بولغۇدەك ھاياسىنى نامايەن قىلالىغان . ياراتقۇچى بەخش ئەتكەن ھاياتسىز ھايادىن سۆز ئاچالامسىز ؟!

tabaccum 2011-07-24 20:42
مەن،ئۈچۈن،ھەر،ئىككىلىسى،بەك،مۇھىم

tabaccum 2011-07-24 21:36
ھەر،ئىككىلىسى،مۇھىم   

xamxar901 2011-08-10 17:33
ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى،ھايانى  ئاپىرىدە قىلدۇ.

ardixir 2011-08-14 19:12
ھايات بولغاندا ھايا قىلىش  بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە ، ھاياتتا ھايا بىلەن ياشاش ھەممىدىن قىممەتلىك...

nijatkurban 2011-08-15 15:32
ئادەم زاڭلىق قىلىۋاتامسىلە ياكى بىرەر نەرسەڭلار يوقاپ كەتتىمۇ ؟ ئۆزەڭلىنى كىم چاغلاۋاتىسىلە؟

vmvtwar 2011-08-15 16:31
مېنىڭ نەزىرىمدە ھايات ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئۇنى بىزنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىمىز يوق ئەمما ئاللاھ بىزگە ھايانى تاللاش ئىمكانىيىتى قالدۇرغان شۇڭا مەن ئويلايمەن بىز ئۈچۈن ھايا قىممەت.

izdanguchi 2011-08-15 23:41
زادى بىرسىنى قىممەت  دىيىش شەرتمۇ ؟    

harakux 2011-08-15 23:48
نۇزۇگۇمنى بىلمەيدىغانلار بۇ توغۇرلۇق كۆپ تالاشماڭلار!
      قۇپاللىقىمنى كەچۈرۈڭلار!     

ruslan211 2011-09-07 13:04
نان مۇھىممۇ سۇمۇ  دېگەندەك گەپ بوپتۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇش كېتەمدۇ  ؟ياكى سىزنىڭ ئىدىيەڭىز كاللىڭىز  بۇ ئىككىلىسى پاتمۇغۇدەك تار ئەمەستۇ ؟ئىككىلىسى مۇھىم دەپ چۈشەنسىڭىز بىرسى سىزنى خاپلامدۇ؟

rizwangul 2011-09-07 13:15
مىنىڭچە ئىككىلىسى قىممەتلىك ھايات بولغاندىلا ھايا بولىدۇ
تىمىىڭىزغا رەھمەت

kiccuri 2011-09-07 15:19
ئىككىسىنى تارازىغا سالسام بىر <ت> ئارتۇق چىقتى ، مۇشۇ قىممەتمۇ نىمە ؟
چاخچاخ

ئىككىلىسى ئىنسان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، لىكىن ئىككى ئۇقۇم .
يولدا پىيادە مېڭىش بىلەن ماشىنا بىلەن مېڭىش بىر ئىش ، لىكىن يولدا تۇرۇپ قەھۋە ئىچىش باشقا مەسىلە .
سۇئالنى چوقۇم خاتا سوراپ قويدىڭىز دەپ قارايمەن .

ھايا بىلەن بىلىم ، تۇغۇلۇش بىلەن بۇغۇلۇش ...قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغۇ دەيمەن .
مەن چە ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ .

kiccuri 2011-09-07 15:20
ھەجەپ ئىنكاس بوپتۇ ، بىچارە ئاپتور . ئوقۇتقۇچىسى قاتتىق تەربىيە قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىنى ئەسلەتتىڭىز...   

gheril 2011-09-07 15:22
ئېتىزلىق موھىممۇ ياكى زىرائەتمۇ  دىگەندەك سۇئال بوپتىغۇ بۇ.

gulbarxekar 2011-09-07 15:51
بىر مۇسۇلمان بەندە ئۈچۈن ھايا بىلەن ياشىغان ھايات ئەڭ ئەڭ قىممەتلىك

hayrana 2011-09-25 16:56
بۇ ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنچە تالاش تارتىش قىلىش زۆرۈيتى يوق مەسىلە ، چۈنكى ھايا ھاياتنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىگە سڭگەندىلا ھايات گۈزەل بولىدۇ ، بىراق ھازىرقى جەمئىيەتكە نىسبەتەت بۇ مۇلاھزە قىلىش قىممىتى بار تىما دەپ قارايمەن .     مەنچە ھايادىن ئايرىلغان ھايات ئۆلۈلگەنگە باراۋەر . تىمىڭىزغا رەھمەت !

sanhun 2011-09-25 17:36
ھايا ئىمان جۈملىسدىن دۇر،ھاياسى بولمىغان ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ھايۋاننىڭ ھاياتىدىن پەرقى يوق.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھايات قىممەتمۇ، ھايامۇ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.045329 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us