رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سايماخۇننىڭ سەرسانە سىرلىرى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> سايماخۇننىڭ سەرسانە سىرلىرى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

saymahun 2010-09-05 16:25

سايماخۇننىڭ سەرسانە سىرلىرى


كەمىنە سايىماخۇندىن ئەلكۈيىدىكى بارلىق ئەر- ئايال ، خانىم -ئەپەندىلەرگە، قېرى -ياش ،ئورۇق -سېمىز ، توڭ -پىششىق ، تونۇش -خام ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سېغىنىشلىق سالام !
كەمىنە سايىماخۇننى بەلكىم سىلەر بىلىشمەيسىلەر. مەن مۇشۇ مۇختەرباينىڭ چوڭ شاگىرتى بىچارە «سايىماخۇن» دېگەن گۇي مەن شۇ ...ئەمدى ئۇزۇن لەغمەندەك گەپنى چورتلا قىسقارتىپ مەنپەردەك كىسىپلا ياكى چۆچۈرىدەك تۈگۈپلا مۇشتەكلا گەپ قىلسام ، بىر قانچە يىل بوپتۇ مۇشۇ بايغا ئەگەشكىلى ...باينىڭ شۇنچە جىق كارامەتلىرى ماڭىمۇ يۇققان بولسىمۇ لېكىن ، تۈڭلۈك بېشىدىكى كارامەتلىرىنى ئىللا -بىللا ئۈگۈنەلمىدىم...سەۋەبى مەن خوتۇندىن قورقىمەن...ئىلگىرى بۇ دەرتلىرىمنى ئاڭلايدىغانغا، بېشىمنى سىلايدىغانغا ئۇستازىم مۇختەرباي، مۇنۇ چىشى يەكسا دىدار چوكان باشلىق بىرمۇنچە مۇڭداشچىلىرىم بار ئىدى...بۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا «تەۋەرۈك تۇماق» شىركىتى دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر شىركەت قۇرۇپ چىقىپ كېتىپ...مۇنۇ «ئۇستازىم» كالا تېزىكىدىن پوم ياسايدىغانغا خوتۇن ئىزلەپ ئالدىراش، دىدارخان ئىنەك سېغىپ ئالدىراش...شۇڭا بۈگۈن ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى بىر بايان قىلىۋالمىسام ئۆزەم بىلەن قوشۇلۇپ پارتلاپ، ناھەقلا كېتىدىغان ئوخشايمەن. شۇڭا ھەرقايسىڭلار قولۇڭلاردىكى ئىشنى تاشلاپ ماياققا قاراپ، مەن بىچارە سايىماخۇننىڭ دەردىگە يېتىپ قويۇشقان بولساڭلار...باشقا ئارمانلىرىم يوق...پېقىر نازۇك كۆڭلىمنى بايان ئەيلىسەم مەن مۇشۇ دۇنياغا پەقەت دەرت ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئوخشايمەن. بالىلىق -پادىشالىق دەپ ئىشتاننىڭ ئېغى ئۇچۇق ئوينىغان شۇ چاغلار ئەركىن ئازات زامانەم ئوخشايدۇ. قاچان تۇرمۇشلۇق بولدۇم، شۇ چاغدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەسرەتتە مەن. كەمىنە سايىماخۇننىڭ ئائىلىسىدە جەمى تۆت كىشى بولۇپ، ئۈچ ئەر بىر ئايالدىن تەركىپ تاپقان. سىرتتىن قارىماققا مۇنداقلا ئاددى ئائىلىگە ئوخشايدۇ. ئەمما «ئىسنىڭ ئاچچىقىنى تۇرخۇن بىلىدۇ»  دەپ بۇ ئائىلىنىڭ قانداقلىقىنى پېقىردىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ ...
سىياسى جەھەتتە بىز نەقلا «تۆت كىشلىك گورۇھ». بىزنىڭ بىردىن بىر ئايالىمىز «جاڭچىڭ» نىڭ قانداق يامانلىقىنى پۈتۈن مەملىكەن خەلقى بىلىدۇ. يولدىشىنى قارىتىپ قويۇپ، شۇنداق يوغان بىر مەملىكەتنى بىر باشمالتىقى بىلەن قانداق ۋەيران قىلىۋەتتى؟ بىزنىڭ «جاڭچىڭ»، «مالىيە مىنىستىرى »، «باش شۇجى»، «ئائىلە باشلىقى» مىزمۇ شۇنداق يامان ... بەك قورقىمەن جۇمۇ، يۈرەك كېسىلىمۇ بوپ بولدۇم مۇشۇ كۈنلەردە ...
سىزمۇ ماڭا ئوخشاش كورت يەنى دۇدىجۇ ئويناسىز ھە؟ بىز ئۈچ ئەر بىر ئايال نەق «سەندەي يى». دۇدىجۇدا ئوخشاش ئۈچ قەرتنى تاشلاشتا، خالىسىڭىز ئارتۇق بولغان بىر دەنپەي قەغەزنى قېتىپ «سەندەي يى» قىلىپ ياكى ئارتۇق جۈپ قەغەزنى قوشۇپ «سەندەي ئەر» قىلىپ تاشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ . خالىمىسىڭىز ھىچقانداق قەغەز قاتماي ئۈچ قەغەزنىڭ ئۆزىنىلا «سەندەي» قىلىپمۇ تاشلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ... دىمەكچى بۇ يەردە «سەندەي» ئەڭ مۇھىم، قوشۇمچىسى «يى» بولامدۇ ياكى «ئەر» بولامدۇ بۇنىڭ ھىچقانداق قىممىتى يوق. ئەممازە ئەمىلى تۇرمۇشتىكى بۇنداق ئۇلۇغ ئوبىكتىپ ھەقىقەت مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا كەلگەندە ئاستىن -ئۈستۈن بولۇپ ناھەقلا بىر سەپسەتە بولۇپ كەتتى دەيمەن... قارىمامسىز، بىزنىڭ ئۈچ ئەر «سەندەي» نىڭ قىلچىمۇ نوپۇزىمىز يوق، ئەكسىچە ئاۋۇ بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان يەككە قەغەز «يى» نىڭ ۋۇزېتىئەندەك دەھشەتلىكىنى !بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ھىلىمۇ خۇدا ساقلاپ بىر تەنھا «يى» بولۇپ قاپتىكەن، ئەگەر ئىككى ئايال بولۇپ «ئەر» نى ئېلىپ قالغان بولسام «ئۆلە» سايىماخۇن!
دىسەم ئىشەنمەيسىلەر، ئۆيگە قاچان قايتىمەن، قايسى يول بىلەن قايتىمەن... ئايالىم خەرىتە سىزىپ بېرىدۇ، شۇ لېنىيە بويىچە ماڭىمەن. ئۆيگە كىرىپ چاپاننى قەيەرگە ئىلىمەن ، ئايالىم قوزۇق قېقىپ بېرىدۇ ، شۇ يەرگە ئىلىمەن . ئاياقنى قەيەرگە سېلىپ تۇمشىقىنى شەرققە قارىتىمەنمۇ غەرپكىمۇ ؟ ئايالىم قوشۇ بەلگىسى سالغان يۆلىنىشكە توغۇرلاپ سالىمەن. ئاندىن تاماققا جوزىغا ئولتۇرغاندا ئىسمىمىز يېزىلغان نۇمۇر تەرتىپى بويىچە ئولتۇرىمىز ھەم بەلگىلەنگەن نورما بويىچە تاماق يەيمىز... ئەقەللىسى يولدا ماڭغاندىمۇ ئايالىم رۇخسەت قىلسا مۈرەمنى لىكىلدىتىپ، نايناقشىپ، بولمىسا قاپىغىنى تۈرسە لىكىلداتماي سوكۇلداپ ماڭىمەن... ھەتتاكى دىسەم ھازىرمۇ قان - قان يىغلايمەن ئۆزەمنى تۇتالماي...ھاجەتخانىدىمۇ قانچىلىك ئولتۇرىمەن بۇنىمۇ بەلگىلەپ بېرىدۇ... ناۋادا ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ قالسام بولدى، ئاۋال سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى سېنى ئويغىتىپ، ئارقىدىن گۈلدۈرمامىدەك ئىشىكنى ئۇرغان ئاۋاز قۇلاقنى يېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئايالىمنىڭ غەزەپلىك ئاۋازى ئىشىكنى ئۆرۈپ كىرىدۇ:
-چىقىڭە ۋۇي ئۆينى سېسىتىپ، بىكارلىق دىسە ئولتۇرىۋېرەمدىكىنە قېرى خىتتايدەك گېزىت كۆرۈپ !
بۇنداق ۋاقىتتا ئامال يوق قالغىنىنى كەينىگە ياندۇرۇپ، ئىشتاننى كۆتۈرمەي، جەڭ بولىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئايرىلىدىغان گەپ.
تاماققىغۇ گەپ كەتمەيدۇ. بەرگەن تاماقنى ئارتۇق گەپ قىلماي باشنى تىقىپ يەيدىغان گەپ. ناۋادا يۈرەكنى توم قىلىپ :
-بۈگۈن تاماق سەل ئوخشىماي قاپتىغۇ، - دەپ قويساڭ پۈتتى، -ئەتكەنگە خوش بولە، يارىمىغان بولسا ئۆزەڭ ئېتىپ يە، -دەيدۇ-دە، ئالدىڭدىكى تامىقىڭنى تارتىپ ئالىدۇ ... شۇنىڭ بىلەن بىر كۈن كەچ قورسىقىڭنىڭ دۇمباق چالغىنىنى ئاڭلاپ ياتىسەن ...

بۇنىڭدىن مۇقەددەم بىر يىل ئىلگىرى بىر نامەلۇملۇق ۋاقىتتا نىمە يىگىنىم ئېسىمدە يوق، بىر كەچلىك تاماق ۋاختى ئىدى. توساتتىن ئايالىم دەپ قالدى :
-ھەي قاراڭ، مەكتەپ مېنىي ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدىكە ، قانداق قىلسام بولار؟ بارايمۇ-بارمايمۇ؟
بىلمەيمەن، شۇ چاغدا كۆزۈمگە مۆللىدەلىققىدە ياش كەپتۇ. يا ئاللا خۇدا! مېنىڭمۇ دەردىمگە يېتىدىغان كۈنىڭ بولىدىكەن ھە؟ مەن بىچارە سايماخۇننىڭ توققۇز يىللىق ئاھانەتلىك تۇرمۇشىغا ئىچىڭ ئاغرىپ، ئاخىرى مېنى ئىككى يىل ئارامخۇدا ياشىۋالسۇنا دەپسەن-دە ...يا رەببىم !!!
-نەدە ئوقۇيدىكەنسەن؟ -ئىچىمدىكى يانار تاغدەك پارتلاپ چىقىشقا ئاز قالغان خوشاللىقىمنى، مۇنۇ خانتەڭرىدەك بۈيۈك تاغ بىلەن مۇزدەك باستۇرۇپ، ھىچنىمە بولمىغاندەك سورۇدۇم...ئىچىمدە بولسا بېيجىڭ بولسىتتى ، ئەگەر لوندون ياكى پارىژ ھەم ياكى ۋاشىنگوتون بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىدى. تەتىلدە كېلەلمەيدۇ ئۇمۇ بايرام ماڭا !
-ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىكەنمەن، ئىككى بالا بىلەن قىينىلىپ قالارسىزمۇ؟ بارماڭ دىسىڭىز بارمايمەن بولدى، -ئايالىم شۇنداق دىگىنىچە ماڭا تىكىلدى.
يۈرىگىم قارت قىلدى. ياق ئۇ كېتىشى كېرەك، ئىككى يىل بولسىمۇ كوتۇلداشتىن ئامان قېلىشىم كېرەك... ئۇ كېتىدىغان، مەن ئارام ئالىدىغان ئىش بولسا ھىلىغۇ ئىككى بالا ئىكەن، بىر سىنىپتىكى 40 بالا بولسىمۇ باقمامدىغان. خىراجەتنى ئۆزۈم بولساممۇ بېرىپ يولغا سالارمەن ...
-بار ئوقۇپ كەل، بۇ بىر پۇرسەت ئىكەن، ئۆتۈپ كېتىدۇ ئىككى يىل دىگەن. خاتىرجەم بول !
شۇنچە ئاسانلا قوشۇلغىنىمغا ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭ -تاڭ قالغان ئايالىمنى مەن زورلاپ يۈرۈپ تەييارلىقىنى قىلدۇرۇپ، يۈك -تاقلىرىنى خۇشال -خوراملىق بىلەن بىكەتكە ئاپىرىشىپ بېرىپ ، يېنىۋالمىسۇن دەپ ماشىنىنىڭ ئىچىگە پۈرلەپ تىقىپ دىگەندەك ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىۋەتتىم ..
يولدا قايتىپ كېلىۋاتىمەن، شۇنچىلىك خوشالمەن...توۋۋا بۈگۈن مۇنۇ قۇياش نىمە دىگەن ئىللىق -ھە! بۇرۇن ئەجەپ بىر بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ باقماپتىمەننا؟ يولدىكى ھەر بىر كىشى كۆزۈمگە شۇنچىلىك ئىللىق كۆرۈندىكى تونىغان-تونىمىغانغا قارىماي ئاپپاق چىشلىرىمنى كۆرسىتىپ ھىجاراپ قىلمىغىنىم قالماپتۇ. ھەتتاكى بۇرۇن ئۇرۇشۇپ سوقۇشۇپ پېتىشماي، كۆرسەم كۆزۈمگە بەئەينى چوشقىدەكلا كۆرىنىدىغان سېمىز خەنزۇ ئايال خوشناممۇ بۈگۈن كۆزۈمگە بۆلەكچىلا، شۇنداق بىر زىلۋا، چىرايلىق چىۋىندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى ...
ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ : "بۇ يەرنىڭ سەھەرى جىمجىت" تەك جىمجىت بولۇپ كەتكەن ئۆيگە قاراپ بۇرنۇم ئېچىشىپ، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كەتتى...بۇ ئۆي ئەمدى ھەقىقى تۈردە مېنىڭ بولدى. ئەمدى ياشا سايماخۇن! ئەمدى باھار سېنىڭ، سەن قايسى بىر كىتاپتا كۆرگەن "چوشقىلارغا بايرام"بولغاندەك، ئەمدى ساڭىمۇ بايرام! بۇ بايرامنى قانداق ئۆتكۈزسەڭ بولار؟ ئەمدى سەن خالىغان ۋاقىتتا ئۆيۈڭگە كېلەلەيسەن، تاماق پىشتى ئۆيگە كەل دەپ ۋاقىرايدىغان باشلىق يوق. ئۆيۈڭنىڭ خالىغان يېرىدە، ئۆزەڭ خالىغان شەكىلدە ئېغىناپ ياتىسەن...ئوڭدا ياتامسەن، دۈمدە ياتامسەن، قازاقچە ياتامسەن، قىرغىزچىسىغىمۇ.. ئۆزەڭنىڭ ئىشى. مېنى دېسەڭ كىشنەپمۇ يات! ئەڭ مۇھىمى توي قىلىپ ئەزەلدىن تۇتۇپ باقمىغان، ئەمدىلىكتە قولۇڭغا چۈشكەن مائاش كارتاڭدىن پۇل چىقىرىپ خەجلەشنى ئۈگەن. ئەمدى بۇرۇنقىدەك مائاش ئالغان كۈنى خوتۇنغا بېرىدىغان چوڭ پۇلنى چوڭ يانچۇققا، ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپ ئۆزەم خەجلەيدىغان كىچىك پۇلنى ئۇ بىلمەيدىغان ئوغرى يانچۇققا تىقىشتۇرۇپ يۈرىدىغان ئىشلارمۇ يوق.. توختا، ئەتە تونۇش بىلىشلەردىن سوراپ ئاپتۇر، بانكىدىن قانداق پۇل چىقىرىدۇ؟ شۇنى ئۈگۈنىش كېرەك. يەنىچۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ئەركىنلىك بولدى-دە. ئەمدى ئەل -ئاغىنە تېلىفۇن قىلىپ كەچتە ئولتۇرىلى دىسە، بۇرۇنقىدەك ئايالنىڭ چىرايىغا قاراپ، خوشامەت قىلىدىغان ئىش يوق. ھەقىقى ئەركەكتەك ئولتۇرىدىغان گەپ، تېلىفۇننىمۇ خاتىرجەم ئوچۇق قويۇپ...يەنىچۇ؟ نىمە ئىش قىلسام بولار؟ ھە راست مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇشۇ كەمگىچە دىدارلىشالمىغان ساۋاقداشلار بار ئىدى، بۇرۇن ھەم رۇخسەت ھەم پۇل يوق ئىدى. مانا ئەمدى بولدى، شۇلارنى كۆرۈپ، ئايلىنىپ ئويناش كېرەك، ئوينىغاندىمۇ قانغىچە ئويناش كېرەك!~!

شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بايرام كۈنلىرىم باشلاندى. ئەمما نىمىشقىدۇر بايرامدەك بولمايۋاتاتتى.. ھەر كۈنى ئەتىگەن چوڭىمىز 36ياش، ئوتتۇرانچىسى 8ياش، كىچىگى 4ياش ئۈچ ئەر ئورنىمىزدىن تۇراتتۇق ھەم چاي ئىچەتتۇق...گەپ قىلماڭ، بۇ ئىككىسىگە بىر چىنە چاينى ئىچكۈزگىچە نەق بىر سائەت جەڭ قىلاتتىم. ئۇلار ئىچمەيتتى، چاي بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ دەپ چاينى تۆكۈپ سالاتتى ياكى ناننى يىمەيتتى. بەزىدە ئىككىسى ئۇرۇشۇپ كېتەتتى...شۇ بالا -قازالار بىلەن بىلەن چاي ئىچكەن بولاتتۇق-تە ئۆيدىن چىقاتتۇق. بىر ۋېلىسىپىتىم بار 28نومۇرلۇق، كىچىگىنى كەينى ئورۇندۇققا، چوڭىنى ئالدى رامغا، ئۆزەمنى ئوتتۇردىكى ئىگەرگە جايلاپ، شىنجاڭ سېرىكچىلىرىدەك يامىشىپ ئولتۇرۇپ مىنىپ ئۇلارنى مەكتەپكە ھەم يەسلىگە پوچتا يوللانمىسىنى تاشلىغاندەك تاشلاپ، ئاخىرىدا ئۆزەمنى ئىشخانامغا تاشلايتتىم. چۈشتە ھەم كەچتە يەنە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ پوچتا يوللانمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئاشخانىغا باراتتۇق. ئەسلى جىدەل مۇشۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئىككى ئوغلۇم ئاشخانىغا كىرىپ بىرسى كاۋاپ دىسە، بىرسى مانتا، بىرسى سامسا دىسە، بىرسى لەغمەن، بىرسى چۆچۈرە دىسە، يەنە بىرسى پولو، دەپ غەلۋە قىلاتتى، ئۇلارنىڭ جىدىلىنى بېسىقتۇرۇپ، بۈيۈك ئىدىيىسى بىلەن ئۇلۇغ تامىقىنى بىرلىككە كەلتۇرگىچە ، تاماق تىزىملىغىلى كەلگەن كۈتكۈچى قىز كېتىپ بولاتتى . ئەڭ يامىنى بۇ ئەمەس تېخى ...تاماق بەك قىممەت بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئەشۇ تۆت ياشلىق كىچىك ئوغلۇم يەيدىغان كىچىك ئاش دىگىنىمۇ ، ئازلىغىدىن چىنىنىڭ ئىچىدە لەغمەن پىر -پىر قىلىپ قاينامدەك پىقىرايدىغان ھالىغا باقماي بەش يۇئەن ئىدى . بىر ۋاقلىق تامىقىمىز ئۈچىمىزنىڭ نەق 20يۇئەن بولىدىكەن . ئۇن -ماي شۇنچە ئۆسكەن بارمۇ ؟ بەزىدە پۇلنى تۆلەۋېتىپ چىدىماي "ئۇن -ماينى بۇنداق ئۆتۈرگىچە ، جىجىننى مۇشۇنداق ئۆستۈرسىچۇ ؟ " دەپ كېتىمەن ...
كەچتە ئۆيگە بېرىپ ئاندىن ئورۇن سالىمەن ، مېنىڭ ئورنۇم قايسى بولغىيتتى ؟ چوڭ بالامنىڭچۇ ؟ كىچىك بالام قايسىسىدا ياتار بولغىيتتى ؟ ئۇلارنىڭ يوتقان-كۆرپىسىنى ئۈچ كۈنگىچە تاپالماي يۈردۈم . باللىرىم بۇ مېنىڭ ئەمەس ، ئاۋۇ مېنىڭ دەپ بىر -بىرسىنىڭ يوتقان -كۆرپىسىنى بۇلايتتى . دىگەن بىلەن بىر ھەپتىدىن كىيىن مۈلكىمىز ئېنىق بولدى .
مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتتى، ئاشخانىدىكى تاماق چىقىمىغا ئەسلا چىدىمىدىم. شۇ چاغدىلا ئايالىمنىڭ بىر ئۆينىڭ خىراجىتى قانچىلىك سىز بۇنى بىلمەيسىز، بىر ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن تاماق ئېتىپ ئىس چىقىرىش ئاسان ئەمەس دىگىنى يادىمغا كېلىپ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن سەي بازىرىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئېرىنمەي ، بىر باش پىياز ئۈچۈن باھا تالىشىپ سەيچى خوتۇنلار بىلەن سوقۇشقاق خورازدەك سوقۇشۇپ چىقىدىغىنىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم .
توختا مەنمۇ ئۆيدە ئاش ئېتەيچۇ شۇ پۇلنى خەققە بەرگۇچە ، مەن يا ھەسەن باينىڭ نەۋرىسى بولمىسام ، شۇ ئىرادە بىلەن بىر كۈنى كەچ ئوچاققا قازان ئېسىپ ، سىڭلىمغا تېلىفۇن قىلىپ ، نەق مەيداندا گاڭپەن ئەتمەكچى بولدۇم . ئۆمرۈمدە قازان بېشىغا ئۆتۈپ باقمىغان ، چۆمۈش دىسە ساپلىق ئەكىلىدىغان ئاكىسىنىڭ تاماق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ سىڭلىم قورسىقىنى تۇتقىنىچە تولا كۈلۈپ ، نەق يېرىم سائەتتە تاماق رېستىپىنى ئاران دەپ بېرەلىدى ...
خۇداغا شۈكرى سايماخۇننىڭ ئەل ئۆمرىدىكى بىرىنچى تامىقى ئاخىرقى ھىساپتا پىشقان بولدى ، تۇنجى قاچىسىنى تاماققا تەلمۈرۈپ ، قوشۇقىنى يالاپ ، جوزىدا ئاللاقاچان تەق بولۇپ ئولتۇرغان جەڭگىۋار ئىككى ئوغلۇمغا ئۇسۇپ بېرىپ ، چەكسىز مەمنۇنلۇق ئىچىدە "ئايالىم بولمىسىمۇ تاماق ئېتەلەيدىكەنمەنغۇ ؟ "دىگەن خىيال بىلەن ئۆزەمگە تاماق ئۇسىۋاتاتتىم ، بىر چاغدا توساتتىن كىچىك ئوغلۇم ئۆڭسىلى يوق ھالەتتە ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ماڭا جىددى ھالەتتە دوكلات قىلدى :
-دادا سەن ئەتكەن تاماق يا ئاپام ئەتكەن تاماققا، يا ئاشخانا تامىقىغا ئوخشىمايدىغۇ ؟ ئەجەپلام ، ئاكام ئىككىمىز پەقەتلا يىيەلمىدۇق ...
-نىمە دەيدۇ ما گۇيلار ؟ نەدە قانداق بوپتۇ ؟ -مەن ئاچچىقلانغىنىمچە ئۆزەمنىڭ قاچىسىدىكى گاڭپەندىن بىر قوشۇقنى ئاغزىمغا سالدىم ، سالدىميۇ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بەتتاملىقىدىن شۇ زامات پۈركىۋېتەي دىسەم ، ئالدىمدا ئىككى بالام چەكچىيىپ تۇرغاچقا ئامالسىز يۇتىۋەتتىم . يىمەي دىسەم ئۆزۈم ئەتكەن تاماق ، يەي دىسەم ئۆمرۈمدە مەن يەپ باقمىغان ، شۇنداقلا باشقىلارمۇ يەپ باقمىغان بىر تاماق ، بەلكىم بۇ تاماقنى يەر شارىدا بىرەرسى ئېتىمەن دەپمۇ ئېتەلمەسلىكى مۈمكىن ئىدى.
ئامالسىز شۇ بىر قاچا ئاشنى باللىرىمنىڭ ئالدىدا ئەلەم بىلەن تەتۈر كۆشەپ تۇرۇپ يەۋاتىمەن ، ئىككى كۆزۈمدىن تارام -تارام ياش تۆكىلىۋاتىدۇ ... بۇ ئىسسىق كۆز يېشىمنىڭ ئەلەم كۆز يېشىمۇ ياكى بەتتام تاماق تەمىگە چىدىماي تۆۆىلىۋاتقان ئاچچىق كۆز ياشمۇ ئۆزەممۇ بىلمەي قالدىم . ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى مېنىڭ ئىككى بالام شۇ چاغدا شۇنداق ئېغىزغا ئالغۇسىز تاماقنى چىداپ يەۋەتكەن دادىسىنىڭ قەيسەر روھىغا ئاپىرىن ئېيتقىنى چىن ئىدى .
بىچارە ئىككى بالام ئۇ تاماقنى ئەسلا يىگىلى ئۇنىماي قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچىشتى ... ئۇلارنىڭ قۇرۇق نان غاجىلاۋاتقان شۇ تۇرقىغا قاراپ ، بىز ئىنسانلارنىڭمۇ ئەسلىدە بىر غاجىلىغۇچىلار تۈرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ يەتتىم . شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم شۇنداق نىدا قىلدىم :

ئاھ ! ئۇلارنىڭ ئاپىسى...
ئەمدىكى مەسىلە بۇ بىر قاچا تاماقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟ ھىلىمۇ پوپاڭلىق قىلىپ بۇ تاماقنى ئايالىم بار چاغدا ئېتىپ سالماپتىمەن . بولمىسا ئۇ بۇنچە گۈرۈچ ، بۇنچە سەي ھەم ەۆشنىڭ قاراپ تۇرۇپ ، مۇشۇنداقلا ئىسراپ بولغىنىنى كۆرسە جەزمەن مەن ئاڭلاپ باقمىغان ، ھەم جىنىس دۇنيا رىكورتىغىمۇ كىرگۈزۈلۈپ باقمىغان بىر ۋەھشى جازا بىلەن مېنى قاتتىق جازالاپ ، تۇغۇلغانغا تويغىزىۋەتكەن بولاتتى . تۆكۈشكە قەتئى بولمايدۇ ، ئۇۋال -ساۋابى بار ... شۇ چاغ خوشنامنىڭ بېقىۋاتقان ئىتى بارلىقى ئېسىمگە كەلدى-دە ، ھەممە تاماقنى بىر چوڭ سۇلىئاۋغا ئوراپ ، شۇ كەچتىلا ئەچىقىپ بەردىم . خوشنام قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى . كۈندە قۇرۇق كېپەك ئىچىپ يۈرگەن ئىتنىڭ ئاپپاق گۈرۈچ ، ياپ -يېشىل سەي ، مايلىق گەشنى كۆرۈپ ماڭا قۇيرۇق شىپپاڭشىتقان چاغدىكى خوشاللىقى خۇددى ماڭا "بۇندىن كېيىن داۋاملىق ماڭا مۇشۇنداق تاماق ئەكىرىپ ، خوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزۈپ تۇرساڭ ، ساڭا ھەرگىز بۇرۇنقىدەك قاۋىمايمەن "دىگەندەك تۇيۇلىۋاتاتتى . ئۇ تۇمشىقىنى تىقىپ ھەۋەس بىلەن تاماق يىيىشكە باشلىغاندا ئۇف دىدىم ، ھەر ھالدا مەن ئەتكەن تاماقنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر جانىۋار بولسىمۇ چىقتى .
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۈچىمىز يەنە ۋېلىسىپىتكە سېرىكچىلاردەك يامىشىپ تۇراتتۇق ... بىر چاغدا قوشنام ۋارقىراپ قالدى :
-ھوي سايماخۇن توختاپتۇرغىنا ، بىر گەپ بار ، ئاخشام تاماققا نىمە قاتقان ئىدىڭ ؟
-ھىچنىمە قاتمىغان . نىمە بولدى ؟ -مەن ھەيران قېلىپ سورۇدۇم .
-سەن چىقىپ كېتىپ ، ئىتىم تاماقنىڭ يېرىمىنى يەپ بولا بولماي بىر چاغدا تۈرى ئۆزگىرىپ قالدى .   ئۆرە تۇرۇشقا ماجالى يوق دىر-دىر تىترەپ ، بىر چاغدا گوپپىدە يىقىلىپ چۈشۈپ قۇسە- ياندۇرە بوپ كەتتى قارا ، كېچىچە بىر تۇڭ سۈت بېرىپ ئاران قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق . ھازىرمۇ مىجەزى قەۋەتلا بوش جۇمۇ ، ئىشەنمىسەڭ قاراپ باقە ؟
مەن خوشنامنىڭ ھويلىسىغا كىردىم . دىمەكچى ئاتتەك يوغان ئاجايىپ بىر ھەيۋەت ئىت بىر كېچە ئىچى سۈرۈپ ، مانا ئەمدى ئاغمىخاندەكلا بولۇپ قاپتۇ . ئىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ئاشۇ ئاجىز ھالىغا باقماي ، خۇددى "چىنجىن"دەك قەيسەرلىك بىلەن ئۆرە تۇرۇپ ماڭا شۇنداق خىرىس قىلدىكى ، گويا ماڭا : "ئىتقىمۇ تاماق ئېتەلمەيدىغان ھالىڭغا ، كىم ساڭا ئاش قىل دىدى ئاداش ؟" دىگەندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ مەن ئۆزەم يىگەن بىر سىركاي ئاش يادىمغا كەلدى-دە ، توساتتىن پۈتۈن بەدىنىمنى
سوغۇق بىر تەر بىلەن تىترەك بېسىپ ، قوسىغىم تولغاق تۇتقاندەكلام مۇجۇپ ئاغرىشقا باشلىدى ...
(توغرا چۈشىنىڭلار .................بۇ چاغدىكى كەلدى - كەتتى ھالىتىمنى تەپسىلى يازمىدىم ئەمىسە )
شۇنداق قىلىپ ...مەن سايىماخۇننىڭ ئېغىر دەھشەت كۈنلىرى قارا قىشنىڭ زەھەردەك سوغلىرىدەك پۈتۈن روھىمغا ، پۈتۈن جىسمىمغا ، پۈتۈن تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىپ خۇددى ھەرە كۆنىگىدەك تەرەپ -تەرەپتىن مېنى تالاپ ھالسىزلاتماقتا ئىدى .
مەن زادى پۈتۈنلا ماشىنا ئادەم بولغان ئىدىم ، كۈنلىرىم ئەتىگىنى ئورۇن يىغىش ، كەچتە ئورۇن سېلىش بىلەن ئۆتەتتى... مۇشۇمۇ شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى بەزىدە مۇشۇ ئورۇننىمۇ ئاپتۇماتىك ئىشلەيدىغان ماشىنا بولسا ، شۇنداقلا يانپاشلىساڭ تام تۈۋىدىن بولامدۇ ياكى ئىشكاپ ئىچىدىن بولامدۇ ئىشقىلىپ بىر يەردىن ئورۇن كۆرپە شارتتىدە چىقىپ سېلىنسا سەن ئۇخلىساڭ ، ئەتىگىنى ئورنۇڭدىن شۇنداق تۇرغاندا ئۆزى يەنە شۇنداق شارتتىدە قىلىپ ، قەيەردىن چىققان بولسا شۇ يەرگە كىرىپ كەتسە ، سەن قاراپمۇ قويمىساڭ دەپ ئويلاپ كېتىمەن . چۈشتە تۇزى يوق چاي ئىچىش ياكى ئاشخانىدىن دورا -دەرمەك ھاغىچە تەڭشەلگەن تاماقنى يىيىش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى ...
ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى ئوغلۇمنى ئۆيمۇ -ئۆي قوغلاپ يۈرۈپ ، پىلتىڭلاپ قاچقان يېرىدىن تۇتىۋېلىپ ، چىقىرىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن كىر كىيىملىرىنى داسقا چىلاپ تۇرۇپ يۇيۇش ، ئىككى بالام ئۆرە تۆپە قىلىۋەتكەن ، چاڭ باسقان ئۆيلەرنى تازىلاش ، سىرىپ -سۈپۈرۈش ، ئاخىرىدا ئۈچ ئەركەكنىڭ ئايىغىنى مايلاش دىگەندەك ئىشلار مېنىڭ ۋەتۋەرىكىمنى چىقىرىۋەتكەن ئىدى .
ئىككى يىلدىن كېيىن ئايالىم قايتىپ كەلگۈچە ئۆزەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمغا كۆزۈممۇ يېتىپ قالدى

تۇنجى قېتىم كىر يۇغاندا ، يۇيىمەن -يۇيىمەن ھىچبىر كىر چىقمايدۇ ، تېلىۋىزور ئېلانىدا دائىم چىقىدىغان گۈزەل ماركىلىق ، بۈركۈت ماركىلىق ، يەنە تېخى ھىلىقى ساقال -بۇرۇت ئىزناسى دىگەن نەرسە يوق كوسا ئەر خەنزۇ چولپان دائىم داڭلايدىغان نىمە ماركىلىقتى ؟ ئىشقىلىپ شۇ پاراشۇكنى ئىشلىتىپمۇ بىر تال ئاق پايپىقىمنى ھەرقانچە يۇيۇپمۇ پاكىز قىلالمىدىم . مېنىڭ بىر خۇيۇم مەن ئەزەلدىنلا ئاق رەڭلىك پايپاق كىيەتتىم . باشقا رەڭدىكى پايپاققا پەقەتلا خوشۇم يوقتى . ئاق پايپاقنى بۈگۈن كىيسەم ، بۇ سەرادا ئەتىسىلا قارا بولاتتى . ئايالىم:
-سىز كىر كۆتۈرۈشلۈك باشقا رەڭدىكى پايپاق كىيىڭە ، -دىسە ھەرگىز ئۇنىمايتتىم . بىر قېتىم ئايالىم تېرىكىپ، - بۇندىن كىيىن پايپىقىڭىزنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ ، -دەپلا پايپىقىمنى ھەرگىز يۇمايلا قويدى . ئامال قانچە ؟ مەن باشقا نوچى ئەرلەردەك :
-سېنىچۇ مەن تاماق ئېتىپ بېرىدۇ ، كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بېرىدۇ دەپ خوتۇن قىلىپ ئالغان جۇما ...، -دەپ گۆكىرەپ كۆز ئالايتالمايدىكەنمەن . ئەكسىچە ئۇ مېنى ئالغان تۇرسا . لېكىن كاللام ئىشلەيدۇ جۇمۇ بوپتۇ دىدىمدە ، پايپىقىم كىر بولسا بازاردىن يېڭىنى ئېلىپ كىيىۋەردىم ...كىيىۋەردىم ، ئىككى ھەپتىدە 16پايپاق كىيىپ بوپتىمەن . ئاخىرى پايپاق ئالغۇدەك پۇل يوق ، ئامالسىز ئۇنىڭ سېرىق (ئەترەڭ) پايپىقىنى كىيىۋالدىم . كىم ئۇنى مېنىڭ پايپىقىمنى يۇمىسۇن دەپتۇ ؟  ئاخىرى ئايالىم تېرىكىپ ،
-سەن سايماخۇننىڭ قىلىقلىرى ، بولدى ئەكەلگىنە مەن يۇيىۋېتەي ، -دەپ 18 پايپىقىمنى بىر بىرلەپ يۇغان ئىدى . مانا ھازىر ئۆزەم بىر پايپىقىمنى يۇيالماي ئىنجىقلاپ ئولتۇرۇپتىمەن . مۇجۇپمۇ باقتىم ، ئۇرۇپمۇ باقتىم ، دۇمبالاپ -دۈشكەلەپمۇ باقتىم بۇ كىر ھىچ ئېچىلمايدۇ . توختا دىدىم-دە شىجاجىڭ بىلەن پايپاق يۇدۇم ، چاتىقىم نىمە ؟ ئىشقىلىپ كىر ئالىدىغانلا  نەرسە بولسا بولدىغۇ ؟  ھەي باللىرىمنىمۇ شىجاجىڭ بىلەن يۇيۇپ باقسام ئېچىلىپ كېتەمدۇ نىمە ؟بۇمۇ بىر كەشپىيات ، ئەتە چوقۇم بۇنى دۆلەت پاتىنىت ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرىشىم كېرەك ... كاللاممۇ بارغانسېرى ئېچىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئەگەر پايپاقلارنى شىجاجىڭدا مۇجۇپ يۇيۇپمۇ ئېچىلدۇرالمىسام ، سىم يۇغۇچ بىلەن يۇمامدىم ؟ توۋۋا مۇشۇ خوتۇنلار بەك دۆت جۇمۇ ، بىر ئۆمۈر كىر يۇيۇپ مەندەك بىرەر قېتىممۇ ئويلاپ باقماپتا !!!

بىر پايپاقنى يېرىم كۈن يۇيۇپ ھالىم قالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى بالامنى ئېلىپ ئاشخانىغا كېلىپ تاماققا ئەمدى كېلىپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىزلا :
-سايماخۇن كۈنلىرى قانداقراق ؟  ئورۇقلاپ موزاي يىگۈدەك شاپاقلا بوپسىزغۇ ؟ خوتۇن بولمىسا قانداق بولىدىكەن ؟ -دىگەن بىر ئەرەنچە ئەۋاز ئاڭلاندى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ، ئۆز ۋاختىدا ئېغىرلىقىمنى بىلىپ باقاي دەپ ، ئاشلىق ئېلىۋاتقان تارازىغا ئۇقۇشماي دەسسەپ سېلىپ ، نەق 120كىلو ئېغىرلىق بىلەن تارازىنى پاچاقلىۋېتىپ بىر كۈن ئاشلىق ئېلىشنى توختىتىپ قويغان تۇنسا توپاق ئالدىمدا تۇراتتى . ئۇنىڭ مېنى شۇ تاپتا ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، مېنى شاپاق ئىكەن دىگەن توغرا ھۆكىمىگە غىڭ قىلالمىدىم . ئالە شەرىڭنى سايماخۇن ، سەن ئەتكەن تاماقنى ئىت يىمىگەن بىلەن ، سېنى موزاي بولسىمۇ يەيدىكەن ئەمەسمۇ ، كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما !!!
-قەدىر ئەھۋال بولىدۇ ، ماڭا ئەجەپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىپسېنغۇ ؟ بىر ئىش بارمىتى ؟
-ئەمدى دەيمىنا سايماخۇن ، ياخشى بىلگەنسىلەر ، بىز ئاياللار بولمىساقچۇ سىلەر ئەرلەر ئىشتاننىمۇ ئوڭلاپ كىيەلمەيسىلەر ؟ ، -ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن شۇنداق دىۋىدى ، جىنىم شۇنداق تۇتتى ؛
-قاراڭ تۇنسا ، يوغان گەپ قىلماڭ جۇمۇ ، ئەگەر سىز دىگەندەك سىلەر ئاياللار بولمىغان بولساڭلار ، بىز ئەرلەرمىچۇ  شۇ ئىشتاننى كىيىمىز دەپ ئاۋارە بولمىغان بولاتتۇق .
ئىچىمدە ئويلايمەن ، نىمە بالاغا قالدىم بۇ خوتۇنغا ، دەرت ئېغىر كەلگەندەك يا بۇنىڭ بىلەن بىر ئىشتاننى تەڭ كىيمىگەن تۇرسام ، ئۆزىنى ئورۇقلىتىشنى بىلسۇنا ؟  ھىلىھەممۇ ئورۇقلايمەن دەپ ، بەدەننى قىسىپ ، ماي دانىچىلىرىنى پارچىلاپ ئورۇقلىتىدىغان چىن نۇرى ئىچ كىيىمىدىن 5 نى كىيىپ پارتتىلىتىپ تاشلاپ ، 3 نى يىرتىپ تاشلاپ ، يارىدار قىلىپ ، ھازىرقى بىرسىنى سىم بىلەن چولاپ ئاران كىيىپ يۈرىدۇ ... شۇ تۈپەيلى چىن نۇرى ئىچ كىيىمىنىڭ يۈزى تۈكۈلۈپ يۇرتىمىزدا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىلماي تۇرىدۇ . ئۆزىنى بىلسۇنا ...
تۇرمۇش ئۆز يولىدا كېتىپ بارىدۇ ، مەنمۇ چارچاپلا قالدىم ، ئەمدى ئۆيگە كىرسەم ئىچ -ئىچىمدىن يىغا ، تۆت تېمىدىن بوران ئۇچىدۇ ، تۇرغۇممۇ كەلمەيدۇ . ئويلاپ كېتىمەن ئايالىم بولغان بولسىچۇ دەپ ... ئۇرسىمۇ مەيلىتى ، دۇمبالىسىمۇ مەيلىتى ، دەسسەپ -چەيلىسىمۇ رازىتىم ، ئەمدى ھەرگىز كوتۇلدىدى دىمەيتتىم ... مۇشۇ تاپتا ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدىن ئۇ تۇيۇقسىز چىقىپ كوتۇلداپلا كەتسە يۈرۈگۈم بۇدا قورقۇنىچلىقتىن ئەمەس ، بەلكى خوشاللىقتىن يېرىلىپ كېتىشى چوقۇم ئىدى

ئۇنىڭ (باللارنىڭ ئاپىسى)بىلەنمۇ شۇنداق سوقۇشۇپ تونۇشقان ئىدىم . ئىككىمىز بىر بۆلۈمدە ئىشلەيتتۇق ، باشقا ھەرقانداق خىزمەتدېشىم بىلەن چىقىشاتتىم ، پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا چىقىشمايتتىم .  كۈنىمىز بىر بۆلۈمدە ئىككىمىز جىدەل قىلىپ چوڭلار ئاجىرتىش بىلەن ئۆتەتتى . ھەتتا بىر قېتىم ئۇنىڭغا ۋاقىراپ :
-خۇدايىم بۇيرىسا ، قانداق بىر پايتىمىسىنى تەتۈر ئورىغان ، بەختسىز بىر ئەر سېنى ئالىدىكىن ؟ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەم شۇ پالاكەت ئەرنى ، -دىگەن ئىدىم  . ئەمما شۇ چاغدا شۇ پالاكەت باسقان ئەرنىڭ ئۆزەم بولۇپ قالىدىقانلىقىنى مۇنۇ دۆت كاللام ئەسلا ئويلىماپتۇ ئەمەسمۇ ؟  بولمىسا ئورىغان پايتىمىغا ئوبدان قارىغان ئىدىم .
بۇ ئىككىمىز سوقۇشىۋېرىپ ، كېيىنچە بۇ ئۇرۇشۇشنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بىر قىسمى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتۇق . بارا –بارا ئۇ بولمىسا مەن زىرىكىدىغان ، ھايات مەنىسىز بولىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئۇرۇشمىسام ، جاڭجاللاشمىسام كۈنۈم ئۆتمەيدىغان ، ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇرىشىدىغان بولدۇم . ئۇنى كۆرگەندىلا غار قىلىپلا ئىت  خۇيۇم بىلەن چىشلەيمەندە شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خۇشال كۈنۈم باشلىناتتى . تەغدىر شۇنداق ئۇرۇشقان پېتى ئىككىمىزنى بىر ئۆيگە سولاپ قويدى  ھەم ھازىرغىچە  بۇ مەڭگۈلۈك ئۇرۇشنى قىلىپ كەلدۇق . ئۆيدىمۇ شۇ ئۇرۇش ئىدى ....ئىشقىلىپ بىر ئۇرۇش بار ، ئەگەر ئۇ قايسى بىر كۈنى جىمجىت بولۇپ ھىچقانداق گەپ قىلمىسا ، مەن ھەيران قالاتتىم ، ھەم بېرىپ پىشانىسىنى تۇتۇپ باقاتتىم :
-ئاغرىپ قالدىڭما ؟ بۈگۈن ھىچ بىر مېنى تىللاپ كوتۇلدىمايسەنغۇ ؟
-ئوھوش، مېڭڭە نېرى ئىچىمنى پۇشۇرماي ، -دەپ ئۇ تېرىككەندىلا ، -ھە ئەمدى بىزنىڭ خوتۇن نورمال بولدى ، -دەپ خاتىرجەم ئىشىمغا ماڭاتتىم ...
ئۆتكەندە ئايالىم تېلىفۇن قىلىپ ماڭا :
-قاراڭ ياتاقتىكى قىزلار سىلەرنىڭ ئۇرىشىدىغان كۈنىڭلار بولامدۇ ؟ -دەپ سورىغان ئىدى ، مەن كۈلۈپ كېتىپ ، ئۇنداق دىمەي « سىلەرنىڭمۇ ئۇرۇشمايدىغان كۈنۈڭلار بارمۇ » دەپ سوراڭ دىدىم –دىگەن ئىدى .
مەن شۇنداق ئويلايتتىم ، خۇدايىم ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىكەن .  لېكىن مانا ئەمدى ئۇ يوق ، ئىلگىركى ئۇ پاكىز يالىغاندەك تۇتىدىغان ئۆينى توپا باستى ، ئىلگىرى بەس –بەستە ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈللەر تۇزۇپ ، ئۈچ قاچا گۈل ئۆلۈپ كېتىپ ، مېنى ھازىدار قىلىپ قويدى . كىيىمىمگە دەزمال سالدىم دەپ ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر كۆينىكىمنىڭ ياقىسىنى كۆيدۈرۈپ ، بىر ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىغا ئوت قويىۋەتتىم . ئۆزەممۇ ئىلگىركى "ئەركەك غاز "دەك غادىيىپ ماڭىدىغان سايماخۇندىن بېشى يوق چىۋىندەك ھەممە يەرگە ئۈسۈپ ماڭىدىغان بولدۇم . بىر قېتىم ئۇقۇشماي دىلىگىرامغا  (داڭخا)
ئۈسۈۋېلىپ «كەچۈرۈڭ»دەپ ئەپۇ سوراپتىمەن . كارىدوردا يوغان باشلىقنىڭ كېلىشكەن  چىرايلىق سېمىز قورسىقىغا ۋاڭڭىدە ئۈسۈۋېلىپ ، ئۆزەم كەينىمگە قاڭقىپ چۈشۈپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن . تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ، بىر قېتىملىق تەنەپىستە  خىيالى تاماكا چېكىپ ، دەرس قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا تاماكا قالدۇقىنى ئاغزىمدىلا تۈكۈرۈپ تاشلاپ سىنىپقا كىرىپ دەرس ئۆتۈپتىمەن .  بىر چاغدا بىر نەرسە كۆيگەندەك بۇرنۇمغا پۇراپ ئىسنىڭ ھىدى كېلىۋاتىدۇ ، نەگە ئوت كەتكەندۇ ؟ دەپ ئەنزە ئېنىقلاپ يۈرگۈچە مەيدە يانچۇقىمدىكى چاقماق پارتلاپ كېتىپ 500يۇئەنلىك كاستىيۇمغا ئوت كەتكەن ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆچۈرە –ئۆچۈر بولۇپ كەتكەن ئىدىۇق ...كىيىن ئويلىسام تاماكىنى مەيدە يانچۇقۇمغا تۈكۈرۈپتىكەنمەن ئەمەسمۇ !
شۇ چاغدا قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەي  كەلتۈرگەن زىيانلىرىمنىڭ قايسى بىرىنى دەپ بولاي...

قېنى سىلەر خالىساڭلار داۋامىنى داۋاملاشتۇرىلى ھە ؟ دەردىمنى تۆككەنسېرى تۈگىمەيۋاتىدۇ جۇمۇ ، نىمە دىگەن دەرت مەندە ، نىمە دىگەن ئەلەم مەندە .
غۇنچىدەك بويۇمدا غۇچچىدە دەرتتە !

خىزمەت كۈنلىرى ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدۇ ، پۇت قول يەرگە تەگمەي ، كىچىك بالامنىڭ ئىشتان –پايپىقىنى نەچچە قېتىم تەتۈر كىيدۈرۈپ يەسلىگە ئاپارغىنىمنى بىلمەيمەن . چوڭىغۇ خۇداغا شۈكرى ئىشقىلىپ ئۆز كىيىمىنى ئۆزى كىيىدۇ . ناۋادا تۆۋەنگە خىزمەت بىلەن چۈشۈپ قالسام ، ياكى ئۈگىنىشكە بېرىپ قالسام ئامالسىز دادام –ئاپاملارغا تاپىلاپ قويىمەن . ئاپپاق چاچلىق ئاپام –داداملارنىڭ مېنى بېقىپ ، چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ ، تويۇمنى قىلىپ خوتۇن ئېلىپ بېرىپ ، مانا ئەمدى بالىسىنىڭ بالىسىنىمۇ باققىلى قويغۇنۇمغا ئۆزەممۇ خىجالەت بولۇپ قالىمەن ، ئەمما ئامال يوق . كىم مېنى دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر سايماخۇن بولسۇن دەپتۇ ؟ خوتۇنۇمغا ياق دىيەلىگەن بولسام بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇقۇشماي ئالجىپ قېلىپ مۇشۇ كۈنلەر بولارمىدى ؟
لېكىن شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى بەكلام ئېغىر كېلىدۇ ، ئويلىمامسىز ، بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇ كۈنى چىرايلىق كىيىنىشىپ ، باللىرىنى قوچاقتەك ياساپ ، مەيدانلارغا ، ساياھەت ئورۇنلىرىغا كۆڭۈل ئېچىشقىلى ،ئوينىغىلى چىقىدۇ . بىزچۇ ؟ بىز ئۈچ ئەركەك قالىمىز ، باللىرىم تالادا ئويناپ پات –پات خۇددى بىر نىمىسىنى يۈتتۈرۈپ، ئىزدىگەندەك قىلىپ ئۆيگە كىرىپ سالىدۇ . بىلىپ تۇرىمەن ئۇلار ئاپىسىنى ئىزدەپ كىردى ، بۇنداق چاغدا كۆڭلىم دەھشەت يېرىم بولىدۇ ، جېنىم باللىرىم !سىلەردە نىمە گۇناھ ؟؟؟
ئىشقىلىپ قۇدرىتى چەكسىز خۇدايىم «كۆزدىن ئايرىسىمۇ ھاسىدىن ئايرىمايدىكەن »، خوشنىلىرىم بىر –بىرىدىن ئىسىل ئىدى ، ئايال خوشنىلىرىم ئىشتىن چۈشكەن چاغلاردا باللىرىمنى كۆرۈپ قالسا ، يانچۇقلىرىنى كوچىلاپ كەمپىت بېرىپ باشلىرىنى سىلاپ كېتەتتى ھەم دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيلىرىگە تاماققا چاقىراتتى ياكى تاماق كىرگۈزەتتى . ئەر خوشنىلىرىم بولسا بەزى ۋاقىتتا ئۆز باللىرى بىلەن قوشۇپ مېنىڭ بالامنىمۇ مەكتەپتىن ئېلىپ كېلەتتى ،ئەل –ئاغىنىلىرىمغۇ شەنبە –يەكشەنبە مۇقىم مېنى ئىزدەپ كېلەتتى . ئىشقىلىپ مېنى يالغۇز قويمايتتى . ئۇلار چاقچاق قىلىپ ئېتىشىپ :
-سايماخۇن ئاداش ، خوتۇنىڭنىڭ يوق چېغىدا كېلىۋالىلى ئۆيۈڭگە ، كېيىن بىزنى چاقىرالمايسەن تايىنلىق ، -دىيىشەتتى .
بىر يىل بولاي دىگەندە ، ھەقىقەتەن چىدىمىدىم ، ئويلاپ – ئويلاپ توختا مەن زادى خوتۇنۇمغا ۋاقىرالمامدىم ؟ ۋاقىرىسام ئۆز خوتۇنۇمغا ۋاقىرايمەنغۇ ؟ مەنمۇ بىر ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن ۋاقىراپ باقايچۇ ؟ ئۇ يىراقتىغۇ ، بەرىبىر كېلىپ ئۇرالمايدۇ ، شۇنداق قىلىش كېرەك ... ئەگەر كەلمەيمەن دىسە قويىۋېتىمەن دىيىش كېرەك ، مەن شۇ قارارغا كەلدىم ، ئەمما نىمىشقىدۇر تېلىفۇن قېشىغا كېلىپ دەيدىغان سۆزۈمنى ئويلىسام پۇتۇم دىر-دىر تىترەيتتى . توختا يۈرەكنى توختىتىش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن ئىشكاپتىكى مېھمانلارغا ساقلاپ قويغان ھارىقىمنى ئېلىپ ، دىمەكچى بولغان سۆزۈمنى قايتا – قايتا يادلىغاچ ئىككى رومكا قېقىۋالدىم ، ئاندىن پۇتۇمنى ئالماپ پوچى ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ، ئۆيدىكىلەرگە تېلىفۇن قىلدىم :
-بىزنىڭ خوتۇن بارما ؟
ئايالىم تۇرۇپلا قالدى ، ئۇ مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمران تەلەپپۇزدا گەپ قىلغىنىمنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئىسىنى يوقاتقان چېغى . تۇرۇپكىدا سادا يوق ، قاتتق خوش بولۇپ كەتتىم ، ئاللا قارا ئەسلى خوتۇن مەندىنمۇ قورقىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ نىمىشقا بۇرۇنراق شۇنداق ۋاقىرمىدىم ؟ قارىمامسەن ئۈنى چۈشۈپ كەتتىغۇ ئەنە ... شۇنىڭ بىلەن مەن كىرىلىپ تېخىمۇ قاتتىق ۋاقىرىدىم :
-ھەي سەن قايتىپ كەل ، ھىلىمۇ بىر يىل بولدى ، ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتىمەن ، خوتۇنۇڭ يوقمۇ دىسە باردەك ، بارمىكى دىسە يوقتەك ، ئەگەر كەلمەيدىغان بولساڭ ......
-ھە نىمە ئىش قىلالايسەن كەلمىسەم ؟ -ئايالىم ئاخىرى گەپ قىلدى ، قارىغاندا ئاشۇ تۆت سۆز چوقۇم چىشىنىڭ يېرىقىدىن سوزۇلۇپ ئاران چىققان گەپ  .
-ئەگەر قايتىپ كەلمەيدىغان بولساڭ ، -مەن گۆكىرىدىم . ئەسلى مەنمۇ گۆكىرىسەم ئاۋازىم بوراندەك چىقىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ ھەي ئىسىت ! –خېتىمنى بېرىپ مېنى قويىۋەت !
ئەمدى ئايالىمنىڭ ئاۋازى مېنىڭ ئاۋازىمدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇقلىق بىلەن شۇنچىلىك گۆركىرىدىكى ، مەن ئىختىيارسىز تۇرۇپكىنى تاشلاپ ، بىر بۇلۇڭغا بېرىۋاپتىمەن ، تۇرۇپكىدىن چىقىۋاتقان چاڭ –چاڭ ئاۋاز پۈتۈن ئۆينىڭ بۇلۇڭ – بۇلىڭىنى تىترەتمەكتە ئىدى .
-ھۇيت سايماخۇن ، مەن يوق بىر يىلدا خېلى زۇۋانىڭ چىقىپ قاپتۇ –ھە ؟ ياتاقتا قىزلار بار دەپ  گەپ قىلماي تۇرۇپ بەرسەم ، ئەجەپ ۋاقىرايسىنە ، يېقىن كېلىپ ئالە تۇرۇپكىنى ، گېپىم بار !
ئاللا خۇدا ، بۇ خوتۇننىڭ كۆزى بارمۇ نىمە ؟ مېنىڭ تۇرۇپكىنى تاشلاپ قاچقىنىمنى قانداق بىلىۋالغاندۇ ؟ ئۆيگە يا كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمۇ –يە ؟ راست كامىرا بارمۇ يە ؟ راست شۇنداق بولسا بولدى ئۆلدۈم ، ھىلىقى مەن ئەتكەن تاماقنى كۆرگەنمىدۇ ؟ نەچچە قېتىم ئۆيدە ئاغىنىلەر بىلەن گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئېغىناپ ئولتۇرۇشۇپ بىر چەتتىن كورت ئويناپ ئىچىشكەن ئەمەسمىدۇق ؟ بۇنى بىلگەنمىدۇ ؟
-مېنىڭ تۇرۇپكىنى تاشلاپ قويۇپ كەتكىنىمنى قانداق بىلدىڭ ؟
-بىلمەمدىكى ، سەن سايماخۇن بىلەنچۇ توققۇز يىل ئۆي تۇتۇپ سېنى پۈتۈن بىلىپ بولغانمەن ، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا ! مەنچۇ قايتىمەن ئەمەس ، قايتمايمەن ، نىمە دەپ قايتىدىكەنمەن ؟ تەييار ياتاق ، تەييار ئۆي ، تەييار تاماق بار ... نىمە خالىسام شۇنى يەيمەن ، قاچا ئۇخلۇغۇم كەلسە شۇ چاغدا ئۇخلايمەن ، بۇرۇنقىدەك ئەتىگەن تۇرۇپ سەن ئۈچ ئەرنىڭ تامىقىنى ئېتىپ ، كىرىنى يۇيۇپ ، بىر چەتتىن خىزمەت ئىشلەپ ئىشەكتەك ئىشلەيدىغان كۈنۈم يوق ھازىر . ئىككى يىل توشسا ، تېخى يەنە بىر يىل ئۇزارتىپ ئوقايمىكى دەيمەن ، سەنمۇ ئۆي تۇتۇپ كۆرۈپ باقە بىر
مەن يىغلىۋەتتىم ، ئۇ كەلمەيدىكەن . تېخى يەنە ئۇزارتىپ ئوقۇيدىكەن ، مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن جاڭجاللاشتىم :
-ئوقۇساڭ ئوقى ، ئەمما يادىڭدا بولسۇن ، شەرىئەتتە ئەر- ئايال ئۈچ ئايغىچە ئايرىلىپ تۇرسا ھەم قانۇندىمۇ يېرىم يىلغىچە ئايرىلىپ تۇرسا ، نىكاھ ئۆزلىەىدىن كۈچتىن قالىدۇ ھە ؟ بىكار مەندىن ئايرىلىپ قالما ھە ؟
ئايالىمنىڭ كۈلۈپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ مۇنۇ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىردى .
-ھەي سايماخۇن ، سەن خېلى چوڭ بولۇپ قاپسەن جۇمۇ ، مېنى قورقۇتۇپ كەتكىنىڭ ئىكەندە ئۆزەڭچە ، توي خېتىمىزچۇ پالانچى ئىشكاپنىڭ پالانچى تارتمىسىدا ، شۇ يەردىن ئۆزەڭ ئېلىپ ئۆزەڭ قول قويىۋال ! بولدى مەن سېنى قويىۋەتتىم !!!
مەن تىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتتىم ئارقامغا . ياپىر نىمە دىگەن يامان بىر خوتۇنغا تەككەندىمەن ؟  زادى قانداق قىلسام قورقا ئۇ مەندىن ؟ بۇ تۇرقىدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالىمەن دىسەم "ئارقان ئامبار ئۆيدە ، نەچچە مېتىر لازىم ؟ " ، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىمەن دىسەم " نەچچە قۇتا كېرەك ؟"دەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ ؟  توختا ئايال كىشى دىگەن يۈرەك پارىسى بالىسىغا چىدىمايدىغان ئەڭ ئاخىرقى شۇ بىر كوزىرنى ئىشقا سالاي جۇمۇ ، مەن ئەڭ ئاخىرقى زور بىر ئىشەنچ بىلەن يەنە تېلىفۇنغا ئېسىلدىم  :
-ھەي قارا ، بوپتۇ مېنى دىمىسەڭمۇ بالاڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ ؟بالىنى دەپ بولسىمۇ كەلمەمسەن ؟
ئايالىم نىمىشقىدۇر جىم بولۇپ قالدى ، ياشا سايماخۇن ! تازا يامان يېرىدىن تۇتىۋالغان ئوخشايسەن ، ئەشۇ يېرىگە تازا ياخشى مىنىۋال . مانا ئەمدى قايتاي دەيدۇ جۇمۇ ، ياخشى ئاڭلىغىنا بىر ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ . مەن شۇنداق ھىجاراپ تۇرغاندا ئايالىمنىڭ پارتىكوم شۇجىسىدەك بۇيرىقى دەھشەت كەلدى :
-قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپ تۇر سايماخۇن :
بىرىنچىدىن، مەن سېنىڭ ئالدىڭغا بالا كۆتىرىپ كەلمىگەن ، ئۇلار سېنىڭمۇ باللىرىڭ .
ئىككىنچىدىن، مەن ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ھەر ئىككى قوزامنى تارازىغا سېلىپ ئۆلچەپ قويۇپ كەتكەن ، مىللى گىرامغىچە ئېنىق . مەن قايتىپ بارغۇچە شۇ ئېغىرلىقىدىن ئېشىشىغا رۇخسەتكى ، بىر گىرام ئورۇقلاپ قالدىغان بولسا كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار . شۇ چاغدا كۆرىسەن يەنە تېخى ..................ۋەي ۋەي ....ھەي ۋەي دەيمەن .....
مەن شۇ تۇرۇپكىنى تۇتقان پېتى ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ، ئاغزىم كۆپۈك ، قۇلىقىمغا شۇ بىر ۋەي ۋەيدىن باشقا ھىچنىمە كىرمەيدۇ ... كاللام دىگەن گاراڭ ، كۆز ئالدىم دىگەن قاپ -قاراڭغۇ.
ھەي قايسىڭلار بار ؟ مېنى يۆلىسەڭلارچۇ ؟ كىم بار دەيمەن ؟ ئاھ خۇدا

ئەمدى توغرا چۇشەنسەڭلار،ھىيت كىلىشتىن بۇرۇن نەق بىر ھەپتە ئالدىدا بىزنىڭ <جاڭ چىڭ> تولىمۇ يامان جىددى تەلەپپۇز بىلەن ئۆينى ئاقارتقان -ئاقارتمىغانلىقىمنى،كىگىز- كۆرپىلەرنى قاققان-قاقمىغانلىقىمنى سۇرۇشتۇرۋىدى،ئىشتانغا چىقىرۋەتتىم.چۇنكى مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھىش ئىش قىلالمىغان ئىدىم. شۇڭا ئىدارىدىن نەق بىر ھەپتىلىك رۇخسەتنى ئالدىن سوراپ،رۇخسەت بەرمىسە< ئىستىقبالىمغا-تەغدىرىمغا زىچ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش بار ئىدى، رۇخسەت بەرمىسەڭلار ئاقىۋىتىگە ئۆزەڭلار مەسئۇل بولىسىلەر> دەپ يىغلاپ قورقۇتۇپ تۇرۇۋىلىپ،ئۆيگە چىقىپ كەتتىمدە ،ئۇ كەلگۇچە ئۆي دىگەننى پاك-پاكىز تازلاپ پىرىس قىلىپ تۇرۇدۇم. ۋە ئۇچ كۇن ھىيت جەريانىدا ھىش يەرگە چىقماي قىيىن ئاتا-قىيىن ئانا،قىيىن ئاكا-يەڭگىلەرنى ،ھەتتاكى قىيىن ئىنى-قىيىن سىڭىللار كەلسە ،ئىشىك ئالدىدا ئايىغىنى سالغۇزۇپ،قايتسا ئايىغىنى يەنە قايتا كىيدۇرۇپ دىگەندەك ئۇزاتتىم. ئۇندىن قالسا،ئۇ ئۇگۇنۇشكە كىتىپ بارالماي قالغان توي-تۆكۇن،چاي-پايلىرىنى تولۇقلىۋالسۇن دەپ ،ئىككى بالىغا يەنە ئۆي بىقىپ ئولتۇردۇم. شۇنچىلىك ئالدىراش بولۇپ كىتىپ ئاخىرىنى يىزىشقا دەرماللىققا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. شۇ سەۋەپلىك كۆپچىلىك سىلەر مىنى كەچۇرىۋەتسەڭلار! مەن داۋامىنى ئۇلىسام. ئەمسە داۋامىز كەتتى ھە.......
ئىككى يىل بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ھەقەقەتەن ئاسان ئەمەسكەن، بىر تەرەپتىن خىزمەت سالمىقىنىڭ ئىغىرلىقى،يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى بالامنىڭ تۇرمۇش مەكتەپ ئەھۋالى مىنى ھەقىقەتەن بەكلام چۇشكۇنلەشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.كەچلىرى تاماقنى يەپلا ئورۇننى سالاتتىمدە ھارغىنىمدىن پوكلا چۇشۇپ ئۇخلايتتىم،ئىككى بالام بولسا تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ،كارتون قورچاق كىنولىرىنى كۆرۇپ ئاندىن ئۇخلايتتى، ئۇلارنىڭ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمەيتتىم، يىرىم كىچىلەردە تۇيۇقسىزلا ئۇندەرەپ چۆچۇپ ئويغىنىپ قارىسام چوڭ بالام كىچىك بالامنى قۇچاغلىغان ،كىچىك بالام ئاكىسىنىڭ بوينىغا گىرە سالغان پىتى  ياكى تىلىۋىزور كۆرگەن ئورنىدا ياكى ئۆز ئورنىد،ا يوتقاننىمۇ يىپىنمىغان ھالەتتە ئۇخلاپ قالغاننى كۆرەتتىم.شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئورنىغا كۆتۇرۇپ ئىلىپ ياتقۇزۇپ،ئۇستىگە يوتقان يىپىپ قويۇپ يەنە ئۇخلايتتىم.مۇشۇنداق چاغلاردا بارلىق ئۇۋالچىلىقنىڭ مۇشۇ ئىككى ناراسىدىگە بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ،شۇنداق ئىككى بالىنى تاشلاپ ئوقۇشقا كەتكەن خوتۇننى،ئۇندىن قالسا نامدا بولسىمۇ خوتۇنىنى ئوقۇشقا  ئەۋەتكەن مەندەك سايماخۇننى تازا بولىشىغا تىللايتتىم.لىكىن نىمىشقىدۇر بۇ ئويلىرىمنى ئۇنىڭغا دىيىشكە پۇرسەت تاپالمايتتىم،توغرىسى دىيەلمەيتتىم،قورقاتتىم.
مانا ئىككى يىل شۇنداق قايغۇ-ئەلەم بىلەن ئۆتتى، خۇدايىمنىڭ مەندەك سايماخۇنغا ۋە ئىككى بالامغا ئىچى ئاغرىدىمۇ ئەيتاۋۇر،ئىشقىلىپ شۇنداق قاتتىق جاڭ-جاڭ سوغۇقلاردىمۇ باللىرىم ئاغرىماي بۇدۇڭدەي ساق-سالامەت ئىدى.
ئەتە يىڭى يىل دىگەن كۇنى ئىدارىمىز چۇشتىن كىيىن پائالىيەت قىلىپ بەرمەكچى بولدى، دىمىسىمۇ بىر يىل بولدى چارچىدۇق، ھاردۇق ،ئەمدى ئوبدان بىر خۇلاسە چىقىرىش كىرەككۇ؟ مەن چۇشتە ئىككى بالامنى چوڭلارنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ قويدۇمدە،خاتىرجەم ھالدا چۇشتىن كىيىندىن باشلاپ تاكى كەچ كىرگۇچە ئىچىشتۇق، ئۇ كۇنى مەن دەرت-ئەلەمدە تازا ئىچىپتىمەن، ئىچىلىپ ئىچىپ، يىيىلىپ چىچىپ،ئۆزەمنى قويۇپلىۋىتىپتىمەن. ناخشىمۇ ئىيتىپتىمەن، ئۇسۇلمۇ ئويناپتىمەن،پايپاق تانسىنىمۇ ھارغىچە ئويناپتىمەن.ئىشقىلىپ بىر خوش بوپتىمەنغۇ تازا.بىراق تارىمايدىغان سورۇن يوق دەپ، چۇشتە ئاشخانىغا  كىرگەن ئادەم كىچە سائەت 12 يىرىمدا چىقىپتۇق. خىزمەتداشلىرىم بىلەن قۇچاغلىشىپ، ئەر-ئايال دىمەي سۆيۇشۇپ، يىغلىشىپ خوشلاشقاندىن كىيىن مەن ئۇدۇل ئۆز ئۆيۇم تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم. كىتىپ بارىمەن يولدا، ئەتراپ دىگەن قاتتىق جاڭ-جاڭ سوغ،ماڭسام ئايىغىم ئاستىدىن قىلىن قار غاچ-غۇچ ،غاچ-غۇچ قىلىپ بىر خىل رىتىملىك غاچىلدايتتى.يول بويىدىكى چىراق نۇرىدا لەپىلدەپ چۇشۇۋاتقان پاختەكتەك قار ئۇچقۇنلىرى بىردەمدىلا باش-كۆزۇمنى پۇركەپ بولدى، كىلىۋاتىمەن ،مىڭىۋاتىمەن،ئويلاۋاتىمەن،مەن مۇشۇ ئىككى يىلنى ئىككى بالام بىلەن تەنھا  ئۆتكۇزدۇم ھە! مەندەك مۇشۇنداق جەسۇر يەنە بىر ئەر دۇنيادا بارمىدۇ؟ مەندەك سايماخۇندىن يەنە قانچىسى باردۇ؟ مۇشۇ ساراڭ خوتۇن مۇشۇ ئىككى يىللىق  دەرتلىرىمنى  بىلەمدىغاندۇ؟ ھەي بىلمەيدۇ جۇمۇ، ئۇ قاچان بىر مەندىن رازى بولۇپ باققان؟ قاچان سىز بەك ياخشى جۇمۇ دەپ باققان؟ توختا تىل قىلىپ مۇشۇ ئىشلارنى دىيىش كىرەك، دىمەي نىمىتى ؟ يالغانمىتى يا؟ ئۇ تايىنلىق ئىسسىق  ياتاقتا غىمى يوق ئۇخلاۋاتىدۇ، دەي جۇمۇ دەرتلىرىمنى، چوقۇم دىيىش كىرەك!
مەن يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىمدە دىلگىرام تۇۋىگە كىلىپ چىراق يورۇقى نومىرنى باستىم، ئۇنىڭ تىلىفۇنى كىچىك زىرەك ئىدى، مەن ئالدىرماي نومىرنى باستىم.تىت تىت تىت،،8806532 ،بىسىپ بولۇپ بۇ نومۇرغا ئوبدان سەپ سالدىم ، مەسلىكتە خاتا ئۇرۇۋىلىشتىن قاتتىق ئەنسىردىمدە !قارىسام توپ توغرا بىسىپتىمەن،شۇنىڭ بىلەن دىلىگىرام تۇۋىدە پۇشۇلداپ تۇرۇپ تىلنى ئۇلاپ ، زور ئىشەنچ بىلەن بىزنىڭ ئۇرۇمچىدىكى بۇ يامان خوتۇنغا تىل ئۇردۇم:
-ۋەي، دىدىم مەن قاتتىق ئاۋازدا .
-ۋەي، كىمۇ سىز؟ -قارشى تەرەپتىن خوتۇنۇم ئۇيقۇسىرىغان ھالدا سورىدى.مانا قارا بۇ خۇمپەر دۇنيادىن خاتىرجەم بىخەۋەر ئۇخلاۋىتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ مەن سوغاق قاردا، كىچىدە قالاي، بۇ ئۇخلۇسۇن،ئۇنداق ئىش يوق!
-ھە نەدە؟- مەن ئاچچىق بىلەن سورۇدۇم.
-مەن ئۆيدىغۇ!-خوتۇنۇم ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن جاۋاپ بەردى .
-ئۆيدە دەمسەن؟-مەن تىخىمۇ  ھەيران بولۇپ سورۇدۇم- سىنىڭ ئۇرۇمچىدە يا تۇققىنىڭ يا تونۇش بىلىشىڭ بولمىسا ،قايسى ئۆيدە ھوي سەن؟
-ئۆزەمنىڭ ئۆيۇدە بولمامدىم -خوتۇنۇم مەندىن ئۆتە ھەيرانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى-سىز ئۆزىڭىز كىم زادى؟
-كىم بولاتتىم ، مەن سىنىڭ ئىرىڭ!
-قايسى ئىرىم؟
-مەن تىرىكىپ  زەردە بىلەن يانفۇنۇمنى يەۋەتكۇدەك ئەلپازدا ۋاقىردىم:
-سىنىڭ مەندىن باشقا يەنە نەچچە ئىرىڭ بار ئىدى؟راست گىپىڭنى قىلە ،سەن زادى كىمنىڭ ئۆيىدە قوندۇڭ؟
-ئۆزەمنىڭ ئۆيىدە دىدىمغۇ ما ساراڭغا -ئەمدى خوتۇنۇم ماڭا  ۋاقىرىدى_ ئۆزىڭىز كىم زادى؟ مەن نەدە سىزنىڭ خوتۇنىڭىز،ياخشى قاراپ بىقىڭە نومىرغا ، سىز چوقۇم خاتا ئۇرۇۋاپسىز!
مەن تىڭىرقاپ قالدىم ، خاتا بولۇشى مۇمكىنمۇ ؟ مەن خاتا ئۇرۇۋالماي بۇ كىچىدە دەپ نومىرغا شۇنچە ئەستايىدىل قاراپ، ئاندىن ئۇلىغان تۇرسام نومىرنى!
ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاۋازىمۇ-  مەن دۇنيادا ئاڭلاشتىن ئەڭ قورقىدىغان ئاۋازنىڭ دەل ئۆزى تۇرسا! بۇ نىمە ئىش بوپ كەتتى ئەمدى؟ مەن شۇ زامان يانفۇنۇمنى قۇلىغىمدىن يۇلۇپ ئالدىمدە نومىرغا يەنە بىر رەت كۆزۇمنى راسا ئۇۋىلاپ يوغان ئىچىپ تۇرۇپ قارىدىم -8806532، دەلمۇ دەل مۇشۇ نومىر ، قىلچە خاتاسى يوق! ھەتتا پەش-چىكىتىمۇ نەق شۇ ، خوتۇن چوقۇم باشقا يەردىكەن، خوتۇن چوقۇم مىنى ئالداۋاتىدۇ! مىڭەم زىڭىلداپ كەتتى، خوتۇنۇم بۇزۇلغان ئوخشايدۇ، شۇڭا مىنى ئالداپ ئۇجۇق- بۇجۇق قىلىۋاتقان گەپ، بولمىسا قىنى مىنى ھىلىقىدەك تالاپ بولاتتى بۇ چاققا،جۇدۇنۇم ئۆرلىدىدە تىلنى يەنە قۇلاققا تۇتۇپ ئۇنىڭغا ۋاقىرىدىم:
- سەن نەق مىنىڭ خوتۇنۇم ئىكەنسەن ،مەن بايام يەنە نومىرغا قارىدىم،ئەمما سەن خاتا ئۇرۇۋاپسىز دەڭ،ياخشى ياخشى ، مەن خاتا ئۇرۇۋلغان بولاي،مەن ئىككى بالىنى قىش-ياز دىمەي ياخشى بىقىپ ،ياخشى قاراپ، بىر چەتتىن خىزمەت ئىشلەپ،بىر چەتتىن بىر چەتتىن ئۆيگە قاراپ ئىتنىڭ كۇنىنى كۆرۇپ ياتاي، سەن بولساڭ ئۇرۇمچىگە بىرىۋىلىپ، بىز بىلەن كارىڭ يوق، تاماشا قىلىپ يۇر ، مانا ئەمدى ئىرىڭنىمۇ  تونىمايدىغان بولۇپ قايسى ئىرىم دىگۇدەك بولۇپ كەتتىڭما؟،خەقنىڭ ئۆيىدە يىتىۋىلىپ ،ئۆزەڭچە ئائىلە قۇرۇپ باللىرىڭنى ئۇنتۇغۇدەك بولۇپ كەتتىڭمۇ؟ تىل قىلسام خاتا ئۇرۇپسىز دەيسەن تىخى !
بولىدۇ ، بۇندىن كىيىن تونۇشمايلى ھە؟ ئەمدى كىلە قىنى، نىمىنى كورۇسەنكىن؟ بولدى سىنى ئۇچ تالاق قىلىۋەتتىم! ئۇچ تالاق جۇمۇ؟ ساڭا دىگەنگگە ھۆ مەن ! ئاڭلىدىڭمۇ ھۆ!!

مەن تىلنى جالاققىدە ئۇزىۋەتتىمدە ،دىلىگىرامغا يۆلەنگىنىمچە تۇرۇپلا  قالدىم، باش دىگەن قاپاق، پۇت دىگەندە ماغدۇر دىگەن نەرسە يوق.توۋا مەن سايماخۇن بولۇپ ئۇنىڭ ئۇچۇن ، ئىككى بالام ئۇچۇن نىمە ئىشلارنى قىلمىدىم مەن، مانا ئەمدىچۇ؟ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ئۇ مىنى تاشلاپتۇ! مىنى تاشلاپ باشقا بىرسىنى تىپىۋاپتۇ! مىنى تونىمايدىغان بوپتۇ؟ مەن ئويلىغانسىرى ساراڭ بولاي دىدىم، خۇددى كورىيە ئەرلىرىدەك خوتۇنى بۇزۇلسا ، مەن ئەر كىشى تۇرۇپ ياش تۆكتۇم، مىچىلداپ يىغلىدىم، ئاخىرىدا يەنىلا چىشىمنى چىشلەپ ئۆيگە قايتتىم ، ئەتە سۇرۇشتۇرۇمەن سەن خوتۇننى خەپ! مەن ئۆيگە كىردىمدە ،كىيىمىمنىمۇ سالماي كىگىز ئۇستىگە گۇپپىدە چۇشۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم.
بىر چاغلاردا ئۇيقۇغا قانغاندەك بولۇپ ،كۆزۇم ئىچىلدى ،قارىسام تالا يوپ- يورۇق بولۇپ كىتىپتۇ. ئورنۇمدىن ئاران تۇردۇم، باش دىگەن گاراڭ، نىمە دىگەن ئىچكەن ھوي! تۇنۇگۇن تازا ئىچىپتىمەن دىسە ،بىكارلىق دىسە شۇنچە يىگەن -ئىچكەنمۇ بارمۇ؟ ھە راست تۇنۇگۇن خوتۇنغا تىل قىلسام ئەجەپ مىنى تونىمايمەن، سىز قايسى ئىرىم؟ مەن ئۆز ئويۇمدە ،سىز خاتا ئۇرۇۋاپسىز دىگەندەك قىلىۋاتاتتى، ئۇ گۇيمۇ بىر يەردە يىڭى يىلنى باشقىچە قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ قاراپ باقايچۇ نومىرغا قىنى قانداق خاتا ئۇردۇمكى!
مەن يانچۇقۇمنى كوچىلاپ يۇرۇپ، ئوغرى ئىلىۋالسىمۇ ، ئىلىۋالغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ، دەررۇلا چۇشۇپ قاپتۇ دەپ قايتۇرۇپ بەرگۇدەك بوپ كەتكەن ئەبگا يانفۇنۇمنى ئالدىمدە نومىرغا سەپ سالدىم. نومىر يەنىلا توپ -توغرا، ئەمىسە ئۇ گۇي نىمىشكە خاتا ئۇرۇۋالدىڭىز دەيدۇ ؟ مەن يەنە بىر قىتىم سىنچىلاپ قارىۋىتىپ ، تۇيۇقسىزلا چىقىرىۋەتتىم، قورققۇنۇمدىن ئارقىغا ئۇچۇپ كەتتىم، توۋا مەن ساراڭ نىمە قىلدىم ھوي؟ ئەستا نومىر توپ-توغرا، لىكىن مەن نىمىشقا تىل نومىرى ئالدىغا رايون نومىرىنى باسمىدىم؟ خوتۇننىڭ تىلىفۇنى ئۇرۇمچىدىكى رايونىدىكى  كىچىك زىرەك ، شۇڭا ئۇنىڭغا تىل قىلغاندا ئادەتتە مەن دائىم ئالدى بىلەن 0991 بىسىپ ئاندىن،8806532 مۇشۇ نومىرنى بىسىپ ئۇراتتىم. ئەمما تۇنۇگۇن مەن ساراڭ مەسلىكتە رايون نومىرىنى باسماي بىۋاستىلا نومىرنى بىسىپتىمەن، ئۇنداق بولغاندا ئۇ بىزنىڭ غۇلجا رايونىدىكى 09998806532 گە ئۇلىنىنىدىغان گەپ. ئاھ مەن ساراڭ ئاخشام غۇلجىدىكى قايسىبىر خوتۇنغا ئۇرۇپتىمەندە؟ كۆرۇڭ ما شەرمەندىچىلىكنى!
بىر كۇن چىۋىن يەۋەلغاندەك يۇردۇم. ئەمدى ئۇ غۇلجىدىكى خوتۇنغا تىل قىلىپ .ئىشنى چۇشەندۇرۇش كىرەكمۇ قانداق؟ يا چاتىقىم يوق چۇشەندۇرمەي قۇلىقىمنى يوپۇرۇپلا يۇرەيمۇ؟ توختا سايماخۇن ،يەنىلا تىل قىلىپ چۇشەندۇرۇپ قويغىنىڭ تۇزۇكتەك تۇرۇدۇ، ئويلىمامسەن؟ ئايال ئۆزىغۇ مەيلى ، ئەمما ئاخشام يىنىدا ئىرى بولۇپ قالغان بولسىچۇ؟ ئويلاپ باقمامسەن سايماخۇن ، بىر كىچە سائەت 12 يىرىمدىن ئۆتكەندە ، بىر مەست ئەر كىشى بىرسىنىڭ خوتۇنىغا سەن مىنىڭ خوتۇنۇم، ياق دىگىنىگە ئۇنىماي دەل سەن مىنىڭ خوتۇنۇم دەپ تىل قىلسا ، ئۇنىڭ ئىرى ئۇ خوتۇننى چانىشى تۇرغانلا گەپقۇ!
ھەممىلا ئەر سەن سايماخۇن ئەمەس يۇۋاش بولىدىغان،ياخشىسى خوتۇن بولسا خوتۇن ئۆزىگە ، ئىگەر خوتۇن بولماي ، ئىرى ئىلىپ قالسا ئىرىگە ئوبدان چۇشەندۇرۇپ قوي! سەن سايماخۇننىڭ بىر خاتا تىلىفۇنى بىلەن بىر ئۆي بۇزۇلۇپ، ئايالى تۇل، باللىرى تىرىك يىتىم قالسا، سەن بۇ ئۇۋالچىلىقنمى تارتالامسەن؟
مەن مۇشۇلارنى ئويلىغانسىرى ئاخشامقى خاتا ئۇرۇلغان تىلىفۇننى ئالغان بىچارە ئايالنىڭ ئىرى تەرىپىدىن كىچىچە دۇمبالىنىپ، چالا ئۆلۇك ياتقان ، ئۇششاق بالىلىرى بىچارە ئانىسىنىغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغا-زارە قىلىشىۋاتقان كۆرۇنۇشى كۆز ئالدىمغا كەلدىمدە چىدىيالماي شۇ زامان ئاخشامقى خاتا بىسىلغان لەننىتى نومىرنى قايتا بىسىپ ئۇلىدىم ،كاللامدا پەقەت توغرا چۇشەندۇرۇپ بەختسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك دىگەن بىرلا ئۇقۇم بار ئىدى.
تىلىفۇن ئۇلاندى. مەن يۇرۇگۇم دۇپۇلدىگەن ھالدا ،پەس ئاۋاز بىلەن سالام يوللىدىم:
-ۋەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟
-ۋەي ،ۋائەلايكۇم ئەسسالام -تۇنۇگۇن  كەچتە تىلىفۇنۇمنى ئالغان <خوتۇنۇم> (ئەمدى بۇ ئىسىمنى ئىسكوپكا ئىچىگە ئالمىساق بولمىدى) جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن خۇددى ھىش ئىش يۇز بەرمىگەن ھالەتتە جاۋاپ سالام قايتۇردى. قارىغاندا ئاخشام جەڭ بولمىغان ئوخشايدۇ، ھەقچان ئىرى يا ماڭا ئوخشاش پائالىيەت قىلىپ چىقىپ كەتكەن گەپ يا بولمىسا پائالىيەتتىن مەس كىلىپ ھىشنىمە سەزمىگەن گەپ! شۇنداقتىمۇ مەن شۇنداق ئىھتىياتچانلىق بىلەن گەپ باشلىدىم:
-قاراڭ ،ئاخشام مەن سىزگە خوتۇنۇمغا تىل قىلدىم دەپ سىزگە قىلىپ ساپتىمەن، ئەمما نومىر ئوپمۇ -ئوخشاش، بۇنىڭدا مەسىلە يوق، لىكىن مەسىلە رايون نومىرىدا چىقىپ قالدى، مەن خوتۇنۇمغا تىل قىلغاندا ،ئۇرۇمچى رايون نومىرىنى باسماي، بىۋاستىلا بىسىپتىكەنمەن، غۇلجىدىكى سىزگە ئۇلىنىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاۋازىڭلارمۇ شۇنداق ئوخشاش، ھەتتا مەنمۇ پەرق قىلالماي قالدىم، شۇڭا سىزدىن ئەپۇ سوراپ تىل قىلىشىم ئىدى.
<خوتۇنۇم > كۇلۇپ كەتتى ۋە شۇنداق دىدى:
ھىچقىسى يوق، ئاخشام بەك مەست بولۇپ كىتىپسىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە سىزنىڭ ئايالىڭىز ئىككى يىللىق ئۇگۇنۇشكە كىتىپتىكەن، سىز ئىككى بالا بىلەن قاپسىز ، شۇ ئايالىڭىزنى سىغىنىپ ئۇرۇپتىكەنسىزغۇ؟
-سىز قانداق بىلىسىز؟- مەن جىددىلىشىپ سورۇدۇم.
-ئاخشام ئۆزىڭىز دەپ بەردىڭىزغۇ؟ مەنغۇ سورىمىغان ، ئەمما سىز ئۆزىڭىز تىرىكىپ، بىراقلا تۆكۇپ سالدىڭىز دەردىڭىزنى، شۇنىڭدىن بىلدىم!
-يولدىشىڭىز بارمۇ ؟- مەن ئەگەر يولدىشى ئاخشامقى بۇ ئىشلارنى بىلگەن بولسا ،ئۆز ئاغزىم بىلەن  چۇشەندۇرۇپ قويماقچى بولۇپ سورۇدۇم.
-يولدۇشۇمنى سوراپ نىمە قىلىسىز؟
-ئەگەر يولدىشىڭىز بولۇپ قالسا، ئاخشامقى ئىشلارنى خىلى خىلى ئەرلەرمۇ كۆتۇرەلمەيدۇ. شۇڭا مىنىڭ سەۋەپلىك ئائىلەڭلەرگە دەز كەتمىسۇن دەيمانا؟
<خوتۇنۇم > خۇشخۇيلۇق بىلەن جاۋاپ بەردى:
زورۇرىيىتى يوق، مىنىڭ ئىرىم يوق، چۇنكى مەن ئاجرىشىپ كەتكەن!!!!!!!!
ۋاھ ۋاھ ۋاھ سايماخۇن ، سەن بەزىدە بەك بەختلىك جۇمۇ؟ ئۇ تەنھا ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئەنسىرىشىڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىكەن، خاتىرجەم ياستۇقنى ئىگىز قىرلاپ ئۇخلاۋەر، خۇدايىم يەنە بىر قىتىم بىر يۆلەپتۇ سىنى!
-بوپتۇ ئەمىسە ، مەن شۇنى چۇشەندۇرۇپ قوياي دىگەن، باشقا ئىش بولمىسا، سىزگە خوشاللىق تىلەيمەن خوش_ مەن ئۇنىڭ جاۋابىنىمۇ كۇتمەي ، تىلىفۇننى ئۇزىۋەتتىمدە ئىچ ئىچىمدىن خوش بوپ كەتتىم ، مانا بىر چوڭ مەسىلە ھەل بولدى. ئەمدى ئىشىڭنى قىل سايماخۇن!
بىلمەيمەن ،ئارىدىن بىر ئايچە ئۆتتىمىكى ، بىر كۇنى ئىشخانىدا شۇنچە ئالدىراش ماتىريال رەتلەۋاتسام تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايراپ كەتتى، ئەستا كىمدىن كەلگەن تىلىفۇن بولغىيتتى؟ بىر قولنى ئىككى قىللالمايۋاتقاندا، مەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يانفۇنۇمنى ئالدىمدە قارىدىم، قارىدىم يۇ چۆچۇپ كەتتىم، بۇ خوتۇنۇمنىڭ تىل نومىرى ئىدى، قايسى خوتۇنۇم بولغىيتتى ئەمدى؟ خوتۇن ئىككى بولسىمۇ چاتاقمۇ نىمە ؟ ئىلغا قىلىپ بولالماي، تازا سەپ سىلىپ قارىسام <راست خوتۇن>ۇمنىڭ ئەمەس، يالغان <خوتۇنۇم> نىڭ تىل نومىرى ئىكەن، ئالدىدا رايون نومىرى يوق،ئەگەر راست <خوتۇنۇم> نىڭ نومىرى بولغان بولسا ئالدىدىكى 0991 دىگەن رايون نومىرى تىل ئىكرانىمغا خۇددى ئەركەك شىرنىڭ  ھۇرپەيگەن چاچلىرىدەك  يىيىلغان ھالەتتە چىقىپ بولغان بولاتتى، ئەمما ھازىرقى نومىردا بولسا رايون نومىر يوق پەقەتلا ئىقچام ھالەتتىكى  8806532 نومىر ئىدى، شۇنداقتىمۇ مەن سەل تىڭىرقاش  ۋە جىددىلەشكەن ھالەتتە ئالدىم، چۇنكى شۇ قىتىمقى سۆزلىشىشتىن كىيىن قەتئى ئالاقە قىلمىغان تۇرسام!
-ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم- <خوتۇنۇم> بىرخىل سالماق ۋە چىرايلىق زىل ئاۋازدا ئەھۋال سورىدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسساكام-مەنمۇ سىلىق ھالدا سالام جاۋاپ قىلدىم.
-مىنى تونىدىڭىزمۇ؟-<خوتۇنۇم > خىر-خىر كۇلگەن ھالەتتە سورىدى.
مەنمۇ كۇلۇپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم:
-تونىمامدىغان، ئۆتكەندە يىڭى يىل ھارپىسىدا مەن خوتۇنۇمغا تىل قىلدىم دەپ  سىزگە خاتا تىل قىلىپ قالغانغۇ!- ئىچىمدە ئويلىدىم -ئىشقىلىپ خوتۇنلىرىمنى ئۇنتۇپ قالامدىغان!
-ئىسىڭىزدە ئىكەنمەن، مەن تىخى سىزنى مىنى ئۇنتۇپ قالدىمىكى دەپتىمەن، ھە نىمە ئىشلارنى قىلىپ سىز؟
<خوتۇنۇم >مىنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمنى، باللىرىم نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ مەن نىمىگە قىزىقىمەن دىگەندەك بىر تالاي ، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز سوئالارنى سوراۋاتاتتى، مەن ھۆرمەت يۇزىسىدىن جاۋاپ بىرىۋاتساممۇ، ئەممە كاللامدا بۇ <خوتۇنۇم > بۇگۇن نىمە مەخسەتتە ماڭا تىل قىلىپ قالغاندۇ؟ دىگەن سوئال پىر پىر مىڭەمدە پىقىرايتتى، شۇڭا تولىمۇ دىققەتتە قاچان تۆشۇك ئاچار دەپ تۇراتتىم. بىر چاغدا سورايدىغان سوئال تۇگىگەن چىغى <خوتۇنۇم > تۇيۇقسىز مەندىن ئاستا  سوراپ قالدى:
-ئايالىڭىزنى ھازىرمۇ سىغىنىپ تۇرۇۋاتامسىز؟
-نىمە بولدى ؟ بۇنى سوراپ قاپسىزغۇ؟- مەن تىڭىرقاش ئىچىدە دەررۇ سورىدىم.
-يا دەيمەنا-<خوتۇنۇم > سەل توختاپ قالدى، ئاندىن پىچىرلاپ دىگۇدەك داۋاملاشتۇرۇپ سورىدى:
ئەجەپ ماڭا يەنە بىر قىتىم خاتا تىلىفۇن قىلىپ قويمايسىزغۇ؟

كەچۇرۇڭلار دوستلار مەن ئاخىرى قاتتىق نەزەربەنتتىن ئاران بوشاپ كىلىۋالدىم ،سىلەرنى بەكمۇ سىغىنىپ، بەكمۇ مۇڭدىشىپ، بەكمۇ مۇڭداشقۇم بار ئىدى، ئەمما بىزنىڭ <ۋۇ زىتىئەن> مىنى بىر ھەپتە ھەپىسكە ئىلىۋەتكەشكە سىلەر بىلەن ھىشبىر مۇڭدىشالمىدىم.  مۇختەرباي دىگەن ئۇستازىممۇ ئاجايىپ بىر ئىنساندە! شاگىرت دىگەننىڭ يۇزىنى ئاياپ قويماي ،تىل قىلسام <نەزەربەنتتە> دەيدۇ دەپ ھەممىنى ئاشكارلىۋىتىپتۇ، مىنىڭ بۇ ساراڭ تىلىفۇنۇممۇ مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام دىگەن تەمسىلنى نەدىن ئۇگۇنىۋالدىكى ،باشقىلارنىڭ تىلىفۇنىدەك <سىز ئۇرغان تىلىفۇن ئىتىق>،ياكى <سىز ئۇرغان تىلىفۇن مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس> دىمەستىن، ئۇدۇللا <سىز ئۇرغان تىلىفۇن نەزەربەنتتە > دەپ ھەممىنى دەۋىتىپ پاقىراپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇڭا بىزنىڭ باشلىق باشقا تىلىفۇن تۇتۇماي ،مۇشۇ تىلىفۇننىلا تۇتۇسەن دىگىنى شۇ ئىكەندە دەپ ئاندىن بىلدىم.شۇنداقتىمۇ سىلەرنىڭ مىنى ئەسلەپ، مىنى ئىزدەپ تۇرغۇنىڭلارنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىمگە مۆللىدە ئىسسىق ياشلار كىلىپ، ئىرىپ-ئىقىپ ئۆزەمنى تۇتالماي ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتىم. شۇڭا جىنىم چىقىپ كەتسىمۇ بۇ دەردىمنىڭ ئاخىرىنى چىقىراي دەپ ، كومپىيىتور ئالدىغا زور قەيسەرلىك بىلەن لىۋىمنى چىشلەپ ئاچ ئولتۇرۇپ، داۋامىنى داۋاملىق يوللىدىم، قىنى قۇلاقلار بۇياقتا بولغاي!
شۇنداق قىلىپ بۇ <يەنە بىر بوتۇلكا كەلتۇرۇلسۇن > دىن چىققان بۇ چوكان بىلەن تىلدا تونۇشقان بولدۇم، ئەمما كۆرۇشۇشكە جۇرئەت قىلالمىدىم. نىمىشقىدۇر بۇ ئىشنى ،خىيالىدا نىمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان، بۇ <چىشى جۇ گېلىياڭ>  باشلىقىمنىڭ بىر ھىيلىسىمىكى دەپ بىلەتتىم. كىم بىلىدۇ؟ بۇ مەن يوق ئىككى يىلدا بىزنىڭ سايماخۇن كىملەرگە قاش ئىتىپ، كىملەرگە شىرىن چاقچاق قىلىپ يۇرۇدۇ دەپ ئويلاپ، سىناپ بىقىش نەزىرىدە ، بىرەر دوستىنى ئىشقا سالدىمۇ ؟ بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ جۇمۇ ھازىرقى خوتۇنلارغا، بەئەينى <چىشى يەكسا سۇن چوكان>نىڭ ئۆزى.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، بىر قىشلىق تەتىلدە بىزنىڭ <ۋۇ زىتىئەن> ئۆيگە يىنىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ يەنە قاباھەتلىك بىچارە كۇنلىرىم باشلاندى. ئۇ كۇندە دىگۇدەك كۇندۇز- كەچ دىمەي سورۇنلارغا كىتەتتى. ئۇنىڭ ئاتالمىش دىيىشىچە ئۇ ئۇگۇنۇشكە كەتكەن بۇ ئىككى يىلدا نۇرغۇن تۇققان- دوستلىرى ،نۇرغۇن توي- چاي ۋە ئولتۇرۇشلارنى قىلىپ بوپتۇ، شۇلارنى تولۇقلىشى كىرەك ئىكەن. مەندىنغۇ رۇخسەت سوراش يوق، ئەكسىچە بۇيرۇق بار، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇرۇمچىدە ئىككى يىل ئوقۇپ مىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىمۇ ئالامەت ئۆسۇپتۇ دىسە!
-ھويت سايماخۇن، بۇگۇن پالانچى دوستۇم ، چاي قىپتۇ، مەن شۇ يەرگە كەتتىم، سەن <غ > ۋە <ت> دىن ئىبارەت ئىككى ئۇزۇك تاۋۇش ئارىسىغا <ئى> دىگەن بىر تاللا سوزۇق تاۋۇشنى قوشۇپ، ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ، بالىلارغا قاراپ تۇر ھە! مەن ئىككى يىل ئوقۇيمەن دەپ بەك ھىرىپ كەتتىم، بىردەم چايغا بىرىپ ھاردۇق چىقىرىپ كىلەي!
كۆردۇڭلارمۇ بۇرادەرلەر، كىمنىڭ خوتۇنىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپتىن گىراماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن بۇنچىلىك ئىسىل پايدىلىپ، ئۇزۇك تاۋۇش ئارىسىغا سوزۇق تاۋۇش قىتىپ، مۇرادىغا يەتكۇدەك ۋايىغا يەتكۇزەلەيدۇ؟ شۇڭا قان -قان يىغلايمەن مەن. شۇڭلاشقىمۇ قان بەك ئاز مەندە. بىر قىتىم ئۇنىڭغا مەن گەپ ئارىسىدا سۆز قىلىپ( ئەلۋەتتە يەر ئاستىدىكى قۇرۇت ئاران ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا):
-قارا مۇشۇ ئىككى يىلدا سەن يوق، مۇشۇ ئىككى بالىغا قارايمەن دەپ شۇنچىلىك ئورۇقلاپ كىتىپتىمەن. مەندە چوقۇم  قان ئاز دىسەم ،ئۇ زەردە بىلەن ماڭا ئالىيىپ:
-ئەمىسە مەندىچۇ؟- دەپ سورىدى. مەن گىرىيمۇ تولۇق مەزمۇندا < سەندە قان بەكمۇ جىق > دىمەي ،قىسقارتىپلا  جاۋاپ بىرىپ:
-قانجىق - دەپتىمەن ئەمەسمۇ!
بىزنىڭ چىشى شىر شۇ زامان ھۆكۇرەپ،سەن مىنى <قانجىق (قانجۇق)> دىدىڭ دەپ،سۇپۇرگە بىلەن بىشىمغا ئۇرۇپ ، سۇرۇپ يۇرۇپ شۇنچىلىك قوغلىغان ئىدىكى ،ھەيئەنەس ئۇ چ ئىغىز ئۆي شۇنچىلىك تار بىلىنگەن ئىدى. ئاپام دەيدىغان <سۇپۇرگە بىلەن كىشىنىڭ بىشىغا ئۇرسا بويى ئۆسمەيدۇ> دەپ ، بەزىدە ئۆزەمنىڭ نىمە ئۇچۇن بويۇمنىڭ پاكار بولۇپ قالغانلىقىنى چۇشەنگەندەك بولۇپ قالىمەن. كىيىن مىڭ بالالىقتا 10 مىڭ خەتلىك توۋانامە يىزىپ ئاران قۇتۇلغان ئىدىم.
شۇندىن كىيىن مىنى جازا ھىساۋىدا ھىش يەرگە چىقارماي قويدى. دىرىزىدىن سىرتقا قارىغىنىم قارىغان. يا تىلىۋىزور كۆرۇمەن، يا كىتاپ، ياكى ئالۋاڭ ھىساۋىدا جۇۋاۋا، چۆچۇرە تۇگۇشۇپ بىرىمەن.
ئەممە ئۇ ھەرقانچە يامان بولسىمۇ لىكىن مىنى بىرلا چايدىن توسىمايتتى. ئىنىقى توسايمەن دىسىمۇ توساشقا ئامالسىز قالاتتى. ئۇ بولسىمۇ خوشنىلار ئارا ئايدا بىر ئوينايدىغان چىيىمىز بار ئىدى. ھەر ئاينىڭ 20 -چىسلاسىدىن كىيىن بىرنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى 17 نەپەر ئەر خوشنىلار  نۆۋەت بىلەن چاي قىلاتتى.
باشقا خوشنىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ھويلىغا يىغىلاتتىدە، ئاندىن ھەممىسى بىرلىشىپ بىرلىكتە  بىزنىڭ ئۆينىڭ (ئەسلىدىغۇ مىنىڭ ئۆيۇم دىگۇم بار ئىدى، ئەمما ئۆي كىنىشكىسىغا ئۇنىڭ ئىسمى يىزىلغان بولغاشقا ، ئۆز ئابرويۇمنى ئازراق قوغداش يۇزۇسىدىن ،ئاتاققا بولسىمۇ بىزنىڭ دىدىم) ئالدىغا كىلىپ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى سىلىق بىلەن ،بىزنىڭ باشلىققا تولىمۇ  ئەدەپ بىلەن بۇگۇن خوشنىلارنىڭ چىيى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ ، مىنى سورايتتى. بىزنىڭ باشلىق ئامالسىز يالغاندىن كۇلۇپ تۇرۇپ خۇشخۇيلۇق بىلەن مىنى چاقىراتتى، ۋە تولىمۇ <كۆيۇمچانلىق > بىلەن ماڭا مۇلايىمغىنا ھالدا :
-ياخشى ئويناپ كىلەرسىز !- دەپ ئۇزۇتاتتى. بۇنداق <كۆيۇمچانلىقنى > كۆرۇپ مىنى تىخىمۇ بەك تىتىرەك باساتتى. ئاھ بۇ نىمە كۇن ؟ تىللىسا ،ۋاقىرىسا يەنە قوقساڭ! تۇيۇقسىز كۆيۇمچانلىق قىلسا ،تىخىمۇ ئەندىكىپ ،تىخىمۇ ھەسسىلەپ  قوقساڭ!
مەن چىققاندىن كىيىن ، پۇتۇن خولۇم -خوشنىلار <سايماخۇننى ئازات قىلىپ ئىلىپ چىقتۇق،ھۇررا ھۇررا ھۇررا > دەپ توۋلىشىپ ، سورۇنغا كىتەتتۇق. تەبىئىكى ئۇ سورۇندىكى چاقچاقنىڭ دەسمىسى مەن بولاتتىم. ناخشا سازدىن كىيىنكى چاقچاق ماڭا پىلۇمۇت ئوقىدەك ياغاتتى، ئامال يوق ھىجاراپ ئولتۇرۇدىغان گەپ. كىم مىنى ئىسمى -جىسمىغا لايىق سايماخۇن بولسۇن دەپتۇ؟ ئىشقىلىپ چىيىمىز شۇنداق قىزاتتى.
لىكىن <گۇللەر ئىچىدە نازۇك گۇللەر بار > دىگەندەك بۇ خوشنا چايلار ئىچىدە ، خوشنىمىز ھەسەن كاسكىنىڭ چاي نۆۋىتى بەكمۇ قىزاتتى، چۇنكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدىكى چايدا ، ھاراقنى ئۆزى قۇيۇپ، رۇمكىنى قولىدا تۇتقان ھالدا باشتىن- ئاخىر ئۆرە تىك تۇرۇپ شۇنچىلىك چاقچاق قىلاتتىكى سورۇندىن قىقاس چىقىپ كىتەتتى.ئۆزى كۇلمەي تۇرۇپ،جىددى تەرۇزدە  شۇنچىلىك قىزىق پاراڭ قىلاتتىكى ، نۇرغۇنلىرى ئەمدىلا ئىچكەن ھارىقى ياكى چىيىنى ئىچىپ يۇتۇشقا  تەمشەلگەنلىرى،ئۆزىنى تۇتالماي كۇلۇپ قىقىلىپ كىتىپ ،ئۆپكىسىنى زەخمە قىلىۋالغان ئىدى.ئۆزىنى كۇلكە دەستىدىن تۇتالماي ،مەسلىكتە ئارقىسىغا ئاسمان تاپىلاق بولۇپ چۇشكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
بىر قىتىم شۇ خوشنىمىزنىڭ چىيى بەكمۇ قىزىپ كەتتى. تولا كۇلۇپ كۆزلەردىن ياشلار چىقىپ كەتتى، ئۇ بولسا غىمىدە يوق، چاقچىقىنى قىلاتتى، پۇتۇن بەدىنىدىن كۇلكە تۆكۇلەتتى. بىلىپ بىلمەي سائەت يىرىم كىچە ئۇچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىزنىڭ باشلىق بەرگەن ۋاقىت سائەت 11 دىن ئاللىقاچان ئىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تولا ئۇچۇر قىلىپ ،قايتىپ كەل دىگەن بولسىمۇ ،سورۇننىڭ قىزىقىدا پەرۋا قىلماي ئولتۇرۇۋەردىم.شۇ كۇنى ئىشقىلىپ ئەجەپ يۇرۇگۇم توم بوپ قالغان چىغى. ئەممازە سورۇندىن يىرىم كىچە سائەت ئۇچ يىرىمدىن تارقىغاندا بولسا ،باشقا غەم چۇشتى، ئەمدى قانداق ئۆيگە كىرەرمەن؟ ئىشىكنىغۇ ئىچىپ بىرىدۇ،ئەمما چوقۇم قاتتىق ئۇرۇپ كىتىدۇ، .ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئۇدا تۆت كۇن يىزىغا چۇشۇپ تۆت كۇن كەچ كەلگەن ئىدىم. ھازىر ئۇ مۇشۇ تاپتا چوقۇم ، مىنى يەڭنى شىمايلاپ ساقلاپ تۇرۇدۇ.كىم بىلىدۇ  يۇك-تاقلىرىمنى تىڭىپ ئىشىكتىن كىرىشىمگە يۇزۇمگە ئىتىپلا ئۆيدىن چىقىرۋىتەمدۇ؟ قورقۇنۇچ بىلەن قايتىۋاتىمەن، ئويۇننىغۇ ئوينىۋالدۇق، ئەمما دەردىنى  خۇلاسىسىنى قانداق چىقىرارمەن؟غەم بىلەن كىتىۋاتسام،يەنە بىر خوشنام يىنىمغا كەلدىدە ،ماڭا سۆزلىدى:
-سايماخۇن ئاداش، بۇگۇن سىلەرنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالايمىكى قانداق بولامدۇ؟
-نىمە سەنمۇ خوتۇنىڭدىن قورقۇمسەن؟- مەن ئىختىيارسىز ھەيرانلىق بىلەن سورۇدۇم.
-ياق ۋوي، ھەممىلا ئادەم سىنىڭدەك سايماخۇن ئەمەس خوتۇنۇدىن چىچىۋەتكۇدەك قورقۇدىغان-خوشنام چۇشەندۇردى- بۇگۇن  قىيناتام-قىينالاملار بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالغان، ئۆزەڭ بىلىسەن، قىيناتام ھەرەمگە بىرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەن، شۇڭا بۇنداقلا ئۇ ئۆيگە كىرسەم بولماس دەۋاتىمەنغۇ؟
مەن شۇنداق خوش بوپ كەتتىم، توغرا بۇ خوشنام مەن بىلەن ئۆيگە كىرسە، بىزنىڭ باشلىق ھەرگىز ئۇششۇقلۇق قىلالمايدۇ، جىدەلمۇ قىلالمايدۇ، قالغىنى ئەتە كۆرمەمدىم،مەن شۇ زامان قوشۇلدۇم:
-چاتاق يوق ئاداش، بىزبىڭ ئۆيدە يىتىپ قال. ئۆي كەڭرى، ئىككىمىز چەتتىكى ئۆيدە بىللە ياتىمىز، ئەمىسە كەتتۇق!
ھەمىمىز قورۇغا ئولاش-چولاش ۋاڭ-چۇڭ بىلەن  كىردۇق، ئەممە خوشنام تۇيۇقسىز بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە  كىرىشتىن يالتىيىپ قالدى
-ئاداش سايماخۇن ،مۇشۇ سىلىنىڭ خوتۇن بىر نىمە دەپ كىتىدىغاندەك تۇرۇدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاستا چاندۇرماي ئۆز ئۆيۇمگگ كىرىۋالاي جۇمۇ ئاداش.
-جىنىم ئاغىنەم، بىزنىڭ ئۆيدە يىتىپ قالساڭچۇ بولدى، خوتۇن ھىشنىمە دىمەيدۇ، كىرىۋىرە ئۆيۇمگە - مەن يالۋۇرۇپ قالدىم.
ئەمما خوشنام چورتلا ئۇنىمىدى:
- بولدى سايماخۇن ،سەن كىرىپ كىتىۋەر، مەن ئاستا ئۆز ئۆيۇمگە كىتەي، بەك كىرەلمىسەم قايتىپ كىلىپ سىنىڭكىدە ياتارمەن!
خوشنام توسۇپ يالۋۇرغىنىمنىغمۇ قارىماي،بۇرۇپلا  دەلدەڭشىگىنىچە كىتىپ قالدى، مەن قاققان قوزۇقتەك ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپلا قالدىم، كىرىشكە پىتىنالمايتتىم، كىرسەملا تاياق يەيدىغاندەك يۇرۇگۇم دۇپۇلدەيتتى. ئاستا ئارقامغا  بۇرۇلۇپ چوڭ دەرۋازا قىشىغا قايتىپ كەلدىم ،خىيالىمدا يەنە بىر ئاز سەگىپ، ئۆزۇمنى بىسىۋىلىپ كىرمەكچى ئىدىم. چوڭ دەرۋازا قىشىغا كەلسەم، بايامقى چايدىن يانغان بىر قىسىم خوتۇنىدىن قورقمايدىغان پالۋا سۇپەت خوشنىلىرىم دىجورنى بۆلۇمدە جىڭخۇاغا (قىمارنىڭ بىر تۇرى) تۇتۇشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى 10 مىنۇتتەك كۆرگەن بولدۇم. تۇيۇقسىز يانفۇنۇم شۇنچىلىك ئەنسىز سايرىدىكى، تىزلىك بىلەن نومىرغا قاراپ تىخىمۇ چۆچۇپ كەتتىم، چۇنكى ئۇ بىزنىڭ باشلىقنىڭ مەن قورقىدىغان تىل نومىرى ئىدى ، ئۇچ يىرىمغىچە ئۇخلىماي سىنى ساقلاپتۇدە سايماخۇن، .ئەمدى كۆرگۇلىكىڭ بار ئوخشايدۇ راستىنلا. مەن تىتىرەپ تۇرۇپ تىلنى ئۇلىدىم:
-ۋەي
-ھەي ساراڭ ،سەن نەدە ؟- بىزنىڭ باشلىقنىڭ شۇنچىلىك  ئۆزىنى يوقاتقان ھالەتتىكى ئەنسىز  ئاۋازى قۇلىقىمدىن كىرىپ، تاپىنىمدىن چىقىپ  شۇرىدە قىلىپ چىقىپ كەتتى.
-مەن دەرۋازا ئالدىدا، نىمە بولدى؟- مەنمۇ شۇنچىلىك ئەنسىز ھالەتتە سورۇدۇم.
-دەرھال ئۆيگە يىنىپ كەل، -بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئاۋازى نىمىشقىدۇر يىغلامسىرىغان ھالدا چىقاتتى- بايام ئۆينىڭ ئىشىكى چىكىلسە ، مەن سەن ساراڭ سايماخۇننى ئەمدى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ، ئاچچىقىمدا توكنىمۇ ياندۇرماي، ئىشىكنى ئىچىپلا سەپ-سالمايلا،ئىشىك ئالدىدىكى ئادەمنىڭ يۇزۇگە بوپاڭنى ئىتىپلا ، <يوقال بۇ كەچتە نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەردە قون لالما >دەپ ئىتتىرىپتىكەنمەن پەلەمپەيدىن ، دومىلاپ كىتىپ ۋاقىراپ كەتتى، زالنىڭ يانغان چىرىقىدىن قارىسام، ۋاي ئۆلەي خوشنىمىز .ئىكەن، مەن ئەمدى قانداق قىلاي ، نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن چاققان كەل.بولە تىز!
مەن ئۇچقاندەك ئۆينىڭ ئالدىغا باردىم ، دىمەكچى خوشنام كىيىملىرى توپا، ئۆڭسۇلى يوق، ۋاي ۋايلاپ دىڭگۇسلاپ ماڭغان پىتى كىلىۋاتاتتى، قولىدا تىخى مىنىڭ ھىلىقى بىچارە بوپام تۇراتتى.
-نىمە بولدۇڭ جىنىم خوشنام؟ - دەپ سورۇدۇم مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ.
-نىمە بولدۇڭ دەپ مەندىن سوراۋاتامسەن-خوشنام بوپامنى ماڭا زەردە بىلەن تۇتقۇزۇپ دىدى-نىمە بولدۇڭ دەپ خوتۇنۇڭدىن سورىغىنا بىر.
مەن چۇشەنمەي سورۇدۇم:
-ئۆيۇمگە كىرگىن، بىللە  يىتىپ قالىلى  دىسەم ،سەن ئۆزەڭ ئۇنىماي ئاستىلا ئۆز ئۆيۇمگە كىرىۋالىمەن دەپ كەتكەن ئىدىڭغۇ؟ئەمدى بۇ ئىشىكىمدە نىمە قىلىپ يۇرۇسەن؟
-ۋاي جىنىم ئاداش -بىچارە خوشنام ئاغزىدىكى قان-يۇقىنى شالاققىدە قىلىپ بىر تۇكۇرۋەتتىدە ۋايساپ كەتتى- شۇ مەنغۇ ئۆيۇمگە كىرىپ كىتىمەن دەپ كەتكەن، ئەمما ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ، ھاجى قىيناتام ياتقان ئۆينىڭ چىرىغى يوپ-يورۇق تۇرۇدۇ، ئۇ كىشى ئۇخلىماپتۇ، ئۇ ھالدا مەن قانداق ئۆيۇمگە كىرىپ كىتەلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بولدىلا سىنىڭ ئۆيۇڭنىڭ قونۇپ قالايچۇ دەپ يىنىپ كەلدىم، سەنمۇ ئىشىكىڭ ئالدىدا قالغان بولغاشقا ،سىنى ئاللىقاچان ئۆيۇڭگە كىرىپ كەتتى دەپ ئىشىكىڭنى چىكىپتىمەن، ئىككى -ئۇچ قىتىم چەككىنىمنى بىلىمەن،بىر چاغدا ئىشىكىڭ جالاق قىلىپ شۇنداق بىر قاتتىق ئىچىلىشى بىلەن تەڭ مۇنۇ بىر مىشكاپ نەرسە چۇۋۋىدە قىلىپ  ئۇچۇپ چىقىپ يۇزۇمگە پاققىدە تەگدى ،كۆزۇمدىن ئوت چىقىپ كەتتى.نىمە ئىش بولۇپ كەتتى دىگۇچە،خوتۇنۇڭ <يوقال لالما، بۇ كەچتە نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەردە قون >دىدىدە ، كۆتۇمگە بىرنى تىپىپ،مەيدەمدىن بىرنى  ئىتىرىپلا، پەلەمپەيدىن ياڭيۇدەك يۇمۇلىتىۋەتتى دىسە. بىر چاغدا مىنى تونۇپ قالدى بولغاي ، ۋاي ئۆلەي دەپ بىر چىقىرىغان پىتى، ئىشىكنى گۇپپىدە  يەنەيىپىۋالدى. نىمە ئىش ئاداش بۇ؟ سەن ئۆيدە ئەمەسمىدىڭ؟
-ياق مەن ئۆيدە ئەمەس ئىدىم ئاداش، سەن كەتكەندىن كىيىن، مەنمۇ ئۆيگە كىرمەي،دىجورنى بۆلۇمدە باشقىلار بىلەن كورۇت ئويناۋاتاتتىم.ئاداش بىر يىرىڭ بىرنىمە بولغاندەكمۇ؟ دوختۇرغا ئاپىرايمۇ؟ -مەن سەل ئەنسىردىم، چۇنكى بۇ ئاغىنەم موللاق ئىتىپ چۇشكەن پەلەمپەي خىلىلا ئىگىز 15 پەلەمپەيلىك ئىدى.
-بىرنىمىمۇ بولمىدىم ، شۇ ئىككى تال چىشىم چۇشۇپ، ئاغزىم قاناپ كىتىپتۇ. بولدى ئاداش نىمە بولسۇن بولسۇن ئۆز ئۆيۇمگە كىرىپ كىتەي، ئۆيگە ئاپىرىپ قويە!
مەن ئاغىنەمنى يۆلەپ ،ئۆيۇنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بىسىپ ئۇنى ئايالىغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇ بىچارە  ئاغىنەم  ئايالىغا قاراڭغۇدا قىزىلغان ئازگالنى كۆرمەي چۇشۇپ كەتتىم دىسە، ساددا ئايالى بۇ گەپكە ئىشىنىپ:
-ھاراق ئىچكەننىڭ سازايى دەپ بىلدى .
مەنمۇ بوپامنى كۆتۇرۇپ ئۆيگە كىردىم، ئايالىم ئۆڭسۇلى يوق بىر بۇلۇڭدا شۇمشەرەپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ ئۆزىمۇ شۇنچىلىك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مىنى كۆرۇپ دەررۇ سورىدى:
_خوشنىمىز بىر نىمە بوپتىمۇ ؟
مەن بىزنىڭ باشلىققا قارىدىم، ئۇنىڭ بۇنداق بىچارە تۇرقىنى پەقەتلا كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن.ھىلىقى ماڭا ياۋۇزلارچە مىقتەك قادىلىدىغان كۆزلىرىدىن ئەسەر يوق، گوياكى كىيىكنىڭ مۆلدۇرلەپ تۇرۇدىغان بىر جۇپ قارا كۆزى ئىدى. <ئاياللار پەقەت مۇلايىملىقى بىلەن چىرايلىق > دەپ كىم ئىيتقان بولغىيتتى؟ ئۇنىڭ كۆزى ئەسلىدە بىر جۇپ چىرايلىق قارا كۆز ئىكەن .ئەمەسمۇ؟خوتۇنۇمنىڭ  مۇشۇنداق كىيىكنىڭكىدەك مۆلدۇرلەپ تۇرۇدىغان بىرجۇپ قارا كۆزىنى مەڭگۇ كۆرۇپ تۇرالىغان بولسام ھە! بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەستە! كۇندە ئۇنىڭ  كۆزىنى مۇلايىم قىلىپ بىرىش ئۇچۇن ، كۆتىگە تىپىك يەپ، پەلەمپەيدە دومىلاپ بىرىدىغان نەچچە خوشنام بار دەيسىز؟
مەن ئۇنى بىر قورقۇتۇپ قويۇش ئۇچۇن ، يالغاندىن چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، تولىمۇ مەيۇس ھالەتتە جاۋاپ بەردىم:
-چاتاق بوپتۇ، قوۋۇرغىسىدىن ئىككىسى سۇنۇپ، ئۇچى ئورنىدىن قوزغۇلۇپ كىتىپتۇ، چىشىدىن ئۇچى چۇشۇپ كىتىپتۇ، يەنە تىزى زەخمىلىنىپ ، سول قولىنىڭ جەينىكى چىقىپ كىتىپتۇ. شۇنچىۋالامۇ ئىتتىرەمسەن ئەمدى؟
ئايالىم يىغلىۋەتتى:
- مەن ئۇنى سەن سايماخۇن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.
-ئەگەر راستىنلا مەن بولغان بولساممۇ ، شۇنداق قىلامتىڭ؟ -مەن ھەيران بولۇپ سورۇدۇم. ئەمما ئۇ ئۇنچىقمىدى، پەقەت بىشىنى تىزىغا قويۇپ، ئۇنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى خالاس!
ئەتىسى چۇشتىن كىيىن ئىشتىن چۇشۇپ .چوڭ دەرۋازا ئالدىغا كەلسەم ، بىچارە خوشنام بىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كىتىپتۇ، ئۇنى كۆرۇپ ئىختىيارسىز كۇلۇپ كىتىۋىدىم، خوشنام ماڭا قاراپ ئالايدى:
-تولا كۇلمىگىنە ئاداش، ساڭا ئويۇن بولىۋاتامدۇ بۇ؟
-جۇرە ئاداش ،بىر خىزمەت قىلىۋالاي ساڭا -مەن ئۇنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئاشخانىغا ئىلىپ باردىم. ئىككىمىز يىرىم توخۇ بىلەن پىيجۇ ئىچىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق.
-ئاداش - دىدى خوشنام بىر چاغدا -خەق سىنى سايماخۇن ، خوتۇنى بەك يامان دىسە ئاڭلاپلا قويۇپتىكەنمەن، ئەمما بۇنچىلىك بولار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، نىمە دىگەن يامان خوتۇن بۇ. سەن كۇندە شۇنداق تاياق يەپ تۇرامسەن؟
-يىمەمدىكى -دىدىم مەن پىيجۇنى بىر ئوتلىۋىتىپ-راست گەپ دىسەم ،سەن ھەقىقى بىر ئەركەك ئەمەس ئىكەنسەن، شۇنچىلىك بىر تاياققا  ۋاي ۋايلاپ بىر كۇن يىتىۋىلىپ، خىزمەتكىمۇ بارماپسەن. مەنچۇ ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق نى نى تاياقلارنى يەپ . يەنە مىت قىلماي چاندۇرماي ئۆي تۇتۇپ كىلىۋاتىمەنغۇ!
-شۇنداقمۇ-ئاغىنەمنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى-تىرەم قىلىنلىشىپ پىشىپ كەتتىم دىگىنە، جىنىم ئاداش قانداقمۇ چىدىغانسەن؟
-چىدىماي قانداق قىلىمەن ئاداش-ئەمدى مىنىڭ كۆڭلۇم بۇزۇلدى- خۇدايىم شۇ پىشانەمگە شۇنى پۇتكەن ئوخشايدۇ، بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن تەغدىرىم بىر بولۇپ قالامتى؟
ئاغىنەم جىم بوپ قالدى. بىر چاغدا پىيجۇدىن بىرنى گۇپپىدە قويدۇدە، كۆزۇمنىڭ ئىچىگە قاراپ ئاغزىنى ئۆملىدى:
-ئاداش شۇنداقلا بىر گەپ دەپ باقاي، خاپا بولما ھە!، ھەي ئاجرىشىپ كەتسەڭ بولماسمىتى؟< ئوغرىغا مال كاممۇ؟ ئەرگە خوتۇن >دەپ ،ئۇنداق تاياق يەپ ياشىغىچە ئاجرىشىپ كەتسەڭ، شۇنداق ياخشى چوكانلار جىققۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سىنىڭ مىجەزىڭ يۇۋاش، تىرناقتا توختىغۇدەكنى مانا مەن تىپىپ بىرەتتىم.ئۆزەم ئۆيلەپ قوياتتىم، سەنمۇ مەنمۇ تاياق يىمىگۇدەك قىلىپ!
ئاغىنەم ئاغرىغان بىلىنى سىلاپ قىساسقا تولغان كۆزىنى ماڭا تىكتى.
-ۋاي ئاداش . مىنى ئويلىمىدى دەمسەن ئاجرىشىشنى ، بىراق ئۇ پەقەت مىنى قويۇپ بەرمىدى، ھازىر ئەر -ئايال ئىككى تەرەپ خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا بىرىپ، كىلىشىم بىلەن ئاجراشتۇق دەپ قول قويسىلا ئاجرىشىدىكەن، بىراق شۇ كىلىشىمگە ئۇ خوتۇن قول قويمايتسا ئامالىڭ يوق ئىكەن. سوتقا باراي دىسەم ئۆزەپ بىلىسەن، نىكاھ بۆلمىنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ كىچىك دادىسى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئاجراشتۇرمايدۇ بىزنى.
-ئۇ دىگىنىڭغۇ راست-دىدى ئاغىنەم پىشانىسىنى سىلاپ- ئۇنىڭ ئۇستىگە خوتۇنۇڭ سىنى سوقۇپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ ياسىۋالغان تۇرسا قويۇپ بىرەمتى؟
مەن تىخىمۇ دەردىمنى تۆكتۇم؛
-ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاداش ،ئۆزەڭ بىلىسەن ، مەن ئىككى بالامغا بەك ئامراق، خوتۇندىن ئاجرىشىپ چىدىغان بىلەن ، بالىلاردىن ئايرىلىپ ھەرگىز چىدىمايمەن، بالىرىمنىڭ مەن ھايات تىرىك يىتىم بولۇپ بويۇن قىسىپ يۇرگىنىنى ھەرگىزمۇ كۆرگۇممۇ يوق، شۇنىڭ ئۇچۇنلا تاياققا چىداپ كىتىپ بارغان ئادەم مەن.
-راست بالاڭغا بەك ئالامەت كۆيۇسەن جۇمۇ سەن، بۇ ئىككى يىلدا باللىرىڭغا ئالامەت قارىۋەتتىڭ، ئانىسىنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرمىدىڭ، سىنىڭ شۇ قورساق كۆتۇرۇپ ، بالىنى ئۆزەڭ تۇغمىغان يىرىڭلا بار، بولمىسا خوتۇنۇڭ باللىرىڭغا نىمە قىلىپ بەردى؟ تىخى تاشلاپ كەتتىغۇ ئەنە!
كۆزۇمگە مۆللىدە ياش كەلدى، پىيجۇنى خىلى جىق ئىچىۋاپتىمەن. ھەي دەرت دىگەن !ئاغىنەممۇ ئويلىشىپ كىتىپ باراتتى.بىر چاغدا ئۇ گەپ باشلاپ قالدى:
-ئاداش ، سەن بەك تەس كۇنگە قاپسەن، ئاجرىشاي دىسەڭ ،مۇمكىن ئەمەس،ھەم بالاڭغا تارتىشىسەن،ئاجراشماي دىسەڭ، كۆرۇۋاتقان كۇنۇڭنى مەن بىر كۆرۇپلا چىدىمىدىم. قانداق قىلسا ھەم گۆشمۇ كۆيمەيدىغان، ھەم كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر ئامال تاپقىلى بولار؟
مەن توختىماي پىيجۇ ئىچەتتىم، ئاغىنەم بولسا توختىماي تاماكا چىكىپ ئامال ئىزدەيتتى. تۇيۇقسىز ئاغىنەمنىڭ كۇلۇپ كەتتى، يوتىسىغا شاپىلاقلاپ كەتتى:
-سايماخۇن جىنىم ئاغىنەم، دەھشەت بىر ئامال تىپىلدى، ئالامەت دىگىنە، ئەگەر ئەمەلگە ئىشىپ قالسا ، مىنى چوقۇم مىھمان قىلىسەن جۇمۇ؟
-جىنىم ئاغىنەم، چاققان دىگىنە ، شۇنداق بىر ياخشى ئامال راستىنلا بارما؟
ئاغىنەم ئەمدى قولىنى جوزىغا ئىلىپ تۇرۇپ، جوزىنى چىكىلدىتىپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى؛
-باللىرىڭنى دەپ ئاجراشقۇڭ كەلمەيدۇ شۇنداقمۇ؟
-ئەلۋەتتە ،ماڭا خوتۇن بولمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ، ئەممە باللىرىمغا ئۆز دادىسى ھەم ئۆز ئانىسى بولمىسا بولمايدۇ.
ئاغىنەم يەنە سورىدى؛
-ئەمما خوتۇنۇڭ بىلەن بىرگە تۇرۇپ، كۇندە تاياق- دەشنام يىگۇڭمۇ كەلمەيدۇ شۇنداقمۇ؟
-ئەلۋەتتە، بۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ؟ سەنمۇ يەپ چىدىمىدىڭغۇ تايىقىنى.
-ئەمىسە سايماخۇن مۇنداق بىرلا ئامال بار-ئاغىنەم ماڭا يىقىن كىلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى:
-سەن خىزمىتىڭنى يۆتكەپ يىراققا كەت، شۇ چاغدىلا ھەم ئاجراشمىغان بولىسەن، سۆز- چۆچەك، تاياق-توقماق يىمەيسەن، شۇنداقلا قاچان بالاڭنى سىغىنساڭ ئۆيگە كىلىپ كۆرۇپ كىتىسەن، ئەڭ مۇھىمى -ئاغىنەم چىشىنى يىرىپ تۇرۇپ ئەلەم بىلەن دىدى- سىنى كۇندە كۆزگە ئىلمايدىغان خوتۇنۇڭغا قەدرىڭنى ئۆتكۇزۇسەن، سەن بار چاغدا بىلمىگەن بىلەن، قىنى بالىلار بىلەن ئۆيدە قىلىپ ئۆزى تۇرمۇش كەچۇرۇپ باقسۇنچۇ؟ بىر يىلغا قالماي ئۇ يىغلايدىغان بولىدۇ؟
-ھەي ئاداش، مەن خىزمىتىمنى قانداق يۆتكەيمەن؟ سەن بۇنى ئاسان دەپ قالدۇڭمۇ؟ -مەن ھەيران بولۇپ سورۇدۇم.
-ھەي دۆت -ئاغىنەم ئەمدى راستىنلا تىرىكتى- سىنى بىرسى يۆتكەپ قويمايدۇ، سەن تورغا چىقىپ خەۋەر ئۇچۇر ئىگەللە، ھازىر غۇلجا شەھىرىدە نۇرغۇن مەمۇرى ئورۇنلارغا ئىنتىھام ئارقىلىق مەمۇر تولۇقلاۋاتىدۇ، سەن ئىنتىھام بەرمەمسەن. ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى سەن چوقۇم ئۆتۇپ كىتىسەن!
مەن تۇرۇپلا قالدىم، نىمىشقىمۇ بۇنى ئويلاپ باقمىغاندىمەن،راست مەندىنمۇ دۆت گۇيلار  ئىنتىھام بىرىپ غۇلجا شەھىرىگە يۆتكىلىپ كىرىپ كىتىشمىدىما؟
بولدى ، مەن ئىشتاننى سىتىپ بولسىمۇ كىتىمەن، ئازات بىر ئەركىن دۇنياغا كىتىمەن. مەن ئاغىنەم بىلەن پىيجۇ رۇمكىسىنى جاڭڭىدە سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋەتتىم.
كىيىن مەن راستىنلا خوتۇنغا گەپ قىلماي ، بىر شەنبە كۇنىلا غۇلجىغا كىرىپلا ،مەمۇر ئالماقچى بولغان ئورۇنغا بىرىپ ئىنتىھام بەردىم، خۇدايىم يۆلىگەندەك، مەيلى يازما ئىنتىھام بولسۇن،ياكى  ئاغزاكى ئىنتىھام بولسۇن، ھەممىسىدە مۇتلەق ئۇستۇنلۇك بىلەن 1- بولۇپ ، ئاتالمىش زور ئارقا تىرىكى، ۋە زور پۇلى بار غوجاملارنىڭ ۋارىسلىرىنى كەينىمگە تاشلاپ ئىنتىھامدىن ئۆتۇپ، غۇلجىغا يۆتكىلىپ كىرىۋالدىم، ئىنتىھام بەرگىنىمنى خوتۇنۇم پەقەتلا ئۇقمىدى، پەقەتلا يۆتكىلىش قەغىزىنىلا كۆرسىتىپ، مىنىڭ خىزمىتىمنى ھۆكۇمەت يۆتكەپتۇ دەپ ، خۇددى يۆتكىلىشتىن ئۆزەمنىڭمۇ خەۋىرى يوقتەك  بىر چەتكە چىقىپ تۇرۇۋالدىم.
بايقۇش بىچارە باشلىقىم نىمە قىلالايتتى؟ مېنىمۇ ئېلىپ كىرىسەن، بالىلارنى ئىلىپ كەتمۇ دەپ باقتى، ئەمما ھىشنىمە قىلالمىدى. مانا كۇنۇم ھازىرمۇ تولىمۇ راھەتتە، خالىسام تاماق ، يەيمەن، خالىسام ئىچىمەن، خالىسام ئۇخلايمەن، ئۆزەمگىمۇ خىلى ئىسكەت كىرىپ قالدى سالاپەتلىك بولۇپ !
ئەمما ئەمدى ئورۇقلاش نۆۋىتى خوتۇنۇمغا كەلگەندەك تۇرۇدۇ، ئىككى بالا بىلەن پالاقشىپلا قاپتۇ، خالىسام جۇمە ئۆيگە چىقىپ باللىرىمنى كورۇمەن، ئەگەر باشلىق يەنە باشقۇرماق بولۇپ غۇززىدە قىلسا، ئەسلىدە دۇشەنبە كەتمەكچى بولغان ئادەم، خىزمەت چىقىپتۇ دەپلا شەنبىلا قىچىپ كىرىۋالىمەن، ھى  ھى  ئەجەپ ياخشى تۇرمۇشۇم.
ئەڭ مۇھىم ئىش ئەمدى ، مەن بۇ غۇلجا شەھىرىدە بىر چاي قىلىپ <سايماخۇن > ئىسمىمنى يۆتكەيمىكى دەيمەن، بىلمىدىم ، ئەلكۇيىدىكى بارلىق دوستلىرىم كىلەرمۇ مەن سالغان داستىخانغا،؟ ئەڭ مۇھىمى باي ئۇستاز بىلەن دىدار توردە ئولتۇرۇپ بەرسە، باي ئۇستازغا بىر ئىسىل سۆسەر تۇماق، دىدارغا ئىسىل بىر ھەربىچە جۇۋا سۇنسام!
ئاخىرىدا ماڭا مۇشۇنداق بىر ئىسىل مەسلىھەت بىرىپ ، خۇلجىغا يۆتكىلىپ بىر يىڭى تۇرمۇش بەرپا قىلىشىمغا سەۋەپ بولغان ، ھىلىقى بىچارە خوشنامنىڭ  خوتۇنۇمدىن تىپىك يىگەن كاسسىسىغا بىر سۆيۈپ قويسام!

خوش دەردىم تامام، ئەمدى سايماخۇن يىڭىچە تۇرمۇشتا ئۈزۈپ يۈرمەكتە! ئۇنىڭغا ئامانلىق، خوشاللىق، بەخت-ئامەت تىلەڭلار!
ياشىسۇن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىزىلىۋاتقان سايماخۇنلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى!

يازما تامام- ۋەسسالام. خەيرى-خوش~

didar0996 2010-09-05 19:11
سالام مۇنبەرداشلار !
  بىچارە سايماخۇننى يامان تەستە بۇ يەرگە باشلاپ كىردىم ... خوتۇن ئۇقۇپ قالسا تېرەمنى تەتۈر سويىدۇ دەپ ، دەرت بىلەن بۇرۇختۇم   بولۇپ يۈرگىلى نىكەم ...قېنى ھەممىمىز بىر دەردىگە يېتىپ قويايلى بۇ بىچارە بايقۇشنىڭ ...

توۋۋا دەيمەن ! مۇختەرباينىڭ قولىدىنمۇ مۇشۇنداق شاگىرت چىقىدىكەن دىسە ....

مۇبارەك 2010-09-05 19:18
ھاھاھا...بەك كۈلۈۋەتتىم جۇمۇ! ئايالىم سېزىپ بەرگەن خەرىتىنى بويلاپ ماڭىمەن، دەڭ. ئوبدان، ئوبدان...

ئەممازە، ناھايىتى چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تورغا چىقىپ خوتۇنىڭىز ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپسىز، ئاللا! بىلىپ قالسا قانداق قىلارمىز؟! سىز ئۈچۈن مەن قورقۇپ كېتىۋاتىمەن...

rastchil 2010-09-05 20:00
< مەنپەردەك  كېسىلگەن ، ياكى چۆچۈرىدەك  تۈگۈلگەن  مۇشتەكلا>   گەپنىڭ  تېخى  داۋامى بارمۇ ؟  

urukjan 2010-09-05 21:42
ۋاي بىچارە سايماخۇن، سىلى بىلەن بىر  پاراڭلاشسام بولىتى. ھېچ بولمىسا ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتكۈدەك ھۆنەر ئۆگىتىپ قوياتتىم.

sahra 2010-09-05 21:51
ئاپلا مۇنبەرگە كىرگىنىنى ئۇقۇپ قالسا  ئايالى ئېتىۋىتەرمۇ  ھە ؟  بىچارە سايىماخۇن  .......ھەجەپمۇ جېنىڭىزنى قىيناپسىز  دەيمەن ، خېتىمنى بىرىڭمۇ دەپ باقمىدىمۇ بىرەر نۆۋەت ، گىرىلىق قىلماي بىرىپلا قۇتىلاتىڭىز ئەمەسمۇ  ئۇ جاننىڭ ئىكىگىنى  .... ئەل كۈيىدىلا ئۆلەپ قۇياتتۇق ئاندىن سىزنى  

saymahun 2010-09-05 22:54
    ئاھ ! خوتۇن دەردى ئىككىنجى ...
بۇنىڭدىن مۇقەددەم بىر يىل ئىلگىرى بىر نامەلۇملۇق ۋاقىتتا نىمە يىگىنىم ئېسىمدە يوق ، بىر كەچلىك تاماق ۋاختى ئىدى . توساتتىن ئايالىم دەپ قالدى :
-ھەي قاراڭ ، مەكتەپ مېنىي ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدىكەن ، قانداق قىلسام بولار ؟ بارايمۇ -بارمايمۇ ؟
بىلمەيمەن شۇ چاغدا كۆزۈمگە مۆللىدەلىققىدە ياش كەپتۇ . يا ئاللا خۇدا ! مېنىڭمۇ دەردىمگە يېتىدىغان كۈنىڭ بولىدىكەن ھە ؟ مەن بىچارە سايماخۇننىڭ توققۇز يىللىق ئاھانەتلىك تۇرمۇشىغا ئىچىڭ ئاغرىپ ، ئاخىرى مېنى ئىككى يىل ئارامخۇدا ياشىۋالسۇنا دەپسەن-دە ...يا رەببىم !!!
-نەدە ئوقۇيدىكەنسەن ؟ -ئىچىمدىكى يانار تاغدەك پارتلاپ چىقىشقا ئاز قالغان خوشاللىقىمنى ، مۇنۇ خانتەڭرىدەك بۈيۈك تاغ بىلەن مۇزدەك باستۇرۇپ ، ھىچنىمە بولمىغاندەك سورۇدۇم ...ئىچىمدە بولسا بېيجىڭ بولسىتتى ، ئەگەر لوندون ياكى پارىز ھەم ياكى ۋاشىنگوتون بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىدى . تەتىلدە كېلەلمەيدۇ ئۇمۇ بايرام ماڭا !
-ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىكەنمەن ، ئىككى بالا بىلەن قىينىلىپ قالارسىزمۇ ؟ بارماڭ دىسىڭىز بارمايمەن بولدى ، -ئايالىم شۇنداق دىگىنىچە ماڭا تىكىلدى .
يۈرىگىم قارت قىلدى . ياق ئۇ كېتىشى كېرەك ، ئىككى يىل بولسىمۇ كوتۇلداشتىن ئامان قېلىشىم كېرەك ... ئۇ كېتىدىغان ، مەن ئارام ئالىدىغان ئىش بولسا ھىلىغۇ ئىككى بالا ئىكەن ، بىر سىنىپتىكى 40 بالا بولسىمۇ باقمامدىغان . خىراجەتنى ئۆزۈم بولساممۇ بېرىپ يولغا سالارمەن ...
-بار ئوقۇپ كەل ، بۇ بىر پۇرسەت ئىكەن ، ئۆتۈپ كېتىدۇ ئىككى يىل دىگەن . خاتىرجەم بول !
شۇنچە ئاسانلا قوشۇلغىنىمغا ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭ -تاڭ قالغان ئايالىمنى مەن زورلاپ يۈرۈپ تەييارلىقىنى قىلدۇرۇپ ، يۈك -تاقلىرىنى خۇشال -خوراملىق بىلەن بىكەتكە ئاپىرىشىپ بېرىپ ، يېنىۋالمىسۇن دەپ ماشىنىنىڭ ئىچىگە پۈرلەپ تىقىپ دىگەندەك ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىۋەتتىم ..
يولدا قايتىپ كېلىۋاتىمەن ، شۇنچىلىك خوشالمەن ... توۋۋا بۈگۈن مۇنۇ قۇياش نىمە دىگەن ئىللىق -ھە ! بۇرۇن ئەجەپ بىر بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ باقماپتىمەننا ؟ يولدىكى ھەر بىر كىشى كۆزۈمگە شۇنچىلىك ئىللىق كۆرۈندىكى تونىغان -تونىمىغانغا قارىماي ئاپپاق چىشلىرىمنى كۆرسىتىپ ھىجاراپ قىلمىغىنىم قالماپتۇ . ھەتتاكى بۇرۇن ئۇرۇشۇپ سوقۇشۇپ پېتىشماي ، كۆرسەم كۆزۈمگە بەئەينى چوشقىدەكلا كۆرىنىدىغان سېمىز خەنزۇ ئايال خوشناممۇ بۈگۈن كۆزۈمگە بۆلەكچىلا ، شۇنداق بىر زىلۋا ، چىرايلىق چىۋىندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى ...
ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ : "بۇ يەرنىڭ سەھەرى جىمجىت" تەك جىمجىت بولۇپ كەتكەن ئۆيگە قاراپ بۇرنۇم ئېچىشىپ ، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كەتتى ... بۇ ئۆي ئەمدى ھەقىقى تۈردە مېنىڭ بولدى . ئەمدى ياشا سايماىۇن ! ئەمدى باھار سېنىڭ ، سەن قايسى بىر كىتاپتا كۆرگەن "چوشقىلارغا بايرام"بولغاندەك ، ئەمدى ساڭىمۇ بايرام ! بۇ بايرامنى قانداق ئۆتكۈززەڭ بولار ؟ئەمدى سەن خالىغان ۋاقىتتا ئۆيۈڭگە كېلەلەيسەن ، تاماق پىشتى ئۆيگە كەل دەپ ۋاقىرايدىغان باشلىق يوق . ئۆيۈڭنىڭ خالىغان يېرىدە ، ئۆزەڭ خالىغان شەكىلدە ئېغىناپ ياتىسەن ...ئوڭدا ياتامسەن - دۈمدە ياتامسەن ؟ قازاقچە ياتامسەن - قىرغىزچىسىغىمۇ ئۆزەڭنىڭ ئىشى ... مېنى دىسەڭ كىشنەپمۇ يات ! ئەڭ مۇھىمى توي قىلىپ ئەزەلدىن تۇتۇپ باقمىغان ، ئەمدىلىكتە قولۇڭغا چۈشكەن مائاش كارتاڭدىن پۇل چىقىرىپ خەجلەشنى ئۈگەن . ئەمدى بۇرۇنقىدەك مائاش ئالغان كۈنى خوتۇنغا بېرىدىغان چوڭ پۇلنى چوڭ يانچۇققا ، ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپ ئۆزەم خەجلەيدىغان كىچىك پۇلنى ئۇ بىلمەيدىغان ئوغرى يانچۇققا تىقىشتۇرۇپ يۈرىدىغان ئىشلارمۇ يوق ... توختا ئەتە تونۇش بىلىشلەردىن سوراپ ئاپتۇ بانكىدىن قانداق پۇل چىقىرىدۇ ؟ شۇنى ئۈگۈنىش كېرەك . يەنىچۇ ؟ ئەڭ مۇھىمى ئەركىنلىك بولدى-دە . ئەمدى ئەل -ئاغىنە تېلىفۇن قىلىپ كەچتە ئولتۇرىلى دىسە ، بۇرۇنقىدەك ئايالنىڭ چىرايىغا قاراپ ، خوشامەت قىلىدىغان ئىش يوق . ھەقىقى ئەركەكتەك ئولتۇرىدىغان گەپ ، تېلىفۇننىمۇ خاتىرجەم ئوچۇق قويۇپ ... يەنىچۇ ؟ نىمە ئىش قىلسام بولار ؟ ھە راست مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇشۇ كەمگىچە دىدارلىشالمىغان ساۋاغداشلار بار ئىدى ، بۇرۇن ھەم رۇخسەت ھەم پۇل يوق ئىدى . مانا ئەمدى بولدى ، شۇلارنى كۆرۈپ ، ئايلىنىپ ئويناش كېرەك !!!  ئوينىغاندىمۇ قانغىچە ئويناش كېرەك ...
داۋامى بار .............

مۇبارەك 2010-09-05 23:18
داۋاملىق، داۋاملىق...مەن شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن!

hoxpurak 2010-09-05 23:31
ھا.. ھا.....ھا نىمە دىگەن كۇلكىلىك ،ۋاي بىچارە سايماخۇن، خۇتۇن ئالغانغا تۇيغۇزۇپتۇدە .
داۋامىنى تىزرەك يۇللارسىز .

alip28 2010-09-06 01:12
  ھا ھا ، نېمانداق قىزىقارلىق ، داۋاملىق يېزىڭە سايىماخۇن !

yalgan 2010-09-06 01:20
ئىسمى جىسمىغا لايىق سايماخۇن مۇ  بۇ ئاغىنە ، تىمىنىمۇ  سۇراپ  يىزىۋاتامدۇق  يا  سايىم   بۇرادەر ...  ؟؟؟

saymahun 2010-09-06 10:28
سەھرا،مەن خوتۇنۇمدىن نەچچە نۆۋەت يىغلاپ تۇرۇپ خىتىمنى بىرىۋىتىشنى ئۆتۇنگەن بولساممۇ، ئۇ مەن نىمە كۇن كۆرسەم سەن شۇ كۇننى كۆرۇسەن دەپ مىنى قويىۋەتمىدى.
دىدار،تونۇش بىلىشلەرگە دەپ قويىلى،ھەرگىزمۇ خوتۇنۇمغا تورغا چىقىۋاتقانلىقىمنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇستىدىن شىكايەت قىلىۋاتقىنىمنى دەپ قويمىسۇن.ئەگەر ئۇقۇپ قالسا ئەلۋىدا دوست بۇرادەرلەر!!!!!!!!!ئامىن!!!!!!!!!!!!!!!

gvzal3.8 2010-09-06 12:06
      يېزىڭە سايىماخۇن، تازا كۈلۈپ كۆرۈۋاتاتتىم، توختاپ قالدى.
      خاتىرجەم بولۇڭ، مۇشۇ«شىكايەتنامە»نى سىز تولۇقى بىلەن يېزىپ بولمىغۇچە، سىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭىزنى ئىللا-بىللا ھېچكىمگە دېمەيمىز

saymahun 2010-09-06 12:52
داۋامى .....
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بايرام كۈنلىرىم باشلاندى . ئەمما نىمىشقىدۇر بايرامدەك بولمايۋاتاتتى ... ھەر كۈنى ئەتىگەن چوڭىمىز 36ياش ، ئوتتۇرانچىسى 8ياش ، كىچىگى 4ياش ئۈچ ئەر ئورنىمىزدىن تۇراتتۇق ھەم چاي ئىچەتتۇق ... گەپ قىلما ، بۇ ئىككىسىگە بىر چىنە چاينى ئىچكۈزگىچە نەق بىر سائەت جەڭ قىلاتتىم . ئۇلار ئىچمەيتتى ، چاي بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ دەپ چاينى تۆكۈپ سالاتتى ياكى ناننى يىمەيتتى . بەزىدە ئىككىسى ئۇرۇشۇپ كېتەتتى ... شۇ بالا -قازالار بىلەن بىلەن چاي ئىچكەن بولاتتۇق-تە ئۆيدىن چىقاتتۇق . بىر ۋېلىسىپىتىم بار 28نومىرلىق ، كىچىگىنى كەينى ئورۇندۇققا ، چوڭىنى ئالدى رامغا ، ئۆزەمنى ئوتتۇردىكى ئىگەرگە جايلاپ ، شىنجاڭ سېرىكچىلىرىدەك يامىشىپ ئولتۇرۇپ مىنىپ ئۇلارنى مەكتەپكە ھەم يەسلىگە پوچتا يوللانمىسىنى تاشلىغاندەك تاشلاپ،  ئاخىرىدا ئۆزەمنى ئىشخانامغا تاشلايتتىم .چۈشتە ھەم كەچتە يەنە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ پوچتا يوللانمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئاشخانىغا باراتتۇق . ئەسلى جىدەل مۇشۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ ئىككى ئوغلۇم ئاشخانىغا كىرىپ بىرسى كاۋاپ دىسە ، بىرسى مانتا ، بىرسى سامسا دىسە ، بىرسى لەغمەن ، بىرسى چۆچۈرە دىسە يەنە بىرسى پولو دەپ غەلۋە قىلاتتى ، ئۇلارنىڭ جىدىلىنى بېسىقتۇرۇپ ، بۈيۈك ئىدىيىسى بىلەن ئۇلۇغ تامىقىنى بىرلىككە كەلتۇرگىچە ، تاماق تىزىملىغىلى كەلگەن كۈتكۈچى قىز كېتىپ بولاتتى . ئەڭ يامىنى بۇ ئەمەس تېخى ...تاماق بەك قىممەت بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئەشۇ تۆت ياشلىق كىچىك ئوغلۇم يەيدىغان كىچىك ئاش دىگىنىمۇ ، ئازلىغىدىن چىنىنىڭ ئىچىدە لەغمەن پىر -پىر قىلىپ قاينامدەك پىقىرايدىغان ھالىغا باقماي بەش يۇئەن ئىدى . بىر ۋاقلىق تامىقىمىز ئۈچىمىزنىڭ نەق 20يۇئەن بولىدىكەن . ئۇن -ماي شۇنچە ئۆسكەن بارمۇ ؟ بەزىدە پۇلنى تۆلەۋېتىپ چىدىماي "ئۇن -ماينى بۇنداق ئۆتۈرگىچە ، جىجىننى مۇشۇنداق ئۆستۈرسىچۇ ؟ " دەپ كېتىمەن ...
      كەچتە ئۆيگە بېرىپ ئاندىن ئورۇن سالىمەن ، مېنىڭ ئورنۇم قايسى بولغىيتتى ؟ چوڭ بالامنىڭچۇ ؟ كىچىك بالام قايسىسىدا ياتار بولغىيتتى ؟ ئۇلارنىڭ يوتقان-كۆرپىسىنى ئۈچ كۈنگىچە تاپالماي يۈردۈم . باللىرىم بۇ مېنىڭ ئەمەس ، ئاۋۇ مېنىڭ دەپ بىر -بىرسىنىڭ يوتقان -كۆرپىسىنى بۇلايتتى . دىگەن بىلەن بىر ھەپتىدىن كىيىن مۈلكىمىز ئېنىق بولدى .
مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتتى ، ئاشخانىدىكى تاماق چىقىمىغا ئەسلا چىدىمىدىم . شۇ چاغدىلا ئايالىمنىڭ بىر ئۆينىڭ خىراجىتى قانچىلىك سىز بۇنى بىلمەيسىز ، بىر ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن تاماق ئېتىپ ئىس چىقىرىش ئاسان ئەمەس دىگىنى يادىمغا كېلىپ ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن سەي بازىرىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئېرىنمەي ، بىر باش پىياز ئۈچۈن باھا تالىشىپ سەيچى خوتۇنلار بىلەن سوقۇشقاق خورازدەك سوقۇشۇپ چىقىدىغىنىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم .
     توختا مەنمۇ ئۆيدە ئاش ئېتەيچۇ شۇ پۇلنى خەققە بەرگۇچە ، مەن يا ھەسەن باينىڭ نەۋرىسى بولمىسام ، شۇ ئىرادە بىلەن بىر كۈنى كەچ ئوچاققا قازان ئېسىپ ، سىڭلىمغا تېلىفۇن قىلىپ ، نەق مەيداندا گاڭپەن ئەتمەكچى بولدۇم . ئۆمرۈمدە قازان بېشىغا ئۆتۈپ باقمىغان ، چۆمۈش دىسە ساپلىق ئەكىلىدىغان ئاكىسىنىڭ تاماق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ سىڭلىم قورسىقىنى تۇتقىنىچە تولا كۈلۈپ ، نەق يېرىم سائەتتە تاماق رېستىپىنى ئاران دەپ بېرەلىدى ...
خۇداغا شۈكرى سايماخۇننىڭ ئەل ئۆمرىدىكى بىرىنجى تامىقى ئاخىرقى ھىساپتا پىشقان بولدى ، تۇنجى قاچىسىنى تاماققا تەلمۈرۈپ ، قوشۇقىنى يالاپ ، جوزىدا ئاللاقاچان تەق بولۇپ ئولتۇرغان جەڭگىۋار ئىككى ئوغلۇمغا ئۇسۇپ بېرىپ ، چەكسىز مەمنۇنلۇق ئىچىدە "ئايالىم بولمىسىمۇ تاماق ئېتەلەيدىكەنمەنغۇ ؟ "دىگەن خىيال بىلەن ئۆزەمگە تاماق ئۇسىۋاتاتتىم ، بىر چاغدا توساتتىن كىچىك ئوغلۇم ئۆڭسىلى يوق ھالەتتە ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ماڭا جىددى ھالەتتە دوكلات قىلدى :

-دادا سەن ئەتكەن تاماق يا ئاپام ئەتكەن تاماققا يا ئاشخانا تامىقىغا ئوخشىمايدىغۇ ؟ ئەجەپلام ، ئاكام ئىككىمىز پەقەتلا يىيەلمىدۇق ...

-نىمە دەيدۇ ما گۇيلار ؟ نەدە قانداق بوپتۇ ؟ -مەن ئاچچىقلانغىنىمچە ئۆزەمنىڭ قاچىسىدىكى گاڭپەندىن بىر قوشۇقنى ئاغزىمغا سالدىم ، سالدىميۇ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بەتتاملىقىدىن شۇ زامات پۈركىۋېتەي دىسەم ، ئالدىمدا ئىككى بالام چەكچىيىپ تۇرغاچقا ئامالسىز يۇتىۋەتتىم . يىمەي دىسەم ئۆزۈم ئەتكەن تاماق ، يەي دىسەم ئۆمرۈمدە مەن يەپ باقمىغان ، شۇنداقلا باشقىلارمۇ يەپ باقمىغان بىر تاماق ، بەلكىم بۇ تاماقنى يەر شارىدا بىرەرسى ئېتىمەن دەپمۇ ئېتەلمەسلىكى مۈمكىن ئىدى .
ئامالسىز شۇ بىر قاچا ئاشنى باللىرىمنىڭ ئالدىدا ئەلەم بىلەن تەتۈر كۆشەپ تۇرۇپ يەۋاتىمەن ، ئىككى كۆزۈمدىن تارام -تارام ياش تۆكىلىۋاتىدۇ ... بۇ ئىسسىق كۆز يېشىمنىڭ ئەلەم كۆز يېشىمۇ ياكى بەتتام تاماق تەمىگە چىدىماي تۆۆىلىۋاتقان ئاچچىق كۆز ياشمۇ ئۆزەممۇ بىلمەي قالدىم . ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى مېنىڭ ئىككى بالام شۇ چاغدا شۇنداق ئېغىزغا ئالغۇسىز تاماقنى چىداپ يەۋەتكەن دادىسىنىڭ قەيسەر روھىغا ئاپىرىن ئېيتقىنى چىن ئىدى .
       بىچارە ئىككى بالام ئۇ تاماقنى ئەسلا يىگىلى ئۇنىماي قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچىشتى ... ئۇلارنىڭ قۇرۇق نان غاجىلاۋاتقان شۇ تۇرقىغا قاراپ ، بىز ئىنسانلارنىڭمۇ ئەسلىدە بىر غاجىلىغۇچىلار تۈرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ يەتتىم . شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم شۇنداق نىدا قىلدىم :

ئاھ ! ئۇلارنىڭ ئاپىسى ...........


داۋامى بار ...

gvzal3.8 2010-09-06 12:58
  بۇنىمۇ ئىسسىقىدا ئوقۇۋەتتىم سايىماخۇن، قىزىقارلىق تېمىڭىزنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزگىچە مەناغا داۋاملىق تەشنامەن.  

sufiya 2010-09-06 13:12
Alla saymahun barkansiz ha ,xunqa uzundun biri sizdin ansirapla yurdum disa .sizni kayta munbarda uqratkanligim uqun hoxalman .(kaqurunglar hitim uygurqa bisilmidi , nima bolgandu???

saymahun 2010-09-06 15:15
داۋامى ...

ئەمدىكى مەسىلە بۇ بىر قاچا تاماقنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟ ھىلىمۇ پوپاڭلىق قىلىپ بۇ تاماقنى ئايالىم بار چاغدا ئېتىپ سالماپتىمەن . بولمىسا ئۇ بۇنچە گۈرۈچ ، بۇنچە سەي ھەم ەۆشنىڭ قاراپ تۇرۇپ ، مۇشۇنداقلا ئىسراپ بولغىنىنى كۆرسە جەزمەن مەن ئاڭلاپ باقمىغان ، ھەم جىنىس دۇنيا رىكورتىغىمۇ كىرگۈزۈلۈپ باقمىغان بىر ۋەھشى جازا بىلەن مېنى قاتتىق جازالاپ ، تۇغۇلغانغا تويغىزىۋەتكەن بولاتتى . تۆكۈشكە قەتئى بولمايدۇ ، ئۇۋال -ساۋابى بار ... شۇ چاغ خوشنامنىڭ بېقىۋاتقان ئىتى بارلىقى ئېسىمگە كەلدى-دە ، ھەممە تاماقنى بىر چوڭ سۇلىئاۋغا ئوراپ ، شۇ كەچتىلا ئەچىقىپ بەردىم . خوشنام قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى . كۈندە قۇرۇق كېپەك ئىچىپ يۈرگەن ئىتنىڭ ئاپپاق گۈرۈچ ، ياپ -يېشىل سەي ، مايلىق گەشنى كۆرۈپ ماڭا قۇيرۇق شىپپاڭشىتقان چاغدىكى خوشاللىقى خۇددى ماڭا "بۇندىن كېيىن داۋاملىق ماڭا مۇشۇنداق تاماق ئەكىرىپ ، خوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزۈپ تۇرساڭ ، ساڭا ھەرگىز بۇرۇنقىدەك قاۋىمايمەن "دىگەندەك تۇيۇلىۋاتاتتى . ئۇ تۇمشىقىنى تىقىپ ھەۋەس بىلەن تاماق يىيىشكە باشلىغاندا ئۇف دىدىم ، ھەر ھالدا مەن ئەتكەن تاماقنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر جانىۋار بولسىمۇ چىقتى .
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۈچىمىز يەنە ۋېلىسىپىتكە سېرىكچىلاردەك يامىشىپ تۇراتتۇق ... بىر چاغدا خوشنام ۋاقىراپ قالدى :

-ھوي سايماخۇن توختاپتۇرغىنا ، بىر گەپ بار ، ئاخشام تاماققا نىمە قاتقان ئىدىڭ ؟

-ھىچنىمە قاتمىغان . نىمە بولدى ؟ -مەن ھەيران قېلىپ سورۇدۇم .

-سەن چىقىپ كېتىپ ، ئىتىم تاماقنىڭ يېرىمىنى يەپ بولا بولماي بىر چاغدا تۈرى ئۆزگىرىپ قالدى .   ئۆرە تۇرۇشقا ماجالى يوق دىر-دىر تىترەپ ، بىر چاغدا گوپپىدە يىقىلىپ چۈشۈپ قۇسە- ياندۇرە بوپ كەتتى قارا ، كېچىچە بىر تۇڭ سۈت بېرىپ ئاران قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق . ھازىرمۇ مىجەزى قەۋەتلا بوش جۇمۇ ، ئىشەنمىسەڭ قاراپ باقە ؟

      مەن خوشنامنىڭ ھويلىسىغا كىردىم . دىمەكچى ئاتتەك يوغان ئاجايىپ بىر ھەيۋەت ئىت بىر كېچە ئىچى سۈرۈپ ، مانا ئەمدى ئاغمىخاندەكلا بولۇپ قاپتۇ . ئىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ئاشۇ ئاجىز ھالىغا باقماي ، خۇددى "چىنجىن"دەك قەيسەرلىك بىلەن ئۆرە تۇرۇپ ماڭا شۇنداق خىرىس قىلدىكى ، گويا ماڭا : "ئىتقىمۇ تاماق ئېتەلمەيدىغان ھالىڭغا ، كىم ساڭا ئاش قىل دىدى ئاداش ؟" دىگەندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ مەن ئۆزەم يىگەن بىر سىركاي ئاش يادىمغا كەلدى-دە ، توساتتىن پۈتۈن بەدىنىمنى
سوغۇق بىر تەر بىلەن تىترەك بېسىپ ، قوسىغىم تولغاق تۇتقاندەكلام مۇجۇپ ئاغرىشقا باشلىدى ...

(توغرا چۈشىنىڭلار .................بۇ چاغدىكى كەلدى - كەتتى ھالىتىمنى تەپسىلى يازمىدىم ئەمىسە )

شۇنداق قىلىپ ............مەن سايىماخۇننىڭ ئېغىر دەھشەت كۈنلىرى قارا قىشنىڭ زەھەردەك سوغلىرىدەك پۈتۈن روھىمغا ، پۈتۈن جىسمىمغا ، پۈتۈن تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىپ خۇددى ھەرە كۆنىگىدەك تەرەپ -تەرەپتىن مېنى تالاپ ھالسىزلاتماقتا ئىدى .
مەن زادى پۈتۈنلا ماشىنا ئادەم بولغان ئىدىم ، كۈنلىرىم ئەتىگىنى ئورۇن يىغىش ، كەچتە ئورۇن سېلىش بىلەن ئۆتەتتى... مۇشۇمۇ شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى بەزىدە مۇشۇ ئورۇننىمۇ ئاپتۇماتىك ئىشلەيدىغان ماشىنا بولسا ، شۇنداقلا يانپاشلىساڭ تام تۈۋىدىن بولامدۇ ياكى ئىشكاپ ئىچىدىن بولامدۇ ئىشقىلىپ بىر يەردىن ئورۇن كۆرپە شارتتىدە چىقىپ سېلىنسا سەن ئۇخلىساڭ ، ئەتىگىنى ئورنۇڭدىن شۇنداق تۇرغاندا ئۆزى يەنە شۇنداق شارتتىدە قىلىپ ، قەيەردىن چىققان بولسا شۇ يەرگە كىرىپ كەتسە ، سەن قاراپمۇ قويمىساڭ دەپ ئويلاپ كېتىمەن . چۈشتە تۇزى يوق چاي ئىچىش ياكى ئاشخانىدىن دورا -دەرمەك ھاغىچە تەڭشەلگەن تاماقنى يىيىش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى ...
       ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى ئوغلۇمنى ئۆيمۇ -ئۆي قوغلاپ يۈرۈپ ، پىلتىڭلاپ قاچقان يېرىدىن تۇتىۋېلىپ ، چىقىرىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن كىر كىيىملىرىنى داسقا چىلاپ تۇرۇپ يۇيۇش ، ئىككى بالام ئۆرە تۆپە قىلىۋەتكەن ، چاڭ باسقان ئۆيلەرنى تازىلاش ، سىرىپ -سۈپۈرۈش ، ئاخىرىدا ئۈچ ئەركەكنىڭ ئايىغىنى مايلاش دىگەندەك ئىشلار مېنىڭ ۋەتۋەرىكىمنى چىقىرىۋەتكەن ئىدى .
ئىككى يىلدىن كېيىن ئايالىم قايتىپ كەلگۈچە ئۆزەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمغا كۆزۈممۇ يېتىپ قالدى ...

داۋامى بار ............

guldurmama 2010-09-06 16:04
خۇتۇننى ئىككى يىل ئۇقۇشقا ئەۋەتىۋ ىتىپ يۇرۇپ ئاخىرى ئۇلۇپ كەتمەڭ. ئاخرىنى يېزىڭە تىزراق،

مۇبارەك 2010-09-06 16:53
«يۇمۇرىستىك تىل بىلەن قامچىلاش» - يېزىش ئۇسلۇبىڭىزغا قول قويدۇم جۇمۇ.

كەينىنى تېزراق يوللارسىز، ساقلاپلا قالدىم.

begana 2010-09-06 17:14
نىمانچە قىززىق ،ئىنكاسىم بىلەن ساقلاپ يولدىشىمغا ئوقۇپ بىرەيچۇ..

tograk001 2010-09-06 17:19
ۋاي  سايىماخۇن  ئېغىر كۈنگە قاپسىز دە

tikan 2010-09-06 17:47
داۋامىغا قاراپ قالدۇق سايىماخۇن ئاغىنەم

bulbulgoya 2010-09-07 13:01
بۇ يىغلاڭغۇ نەگە كەتكەندۇ؟ئىككى يىل بۇرۇن كۆرگىنىمدە كۆزى ياش يۇقى ئىكەنتۇق،تا ھازىرغىچە قۇرۇماپتۇ دىسە...........
ھە راست ،نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا،  سايماخۇنلۇق كېنىشكامنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش ۋاقتى  بوپ قاپتۇ،شۇنى بىجىرۋېتىپ،قالغىنىنى ھېيتتىن كىيىن يازايمىكىن داۋاتاتتى،شۇ ئىش بىلەن ئالدىراشمۇ يا؟؟؟؟؟؟؟

saymahun 2010-09-07 23:31
داۋامى .............
تۇنجى قېتىم كىر يۇغاندا ، يۇيىمەن -يۇيىمەن ھىچبىر كىر چىقمايدۇ ، تېلىۋىزور ئېلانىدا دائىم چىقىدىغان گۈزەل ماركىلىق ، بۈركۈت ماركىلىق ، يەنە تېخى ھىلىقى ساقال -بۇرۇت ئىزناسى دىگەن نەرسە يوق كوسا ئەر خەنزۇ چولپان دائىم داڭلايدىغان نىمە ماركىلىقتى ؟ ئىشقىلىپ شۇ پاراشۇكنى ئىشلىتىپمۇ بىر تال ئاق پايپىقىمنى ھەرقانچە يۇيۇپمۇ پاكىز قىلالمىدىم . مېنىڭ بىر خۇيۇم مەن ئەزەلدىنلا ئاق رەڭلىك پايپاق كىيەتتىم . باشقا رەڭدىكى پايپاققا پەقەتلا خوشۇم يوقتى . ئاق پايپاقنى بۈگۈن كىيسەم ، بۇ سەرادا ئەتىسىلا قارا بولاتتى . ئايالىم ،

-سىز كىر كۆتۈرۈشلۈك باشقا رەڭدىكى پايپاق كىيىڭە ، -دىسە ھەرگىز ئۇنىمايتتىم . بىر قېتىم ئايالىم تېرىكىپ، - بۇندىن كىيىن پايپىقىڭىزنى ئۆزىڭىز يۇيۇڭ ، -دەپلا پايپىقىمنى ھەرگىز يۇمايلا قويدى . ئامال قانچە ؟ مەن باشقا نوچى ئەرلەردەك :

-سېنىچۇ مەن تاماق ئېتىپ بېرىدۇ ، كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بېرىدۇ دەپ خوتۇن قىلىپ ئالغان جۇما ...، -دەپ گۆكىرەپ كۆز ئالايتالمايدىكەنمەن . ئەكسىچە ئۇ مېنى ئالغان تۇرسا . لېكىن كاللام ئىشلەيدۇ جۇمۇ بوپتۇ دىدىمدە ، پايپىقىم كىر بولسا بازاردىن يېڭىنى ئېلىپ كىيىۋەردىم ...كىيىۋەردىم ، ئىككى ھەپتىدە 16پايپاق كىيىپ بوپتىمەن . ئاخىرى پايپاق ئالغۇدەك پۇل يوق ، ئامالسىز ئۇنىڭ سېرىق (ئەترەڭ) پايپىقىنى كىيىۋالدىم . كىم ئۇنى مېنىڭ پايپىقىمنى يۇمىسۇن دەپتۇ ؟  ئاخىرى ئايالىم تېرىكىپ ،
-سەن سايماخۇننىڭ قىلىقلىرى ، بولدى ئەكەلگىنە مەن يۇيىۋېتەي ، -دەپ 18 پايپىقىمنى بىر بىرلەپ يۇغان ئىدى . مانا ھازىر ئۆزەم بىر پايپىقىمنى يۇيالماي ئىنجىقلاپ ئولتۇرۇپتىمەن . مۇجۇپمۇ باقتىم ، ئۇرۇپمۇ باقتىم ، دۇمبالاپ -دۈشكەلەپمۇ باقتىم بۇ كىر ھىچ ئېچىلمايدۇ . توختا دىدىم-دە شىجاجىڭ بىلەن پايپاق يۇدۇم ، چاتىقىم نىمە ؟ ئىشقىلىپ كىر ئالىدىغانلا  نەرسە بولسا بولدىغۇ ؟  ھەي باللىرىمنىمۇ شىجاجىڭ بىلەن يۇيۇپ باقسام ئېچىلىپ كېتەمدۇ نىمە ؟بۇمۇ بىر كەشپىيات ، ئەتە چوقۇم بۇنى دۆلەت پاتىنىت ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرىشىم كېرەك ... كاللاممۇ بارغانسېرى ئېچىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئەگەر پايپاقلارنى شىجاجىڭدا مۇجۇپ يۇيۇپمۇ ئېچىلدۇرالمىسام ، سىم يۇغۇچ بىلەن يۇمامدىم ؟ توۋۋا مۇشۇ خوتۇنلار بەك دۆت جۇمۇ ، بىر ئۆمۈر كىر يۇيۇپ مەندەك بىرەر قېتىممۇ ئويلاپ باقماپتا !!!

      بىر پايپاقنى يېرىم كۈن يۇيۇپ ھالىم قالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى بالامنى ئېلىپ ئاشخانىغا كېلىپ تاماققا ئەمدى كېلىپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىزلا :
-سايماخۇن كۈنلىرى قانداقراق ؟  ئورۇقلاپ موزاي يىگۈدەك شاپاقلا بوپسىزغۇ ؟ خوتۇن بولمىسا قانداق بولىدىكەن ؟ -دىگەن بىر ئەرەنچە ئەۋاز ئاڭلاندى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ، ئۆز ۋاختىدا ئېغىرلىقىمنى بىلىپ باقاي دەپ ، ئاشلىق ئېلىۋاتقان تارازىغا ئۇقۇشماي دەسسەپ سېلىپ ، نەق 120كىلو ئېغىرلىق بىلەن تارازىنى پاچاقلىۋېتىپ بىر كۈن ئاشلىق ئېلىشنى توختىتىپ قويغان تۇنسا توپاق ئالدىمدا تۇراتتى . ئۇنىڭ مېنى شۇ تاپتا ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، مېنى شاپاق ئىكەن دىگەن توغرا ھۆكىمىگە غىڭ قىلالمىدىم . ئالە شەرىڭنى سايماخۇن ، سەن ئەتكەن تاماقنى ئىت يىمىگەن بىلەن ، سېنى موزاي بولسىمۇ يەيدىكەن ئەمەسمۇ ، كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما !!!

-قەدىر ئەھۋال بولىدۇ ، ماڭا ئەجەپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىپسېنغۇ ؟ بىر ئىش بارمىتى ؟

-ئەمدى دەيمىنا سايماخۇن ، ياخشى بىلگەنسىلەر ، بىز ئاياللار بولمىساقچۇ سىلەر ئەرلەر ئىشتاننىمۇ ئوڭلاپ كىيەلمەيسىلەر ؟ ، -ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن شۇنداق دىۋىدى ، جىنىم شۇنداق تۇتتى ؛

-قاراڭ تۇنسا ، يوغان گەپ قىلماڭ جۇمۇ ، ئەگەر سىز دىگەندەك سىلەر ئاياللار بولمىغان بولساڭلار ، بىز ئەرلەرمىچۇ  شۇ ئىشتاننى كىيىمىز دەپ ئاۋارە بولمىغان بولاتتۇق .
ئىچىمدە ئويلايمەن ، نىمە بالاغا قالدىم بۇ خوتۇنغا ، دەرت ئېغىر كەلگەندەك يا بۇنىڭ بىلەن بىر ئىشتاننى تەڭ كىيمىگەن تۇرسام ، ئۆزىنى ئورۇقلىتىشنى بىلسۇنا ؟  ھىلىھەممۇ ئورۇقلايمەن دەپ ، بەدەننى قىسىپ ، ماي دانىچىلىرىنى پارچىلاپ ئورۇقلىتىدىغان چىن نۇرى ئىچ كىيىمىدىن 5 نى كىيىپ پارتتىلىتىپ تاشلاپ ، 3 نى يىرتىپ تاشلاپ ، يارىدار قىلىپ ، ھازىرقى بىرسىنى سىم بىلەن چولاپ ئاران كىيىپ يۈرىدۇ ... شۇ تۈپەيلى چىن نۇرى ئىچ كىيىمىنىڭ يۈزى تۈكۈلۈپ يۇرتىمىزدا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىلماي تۇرىدۇ . ئۆزىنى بىلسۇنا ........

     تۇرمۇش ئۆز يولىدا كېتىپ بارىدۇ ، مەنمۇ چارچاپلا قالدىم ، ئەمدى ئۆيگە كىرسەم ئىچ -ئىچىمدىن يىغا ، تۆت تېمىدىن بوران ئۇچىدۇ ، تۇرغۇممۇ كەلمەيدۇ . ئويلاپ كېتىمەن ئايالىم بولغان بولسىچۇ دەپ ... ئۇرسىمۇ مەيلىتى ، دۇمبالىسىمۇ مەيلىتى ، دەسسەپ -چەيلىسىمۇ رازىتىم ، ئەمدى ھەرگىز كوتۇلدىدى دىمەيتتىم ... مۇشۇ تاپتا ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدىن ئۇ تۇيۇقسىز چىقىپ كوتۇلداپلا كەتسە يۈرۈگۈم بۇدا قورقۇنىچلىقتىن ئەمەس ، بەلكى خوشاللىقتىن يېرىلىپ كېتىشى چوقۇم ئىدى ...

داۋامى بار ......

مۇبارەك 2010-09-07 23:42
ئاۋۇ ئايالىمنىڭ سېرىق(ئەترەڭ) پايپىقىنى كىيىۋالدىم، دىگەن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ كۈلۈپ يېتىۋالدىم، شۇ تۇرقىڭىزنى خىيال قىلىپ...(ھاھاھا).

ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھە...!

sahra 2010-09-08 01:06
   نىمانچە قىزىقارلىق ، ھارغىچە كۈلۈۋالدىم .  قىزىق چاي دەملەپ ئىچكەچ ئولتاراپ داۋامىنى يېزىڭ .

ئايتۇغ 2010-09-08 01:14
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىمۇبارەك يوللىغان 2010-09-05 19:18 غا قارتىلغان  :
ھاھاھا...بەك كۈلۈۋەتتىم جۇمۇ! ئايالىم سېزىپ بەرگەن خەرىتىنى بويلاپ ماڭىمەن، دەڭ. ئوبدان، ئوبدان...

ئەممازە، ناھايىتى چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تورغا چىقىپ خوتۇنىڭىز ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپسىز، ئاللا! بىلىپ قالسا قانداق قىلارمىز؟! سىز ئۈچۈن مەن قورقۇپ كېتىۋاتىمەن...

خۇتۇنى سىزىپ قالسا ئۇستىسىدىن ئۆگەنگىنى بۇيىنچە تۇڭلۇكتىن ئېسىلىپ چىقىپ قاچىدۇ....ھەي،سىلەر بىلمەيسىلەردە بىچارە مۇختەرباي ئاشۇنداق تۇڭلۇكتىن تولا قېچىپ،ئارقىسىدىن موزاي بىلەن موماي قوغلاپ،تولا ھاۋشىپ بار يېرىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىتنى ئاتىمەن دەپ....شۇنداق تاقا-تۇققۇ سۆزلەيدىغان بوپ قالغان.بۇ تەۋەرۈك قېرىدىن قاچان ئايرىلىپ قالارمىز دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىۋىدىم ھەرنىمە بولسا كىلونلىنىۋاپتۇ.

ئايتۇغ 2010-09-08 01:32
ۋوي....داۋامى بار،دەپ مۈگدەپ يۈرىشىمۇ ئۇستىسىنى تارتىپتۇ جۇمۇ بۇ سايىماخۇننىڭ؟يىزىڭە تېزرەك؟خۇتۇن شۇ پېتى كەلمىسىدى تازا.................

dart 2010-09-08 08:21
-ھوي سايماخۇن توختاپتۇرغىنا ، بىر گەپ بار ، ئاخشام تاماققا نىمە قاتقان ئىدىڭ ؟

-ھىچنىمە قاتمىغان . نىمە بولدى ؟ -مەن ھەيران قېلىپ سورۇدۇم .

-سەن چىقىپ كېتىپ ، ئىتىم تاماقنىڭ يېرىمىنى يەپ بولا بولماي بىر چاغدا تۈرى ئۆزگىرىپ قالدى .   ئۆرە تۇرۇشقا ماجالى يوق دىر-دىر تىترەپ ، بىر چاغدا گوپپىدە يىقىلىپ چۈشۈپ قۇسە- ياندۇرە بوپ كەتتى قارا ، كېچىچە بىر تۇڭ سۈت بېرىپ ئاران قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق . ھازىرمۇ مىجەزى قەۋەتلا بوش جۇمۇ ، ئىشەنمىسەڭ قاراپ باقە ؟

      مەن خوشنامنىڭ ھويلىسىغا كىردىم . دىمەكچى ئاتتەك يوغان ئاجايىپ بىر ھەيۋەت ئىت بىر كېچە ئىچى سۈرۈپ ، مانا ئەمدى ئاغمىخاندەكلا بولۇپ قاپتۇ . ئىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ئاشۇ ئاجىز ھالىغا باقماي ، خۇددى "چىنجىن"دەك قەيسەرلىك بىلەن ئۆرە تۇرۇپ ماڭا شۇنداق خىرىس قىلدىكى ، گويا ماڭا : "ئىتقىمۇ تاماق ئېتەلمەيدىغان ھالىڭغا ، كىم ساڭا ئاش قىل دىدى ئاداش ؟" دىگەندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ مەن ئۆزەم يىگەن بىر سىركاي ئاش يادىمغا كەلدى-دە ، توساتتىن پۈتۈن بەدىنىمنى
سوغۇق بىر تەر بىلەن تىترەك بېسىپ ، قوسىغىم تولغاق تۇتقاندەكلام مۇجۇپ ئاغرىشقا باشلىدى ...

(توغرا چۈشىنىڭلار .................بۇ چاغدىكى كەلدى - كەتتى ھالىتىمنى تەپسىلى يازمىدىم ئەمىسە )

بۇ يەرنى ئوقۇپ  ئۆزەمىنى  قەتئىي تۇتالمىدىم .............   ھەققەتەن بەك يۇمۇرستىك چىقپتۇ.       

dart 2010-09-08 08:35
ھەققەتەن  نادىرلىغىدەك ئىجادىي ساتىرك ئەسەر بۇپتۇ. باشقۇرغۇچىلاربۇلسا  نادىر مۇھۇرۇڭلار چاقماق تىزلىكىدە بىسۋەتكەن بۇلساڭلا.

gulistan0998 2010-09-08 10:22
نىمە دىگەن قىزقارلىق ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزدىن يۇمۇر  تۆكۈلۈپ تۇردىغان ئادەمكەنسىز .

ahu 2010-09-08 11:41
ۋاي ئاخىرى قېنى؟
بەك قىزىقارلىككەن،ئىشخانىدا كىم بار كىم يوق دىمەيلا كۈلۈپ كەتتىم.
مانا مانا يامان چاپان يامغۇردا ياخشى دەپ،شۇ يامان خوتۇنمۇ يوقتىن ياخشى!شۇ يامان خوتۇننى ۋاتىلداق،ئازازۇل قىلىۋەتكەنمۇ شۇ سايىماخۇن جۇما! ئاخىرغا قاراپ قالدۇق.

bargiya 2010-09-08 18:11
ھا ھا ھا.. ئوقۇماپتىكەنمەن.ئوقۇغانسىرى كىرىشىپلا قالدىم جۇمۇ..ھەر بۆلەكتە بىر يېڭىچە مەزمۇن..

saymahun 2010-09-08 19:49
داۋامى ...............

      ئۇنىڭ (باللارنىڭ ئاپىسى)بىلەنمۇ شۇنداق سوقۇشۇپ تونۇشقان ئىدىم . ئىككىمىز بىر بۆلۈمدە ئىشلەيتتۇق ، باشقا ھەرقانداق خىزمەتدېشىم بىلەن چىقىشاتتىم ، پەقەت شۇنىڭ بىلەنلا چىقىشمايتتىم .  كۈنىمىز بىر بۆلۈمدە ئىككىمىز جىدەل قىلىپ چوڭلار ئاجىرتىش بىلەن ئۆتەتتى . ھەتتا بىر قېتىم ئۇنىڭغا ۋاقىراپ :

-خۇدايىم بۇيرىسا ، قانداق بىر پايتىمىسىنى تەتۈر ئورىغان ، بەختسىز بىر ئەر سېنى ئالىدىكىن ؟ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەم شۇ پالاكەت ئەرنى ، -دىگەن ئىدىم  . ئەمما شۇ چاغدا شۇ پالاكەت باسقان ئەرنىڭ ئۆزەم بولۇپ قالىدىقانلىقىنى مۇنۇ دۆت كاللام ئەسلا ئويلىماپتۇ ئەمەسمۇ ؟  بولمىسا ئورىغان پايتىمىغا ئوبدان قارىغان ئىدىم .

      بۇ ئىككىمىز سوقۇشىۋېرىپ ، كېيىنچە بۇ ئۇرۇشۇشنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بىر قىسمى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتۇق . بارا –بارا ئۇ بولمىسا مەن زىرىكىدىغان ، ھايات مەنىسىز بولىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئۇرۇشمىسام ، جاڭجاللاشمىسام كۈنۈم ئۆتمەيدىغان ، ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇرىشىدىغان بولدۇم . ئۇنى كۆرگەندىلا غار قىلىپلا ئىت  خۇيۇم بىلەن چىشلەيمەندە شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خۇشال كۈنۈم باشلىناتتى . تەغدىر شۇنداق ئۇرۇشقان پېتى ئىككىمىزنى بىر ئۆيگە سولاپ قويدى  ھەم ھازىرغىچە  بۇ مەڭگۈلۈك ئۇرۇشنى قىلىپ كەلدۇق . ئۆيدىمۇ شۇ ئۇرۇش ئىدى ....ئىشقىلىپ بىر ئۇرۇش بار ، ئەگەر ئۇ قايسى بىر كۈنى جىمجىت بولۇپ ھىچقانداق گەپ قىلمىسا ، مەن ھەيران قالاتتىم ، ھەم بېرىپ پىشانىسىنى تۇتۇپ باقاتتىم :

-ئاغرىپ قالدىڭما ؟ بۈگۈن ھىچ بىر مېنى تىللاپ كوتۇلدىمايسەنغۇ ؟

-ئوھوش، مېڭڭە نېرى ئىچىمنى پۇشۇرماي ، -دەپ ئۇ تېرىككەندىلا ، -ھە ئەمدى بىزنىڭ خوتۇن نورمال بولدى ، -دەپ خاتىرجەم ئىشىمغا ماڭاتتىم ...
ئۆتكەندە ئايالىم تېلىفۇن قىلىپ ماڭا :

-قاراڭ ياتاقتىكى قىزلار سىلەرنىڭ ئۇرىشىدىغان كۈنىڭلار بولامدۇ ؟ -دەپ سورىغان ئىدى ، مەن كۈلۈپ كېتىپ ، ئۇنداق دىمەي « سىلەرنىڭمۇ ئۇرۇشمايدىغان كۈنۈڭلار بارمۇ » دەپ سوراڭ دىدىم –دىگەن ئىدى .
مەن شۇنداق ئويلايتتىم ، خۇدايىم ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىكەن .  لېكىن مانا ئەمدى ئۇ يوق ، ئىلگىركى ئۇ پاكىز يالىغاندەك تۇتىدىغان ئۆينى توپا باستى ، ئىلگىرى بەس –بەستە ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈللەر تۇزۇپ ، ئۈچ قاچا گۈل ئۆلۈپ كېتىپ ، مېنى ھازىدار قىلىپ قويدى . كىيىمىمگە دەزمال سالدىم دەپ ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر كۆينىكىمنىڭ ياقىسىنى كۆيدۈرۈپ ، بىر ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىغا ئوت قويىۋەتتىم . ئۆزەممۇ ئىلگىركى "ئەركەك غاز "دەك غادىيىپ ماڭىدىغان سايماخۇندىن بېشى يوق چىۋىندەك ھەممە يەرگە ئۈسۈپ ماڭىدىغان بولدۇم . بىر قېتىم ئۇقۇشماي دىلىگىرامغا  (داڭخا)
ئۈسۈۋېلىپ «كەچۈرۈڭ»دەپ ئەپۇ سوراپتىمەن . كارىدوردا يوغان باشلىقنىڭ كېلىشكەن  چىرايلىق سېمىز قورسىقىغا ۋاڭڭىدە ئۈسۈۋېلىپ ، ئۆزەم كەينىمگە قاڭقىپ چۈشۈپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن . تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ، بىر قېتىملىق تەنەپىستە  خىيالى تاماكا چېكىپ ، دەرس قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا تاماكا قالدۇقىنى ئاغزىمدىلا تۈكۈرۈپ تاشلاپ سىنىپقا كىرىپ دەرس ئۆتۈپتىمەن .  بىر چاغدا بىر نەرسە كۆيگەندەك بۇرنۇمغا پۇراپ ئىسنىڭ ھىدى كېلىۋاتىدۇ ، نەگە ئوت كەتكەندۇ ؟ دەپ ئەنزە ئېنىقلاپ يۈرگۈچە مەيدە يانچۇقىمدىكى چاقماق پارتلاپ كېتىپ 500يۇئەنلىك كاستىيۇمغا ئوت كەتكەن ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆچۈرە –ئۆچۈر بولۇپ كەتكەن ئىدىۇق ...كىيىن ئويلىسام تاماكىنى مەيدە يانچۇقۇمغا تۈكۈرۈپتىكەنمەن ئەمەسمۇ !
شۇ چاغدا قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەي  كەلتۈرگەن زىيانلىرىمنىڭ قايسى بىرىنى دەپ بولاي ..................................................................

      قېنى سىلەر خالىساڭلار داۋامىنى داۋاملاشتۇرىلى ھە ؟ دەردىمنى تۆككەنسېرى تۈگىمەيۋاتىدۇ جۇمۇ ، نىمە دىگەن دەرت مەندە ، نىمە دىگەن ئەلەم مەندە .
غۇنچىدەك بويۇمدا غۇچچىدە دەرتتە !!!
خىزمەت كۈنلىرى ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدۇ ، پۇت قول يەرگە تەگمەي ، كىچىك بالامنىڭ ئىشتان –پايپىقىنى نەچچە قېتىم تەتۈر كىيدۈرۈپ يەسلىگە ئاپارغىنىمنى بىلمەيمەن . چوڭىغۇ خۇداغا شۈكرى ئىشقىلىپ ئۆز كىيىمىنى ئۆزى كىيىدۇ . ناۋادا تۆۋەنگە خىزمەت بىلەن چۈشۈپ قالسام ، ياكى ئۈگىنىشكە بېرىپ قالسام ئامالسىز دادام –ئاپاملارغا تاپىلاپ قويىمەن . ئاپپاق چاچلىق ئاپام –داداملارنىڭ مېنى بېقىپ ، چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ ، تويۇمنى قىلىپ خوتۇن ئېلىپ بېرىپ ، مانا ئەمدى بالىسىنىڭ بالىسىنىمۇ باققىلى قويغۇنۇمغا ئۆزەممۇ خىجالەت بولۇپ قالىمەن ، ئەمما ئامال يوق . كىم مېنى دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر سايماخۇن بولسۇن دەپتۇ ؟ خوتۇنۇمغا ياق دىيەلىگەن بولسام بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇقۇشماي ئالجىپ قېلىپ مۇشۇ كۈنلەر بولارمىدى ؟
لېكىن شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى بەكلام ئېغىر كېلىدۇ ، ئويلىمامسىز ، بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇ كۈنى چىرايلىق كىيىنىشىپ ، باللىرىنى قوچاقتەك ياساپ ، مەيدانلارغا ، ساياھەت ئورۇنلىرىغا كۆڭۈل ئېچىشقىلى ،ئوينىغىلى چىقىدۇ . بىزچۇ ؟ بىز ئۈچ ئەركەك قالىمىز ، باللىرىم تالادا ئويناپ پات –پات خۇددى بىر نىمىسىنى يۈتتۈرۈپ، ئىزدىگەندەك قىلىپ ئۆيگە كىرىپ سالىدۇ . بىلىپ تۇرىمەن ئۇلار ئاپىسىنى ئىزدەپ كىردى ، بۇنداق چاغدا كۆڭلىم دەھشەت يېرىم بولىدۇ ، جېنىم باللىرىم !سىلەردە نىمە گۇناھ ؟؟؟

      ئىشقىلىپ قۇدرىتى چەكسىز خۇدايىم «كۆزدىن ئايرىسىمۇ ھاسىدىن ئايرىمايدىكەن »، خوشنىلىرىم بىر –بىرىدىن ئىسىل ئىدى ، ئايال خوشنىلىرىم ئىشتىن چۈشكەن چاغلاردا باللىرىمنى كۆرۈپ قالسا ، يانچۇقلىرىنى كوچىلاپ كەمپىت بېرىپ باشلىرىنى سىلاپ كېتەتتى ھەم دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيلىرىگە تاماققا چاقىراتتى ياكى تاماق كىرگۈزەتتى . ئەر خوشنىلىرىم بولسا بەزى ۋاقىتتا ئۆز باللىرى بىلەن قوشۇپ مېنىڭ بالامنىمۇ مەكتەپتىن ئېلىپ كېلەتتى ،ئەل –ئاغىنىلىرىمغۇ شەنبە –يەكشەنبە مۇقىم مېنى ئىزدەپ كېلەتتى . ئىشقىلىپ مېنى يالغۇز قويمايتتى . ئۇلار چاقچاق قىلىپ ئېتىشىپ :

-سايماخۇن ئاداش ، خوتۇنىڭنىڭ يوق چېغىدا كېلىۋالىلى ئۆيۈڭگە ، كېيىن بىزنى چاقىرالمايسەن تايىنلىق ، -دىيىشەتتى .
بىر يىل بولاي دىگەندە ، ھەقىقەتەن چىدىمىدىم ، ئويلاپ – ئويلاپ توختا مەن زادى خوتۇنۇمغا ۋاقىرالمامدىم ؟ ۋاقىرىسام ئۆز خوتۇنۇمغا ۋاقىرايمەنغۇ ؟ مەنمۇ بىر ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن ۋاقىراپ باقايچۇ ؟ ئۇ يىراقتىغۇ ، بەرىبىر كېلىپ ئۇرالمايدۇ ، شۇنداق قىلىش كېرەك ... ئەگەر كەلمەيمەن دىسە قويىۋېتىمەن دىيىش كېرەك ، مەن شۇ قارارغا كەلدىم ، ئەمما نىمىشقىدۇر تېلىفۇن قېشىغا كېلىپ دەيدىغان سۆزۈمنى ئويلىسام پۇتۇم دىر-دىر تىترەيتتى . توختا يۈرەكنى توختىتىش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن ئىشكاپتىكى مېھمانلارغا ساقلاپ قويغان ھارىقىمنى ئېلىپ ، دىمەكچى بولغان سۆزۈمنى قايتا – قايتا يادلىغاچ ئىككى رومكا قېقىۋالدىم ، ئاندىن پۇتۇمنى ئالماپ پوچى ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ، ئۆيدىكىلەرگە تېلىفۇن قىلدىم :

-بىزنىڭ خوتۇن بارما ؟

ئايالىم تۇرۇپلا قالدى ، ئۇ مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمران تەلەپپۇزدا گەپ قىلغىنىمنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئىسىنى يوقاتقان چېغى . تۇرۇپكىدا سادا يوق ، قاتتق خوش بولۇپ كەتتىم ، ئاللا قارا ئەسلى خوتۇن مەندىنمۇ قورقىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ نىمىشقا بۇرۇنراق شۇنداق ۋاقىرمىدىم ؟ قارىمامسەن ئۈنى چۈشۈپ كەتتىغۇ ئەنە ... شۇنىڭ بىلەن مەن كىرىلىپ تېخىمۇ قاتتىق ۋاقىرىدىم :

-ھەي سەن قايتىپ كەل ، ھىلىمۇ بىر يىل بولدى ، ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتىمەن ، خوتۇنۇڭ يوقمۇ دىسە باردەك ، بارمىكى دىسە يوقتەك ، ئەگەر كەلمەيدىغان بولساڭ ......

-ھە نىمە ئىش قىلالايسەن كەلمىسەم ؟ -ئايالىم ئاخىرى گەپ قىلدى ، قارىغاندا ئاشۇ تۆت سۆز چوقۇم چىشىنىڭ يېرىقىدىن سوزۇلۇپ ئاران چىققان گەپ  .

-ئەگەر قايتىپ كەلمەيدىغان بولساڭ ، -مەن گۆكىرىدىم . ئەسلى مەنمۇ گۆكىرىسەم ئاۋازىم بوراندەك چىقىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ ھەي ئىسىت ! –خېتىمنى بېرىپ مېنى قويىۋەت !
ئەمدى ئايالىمنىڭ ئاۋازى مېنىڭ ئاۋازىمدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇقلىق بىلەن شۇنچىلىك گۆركىرىدىكى ، مەن ئىختىيارسىز تۇرۇپكىنى تاشلاپ ، بىر بۇلۇڭغا بېرىۋاپتىمەن ، تۇرۇپكىدىن چىقىۋاتقان چاڭ –چاڭ ئاۋاز پۈتۈن ئۆينىڭ بۇلۇڭ – بۇلىڭىنى تىترەتمەكتە ئىدى .

-ھۇيت سايماخۇن ، مەن يوق بىر يىلدا خېلى زۇۋانىڭ چىقىپ قاپتۇ –ھە ؟ ياتاقتا قىزلار بار دەپ  گەپ قىلماي تۇرۇپ بەرسەم ، ئەجەپ ۋاقىرايسىنە ، يېقىن كېلىپ ئالە تۇرۇپكىنى ، گېپىم بار !

ئاللا خۇدا ، بۇ خوتۇننىڭ كۆزى بارمۇ نىمە ؟ مېنىڭ تۇرۇپكىنى تاشلاپ قاچقىنىمنى قانداق بىلىۋالغاندۇ ؟ ئۆيگە يا كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمۇ –يە ؟ راست كامىرا بارمۇ يە ؟ راست شۇنداق بولسا بولدى ئۆلدۈم ، ھىلىقى مەن ئەتكەن تاماقنى كۆرگەنمىدۇ ؟ نەچچە قېتىم ئۆيدە ئاغىنىلەر بىلەن گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئېغىناپ ئولتۇرۇشۇپ بىر چەتتىن كورت ئويناپ ئىچىشكەن ئەمەسمىدۇق ؟ بۇنى بىلگەنمىدۇ ؟
-مېنىڭ تۇرۇپكىنى تاشلاپ قويۇپ كەتكىنىمنى قانداق بىلدىڭ ؟

-بىلمەمدىكى ، سەن سايماخۇن بىلەنچۇ توققۇز يىل ئۆي تۇتۇپ سېنى پۈتۈن بىلىپ بولغانمەن ، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا ! مەنچۇ قايتىمەن ئەمەس ، قايتمايمەن ، نىمە دەپ قايتىدىكەنمەن ؟ تەييار ياتاق ، تەييار ئۆي ، تەييار تاماق بار ... نىمە خالىسام شۇنى يەيمەن ، قاچا ئۇخلۇغۇم كەلسە شۇ چاغدا ئۇخلايمەن ، بۇرۇنقىدەك ئەتىگەن تۇرۇپ سەن ئۈچ ئەرنىڭ تامىقىنى ئېتىپ ، كىرىنى يۇيۇپ ، بىر چەتتىن خىزمەت ئىشلەپ ئىشەكتەك ئىشلەيدىغان كۈنۈم يوق ھازىر . ئىككى يىل توشسا ، تېخى يەنە بىر يىل ئۇزارتىپ ئوقايمىكى دەيمەن ، سەنمۇ ئۆي تۇتۇپ كۆرۈپ باقە بىر !

داۋامى بار .....................

saymahun 2010-09-08 21:41
داۋامى ..........
مەن يىغلىۋەتتىم ، ئۇ كەلمەيدىكەن . تېخى يەنە ئۇزارتىپ ئوقۇيدىكەن ، مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن جاڭجاللاشتىم :

-ئوقۇساڭ ئوقى ، ئەمما يادىڭدا بولسۇن ، شەرىئەتتە ئەر- ئايال ئۈچ ئايغىچە ئايرىلىپ تۇرسا ھەم قانۇندىمۇ يېرىم يىلغىچە ئايرىلىپ تۇرسا ، نىكاھ ئۆزلىەىدىن كۈچتىن قالىدۇ ھە ؟ بىكار مەندىن ئايرىلىپ قالما ھە ؟

ئايالىمنىڭ كۈلۈپ كەتكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ مۇنۇ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىردى .

-ھەي سايماخۇن ، سەن خېلى چوڭ بولۇپ قاپسەن جۇمۇ ، مېنى قورقۇتۇپ كەتكىنىڭ ئىكەندە ئۆزەڭچە ، توي خېتىمىزچۇ پالانچى ئىشكاپنىڭ پالانچى تارتمىسىدا ، شۇ يەردىن ئۆزەڭ ئېلىپ ئۆزەڭ قول قويىۋال ! بولدى مەن سېنى قويىۋەتتىم !!!

     مەن تىتىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتتىم ئارقامغا . ياپىر نىمە دىگەن يامان بىر خوتۇنغا تەككەندىمەن ؟  زادى قانداق قىلسام قورقا ئۇ مەندىن ؟ بۇ تۇرقىدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالىمەن دىسەم "ئارقان ئامبار ئۆيدە ، نەچچە مېتىر لازىم ؟ " ، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىمەن دىسەم " نەچچە قۇتا كېرەك ؟"دەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ ؟  توختا ئايال كىشى دىگەن يۈرەك پارىسى بالىسىغا چىدىمايدىغان ئەڭ ئاخىرقى شۇ بىر كوزىرنى ئىشقا سالاي جۇمۇ ، مەن ئەڭ ئاخىرقى زور بىر ئىشەنچ بىلەن يەنە تېلىفۇنغا ئېسىلدىم  :

-ھەي قارا ، بوپتۇ مېنى دىمىسەڭمۇ بالاڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ ؟بالىنى دەپ بولسىمۇ كەلمەمسەن ؟

     ئايالىم نىمىشقىدۇر جىم بولۇپ قالدى ، ياشا سايماخۇن ! تازا يامان يېرىدىن تۇتىۋالغان ئوخشايسەن ، ئەشۇ يېرىگە تازا ياخشى مىنىۋال . مانا ئەمدى قايتاي دەيدۇ جۇمۇ ، ياخشى ئاڭلىغىنا بىر ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ . مەن شۇنداق ھىجاراپ تۇرغاندا ئايالىمنىڭ پارتىكوم شۇجىسىدەك بۇيرىقى دەھشەت كەلدى :

-قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاپ تۇر سايماخۇن :
بىرىنچىدىن مەن سېنىڭ ئالدىڭغا بالا كۆتىرىپ كەلمىگەن ، ئۇلار سېنىڭمۇ باللىرىڭ .
ئىككىنچىدىن مەن ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ھەر ئىككى قوزامنى تارازىغا سېلىپ ئۆلچەپ قويۇپ كەتكەن ، مىللى گىرامغىچە ئېنىق . مەن قايتىپ بارغۇچە شۇ ئېغىرلىقىدىن ئېشىشىغا رۇخسەتكى ، بىر گىرام ئورۇقلاپ قالدىغان بولسا كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار . شۇ چاغدا كۆرىسەن يەنە تېخى ..................ۋەي ۋەي ....ھەي ۋەي دەيمەن .....

مەن شۇ تۇرۇپكىنى تۇتقان پېتى ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ، ئاغزىم كۆپۈك ، قۇلىقىمغا شۇ بىر ۋەي ۋەيدىن باشقا ھىچنىمە كىرمەيدۇ ... كاللام دىگەن گاراڭ ، كۆز ئالدىم دىگەن قاپ -قاراڭغۇ ............

ھەي قايسىڭلار بار ؟ مېنى يۆلىسەڭلارچۇ ؟ كىم بار دەيمەن ؟ ئاھ خۇدا !!!!!!!!

maxal20 2010-09-08 22:06
بەكلا كۈلىۋەتتىم جۇمۇ!~~~ سايىماخۇن داۋامىنى تېزراق يازىلى جۇما!

ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك بولساق مانا مەن تۇتتۇم، يۆلەپ يۈرۈپ كەينىنى ئوقۇمىساق بولمايدۇ

مۇبارەك 2010-09-09 01:26
"غۇنچە بويۇم" دەپ قۇيۇڭ، ھاھاھا...ئايالىڭىزنىڭ سىزنى "قويىۋەتتىم!" دېگەن يېرىگە قانداق كۈلىۋەتكىنىمنى تەسۋېرلەپ بېرەلمەيمەن.  داۋامى باردۇ؟!

arkhon 2010-09-09 04:44
سايماخۇن ياشاڭلار قالتىس ياخشى  چىقىۋاتىدۇ  ،

begana 2010-09-09 05:31
تازا ئىش ئۈگەنگىدەك تىما بولۇپتۇ.كۈلۈپ ئاپامغىمۇ ئوقۇپ بىرىۋاتىمەن.

didar0996 2010-09-09 09:40
ماڭىمۇ بۇ سايماخۇننىڭ مۇشۇ قۇرلىرى :
"دەردىمنى تۆككەنسېرى تۈگىمەيۋاتىدۇ جۇمۇ ، نىمە دىگەن دەرت مەندە ، نىمە دىگەن ئەلەم مەندە . غۇنچىدەك بويۇمدا غۇچچىدە دەرتتە !!!" دىگەن يېرى بەك يارايدۇ ...غۇنچىدەك بويى بار سايماخۇننى ئايالى قانداقمۇ قويىۋەتسۇن ؟
مۇشۇ تاپتا بۇ سايماخۇن ھېيتلىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلغىلى ، كىگىز -پالازلىرىنى قاققىلى ھەممىمىزدىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتتى ... ئەمدى ھىكايىسىنىڭ ئاخىرىنى ھېيتتىن كىيىن ئاڭلايدىغان ئوخشايمىز ..............
ھە راس مۇختەربايمۇ ئۆزى ئالدىراش بولغاچقا، مۇشۇ سايماخۇننىڭ سەرسانە سىرلىرىنى ھەقىقى قىياپىتى بىلەن بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مۇخبىر تەكلىپ قىپتۇ . مۇخبىرىنى كىمكىن دىسەڭلار ئۆزبېكئىستاندىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئۆزبەك قىزى "چاققانقىز چاققانوۋا" ئىكەن . ئۇ مۇخبىرى قانداق ئاخبارات ئېلىپ كېلىدۇ ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز سايماخۇننىڭ كىيىنكى سىرلىرىدا بولسۇن ....

sahra 2010-09-09 09:55
سايماخۇننىڭ  سەرسانە سىرلىرى بىزنى  بۇ يەرگە كىرىپ كۈندە  ساقلاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ ، ھېيت دەپ يۇقاپ كەتسىڭىز ،قانداقمۇ قىلامىز ،  ھېيتلىق دەمنى بەك ئېلىۋەتمەي  تېزراق دەردىڭىزنى تۈكۈۋىتىڭ ....

maxal20 2010-09-09 12:15
ھەر كىرسەم داۋامى يوق.... تېزراق بوسىلا ھوي! سايىماخۇن..... ھ ياكى خوتىنىڭىز ھېيت قىلىپ قايتىپ كېلىپ كومپىيۇتېرنى ئىشكاپقا سولاپ قويدىمۇ؟

yil~tiz 2010-09-09 20:14
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلاپ قويۇپ،ئاخىرىنى داۋاملىق ئوقۇيچۇ، بەك قىزىقارلىق ئىكەن.

burkut 2010-09-09 22:33
مەنمۇ بۇ تېمىنى ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي جۇمۇ بىچارە سايىماخون بولۇپ كىتىدۇدە ئەمدى  

uyghurbeg 2010-09-09 23:15
نەقىل
بۇ 34قەۋەتتىكىsaymahun يوللىغان 2010-09-08 21:41 غا قارتىلغان  :
ەن ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ھەر ئىككى قوزامنى تارازىغا سېلىپ ئۆلچەپ قويۇپ كەتكەن ، مىللى گىرامغىچە ئېنىق . مەن قايتىپ بارغۇچە شۇ ئېغىرلىقىدىن ئېشىشىغا رۇخسەتكى ، بىر گىرام ئورۇقلاپ قالدىغان بولسا كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار . شۇ چاغدا كۆرىسەن يەنە تېخى ..................ۋەي ۋەي ....ھەي ۋەي دەيمەن .....

.......

بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىپ كەتتىغۇ!...

muhterbay 2010-09-10 00:49
سايىماخۇن كىگىزلىرىنى قېقىپ ، ئۆينى ئاقارتىپ كىرگۈچە مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلغاچ تۇراي : بۇ بۇرادىرىمىز بىلەن بۇنىڭدىن 5 يىل مۇقەددەم توردا تونۇشىۋېدۇق . گەپ - سۆزلىرىمىز بىريەردىن چىققاچقىمۇ تېزلا ئىجىللىشىپ كەتتۇق . شۇنىسى بۇ بىرگەپنىڭ ئىككىسى بولسىلا ''  نىمە ئالساڭ ئال ، مېنى شاگىرىتلىققا قوبۇل قىل ! '' لا دەيتتى . '' نىمىگە كىرىسەن شاگىرتلىققا ، نىمىنى ئۈگەنمەكچى ؟ ''  دىسەم ، '' ئۆگۈزگە چىقىشنى ، سېنىڭدەك كېچىدىمۇ تەمتىرىمەي مېڭىشنى ، ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئەسكەرلىمۇ قاملاشتۇرالمايدىغان ئارقاندىن سېيرىلىش ماھارىتىڭنى يەنە....يەنە ....نى ''  دەيىتتى . '' بوپتۇ '' دىدىم بىر كۈنى ''  ئۈگەتسەم ئۈگۈتەي. تۇنجى قەدەمدە شوتىدىن ئۆگۈزگە يامىشىپ چىقىپ ، ئۆگۈزدە موللاق ئېتىشنى بىر ھەپتە مەشىق قىل ، ئاندىن مەشىق نەتىجىسىنى ئېلخەتتىن ئەۋەتىۋەت''  . بۇ '' ماقۇل ''  دەپلا ئىككى ھەپتە يوقاپ كەتتى . ئاخىرى بولماي بىركۈنى تېلىفۇن قىلدىم .
- نىم بولدۇڭوي ، ئېلخەت ساندۇقۇم ھازىرغىچە قۇرۇققۇ ، قېنى ھېلىقىنىڭ نەتىجىسى؟
- ۋاي كۆتەسەڭا نەتىجەڭنى ! مېنى نەدە ھازىر دەپ سورىغىنا باشتا ؟
- نەدە ؟
- نەدە بولاتتى دوختۇرخانىدا .
- نىمە دەيدۇ مۇنۇ ، نىمىگە كىرىۋالدىڭ ئۇ يەرگە ؟
- سەن گۇينىڭ ئىشى بولمامدۇ ، ئۆگۈزدە موللاق ئېتىشنى مەشىق قىلىمەن دەپ ، ئارقامدىكى خوشنامنىڭ ھويلىسىغىلا چۈشۈپتىمەن ''پىگورۇم'' بىلەنلا  ...شۇ تاپتا ئىككى پۇتۇمنى سېركولچىلاپ قايرىپ ئېسىپ قويدى تورۇسقا ....
-ھى...ھى...ھى....ئاغرىۋاتامدا ؟
- ۋاي ھە ، شۇنداق خوشيېقىۋاتىدۇ . كىلە سېنىڭكىنىمۇ ئېسىپ قويسۇن ، بىللە ياتايلى ئاسمانغا قاراپ .
كۈلگۈم قىستاپ بولالماي '' بىر ئىككى كۈنگىچە يوقلاپ چىقىمەن،  پۇتۇڭنى ئېسىپ خاتىرجەم ياتىۋەر  ، ئاشۇنداق ئۇ يەر بۇ يېرىڭ ژىرىلىپ ، كېرىلىپ پىشىدىغان گەپ ، ھېچقىسى يوق ،  چامدىمىڭ يوغىنايدۇ ، ئىىتىك ماڭىدىغان بولىسەن .... '' دەپ بىرمۇنچە تەسەللى - خاتىرە بېرىپ تېلىفۇننى قويىۋەتكەن بولدۇم.........

dart 2010-09-10 13:50
ما باشقۇرغۇچىلار ئىنكاسمىنى ئۆچەرسەڭلا ئادەمىنى خەۋەرلەنىدۇرۇپ ئۆچەرگەن بۇلساڭلا  ھۇقۇڭنى بۇلسا جايىدا ئشلەتسەڭلا . ھەرقانىچە ئۆچۇرۇشكە تىگشلىك بۇلسا خەۋەرلەنىدۇرگەن  بۇلساڭلا  بۇ بىر ئازسانىدكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئشى  بۇ  .

سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ: ماۋۇ باشقۇرغۇچىلار ئىنكاسىمنى ئۆچۈرسەڭلار ئادەمنى خەۋەرلەندۈرۈپ ئۆچۈرگەن بولساڭلار. ھوقوقنى بولسا جايىدا ئىشلەتسەڭلار. ھەر قانچە ئۆچۈرۈشكە تېگىشلىك بولسا، خەۋەرلەندۈگەن بولساڭلار. بۇ ئاز ساندىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىشى.

batista 2010-09-10 14:26
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىمۇبارەك يوللىغان 2010-09-05 19:18 غا قارتىلغان  :
ھاھاھا...بەك كۈلۈۋەتتىم جۇمۇ! ئايالىم سېزىپ بەرگەن خەرىتىنى بويلاپ ماڭىمەن، دەڭ. ئوبدان، ئوبدان...

ئەممازە، ناھايىتى چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تورغا چىقىپ خوتۇنىڭىز ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپسىز، ئاللا! بىلىپ قالسا قانداق قىلارمىز؟! سىز ئۈچۈن مەن قورقۇپ كېتىۋاتىمەن...

didar0996 2010-09-13 10:40
    
  قېنى سىز سايماخۇن ؟
ھېيتنىڭ يۈگۈر -يىتىم ئىشلىرى ئېغىر كېلىپ يېتىپ قالمىغانسىز ھە ؟
بايدىن ئاڭلىشىمىزچە ئۇنىڭغا شاگىرت كىرگەن كۈنلىرىڭىزدىمۇ خېلى جەۋر -جاپالارنى تارتىپسىز ... قېنى داۋامىنى يازمىسىڭىز چاۋىڭىزنى بىراقلا چىتقا يېيىۋېتىمەن جۇمۇڭ ؟؟؟
بولىڭە چاپسان تولا ئىنجىقشىماي ؟ بىلىسىزغۇ مېنىڭ ئېغىزىمنى ، سىلەرنىڭ "ئايال  مىنىستىر" دىن قېلىشمايدىغىنىمنى ............

didar0996 2010-09-13 23:54
     مۇختەرباينىڭ ئالدىراشلىقتا مۇنبەرگە يوللاشقا ئۈلگۈرمىگەن زىيارەت خاتىرسىنى ، گۈلنىسا بۈۋى ئوغۇرلۇقچە ئەچىقىپ بەردى ، كۆرۈپ بېقىڭلار ھە :

خەيرىيەت مۇشۇ بۇدۇشقاق چوكاندىن بىر قۇتۇلۇپ كېتەي دەپ "ئەلكۈيى مۇنبىرى" دىن كالىچىمنى سۆرىگىنىمچە قېچىپ چىقتىم . "چاتاق بولدى " مەن نەگە كىرمەي مۇشۇ خوتۇن ئىز قوغلاپ كىرىپ چاۋامنى چىتقا يايغىنى يايغان ئىدى .  قارىغاندا بۇ خوتۇنغا مۇنبەرنى تاشلاپ بەرمەيمۇ ئامالىم قالمىدى ... ئەمدى نەگە باراي ؟  مۇشۇ خوتۇندىن مۆكۈپ مەن چىقمىغان تاغ تۇرا ، كىرمىگەن باغ -ئېرەم قالمىدى ... نىمانچىمۇ قۇتۇلالمايمەن ھە ؟ ...شۇ خىياللار بىلەن ئۆزۈم نەچچە كۈندە بىر كىرىپ ئايلىنىپ چىقىپ كەتمىسەم كۆڭلىم ئۇنىمايدىغان خەنزۇ بازىرىغا قانداقلارچە كېلىپ قالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن .
       جېلىلىيۈزىدىن "دېشلو" ھارۋامدا قانداق چىقتىم ؟ ھارۋامدا كىملەر بار ؟ ئۇلارغا نىمىلەرنى دىدىم ؟  قايسى ناخشىنى توۋلاپ كەلدىم ؟ ھىچنىمە ئېسىمدە يوق . خىزىرنىڭ نەزىرى چۈشكەن بازار يەنىلا شۇنداق ئاۋات ، شۇنچىلىك قايناق . بۇ يەردە تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن تارتىپ يۇقۇرىسىغىچە بولغان ھەر خىل ئادەملەرنى ئۇچرىتىسىز . ئەگەر كۈزىتىش ئىقتىدارىغا باي بىرسى بولسا ئىدى بۇ يەردىن كۈنىگە نەچچە ھىكايە ماتىريالىغا ئېرىشكەن بولار ئىدى . ئەپسۇس مەندە ئۇنچىلىك كۆز يوق بولۇپمۇ بۈگۈن . مۇنۇ ئادەملەرنىڭ ۋاڭ -چۇڭى دىدارنىڭ ماڭا باقتۇرىۋاتقان قوي- كالىلىرىنىڭ مەرەش-مۆرەشلىرىدەك ، ماشىنا سىگنالى دىدارنى ئالداپ ئوغرى يانچۇقۇمغا تىقىۋالغان ئالتە مىڭ تەڭگىنىڭ جىرىلداشلىرىدەك ئاڭلىنىدۇ ...
-ھوي قاۋان سېنى دەپ چىقارغان كاۋاپ مۇنۇ ، بۈگۈن قارىمايسەنغۇ ئاداش ، مەن ماياقتا دەيمەن ...
      مەن داۋاملىق يېلىن كاۋىپىنى يەيدىغان ھىلىقى كاۋاپچى مېنى چاقىردى . ئۇنىڭغا بىر تال چىشتىن ئايرىلىپ ، ھىجاراشنى ئۇنتۇپ قالغىنىغا خېلى بولغان ئاغزىمنى تەستە ئېچىپ ساختا تەبەسسۈم قىلىپ قويدۇمدە ،
-بىر ئايلىنىپ كېلەي ، -دەپ ئاستا يىراقلاشتىم .
-يېلىن يۇمشاقتەق قىلغان بىلەن چىشتىن ئايرىيدۇ شۇنداق ھا...ھا...ھا...
كاۋاپچىنىڭ بىئەپ ۋاقىتتا قىلغان بولمىغۇر چاقچىقى جان جېنىمغا ئۆتۈپ كەتتى . يۈگرەپ بېرىپ كاۋاپدېنىدىكى زىقتىن بىرنى ئېلىپ كانىيىغا تىقىۋېتەيمۇ دەپ يەنە توختاپ قالدىم . راستىنى ئېيتسام بۈگۈن بىرەسى بىلەن مۇشتلىشىش ئەمەس دىيىشكۈدەكمۇ ھالىم يوق ئىدى ...

       يېقىنلا يەردە بىر توپ ئالامان چەمبەر شەكلى ھاسىل قىلىپ نىمىدۇر بىرنىمە كۆرىۋاتاتتى . ھەقاچان ئۇياققا ئىككى بۇياققا ئىككى موللاق ئېتىۋېتىپ ، "ئېمدى ما توپتىكى قىز -خانىملىرىمىز بىلەن ئۇششاق باللا چىقىپ تۇرۇشسىلا ..." دەپ گەپ باشلاپ دورىسىنى ساتىدىغان ھىلىقى سەييارە سېرىكچىلارغۇ بۇ ، بىردەم كۆرسەم كۆڭلىم ئېچىلىپ قالا ...دەپ توپ ئىچىگە قىسىلىپ كىردىم .
قويۇلىۋاتقىنى سېرىك ئويۇنى ئەمەس ئىدى .  بىرە يۈزچە ئادەمدىن ھاسىل بولغان چەمبەرنىڭ دەل مەركىزىي نوقتىسىدا كىمدۇر بىرى يوغان قىلىپ "خوتۇن قايتىپ كەل " دەپ خەت يېزىلغان تاختىنى ئالدى -كەينىگە ئاسقان ھالدا ئىككى كۆزىنى مەھكەم يۇمۇپ ئۆرە تۇراتتى ...
يۈرىگىم قارتتىدە قىلىپ قالدى . بۇ مېنىڭ شاگىرتىم سايماخۇن ئەمەستۇ ھە ؟ دەپ ئويلىدىمدە توپتىن چىقىپ ئۇ قاراپ تۇرغان تەرەپتىن قايتا قىسىلىپ كىرىپ ئۇنىڭغا ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم . توغرا بۇ دەل بىزنىڭ سايماخۇن ئىدى ...
ئەگەر باشقا مۇنبەردىكىلەر كۆرۈپ قالسا ھەممىمىزگە سەت ، بۇنى دەرھال ئېلىپ كېتىش كېرەك . شۇنى ئويلاپ ئۈلگۈردۈمدە سايماخۇننىڭ يېنىغا كېلىپ ئالامانلارغا قاراپ ۋاقىرىدىم :
-ھاي كۆپچىلىك تارقىلىڭلار ، بۇ مېنىڭ ئاغىنەم ئىدى . يېقىندا سەل نېرۋىسىدىن كېتىپ قالغان ، بۇ ئۆزىنىڭ مەيلى ئەمەس . بۇنداق تاماشا كۆرسەڭلار يامان بولىدۇ . بولدى قايتىپ كېتىڭلار ، قايتىڭلار !
تەلىيىمگە كۆپچىلىكمۇ ئاۋارە قىلمايلا بىردىن -بىردىن تارقاپ كېتىشتى .
-كىم نېرۋىسىدىن كېتىپ قاپتۇ گۇي ، مېنىڭ كۈنۈمگە سەن قالغان بولساڭ كوچىغا ئىشتانسىز چىقاتتىڭ ، ۋاي ماڭ ئىشىڭنى قىلە !
-نىم بولدۇڭ ھوي ، يامان قىلدىمما ؟
-ئاۋۇ خەقنى تارقىتىۋەتمىگەن بولساڭ ، ماڭا ئىچى ئاغرىپ ئۈرۈمچىدىن خوتۇنۇمنى ئەكىلىپ بېرىدىغان ئادەمدىن بىرسى چىقاتتى .
ئاۋازىمنى ئاڭلاپ كۆزىنى ئېچىپ مېنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن سايماخۇن دەردىنى مەندىن چىقىرۋاتاتتى .
-ئاۋۋال مۇنۇ تاختاڭنى يوقات ، ئاندىن مەسلىھەتلىشەيلى ، بولدى مەن بولساممۇ ئەكەپ بېرەي شۇ ئامرىغىڭنى ...
-نىمە ؟ سەنما ؟ ۋاي سېنى خوتۇنىنى ئەكىلىشكە ئەۋەتكەن ئادەم ساراڭ ، خەق بىر كۈندە ئەكەلسە ئۈرۈمچىدىن ، سەن بىر ئايدا ئەكىلەرسە ئۇنى ،
-تى...ئا...گەپمۇ شۇ ھوي ، ماڭە ، ماڭا تولا كوتۇلدىماي ، خالىراق بىر جاينى تېپىپ سۆزلىشەيلى ، يوقات مۇنۇ لوزۇنكاڭنى ،
-خوتۇن كەمىگۈچە ھەرگىز ئالمايمەن ، خىجىل بولساڭ كىتە ماڭا !
-ۋاي ماقۇل ، ماقۇل ماڭاي ، -تاختىنى ئالغۇزىۋېتىشكە كۆزۈم يەتمەي ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ دىگۈدەك ئېلىپ ماڭدىم . كوچىدىكى ھەممە خەق بىزگە قاراپ كۈلەتتى ، بىر توپ كىچىك باللار كەينىمىزدىن "ھوي...ھوي!...ھوي ...ھوي !" دەپ تاكى قىزىل بايراققىچە ئەگىشىپ كەلدى .
خۇداغا شۈكرى ۋىسال تېز تاماقخانىسىغا كىرمەكچى بولغۇنىمىزدا ئىشىك ئالدىدىكى ياش يىگىت بۇ يەرگە بۇنداق كىرسە بولمايدىغانلىقىنى مىڭ تەستە چۈشەندۈرۈپ ئاخىرى سايماخۇننىڭ بوينىدىكى "لوزۇنكا" نى ئالغۇزدى . بۇمۇ بوينىدىن ئالدىيۇ ئەمما قولتۇقىغا قىسىپ تاماقخانىغا كىرىپ مەن بىلەن روبىرو ئولتۇردى .
-نىمە يەيسەن ؟
-مانتا
-ھە مانتا دەپ قوي ، بولىدۇ قانچىنى ئەكەلدۈرەي ، مەن يېنىكرەك ئۈگرە ئىچەي .
-سەن نەچچىنى يىسەڭ مەن شۇنچىنى يەيمەن .
-خوپ -، دىدىمدە مۇلازىمەتچى قىزغا ئۆزۈمنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىر نانغا يەتتە مانتا بۇيرۇدۇم .
مەن بۇيرۇتقان ئۈگرە ئالدىمغا كەلگۈچە سايماخۇن يەتتە مانتا بىلەن بىر ناننى سوقىۋېتىپ پاقىراپ ئولتۇردى .
-يەنە يەمسەن ؟
-بولدى ، خوتۇن ئەتكەن مانتىدەك تېتىمىدى .
-ۋاي ...ۋاي...ۋاي ...خوتۇن ، خوتۇنلا دەيدىكىنا مۇنۇ ! باللىرىڭ قېنى راست ؟
-ئۇ ئىككىسى توققۇستارادا تاختا ئېسىپ يۈرىدۇ "ئاپا قايتىپ كەل " دەپ ، مەن بۇ يەرگە كىرگەن . تاس قالدىم ئاغزىمدىكى ئاشنى پۈركىۋەتكىلى ،
تاماق يەپ بولۇپ بىردەم تاغدىن -باغدىن قىززىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ئاخىرى ئىزىغا چۈشەردىم .
ئۇمۇ بىردەم بولسىمۇ خوتۇنىنى ئۇنتۇپ باشقا پاراڭ قىلىشقا چۈشتى .
- بۇ ئايدىكى "شىنجاڭ خوتۇنلىرى" دىگەن ژورنالنى كۆردۈڭمۇ ؟ -، سوراپ قالدى سايماخۇن .
-ياق ! بىلىسەنغۇ مەن ئۇ ژورنالنى كۆرمەيمەن . ھە نىمە بوپتۇ ؟
-سەن بايا مېنى نېرۋىسىدىن كەتكەن دىدىڭغۇ ھە ؟
-ۋاي دەپ قويغان گەپ ئۇ خەقنى تارقىتىش ئۈچۈن .
-مەنلا ئەمەسكەنمەن جۇمۇ نېرۋىسىدىن كەتكەن ، كورلىدا بىر خوتۇن بوينىغا سېنىڭ ئىسمىڭ ئويۇلغان يوغان زەنجىرنى ئېسىپ ئەتىگەندىن كەچكىچە كوچا ئايلىنىپ يۈرگۈدەك .
-نىمە دەيدۇ مۇنۇ ساراڭ قېتىش ، يەنە تۇتىۋاتامدا كېسىلىڭ ؟
-ئىشەنمەمسەن ؟ مانا شۇ ماقالە بېسىلغان بەت ، مانا رەسىمىمۇ بار تېخى ،مەنچۇ بايىقى ئىشنى مۇشۇ ماقالىدىن كۆرۈپ ئاندىن تاپقان .
ئۇ كەينى يانچۇغىنى بىر ھازا ئاختۇرۇپ نەق شۇ ژورنالنىڭ بىر بېتىنى "پاققىدە " قىلىپ ئالدىمغا تاشلىدى .
رەھمەتلىك مومامنىڭ يۈزىدەك پۈرلىشىپ كەتكەن ژورنال بېتىنى ئاچتىمدە پىشانەمگە "چاڭڭىدە" بىرنى قويدۇم .........


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سايماخۇننىڭ سەرسانە سىرلىرى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.055412 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us