رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چىرايلىق قىز --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> چىرايلىق قىز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 4 total )

bighubarim 2010-08-30 00:46

  

                                                                               چىرايلىق قىز
                                                                                (ھېكايە)

    دادامنىڭ دوستىنىڭ قىزى كەلگۈدەكمىش ئۈرۈمچىدىن !
   ئۆزۈمنى ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل ، كەڭ قورساق قىز چاغلايتتىم ، لېكىن بۇ قېتىم تەن بەردىم ، بۇ ئۆيگە كەلمەكچى مەن بىلەن بىر ھۇجرىدا تۇرماقچى بولغان بۇ قىزنى كۆرمەي تۇرۇپ خالىماي قالدىم . ئىمتاھاندىن ئۆتسە نېمە بوپتۇ ، مەمۇرىلىق ئىمتاھاندىن ئۆتۈپتىغۇ ناھايىتى ! شۇنىڭغىمۇ دادامنىڭ شۇنچىۋالا قىلىشى كېتەمدۇ ؟! ئۈرۈمچى دېگەن نە ئۇ ! مەركىزى شەھەردىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ بۇنچىلىك كىچىك ناھىيىنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىسە بوپتىكەن ئەمىسە ! مەنمۇ ئۆتكەنغۇ ئالدىنقى قېتىم ، لېكىن يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىكى رىقابەتچىم ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان بىر قىز بۇلۇپ قېلىپ خەنزۇتىلى سەۋىيەم ئۇنىڭغا يىتەلمەي شاللىنىپ قالدىم شۇ ! ئۇھ....مۇشۇ ئىمتاھان دېگەن نەرسىدىن بىر قۇتۇلمىدى كىشى ، كىملا كۆرسە خىزمىتىمنى ، رەسمىي ياكى تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقىنىمنى سوراپلا تۇرغان ، مانا ئەمدى شەھەرلىكتىن بىرى كېلە كەلمەي تاپا – تەنىگە قالغىلى تۇردۇم ، لېكىن ئامال يوقتە !  جان دادامنىڭ جان ئاغىنىسىنىڭ قىزى بولغاندىكىن مېنىڭمۇ جان دوستۇم بولۇشى ، ياق دادامنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا جان – جىگەر ئاچا – سىڭىللاردىن بۇلۇپ ئۆتۈشىمىز كېرەككەن ، خوپ دىدىم ، مەن دادامنىڭ دادىسى ئەمەس بالىسىدە !
  ئۇ ئۆيىمىزگە كەلدى ، ۋاي – ۋۇي ، مەلىكىكەنغۇ ئۇ ! دادىسى ، ئاپىسى ، ئاكىسى ، ھاممىسى ، ھاممىسىنىڭ ئېرى ....ئىشقىلىپ پۈتۈن بىر جەمەتمىكىن ھەممىسى ئۇنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغىلى كەپتۇ ، ئۇنداق قىلىپ كەتمىسىمۇ مىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكنى بىرىنچى بىلىدىغان دادام ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىن ئاشۇرۇپ قىلالايتتىغۇ ...لېكىن ، لېكىن ئىقرارمەن ، ئۇ قىز راسلا مەلىكىلەردەك چىرايلىقكەن ، بويلىرى ئىگىز ، تېرىسى ئاپپاق ، سۈزۈك ، قاش-كۆزلىرى سىزىپ قويغاندەك قارا ...بىر قاراپلا ھېلىقى تۈركىيىنىڭ ناخشىسىدىكى قىزغا ئوخشاتتىم ، مەن چېغىمدا كۆزۈمنى ئالالماي قالدىميۇ يىگىتلەر كۆرسە قانداق بولا ؟! بولدىلا ، ئۇنداق چىرايلىق قىز بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ ، شۇڭا ئۇ قىز كەلمەستە ئۇنىڭغا قېيدىغان بارلىق غايىۋى قېيداشلىرىمغا خاتىمە بېرەي ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئاچا- سىڭىل بولاي!
ــ جېنىم ، بۇ يەردە بۇ كارىۋات بۇرۇندىنلا بارمىتى ياكى يېڭىدىن ئالدىڭلارمۇ ، قارىسام يېڭىدىن ئالغاندەكلا .
ــ دادام بولمامدۇ ، مۇشۇ كارىۋاتقا سىغىمىز دېسەم ئۇنىمىدى ، سىزنى چوڭ – چوڭ ئۆيلەردە ياشاپ كۆنۈپ قالغان ، قىستىلىپ قالىدۇ دەپ يېڭىدىن ئالدى ، بۇلا ئەمەس ، كارىۋات ياپقۇچ ، ھەتتا بۇ پەردىدىن تارتىپ يېڭىلىدى . ( بىزنىڭ سۆھبىتىمىز مانا مۇشۇنداق تەكەللۇپسىزلا باشلاندى)
ــ ھى ھى ھى ، چوڭ ئۆيلەردە ؟! دادىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە نەچچىنچى يىلى بارغان بولغىيتتى ، چوڭ ئۆيگە كۆچۈپ چىققىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى ، سىلەرنىڭ ئۆيمۇ كاتتاكەن .
ــ شەھەرلىكلەرگە يەتمەيمىز !
ــ مۇشۇ شەھەرلىك دېگەن گەپنى پەقەت ئاڭلىمىسام دەيمەن ، نېمە ئۇ ، كىم شەھەرلىك كىم يېزىلىق ، سۈرۈشتۈرۈپ كېلىدىغان ئىش بولسا بارغۇ بىز ھەممىمىز تېگى تېگىمىزدىن سەھرالىق ، دادامنى ئانىسى ئۈرۈمچىگە ، نەنمىن خەلق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇغۇپ قويماپتىكەن قاراڭ .
ــ ھى ھى ھى ، بولدى ، بولدى دىمىگەن بولاي ، گەپ دىگەن چىقىدىكەنغۇ سىزدىن . ــ مەن شۇ  سەل   مۇشۇنداق ، گەپكە ئامراق ، ئىشقا ئۆچ .
ــ شۇنداق چىراي .
ــ تەنە قىلىۋاتامسىز .
ــ ياق ، ئوچۇق – يورۇقكەنسىز ، چىقىشىپ كەتكۈدەكمىز .
ــ ۋۇي تېخى ،  چىقىشماي ئۆيىڭىزدىن قوغلىۋەتمەكچىمىدىڭىز .
ــ ھەددىممۇ
... ...
  شۇنداق قىلىپ چىرايلىق قىز ئاشۇ كۈنىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ قالدى ، ماڭا نېمىتى ، ئەتىگىنى بىر كىشىلىك ئورۇننى ئارتۇق يىغىمەن ، كەچتە سالىمەن شۇ ، بۇلار مەن ئۈچۈن ھىچقانچە گەپ ئەمەس ، باشقا ئىشلارنىڭ بىر قوللۇق بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى بولمىش ئاپام قىلىدۇ ، ئاپاممۇ بۇ ئاغزى تاتلىق ، چىرايى ئوچۇق قىزغا تېزلا ئامراق بولۇپ قالدى .
ھەر كۈندىكىدەك ئىككىمىز ئىككى كومپىيۇتۇر ئالدىدا ئولتۇراتتۇق ، ئۇنىڭدىن سورىدىم :
ــ نادىرە ، كۆنەلىدىڭىزمۇ ؟
ــ ھەئە ، ھەممىڭلار شۇنداق ياخشى تۇرساڭلار ، نىياسەم ئاپام ، قادىر داداملارمۇ شۇنداق ياخشى .
ــ ۋۇججۇن ، ئاغزىنىڭ تاتلىقلىقىنى ، مەن بىزنىڭ ئۆينى دىمىدىم ، مۇنۇ كىچىك ناھىيىنى دەۋاتىمەن .
ــ كۆندۈم ، ئامال يوقتە ، لېكىن يىگىتلىرى ...
ــ ھە ، نېمە ؟! يىگىتلىرىمىز نىمە بوپتۇ ؟
ــ دەيمەنغۇ ئەمدى ...ھېچ يارىمايدۇ !
ــ ھى ھى ھى ، يارىسا گوپلا تېگىۋالاي دېگەنما ؟   ئاپىڭىز ماڭىدىغاندا ئەسكەرتىپ قويدى جۇمۇ ، « ئىككى يىل چىدىسىلا ئاپپاق قىزىم ، خان قىزىم ، جېنىم قىزىم . ئىككى يىلدىن كېيىن ئەكىتىۋالىمەن » دەپ !
ــ ئىككى يىلغىچە مۇشۇنداق ئۆتەمدىم ، ھېچ بولمىسا كېلىشكەن يىگىتلەرگە ئۇياق – بۇياققا ئۆتكەچ قاراپ كۆزىمىزنىڭ ئاچچىقىنى بولسىمۇ چىقارمايمىزمۇ دەيمەن .
ــ ئۇھ...جېنىم نادىرە ، يىگىتلىرىڭىزدىن ئۆرگىلەي ، ھېلىمۇ تېلفونىڭىز پارتلاپ كېتەي دەيدۇ كۈندە .
ــ شۇنى دەيمەن ، مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران ، بۇ تىلفۇندىن نىمە چىقىدۇ دەيمەن ، قۇرۇق پاراڭلاشقانغا !
ــ ۋۇي !  ئەمىسە نىمە قىلسا بولاتتى ( ئۇنىڭ چاخچاق قىلغانلىقىنى بىلمەي ھەيران بوپ چەكچىيىپ قاپتىمەن )
ــ دەيمەنغۇ ئەمدى ، قارىڭە كورىيەنىڭ يىگىتلىرىگە ، سېغىندىم دىيىش ئۈچۈنمۇ ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپلا كىلىۋاتقان ، بىزنىڭ يىگىتلەرمۇ نىمىشقا شۇنداقراق بولمايدىغاندۇ دەيمەن ، ئاغزىدا گىپىلا بار .
ــ راستىنلا يۈرىۋاتقىنىڭىز يوقما ؟
ــ يوق ! بۇرۇن بىر قېتىم تاشلانغان ، شۇندىن بىرى تاشلاپ ئۇيۇن كۆرۈش مىنىڭ خوشاللىقىم .
ــ ساراڭ !
  مانا مۇشۇنداق ، ھەركۈنى كەچلىكى تاماقتىن كىيىنلا ئىككىمىز ئىككى كومپيۇتېر ئالدىغا بارىمىز ، ئۇ كىنو كۆرىدۇ ، ھېلىقى نېمىتى ، مەكتەپ تور بېتى ئوينايدۇ ، پاراڭلىشىدۇ ، مەن بولسام بىر مۇنبەر سارىڭى ، مۇنبەردىن خاتىرەمگە بىرەر پارچە شېئىر ، بىرەر قۇر خەتيۇ  ئىشقىلىپ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىنى كۆچۈرۈپ ئولتۇرىمەن .
  ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قالىمەن ، كەينىدە يۈرگەن نېمە دىگەن جىق ئوغۇللار ئۇ !





داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
2010-8-30           شەھىرى كۈسەن  .  بىغۇبارىم .

sweetgirl 2010-08-30 01:04
تازا ئىسل كوپ قىسملىق تېىلۋېزىيە تىياتىرنىڭ  سىنارىسىنى ئۈقۈۋاتامدىم نىمە  قېنى ئاخىرى  تىز تىز يېزىڭە  ،

nime 2010-08-30 01:24
مۇقەددىمە ئىكەنغۇ،چاپسان يېزىڭ،ئسىت ۋاختىم،       

hayran 2010-08-30 01:45
   ئەسەرلەرنى  نېمانداق ياخشى  يازىدىغاندۇ دەيمەن .....
  مېنىڭمۇ شۇنداق بىر ھېكايىلەرنى يېزىۋەتكۈم كېلىدۇ يۇ،دەپتەر-قەلەمنى قولغا ئالغاندا ھېچنىمە يوق!
   داۋامىغا تەشنا بىز!

srlk 2010-08-30 09:01
ئاخىرنى  تىزراق  يوللاسىز  دوستۇم.

tumar 2010-08-30 12:37
يەنە بىر ياخشى ھېكايىڭىزنى مۇنبەرگە سۇنۇپسىز،باشلىنىشىدىنلا ئېسىللىقى چىقىپ تۇرىدۇ.ئەمىسە داۋامىغا يەنە بىر ئىلتىماس كەتتى.

Mehrinaz 2010-08-30 12:55
ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قىزلىرىنىڭ گەپلىرى قىززىقتە . ئارقىدا ھەر ئويۇنلىرى چىقىدۇ تىخى .

nime 2010-08-30 17:01
نەقىل
بۇ 6قەۋەتتىكىMehrinaz يوللىغان 2010-08-30 12:55 غا قارتىلغان  :
ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قىزلىرىنىڭ گەپلىرى قىززىقتە . ئارقىدا ھەر ئويۇنلىرى چىقىدۇ تىخى .


چاپسان يوللىسا بۇلاتتى،

zakira 2010-08-30 18:33
بەك ياخشى ئەسەركەن ..

umitjan 2010-08-30 19:49
خا  خا   قىزىقارلىقكەن     .  ئاخىرىسى

tumar 2010-08-31 13:07
ئىلتىماسىم تەستىقتىن ئۆتمىدىمۇ يە؟قېنى داۋامى؟

tursungul 2010-08-31 13:12
ھە ئاخىرىنى ساقلاپ قالدىم.

bighubarim 2010-08-31 21:02
ئاخىرىنى كەچتە يازاي ، بۈگۈن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ جاپا تارتىپ يازغان 20 بەت يوق بولدى ۋىروسنىڭ سەۋەبىدىن ...كۆڭلۈم يېرىم ...لىكىن ھىچقىسى يوق ، كەچتە يازىمەن ، ساقلىتىپ قويدۇم ، كەچۈرۈڭلا...

omak^324 2010-09-04 23:50
تىخى ئەتە بولمىدىما؟  نەچچە كۈن بولدى ساقلاۋاتقىلى

omak^324 2010-09-19 23:08
ھوي ئۇخلاپ قالدىڭىزما؟ مەن ئۇخلىماي بۇ تىمىنىڭ ئاخىرنى ساقلاۋاتىمەن.

bighubarim 2010-09-20 00:20
  چىرايلىق ، ئۇچۇق - يۇرۇق بۇ قىزنى مەنلا ئەمەس دوستلىرىممۇ تىزلا ياقتۇرۇپ قالدى ، ئۇنى يېڭى مۇھىتقا كۈنىۋالغۇچە دىدىمۇ ئىشقىلىپ كۈن ئاتلاپ دىگۈدەك ئولتۇرۇش ، يىغىلىشلار بۇلۇپ تۇردى ، مەنمۇ  كۈن بۇغداينىڭ باھانىسىدە سۇ ئىچكەن قارۇچىقىدەك ئولتۇرۇشلاردىن قالماي  بېرىپ تۇردۇم ، قىزلار يىغىلغان ئۇنداق سۇرۇننىڭ ئاساسلىق تىمىسى يەنىلا ئۈرۈمچى ، ئۈرۈمچىدىكى دىسكوخونا ، ساڭنالار ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يىگىتلىرى توغرىسىدا بۇلاتتى ، ئەزەلدىن قۇرۇق پاراڭ بىلەن خوشام يوق مەنمۇ بىلىپ بىلمەي  ئۇنىڭ قۇرۇق ئەمما قىززىق پاراڭلىرىغا تېلىقىپ كۈلەتتىم ، بىر كۈنى يۇرتىمىزنىڭ دىسكوخانىسىغا كىردۇق ، ئۇنىڭ تەسىراتى ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولدى :
__ ئۇسۇل دىگەننى مۇشۇنداق ئوينىمامدۇ ، ئۈرۈمچىدە بۇنداق سۇرۇنلاردىكى ئۇسۇل بىلەن پەقەت خوشۇم يوق ، دىبا خەلق ئۇسۇلى دىگەن ھەيۋاتلىك ئىسمىدىن ئۆرگىلەي ، نىمە دەيمىز ئەمدى ، قۇلى مۈرىسىدىن ئاشمىغان ، بېشى توختىماي چايقىلىپ تۇرغان ، خۇددى بىر قارىماققا " قانداق قىلاي ، قانداق قىلاي ، ئامال يوق ، ئامال يوق دىگەندەكلا .
  ئۇنىڭ يىگختلەرنىڭ ئۇسۇلىنى دورىغان ھەرىكىتىنى كۆرۈپ يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى .
__ قىزلىرىڭلارمۇ قېلىشمايدىغۇ ، قۇلىغا قارىسا ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ، پۇتىغا قارىسا تانسا . ئۇلار نىمە دەيدۇ نادىرە .
__ ئۇلارچۇ ؟ ئۇلار مۇنداق ئوينايدۇ ھە ، قۇلىنى ئىككى تەرەپكە يېيىپ - ئېچىپلا ، بۇ چۇ ؟   بۇ قىزلارنىڭ "خىزمىتىڭ بولمىسا نېرى كەت ، نېرى كەت ، پۇلۇڭ بولمىسا نېرى كەت ، نېرى كەت " دىگىنى ،،،
    ئەتىسى بىر كۈن ئۇنىڭغا بازار ئايلىنىشىپ بەردىم ، قايتىدىغاندا كىتاپخانىغا كىردۇق :
__ جېنىم خوش بۇلاي ، تىزراق بۇلۇڭ ھە ، ھېلىمۇ بەك ھېرىپ كەتتىم ، __ دىدى ئۇ كىتاپخانا ئىشىكىدىن پۇتىنى ئالا-ئالماي .
__ سىزگە سەرىپ قىلىشىپ بەرگەن ۋاقتىمنىڭ تۆتتىن بىرىنى سەرپ قىلسىڭىزلا بۇلىدۇ . __ دىدىم كىتاپ جازىسىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ .
  بىر چاغدا بىرى نۇقۇيدۇ قارىسام نادىرە ، مەن تېخى مىنى ئالدىرىتىۋاتامىكىن دەپتىمەن ، قارىسام  ھىچ ئۇنداق ئەمەس .
__ ئۇنى تۇنۇمسىز ؟ ، __ دىدى ئۇ كۆزىنى نۇقتىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ ئاۋازىنى بوش چىقىرىپ .
__ ھەئە .
     ئۇنىڭ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويغىنى كۆردۈم .
__ ئىسمى مىرادىل ، ئاپىسى دوختۇر ، دادىسى ئۇقۇتقۇچى ، بىرلا بالا ، بىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇغان ، ئالى مەكتەپنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان . بۇ يىل ئۇقۇش پۈتتۈردىغۇ دەيمەن .
__ ئاران مۇشۇنچىلىك ، ئۇنىڭ تىلفۇن نۇمىرى ، كوت - كوت نۇمىرى دىگەندەكلەر يوقما ؟ ئۇ سىزنىڭ بىرەر يېقىن دوستىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتمەمدا ؟
__ ياق ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئاپام بىلەب سالام - ساھەت قىلىشىدۇ شۇ ، باشقا بىرەر يېقىن دوستىنىمۇ تۇنۇمايدىكەنمەن ، سىز ئاشۇنداق ئاقپىشماق يىگىتلەرگە ئامراقما ؟ ئويلىماپتىمەن ،،،
__ نىمىشقا ئەمدى ؟
__ قارىسام تۈركىيىنىڭ كىنولىرىنى كۆپ كۈرىسىز ، چەتئەلنىڭ ھېلىقىدەك دىۋىدەك ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنى بەك ئاڭلايسىز م شۇنىڭغا قاراپ ساقاللىق ، تۈكلۈك ، يوغان بەستلىك ، قارىمۇتاق يىگىتلەرگە
__ ۋاي ، ۋاي بولدى ، بولدى ، ئېيىقمۇ ئادەممۇ دىگىنىڭىز ، مىنى ئېيىقتەكلەرگە قىزىقىسىز دىمەكچىغۇ سىز ئاخىرى ؟
__ ھى ھى ھى ، چاخچاق قىلدىم .
__ ھەي ، بۈگۈن كىتاپخانىدا ئۇ پەقەت ماڭا دىققەت قىلمىدىدە بولمىسا ھازىر مەن ئۇنى ئەمەس ، ئۇ مىنى سۈرۈشتۇرۇپ ئولتۇرغان بۇلاتتى .
__ ئۆزىگە ئىشىنىش روھىڭىز ئۆگىنىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ  .
  ئەنە شۇ كۈندىن باشلار بىلىپ - بىلمەي شەخسى رازۋىتچىكقا ئايلاندىم .
__ ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇپتىكەن ، يۈرگەن قىزى يوقكەن ، بۇ يىل سىزگە ئوخشاش مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىن ئۈتۈپتۇ ، لىكىن خەق سىزدەك تەلەيلىك ئەمەسلىك  ، ئاساسىي قاتلامغا ئۈتۈپتۇ ، ئىككى ئايدىن كىيىن تەربىيىلىنىشكە بارىدىكەن . ھازىرچە بىلىدىغىنىم مۇشۇ .
__ تىلفۇن نۇمىرىچۇ ؟
__ ۋاي خېنىم ، بىراقلا بىر ئادەمنىڭ ئۇنچە جىق ئۇچۇرىنى ئىگەللىسەم ئەتىلا ما يۇرتتا باشقىلارنىڭ ئاغزىدا مىرادىلقارىغا كۈيۈپ قالغان زۇلپىيە خېنىم بۇلۇپ قالامەن ، بىزمۇ مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئاستا - ئاستا ھە ،،،
  ئۇ بىردەم جىمىپ قالدى ۋە تۇرۇپلا دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
__ تاپتىم ، ئۇ چۇقۇم مەكتەپ تور بېتى ئوينايدۇ ، ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ يىل پۈتتۈرىدىغان ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغان مىرادىلدىن نەچچە يۈزى بولماس ، ئىىىىىي ، ئەجەپ ياخشى ، لاي لى لاي لاي ، لاي لى لاي .
  ئۇ دىمىقىدا ناخشا ئېيتقىنىچە كومپىيۇتېرىنىڭ ئالدىغا ئۈندى ، خۇددى كومپىيۇتېرنى قوزغاتسىلا مىرادىل ئىچىدىن يۈگرەپ چىقىدىغاندەك  . مەن بولسام دادامنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاپامغا ھەمرا بۇلۇپ تىلىۋىزۇر كۈرۈش ئۈچۈن ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم .
  قايتىپ كىرگىنىمدە ئۇ كومپىۇيتېرنىڭ ئالدىدا ئۆز- ئۆزىگە " مۇمكىنمۇ ، تازىمۇ ..." دەپ سۆزلەپ ئولتۇراتتى .
__ نىمە ؟ بىرەر يىپ ئۇچى بارمۇ ؟
__ تازا بىر مەتو بالىمۇ نىمە ئۇ ، سۆلىتىگە قارىسا پويىز سۆرىيەلمىگۈدەك ... نەدە ۋۇخەندە مىرادىل دەپ بىرى بۇلىدۇ ، پۈتۈن مىرادىللارنى ئاختۇرۇپ بولغاندىمەن ؟
  __ ئۆزىنىڭ ئىسمى ئەمەستۇ ؟
__ ئۇنداق كىلىشكەن بالا ئۆزىنىڭ ئىسمى ، ئۆزىنىڭ رەسىمىنى چىقارمىسا بارغۇ سىزگە قۇلىقىمنى كىسىپ بىرەرمەن ،
__ مانا يوقكەنغۇ شۇ ، بولدى يېتىڭە . زىرىكىپ ئىش تېپىۋاتىسىزدە ،
__ ئىككى يىللىق ياشلىقىم مۇشۇنداق ئۈتۈپ كىتەرمۇ دەيمىنا ،،،. __ يوتقىنىغا كىرگەچ چاخچىقىنى باشلىدى ئۇ ، __ ئاھ ياشلىق ، گۈزەل ياشلىق ، رومانتىكىغا ، گۈزەللىككە ، جۇشقۇنلۇققا ، مۇھەببەتكە تۇيۇنغان ، يىگىتلەر كەم ياشلىق ...ھى ھى ھى .
  ئەتىسى خىزمەت ۋاقتىدا  ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم "  مانا بۇ تىلفۇن نۇمىرى ، بۇ كوت - كوت ..."
  ئۇ تىزلا تىلفۇن قايتۇردى :
__ جېنىم ، سىز بەك ياخشى ھە ، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە سىزنى بەيفۇ دا مىھمان قىلاي ھە ، قالدى گەپنى شۇ چاغدا دىيىشەيلى .
__ نە ئۇ ؟
__ خەلق مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى يەرچۇ ؟
__ ھە ...ھېلىقى يىگەن نىمىسىنى خەققە كۆز- كۆز قىلىدىغانما ؟ مەن تېخى بىرەر مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بولسا ماڭا خېلى كاتتا سوۋغا بارمىكىن دەپتىمەن ،
__ دەپقاپسىز جېنىم ، ھەممە نىمە سىزدىن ئايلانسۇن ، خوش ، مەن سەل ئەلدىراش ، كەچتە كۈرۈشلى .
  ئۇنىڭ جېنىم بىلەن باشلىنىپ جېنىم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان گەپلىرىگە كۈنۈپلا كەتكەنىدىم .
  ئۆيگە خوشال قايتىپ كەلدۇق ، ئۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى .
  نادىرە ماڭا راستىنلا ئامراق بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ ياكى خوشامىتىمۇ بىلمىدىم  ، ئۆزىنى ياساشنىلا بىلىدىغان بۇ قىز ھازىر ماڭىمۇ باشقىچە كۆڭۈل بۈلۈپ كىتەتتى . ئالىي مەكتەپتە بەش يىل يۈرۈپ ئۆەەنمىگەن گېرىم قىلىشنى ، قانداق كىيىم  كىيىشنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىۋاتاتتىم . ئۈزۈمگىمۇ كۈندىن كۈنگە ئىسكەت كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم .
  لىكىن ئۇنىڭ بىر ئىشقا كۆڭلى يېرىم . مىرادىل بىلەن بولغان ئىشى تېخىچىلا شۇ پېچىتىچە ئىدى ،
  بىر كۈنى كەچتە ئۇ مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا كىنو كۈرۈۋاتاتتى . مەن ئۇنىڭ كومپىيۇتېرىسىدا ماقالەمنى تەرجىمە قىلماقچى بولدۇم .
  ئۇنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ يوقكەن ، بىردەم جېدەللىشىپ توردىن ئەلكاتىپنى پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم ، قېرىشقاندەك ھەممە نىمەم ئىشخانىدا قالغان ئىدى ، قارىسام ئۇنىڭ ئېچىقلىق كوت - كوتىدا بىرلا ئادەم باركەن ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگۈم كەلدى ، چۈنكى بۇ مىرادىلنىڭ ئىدى ، بىچارە دوستۇم ئۇنىڭغا ھېلى ئۇ ھېلى بۇ كوت - كوتىدا گەپ قىلىپ گەپ ئالالمىغانىدى ، ئارتۇق ئويلىمايلا ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم :
" كەچۈرۈڭ ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، سىزدە ئەلكاتىپ بارمۇ ؟ توردىن ھىچ چۈشۈرەلمىدىم ؟"
" بار ، مەنمۇ ئادەتتە شۇنى ئىشلىتىمەن ، ئۇيغۇرچە خەت يازماقچىمىدىڭىز ؟"
" ھەئە ، ئەجەپ ياخشى بولدى ، ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟"
"ماقۇل ، ساقلاپ تۇرۇڭ "
  ئۇنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن ھۆججىتىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى ساقلىغاچ ئولتۇراتتىم ، ئۇ خەت يىزىپ قالدى :
" بۇ كەچتە نىمە زۆرۈر بۇلۇپ قالدى سىزگە "
" بىر نەرسە تەرجىمە قىلماقچى ئىدىم ، بۈگۈن تۈگىتىشىم كېرەك "
"تەرجىمانمۇسىز "
" ياق ، مەن دىگەن باج "
" ھى ھى   باجگىر دەڭ ، دۆلەتنىڭ سىياسەت - پەرمانلىرىنى تەرجىمە قىلىۋېتىپسىزدە ؟"
"ياق ، ئۈزۈم ياخشى كۈرىدىغان ھىكايىلەرنى "
" ھە.....ئەمىسە نىمىشقا بۈگۈن كەچتە تۈگەتمىسەم بولمايدۇ دەيسىز ؟"
" پىلانىمدا شۇنداق تۈزۈلگەن "
" سىز ئاقسۇنىڭ قايسى ناھىيىسىدىن ؟
" xxxnناھىسىيىدىن "
"بىر ئائىلە كىشىلىرىكەنمىز دەڭە "
" ھە... ..."
ئۇنىڭغا ئالدىراپ خوش دەپ سېستىمىنى ئورنۇتۇپ تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ كەتتىم . بىر چاغدا نادىرە گە پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى كۆرسەتتىم :
__ توۋا ، __ دىدى ئۇ نارازى بۇلۇپ ، __ نەچچە كۈندىن بىرى بىردەم ئۇ تىمىدا ، بىردەم بۇ تىمىدا گەپ قىپ باقىمەن ، ھىچ زۇۋان چىقمىغان ئاۋۇ گاچىدىن ، بۈگۈن نەدىن تىل كىردىكىنە ؟
__ بالدۇرۇق مەنلا پاراڭلاشسام بوپتىكەن ھە ، بۇ چاغقىچە يۈرۈپمۇ بۇلاتتىڭلاركەن ، ھى ھى ھى .
__ قاراپ تۇرۇڭ ، ئىككى ئايغا قالماي ئۇ سىلەرنىڭ بۇ بىنانى چۆرگىلەيدىغان بۇلاپ قالىدۇ .
__ ئادەم چۇقۇم ئۆزىگە ئىشىنى كېرەكتە ئاخىر . بۇ روھىڭىزدىن چۇقۇم ئۆگىنىمەن .
__ چاخچاق قىلمىدىم مەن ، قاراپ تۇرۇڭ .
__ ئىشىنىمەن ، لىكىن نادىرە ..
__ ھە ؟
__ ھىچنىمە ، بولدى ئۇخلايلى .
 __ دەڭا ؟
__مىرادىل بۇرۇنمۇ كىتاپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان ، قىزلارغا سەپ سالمايدىغان بالىتى ، شۇڭا دەيمەن . ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭ ، بولمىسا كىيىن ئۇنىڭغا ئازار بىرىپ قۇيىسىز .
__ قېنى قاراپ باقايلى ، مەن ئەزەلدىن ئوغۇللارغا ئۇنچە قىزىقىپ كەتمەيتتىم ، بۇ بالىدا بىر خىل سېھىر بار ، كىيىن نادىرە راست دەپتىكەن دەپ قالىسىز ، قاراپ تۇرۇڭ .
بەزى ئىشلارغا راستلا بىر نەرسە دىمەك تەس ئىكەن ، نادىرەنىڭ كىچىككىنە قىزىقىشى تۈرتكىسىدە كۆڭۈلنى مەيلىگە قۇيىۋەتكىنىنى توغرا دەپ قارىمىساممۇ بۇ خېنىمنى تۇسۇش مىنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيتتى ، ئۇخلاپ قالدىم  . بەلكىم تەقدىر بۇ ئىككىسىنى راست ئۇچراشتۇردىمۇ تېخى ؟



   داۋامى بار .
   كەچۈرۈڭلار  ،  تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىپ بۈگۈن چىقتىم ، يالغانچىلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن . ئىمكان بار تىز پۈتتۈرۈشكە تىرىشىمەن ،  


  

elif 2010-09-20 10:17
ئوقۇۋاتىمەن ، داۋامىغا تەشنامەن تاتلىق

qabdas 2010-09-20 11:44
ئاخىرى باردۇ -ھە! سايىماخۇندەك يوقاپ كەتمەي................

gulistan0998 2010-10-11 17:50
خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا ئاخىرنى تىزراق يېزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ئوماق سىڭلىم !

dilzat 2010-10-11 19:01
داۋامى قېنى

dilzat 2010-10-11 19:11
داۋامى

uqmas 2010-10-12 01:51
ناھايىتى ياخشى چىقىۋاتىدۇ .  تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن .    ساقىيىپ قالغانسىز  .   تىنىڭىز سالامەت بولسۇن .

omak^324 2010-10-12 12:22
سىزنىڭ  تىمىلىىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بولۇپمۇ گۇناھكار قەلىب ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى، داۋامنى كۈتىمەن  ئەزىزىم

aski30 2010-10-12 19:31
ۋاي  ۋۇي   نىمانچە كوپ ئادەمنى تەقەزا قىلسىز تىز يازمام سىز   ئاخرنى تېخىمۇ ياخشى يازغاي سىز

halimeng 2010-10-17 13:23

kaysar 2010-10-17 16:53
ياخشى باشلىنىش...............

barqukkizi 2010-10-20 14:13
بىغۇ بارخان قېنى ئاىىرى ماڭا قايلىسلا شۇنچە ئادەم سىلگە ساقلاپ قالدۇق ماقىما   تىزرەك بۇلالا  

sarsan131 2010-10-20 16:57
يەنە  يۇق  مانا           

dilzat 2010-10-20 18:34
ئاخىرسى تىخى يوللانمىدىمۇ?

hiyallirim 2010-10-20 21:11
داۋامىنى كۈتىۋاتىمىز . بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ئەجرىڭىزگە رەھمەت

sadakatguli 2010-10-20 21:18
بۇ مۇشۇنداقلا توغرا كېلىپ قېلىشىمۇ ياكى.....نېمىدېگەن ئوخشاش،مەكتەپمۇ  شۇ، ساۋاقدشىمنىڭ ئىسىمىمۇ مىرادىل ئىدى،ئىككىلىمز ۋۇخەندە.ئۇمۇ ۋۇخەن داشۆدە ئىدى،يەنە ئاۋۇ دىئالوگلارنىڭ جىقلىرى ئوخشايدىكەن دېسە!!
داۋامىنى ساقلايمەن.

bighubarim 2010-10-21 01:35
  ئەتىسى نادىرەنىڭ تەكلىۋى بۇيىچە كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلدىم ، ئۇ سائەت توققۇزلاردا ئاندىن پەيدا بولدى :
  __ تېز بولۇڭ ، __ دىدى نادىرە ، __ ئۇ چىقتى .
  __ بىردەم ساقلاپ باقايلى ، __ دىدىم ئۇنىڭغا ، __ مېنىڭچە مۇنداق يىگىتلەر تەشەببۇسكار قىزلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ .
__ قىززىق ، __ دىدى نادىرە ھەيرانلىق بىلەن ، __ ئەمىلىيەتتە مەن ئارىلاشقان ئوغۇللار سىزدىن جىقيۇ،سىز ئەجەپ بىر بىلىدىكەنسىز  ؟
__ مىنىڭ يىگىتلىرىم جىق بولمىغان بىلەن ، دوستلىرىم جىق ، بىلەمسىز ، ئوغۇللار ئادەتتە ئۆزىنىڭ قىز دوستىغا دىيەلمىگەن گەپ - سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىغا دەيدۇ ، ئويلاپ باقسام بۇرۇن ، بۇلۇپمۇ تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا قىز دوستلىرىمدىن ئوغۇل دوستلىرىم كۆپكەنتۇق .
__ ھازىرچۇ ؟
__ ئادەم چوڭ بولغانسىرى قىز- ئوغۇل ئارىسىدا تازا ساپ دوستلۇق قالمايدىكەن  قاراڭ .
__ ئۇغۇ شۇ .
__ بىلمەيسىز ، __ دىدىم مەن ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ ، __ بىر قېتىم تېخى يېقىن بىر دوستۇمنىڭ ھېلىقى نىمىسىدىن تاياقمۇ يىگەن دەڭە ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ، شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇلبالا بىلەن بولغان دوستلۇقۇمغا ئاساسىي جەھەتتىن خاتىمە بىرىلدى .
__ ۋاي خۇدايىم ، مۇنداق ئىش بار دەڭ تېخى .
__ شۇڭا ، بۇ قېتىم مىنىڭ دىگىنىمگە ماقۇل دەڭ ، مىرادىلدەك يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا بەك تەشەببۇسكار بۇلۇپ كەتمەڭ .
__ ماقۇل جېنىم .
  شۇنداق قىلىپ ساقلا ، ساقلا يا مىرادىل بىزگە گەپ قىلمىدى ، يا بىز ئۇنىڭغا .
  سائەت 12بۇلاي دىگەنىدى ، ئۇنىڭدىن خەت كەلدى ، بۇ چاغدا نادىرە ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولغانىدى :
__ سالام تەرجىمان .
__ سالام .
__ بۇ كېچىدە يەنە بىرەر ئەسەرگە تۇتۇش قىلىۋاتامسىز نىمە ؟ دەخلى قىلدىممۇ ؟
__ بۇنداق كاتتا سۆزلەرنى بىزدەك ئاددى ئىنسانلارغا ئىشلەتمىسىڭىز ئەپەندىم ، كىنو كۆرىۋاتىمەن .
__ ھى ھى ، ماقۇل . قارىسام كوت - كوتىڭىز ئىزچىل يېنىق ، مەن تېخى ئالدىراش باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتسا كېرەك دەپتىمەن .
__ ياق ، مەن ئادەتتە ئېزىپ - تېزىپ كوت - كوتتا پاراڭلاشمايمەن .
__ ئەمىسە مەن بىلەن پاراڭلاشتىڭىزغۇ ؟
__ ئۆزىڭىز دىدىڭىزغۇ بىز بىرئائىلە كىشىلىرىكەنمىز دەپ .
  گىپىمىز بىردەم ئۈزۈلۈپ قالدى ، ئۇنىڭدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى :
__ بۇنچە كېچىدە ئولتۇرۇپ كۆرگەن قانداق كىنوكەن ئۇ ؟ كورىيەنىڭ بىرەر تىلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مانچە يۈز مانچىنچى قىسمىغا كەلمىگەنسىز ؟
__ ياق ، كومپىيۇتېردا ئۇنداق ئۇزۇن كىنو كۆرىدىغانلارغا ھەيرانمەن . بۇ پەقەت كىنو خالاس .
__ ؟
__ ماڭا مۇشۇ پەش ، چىكىت بىلەن قوچاقنى گەپ ئورنىدا ئەۋەتمىسىڭىز ؟ ، __ دىدىم ئۇنىڭغا خاپا بولغىنىمنى چاندۇرماي .
__ ماقۇل . قايسى كىنو ؟
__ سىرلىق ئۈلۈم ، ھىندىستاننىڭ .
__ ھەئە . راستىنى دىسەم مۇشۇ ھىندىستاننىڭ كىنولىرى بىلەن پەقەت خوشۇم يوق .
__ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيسىزدە .
__ بىلمىدىم ، بۇرۇنمۇ باشقىلار بىرقانچە كىنونى تەۋسىيە قىلغان ، نىمىشقىكىن پەقەت ئاخىرىنى چۈشۈرەلمىدىم . قان بىلەن كىرگەن خۇيدە !
  ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن كىيىن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى ، ئورتاق تىما بولمىسا نەدىن كەلگەن ئورتاق پاراڭ ئۇ . ئۇنىڭغا خوشمۇ دىمەپتىمەن ، ئۇ بۇرۇن چۈشتىمۇ مەنمۇ بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ مەن ئۇخلىماقچى بۇلۇپ يېتىپ بولغانىدىم .
  ئەتىسى نادىرە پاراڭ خاتىرىمىزنى كۆرۈپ " قىززىقكەنسىز ، ئاران بىر پاراڭلاشقاندا نىمىشقا كۆپرەك پاراڭلاشمايسىز" دەپ سورىدى .
__ ئەمدى خېلى ئۆزلىشىپ قالدىڭلار ، __ دىدىم ئۇنىڭغا ، __ بۇنىڭدىن كىيىن سىلەر پاراڭلاشساڭلار بۇلىدۇ .
__ راستما ؟
__راست .
  لىكىن قانداق بولدى بىلمىدىم ، ئۇلارنىڭ پارىڭى پەقەت نەچچە قۇر دىئالوگ ۋە نەچچە مىنۇتتىن ھالقىپ ئۈتەلمىدى . نادىرەمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ گىپىنى قىلمايدىغان ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان بولدى . قارىسام خېلىلا سوۋۇغاندەك . ئارىلىقتا خېلى كۈنلەر ئۆتتى بولغاي بىر كۈنى ئۇ نادىرەگە "سىرلىق ئۈلۈم"نى ئەۋەتىپ بىرىش توغۇرلۇق گەپ قىلىپ قالدى ، نادىرە دەرھال مىنى چاقىرىپ كومپىيۇتېرىنىڭ ئالدىنى بوشاتتى .
__ ن پەقەت ياقتۇرمايتتىڭىزغۇ ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى ؟ ، __ دىدىم گەپنىڭ بېشىدىلا .
__ قارىسام توربەتلەردە ماختاپ كىتىپتۇ ھەممە ئادەم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى " پەقەت ھىندىستاننىڭ بۇرۇنقى كىنولىرىغا ئوخشىمايدىكەن " دىيىشىپ كىتىپتۇ ، توربەتتىن كۆرىۋىدىم ، خېلى بولدى قېتىۋالغىلى .
__ ماقۇل . ساقلاپ تۇرۇڭ .ھەراست ، ماۋۇ نۇمۇرنى قېتىۋېلىڭە ، __ ئۇنىڭغا ئۈزۈمنىڭ كوت - كوت نۇمۇرۇمنى ئەۋەتىپ بەردىمدە ئۈزۈمنىڭ كومپىيۇتېرى ئالدىغا باردىم . چۈنكى نادىرەنىڭكىدە ئۇ كىنو يوقتى . كىنو چۈشۈپ بولغۇچە بىز تەبىيلا پاراڭلىشىپ قالدۇق :
__ سىزمۇ مۇنبەر كۆرىدىكەنسىزدە گىپىڭىزدىن قارىغاندا ؟، __ دىدىم مەن بۇ قېتىم ئاۋال گەپ باشلاپ .
__ ھەئە ، تورغا چىقسام مۇنبەر كۆرىمەن شۇ ، ئەدەبىياتقا قىزىققان ئادەم شۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، نەدە بىرەر قۇر ياخشى گەپ ، بىرەر كۇپلىت ئىسىل شېئىر باركىن دەپ پۇراپ يۈرۈيمەن .
__ بۇ جەھەتتە ئوخشاشكەنمىز .
__ ئەدەبىياتقا قىزىقامسىز ، __ سورىدى ئۇ ھەيران بۇلۇپ .
__ ھەئە .
__ ئۇنداقتا سىزمۇ مۇنبەرگە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ تۇرامسىز ؟
__ ياق ، __ دىدىم مەن يالغان ئېيتىپ ، __ پەقەت ئۇقۇيدىغىنىدىن مەن .
__ ھە ، مۇنداق دەڭ .
__ قارىغاندا سىز يازىدىكەنسىزدە ؟
__ مەنمۇ ئۇقۇيدىغىنىدىن خالاس  ، ھە راست ، يېقىندىن بىرى "كاپىتان " نى ئوقۇۋاتىمەن ، سىز ئوقۇغانمۇ ؟
__ ياق ، نىمىشقىكىن چەتئەل ئەدەبىياتى بىلەن پەقەت ئېپىم كىلىشمەيدۇ .
__ بۇ ياخشى بولمايتۇ ، چەتئەت ئەدەبىياتىنىڭ بىزگە تەرجىمە قىلىنىپ كەلگىنىنىڭ ئارىسىدا ياخشى ئەمەسلىرى يوق ، بىر-بىرىدىن ئىسىل ئەسەرلەر ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭكىنىلا ئوقۇمسىز ؟
  قارىغاندا ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى مەن ئويلىغاندىنمۇ كەڭ ئىدى ، ئۈزۈممۇ بىلىپ بىلمەي پاراڭلىشىپ تىمىنىڭ ئىچىىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن :
__ تۈرۈك ، ئۆزبىك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن ، بۇلۇپمۇ كەرىمە نادىرنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى مەن .
__ دىمەك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ، مۇھەببەت تىمىسىدىكى ئەسەرلەرگە قىزىقىمەن دەڭ .
__ شۇنداق دىسەكمۇ بۇلىدۇ ، يېقىنقى زامان تارىخى ، پىسخىلوگىيەگە ئائىت ئەسەرلەرگىمۇ ئالاھىدە قىزىقىمەن .
  ئۇزاقتىن -ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ، ئوقۇغان - ئوقۇۋاتقان كىتاپلىرىمىز توغۇرلۇق .
  ئەتىسى سائەت توققۇزدا ئۇ يەنە توردا پەيدا بولدى :
__ رەھمەت سىزگە ، __ ئۇنىڭ تۇنجى ئۇچۇرى مۇشۇنداق باشلانغانىدى .
__ نىمىگە ؟
__ شۇنداق ياخشى كىنوكەن . ئەتىگەنلىك تاماقتىن كىيىن كۆرىۋىدىم ، چۈشتىن كىيىن كاللامدا پەقەت شۇ كىنولا .
__ بۇنىڭدىن كىيىن ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى پەقەت كۆرمەڭ ، ئىچىدىن شۇنداق بىر مەخلۇق چىقىپ ھاپلا قىلىپ يەپ كىتىدۇ سىزنى !
__ ھى ھى ھى ، __ يۈزلىرى قىزىرىپ ھىجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتى ئۇ ، __ بولسا يەنە ئەۋەتىپ بىرىڭە ئاشۇنداق ياخشى كىنولاردىن .
__ بارلىقىغۇ بار ، لىكىن ھەممىسى ئۆز تىلىدا .
__ مەنمۇ شۇنداق بولسىكەن دەيمەن .
  يەنە پارىڭىمىز باشلاندى .
  نادىرە ھازىر بۇرۇنقىدەك مىرادىلنىڭ گخپىنى قىلمايدۇ ، توردا مىنىڭ پاراڭلىشىۋاتقىنىمنى كۆرسىمۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ . ئۇ نىمە ئويلاۋاتىدۇ بىلمىدىم .
  مانا شۇنىڭدىن كىيىن ھەركۈنى سائەت توققۇزدا تورغا چىقىش مەن ئۈچۈن ئادەت .
بىر كۈنى يەنە ئەدەبىيات توغرىسىدا توختىلىپ كىلىپ مۇنداق دىيىشتۇق :
__ مەن سىزنىڭ تەۋسىيىڭىز بۇيىچە بىر ياخشى كىنوغا ئىرىشتىم ، __ دىدى ئۇ ، __ بىر ياخشى كىنو خۇددى بىر ياخشى كىتاپقا ئوخشايدۇ ، ئەمدى دىمەكچى بولغىنىم سىزمۇ مىنىڭ تەۋسىيەم بۇيىچە بىر كىتاپنى ئوقۇپ بېقىڭە ، قانداق ؟
__ چەتئەل يازغۇچىسىنىڭمۇ ؟
__ "مىنىڭ ئىسمىم قىزىل " ئاڭلىغانمىدىڭىز ؟
__ كىتاپخانا جازىسىغا تىزىقلىق تۇرۇپتىكەن ، كۆرگەن .
__ قانداق ، ئوقۇپ باقامسىز ؟ چۇقۇم قىزىقىپ قالىسىز ؟
__ ماقۇل .
يەنە بىر كۈنى مۇنداق دىيىشتۇق :
__ نىمىشقا بىر ناھىيىدە تۇرۇپمۇ بىرەر قېتىم مىنىڭ ئىسمىمنى سوراپ قويمايسىز ؟ ، __ دىدى ئۇ .
  نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم ، ئەلۋەتتە " مەن سىزنى تۇنۇيمەن ، سىز بىلەن مەقسەتلىك پاراڭلاشقان دىيەلمەيمەندە !
__ " سىزچۇ " دەپلا سورىمامسىز ، __ دىدى نادىرە سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، شۇنداق سورىدىم .
__ راست گەپنى قىلسام نىمە دەپ قالارسىز ؟
__ ئاۋال دىمەمسىز ، مىڭ ئېغىز يالغان گەپتىن بىر ئېغىز راست گەپ ئەۋزەل .
__ دىسەم گخپىم ئۇزىراپ كىتىشى مۇمكىن ، __ دەپ سۆزنى باشلىدى ئۇ ، __دەسلىۋىدە ئىسمىڭىزنى سوراش خىيالىمغىمۇ كەلمىدى ، چۈنكى ئەزەلدىن توردا سوت تۇتۇپ يۈرمەيتتىم ، ھەم ئىسمىڭىزنى سورىساممۇ راست ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بىرىشىڭىز ناتايىن ، كىيىن كۆپ پاراڭلاشتۇق ، سىز باشقا قىزلارغا ئوخشاش قۇرۇق پاراڭ قىلمايدىكەنسىز  ، ئەخلاقلىق ، بىلىملىك قىز ھىس قىلدىم ، ئىسمىڭىزنى سورىغۇم كەلدى ، لىكىن يالتايدىم ، نىمىشقا دىسىڭىز ، بەلكىم ياش قۇرامىمىز تەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنى تۇنۇشۇم ، سىزمۇ مىنى تۇنۇشىڭىز مۇمكىن ، بەلكىم ئەمەلىيەتتىكى مەن ، توردىكى مەندىن ، ئەمەلىيەتتىكى سىز توردىكى سىزدىن پەرق؛ىق بۇلىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا قەلبىمدىكى ھازىرقى ئوبرازىڭىزنى ساقلاپ قالغۇم بار ، سىزگىمۇ پەقەت مۇشۇ ئوبرازنىلا بەرگۈم بار .
  بىز ئادەتتە خەنزۇچە خەت يىزىشاتتۇق ، لىكىن بۇ قېتىم ئۇ پىنيىن بۇيىچە يىزىپتۇ ، ھەجىلەپ يۇرۇپ ئىككى قېتىم ئوقۇۋەتتىم :
__ ساراڭ .
  ئۇنىڭغا پەقەت شۇنداقلا دىيەلىدىم .
__ كۆپ رەھمەت سىزگە ، شۇنچە ئەستايىدىل يازغان ئۇچۇرۇمغا جاپا تارتىپ ئۇنچە كۆپ ھەرىپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى ، __ ئاچچىق تەنە قىلدى ئۇ .
__ ھى ھى ھى ، دەيمىنا ، سىزگە شۇنچە بۈيۈك تەسىر قالدۇرالىغىنىمدىن خوشالمەن .
__ ئانچە بۇيۇكمۇ ئەمەس ، لىكىن ھازىر كىتاپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان قىزلار ئازقالدىدە ، شۇ تەرىپىڭىزگە مەن ئامراق .
__ ئامراق ؟
__ ھەئە . يەنە ياخشى مالنى پەرقلەندۈرەلەيسىز ، يەنە تەرجىمانلىق قىلىسىز جاپا تارتسىڭىزمۇ ؟
__ ھى ھى ھى ، __ كالچىيىپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسىنىمۇ قىستۇردىم ، __ بۇنداق ماختىسىڭىز ئۇچۇپ كەتمەي يەنە .
__ ئۇچۇپ كىتىڭ ، ماختىغانغا ئۇچۇپ كىتىدىغان ئىش بولسىدى ، ما يەر يۈزىدە نەچچىمىزلا قالار بولغۇيتتۇق .
  مانا مۇشۇنداق ، پارىڭىمىز بارغانسىرى چوڭقۇرلاشماقتا ، ئارىمىزدىكى ياتسىراش بارغانسىرى كۆتۈرۈلمەكتە ، چاخچاقلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ، بەزىدە نادىرە يېنىمدا ئولتۇرۇپ مەن بىلەن تەڭ پاراڭلىشىدۇ ، بەزىدە زىرىكىپ قالامدۇ ، ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرى ئالدىغا كىتىدۇ .
  __ قىزلار نىمىشقا ئۆزىنى باشقىلارنىڭ "مەلىكە " دەپ چاقىرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ؟ ، __ دەپ سوراپ قالدى ئۇ بىر كۈنى .
__ كىم شۇنداقكەن ؟ قىززىق ، مەن ئەجەپ "باشقىلار مىنى مۇنداق چاقىرسا دەپ ئويلاپ باقماپتىمىنا ؟"
__ بايام قارىسام ئاپام كۆرىۋاتقان كورىيىنىڭ ھېلىقى ئۇزۇن كىنوسىدا شۇنداق چىقىدىكەن .
__ ھە ...ساراڭ ، نىمە دەيدىكىن دەپتىمە ، بەزى قىزلار بار ئۆز ئۈيىدە خۇددى مەلىكىنىڭ ئۆزى ، ئاتا - ئانىسى خۇددى ئۇنى مەلىكىنى كۈتكەندەك كۈتىدۇ ، ئۇنداق قىزلار ئەركىلىتىش - ئەركىلىنىش ئىچىدىلا چوڭ بۇلىدۇ ، بەلكىم شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى كۈتۈپ شۇنداق ئويلىسا كېرەك .



   داۋامى بار  .  ساقلىتىۋەتتىم كەچۈرۈڭلار ، ئەڭ تىز سۈرئەتتە يىزىشقا تىرىشىمەن .

compyuter 2010-10-21 02:10
ھەي ھەي ھەي مۇشۇنداق ئەمدى بىر قىزىقىپ كۆرىدىغان تېمىلانىمۇ < كۇرتلار ۋادىسى > ۋە < تۈرمىدىن قىچىشنى كۆرگەندەك > بىر قىسىم بىر بۆلۈمدىن ساقلاپ ئوقۇيدىغان چىقتى يا يىقىندىن بىرى ...................

maxal20 2010-10-21 06:32
、ئەلكۈيى باش بېتىدە كۆرۈپ كەينىنى تاپالماي تازا ئىزدىگەن.... ساقلىدۇق ھە؟ بىغۇبارىم...

elif 2010-10-21 10:19
ھازىرقى ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەر خۇددى تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىرىدەك ئاز - ئازدىن چىقىۋاتىدۇ .

layli 2010-10-21 11:15
مۇمكىن بولسا تىزراق يوللىغان بولسىڭىز ، خېلى بولدى بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قاراپلا كىلۋاتىمىز

bighubarim 2010-10-21 12:52
  بىر كۈنى تۇرمۇشىمىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدۇق .
__ بۇ يىل مەمۇرىلىق ئىمتاھاندىن ئۆتتۇم ، تەقسىم قىلىنىشنى كۈتۈپ ئولتۇرىمەن شۇ ، __ دىدى ئۇ راستىنى ئېيتىپ .
__ مەن تېخىچە قۇتۇلۇپ بۇلالمىدىم مۇشۇ مەمۇرلۇق ئىمتاھان دىگەندىن ئىمتاھاننىڭ ئېتىنى سوراپ يۈرۈپ بىرىۋاتىمەن ، بىرىۋاتىمەن ، لىكىن ھىچ ئۈتەلمەيمەنغۇ تاڭ .
__ دۆت !
__ ھە ؟
__ ھى ھى ھى ...
__ دىمىسىڭىزمۇ دۆت مەن ، يۈزۈمگە سالمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى .
__ ئۇييۇ ...راستقا ئېلىپ كەتتىڭىزھە ؟ ، __ دەپ يازدى ئۇ ئەستايىدىلىللىق بىلەن .، __ چاخچاق قىلدىم ساراڭ .
__ ھە .
__ خاپا بولدىڭىز ؟
__ ھەددىممۇ  دۆلەت مەمۇرىلىرىدىن خاپا بۇلۇشقا !
__ بۇلۇپ بەردىغۇ بۇنىڭغا ، ھەي ، ھەي مەن بىر گەپ قىلاي ، بىز مۇشۇنداق قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى ھەي - ھەي دەپ چاقىرىشىمىز ؟
__ ئىسمىڭىز نىمە دىمەكچىمۇسىز ؟ ، __ راستىنى دىسەم ئۇنىڭ مۇشۇ سۇئالنى سورىشىنى پەقەت خالىمايتتىم . چۈنكى مەن نادىرەنىڭ رولىدادە ، بۇ رولنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋالاتتىم .
__ مەيلى خالىسىڭىز ، بىرەر چىرايلىق ئەركىلەتمە ئىسىم قۇيۇپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ بولمىسا . مەسىلەن مەلىكە دىگەندەك ...ھى ھى ھى .
__ ھە ؟
__ سىزنى مەلىكە دەپ چاقىرايچۇ ؟ مىنى شاھزادە دەڭ ...ھى ھى ھى ...
__ قاشاڭلىقىڭىزدىن ئۆرگىلەي ، بۇلىدۇ شاھزادە .
  مانا مۇشۇنداق . كۈنلىرىمگە مەنا قۇشۇلدى دىسەممۇ بۇلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن نادىرەگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك ، لىكىن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم ...بولدىلا ،،،قېنى ۋاقتى كەلمىسۇنمۇ ...دەپ ئويلايمەن دائىم .
ئۇنىڭ بىلەن بارا- بارا تۇرمۇشىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا چۈشتۇق . ئۇ نىمىشقىكىن مەندىن باشقا ئوغۇللاردەك " مۇھاببىتڭىز بارمۇ " دەپ سوراپ يۇرمىدى ، مەلىكە دەپ چاقىرىشى مەلىكەمگە ئۆزگەردى ، بۇرۇن كەچ سائەت توققۇزدا تورغا چىققان بولسا مانا ھازىر ھەرئىككىلىمىز كۈندۈزلىرىمۇ چىقىمىز ، ئۇ سىرتتا بولسا تىلفۇنىدا تورغا چىقىدۇ ، مەن ئىشخانىدا تورغا چىقالمىغاچقا مەنمۇ تىلفۇنۇمدا تورغا چىقىمەن .
  بۈگۈن ئەتىگەن شۇنداق چىرايلىق قار يېغىپتۇ ، بەك خوش بولدۇم ، تۇنجى قار !
  "ھەربىر كۈنىڭىز بۈگۈنكى كۈندەك گۈزەل بولسۇن مەلىكەم " تىلفۇنۇمدا تورغا چىقىپلا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم ، خوشاللىقىم ئۈستىگە خوشاللىق قۇشۇلدى .
  مىرادىل ئىككى ئايلىق تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ماڭدى ، خوشلىشىش رەسمىيەتلىرىمىز يەنىلا تور يۈزىدە بولدى ، ئۇنىڭ ئۇ يەردىمۇ كۈندە تورغا چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدى ، نادىرە بولسا ئىشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارغىنىدىن بەك خوشال .
__ ئۇ قايتىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا دەيمەن ، __ دىدى نادىرە تۇيۇقسىزلا .
__ نىمىنى دەيسەن ؟ ، __ سورىدىم ھەيران بۇلۇپ .
__ كۆرۈشەيلى دەپچۇ ؟ ھېلىمۇ نەچچە ئاي بولدى ، سىنىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلدىم (ئىككىمىز ھازىر سەنلىشەتتۇق)
  ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ لەسسىدە بۇلۇپ قالدىم ("ياق نادىرە ، ،ئۇنىڭ بىلەن سىنىڭ ئوربۇڭدا تۇرۇپ پاراڭلاشقانلىقىمنى ئۇنتۇپ كەت ، ئۇ بەك ياخشى يىگىت ئۇنى ئالدىمىغىن"دىگۈم باتتى ئۇنىڭغا ئەپسۇس دىيەلمەيتتىم ، چۈنكى ئويلايمەن ، مىرادىل ھەرجەھەتتىن يىتىلگەن يىگت ، مەيلى چىراي ، بوي - تۇرقى ، مەيلى بىلىمى ، مەيلى ئائىلە ئىقتىسادى جەھەتتە بولسۇن ھەرقانداق قىزنى قايىل قىلالايدىغان يىگىت ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئوخشاش شارائىتى ياخشى ، نادىرەگە ئوخشاش چىرايلىق قىزلار لايىق بۇلىشى كېرەك . مەن ئەسلا ، ئەسلا ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن . )
  " مەلىكەم ، يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ"
  كەچتە يۇشۇرۇن ھالەتتە ئىدىم ، ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم .
" يوقاپ كەتمىدىم ، كىنو كۆرگەچ قاتتىق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىمەن" دەپ قايتۇردۇم ئۇنىڭغا .
" يەنە قانداق ياخشى كىنو تېپىۋالدىڭىز ؟"
"يەنە شۇ <<سىرلىق ئۈلۈم>>نى كۆرىۋاتىمەن ."
"ئەمىسە نىمىگە قاتتىق خىيال سۈرۈپ كەتتىڭىز ؟"
" ھازىرمۇ شۇنداق قىزلار ، يىگىتلەر بارمىدۇ ؟ دەپچۇ "
" بىر-بىرىنى شۇنداق پاك ياخشى كۆرىدىغان دىمەكچىمۇ ؟"
"ھەئە ، ھازىرقى ئىشلارغا ھەيرانمەن ، مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئوغۇللارغا چىرايلىق قىزلار لازىم ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندە بولسا مۇقىم خىزمىتى بۇلىشى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بۇلىشى ئالدىنقى شەرت ، قىزلارغا بولسا مەكتەپتىكى ۋاقىتتا كىلىشكەن ، پۇلى بار بولسىلا بولدى ، كىيىن بولسا خىزمىتى ۋە ئۆيى ! “
” ھازىر جەمىيەتنىڭ يۈزلىنىشى شۇ تۇرسا ، ئەسلى مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزنى ئاتالمىش ئېتى ئۇلۇغ مۇھەببەتكە سەرپ قىلمىساق بۇلاتتى ، كۆرىۋاتىمىز ، بىر كۈن كۆرمىسە چىداشمايدىغانلار ئۇقۇش پۇتتۈرۈپلا ناتۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقان ، شۇڭا چوڭلار " مەكتەپتىكى مۇھەببەت ، خۇدايىمغا ئامانەت " ، ياخشى ئوقۇڭلار " دىسە خۇددى قاقشاپ قۇيىدىكەنمىز ، " ئۆزى ئوقۇيدىغاننى ئوقۇپ ، مۇھەببەتلىشىدىغاننى مۇھەببەتلىشىپ بىزگە كەلگەندە ۋەز - نەسىھەت ئېيتىپ كىتىدىكەن ، چۈشەنسە بۇلىدۇ " دەپ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەچكە شۇنداق دىيىشكىنىنى بىلمەيدىكەنمىز .
" راست دەيسىز ، ئادەم بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيدىكەن ، باشقىلار ھەرنىمە دىسىمۇ قۇلىقىغا كىرمەيدىغان گەپكەن ، ھەراست ، سىزدىن سوراپ باقاي ، ئۇ كىنودا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان كۈرۈنۈش قايسى ؟"
ئۇ خېلى ئۇزاقتىن كىيىن خەت قايتۇردى :
" تەسىر قىلغان كۆرۈنۈشلەر بەك جىق ، بىرىنىلا تاللاش توغرا كەلسە يىگىتنىڭ قىز ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ تەييارلىغان پۇلنى قۇلىغا ئالغاندىكى كۈرۈنۈش ئەڭ تەسىرلىك  بىلىندى ، ئەڭ ئۆگىنىشكە تىگخشلىك روھ توغرىسىدا سۆزلەشسەك ، يىگىت قىزنى ئەسلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نېرۋىسىغا قارىماي تىرىشىدۇ ، چېنىقىدۇ ، ھەر قېتىم قىزنى ئەسلىگەندە ئۇنىڭ ئۈلۈپ كەتكىنى يادىغا يەتكىنىدە بولسا ياقىلىرىنى يىرتىپ ، مەيدىلىرىگە مۇشتلاپ شىر كەبى ھۆركىرەيدۇ ، ئاندىن دەرھال چېنىقىشقا كىرىشىدۇ ، مانا مۇشۇ روھ بىزدە كەم بولغان نەرسە . "
  ئۇنىڭ ئەدەبىياتچىلاردەك سۆزلىگەن سۆزىدىن سۈيۈنگەنىدىم ، دەرھال ئۇچۇر قايتۇردۇم :
" ھە ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش روھىنى دىمەكچىمۇ ؟"
" ياق ، بۇ ئۇنداق ئاددى گەپ ئەمەس ، ئەگەر  ، مەن مەسىلەن دىدىم ھە ، مەسىلەن مەن بىر قىزنى قاتتىق ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەيلى ، كىيىن ئۇ قىز مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۈلۈپ كەتكەنمۇ بولسۇن ، مەن قانداق بۇلىمەن بىلەمسەن ، بىر ھاراقكەش بۇلىمەن ، باشقىلارغا ئاشىقىمنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى دەپ دەرت تۈكىمەن ، ماڭا ئىچ ئاغىرتىدىغانلار ، مەن بىلەن تەڭ كۆتىرىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ ، ئەگەر بىرەر يىگىت ، بىرەر سىتودنت يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتسە قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى نىمە ؟ ئۇنتۇيمەن دەپ شۇئار توۋلاش ، ھاراق ئىچىپ بىر مىنۇت بولسىمۇ يارىنى ئىسىدىن چىقىرىش ، لىكىن كىنودىكىسىچۇ ؟ ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلمايدۇ ؟ ھەتتا ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ئۆزى قىزنىڭ ، قىساسكارىنىڭ ئىسمىنى ئۇيىدۇ ؟  ئۇ بىلىدۇ ، ھەرقېتىم قىز يادىغا كەلسە يۈرىكىنىڭ قانچىلىك ئاغرىيدىغىنىنى ، لىكىن ئۇ قىزنى ئۇنتۇشنى خالىمايدۇ .
" ئويلىماپتىمەن ، شاھزادىنىڭ تەھلىل قىلىشى ئۆزگىچىكەن ، لىكىن خۇددى بىرىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغاندەك ، باغرى تاشتەك بىلىندى ماڭا "
" ھا  ھا ھھ ، ئادەمنى گەپكە سېلىشقا ئۇستىكەنسىز ھە ، خېلى گەپلەر چىقىدىغان بولدى بۈگۈن ، بۇرۇن مەنمۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرگەن ، ياخشى كۆرگەندىمۇ ئاجايىپ ياخشى كۆرگەن "
" كىيىنچۇ ؟" بۇ خەتنى يىزىۋېتىپ قوللۇرۇمنىڭ تىترەپ  ، يۈرىكىمنىڭ تىز - تىز سوقۇپ كىتىۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم .
" كىيىن ئاخماق قىلىندىم ، ھاقارەت قىلىندىم ، ئاڭلىغۇڭىز بولسا سۆزلەپ بىرەي "
" ئاڭلىغۇم بار ئەلۋەتتە  ، ئەمىسە باشلاڭ "
" مەلىكەم ، مۇنداق قىلايلىچۇ ، ئۇيغۇرچە خەت يىزىشمامدۇق ، ئادەم پىنيىنچە ھەجىلەپ ئۇقۇپ ...ئەجەپ تۇرىدىكەن "
" قانداق قىلىمىز ئەمىسە "
" سىز قۇبۇل قىلىڭ ، قالدى ئىشلارنى ماڭا قۇيۇپ بىرىڭ "
  ئۇنىڭ يىراقتىن باشقۇرۇش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلدىم ، بىردەمدىلا كومپىيۇتېرىم ئۇنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى ، ئۇ كومپىيۇتېرىمدا ۋوردنى ئاچتى ، ئۇيغۇرچە خەتكە تەڭشىدى ، ئاندىن ئىكرانىمدا ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىپنى باسقانلىقىنى ئېنىق كۆردۈم .
" ۋاي نىمانداق ياخشى " ، __ دىدىم مەن ھاياجانلىنىپ ، __ باشتىلا مۇشۇنداق قىلساقچۇ "
" ھى ھى ھى ، تۇيۇقسىز ئىسىمگە كىلىپ قالدى بۇ ئەقىل ، مىڭ قىلغان بىلەن ئانا تىلدا پاراڭلاشقانغا يەتمەيدۇدە !"
" ئەمىسە باشلايلى "
" ۋاي چېقىلماي تۇر ۇڭ دەيمەن ، بۇنداق قىلساق ئىككىمىز بىر ئىكراننى تالاشقانداق ، مۇنداق قىلايلى ، ھەرقېتىم مەن گىپىم تۈگىگەندە تامام دەپ ئەسكەرتىش يازاي ، ئاندىن سىز باش قۇردىن باشلاپ يىزىڭ بۇلامدۇ ؟ تامام . "
ماقۇل ، تامام "
"ھە ئەمدى بولدى ، قۇلىقى يۇمشاق مەلىكەم "
" مەلىكەم بارمۇسىز ؟ نىمە گەپ قىلمايسىز ؟
" سىز تېخى تامام دىمىسىڭىز ، تامام "
" ھى ھى ھى ، ئىسىم قۇرسۇن ، كەچۈرۈڭ ، تامام .
"قېنى ئەمىسە باشلاڭ ، تامام "


             داۋامى داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ .

layli 2010-10-21 13:47
بۇلارغا ئەجەپ مەسلىكىم كەلدى .
داۋامى قانداق بولا ئۇ ئاتالمىش چىرايلىق قىز بۇلارنىڭ سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگىتى ....

layli 2010-10-22 17:41
بىغۇبارىم بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرنى قاچان كۆرمىز ؟

gulistan0998 2010-10-25 12:22
بىغۇبارىم بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى قاچان كۆرەرمىز ؟ سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ جۇمۇ ئوماق!

ribkat 2010-10-27 22:43
ئاخىرى قاچان چىقار!!!

dilkax518 2010-10-31 11:24
بۈگۈنمۇ يوققۇ؟

bighubarim 2010-11-01 00:26
كۆزلىرىم ئىكراندا قېتىپ قالغان ، ئۇنىڭ ھەربىر ھەرپنى ئۇرغىنىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن ، گويا بۇ دۇنيادا كومپىيۇتېر ۋە مەنلا بار ، ئۇ باشقا ئۆيدە ئەمەس گويا مىنىڭ يېنىمدىلا ...
" گەپنى باشلىسام ئۇزىراپ كىتىپ قالغۇدەك ، ئىشەنسىڭىز تۇلۇق ئوتتۇرىدا كىتاپتىن باشقا ھىچنىمىگە قىزىقىدىغان بالا ئەمەس ئىدىم ، خېلى قىزلارنى كۆيدۈرۈپمۇ يۈرۈپتىكەنمەن ، پو ئاتمىدىم ، قىزلار يۈز-تۇرانە گەپ قىلىشتىن ئەيمەنسە كېرەك ، خەت يىزىشاتتى ، ئۇنداق قىزلارغا ئۆچ ئىدىم ، <نىمىشقا ۋاقتىنى زايا قىلىدىغاندۇ ، ئۆگىنىش قىلسا بولمامدىغاندۇ > دەپ ئويلايتتىم ، ئالىي مەكتەپكە بېرىپلا تەييارلىقتا بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ قىز ئۈرۈمچىلىك ئىدى ، ئۇنى قانداق تەرپلەي ، دەسلەپتە ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتى ، شوخ كۈلكىسى ، سىنىپتا ھىچكىمدىن ئەيمەنمەي  دادىل پىكىر قىلىشى قىزىقىشىمنى قوزغىغان بولسا كىيىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ، تالانتى ، قايىللىقىمنى قوزغىدى ، بىلىپ - بىلمەي ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، كىيىن ئاڭلىسام ئۇنىڭ  يىگىتى باركەن ، چەتئەلدە ئوقۇيدىكەن ، شۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۈزۈمنى قاتتىق كونتىروللۇققا ئالدىم ، چۈنكى خىيالىمدا تۇنجى سۆيگەن ئادىمىم تۇنجى سۆيۈلگۈچۈم بۇلىشى ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك بۇلىشىم ، بارلىق تۇنجىلىرىمىز بىر ئۆمۈر بىزگە ئەستىھەلىك بۇلىشى كېرەك ئىدى ، ئامال بار ئۈزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ يۈردۈم ، كىيىن قانداق بولدى ئۇ ئۆزى تەشەببۇسكار بولدى ، بىرگە ئۆگىنىش قىلىدىغان ، دەم ئېلىش كۈنلىرىمىزنى بىرگە ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق ، كىيىن يۈرۈپمۇۋالدۇق ، يېرىم يىلدىن ئارتۇق شۇنداق چىرايلىق ئۆتتۇق ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىكنىڭ ھەممىنى قىلدىم ، كىيىن تۇيۇقسىزلا ، ناھايىتى تۇيۇقسىزلا ئايرىلىپ كىتىشنى ئېيتتى ، سەۋەبى  ھېلىقى چەتئەللىك بۇرۇنقى يىگىتى بىلەن يارىشىۋاپتىمىش ، ئۇمۇ چەتئەلگە چىقىپ كىتەرمىش ...
  قانچىلىك ئارزۇلىرىمغا قارشى ھالدا ، مەن ئەڭ ئۇلۇغ بىلىدىغان تۇنجى"غا ئەنە شۇنداق خاتىمە بىرىلدى ، قانداق قىلدىم ، مەن دىگەن ئوغۇل بالىدە ، چەتئەلدە ئۇقۇش شۇنچە چوڭ ئىش بولسا كۆزۈڭگە كۆرسۈتۈپ قۇيىمەنغۇ دىگەن نىيەتتە تىرىشتىم ، ھىچنىمىگە قارىمىدىم ، قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتمىدىم ، باشقىلار كېچىسى نەچچە سائەت ئۇخلىسا مەن شۇ ئۇيقۇنىڭ يېرىمىدىن كەچتىم ، شۇنداق قىلىپ ئۇقۇشۇم تۈگەيدىغان يىلىغىچە ئىنگىلىزتىلىدىن ئالتىنچى دەرىجخنى ئېپمۇ بولدۇم ، پاسپورت بىجىرىش دىگەنلىك ئىچكىرىدە ئىككى ھەپتىنىڭ ، ئىككى يۈز يۇەننىڭ ئىشى ، شۇنداق قىلىپ ئۇقۇش پۈتتۈرۈشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن نورۋىگىيەدىكى بىر مەكتەپنىڭ چاقىرىغىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . قانداق بولدى دىمەمسىز ؟ ئۇ ، ئەينى ۋاقىتتا چەتئەلدە ئۇقۇش ئۈچۈن مىنى تاشلاپ كەتكەن قىز ئالدىمغا كەلدى ، ئۇ ئاللىقاچان تاشلانغانىدى  ، مەن ، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا چاقىرىقنى يىرتىپ تاشلىدىم ، بۇنداق قىلغىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا قىيدىغىنىم ئەمەس ئىدى ، مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم خالاس ، لىكىن مەن شۇ جەرياندا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدىمكى ، ئاتا - ئانام ئۈچۈن مەن بۇ جاھاندا ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنمەن ، ئۇلارنىڭ بارلىقى ، خوشاللىقى ئىكەنمەن ، ئۇلار مەن ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىقنى بىرىشكە تەييار ئىكەن ، لىكىن مەنچۇ ؟ مەن نىمىشقا ئۇلارنى ئويلىمايدىكەنمەن ، نىمىشقا ياشانغاندا ئۇلارنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈدەكمەن ، نىمىشقا ئۇلارنى يەنە نەچچە يىل يىغلاتقۇدەكمەن ، ئەنسىرەتكۇدەكمەن ، ئەجخبا چەتئەلدە ئۇقۇش شۇنچىۋالا چوڭ ئىشمۇ ؟ چەتئەلدە ئوقۇماي بىلىم ئىگەللىگىلى ، تەرەققىي قىلغىلى بولماسمۇ ؟
  شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىدە قېلىش پۇرسىتىدىنمۇ ۋاز كىچىپ يېنىپ كەلدىىم ، ھازىر ئاپام - داداملار شۇنداق خوشال ، خاتىرجەم ، بىزنىڭ ئۆيمۇ شۇنچە ئاۋات ، مەنچە بولسا قىزلارغا شۇنچە بىپەرۋامەن ، ئۇلارنىڭ ئىككىيۈزلىمىچىلىكىنى ئويلىسام ...سىزنى دىمىدىم مەلىكەم ، ھىچ بولمىسا سىنى ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس دەپ ئويلايمەن . لىكىن ...بولدىلا ، مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي ، چۈشەندىڭىزھە ؟ تامام "
  ئۇنىڭ سۆزى ، ياق ھىكايىسى تۈگىدى ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپمۇ كەتتى ، بىرەر تەسىرلىك ئىبارىغۇ يوق بولمىسا ، لىكىن نىمىشقىدۇر،،،ئۇنىڭ بەزى گەپلەرنى يىزىشتىن بۇرۇن جخممىدە تۇرۇپ كىتىشىدىن ئۇنىڭ ئېغىر - ئېغىر تىنىۋاتقىنىنى ھىس قىلغاندەك بولسام ، بەزى قۇرلاردىن ئۇنىڭ قوللىرى تىترەۋاتقاندەك ...توۋا ، بەك رومانتىك ، ھىسىياتچان بۇلۇپ كىتىۋاتامدىم نىمە ؟
  ئۈزۈمگە كىلىپ ئۇنىڭغا خەت قايتۇرديم :
" ئويلىماپتىمەن ،،،نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ... ، تامام "
" بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ دىگەندەك گەپلەر بىلەن بولسىمۇ تەسەللى بەرمەمسىز دەيمەن ...ھى ھى ھى ..."
  مانا مۇشۇنداق قىلىپ تاكى مىرادىلنىڭ ئۆگىنىشى تۈگىگىچە بىزنىڭ ئالاقىمىز قۇيۇقلىشىپ باردى ، دىيىشمەيدىغان پارىڭىمىزمۇ قالمىدى ، بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز رەسىم ئەۋەتىشىمنى ئىلتىماس قىلدى ، جىددىيلىشىپ " ئاپام چاقىرۋاتىدۇ ، ئىشىم چىقىپ قالدى ، ھېلى كۈرۈشەيلى " دەپلا توردىن چۈشۈپ كەتتىم .
  قانداق قىلىمەن ، ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەنمەن ، لىكىن سۆزلىرىمنىڭ ئىچىدە قايسىسى راست ؟
  دەسلەپتە بىر يۇرتلۇق دىگەن بولسام كىيىن ئۈزۈمنى باشقا يۇرتتىن ، بۇ يۇرتتا خىزمەت ئىشى بىلەن تۇرۇپ قالغان دىدىم ، ئۇ دىگەن مەن ئەمەس نادىرە ، بۇيۇمنى 1.72 ، تېرەمنى ئاق دىدىم ، ئۇ دىگەن مەن ئەمەس نادىرە ، مەن پەقەت 1.60 ، بۇغداي ئۆڭ ئاددى بىر قىز ، ئەڭ مۇھىمى خىزمىتىمنى مۇقىم دىدىم ، مەن پەقەت ئايدا 800كويغا ئىشلەيدىغان توختاملىق ئىشچى ...قانداق قىلىشىم كېرەك ، مەن پەقەت ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن كىتاپ توغۇرلۇق پاراڭلىشالايمەن ، ئۇنى خوش قىلالايمەن خالاس ، مەن پەقەت ئۇنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا بەك ئاقكۆڭۈل خالاس .
  قانداق قىلىشنى ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي يۈرۋاتقىنىمدا ئۇ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى :
" ئىلتىماس ، پەقەت راست گەپ قىلىڭ ، بىز ياخشى دوستقۇ شۇنداقمۇ ، شۇڭا خۇدايىم بۇيرىسا راست گەپ قىلىڭ ھە ؟"تامام
"ئىم "
"مۇھاببەتلىشىپ باققانمىدىڭىز ؟"تامام .
"ياق ، تامام "
"راست ؟ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ؟"
"راست ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىم ھەتتا مىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگىنىمنىمۇ بىلمەيدىغۇ دەيمەن ، ئۇ دىگەن تۇلۇق 3-يىللىقتىكى ئىش ، ئۇ كىيىن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە كەتتى ، مەن بولسام شىنجاڭدا قالدىم ، ئالىي مەكتەپتە ھىكايە - رومان كىتاپلار بىلەن بەك مۇھاببەتلىشىپ كىتىپتىكەنمەن ، تامام"
" ھازىرچۇ ؟"تامام
"ھازىر ئۇنى كۆرمىدىم ، ئۇزاق بولدى ، ئۇنىڭ لايىقى بار ، ئۇلار يۈرگىلىمۇ ئۇزاق بولدى "
   "مەلىكەم ، بىز يۈرەمدۇق ؟"
" ھى ھى ھى ، راست دەۋاتامسىز ؟"
؟راست دەۋاتىمەن ، سىز دەل مەن ئىزدىگەن قىز شۇ ، ماقۇل دەڭا ، بىز بىرلىكتە ئات مىنگىلى بارىمىز ، يۇرتقا بارغاندا سىزنى بىر يايلاققا ئاپىرىمەن ، بەك چىرايلىق ، ھەتتا ئاشۇ يايلاقتا بىر كەپە بار ، تېشىدىن قارىسىڭىز قۇرۇق - ئوت _ چۆپ خالاس ، لىكىن ئىچى بەك چىرايلىق ، ماقۇلمۇ ؟"
" ئات مىنىش ئۈچۈنلا سىزگە ماقۇل دەمدىم ، ئەپسۇس تامام ، ھى ھى "
" ياق ، دىمەكچى بولغىنىم تۇنجى ئات مىنىش ، سىز تۇنجى دىگەن بۇ سۆزگە سەل قارىماڭ "
  ئۇنىڭ بۇ خېتىنى كۆرۈپلا دەرھال نادىرەدىن سورىدىم
__ نادىرە ئات مىنىپ باققانمۇسەن ؟
__ ھەئە ،  جىق مىنگەنمەن .
__ ھە ...
  مىرادىلغا كىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقىنىمنى ئاڭقىرالمايۋاتىمەن ، نادىرەنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ گەپ قىلماقچى بۇلىمەنيۇ ، يەنىلا ئۈزۈمگە قايتىپ كىتىمەن ، يەنىلا ئۈزۈمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ خەت قايتۇردۇم :
"  ئىم ماقۇل ، يەنىچۇ ؟"
"يەنە ، ئۈچتۇرپاندا بىزنىڭ تۇققانلار بار ، توققۇز بۇلاققا ئاپىرىمەن ، يەنە بىر يەر بار ، سۇغا چۈمۈلگىلى بارىمىز ، ئۇ يەرنىڭ سۈيى ھىچيەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ، بەك - بەك سۈزۈك  ، بىلىمەن ، سىز تېخى بىرەرسى بىلەن سۇ ئۈزگىلى بېرىپ باقمىدىڭىز"تامام
" ھى ھى ، يەنىچۇ ؟"
" بەك جىق ، قالغىنىنى يۈرگەندىن كىيىن ئالدىرماي بىلىپ قالىسىز "
" قېنى ئاۋال قايتىپ كىلىىڭ ، سىزنى كۆرەپ باقاي ، شەرتىمگە چۈشەمسىز يوق ، ھى ھى ھى "
" مەلىكەمگە تاشقى كۈرۈنۈشۈم مۇھىمكەندە ، ھەي ئىسىت ، ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدىغان بولدىڭىز ، راستىنى دىسەم بۇيۇم سىزنىڭ بۇيىڭىزنىڭ يېرىمى ، يۈزۈمدە مەڭ بەك جىق ، يەنە ساقال - بۇرۇتۇم بەك قۇيۇق بولغاچقا سىزدىن چوڭ كۈرۈنۈپ قالارمەنمىكىن ...ھى ھى ھى "
  بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن ، تەشۋىش  ، ئەندىشە بەزىدە ئۈمۈدسىزلىك ، بۇرۇن تاشقى گۈزەللىك ئىككىنچى ئامىل دەپ قارايتتىم ، مانا ھازىر تاشقى گۈزەللىكنىڭ كۈچىگە ھەرگخز سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلىۋاتىمەن ...ئەگەر نادىرەدە بولغان شارائىت مەندىمۇ بولغان بولسا ھە ...
  نادىرەنىڭ گىپى بۇيىچە ھەممىنى ئۇنىڭغا بەردىم ، ئەمدى ئۇنىڭ چ چ سىغا چىقمايمەن ، ئۇ ئۆزى چىقىدۇ ، ئۇ ئەمدى ئۇ ، مەن ئەمدى مەن .
  ئۇ چۈشەنمىگەن يەرلەرنى مەندىن سورايدۇ :
__ ئۇ نىمىشقا چ چ چ  دەپ يازىدۇ ؟
__ ئۇ مىنى چۈجەم دەيدۇ ، شۇڭا ...، __ دەيمەن چاندۇرماي ،
__ سىنى ئەمەس مىنى ، __ دەيدۇ نادىرە ئەسكەرتىپ ، مەن پەقەت ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيىمەن خالاس ،
  قاچان مىرادىل بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ھەممە نىمە ئەھمىيەتسىز ، مەنىسىز ، يىغا تۇتۇپلا تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا پاراڭلىشىمەن ، كومپىيۇتېرىمدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە يىزىشقان خەتلىرىمنى ساقلاپ تىقىپ قويغان يەرلىرىمدىن تېپىپ كۆرىمەن .
  نادىرە ئۇنىڭغا رەسىمىنى ئەۋەتتى ، ئۇلار مىرادىل قايتىپ كەلگەندە كۈرۈشمەكچى بولدى ، ئىچىم ئېچىشقان بولسىمۇ ئامال يوق ، ئازاپلانغان بولساممۇ ئامال يوق ، چۈنكى مال خىلى بىلەن بۇلىشى كېرەك .
  كۈنلىرىم نادىرەنىڭ خوشاللىقىغا يالغاندىن ھەمدەم بۇلۇش ، ئاۋازىمنى چىقىرماي يىغلاش بىلەن ئۆتمەكتە ، مەنمۇ دۆت ، نىمىشقىمۇ ئارىلاشقاندىمەن ئۇلارنىڭ ئىشىغا .
  بىر كۈنى نادىرە تۇيۇقسىز سوراپ قالدى تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلايتىپ تۇرۇپ  :
__ ئۇ نىمىشقا ھەدېسە سىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز دەيدۇ ؟
__ مۇنداق قىلە قاراپ باقاي ، __ ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا  كومپىيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ
ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئاچتىم .





   داۋامى بار .
  

layli 2010-11-01 00:59
ئەجەپ ياخشى يېرىگە كەلگەن .
ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئەتە كۆرۈشكە مۇمكىن بولارمۇ ؟

bighubarim 2010-11-02 00:09
  داۋامى :
"مەلىكەم ، مەلىكەم ...نىمە دىگەن مەتو ، بۇنداق چاقىرماڭە ئادەمنى " ، __ دىگەنىدى نادىرە بىر يەردە .
"نىمە دەيمەن ئەمىسە ؟"
"تاتلىقىم ، جېنىم ، ئومىقىم دىسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ ئەمىسە "

يەنە بىر يەرلەردە مۇنداق پاراڭ بار ئىدى :
" مەلىكەم ، بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆيىمىزنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتىم ، كۆرۈپ باقامسىز ؟ ئۆيىمىزنىڭ ئارقىدىكى كىچىككىنە كۆكتاتلىقمۇ بار تېخى "
" مىنى سەھراغا ئەپكەتمەيدىغانسىز ؟ نىمە كۆكتاتلىق ئۇ ؟"
"بىز دىيىشكەنىدۇققۇ ، ئۆزىمىز ئۆي سالىمىز ، ئۆيىمىزدە بېغىمىز ، كۆكتاتلىقىمىز بۇلىدۇ ، سەيلەرنى ئۆزىمىز تېرىيمىز ، ئۆزىمىز تېرىغان كۆكتاتنى يەيمىز ، دەپ . "
"  ھە...ھەراست ، ئىسىمگە كەلدى ، لىكىن ، راستىنى دىسەم مەن يەنىلا بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن ، مىھمانخانىسىنى خۇددى بىزنىڭ ئۆيدەك كاتتا بېزىسەم ، تىلىۋىزور قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى ، كىرىسلومۇ چوڭ ھەم يۇمشاق بولسا ھى ھى ھى "
"توۋا تۇرۇپلا بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قېلىۋاتىسىز "
  ئۇلارنىڭ پارىڭىنىڭ ھەممىنى تۇلۇق كۆلمىسەممۇ بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم . ئۇ ، مىرادىل ھەرھالدى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىپتۇ ، يۈرۈكۈمگە ئىللىق بىر ئېقىم تارقالغاندەك  قىلدىيۇ بۇرۇنلىرىمنىڭ ئۇچى ئېچىشىپ ، كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلاپ قالدى . دەرھال نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرغان كىشى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ نادىرەگە كەينىمنى قىلىۋالدىم :
__ قارا نادىرە ، __ دىدىم ئۇنىڭغا كەينىمنى قىلىۋەرگەچ ، __ سەن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان پاراڭنىڭ خاتىرىسىنى كۆرگەنىدىڭغۇ شۇنداقمۇ ؟ شۇڭا سەل كاللا ئىشلىتىشىڭ كېرەكتە ئاخىر ، مىرادىل ئۇ كىتابخۇمار بالا ، سۈنئى نەرسىلەر بىلەن پەقەت خوشى يوق ، ئەڭ ياخشىسى بىرەر - ئىككى پارچە كىتاپ كۆرۈپ قوي ، بەلكىم پاراڭلىشىشقا تىما چىقىپ قالار ، ھەراست ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا سەن ئامراق ktv،قەھۋەخانا ، مۇزىكىلىق ئارامگاھ دىگەنلەرنىڭ گخپىنى چىقىرىپ سالما ، بولمىسا بەكلا چېنىپ قالىسەن ، مەن ئۇنىڭغا ئاللىقاچان <بىلمەيمەن ، بېرىپ باقمىغان> دەپ جاۋاپ بىرىپ بولغان .
__ سەنمۇ قىززىقكەنسەن ، نىمىشقا ئاشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشقاندا مەندىن سورىمايسەن ، بولمىسا ھازىر بۇنچىلىك جاپا تارتىپ يۈرمەستىم .
__ مەن ئەمەس سەن قىززىقكەنسەن ، __ دىدىم ئۇنىڭغا راستىنلا خاپا بۇلۇپ ، __ مەن ئۇنىڭ بىلەن سائەت نەچچىدە پاراڭلىشىمەن ، سەن نەچچىدە ئۇخلايسەن ؟!كۆڭۈلچەكنىڭ بىرنىمىسى ئۇچۇق دەپ راست دەپتىكەن ، نىمىشقىمۇ ئارىلاشقاندىمەن بۇ ئىشىڭغا ؟!
  ئۇ قېتىپلا قالدى ، بىر ئۆيدە تۇرغان شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بۇ ئۆيىمىزدە كۈلكە - چاخچاقلا بار ئىدى ، مانا بۈگۈن تۇنجى قېتىم قىزىرىشىپ قالدۇق  . لىكىن ئۇزاققا بارمىدۇق .
  ئۆزۈم تاپقان بالانىڭ داۋاسىغا نەگە بارالايتتىم .
  مىرادىلنىڭ تۇنجى سۆزى ماڭا خېلى تەسىر قىلغان بولسا كېرەك ، دائىم ئويلاپ قالىمەن ، راست ، مەندەك تېخى مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان بىر قىزغا نىسبەتەن "تۇنجى"لار بەك كۆپكەن ...
  بىر كۈنى ئاشۇ تۇنجىلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ نادىرەدىن سوراپ قالدىم :
__ نادىرە ، بىزنىڭ قوشنا ياتاقتا قارا ، ئالىي مەكتەپتىكى چاغنى دەيمەن ، بىرقانچە ئۈرۈمچىلىك قىزلار باتتى ، ئۇلار ئىچىپ قۇياتتى پات - پات ، ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ ، مەن دىمەكچى ، سەنمۇ ئىچىپ باققانمۇ ؟
  كومپىيۇتېرغا قادىلىپ ئولتۇرغان نادىرە گىپىمنى ئاڭلاپ مەنىلىك ھىجايغان پېتى يېنىمغا كەلدى ۋە پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى :
__ دەپقاپسە ، مەنمۇ ئىچىمەن ، لىكىن كۆرگەنلىكى ئادىمىم بىلەن ئەمەس ، بىر قېتىم مۇنداق بولدى ، خۇددى مىرادىلغا ئوخشاش بىر كىتاپ خالتىسىغا يولۇقتۇم ، قىزىقىپ قالسام بولىدۇ ، لىكىن ئۇ كىتاپ خالتىسى قىزلارغا سەل قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا قاغىدىن ئاق ، سېغىزخاندىن ساق ھالەتكە كىرىۋالسام بولىدۇ ، بىر قېتىم ئۇنىڭ بىرقانچە دوستلىرى بىلەن ياتاق ئېچىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق ، جاھاننىڭ تارچىلىقىدا ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ بىرنىمىسىنىڭ بىر دوستىمۇ ئىشقىلىپ مىنىڭ بۇرۇنقى بىر تۇنۇشۇم چىقىپ قالدى ، ئۇ قىزلار قارىسا مەن بۇرۇنقى مەن ئەمەس ، ھېلىقى ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان ، ئوغۇللار بىلەن رومكا تالىشىپ تۇرۇپ ئىچىدىغان نادىرە يوق ، ئەكسىچە قىزىرىپ تۇرىدىغان نادىرە ، شۇنىڭ بىلەن قىزلار ئوتتۇرىدا قوساق ئۇرىشى بىلەن كۆز ئۇرىشى باشلىنىپ كەتتى ، ئوغۇللار بۇنىڭدىن بىخەۋەر ، بىر چاغدا ئىچىشىش باشلىنىپ كەتتى ، " ئىچىپ باقمىغان " دىسەم ھېلىقى قىزدىن بىرى نىمە دەيدۇ دىمەمسەن ، " جېنىم ئاداش ، بىزمۇ ئاپىمىزنىڭ قورسىقىدىن رومكا كۆتۈرۈپ چۈشمىگەن ، ئېلىڭە ياندۇرماي ، بىزنى ياراتمايۋاتامسىزيا ، سىزنى ئىچىپ باقمىغان دەپ كىچىككىنە قىزىلغا سوغاق ئىچىملىك ئارىلاشتۇردۇق شۇ ، كېلې ئىچكەندەكلا ئىش بۇ " دىمەسمۇ  كۆزۈمنىڭ ئىچچچچچىگە قاراپ تۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالدىم ، ئوغۇللارمۇ ئۇنىڭغا گەپ بەرمىدى " ئىچسە نىمە بوپتۇ ھە ، باشقا ئادەمنىڭ ئالدىدا ئىچمىدى ، سىنىڭ ئالدىڭدا ئىچتى "دەپ ، ھېلىقى بىر نىمىلەر ھەممىنى ئارىلاشتۇرۇپ باپلاپتۇ دىگىنە مىنى ، بولمىسا مەن نادىرە ئۇنداق ئىتتىك يېقىلىدىغانلاردىن ئەمەستىم ، ئاق ، قىزىل ، ۋوتكا ، قىزىل كالا ، قىزىل چاي ، كۆك چاي ھەممىنى ئارىلاشتۇرغان گەپ ، شۇنىڭ بىلەن نەچچە رومكىدىلا قىزىپتىمەن ، توختىماستىن يەنە ئىچىمەن ، يەنە ئىچىمەن دەپ ياتاقنى بىر ئاپتىمەن ، ئاغزى - ئاغزىمغا تەگمەي بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەپتىمەن ، ھى ھى ھى ، شۇنداق قىلىپ ھېلىقى كىتاپ خالتىسىنىڭ ئالدىدا تازا سەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەنمەن  ، لىكىن كېرەك يوق ، مەن بەرىبىر ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتىم ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نەچچىسى تۇرسا ، كەتسەم كەتتىم دىدىمدە كىتىپ قالدىم . "
  مانا بۇ نادىرە ، لىكىن مىرادىلنىڭ كۈتكىنى ئۇ ئەمەس ، مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ، مەن ئۇنى ، ئۇنىڭ ھىسىياتىنى ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى ئالدىدىممۇ قانداق ؟ ياق ، ئۇنىلا ئەمەس ، ئۈزۈمنىمۇ قۇشۇپ ئالدىدىم ، گاھىدا مەن بولدۇم گاھىدا نادىرە بولدۇم ، بىلىپ - بىلمەي ئۇنىڭغا كۆندۈم ھەم كۆيدۈم .


   داۋامى بار

gulistan0998 2010-11-02 12:28
بىچارە قىز قانداق قىلار ئەمدى ؟ ھېلقى ئۈرۈمچىلىك خېنىممۇ قىزىقكەن دىسە .

layli 2010-11-02 12:39
چىرايلىق قىزغا ئەجەپ ئۆچ بولدۇم ، مىنىڭچە بۇ قىزنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىمۇ خاتا .
داۋامىغا تەشنامىز ، تىزراق يوللىغان بولسىڭىز .

taxqeqak 2010-11-02 14:27
بەك ساقلاپ كەتتۇققۇ بىز؟!

compyuter 2010-11-02 14:37
كىيىنچە بىرەر ئۇزۇن ئەسەر يوللاپ قالسام ھەرگىزمۇ بۆلۈپ بۆلۈپ يوللىماسمىنا !!! ئىشىم ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئاز - ئازدىن كومپيۇتېرغا يىزىپ ساقلىۋىلىپ بىراقلا يوللىمىسام خەپ !!! كىشىنىڭ ھەجەپ ئىچى سىقىلىدىكەن مانا بۈگۈن ھەقىقى ھىس قىلدىم .
بۇ مەلىكەممۇ ئالدىراش ئوخشايدۇ .

vmid219 2010-11-02 15:28
ھىندىستاننىڭ"دوستلۇق بىلەن باشلانغان مۇھەببەت"فىلىمى ئېسىمگە كەپ قالدى. ئاخىرىغا تەشنامىز.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چىرايلىق قىز --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.047915 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us