ئۇنىڭ مۇھاببەت ئەقىدىسى ۋە قىلغان تىرىشچانلىقلىرىغا ئىرىشكىنى شۇ بولدىمۇ؟! نىمە دىگەن شەپقەتسىز پەرىشتەسەن ؟ ئەمدى بۇ ئازاپقا چىداش مۇمكىنمۇ؟! ئەمدى ئۇ چۆل - جەزىرىدىن ماكان تۇتۇپ دەرۋىش بۇلىدۇ ،ياكىمۆمىن بەندىلەرنىڭ ئەقىدىسىنى تەۋرىتىدىغان جىنايەتچى بۇلىدۇ ،ياكىھەممىنى ۋەھىمىگە سېلىپ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئادەم بۇلىشى مۇمكىن . ھامان بىركۈنى باشقىلار ساڭا : سەنئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ،ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان ئىدىڭ ،ئەمدى سەنمۇ ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى تېتىپ باققىن دەيدۇ؟
ئۇ ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت بۇ كۈچنى ئۇنۇتمايدۇ ،ئۇ يالغۇزلۇقنى ئۈزىگە نىشان قىلىدۇ،مۇھەببەتىن قاتتىق كۆڭلى ئازار يىگەن ئۇ ئەمدى بۇ بۇ يەرنى گۆرسىمان ھىس قىلىدۇ. دەل مۇشۇ گۆرسىمان جىمجىتلىق ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىنى يەپ كەتكەن ،ئۇنىنۇرغۇن ئىشلاردا مەغلۇپ قىلدۇرغان .ئۇمۇ نائىلاج نادامەت ۋە ھەسرەتتىن تولغان ئاچچىق مەينى تويغۇچە ئىچتى .ئۇ ئەمدى بۇ زىمىننىڭ پۇقراسى ئەمەس ،ئۇ ئەمدى باشقا دۇنيانىڭ ئادىمى ،ئۇبۇدۇنيادا ئەمدى مۇساپىرلارچە ياشايدۇ !
رۇخسىتىمسىز تېمىلىرىمنى يۆتكەشكە بولمايدۇ.
|