رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بۆرە ئوغلى شېئىرلىرىدىن --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ شېئىرىيەت گۈلزارى ] -> بۆرە ئوغلى شېئىرلىرىدىن [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

boraogli 2010-08-17 19:11

     
       
   
  ئەخمەتجان توختى (بۆرە ئوغلى) شېئىرلىرىدىن تاللانما

                
قوشماق شېئىر

چېكىپ يۈرسەم موخۇركامنى دېمەڭ بەڭگە


چېكىپ يۈردۈم موخۇركامنى دېمەڭ بەڭگە،
گەرچە ئۆلۈپ قالمىساممۇ چەكمىگەنگە.
ئەجەب كۈچەپ شوراپ كەتتىڭ دېسەڭ نېچۈن،
چۈنكى يۈرەك تولدى ئازاب قايغۇ-غەمگە.
شۇنچە ئۇزۇن بىرگە ئۆتكەن خوتۇن بۈگۈن،
خەتنى ئالدى تەگمەك بولۇپ باشقا ئەرگە.
سەۋەبى شۇ نامراتكەنمەن ھەر جەھەتتىن،
پۇل يەتمىدى مودىسىغا خەجلىگەنگە.
بۇ قايەرنىڭ مودىسى دەپ چالۋاقىغاچ،
پۇل دېگەندە ئاڭا كۆپلەپ بەرمىگەنگە.
نېمە ئامال كۈچەپ تارتماي موخۇركامنى،
سىز بىلەمسىز مېنىڭ مۇئاشىم نەچچە تەڭگە.
دۈشەنبىنىڭ دۈشەنبىچە كىيىمى بارمىش،
ئۆچ ئىكەن ئۇ سەيشەنبىدە كەي دېگەنگە.
چارشەنبىدە ئالغان كىيىم پەيشەنبە يوق،
جۈمە ،شەنبە ئايرىممىشكەن ئاي دېگەنگە.
يەكشەنبىدە يەنە قايتا ئالارمىشكەن،
ئۆلەرمىشكەن مودا قوغلاپ يۈرمىگەنگە.
قاتار چاينىڭ كىيىملىرى ئايرىممىش ھەم،
ئالدىنقىسى كونىرارمىش تەرلىگەنگە.
يېڭى ئاياغ كەپتۇ بۈگۈن كورىيەنىڭ،
يارىشارمىش مەيلى مايماق پۇت دېگەنگە.
ماسلىشارمىش ئاڭا پايپاق ئامېرىكىنىڭ،
قارىماسمىش جۇڭگولۇقلار ئىشلىگەنگە.
ئۈچ كۈن ئۆتمەي ئاجىراپتۇ چەمى ئۇنىڭ،
چۈپەي بولۇپ قالارمىشكەن يەملىگەنگە.
سېتىۋاپتۇ يەنە بىرنى يېڭى باشتىن،
قەرز بوپتۇ دۇكاندارغا كەملىگەنگە.
ئەتكەن چايلار قالدى ئەمدى مودىسىدىن،
قوسقى تويماس كې-كې كولا ئىچمىگەنگە.
ئۇسسىغاندا زېرىكىپتۇ سوغۇق چايدىن،
خۇشتار بولۇپ قالدى كافى دەملىگەنگە.
ھەر ھەپتىنىڭ ھەر كۈنىدە قاتار چاي بار،
ھەيرانىمەن «خاتا»چايدىن تەزمىگەنگە.
بارالمىسا تاكاللىشار تاڭ ئاتقۇچە،
كۈندە بىر رەت رېستۇراننى كەزمىگەنگە.
«ئۇدۇل بېرىپ ئۇدۇل قايتتىم نېمە بولدى؟
خوش بولمامسەن» دەيدۇ تېخى ئىچمىگەنگە،
ھاجەتمىدۇ ئۇرۇپ تېپىپ مۇشتلاش ئۇنى،
ساقىيارمۇ نادانغا مۇشت تەڭلىگەنگە.
ئىشتىن يېنىپ بالا ئېلىپ تاماق ئەتتىم،
ھېرىپ ئۇزۇن بولدى غۇلاچ كەرمىگەنگە.
سىزنىڭچە مەن قانداق قىلاي قېنى دوستۇم،
ۋاي مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ ئەر دېگەنگە.
كۈنلەر ئۆتتى ،ئايلار ئۆتتى،يىللارمۇ ھەم،
تۈزەلمىدى،قالمىدى ھەم مەندە تەڭگە.
ئۇرۇپ،تېپىپ قوغلاپ چىقتىم دېدىم ئۆزۈڭ،
تېگىۋالغىن توققۇزىنى تەل دېگەنگە.
ئارام تېپىپ قالدىم شۇندىن بېرى مەنمۇ،
ئاغزىغا مۇشت قايتا خوتۇن ئال دېگەنگە.

كېچە يۈرسەم كوچىلاردا دىمەڭ بۇزۇق

كېچە يۈرسەم كوچىلاردا دېمەڭ بۇزۇق،
ئىزلەپ چىقتىم يولدۇشۇمنى كەلمىگەندە.
كەيپ يېتىپ توڭلاپ قالسا نە دىگۈلۈك،
ياز بولمىسا يەردە يېتىپ تەرلىگەنگە .
ئېرىم ئامراق چىقىپ قالدى قاۋاقلارغا،
ئۆلۈپ قالماس ئىدى بەلكىم ئىچمىگەنگە.
ياتمىغۇچە بولدى قىلماس ئاغزى تەگسە،
كۆنمىدى ھېچ ئۆيگە بالدۇر قايت دېگەنگە.
ئىچىش بىلەن بولدى قىلسا نېمە دەردىم،
كەيپ بولۇپ ئارىلىشىپتۇ كۆپ جىدەلگە.
<پەيچۇسو>دىن <فاكۈەن>تۆلەپ ئېلىپ چىقتىم،
كۆپ پۇل كەتتى ئىگىز-پەسنى تۈزلىگەنگە.
ئىچمىگەندە چىقىپ كەتتى <زا جىڭ خۇا>دەپ،
قايتىپ كېلەر ئۆيگە تاڭ سۈزۈلگەندە.
ئۇتتۇرۋېتىپ بار پۇلىنى قەرز بوپتۇ،
ئۇزۇن بوپتۇ يانچۇقى ھېچ كۈلمىگەنگە.
زاجىڭخۇا دا كەلمىدى دەپ ئاتتى ھوشۇق،
ئۇنىماپتۇ ياندا تۇرۇپ كۆر دېگەنگە.
ئۇتتۇرۇپلا يۈرۈيدىكەن كۈندە شۇنداق،
ئۇزۇن بولدى مۇئاشىنى مەن كۆرمىگەنگە.
ئۆيدە نېمە قالدى ئەسلا كارى يوقتۇر،
ئۇزۇن بولدى گۆش تاماقتىن چەتنىگەنگە.
قۇسۇر تاپار تېخى تاماق گۆشسىزغۇ دەپ،
تويدۇرىدۇ ئىسسىغىدا يە دېگەنگە.
ئۇن،ماينى ھەم كۆكتاتلارنى نېسى ئالدىم،
چۈنكى يانچۇق زار بوپ كەتتى پۇل دېگەنگە.
قايتا بارسام يېزىپ قوي دەپ،ئۇنىمايدۇ،
ئالدىنقىنى تۆلىۋەت دەپ خەتلىگەنگە.
ئۆز جىنىمنى ئۆزۈم بېقىپ كېتەلەيتتىم،
خۇشتار ئەمەس ئايال كىشى ئەر دېگەنگە.
ئۈمىد ئۈزمەي ئاڭا ئىنساپ تىلەپ يۈردۈم،
بەرمىدى يا ئاڭا ۋىجدان بەر دېگەنگە.
ئانام دېدى:خېتىڭنى تېز ئېلىۋال دەپ،
چۆكۈپ يۈرمە ئەمدى بۇنداق قايغۇ-غەمگە.
بولمىسۇن دەپ شۇ بالامنى تىرىك يېتىم،
چىداپ كەلدىم يول قويۇپمەن كۆپ بەدەلگە.
مانا شۇنداق بۇ ھاياتنىڭ قىسمىتى كۆپ،
بۆرە ئوغلى بولۇپ كەتمەڭ سىزمۇ بەڭگە.

(بۇ شېئىر قىشنىڭ تازا جاق-جاق سوغۇق ۋاقلىرىدا  يېزىلغان)

ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس

ئول ئىگەم ياراتتى ئىنساننى پەۋەس،
جىمىكى مەۋجۇدات قىلىدۇ ھەۋەس،
ياشايمىز بۇ تەندە بولسىلا نەپەس،
بىرىمىز دۇرۇس ھەم بىرىمىز ناكەس،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

پۇل دېسە يۈگۈرۈەپ چىقتۇق بەرىمىز،
تۈرىلەر تالاشسا بىراۋ تەرىمىز،
ئادەمگە ئوخشايدۇ شۇ چاغ نەرىمىز،
شۇ سەۋەب تۆت تىيىن بىزنىڭ نەرقىمىز،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

گاھىلار دوست تۇتۇپ ئاقنى،نىشىنى،
قۇرۇقداپ يۈرۈيدۇ كۈندە شىشىنى،
قۇسۇققا مىلىنىپ قىلماس ئىشىنى،
ئادىمى سىياقتا كۆرسەڭ بېشىنى،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

ئامال قىپ پۇتلىساق بارچە ياخشىنى،
قاغىتساق ھەتتاكى تېپىپ باخشىنى،
مىسالى ئوخشاتساق ئاڭا پاخشىنى،
خاتىرجەم يۈرۈيمىز ئېيتىپ ناخشىنى،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

بەزىمىز چەتنىگەن تېخى ئەدەپتىن،
تېپىشقا ئۇستا بىز قۇسۇر سەدەپتىن،
تالايمىز ياۋاشنى تەرەپ تەرەپتىن،
ئاچىمىز گەپ يەنە شانۇ-شەرەپتىن،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

باشلىققا ئاپىرىپ كۆپلەپ پارىنى،
ئۆسۈشچۈن ئىگىزگە ئىزلەپ چارىنى،
سۈڭگۈتتۇق قالدۇرماي ئۆيدە بارىنى،
بەزىلەر ھەتتاكى سۆيگەن يارىنى،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

بەزىلەر قويۇپتۇ ساقال بۇرۇتنى،
چۈشەنمەي يادىلاپ ئاددى دۇرۇتنى،
قاي دورا ئۆلتۈرەر قايسى قۇرتنى،
بىلمەيدۇ ئىلىمدە ئەقىل يورۇتنى،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

بەزىلەر يۇقتۇرۇپ تالاي ئىللەتنى،
سۆكۈپلا يۈرۈيدۇ ئۇشبۇ مىللەتنى،
بەزىلەر پۇل ئۈچۈن سېتىپ ئىپپەتنى،
بىلمەيدۇ مىللەتكە كېلەر كۈلپەتنى،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

شۇكرى دەپ ياشامدۇق تويسا قارنىمىز،
دەپ، باشقا ئىشلارغا نېمە كارىمىز،
مۇشۇنداق ياشاپلا ئۆتسەك بارىمىز ،
ئاھ، رازى بولۇرمۇ بىزدىن ئانىمىز،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

خۇمسىلار تىللىساڭ تىللىۋال مېنى،
ئاغرىماس ھېچقاچان ئەھمىدى يېنى،
بەزەڭنىڭ گەپ كەتمەس بۇلغانغان قېنى،
دەۋېرەي مەيلىلا چىقسىمۇ جېنى،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

دۇچ كېلىسەن تېخى نى-نى سىناقلارغا

بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە خەتەر تولا،
چۈشمەيمەن دەپ دېيەلمەيسەن توزاقلارغا.
كاج كېلىدۇ بەزەن ئىشىڭ يۈرۈشمەستىن.
ئات مىنسەڭمۇ يۈرەلمەيسەن ئۇزاقلارغا.
بۈركۈت بولۇپ كۆكتە پەرۋاز قىلاي دېسەڭ،
يولۇقىسەن يەنە بەلكىم توساقلارغا.
چۈنكى بۇندا ئوۋچىلارمۇ تەييار بولۇپ،
بەتلەپ قويدى ئوقلىرىنى ساداقلارغا.
بىرەر ئىشنى خاتا قىلساڭ تۈگەشكەن شۇ،
سېسىتىدۇ بولۇپ بېرىپ ھونناقلارغا.
بولۇق ئۆسكەن بۇغداي بولساڭ نەزىرىدە،
ئوخشىتىدۇ ئوخشىمىغان قوناقلارغا.
ئەمەل تۇتساڭ كۆنگەن ئىتتەك شۇ ھونناقلار،
تويدۇرىدۇ،تىنالمايسەن يالاقلارغا.
مېھمان قىلماق كۈندە سېنى خىيالى شۇ،
تولدۇرىدۇ شىرەيىڭنى تاۋاقلارغا.
ئۆزۈڭنى تارت ئېسىل سورۇن بوپ كەتسىمۇ،
زەھەر سالغان ئۇندا ھاراق تاماقلارغا.
گەر يىقىلساڭ شۇ ئەمەلدىن موللاق ئېتىپ،
تونۇمايدۇ ،چىقىرىدۇ تالاقلارغا.
كۆمۈۋېتەر تاپىنىڭدىن بېشىڭگىچە،
تۆھمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان قوماقلارغا.
ساقال بۇرۇت قويۇۋېلىپ بەزەنلىرى،
مەپتۇن بوپتۇ ھەپتىيەكتىن ساۋاقلارغا.
ئىلىم-پەنگە قۇچاق ئاچساڭ كۇپۇرلۇق دەپ،
ئوت قويىدۇ،ماڭماق بولساڭ،ئاياغلارغا.
ئۆيدە خوتۇن تۇرسا ئىللىق قۇچاق ئېچىپ،
بىرلىرىمىز بۇزۇلۇپتۇق بۇراقلارغا.
شۇ بىر دەملىك ھېسسىياتنى دەپ يىگىتلەر،
كىرىپ چىقتۇق تالاي قېتىم سولاقلارغا.
كوچىلارنى ماكان ئەتتى قىزلىرىمىز،
ئىشەنمىسەڭ بېرىپ باققىن قاۋاقلارغا.
قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ بەزەنلىرى،
مانا بۈگۈن ئايلىنىپتۇ مۇناخلارغا.
ئۆزۈڭنى تۇت،كەمتەر بولۇش ئېسىل خىسلەت،
بىھۇش بولما بىراۋ قىلغان سۇۋاقلارغا.
كۈلكىنىڭمۇ ھامان بىر كۈن يىغىسى بار،
تەپەككۇر قىل،نەزەر سالغىن يىراقلارغا.
ھاياتىڭدا نىمىلەرنى قىلدىڭ ئەتتىڭ،
تارتىپ تۇرغىن ۋىجدانىڭنى سوراقلارغا .
سېنىڭ ئۈچۈن ئىمتىھانلار بۇلار ئەمەس،
دۇچ كېلىسەن تېخى نى-نى سىناقلارغا.


<ئىمارەت>تە <قىيامەت>

خوشال بولۇپ يۈرگىدەكمىشمەن،
سېتىۋېلىپ يىڭى ئىمارەت.
باشقىلاردىن قالامدىمەن دەپ،
ياساپ كىردىم ئۇنى ئالامەت.

كىم ئويلىغان دەيسىز شۇنىڭدىن،
پەيدا بولدى ئۆيدە قىيامەت.
ھەيران بولماڭ دېگەنلىرىمگە،
يالغان ئەمەس بەلكى ھەقىقەت.

ئالغان مۇئاشنى دەيكۈەنگە تۆلەپ،
يانچۇق قاخشار ئۇرۇپ نادامەت.
گازغا،گۆشكە،ئۇن،مايغا پۇل يوق،
چوڭ ئۆيلەرنى قىلدۇق ساياھەت.

ئايدا نەچچە قاتار چىيىم بار،
بولۇپ تۇرار ھەم يەنە سۇننەت.
قاي بىرىگە بېرىپ بولارمەن،
پۇلغا باراي نەگە نىھايەت.

پۇلى يوقتا تېپىلمايدىكەن،
قىلچىلىكمۇ روھى ھارارەت.
ئورنى بارمۇ بۇلاڭچىلىق قىپ،
ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمدى جىنايەت.

ۋالاقشىيدۇ خوتۇن ھەر كۈنى،
تەييار قىلىڭ تېزدىن دارامەت.
تىل سەپ قالسا ئاغزىنى بۇزۇپ،
تەستەك يېدى كېلىپ <جاسارەت>.

كۈنلەر ئۆتتى،ئايلارمۇ ئۆتتى،
كۈندىن-كۈنگە ئاۋۇپ ئاداۋەت.
ئىناقلىقتىن سۆز ئاچماق قىيىن،
ھۆكۈم سۈرۈپ ئۆيدە جاھالەت.

كىم قويۇپتۇ يوغانچىلىقنى،
ئۆي تۇتماق تەس ئەمدى سالامەت.
ئاجىراشماققا تەرەددۇت
قىلدۇق،
بالا يېتىم مانا كارامەت.


بۇرۇن يېزىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرىمنى كىچىكىنە توپلام قىلىپ يوللاپ قويدۇم،تەنقىدى تەكلىپ پىكىرىڭلارغا مۇھتاجمەن.


خۇدا خالىسا داۋاملىق دىدارلىشىپ تۇرار مىز

kun^kiz 2010-08-18 11:39
مۇنبەرلەر  قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان ئەسەرلىرىڭىزنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم  شېئىرلىرىڭىزنى يەنە كۆرسەم دەيمەن .ئىجادىيەتلىرىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن .

zakira 2010-08-18 12:42
بەزىمىز چەتنىگەن تېخى ئەدەپتىن،
تېپىشقا ئۇستا بىز قۇسسۇر سەدەپتىن،
تالايمىز ياۋاشنى تەرەپ تەرەپتىن،
ئاچىمىز گەپ يەنە شانۇ-شەرەپتىن،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.
بۆرە ئوغلى  تېمىلىرىڭىزنى كۆرگۈنىمدىن خوش بولدۇم ..

ustaz 2010-08-18 12:48
ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراپ، يۈگۈردۇم مەن قاۋاققا،
يۈگۈشۈمدە سەۋەب بار ئاشىقتۇرمەن ھاراققا،
ئۇنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايدۇ يۈرەگىم،
شاراب دېڭىز ئۆزۈمنى ئوخشىتىمەن كارابقا.

بۆرە ئوغلىنىڭ يازمىلىرى ھەقىقەتەن تىرەن، مەزمۇنلۇق. ئىجادىيتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

maxal20 2010-08-18 15:28
ئول ئىگەم ياراتتى ئىنساننى پەۋەس،
جىمىكى مەۋجۇدات قىلىدۇ ھەۋەس،
ياشايمىز بۇ تەندە بولسىلا نەپەس،
بىرىمىز دۇرۇس ھەم بىرىمىز ناكەس،
ئادەمدەك ياشىماق ھەقىقەتەن تەس.

بۇ مىسرالار كىشىنى ئويغا چۆمدۈرگىدەك تېرەن چىقىپتۇ، بارىكاللا، قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، يەنە بولسا ئايىمىغايسىز...

yawayi 2010-08-18 18:08
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرگە ئىنكاس يوققۇ ما مۇنبەردە !

isilbala 2010-08-18 19:01
ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن ئاللا تارتقان ئەجرىڭىزنىڭ مۇكاپاتىنى بەرسۇن ئەزىز ..

gvzal3.8 2010-08-18 20:19
    ئاددىي تىل، راۋان قاپىيە بىلەن تۇرمۇشنى چىن ئىپادىلىگەن شېئىرلاركەن، ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇرغايسىز.

baburxah 2010-08-19 10:44
  بۇ نادىرلانغان شىئېرلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، تىخى بىر نەچچە كۈن ئاۋال مۇنبەرگە يوللاپ قويغان ياش شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ شىئېرلىرىنى قايتا ئوقۇغۇم كىلىپ قالدى.ھە،ئوقۇدۇم.ئالدىنقىسى بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باقتىم.ئەپسۇس ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئۇ شىئېرلىرى ئاللاقاچان كۆمۈلۈپ كەتتى...
   قاراپ باقسام مۇنباردە شىئېر يازىدىغانلار كۆپرەككەن،شۇڭا تىخى كۆڭلۈمدە پىشقەدەم،ئوتتۇرا ياش،ياش ۋە زامانىۋىي ئىقىمدىكى شائىرلىرىمىزنىڭ بىر تۈركۈم ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن پات - پات يوللاپ تۇرارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەھۋالدىن قارىغاندا خاتالاشقاندەك قىلىمەن،مۇنبەرگە ئۇنداق شىئېرلارنى تاشلاشنىڭ،مۇنبەردىكى شائىرلارغا ئۇنداق شىئېرلارنى ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى يوقتەك قىلىدۇ.
   مەن شائىر ئەمەس،بۇ ياشقا كىرگىچە بىرەر  مىسرا شىئېرمۇ يىزىپ باقمىدىم،ئەمما شىئېرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، شائىر ۋە شىئېرغىمۇ خىلى يۇقىرى ئۆلچەم قويىمەن،ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن،چوڭ بىلگەنلىكىمدىن شۇنداق قىلىمەن ...
   مىنىڭ قەلىمى پىشقان شائىرلار بىلەن مۇنبەردىكى ھەۋەسكارلارنى سىلىشتۇرغىنىم خاتا.ئەمما باشقۇرغۇچىلارنىڭ نادىر تېما تاللاش ئىستىلىدىن خىلىلا نارازى بولۇپ قالدىم،بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى شۇنداق ئوخشايدۇ،بەلكىم مەن تەلەپنى زىيادە يۇقىرى قويىۋالغاندىمەن....
      

maxal20 2010-08-19 16:29
مېنىڭچە ياخشى ئەسەرلەرنى نادىرلاش كېرەك، ئىجادىي ئەسەرلەرنى تېخىمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە نادىرلاشقا تېگىشلىك بولسا... بۇ شېئىر نادىرلاشقا تېگىشلىك ئەمەس دەپ كېسىپ ئېيتالامسىز؟ ئۇنداق دېيەلمىسىڭىز قىزغىنلىققا سوغۇق سۇ سەپمەي جىم ئولتۇرۇڭ....

berna 2010-08-20 00:23
چېكىت - پەشلەرگە دىققەت قىلساڭلار،2 ئىنكاسنى ئۇقۇپ بولغۇچە تاس قالدىم دىمىم يىتىشمەي كىتىپ قالغىلى بۇ ئالەمدىن،،،

potbolhumar 2010-08-21 11:45
مېنىڭچە،ئالدى بىلەن "بۆرە ئوغلى" ئىسىملىك بۇ توردىشىمىزنىڭ يۇقارقى يوللانمىلىرىنىڭ مۇئەييەن تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوقۇم جەزىملەشتۈرۈش كېرەك.
مەن بۇ شېئىرلارنى ئوقۇش جەريانىدا، ئاپتورنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتە مۇھەممەدجان راشىدىن تاغىمىزنىڭ ئۇسلۇبىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ھىس قىلدىم. (بەلكىم خاتالاشقاندىمەن)
كىچىككىنە تەكلىپىم: ئاپتور شېئىرنى يوللاشتىن بۇرۇن، يەنە بىر قېتىم پىششىقلىسا بولۇپتىكەن. مەسلەن: بىرىنچى شېئىردىكى بەزى مىسرالارنىڭ بوغۇملىرى ئارتۇق ياكى كەم بولغاندىن سىرت، يەنە بەزى سۆزلەر قاپىيە زۆرۈرىيىتى تۈپەيلىدىنلا ئىشلىتىلگەندەك تۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، تېما ئىگىسىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلسا.

koraxqi 2010-08-21 23:13
شېئىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن . تېما ئىگىسىگە رەخمەت.

parwin 2010-08-22 18:29
باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىمىنى باھالاش چەكلىمىسىگە چەك قويماس كېرەك دەپ ئۆيلايمەن.بىكەت باشلىغى ئىشىنىپ باشقۇرغۇچىلىق قالپىغىنى بەرگەندىن كىيىن ،باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقىقىغا ھورمەت قىلىش كېرەك.ئىككى ئىنكاسنىڭ سەلبى مەنەسى بىلەن تىغ ئۇچىنى باشقۇرغۇچىغا قارىتىش بىمانە قاراش.ئىنكاسنىڭ بولغىنى ياخشى ئىش...بىر توپلام ئەسەرنى بىراقلا يوللاشمۇ تىما ئىگىسىنىڭ جاسارىتى،بۇنداق ھەركەتنى قوللاشقا بولىدۇ.پوس كاللىسى ئىنكاسنىمۇ ئەستايىدىل يېزىش كېرەك.ئال پىچاقنى كەس قۇلاقنى دەيدىغان ئىنكاسلار ئەخلەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس.تىمىدا مەسىلە بولسا ئەيمەنمەي بىشارەت بەرگۈلۈك.تىما ئۈگدەپ قېلىپ ......

kirani 2010-08-25 14:39
  ياخشى يېزىپتىكەنسىز ، ئەمما ئاۋۇ مۇخەممەس .... تەقلىدىي.... ئەدەبىياتتىغۇ .....

bugalter 2010-08-27 18:33
ئىسل چىققان شئىركەن

oyonqi 2010-08-27 23:53
بەك  ياخشى  يىزىپسىز    ،    شىئىر   بولا   مۇشۇنىڭدەك   بولا  ،    داۋاملىق    تىرىشقايسىز    ،     ئەجىرڭىز  يەردە   قالمىسۇن  .                            

sweetgirl 2010-08-28 07:51
نەسىھەت خاراكتىرلىق قىممتى يۈقىرى شئىركەن  ياخشى بولغاندىكىن ياخشى دىيىش كىرەك

sumaya0999 2010-08-31 00:38
نادىرلىغۇدەك ياخشى شىئىلاركەن رەھمەت تىما ئىگىسىگە

yalpuz0997 2010-08-31 15:32
ھەر بىر پارچە شېئىرىغا سىڭگەن چوڭقۇر مەنا ۋە شېئىرى تىلدىن سۈيۈندۈم.ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر.

hiyallirim 2010-09-23 23:59
بەك ياخشى چىققان شېئىرلاركەن 。 مەزمۇنى مول تەربىيۋى ئەھمىيتى بار 。 نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرغايسىز  。 ئەجرىڭىزگە رەھمەت

barkatjan 2011-03-21 20:51
ئالامەت شائىردە سىز بۆرە ئوغلى،شىئىرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن........

boraogli 2011-06-20 10:25
نەقىل
بۇ 21قەۋەتتىكىbarkatjan يوللىغان 2011-03-21 20:51 غا قارتىلغان  :
ئالامەت شائىردە سىز بۆرە ئوغلى،شىئىرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن........

ياقتۇرغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

apirida 2011-10-17 23:35
ياخشى شېئىرلاركەن ، يېقىننىڭىزى ئالدىراشمۇ  قانداق ، ئاختۇرمىغان بولسام بۇ شېئىرلىرىڭىزنىڭ بارلىغىنى بىلمەسكەنمەن .

apirida 2011-10-18 00:18
ئۈچۈنچى ۋە توتىنچى شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ھۆسنىخەت بىلەن يېزىپ ئېسىپ قويغىدەكلا ... ھارماڭ ...


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بۆرە ئوغلى شېئىرلىرىدىن --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.036951 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us