رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بوھران --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ ئۆزىمىزگە نەزەر ] -> بوھران [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

80halta 2010-08-14 16:32

بوھران -ھېكايە
مۇھەممەت تۇرسۇن (بىرزات)

كېسەللىك روﻫىمىزنى، جىسمىمىزنى چىرماپ ئەقلى قۇۋۋەتلىرىمىزنى زەئىپلەشتۈرۈپ ساغلام بولغان ﻫاياتلىق چۈشەنچىسى بىلەن ئۆز رىئاللىقىمىزغا دادىل يۈزلىنىشكە زور توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. كېسەللىك چىرمىغان ئاجىز تېنىمىزنىڭ، زەئىپ روﻫىمىزنىڭ نىمجان ئىڭراشلىرىدا ئۆزىمىزنى يوقۇتۇشقا باشلىدۇق. ئەخلاقسىزلىق ۋۇجۇدىمىزغا مىكروب كەبى يامىراپ بىر پۇتۇن جىسمىمىزنى مىكروبقا ئايلاندۇرۇپ روﻫىيەتنى كۆيدۈرمەكتە. مەسئۇلىيەتسىزلىك شەخسىيتىمىزگە يەل بىرىپ، ساختا ﻫاكاۋۇرلىقىمىزنى كۈچەيتمەكتە. سەمىمىيەت ئورنىنى ياسالما ئالىيجانابلىق، ساختاپەزلىك ئىگەللىدى. قىممەت - قاراش ئۆزگەردى. پۈچەكلەشتى. كەيىپ بولغان شەيتانلار داقا -دۇمباقلىرىنى ياڭرىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.
        ئەلقىسسە، ئەمدى گەپنى ئۇزۇن يىل روﻫىي سەرسانچىلىق دەستىدىن تىنى ئاجىزلاپ، مەجرۇﻫ بولۇپ قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بىر ياشنىڭ قىسقىچە كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشىغا ئىجازەت قىلغايمىز! ئۇنىڭ ماڭا يازغان خىتىنى كۆپ تەﻫرىرلىمەيلا ﻫوزۇرۇڭلارغا سۇنغايمەن.


       سالام بىرزات ئەپەندىم . سىزنىڭ مۇنبەرلەرگە يوللىغان تىبابەت ﻫەققىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ مەنپەئەت ئالغان ئادەم يالغۇز مەنلا بولمىسام كىرەك. سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىز بىلەن تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەپ ساغلاملىقىم ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، سىز ئېيتقان ساغلام ، پاكىز بولغان ﻫاياتلىق قارىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر مەزگىللىك جەريان كەتتى ئەلۋەتتە. بۇ جەرياندا كېسەللىك يېلتىزىنىڭ ئادەم روﻫىيتىدە بولىدىغانلىقى، روﻫىيەتتىكى كېسەللىكنىڭ ئاخىرىقى ﻫېسابتا جىسمانىيتىمىزنى پالەچ قىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ﻫالدا چۈشۈنۈپ يەتتىم.
        سىزگە دېسەم مەن ﻫۇشۇمنى تاپمىسام بولمىغۇدەك دەپ ئۆز ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۆزۈمنى تۈگەشكەندەكلە ﻫېس قىلاتتىم، پۇت قوللىرىم ماغدۇرسىز، ئۇستىخانلىرىم سىرقىراپ ئاغرىيتى، ﻫېچ ئىشقا خوش ياقمايتتى. نۇرسىز چىرايىم تېخىمۇ سارغىيىپ ،كۆزلىرىم ئولتۇرشۇپ كەتكەن ئىدى. ياش تۇرۇپلا چېچىم چۈشۈپ ، يۈز تېرەمدە ئاندا -سانسا قورۇق پەيدا بولغىلى تۇردى. ئۇخلىماق بولۇپ ياتساملا قالايمىقان چۈش كۆرۈپ ﻫاردۇقۇم چىقمايتتى. تۇرمۇشۇم بەك چىچىلاڭغۇ، ﻫاياتتا ئىنىق بىر ياشاش نىشانىم يوق ، لەيلەپلا يۈرەتتىم،داۋاملىق ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم، ئەتراپىمدىكى موﻫىتتىن قاقشاپلا يۈرەتتم، دىمىسەممۇ مەن ئاشۇ موﻫىتنىڭ مەﻫسۇلى ئەمەسمۇ؟!!! نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغىنىمنى، نېمە ئۈچۈن ياشاپ نېمە ئۈچۈن ئۆلىدىغىنىمنى ئويلاشقا، ماﻫىيەتنى چۈشۈنۈشكە كاللامدا ئېنىرگىيە ئازلىق قىلاتتى. نېرۋىلىرىم سۈزۈكلۈكدىن خالى ﻫامان بىر قەۋەت قىلىن تۇمان ئىچىدە سىلكىنەتتى.
        كىچىگىمدىن تارتىناچاق بالا ئىكەنمەن، نېمىلا قىلماي ئاتا -ئانامنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايتتىم. مېجەزىمنى تەڭتۇشلىرىم ياقتۇرمىغاچقا مېنى ئارىغا ئالمايتتى. كىيىن سەل چوڭمۇ بولدۇم. شەنبە - يەكشەنبە كۈنلىرى مەﻫەللىدىكى چوڭ - كىچىك باللار بولۇپ قوي - كالىلىرىمىزنى ﻫەيدەپ دەريا بويلىرىغا كېتەتتۇق، مەندىن 4-5 ياش چوڭ كىلىدىغان باللارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئەر خوتۇنلار ئارىسىدىكى ﻫەر خىل مۇناسىۋەتلەر، شۇنداق ئىشلار مەزمۇن قىلىنغان <<قىلىن>> كىنولار ﻫەققىدىكى پاراڭلىرى ۋۇجۇدۇمنى ساراسىمىگە سالاتتى. ﻫەتتا بىرسىنىڭ قولى ئارقىلىق ﻫوزۇرلانغىننى ئاڭلاپ دەسلاپ تازا چۈشۈنەلمىدىم كىيىن مەندىمۇ ئاشۇنداق ئېستەك پەيدا بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدىم. ئىنىق ئىسىمدە ، 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر كۈنى ﻫىلىقى باللارنىڭ قىلىشىدىغان پاراڭلىرىنى ئويلىغاچ يۇينىۋېتىپ بالاغەتكە يەتكەنلىكىمنى ﻫەيرانلىق، چۈچۈش ئىچىدە بىلدىم. شۇ ئىشتىن كىيىنبىرەر ﻫەپتىگىچە بىر خىل يېقىملىق سېزىم ئارىلىشىپ كەتكەن خىجىللىق تۇيغۇسى كۆكرەك قەپىسىمدىن پەقەت بوشىمىدى. يۈزۈم بەك قىزىرىپ كەتتىمىكىن دەپ پات - پات ئەينەككە قاراپ قوياتتىم. شۇنىڭدىن كىيىن قىزلار ﻫەققىدە تۈگۈمەس خىياللارغا بەنت بولۇشقا باشلىدىم. بۇ خىياللارغا ئەگىشىپ كەلگىنى تەلۋە ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قىلىش بولدى.
        كىيىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا باردىم. ئۈ يەردىكى ئەركىن -ئازادىچىلىك، چىرايلىق قىزلارنىڭ كۆپلىكىدىن كاللام پىرقىراپلا قالدى. ساۋاقداشلىرىم پات-پات دېبا - ﻫەر خىل كەچلىك بەزمىخانىلارغا بىرگە بىرىشنى ئېيتاتتى. كۆڭلۈمدە مەيلىم بولسىمۇ بۇزۇلۇپ بېقىشقا جۈرئىتىم يوق ئىدى. دادامنىڭ مېنى ئۇزتار چاغدا قىلغان نەسىﻬەتلىرى تېخى قۇلىقىمدىن كەتمىگەن ئىدى.ﻫەر خىل باﻫانىلەرنى كۆرسىتىپ بارماسلىققا تىرشاتتىم. ياتاقتا يالغۇز قىلىپ مەيدە -كېندىكلىرى ئوچۇق، ساغرىسىنى ئوينىتىپ مېڭىپ تومو-تومۇرلىرىمدىن ئوت ئالدۇرىۋىتىدىغان شەﻫلا كۆز قىزلارنى خىيال قىلىپ يەنە ﻫىلىقى نەس ئىشنى قىلاتتىم.
          شۇ كۈنلەردە مەن تورخانىغا كۆنىۋالدىم. ئارام -ئىلىش كۈنلىرى، بەزىدە تېخى كەچلەپ تورخانىدىن چىقالمايتتىم، تور مېنى ئۆزىگە مەﻫكەم باغلىۋالغان ئىدى. دەسلەپ چايخانىلاردا پاراڭلىشىشنى ئۈگەندىم. خەت بېسىش سۈرئىتىممۇ بارغانچە ياخشىلىنىپ بىر قىتىمدا بىر قانچە قىزلار بىلەن پاراڭلىشالايدىغان ﻫالەتكە يەتتىم. بارا -بارا شەﻫۋانىي - سىرىق رەسىملەرنى، كىنو-فىلىملەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. تاماققا خەجلەيدىغان پۇللىرىمنى تورخانىغا خەجلىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ﻫىلىقى نەس ئىشقا ئۈگۈنۈپ قالغان بولغاچقا ئۇزۇن ئۆتمەيلا چىرايىم سارغىيىپ، كۆزلىرىم ئولتۇرۇشۇپ كەتتى. پۇت -قولۇم جانسىز، بەدىنىم يىقىمسىز ئاغرىپ تۇراتتى. دەرىسلەرگە پەقەت خوشياقماي كۈنلەپ دەرس تاشلاپمۇ قالاتتىم. مەن يەنىلا ﻫۇشۇمنى تاپمىدىم.

          باشتا دېگىنىمدەك يات جىنىسلار بىلەن يېقىنلىشىشقا بارغانچە جۈرئىتىم قالمىدى. باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئۆرە قارىيالمايمەن. بىرسى بىلەن گەپ تالىشىپ قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. لىكىن خىيالىي دۇنيادا بەك ۋەﻫشىي ئىدىم. توردا نۇرغۇن قىز دوست تۇتتۇم. كۆڭلۈمگە ياققان بىر ئىش - ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش مەۋﻫۇملۇقتا مۇﻫەببەتلىشىشنى خالايدىكەن. كىنولاردىن، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان كىتابلاردىن ئۈگىنىۋالغېنىمىز بويچە مۇﻫەببىتىمىزنى قىزغىن داۋاملاشتۇردۇق. مەن ئۆز ﻫېسياتىمنى ، قۇتراپ تۇرغان شەيتانىي ئىستەكلىرىمنى خەت ئارقىىلىق ئىپادىلەپ نەپسىمنى ئارام تاپتۇراتتىم.
سېزگە دېسەم ئۇ چاغدا كاللامدىكى رىئاللىق ئۇقۇمىنى يانچۇقتا پۇل تۈگىگەندىلا بايقايتتىم.مەن بىر قىز بىلەن ئۇزۇن مەزگىل مۇﻫەببەتلەشتىم، سەۋەبى - ئۇ قىز باشقا قىزلارغا قارىغاندا ماڭا كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا گەپ قىلاتتى.ئاخىرى بىر كۈن ئۇ قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا كىلىشتۇق. ئاي يىرىملاشماستىلا يېنىمدا 50 سوملا پۇل قالغان ئىدى. ئۇ قىز بىر دوستىنى باشلاپ كەپتۇ. چىراي تۇرقىمۇ ئادەتتىكىچە، كەم -سۆز قىز ئىكەن. لىكىن دوستى بەك يامان قىزدەك قىلاتتى. بىز ئازادە بىزەلگەن بىر تاماقخانىغا كىردۇق. ئۇ قىزنىڭ دوستى تاماق تېزىملىكىدىن ئىسسىق-سوغۇق سەي بولۇپ 6-7 تەخسە تاماق بۇيرىۋەتتى. ئىچىم پۇشۇپ تۇراتتى . تاماق تىزىملىغان خىنىم كۆزۈمگە قاراپ 48 سوم بولاپتۇ ، دېدى.- شۈكۈرى، دېدىم ئىچىمدە پۇلنى تۆلىگەچ. شۇنداق قىلىپ يانچۇق قۇرۇقدالغاندىن كىيىن ئاي ئاخىرىنى بەك تەستە ئۆتكۈزدۈم. قورساق كولدۇرلدپ تۇرسا ئادەم ئويلىماي قالامدۇ دەمسىز. ئۆزۈمنىڭ نېمە بولغىنىمنى ، قەيەرگە كېتىۋاتقىنىمنى ئويلىدىم ، لىكىن يەنىلا باشقا ئىلىپ چىقالمىدىم. كاللام ئىسىلىپ چىڭقالغاندەك بولاتتى. بەل - پۇتلىرىم قىرى ئادەمنىڭكىدەك تىلىپ ئاغرىيتتى. بەزى كەچلىرى پۈتۈن بەدىنىم مۇزدەك تەرلەپ، جان يېرىمنى ئاغرىق تۇتىۋالاتتى. توۋا دەپ كەتتىم. نەچچە قېتىم ئىڭراپمۇ تاشلىدىم. ياتاقداشلىرىم تاتلىق چۈش كۆرۈپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتاتتى. مىﻬرىبان ئاتا-ئانامنى ئەسلىدىم. ئۆلۈمنى ئەسلىدىم. خۇدانى ئەسلەشتىن يۈزۈم ئۇۋۇتاتتى. مەن كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر گۇناﻫلىق قىلمىش پاتقىقىغا پاتقان ئىدىم. ئۆزۈمنى قارغايتتىم. جەمىيەتنىڭ بۇزۇقلىقىدىن، ئادەملەردە مۇﻫەببەتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ﻫەيرەتتە ئىدىم. بۇرۇنقى جەمىئىيەتتىكى 14 ياشقا كىرىپ بولغۇچە ئۆيلەپ قويىدىغان ئىشمۇ مەن ئۈچۈن بەك ئىسىل ئىش تۇيۇلۇپ كەتتى. ﻫايۋانلار جىنىدا بالاغەتكە يەتكەن چاغدا خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن قانۇنى بىلەن جىنسىي ئىستەكلىرىنى قاندۇرىشاتتى. ئىنسانلار مەدەنىيەت ياراتقان بىلەن ﻫايۋانلاردەك بولالمايدىكەن. ....توي قىلماي ئۆزىنى نىمانچە قىيناش بۇ ....دېگەنلەرنى ئويلاپ چىقتىم. يەنە ئويلىدىم ئۇنىڭ نېرسىغا يېتەلمىدىم.
ئاشۇنداق قىينىلىپ يۈرۈپ يەنە بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈن دەرىىسكىمۇ چىقالمىدىم..ئاخىرى ئۆيدىن پۇل كەلدى. بىر ئىككى كۈن ياخشى ئوزۇقلىنىپ خىلى يامان ئەمەس بولۇپ قالدىم. خۇداغا مىڭ توۋا دەپ شۈكۈرى - سانالار ئېيتىپ يېڭىدىن ئادەم بولىمەن دەپ ئەتتىگەن ئورنىمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا بىرىپ يۇيۇنۇپ مەسچىتكە باردىم. خۇداغا يىغلىدىم. جامائەت بىلەن نامازدا بىللە بولدۇم. ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كەتتىم. خىلى يەڭگىللەپ قالغاندەك، نېرىپلىرىم سۈزۈكلىشىپ قالغاندەك بولدۇم. مەسچىتتە يەنە ئۇزۇنراق ئولتۇرغۇم بار ئىدى. مەزناخۇنۇم ئىشىكنى تاقايمىز دەپ تۇرىۋالدى.
يىنىپ چىقتىم. مەكتەپكە بارغۇچە ئۆزۈمگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرىپ ماڭدىم. تورخانا دېگەنگە ئىككىنجى دەسسىمەيمەن دىدىم. شۇ تەرىقىدە بىر قانچە كۈن ۋەدەمدە تۇرۇپ سالامەت ئۆتتۈم. چىكىنىپ كەتكەن دەرىسلىرىمنى پۇختىلىۋالدىم.
بىر كۈنى كەچلىك ئۈگۈنۈشكە چىقاي دەپ تۇرسام بىر ساۋاقدىشىم كىرىپ كەلدى. ساڭا بىر قىزنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. يېقىندىن بىرى بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىڭ . بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ بولمايدۇ. دەپ ئۇنىمىسام ئۇنىماي قولۇمدىن تارتىپ ياتاق بىنا سىرتىغا سۆرەپ چۈشتى.

سىرىتقا چىقساق ئىككى قىز نازۇك ﻫىجىيشىپ بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ... قارىسام مەن ئۇ قىزلارنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك ،لىكىن تونىيالمىدىم. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىممۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى. ساۋاقدىشىم ئۇ قىزلارنى تونۇشتۇردى. قىزلار پەقەت تارتىنماي كۆرۈشۈشكىلى قول تەڭلىدى. كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرىۋالدى. مەن خىجىل بولۇپ كۆزۈمنى ئىلىپ قاچتىم. يېقىندىلا تېخى مەسچىتتە ئولتۇرۇپ توۋا قىلغىنىم ئىسىمدە . بۇلار بىلەن مېڭىشقا يەنىلا ئارسالدى بولۇپ قىلىۋاتاتتىم. چىرايى ئاق ، زىلۋا كەلگەن - ئىسمىنى زېلﻬايات دېگەن قىز قولۇمنى چىڭ سىقىپ قويدى تېخى. ئۇ قىزلار ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. بەك رومانتېكمىش. فىروئىدنىڭ نەزىريەسىگە قىزىقىدىكەن. دوستۇم چاخچاق قىلغان بولۇپ شۇلارنى دېدى. كاللامدا يانا ئاللىقانداق خىياللار قايناۋاتاتتى. يول مېنى مېڭىۋاتامدۇ مەن يولنى ماڭدىممۇ ﻫېچ بىلمىدىم بىردەمدە يولغا چىقىپ قاپتىمىز. دوستۇم تاكسى توستى. قىزلارنى جايلاشتۇرۋىتىپلا مېنىمۇ ماشىنىغا ئىتتىرىپ دېگەندەك چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بارىدىغان يەرگە باردۇق. ئۆمرۈمدە ئىچمىگەننى ئىچتىم. قانلىرىم قىززىپ ، يۈرەكلىرىم ئويناپ تۇراتتى.ئاغىينەم قىز دوستى بىلەن بىشىنى بىر قىلىۋاپتۇ. زېلﻬايات ماڭا تەلمۈرۈپ رۇمكىنىڭ لېۋىنى يالاپ ئولتۇراتتى. بۇ قىزنىڭ شۇ چاغدىكى ﻫالىتى كۆزۈمگە ئالەمچە ئۇز كۆرۈنۈپ كەتتى.
سىزگە ﻫىكايە ئېيتىپ كەتتىمۇ ئەپەندىم. سىزنى مالال قىلساممۇ تەپسىلىيرەك يازاي دىدىم. بۇ ئىشلا يالغۇز مەندىلا بولماستىن بىر پۈتۈن جەمئىيەتتە تولۇپ ياتقىننى كىيىن ﻫېس قىلدىم.شۇ كۈنى ئۆزۈمنى شۇنداق ئەقىللىق ئويلاپ كەتكىنىمنى دېمەيسىز. مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىمنى كەچۈرگۈسىز گۇناﻫ دەپ قارىۋاپتىمەن. باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ تېخى ﻫېچقانداق گۇناﻫ ئۆتكۈزمىگىنىمگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۆتۈپ كەتكەن - ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايدىغان ﻫىلىقىدەك ئىشلارغا ئۆزۈمنىڭ نۇمۇسۇم كەلدى. ئۇنداق قىلىپ جاننى قىيناپ يۈرمىسەڭمۇ قىز بالا دېگەن تەييار ئولجىكەنغۇ..دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. يىنىمدىكى قىز بارغانچە سۈيۈلۈپ كىتىۋاتاتتى..ﻫاراق كۈچىنى كۆرسەتتى. بىز بىر - بىرىمىزنى يۆلىشىپ سىرىتقا چىقىشتۇق. يىقىن ئەتراپتا مىﻬمانخانا بارلىقىنى ئېيتىپ ئاغىينەم بىزنى باشلاپ ماڭدى. بۈگۈن كەچتە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. يۈرۈكۈم تىز تىز سېلىپ كىتىۋاتاتتى. قىز ماڭا يۆلىنىۋالغان ئىدى. ﻫاراقنىڭ ﻫىدى بەدبۇي بولسىمۇ ماڭا بەك خۇش پۇراق تۇيۇلۇپ نازۇق تۇيغۇلىرىمنى غىدىقلايتتى. بەدەنلىرىم قىززىۋاتاتتى. گۇناﻫلىق ئىش قىلىش ئالدىدا شەيتاننىڭ ئادەمگە مەﻫكەم چاپلىشىدىغانلىقىنى بۈگۈن باشقىدىن ﻫېس قىلدىم. شەيتان ئوتتىن يارتىلىپتىكەن. شەيتان ئادەمگە چاپلاشسا بەدەننى شۇنداق قىزتىۋېتەمدىغاندۇ يا دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۇم.
كاللامدا زېدىيەت بار ئىدى..مېنى ﻫاراق قىززىتتىمۇ ياكى شەيتان دېگەن سۇئال كاللامغا بىكىنىۋىلىپ بۇ سۇئال ئۆزۈمچە قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى. ياتاققىمۇ جايلاشتۇق. دوستۇم مەن بىلەن خوشلىشىپ، پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ كۆزىنى قىسىپ پۇرسەت غەنىيمەت دېگەندەك دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ قىز دوستىنى ئىلىپ ياتىقىغا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۈگۈن كەچ ئۇ قىزنىڭ فىروئىد نەزىريىسىنى تولۇق چۈشىنىشىگە ياردەم قىلارمىش، دوست دېگەن بىر بىرىدىن ياردەمنى ئايىماسلىقى كىرەكمىش. توۋا ، ﻫاراق ئىچىش، قىز -يىگىتلەر جۈپى بىلەن ئايرىم ياتاقلاردا بىر كېچىنى ئۆتكۈزىشى بىلەن فىروئىد نەزىريىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى بولىدىغاندۇ دەپ كاللامدىن پەقەت ئۆتكۈزەلمىدىم. ياتاق ئىچىگە قارىسام قىز چىراقنى ئۆچۈرۈپ بىر ئوبدان شاملارنى ياققىلى تۇرۇپتۇ. ئۇچىسىدا كىيىم دىدارى يوقتەكلا ئىدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ فىروئىد نەزىريىسىنى<< سىناق >>قىلىدىغان ، <<ئەمەلىي >> ئۈگۈنىدىغان ئىشلار پات - پات يۈز بىرىپ تۇردى. قاراڭ ، ﻫەقاچان سىز . نىمانداق قاملاشمىغان گەپ بۇ، بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا فىروئىد نەزىريەسىنى <<سىناق >> قىلىدىغان ئىش نەدە بار، دەپ قىلىشىڭىز مومكىن. مەنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق تېز يۈز بىرىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇ قىزلارنىڭمۇ نېمە سەۋەبتىن ئەيشى - ئىشرەتكە بىرىلىپ كەتكىننى بىلىپ بولمايتتى . مەن شۇ دەرىجىدە تىز ئۆزگەردىمكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە بەزىدە ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيلا قالاتتىم .باشتا ئېيتقاندەك قىزلارغا تېكىلىپ قاراشتىن ئۇيۇلىدىغان، ۋۇجۇدۇمنىڭ چۇڭقۇرلىرىدىن مېنى داۋاملىق ئاگاﻫلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ئىلاﻫىي سادانى ﻫاياجان ئىچىدە ئاڭلايدىغان ، تېۋىنىدىغان ساددا ئاقكۆڭۈل بىر بالا ئۆز - ئۆزۈمگە خىيانەت قىلىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدىم. ﻫەر قېتىم شەيتانغا تەسلىم بولۇپ مەيلىمنى ئۇنىڭ ئىلكىگە تاپشۇرغاندا ۋۇجۇدۇمنىڭ بىر يەرلىرىدە شەيتاننى قوغلايدىغان بىر كۈچ ئەزەلدىنلا باردەك ﻫېس قىلاتتىم. خىيالىمدا قىتىغۇر، پەس ئىشلارنىڭ ﻫەممىنى قىلىپ باقساممۇ ئەمەلىيەتتە يۈز بىرىشىگە ئىشەنمەيتتىم. ئەپسۇس ، ئاخىرى ﻫەممە ئىشلار يۈز بەردى. شەيتان بوينۇمغا مىندى. پاكىزلىقىم، ئەرلىك ئىپپىتىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن ﻫالىمغا باقماي يېڭچە بىر ﻫاياتنى باشلىۋالدىم. ئۇ چاغدا قىلغانلىرىمغا قىلچە ئۆكۈنۈش، پۇشايمان تۇيغۇسى قالماپتىكەن.ﻫازىر ئويلىسام تېنىم شۈركىنىپ كېتىدۇ. ئەخلاق، مىللەتنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسى ﻫەققىدە سۆزلەيدىغانلارنى تولا كاپشىيدىغانلار دەپ قەۋەتلا ئۆچ كۆرەتتىم. ئەخلاقتىن سۆز ئاچقان بىلەن ئۆزىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتاﻫاندىن ئۆتكۈزىمەن يەنە بىر نىمە قىلىپ بىرىمەن دەپ ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلغىننى ، ﻫاراق ئىچىپ قالايمىقان سۆزلەپ يۈرگىننى، ئۆزىنىڭ قۇسىقىنى يالاپ كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قالغان زىيالىيلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان <<سېسىق>> لارنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. غېنى باتۇرمۇ بىر پاﻫىشىۋازكەنغۇ ئاينا ..ئۇنىڭ بۇزۇقلىقى مىللەت ئۈچۈن شەرەپلىك ئىشلارنى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماپتىكەن. ئۇدۇل كەلگەندە ﻫەممىنى قولدىن بەرمەپتىكەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەيتتىم.
ئائىلە ئىقتىسادىم ياخشى بولغاچقا مەكتەپنىڭ چىقىمى ئىشىپ كەتتى ، ئوقۇيدىغان كىتابلىرىم كۆپ، كەچلىك ئىنگىلىز- كومپيۇتېر كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىۋاتىمەن دەپ تېلىفۇن قىلسام مېنىڭ بۇ خىل تېرىشچانلىقىمدىن خۇشال بولۇپ چارچاپ قالمىغىن، ياخشى ئوزۇقلانغىن دەپ بانكا كارتامغا دېگىنىمدىن ئارتۇق پۇل سېلىپ بىرەتتى. باغانچە كاللام <<جوتۇ>>دەك ئىشلەيدىغان بولۇپ كىتىۋاتاتتى. بەزىدە تېخى چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇلىنىمۇ خەجلەپ قوياتتىم.
ئەمدى ئىختىسادىي جەﻫەتتە تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى ياخشى ئاسراپ، ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. تورغا ئىلگىركىدەك كۆپ كىرمىگەچكە سالامەتلىكىم خىلى ياخشى بولۇپ قالدى. <<توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ >> دېگەندەك بويتاقلىقنىڭ ئاسارىتىدىن پات پات يۇلقۇنۇپ چىقىپ باقاتتىم.
ﻫىلىقى ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە تورخانىغا چاپتىم. بۇ قېتىم ﻫىلىقى كونا تورداشلىرىمنى قانداقلا بولمىسۇن بىر ئامال قىلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇراتتىم. چايخانا، چ چ لاردا 5-6 ئىسىم بىلەن نۇرغۇنلىغان قاپقانلارنى قۇرىۋەتكەن ئىدىم. چ چ دا دېيشىپ ، كىلىشىپ بىر قىز بىلەن ئۇلانباي سايلىققا ئوينىغىلى چىقتۇق. ئۇ قىز ياش جەﻫەتتە مەندىن سەل چوڭ كۆرىنەتتى. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئىدى. قۇترىغان ئىستەكلىرىمنى ، چاڭقاشلىرىمنى قاندۇرۇشنىلا ئىستەيتتىم. بىزنىڭ ساياﻫىتىمىز ﻫەپتىدە ئىككى قىتىمدىن توغرا كەلدى. مۇشۇ مەزگىللەردە بەدىنىمدە بەزى بىر كېسەللىك ئالامەتلىرى بىخ سۈرىۋاتقىننى ئاز تولا ﻫېس قىلىپ قالدىم. دوۋسۇن چىڭقىلىپ ،سۈيدۈك كۆيشۈپ كىلەتتى. . . .مەن بۇ ئىشلارنىڭ كىيىن جانغا ئىكەك سالىدىغان قاباﻫەتلىك كېسەلگە ئايلىندىغىننى ئويلاپمۇ يەتمىگەن ئىكەنمەن.
گەپنى بەك سوزۇپ ، نازۇك مەسىللەردە سەل چەكتىن ئىشىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن بىرزات ئەپەندىم.
مەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدۇمنى بېسىپ كەتكەن كىر - مەينەتچىلىكلەرنى تولۇق چىقرىپ تاشلىسام ، خۇددى ئىچى دەرتكە توشۇپ كەتكەن ئادەم قۇلاق سىلىپ ئاڭلايدىغان ئادەمگە ﻫەممىنى دەۋالسا ئىچى بوشاپ قالغاندەك مەنمۇ يەڭگىللەپ قىلىشىم ، باشقىلارمۇ ئىبرەت ئىلىشى مومكىن دەپ قارايمەن.
كىيىن ئويلاپ باقسام بىرىنجى تۆۋبىدىن كىيىن يەنە گۇناﻫ پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشىم ئۇنچە تاساددىپىمۇ بولمىغان ئىكەن. شۇ قېتىم ئۆزۈمنى رۇسلاپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن ﻫەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە، نۇتۇق -مۇنازىرىلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇردۇم. جەمىيەتتىكى نامى چىققان ئەدىب - زىيالىيلارنى ئىزدەپ پىكىر سۆﻫبەتلەردە بولۇپ تۇردۇم. مەن بۇ يەردە ئىتراپ قىلمىسام بولمايدىغان بىر ﻫەقىقەت بار - ۋۇجۇدۇمنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدا ﻫايات ﻫەققىدە مۇپەسسەلرەك بايانغا ئىرشىشكە تەشنا ئىستەك غۇۋا يىنىپ تۇراتتى.
يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇلارنى ئاجايىپ پاكىز، سەمىمىي، بىلىملىك ئىسىل كىشىلەر دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ خەلىقنىڭ بەخىت - ئىستىقبالى، كىلەچىكى ﻫەققىدىكى دەبدەبىلىك سۆزلىرى، ئەقىدە - ئىتقاد ، ئىيماننىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ﻫەققىدىكى ﻫاياجانلىق قايناشلىرىنى ئاڭلاپ قالتىس ئادەملەركەن دەپ قالاتتىم.
بۇ قارىشىم تاكى زامانىمىزنىڭ داڭلىق بىر شائىرىنى فاكولتېت نامىدىن نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانغا قەدەر داۋام قىلدى. بىز دېيىشكەن ۋاقىتتىن يىرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى. شائىر تېخىچە يوق. ﻫەممىمىز تىت-تىت بولۇپ كۆتۈشكە باشلىدۇق. بىر چاغدا ۋاي كەلدى،كەلدى دېيىشىپ بىر ئادەمنى ئارىغا ئىلىپ 5-6 باللا ئىشىكتىن پاتماي كىرىپ كەلدى. مەن نامى مەشﻬۇر بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشىۋىلىش ئۈچۈن ئالدىغا بارغاندا گۈپۈلدەپ ﻫاراق پۇراپ تۇرغان بىر چالا مەست ئادەمنى كۆردۈم. ئۇ ئادەم باللارنىڭ يۆلىشى بىلەن قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئاران ماڭاتتى. توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم، كۆرۈشۈشتىن رايىم يانىدى. ئاستا ئورنۇمغا بىرىپ ئولتۇرۋالدىم. ئۇ ئادەم غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن چۈشەنچە بىرىپ بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئاز تولا ئىچىپ سالغىننى، سائىتى توختاپ قىلىپ كىچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن شىئىريەت ﻫەققىدە نۇتۇق سۆزلەيمەن دەپ ﻫىلى تاغدىن-ﻫىلى باغدىن سۆزلەپ نۇتۇق تېمىسىدىن چەتنەپ كەتتى. بىر چاغدا روس شائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر شىئىرىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ﻫەققىدە توختۇلۇپ كىلىپ << شولۇخۇپ تەڭداشسىز ئۇلۇغ شائىر، ﻫە ئۇلۇغ شائىر، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈ يوقالمايدۇ. مەن شولۇخۇپقا چوقۇنىمەن >> دېگەن گەپلەرنى قىلچە قورۇنماستىن دەۋەتتى. كۆڭلۈم ئىلىشتى. تۇفى دەۋەتكىم كىلىپ كەتتى. نىمانچە پۈچەك ئىنسانلار بۇ! قەلبىمنى ئۆززۈممۇ بىلىپ بولمايدىغان نەپرەت، قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالدى. سورۇندىن چىقىپ كەتتىم.
شۇنىڭدىن كىيىن باشقىلار ئۇلۇغلاپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان مەشﻬۇرلاردىن رايىم ياندى. ﻫاراق ئىچىۋالغانلىرى ئاشۇنداق پەسلىشىپ كېتىۋاتقان. ئىچمەيدىغانلىرى نەچچە خىل نىقاپ، گىرىملەر بىلەن ئۆزىنى پەدازلاپ ئالىيجاناب، ئىسىل پەزىلەتلىك بولىۋالاتتى. شائىر يازغۇچىلارنىمۇ ئىزدىمەس بولدۇم. ئەنە شۇنداق ئادەملەردىن كۆڭلۈم سوېۇپ تۇرغاندا ﻫەقىقىي بۇزۇلۇش چىن مەنىسىدىن روياپقا چىقتى. كاللامنى قوچۇپ ئارام بەرمەيدىغان پەلسەپىۋى پىكىرلەر، باش ئاخىرى چىقمايدىغان سۇئاللار ....ﻫەممىدىن كەچتىم. تۇغۇلۇش راس، ئۆلۈم راس ئاندىن باشقا ﻫەممىسى يالغان دېگەن گەپكە ئىشەندىم. ياشىدىم ، شۇنچە بىپەرۋا، بىغەملەرچە قولۇمدىن كىلىدىغان تاماشانىڭ ﻫەممىنى قىلىپ باقتىم. بۇ ئۆز كۆڭلۈمدە ساختا ئالىيجانابلاردىن ئۆچ ئالغىنىم ئىدى. بەزىدە مۇشۇلارنى ئويلاپ ئىچ -ئىچىمدىن خۇرسەن بولۇپ كۈلۈپ قوياتتىم.
بىر كۈنى كەچ چالا مەست كىرىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، يىرىم كېچىدىن ئاشقاندا تەرىتىم قىستىغاندەك بولۇپ ئويغىنىپ ﻫاجەتكە باردىم. دوۋسۇن چىڭقىلىپ بىئارام بولۇپ كىتىۋاتىمەن، سۈيدۈك چىقمايۋاتاتتى. قارا تەرگە چۈمۈلدۈم. مەن نېمە بولغاندىمەن دېگەن قورقۇنۇچلۇق بىر سۇئال كاللامغا كىرىپلاۋالدى. بىردەم سەكرەپ باقىمەن، بىردەم سۇ تۇربىسىنىڭ جۈمىكىنى ئىچىپ قويۇپ مەندە رېفىلكىس پەيدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپ باقىمەن. سۈيدۈك ماڭمىغاندىكى بىئاراملىق، ئاغرىق ئازابىغا چىداش ﻫەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى.
شۈكۈرى، ئاخىرى سۈيدۈك تېمىپ بولسىمۇ ئاز -ئازدىن كىلىشكە باشلىدى. شۇ كۈنى تاڭ ئاتقۇچە قارا تەرگە چۈمۈلۈپ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشتىن كىيىن ئېيتقان سۆزى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق يانغاندەك نېرۋىلىرىمنى قوچىۋەتتى. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە مەن جىددى خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بولغاندىن سېرت ، سېبلىس باكتېريەسى بىلەن ئېغىر يۇقۇملانغان ئىدىم. چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكىننى كۆرگەن دوختۇر ئاچچىق تەنە بىلەن << ئەيدىز >> بولمىغانغا خوش بولساڭ بولىدۇ. ياخشى ئارام ئىلىپ ئۇزۇن مەزگىل داۋالىنىشنى توختىتىپ قويمىساڭ ياخشىلىنىپ كېتىسەن. لىكىن جىنسىي ئىقتىدارىڭنىڭ ئەسلىگە كىلىپ تۇرمۇشلۇق بولالىشىڭغا ﻫازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيمەن، -دېدى. ئولتۇرۇپ كەتتىم ، كۆزلىرىمدىن توسقۇنسىز ياش تامچىلىرى بۇلدۇقلاپ چىقىپ كىتىۋاتاتتى. ئۆزۈمنى ﻫەر قانچە قىلساممۇ توختىتالمىدىم. دوختۇرنىڭ چىرايىدا ماڭا ﻫېسداشلىق قىلىش ئەمەس ، مەندىن بىزار بولۇش تۇيغۇسىنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتىم. سىرت سوغۇق ئىدى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى شۇنچە كەڭ ، ﻫوزۇرلۇق ئالەم ئەمدى تار تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالغاندا بېشىمغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرگە پەقەت ئامالىم يوق ئىدى. ئەس - يادىم جايىدا ئەمەس، نەگە بىرىپ نەدە تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن بىر كۈننى ئاشۇنداق لاغايلاپ كەچ قىلدىم. كەچتە <<ئۇچار تۇلپار>> غا بىرىپ ئۆلگۈدەك ئىچىپ بىر كۈن بولسىمۇ كېسىلىمنى ئويلىماسلىق قارارىغا كەلدىم.

......ئىگىز بىر قىيانىڭ ئۈستىدە ﻫىلىقى مەشﻬۇر شائىر بىلەن يىراققا سىيىشتە بەسلەشتۇق. تۆۋەندە سۈزۈك بىر ئىقىن دولقۇن ياساپ تاشتىن -تاشقا ئۇرۇلاتتى. شائىر ئىشنى باشلىۋەتتى. قارىسام ئۇنىڭ سۈدۈكى ئۇدۇل دەرياغا چۈشتى. توۋا، ماۋۇ ئادەم ﻫەجەپ يامانكەن، مېنى يېڭىۋالامدۇ نېمە دەپ مەنمۇ قويۇپ بېرىشكە تەمشىلىۋاتسام مەن قويۇپ بەرگەن لېنيەنى بويلاپ دەريا ئىچىدىن بىلەك توملىقىدا ئارغامچىغا ئوخشاش ئۇزۇن بىر نېمە ئۇچۇپ چىقىپ كاپلا ئىسىلدى، - دە ئۇدۇل دەرياغا تارتىپ سوزۇپ ئىلىپ ماڭدى. مەن ۋايجانلىغان پېتى ئويغۇنۇپ كېتىپتىمەن. بىر ﻫازاغىچە قارا تەرگە چۈمۈلۈپ تىنىقىم ئىچىمگە چۈشمىدى. ئادەمنىڭ توۋا دېگۈسى كىلىدۇ. مەن نېمە بولۇپ ئۇ شائىر بىلەن بەسلىشىپ قالغاندىمەن، بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر بىمەنە ئىشنى قىلىشتا بەسلەشكەندىمىز، نېمىشقا ئۇ پاكىز دەرياغا سىيەلەيدۇ، مەن سىيەي دېسەم نېمە ئۈچۈن مېنى نامەلۇم كۈچ بوغۇپ قويىدۇ. ئۇ نېمە بولغىيتتى، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن شۇ دەرياغا چۈشۈپ كېتىمەن؟ كاللام ئىغىر گاراڭ ،ئۇستخانلىرىم ئۇرۇپ چىقىۋەتكەندەك بىئارام قىلىدۇ. ئۈستەل چىرىغىمنى ياندۇرماقچى بولدۇم. كارىۋاتنىڭ يېنىدا قولۇمغا ئۈستەل ئۇرۇنمىدى. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاجىز كۆزۈم بىلەن سىنچىلاپ ئەتراپقا قاراشقا تەمشەلدىم. بىرەر ئۇچۇرغا ئىرشىشنى ئىستەيتىم. ﻫە، دۇرۇس. ئاخشام تازا ئىچكەن، ياتاققا ماڭغاندەك قىلۋىدىم. ياتاققا كەلمەي باشقا بىرسىنىڭ ئۆيىگە خاتا كىرىپ قالمىغاندىمەن ﻫە!......يوتقان بەك يۇمشاق، ئىسسىق ئىدى. نېرى - بېرسىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرماي يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
بىر چاغدا بۇرنۇمغا ئانام ئەتكەن شورپىنىڭ پۇرىقى كىردى. ئانام ئەتكەن تاماقنى يەپ باقمىغىلى قانچە ئايلار بوپ كەتتى ﻫە! ئانام بەك مىﻬرى ئىسسىق ئايال. يۇمشاق پاقلان گۆشىنى سۇغا سىلىپ، چامغۇر، سەۋزە ، پىياز، يەنە باشقا مىزىلىك دورا - دەرمانلار بىلەن قاينىتىپ پۇشۇرىدىغان شورپا...سوغۇق قەﻫرىتاندا بەك تېتىيدۇ. بىر نەرسىنىڭ قاينىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
كۆزۈمنى ئېچىپ چۈچۈپ كەتتىم. باش تەرپىمدە دادامنىڭ سىيماسىنى ئەسلىتىدىغان بىر كىشى ئاتىلارچە مىﻬرى بىلەن كۈلۈمسىرەپ قولىدا بىر قۇر كىيىمنى تۇتۇپ تۇراتتى. پەگادا گۈرۈلدەپ كۆمۈر كۆيىۋاتقان مەشكە ئىسىلغان قازاندا ئاباي ئەسلىگەن شورپا قايناۋاتاتتى.مەن ﻫېچنىمىنى ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم مەن يەنە چۈش كۆرىۋىتىپتىمەن دە.
__ ﻫە، ﻫە سىز ﻫازىرلا ﻫەممە ئىشنى چۈشۈنۈپ قالىسىز. ئىسسىق سۇ تەڭشەپ قويدۇم،ئاۋۋال ماۋۇ كىيىملەرنى كىيىۋىلىپ،يۈز - كۆزلىرىڭىزنى يۇيۇۋېلىڭ. ئاڭغىچە شورپىمۇ تەييار بولىدۇ. قورۇنماي كېيىۋىرىڭ، مەن چىقىپ تۇراي بولمىسا،- ئۇ ئادەم يۇمشاق بىر تەلەپپۇزدا شۇنداق دېگەچ ئىشىكنى بوشقىنا يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئەمدى ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتاتتى. چۈش كۆرىۋاتامدىمەنمىكىن دەپ كۆزۈمنى ئۇۋلاپ، قۇلىقىمنى تارتىپ باقتىم.چۈش كۆرمەپتىمەن بولمىسا. ..بۇ ئادەم كىم؟ ماڭا نىمانچە مىﻬرىبانلىق كۆرسىتىپ كېتىدىغاندۇ؟ ﻫە ، راس بۇ قەيەر؟...ئاخشام نېمە ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟ ............گاڭگىراپلا قالدىم.ﻫازىرلا بىلىپ قالىسىز دەۋاتاتتى دەپ سەل خاتىرجەم بولۇپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ ئۆزۈمگە سەل چوڭ كىلىپ قالغان بولسىمۇ ﻫىلىقى كىشى ئەكىرىپ قويغان پاكىز كىيىملەرنى كېيدىم. ئاڭغىچە ئۇ كىشىمۇ قولىدا بىر دوستخان نان كۆتۈرگەچ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگىنىچە كىرىپ كەلدى. داستخاننى ئىچىپ سالدى. پىيالىغا چاي قۇيۇپ ئالدىمغا سۇندى. ئۇ كېشىنىڭ دەپ بىرىشىچە ئاخشام مەن يولدا يېتىپ خۇدىمنى بىلمەي قاپتىكەنمەن. سىرت بەك سوغۇق بولغاچقا مېنى مۇزلاپ ئۆلۈپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ تاكسىي توسۇپ ئۆيسىگە ئىلىپ كەپتۇ. باللىرىغا دەپ مەشكە ئوتۇننى راسا قالاپ ئىسسىتىپ بۇ ئۆيگە ئورۇن سالدۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.ئۇ ئادەم ئۇندىن باشقا گەپنى قىلمىدى. كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. گۆشنى ئىلىپ پارچىلاپ دوستخانغا قويدى.گۆش يېگەچ ئىنسانلار ئارىسىدا مىﻬرى -مۇﻫەببەت كۆيۈمنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى، سەمىمىيەت، ئىشەنچ يوقۇلۇپ ﻫىلىگەرلىق، ساختىپەزلىكنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى،بۇزۇقچىلىق، ﻫاياسىزلىقلارنىڭ ئىنسان قىممىتىنى پەسەشتۈرىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ﻫەر خىل ساقايماس مەرەزلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىۋاتقانلىقى ﻫەققىدە سۆزلەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئىتقادسىزلىق __قانداق مەقسەت-نىشان بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەي ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى دەپ بىردەم پاراڭ قىلىپ بەردى. قارىسا شۇنچىلىك ئاددا - ساددا بىر ئادەمنىڭ ئاغىزىدىن چىقىۋاتقان ئاجايىپ گەپلەر روﻫىمنى يەلكىتىپ ۋۇجۇدۇمنى سىلكىۋەتتى. نەچچە ئون يىل ئوقۇپ بولار ئەﻫۋالىم ئاشۇ بولغان مەندەك بىر بىچارە بايقۇش ئۆزۈمدىن تۇنۇگۈنكىدىنمۇ بەتتەر يىرگىنىپ كىتىۋاتاتتىم. بۇ كىشىنىڭ پاراڭلىرىدىكى يارقىنلىقتىن يۈرۈكۈم سىلىپ، كۆزۈم ياشقا ئۇلىشىپ كېتىۋاتسا ماڭا قىلغان مىﻬرىبانلىقىدىن مەن ياشاۋاتقان يەر شارىدىن باشقا بىر پىلانىتقا بىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.
ئارىلىقتا ئادەمنى ﻫاياجانغا سالىدىغان كۆپ ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. بۇ كىشى مېنىڭ ﻫەممە ئىشىمدىن خەۋەر تاپتى. بەزى ئىشلارغا ئىچىندىيۇ مەندىن خاپا بولمىدى. كۈچىنىڭ يېتىشىچە مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالىتىشقا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ باش- كۆزۈمنى سىيلىدى. ئىيمان - ئىنسابىمغا قۇۋۋەت تېلەپ دۇئا قىلدى. بۇ كېشىنىڭ ئاشۇ مىﻬرى - مۇﻫەببەت، ئىيمانغا تولغان ۋۇجۇدى ﻫاياتىمنى ئۆزگەرتتى، دۇنيا قارىشىمدا رۇشەن سۈزۈكلۈك پەيدا قىلدى. كۆپ ئويلاندىم، ئىچىندىم ، يىغلىدىم، تەۋبە قىلدىم. مەن بۇ قېتىمقى تەۋبەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەۋبە بولۇپ قىلىشىنى تىلىدىم. شۇنداق قىلىپ كېسەلنىڭ مەنبىينى ئاخىرى تونۇپ يەتتىم. شۇكۇرى...........
بىر يىل كېچىكىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ مەكتەپتىن كېسەللىك رۇخسىتى ئالدىم.
بىر زات ئەپەندىم ، مەن ﻫازىر بىر ياقتىن داۋالانغاچ، بىر ياقتىن ئۇ كىشىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتىمەن. سالامەتلىك ئەﻫۋالىم تازا ياخشى بولۇپ كەتمىسىمۇ ۋۇجۇدۇم سۈزۈك نۇرلارغا چۈمۈلۈپ جەۋلان قىلماقتا.
مەن ﻫاياتىمدىكى بۇ رېئال ﻫادىسسىلەرنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇنداق قىسقىلا بايان قىلاي.ﻫىلىمۇ ئىچىم بوشاپ، يەڭگىللەپلا قالدىم. بىز سۆزىمىزنى توختىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. ياش دوستلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ﻫەمدە مېنىڭ ئۇلارنى ﻫەر چاغ دۇئالىرىمدە ياد ئىتىپ تۇرغىنىمنى بايان قىلىش يۈزسىدىن بۇ خەتنى سىزگە يوللىدىم.  دۇئالىرىڭىزدە ياد ئەتكەيسىز
2006-يىل
مەنبە: بلوگىم

maxal20 2010-08-14 18:18
ھەقىقەتەن ياشلار ئوقۇپ ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن. دېمىسىمۇ بىزدىكى بۇ ئىللەتلەر ئىمانسىزلىقتىن، ئەخلاقسىزلىقتىن بولىۋاتىدۇ.

iztirap0997 2010-08-14 18:27
بۇنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت ،ھازىرقى ياشلار ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ،نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمىگەچكە مۇشۇنداق يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ.

laglak 2010-08-14 20:38
ئويغىنايلى قىرىنداشلار ،بۇنداق چۈشكۈنلەشسەك بولمايدۇ، كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرىنى قوغداش ،مىللىتىمىزنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ زىمىمىزغا يۈكلەنگەن ،ھەممە، ھەققىقى ئەركەكلەر قىنى؟ دەپ زارلانمىسۇن.ئاللا ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە .ئنساپ بەرسۇن.

bidar 2010-08-14 21:11
دېمىسمۇ ياشلار چوقۇم كۆرۈپ قويۇشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن،
بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ خۇي- پەيلىدىن كۆر دېگەندەك ياشلاردىكى ئەخلاقسىزلىق ھامان بىر كۈنى باشقا بالا بولىدۇ،
بىرزات ئەپەندىنىڭ نادىر ئەسىرىگە رەھمەت!

merve 2010-08-14 21:23
  ئەقىقەتەن كۆرۇشكە تىگىشلىك تىما ئىكەن .
    رەھمەت.

zulyha 2010-08-14 21:36
  ياشلار كۇرۇشكە تىگىشلىك ماتىرىياللار ئىكەن.رەھمەت سىزگە .جاپا چەكتىڭىز.

zakira 2010-08-14 22:07
قىممىتى يۇقىرى تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت بېرزات ئەپەندى ....

yalpuz0997 2010-08-14 22:40
تېمىڭىزدىكى پاكۇلتىت نامىدىن ئۇقۇغۇچلارغا نۇتۇق سۆزلىگىلى چىققان ئاۋۇ ھاراقكەش زىيالى،نەزىريىنى ئەمەلىيەتتە سىناق قىلۋاتقان ئاۋۇ ئىشرەتۋاز  قىزلار، بىر مەزگىل ھىسياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ،ئۆزىنى قايتىدىن ئىزدەشكە باشلىغان ئاۋۇ يىگىت.....ھەي....ھىسيات ئەقىلدىن غالىپ كەلگەندە ھەرقانداق پاجىئە يۈز بېرىدۇ.مېنىڭچە بۇ تېمىنى ياشلارلا ئەمەس ھەممە ئادەم بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقسا بولغىدەك.

kun^kiz 2010-08-14 23:06
ئەخلاقسىزلىق ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرۋىتىدۇ . ھىلقى بالىنىڭ سىزنىڭ ياردىمىڭىزە يامان يولدىن قايتىپ  قايتا ياشاش  پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىدىن ھەم ئۆزىگە ساغلام تۇرمۇش مۇھىتى  ھازىرلىيالغانلىقىدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم .

guzalim 2010-08-15 00:58
ھەقىقەتەن بىز ياشلارغا ئىبرەت بولغۇدەك ياخشى ئەسەركەن ...بىرزات ئەپەندى قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!!

doctur 2010-08-15 04:20
ئەسەر ياخشىكەن ،ياش باللارغا ئىبرەت بولغۇدەك

ogulqak 2010-08-15 11:39
ھەقىقەتەن ياخشى  تېمىكەن ،بىز ياشلار كۆپ ئىبرەت ئالرلى،،،،،،


akattrgvl 2010-08-15 13:07
مەن ئويلايمەن ،ھازىرقى ياشلار چوقۇم ئاشۇ كەلسە-كەلمەس ھېسياتلارنى ئەقىلگە يەم قىلۋېتىشى كېرەك ،ھەرگىزمۇ ئەقىلنى ھېسياتنىڭ قۇلى قىلۋېلىشغا بولمايدۇ !

724323822 2010-08-15 13:09
..........

kumbah 2010-08-15 19:35
تەربىۋې ئەھمىيتى بار تىما بوپتۇ.ھەر بىر ياش ئۆزمىزنىڭ نىملەرنى قىلۋاتكىنمىزنى ياخشى ئويلىششىمىز كېرەك!!!

mujahid 2010-08-16 12:42
ھەقىقەتەن بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن مۇمكىن بولسا كىتاپچە قىلىپ بارلىق ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بەرگىم كىلىۋاتىدۇ

aytikin 2010-08-16 18:24
ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، ھازىرقى ياشلار غا بىر نىمە دىمەك تەس بۇلۇپ كەتتى ، ئۇلۇغ ئاللاھ بالىلىرىمىزنىڭ ، ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ،ئىمان ئاتا قىلىغىن !!!!

qartikin 2010-08-16 19:41
بىرزات ئەپەندى بىلوگىڭىزنى ھەجەپ كورمىدۇققۇ ؟! ئادرىسنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن .

80halta 2010-08-16 21:06
بلوگ ئادرىسىمنىڭ مەن قەيەرگە ئۇچۇر يازسام ئارقامدىن ئەگىشىپ يۈرگىننى كۆرمىدىڭىزما؟!!!
http://www.80halta.com

kaxkaryigti 2010-08-16 21:22
شۇنداق بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئېشلار     

umitjan 2010-08-16 21:43
بۇنى ئەسەرنى نەچچە قىتىم ئوقۇپ بولدۇم، ھەر قىتىم ئوقۇغاندا ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ  چۈشكىنلىشىش ئەھۋالى،ئويۇن -تاماشاغا بىرىلىشى قاتارلىىق مەسىلىلەرنى ئويلۇنۇپ كىتىمەن..

tatlihim 2010-08-17 10:14
ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن !!!!!!!!!جەمىيىتىمىز بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر زاماندا ،بىز ئۆزىمىزدىكى ۋىجدان ،غۇرۇر،پاكلىق ھەققىدە تېخىمۇ ئويلىنىشىمىز،ۋە دوسىتلىرىمىزغا مۇشۇنداق مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى كۆرسىتىپ، ھېچبولمىغاندا ئۇلارنى ئويغا سالالىساق مانا ئاشۇنىڭ ئۆزى بىر ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىمىز !!!!!!!!!!!ئۆزىمىزنى شۇنداق يوللاردىن نېرى تارتىش بىلەن بىرلىكتەباشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويايلى !!!!!!مانا بۇ ھەقىقىي ئادىمىيلىك!!!!
بولسا بۇنى بىر ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلەپ ،تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇرمەنلەر ۋە ياشلار بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈش ،ئەلنىڭ كۈيى بولغان ئەلكۈيى تور بېكىتىنىڭ بىر مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن !ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن!بۇ مېنىڭ سەمىمىي تەكلىبىم خالاس ،ئەلكۈيىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!بەلكىم سىلەرمۇ مەندەك ئويلىغان بۇلۇشىڭلار مۇمكىن!!!!!!!

sultann 2010-08-17 19:32
ئادەتتە ھەجىمى چوڭ ئەسەرنى ئوقۇشقا قېرىق ئىدىم،. لېكىن بۇنى ئەستايىدىل ئوقوپ چىقتىم.ھەقىقەتەن نادىر تېما ئىكەن! ``

nime 2010-09-01 02:07
بىرزات ئەپەندىگە رەخمەت،

sayram68 2010-09-01 11:15
ياشلار كۆرۇشكە ئۆز قېسمىتىنى ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىك ياخشى ئەسەر ئىكەن

abdukorax 2010-09-01 12:54
ۋاي ما ئنكاس يازغۇچىلارنى...
بۇ تىمىنى ياشلارلا ئەمەس ھەممە چوقوم كۆرۈشكە تىگىشلىك دەپ قارايمەن،چۈنكى بۇ ئىشلاردا چوڭلارنىڭمۇ ھەسسىسى ھەم مەجبۇرىتى بار..
فىزولوگىيلىك جەھەتتە بالاغەتكە يەتسىمۇ قىممەت قارشى،دۇنيا قاراش،كىشىلىك ھايات،ئىيمان يەنى ئىتقاد،مەجبۇرىيەت،بۇرچ جەھەتلەردە بالاغەتكە يىتەلمىگەن بىچارە ئاتا -ئانىلاردىن، يەنە بىر تۈركۈم، ئددىيەدە بالاغەتكە يىتەلمىگەن پرزەنىتلەر تۇغۇلىۋاتىمىز .ئىددىيەدە ئاتا ئانىلار بالاغەتكە يىتەلمىسە بالىلار ئاسانلىقچە يىتەلىسۇنمۇ...
كىسىپ ئىيتىمەن مىنىڭ ئاكا ھەدىلىرىم،ھەتتاكى ئەزىز ئاتا-ئانامنىڭمۇ ئۆزى ۋە ئۆز ھاياتى ھەققىدە  ئازراق بولسىمۇ ئويلىنىپ باققانلىقىدىن ھەقىقەتەن گۇمان قىلىمەن...
ئىنشائاللا ئىگەم ئاللاھقا مىڭلاپ تەشەككۈر ...مىنىڭ كىتاپقا قىزىقىش ھەم كىتاپ ئوقوشنى نەچچە يىل ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلشتىن ئىبارەت شۇ بىرلا يول ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى...ھازىرغىچە ئۆز نىشانىم يولىدا داۋاملىق تىرىشىۋاتىمەن ،ھەم مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئىيتپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىقلارغا ئۇچۇردۇم ،مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزىمدەك ياشاشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ تونوپ يەتتىم ،
بۇ تىمىدىكىدەك  ئىشلارغا مەنمۇ ساناقسىز قىتىملاپ ئۇچىردۇم ،ئەمما بىرلا ئوخشىمايدىغان يىرى مەن بۇنداق ئەھۋالدا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن چىققان ئاۋازغا ئەگىشىپ، ئىگەم ئاللاھقا نىدا قىلدىم ،بۇ نەرسىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئىرىشىپ بىقىش تۇيغۇسىغا قەتئى چىدىمىساممۇ ئەمما كۆز ياشلىرىم بىلەن بوپتۇ ئىگەم ئاللا ھەممىنى تەڭشەپ بىرىدۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم،قەلبىم تىنىمسىز ئىنتىلگەن،ھەتتا شۇنداق بەخىت تويغۇلىرىغا ئىرىشش ئۈچۈن،ھەر قانداق بەدەلگە رازى بولوشتىن ئىبارەت  تەلۋە تۇيغۇلىرىمنى،ئىتقادىمغا خىلاپ تەلۋە شىرىن ،بەخت تۇيغۇلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يەنىلا ئىگەم ئاللاھقا نىدا قىلىپ بەسى مۈشكۈلچىلىك ئىچىدە قۇربان قىلدىم، ،بۇنڭغا بىر ئىگەم ئاللا ئۆزى گۇۋاھ ..
مەن تەڭرىگە ھەقىقەتەنمۇ ئىشىنىمەن،شۇڭا مەن ھامان بۇنداق بەخىت تويغۇلىرىمنى ئۆز ئىتقادىم يولىدا،ئىگەم بۇ دۇنيادا تەڭشەيدۇ بولمىسا ئۇ دۇنيادا تەڭشەيدۇ دىگەن ئىشەنىچ بىلەن قۇربان قىلىپ كەلدىم  

abdukorax 2010-09-01 13:00
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ، ئۆزى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن ،بىللە بولوش تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ھەر قاچان...
بوپتۇ ،مەنمۇ  بۇ ئىنكاسمنى  ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئاچچىق كەچۈرمىشىم بىلەن يىزىشنى ئويلاپ قالدىم ...

abdukorax 2010-09-01 13:22
2004-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى شەنبە كەچ سائەت 11:33 بولغان ۋاقىت ئىدى،كەيپىياتىم شۈنچىلىك كۆتىرەڭگۈ، چۈنكى مەن بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ ئۆمۈرلۈك ياشاش نىشانىم،ھەم ھاياتلىق خەرىتەمنى سىزىپ چىققان كۈن ئىدى...مەن چوقوم تىرىشىمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە يىنىشلاپ ۋەدە بەردىم،ئەڭ ئاخرقى تىنىقىم ئالدىدا ئىللىق كۈلۈمسىرەلىشىمنى  تولىمۇ ئۈمىد قىلدىم ھەم بۇنى ئۆز نىشانىم قىلدىم ،ھەم ئىگەم ئاللاھدىن مەدەت ۋە رەھمەت تىلەپ ئادەتتىكىدەك قائىدەمنى قولومغا ئىلىپ << ياسىن ۋە تەبارەكنى >> ئوقوپ بولوپ ئارام ئالدىم .قىش بولغاچقا ھاۋا سوغوق ئىدى،قارىسام كۆمۈرۈممۇ تۈگەپتۇ،راس گەپنى دىسەم پۇتۇم ئازراق شامالدىغان بولغاچقا پايپىغىمنىمۇ سالمايلا ياتتىم كۈندۈزدە ئۆي تىمىنىڭ  مەن ئىتىپمۇ ئىتىپ بولالمىغان  تۆشۈكلىرىدىن،قوياش نورىنى كۆرگىلىمۇ بوللاتتى...

music 2010-09-01 13:39
ياشلارلا ئەمەس ھەرقانداق ياشىتىكىلەر كۆرىشكە تىگىشلىك تېمىكەن..

abdukorax 2010-09-01 14:23
ئەمەلىيەتتە بۇ مىنىڭ تولوق ئوتتورا 3-يىللىقتا ئوقوۋاتقان ۋاختىم ئىدى،مەن تولوقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاختىمدا، چوڭلار مىنىڭ تولوق ئوتتورىدا ئوقوشىمغا بەكمۇ تەسلىكتە قوشولغان،مەن يىزىمىزدىن 78 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ناھىيگە تولوق ئوتتورا ئوقوماقچى بولوپ ماڭدىم .ناھىمىزدە بىرلا تولوق ئوتتورا مەكتەپ بولوپ،قىزلار ياتىغى مەكتەپ ئىچىدە،ئوغوللار ياتىغى بولسا تەخمىنەن 3 كىلومىتر يىراقلىقتا ئىدى ،ئەمەلىيەتتە ياتاق بىناسى ئىلگىرى مەكتەپ بولوپ ،كونارغانلىقتىن خەتەرلىك بىنا دەپ  قارىلىپ، مەكتەپنى باشقا ئورونغا سالغان ،ئەمما ئۇ چىقىلماي قالغان كونا مەكتەپ ھەم شۇ كونا چوڭ سىنىپلار بىزنىڭ ناھىيمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلىم ماكانى بولغان بىردىنبىر تولوق ئوتتورا مەكتەپنىڭ ئوغوللار ياتاق بىناسى ئىدى ، ھەم مانا ھازىرمۇ شۇنداق ئىكەن، مەن بۇنداق بولغىنىدىن ئاچچىق ئازاپتا تولغىنىمەن،ئوقوتقوچىلار ئۇ قۇرۇلۇشنى 1975-يىلى سىلىنغان دىگەن ئىدى.
مەنمۇ شۇ ياتاقتا ياتاتتىم.بىنانىڭ ئالدىدا بىرلا توربا بار ئىدى،ئۇ بىزنىڭ ئوغول ئوقوغوچىلارنىڭ بىردىنبىر سۇ مەنبەيىمىز ئىدى.مەن ھەر ۋاقلىق تامىقىمغا، ياتاق بىنا ئالدىدكى مەنداندىكى شۇ توربا سۈيىدە نىنىمنى يۆل قىلىپ يەيتتىم، كۈن -كۈنلەپ قازان تاماق دىدارىنى كۆرمەيتتىم ،ماڭا ھەپتىسىگە 10يۈەن بىلەن ھەر يەكشەنبە يىزىمىزدىن ناھىيگە كىلىدىغان ماشىنىدا نان ئىۋەتىپ بىرەتتى،مەن بۈگۈن ئوقويالىغىنىم بىلەن ئەتە ئوقوشىمنى داۋاملاشتۇرالىشىمغا ئىشەنمەييتتىم ،تولوق ئوتتورا ئوقوش ھاياتىمنى تامالىيالىشىم مەن ئۈچۈن تولىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. شۇنداق بولغاچقا مەن چۈشتە ۋە كەچتە قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىدىن ئۇدۇل ياتاققا قايتىپ نىنىمنى ئالاتتىم دە بىنا ئالدىدىكى تۇربىدا يۆل قىلىپ سوغوق سۇ بىلەن يەۋىلىپ ئۇدۇل كىتاپخانىغا باراتتىم،راستىمنى دىسەم كىتاپ ئوقوشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلغان ئىدىم،ئادەتتە 3كۈندە بىردىن  رومان،ياكى 2كۈنگە بىردىن باشقا ماقالە ياكى ھىكايە كىتاپ ئوقوشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىۋالغان ئىدىم،ماتىماتىكا ۋە خىمىيە دەرىسىدىن باشقا دەرىسلەرنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمىدىم،ھەم ئۈگەنمىدىم.خۇلاسە ئىمتاھانىدىن ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتتۈم،ئاساسلىق ۋاختىمنى كىتاپ ئوقوشقا ئاجراتتىم كىچە،دەم ئىلىش كۈنلىرى،ھەتتاكى كۆپىنچە دەرس ۋاقىتلىرىممۇ  كىتاپ ئوقوش بىلەن ئۆتۈپ تولوق ئوتتورا 3-يىللىققا قەدەم ئالدىم.
بۇ ۋاقىتتا بىزگە تەكرار باشلاپ بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا كىتاپتىن باش كۆتۈرمىدىم،كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ يۇقاردا دەپ ئۆتكەن ئۇنتۇلغۇسىز كۈنۈم يەنى 2004-يىلى 12-ئاينىڭ  -ئاينىڭ 25-كۈنىگە ئۇلاشتىم،بۇ ۋاقىت مىنىڭ << قىسەسۇل ئەنبىيا >> دىگەن كىتاپنى ئوقوشنى باشلىغان ۋاخىتىم ئىدى، 

abdukorax 2010-09-01 15:44
مەن شۇ ۋاقىتقىچە بولغان تولوق ئوتتورا ھاياتىمنى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ قىلماي،ئاساسلىقى كىتاپ ئوقوشقا سەرىپ قىلىۋەتكەن ئىدىم،شۇڭا ساۋاقداشلىرىم ۋە ئوقوتقوچىلىرىم ھەممىسى مىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىشىمدىن تامامەن دىگۈدەك ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى.لىكىن مەن ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم ھەم ئۈگىنىشنى باشلىماقچى بولدۇم، شۇڭا مەن مەكتەپنىڭ ئەبگا ياتىقىدىن تەسلىكتە قۇتۇلۇپ ،مەكتەپنىڭ كەينىدىن بىرەيلەننىڭ بىر ئىغىز ئۆيىنى ئىجارە ئىلىپ ئۈگنىشنى باشلىدىم،
باشقا ساۋاقداشلىرىم ھەپتىسىگە بىر كىتاپنى ئۆلچەم قىلىپ ئۈگىنىۋاتاتتى،ئەمما مەن كۈنىگە مەلۇم بىر كىتاپنى باشتىن ئاخىر ھەتتاكى بەت سانىلىرىغىچە ئوقوپ چىقىشنى ئۆلچەم قىلدىم،  مەن ئادەتتە ھەر تومپاي رومانلارنى بىر كۈندە ئوقوپ بولالايمەن، ئەمما دەرىسلىك كىتابىمنى نىمىشقا ئوقوپ چىقىپ بولالمايمەن دىگەن نىيەت بىلەن كىتابنى ۋەزىپە ئورنىدا ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم،ئۆزۈمگە ھەرگىزمۇ تولوق ئۈگۈنۈپ بولىمەن دىمەستىن،ئايلىق،ھەپتىلىك،كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ، شۇ مەزمۇنلار كاللامغا چۈشسۇن چۈشمىسۇن، پەقەت ئۆتكىزىشنىلا  ۋەزىپە قىلدىم،ئەمما ھەر قىتىم ئۆتكۈزگۈنىمدە، كاللامدا خىلى بىر نەرسىلەرنىڭ  قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم،ھەم مەن بۇ جەريانىدا ھەپتىدە بىرەر پارچىدىن بولسىمۇ كىتاپ ئوقوشنى تاشلىمىغان ئىدىم.
3-ئاي ۋاقىتقا كەلگەندە مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى دىگەن كىتابنىڭ، كۈندىلىك قىسمىنى 3 قىتىم ئوقوغاندىن باشقا بارلىق كىتاپ ئوقوشنى توختاتتىم، ھەم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىشقا باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم،ھەم مەن سىنىپ مۇدىرىمغا << مۇئەللىم مەن ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چوقوم ئۆتىمەن،ئەگەر مەن ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسەم، ماڭا چاقىرىق كەلمىسە مىنىڭ دىپلۇم،ئارخپلىرىمنى بەرمەڭ، ئەمما مىنىڭ بىر شەرتىم مىنىڭ ئۆز ئالدىمغا تەييارلىق قىلىشىمغا يول قويسىڭىز،ئالاھىدە بىر ئىشلار بولمىسا مەن دەرىسكە كىرمىسەم،سىرتتا ئۆزۈم ئۈگەنسەم دىدىم >>مۇئەللىم قوشولدى،شۇنىڭ بىلەن مەن دەرىسخانىغا كىرمىسەممۇ بولىدىغان بولدى.
بۇ  ئەتىياز ۋاختىلىرى بولغاچقا، كۈندۈزلىرى ھاۋا ئىىسسق،ئۇيقۇم كىلىپ كىتىپ بەزى كۈنلىرى پىلانىم ئازراقمۇ ئوروندالمىدى،شۇنىڭ بىلەن مەن كىچە مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ماي قاچىلاش ئورنىدىكى يوروقتا ئۈگەندىم كۈندۈزى ئۇخلۇدۇم،ئاخرقى ۋاقىتلاردا ساۋاقداشلىرىم،ئۇستازلىرىم ھەممىسى ماڭا ھەيرا بولوشقا باشلىدى،چۈنكى مەن مانىۋىر ئىمتاھانلاردا ،سىنىپىمغا نىسپەتەن خىلى يۇقىرى نومور ئىلىۋاتاتتىم ...
2005-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سەيشەنبە كۈنى ئاخىرقى كۈن يىتىپ،ئالىي مەكتەپ  ئىمتاھانى بەردىم...
ئىمتاھاندىن ئۆتتۈم...
گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۆزۈم ئارزۇلىغان ھەم تاللىغان مەكتەپتىن چىقىرىق كەلدى، شۇنداق خۇشال بولدۇم...


ئاخرى داۋاملىق بار

abdukorax 2010-09-01 16:23
مىڭ ئەپسۇس چوڭلار مىنىڭ ئوقوشىمغا يەنە قوشولمىدى،ھەم تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاختىمۇ ئۆتۈپ كىتىپ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى بولوپ قالدى،قولومدا مەن ئۆزۈم ئىشلەپ يىغقان ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىم بەرگەن بولوپ 2230يۈەن بوپتۇ،شۇنىڭ بىلەن 2005-يىلى-9-ئاينىڭ 17-كۈنى دۈشەنبە ئاتا- ئانام ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ تەربىيسىگە قارىماستىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. شۇ كۈنى ئانام يىغلاپ تۇرۇپ سومكامنى تارتقان، ئەمما مەن ئاپامغا قارىماستىن ،كۆز ياشلىرىم بىلەن تىز قەدەم ئىلىپ ،ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدىم.
مىنىڭ بىرلا مەخسىتىم بار ئىدى. 4يىل ۋاقىت چىقىرىپ خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىدىن  ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن  چىقالايدىغان سەۋىيەگە يىتىش ،ھەم مەن تىخى ئوقومىغان ئەمما چوقوم ئوقوشقا تىگىشلىك كىتاپلارنى چوقوم ئوقوشتىن  ئىبارەت.مەيلى مەن ئاشپەزنىڭ يۇندىسىنى تۆكەي ياكى ناۋاينىڭ كۈلىنى تاتاي ۋەياكى 4يىل بىرەرسىگە سىېتىلاي،ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي يۇقارقى شۇ نىشانغا يەتسەملا بولدى،دىگەن نىشان بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.

abdukorax 2010-09-01 17:00
مەن ئۆزىمىزنىڭ ۋىلايىتىگىمۇ شۇ يىشىمغىچە ئاران بىر نەچچە قىتىم بىرىپ باققان ئىدىم ،ئەمما مەن بىراقلا ئۈرۈمچىگەيول ئالدىم ھەم2005-يلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يەكشەنبە كەچ سائەت 9:36 ئۈرۈمچى ئۈچ تاش بىكەتكە چۈشتۈم،ئىلگىرى يۇرتىمىزدا ئۈرۈمچى بەك چوڭكەن،پۇلنى ئوغورلىۋالىدىكەن،ئادەمنى سىتىۋىتىدىكەن دىگەندەك  گەپلەرنى ئاڭلىغان بولغاچقا سەل جىددىيلەشتىم ھەم نەرسە -كىرەكلىرىمنى ئىلىپ ئەتراپىمدىكىلەرگە ئەگىشىپ بىكەتتىن چىقتىم،ئىگىز بىنالارغا بولغان ھەيرانلىقىمنى،كوچا چىراقلىرىدا ئالا چەكمەن بولوپ كەتكەن كۆزلىرىمنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىككە تىرىشتىم،نەچچىنچى يول ئاپتۇبۇسى ئىكەنلىكى ئىسىمدە يوق،ئەتراپىمدىكىلەرگە ئەگىشىپ بىر كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقتىم،قارىسام باشقىلار ساندۇققا پۇل تاشلىدى،مەن بۇنى ئىيانە ساندۇقى ئوخشايدۇ دەپ قاراپ مەن مۇساپىر بولغاچقا پۇل تاشلىماي دەپ ئويلاپ مىڭىۋەردىم،ماشىنا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى،يول بويلىرىدا كىيىم كىچەك سودىسى بولىۋىتىپتۇ ،ئەمما مەن بەك كەچ بولوپ كەتتى قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرەۋاتاتتىم ،بىر دەمدىن كىيىن ماشىنىدىكى كۆپىنچە ئادەملەر چۈشۈپ كەتتى، مەن بىلەتچى ئىزدىدىم،ئەمما ماشىنىدا ھىچ بىر بىلەتچىنى ئۇچراتمىدىم،باشقىلار ھەم ئادەتتىكىچە چۈشۈپ كىتىۋىتىپتۇ،مەنمۇ چۈشۈپ قالدىم،ھىچ كىشى پەرۋا قىلمىدى،مەن بۇ چوڭ شەھەردە مۇشۇنداق ھەقسىز ئاممىۋى ماشىنىلار بار ئوخشايدۇ،بىز چىقىدىغاندا چىقىپ ،مەنزىلگە بارغاندا چۈشىۋالساق بولىدىغان ئوخشايدۇ ،چوڭ شەھەر نىمانداق ياخشى سەپ ئويلىدىم،بىر ئاۋات رەستە بازارغا چۈشۈپتىمەن،چاقىسى بار ساندۇق ئۈستىدە بىرەيلەن تونور كاۋاپ سىتىۋىتىپتۇ،ئۇ ھەم ساندۇق يىنىغا شاگىرت قۇبۇل قىلىمەن،ياتاق، تاماق ھەم تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزۈم ئورونلاشتۇرىمەن دەپ يىزىپ قويوپتۇ،مەن ئەگەر  يامان كۈنگە قالغۇدەك بولسام ئىزدەرمەن دەپ  تىلىفۇن نومورىنى يادلىۋالدىم ھەم ئۇ كىشىدىن بۇ ئەتراپتا ياتاق بار يوقلىقىنى سورىدىم،ئۇ بىر ياتاقخانىنى كۆرسىتىپ قويدى،مەن ياتاقخانىغا كىرىپ 6 كىشىلىك بىر ياتاقنىڭ بىر كارۋىتىنى 15 يۈەنگە ئورونلاشتىم،مۇلازىم سۇخانا ۋە ئاممىۋى مۇنچىنى كۆرسىتىپ قويوپ چىقىپ كەتتى،مەن ئاۋۋال يۇيۇنۇپ،تاھارەت ئىلىپ ئىككى ھەركەت ناماز ئوقوپ ئىگەم ئاللاھتىن ئاسانچىلىق تىلەپ بولوپ ئۇخلاپ قالدىم

sufiye 2010-09-01 17:27
داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز جۇمۇ!!.............

abdukorax 2010-09-01 18:13
2001-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى جۈمە كۈنى،گەرچە تەتىلگە قويىۋىتىلگەن بولسىمۇ،بىزنى جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىۋالىدىغان بولغاچقا مەن مەكتەپكە باردىم. مەن سىنىپنىڭ تۇرمۇش ھەيئىتى ئىدىم، ئادەتتە ئۈگىنىش ھەيئىتى قىز بالا بىلەن پەقەت قاملىشالمايتتىم چۈنكى ئۇ قەستەن مەن بىلەن سوقوشقىلى بەكلا ئامراق ئىدى،سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ ئۇخمايتتىم،شۇ كۈنى مەن قەستە ئۇنىڭ بىلەن سوقوشماقچى بولوپ،ئۇنىڭ چىشىغا تەگدىم ئەمما ئۇ مەن بىلەن سوقوشماستىن ئىللىق كۈلۈمسىرەپلا تۇردى،سائەت 4:35ئۆتكەندە مەن ئۇنىڭدىن، مەن بىلەن نىمىشقا سوقوشمايسىز دەپ سورىغاندا ئۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ،ئەمدى سوقوشمايمەن دەپ جاۋاپ بەردى،شۇ بىر ئىللىق كۈلكىدىن كىيىن مىنىڭ روھى ھالىتىمدە تامامەن ئۆزگىرىش يۈز بەردى،مەن ئۇنى داۋاملىق خيال قىلىدىغان،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كىلىدىغان بولوپ قالدى،مەن ئىلگىرى ئۆيدىكىلەردىن كۈندە دىگۈدەك تىل -ئاھانەت ئشتەتتىم،چۈنكى ئۈزۈم ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگەتتىم،ئەمما ئۇ خيالىمغا كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ، يول يۈرگەندە قەددىمنى تىك تۇتۇپ ،ئازراق كۈلۈمسىرەپ، تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ماڭىدىغان بولدۇم،ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزلىگىمدىن ئاكتىپلىق بىلەن قىلىدىغان،ياخشى قىلالماي قالسام خۇددى ئۇ كۆرۈپ قالغاندەك خىجىل بولىدىغان،ئۇنى خۇددى دائىم ئەتراپىمدىدەكلا ھىس قىلاتتىم،ئۈگنىشتىمۇ تىرىشچان بولوپ كەتتىم،دائىم ئۇنى خۇشال قىلىشنى ئويلايمەن.
ئۇ مىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىشىمنى ياخشى كۆرىدۇ؟ نىمە ئىشلارنى قىلىشىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ؟ئۇ مىنىڭ قانداق ئادەم بولىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ؟...
مانا مۇشۇ خىلدىكى سۇئاللارنى دائىم ئۆز-ئۈزۈمدىن سورايمەن ھەم تىرىشىمەن ،ئەتراپىمدىكى ھەممەيلەن  ئۆزگىرىپ مىنى ياخشى كۆرىدىغان بولوپ قالغاندەكلا ئىدى.
مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىلدىم...
بۇ ۋاقىت مىنىڭ تولوقسىز 2-يىللىق 2- مەۋسۇم ئىدى،مەن ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈش،ئۇنىڭغا گەپ قىلىش ئەمەس،ئۇنىڭ سايىسىنى يىراقتىن كۆرۈپ بولغىچە، يۈرۈگۈم ھەم قاتتىق ھەم تىز سوقوپ،قەدەملىرىممۇ قولاشماي، يەر ماڭا مەن يەرگە پۇتلىشىپ كىتىدىغان بولوپ قالدىم ...

hakanxp 2010-09-01 18:28
داۋامىنى ساقلايمىز.

abdukorax 2010-09-01 18:58
ۋاقىت شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ  تولوقسىزنى پۈتتۈرۈپ، مىڭ بىر جاپادا ناھىيلىك تولوق ئوتتورغا كەلدىم ،ئۇ بولسا ۋىلايەتلىك 1-ئوتتورىدا ئوقودى.
مەن يەنە ئۆزۈمگە ئىلگىركىدەكلا ،مەن ئۇنىڭغا قانداق قىلسام يۈ كىلەلەيمەن ؟مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك ئادەم بولوش ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشىم كىرەك دەپ كىچە كۈندۈز ئۆزۈمگە سۇئال قويوپ ھەم ئىزدىنىپ ماڭدىم،
ئۇنىڭغا ھەر ئايدا خەت يازىمەن،ئۇنىڭغا كۆيىنىمەن ئەمما كۆڭلۈمنى ئىپادىلىيەلمەيمەن، ھەپتىدە ئۆيدىن ئەۋەتىدىغان پۇلغا يىغىپ كىتاپ ئالىمەن ھەم باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ دىگەندەك ئۇنىڭ ياتاق بىناسىغا تىلغۇن قىلىمەن،ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھەم ئىغىز ئىچىشتىن خىجىل بولىدىغىنىمنى ئۇ بىلدى...
ۋاقىت 2004-يلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇنىڭ ماڭا يازغان ئەڭ موھىم ئىككى پارچە ختىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،ئۇ بىرىنچى ختىدە ئۆزىنىڭمۇ مىنى بۇرۇندىن ياخشى كۆرىدىغىنىمنى، بىراق ھازىرغىچە ئىغىز ئاچمىغىنىمنى،ئىككىنچى خىتىدە بولسا مىنىڭ نىمىشقا جاۋاپ خەت يازمىغىنىمنى يازغان ئىدى ،خۇشاللىقىمدىن كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى...
2004-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۈمە ئۇنىڭ ختى  ۋە مىنىڭ توغولغان كۈنۈمگە ئاتاپ ئەۋەتكەن << دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى >> دىگەن كىتاپنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،
بۇ ۋاقىتتا مەن تامامەن ئۆزۈمنىڭ ياشاش ئىتقادىم،ياشاش يولۇم ۋە ئۆمۈرلۈك ياشاش نىشانىم،ھاياتلىق خەرىتەم ھەممىنى بايقاپ بولغان ۋاقىت ئىدى.25-چىسلا مەن ھەممىنى كۈندىلىك خاتىرەمگە تەپسىلى يازدىم،ھەم << كۆرەش >> دىگەن سۆزنى ئۆز ھاياتىمغا بايراق قىلىپ تاللىدىم ،ھاياتلىقنى گوياكى كۆرەش دەپ چۈشەندىم،ئابدۇ سۆزى ئاللاھنىڭ مۆھتىرەم بەندىسى دىگەن مەندە دەپ ئاڭلىغان بولغاچقا ئىككىسىنى قوشوپ ئابدۇكۆرەش دىگەن سۆزنى كۆپ قوللاندىم.
ھەم 25-كۈنى بىشىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك دۇنيادىكى << ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى >> دىگەن كىتاپنى ئوقوشنى باشلىدىم...

80halta 2010-09-01 19:47
بۇلار سىزنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىڭىز ئىكەندە. داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق.

abdukorax 2010-09-01 19:53
...
2005-يىىلى4-ئاينىڭ 15-كۈنى جۈمە كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،
مەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئۈزۈكتىن بىرنى ھەم ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ << ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا >> دىگەن كىتابىنى ئىلىپ ۋىلايەتكە قاراپ يول ئالدىم ھەم كەچ سائەت 8:30لەر ئەتراپىدا يىتىپ بىرىپ ،تاماق يىدۇق،ئاندىن ئاددى سوۋغاتلىرىمنى ئۇنىڭغا بەردىم ...ئۈزۈكنى ئۇنىڭ قولىغا سىلىپ قويدۇم،بۇ تۇنجى قىتىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان ۋاختىم ئىدى...ۋۇجۇدۇم ئوت بولوپ يانماقتا ئىدى...مەن ئۇنىڭ 2003-يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە << قىزلار دەستۇرى>>2004-يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بىر ئىلام كىتابىنى سوۋغات قىلغان ئىدىم...
ئوقوش جەريانىمدىكى ئاچلىق ئازابى ۋە قىيىنچىلىقلىرىمغا ئۇنىڭ قەلبىمدىكى سىماسى مەلھەم ئىدى ،ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىش ئالدىدا ئۆيدىكىلەردىن بەك قاتتىق ئازار يىدىم،ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرداشلىق بىرىشىم كىرەك دەپ ئويلىدىم ھەم ئىمتاھان ئۈچۈن ۋىلەيەتكە باردىم،ئىمتاھاننىڭ ھارپا كۈنى مەن ئۇنى تۇنجى قىتىم سۆيگەن كۈن ئىدى،مەن ئالەمچە خۇشال بولوپ بىر كىچە ئۇخلىماي ئەتىسى ئىمتاھانغا كىردىم.
ئىككەيلەننىڭ نومورى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى،ئەمما ماڭا ئۈرۈمچىدىن چاقىرىق كىلىپ بارالمىدىم،ئۇنىڭغا ئاقسۇدىن چاقىرىق كەلدى...
مەن ئۆزۈم ئارزۇلىغان مەكتەپكە بارالمىغاننى ئاز دەپ،ئاتا-ئانام ھەممىدىن ۋاز كىچىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم،ھەم ئۆزۈم چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان بىر مەكتەپ ۋە ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ خەنزۇتىلىنى ئۇخمىساممۇ خەنزۇ سىنىپىغا ئوقوشقا كىردىم ...
كەچلىكى يەنئەن يولى مەسچىتنىڭ يىنىدىكى سامسىخانىدا كۈتكۈچىلىك قىلدىم،قاچا-قۇچا يۇدۇم،قانداقلا بولمىسۇن كەچلىك تامىقىمنى بولسىمۇ بەردى،كەچ سائەت 8دىن كىيىن ئىستىقبال تىل تەربىيلەش مەركىزىگە يىڭى ئۇقۇم ئىنگىلىزتىلى 1-قىسىمغا تىزىملاتتىم ...
بۇ ۋاقىتتلاردىكى دەرتلىرىم كۆپچىلىككە ئايان بولغان بولسا كىرەك، ئەمما ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىدى
ئۇ مەندىن مەجبۇر ئايرىلىپ كەتتى،چۈنكى باشقا بىرى بىلەن يۈرۈپ بولغان ئىدى...
ۋەقە مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

abdukorax 2010-09-01 20:01
نەقىل
بۇ 38قەۋەتتىكى80halta يوللىغان 2010-09-01 19:47 غا قارتىلغان :
بۇلار سىزنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىڭىز ئىكەندە. داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق.

بۇ مىنىڭ ھەقىقى كەچۈرمىشىم

abdukorax 2010-09-02 15:06
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى يەكشەنبە، چۈشتىن كىيىن سائەت 3:50مىنوت ئۆتكەن ۋاقىت ئىدى،مەن بىر تونوشۇمنىڭ MP3 دىن دۈڭكۈۋركتىكى بىر كومپىيوتىخانىدىن ئىنگىلىزچە ئاڭلاش ماتىرىيالىنى چۈشۈرۋىلىپلا ،شۇ ئەتراپىتىن تورخانا ئىزدىدىم، ئۇ مىنىڭ سائەت 4 تە تورغا چىقىشىمنى ئەتىگەن تىلىفۇن قىلغىنىمدا دىگەن ئىدى ،مەن تورغا چىققىنىمدا ئۇ مىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتىكەن،ئۇسالاملىشىپ بولغىنىمىزدىن كىيىنلا ،ئۆزىنىڭ باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىنى،ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ئەمدى بىلگەنلىگىنى،مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغانلىغىنى ئىيتتى،يۈرۈگۈم قارتلا  قىلدى،مەن خەتنى خاتا كۆرۈپ قالغان بولوشىمنى ئۈمۈت قىلىپ،قايتا ئوقودۇم، راسىت ئىدى، ئۇ مىنىڭ سەل ئالدىراڭغۇ ھەم  جاھىل ئىكەنلىكىمنى لىكىن مىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىمنى،مىنى ئۆزىدىنمۇ ياخشى قىزلار نىڭ چوقوم ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى،مىنى ئالدىغۇسى يوقلىغىنى،مەندىن چوقوم ئايرىلىدىغانلىغىنى،مىنىڭ ئەمدى تىلىفۇن قىلماسلىقىمنى ئىيتىپ توردىن چۈشۈپ كەتتى،مەن كوچا ئاپتۇبۇسى بىلەن مەكتەپكە قايتتىم،ئەمما يولدا نىمىلەرنى ئۇچراتقىنىم، ھىچ نەرسە ئىسىمدە يوق.مەكتەپ يىنىدىكى تىلىفۇنخانىدىن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم، ئۇ تىلىفۇننى ئىلىپلا نىمىشقا يەنە تىلىفۇن قىلدىڭىز؟بەك بىغەرەز ئىكەنسىز دەپ ئاچچىقلاپ تىلىفۇننى قويىۋەتتى، يۈرۈگۈم ئىچىشتى،كۆز ياشلىرىم تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى...پۈتۈن بەدىنىم باشقىچە بولوپ،پۈتۈن نىرۋىلىرىم قالايمىقانلاشتى،مەن ئازاپ تارتقانلارنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىېلىشىپ قالىدىكەن دەپ ئويلىدۇم..
مەن قايتا تىلىفۇن قىلدىم،تىلىفۇندىن ئۇلىنىش ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى،بۇ ۋاقىتتىكى بىر سىكونىت ۋاقىت پۈتۈن ئۆمرۈمدىنمۇ ئۇزۇن بىلىندى،يۈرۈگۈم سىيرىلىپ كەتتى،    ئازاپنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قىتىم ھىس قىلىۋاتقاندەك بولدۇم،ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە ھىس قىلدىم...
تىلىفۇننى ئۇنىڭ باشقا بىر ياتاقدىشى ئالدى،مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلىفۇننى پەقەت بىر مىنوت  ئىلىشىنى ئۆتۈندۈم...

80halta 2010-09-02 15:44
بۇنىڭ داۋامى خىلى بار ئوخشايدۇ. . .

abdukorax 2010-09-02 16:02
گەپنى تومتاق بولوپ قالمىسۇن دەپ تەپسىلىرەك يىزىشقا تىرىشىۋاتىمەن،ئەمىلىيەتتە مەنمۇ قىسقا مەزمۇنلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم،بىراق بۇ مىنىڭچە پۈتۈن قىرىنداشلارنى ،مەيلى چوڭ- كىچىك ھەممەيلەننى ئويلۇنۇپ كۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قارىغاچقا مۇشۇنداق يىزىپ سالدىم،ئاساسى مەخسەت ئەمدىدىن باشلاپ ئوتتورغا چىقىدۇ..
مەن بۇ توغورلوق يازارمەن دەپ ئويلىمىغان، ئەمما دەسلەپ ئىنكاس يازاي دىگىنىمدە بۇ گەپلەرنى چوقوم يىزىشىم كىرەك ئىكەن دەپ ئويلىدىم.ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئاددى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىۋاستە يىزىپ،بىر تەرەپتىن يوللاۋاتىمەن، مەن ھازىر يۇرتۇمدا ئەمەس،سىرتتا بولغاچقا تورخانىدىن يىزىۋاتىمەن،شۇڭا كۆپرەك يىزىپ يوللاشقا ئامال بولمىدى،بەزىدە تور ئۈزۈلۈپ قىلىپ تارتقان جاپايىم بىكار بولىدىكەن،
سىزنىڭچە بەك ئۇزۇن ھەم زىرىكىشلىك تۇيغۇ بىرىپ قويىدىغاندەكمۇ؟
تەكلىپ بىرىشىڭىزگە مۇھتاجمەن.

abdukorax 2010-09-02 16:06
ھەر ۋاقىت  چ چ ئارقىلىق تەكلىپ بەرسىڭىزمۇ  بولىدۇ 286743301

abdukorax 2010-09-02 16:58
ئەمىلىيەتتىمۇ يىقىندىن بىرى ئۇنىڭ روھى ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتاتتى،كەچ 9 لاردىن كىيىنمۇ ياتاقتا يوق،بازار ئايلاندىم دەيتتى.ئۇ سىنىپىدىكى بىر ئوغول بىلەن يىقىن ئۆتىۋاتىمەن،ئۇ مىنىڭ ئاكامغا ئوخشاش ھەم ھازىر ئۇمىنىڭ ئاتاق ئاكام بولدى دىگەندە مەن قەتئى توسقان ئىدىم.
ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالدىم دىگىنى، ئەنە ئۇ شۇ ئاتاق ئاكىسى بولوپ،ئاكا بولوپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭغا تەلەپ قويوپتۇ.
ئۇ ئوقوشقا بارغىلى ئىككى ئاي بولدى،ئۇنىڭدىكى ئۇ ئۆزگۈرۈشلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى،
بىز ئىلگىرى ھەر قىتىم كۆرۈشكۈنىمىزدە بولسۇن ياكى خىتىمىزدە بولسۇن ئىتقادىمىز،دۇنيا قارىشىمىز،ھاياتلىق مەجبۇرىيەتلىرىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشاتتۇق.
مەن دىنىي كىتاپلارنىمۇ ئازراق ئوقوغان ھەم ساتراشلىق قىلىۋاتقىنىمدا يۇرتىمىزدىكى دىنىي بالىلاردىن قىز ئوغوللا قول تۇتۇشۇش،چىش يىرىپ كۈلۈشۈش ،ھەتتا ئاياللارنىڭ سىرتقا ئوچوق بەدەن بىلەن چىقىشىمۇ گۇناھ دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان،ھەم مەن ئۇ گەپلەرنى ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپلەر دەپ قارىمايتتىم،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتلىرىمدىمۇ كاللامدا ئىگەم ئاللاھ مەن ھازىر گۇناھ قىلىۋاتامدىمەن دىگەندەك ئويلار كاممدىن پەقەت نىرى كەتمەيتتى،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان ھارپا كۈنى بىر كىچە ئۇخلىيالماسلىقىمدىكى سەۋەپ بولسا، بىر تەرەپتىن ئۇنى سۆيگەنلىكىمگە خۇشال بولسام يەنە بىر تەرەپتىن مەن ئىغىر گۇناھ قىلدىم،ئەسلى بۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى،ئىگەم ئاللاھ مىنى كەچۈرگىن دىگەندەك ئويلار بىلەن ئۇخلىيالمىغان ئىدىم.
ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى يۈزى تۆۋەن،ئىيمانلىق،ئاقكۈڭۈل،ئىرادىلىك قىز ئىدى.بىز ھەتتا ئۆز تەقدىرىمىز ئەمەس مىللىتىمىز كەلگۈسى ھەققىدىمۇ كۆپتىن كۆپ پاراڭلىشاتتۇق.ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلىرىمىز ھەم نىشانىمىز ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى،مەن ھەر قىتىملىق نامىزىمدا ئىگەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدەك بىر ياخشى قىزنى، ياخشى كۈرۈشنى نىسىپ ئەتكەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر ئىيتاتتىم،ئۇنىڭ ئامانلىغىنى ھەم ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئۈمىدىنى قەتئى يەردە قويماسلىقىمنى ،ئىككىمىزنىڭ بەختىنى تىلەيتتىم،ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ،نىشانىمنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى،ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالىشىمنى،ھەم ئىگەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشش قاتارلىقلارنى كۆپتىن-كۆپ تىلەيتتم.
ئۇ ئوقوشقا مىڭىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىركى دۈشەنبە كۈنى بىز ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى قوموشلۇققا باردۇق.بىز دەسلەپ پاراڭلاشقان بولساقمۇ سەل تۇرۇپ قۇچاقلاشتۇق ھەم تويماي سۈيۈشتۇق،ئۇنىڭ قوللىرى باشقىدىن كۈچلىنىپ كەتكەندەك مىنى ئۆزىگە چىڭ تارتىشقا باشلىدى،ھەم ئۇنىڭ تىنىقىمۇ جىددىيلىشىپ ئۇھسىنىشقا باشلىدى،ھەم مىنىڭ تىنىقىممۇ بەك جىددىيلىشىۋاتقان ئىدى,مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىزنىڭ نىكايمىزدىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا قەتئى چىقىلمايدىغىنىمنى،بۇنداق بولسا ئىككىمىزگە مەڭگۈ نىكاھ چۈشمەيدىغىنىنى ئىيتتىم،كاللامدا يەنىلا ئىگەم ئاللا مىنى كەچۈگىن،مەن گۇناھ قىلدىم،بىز بەندىلەرنىڭ قەلبىنى چۈشەنگۈچى پەقەت ئۈزۈڭ دەپ نىدا قىلىۋاتاتتىم.
شۇنىڭدىن كىيىن بىز بىر نەچچە قىتىم تىلىغۇندا پاراڭلاشتۇق.ئاندىن ئۇ ئوقوشقا كەتتى.
مانا ئككى ئاي بولار بولمايلا ئۇنىڭ بۇنداق تىز ئۆزگىرىشىگە زادىلا ئەقلىم يەتمەيتتى....

ئۇ تىلىفۇننى ئالدى،مەن ئۇنىڭ تىلىفۇننى قويىۋەتمەسلىكىنى ئۆتۈندۈم.ھەم ئۇنىڭدىن مەندىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكنى، ئۇنىڭ دىنىمىزغا خلاپ بولمىسىلا ھەر قانداق سۆزىگە ماقۇل دەيدىغىنىمنى،ئۇ ئوڭ دىسە ئوڭغا،سول دىسە سولغا ماڭىدىغىنىمنى،ھەممە ئىشلارنىڭ ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە بولىشىنى ئەمما مەندىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكنى دىدىم،ئۇ قوشولمىدى.
مەن بىزنى ياراتقان ئىگىمىز ئاللاھمۇ، ھەر قانچە ئىغىر گۇناھ قىلساقمۇ ،پەقەت تەۋبە قىلىپ يانساقلا بىزنى ئەپۇ قىلىدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ ماڭا پەقەت بىر قىتىم پۇرسەت بولىشىنى ئۆتۈندۈم،ئەمما ئۇ مەن ئاللاھ ئەمەس،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن دىدى،يۈرۈگۈم قارت قىلدى،ئۇ ئوغول بالىمۇ يىغلامدۇ؟سىزنىڭ نەرىڭىز ئوغول بالا دىدى...
مەن بوپتۇ ئامان بولوڭ ،سىلەرگە بەخىت تىلەيمەن دىدىم،ھەم ھازىرقى ئوغوللارنىڭ بەك ساختىپەز ئىكەنلىكى ئھتىياتچان بولىشىنى دەۋاتقىنىمدا ئۇ سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن بىلىمەن دەپ سىلكىشلىدى...
بىز خوشلاشتۇق...

80halta 2010-09-02 17:41
ئاۋۋال بىر تولۇق يېزىڭە!@

shamal 2010-09-02 17:51
مەنمۇ چالا قويماي ئوقۇۋاتىمەن-ھە، ئاخىرىنى ساقلاپ قالدىم...

abdukorax 2010-09-02 17:55
نەقىل
بۇ 46قەۋەتتىكى80halta يوللىغان 2010-09-02 17:41 غا قارتىلغان :
ئاۋۋال بىر تولۇق يېزىڭە!@

بۇ مىنىڭ ئىجادىيتىم ئەمەس مىنىڭ كەچۈرمىشىم،ھازىر ئەسكەرتىپ قويسىڭىز مەن يىزىش جەريانىدا دىققەت قىلسام بولىدىغۇ؟

abdukorax 2010-09-02 18:50
كۆكتىن تىك موللاق ئاتقاندەك بولدۇم،بۇ ئىككى ئاي ماڭا نىسپەتەن راسلا تەتۈر كەلدى.
ئۆزۈم ئارزۇلىغان كەسىپ ھەم مەكتەپتىن چاقىرىق كىلىپ بارالمىغاننى ئاز دەپ خيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر مەكتەپكە ئامالسسىز كەلدىم،ھەم خەنزۇتىلى ئۇخماي تۇرۇپ خەنزۇ بالىلار بىلەن ئوقوشنى تاللىدىم،ھىچ گىپىنى چۈشەنمەيمەن،ھەم بىر ئىغىز گىپىمنىمۇ چۈشەندۈرەلمەيمەن،ھەر كۈنى گاچىدەكلا ئاڭلاپ چۈشەنمەي،ھەم سۆزلىمەي ئۆتىمەن ،ھەر كۈنى چۈشلىكى كىتاپخانىغا بىرىپ 2سائەت كىتاپ ئوقويمەن،كەچ كۈتكۈچىلىك قىلىمەن ئاندىن كۇرستىن قايتىپ يەنە ئۈگىنىش قىلىمەن،ئۆيدىن يۈز ئۆرۈپ چىققان بولغاچقا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى ئەمەس،دوستلىرىم بولسا يۇرتتا بۇ كاتتا شەھەردە تىكەندەك يالغۇزمەن،ئەمدى بىردىن-بىر روھى تۈۋرىگىمدىن ئايرىلدىم...
جاھان ماڭا راسلا تار كەلدى،مەن ئەسلىدىنلا تۇغۇلۇپلا ئاتا-ئانام تىرىك يىتىم بولدۇم،ئۈگەيلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتىم،تاياققىمۇ پىشتىم،نەچچە رەت بوينىمغا ئۆز قولوم بىلەن سىرتماق سالدىم،نەچچە رەت دەريا بويىدىن ياندىم،قىشلىرى قەھرىتان قار ياغقان سوغوقلاردا ناۋاينىڭ تونورلىرىدا تىمىسىقلاپ يۈرگەن كۈنلىرىم ھەم بولدى. ...
ئىنسان ھىلىمۇ ئازاپتىن يىرىلىپ كەتمەيدىكەن...
مەن ئىلگىركى بارلىق ئازاپلارغا قەلبىمدە ئۇنى بار دەپ ،ئۆز نىشانىمغا قاراپ ئىلگىرلەپ كەلدىم دەپ ئويلايتتىم،ھەم ئۇ مىنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ،ئەھۋالىمنى تولوق چۈشىنەتتى،ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق قىلىشى راسلا بەك ئىغىر كەتتى...
ئۆلىۋىلىشنى ئويلىدىم،بىراق نەدىن ئاڭلىغان بولغىيدىم ئەگەر ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالسا ئىگىمىزنىڭ مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ،مەڭگۈ دوزىخى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغاچقا يەنىلا چىدىدىم ...
تاماقمۇ تۈزۈك  يىمەي  2كۈن ئۆتتى ،يىغلايمەن،سىنىپتا ساۋاقداشلىرىم ماڭا تەسەللىي بەرمەكتە ئەمما ئۇلارنىڭ گىپىنى چۈشەنمەيمەن،كىچە كۈندۈز يىغلايمەن 3-كۈنى ئەتىگەن سىنىپ مۇدىرىمىز بىر ئۇيغۇر ئوقوتقوچىنى باشلاپ سىنىپقا كىردى،ئۇيغۇر ئوقوتقوچى،  سىنىپ مۇدىرىڭىز  سىز بىلەن ئىشخانىدا ئايرىم پاراڭلاشماقچى مىنى تەرجىمە قىلىپ بىرىشكە چاقىردى دىدى.
مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا چىقتىم ئەمما گەپ باشلاپ بولغىچە يەنە كۆز ياشلىرىم تاراملاپ چۈشتى مەن گەپ قىلالمىدىم،مۇئەللىم ماڭا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى،نەچچە كۈن ئارام ئىلىپ دەرسكە كىرسەم بولىدىغانلىقىنى،نىمە ئىش بولوپ قالسا مۇئەللىمنى ئىزدىشىمنى،سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىشىمنى،قەيسەر بولوشىمنى تاپىلىدى...
كوچا ئاپتۇبۇسىدا مىڭىۋاتىمەن،نەگە بارىدىغىنىمنى،ھەم بارغىنىمنى بىلمەيمەن،يە قايتىپ كىلىمەن،قەدەملىرىم ئاستا ھەم روھسىز،بىشىم چۈشكەن.كىچىلىرى ئۇخلاش ئەمەس كۆز ياشلىرىم قۇرۇمىغان،يىرىم كىچىلەردە سىرتقا چىقىپ  يىغلايمەن،تاھارەت ئىلىپ كارۋىتىمدا ناماز ئوقويمەن...بىر كۈنى كىچە نامازدا سەجدىدە،كۆزۈمدىن يەنىلا ياش چۈشىۋاتاتتى،قەلبىم ماڭا گەپ قىلدى...بۇنداق قىلما،كۈنلەر ئۇزۇن،ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ،قىنى سىنىڭ 2004-يىلى12-ئاينىڭ 25-كۈندىكى پۈتۈن دۇنياغا خرىس قىلالىغۇدەك جۈرئىتىڭ؟ ئۆزىڭنى تىپىۋال،سەن كىچىكىڭدىن ۋايسىمىدىڭ،يىقىلدىڭ تۇردۇڭ،يازدىكى پژغىرىم ئىسسسىقتىكى بويوڭغا ماس كەلمىگەن ئىغىر ئەمگەكلەرگە،قىشتىكى جان ئالغۇ سوغوقلارغا،ھەم نۇرغۇن ئازاپلارغا چىدىدىڭ ،
بۇ قىتىم يەنە يىقىلدىڭ ئەمدى نىمىشقا تۇرمايسەن،تۇر ئورنىڭدىن،تۇرۇپ كەت دىدى قەلبىم...
مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ شۇ كىچىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن...


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بوھران --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.059749 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us