ئەسكەرتىش : مەزكۇر شېئرىي چاقچاق جەمئىي 20 كۇبلىت قىلىپ جەملەندى ، مۇشۇ تېما ئاستىغا يېزىلغان ، ئەتىراپلىق سەمىمىي تۈستىكى شېئىرىي چاقچاقلار ئەسلى ئاپتۇرى بىلەن بىرگە بېرىلدى .
بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە شېئىرىي چاقچاق
رادىل ئابلاغا
ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى پايدا قىلغاچ يۈرەككە سەھەر - كەچتە ماختايدۇ سىزنى بوۋام رادىلكا . گۇرۇھ بوپتۇ ئاڭلىساق << ئارمان >> يەنە زورىيىپ سالمىسىڭىز بولمامدۇ ماگىزىنغا تاماكا ؟
نۇرتاي ھاجىمغا
ئاۋام دىلدىن شاد بولدى سىز مەكتەپنى سالغاندا يېتىملەرنىڭ قەلبىدە ياندى ئۆچمەس بىر قۇياش . كەڭرى ئىكەن كۆكسىڭىز خۇددى چەكسىز دەريادەك ئۇدۇم بولسۇن بىزلەرگە سىزدەك سېخى ، مەرد ياشاش .
ئالىم ئەھەتكە
ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى سىزنى ئەلگە تونۇتتى يول ئالدىڭىز شۇندىلا ئەلنىڭ قەلب تۆرىگە . توختاپ قالماڭ بىر ئىزدا ، زەپەر قۇچۇپ ھەرزامان ھەتتا مىكروسوفتنى چۆرۈۋېتىپ كەينىگە .
ئابدۇللا ئابدىرېھىم ئاكىغا
( ئۇستاز )
<<ئۇزاق يولنى>> باستىڭىز، گاھ قەلەندەر شاھ بولۇپ، <<رەنجىمە>> دەپ قويۇپلا چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ. شىركەتنىمۇ باشقۇرۇڭ، ناخشىڭىزنى تاشلىماڭ، ناخشىڭىزنى ئەل - ئاۋام ئاڭلىماقتا ياقتۇرۇپ.
مەمتىمىن ھوشۇرغا
<< ئالتۇن چىشلىق ئىت >> بىزگە تونۇش خۇددى سىز كەبى كۆرۈنمەيلا كەتتىڭىز دىلنى زار قىپ بۇ دەمدە . تەرجىمىگە كۈچەپلا ، يازمىدىڭىز ھېكايە سودا ئوتى ياندىمۇ چىقىش ئۈچۈن چەتئەلگە ؟
غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەدكە
خوتەن دەشتى چۆلىدە شىر ، بۆرىگە ئايلىنىپ شېئىر يېزىپ قان بىلەن ، جۇۋان ئىزدەپ يۈرەمسىز ؟ گۇگۇم باسقان بۇ دەمدە ياندى << ئەرنىڭ ئىپپىتى >> يار چېچىدىن دار ياساپ ، ئۆلىمەن دەپ يۈرەمسىز ؟
ئادىل تۇنىيازغا
<< مەن كەلدىم >> دەپ ياڭرىغان ناخشىڭىزنى ئاڭلىدۇق ئامانمۇ سىز ، ساقمىدۇ ئائىلىڭىز ئادىلكا ؟ خورما يېغى ئىپكەپسىز سەئۇدىدىن قايتقاندا بېرەرسىزمۇ بىز بارساق بىرەر باك ياغ بىكارغا ؟
مۇھەممەدجان راشىدىنغا
شېئىرىڭىز بەك بەلەن ، ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ << ھايات دېگەن مانا شۇ >> قەلبلەردە ياڭرايدۇ . يېزىڭ يەنە توختىماي ، ئىگىلسىمۇ قەددىڭىز ئەلنىڭ ئوغلى ھەر ۋاقىت ئەل قەلبىدە ياشنايدۇ .
چىمەنگۈل ئاۋۇتقا
<< بارسا كەلمەس يول >> بىلەن كەتمىگەنسىز يىراققا تاشلاپ قويۇپ يالغۇزلا بىزنى بۇندا پىراققا . ئەدەبىيات بېغىدا پورەكلىگەن بىر گۈلسىز ئۆتۈڭ ، ھەدە ناۋادا سەپەر بولسا بۇياققا .
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كرورانغا :
( ئەنۋەر ھىدايەت ) شېئىر يېزىپ كىچىچە، ئىشقا بېرىپ ئەتتىگەن ، ناشتا قىلماي چۈشكىچە، دائىم ئەسەر كۈرەمسىز . < ئىسسىق > دەيدۇ كورلىنى ،چىقىۋېلىپ تاغلارغا ، < قىرىق ياشلىق ئەر بىز > دەپ مەيدە كېرىپ يۈرەمسىز .
خەت يازدىڭىز ئوچۇقلا ھوشۇر قارى ئاكىغا مەقسەت نېمە زادىلا بىلەلمىدۇق بىز بۇنى . ئادەم ھايۋان ئەمەسقۇ ، يەنە ئاڭغا ئىگە ھەم ئارتۇق كۆرسەك بولامدۇ بىر ئادەمدىن ئېشەكنى ؟!!!
پەرھات تۇرسۇنغا
<< ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى >> يەر تەۋرەتتى دىياردا سەنئەت ھامان ئۆلۈمنى ئايرىپ چىقار بىر كۈنى . دوكتۇر بوپسىز ئاڭلىساق ، قالپاق ئەمدى چوڭ بوپتۇ ، ئوبزور يازسا جىم تۇرماڭ ، ھەيدەپ سۈرۈپ ھەممىنى .
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈككە
غەزەللەردىن سۇ ئىچتى چاك يىرىلغان قەلبىمىز بوز ئېتىڭىز چاپچىيدۇ تۈن نىسبىدە ، زۇلمەتتە . تۈرۈكلەرنىڭ بېگى سىز ، بەردەم ئېلىڭ قەدەمنى مەلھەم بولۇڭ دىللارغا يۈرىۋەرمەي ھەسرەتتە .
مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى
ئەزىزانە قەشقەردە گۇگۇم ماراپ تۇرغاندا چاتقاللاردا مۆكۈنۈپ توشقان ئوۋلاپ يۈرەمسىز ؟ ئۆرۈم چاچلار ئايلانسا جادۇگەرنىڭ قولىغا خۇددى بەردەم پەرھاتتەك تاغنى تالقان قىلامسىز ؟
( 2 )
ئادىل مىجىتكە
<< مەن ساقچى >>نى ۋايىغا يەتكۈزدىڭىز بىلىمىز ئەمما يەنە سەھنىدە لىپتىك تاقاپ يۈردىڭىز . قايتسىڭىز گەر شۇ پىتى ئۆيىڭىزگە ئادىلكا نېمە دەپمۇ چاقىرار شۇ ئەسنادا قىزىڭىز .
ئابدۇكېرەم ئابلىزغا
ئىتوت ئويناپ سەھنىدە ، ئەل - ئاۋامنى كۈلدۈرۈپ << چولپان >> دېگەن بۇ نامنى قان تەر بىلەن ئالدىڭىز . نېمە دەيمىز بىز يەنە كۈپكۈندۈزدە كوچىدا بىر ئېشەكنى دادا دەپ ماتەم تۇتۇپ يۈرسىڭىز ؟!
ئايشىگۈل مۇھەممەدكە
<< ئاق بېلىق >> نى ئېيتتىڭىز ئاق دەريادا ئۈزگەندەك چىشلەپ قالدۇق لەۋلەرنى دىللار شۇتاپ لال بولۇپ . شادلىناتتۇق سىزدىن بىز يۈرسىڭىز گەر مۇبادا قىسقا چاچنىڭ ئورنىغا ئۆرۈم - ئۆرۈم چاچ قويۇپ.
<<مەن دولان >> نى ئېيتتىڭىز كۆيۈپ خۇددى گۈلخاندەك ، << ئۇيغۇرنىسا >> قەلبتە مۇڭ تۆكىدۇ ھېلىمۇ . مىللىي روھقا تويۇنغان ئىجادىڭىز ھەر زامان مۇزىكىدەك چىڭ بولسۇن ناخشىڭىزنىڭ بېلىمۇ .
مەمەتجان روزى سايىتقا :
( ئەنۋەر ھىدايەت )
كىلىشتۇرۇپ دورايسىز ئارتىسلارنى سەھنىدە ، ئۈگەنگەنمۇ بۇ ئىشنى كىچىك چاغدا-يەسلىدە . دوراش بىلەن ئىش پۈتمەس،سىزمۇ كۈيلەڭ دېھقاننى ، بىلىپ قېلىڭ مەمەتجان سىزمۇ شائىر نەسلىدە!
مۆمىنجان ئابلىكىمگە
<< چۈشۈمدە سەن >> قالغانتى مۇقاملاردىن يىراقتا << سېغىنىمەن >> تونۇتتى سىزنى رەسمىي ئاۋامغا . پۇتلاشتىڭىز خىلى ۋاق ئۆزگە يولدا ئېزىقىپ ئالدىڭىزدا تاغ تولا ، سەل قارىماڭ داۋانغا .
ئەسكەرتىش : مەزكۇر تېمىنى ئەلكۈيىدىن باشقا ھەرقانداق توربېكەتكە چىقىرىشقا بولمايدۇ . |