رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ] -> ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

saharguli 2010-08-09 17:17

ئايال _ ئانا .

ئانا ھاياتنىڭ گۈلى ،
بالا ئۇنىڭ بۇلبۇلى .

ئانا مېھرىبان ،
ئاتا غەمگۈزار .

ئانا سۈتى بىلەن كىرگەن ئەقىل ،
كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.

ئانا ئون بالىنى تويدۇرىدۇ ،
ئون بالا بىر ئانىنى تويدۇرالمايدۇ .

ئانا ئايىغى بىلەن بۆشۈك تەۋرىتەر ،
قولى بىلەن روزغار تەۋرىتەر .

ئايال يەردىن چىققان ئەمەس ،
ئەر ئۇنىڭ ئاتىسى .
ئەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس ،
ئايال ئۇنىڭ ئانىسى .

ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈر ،
بالاڭنى قولۇڭدا كۆتۈر .

ئانىسى ئويلاپ يۈرۈيدۇ ،
بالىسى ئويناپ يورۇيدۇ .

ئانىسى بار بالا ،
چىرايلىق لالە.

ئانام بىلەن ئاتام بار ،
ئالتۇندىن قانىتىم بار .

ئات ئاتىدىن ،
ئادەم ئانىدىن .

ئاتا قول بولسا ،
ئانا يۈرەك .

ئاتىدا قالغان كۈل يېتىم ،
ئانىدا قالغان گۈل يېتىم .

ئانىلىق بالىنىڭ ئاغزى ئوينار ،
ئانىسىز بالىنىڭ كۆزى ئوينار .

ئاتا دېغى قايدۇرار ،
ئانا دېغى كۆيدۈرەر.

ئاتا__ ئەقىل ،
ئانا__ ئىدراك.

ئاتا قارغىشى ئوق ،
ئانا قارغىشى دوق .

ئانىلىق ئۆينىڭ ئارى بار ،
ئاتىلىق ئۆينىڭ زارى بار .

ئاتا بالىسىغا يامان مەسلىھەت بەرمەس ،
ئانا بالىغا يامانلىق ئويلىماس .

ئاتا كۆرگەن يول پىچار ،
ئانا كۆرگەن تون پىچار .

ئاتىدەك غەمگۈزار قايدا ،
ئانىدەك مېھرىبان قايدا .

بالا ئانىسىنى يامان دېمەس ،
ئىت ئىگىسىنى گاداي دېمەس .

بالىغا ئاتا قورغان ،
ئانا قۇربان .

ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە ،
ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن .

ياشلىق تەلۋىلىكىنى تاشلا بېشىڭدىن ،
ئانا خىزمىتىدە بولغىن يېشىڭدىن .

ئاناڭدىن باش تارتما ،ئاشمىسۇن مۇڭى ،
شەرەپنىڭ تاجىدۇر پۇتتىكى چېڭى .

يوق بىزدە ئانىدەك مېھرىبان ،
كۆكرەككە قالقان ، باشقا سايىۋەن .

ئانا مېھرى تاشنىمۇ ئېرىتىدۇ .

ئانا مۇھەببىتى ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەت .

ئانا سەۋرى چەكسىز .

ئانا ئۆزى نەم يەردە ياتسىمۇ ،بالىلىرىنى قۇرۇق يەردە ياتقۇزىدۇ .

ئاناڭنى سۆيسەڭ ،باشقىلارنىڭ ئانىسىنى سۆكمە .

ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈرۈپ ھەرەمگە ئاپارساڭمۇ ، ئانا ئەجرىنى ياندۇرالمايسەن .

ئانا مېھرى ھېچقاچان قېرىمايدۇ .

ئانىنىڭ مېھرىمۇ زور ،قەھرىمۇ زور .

ئانىسى ئۇرسىمۇ ، بالا << ئانا >> دەپ يىغلايدۇ .

ئاناڭغا تۇخۇمنى ئالقىنىڭدا پىشۇرۇپ بەرسەڭمۇ ،ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمايسەن .

ئاتا-ئانا شەپقىتى سۇدا ئۆلمەس ،ئوتتا كۆيمەس .

بىر بالىلىق ئانىنىڭمۇ ،ئون بالىلىق ئانىنىڭمۇ قايغۇسى بىر خىل .

يول ئۈچ خىل كىشىلەرگە بوشىتىلىپ بېرىلىدۇ : ياشانغانلارغا ،بالىلارغا ۋە ئانىلارغا .

ئاتا كۈچلۈك تەربىيىچى ، ئانا قانۇنىي رىزىق بەرگۈچى .

ئەگەر سەن پەرزەنتىڭدىن ھۆرمەت ئۈمىد قىلساڭ ، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىلىشىڭ لازىم .

ئانا بالا ئۈچۈن بىرىنچى مەكتەپ .

ياخشى ئادەملەر كۆپەيسۇن دېسىڭىز ،ياخشى ئانىلارنى كۆپەيتىڭ .

ئايال __ ئىنتايىن ئۇلۇغ سۆز ، ئۇنىڭدا قىزلىق لاتاپىتى ،پىدائىيلىقى ۋە ئانا جاسارىتى بار .

ئاتا- ئانىغا بولغان مېھىر ، بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ بېشى .

"ئانا " سۆزى بالىلارنىڭ ئاغزىدا ياڭرايدىغان ، قەلبىدە جاراڭلايدىغان ئىلاھىي نامدۇر .

يىللار ئانىغا قايغۇ - ھەسرەتلەرنى ئەكەلسىمۇ ،ئۇنىڭ مېھرى كەملىمەيدۇ .

مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ھەممە كىشى دوست ،  پەقەت ئانىلا مەغلۇپ بولغان چاغدىكى ھەمرا .

ئانىسىنى  يىغلاتقان كىشى مەرتىۋىسى قانچىلىك يۇقىرى ۋە قانچىلىك داڭدار شەخس بولسۇن ، ئۇ قەبىھ شەرمەندىدۇر .

ئانىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ بىر تەبەسسۇم ساقلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ ، تەڭرى ئانىلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مېھرى- مۇھەببەتتۇر .

ئانىنىڭ بالىنى سۆيۈش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولىدۇ . ئانا پەرزەنتىنى باغرىغا باسقاندا پۈتۈن غەم- ئەندىشىنى ئۇنتۇيدۇ .

بىر ئايال ھۆرمەتلىك بولاي دېسە ،ئالدى بىلەن ئانا بولسۇن .

ساغلام ، بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ساغلام ،بەختىيار ئانىلار بولۇشى كېرەك .

دۇنيادا ئۆز ئاناڭدەك سەمىمىي دوستۇڭ يوق .

ئانا __ بالىنىڭ بىرىنچى تەربىيىچىسى ۋە مۇئەللىمى .

مېھرىبان ئانىدىن ئايرىلغان بالا گۈلدانغا قىستۇرۇپ قويغان گۈلگە ئوخشايدۇ . رەڭگى ،پۇرىقى بولسىمۇ ، يىلتىزى يوق .

مەنبە : توختى ھاجى تىللا تۈزگەن << ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر>> دىن .

arslan 2010-08-09 18:54
سەھەر گۈلى سىزنىڭ مېھرىبان ئانىلىرىمىز توغرىسىدىكى بۇ تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم . بۇلارنى يوللاپ ياخشى قىپسىز . مەنمۇ ئانا توغرىسىدىكى ئەقلىيە سۆزلەردىن يوللاپ قويدۇم  :
1. دۇنيادىكى بارلىق شان - شەرەپ ۋە پەخىرلىنىشلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى - ئانا . ___ گورگى
2. مېنىڭ ھاياتىم ، كۆزۈمنى ئېچىپلا ئانامنىڭ چېھرىنى كۆرۈشتىن باشلانغان . ___ گورگى ئېلىوت
3. ئانا _ تۇغما پەيلاسوپ . __ سىتور خانىم

padixa 2010-08-09 19:44
  سەھرا گۈلى سىزگىمۇ ، ئارسلان سىزگمۇ كۆپ رەھمەت . ھەقىقەتەن ئېسىل تېما يوللاپسىز سەھرا گۈلى  ،  نادىر تېمىلىرىڭىزغا  ئېنتىزارمىز  ...

zakiya 2010-08-09 20:09
ئانىلار ئۇلۇغ .ئانىلار مۇھەددەس،ھەر بىر بالا ئۈچۈن ،
تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت

sumaya0999 2010-08-09 23:06
ئاتا توغرىلىق يىزىلغان بۇ تىمىڭىزنى كۆرگىنىمدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم بەك ياخشى يوللاپسىز.....

جەننەت  ئانىلىرىمىزنىڭ ئايىغى ئاستىدا...........

saharguli 2010-08-10 09:08
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىpadixa يوللىغان 2010-08-09 19:44 غا قارتىلغان  :
  سەھرا گۈلى سىزگىمۇ ، ئارسلان سىزگمۇ كۆپ رەھمەت . ھەقىقەتەن ئېسىل تېما يوللاپسىز سەھرا گۈلى  ،  نادىر تېمىلىرىڭىزغا  ئېنتىزارمىز  ...

سەھرا گۈلى دەپ ئاتىسىڭىز "ھە !" دېمەيمەن ،سەھەر گۈلى ئىدىم .

layli 2010-08-10 12:19
ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن
اللا  ئەزىزلەرنىڭ تىنىنى ساغلام ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلسۇن !

ئاناڭنى سۆيسەڭ ،باشقىلارنىڭ ئانىسىنى سۆكمە ___   كۆپ ھاللاردا كىشلەر بۇنىڭ بىلەن ھىساپلاشمايدۇ

marwayt 2011-05-16 13:25
نىمە دىگەن ئىسىل تىملار بۇ تىما ئىگىسىگە كۆپتىن   كۆپ رەخمەت ئاللاھ ئىگەم قوللۇرۇرىڭىزغا دەت بەرمىگەي.........................................

iu8241 2011-09-17 10:26
考 试科目自考,学历文凭,电大,学校补考, 成人高考,研究生入学考试,GCT工程硕士,MBA考试,职称资格类,会计上岗证,中级会计职称,注册会计师,注册税务师,统计初/中级资格,审计初/中级资格,地方公务员,国家公务员,建造师一/二级,造价工程师,经济师初/中级,环境影响评价工程师,注册建筑师,注册资产评估师代 考,注册土木工程师考 试答案,注册安全工程师替 考,注册电气工程师,注册结构工程师,注册城市规划师,注册资产评估师,注册设备监理师,价格鉴证师,中级软件工程师,高级软件工程师,计算机等级一/二/三,教师资格,助理医师,执业医师, 执业护士,日语,执业药师,报关员,报检员,导游资格,司法考试, 大学英语四/六级,公共英语二/三/四级,职称英语A/B/C级,英语专业四/八级,同等学历硕士学位英语,博士英语,雅思代 考,托福代 考,成人英语三级,商务英语(初/中/高),Jtest,证券,GMAT考 试,软 考,MPA,acca,我们还有多种真实文 凭证 书办理,考 试答 案,修 改分 数,助 考和考 试设备详情请登陆永久域名:www.xgttk.com/客服Q Q 287985985


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038479 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us