رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> تارىختىكى بۈگۈن -> تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

maxal 2010-06-05 21:45

 
تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە
 
 

1910-يىلى6-ئاينىڭ 5- كۈنى ھىكايە پىرى ۋو-گېنرى ۋاپات بولغان.

1941-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى چوڭچىڭدا ھاۋا مۇداپىيە  تونىلى قانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن

1944-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى  نورماندىيەدە ئىتتىپاقداش ئارمىيە قۇرۇغلۇققا چىققان

1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى 3- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتىلىغان.

1972-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى دۆلىتىمىز گېرىتسىيە بىلەن دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

2003-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى «نىيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.

 

 
 

 
 
 

 

 

 

 



مەنبە:http://news.sohu.com/s2008/jintian/


paxa 2010-06-05 23:23
يەنە 50 يىلىدىن كىيىن بۇگۇنكى كۈندە چەۋرىلىرىمىز بۇۋام موماملار ئەلكۈيى دىگەن تور بەتتە بىزگە خەجلەيدىغانغا پۇل يىغماي ، پۇلىنى تورغا ئىسراپ قىلىپ ئولتۇراتتى دەپ ھەسرەت چىكىپ تىلىمىسىلا بولاتتى ...شۇندداق بولسا روھىمىز بەكلا قورۇنۇپ قالىدۇدە .

~malika~ 2010-06-05 23:26
بىزنىڭ ئۆتىۋاتقان ھەر بىر كۈنلىرىمىزدە نۇرغۇنلىغان شەرەپلىك ھەم رەزىل ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن.
پەقەت تارىخ قايتىلانمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئالاھىدە ئىشلار ئورنىدا خاتىرلىنىپ قالغان.......

kun^kiz 2010-06-05 23:43
تارىخ ئۇ ئۆتمۇشنىڭ گۇۋاھچىسى  ئۇ ھەرگىىزمۇ كەلگۈسىنىڭ جاكارچىسى ئەمەس .

مۇبارەك 2010-06-05 23:45
ئاز ئادەم ياشاۋاتىمىزمۇ يەر شارىدا. تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە ئېنىقكى نۇرغۇن ئىشلار بولغان.

پەقەت «تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ» غانلىقى ئۈچۈن، خاتىرلىنىپ قالغانلىرى مۇشۇلارلا بولسا كېرەك.

بەلكىم تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەرشارىنىڭ مەلۇم يېرىدە، مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك قىز ئۇرۇش بالايىئاپىتى تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئاچارچىلقتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. يەنە نۇرغۇن، نۇرغۇن...بىز ئەسلى ئويلاپ باقمىغان ئىشلار بولغان بولىشى مۇمكىن...

bizar 2010-06-06 02:07
نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىدا ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشى بەك چوڭ سەۋەب بولغان . يەنى 1944 - يىلى 5 - ئىيۇن ئەنگىلىيە بوغۇزىدا  قاتتىق بوران چىقىپ ، شىددەتلىك دولقۇن پەيدا بولىدۇ . غەربىي لىنىيىدىكى نېمىس گېنىراللار ئىتتىپاقداش ئارمىيە بۇنداق چاغدا ھۇجۇم قىلمايدۇ ، دەپ ئويلاپ ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى دېڭىز ياقىسىدىكى چارلىغۇچى پاراخوتلارنى ئەكىتىدۇ . ئەمەلىيەتە ، ئېزىنخاۋېر مۇشۇ چاغدا يولغا ئاتلىنىپ بولغان بولىدۇ . "قۇملۇق تۈلكىسى " دەپ نامى بار ، ھەممىمىزگە ئىسمى بەك تونۇشلۇق بولغان روممېلمۇ ( روممېل بۇ چاغدا   نورماندىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋاتقان )  ھاۋارايى پونكىتلىرىنىڭ دوكلاتى ۋە بەزى بىر قىسىم ئاخباراتلارنىلا كۆزدە تۇتۇپ ، بۇ كۈنلۈك ۋەزىيەت توغرىلىق دوكلات تەييارلاپ ، غەربىي لىنىيىدىكى نېمىس ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى رۇدستېدقا ، "دۈشمەن ئارمىيىسى ھازىرچە ھۇجۇمغا ئۆتەلمەيدۇ~"  دەپ دوكلات قىلىدۇ . نېمىسلار ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قاچان ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ، قەيەردە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلالماي قالىدۇ . روممېل بىلەن رۇدستېد كالاي رايونىدا بولىدۇ ، دەپ قىياس قىلىپ ، ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن ، داڭدار گېنىراللارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ . ئەكسىچە ، ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا قوماندانلىق شىتابى ھىيلە ئىشلىتىدۇ . ئۇلار يالغاندىن خەۋەر تارقىتىپ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى كېنتتا ئىكەن ، دېگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ ، داڭقى چىققان ، باتۇر ، تەجرىبىلىك ، تانكىغا ماھىر ، ئۇرۇش يولۋىسى ، ئامېرىكىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق گېنىرالى پاتتوننى كوچىدا سەيلە قىلدۇرۇپ ، گېرمانىيىە ئاخباراتچىلىرىنى "پاتتون ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىكەن " دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان تېرە تاراقشىتىش بىلەن بۇ جەڭ باشلىنىدۇ . نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىدە نۇرغۇن داڭلىق گېنىراللار بولغان .... "ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈن " فىلىمىنى كۆرگەنلەر بەك بىلىدۇ بۇ جەڭنى .

lukqak 2010-06-06 11:36
ئۈستىدىكى بىزار خانىمنىڭ ئىنكاسدىن سۈيۈنمەي تۇرالمىدىم.ئەسلىدە مەن ئارزۇ قىلغان مۇنبەر ۋە مۇنبەردىكى ئىنكاسلار مۇشۇنداق بۇلىشى كېرەك ئىدى،بىزنىڭ مۇنبەردىكى نۇرغۇن تورداشلىرىمىز تېمىنى ئوقۇماي ئىنكاس ئۇقۇپ مەخسۇس قۇرۇق ئىنكاس يازغىلى مۇنبەرگە كىرىدۇ،توۋۋا نۇرغۇن قۇرۇق ئىنكاس يازىدىغان خەقنىڭ باشقا ئىشى يوقمىكىنە؟

نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئاياغلىشىغا پىلتە يېقىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىشىنىڭ ئاخىرلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇرۇشقۇ دەيمەن،ئەينى چاغدا ياۋرۇپانىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئىگەللەپ بولغان نىمىس ئارمىيەسى ئوزۇق - تۈلۈكنىڭ يىتىشمەسلىكى ھەم ھەربىي تاكتىكىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەنلىك بۇ قېتىمقى جەڭدە زور تالاپەتلەرنى تارتقان.جەڭنىڭ توققۇزى رەڭ،بىرسى جەڭ دېگەن شۇ بولسا كېرەك ئېھتىمال.

rasqillh 2010-06-06 18:59
تەغدىر دىگەن سوز ئەسلى ئالدىن بىكىتىش دىگەن بولىدۇ ئالەم گە قارىساخ ئاي كۇننڭ ئوز ئو قىدا ئايلىنىشى توت پەسىلنىڭ ئالمىشى
يامغۇرنىڭ يغىشىدىن بۇرۇن شامال چىقىپ ئاگگھلاندۇرشى  شۇنۇڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئشلار بارھەمىسى ئالدىن ئورونلاشتۇرغان
ئالەمگە نىسپەتەن يەرشارى بىر.زەرىچە شۇنڭغا ئوخشاش بۇزەرىچىدىكى ياشاۋاتقان ئنسان تىلغا ئالغۇچىلقى يوخ مەخلۇخ
سەۋەپ قىلىمىز چىقان.نەتېجە قانداخ بولشدىن قەتتى نەزەرئۇ تەغدىر بوللاىدۇ

mavlan 2010-06-06 23:46
مۇمكىن بولسا  بىز  ئۇيغۇرلارنىڭمۇ  تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە  قانداق ئەھمىيەتلىىك ئشلارنى
قىلغانلىقىنى   ئەلكۇيى مۇنبىرىدىكى ھەر بىر قېرىندىشىم ئۇقىدىغانلىرى بولسا يوللىسا  بىزمۇ
ئۆز مىللىتمىزنىڭ تارىختا  قانداق ئەھمىيەتلىىك ئشلارنى قىلغانلىقىنى ئۇققان بولساق بەك ياخشى ئىش بوللاتتى...

babur 2010-06-06 23:57
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىbizar يوللىغان 2010-06-06 02:07 غا قارتىلغان  :
نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىدا ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشى بەك چوڭ سەۋەب بولغان . يەنى 1944 - يىلى 5 - ئىيۇن ئەنگىلىيە بوغۇزىدا  قاتتىق بوران چىقىپ ، شىددەتلىك دولقۇن پەيدا بولىدۇ . غەربىي لىنىيىدىكى نېمىس گېنىراللار ئىتتىپاقداش ئارمىيە بۇنداق چاغدا ھۇجۇم قىلمايدۇ ، دەپ ئويلاپ ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسى دېڭىز ياقىسىدىكى چارلىغۇچى پاراخوتلارنى ئەكىتىدۇ . ئەمەلىيەتە ، ئېزىنخاۋېر مۇشۇ چاغدا يولغا ئاتلىنىپ بولغان بولىدۇ . "قۇملۇق تۈلكىسى " دەپ نامى بار ، ھەممىمىزگە ئىسمى بەك تونۇشلۇق بولغان روممېلمۇ ( روممېل بۇ چاغدا   نورماندىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋاتقان )  ھاۋارايى پونكىتلىرىنىڭ دوكلاتى ۋە بەزى بىر قىسىم ئاخباراتلارنىلا كۆزدە تۇتۇپ ، بۇ كۈنلۈك ۋەزىيەت توغرىلىق دوكلات تەييارلاپ ، غەربىي لىنىيىدىكى نېمىس ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى رۇدستېدقا ، "دۈشمەن ئارمىيىسى ھازىرچە ھۇجۇمغا ئۆتەلمەيدۇ~"  دەپ دوكلات قىلىدۇ . نېمىسلار ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قاچان ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ، قەيەردە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغانلىقىنى توغرا پەرەز قىلالماي قالىدۇ . روممېل بىلەن رۇدستېد كالاي رايونىدا بولىدۇ ، دەپ قىياس قىلىپ ، ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن ، داڭدار گېنىراللارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ . ئەكسىچە ، ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا قوماندانلىق شىتابى ھىيلە ئىشلىتىدۇ . ئۇلار يالغاندىن خەۋەر تارقىتىپ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى كېنتتا ئىكەن ، دېگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ ، داڭقى چىققان ، باتۇر ، تەجرىبىلىك ، تانكىغا ماھىر ، ئۇرۇش يولۋىسى ، ئامېرىكىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق گېنىرالى پاتتوننى كوچىدا سەيلە قىلدۇرۇپ ، گېرمانىيىە ئاخباراتچىلىرىنى "پاتتون ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىكەن " دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان تېرە تاراقشىتىش بىلەن بۇ جەڭ باشلىنىدۇ . نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىدە نۇرغۇن داڭلىق گېنىراللار بولغان .... "ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈن " فىلىمىنى كۆرگەنلەر بەك بىلىدۇ بۇ جەڭنى .


ئىىتپاقداش ئارمىيەنىڭ نورماندىيەدىن قۇرۇلۇققا چىقىپ كەڭ كۈلەمدە غەلبىگە ئېرىشىشىدە،ئىزىنخاۋىر ،پاتتونلارنىڭ تاكتىكا كاللىسىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.لېىكىن مەن كۆرگەن ماتىرياللاردا قۇملۇق تۈلكىسى بولغان روممىل ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىدىن كىلەلمىگەن شۇنداقلا ئاخىرىدا ئىمپىريە شاھزادىسى دەپ ئاتالغان(كەچۈرۈڭلار ئىسمىنى ئۇنتوپ قاپتىمەن)ئوفىتسىرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ ئىمپىريىگە سادىق بۇلۇش ئۈچۈن زەھەر ئىچىپ ئۈلىۋالغان.نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش جىڭىگە رەھبەرلىك قىلىش شۇنداقلا تاكتىكا قوللىشىنش جەھەتتىكى لاھىيەسى گىتلىر تەرپىدىن رەت قىلىنغان.روممىل نۇرغۇن ھەل قىلغۇچ تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ،گىتلىرنىڭ يىنىدىكى نان قېپى ئوفىتسىرلار تەرپىدىن چەتكە قىقىلغان.ھەربى تاكتىكا جەھەتتە روممىلنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى ھەقىقەتەن يۇقۇرى.ئىتپاقداش ئارمىيىسىنىڭ مەخسوس روممىلنى قەستلەش ھەركەتلېرىمۇ مەغلوپ بولغان.
روممىلنىڭ زەر ئىچىۋالغان ۋاقتى بىلەن نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققان ۋاقتنى سىلىشتۇرۇپ باقساقلا بۇ ئايان بۇلىدۇ.

ئايتۇغ 2010-06-07 15:54
ھەقىقى ئىنكاسنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقسا دەيمەن بەزىلەر.
ئۈستىدىكى نەچچە تورداشنىڭ تەپسىلى،سەمىمى،ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلىرىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم.رەھمەت سىلەرگە!

xopur 2011-07-29 05:05
1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى 3- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتىلىغان.
.........................
نۇرغۇن تالاپەت يۇز بەرگەن ئۇرۇش.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- تارىختىكى بۈگۈنكى كۈندە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.037332 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us