رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- Autorun.inf ۋېرۇسىنى يوقىتىش ئۇسۇلى <ئار...> --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> Enternetبىلىملىرى -> Autorun.inf ۋېرۇسىنى يوقىتىش ئۇسۇلى <ئار...> [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

arxang 2010-05-31 12:59

Autorun.inf ۋېرۇسىنى يوقىتىش ئۇسۇلى

Autorun.inf ۋېرۇسى ھازىر كۆپلىگەن كومپيۇتېرلاردا ئوموملىشىپ كەتتى. ئاساسلىقى بارماق دېسكىدا تارقىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ۋېرۇس بولمىسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن ۋېرۇسلارنىڭ تارقىلىش ۋە كۆپيىشتىكى ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بارماق دېسكىنى قالايمىقان ئىشلەتسىڭىز، يەنى ئىشەنچىلىك بولمىغان كومپيۇتېرلار ياكى ۋېرۇس تازلىغۇچ قاچىلانمىغان، قاچىلىغان بولسىمۇ ۋېرۇس ئامبىرى يېڭىلانمىغان كومپيۇتېرلارغا بارماق دسكىنى سالسىڭىز، ياكى بولمىسا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىلىك بولمىغان بارماق دېسكىنى كومپيۇتېرڭىزغا چاتسىڭىز بۇ خىل ھۆججەت كومپيۇتېرىڭىزغا كۆچۈرۈپ قالىدۇ.  بۇ خىل Autorun.inf ھۆججىتى كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى قاتتىق دېسكا رايۇنى ئاساسىي مۇندەرىجىگە ۋە بىر قىسىم مۇھىم بولغان مۇندەرىجىلەر ئىچىگە ئورۇنلىشىۋالىدۇ، سىز شۇ مۇندەرىجىنى ئاچقان ۋاقتىڭىزدا ئەڭ ئالدى بىلەن Autorun.inf نىڭ بۇيرۇق توپلىمىدا كۆرسىتىلگەن بۇيرۇقلارنى ئىجىرا قىلىدۇ، ئىجىرا قىلغاندىكى نەتىجە ھەرگىزمۇ سىز كۈتكەن نەتىجە ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئالدىن بەلگىلەپ قويغان نەتىجە بولىدۇ، مانا بۇ خىل پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدىگە يىتىۋالىدۇ. بۇ بىر قىلتاق. سىز تۇيمايلا قالىسىز. ئەڭ چاتاق يىرى ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىۋىتىدۇ. ئۆچۈرۋىتەي دېسىڭىزمۇ، ئۆچۈرگىلى قويمايدۇ. ھەر قېتىم قاتتىق دېسكا رايۇنىنى قوش چىكىپ ئاچقان ۋاقتىڭىزدا ئېچىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن Autorun.inf نى بىر قېتىم ئىجىرا قىلىپ، بەزى ۋېرۇسلارنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا قولاي شارائىت تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نورمال مەشغۇلاتىڭىز قالايمىقانلىشىدۇ. ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزدا مانا مۇشۇنداق بىنورمال ھادىسلەر كۆرۈلگەندا ، ھەرقايسى قاتتىق دېسكا رايۇنى ئاساسىي مۇندەرىجە ئىچىگە قاراپ بىقىڭ، ئەگەر Autorun.inf نى بايقىسىڭىز بۇنى يوقاتساقلا بارلىق مەشغۇلاتىڭىز نورماللىشىدۇ. تۆۋەندە Autorun.inf نى ئۈزۈل - كېسىل يوق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
1. ئالدى بىلەن "开始" نىڭ ئىچىدىكى" 运行"  نى ئىجىرا قىلىڭ. چىققان كۆزنەكنىڭ بۇيرۇق يېزىش ئورنىغا CMD دەپ كىرگۈزۈپ، ئىنتېر كونۇپكىسىنى بېسىڭ. بۇنىڭدا DOS مەشغۇلات بۇيرۇق كۆزنىكى چىقىدۇ.
2.  ھەمدە ھەم نۇر بەلگىسى ئونىغا cd\  دەپ كىرگۈزۈڭ، ئىنتېرنى بېسىپ ئىجىرا قىلىڭ. (دىققەت: cd نىڭ كەينىدىكى " \ " بەلگىسى ئاساسىي مۇندەرىجىنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك سىز ئاساسىي مۇندەرىجە ئىچىگە يىنىپ چىقىسىز. )
3.  ئۇنىڭدىن كىيىن Autorun.inf ھۆججىتى بار قاتتىق دېسكا رايۇنىغا كىرىڭ. نۇر بەلگىسى بار ئورۇنغا  f: دەپ كىرگۈزۈڭ، ئىنتېرنى بېسىپ ئىجىرا قىلىڭ. (بۇ يەردە f دېسكا مىسال قىلىندى. " : " بەلگىسى f نىڭ كەينىگە كىلىدۇ.) بۇنىڭدا سىز  Autorun.inf ھۆججىتى بار قاتتىق دېسكا رايۇنىغا كىرىسىز.
4. نۇر بەلگىسى ئورنىغا md Autorun.inf دەپ يېزىڭ، ھەم ئىنتېرنى بېسىپ ئىجىرا قىلىڭ. (بۇ بۇيرۇقتا ئاۋال md ئاندىن Autorun.inf نى يازىسىز. مەنىسى:  Autorun.inf دەپ ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇش دىگەنلىك.)
5. نۇر بەلگىسى ئورنىغا cd\Autorun.inf دەپ كىرگۈزۈڭ، ھەم ئىنتېرنى بېسىپ  ئىجىرا قىلىڭ. (مەنىسى 4- باسقۇچتا قۇرۇلغان Autorun.inf ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە كىرىش دىگەنلىك بولىدۇ.)
6. نۇر بەلگىسى ئورنىغا md nokill\ دەپ يېزىڭ. بۇ باسقۇچ ھەممىدىن مۇھىم ( مەنىسى: nokill دەپ مۇندەرىجە قۇرۇش، بۇ بۇيرۇقتا ئاۋال md ، بوش ئورۇن قويۇپ كەينىدىن nokill، ئۇلاپلا " \ " نى يېزىڭ. )
بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ Autorun.inf نىڭ ئالدىنى مەشغۇلاتىمىز تاماملىنىدۇ. ھەم ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئەمدى سىز Autorun.inf ھۆججەتلىرىنى ئىزدەپ ئۆچۈرسىڭىز ئۆچۈرلىدۇ.


مەنبە؛ ئىنتىرنت.


arman1002 2010-05-31 14:00
بۇ بىر سائەتلىك دەرسلىك بوپتۇ،،،،،،،،،،،

palwan 2010-05-31 14:08
مەن سىناپ قاي

gvlsiri 2010-05-31 16:18
مەن بۇ تىمىنى ئىنكاسىم ئارقىلىق سېقلىۋېلىپ،ئاندىن ئۆيدىكى كومرىمنى تازا بىر تازلىۋالاي.ئاۋارە قىپتىمىز ....

karakqi 2010-05-31 17:24
ئاددىراق ئۇسۇلى يوقمىدۇ؟

xiho 2010-06-01 22:20
كېرەكلىك بىلىمكەن .ساقلىۋالاي!

almiqi 2010-06-01 22:25
    

tuhrak 2011-03-23 17:51
مىنىڭ بارماق دىسكامنى تۇنمايۋاتدۇ.  
قانداق  قىلمەن  ؟
بىلدىغانلار بارمۇ، ياردەم قىلڭلار؟

64351022 2011-03-23 19:43
360نى قاچىلاپ ئىشلىتىڭلار ..بارماق دىسكا دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ ۋىروسلىرىنى بەك ياخشى تازلايدۇ..

kurkum 2011-03-23 20:11
ئۇزۇن بولغان مەن Autorun.infنى باققىلى تۇرغىلى،بىر سىناپ باقايچۇ،قۇتۇلسام ئەجەب ئەمەس.

kurkum 2011-03-23 20:12
360 مۇ كار قىلمايدىكەن بۇ جاھىلغا.

teskin 2011-03-23 22:14
كىم ئۇنى ۋىرۇس دەيدۇ،ھەي...............................
   ئۇ  سېستىما ئاپتۇماتىك قويۇشنى بەلگىلەش ھۆجىجتى،   مىسال ئېكىس پى     پىلاستنكىلرىدا ئەزەلدىنلا ئىشلتىپ كېلنىۋاتدۇ.  

kutlan613 2011-08-23 21:32


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- Autorun.inf ۋېرۇسىنى يوقىتىش ئۇسۇلى <ئار...> --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.036294 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us