رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يان تېلفوننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى بىلىۋېلىڭ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> يانفۇن بىلىملىرى -> يان تېلفوننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى بىلىۋېلىڭ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

muhbir 2009-04-21 13:17

.يوشۇرۇنغان زاپاس باتارىيە:

ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ توكى ئاز قالسا، لېكىن داۋاملىق ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىز بولسا،#3370* نى باسسىڭىز يانفون قايتا قوزغىلىدۇ، قوزغالغاندىن كېيىن توك مىقدارىنىڭ %50ئاشقانلىقىنى كۆرىسىز،بۇنى ئىشلىتىپ بولۇپ يەنە توك قاچىلىشىڭىز كېرەك.لېكىن بۇ بەزى يانفونلارغا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. بۇنى پەقەت جىددىي ئەھۋاللاردائىشلىتىڭ!!!

2.جىددىي ئەھۋال ئاستىدا:

پۈتۈن دۇنيادىكى يانفونلاردا ئۇلىنىدىغان جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىش نومۇرى112دۇر!! سىز جىددىي ئەھۋالدا قالغان رايوندا سىگنال بولمىسىمۇ،112غا ئۇرسىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا توردىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.قىزىقارلىق يېرى شۇكى،يانفون كونۇپكا تاختىسى تاقاق ھالەتتىمۇ 112غا ئۇرالايسىز!!
يانفوننى ئاسراشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرى:


1.يانفونغا توكى تۈگىگەندە ئاندىن توك قاچىلىماڭ!!ھەرۋاقىت توكى تولۇق ھالەتتە تۇرسا، يانفوننىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ.چۈنكى ھازىر يانفونلاردا باتارىيە ئىشلىتىلىدۇ.

2.يانفون ھەققىنىڭ قويمىچىلىرىدىن ساقلىنىڭ!جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى 0000دەپ يېزىپ 10086غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز شۇ قويمىچىلارنىڭ مۇلازىمەتلىرى زادى قايسىلار ئىكەنلىكى يېزىلغان قىسقا ئۇچۇر قايتۇرىلىدۇ.00000دەپ يېزىپ 186201غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز بۇ قويمىچىلارنىڭ ھەممە مۇلازىمىتى قايتۇرىلىدۇ!!

3.بىر مىنۇتنى توشقۇزۇپ ئۇرماڭ!بىز ئادەتتە دەل بىرمىنۇت سۆزلىشىپ توختىيالىغىنىمىزغا خوش بولىمىز ، لېكىن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتىدەئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە 55سىكۇنت توشسىلا بىر مىنۇتقا ھېسابلىۋىتىدۇ.دېمەك،55سىكۇنتتىن 1مىنۇتقىچە سۆزلەشسىڭىز ئەمەلىيەتتە 2 مىىنۇتلۇق قىلىپ ھېسابلايدۇ.

4.يانفونغا سۇ كىرىپ كەتسە،ھېچقانداق كونۇپكىنى باسماڭ،بولۇپمۇ يانفوننى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى!!بۇنداق چاغدا قېپىنى ئېچىپ باتارىيىسىنى تېزدىن ئېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ!!

5.يانفون باتارىيىىسنى تىرىلدۈرۈش:
پۇلنى تېجەش ئۈچۈن،باتارىيە كونىرىسا يېڭىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق!! ماۋۇنى سىناپ بېقىڭ:
1)گېزىتتاباتارىيەنى ئوراپ،توڭلاتقۇغا 3كۈن سېلىپ قوياڭ.(توڭلىتىش  بۆلمىسىگە!)
2) 3كۈندىن كېيىن ئېچىقىپ ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا 2 كۈن قوياڭ.
3) 2كۈندىن كېيىن توك قاچىلاپ لىق توشقۇزۇڭ.
بۇ چارىنى مەلۇم بىر داڭلىق باتارىيە ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىدىكى ئىنژىنىر ئاستا دەپ بەرگەن!قېرىنداشلىرىم سىناپ باقسۇن.
6.يانفونىڭىزدا دائىم توك ئۈزۈلۈپ قالامدۇ؟ياكى توكنى لىق قاچىلاپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي توكى تۈگەمدۇ؟يانفونىمنىڭ ئۆمرى قىسقىراپتۇ دەپ گۇمانلىنامسىز؟
ئەنسىرمەڭ،بۇ پەقەت ئۇنىڭ ''يۈرەك سوقۇشىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قالغان''لىقى.  
قېرىنداش ئۆچىرىدىغان ئۆچۈرگۈچ بىلەن باتارىيەنىڭ ھېلىقى سېرىق مېتال يېرىنى پاكىز سۈرتۈپ بېرىڭ،ئۇ راستىنلا تىرىلىدۇ!

مەنبە چ چ تورى

qugluk 2009-04-21 17:22
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن .....رەخمەت سزگە داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ...

qalikuxi 2009-04-21 18:35
  ھەقىقەتەن بىلىۋىلىشقا  تىگىشلىك ساۋاتلار ئىكەن ،بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ،ئىلگىرىكى تىلفونۇم سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە ، رىمونىتخانىغا ئاپىرىپ ئاۋارە بولماس ئىكەنمەن. بوپتۇلا، ئۆمرى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ئۇ تىلفونۇمنىڭ ...

pakzat 2009-04-21 23:20
رەخمەت سىزگە مىنىڭ تېلىفۇنۇم پەقەت توك تۇتالمايدىغان بۇلۇپ قالغانتى سىناپ باقسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ..............



بىر مىنۇتنى توشقۇزۇپ ئۇرماڭ!بىز ئادەتتە دەل بىرمىنۇت سۆزلىشىپ توختىيالىغىنىمىزغا خوش بولىمىز ، لېكىن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتىدەئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە 55سىكۇنت توشسىلا بىر مىنۇتقا ھېسابلىۋىتىدۇ.دېمەك،55سىكۇنتتىن 1مىنۇتقىچە سۆزلەشسىڭىز ئەمەلىيەتتە 2 مىىنۇتلۇق قىلىپ ھېسابلايدۇ.



كەچۇرۇڭ مۇخبىر  ئەپەندىم ..........ئۇ خادىم سەل چەكتىن ئاشۇر ۋېتىپتۇ  ...........ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەھۋال يوق ...........سىز 5 سىكىنۇت سوزلىشىپ  قۇيىۋەتسىڭىز 1 مىنۇت ھىساپلايدۇ .............1مىنۇت 1 سىكىنۇت سوزلىشىپ قۇيىۋەتسىڭىزمۇ 2 مىنۇت ھىساپلايدۇ  بۇنىسىراس ..........  لىكىن ئۇ خادىم  دىگەندەك  55 سىكىنۇتتىن 1 مىنۇتقىچە سوزلەشسىڭىز 2 مىنۇتلىق قىلىپ ھىساپلايدۇ دىگىنى يالغان ............ئىشەنمىسىڭىز سىز  سائىتىڭىزغا قاراپ تۇرۇپ سوزلىشىپ بۇلۇپ چىڭدىنىڭىزنى  تەكشۇرۇپ بېقىڭ ............

armanlirim 2009-04-21 23:57
ئاۋۇ يۇشۇرۇن باتارىيە ئۇسۇلى مىنىڭ يانفۇنۇمغا قەتئى ماس كەلمەيدىكەن دىسە   مىنىڭكىسى پۈتۈنلەي ئىكراندىن بېسىلاتتى ، توك بولمىسا سان باسقىلى بولمايدۇ ، بولمىسا سىناپ باقاركەنمەن

tanhayurak00 2009-04-22 10:18
رەھمەت ياخشى تىمىكەن!
  

qalikuxi 2009-04-22 17:54
نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىarmanlirimنىڭ2009-04-21 23:57 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئاۋۇ يۇشۇرۇن باتارىيە ئۇسۇلى مىنىڭ يانفۇنۇمغا قەتئى ماس كەلمەيدىكەن دىسە   مىنىڭكىسى پۈتۈنلەي ئىكراندىن بېسىلاتتى ، توك بولمىسا سان باسقىلى بولمايدۇ ، بولمىسا سىناپ باقاركەنمەن

  تىلفونىڭىزنى  يۇشۇرۇن باتارىيە ئۇسۇلى ماس كېلىدىغان تىلفونغا ئالماشتۇرىۋىلىڭە بولمىسا.

armanlirim 2009-04-22 20:32
ئۇنداق قىلسامغۇ بۇلاتتى  چالىقۇشى خانىم ، بىراق ئۇنداق قىلسام ھۆپەپنى يۇڭدىماي يەيدىغانلارغا ئوخشاپ قالارمەن ، دۇنيادا ئۆلگەننىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يا ئۈلۈپ بېقىپ سىناپ باقىدىغان ئىش بولمىسا  
ئەڭ ياخشىسى بارغا شۈكرى قىلىپ ئىشلىتەي  

muzhahid 2009-04-25 12:30
ئوبدان چارىكەن

ئىز 2010-05-31 01:21
زاپاس باتارىيە ئۇسۇلى ئىشلىمەمدۇ قانداق ؟

kutlan613 2011-08-23 21:54
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن .....رەخمەت سزگە داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ...

tamkin0999 2011-09-08 23:35
رەخمەت  سـزگە  كۆپ بىلملەرگە ئگە  بولۇپ  كالدۇق  .

harsan 2011-09-09 01:43
مۇشۇنداق ياخشى ئىقتىدارلىرى باركەندە ئەسلىدە.

hadisa 2011-09-09 13:45
ۋاھ،،پەچەتكەنغۇ؟!!!ئەسلى ماركىلىق تىلفۇنلانىڭ دورىسىكەن بۇ

kadir1117 2011-09-10 14:14
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ، خۇدايىم چوقۇم ساۋابىنى بېرىدۇ

kalgen 2011-09-10 17:01
رەخمەت سىزگە . ئويدە بىرمۇنچە توكى تۇرمايدىغان تىلفونلار بارىدى. شۇلارغا سىناپ باقاي .

喀什姑娘 2011-09-11 00:11
ئەجەپ ياخشى بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلاركەن،مەن چوقۇم سىناپ باقىمەن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يان تېلفوننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى بىلىۋېلىڭ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.034281 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us