sarkarda |
2009-03-20 03:27 |
نەقىل: تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇش باسقۇچى ئاخىرلىشىپ بۇ يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا يېقىنلىشىپ قالغان ساۋاقداشلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولسا ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ مەكتەپ ۋە كەسىپ توغرىلىق چۈشەنچىسىگە ئازدۇر - كۆپتۇر پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بۇ تىما ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى . بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىنى ۋە كۆڭلىدىكى مەكتىپىگە كىرىپ ئۇقۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاش
ئىزدەنگۈچى
بۇ يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە نەچچە ئايلا ۋاقىت قالدى . تولۇق 3-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدىكى تەكراردىن قالسا ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئارزۇ تولدۇرۇش مەسىلىسى . ئالى مەكتەپ ئىشىكىدىن ئاتلاپ كىرىپ بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم تولۇقتىن ئالى مەكتەپكە چىقىشنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نوقتىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان بولىشى مۇمكىن . قانداق مەكتەپتە ئوقۇش ، قايسى مەكتەپتە ئوقۇش ، قانداق ساھەنى تاللاش ، قانداق كەسىپنى تاللاش شۇ بىر كىشىنىڭ كىيىنكى ئۆگىنىش ، تۇرمۇشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . ھالبۇكى ئارزۇ تولدۇرۇش مەسىلىسىدە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن قانداق ئارزۇ تولدۇرۇش ، قانداق كەسىپ تاللاش ھەققىدە ياخشىراق مەسلىھەتكە ئېرىشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولۇپ كەلدى . پەقەت مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكرى ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ قارارى ، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى دىگەندەكلەرلا بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئارزۇ تولدۇرىشىدا پايدىلىنالايدىغان ۋاستىسى بولۇپ كەلدى . شۇ تۈپەيلى قانداق ئارزۇ تولدۇرۇش ھەققىدە بەكرەك توختىلىش ، ئالى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ بولغانلارنىڭ كۆپرەك ئۆز تەجرىبە ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ بەرمىكى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى . شۇ مەقسەتلەر بىلەن بۇ تىمىنى باشلاپ ئازراق بىر نەرسە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم ، بولسا مۇنبەردىكى تورداشلار تېخىمۇ كۆپ تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرسەك ، تەجرىبە ساۋاقلىرىنى سۆزلىسەك ، تولۇقنى تۈگىتىش ئالدىدا تۇرغان ئىنى سىڭىللىرىمىز بۇنىڭدىن ئازتولا نەپ كۆرسە ئەجەپ ئەمەس .
1. نومۇر مۆلچەرلەش ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كىيىنكى بىرىنجى قىلىدىغان ئىش ياخشى بىر ئۇخلىۋالغاندىن كىيىن ئۆلچەملىك جاۋاب بىلەن ئۆزىنىڭ يازغان جاۋابىنى سېلىشتۇرۇپ نومۇرىنى مۆلچەرلەش . نومۇر مۆلچەرلەش ناھايىتى مۇھىم ، ئىمتىھان بېرىشنى بىلىپ نومۇر مۆلچەرلەشنى بىلمىگەنلىكى تۈپەيلى ئارزۇ تولدۇرۇشتا كەتكۈزۈپ قويغان مىساللارمۇ ئاز ئەمەس . شۇڭا ئىمتىھانغا تەكرار قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا سەل چارچاپ قالغىدەك بولۇپ ئارام ئالماقچى بولسىڭىز نومۇر مۆلچەرلەش ھەققىدىكى بەزى نەرسىلەرنى كۆرۈپ قويۇڭ ياكى ھىچبولمىغاندا ساقلاپ قويۇپ ئىمتىھان بېرىپ بولغان كۈنى كەچتە كۆرۈپ چىقىڭ .
تۆۋەندىكىسى بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ نومۇر مۆلچەرلەش ھەققىدە بەرگەن مەسلىھەتى : تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلىڭ : 1. بەزى مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسىنى توغرا تاپقان بولسىڭىزمۇ بىرەر قەدەم چالا قالسا ياكى بىرەر بىلىم نوقتىسى كام يېزىلسا ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىدۇ .
2. نەتىجە خاتا چىققان بولسىمۇ يەنىلا سىزنىڭ ئارىلىقتىكى توغرا قەدەم باسقۇچلىرىڭىز ، تىلغا ئېلىنغان بىلىم نوقتلىرىغا ئاساسەن نومۇر بېرىلىدۇ ، لىكىن بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ نومۇرىنى مۆلچەرلىگەندە نومۇرنى سەل تۆۋەنرەك مۆلچەرلەش كېرەك .
3. ئالاھىدە ئەھۋال : سىز يەشكەن ئۇسۇل بىلەن ئۆلچەملىك جاۋابتا بېرىلگەن ئۇسۇل ئوخشاش بولمىسا ئەڭ ياخشىسى مۇئەللىمىڭىزدىن مەسلىھەت سوراڭ . ( مېنىڭچە بۇنداق ئەھۋالدا نومۇر بېرىلمەيدۇ ، مېنىڭ ماتىماتىكا ئىمتىھان قەغىزىمدە شۇنداق ئەھۋال بولغان ، مەن ئىشلىگەن ئۇسۇل بىلەن ئۆلچەملىك جاۋاپتىكىسى ئوخشىمايدىكەن ، ماڭا ئۇ مىسالنىڭ نومۇرى بېرىلمىگەنىدى --- ئىزدەنگۈچى )
كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۆلچەرلىگەن نومۇرى بىلەن كىيىنكى نەتىجىسىدە چوڭ پەرىق كېلىپ چىققان ، بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇر مۆلچەرلەشنى بىلمەسلىكىدىن باشقا يەنە ئىمتىھاندا قانداق نەرسىلەرنى يازغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، ئۆلچەملىك جاۋابنى كۆرگەندىن كىيىن پىسخىك تەسىرنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنى توغرا دەپ قېلىشىمۇ سەۋەب بولغان . ( مېنىڭچە مۆلچەرلىگەن نومۇر بىلەن كىيىنكى نەتىجىنىڭ پەرقى 10-20 نومۇر ئەتراپىدا پەرىقلەنسە نورىمال ھىساپلىنىدۇ ، ئىچكىرىدە بۇنى تېخى چوڭ پەرىق دەپ ھىساپلايدىكەن . مېنىڭ ئەينى يىلىدىكى نەتىجەم مۆلچىرىمدىن 20 نومۇر يۇقىرى چىققان ، بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئەھۋالى بەكلا چاتاق ئىدى ، مۆلچىرىدىن 140-150 نومۇر تۆۋەن چىققانلارمۇ بولغان ، ھەتتا ئېنىق مۆلچەر قىلالمىغانلارمۇ بار ئىدى --- ئىزدەنگۈچى)
نەچچە تۈرلۈك مەسلىھەت : 1.نومۇر مۆلچەرلەشتىن بۇرۇن سىز ئىمتىھان سوئالىنى يەنە قايتىدىن ئىشلەپ بېقىپ (ھىچقانداق ماتىرىيال كۆرمەي ) ئاندىن ئۆلچەملىك جاۋاپقا سېلىشتۇرسىڭىز تېخىمۇ توغرا مۆلچەرلەشكە پايدىسى بار . ( مېنىڭچە بۇ ئانچە ياخشى ئۇسۇل ئەمەس ، ئەڭ ياخشىسى ئىمتىھان جەريانىدا تەمكىن بولۇپ ، جىددىلەشمەي يازسىڭىزلا يازغانلىرىڭىز ئېسىڭىزدە تۇرىدۇ ، ئۇنچە ئاسان ئۇنتۇپ قالمايسىز ---- ئىزدەنگۈچى )
2. ئىجتىمائى پەن سوئاللىرىنىڭ جاۋابى بايان قىلىشتا بىر قەدەر ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئومۇمىنومۇرنى مۆلچەرلەپ بولغاندىن كىيىن 5-10 نومۇر تۆۋەن مۆلچەرلەش تېخىمۇ مۇۋاپىق .
3. بەزى مىساللارنى سەل قاتتىقراق تەلەپ بىلەن مۆلچەرلىسەك بەزى مىساللارنى سەل بوشاشتۇرۇپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ ، ئومۇمى نومۇرغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس .
يەنە بىر قىسىم مەسلىھەتلەر : 1. ئوقۇغۇچى ئىسپاتلانمىغان فورمۇلا ، تىئورىمىلارنى ئىشلەتتىمۇ يوق تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك ، پەقەت كىتاپتا چوڭ قارا خەتتە بېرىلگەن فورمۇلا ، تىئورىمىلارنىلا بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، باشقا فورمۇلا ، تىئورىمىلارنى ئىشلەتمەكچى بولسا ئاۋال ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى ئىسپاتلىشى كېرەك . ئۇنداق قىلماي بىۋاستە ئىسپاتلانمىغان فورمۇلا تىئورىمىلارنى ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىدۇ .
2. ماقالىنىڭ نومۇرىنى مۆلچەرلىگەندە ئوتتىرىھال سەۋىيەدە مۆلچەرلەش كېرەك ، ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ جاۋابىنىڭ مۇقىم قېلىپى بولمىغاچقا قانداق بايان قىلىش ئەركىنلىككە ئىگە ، بۇ خىل ئەھۋالدا مۇھىم سۆز ، بىلىم نوقتىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغان ئېلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك .
3. چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا باھالاش كېرەك ، بەزى ئادەتتە ئۆگىنىشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن بولسىمۇ باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپ نومۇرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويىدۇ ، بەزى ئادەتتە ئۆگىنىشى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەن بولسا يەنە ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشى ، ئەيىپلىشىدىن ئەنسىرەپ نومۇرنى يۇقىرى مۆلچەرلىۋالىدۇ ، بۇنداق قىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق ، شۇڭا چوقۇم ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مۆلچەرلەش كېرەك .
4. ئەگەر ئوقۇغۇچىنىڭ خېتى سەت ، يازغان جاۋابى رەتلىك ئەمەس بولسا ئومۇمى نومۇرنى مۆلچەرلەپ بولغاندىن كىيىن يەنە ئازراق تۆۋەن مۆلچەرلەش كېرەك .
2.كەسىپ تاللاش ئارزۇ تولدۇرۇشتا كەسىپ تاللاش 1
تۆۋەندىكىسى كەسىپ تاللاشقا ئالاقىدار بايانلاركەن ، قارىسام ئىشلىتىش قىممىتى بار .
ھىسسىي قىزىقىشىغا قاراپ كەسىپ تاللاش ياخشى ئەمەس . ئالدى بىلەن مۇنداق ئىككى ئەمىلىي مىسالنى كۆرەيلى : 1. 1999-يىلى خېنەن ئۆلكىسىدىكىن چېن زۇڭيىڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىغا ئىلىكتىر قۇرۇلۇشى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ، لىكىن مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن كەسىپكە قىزىقماسلىق تۈپەيلى نەچچە پەندە لاياقەتسىز بولۇپ ئىككى يىلدىن كىيىن ئوقۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان . 2.2003-يىلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىدا دوكتۇرلۇق باسقۇچىغا بېرىپ بولغان ئوقۇغۇچى لىيۇ لى ئۆزى ئوقۇغان خىمىيە سانائىتى رىئاكسىيە قۇرۇلىشى كەسپىگە قىزىقمىغانلىقى تۈپەيلى ئوقۇشىنى تاشلاپ قايتىدىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن . لىيۇ لى كىيىن ماتىماتىكا ئۆزىنىڭ ئاجىز نوقتىسى ئىكەنلىكىنى ، لىكىن ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى شۇڭا سانائەت پەنلىرى ، ئىجتىمائى پەنلەر ، سەنئەت ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ ساھەگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى دىگەن .
كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن كەسىپ تاللىغان ، لىكىن ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئۇ كەسىپكە قىزىقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ بۇ بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشىغا نىسبەتەن چۈشىنىشىنىڭ كەمچىللىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپتىكى كەسىپلەرگە بولغان قىزىقىشى ئاساسەن ئوتتىرا مەكتەپتە ئۇچراشقان مۇناسىۋەتلىك پەنلەر ساھەسىدە قولغان كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ، ياكى بىرەر كەسىپنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسسىي قىزىقىشى بولۇپ ھەقىقىي كەسپىي قىزىقىشى ئەمەس .
يوشۇرۇن ئىقتىدار ئەڭ ياخشى كەسىپنى بەلگىلەيدۇ ئوقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كىيىن ئۆزى ئەتراپلىق ئويلىنىپ ، ئۆيىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تاللىغان كەسىپكە ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن قىزىقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئارزۇ تاللاش جەريانىدا يەنە بىر مۇھىم نەرسىنى ئويلاشمىغان ، ئۇنداقتا ئۇ نەرسە زادى نىمە ؟
بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنى يوشۇرۇن ئىقتىدار مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تاللىغاندا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ، داڭلىق ئالى مەكتەپمۇ ئەمەسمۇ ، بۇ كەسىپنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالى دىگەندەك ئامىللارنى بەكرەك ئويلىشىپ ئوقۇغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدىكەن .
يوشۇرۇن ئىقتىدار بولسا بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ھالدا تۇرغان ، تېخى تولۇق ئىپادىلىنىپ چىقمىغان بىر خىل ئىقتىدار مايىللىقى ، ئۇ بىر ئادەم تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكى ، ئاساسى . يوشۇرۇن ئىقتىدار بىر ئادەمنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى ، مىجەزى ، قىزىقىشى ، مەقسەت ياكى قىممەت قارىشى دىگەندەك ئامىللاردىن تەركىپ تاپقان . بىر ئادەمنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتى تولۇق ئىپادىلنىپ چىقىش چىقماسلىقى بۇ كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۇقىرىقى ئامىللار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىق . ئەگەر مەلۇم بىر كەسىپ سىز قىزىقىدىغان كەسىپ بولسا ( قىزىقىش ئامىلى ) ، ھەم سىز ئۆگەنسەم بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز (مەقسەت ئامىلى ، بۇ قىممەت قارىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ) ، ھەم ئۆگىنىپ كېتىش ئىقتىدارىڭىز بولسا (ئىقتىدار ئامىلى ) ، ئۆگىنىشىڭىزگە ماس كەلسە ( مىجەز ئامىلى ) ، ئۇنداقتا سىز بۇ كەسىپنى ياخشى ئۆگىنەلەيسىز ھەم ئىقتىدارىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرالايسىز . ئەگەر مەلۇم بىر كەسىپنى ئۆگەنگىڭىز بولۇپ ، لىكىن بۇ كەسىپنى ئۆگىنىشتە ئىقتىدارىڭىز يېتىشمىسە بۇ سىزنىڭ كىيىنكى كەسپىي تەرەققىياتىڭىزغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى ئىنگىلىز تىلى بىلەن ماتىماتىكىغا ئوخشاشلا قىزىقسا ، لىكىن ئۇنىڭ ماتىماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىقتىدارى تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا يەتمىسە ، ئالى مەكتەپكە چىققاندا ماتىماتىكا كەسپىنى تاللىغىنغا قارىغاندا ئىنگىلىز تىلىنى تاللىغاندا ئوخشاش تۆت يىل ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپرەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىشى مۇمكىن .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ ، بەزى تەرەپلەردە ئاجىز بولسا بەزى تەرەپلەردە كۈچلۈك بولىدۇ ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تاللىغاندا مەكتەپ تاللاش ، ئىقتىزادى ئەھۋال ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ، كەسىپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئەھۋالى دىگەنلەرنى ئويلىشىشتىن باشقا يەنە ئۆزىدىكى قىزىقىش ، مەلۇم كەسىپنى ئۆگىنىشكە بولغان ئىچكى مايىللىق ، ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئارتۇقچىلىقى ، مىجەز ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئامىللارنىمۇ ئويلىشىشى زۆرۈر .
كەسىپ تاللىغاندا ئۆزىدىن تۆت تەرەپتە مۇۋاپىقمۇ دىگەننى سوراش كېرەك : 1. سىز تاللىغان كەسىپ سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزغا مۇۋاپىقمۇ ؟ سىز بۇ كەسىپنى ئۆگەنسىڭىز ھېرىپ چارچاشنىمۇ خوشاللىق دەپ بىلەلەمسىز ؟ 2. سىز تاللىغان كەسىپ سىزنىڭ ھاياتلىق مەخسىتىڭىزگە مۇۋاپىق كىلەمدۇ ؟ ياكى سىزنىڭ خىيالىڭىزدىكى غايىۋى نىشان نىمە ؟ يازغۇچى بولۇش ، كارخانىچى بولۇش ياكى سەنئەتچى بولۇش ؟ ياكى قانداق ئىشنى قىلغاندا تېخىمۇ مەنىلىك ، قىممىتى بار دەپ ھىس قىلىسىز ؟ 3.سىز تاللىغان كەسىپ سىزنىڭ قابىلىيەت ، ئىقتىدار ئالاھىدىلىكىڭىزگە ماس كېلەمدۇ ؟ سىزدە بىر قەدەر ياخشى بولغان ماتىماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش قابىلىيىتى بار ياكى بىر قەدەر ياخشى بولغان تىل ئىپادىلەش قابىلىيىتى بار ؟ سىزدە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بوشلۇق ھۆكۈم ئىقتىدارى بار ياكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى بار ؟ ھەر بىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس تەلەپ قىلىدىغان ئىقتىدار تەلەپلىرى بولىدۇ ، ئەگەر ماس كەلسە سىز بۇ كەسىپتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز . 4.ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا سىز تاللىغان كەسىپ سىزنىڭ مىجەز ئەلاھىدىلىكىڭىزگە ماس كىلەمدۇ ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنەمسىز ؟ قانچىلىك ، قانچىلىك قاتلامدا چۈشىنىسىز ؟ مىجەز ئالاھىدلىكىڭىزگە ماس بولغان كەسىپنى تاللىغاندا يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىز تېخىمۇ ياخشى جارى بولالايدۇ .
ھەر قانداق كەسىپنىڭ ئۆزىنىڭ داڭلىق شەخىسلىرى بولىدۇ ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدار ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كەسىپ تاللىغاندا ئاندىن "ئالتۇن" كەسىپنى تاللىغىلى بولىدۇ . ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا مۇۋاپىق كەسىپ تاللىغاندا ئۆگىنىش جەريانىدا ئازادىلىك ھىس قىلىپلا قالماستىن شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىمۇ غالىبىيەت مەمنۇنىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ، تۇرمۇشى تېخىمۇ مەنىلىك تۇيۇلىدۇ .
ئەلكۈيى تورى بارلىق ئۇقۇغۇچىلارغا ئامەت ۋە خۇشاللىق شۇنداقلا كۈڭۈلدىكىدەك نەتىجە تىلەيدۇ ! |
|