رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> گۈلىستاندىن -گۈلدەستە -> ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

alkuyi.com 2011-10-28 16:52

 
ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى
 

ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق ئىتوت ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز 2011-يىلى10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېيجىڭنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلىدى ھەم ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
 
ئەلكۈيى تورىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئەلكۈيى  مۇخبىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلات زالى نەق مەيدانىغا بارغاندا ، ئەمدى كەچ سائەت ئالتە بولغان، لىكسىيەنىڭ باشلىنىشىغا يەنە بىر سائەت قالغان بولسىمۇ، لېكىن 200 كىشىدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان زال مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ھەم بېيجىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرى ھەتتا تىيەنجىندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى بايقىدى.بالىلار ئۆز-ئارا بۈگۈن ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشاتتى،ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدىكى قىزىق يەرلىرىنى دىيىشەتتى.يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بالىلار بۈگۈن بۇ داڭلىق ئىتوت ئارتىسى خەلققە تونۇلغان چولپاننى چۈشەنگۈسى،ئۇنىڭ  قىزىق-قىزىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ  تازا بىر پۇخادىن چىققۇدەك كۈلىۋالغۇسى بارئىدى.ئابدۇكېرىم ئابلىزنى ساقلىغاچ زال ئېكرانىدا ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ «قېرىنداش»لار دېگەن ئىتوت قويۇلدى،كۆپىنچەيلەن بۇ ئېتوتنى ئىلگىرى كۆرۈپ بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئالاھىدە سورۇندا خۇددى نەق مەيداندا تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك كۈلكىنى تازا ياڭراق قويۇپ بېرىپ كۆرۈپ ئولتۇردى.شۇ ۋاقتتا ئابدۇكرىم ئابلىز ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئالغىنىچە سورۇندىكىلەرگە سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى،گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى پۈتكۈل زالنى كۆتۈرۈۋەتتى.

 
سورۇننىڭ رىياسەتچىسى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىمام مۇئەللىم ئالدى بىلەن سۆز قىلدى:ئۇ سۆزىدە بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ شىنجاڭ ئىقتىساسلىقلارنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى تۈرى بويىچە بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىدا رىژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن،ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ئىلىم تەھسىل»قىلىش ئۈچۈن  بىريىللىق كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئابدۇكېرىمكا،ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!
 
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاۋۋال ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى،بولۇپمۇ ئىتوتچىلىققا كىرىشىش جەريانىنى سۆزلەپ ئۆتتى،ئۇ ئۆزىنىڭ 1989-يىلى،چولپانلار سەنئەت كېچىلىكىدە گاچا تىياتىر بىلەن ئىتوت  ھاياتىنى باشلىغانلىقىنى،تۇنجى ئىتوتىنىڭ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن «گاسنىڭ كىسەل يوقلىشى»ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم «رونا ماركىلىق جۈسەي مانتىسى»نى يېزىپ چىققانلىقى،لېكىن ئۇنى ئويناشتا ناھايىتى ئىككىلەنگەنلىكى،«ئەسلىدە قويۇلىدىغان ئۈچ مەيدان بار ئىدى-دېدى ئابدۇكېرىم ئابلىز-لېكىن ئالدىنقى ئىككى مەيدانغا بۇ ئىتوتنى ئەچقالمىدىم،خەلقنى نېمە دەپ قالار دەپ  قورقتىم،ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا،بوپتىلا مۇشۇنى ئويناپلا قېچىپ كېتەي ئويلاپ بۇ ئېتوتنى ئوينىدىم ،لېكىن بەك مۇۋەققىپىيەت قازاندى،پۈتكۈل شىنجاڭدا ئويناپ چىقتۇق»ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇشۇ ئېتوت ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونوپ يەتكەنلىكىنى،كېيىنچە بۇ ئىككى ئېتوتنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندا ئابدۇكېرىم ئابلىزدىن ئېگەللىشىچە، ئابدۇكېرىم ئابلىز ھازىرغىچە 100 ئەتراپىدا ئېتوت يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ياخشى ئارتىس دەپ قارايدىكەن لېكىن ياخشى ئېتوت يازغۇچىسى،رىژىسسور دەپ قارىمايدىكەن،«بىزنىڭ ئىتوتچىلىقىمىزدا يازىدىغان ئادەم كەم،شۇڭلاشقا مەن يېزىپ قالدىم ».بۇ قېتىم رېژىسسورلىقتا ئوقۇشنىڭ سەۋەبى،گەرچە ھازىر ئۆز ئىتوتلىرىغا ئۆزى رىژىسسورلۇق قىلىۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن سەھنىدە تۇرۇپ ئىتوتتىكى خاتالىقلارنى بايقاش تەس ئىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن رېژىسسولىقتا كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم ئوقۇشنى تاللاپتۇ.

ئابدۇكېرىم ئابلىز يەنە ئۆزىنىڭ ئېتوت ئىجادىيىتى توغرۇلۇق سۆزلىدى:«مەن يازغان ئېتوتلار پۈتۈنلەي قامچا،ئادەمگە ئۆزىنىڭ يۈزىدىكى قارىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەك بولمىسا بولمايدۇ».«سەنئەتتە مىللىي خاسلىق يوقۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ،ئۆزىمىزگە يېقىن تېمىنى سەھنىگە ئاچىقساق ئۇنى خەلق ئالقىشلايدۇ».
  ئابدۇكېرىم ئابلىز كۆپ لىكسىيە سۆزلىمىدى،ئۇ  مەيداندىكىلەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى،بۇ ھەممەيلەنگە كۆڭلىگە بەك ياقتى،چۈنكى ئۇنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بولمىش مەيداندا ئولتۇرغان ساۋاقداشلانىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغان سوئاللىرى بەك كۆپ ئىدى.

ئابدۇكېرىمكا،جاپا چەكتىڭىز!
 
ئابدۇكېرىم ئابلىز بۇ قېىمقى ئېتوت كېچىلىكىدە نېمە ئۈچۈن ئېتوتلارنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى،ئەسلىدە ئېتوت كېچىلىكىدە 10 ئېتوت ئويناش پىلانلانغان بولۇپ،لېكىن ئېتوت كېچىلىكىنىڭ ۋاقتى بىلەن «ئانارخان»فىلىمىنىڭ سۆرەت ئېلىنىشنى باشلاش ۋاقتى تەڭ ۋاقىتتا،6-ئاينىڭ1-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قالغان.«بىرسى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسىنىڭ ئىشى، قىلمىسام قەتئىي بولمايدۇ،يەنە بىرى ئاللىقاچان تەشۋىق قىلىنىپ بولغان كېچىلىك،ۋەدە بېرىپ قويغان خەلق»شۇچاغلاردا «ئانارخان»فىلىمى تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنغان،شارائىت سەۋەبىدىن ھەركۈنى ئەتىگەن تۆت يېرىمدىن بەشگىچە،ئۇ فىلىمدە رول ئېلىپ،ئۇنىڭدىن كېيىن  ئىككى يېرىم سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچىگە قايتىپ،كېچىلىككە قاتنىشىپ ئۇ تۈگىگەندىن كېيىن يەنە تۇرپانغا قايتىپ،كۈنىگە ئىككى سائەت ئۇخلاپ يەتتە كۈندە تۈگەتگەن،ئاخىرىدا ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كەتكەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم ئېتوتلار ئاز بولۇپ قالغان.«مەن قەرزنى چوقۇم قايتۇرىمەن»دېدى ئابدۇكېرىم ئابلىز.

«مەن بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن ئارام ئېلىپ قالدىم،4-ئايدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆيدە تۇرغان ۋاقتىم 15 كۈنگە يەتمەيدۇ،8-ئايدا بىر يېڭى كىنو سۈرەتكە ئېلىش باشلاندى،مەكتەپكىمۇ بىر ئاي كېچىكىپ كەلدىم،باشلىقلار مېنى ئوقۇغاچ دەم ئالسۇن دىگەنمىكىن دەيمەن»دېدى ئۇ. 
 
ئابدۇكېرىمكا،يارايسىز!
 

ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ ئېتوتچىلىق ھاياتى توغرۇلۇق سۆزلەپ«مەيلى بىزقايسى كەسىپنى ئىگەللەيلى،ئىرادە،تىرىشچانلىق،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بولغاندا چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ»دېدى.

بىرەيلەن «سىيت نوچى»دېگەن ئېتوتنى ئويناش سەۋەبى ۋە ئىلھامىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىدى،ئابدۇكېرىم ئابلىز:«ھازىر ئۇيغۇر دىراممىچىلىقى ئاساسەن نۆلگە چۈشۈپ قالدى،سەۋەبى دىرامما خەلق تۇرمۇشىدىن چەتنەپ كەتكەچكە،تاماشىبىنلار ئىتتىرىپ قويدى،بىز خەلققە ياخشى نەرسىلەرنى بېرەلمىدۇق.بۇ قېتىم مەقسىتىم كىشىلەرگە بىر ئاددىي دىرامما سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش،نەق مەيداندا تاماشىبىنلار ئاۋۋال ئۇنى ئىلگىرى ئېتوتلاردەك كۆرۈپ ئۆزىنى كۈلكىگە زورلاپ باقتى،لېكىن كېيىنلا ئىچىگە كىردى»دېدى.ئۇ يەنە قىزىقچىلىق قىلىپ«ئىككى يىلنىڭ ياقى كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ ئىزدەندىم،سىيت نوچىنى ساۋاتسىز دەيتتى،قارىسام ساۋاتىسىز ئەمەس چىقىپ قالدى،شۇڭلاشقا ئۇنى ئاقلاپ قوياي دېدىم»دېدى.«يەنە بىر مەقسىتىم ھەريىلى بىر تارىخىي شەخىسنى تونۇشتۇرسام دەپ ئىشىكنى چېكىپ باقتىم»دېدى ئۇ تولۇقلاپ.
«مەن ھەريىلى بىر يېڭى نەرسىنى چىقارسام دېگەن ئۈمىدتە بۇلتۇر بەش ئابدۇكېرىم ئابلىزنى چىقارغان،بۇ يىل ناخشا ئېيتتىم،بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسام دەيمەن.ئۇ يەنە بىرقانچە قېتىم «سەنئەت ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغاندا تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلالايدۇ»دەپ تەكىتلىدى.

ئۇ ئىتوت تىلىنى قانداق يارىتىش ھەققىدە سۆزلەپ: «بىر تىل پىشىپ ۋايىغا يىتىپ مەي بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى ئويناتقىلى بولىدۇ،مەن قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،قەشقەردىكى تىل مانا مۇشۇنداق تىل.مەن پاساھەتلىك تىللارنى ئىشلىتىپ باقىمىدىم،ھەممىسى دېھقانمۇ،كاسىپمۇ،كادىرمۇ چۈشىنىدىغان تىل»«مەن تىلنى خەلق ئىچىدىن ئالدىم،گەرچە مەن مەخسۇس تۇرمۇش ئۆگىنەي دىمىسەممۇ،لېكىن كېنو ئىشلەيمەن دەپ ھەريەرلەردە يۈرگەندىن كېيىن ئادەم ئۆگىنىپ كېتىدىكەن»

ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ ئىتوتلىرىدىكى تەنقىدىي مەزمۇنلارنى دوراۋاتقانلىقىغا توغرىسىدا توختىلىپ:«ئادەملەرنىڭ100%ئىتوتلىرىمنى توغرا چۈشىنەلىشى،تەنقىدنى بىلەلىشى مۇمكىن بولمايدىكەن »دېدى.

ھەربىر نەرسىنىڭ ۋايىغا يېتىدىغان،چېكىنىدىغان دەۋرى بولىدۇ،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە «مەن ئۆزۈمگە جازا تىكلىۋالمىدىم،ئەخلاقنى ئۆزۈمگە مىزان قىلىپ كەلدىم،40% سەھنىدە رولۇمنى جارى قىلدۇرسام ،60% ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم» يەنە ھەييارلىق بىلەن «شۇڭلاشقا پوككىدە چۈشمەي،سىيرىلىپ چۈشەمدىمەنمىكىن دەيمەن»دېدى.

ئابدۇكېرىمكا،يوقاپ كەتمەڭ!
 
ئابدۇكېرىم ئابلىز كەلگۈسىدىكى ئىتوت ئىجادىيتى ھەققىدە: «مېنىڭ كەلگۈسىدە يازماقچى بولغان بىرىنچى تېمام،ھايۋان-بىز ھازىرغا كەلگۈچە بىرھايۋاننى چىشلەپ تارتماي تۇرۇپ تىللىشالمايمىز،مۇشۇ توغرىسدا بىر نەرسە يازاي دەيمەن.يەنە بىر تېما دوپپا،بۇ تېمىنى نەۋرۇزدا ئادىل مىجىتلار ئويناپ چىققان شۇڭا ھازىرچە قويۇپ تۇردۇم،لېكىن باشقا نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ يازماقچى .ئاندىن مەن ئوينىغان ھېلىقى مەككار سودىگەر،ئۇنىڭ ئاخىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»
«ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى تۈگىدىمۇ؟»«ھەۋەسكار تۈگەپ كەتمەس،ھەۋەس ھەريىلى چىقىدۇ»

ئوقۇغۇچىلار يەنە ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە يۈزلەندۈرۈش توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ: «مەن ھازىرچە شىنجاڭدىراق تۇرۇپ تۇرايمىكىن دەيمەن،مەن باشقا تىلدا ئىتوت ئوينىسام خۇددى ئاش ئوخشىمىسا ۋىيجىڭ سالغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ»

ئۇ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ «گەرچە ئىتوتچىلىقتا باشقا يەرلەرگە يۈزلىنەلمىسەممۇ،لېكىن مەن كەلگۈسىدە رىژىسورلۇق قىلغان بىر-ئىككى فىلىم جوڭگۇدا قويۇلسا دەيمەن،بولمىسا نۇرغۇن ئىشلىرىمنى تاشلاپ،بىريىللىق ئاستى-ئۈستى كارۋاتتا ياتقىلى كەلمەيتتتىم»دېدى.
 


سەھنىدىكىدىن قىلىشمايدىغان ھازىر جاۋابلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ناھايتى ياخشى تەسىر قالدۇردى.سورۇن رىياسەتچىسى:ئابدۇكېرىم ئابلىز بۇ بىر يىل يەنە بېيجىڭدا بار ،يەنە قايتا كۆرەلەيسىلەر، دەپ يۈرۈپ بالىلارنى ئارانلا ماقۇل قىلىپ پائالىيەتنى ئاياغلاشتۇردى.ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ،ئۇنى قويۇپ بەرمەي ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن بىرگە  سۈرەتكە چۈشۈشى، تاكى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەپ بولۇپ مىڭىشلىرى بىلەن يولدىن ئۆتۈۋاتقان باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەيرانلا قالدۇردى.
 
ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ئىتوتچىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئوي-پىلانلىرى بىزنى ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى،كىنوچىلىقىدا ئۈمىد زورلىقى،ئابدۇكېرىم ئابلىز ۋە ئابدۇكېرىم ئابلىزغا ئوخشاش سەنئەتكارلىرىمىز بولسىلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندۈردى.
بىز ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بېيجىڭدىكى بۇ بىر يىللىق ئۆگىنىشىنىڭ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى ھەم كىنوچىلىقىغا يېڭى قان،يېڭى مادار بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەمدە زور مۇۋۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمىز!



ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئىزاھات: مەزكۇر تېمىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن قالايمىقان يۆتكەشكە ،باشقا مۇنبەر ۋە تور بېكەت،بلوگلارغا چاپلاشقا بولمايدۇ.

freeman 2011-10-28 17:39
   بۇ خوش خەۋەرنى دەل ۋاقتىدا تور ئەھلى بىلەن يۇزكۇرۇشتۇرگەن ئەلكۇيى مۇخپىرىغا كۆپ تەشەككۇر .  
   ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكا نىڭ  بۇنۇڭدىن كىيىن تېخمۇ ياخشى ئىتوتلارنى سەھنىلەر گە ئېلىپ چىقىشى ئۇچۇن  تىلەكداشمەن !!!!

aksiya 2011-10-28 18:16
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ، ئابدۇكېرىم ئەل سۆيگەن بىر سەنئەتكار.
يەنە نەچچە 10 يىللاردىن كىيىن سىلىنى ئەۋلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىتوت سەنئىتى ۋە درامىچىلىغىنىڭ يول باشچىلىرىدىن بىرى دەپ باھا بىرىسىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل.
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ سەھنىسىدە تۆمۈرخان روزىنى خېلى بولدى ئۇچرىتالمىدۇق، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىكىن؟

urranijat 2011-10-28 18:40
ناھايىتى ياخشى بىر پاھالىيەت بولۇپتۇ .  ئابدۇكىرىم ھەقىقەتەن ئەلنى سۆيگەن ھەم ئەلمۇ سۆيگەن شەخس  .  
ئۇيغۇرلار مەشھۇرلىرى قاتارىغا كىرگۇسسمۇ ئازلىق كەلمەيدۇ .  
ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكمىز دىگەندەك ھازىر ئىتوت يازىدىغان ئادەم بەكلا ئاز  ھەر قىسىمدىكى مەشرەپ پىرگورامسدا ھىلقى تىتىقسىز ئىتوتلار پەقەت مەشرەپنىڭ ۋاقتنى سوزغانلىغلا رولى بولۇپ كىتۋاتىدۇ  نىمە بۇ  ،  
ئابدۇكىرىم ئابلىز ناۋادا توختاپ قالسا نىم كۆرەمىز دىگەن خىياللامۇ بولغان مەندە .
ئابدۇكىرىم تىكلگەن مۇنارنى كىينكىلەر لىڭشىتىپ ئۇندىن كىيىنكلەر چىقىپ قويمىسلا بولدىغۇ .  

kilyang 2011-10-28 22:45
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم  !
            ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ  مۇخبىرىغا ئالاھىدە  تەشەككۈرلەر بولسۇن
ئابدۇكىرىم ئابلىز  ئەپەندىمنىڭ  بىيجىڭ كىنو ئىنىستوتىدا رىجۇستۇرلۇق كەسپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇشنى  ئۈمۈد قىلىمەن . شۇنداقلا  بۇنىڭدىن كىيىن  بۇرۇنقى بەزى تىتىقسىز ئىتۇتلىرىنىڭ جەمئىيەتتە ئابدۇكىرىم ئابلىز ئىتۇتلىرىدىن ئارىيە بولۇپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ياخشى بولغان خەلىقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغان پەخىرلىك سەنئەتچى بولۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن . يۇقارقى تىتىقسىز ئىتۇتلىرى دىسەم  بىز دىگەن بىر ئىشنى قىلسا ئۇنداق مۇنداق دەيدۇ .... ئۆزى  قىلمايدۇ   دىيىشى مۇمكىن    ئەمما ئىيتىشقا تىگىشلىك ھەق گەپنى ئىيتىش لازىمدۇر   مەسىلەن : بۇرۇنقى شوجاڭ بولساڭ خانىم سىنىڭكى ..................... دىگەنگە ئوخشاش  ئىتۇتلىرى  ئەمىلىيەتتە  شۇنداق بىر قىسىم  ناچار  ئىشلارنى قامچىلاشنى  ئويلىغان بولسىمۇ  بىراق  كۆپىنچە  ئەكىسچە  تەسىر بىرىپ قويدى  بۇنى ئابدۇكىرىم ئەپەندىممۇ بىلىدۇ  چۈنكى بۇ  ئۇيغۇر يىگىتى  ئەخلاقنى  مىللى كىملىكىمىزنى ، جەمئىيەتىتىكى ئورنىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ  چاكىنلەشتۈرۋەتسە مەسئۇلىيتى ئىغىر بولۇپ قالىدۇ
ئىشىنىمەنكى ئابدۇكىرىم ئاكىمىز ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ  ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ  مىللىتىمىزنىڭ  جەمئىيتىمىزنىڭ  داڭلىق  ئەھمىيەتلىك كۈلدۈرگە چولپىنى بولۇپ چىقىشقا ئىشىنىمىز   چۈنكى بىزنىڭ ھەقىقى كۈلكىمىز  ئىچ - ئىچىمىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلگەن كۈلكىمىز  ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئەڭ زور بەختى ئەمەسمۇ ؟!

aitürk 2011-10-28 23:45
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەپەندىنىڭ بۇندىن  كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ،ئىلىم تەھسىل قىلىشى غا ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!~!!

tawhida 2011-10-28 23:53
ئەلكۈيى تورىنىڭ بىزگە بۇنداق يىڭى خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزگىنىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم.

mamh 2011-10-29 00:56
تور داشلار ناھايتى ياخشى پىكىرلەرنى ئوترىغا قويۇۋاتىدۇ..ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردېكى ئىتوتلىرى كىشنى كۈلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان بولسا ھازىرقى ئىتوتلىرى كىشىنى ئويغا سالىدىغان ،ھەتتاكى بەزى يازغۇچى ئەدىپلەرمۇ يورۇتۇپ بېرىشىنى ئويلاپ باقمىغان تەپلەردىن قەلەم تەۋرېتىپ بىز نى قايىل قىلىۋاتىدۇ ،شەخسەن مەن بۇقېتىمقى ئىتوتلىرنى ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىتوتلىرى دەپ قارايمەن،<<بىز دېگەن ئەر كىشى >>...قاتارلىق ئىتوتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكىىمىزنىڭ ئىتوت ئىجادىيىتى خەلقىمىزنىڭ ئەمەلىي رىئاللىقى بېلەن زىچ باغلانغان،شۇنداقلا ئابدېكىرىم ئابلىز ئاكىمىز  ئىتوتلىرى ئارقىلىق ئۆزنىڭ نادنلاردىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.....بىز ئىشىنىمىزكى ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكىمىز خەلقىمىزنى سۆيىدۇ شۇنداقلا خەلقىمىزمۇ ئۆز مەدەنيىتى كۈچلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن مانا شۇنداق پەيتلەردە ئۆز مەدەنيىتى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنگەن بۇ ئوغلاننى سۆيىدۇ قەدىرلەيدۇ..بېشىدا كۆتىرىدۇ
ئابدىكىرىم ئابلىز ئاكا تىرەن پىكىرلىرىڭىز ،سۈزۈك تەپەككۈرلىرىڭىز مەڭگۈ قاناتلانسۇنكى ھەرگىز توختاپ قالمىسۇن.....چۈنكى سىز بۇ تۇپراققا ،سۆيۈلۈك خەلقمىزگە قەرىزدار .....بۇ قەرزنى سىز ،بىز مەڭگۈ تۆلەپ بولالمايمىز !!!!

haliktash 2011-10-29 01:42
ئەلكۈيىنىڭ ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ زىيارىتىدىن خەۋەر بەرگەنلىكىگە مىڭ تەشەككۇر!!!!! شۇنداقلا ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، ئەمگىكىگە مول ھوسۇل تىلەيمەن!!! خەلىقنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىك ئوغلانى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن... شۇنىسى ئىنىقكى سىزنڭى ئەمگەكلىرىڭىز مول نەتىجىلىك!!!!!!!

winira 2011-10-29 05:01
رەھمەت، مەنمۇ كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم. نەق مەيدان كۆرۈنىشى بولغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.

xia412 2011-10-29 11:34
ئابدۇكېرىم ئابلىزكامنىڭ ئېتۇتلىرىنى بەكلام ياقتۇرۇپ كۆرىمەن ...  لىكىن دادام ئانچە ياخشى كۆرمەتتى مەن بارابارا ئېتۇتتا دېيىلمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى تەپسىلى چۇشەندۇرگەندىن كېيىن بىزنىڭ ئائىلىدىكى ھەممىسى ناھايىتى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالدى...     خەلقپەرۋەر ئىتۇتچىلىرىمىز نىڭ بىرسىدۇر..

tohar 2011-10-29 13:58
ئابدۇكېرەم ئابلىز رول ئالغان كىنۇلارنى بەك ياقتۇرىمەن،ئەختەم ئۆمەر يازغان،سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلىگەن <<ئەڭ ئاخىرقى كۆل>>دېگەن كىنۇدىكى ئالغان رولى ماڭا بەك يارىغان،ئابدۇكېرەم ئابلىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېتۇت ساھەسىگە قەدەم قۇيۇپ،خەلقىمىزنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى،ئۇنىڭ ھەربىر ئوينىغان ئېتۇتلىرىدا يارقىن ئوبرازلار،جەمىيەتتىكى سەلبىي ئىشلار قاتتىق قامچىلانغان،مەن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا خاتىرجەملىك،ئوقۇشىنىڭ خەيرىلىك بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن!

刀郎 2011-10-29 14:01
كۆكلەڭ ئويغۇر ئوغلانى .ئابدكىرىم ئابىلىز ئاكىمىزنىڭ بېجىڭدكى ئوقۇشغا مۇۋاپقىيەت تىلەيمەن

维医医生 2011-10-29 15:45
ئەلكۈيى تورىدىكى مۇخپىر لار  جاپا تارتىپسىلەر ، رەھمەت سىلەرگە . مەنمۇ ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن . بۇبىر يىلدا بېيجىڭدىكىلەرگە تەلەي كەپتۇ-دە ئەمدى .

9sak 2011-10-29 18:36
ئابدۇكىرەم ئابلىز ئاكىنىڭ ئۇيغۇر كىنوچىلىغىنى يېڭى بىر دەۋىرگە ئېلىپ كىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

baharxamli 2011-10-29 19:10
ئەلكۇيى مۇنبىرگە تەشەككۇر ، مۇشۇنداق ياخىشى  تېمىلارنى داۋاملىق سۇنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن!

yusanjan 2011-10-29 21:29
بارىكاللا باللا ياخشى ئش بولۇپتۇ        ئابدۇكىرەمكا  شاڭخەيگە كەلمەمسىز!!!!!!!!

dilkexi 2011-10-29 22:00
  تاسادىبى پۇرسەتتە   ئابدىكرىم ئابلىزنىڭ <<ئۇيغۇر ئىتۇتچىلىقى ھەققىدە>>سۆزلىگەن چۇڭقۇر ئىديىۋى پىكىرگە ئىگە لىكسىيىسىنى ئاڭلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يىراق ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ، مەركىزى بىلم يۇرتىدا جاپالىق تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان ئىلىمخۇمار ياشلىرىمىز بىلەن بىر سورۇندا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئېرىشتىم. بۇ قېتىملىق لىكسسىيىدە ئابدىكىرىم ئابلىز ئۆزىنىڭ ھازىرجاۋاپلىقى بىلەن بارلىق لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلىرنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ چۇڭقۇر تەسراتلارنى قالدۇردى. ئابدىكىرىم ئابلىزىنىڭ قىممەتلىك ۋاختىنى چىقىرىپ بۇ لىكسىيىنى سۆزلىشى بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللى مەدەنيەت سەنئەت توغرىسىدا قىممەتلىك بىلىمگە ئىگە قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن كەڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ھايات بۇنىڭدىن كىيىنكى ھايات يۇلىغا نىسبەتەن ئىلھام بولدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ئابدىكىرىم ئابلىز ئەپەندىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ ھەر قايسى ئالى بىلىم يۇرتىلىرىدا جاپالىق ئۆگنىۋاتقان تىرىشچان، ئىستىداتلىق، ئىرادىلىك ياشلىرىمىزنىڭبۇنىڭدىن كىينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مەن ئاددى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. بۇ قېتىم بېيجىڭغا تەرببيلىنىشكە  كىلىپ، يۇرتتىن ئايرىلىشىنىڭ نەقەدەر قىينلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. ئاللاھ ھەممىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭ قىلسۇن!

karwan.bexe 2011-10-30 00:11
ئابدۇكېرەم ئابلىز ئۇيغۇر ئېتوتچىلىق ساھەسىگە بەلگىلىك تۆھپە قوشىۋاتقان  ئىقتىدارلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرسى. مەن بۇ قابىليەتلىك  ئارتىسنىڭ ئۆز قابىليىتىنى يەنىمۇ  جارى قىلدۇرۇپ ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ ياخشى < ئېتۇتلار> نى تەقدىم ئېتېشىنى ئۈمۇت قىلىمەن.
   ئەلۋەتتە ، تالانت تۇغما بولمايدۇ، ئابدۇكېرەم ئابلىز نىڭ ئەل سۇيگەن ئېسېل سوۋغاتلارنى تەييارلىيالىشى ئۇنىڭ ئۇزلۇكسىز ئىزدىنىپ، جاپالىق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ  نەتىجىسى. خالاس.
    يەنىلا خەلق ئادىل باھا بەرگۇچى. پەقەت خەلققە ياقسىلا ئەڭ مۇكەممەل بولمامدۇ؟  خەلقنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلەلىگەن سەنئەتكار بىر مۇكەممەل سەنئەتكاردۇر.

karwan.bexe 2011-10-30 00:48
يارىشىدۇ بەك سىزگە <كاپكاس>، < بۇرۇت> قويسىڭىز،
سەت ئەمەسمۇ يىراقتا شەھەر ئويناپ يۈرسىڭىز.
ئۆزىمىزنىڭ يېرىدە ئوخشايدىغۇ تەر تۆكسەك،
غۇلجىلىقنىڭ بېغىغا <ئېپىزۇت> نى تەرسىڭىز؟
  كۈلدۇرگە چولپىنى ئا.ئابلىزغا چاخچاق قىلىپ قويدۇم، ئەمىليەتتە مېنىڭمۇ نۇرغۇن ئېپىزۇتلارنى
يېزىپ خەلقىمگە سوۋغا قىلغۇم بار.

turpan 2011-10-30 04:43
بولسائۇنىڭ يىڭى كىنوسى بىركوسام

guzalnur444 2011-10-30 13:46
ئەل سۈيگەن ئوغلانىمىز ئابدۇكېرەم ئاكىنىڭ تېخىمۇ بەك تىرشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

otyurakohlan 2011-10-30 13:55
ئەسلىدە نەق مەيدان كۈرۈنۈشى بولغان بولسا شۇنداق ياخشى بۇلاركەنتۇق،

0991sumruh 2011-10-30 16:05
ئابدىكېرىمنىڭ يېڭى ئىتوتلىرىنى بىريىلغىچە  كۆرەلمەيدىكەنمىز-دە؟!ئوقۇشىڭىزنى غەلبىلىك پۈتكۈزۈپ خەلقىمىزگە يېڭى كۈلكىلەرنى ئاتا قىلارسىز

tograk001 2011-10-30 16:07
ھەي.... نەق مەيدان  كۆرۈنۈشى بولغان بولسا  بەك ياخشى بولاتتىكەن ....ئەلكۈيى تورىغا  ھەم جاپا چىكىپ ئىشلەۋاتقان بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە تەشەككۈر..   ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن...

wolkani 2011-10-30 18:49
رەخمەت ئەزا بۇلغان تۇنجى كۈندە ياخشى خەۋەردىن خەۋەردار بولدۇم  

kalbidax 2011-10-30 20:22
ئابدۇكىرىم ئابلىز،ئۆزىنىڭ .ئۆزلۈكسىز  تىرىشىش،ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى  بىلەن ئۇيغۇر ئىتوتچىلىغىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.ئۇنىڭ پايتەخىتتىكى ئۈگۈنۈشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن

palwan 2011-10-30 20:38
تىرشقان ئۇزار  ياخشى ئوقاسىز   

xatxum 2011-10-30 23:22
بارىكاللا ئۇيغۇر ئوغلانى      ،   سىزدىن  پەخرلىنىمىز !!!!!!!!!!!!!!

yahxilik 2011-10-30 23:35
2012-يىللىق بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان نورۇز كېچىلىكى قىززىيدىكەندە قارىغاندا ئابدۇكېرىمكا چوقۇم نۇمۇر ئېلىپ چىقارسىز سەھنىگە،ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان نورۇز كېچىلىكى بېيجىڭدىكى خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

turditohti 2011-10-31 00:03
ناھايتى ئەھمىيەتلىك پالىيەت بۇلۇپتۇ،ماڭا ئابدىكېرىم ئابلىزنىڭ ‹‹قۇغۇنچى››فىلىمىدىكى ساجىتنىڭ رولىدىكى ئوبىرازى بەك يارايدۇ.

arkak007 2011-10-31 00:18
ئاپتكرم. ئابلېز ئاكمز غا سالامەتلك تلەيمەن

nimjan 2011-10-31 00:27
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2361
ئابدۇكېرىم ئابلىزغا 休闲 تەرجىمە باركەن ئەمەسمۇ بۇ ئۇلانمىدا؟

koygandengiz 2011-10-31 10:24
    مەنمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم . ئابدركېرىم ئابلىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىگە يەنىمۇ مۇۋاپپىقەتلەرنى تىلەيمەن .

parixta799 2011-10-31 11:12
ئابدۇكېرىمكامنىڭ  بۇندىن  كېيىنكى  ئىجادىيەتلىرىگە  يەنىمۇ  مۇۋاپپىقىيەت
تىلەيمەن!

karmanshah 2011-10-31 11:33
ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورىنىڭ ۋاقتىدا بىزلەرنى خەۋەردار قىلغىنىغا رەھمەت!!!ئابدۇكېرىمكامنىڭ بىلىم ئاشۇردىغانلىغىنى ئاڭلاپ تۇلىمۇ خۇرسەن بولدۇم،چۇنكى بىزنىڭ ئىتوتچىلىرىمىز بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئىزىدا توختاپ قالسا بولمايدۇ،،،،مەن شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كىلىپ ئابدۇكېرىمكامنىڭ خەنزۇلارنىڭ  ئىتوتچىىسى جاۋبېنشەن بىلەن ئىتوت ئوينىشىنى ئويلاپ قالىمەن،،  ئابدۇكېرىمكامغا سالامەتلىك،ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

hacker253 2011-10-31 12:41
ھى ھى توۋا قىلدىم ئەينى چاغدا ئابدۇكىرەم ھىلقى ماشىنچىنىڭ رولىنى ئىلىپ ئىتوت ئورۇنلىسا توردا شىلىپ گۆشىنى يىدۇق.ئەمدى قوپۇپ كۆتۈرۋاتىمىز. ئابدۇكىرەمغۇ راسلا خەلىقنىڭ ياخشى ئارتىسى ئەمما بىزلەر بولماي قالدۇق. كەينىمىزنى ئىلىپلا يۈزۈمىزگە چاپلاۋاتىمىز.

baburxah 2011-10-31 12:49
سۆھبەتنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن بولساچۇ

jiasur 2011-10-31 17:54
سىلەگە كۇپ رەخمەت ،لىكىن بالدۇراك بىلگەن بۇلسام مەنمۇ باراتتىم،مەنىڭمۇ مەكتىپىممۇ بىجىڭغىا يىقىنتى _دە

uyghur-naz 2011-10-31 19:24
تونۇش مەكتەپ، تونۇش زال، تونۇش چىراي...........ئانا مەكتەپنىڭ مىھرى دېگەن باشقىچە بولىدىكەن.
ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن.

zilnur 2011-10-31 19:36
خۇدايىم بۇيرۇسا ئابدۇكىرەم  ئابلىز  پات ئارىدا كۈرۈشۈپ ئەسرالىشىمىز .

sadada 2011-10-31 19:46
abdikirim ablizning hawirini kizikip korux jartanida ning (4-kawat)A.ablizning itotiga karta inkasini korup oylinip kaldim towanda oz karaxlirimni silar bilan ortaklixix maksidida silarga sunmakqi
1.itot kismanlik ustiga kurulgan turmuxning malum taraplirini aks atturup biridu halas
2.itot wakaliki turmuxtin ilinidu turmuximizda U hil ahwalni biz yok diyalamduk
3.aptorning kaysi idiyani ilgiri suriwatkanliki togrisida astayidil oylinip andin baha bardikmu
    meni hayran kaldurgini bundin burun heli nami bar birsining muxu tugrida tankit barganliki meni apsuslandurgan idi bugun bu yarda korup bu yollanmini yollaxni oylap kaldim

tamkin35 2011-10-31 22:49
بىزنىڭ ئەلكۈيى دىزە تېمىدىن ئىنكاس كۈچلۇك بۇلىدۇ .

muslima402 2011-10-31 23:50
مەن ئابدىكىرىمكامنىڭ ئىتوتلىرىنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي ئاۋازىنىمۇ بەك ياختۇرىمەن .كىنولارغا ئاۋاز بەرسە ئاۋازى ئەرتىسلەرگىمۇ ناھايتى ياخشى چۇشىدۇ.مۇشۇ تېمىنى يولىغان قېرىندىشىمىزگىمۇ كۆپ رەھمەت جاپا چىكىپسىز،

aniwarjan 2011-11-01 17:27
abi kirim  kam  nig      salat mat  liki  ni  alla   oz pa na  yi da  sak  li   sun

delawur 2011-11-01 17:51
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ئەلكۈيى تورىغا قوشۇلغانلىقىمتىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، شۇنداقلا ئەلكۈيىدە ئىتوت ئارتىسىمىز ئابدۇكىرەم ئاكىمىزنىڭ زىيارەت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم.
    ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇكىرەم ئابلىز ئاكا، بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز ؛

ablajan0908 2011-11-01 18:06
  ئابدۇكىرىم ئابلىز بىيجىڭدا لەغمەنگە دۈم چۈشكەنمۇ قانداق؟   ياكى بىيجىڭدىكى ئاشخانىلاردا چىش كولىغۇچ يوقمىكىنە؟؟؟  ( چاقچاق )    
   ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكىنىڭ ئوقۇشىنىڭ نەتىجىلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن. ئارزۇلىرىنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىغا ئاللاھ مەدەت بولغاي ئامىن.

algados 2011-11-01 22:23
بىزگە ياخشى ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلىگەن ئەلكۇيى توربىتىدىكى خادىملارغا رەخمەت! راستىنلا جاپا چىكىپ سىلەر؛!     بىزئۇيغۇرلانىڭ،ھەم خەلىقىمىزنىڭ پەخىرى بولغان ئابدۇكىرەم ئابلىز ئاكىمىزنىڭ ھەرۋاقىت تىنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ، ئوقۇشۇنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولۇشىنى چىن كۇڭلۇمدىن تىلەيمەن!      
ئابدۇكىرىم ئاكا ھەرگىزمۇ بوشاشماڭ،مۇھىمى تەن سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ!
شۇنى ئۇنىتماڭكى ھەممەيلەن سىزنى قوللايدۇ،سىزگە مەدەت تىلەيدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئۇزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماڭ، بىز شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمىز!          

tanha4667 2011-11-02 15:53
ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلوق بولسۇن!

uygurman007 2011-11-02 16:57
 yahxi   ixkan


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇكېرىم ئابلىز بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.043394 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us