رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پۈتۈن جۇڭگونى چۆچۈتكەن ۋەقە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ بەس-بەس مۇنازىرە ] (18) -> پۈتۈن جۇڭگونى چۆچۈتكەن ۋەقە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

armanlirim 2011-10-21 12:52


13-ئۆكتەبىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بىر قېتىملىق ماشىنا بېسىۋېتىپ قېچىپ كىتىش ھادىسىسى يۈز بەردى.بۇ ۋەقەدە 2 ياشلىق بالا يولدا كىتىۋاتقاندا بىر ماشىنا بىسىۋىتىپ توختاپ بوپ،ئادەم يوقلىقىنى بىلىپ قىچىپ كىتىدۇ.ئارىدىن7مىنۇت ئۆتكىچە 18ئادەم كۆرگەن بولسىمۇ ،قىلچە پىسەنىت قىلماي ئۆتۈپ كىتىدۇ ،ئارقىدىن كەلگەن يۈك ئاپتۇمبىلى بۇ بالىنى يەنە بىسىپ ئۆتىدۇ ،خىلى ئۈزۈندىن كىيىن بىر ئەخلەت تىرىدىغان ئايال بالىنى يولنىڭ يىنىغا ياتقۇزۇپ قويىدۇ .كىيىن ئاپىسى بالىنى يول بويىدىن تىپىۋالىدۇ ..كىچىك بالا ھەتتا يىغلاشقىمۇ ئۇلگۈرەلمەي ،ئارقا-ئارقىدىن ۋەقەگە يولۇقتى .بۇ بالا 7كۈندەك جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ بۈگۈن ئەتتىگەن قازا قىلغان.ۋەقە سادىر قىلغان بۇ ئىككى جىنايەتچى شوپۇر ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.بىراق بۇ ۋەقە پۈتۈن مەملىكەتكە پۇر كىتىپ ۋەقە تەپسىلاتى ۋە ۋەقە ھەققىدىكى ئوي بايانلار كەڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى شۇنداقلا جامائەتچىلىك بىلەن مۇنازىرە قىلىشماقتا.ئادەم ئۆلسىمۇ كارى بولماسلىق،كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆز مەنپەئەتى ئالدىدا قىلچىلىكمۇ ئويلىماسلىق،باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك...دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك سۇئاللار بۇ فىلىمنى كۆرسە ئادەمنى ئويلارغا سالماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.

atikam1 2011-10-21 13:08
مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرۇپ قويىدۇ ،،،ئۇنداق كىشىلەردە قىچىلىك ئادىمىلىك يوق

yulgunhuxal 2011-10-21 13:37
بۇ قانداق بوغىنى-ئۇلار ئوزىنى ئادەممەن دەپ ياشىمىسۇن.

nota999 2011-10-21 13:38
بۇنداق ئىشلار تۇرمىشىمىزدا  دائىم ئۇچراپ تۇردۇ .ھەم بۇمەسلىدە كىشلەر قورقىدىغاب بىر ئىشى <بۇ ۋەقە ماڭا ئارتىلىپ قالارمۇ؟> دىگەن تەشۋىش مەسلىسى بولۇپ قالدى  

  بۇ ئىچكىرى ئۆلكىدە بولۇپلا قالماستىن بىزنىڭ يۇرۇتتا بىزنىڭ كەنىتتە بولغاب  
بىر دىھقان 3بالىسى بار دېھقان ئىدى .مەلەۇم بىر جايغا تىراكتۇردا يۈك تۇشۇپ كەچ قالغا ئۇ تىراكتۇرنىڭ چىرىغى بولمىغانلىقتىن ،قاراڭغۇدا تىراكتۇر كاتاڭدا دۈم بولۇپ كەتكەن. ھەم شۇ كىشىنى يۆلەپ تۇرغىزىدىغان بىر ئادەم تېپىلمىغان ئۇ كىشى ئۆزى تىركىشىپ يولغا چىققان دەل شۇ ۋاقىتتا  بىزنىڭ مەھەللىك بىر كىشى كۆرۈپ كارى بولمىغان. ئۇ كىشى يەنە قولى بىلەن ئۆملەپ100مىتىر مېڭىپ جان تەسلىم قىلغان، كىيىن بۇ ۋەقەنى كۆرگۈچى ئۆز ئاغزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى لىكىن يېقىن بارمىغانلىقىن ئېيىتقان

yulgunhuxal 2011-10-21 13:42
يىڭى يۇلتۇزنىڭ يازغىنى توغىرا.ئارتىلىپ قىلىشتىن قورقىدۇ.

yulgunhuxal 2011-10-21 13:49
      

karmanshah 2011-10-21 14:08
نىمە ئىش چىقسا مۇشۇ گۇاڭدوڭدىن چىقامدىكىن،ھامىلە ،چاشقان يەيدىغان،ئادەمگە خاس ئىش قىلمايدىغان،،،،،

dellyar571 2011-10-21 14:10
بۇ ئىشقا ھەيران قالغانلاردىن ھەيران قالدىم  .جۇڭگونى چۆچچتىپتىدەكمىش ... ساختا ماۋزۇ ....كۆپچلىك بىلىدۇ ، جۇڭگولىقلارغا بۇ تامامەن نورمال بىر ئىش بولۇپ بالىنى قۇتۇلدۇرمىغانلار جۇڭگونىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئادەملەر. ئەخلەتچى موماي "ئەخماق "بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىپتۇ .ئۇ" ئەخمەق" موماينىڭ تەلىيى ئوڭدىن  كەپتۇ  ئەسلىدە بارماق ئىزىنى تەكشۇرۇپ ئۇنىڭغا بالىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىتىش مۇنكىن ئىدى .موماي كامىراغا رەھمەت ئىيىتسا بولىغىدەك.      

kilyang 2011-10-21 14:14
ئەسسىلامۇ  ئەلەيكۇم !
                        تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر بولسۇن !
بۇ ۋەقە: ھەر بىر جان  يەنى يۈرىكى گۆشتىن بولغان  ھەر بىر ئىنساننى  ئويلاندۇرىدۇ !!!!
ھازىر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش ھەر جاي  ھەر  باغدا  ھەم تاغدا بار
ئەگەر ئىنسانلار ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر دىننى تونۇغان بولسا  ھازىرقىدەك ھالەت شەكىللەنمىگەن  بولاتتى !!!  پۇل  مال  دۇنيانى دەپ ئىنسانى پەزلىتىدىن كىچىدىغان نائەھلىلەر  يامراپ كەتمەكتە !  پۇل  مال  دۇنيانى  ھوقۇق  مەنسەپ  يۈز ئابرۇينى دەپ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغان بوۋىللىرىنى قىرىنداشلىرىنى يوقلىمايدىغان ھەتتا ئۇلارنىڭ ھالى  نىچۈن  سوراپمۇ  قويمايدىغان  بۇنداق  شەرەپسىزلەر  كۆپەيمەكتە !!! يۇقارقى ۋەقەدەك ئۆز يۇرتىدا بىرەر ھادىسە يۈز بەرسە  ياكى دادىسنى  ياكى ئانىسنى  ماشىنا سوقىۋەتسە ياكى ئىغىر ھالسىزلىنىپ قالسا  ئۇنىڭغا سەل قارايدىغان  چىقىم بولۇپ كىتەمدىكىن   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە  ھالال ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىم  بىكار كىتەمدىكىن  دەيدىغان  ۋەياكى  بىز  تۈزۈم بويچە ئىشلەيمىز  كىچىكىپ قالساق ياكى يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارلىشىپ قالساق بىزنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى ھىمايە قىلماي  ئىش ھەققىمىزنى تولۇق بەرمەي  ئاچ قالىمىزمىكى  دەپ  يىرىم چىلەك سۇدەك شالاقشىپ   سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك  لەيلەپ يۈرۈپ ئاچ قالىدىغان لالما ئىتتەك شالاپشىمىزيۇ  ئەمما  مانا  مۇشۇنىڭدەك ئىشلار بولسا  ئىنسانى پەزىلەت ، مېھرىبانلىق  خەيىر  - ساخاۋەت دىگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويىمىز !!!!!
ئىنسان  ئىنسان بولغان ئىكەن  ئۇنىڭدا  ۋاپا ، ساداقەت  ، مېھرىبانلىق ، ئاق كۆڭۈللۈك ، ھېسداشلىق ، بولۇش لازىمكى تەكەببۇرلۇق  مەنسىتمەسلىك ، شۆھرەتپەرەسلىك بولماسلىق لازىم دۇر   خەيىر ھەممەيلەننىڭ  كۆڭلىگە ئىنساپ  ھىدايەت  يولى  تىلەيمىز   بىز  بۇ دۇنياغا مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس   قولىمىزدىن كىلىدىغان زەرىچىلىك ياخشىلىق بولسىمۇ قىلىۋىلىپ ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن كۆپرەك تائەت  ئىبادەت قىلىۋىلىپ ياشايلى !!!!!

ahgul 2011-10-21 16:00
پەرزەنتلىرىمىزنى ، توغرا بالايى قازادىن ئامان قىلغاي

tahirbeg 2011-10-21 16:01
بىرلا ئېغىز گەپ، ئىتقاد يوق.  

amanlik 2011-10-21 16:36
Adam az kaldi..

karizim 2011-10-21 17:25
ئىتقادتىن ئايرىلغان يۈرەكلا شۇنداق ئىشلارنى قىلالايدۇ!

uyghur.xy 2011-10-21 17:37
توغرا ! ئىمان ئتقادسىز ئادەم ئاشۇنداق بولۇپ كىتىدىكەن .مەن ئۆزۇمنىڭ  ھەم مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇرلىقىمدىن مەگگۇ پەخىرلىنىمەن، ئنسىان دىگەندە ئىمان، ئتقاد ،مىھىر-مۇھەببەت بولمىسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىپتۇ بۇ ۋەقە!!!

asma 2011-10-21 18:24
تۈنۈگۈن خەنزۇچە تور بېتىدىن بۇ مەزمۇننى كۆرگەن ئىدىم. ھازىر ئىچكىرىدە بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ ، ئېسىمدە قېلىشىچە ئالدىنقى يىلى مۇنداق بىر خەۋەر تارقالغان ئىدى:بىرەيلەن يولدىن ماشىنىلىق كېتىۋاتقاندا قېرى بىر موماينىڭ قان بېسىم كېسلى تۇتۇپ، يىقىلىپ چۈشۈدۇ، ياخشى نىيەتلىك بۇ كىشى موماينى دوختۇرغا ئاپىرىدۇ ھەمدە مۇشۇ ياخشىلىقى ئۈچۈن تۈگىمەس بالاغا قالىدۇ، چۈنكى موماينىڭ ئىنساپسىز ئوغلى ئاپامنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قېلىشىغا سەن سەۋەپچى بولمىساڭ بىكارغا دوختۇرغا ئەكىلەمتىڭ دەپ چىڭ تۇرىدۇ، پۇلغا تويمايدىغان بۇ مومايمۇ ئوغلى بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئادەمگە قارا سۈركەپ، مېنى سوقىۋەتكىلى تاس قالدى، شۇڭا قورقۇپ كېسلىپ قوزغىلىپ قالدى، دەپ يالغان ئېيتىپ، ياخشى نىيەتلىك بۇ كىشىدىن بىرمۇنچە تۆلەم ئالىدۇ، نەق مەيداندا كامىرا بولمىغانلىقتىن بۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ ياخشىلىقى يامانلىققا ئۆزگىرىپ بىرمۇنچە تۆلەم تۆلەپ ئاندىن بۇ ئىشتىن قۇتۇلىدۇ، كېيىن توردا خەنزۇچە مۇنبەرلەردە بۇ ھەقتە نۇرغۇن بەس مۇنازىرە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ھازىر لېيفېڭ بولماق تەس دىگەن گەپ توردا مۇدا گەپكە ئايلاندى،بۈگۈنكى مۇشۇ خەۋەر ھەققىدمۇ كىشىلەر ئوخشىمىغان نۇقىتىدن تۇرۇپ مۇلاھىزە بەس مۇنازىرە قىلىشتى... بۇنداق ئىشلار ئادەمنى ئويغا سالماي قويمايدۇ،بەزىلەر ھازىر ئادەمنىڭ ئەسكىلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ياخشىلىق قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قېلىشىپتۇدەك، ئۇنىڭ ئۇستىگەبەزىلەرنىڭ‹‹تاماشاچى›، پىسخىكىسى بەكلا كۈچلۈكمىكىن دەيمەن، ھەممە ئىشنى تاماشا قىلىدۇ...
ئۆزۈمنىڭ ئىمانلىق قەۋمدىن ئىكەنلىكىمدىن نۇرغۇن چاغلاردا پەخىرلىنىمەن.  

hacker253 2011-10-21 18:54
بۇ كىشىلەر شۇنداق بىر بىرىگە ئىچى ئاغرىمايدىغان ماۋۇ مىنىڭ مىللىتىم ئىدى دىمەيدىكەن.
ئى اللە بەندىللىرىڭنى مۇشۇنداق كۈنلەردىن ساقلىغىن. ئامىن

urukjan 2011-10-21 20:06
گۇاڭدۇڭلۇقلاردا ئنساپ قالمىدى بولغاي.

گويا....   ---------------   دەك.

abdukorax 2011-10-21 21:21
دۇنيادا دىنىي قانۇندىن باشقا ھەر قانداق قانۇننىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا ياردەم قىلماپسەن دەپ جازالىيالمايدۇ دەپ قارايمەن .شۇنداق جىنى  بىر تامچە سۇغا مۇھتاج بىرەيلەنگە ئۆلەر ھالەتتە ئىشىپ تىشىپ تۇرغان سۈيى بار بىرسى ئۇچىرسا ياردەم قىلىمىسا ئۇنى كىم ۋە قايسى قانۇن جازالىيالايدۇ ،مىنىڭچە پەقەت دىنىي قانۇن .مىنىڭچە بۇنىڭدىن  دىنىي قانۇننىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ھەپ قارايمەن .

gulbarxekar 2011-10-21 21:47
 

gulbarxekar 2011-10-21 21:48
ئىمان يوق ئادەملەردىن ۋاپا كۈتكىلى بولماس

gulbarxekar 2011-10-21 21:56
شوپۇر ھەم يولدىن ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىۋەتسە بولغىدەك

javir 2011-10-21 21:59
نۇپۇسنىڭ زىيادە كۆپۈيۈپ كىتىشى

2012 2011-10-22 00:13
يۈرۈكۈم بەك ئېچىشىپ كەتتى ...پەقەت چىدالمىدىم ...ئاۋۇ بىچارە بالىنى ئىككى قېتىم ماشىنا بېسىۋەتسە قانچىلىك قىينالغاندۇ ...پەقەت چىدىمىدىم ....

vmid219 2011-10-22 10:27
ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىدىم. ئادەم دېگەن شۇنداقمۇ قارا كۆڭۈل،شۇنداقمۇ رەھىمسىز بولامدۇ؟ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاق دېگەن نەگە كەتتى؟ ئەمدى ئىككى ياشقا كىرگەن بىچارە بالا شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ھالدا تۇرسا، بىر ئىنسان "نىمە بولغاندۇ؟'دەپمۇ باقماپتۇ. توۋا، ئىمان،ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقى مانا مۇشۇنداق يەردە ئىپادىلەنسە كېرەك.
كۆز يېشىمغا ئىگە بولالمايۋاتىمەن.

nursima 2011-10-22 11:23
بۇ خەقنىڭ يۈرىكنى ئىت يەپكەتكەنمىدۇ؟!!!توۋا قىلدىم!!!ئىمانسىز ئادەملەرنىڭ كۈڭلىدىن ئىنساپ كۆتۈرلۈپ كىتدىكەن.....

manzilim.com 2011-10-22 11:32
بەزەن بىر شوپورلار شۇنداق.قورقۇنچاق

tahlik 2011-10-22 12:01
   راس  بۇ  ۋەقەدىن   بىز  ئۇيغۇرلار  بەكراق  چۈجۈپ  كەتتۇق ،،،
     بىز  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،

begiz 2011-10-22 13:13
ئەخلاق كىرىزىسى ،ئادىـــــــــــــــــــــــــمىلىك قەھەتچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ مانا.................!!!!!!!

akbar330 2011-10-22 13:17
ئۇ يەردە ھايۋاندىن بەتەر بىر توپ جانلىقلار ياشايدىكەن   !

adidas777 2011-10-22 13:39
نىمىدىگەن رەھىمسزلىك بۇ
777

umut123 2011-10-22 13:58
بۇ ئىنساندىكى ئەخلاق مەسلىسى بۇرادەرلەر ،كۆپ سۆزلىگەننڭ پايدىسى يوق تەندىكى كىسەلنى ساقايتىش مۇمكىن  لىكىن دىلدىكى كىسەلنى ساقايتىش بەك بەك مۇشكۈل قىرىنداشلار ،بۆرە ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان كىيىك توپى ئۆزلىكىدىن قوتا چۈشۈپ ھالاك بولامىش ،  

turakjan 2011-10-22 14:10
  بۇ ئىنساندىكى ئەخلاق مەسلىسى بۇرادەرلەر ،كۆپ سۆزلىگەننڭ پايدىسى يوق، تەندىكى كىسەلنى ساقايتىش مۇمكىن ، لىكىن دىلدىكى كىسەلنى ساقايتىش بەك بەك مۇشكۈل قىرىنداشلار ،بۆرە ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان كىيىك توپى ئۆزلىكىدىن قوتا چۈشۈپ ھالاك بولامىش!!!    ھەي،  ئاللاھ ھەر بىر بەندىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!...

hakyol 2011-10-22 14:35
ئىسىت   ئۇلارنىڭ ئادەم  بولۇپ قالغىنى  ،،،،،،

tugrul525 2011-10-22 15:39
بىر توپ ئالۋاستى ۋە بىر پەرىشتە!!!!!!!!!!!!!!!

kimu 2011-10-22 17:31
قان بىلەن كىرگەن خۇي،جان بىلەن چىقىدۇ.

what 2011-10-22 18:59
1997- يىلى مېنىڭ داداممۇ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىپ كەتكەندە، ئۇنى ئۆلتۈرگەن شوپۇرلار دادامنىڭ مال مۈلكىنى قاتناش ساقچىلىرىغا پارا قىلىپ بېرىۋەتكەن. دادام بىر كېچە ياتسا قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىغان. ئاشۇ توڭگۇز شوپۇرلار ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىدى، پەقەت دادامنىڭ يېنىدىن ئېلىۋالغان مال مۈلۈكنى ئەرزان باھادا پۇلغا سۇندۇرۇپ قايتۇرۇپ بەردى. بۇ قايتۇرغان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى دادامنىڭ مۇناپىق شېرىكى يەۋالدى. ھېسابنى سۈرۈشتە قىلسام: خەنسۇ شوپۇرنى تىللاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى بۇزدۇڭ، ماڭا يەنە ئازراق پۇل بېرىپ قۇتۇل، بولمىسا سېنى ھۆكۈمەتكە چاقىمەن، دەيدۇ تېخى.
مېنىڭ دادام يۇرتىمىزنىڭ مائارىپىغا ئاساس سالغان مائارىپچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

xamxar901 2011-10-22 22:27
جۇڭگولىقلارغا بۇ تامامەن نورمال بىر ئىش بولۇپ بالىنى قۇتۇلدۇرمىغانلار جۇڭگونىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئادەملەر. ....................................................................................       

xamal903 2011-10-22 23:17
ئەسسالام دوستلار!بەلكىم ئالدىنقى يىلى ئىچكىردىكى مەلۇم ئۆلكىدە يۈز بەرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ يارىلانغان بىر  موماينى قۇتقۇزىمەن دەپ شۇ موماينىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرىلغان ۋەقە ھەممە ئادەمدە مۇشۇ خىل خاتا قاراشنى پەيدا قىلغان،ھازىر جەميىتىمىزدە بۇنداق مىساللار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.مەدەنىيەت كىيىم كىچەك غەرپلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىمۇ غەرپلىشىپ،ھەتتا غەرپلىكلەردىنمۇ   ئېشىپ چۇشمەكتە «ياخشىلىققا يامانلىق«قىلىش ئادەتتىكى ئش دەپ قارىلىۋاتقان بۇ جەمىيەتتە بىز ئەڭ ئاۋۋال ئۈزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ،ئاندىن مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلمىساق قىسقىسى ۋىجداننى دەۋر تارازىسىدا ئۆلچەپ بىر ئىش قىلمىساق بولمايدۇ.شۇڭا بۇ ئىشلارغا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك..

taxqilan 2011-10-22 23:49
5000يىللق مەدىنيەتلىك خەلق بىز ،مانا بۇ بىزنىڭ مەدىنيىتىمىز . بىز دىگەن مەدەنيەتنى ياراتقۇچى

taxqilan 2011-10-22 23:51
قانۇندا شوپۇرلارغا ئۇلۇم جازاسى كەلمەيدۇ.بەك بولسا بىرنەچە يىل كېسلەر.

위구르어 2011-10-23 03:32
بىر قېرىندىشڭمىز[مەدەنىيەت كىيىم كىچەك غەرپلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىمۇ غەرپلىشىپ،ھەتتا غەرپلىكلەردىنمۇ   ئېشىپ چۇشمەكتە ]دەپتۇ،ئەمىليەتتە غەرىپلىكلەر سىز دىگەندەك ئەمەس،ئۇلار ئادەم ئەمەس بەلكى بىر ئىتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ خېلى سەۋەپلەرنى قىلىپ باقىدۇ.ئەگەر بۇۋەقە 中国دىن باشقا دولەتتە بولغان بولسا ئاقىۋىتى ھەرگىزمۇ بۇنداق بولماس ئىدى.بۇندىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى بىر ئۇيغۇربالىنىڭ{10ياشلار ئەتىراپىدا}ماشىنا سوقىۋەتكەن بىر ئىتقا بىر كىلومىتىرچە يىراقلىقتىن چىلەكتە سۇ ئەكىلىپ بېرىۋاتقىنىنى كورۇپ شۇنداق تەسىرلەنگەن ئىدىم.مانابۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىز توختىماستىن قاقشاۋاتقان (ئۇنداقچىى بۇنداقچى )ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى...

xax.yigit 2011-10-23 05:43
ئاھ-خۇدا ! ئىنسانلار ئارىسىدىكى ياتلىشىش سىنىڭ بىزگە بەرگەن جازالىرىڭدىن بىرسىمۇ ؟

otyurakohlan 2011-10-23 16:58
دوسلار ئۇنچىلىكمۇ دەپ كەتمەيلى ھەممىزنى ئاللا ياراتقان شۇ بالىنىڭمۇ بۇ دۇنيادا ياشاش مەجبۇرىيىتى بار ،ھەقىقەتەن جەمىيىتىمىزدە ئىشنىڭ ئۈزىگە ئارتىلىپ قېلىشتىن قورقۇيدىغانلارمۇ بار ، لىكىن نىمە دىگەن بىلەن ئۇمۇ بىر جاندە سىلەرنىڭ بالاڭلار ئاشۇنداق بۇلۇپ قالغان ۋاقىتتا سىلەر يەنە شۇنداق دەمسىلەر ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئئ

uyghur0998 2011-10-23 17:43
مەنچە ئۇلار ئادەم ئەمەس ۋايۋانلار

xia412 2011-10-23 18:48
 

pattar 2011-10-23 19:19
نىمە بولاپ كاتتى بۇ جاھان توۋا كىلدىم!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!111

niranxa 2011-10-23 20:32
نوپۇسى جىق ئادىمى ئاز دۆلەت ......بىچارە  بالا

sirlikbala 2011-10-23 22:15
ئادەمدە ئادىمىيلىك تۇيغۇسى بولۇش كىرەكتە.ئۇمۇ بڭر جان ئەمەسمۇ؟

zamanim 2011-10-24 00:55
مەن بۇ تېمىنى كۆردۈم، ئەمما تېمىغا دائىر ئىنكاسلارنىڭ بىرىنىمۇ كۆرمىدىم، كۆرسەم- كۆرمىسەم ئوخشاش! مانا بۇ جەمئىيىتىمىزدىكى ئەخلاقنىڭ، ئىنسانىيلىقنىڭ چاك- چېكىدىن يېمىرىلگەنلىكىنىڭ دەلىلى. ھەي! جەمئىيىتىمىزدە قاچانمۇ ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان دەۋرلەر كېلەر؟!

sayrana 2011-10-24 01:01
مېھىر مۇھەببەت دىگەن نەرسە يوقتە ، ھەي


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پۈتۈن جۇڭگونى چۆچۈتكەن ۋەقە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038999 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us