رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- كۈندە بىر دۇنيادىكى ئەڭ [تەرجىمە] --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى تەرجىمە ئەسەرلىرى] -> كۈندە بىر دۇنيادىكى ئەڭ [تەرجىمە] [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yaruq 2011-09-29 14:48

قايسى خىلدىكى پاقىنىڭ «بۇرۇتى» ئەڭ كۆپ؟ ئەڭ ھۇرۇن بېلىق قايسى؟ قايسى دەرەخ ئەڭ زەھەرلىك؟ قايسى دېڭىز ئەڭ سۈزۈك؟ ئەڭ كۈچلۈك پارتلايدىغان يانار تاغ قايسى؟ ئەڭ بۇرۇنقى كومىدىيە فىلىمى قايسى؟قايسى كىتابنىڭ بەت سانى ئەڭ كۆپ؟ بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان جانلاندۇرۇم فىلىمى قايسى؟ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن بولغان پايتەخت قايسى؟ ئەڭ بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىدا قەدەم سالغان كىشى كىم؟ تارىختا ئەڭ يىراققا ئېتىلغان توپ ئوقى قايسى؟ ئەڭ تېز يولۇچىلار ئايرۇپىلانى قانچىلىك تېز؟ ... مانا بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ھەربىر ئادەمنىڭ بىلگۈسى كېلىدۇ. سىزنىڭمۇ بىلگۈڭىز كەلگەندۇ... ئۇنداق بولسا ھەركۈنى قىسقىغىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ «دۇنيادىكى ئەڭ...» نى ئوقۇپ قويۇڭ. پايدىلىنىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.

 

دۇنيادىكى ئەڭ
بىرىنچى باب ھايۋاناتلار ئىچىدىكى ئەڭ
 
سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلار ئىچىدىكى ئەڭ
 

دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان كىت، بۇ خىلدىكى ھايۋاناتلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېڭىزلارغا تارقالغان.

ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 170توننا كېلىدۇ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 30مېتىر ئەتراپىدا. كىتنىڭ بېشى ناھايتى چوڭ، ئۇنىڭ تىلىدا 50نەچچە ئادەم تۇرالايدۇ.

كىتلار بىر يىل ھامىلىدارلىق مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئادەتتە قىش پەسلىدە تۇغىدۇ. ئەمدىلا تۇغۇلغان كىتنىڭ ئېغىرلىقى 2.6توننا، ئۇزۇنلۇقى 7.5مېتىر كېلىدۇ. بالا كىتنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ، ئادەتتە ئۇ ئانىسىنى ئېمىپ 24سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 100كلوگرام ئېشىپ، ھەر مىنۇتىغا تەخمىنەن 70گرام ئاشىدۇ. بالا كىت توغۇلۇپ 7ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 23توننا، ئۇزۇنلۇقى 16مېتىر كېلىدۇ، ھەمدە سۇ ھايۋاناتلىرىنى يىيىشنى ئۆگىنىدۇ. بالا كىت 5يىلدىن كېيىن قۇرامىغا يېتىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن كىتلار ئادەتتە 50-80يىلغىچە ياشايدۇ.

كىتنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ مايلىرىدىن سۇپۇن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ گۆشى ناھايتى مەززىلىك بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ كىتنىڭ جىگىرىدە مول ۋىتامىن بار؛ كىتنىڭ سۆڭىكىدىن يىلىم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ كىتنىڭ گۆشى ۋە ئىچكى ئەزالىرىدىن ئەلا سۈپەتلىك ئۇغۇت ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار دائىم كىتنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ پايدىلىنىدۇ. بۇ كىتلارنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نۆۋەتتە كىت دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
داۋامى بار...

atikam1 2011-09-30 01:28
كۈندە ئۇقۇپ تۇرايچۇ ،،،داۋامىنى كۈندە يوللاپ تۇرۇڭ

nimjan 2011-10-02 15:23
بىرىنچى پاراگراف پاقىنىڭ قونداققا چىققانلىقى، توخۇنىڭ قۇدۇققا چۈشكەنلىكى

dilhux2 2011-10-04 14:28
دۇنيادىكى نۇرغۇن "ئەڭ "لەرنى بىلدۇرگىنىڭىز گە رەھمەت .

salam234 2011-10-05 18:14
دۇنيادىكى تىخىمۇ كۆپ <<ئەڭ >>  لەرنى  بىلگۈم بار ،  داۋامىنى ساقلايمەن  .

hakyol 2011-10-06 19:27
قەىقەەەەە

诚信 2011-10-10 19:43
بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق، بىلمىگەندىن بىلگەن ياخشى، سىزگە كۆپ رەخمەت!

hacker253 2011-10-20 18:32
(كۈندە بىر) دەپ بىرنىلا يوللاپ يوقىدىغۇ بۇ ئاداش. ئەسلى تىما ماۋزۇسىنى (خوش ياققاندا بىر )دەپ قويسىمۇ بولدىكەنتۇق.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- كۈندە بىر دۇنيادىكى ئەڭ [تەرجىمە] --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.035734 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us