ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم...
ئاتىلار ھەقىقەتەن ھەقىقەتەن بەك ئۇلۇغ،بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ مەرھۇم ئاتامنى ئەسلەپ قالدىم...
ئۆتكەن يىلى يازلىق تەتىل ۋاقتى ئىدى،مەن تېخى ئەمدى ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدىم ،قىشلىق تەتىلدە مىنى مەكتەپكە ئۆزى ئۇزۇتۇپ چىققان ئاتام ئەمدى بولسا كېسەل كارۋىتىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى،مەن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ،بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى،كۆزلىرىمدىن ياش يۈرۈگۈمدىن قان ئېقىشقا باشلىدى... ،چۈنكى ھەممىدىن خەۋەرسىز،بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن بەك قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن ئىدىم،ئاتامنىىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتاتتى،مەكتەپكە قايتىدىغان كۈنلىرىممۇ يېقىنلىشىپ كىلىۋاتاتتى،بىراق مىنىڭ ئەسلا مەكتەپكە قايتقىم يوق،ئاتام شۇ ھالەتتە تۇرسا ئۇنى تاشلاپ نەگىمۇ بارغۇم كەلسۇن مىنىڭ،مەن مۇشۇ كەمگىچە ئاتامنىىڭ رۇخسىتىسز ھىچقانداق ئىش قىلىپ باقمىغان،كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپ تۇراتتى،شۇڭا مەن ئاتامنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش مەقسىدىدە ئۇنىڭدىن سورىدىم:"ئاتا،مەن مەكتەپنى بىر يىل توختۇتۇپ تۇرۇپ،كىينكى يىلدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرسام بۇلىدۇ،مەكتەپكە بارمايمي يە،سىنىڭ يېنىڭدا تۇرغۇم بار"،لىكىن ئاتام شۇنداق كەسكىن ھالدا،يېرىم يۇمۇقلۇق كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى:"ياق، قىزىم مەكتەپكە بېرىڭ،سىزنى ئاللاغا تاپشۇردۇم"،مانا بۇ ئاتامنىڭ مىنىڭ ھاياتىمدا ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى نەسىھىتى ئىدى،مەكتەپكە يول ئالىدىغان كۈنۈم يىتىپ كەلدى،بۇ كۈنلەردە ئاتام دوختۇرخانىدا ئىدى،گەرچە ئاتامنى جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئامال يوق دەپ ئۈرۈمچى دوختۇرىانىدىن ياندۇرىۋەتكەن بولسىمۇ،ئۆيگە ئەكەلگەندىن كىيىن،ئاپاملار ئۆيدە ياتقۇزساقمۇ ياتقۇزىدىكەنمىز ۇئۇنىڭدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى دەپ شۇ يەرلىك دوختۇرخانىغا ئاپارغان،ئاتام گاھى كۆزىنى ئېچىپ گاھى يۇمۇپ بىر خىل ھالەتتە تىنچ ياتاتتى،ئۇنىڭ مىجەزى ئەسلىدىمۇ بەك ئېغىر -بېسىق ئىدى،ئۇنى كېسەل كارۋىتىدا كۆرگۈنۈمدىن بۇيان ىەم تېخىمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالغان،مىنىڭ دوختۇرىانىدىنمۇ ماڭىدىغان دەقىقىلەر يىتىپ كەلدى،كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى،ئاتام بىلەن بىر كېسەلخانىدا ياتىدىغان داداش مىنىڭ ۋاقتىم قىستاپ قالغىننى كۆرۇپ ئاتامغا:"قىزىڭلىغا دۇئا بىرىڭلا"دىدى،ئاتام شۇ ھالەتتە قۇلىنى دۇئاغا كۆتۇردى،لىكىن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا نىمە دەپ دۇئا قلغىنى ھەممىمىزگە نامەلۇم،بۇنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلۇر،ماڭار ۋاقتىمدا ئاتامنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە كىلىپ :"ئاتا ئاللاھ خالىسا قىشلىق تەتىلدەكەلگەندە كۆرۈشىلى ،ئاللاغا ئامانەت"دىگەن سۆزلەرنى ئاران ئىغىزدىن چىقىرالىدىم،چۈنكى بۇ ۋاقىتتا يىغىنىڭ دەستىدىن ئاغزىم ئاللىقاچان گەپكە كەلمەي قالغان ئىدى،ئاتامنىڭمۇ كۆز چاناقلىرىدا ياشلار لىغىرلاپ شۇ پېتى قېتىپ قالدى،ئۇمۇ:"قىزىم ئاللاغا ئامانات"نى ئاران دىيەلىدى،مانا بۇنىڭ ئەڭ ئاخىىرقى خوشلىشىش ئىكەنلىكىنى مەن خىيالىمغا كەلتۈرۈشكە پېتىنالمىغان ئىدىم،دوختۇرخانىدىن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ خۇددى بارسا كەلمەس يولغا كىتىۋاتقاندەك چىقتىم،ئىككى ئاچام يېنىمدا بېكەتكە بارغۇچە ماڭا تەسەللى بېرىپ كەلدى،لىكىن ئۇ گەپلەر مىنىڭ قۇلۇقۇمغا ئەسلا كىرمەيتى،ئۇلار ماڭا:"ئۇكام ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ ،خۇدايىم بۇيرىسا ئاتام بىلەن يەنە كۆرۈشەلەيسىز "،دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىنى بەزلەيتى،ئەمىليەتتە ئۇلار ئۆزىنىمۇ مىنىمۇ ئالداۋاتاتتى،مەن ئۆزۈممۈ بىر مىدىتسىنا ئۆگۈنىۋاتقان تۇرسام،گەرچە ئاران بىر يىل بولغان بولسىمۇ،جىگەر راكىنىڭ قانداق بۇلىدىغىننى مەن بىلمەمدىم،بىلىپ تۇرساممۇ ،كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ،لىكىن ئاللىقانداق بىر مۆجىزىنىڭ يۇز بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ مىڭ تەسلىكتە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم،چۈنكى ئاللاھ ئىگەمنىڭ زىمىندىكى مۆجىزىلىرى تالايغۇ،شۇڭا قەلبىمدە رىئاللىققا بويسۇنمىۈان ھالدا ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈد ئۇچقۇنى پەيدا بولغان ئىدى...
پويىز قوزغالدى،مىنىڭ پۈتۈن خىيالىم يەنە شۇ سۈيۈملۈك ئاتامدائىدى،كاللام چىگىش خىياللار بىلەن تولغان ،كۆزۈم قىزىرىپ ئىشىپ كەتكەن ئىدى،مانا ھەش پەش دىگۈچە ئۈچ كۈنلۈك پويىز سەپىرىمۇ ئاياغلىشىپ مەكتەپكىمۇ قەدەم باستىم،يىڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى،قەلبىمنىڭ بىر يېرىدە دائىملا بىر نەرسە كامدەكلا ھېس قىلىپ يۇردۈم شۇ كۈنلەردە،ئۆيگە كۈندە دىگۈدەك تېلفۇن قىلاتتىم،ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى سورايتىم،ئاپامنىڭ ئاغزىدىن شۇ بىر ئىغىز جاۋاپنىلا ئالاتتىم:"ئاتىڭىز شۇ بىر ئەھۋلدا تۇرىدۇ قىزىم"،بىر مەۋسۈم مۇشۇ بىر ئىغىز سۆز مىنى ئالداپ چىقتى،يېقىندىن بۇيان چۈشلىرىم بەك بۇزۇلۇپ كىتىۋاتاتتى ،مىنىڭ كۆز ياشلىرىم ھەمىشە جەينىماز ئۈستىدە ياش تۆكۈش بىلەن ئۆتەتتى،كۆز ياشلىرىمنى بىر رەببىمدىن باشقا ھىچكىمگە بىلدۈرمەيتىم،ھە دېسىلا دىققىتىمنى بۇراپ ئۆزۇمنى بىكار قالدۇرمايتىم،ناھايىتى ئالدىراش يۇرەتتىم شۇ كۇنلەردە،كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە داۋاملىشاتتى،شۇنداق قىلىپ بۇ بىر مەۋسۈمنى بىر ئەسىردەك شۇنچىلىك ئۇزاقتا توشقۇزدۇم،ئاخىرى قىشلىق تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى...
ئۆيگە قايتىش سەپىرى،يەنە پويىزدا، كاللام خىلمۇخىل خىياللار دېڭىزىدا ئۈزمەكتە ئىدى،ئۆيگىمۇ كەلدىم،مىنىڭ پۈتۈن ئۈمۈدلىرىم بەربات بولغان ئىدى،مەن ئاتامنى ئەمەس،بەلكى شۇ جانجىگەر ئاتام ياتقان سوغوق قەبرىنى قۇچاقلاپ چەكسىز غېرىپلىق ئىچىدە ئۈن تىنسىز قانلىق ياش تۆكمەكتە .ئىدىم،لىكىن نە ئامال ماڭا بويسۇنماقتىن باشىقا،چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكۇمى تۇرسا،شۇنداق قىلىپ مەن ھاياتىمدا ئەڭ قىيالمايدىغان،ھەم ئايرىلىپ قېلىشتىن ئڭ قورقۇدىغان يۆلەنچۇكۇم .غەمگۈزارىمدىن ئايرىلدىم...
.......
