رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى تەرجىمە ئەسەرلىرى] -> ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

asma 2011-09-27 18:16

1.      يېتەرلىك مىقداردا  دوستلۇق رىشتىڭىز بار بولسۇن: سەمىمىي دوستلۇق كىشىلىك ھاياتتىكى ئىللىق يېپىنچىغا ئوخشايدۇ، ئۇ سىزنىڭ ئەخلاق پەزىلىتڭىز ۋە مىجەز خاراكتىرىڭىز ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە ئۇنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەپ ئوبدان ساقلاڭ.
2.    ۋاز كېچىشنى بىلىڭ: بۇ ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ ھاياتتا پىشىپ يېتىلمىسىڭىز بولمايدۇ ،شۇڭا  ھاياتىڭىزدىكى مەلۇم سۆيگۈ، مەلۇم  تەقدىر قىسمەت ياكى مەلۇم رىئاللىققا قارىتا ئىشەنچىڭىز بولمسا ۋاز كېچىشنى بىلىۋېلىڭ. ئۆزىڭىزگە يېڭىدىن باشلاش پۇرسىتى بېرىڭ، ئىشەنچ، جاسارەت ، تىرىشچانلىق بولسىلا چوقۇم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
3.    ئاق كۆڭۈللىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىشنى بىلىڭ: قولىڭىزدىن كېلىدىغانلار بولسا ئاشۇ سىزگە قارىغاندا ئازاپ ئىچىدا قالغان كىشىلەرگە بۇ دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرۇڭ، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن باشقىلارنىڭ قەلبىگە سېلىنغان بۇ كىچىك ئۇرۇقلىرىڭىز ئويلىمىغان يەردىن ئادىمىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل چېچەكلىرىنى ئېىچلدۇرىشى  مۈمكىن.
4.    مۇزىكىنى چۈشىنىشنى بىلىۋېلىڭ:مۇزىكا ئادەمنىڭ خۇلق تەبىئىتىنى يېتىشتۈرۈپ  ۋۇجۇدىڭىزنى تازىلاپ چىقالايدۇ.ئەسلىمىلىرڭىز ۋە تەسسەۋۋۇرىڭزىنى قاناتلاندۇرالايدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن مۇزىكا ئىچىگە كىرەلىسڭىز سىزگە ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ باقمىغان خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ. ئۇ گويا ھەربىر كۈنىڭىز ئۈچۈن ئېيتقاندا  تېتىتقۇ خۇرۇچىغا ئوخشاش ئاز ئازدىن تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئۆزگىچە مەنا قوشىدۇ.
5.    ئىككى خىل ئازاپتىن يىراق تۇرۇڭ: ھاياتلىقتا مۇنداق ئىككى خىل ئازاپ بولىدۇ:بىرى ئېرىشەلمەسلىك ئازابى، ئىككىنىچسى ئاشىقلىق ئازابى.تىرىشچانلىقىڭىز بىكارغا كەتكەن ئەھۋالدا بارلىق ئېرىشمەكچى بولغانلىرڭىزنى بىر قېتىملىق قىمار دەپ ئويلاڭ. ئۇتسىڭىزمۇ ئۇتتىرسىڭىزمۇ پىسەنت قىلمايلا قويۇڭ .بۇ ياشقا كىرگەندە نىمىلا بولمىسۇن سىزدە يەنىلا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققۇدەك دەسمايە چوقۇم بولىدۇ.ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئېغىر ئازاپ ئاشىقلىق ئازابىدۇر.ئەگەر بۇ يېشىڭىزدا يەنە مۇشۇنداق قىسمەت ئىچىدە تۇرغان بولسىڭىز ياخشىسى ئۇنى چاڭ توزاننى تازىلىغاندەك ئۇلارنى قەلبىڭىزدىن پاكىز چىقىرىۋېتىڭ.
6.    بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ:بەزى ئىشلارنى ئۈن-تۈنسىز ھالدا ئۇنتۇپ كەتمەي بولمايدۇ، بىر قېتىملىق كەچۈرمىشتىن كېيىن بىر قېتىم ئەقىل تاپىسىز، بەزى ئازاپ ۋە دىلخەستىلىكلەرگە سۈكۈت ئىچىدە  بەرداشلىق بەرمەي بولمايدۇ.ھەر بىر قېتىملىق كەچمىشتىن كېيىن بىر قېتىم تاۋلىنىپ بارىسىز.  
7.    ھەرۋاقىت مىننەتدارلىق ھىسسىياتىدا بولۇشنى ئۇنۇتماڭ:شۇنداق بولغاندا سىز ھەتتا بىر تۈپ گۈل گىياھنىمۇ قەدىرلەيدىغان بولىسىز، بۇ خىل پىسخىكا شەكىلسىز بېسىملىرڭىزنى ئازايتىپ سىزنىڭ نەپسىڭىز ئۈچۈن جان تىركىشىشلىرڭىزگە مەلھەم بولىدۇ.مۇھىمى نۇرغۇن چاغلاردا بەزى بەخت تۇيغۇسى دەل مۇشۇ مىننەتدارلىق ھىسلىردىن كېلىدۇ.
8.    خىزمىتىڭىزنى قىزغىن سۆيۈڭ:گەرچە خىزمەت قىلىش چاي ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندەك كۆڭۈللۈك تۇيۇلمىسىمۇ بىراق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق  ئەقىل پاراسىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلىكسىز يېتىلدۈرۈپ بارىمىز.بۇمۇ بىزنىڭ قىممىتىمىزنى ۋە نەتىجىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەڭ زۆرۈر مەزمۇنلارنىڭ بىرىدۇر.شۇڭا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خىزمىتىمىزنى قىزغىن سۆيگەندە ئاندىن يېرىم ئۆمرىمىزدە جېنمىزنى باقالىغۇدەك ئىش قىلالايمىز.
9.    ئۆگۈنۈشكە ماھىر بولۇڭ: كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۆگۈنۈش ــــــ ئەقىل پاراسەت بىلەن پاراڭلاشقانغا تەڭ، شۇنداق قىلغاندىلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىز ۋە چۈشۈنۈش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بەزى پىكىر مەنبىيىمىز ۋە كۆز قاراشلىرىمىزمۇ دەل ئۆگۈنۈش ۋە كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىگە ئاساسلانغاندىمۇ كىتاپ ئوقۇش ئۆگۈنۈش قىلىش ئارقىلىق سېھرى كۈچڭىزنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، بۇنداق ئۈنۈمنى سىز يوگا گۇمپىسى مەشق قىلىپمۇ ھاسىل قىلالمايسىز.
10.    ھەركەتتتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۆگۈنۋېلىڭ: نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى سېمىز، كۆرۈمسىز ...دەپ قارايدۇ،شۇنىڭ بىلەن جېنىنىڭ بېرىچە ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماقتىن قىسىپ، گۈزەللىشىش ئۈچۈن ھۆسۈن تۈزەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ. ۋاقتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇنداق ئىشقا زايە قىلغىچە  ياخشىسى تەنھەركەتتتىن، تەبىيئەتتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ،شۇنداق قىلسىڭىز تەن ئېغىرلىقىڭىزمۇ سىزنىڭ ھورۇنلىقىڭىز سەۋەپلىك ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھۆسنىڭىزمۇ ئوخشاشلا يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆز كۈچىدىن قالمايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەلۇم دەرىجىدە ياشلىقىڭىزنى ، خوشاللىقىڭىزنى، ساغلاملىقىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز.

دوستۇمنىڭ بوشلىقىدىن تەرجىمە قىلىپ ئالدىم،قالايمىقان يۆتكەپ ئىشلەتمەڭ!

zilnur 2011-09-28 21:26
ھەي بېيجىڭدىكى كۈنلەر نىمە دىگەن ئاستا. بىر يىل قاچانمۇ تۇشار؟ يەنە مۇشۇنداق كەيپىياتتا بۇلارمەنمۇ يا؟ ھەي كۈنلرىمنىڭ مەنىلىك ئۆتىشىنى تىلەي.بۇ يازمىنى كۆرۈپ روھىم خىلى كۆتىرىلىپ قالدى.

atikam1 2011-09-30 00:50
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك نوقتىلاركەن ،،،ھەقىقەتەن بەزى ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن مەن ،،،بەرداشلىق بېرىشنى ئۇگۇنىۋالسام بولغۇدەك

tograk001 2011-09-30 11:19
بىلىۋالغۇدەك ئىسىل  سۆلەركەن...

akbar240 2011-10-01 19:03
رەخمەت!          ياخشى تىمىكەن            قولۇڭىز گۇللەرگە تولسۇن    

0998bahar 2011-10-16 22:27
دۇنيادا ئادەمنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە ھىچنىمە تەڭ كەلمەمدىكىن دەيمەن.

mukaram 2011-10-20 14:18
ئەسما قىز سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولار
دەيدىغان مۇھىم گەپلىرىم بارتى سىزگە

mukaram 2011-10-21 09:41
asma kiz

bu temini amdi uqruwatsigezmu boptikan

bak uzun turup katti munbarda

amdi bunig  ukydigan wahtimu otkandu?


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042280 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us