رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز قانچە نومۇرلۇق ئايال --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ نىكاھ-ئائىلە ] -> سىز قانچە نومۇرلۇق ئايال [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

nurdil 2011-09-26 11:00

سىز قانچە نۇمۇرلۇق ئايال بولالايسىز ؟
مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى 100 نومۇرلۇق ئىمتىھانلاردىن قانچە نومۇر ئېلىپ كۆڭلىڭىزنى خوشال قىلىپ يۇرەتتىڭىز .
 ئەمدى تۇرمۇشىڭىزدىكى ئىمتاھانلارندىن قانچە نۇمۇر ئالالايدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ .
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: (پارچە - پۇرات نومۇر قويۇپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ يۇرمەڭ)
سۇئال : قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ. ھەربىرى 10 نومۇردىن جەمئىي 100 نومۇر. 
1.ئەتتىگەن سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرالامسىز؟
2.سەھەر تۇرۇپ يولدىشىڭىز ۋە بالىرىڭىزنىڭ ناشتىلىقىنى بىرەلەمسىز ؟
3.يولدىشڭىز تاماق ئىتىشكە بويرىمىسۇمۇ كۈندە 3ۋاخلىق تاماق ئىتەلەمسىز؟
4.ئۆينى رەتلىك، پاكىزە تۇتالامسىز ياكى مېھمان كىلىدۇ دىگەندىلا ئۆينى رەتلەمسىز ؟
5. ئائىلىدە ئۆزىڭىزنى ئوڭشاپ رەتلىك ، چىرايلىق كىيىنىپ يۈرەلەمسىز ياكى سىرىتقا چىققاندىلار ياسىنامسىز؟
6.تاماق ئەتكەن قاچا-قۇچا ، قازان - قۇمۇچلارنى ۋاختىدا يۇيالامسىز ؟
7.ئامالنىڭ بېرىچە يولدىشىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشامسىز ياكى يولدىشىڭزدىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرەمسىز..؟
8.يولدىشىڭىز بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا يەرگە قاراپ يولدىشىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرامسىز ياكى تەڭ تاكاللىشامسىز ؟
9.ئادەتتە ئېرىڭىزگە يول قويامسىز ياكى ئېرىڭىز سىزگە يول قويامدۇ ؟
10. پۇت قولىڭىزنىڭ چاققان ۋاقىتلىرىدا ئەڭ چوڭ قەرىزنى ئادا قىلامسىز ياكى قېرىلىققا تاشلاپ قويماقچىمۇ ؟
_______________________________________________________
تەلەپ: (ئاللاھ خالىسا)
90 دىن يۇقىرى ئالغانلار  بەخىتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلار.. يەنى ئەلاچى
80 دىن يۇقىرىلار ياخشى خوتۇن .
70دىن يۇقىرىلار نورمال خوتۇن ، سەل ئىنچىكە ئەرگە تىگىپ قالسىڭىز ئۆي تۇتمىقىڭىز تەس .
60 دىن يۇقىرىلا چوقۇم تىرىشىڭ بولمىسا  ئىككىنچى تەلىيىڭىزنى سىنايدىغان ئىش چىقىپ قالىدۇ .
60 دىن تۆۋەنلەر ... تىرىشمىسىڭىز  41 قېتىم ئەرگە تىگىپ 41 - ئېرىڭىز دىن بەختىڭىزنى تېپىشىڭىز مۇمكىن ...
ئەرلەر سەمىگە : <يولۋاس ئۆلتۈرەگەن ئەزىمەت ، كىر يۇيىۋاتقان ئەر > ناملىق ئەسەرنى يەنە بىر قېتىم قايتا ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ahu 2011-09-30 11:46
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن،بۇ ئىمزايىڭىزغا قوشۇلىمەن.ھەرھالدا 80 نومۇر ئالدىم.

adilkanun 2011-09-30 23:33
ئەرلەرمۇ قانچە نۇمۇر ئايالالايمىز ؟
مەكتەپ ھاياتىمىزدا 100 نومۇرلۇق ئىمتىھانلاردىن قانچە نومۇر ئېلىپ كۆڭلىمىزنى خوشال قىلىپ يۇرگەن بولغىيتۇق .
ئەمدى تۇرمۇشىمىزدىكى ئىمتاھانلارندىن قانچە نۇمۇر ئالالايدىغانلىقىمىزنى سىناپ باقايلى .
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: (پارچە - پۇرات نومۇر قويۇپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ يۇرمەڭ)
سۇئال : قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ. ھەربىرى 10 نومۇردىن جەمئىي 100 نومۇر.  
1. ئەتتىگەن سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرالامسىز؟
2. ئائىلىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۇسى ئۇچۇن ئەستايىدىل باش قاتۇرامسىز ؟
3. ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە تاماق يىيىشىڭىز  90 پىرسەنتتىن ئاشامدۇ؟
4. ئائىلىدە كىيىم-كىچەك ۋە باشقا لازىمەتلىكلىرىڭىزنى رەتلىك قۇيامسىز ياكى ئايالىڭىزغا تاشلامسىز؟
5. ئائىلە سايمانلىرى بۇزۇلسا رىمنۇت قىلىش- قىلدۇرۇشقا سىز مەسۇلمۇ ياكى ئايالىڭىزمۇ ؟
6. گوش ۋە شۇنڭدەك سىرىتتىن ئەرلەر ئەكىرىشكە تىگىشلىك لازىمەتلىكلەرنى ۋاختىدا ئەكىرەمسىز ياكى ئايالىڭىزغا ئېشىپ قالامدۇ؟
7. ئامالنىڭ بېرىچە ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشامسىز ياكى ئۇنىدىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرەمسىز؟
8. ئايالىڭىز بىلەن ئوتتۇراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق يۇز بەرسە ئۇنىڭ چۇشەندۇرىشىگە پۇرسەت بىرمسىز ياكى مىنىڭلا راس دەپ تۇرۋالامسىز ؟
9. ئادەتتە ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئايالىڭىزنىڭ سەمىگە سالامسىز-ياقمۇ؟
10. پۇت-قولىڭىزنىڭ ماغدۇرى بار ۋاقىتىڭىزدا ئەڭ چوڭ قەرىزنى ئادا قىلامسىز ياكى قېرىلىققا تاشلاپ قويماقچىمۇ ؟
_______________________________________________________
تەلەپ: (ئاللاھ خالىسا)
90 دىن يۇقىرى ئالغانلار  بەخىتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلار.. يەنى ئەلاچى
80 دىن يۇقىرىلار ياخشى ئەر .
70دىن يۇقىرىلار نورمال ئەر ، سەل ئىنچىكە ئايال ئېلىپ قالسىڭىز ئۆي تۇتمىقىڭىز تەس .
60 دىن يۇقىرىلا چوقۇم تىرىشىڭ بولمىسا  ئىككىنچى تەلىيىڭىزنى سىنايدىغان ئىش چىقىپ قالىدۇ .
60 دىن تۆۋەنلەر ... تىرىشمىسىڭىز  تەكرار بويتاق بولۇش ئازابىنى تېتىشىڭىز مۇمكىن ...

ئەسكەرتىش: بۇ ئىنكاسنى تىما ئىگىسى بىلەن قارشى پىكىردە بولغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى مەنمۇ تىما ئىگىسىدەك قاراشتا بولساممۇ ھازىرقى جەمىيەتتە ئەرلەرنىڭمۇ ئويلىنىشى زورۇر دەپ قارىغانلىقتىن  تىما ئىگىسىنىڭ يازمىسىغا يانداشتۇرۇپ يازدىم.  ئەرلەرمۇ- ئاياللارمۇ ئۆزىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تۇلۇقلاشنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويساق ئائىلە تېخىمۇ بەخىتلىك ، جەمىيەت تېخىمۇ ئىناق،  دۇنيا تېخىمۇ گۇزەل بولغۇسى ! مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلەر بولسا پىكىر بىرەرسىلەر!

tahirbeg 2011-10-01 00:04
مەن يۈز نومۇر ئېلىۋەتتىمغۇ      

adidas777 2011-10-01 07:21
مەن تاپشۇرىقىن باش چۇكۇرۇپ ئىشلەي.....
         رەھىمى كەلسە ئوزى يىتىلەپ ئىپ كىركىتە ئۇيگە     
777

atikam1 2011-10-02 17:51
مەن 80 نۇمۇر ئالدىم ،،،،،يەنە تىرشاي -ھە،،

nursima 2011-10-02 22:46
ھەرھالدا ياخشى ئايال قاتارىغا كىرىدىكەنمەن ...يەنمۇ تىرىشاي.

dilhux2 2011-10-04 15:01
ھەقىقەتەن توغرا نۇمۇر قۇيۇلغاندا 100 ئالىدىغانلار چىقمايدۇ . مىنىڭچە .چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە ماس ھالدا كەمچىلىكىمۇ بىللە بولىدۇ.شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئەر-ئايال ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ئادىل نۇمۇر قۇيۇپ باقتۇق. يولدىشىم ماڭا 80 نى قۇيۇپتۇ. مەن يولدىشىمغا 85 نى قۇيۇپتىمەن.  

adila01 2011-10-04 15:30
ئەڭ ئاخىرقى گەپنى چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ ؟
پۇت - قۇلىڭىزنىڭ ماغدۇرى بار ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ قەرىزنى ئادا قىلامسىز ياكى قېرىلىققا تاشلاپ قويماقچىمۇ ؟ دىگىنى قايسى قەرىزنى كۆزدە تۇتقان بولغىتى ؟

barbar 2011-10-04 18:52
ھەي..........ئايالىم 50 نۇمۇرغىمۇ ئىرىشەلمىدى، مەن 70 كە ئىرىشتىم. مۇشۇنداق خۇتۇن بىلەنمۇ بىر ئۆيدە ياشاۋاتىمەن...........

adilkanun 2011-10-04 21:10
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىbarbar يوللىغان 2011-10-04 18:52 غا قارتىلغان :
ھەي..........ئايالىم 50 نۇمۇرغىمۇ ئىرىشەلمىدى، مەن 70 كە ئىرىشتىم. مۇشۇنداق خۇتۇن بىلەنمۇ بىر ئۆيدە ياشاۋاتىمەن...........

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداش!
  ئەپسۇسلانماڭ، بۇنى بىر پايدىلىنىش ئۇچۇن بىرىلگەن سۇئال-جاۋاپ دەپ قاراڭ،  فورمىلاغا چۇشمەيدىغان تۇرمۇش شەكلىنىڭمۇ ئۇزگە خاس گۇزەل تەرەپلىرى بۇلىدۇ. بەخىت سىزگە يار بولغاي! 

위구르어 2011-10-05 01:50
قايسى قەرزنى دىمەكچىتى ،جانابى ئاللاغا بولغان قەرزنى دىمەكچى.

위구르어 2011-10-05 01:51
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىadila01 يوللىغان 2011-10-04 15:30 غا قارتىلغان :
ئەڭ ئاخىرقى گەپنى چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ ؟
پۇت - قۇلىڭىزنىڭ ماغدۇرى بار ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ قەرىزنى ئادا قىلامسىز ياكى قېرىلىققا تاشلاپ قويماقچىمۇ ؟ دىگىنى قايسى قەرىزنى كۆزدە تۇتقان بولغىتى ؟

قايسى قەرزنى دىمەكچىتى ،جانابى ئاللاغا بولغان قەرزنى دىمەكچى.

bilihchi 2011-10-05 15:13
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىbarbar يوللىغان 2011-10-04 18:52 غا قارتىلغان  :
ھەي..........ئايالىم 50 نۇمۇرغىمۇ ئىرىشەلمىدى، مەن 70 كە ئىرىشتىم. مۇشۇنداق خۇتۇن بىلەنمۇ بىر ئۆيدە ياشاۋاتىمەن...........

كىم بىلىدۇ ئەگەر ئايالىڭىزنى تىمىغا ئەكىرىپ قويسا، سىزگە 50 نى قويۇپ ، ئۆزى 70 نۇمۇر ئالامدۇ تېخى!

awakkiz 2011-10-06 16:39
مەن بىر نۇمۇرمۇ ئالالمايدىكەنمەن ، دۇنيادا مۇنداقمۇ سۇئاللارمۇ بار ئىكەن ھە؟

karol 2011-10-07 12:07
ۋاي خۇدايىم .
ئايالىمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىڭلار  ، ئۆلتۈرۋىتىپلا نىمە كۆرسەم كۆرەي .

zakira 2011-10-08 17:36
   مەن 90 دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالدىم .

halipam1911 2011-10-08 18:46
نەقىل
بۇ 16قەۋەتتىكىzakira يوللىغان 2011-10-08 17:36 غا قارتىلغان :
   مەن 90 دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالدىم .

ۋاي ئۆزىڭىزگە نومۇرنى ئايىماي قويۇپسىزغۇ!

gulnazi 2011-10-08 22:06
مەنمۇ 90 دىن يۇقۇرى نۇمۇر ئالدىم ، يەنىمۇ تىرىشىۋاتىمەن .

esil808 2011-10-11 02:52
بۇنى  ئېرىم كۈرۈپ قالمىسۇن

umutyar 2011-10-11 12:33
ناھايىتى ياخشى نۇمۇر قويۇش ئۆلچىمىكەن بۇ. تېما ئېگىسىگە رەخمەت

aklala220 2011-10-11 18:10
70كە لايىق ئوخشايمەن .بەزى بىرلەرنى تولۇق ئورۇنلاپ كىتەلمەپتىمەن .

nazpari 2011-10-23 22:59
مەن 70 نۇمۇر ئالدىم يەنە تىرىشسام بولغۇدەك

muslima402 2011-11-01 00:57
مەن 80نۇمۇر ئالالايدىكەنمەن يولدۇشۇم ئارانلا 70نۇمۇر ئالغىدەك بۇنىڭدىن كىيىن چۇقۇم 90 نۇمۇر ئېلىشقا تىرشىمەن،

tatleh 2011-11-02 18:50
مەنمۇ 90نۇمۇر ئالدىمغۇ ،ئاز كام 100دىسەممۇ بۇلىدۇ  


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز قانچە نومۇرلۇق ئايال --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.043664 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us