رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئېھتىياج ۋە مۇھتاجلىق --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ] -> ئېھتىياج ۋە مۇھتاجلىق [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

turditohti 2011-09-25 16:41

ئېتىياچ ۋە مۇھتاجلىق
 
تۇردى توختى
 
ئېتىياچ كىشىلەرنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى بۇلۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ ياشاش ۋە ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا،ئاڭىنىڭ قۇماندانلىغى ئاستىدا پەيدىن پەي شەكىلىنىدىغان،كىشىلەرنىڭ ئۈزىنىڭ ياشاش شارايىتى ۋە تەپەككۈر تەرەققىيادى ھاسىل قىلىدىغان،بىلىش جەريانى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

كىشىلەر ئۈزىنىڭ ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يېڭى-يېڭى ئېتىياچلارغا ھامىلدار بۇلۇپ،ئاشۇ ئېتىياچىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ تىرىكچىلىكى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،ئۈزىنىڭ ھاياتىنى شات-خۇراملىق ئىچىدە،مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.بۇ خىل يېڭى ئېتىياچلار كىشىلەرنىڭ ئىجدىمائى جەمىيەت بىلەن تۇرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى قىلىش جەريانىدىكى تەپەككۈر ۋە بىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ.ئادەم ئۈزى تەپەككۈر قىلغان ۋە ئۈزىگە نىمە ئېتىياچلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن چاغ شۇ كىشىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنىڭ قۇشالغانلىنى بىلىپ شۇ خىل ئېتىياچنى قاندۇرۇش ئۈچۈن روھىنى ئۇرغۇتقان چاغ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ خىل يېڭى ئېتىياچنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەردە ئالغا ئىنتىلىش روھى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇلۇدۇ.

يۇقارقىدەك يېڭى ئېتىياچلارنىڭ تۇغۇلىشى ۋە شۇ ئېتىياجنى ئىشقا ئېشۇرۇش جەريانىدىكى ھەركەتلەرنىڭ داۋاملىشىش جەريانىنىڭ ئەمىليەتكە ئايلىنىلالىشى ئۈچۈن ئادەم چۇقۇم روھى جەھەتتىن ساغلام بۇلۇشى،جىسمانى جەھتتىن شارايىتى يار بېرىدىغان ساغلام بەدەنگە ئىگە بۇلۇشى لازىم.بۇ دىگەنلىك روھى ساغلام بولمىغان كىشىلەردە بۇنداق ئىچكى ئېتىياچ پەيدا بۇلۇپ،ئېتىياچنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس دىگەنلىكتۇر.بۇ ھۈكۈمدىن بىز ئىچكى ئېتىياچنىڭ تۇغىلىشىدا ئالدى بىلەن ئادەم روھى ساغلام ئادەم بۇلۇشى كېرەك دىگەن خۇلاسىغا ئىرشەلەيمىز.

بىز كىشىلەردىكى ئېتىياچنى تۈۋەندىكىبىرنەچچە نوقتىغا يىغىنچاقلىيالايمىز.بۇلارئاساسلىغى - بىرى ئىرسى(پىزىلوگىيەلىك)ئېتىياج،يەنە بىرسى كىشىلەرنىڭ ياشاش جەريانىدا شەكىللەنگەن ماددىي ئېتىياجى.ئۈچۈنچىسى بولسا كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېتىياجى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن مەنىۋى ئېتىياجىدىن ئىبارەتتۇر.

1.پىزىلوگىيەلىك ئېتىياچ

بۇ ئادەملەردە تۇغۇلۇش بىلەن بىللە شەكىللەنگەن ئىرسى ئېتىياچ بۇلۇپ ،ئۇ قانداشلىق ئاساسدا قان بىلەن(جان بىلەن) بىرگە تۇغۇلغان ئېتىياجى.بۇ خىل ئېتىياج بىرلەمچى ئېتىياچ بۇلۇپ،بىرلەمچى ئېتىياچ قاندۇرۇلمىسا ئادەمنىڭ ھايات ياشىشى مۇمكىن ئەمەس.بىرلەمچى ئېتىياج ئادەم تۇغۇلۇپ تاكى ئۈلۈك كەتكۈچە ئاساسلىق ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

بىرلەمچى ئېتىياچلار بولسا بوۋاق بىلەن بىرگە تۇغۇلغان ئۇزۇقلىنىش ئېتىياجى،نەپەسلىنىش ئېتىياجى،ماددا ئالماشتۇرۇش ئېتىياجى،ئۇيقا ئېتىياجى،مۇۋاپىق تىنپۇراتۇرىدا ياشاش ئېتىياجى ۋە سۈ ئىچىش ئېتىياجىدىن ئىبارەت.بۇ ئېتىياچلارنى كىتاۋى تىلىمىز بىلەن ئىزاھلىساق تۆت تادۇ(تۆت زات) ئېتىياجى(ھاۋا،سۇ،تۇپراق،ئوت)دىن ئىبارەت بولىدۇ.بۇ بىرلەمچى ئېتىياجلار مۇۋاپىق ھازىرلانغاندىلا ئاندىن ئادەم ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئۈزىنىڭ كەلگۈسىنى ياراتالايدۇ.

بۇ يەردە دىيىلگەن كەلگۈسىنى يارتىش بولسا بىرلەمچى ئېتىياچلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن كىشىلەردىكى ئىككىلەمچى ئېتىياجلارنىڭ قاندۇرۇلۇشى جەريانىدىكى ھەركەتلەرنىڭ نەتىچىلىنىش ھالىتىگە قارىتىلغان بولىدۇ.

2.ماددىي ئېتىياچ(ياخشىراق ياشاش ئېتىياجى)

ئادەملەردىكى بىرلەمچى ئېتىياچلارنىڭ تۇرۇتكىسى ۋە كىشىلەرنىڭ  قانداق ياشاشنى بىلىش ئەمىليىتىگە ئەگىشىپ كىشىلەردە شەكىللىنىدىغان ماددىي جەھەتتىن ياخشى ياشاش ئېتىياچى ،ئەمىليەتتە ماددىي ئېتىياچ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

كىشىلەردىكى ئۇزۇقلىنىش ئېتىياجىنى مىسالغا ئالساق ئادەملەر ياشاش جەريانىدا ئاساسى يىمىكلىكلەرگە تۇيۇنغان چاغدا تەبئىكى كىشىلەردە قۇشۇمچە يىمەكلىكلەرنى ئاساسى يىمەكلىكلەر بىلەن بىرگە يىيىش ئېتىياجى شەكىللىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ياشاش شارايىتىدا يەنە ئۈزىنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن تۈرلۈك قوشۇمچە نىممەتلەرنى ئىستىمال قىلىشقا باشلايدۇ.بۇنداق ئىستىمال تەدرىجى ھالدا كىشىلەردە يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۇزۇقلىنىش ئېتىياجنى شەكىللەندۇرىدۇ.

يۇقىرى سەۋىيەدىكى ماددىي ئېتىياج كىشىلەرنىڭ  ئۆز ئېتىياجنى قاندۇرۇش جەھەتتىكى تىنىمسىز ھەركەتلىرى ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.بۇنداق ئەمەلگە ئېشىش كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش جەھەتتىكى تەجىربىلىرى ۋە ياشاش ئىرادىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ-ئەلۋەتتە.

ماددى ئېتىياچ يىمەك-ئىچمەك ئېتىياجى،تۇرالغۇ ئوي ئېتىياجى،كىيىم-كېچەك ئېتىياجى ،قاتناش ئېتىياجى قاتارلىق ئاساسى ئېتىياچلارنىڭ ماددىي جەھەتتىن قانچىلىك دېرىجىدە قاندۇرۇلغانلىغى ئاساسىدا مەنىۋى ئېتىياجنى پەيدا قىلىدۇ.ماددىي ئېتىياچنىڭ قاندۇرۇلۇش سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا كىشىلەرنىڭ تەلەپ قىلىدڭغان مەنىۋى ئېتىياجىمۇ شۇنچە يۇقىرى،كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ.

3.مەنىۋى ئېتىياچ

يۇقىرىدا دەپ ئوتكىنىمىزدەك مەنىۋى ئېتىياچ ماددىي ئېتىياچ ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.ماددىي ئېتىياچنىڭ قاندۇرۇلۇش دەرجىسى مەنىۋى ئېتىياجنىڭ شەكىللىنىش دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ.بۇ نوقتىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ماددىي ئېتىياج مەنىۋى ئېتىياچنى بەلگۈلەيدىغان ئىقدىسادى ئاساس،مەنىۋى ئېتىياچ بولسا كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش ئاساسىدا ياڭى ياشاش شارايىتلارنى(ئېتىياچنى) شەكىللەندۇرۇپ،ئىقدىسادى ئاساسنى تېخىمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى يول باشچىدۇر.

ئىقدىسادى(ماددىي)ئېتىياچ بىلەن مەنىۋى ئېتىياچنىڭ يۇقاردىكى مۇناسىۋىتىدىن قارىغان ئۇلار ئۆز-ئارا بىرى-بىرگە ئايلىنىدۇ.شۇ ئاساستا دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىكىنلىگىنى كىشىلەرگە ھىس قىلدۇرىدۇ.بۇنداق ئايلىنىش ئەمىليەتتە كىشىلەرنىڭ قانداق ياشىشىنى بەلگىلەيدىغان پەلسىپىۋى جەرياندۇر.

مەنىۋى ئېتىياج-كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن روھى جەھەتتىن ساغلام ياشاش ئېتىياجى بۇلۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ ساغلام بولغان پىسخىكىسى ۋە ياشاش جەريانىدىكى ئادىمىيلىك پەزىلىتى(يۈرۈش-تۇرۇش،گەپ-سۆز  ۋە دۇنيانى بىلىش ،ئۆزگەرتىش قابۇليىتى) قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ باشقىچا ئاددىي قىلىپ چۇشەندۇرگەندە مەنىۋى ئېتىياچ كىشىلەرنىڭ پەن-مەدىنىيەت،ئىدىيە-ئەخلاق جەھەتلىرىدىكى ئېتىياجىدىن ئىبارەتتۇر.

بىز يۇقىرىدا تەھلىل قىلغىنىمىزدەك كىشىلەرنىڭ ئېتىياجى، ئىچكى ھەركەتلەندۇرگۈچى كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدە،ياشاش جەريانىدىكى تەپەككۈرىنىڭ قۇماندانلىغىدا،دۇنيانى بىلىش دەرجىسىنىڭ چۇڭقۇر-تېيىزلىغىدا ۋە بىلىشنىڭ ئەمىليەتكە ئايلىنىش، كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىغا سىڭىشىپ كىتىشنىڭ نەتىچىسىدە ،پەيدىن-پەي شەكىللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت.

كىشىلەر ياشاش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئېتىياجلارنىڭ ئۈزىنىڭ ياشاش يۇلىدا ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئېتىياچلار ئىكەنلىگنى چۈشىنىپ يەتسىمۇ،لىكىن كىشىلەر ياشاش جەريانىدا بۇ خىل ئېتىياچلارنىڭ ھەممىسىنى قاندۇرۇپ،ئۈزىدە مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇيۇكلۈككە يەتەلمەيدۇ.بۇنداق ‹‹بۇيۇك بوشلۇق›› ئادەملەرنى مەڭگۈ ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ‹‹ بۇيۇك بوشلۇق›› كىشىلەردە نۇرغۇنلىغان مۇھتاجلىقلارنى پەيدا قىلىپ،كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوترىسىدىكى مىھرى-مۇھابەتنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرىدۇ.بۇنداق مىھرى-مۇھابەت، چۇقۇم كىشىلەر ئاساسى ياشاش شارايىتىنى يارىتالىغان چاغدىلا ئۆز رولىنى نامايەن قىلىشقا باشلايدۇ.

مۇھتاجلىق- كىشىلەرنىڭ تۇرلۇك ئېتىياجلىرىنى قاندۇرالماسلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان، كىشىلەرنىڭ ياشاش جەريانىدىكى(ھاياتلىق يۇلىدىكى) ماددىي ۋە مەنىۋى ئېتىياجلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،كىشىلەردىكى ئېقدىسادىي بوھراندىن ئىبارەت بۇلۇپ،بۇنداق مۇھتاچلىقنىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىدا پەيدا بۇلۇشىنى ئەمىيلەتتە شۇ كىشىنىڭ ئۈزى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇدۇ.(بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان مۇھتاجلىق،كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ياشاش شارايىتىنى ياراتالمىغىنلىغىدىن پەيدا بولغان تۈۋەن قاتلاملىق مۇھتاجلىقتىن ئىبارەت)

مۇھتاچلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپ تەرەپلىمىلىك بۇلۇپ،يەنىلا ئاساسلىق سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.شۇنداقتىمۇ مەن بۇ يەردە ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ جەھەتلەردىكى مۇھتاجلقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئامىللار ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ كۈرۈشىمىز تامان ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن.

1.ئۇبىكتىپ ئامىللار

ئۇبىكتىپ ئامىللار دىگىنمىزدە ئاساسلىق سىرتىن كېلىدىغان ئامىللارغا قارتىلغان بۇلۇپ،مۇھتاچلىقنى پەيدا قىلىشتا بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىپ،شۇ كىشىنىڭ ياشاش يۇلىدا بىۋاستە توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدىغان ئامىللاردۇر.

1) ھاكىمىيەت يۇرگۈزىۋاتقانلارنىڭ خاتا ھۈكۈم ۋە بىيرۇگىرات سىياسەتلىرىدىن كېلىدىغان توسالغۇلار.بۇ كىشىلەردە ھۈكۈمەتكە ۋە ئۈزىگە ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،كىشىلەردا ئالدىغان ئىنتىلمەسلىك خاھىشىنى پەيدا قىلىپ،كىشىلەردىكى ئاكتىپ كەيپىياتنى بوغۇپ،ياشاش ئۈچۈن تىرشىش روھىنى يۇقۇتۇدۇ.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلانمايدىغان،كۈننىڭ ئۈتۈشىنى خۇشاللىق ھىساپلايدىغان ناچار پىسخىكىنىڭ قۇللىرى بولۇپ قالىدۇ.

2)جۇغراپىيىلىك شارايىت.جۇغراپىيەلىك شارايىتمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرلۇك ئېتىياچلارنى قاندۇرش جەريانىدىكى ھەركەتلىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ياشاش شارايىتىغا مەس كەلمەسلىك،ماس كەلسىمۇ ئىجدىمائى جەمىيەت بىلەن ئالاقە قىلىش قىيىن بۇلۇشتەك ئەمىلى جۇغراپىيەلىك شارايىتلارمۇ كىىشىلەرنىڭ مۇھتاچلىقىنى تۈگۈتىشىكە بىىۋاستە تەسىر كۈرسۈتۈدۇ.

3)تەبىئىي ئاپەتلەر-تەبىئى ئاپەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمىغان ھالەتتە يۈز بېرىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش دېرىجىسى ئېغىر بولىدۇ.بۇ ھالمۇ كىشىلەرنىڭ مۇھتاجلىقىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدۇ.

2.سۇبىكتىپ ئامىللار

سۇبىكتىپ ئامىللار بولسا كىشىلەرنىڭ ئۈزىدىكى ئىچكى ئامىللار بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇ ئامىللار مۇھتاچلىقنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە ھەل بۇلىشىدا ئاساسى بىرلەمچىلىك رولىنى ئوينايدۇ.بۇمۇ تۈۋەندىكى تەرەپلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

1)كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىش دەرجىسىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى.بۇ كىشىلەرنىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىنى چۈشىنىش،بىلىش،ئوزگەرتىشتە،شۇنداقلا ئادەمنىڭ تەپەكۈرنى ئويغىتىشتىكى مۇھىم ئامىل بۇلۇپ،بىلىش دەرجىسى كەڭرى بولسا ياشاش شارايىتى چوڭ بولىدۇ.

2)كىشىلەرنىڭ ئىجدىمائى تۇرمۇشنى چۈشىنىش دەرجىسى.بۇ كىشىلەرنىڭ  ياراتقان تەجىربىلىرنى ئىگەنلەش ئاساسىدا كىشىلەر بىلەن بولغان ،ھەم تەبىيەت بىلەن بولغان تۇرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى جايىدا بىر تەرەپ قىلىش،تاقابۇل تۇرۇش ئىقدىدارىغا قارتىلغان.

3)مىجەزىنىڭ قاتمال بۇلۇشى.بۇ كىشىلەرنىڭ ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئۈزىنىڭ ياشاش جەريانىغا سىڭىشپ كەتكەن ئىچكى خارەكتىر بۇلۇپ،بۇنداق مىجەزدىكى كىشىلەر تەبىئى ھالدا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرشالماي، قەلپ ئېتىياجىغا تەشنا بۇلۇپ بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە قالىدۇ.

4)كىشىنىڭ ئۈزىدىكى كەمتۈكلۈكلەر.بۇمۇ كىشىلارنىڭ ئۈزىگە بېسىم بۇلۇپ،تۇرلۈك ئېتىياچلارنى قاندۇرۇش يۇلىدىكى ئەمىلي ھەركەتلەرگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

يۇقىردىكى ئېتىياج بىلەن مۇھتاچلىق توغرىسىدىكى مۇلاھىزىمىزدىن شۇنى چۈشىنىپ يىتىش تەس ئەمەسكى مۇھتاچلىق ئېتىياچ ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ.كىشىلەردە ئېتىياچ تۇغۇلمىسا،مۇھتاچلىقنىڭ پەيدا بولىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ خۇددىي كىشىلەرنىڭ قوسىقى ئاچمىسا  تاماق يىمىگىنىگە ئوخشايدۇ.بۇ يەردىكى قوساقنىڭ ئېچىشى ئادەمدە تەبىئى شەكىللەنگەن بىر تۈرلۈك ماددىي ئېتىياچى،تاماقنى ئىتىش بولسا ئېتىياجنى قاندۇرۇشتىكى ئەمىلى جەريان.بۇ ھەردە بىزنىڭ مۇھتاچ بولغىنىمىز بولسا ئاشلىق.ئاشلىق ئۆزىنىڭىزدە بولسا ،ياكى ئاش ئالدىغان ئىقدىسادىڭىز بولسا بۇ مۇھتاچلىق ئۆزلىگىدىن ھەل بۇلۇپ،سىزگە مىسىلە سۈپىتىدە نامايەن بولمايدۇ.ئەگەر سىزدە ئاشلىق ،ھەم ئقدىسات بولمىسا بۇ ھال تېبىئى ھالدا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مۇھتاجلىقتىن ئىبارەت بىر قاتتىق سۇئالنى ئوترىغا چىقىرىدۇ.بۇنىڭدىن بىز ئېتىياچلىق نەرسىنىڭ ئۆزىمىزدە يوقلىقىدىن مۇھتاچلىقنىڭ پەيدا بولىدىغانلىغىنى كۈرىۋالالايمىز.

‹‹يوقسىزلىق تاشتىن قاتتىق›› دىگەن ھىكىمەتنى ئەجداتلىرىمىز ئۈزىنىڭ ياشاش جەريانىدىكى پەلىسىپىسى قىلىپ كەلگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىز يارتالايدىغان شارايىتلارنى چۇقۇم يارتىپ،مۇھتاچلىقتىن ئىبارەت بۇ روھى ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.مۇھتاچلىق ئادەمنى تەمەخور قىلىپ،ئاخىرقى ھىساپتا بىزگە ۋە مىللىتىمىزگە قۇللۇقنى ئاتا قىلىدۇ.

ئىجادىيەت

tiwip 2011-09-25 22:06
ئىملا خاتالىقىدىن باشقا  كەمچىلىكنى بايقىمىدىم !

  مۇھتاچ -ئەمەس مۇھتاج .

تادۇ 2011-09-25 22:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
تۇردى توختى ئەپەندىم  ئىختىسادىي بازىس ئۇستى قۇرۇلمىنى بەلگۇلەيدۇ دىمەكچىكەن. بۇ دىگەنلىك ئادەم باي بولغانچە، مەنىۋىيەت جەھەتتە تاكاممۇللۇقنى ئىستەيدۇ،دىگەن مەنادا خاتالاشمىسام.پاكىتى؛
<يۇقىرىدا دەپ ئوتكىنىمىزدەك مەنىۋى ئېتىياچ ماددىي ئېتىياچ ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.>
مەنىۋىيەت بىلەن ماددىۋىيەت ئوتتۇرسىدىكى بىرلەمچىلىك مەسىلىسىدە،كۇپۇنچىلىرىمىز شۇنداق قاراشتا،بۇلۇپمۇ ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كىيىنكى تارىخنى ئۆز كۇزى بىلەن كۆرگەنلەر شۇ خىل قاراشتا.بىراق مىنىڭچە، مەنىۋىيەت مادىۋىيەتنى، ئۇستى قۇرۇلما ئىختىسادىي بازىسنى بەلگۇلەيدۇ.مەنىۋىيەت بىرلەمچى.پاكىتى؛
ئىنسان مەنىۋىيەت ئارقىلىق ھايۋاندىن پەرىقلىنىدۇ.چۇنكى ھايۋاندىمۇ ماددىي ئىھتىياج بار بىراق، ئىنساندەك تەرەققىياتى يوق.ئىنساندا مەنىۋىيەت بولغاچقىلا تەرەققى قىلغان.
مەسلەن.ئىنسان مىڭىسى ئۆتكۇر بولغاچقا تۇنجى ساپاننى ، ياكى تاۋاقنى ئختىرا قىلغان.بۇنى نوقۇل قۇرسىغى ئاچقاچقا دىسەك،ھەممە جانلىقنىڭ قۇرسىقى ئاچىدۇدە.

taxqin 2011-09-26 09:35
  بۇ تېما  بۇرۇنقى ئىككى تېمىغا ئوخشاش قىزىيدىغاندەك تۇرىدۇ.
  مېنىڭچە دۆلەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ماددى تەرەققىيات مەنىۋى ئاڭنىڭ شەكىنلىنىشىنى بەلگۈلەيدۇ، قانداق ماددى ئاساس بولسا شۇنداق پىكىر قىلىش ( ئۇستىقۇرۇلما ) شەكىللىنىدۇ.
  لېكىن ئىنسان نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتى ( ئاڭ سەۋىيەسى ) ماددى ئاساسنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىشىنى  بەلگۈلەيدۇ ، ئاڭ سەۋىيەسى ( مەنىۋى سافاسى ) يۇقۇرى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ماددى ( باياشاتلىق ) دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ.

turditohti 2011-09-26 12:35
تادۇ ،taxqin
ياخشىمۇ سىزلەر؟
سىلىنىڭ مەنۋىيەت ماددىنىڭ ئاساسى دىگەن پىكىرىڭىلارنىڭمۇ ئاساسى بار،بىراق ئادەم تۇغۇلۇپلا مەنىۋىيەتكە ئەمىس ماددىيلىققا ئېتىياج بۇلۇدۇ.بۇنداق مۇھتاقلىق كىشىلەرنىڭ ھايات ياشاش ۋە ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى بۇلۇدۇ.بۇنداق ئاساس ھازىرلانمىسا ئادەم ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ.ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرالمىغان كىشىلەردە مەنىۋى ئېتياجمۇ شەكىللەنمەيدۇ.مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنىڭ ئاساسى شۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنىڭ پەيدا بۇلۇش جەريانىدىن قارىغاندىمۇ ،دىننىي نوقتىدىن ئېيتىساق خۇدا ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقان،ماتىريالىستىك نوقتىدىن قارىغاندىمۇ ئادام ئەڭ كىچىك مىكرو جانلىقلاردىن تەدرىجى تەرەقىقى قىلغان،بۇ مىكرو جانلىقلارنىڭ پەيدا بولغان ماكانى يەنىلا تۇپراق دەپ قارىلىدۇ.بۇ ئىككى ھۈكۈمدىن ئادەمنىڭ تۇپراقتىن يارالغانلىغىنى ھۈكۈم قىلىشقا بولىدۇ.بۇ يەردىكى تۇپراقمۇ مەنىۋىيەتكە ئەمەس مەددىلىققا تەۋە.
ئىككىنچى بىر نوقيا ئىنسانلارنىڭ مۇھتاجلىقنى تۈگىتىش يۇلىدا ئىزدىنىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى تەكىتلەش،ياشاش ئۈچۈن كۈرۈش قىلىش،بىچارە ۋە قۇل بۇلۇپ،ئار-نۇمۇسقا قالماي،ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن قىممەتلىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ھىس قىلدۇرۇپ،ئادەمدەك ياشاش ئىمكانىيەتىنى كۈچىنىڭ يىتىشچە يارتىشقا دالالەت قىلىشتۇر.
يەنىمۇ ئورتاقلىشارمىز!
سالەمەت بۇلۇڭلار قېرىنداشلىرىم!

تادۇ 2011-09-26 14:15
ئەسسالام
تۇپراق بولمىغان بولسا ئادەم يارتىلمايتتى ، ماددا بولمىسا ئاڭ پەيدا بولمايتتى.دىگەنلىققۇ بۇ.
مەن بۇنىڭ تەتۇرسىگە جاۋاپ قىلىپ باقاي.
ئادەم بولمىغان بولسا،تۇپراق يارتىلمايتتى.ئاڭ بولمىسا ماددا پەيدا بولمايتتى.
.دۇنيا ناھايتى ، مۇرەككەپ ئىنچىكە،باغلىنىشلىق.قانۇنىيەتلىك.
نامى تىخنىكىسى دەيمىز ،دۇنيا ئۇنىڭدىنمۇ مۇرەككەپ لاھىيلەنگەن،ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن تىخنىكىنى ئالىملار ھازىرغىچە تەتقىق قىلىپ بۇلالمىدى. سەييارىلەر دىن بىر تامچە سۇ ئاتۇمغىچە ،ئۆزىگە خاس تۇزۇلىشى،رولى،باغلىنىشى ،داۋاملىشىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ يۇقىرى ئۇنۇمدە ناھايتى ئىنچىكە ھىساپلانغان.
يەنە ھەرقانداق مەۋجۇدات خاس ھالەتتىكى مۇرەككەپ بىرلىكتىن.ئوز ئارا زىچ مۇناسىۋەتتە زەنجىردەك باغلىنىپ بىرپۇتۇنلۇكنى ھاسىل قىلدۇ، مەلۇم بىر تۇركۇم يوقالسا زەنجىر سۇپەتتىكى دۇنيا يوقىلىدۇ.مەسلەن ؛  قۇياش بىلەن زىمىننىڭ ئارلىقى ،ھەركەت ۋاختى ،يولى .زىچ مۇناسىۋىتى نەتىجىسىدە،  كىچە كۇندۇز توت پەسىل ۋە بەلۋاغلارنى ھاسىل قىلىدۇ.ھاۋا تەركىبىدىكى ئوكسىگىن ئارتىپ كەتسە،بەزىلەرنىڭ ئىغىزىغا ئوت كىتىدۇ ياشاش مۇمكىن ئەمەس .
دىمەك دۇنيا مۇشۇنداق مۇرەككەپ ھەم باغلىنىشلىق. خوش ئەمدى بۇ نىمە ئۇچۇن؟بۇنىڭ ئىنسان بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟دىگەنگە كەلسەك.مۇشۇ ئولچەم مۇرەككەپلىك دەل ئىنسان ئۇچۇن.بۇنىڭدىكى بىرىنچى مەخسەت دەل ئىنسان.ئىنسان ئىڭى ئۇچۇن مۇشۇ مۇرەككەپ تۇپراق ئاپرىدە. بۇيەردە ئاڭ ماددىنى بەلگۇلەيدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن.ياشاش بىرىنجى ئامىل دىسەكمۇ،قانداق سۇپەتتە ياشاش تىخىمۇ مۇھىم ئامىل.مەسلەن.ياخشى نىيەت دۇنياغا پايدا، يامان نىيەت زىيان.كۇڭۇل ياخشى بولمىسا،ھەرقانچە بايلىق بولسىمۇ،،،ئاپەت كىلىدۇ.
ئورتاقلىشامىز.

تادۇ 2011-09-26 14:22
ئاشۇ مۇرەككەپ باغلىنىشلارنى ئىنسان ئىڭى ،ئۇچۇنلىگىگە قارشى پاكىت يوق

turditohti 2011-09-26 14:59
تادۇ
تۇپراق بولمىغان بولسا ئادەم يارتىلمايتتى ، ماددا بولمىسا ئاڭ پەيدا بولمايتتى.دىگەنلىققۇ بۇ
__________________________________________________________
سىزنىڭ  مۇشۇنداق ھۈكۈم چىقارغىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم...
ماقالە ۋە مەن قالدۇرغان ئىنكاسقا ۋاختىڭىز يەتسە يەنە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.تۇپراق بولمىسىمۇ  ئىگىمىزنىڭ كارامەتلىرى ئاز ئەمەس....

سالامەت بۇلۇڭ!

تادۇ 2011-09-26 17:02
ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرالمىغان كىشىلەردە مەنىۋى ئېتياجمۇ شەكىللەنمەيدۇ
<ماددا بولمىسا ئاڭ پەيدا بولمايتتى>
ئادەمنىڭ پەيدا بۇلۇش جەريانىدىن قارىغاندىمۇ ،دىننىي نوقتىدىن ئېيتىساق خۇدا ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقان،ماتىريالىستىك نوقتىدىن قارىغاندىمۇ ئادام ئەڭ كىچىك مىكرو جانلىقلاردىن تەدرىجى تەرەقىقى قىلغان،بۇ مىكرو جانلىقلارنىڭ< پەيدا بولغان ماكانى> يەنىلا تۇپراق دەپ قارىلىدۇ.بۇ ئىككى ھۈكۈمدىن ئادەمنىڭ تۇپراقتىن يارالغانلىغىنى ھۈكۈم قىلىشقا بولىدۇ.بۇ يەردىكى تۇپراقمۇ مەنىۋىيەتكە ئەمەس مەددىلىققا تەۋە. < پەيدا بولغان ماكانى>
<تۇپراق بولمىغان بولسا ئادەم يارتىلمايتتى >
مىنىڭچە بۇ گەپلەرنى ئوبدان سىلىشتۇرساق ، ئىلگىرى سۇرۇلگەن مەنادا چوڭ پەرىق يوق.
بەزى مەسىللەرنىڭ توغرىلىقى ئايان بولسىمۇ، قارشى مەنادا،مەۋقەدە تۇرۇپ پىكىر قىلىشنىڭ
ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. توغرا چۇشۇنۇشلىرىنى ئۇمىت قىلىمەن.
ئورتاقلىشامىز.

adidas777 2011-09-26 18:11
رەھمەت ئىسسىل تىما بۇپتۇ
777

kokasman 2011-09-26 19:00
ماددى ۋەمەنىۋى جەھەتتىكى< ئېھتىياج> بىلەن <   مۇھتاج > لىق كىشىلەرنى نىمە ئوي ۋە كويلارغا سالمىغان ھە  ؟!

taxnayi001 2011-09-26 19:59
ماددا بىلەن ئاڭ بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ! ماددىىي كاپالەتكە ئىگە بولمىغان مەنىۋىيەتمۇ ئاستا- ئاستا چىرىپ تۇگەيدۇ! مەيلى ئاڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن بولسۇن ياكى ماددا بۇرۇن بولسۇن، بىز  ئىككىلىسىنى تەڭ تۇتۇشنى بىلسەك بولاتتى ھازىر!  

تادۇ 2011-09-26 21:59
ماددا بىلەن ئاڭ بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ! ماددىىي كاپالەتكە ئىگە بولمىغان مەنىۋىيەتمۇ ئاستا- ئاستا چىرىپ تۇگەيدۇ! مەيلى ئاڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن بولسۇن ياكى ماددا بۇرۇن بولسۇن، بىز  ئىككىلىسىنى تەڭ تۇتۇشنى بىلسەك بولاتتى ھازىر!  


مىنىڭمۇ تەڭ تۇتقۇم بار ئىدى، بىراق تەڭ تۇتۇش ئۇنداق خىيالدىكىدەك ئاسان ئەمەسكەن.بەزىلەر ماددىنى چىقىش قىلىپ تەرەققى قىلىپ كەتسە، بەزىلەر ئاڭنى چىقىش قىلىپ بىزگە ئوخشاش كەينىدە قالىدىكەن.مەن يەنە شۇنداق ئويلايمەن. ئاڭ يىتەكلىگۇچى.

nirvana 2011-09-26 22:01
ئېھتىياج ئۇ ئەپلاتوننىڭ ئوتوپيىسىدىمۇ بار بولۇشى ئېنىق  ،لېكىن كىشلەر ئېھتىياجدىن ئېبارەت بۇ خىل قېنىشنى ئىزدەش جەريانىنى مەڭگۈ ئىزلەيدۇ ،لېكىن تاپالمايدۇ ،ئېرىشىدىغىنى بولسا ئۆلۈمدىن ئېبارەت ئاخىرقى ھەقىقەت ،كىشلەر مەڭگۈ نېمىگىدۇ ئېھتىياجى چۈشىدۇ ،ئېھتىياج قانغاندا بولسا يەنە يېڭى ئېھتىياجلار تۇغۇلۇشقا باشلايدۇ .
  
  

nirvana 2011-09-26 22:07
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىadidas777 يوللىغان 2011-09-26 18:11 غا قارتىلغان :
رەھمەت ئىسسىل تىما بۇپتۇ
777


ئېسىل دەپ قارىغانلىرىڭىزنى بىر شەرھىلەپ بەرگەن بەرسىڭىز بوپتىكەن .بىزمۇ ئېسل يەرلىرىنى سىزنىڭ كۆزىتىش نۇقتىڭىزدا تۇرۇپ ھېس قىلايلى .
  
سىزنىڭ ئاۋۇ ئىسمىڭىزنىڭ ئاستىدىكى ئېمزايىڭىزدا ،ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ .دەپسىز .ئېسىڭىزدە بولسۇن ،قەلىب يارىلىرىنى داۋالايدىغىنى  سۆيگۈ ،ۋاقىت ئەمەس .ئوخشاشلا يەكۈن چىقارساق ،ئۆزگەرتىدىغىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى تونۇش مەسلىسى .

alzat123 2011-09-26 22:11
توغرا،ئھېتياج ھەممە ئادەمدە بولدۇ،تېيما ياخشى يېزىلپتۇ.قارغاندا بۇ سەينادا،يەنى ئەلكۇيدە ياخشى ئادەملەر،بىللملىك كىشلەر يەنىلا جىقكەن.
مەنمۇ دېھقانلار ئىھتياجى ئۇچۇن بىر خوش خەۋەر ئىلپ كەلدىم.
قوناق سويۇش ماشنسى ساتىمەن،مەن يېقندا ئچىكىرى ئۆلكىلەردىن قوناق سويۇش ماشىنسنى توپ سېتۋالدىم ۋە پارچە سېتۋاتمەن،ھەمدە قوناق سويۇش زاۋۇتىغا ۋاكالىتەن سېتش ھۆقوقنى ئالدىم.ھازىر قەشقەر،ئاتۇش قاتارلىق شەھەر ناھىيلەردە بەكمۇ تېز سېتلۋاتىدۇ،چۇنكى ماشنا ئەپچىل،يېنىك،مادا(马达)قوراشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ،ياكى تاراكتۇرغا چاتسىمۇ بولىۋىردۇ.ھەر ئىككسگە چاتقىلى بولدىغان پىدال بار.ماداغا چاتسىڭىز ھەرقانداق جايدا،توك بولسىلا ئشلەتسڭىز بىلمالال ئىشلەيدۇ.ئاساسلقى بەكمۇ قولايلق،ئۇنڭ ئۈستگە 5مو يەرنڭ قونقىنى بىر سائەتتە سويۇپ بولىدۇ.ئادەم كۇچىنى تىجەيسىز،ۋاقتنى تىجەيسىز،پاكىز سويدۇ،غازاڭ قالدۇرمايدۇ.قوناقنى ئىزۋەتمەيدۇ.قىسقىسى بەكمۇ ياخشى ماشىنا،سېتۋىلشنى خالايدىغان،شىنجاڭدىكى ھەر قايسى شەھەر،ناھيەلەردىكى قىرنداشلارنڭ ئىھتياجى بولسا توپ ۋە پارچە سېتلىدۇ

turditohti 2011-09-26 23:04
تادۇ
ياخشىمۇ سىز؟
سىزنىڭ ئاڭ مەسىلىسىدىكى تۇنىشىڭىز ۋە ماددىغا بولغان چۈشەنچىڭىز مەسىلىسىدە مىنىڭ باشقىچە پىكىرىم يوق.سىز دىگەندەك بۇ بىر تۇنۇش مەسىلىسى.سىزنىڭ تۇپراق بولمىسا ئادەم يارىتىلمايتتى دەپ چىقارغان ھۈكۈمىڭىز مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئەمەس،بەلكى ئىنكاستا ئالىنغان نەقىلنىڭ شەكىلىنى مەرگەز قىلىپ چىقىرىلغانلىقى ئېنىق.چۈنكى سىز دۇنيانىڭ قانۇنىيەتنى چۈشەندۇرۇپ كىلىپ،بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ باغلىنىشچان،بىر-بىرىنى شەرت قىلىدىغانلىغى،بۇنداق بولۇشتا ياراتقۇچىنىڭ ئىنسان ئارزۇسىنى(ئېڭىنى)چىقىش قىلغانلىغىنى ئوترىغا قۇيۇپ،ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىغى،ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھەممىنى بېرەلەيدىغانلىغىنى ھەم ئىنسانلاردىن ھەممىنى تارتىۋالالايدىغانلىغىنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئاڭنى ۋە ياراتقۇچىنى ھەممىگە قادىر دەپ چۈشەندۇردىڭىز.ياراتقۇچىنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىگى قىل سىغماس ھەقىقەت.بۇنى ئىنكار قىلالايدىغان ئىچقانداق كۈچ يوق،بۇلۇپمۇ ئىسلام ئەھلىلىرى بۇ نوقتىنى ئۈزىنىڭ ھەرقانداق پالىيەتىنىڭ چىقىش نوقتىسى قىلغان.بىزمۇ ئوخشاشلا بۇ مۇقەددەسلىك ئىچىدىكى بەندىلەرمىز.
سىز مەسىلىنىڭ سىرتقى شەكىلىگە <<ئاساسەن تۇپراق بولمىسا ئادەم يارىتىلمايتتى>> دىگەن خۇلاسسە خارەكتىرلىك ھۈكۈمىڭىز بىلەن مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدىن چەتنەپ كەتكەن.مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ياراتقۇچى يالغۇز تۇپراقتىنلا ئەمەس ئۈزى خالىغان ھەرقانداق شەيئىدىن ئۈزى خالىخاغ جانلىقلارنى ۋە ئۈزى خالىغان دۇنيانى ئاپىردە قىلالايدۇ.مىنىڭ ئىنكاستا نەقىل ئالغان بۇ تۇپراق مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ ھۈكۈم چىقارسىڭىز خاتالىققا يول قويغان بولىسىز.
ماددا بىلان ئاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك بۇنىڭدا دۇنيادا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار كوپ،ئاساسلىغى ماددا بىرلەمچىمۇ؟ ياكى ئاڭ بىرلەمچىمۇ ؟دىگەن ئىككى خىل قاراشتۇر.بۇ تالاش تارتىش تا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ.ئەمدى دىننىي ئەقىدىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمۇدىمۇ ماددا بىلەن ئاڭ توغرىسىدىكى تالاش تارتىشلار تا ھازىرغىچە مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن.بۇلار تەبىئى ھالدا ئۇبىكتىپچىلا ۋە سۇبىكتىپچىلار دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن.قىسقىسى بۇ دۇنيادا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ئەڭ زور مەسىلىنىڭ بىرسى.
مەن ئوترىغا قويماقچى بولغان ماقالىدىكى ئاساسى جەريان ياكى ئەمىلى ۋاقىت ئادەم ئانىسىنىڭ قوسىقىغا تۆرىلىپ تاكى ئۆلگۈچە بولغان ۋاقىتقا قارتىلىغان.بۇ ماقالىنىڭ ئۈزىدىنمۇ بىلىنىپ تۇرۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ماقالىگە <<ئېتىياج ۋە مۇھتاجلىق>>دەپ مەۋزۇ قۇيۇلغان.بىز تەھلىل قىلغاندا مۇشۇ رىيال جەرياننى ئاساسى چىقىش نوقتىسى قىلساق.بولۇپمۇ ئادەم ئېتىياجى بىلەن ئادەمنىڭ مۇھتاجلىق ئوترىسىدىكى زىدىيەتلىك ھەم باغلىنىشلىق تەرەپلەرنى  تۇتقا قىلساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن.مىنىڭ ماددى ئېتىياج،مەنىۋى ئېتىياج،ئىرسى ئېتىياج دىگەنلىرىم ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتدىكى ئېتىياچلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەنىۋىيەت مەسىلىلىرىمۇ شۇنداق.مەن قانداقتۇ بۇ يەردە ئىلاھى ئاڭ چۈشەنچىسى ۋە ماددا ئۇقۇمنى ئوترىغا قويماقچى ئەمەسمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەل بولماي كىلىۋاتقان بۇ مەسىلىنى(ماددا بىلەن ئاڭ مەسىلىسى)بۇ سورۇندا مەسىلە سۈپىتىدە ئوترىغا قۇيۇش نىيىتىممۇ يوق.
سالامەت بۇلۇڭ قېرىندىشىم،يانا ئورتاقلىشارمىز.

تادۇ 2011-09-27 00:46
ئەسسالام تۇردى توختى مۇئەللىم
ئىھتىياج بىلەن مۇھتاجلىق قارشىمدا بەك پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.
ماددىي ئىھتىياج بىلەن مەنىۋىي ئىھتىياجنىڭ قايسىنىڭ بىرلەمچىلىكى ياكى مۇناسىۋىتى دەل ماددا بىلەن ئاڭنىڭ تالاش تارتىشىدىن ئىبارەت.
بۇ نوختىدىكى مۇجمەللىكلەر يەرشارى توختىمىغۇچە تۇگىمەيدۇ.بىراق قايسىسىنى بىرلەمچى قىلىش، ھەم مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا تۇنۇش. يۇرۇتۇش مەجبۇريەتلىرىمىز بار. بۇنوختىنى يۇرتۇش نىيەتلىرى بولمىسا خەيرى يەنە
ئورتاقلىشامىز.

turditohti 2011-09-27 09:06
تادۇ

ياخشىمۇ سىز؟
سىز ئوترىغا قويغاندەك ماددا بىلەن ئاڭ توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىزنىڭ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈنۈپ،مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە يېقىنلىشىش مەسئۇليىتىمىزنىڭ بارلىغى راست،بىراق بۇ مەسىلە ئاخىرغا بىرىپ،ئاللاغا ۋە پەيغەمبىرىنىزگە،ئىسلام دىنىغا بېرىپ چېتىلىدىغان نازۇك مەسىلە،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق نازۇك ئىنىچكە مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە مىنىڭ دىننىي بىلىملىرىم يار بەرمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئېتىياج بىلەن مۇھتاجلىق ئۈستىدىكى مۇنازىرىنى قىلساق دىگەن تەكلىپنى بەرگەن،ئىختىدارسىزلىغىمنى كۈچۈرۈڭ.
سىزگە بەختلەر يار بولغاي،يانىمۇ ئورتاقلىشامىز!

تادۇ 2011-09-27 11:35
ئەسسالام تۇردى توختى مۇئەللىم.
مىنىڭ سىلىگە قارتىپ ئىنكاس يىزىشىم،سىلىنىڭ مۇلاھىزىگە ئۇستا بولغانلىقلىرى، شۇنداقلا تىما يازمىلىردا ئۆزلىرىگە خاس ئەقىل ئۇچقۇنلىرى بولغاچقا شۇنى قىزىش مەخسىدىدە يازدىم. ئەلۋەتتە مۇلاھىزىچىلىك رولىنى ئالالايدىغانلار ئارىمىزدا جىق ئەمەس.خالىغان ئادەم قىلالمايدۇ.
ئالدىپەشلىك قىلغان بولسام كۇڭۇللىرىگە ئالمىسىلا.
مىنىڭ قىزىقىدىغىنىم قانداقتۇ ئۇتىن بۇتىن دىگەن غەيرى ئىسىملاردىكى ئاتالمىش ئالىملەرنىڭ قارشى، تەپەككۇرى ئەمەس .بەلىكى ئۇزىمىزنىڭ تۇرداخۇن،تۇرسۇناخۇنلارنىڭ تەپەككۇرى بولغاچ.ئازىراق سۇنى لىيىتتىم خالاس.
ئامان بولغايلا، ئورتاقلىشامىز.

naway 2011-09-27 15:02
بۇ نوختىلار ، نەزىريەلەر  ئىقتىساد ئوقۇغان يولداشلارغا  ئىنتايىن ئايان
   مەخسۇس بەش يىل مۇشۇ نەزىريەنىڭ  كونتىرۇللىقدا  ئالى مەكتەپنى تاماملايدىغان گەپ،
ئىھتىياج قاتلىمى قانۇنىيتىنى ئەڭ ئاۋال غەرىپ ئىقتىساد شۇناس ئالىم  ماسلۇ ئوتتۇرغا قويغان
   ئاز تولا پىكىر قاتناشتۇرۇپلا    ئىجادىيتىم دەپ قويساق بولماس!
  رەھمەت!

taxqin 2011-09-27 15:23
نەقىل
بۇ 3قەۋەتتىكىتادۇ يوللىغان 2011-09-25 22:21 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
تۇردى توختى ئەپەندىم  ئىختىسادىي بازىس ئۇستى قۇرۇلمىنى بەلگۇلەيدۇ دىمەكچىكەن. بۇ دىگەنلىك ئادەم باي بولغانچە، مەنىۋىيەت جەھەتتە تاكاممۇللۇقنى ئىستەيدۇ،دىگەن مەنادا خاتالاشمىسام.پاكىتى؛
<يۇقىرىدا دەپ ئوتكىنىمىزدەك مەنىۋى ئېتىياچ ماددىي ئېتىياچ ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.>
مەنىۋىيەت بىلەن ماددىۋىيەت ئوتتۇرسىدىكى بىرلەمچىلىك مەسىلىسىدە،كۇپۇنچىلىرىمىز شۇنداق قاراشتا،بۇلۇپمۇ ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كىيىنكى تارىخنى ئۆز كۇزى بىلەن كۆرگەنلەر شۇ خىل قاراشتا.بىراق مىنىڭچە، مەنىۋىيەت مادىۋىيەتنى، ئۇستى قۇرۇلما ئىختىسادىي بازىسنى بەلگۇلەيدۇ.مەنىۋىيەت بىرلەمچى.پاكىتى؛
ئىنسان مەنىۋىيەت ئارقىلىق ھايۋاندىن پەرىقلىنىدۇ.چۇنكى ھايۋاندىمۇ ماددىي ئىھتىياج بار بىراق، ئىنساندەك تەرەققىياتى يوق.ئىنساندا مەنىۋىيەت بولغاچقىلا تەرەققى قىلغان.
.......

قانداق ئۇستىقۇرۇلما بولسا شۇنداق ئىقتىسادى بازىس بولۇشى كېرەك ئىدى،  مۇشۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئۇستىقۇرۇلما ئىقتىسادى بازىسنى بەلگۈلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بەزىدە بۇنداق بولمايۋاتىدۇ، نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ( ئۇستىقۇرۇلما ) ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ( ئىقتىسادى بازىس ) قا ئۇيغۇن كىلىش قانۇنيىتى دەيدىغان بىر قانۇنيەتنىڭ بار بولغانلىقىدا.
  دۆلىتىمىز ئازات بولۇپ 80- يىلغىچە ئۇستىقۇرۇلما ئىقتىسادى بازىسنى بەلگۈلەيدۇ دىگەن قاراش بىلەن دۆلەت ماشنىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كەلگەن، لېكىن دۆلەت ماشىنىسى نورمال ماڭالمىدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان  ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋى ( پىلانلىق ئىگىلىك، كومۇنا ) ئورنۇتۇلۇپ ، تەرەققىياتىمىز قىردىن ئاشالمىدى، تەڭ تەقسىماتچىلىق تۈزۈمى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا بەرھەم بەردى، ھەر قايسى شارائىتلىرى ياخشى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەر بىلەن  ھەر خىل شارائىتلىرى ناچار ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەرگە بىر خىل تۈزۈم ( ئوخشاش تەقسىمات ) يولغا قويۇلۇپ ياخشى ئىشلىگەنلەر بىلەن ياخشى ئىشلىمىگەنلەر پەرىقلەندۈرۈلمىدى، شۇڭا ھازىر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئۇيغۇن بوغان ئىشلەپچقىرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى، شۇڭا ھەممىنى ئۈستىقۇرۇلما بەلگۈلەيدۇ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دىيىش ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس.

turditohti 2011-09-27 19:16
naway
ئىجدىيەت دىگىنىمىدىكى مەقسەت مەن بۇ مەسىلىلەرنى تۇنجى ئوترىغا قۇيدۇم دىمەكچى ئەمەس،بۇ يەردە ئۆز يازمام دىگەن مەنىدە قوللىنىلغان،تورنىڭ ئەسكەرتىشىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش مەقسىدىدە ،توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
تەكلىپ-پىكىر بەرگىنىڭزگە رەھمەت.

تادۇ 2011-09-28 10:25
كۈچلىرىگە ئۇيغۇن بوغان ئىشلەپچقىرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى، شۇڭا ھەممىنى ئۈستىقۇرۇلما بەلگۈلەيدۇ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دىيىش ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس.<تاشچى>

يولداش ماۋزىدۇڭ مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنى قوزغىغان .بۇ ئىنقىلاپ ھازىر نەزىرىمىزدە خاتا ئىنقىلاپ ھىساپلىنىدۇ.بىراق شۇ دەۋىرلەرنى چىقىش قىلساق، توغرا يەرلىرىمۇ بار،شۇدەۋىرلەردە دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ساھالىرىدە ئىنتىرناتسۇينال چوڭقۇر يىلتىز تاتقان بۇلۇپ،روسلىشىش ئەۋجىرەپ كەتكەن .جۇملىدىن زىيالىيلارسىپى ،زامانىۋىي ئاتالغۇقاتارلىقلار.مۇنداق بۇلىۋەرسە
خەلىق ئىدىيىسى روسقا مايىل بۇلۇپ،دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چوڭ ئاپەت بۇلۇش ئىھتىماللىقىنى يۇقىرلىتىۋاتىدۇ.شۇۋەجىدىن ئاڭ قاتلىمىنى جۇڭگۇچىلاشتۇرۇش ئۇچۇن ماۋزىدۇڭ مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنى قوزغاپ تازلاش ئىلىپ بارغان.بۇ ھازىرقى جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگەسوسيالىزىم ئىشلىرىغا كۇچلۇك ئاساس بولغان. بولمىسا شۇدەۋىرلەرنىڭ ئىختىسادىي بازىسى تازا روناق مەزگىلى بۇلۇپ، بۇھەرگىزمۇ ئىختىسادىي بازىسنىڭ تەلىپى ئەمەس ئىدى.
ئۇنىڭدىن كىيىنگە يەنە ئۇلاپلا ئىدىيدە ‹ئاڭ› ئازاد بۇلۇش ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلدى. ئالدى بىلەن ئاڭ ئىشى تۇتۇلدى.پىلانغا خاتىمە بىرىلىپ بازار يولغا قۇيۇلدى. بۇيەردەپىلاندىن بازارغا ئۇتۇشتىكى سەۋەپنى جۇڭگۇ كىشىلىرىنىڭ ئىڭى ئۇستى قۇرۇلمىسى بەلگۇلىگەن.چۇنكى ھازىرقى نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق،ئىشلىگەنلەر چىشلەيدىغان ئادىللىق ھۇكۇم سۇرمەكتە.شۇنداق ئادىللىق بولمىسا ئىختىسادىي بازىسنىڭ تەرەققى قىلمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۇشەنگەنلىكتىن بولغان.
ئورتاقلىشامىز.

taxqin 2011-09-28 14:34
بۇيەردەپىلاندىن بازارغا ئۇتۇشتىكى سەۋەپنى جۇڭگۇ كىشىلىرىنىڭ ئىڭى ئۇستى قۇرۇلمىسى بەلگۇلىگەن.چۇنكى ھازىرقى نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق،ئىشلىگەنلەر چىشلەيدىغان ئادىللىق ھۇكۇم سۇرمەكتە.شۇنداق ئادىللىق بولمىسا ئىختىسادىي بازىسنىڭ تەرەققى قىلمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۇشەنگەنلىكتىن بولغان.
_________________________________________________________

پىلاندىن بازارغا ئۆتۈشنى" ئويلىيالىغانلىقى" ئۈچۈن ئەمەس  بەلكى  ئوبىكتىپ ئەمەليەت شۇنداق  بولغاچقا ، يېزىلاردا  ئائىلىلەرنى بىرلىك قىلىدىغان تەقسىماتنى يولغا قويمىسا، شەھەرلەردە ھازىرقى زامان كارخانا تۈزۈمىنى ئورناتمىسا بولمايدىغان  بولغاچقا   دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلدى.بۇ توغرىدىمۇ پىكىر قىلىپ باقارسىز، رەھمەت.

تادۇ 2011-09-28 16:54
تاشچى
سۇكەلگەندە تۇغان سالامدۇق ياكى بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ئۆستەڭ چاپامدۇق؟
ناۋادا تەڭ تەخسىملەشنى يولغا قۇيۇۋەرسەك،قانداق ئاقىبەت چىقىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ بىقىڭ، ھەرگىزمۇ  تەرەققىيات ئالدىغا مىڭىۋەرمەيدۇ،بۇنىڭغا ھازىر قى چاۋشەن مىسال بۇلالايدۇ.شۇنداقلا يولغا قۇيىۋەرگىلىمۇ بولىۋىرىدۇ. چاۋشەن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىختىسادىي بازىسنىڭ تەلىپىنىڭ ئۇستى قۇرۇلما تەرپىدىن بەلگىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

taxqin 2011-09-28 17:32
سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش پىكرى نىمىگە ئاساسەن شەكىللىنىدۇ، توغان سالمىسا يار ئېلىپ كىتىدىغانلىق ئەمەليىتىدىن كەلگەن بولغۇيتى ؟!

aorora 2011-09-28 18:56
بۇ يەردە ھەرخىل دىتالار ۋە psd ماتىرياللار بار ،بەرىلىرى سىز كۆرۈپ باقمىغان
يەنە دىتال لازىم بولسا خەت قالدۇرۇڭ دوستلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن يوللدۇم.ئادىرسى:下载

adiyat 2011-09-28 20:01
ئەمەلىيەتتە  ھەقىقەتنى  ئەمەلىيەتتتىن  ئىزدەش  توغرا  ئىدى.
لىكىن  ئىدلوگىيەنىڭ   كونتوروللۇغىدىن  قۇتۇلۇش  بۇ  دۇنيادىكى  ئەڭ  تەس  ئىش  ئوخشايدۇ.

turditohti 2011-09-28 22:25
مەۋجۇت بولمڭغان شەيئىگە نىسپىتەن كىشىلەردە ئىچقانداق ئاڭ مەۋجۇت بولمايدۇ.مەۋجۇت شەيئىنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكلىرى كىشىلەردە دەۋرى بۆلگۈچ ئانى شەكللەندۇرۇدۇ.بۇ دەل ماددىدىن يىتىلگەن ئاڭنىڭ ماددا ئۈچۈن يىتەكلەش رۇلىنى ئوينىغانلىغىدۇر.
قېرىنداشلار سالامەت بۇلۇڭلار،يەنىمۇ ئورتاقلىشامىز!

تادۇ 2011-09-29 13:51
تاشچى تۇردى كاملارغا
ئىنسان روھىيەت ۋە جىسمانىيەتتىن تۇزۇلگەن. روھنى ئات مىنگۇچى دىسەك، جىسمانىيەتنى ئات دىيىشكە بولىدۇ. ناۋادا ئىنسان ئۇستى قۇرۇلمىسى ئىدىيىسى بولمىغان بولسا، ئات مەڭگۇ تاغ دالانى ماكان قىلىپ ئۇتۇپ كىتەتتى.ئاتمىنگۇچى بولغاچ،ئات ئاي شارىغا قەدەم باستى.
قارشىمىزدا ، بىر ئۆينى مىساللىساق، ئۆيگە تاش تىزىپ قىش قوپۇرۇپ ياغاچ ئىلىپ ئۇستىنى كۇمۇپ، ئوي قىلىمىز. ئۆي بۇلۇشى ئۇچۇن شۇنداق ماددىي بۇيۇملار لازىملىق. بىراق ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئۆي بۇلىشى ئۇچۇن ئاڭ لازىم.بۇنىڭ قايسى قايسىسىنى بەلگۇلەشتە، ئاڭ بولمىسا ياغاچ تاش بۇلۇپ مەڭگۇ قالىدۇ.يەنى سۇ ئىرىق قازمىسا ئىتىزغا كەلمەيدۇ.
ئىنسان روھىيىتى ماددا بىلەن ئۆلچىلىنىۋاتقان مۇشۇ دەۋىرلەردە،ئىنسان مەدىنىيتى ھەر خىل ماددىي زىدىيەتلەرنىڭ تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن شەرھىلىنىپ، يەنجۇقتىكى پۇل  ئىدىيىنى بەلگۇلەيدۇ. مەلۇم شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە، تەدبىرى ئۇزچەككىسىگە پەيدا بۇلىدۇ.
خەلىقنىڭ يۇرشىگە قاراپ قانۇن چىقىدۇ.دەپ ئويلايمىز.مەسلەن؛ مەنمۇ يۇرۇتتا يەرلەر تەخسىم قىلىنغاندا ،دىھقانلارنىڭ ئىختىيارلىقى، قىزغىنلىقى ئىشىپ ، تەرەققى قىلىپ دۆلىتىمىز بۇيىچە ئىختىسادى ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەردىن بۇلۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.بىراق ئۇنداق بۇلۇپ كىتەلمىدۇق. بۇنىڭدىكى سەۋەپ دەل بىز دىكى ئۇستى قۇرۇلما،يەنى ئىڭىمىزنىڭ ئىختىساد جەھەتتە باشقا مىللەتلەرگە تازا يەتمەيدىغانلىقىدىن. ئىختىسادىي بازىس بەلگۇلىگەن بولسا،ئىتىمىز راسا چىپىشى، بىزمۇ ئات ئۇستىدە ئۇخلىماسلىقىمىز كىرەك ئىدى.
ئورتاقلىشامىز.

turditohti 2011-09-29 17:16
تادۇ
ياخشىمۇ سىز؟
بىز دىيىشۋاتقان مەسىلە بىر مۇراككەپ ئىدىلوگىيە مىسىلىسىدىن ئىبارەت.بۇ ھەمىمىزگە مەلۇم بولغان پەلىسىپىۋى قاراش مەسىلىسى بولغاچ بۇ نوقتىدا مۇنازىرە مەڭگۈلۈكلىككە ئىگە.
سىز بىرقانچە مىسال كەلتۈرۈپ،ئاڭنىڭ يىتەكچى ھەل قىلغۇچ،بەلگىلىش رۇلىنى ئوترىغا قۇيۇپسىز.بۇ يەردە كەلتۈرگەن مىساللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇبىكتىپ مەۋجۇدىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ،كىشىلەردە ئاڭ بولمىغان بولسا بۇ ماددىي نەرسىلەرنىڭ نىمە بولسا شۇ پېتى قالىدىغانلىغىنى ئوترىغا قۇيۇپسىز.بۇ سىزنىڭ ئاڭنىڭ ھەل قىلغۇچ ،بەلگىلەش خارەكتىرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاشتىكى زۈرۈر ئاساسلىرىڭىز.
ئەگەر كىشىلەر سىز دىگەن ياغاچ تاشنى ئەزىلى كۈرۈپ باقمىغان بولسا،ياغاچ تاشتىن ئۆي سېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاڭ ئۇلاردا پەيدا بولامدۇ؟...ئىككىنچى بىر مەسىلە ئادەم ئېڭى بىلەن ئادەمنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى ئوترىسىدكى  مۇناسىۋەتتە ،ئادەم ئۆلگەندىمۇ ئادەمنىڭ ئېڭى شەكىللىنەلەمدۇ؟نىمە ئۈچۈن ئادەملەر ساراڭ بۇلۇپمۇ قالىدۇ؟ئاڭ ھەل قىلغۇچ بەلگىلەش رۇلىغا ئىگە بولغىنىدا بۇزۇلغان تەننىڭ بىر قىسىمىنىڭ تەسىرى بىلەن ساراڭ بولۇپ قېلىش شەكىللەنمەسلىكى كەرەك ئىدىغۇ؟
سالامەت بۇلۇڭ،يەنە ئورتاقلىشارمىز؟

تادۇ 2011-09-30 13:26
ئەسسالام تۇردى مۇئەللىم.

ساراڭغا كىلەيلى، بەدەن بۇزۇلسا ساراڭ بۇلىدىغانلىقنىڭ راسلىقىغا تازا ئىشەنمەيمەن. سەۋدا بىلەن ساراڭلىقنىڭ پەرقى  بار دەپمۇ ئويلايمەن. ئەسلى كىسەل ئىغىرلاشقانچە بەدەن دىكى ماددىلار بۇزۇلۇپ ساراڭ بۇلۇشقا تىگىشلىك.لىكىن كۇپۇنچە ساراڭ ئادەملەرنىڭ بەدىنى ساق.
خۇددى كومپىيتۇر ساق تۇرۇپمۇ، سىستىمىسى بۇزۇلغانغا ئوخشاش.
مىنىڭچە ، ئاڭ ۋە ماددىنى ئەزىلىي بار دەپ تۇرۇپ، بىرلەمچىلىگىنى ئويلاشساق ، ئاندىن ھەر ئىككى تەرەپكە ئادىل بۇلىدۇ.

ئورتاقلىشامىز.

taxqin 2011-09-30 14:46
  تادۇ ئەپەندى:
  بىر نەچچە كۈندىن بىرى خىزمەت ئىشى ئالدىراش توردا بولالمىدىم، يازغان ئىنكاسىڭىزنى كۆردۇم، يۇقۇردا تۇردى ئەپەندىمۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، سىزمۇ شۇنىڭغا يارىشا يەنە قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. " ئاڭ ۋە ماددىنى ئەزىلى بار دەپ قاراپ قايسىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلساق " دەپسىز. مېنىڭچە بۇنداق دە تالاشنىڭ ئايىقى چىقمايدۇ،ماتىريالىزىمچىلار ماددىنى بىرىنچى دەيدۇ، ئىدىيالىزىمچىلار ئاڭنى بىرىنچى  دەيدۇ، خەلقارادا بۇ توغرىسىدا پەيلاسوفلارنىڭ بىرلىككە كەلگىنى يوق، بىزمۇ مەڭگۈ بىرلىككە كىلەلمەيمىز، چۈنكى سىزنىڭ تەكىتلەۋاتقىنىڭىز  " ئىلاھى " ئاڭ،  يەر شارىدىن سىرىتقى ئاڭ، بۇنداق ئەھۋالدا يەر شارىدىكى ماددا بىلەن يەر شارىدىن سىرىتقى ئاڭنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن ؟!
       ناۋادا ئاڭمۇ،  ماددىمۇ يەر شارىنى چىقىش قىلسا مېنىڭچە ماددا يەنىلام بىرلەمچى، ئاللاھ تۇنجى ئادەمنى ياراتقاندا  ئەڭ ئاۋال لايدىن  ئادەم ئەلەيھىسالامنى ياراتتى ئاندىن ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدى،  ئادەم بالىسى  ئانىسىنىڭ قوسۇقىدا ئاۋال بىر تامچە سۇيۇقلۇق ( ئابى مەنى ) دىن يارالدى، ئاندىن بۇ دۇنيادا ماددى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ ئېڭى بارغانسىرى زورىيىپ باردى. ئاللاھ ئالەمنى يەتتە كۇندە ياراتقاندىن كېيىن ئاندىن يەر شارىدەك ئالەمنىڭ بىر پىلانىتىسىنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپلىدى، يەرشارىدكى  مىڭ يىلغا تەڭ بولغان ئالەمدىكى بىر كۇندەك يەتتە كۈندە ئالەمنى بەرپا قىلدى. شۇڭا كائىناتنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولغان يەر شارىدىكى ماددا بىلەن كائىناتتىكى ئاڭنى ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
         سىز يۇقۇرىدا بەزى مىساللارنى ئاپسىز، بەزىدە سىز دىگەندەك شۇ ئاڭ بولمىسىمۇ بولمايدۇ، لېكىن ماددا بولمىسىمۇ بولمايدۇ، ئەمما ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا ماددا بولمىسا بولمايدۇ.
        ئۇيغۇر قەۋمىدە سىز دىگەندەك ئاڭ بىرلەمچى بولغان بولسا بىزدىنمۇ نۇرغۇن دۇنياۋى ئالىملار چىقار ئىدى،   بۇرۇنلاردا  ئاڭغا يارىشا ماددى شارائىت بولمىغاچقا  ، ياكى شۇنداق ماددى شارائىتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردىغان  ئاڭ  شەكىللەنمىگەچكە بۈگۈن كۇنلۈكتىمۇ بىر بىرىمىزنى سۆكۈپ ئولتۇرۇشتىن  نېرىسىغا  بارالمىدۇق، باشقا قەۋىملەردەك  تەرەققىيات قەدىمىنى باسالمىدۇق.
   مەن ئەمدى بۇ تېمىنى يەنە مۇلاھىزە قىلىشتىن  چىكىنىپ چىقىمەن، بولمىسا گۇناھكار بەندە بوپ قالماي،. ئاللاھ خاتا سۆزلەپ،  ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى كۆچۈرگەي.
خوشۋاق بولۇڭ تادۇ ئەپەندى، مېنىڭ توردىكى ئىسمىم  تاشچى ئەمەس، ئىسمىمنى ئوبدانراق ئوقۇغايسىز.

adiyat 2011-09-30 16:54
شۇنىڭ  بىلەن  ماددا ۋە  ئاڭ(بۇ يەردىكى  ئاڭنى تۇردى توختى ئەپەندىم ماددىدىن كىيىن  شەكىللىنىدىغان ئەقىل  ۋە تەپەككۈر  جەريانى دەپ  چۈشەندۈردى،  تادۇ ئەپەندىم  بولسا ئىنساندا ئەسلىدىنلا  بار  بولغان ماددىغا  بىقىنمايدىغان  تەبىئى ئىقتىدار دەپ چۈشەندۈردى)
ئاڭ ھەققىدىكى  چۈشەنچىدە-(ئاڭ ماددىسىزمۇ  مەۋجۇت  بولىدۇ، ئەمما  ئۇ  ماددا  ئارقىلىق  مەخپىلىكتىن  ئاشكارە ھالەتكە  ئۆتىدۇ). دىگەنگە يىغساق  بولامدۇ؟
ئورتاقلىشايلى...

turditohti 2011-10-02 20:50
adiyat
ياخشىمۇ سىز؟
ئاڭنىڭ ماددىسىز مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدىغانلىغىنى تەپسىلىرەك ئوترىغا قۇيۇپ باقمامسىز؟
ئورتاقلىشامىز!

tiwip 2011-10-02 21:00
ئاڭ ماددىنى باشقۇرامدۇ   ياكى ماددا ئاڭنى باشقۇرامدۇ ؟

  مەيدانىمىز چوقۇم ئىنىق بولىشى كىرەك ...

abm165 2011-10-06 10:00
     مۇنبەردە  نىمە دىسەك بۇلىۋىردۇ ، ئەمما مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنى 1000يىلدىن كىيىنمۇ  كۇبۇل قىلعىلى  بولمايدۇ . ماۋزىدوڭ ئوز ئاعىزى بىلەن « ئادەم ئىلاھىلاشتۇرۇلسا حۇداعا ئايلىنىدۇ » دىگەن . دىمەك ئوزىنى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ  حۇداسىعا ئايلاندۇرماقچى بولعان .   ئىشەكمۇ جندا بىر قىتىم پۇتى سىپىلعان كورۇكتىن ئوتمەيدۇ .  دىمەك بىز بىر ئىنسان بۇلۇش سۇپىتىمىز بىلەن ساۋاقنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كىرەك . 1926-يىلى ،لۇشۇن ئەپەندى ، بىجىڭ قىزلار گىمنازىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلق قىلىۋاتقاندا ،شۇ ۋاحتىدىكى مائارىپ مىنىستىرنى سوتقا ئەرز قبىلىپ يەڭگەن . ئۇنىڭدىن كىيىن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مىنىستىرنى ئەرز  قىلعىنىنى ئاڭلاپ باقتۇقمۇ . دىمەك شۇ ئاتالمىش يىرىم پئۇ داللق جەمئىيەتتە مىنىستىرنى سوتقا ئاچىقالىعۇدەك قانۇن باتتى . ئەمما ھازىرقىدەك قانۇن ئارقىلق ئىدارە قىلىنىۋاتقان  جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىنسان بۇلۇش سۇپىتىمىز بىلەن ، بىر مەكتەب بۇدىرى ئۇستىدىن ئەرز قىلىپ باقايلى قىنى ،تەقدىرىمىز قانداق بۇلىدىكىن ؟  بۇنىڭ ئۇچۇن ھازىر باعداش تورىدا قىززىپ كەتكەن « بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ نىداسى » ناملق يازمىنى كورۇپ باقساق كوپايە .

تادۇ 2011-10-06 11:13
مەن ناخشىچىنى داملاپ، مۇئەللىمنى تىللايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.

turditohti 2011-10-14 21:15
نەقىل
بۇ 38قەۋەتتىكىتادۇ يوللىغان 2011-10-06 11:13 غا قارتىلغان :
مەن ناخشىچىنى داملاپ، مۇئەللىمنى تىللايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.

مەن مۇنبەرگە كىرمىگىلى خېلى ۋاقىتلار بۇلۇپ قالدى،سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنىمۇ كۆرمەپتىمەن.
ھەر ئىشنىڭ ئۆزگىچىلىكى بار،بۇنداق ئوزگىچىلىكىنى جەمىيەتنىڭ ئېتىياج كەلتۈرۈپ چىقارغان،شۇڭا توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
مالىمنىڭ ئىگىسى يوق تائىپە،شۇڭا تىللىغۇڭىز بولسا تىلىۋالماسىز(چاقچاق)
ئامان بۇلۇڭ!

تادۇ 2011-10-15 10:16
ئەمىلىيەتتە ماددا بىلەن ئاڭ مۇناسىۋىتىدە ،قايسى قايسىنى بەلگۇلەشتىن ئىبارەت بۇ نوختىدا شۇنداق قارايمەن.
ھەر ئىككىلىسىنى ئەزىلىي مەۋجۇت دەپ قاراش. خۇددى ئىككى كۆزگە ئوخشاش بىر بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىر بىرىگە تەسىر كورسىتىدۇ. بىراق ئاڭ يۇقىرىراق ئورۇندا.
مەسلەن ئويلاش ئۇچۇن تاماق يىگەنگە ئوخشاش، تاماق يىيىش ئۇچۇن ئويلىغانغا ئوخشاش.ئاساسەن شەر ھىلەش، پىكىر ئۇسۇلىدىكى تۇنۇشتىكى  گەپ بۇلىشى مۇمكىن.

ھازىر شۇنداق توردا ھازىرقى مائارىپ توغرىسىدا قاراشلار بۇلىۋاتىدۇ.تارىخ ياكى ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىر ناخشىچىنى كۆز ئالدىمىزغا قۇيىدىغان بولساق، كۇپۇنچىمىزنىڭ نەزىرىدە ناخشىچى ھۆرمەتلىكراق. بىرەر ناخشىچىنى باھالايدىغان ئىش بولسا،نەچچىلىرىنىڭ غەزىۋى تىشىپ سۇ بۇلۇپ كىتىدۇ. ئەلۋەتتە شۇخىل ھۆرمەت مۇئەللىمگە تالىق بولغان بولسا
ھالىتىمىزدە چوڭ ئۆزگۇرۇش بۇلاتتى.
بىز ئۇزىمىزدىكى ئىمكانىيەتلەر ئۇستىدە ئىزدىنىشىمىز زۇرۇل. ئەلۋەتتە خىيالىمىزدىكىدەك بولغان بولسا ياخشى بۇلاتتى،  بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يوق.بىراق ئائىلە ئىچىدە  تەربىلەشكە تاما مەن يول ھەم شارائىتلار بار .باللىرىمىزنى كىچىگىدىن باشلاپ ئۇيغۇر چە يىزىقتىكى كىتاپلارنى ئوقۇشقا كۆندۇرسەك ياخشى بولىدۇ. بۇخوش ياقمىسا، مىڭنى قاغىغان بىلەن بىكار.
ئۇنىمى ياخشى بۇلىدۇ.

turditohti 2011-10-21 16:48
تادۇ
قېرىندىشىم،بۇ كىشىلەردىكى تۇنۇش(ئاڭ) مەسىلىسى،سەنئەتچىنىڭ ئورنىنىڭ مۇئەللىمنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى بۇلىشى،خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئاڭ سەۋىيەسىنى بەلگۈلۈك نىسپەتتە ئىپادىلەپ بېرىدۇ دەپ قارايمان.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئېھتىياج ۋە مۇھتاجلىق --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.059979 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us