revival |
2011-09-25 14:24 |
مەن 1985-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چېگىرىغا يېقىن قورغاس ناھيىسىنىڭ يىراق بىر يېزىسىدا تۇغۇلدۇم ،مەن ھەقىقىي ئىسمى-جىسىمىغا لايىق سەھرالىق ئېدىم . ھېلھەم ئېسىمىدە ،مەن ئالىي مەكتەپ نومۇرۇم چىققان چاغدا مەھەللەمدە بىرەيلەننىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىگە لاي سېلۋاتاتتىم ،ئوقۇتقۇچۇم ئالىي مەكتەپ ئېمتىھان نومۇرۇمنى دىگەن چاغدا ،مەن لاي كۆلچىكىدە لاي ئېلەشتۈرىۋاتاتتىم .بەدىنىم پۈتۈنلەي لاي بولۇپ كەتكەن ئېدى .مەن ناھىيە بويىچە مىللى مەكتەپلەر بويىچە بىرىنچى بولغان ئېدىم .ئالىي مەكتەپ چاقىرىقىمنى دادام كۆتۈرۈپ كەلگەن چاغدا مەن يەنە بىر يېزىنىڭ تېغىدا سىچۈنلىك ئىشلەمچىلەرمۇ ئىشلەشنى رەت قىلغان يايلاققا تىكەن سىم تارتىش ئىشنى قىلۋاتاتتىم .ھەركۈنى كىرانمۇ بارالمايدىغان يەرگە سېمونت تۈۋرۈكلەرنى كۆتۈرۈپ باراتتۇق ،ھەركۈنى دىگۈدەك ئارىمىزدىن بىرەيلەن ئېغىر يارلىنىپ تۇراتتى ،بەدەن ۋە قولنى تىكەن سىم تىلىۋىتىش دىگەن كۈندە بولۇپ تۇراتتى .بېشىمدا چىغ قالپاق ،كېيگەن مايكامنڭ ئارقىسى تەردىن شور ئۆرلەپ كەتكەن ،ئىشتىنمنىڭ پۇچقىقىدىن يىرتىلىپ ئىچ كېيمىم كۆرۈنۈپ قالاي دىگەن ئېدى .شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن چاقىرىقىمنى كۆرۈدۈم .دادام بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ كۆز يېشىنى مەندىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ مېنى ئۆيگە بىر كۈنلۈك رۇخسەت بىلەن ئېلىپ كەتتى . ئالىي مەكتەپكە ماڭىدىغان كۈنلەر يېقىنلىماقتا ...ئۆيىدىكلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ئويلىسام كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى .بىراق شۇ كۈنلەردە ئانام ئۆزنىڭ بارلىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى سېتىۋەتتى ،دادام بولسا چاپىنمىنى سېتىپ يالىڭاچ قالساممۇ سېنى ئوقۇتىمەن دەپ ئۆيدىكى موزايلىق كالىنى سېتىۋەتتى ،شۇ چاغدا كالىنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ بولۇپ ئارغامچىنى كۆتۈرۈپ كېلۋاتقان چېغىمدا كۆزلىرىمدىن ياشلار چىقىپ كەتتى .ئىلى رايونىدا ئەتكەن چاي ئىچمەي ئۆتكەن كۈننى باشقا جەنۇبتىكلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ .ئۆيدىكلەرنىڭ ئەمدى قاراچاي ئىچدىغىنىنى ئويلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولدى .ئوقۇماي دېسەم دادام ھەرگىز ئۇنىمايتتى . شۇنداق قىلىپ ناھىيىدىن بەرگەن ئائىلىسىدە قېيىنچلىقى بار ئائىلە قاتارىدا ياردەم قىلغان پۇل بىلەن ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇدۇم . كېلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي شەنبە-يەكشەنبە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلدىم .ھەركۈنى چۈشتە مەكتەپ قېشىدىكى ئاشخانىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكىنى قىلىپ چۈشلۈك تامىقىمنى ھەل قىلىپ بولۇپ يەنە بەش يۈەنگە ئېرىشەتتىم .كەچتە مەكتەپ قېشىدىكى بىر قاۋاقخانىدا كەچ سائەت بەشتىن توققۇز يېرىمغىچە قارشىپ 20 يۈەن كىرىم قىلاتتىم .ئاندىن ياتاققا كىرىپ مەن ماڭار چاغدا بىر دوستۇم بەرگەن كىچىك ئۈنئالغۇ بىلەن رۇس تىلى ئۆگەندىم .ھەركۈنى كەچ بالىلار ئۇخلاپ قالغاندا كارىدوردا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ رۇس تىلى ئاڭلاش مەشىقىنى قىلاتتىم ،ئاندىن ھاجەتخانىغا كىرىپ ئۈنئالغۇغا ئەگىشىپ رۇس تىلىنى سۆزلەيتتىم .قىشلىق تەتىلدە قېلىپ ئاشىخانىلاردا مۇلازىمەتچىلىك قىلدىم . بۇ يەردە شۇنى ئېيتىماي تۇرالمايمەن .مۇتلەق كۆپ قسىىم ئۇيغۇر ئاشخانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ھەممىسى ئىپلاس بىر نېملەر .14 سائەت ئىشلىتىپ بېرىدىغىنى چاغلىقلا پۇل .لېكىن شۇ چاغدا ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ئاشپەز بالىلار ۋە مۇلازىمەتچى بالىلار بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتكەن ئېدىم .ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا ،بۇ قارا كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيتتىم .سىلەر ئۇيغۇر ئاشخانلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ۋە تازلىقى ياخشى ئەمەس دەيسلەر ،ئۆتۈنەي ،ھەي خەلقىم ،ئىشلەمچى بالىلاردا گۇناھ يوق ،خەنلەر 3-4 ئادەم ئىشلىتدىغان يەرگە بىر ئادەمنى ئىشلەتسە نېمە بولماقچى ؟ئادەمنىڭ بىرلا تېنى بارغۇ ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھەر سائەت ئالتىدە ھەتتا سەھەر تۆتتە چىقىپ كەچ ئاشخانىدا زادى ئادەم كىرمىگەن چاغدا قايتىدىغان تۇرساق ،بىزمۇ ئادەمغۇ ،چارچىمامدۇق ؟ئەگەر ئەڭ سۆيۈملۈك جاپاكەش كىشلەر كىم دېسە ؟دەل ئاشۇ مىللى ئاشخانىلاردا ئىشلەۋاتقان مۇلازىمەتچى قىز-ئوغۇللار .مەن ھازىرغىچە ئۇنداق جاپادا ئىشلەيدىغان ئىش ھەققى تۆۋەن يەر كۆرۈپ باقمىدىم .قۇرلۇش ئىشى ئېغىر بولغان بىلەن پۇلى ياخشى . شۇنداق قىلىپ مەن ئۈرۈمچىدە قىلمىغان ئىش قالمىدى ،كېيىن رۇس تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ بولغان چېغىمدا چېگرا رايون مېھمانخانسى يېنىدا كارتا ساتقاچ پۇرسەت كۈتتۈم .بىر كۈنى بىر قازاق كىشى كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدى ،پاراڭخۇمار ئادەم ئىكەن .،مېنىڭ ئەھۋالىمنى سورىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن دەپ بەردىم .ئۇ ئادەم بۇ يەرگە بىر سىتانۇك ئالغىلى كەپتۇ ،بىراق قەيەردىن تېپىش مەسلىسىدە قېينلىپ قاپتۇ ،تەرجىمان بالا تەرجىمە قىلغان بىلەن ئۇ خىل ئاز ئۇچىرايدىغان ستانۇكىنى قەيەردىن تېپلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن .مەن كارتامنى سومكامغا سېلىپ توردىن ئىزدىدىم .ئاخىر شاڭخەيدىكى بىر يەردە بار ئېكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تېلفون قىلدىم .ئۇلاردا ھەقىقەتەن قازاقستانلىق كىشى ئىزدىگەن سىتانۇك بار ئېكەن ،ھەتتا ئۆلچىمىمۇ شۇ كىشى دېگەندەك ئېدى .ئۇ كىشى خۇشلۇقىدا مېنى سۆيۈپ كەتتى .ئاندىن مېنى مەن بىلەن شاڭخەيگە بىللە بار دېدى .مەن ماقۇل دېدىم . ۋاھ!!! ئايروپىلاندا ئولتۇرسا پەيزى بولىدىكەن .مەن پات-پات دېرىزىدىن تۆۋەنگە قاراپ تۇراتتىم .شۇ قېتمقى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 10 مىليونغا يەتتى ،ئۇ كىشى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ مالنى قازاقستانغا يولغا سالغاندىن كېين ئۇ كىشى ماڭا 50 مىڭ يۈەن بەردى .ھازىرقى سودىدا قاغدالما بولۇپ كەتكەن چاغلىرىم بولغان بولسا 500 مىڭ ئالاتتىم .لېكىن شۇچاغدا شۇ ئەللىك مىڭدىن ئېبارەت ئاسترونومىيە رەقەملىك بۇ پۇلنى ئېلىپ قانچە خۇش بولغىنمنى بىلمەيمەن .دەرھال بازارغا بېرىپ ئاپامغا ئۇنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئالدىم .يەنە ئەڭ ياخشى تولۇق ئاپتوماتىك كىرئالغۇدىن بىرنى ۋە چاڭ سۈمۈرگۈچتىن بىرنى ،دادامغا بولسا بىر يۈرۈش كېيىم -كېچەك ئېلىپ ئۇزۇن يوللۇق قاتناشتىن سېلۋەتتىم .ئاندىن قالغان پۇل بىلەن باشقا ئىشلارنى قىلىشنى باشلىدىم .ئەگەر رۇسچە ئۆگەنمىگەن بولسام ئېنگلىزچە ئۆگەنگەن بولاتتىم .ئەگەر ئېنگلىزچە ئۆگەنگەن بولسام قاسمىجاننىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولاتتىم .ئەگەر ھېچنمە ئۆگەنمىگەن بولسام ھەرەمباغنى ئاچقان بولاتتىم .چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە چوڭ ئىش قىلىشتىن باشقا بىر نىشان يوق .مەن پەقەت بۇ دۇنياغا ئاللا ئىگەمگە ھەمدۇسانا ئوقۇشتىن باشقا ئۆزۈم نىشان قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا يارالغان . گەپ ئۇزىراپ كېتۋاتىدۇ .ئەمدى مەقسەتكە كەلسىەم .مەن 80-يىللاردىن كېيىنكى بۇنداق نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار ياخشى شارائىتتا تۇغۇلغانلىقمدىن خۇشالمەن ،ھەم كۆپ تەشەككۈرۈم بار .مەيلى 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلۇڭ يەنە ئوخشاش .پەقەت سىزنىڭ ئېرشىدىغنىڭىز بىز 80-يىللاردىن كېينكى تېخمۇ كۆپ ياخشى پۇرسەتلەر . ئەگەر سىز چېگرا رايون مېھمانخانسىنىڭ يېنىدا بېنىز ماشىنا ھەيدىگەن ،پۇزۇر كېيىنگەن بىر بالىنى كۆرسىڭىز بەلكىم مەن بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن . خۇلاسە كالام ئورنىدا .سىز مەندەك بېنىز ماشنا ھەيدىسىڭىز ،شېۋىتسارىينىڭ سائىتنى تاقىسڭىز ،ئايفون ئىشلەتسىڭىز ،مەك بۇك پرو خاتىرە كوميتوتىرى ئىشلەتسىڭىز .ياخشى بېزەلگەن ھەمدە ئائىلىدە ھەممە نەرسە تەل بولغان بىر كەڭرى ئۆيىڭىز بولسا خوشال بولامسىز ؟ سىز ئېنگلىز تىلىدا ياسى ياكى توفىلدىن ياخشى نەتىجە ئالسىڭىز خۇش بولامسىز ؟تويىڭىزنىڭ شېرىن ئېينى كارپ دېڭىزى بويىدا ئۆتكۈزىسڭىز خوشال بولامسىز ؟ئاتا-ئانىڭىزنى ھەريىلى قىشتا خەينەن سەنياغا ئەۋەتىپ ئارام ئالدۇرسىڭىز خۇش بولامسىز ؟سىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىڭىز خۇش بولامسىز ؟شۇنداق ھەممسىگە خوشال بولىشىڭىز مۇمكىن ،كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتسىڭىز خۇش بولسىز .شۇنداق ئېكەن ئاغرىنماي ئەشۇ سىز ئېرىشسىڭىز خۇش بولدىغان نەرسىلەرگە خۇش كەيىپىيات بىلەن ئۇرغۇپ تۇرغان روھ بىلەن ،يۈرىكىڭىزدىكى ئوت پۈتۈن ئۇيغۇرنى كۆيدۈرگىدەك ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيانى كۆيدۈرگىدەك روھ بىلەن خۇش قەدەملەر بىلەن ئەشۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىڭ . ئۇندىن باشقا رەھمەت ۋە مېننەتدارلىقىنى ئۆگىنىۋىلىڭ ،سىزگە ئىللىق نۇر بەرگەن قۇياشقا رەھمەت ئېيتىڭ ،ئۇنىڭغا مېننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ .سىزنى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرگەن كېچىگە رەھمەت ئېيتىڭ .سىزنى كېچىدە تەنھا قويمىغان ئايغا رەھمەت ئېيتىڭ . يىغىپ كەلگەندە سىزدە بىر سۆيگۈ بولسۇن ،بۇ سۆيگۈ سىزدىن باشقىلار تۇتاشسۇن ،سىزمۇ سۆيۈلۈشنىڭ تەمنى ھۇزۇرلىنىپ تېتىڭ . مەن بىر مۆجىزە ! چۈنكى گەپنىڭ قېلىنىنى قىلغاندا(ئەمەلىيەتتە مەن ئۈچۈن قېلىن گەپ ئەمەس .بۇ پەقەت تونۇش مەسىلىسى خالاس ) ،دادام قويۇپ بەرگەن نەچچە مىليون ئېسپىرمىسىدىنىڭ ئىچىدە پەقەت مېنى بارلققا كەلتۈرگەن بولمىش مەندىن ئېبارەت بىر تال ئىسپىرما كۆرەش قىلىش ئارقىلىق نەچچە مىليۇن مېنىڭ قېرىنداشلىرىمنى يېڭىپ بىلەن ئانامنىڭ تۇخۇمدان ھۈجەيرىسى بىلەن بىرلىشىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم .مەن تۇغۇلشتىن بۇرۇنلا كۆرەش قىلىش ئارقلىق بۇ دۇنياغا كېلەلىدىم .بۇ دۇنياغا كېلىپ كۆرەشسىز بىر كۈنمۇ ياشىيالمايمەن .چۈنكى كۆرەش قىلىشتىن باشقا تاللاش يولۇم يوق !سىزمۇ ئوخشاش ،نەچچە مىليوننىڭ ئىچىدىكى يېڭىپ چىققان بىرسى ! مەن ھەرگىز 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانغا پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم .ھەم مەڭگۈ پۇشايمان قىلمايمەن .مەيلى مەن قاچان تۇغۇلاي قۇياش بار يەردە مەن بار ! ئەشۇ قۇياش نۇرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن سۆيۈلگەن ھارارەت بىلەن كۆرەش قىلمەن !ئەگەر بۇ دۇنيادا نېمە بىلەن ياشغىلى بولسا مەن شۇنى تاپىمەن،ئەگەر پۇل بىلەن ياشىغلى بولسا مەن توختىماي پۇل تاپىمەن ! چۈنكى مەن پۇلنى سۆيىمەن .ئېيتقىنمدىنمۇ بەكرەك سۆيىمەن .چۈنكى ئۇ مېنىڭ ياشاش كاپالىتىگە ئېگە قىلىدۇ .مەن ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆزۈمنى ۋە باشقىلارنى خۇش قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلالايمەن .نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلالايمەن . مېنىڭ سىلەرگە قالدۇردىغىنم يا باي بول ،يا بىلملىك بول !بولمىسا ئۆل ! |
|