رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- نغمەت راخمانغا بىلەت تاشلاڭ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> پەرزەنت تەربىيىسى -> نغمەت راخمانغا بىلەت تاشلاڭ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

simsimyamgur 2011-09-21 21:46

نغمەت راخمانغا بىلەت تاشلاڭ
« نۇرانە رىياسەتچى » نامىغا ئېرىشكەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى نېغمەت راخمانغا بېلەت تاشلاڭ

بېلەت تاشلاش ئادرېىسى:http://v.qq.com/zt2011/cstvf2011/host1.htm


ھۆرمەتلىك دوستلار:
2011-يىللىق جۇڭگو ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىلىۋىزىيە بايرىمىنىڭ ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان ئەر رىياسەتچىنى توردا باھالاش پائالىيىتى قىزغىن ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ، بۇ قىتىمقى نامزاتلار ئىچىدە «ئاز سانلىق» مىللەتلىگە ھەمدە بىزنىڭ شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستاسىدىكى تالانتلىق قىرىندىشىمىڭ نىغمەتمۇ باركەن. نىغمەت ئىنىمىز نەچچە يىلدىن بىرى ئۆزىنىڭ مەركەزدىكى خىزمەت ئەۋزەللىگىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شىنجاڭ خەلقىمىزنىڭ يىڭىچە ئوبرازىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قايتىدىن تىكلەش، شىنجاڭنى ، قىرىنداشلىرىمىزنى،  مىللەتلەرنى جۇڭگوغا تونۇتۇشتا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ بۇ ئىنىمىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ رىغلەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن يەنە بىر قىتىملىق بىلەت تاشلاش جىڭىنى باشلايلى! تور دۇنياسى بىزگە قىرىنداشلىرىمىزنى، دىيارىمىزنى ئالدىغا چىقىرىپ يورۇتۇپ پۇرسىتىنى بەردى. تۆتىنجى رەت ئوڭ تەرەپتىكىسى ئىنىمىز نىغمەت بولىدۇ.

[img]http://www.baxlan.comتېلېۋىزىيە مۇنبىرىدىكى يېڭى يۇلتۇز « نۇرانە رىياسەتچى » نامىغا ئېرىشكەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان توغرىسىدا
ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، ئەمىلى تىرىشچانلىقى، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشى ئارقىلىق گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئۇچۇن داغدام يول ئىچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان رادىئو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى ياشلار خېلى كۆپ.
جۇڭگو ئاخبارات - تارقىتىش ئۇنىۋىرستېتنىڭ دىكتۇر - رىياسەتچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان، ئەمما تېخى ئوقۇش تاماملىماستىنلا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2- قانىلىغا « نۇرانە رىياسەتچى » نامى بىلەن تاللانغان نېغمەت راخمان - ئەنە شۇنداق ئىقتىدارلىق ھەم جاسارەتلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى .
نېغمەت راخماننىڭ بۇنداق يۇقىرى نام - شەرەپ بىلەن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىلىككە تاللىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئامىتى كېلىپ قىلىش بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى .
نېغمەت راخمان ئۈرۈمچىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا مەكتەپ ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ ئەتراپلىق ھەم چوڭقۇر تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغاچقا، ئۇنىڭدا مۇشۇنداق ھارماي تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ، كەمتەر، چىقىشقاق ، باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان ئېسىل مىجەز يىتىلگەن .
ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، تىرىشىپ ئوقۇپ، نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. شۇڭا ھەر يىلى ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان. 1993- يىلى مەملىكەت بوي« 100 ياخشى ئوقۇغۇچى » نىڭ بىرى ، 1994- يىلى ئاپتونوم رايون بويچە مۇنەۋۋەر پىئونېر بولۇپ باھالانغان . 1995- يىلى مەملىكەتلىك 3 - نۆۋەتلىك پىئونېرلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ، باش شۇجى جىياڭ زېمىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن .
ئۇ كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ئامراق بولۇپ ، دەرسىكەن سىرتقى ۋاقىتلاردا ، رەسىم سىزىشتا ئالاھىدە ماھارەت يېتىلدۈرگەن . ئۇنىڭ « كارۋان» ناملىق رەسىمى ھازىر ۋاشىنگتوندىكى ئۆسمۈرلەر بەدىئىي سۈرەتلەر موزىيىدا ساقلانماقتا. « شادلىق » ناملىق رەسىمى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن « جۇڭگو ياپونىيە دوستلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى » دە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
ئۇ مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە ، ئىنگلىز تىلىغا قىزىققانلىقى ئۇچۇن، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن . ھەمدە ناخشا - ئۇسۇلغا قىزىققانلىقى ئۇچۇن سەنئەت ئۆمىكىگە تەربىيىلەشكە بەرگەن. ئۇ 10 ياشقا كىرگەن يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن << خەلقئارا بالىلار سەنئەت فېستىۋالى>>غا خەنزۇچە- ئىنگلىزچە قوش تىلدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم لەپەر ئورۇنداپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن . مانا بۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىككە تاشلىغان تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغان . بۇ مۇسابىقە كېيىنكى يىلى بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندە نېغمەت يەنە رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان . 1996- يىلى ئۇ ششۇاڭبەننادا ئۆتكۈزۈلگەن « دوستلىشىش » پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ « تۇلپار » مۇكاپاتىغا ، 1999- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ، 2002- يىلى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكى مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . بۇ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى نېغمەتنىڭ ئۆيىگە تېلېفون بېرىپ ، ئۇنى مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇ شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شىنجاڭدىكى خەنزۇ يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار ئىچىدە 2 - بولۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن دىكتۇر - رىياسەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.
نېغمەت ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ ، ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئېرىشەلمىگەن بۇ ئالاھىدە نەتىجىگە تېخى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئېرىشىش - ئونىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
- سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا سىرتلاردا ئىشلەپسىز- ھە! دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
- ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىمنى ئەڭ مەنىلىك ئەڭ كۆڭۈللۈك. دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى مەن ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ، بېيجىڭ « كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى » دا شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرى رىياسەتچى بولۇپ ئىشلىدىم. دەسلەپتە ئاتا - ئانام ئوقۇشۇڭغا تەسىر يىتىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىدى . بىراق مەن ، بۇ مەن ئۇچۇن ئەڭ قىممەتلىك بىر چېنىقىش پۇرسىتى دەپ تۇرۇۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانام مىنىڭ پىكرىمگە ھۆرمەت قىلدى . بۇ جەرياندا مەن ئۆزۈمنى كەسپى جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردىم . شۇنىڭدىن باشلاپ ، ئاتا - ئانامدىن خىراجەت ئېلىشنى توختىتىپ ، ئوقۇش پۇللىرىمنى ھەل قىلىپ كەلدىم.
نېغمەتنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز قايىل بولدۇم.
نېغمەت ئۆتكەن يىلى يەنە « جۇڭگو مائارىپ قانىلى » نىڭ بالىلار ئىنگلىز تىلى پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كەڭ كۆرۈرلمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئۇ بۇ يىل 2- ئايدا ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدا ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشىپ ، 400 دىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچى ئىچىدىن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2- قانىلىغا قوبۇل قىلىندى.
بۇ يىل بۇ ئىستانسىنىڭ 3- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە داۋاملاشقان 4200 رىياسەتچى قاتناشقان « كۆڭۈللۈك مەجمۇئە » پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارى بىلەن ئۇچ كۈچلۈك رىياسەتچىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، « نۇرانە رىياسەتچى » نامىغا ئېرىشتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان 23 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە رىياسەتچىلەر ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىشى ئاجايىپ بىر مۆجىزە . ئۇنىڭ بۇ شانلىق نەتىجىلىرى ھەر قانداق كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ ئەلۋەتتە .
نېغمەت ھازىر مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2 - قانىلىنىڭ « ئائىلىلەرنى ھەرىكەتلەندۇرەيلى » پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. ئۇ يېقىندا « گەيرۇي لوڭقىسى » نى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىدە شىنجاڭدىكى ياش رىياسەتچىلەرنىڭ 5- نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە cctv-2 قانىلىنىڭ « ئائىلىلەرنى ھەرىكەتلەندۇرەيلى » پروگراممىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ماھىرلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كەلدى .
ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر ئىقتىدار يېتىلدۈرگەن بىر بالىنىڭ خەلقنى سۆيۈندۈرگىدەك نەتىجىگە ئېرىشىش - قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
ئىشىنىمىزكى، نېغمەت چوقۇم يېڭى خىزمەت ئورنىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. پارلاق كېلەچەك ئۇنىڭغا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.


نېغمەتنىڭ ئىشلىرىنى قوللىسىڭىز چوقۇم بىر بېلەت تاشلىشىڭزىنى ئۈمىد قىلىمىز!

qeqan 2011-09-22 01:20
قانداق تاشلايمىز؟

kunluk555 2011-09-22 10:29
مەن  5-بېلەتنى  تاشلىدىم  ئەمىسە  !  

zurky 2011-09-22 10:29
刷新  قىپ تۇرۇپ تاشلىسا قايتا- قايتا تاشلىغىلى بولىدىكەن ھە باللا ..............................!!

kunluk555 2011-09-22 10:31
نېغمەت  ھازىر چە  3- ئورۇندا  قېنى غەيرەت  قىلايلى  !  قېرىنداشلار  !!!!!!!!!!

梦hiyal想 2011-09-22 10:45
شۇنداق، مەن ئار- ئارقىدىن 10 بىلەت تاشلىدىم، يەنە تاشلايمەن!

sayira 2011-09-22 11:43
مەنمۇ بىكا  بولساملا تاشلاۋاتىمەن...ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرايلى دوسلار!

gulsara520 2011-09-22 11:54
مەنمۇ 10نى تاشلىدىم .قىنى دۇستلار ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلەيلى.

tatleh 2011-09-22 11:59
مەن توختىماي تاشلاۋاتىمەن ، ھەممەيلەن تاشلايلى !

datman202 2011-09-22 15:31
مەن مۇتاشلاي!   加油!

datman202 2011-09-22 15:32
/read.php?tid=11817#97848

datman202 2011-09-22 15:35
بىكا ۋاقىت تاپىساقلا تاشلايلى!

kalbidax 2011-09-22 19:09
نىغمەت،مىللىتىمىزنى تونىتىۋاتقان تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى،مەنمۇ ئۇنىڭغا بىر بەلەت تاشلىدىم

qeqan 2011-09-22 19:38
ئەمىسە مەنمۇ تاشلىدىم.غەيرەت قىلىڭ.

gullen 2011-09-22 22:37
مەنمۇ ئەلقاتارى 6 بىلەت تاشلاپ قويدۇم...ئەما بىلەت تاش؛اش پەقەت خوشياقمىدى بۇ ئاداشقا...

abm165 2011-09-22 23:01
       قىنى دوسلار   قايتا-قايتا تاشلاپ  ئاتالمىش  ئاز سانلقنىڭ   ئاز ئەمەسلىگىنى كورسىتىپ قويايلى\   ھەممىمىىز  كىچىچە  ئۇحلىماي تاشلايلى |  بىزلەرگە   بۇنداق پۇرسەت  ئاز كىلىدۇ . پۇرسەتنى  تۇتايلى . تاشلىعان بىلىتىمىز 100كەم بولمىسۇن ، قىنى دوسلار عەيرەت  قىلايلى

abm165 2011-09-22 23:13
ھازىر 20906بىلەت بولدى بۇگۇن 50000گە يەتكۇزىۋىتەيلى ، ئاۋۇلار 1بىلەت تاشلىسا بىز 400بىلەت تاشلىساق ئاندىن  ئۇتۇپ چىقالايمىز . دوسلار  ئالعا ......................................

allibas 2011-09-22 23:17
21000.بىلەتنى مەن  تاشلىدىم،،،

allibas 2011-09-22 23:22
ئۇنڭغا ئامەت تىلەيمەن،،،،

najla 2011-09-22 23:32
     دەھشەت كۈچلۈكلەر بىلەن بىر قاتارغا تىزىلىپ قاپتىغۇ؟ بارىكاللا جۇمۇ بۇ بالىغا، ھېلىتىن مۇشۇ داڭلىق رىياسەتچىلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرالىغاندىن كىيىن. بېلەت كەتتى. . .

abm165 2011-09-22 23:35
ئامەت تىلىمەي بىلەت تاشلايلى ،بىز ئائىلە  بۇيىچە  نوۋەتلىشىپ  تاشلاۋاتىمىز  . دوسلار عەيرەت   قىلايلى ،پەحىرلىك  ئوعلانىمىز  حەقنىڭ  ئالدىدا  بويۇن قىسىپ قالمىسۇن .

semerqent 2011-09-23 00:41
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىkalbidax يوللىغان 2011-09-22 19:09 غا قارتىلغان :
نىغمەت،مىللىتىمىزنى تونىتىۋاتقان تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى،

  كەيپىياتىڭلارغا سوغۇق سۇ سەپكۈم يوق ، لىكىن بۇ گەپ سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ مىللەتنى ئەمەس ئۆزىنى تونىتىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى دىسەك توغرا بولارمىكىن، دوستلار ؟!  ئوبيېكتقا باھا بەرگەندە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلايلى، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىلا مىللەتنى تونۇتقان بولامدۇ؟  بۇ دوستىمىز بىرەر پىروگرامما تەسىس قىلىپ مەخسۇس ئۇيغۇرنى تەشۋىق قىلالىسدى ، ئۇنى ئۇيغۇرنى تونىتىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى دىسەك ئاز-تولا ئاساسى بار گەپ بولغان بولاتتى . ھازىرقى ئىجدىمائىي ئورنىمىزدىن قارىغاندا  ئۇنىڭ قولىدىن  بۇ ئىشلار  كەلمىكى خېلىلا قىيىن . بىر ئادەمنىڭ مىللى كىملىكىنى قانچىلىك دەرىجىدە نامايان قىلالىشى ئاندىن ئۇنىڭ مىللەتنى تونىتىشىغا ئاساس بولالايدۇ. بىرەر ئۇيغۇر رىياسەتچىنىڭ cctv نىڭ سەھنىسىدە ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ چىقىپ مەن شىنجاڭلىق دەپ قويالىغىنى مىللەتكە تۆھپە قوشقىنى بولارمۇ؟ ئەلۋەتتە، نىغمەتنى شۇنداق قىلدى دىمەكچى ئەمەسمەن. بىرەر كىمگە باھا بەرگەندە سۇبيېكتىپ ھېسسىياتنى ئەمەس ئىلمىي دەلىل، چىن پاكىتلارنى چىقىش نۇقتىسى قىلايلى دىمەكچىمەن، خالاس.
  نىيىتىم خاتا چۈشىنىلمىگەي ، ھەممىڭلارنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭلارنى قوللاش ،ئىلھاملاندۇرۇش ھوقۇقۇڭلار بار ، مەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . مەنمۇ ئەگەر ئابدۇقادىر جالالىدىندەك ئۇستازلارغا بىلەت تاشلايدىغان ئىش بولسا ئۆزۈمنى ئاتقان بولاتتىم .  قارىسام ھەمىشە سەنئەت چولپانلىرىغا بىلەت تاشلايدىغان پائالىيەتلەر كۆپ، ئەدەبىيات قاتارلىق ھەرقايسى پەنلەرنىڭ  تەتقىقات ساھەسىدىكى چولپانلىرىمىزغا بىلەت تاشلايدىغان ھەرىكەتلەر ئالدىراپ تېپىلمايدىكەن .  بۇ مەسىلىلەرنىمۇ ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . كىم نەگە باشلىسا بۇرنىدىن يېتىلەنگەن بۇقىدەك شۇياققا ماڭىۋېرىش ئاقىلانىلىك  ئەمەس.  تۆھپىكارلار ئەلۋەتتە قەدىرلىشى كېرەك ، ئەمما تۆھپىسى چوقۇم مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولغىدەك يۆنىلىش ھەم سالماققا ئىگە بولغاندىلا.
  ئەمما خاتا چۈشەنمەڭلار، مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ قەلبىدىكى پەخىرلىك ئوغلانلارغا بىلەت تاشلاي ، سىلەرمۇ شۇ .

uqurla.com 2011-09-23 01:45
22000 مىڭغا يەتكۇزۋەتتىم خۇدايىم بۇرسا قالغان سىلەردە قالدى ....     

izhar420 2011-09-23 09:59
مەنمۇ بىر بېلەت تاشلىدىم،داۋاملىق تاشلايمەن، مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى تاللانسا بولاتتى...

喀什姑娘 2011-09-23 12:14
مەن ئۈچ بىلەت تاشلىدىم،قارىسام ھازىر ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپتۇ،مەنمۇ ئۇنىڭ بىرىنچى بولىشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن،يەنە بىلەت تاشلايمەن.

izhar420 2011-09-23 16:25
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىqeqan يوللىغان 2011-09-22 01:20 غا قارتىلغان  :
قانداق تاشلايمىز؟

ئادىرىسنى چىكىپ خەنزۇچە قوللاش دىگەن خەتنى باسساقلا بولىدىكەن، 20 دىن ئارتۇق بېلەتنى تاشلاپ بولدۇم، ھازىر نېغمەت بىرىنچى ئۇرۇنغا ئوتتى.داۋاملىق بېلەت تاشلايلى، قوللىغىنىمىز بۇلۇپ قالار.

.utkur. 2011-09-23 16:45
مەنمۇ بىر نەچچىنى تاشلىۋەتتىم ئەمىسە،نىغمەت قىېرىندىشىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

parixta799 2011-09-23 17:51
چۈشتىن  كېيىنكى دەرسىم يوق  ۋاقىتتىن  پايدىلىنىپ توختىماي  بېلەت  تاشلاۋاتىمەن،نىغمەت  ھازىر  بىرىنچى  ئورۇندا،26700گە يېقىنلاشتى.ئۇنىڭغا  ئۇتۇقلار  يار  بولسۇن!

parixta799 2011-09-23 18:17
نىغمەتنىڭ  بېلىتى 26828دە  توختاپ  قالدىغۇ؟بېلەت  تاشلىغىلى  بولمايۋاتىدۇ،刷新قىلساممۇ  بولمىدى،نىمە  ئىش  بۇ،بىر  كۈندە  مۇنچىلىك  بېلەت  تاشلىنىشى  كېرەك  دەپ
بەلگىلىمىسى  بارمىدۇيا؟ياردەم  قىلىڭلار.

ئۆل 2011-09-23 18:49
ماقۇل ...................................

najla 2011-09-23 22:08
نەقىل
بۇ 28قەۋەتتىكىparixta799 يوللىغان 2011-09-23 18:17 غا قارتىلغان :
نىغمەتنىڭ  بېلىتى 26828دە  توختاپ  قالدىغۇ؟بېلەت  تاشلىغىلى  بولمايۋاتىدۇ،刷新قىلساممۇ  بولمىدى،نىمە  ئىش  بۇ،بىر  كۈندە  مۇنچىلىك  بېلەت  تاشلىنىشى  كېرەك  دەپ
بەلگىلىمىسى  بارمىدۇيا؟ياردەم  قىلىڭلار.
 
بىرئاز ۋاقىتتىن كىيىن يەنە بولىدىكەن.

gulsara520 2011-09-23 22:41
مەنمۇ توختىماي تاشلاۋاتىمەن،،دۇسلار   ھەممىمىز  تاشلايلى..

orkex 2011-09-23 23:03
مەنمۇ تاشلاپ بولدۇم ....

aixa 2011-09-23 23:32
مەنمۇ پۇرسەت بولسىلا بېلەت تاشلاۋاتىمەن، بۇ ئۇكىمىزغا ئامەت تىلەيمەن ھەم داۋاملىق بېلەت تاشلايمەن.

muhlisa0996 2011-09-24 00:13
ئككى كۇن بولدى كۇندە توخىتىماي تاشلاۋاتىمەن .دوسلار سىلەرمۇ توختاپ قالماڭلار .

muhlisa0996 2011-09-24 00:58
29000غا يەتتى ئەمدى ئۇخلاپ ئەتە تاشلاي

vmid219 2011-09-24 09:58
ھازىر ئۇ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.ئۇنىڭغا ئامەت يار بولغاي.

jiuxing 2011-09-24 11:38
مەنمۇ بىلەت تاشلىدىم ئەمىسە....

jiuxing 2011-09-24 11:41
ئابدىقادىر ھاشىمدەك بىرىنچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
نىمە دەپ بىرىنچى بولمىغۇدەك.....

ھىلال 2011-09-24 12:49
مەن  رىياسەتچىلىك قىلغان پىرگىراممىلارنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن....مەخسۇس ئىزدەپ دىگەندەك .......بىر زىيارىتىدە ئۇنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەبجەش تىللارنى قوشماي سۆزلىشى مەندە بەك ياخشى تەسىر قالدۇرغان.ئەلۋەتتە قوللايمىز !

subihi1 2011-09-24 16:21
مەنمۇ قايتا-قايتا تاشلىۋەتتىم

aykez 2011-09-24 18:21
مەنمۇ تۇختىماي بىلەت تاشلاتىمەن دۇسلار داۋاملىق تىرشايلى

abdulla815 2011-09-24 19:03
كا يتىلاپ تاشلىسا  راس 5بەش  بەلەت  بۇلىدىكەن!

abdulla815 2011-09-24 19:04
ۋاقىت  چىقسا  يەنە  كىلىمەن!

gulsara520 2011-09-24 21:39
دۇسلار نىغمەت ھازىر 2-ئورۇندىكەن...ھەممىمىز   توختىماي  تاشلايلى..

dilhux2 2011-09-25 18:34
مەنمۇ  15 تاشلىدىم .يەنە داۋاملىك تاشلاۋاتىمەن

oguzpuxti 2011-09-25 19:17
مەنمۇ ئارقا ئارقىدىن تاشلاۋاتىمەن .غەيرەت قىلايلى . بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايدىغان ھالقىلىق پەيت .

obraz 2011-09-25 23:01
مەنمۇ 5نى تاشلىدىم...

uyghur05 2011-09-25 23:39
مەنمۇ تاشلىدىم

梦hiyal想 2011-09-26 09:49
ئەپسۇس، بىلەت تاشلاش ئاخىرلىشىپتۇ. نىغمەت ئىككىنچى بوپ قالدىغۇ دەيمەن.
                 


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- نغمەت راخمانغا بىلەت تاشلاڭ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.040156 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us