رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بالىلىرىمىزنى بۇ ھاڭدىن تارتىۋالغىلى بولامدۇ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> پەرزەنت تەربىيىسى -> بالىلىرىمىزنى بۇ ھاڭدىن تارتىۋالغىلى بولامدۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

degiz 2011-09-21 17:51

بالىلىرىمىزنى بۇ ھاڭدىن تارتىۋالغىلى بۇلامدۇ-يوق؟
مەنمۇ تور ئالاقىسى قىلغىلى ئۇزۇن بولمىدى، ئەمما تور دۇنياسىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنياغا تور دۇنياسى قوشۇلۇپتۇ دەپ ئويلىدىم، تور دۇنياسىنىڭ ئاجايىپ سېھىرلىك دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماي تۇرالمىدىم، چۈنكى ئادەم قاينامدا-سايرامدا، ئاچچىقتا-ئازابتا، كۈلكىدە- ئامەتتە كىشىگە دىگىلى بۇلىدىغان-بولمايدىغان بارلىق ھىس –تۇيغۇلارنى توسالغۇسىزلا ئىزھار قىلغىلى بۇلىدىغان بۇ مەۋھۇم دۇنيا  مېنى ئۆزىگە ئەسىرقىلدى، ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردىكى ھەر-خىل تەپەككۇر ئۈنچىلىرى، ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دۇنيا قاراشلىرى، قىزىقارلىق ھىكايە-پوۋېستلار، تەرجىمە ئەسەرلەر، دۇنيا يېڭىلىقلىرى مەنىۋىيىتىمنى بېيىتسا، ئىھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى دەرھال تاپقىلى بۇلىدىغان ھازىر جاۋابلىقى، تىل ئۈگىنىشتىكى يېتەرلىك شارائىتلار، قۇلايلىق بولغان تېز يوللانمىلار، خىزمەتتىكى قۇلايلىقلار ۋە يەنە دەپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى، دىمەك مەن كىتاپتىن باشقا يېڭى ئۇستازدىن بىرنى تېپىۋالدىم، ئەمما دەل بۇنىڭ ئەكىسچە يەنە نۇرغۇن يۇشۇرۇن ئاپەتلەر تور دۇنياسىدىكى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى، بۇنىڭدىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى،بالىلارنى زەھەرلەش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكى، يالغان-ياۋىداقنىڭ ئېغىرلىقى، سالامەتلىككە تەسىرىنىڭ چوڭلىقى، خىيالىي دۇنياغا بەند قىلىش رولىنىڭ زورلىقى، مەھلىيا قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقى جەھەتتە مىنى يەنە چوڭقۇر خىياللارغا باشلىماي تۇرالمىدى، ئەلۋەتتە سىز بىلەن مەن ئۆزىمىزنى كونتورول قىلالىغان بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونتورول قىلمىقى تەس، بالىدە....دەسلەپتە بۇ خىل ئەھۋالنى بايقىماي ساددىلارچە: « مۇئەللىم qq نۇمۇرىڭىز بارمۇ ؟» دىسە سىنىپتا داسكىغىلا چوڭ قىلىپ يېزىپ بەرگەن ئىدىم، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي شۇنى ھىس قىلدىمكى مەن قوشۇۋالغان بالىلارنىڭ ئىچىدىكى مەيلى دەرستە ياخشىسى بولسۇن، يېتىشەلمەيۋاتقىنى بولسۇن ھەر قاچان توردا ئىدى، مەن تاپشۇرۇقنى خېلى كۆپ بەرگەن كۈنلىرىممۇ( مىنىڭ پەقەت بىرلا پەنغۇ، يەنە تالاي پەنلەرنىڭ تاپشۇرۇقىچۇ؟) ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا توردا، بىر نەچچە قېتىم سىناپ(ھەرقاچان يۇشۇرۇن ھالەتتە) كېچىلىرى قاراپ باقسام يەنە بىر قىسىملىرى توردا..............ۋاھ ، ئالە شەرىڭنى ؟!  ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ كوت-كوتنى ئېچىپ قويسام، دەرس ۋاقتىدا بالىلارنىڭ بەزىلىرى يان تېلفۇندا (يان تېلفۇن ئىشلىتىشنى چەكلەيمىز، ئەمما ئاختۇرۇش ھوقۇقىمىز يوق) يەنە توردا............ئەگەر ئۇلار بىلەن بۇنىڭ سەۋەبى توغرىلىق پاراڭلاشسىڭىز باھەنە دېگەن جىق............... مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسى تۈۋەندىكىدەك ئىكەن دەپ خۇلاسسە قىلدىم: ئاساسەن تور ئۇيۇنلىرى،ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ غەلىتە خەۋەرلەر ( بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى: غەلىتە تۇغۇلغان بۇۋاقلار، دۇمبىسىدە پۇتى بار موزاي دىگەندەك...) ئەڭ مودا كىنولارنى كۆرىدىغانلىقى، توردا دوست تۇتۇشقا قىزىقىدىغانلىقى،ناخشا –مۈزىكا ئاڭلاشقا ھەۋىسى بارلىقى ۋە يەنە كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدىم. (ئاللىقانداق رەسىملەرنى كۆرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇغۇ؟) بەزىلىرىگە ھەقىقەتەنمۇ ئامال يوق، ئامال يوق دەپ تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ-دە، بەزى تەشۋىقاتلارنىڭ ئىجابى رولىدىن سەلبىي رولى زور بۇلىۋاتىدۇ، مەكتىپىمىز 2000دىن ئۇشۇق ئوقۇغۇچىسى بار، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاشقان چوڭ مەكتەپ، مەن بارلىق سىنىپ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۇشۇپ ئىستاتىستىكا قىلىشىمچە %95 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ كوت-كوت بىلەن ھەپىلىشىدىغانلىقى ئېنىق بولدى،تۇلۇق يىللىقلاردا ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىدا تورغا مەستانە بۇلۇش ھادىسىسى، تۇلۇقسىز سىنىپلاردا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئوقۇغۇچىدا تورغا مەستانە بۇلۇش ھادىسىسى مەۋجۇت، تور دۇنياسى ئاساسەن ئۇمۇملىشىپ بولدى، شۇنداقتىمۇبالىلارنى تور دۇنياسىغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كونترۇل قىلمىساق بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ دەپ ئويلاپ ئاتا-ئانىلارغا، جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلغۇم كەلدى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

alkud1 2011-09-21 20:11
مەكتەپ رەھبەرلېرىگە پىكىر بېرىڭلار،ھەر بىر سىنىپ ئىچىگە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي تېلىفۇن سىگنالى چەكلەش ئاپاراتى ئورناتسۇن،شۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا تېلىفۇن بىلەن ھەپىلىشىشىنى تۈپتىن كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.(بارلىق سىنىپ مەسئۇللېرى ۋە باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلېرى يازمىچە ھالدا،بىرلەشمە ئىمزالىق قىلىپ.)2.مەكتەپ ئاتا-ئانىلار مەكتىۋىنىڭ دەرسىنى ئىمكان بار سەل كۆپەيتىپ،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا ماسلىشىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرسۇن.ئەۋلاد تەربىيەسىدە يولۇققان زەررىچە مەسىلىلەرگىمۇ سەل قارىغىلى بولماس.

tohar 2011-09-21 20:16
تور دۇنياسى بىزگە بەك تېز قۇبۇل قىلىندى،بالىللارنىڭ جاھاننامە ئەينىكىدە ھەرخىل قىزىق تېمىلارنى كۆرۈشى،كوت-كوتتا پاراڭلىشىش ....سۆزلەپ كەلسە،تورغا خۇمار بوپ قالغان بالىلار سان جەھەتتە تولىمۇ كۆپ،ئۇلارنىڭ كۆپى سىز دېگەندەك،ئۇيۇنلارنى ئويناپ،كۆڭلىنى خوش قىلىدۇ،مېنىڭچە،بۇ بالىلارنى تور دۇنياسىدىن تارتىۋالغىلى بولمايدۇ،بۇنداق كېتىۋەرسە،مائارىپنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.بۇنى تېزگىنلەش،ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقىچىلار ئۆزىگە يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ھازىرلاپ،ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىندا كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش،بەكلا ئۆزىنى تۇتۇۋىلالمىغان بالىلارنى پىخسىكىدىن مەسلىھەت بېردىغان ئوقۇتقىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ،پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش،بالىلارنىڭ ئائىلە ماجراسى،بەزى روھىي بېسىملار ئارقىلىق كەلگەن توسالغۇلارنى تەڭ يېڭىش،جەمىيەتتىكى تورخانىلاردا 18ياشقا توشمىغان بالىلارنى قەتئىي تورخانىغا كىرگۈزمەسلىك،ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بولسا،شۇ تورخانىلارنى ئەرز قىلىش شەكلى ئارقىلىق دەرھال چارە-تەدبىر كۆرۈش كېرەك.بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا مەسئۇلىياتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك،شۇنداق بولغاندا،ئاندىن،ھاڭدىن قۇتقۇزۋىلىش مۇمكىن.

narazi 2011-09-21 20:31
10نەچچە ياشلىق بالىلارمۇ ئېچىۋالىدىكەن تېخى ،بىر ئاپەت بوپتۇ بۇ

ziyaratqi1 2011-09-21 20:47
بۇ مەسىلە ھازىر ئومۇمىيۈزلۈك ساقلىنۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى،مىنىڭ كىچىك ئىنىممۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھازىر تور مەستانىسى بولۇپ قالدى،تەربىيە بىرىپمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا(خەنزۇ مەكتەپ)ئوقۇۋاتقان ئوغلۇممۇ چ چ نۇمۇر ئىلىۋاپتۇ ،قارىسام يانفۇنۇمدا تورغا چىقىدىغان كىسەلنى تېپىۋالدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تەزدۈرەلمەي ئاخىرى ئىشخانىدا كومپيۇتۇردا ئېچىپ قويسام دەرىجىسى يۇقىرلايدۇ  دەپ ئالداپ يۈرۈپ مەخپىي نۇمۇرنى بىلىۋالدىم،ئشخانىدا كومپيۇتۇردا ئېچىپ قاراپ باقسام 100دىن ئارتۇق توردىشى باركەن،ھەممىسى دىگۈدەك 8ياشتىن 12 ياشقىچە باللار .....ھەي بۇ باللارنى نىمە دىسەم بولار چ چ نى ئېچىپ بولغىچە خەت يىزىپلا تۇرغان ........ بۇمەسىللەرنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولار؟!     

almalik 2011-09-21 21:11
ھازىرقى ياش-ئۇسمۇرلەرنى چ چ دىن جۇملىدىن ئىنتىرنىتىن تارتىۋالغىلى بۇلمايدۇ،،،،ھازىرقى مەسىلە ياش-ئۇسمۇرلەرنىڭ ساغلام بۇلمىغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشنى قانداق ئالدىنى ئىلىشى مەسلىسى نۇۋەتتىكى جەمىيەت ۋە دۇلەتنىڭ بىشنى ئەڭ قاتۇرۋاتقان مەسىلىدۇر،،،،

iz-6 2011-09-21 21:49
ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان تىلىفون ئېلىپ بەرگەن تۈزۇك. ھازىر جەمىئەتتىكى ئىشلارغا بىرنىمە دەپ بولمايدۇ.

alimibrayim 2011-09-21 22:23
بەك ياخشى تېمىكەن.... شۇنداق بۇ بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش.

arkak1234 2011-09-22 00:30
ئائىلە ،جەمىيەت،مەكتەپ ئاندىن يەنە قانۇننى ۋاستە قىلىپ بىرلىشىپ تۇرۇپ سەبىيلەرنى زەھەرلىگەەنلەرنى تۈرمىگە سولاپ ئاندىن تۈگەتكىلى بولىدۇ

turkyzat 2011-09-22 02:02
بىزنىڭ ئۆيدىمۇ مۇشۇ مەسىلە مەۋجۇت.............

hacker253 2011-09-22 12:04
نىمە قىلىدۇ كىچىك بالىغا تىلفۇن  ئىلىپ بىرىپ  تاپالمايمەن  دىمەڭ بىزمۇ ھەتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىغا چىققۇچە تىلفۇن تۇتمىغان ھەجەپ شۇچاغلاردا يەنە ئاتا ئانىمىز بىزنى تاپالايدىكەنتۇق.ئەڭ ياخشىسى ئائىلە تەربىيسىنى ياخشىلاش كىرەك ،بۇ تىلفۇن دىگەن پاراڭلىشىشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدۇ،پايدىسىدىن زىينى كۆپ ،بالىڭىزنى زەھەرلەشنى ،كاللىسىنى كىچىككىنە تۇرۇپ رادىئاتسىيە بىلەن قاپلاپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟ ئۇنداق بولسا تىزدىن ھەركەتلىنىڭ بازاردا تىلفۇننىڭ ھەر ھەر پەيزى نۇسقىللىرى چىقىپتۇ، تازا قىممىتىدىن تاللاپ ئىلىپ بىرىڭ . ئۇ تىلىفۇن بالىڭىزنىڭ سىنىپتىكى يىقىن سىردىشى ھەم دەرىس ۋاقتىدىكى ئويۇنغا باشلايدىغان ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بالىڭىزنى كەلگۈسىدىكى قاپاق باشلارنىڭ ئالدى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققۇسى.

begiz 2011-09-22 13:54
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىarkak1234 يوللىغان 2011-09-22 00:30 غا قارتىلغان  :
ئائىلە ،جەمىيەت،مەكتەپ ئاندىن يەنە قانۇننى ۋاستە قىلىپ بىرلىشىپ تۇرۇپ سەبىيلەرنى زەھەرلىگەەنلەرنى تۈرمىگە سولاپ ئاندىن تۈگەتكىلى بولىدۇ

بۇ قاراش بىر تەرەپلىمە بوپ قاپتۇ . قاتتىق ۋاستە قوللۇنۇپ ھەرقانداق ئىشنى ۋاقىتلىقلا تۈزىگىلى بولىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا ئىلمىي سەمىمىلىك بىلەن تەربىيە ئىشلەپ قايىل قىلىش كېرەك . قايىل قىلىش مايىل قىلىشتۇر شۇنداقلا بويسۇندۇرۇشتۇر !!
دۆلىتىمىزمۇ ھازىر خەلىقنى قانۇن بىلەن ئەمەس ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىشنى تەكىتلاۋاتىدۇ . جەمىيەتتىكى ھەر تەبىقىدىكى كىشىلىرمىز ياش ئۆسمۇرلەرنى ئەخلاق بىلەن تەربىيلەشنى كۆچەيتسە ھەم ئىلگىرى سۈرسە بالىلارنى بۇ ھاڭدىن تارتىۋالغىلى بولىدۇ ..................

hitap 2011-09-22 20:01
      مىنىڭچە بۇ << ھاڭ >> مەسىلىسى  دىيارىمىزدىلا ئەمەس پۈتكۈل ۋەتىنىمىزدە ئۇمۇميۈزلۈك
مەۋجۇت. بالىلارنىڭ توردىكى ساغلام بولمىغان مەزمۇنلاردىن  زەھەرلىنىشى بىلەن بىرگە يەنە
ياشلاردىكى تور ئۇيۇنلىرىغا خۇمار بۇلۇپ قېلىشىمۇ  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە.
      ئۆسمۈرلەرگە تەلىم-تەربىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئاستا- ئاستا تور شارائىتىدىن ئايرىپ تاشلاپ تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قىزىقتۇرۇپ يىتەكلەش  ئارقىلىق بەلكىم تىزگىنلەش مومكىن بۇلۇپ قالار .  ئەمما  ئاز  بىر  قىسىم  ئالىىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە  ياشلاردىكى تور ئۇيۇنلىرىغا خۇمار بۇلۇپ كۈن بۇيى  كومپيوتىر ئالدىدا < ئۇخلىماي چۈش كۈرىۋاتقان>لارغا نىمە دىگۈلۈك-ھە!  

zibarim 2011-09-23 01:35
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى يانفۇنلارنىڭ ئىقتىدارى بەكمۇ كۆپ،كۆپىنچىسىدە تورغا چىقىپ ھەرقانداق مەشغۇلات ئىلىپ بارغىنى بولىدۇ، بىر قىسىم ئائىلىلەر ئاللىقاچان ھاللىق جەمىيەتكە قەدەم قويۇپ بولغان چېغى....... مەن سىنىپىمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفۇنلىرىنى ھەر دۇشەنبە ئەتىگىنى يېغىۋالىمەن،شەنبە كۇنى بىرىمەن، شۇنداق قارايدىغان بولسام.... بىر- بىرىدىن ئېسىل يانفۇنلار..........

xamxar901 2011-09-23 10:45
مۇشۇ مەسىلە  بىزنىڭ ئۆيدىمۇ مەۋجۇت     

喀什姑娘 2011-09-23 12:36
بۇنىدا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ چوڭ مەسئۇلىيتى بار،ئۇلار بالىلىرىغا تىلفۇن ئىلىپ بىرىپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن،ئۇلارنىڭ يا تىلاۇن بىلەن بىجىرىدىغان موھىم بىر ئىشلىرى بولمىسا،بەزى ئاتا-ئانىلار تاللاپ يۈرۈپ تىلىفۇننىڭ نوچىسىنى ئەپ بىرىدىكەن تىخى ،مۇشۇنداق قىلغانلار ئۆزىنىڭ باللىرىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن ،بۇ پەقەت مىنىڭ كۆز قارىشىم.

喀什姑娘 2011-09-23 12:37
كەچۈرۈڭلار ئىملا خاتالىقى يۈز بىرىپ قاپتۇ،تۈزىتىپ ئوقىغايسىلەر.

kunluk555 2011-09-23 12:47
شۇڭا  مەن  6-7يىل بولدى ،ئائىلىدىكى كومپىيوتىرنى تېخى  تورغا  ئۇلاپ  باقمىدىم  .  ھەممە  شارائىتنى تەييارلاپ  بېرىپ  خەقتىن  يامانلاشنىڭ ھاجىتى يوق .  

kunluk555 2011-09-23 12:50
نىمە قىلىدۇ كىچىك بالىغا تىلفۇن  ئىلىپ بىرىپ  تاپالمايمەن  دىمەڭ بىزمۇ ھەتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىغا چىققۇچە تىلفۇن تۇتمىغان ھەجەپ شۇچاغلاردا يەنە ئاتا ئانىمىز بىزنى تاپالايدىكەنتۇق.ئەڭ ياخشىسى ئائىلە تەربىيسىنى ياخشىلاش كىرەك ،بۇ تىلفۇن دىگەن پاراڭلىشىشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدۇ،پايدىسىدىن زىينى كۆپ ،بالىڭىزنى زەھەرلەشنى ،كاللىسىنى كىچىككىنە تۇرۇپ رادىئاتسىيە بىلەن قاپلاپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟
  مەن   ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقاندا  تىلىفۇنمۇ  يوق  ئىدى  .  ئەجىبا  تېپىشاتتۇقكەنغە --تاڭ!

izhar420 2011-09-23 16:20
شۇنداق ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە رەھمەت، ياش بۇغۇنلارنىڭ كەلگۇسى ئۈچۈن ئوبدان ئويلانماي بولمايدۇ، نىمە قىلىدۇ تىلىفۇن ئېلىپ بېرىپ، ئۇ، بۇ دىيىشتىن بۇرۇن بالىلار مەكتەپتىن قانچىدە قايتىدۇ، ئاتا-ئانىسى يىراق يەردە خىزمەت قىلغاچقا ئەنسىرەپ ئېلىپ بەرگەن بۇلۇشى مۇمكىن دەپمۇ ئويلاپ باقايلى، يولداشلار، ھەممە ئادەمنىڭ ئائىلە شارائىتى ئوخشىمايدۇ، مەنغۇ بالامغا تىلفۇن ئېلىپ بەرمىگەن، بىراق تىلفۇن ھەققىدىكى بۇ گەپلەرنى سەل يىنىكلىك بىلەن دەپ قويغاندەك بىلىندى ماڭا...

tarimwadisi 2011-09-24 02:26
ھاڭنى تىندۇرۋېتپ تۇزلىۋىتش كىرەك بولمىسا رىشاتكا ئورنىتىپ قويۇش كېرەك.بولمىسا ئاتا-ئانىلار بالسغا تېلفۇن ئىلىپ بىرىشتىن سىرىت ھاڭغا لىفىت ئورنىتىش كېرەك .چىقسا تۇتۋالسۇن،چۇشۇپ كەتسە چىقدىغۇ دەپ كۇتۇپ تۇرسۇن.مۇشۇنداق ئىنكاس يازماي بولمىدى،بىرەر ئادەم بالمىزنىڭ تىلفۇننى ئېلۋالمىسام بولماپتۇ دىمىگەندىكىن.

jeck 2011-09-24 07:20
ئۆيدە، مەكتەپتە، تورغا چىقىش شارائىتىنى جىق قىلىڭ. بىر ئىشنى چەكلەپ تۈگەتكىلى بۇلمايدۇ.  تور ئوينىشىنى چەكلىمەي لېكىن باشقا ئىشلارنى ۋاختىدا قىلمىغانلارنى ئوبدان سۈرۈشتە قىلىڭ. تورغا چىققانلىغى ئۈچۈن  تەنقىد قىلىنماستىن بەلكى ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي ئوقۇتقۇچىدىن ئىزا ئاڭلىسا دادىسىدىن تاياق يىسە تورغا چىقىپ بىكا ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتنىڭ باشقا مۇھىم ئىشتىن سورىقى بولسا ئاڭلىقلىقى يىتىلىدۇ.  مەكتەپلەردە، ئۆيلەردە نىمىشقا ما ئىشنى قىلدىڭ دەپ ئەمەس (نورمال قىلسا بۇلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن)  نىمىشقا ماۋۇ ئىشنى قىلمىدىڭ (قىلىشقا تىگىشلىك بولغان) دەپ سوراققا تارتىش كىرەك. 

jiuxing 2011-09-24 11:50
مېنىڭ بالاممۇ باشلانغۇچ 3 - سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ چ چ نومىرى باركەن ماڭىمۇ ئېلىپ بىرىڭ دەپ تۇرىۋالغان ئىدى چ چ بەك قىممەتكەن مەندە پۇل يوق دىسەم
ئەتىسى ئۇنى پۇلغا ساتمايدىكەن كومپىيوتىېردا ئالغىلى بولىدىكەن دەپ كەپتىكەن
كىيىن سىز چوڭ بولغاندا ئېلىپ بىرەر ھازىر چ چ نومۇر ئەۋەرتىپ بىرىشنى دىڭلا (زاكاز) قىىلپ قويدۇم دىدىم ....

ھىلال 2011-09-24 12:43
مېنىڭمۇ  ئىككى  نەۋرە ئۇكامنىڭ تېلفۇنى ئاتا ئانىسىنىڭكىدىن ئىلغار، بىرى باشلانغۇنچى ئەمدى پۇتتۇردى يەنە بىرى تۇلۇقسىزنى كېلەر يىل تاماملايدۇ .........بىرە توردا تۇتۇۋالسام ئەدەپلەپ قويىمەن .........ئەمما بىز دائىم نازارەت قىپ تۇرالمايمىزدە .......

xamal903 2011-09-24 14:22
دۇنيادا ساقايماس كىسەل يوق،بار دىيىلسىمۇ بەكلا ئاز،تورغا مەستانە بۇلۇشمۇ ھەل قىلغىلى بولميدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس .بالىلار تورغا مەستانە بۇلۇش ھادىسىسى ھازىر دۇنياۋى خاراكتىرلىك ھادىسە بوپ قېلىۋاتىدۇ.ئۇ سىزنىڭ مىنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئەتراپىدا مەۋجۇت.بىزدە«   سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دەيدىغان گەپ بار.مىنىڭچە بالىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشمۇ ياخشى چارە ئەمەس .بىر ئادەمنىڭ جىسمىنى بوي سۇندۇرغان بىلەن ئۇنىڭ روھىنى بوي سۇندۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس .بالىلار كىچىك بولسىمۇ ھامان ئادەم .سىز بىزمۇ بالىلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن .چوڭ بولىۋېلىپلا،ئۇلارنى بېسىم بىلەن بوي سۇندۇرۇشنڭ پېيىدا  ئەمەس ،ئىلمىي ئۇسۇلدا قىلىۋاتقىنىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدا زىيىنىنى چۈشەندۈرۈپ،بالىلارغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارغا ئۆزىگە توردىن باشقا تېخىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ، ساغلام كۆڭۈللۈك بالىلار ئۇيۇنلىرىغا يىتەكلەش بۇ نىڭدىن سىرت مەكتەپ ئائىلىلەر ماسلىشىپ تور ئۇيۇنىنى چەكلەش،ئاتا ئانىلارمۇ بالام ئۈچۈن بىرە قېتىملىق ئولتۇرۇشتىن كىچەي دىگەننى ئويلاپ بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى قىززىقىشىغىمۇ ئەھمىيەت بەرسە بۇنىڭ ئۈنۈمى بېسىمنى ئاشۇرغاندىن ياخشىراق بولامىكىن دەپ ئويلۇدۇم.
مىنىڭمۇ نۇرغۇن تورداشلىرىم كىچىك بالىلار ھەتتا تۇلۇق ئۈچتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلارمۇ دائىم توردا ئېچىپ بولغىچە خەت يازىدۇ . ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ توسۇدۇم .نۇرغۇن بالىلار گىپىمنى ئاڭلاپ چىقماس بولدى . نۇرغۇنلىرى ھېلىھەم چىقىۋاتىدۇ. توردىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەنلىرى ئاساسەن (شۇلارنىڭ گىپىچە) ئۆيىدە ئاتا ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ئىكەن.ئەمدى ئويلاپ بېقىڭلار بالىلار تورغا نىمانچە مەستانا ئىكەن؟   

uzum--tal 2011-09-24 15:38
50-55 ياشلىق مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان بەزى ئاپىللىرىمىز مۇ ئويناۋاتسا چچ نى  ھازىر  تور دىسە خادسا قۇيۇندەك  چاپىدىغان باللارغا قانداق تەربىيە ئاڭلاتقىلى بولار .......  

艾斯喀尔 2011-09-24 23:52
مىنىڭچە بولغاندا ئائىلە تەربىيەسى  ئەڭ بىرىنچى  ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتا ئانا كۆپرەك تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. يۈزەكى ئەمەس ،ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولىشى كېرەك. پەرزەنتنى زىيادە ئەركە ئۆگىتىپ قويسا كېيىنچە ئۆز پەرەنتىگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ.

degiz 2011-09-25 16:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى دوستلار، سىلەرنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرگىنىڭلارغا رەھمەت، مىنىڭچىمۇ بۇ ئىشتا ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئۈچ تەرەپ ماسلىشىشنى كۈچەيتسەك چەكلىگىلى بولمىسىمۇ كونتىرول قىلغىلى ھەم توردىن مۇۋاپىق پايدىلنىش تەرەپكە يۈزلەندۈرگىلى بۇلىدۇ.

turditohti 2011-09-26 13:09
ئاۋال ئۇلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاختىغا چەك قۇيۇپ،تەدرىجى يىتەكلەش كېرەك دەپ ئويلايمەن.بىراقلا ھۇجۇمغا ئوتكەندە چۇقۇم بالىدا قارىشلىق پىسخىكىسى شەكىللىنىپ،ۋەزىيەت قاتماللىشىپ كېتىدۇ.

muhlisa0996 2011-09-26 16:31
مەنمۇ مۇشۇ ئىشتىن ۋايىم يەپ ئاخىرى مۇنداق ئامال تاپتىم .سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي
مەن ئوغلۇمنى سائەت 9:00دىن 11:00غىچە رەسىم كۇرۇسقا ئاپىرىمەن .سائەت 1:00دىن 3:00غىچە 跆拳道 كۇرۇسقا ئاپىرىمەن .مۇشۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ شەنبە يەكشەنبىسىگە بوش ۋاقىت بەرمەيۋاتىمەن .ھازىر ئۇ بۇ ئىككى نەرسىىگە بەك قىزىقىپ كەتتى .تورغا چىقىش ئىسىدىمۇ يوق. كۇرۇسقا بارىمەن دەپ تاپشىۇرۇقنىمۇ جۇمە كۇنى كەچتىلا ئىشلىۋىتىدۇ ،سىلەرمۇ باللىرىڭلارغا سىناپ بېقىڭلار!

uyhurkeze 2011-09-26 21:52
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ .رەھمەت سىزگە

qelemkesh 2011-09-27 13:12
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بالىلارنى چۈشىنىش ئەڭ مۇھىم. ئەگەر سىز بالىلارنى  چ چ دىن ياكى تور ئويۇنىدىن چەكلىسىڭىز، بالىلار بۇنىڭغا تېخىمۇ ئامراق بولىدۇ، ھەتتا سىز بايقىغان ھېلىقى چ چ ئوينىمايدىغان %5 بالىلارنىمۇ زەھەرلەيسىز. چاپاق ئالىمەن دەپ كۆزنى قارغۇ قىلىسىز. ئويلاپ بېقىڭ، كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ؟؟؟         تور، تور ئويۇنى ئەڭ ئاۋال نەدە پەيدا بولغان؟ بۇنى ئىجات قىلغانلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوينايدىغاندىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزدەك تورغا خۇمار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇلار بۇمەسىلىنى قانداق ھەل قىلغاندۇ؟      سىز بىر مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چوقۇم مۇنداق بىر ئاددى مەسىلىگە يولۇققان دەپ ئويلايمەن: ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۆگەن دەپ بۇيرۇق بەسىڭىز ئۇلا دەل ئەكسىچە سىز كۈتكەندەك ئۆگەنمەيدۇ. بالىلار تور ئويۇنىغا ئامراق بولغان بىلەن، لېكىن بالىلارتور ئويۇنى ئەمەس، سىزنىڭ بۇيرىقىڭىزغا بويسۇنىدىغان. مەن دىگەن بۇ رېتسىپنى سىناپ بېقىڭ، چوقۇم مەنپەئەتىنى كۆرىسىز. ئەگەر راستىنلا بۇ كېسەلنى داۋالىماقچى بولسىڭىز مەندە ھاقىقەتەنمۇ شىپلىق رىتسىپ بار. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.  

asma 2011-09-27 19:11
بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ئۈچۈن مەزكۇر تېما ھەم تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مەنمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
قارىسام خېلى كۆپ ساندىكى مۇنبەرداشلاردا بۇ ئىشقا باتناش خاپا بولۇش پىسخىكىسى جىقراق سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، بۇ ئىشنى رەنجىش، تاپا-تەنە قىلىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن تاپا-تەنىنى قويۇپ تۇرۇپ ھەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ئىزدىنىش كېرەك.ھىچ بولمىغاندا كۆپچىلىك بىرەيلەن بىر ئېغىزدىن پايدىلىق پىكىر قىلسىاقمۇ خېلى كۆپ پايدىلىق پىكىرلەر توپلىنىپ قالىدۇ.
ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇ بالىلاردا ئومۇملاشقان يانفۇن ئويناش ۋە تورخۇمارلىق كېسىلى ھەققىدە ئويلىنىپ قالغان ئىدىم. چۈنكى ئاچامنىڭ قىزى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇيدىغان بولۇپ، تەتىللەردە چوڭ ئۆيگە كەلسە قولىدىن يانفۇن چۈشمەيتتى، ھەتتا كېچىلىرىمۇ يانفۇندا كود كودقا چىقىپ دوستلىرى ساۋاقداشلىرى بىلەن پاراڭلىشاتتى، يانفۇنى بىردەم ئۆيدە قېپ قالسا ياكى تېلفۇن ھەققى يېتىشمەي مۇلازىمىتى توختاپ قالسا، پۈتى كۆيگەن توخۇدەك تىتىلداپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالاتتى، كۆپ قېتىم ئۇنىڭ بىلەن توردا دەرس ۋاقتىدا كود كوددا ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئۆزىدىن سورىسام كومپىيۇتۇر دەرس ۋاقتى ئىدى ياكى مۇزاكىرە ئىدى، دەپ  جاۋاپ بەردى ، كېيىنچە مەن توردا بولسام كۆرۈنمەس بولدى، ئاچامغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ يانفۇننى تارتىۋالساڭ بولمامدۇ دىدىم ،ئاچام مەكتىۋى بىلەن ئۆينىڭ ئارىسى يىراق ، ئۆيگە سەل كېچىكىپ قالسا ئەنسىرەپ تۇرالمايدىكەنمىز، يا كۈندە بالىنى ئاپىرىپ ئەكىلىشكە شارائىت يار بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ يانفۇندىن تورغا چىقىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن، چەكلەپ خېلى كۆپ تەربىيە قىلدىم ، ماقۇللا دەپ جاۋاپ بېرىدۇ بىراق يەنە شۇنداق ئۆزگەرتمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەرسىلەردىن بىزنىڭمۇ ئانچە خەۋىرىمىز بولمىغاندىكىن زادى توردا نىمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بەك بىلىپ بولالمىدۇق دەپ جاۋاپ بەردى.كېيىنچە باشقا ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ باللىرىدىمۇ يانفۇننىڭ ئاساسەن ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، ھەتتا بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇم بولىدىغان، ،ئۆزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفۇن ئەكىپ دەرس ۋاقتىدا ئويناپ ئولتۇرغانلىقىدىن كۆپ ۋايساپ تۇرۇپمۇ بالىسىغا ئۆزىنىڭ كونا يانفۇنىنى بېرىپتۇ، مۇشۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇمۇ سەل ئوڭايسىزلىق ھىس قىلىپ گەپنى ئەپقاچتى. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلاردا ئومۇلاشقان يانفۇن ۋە تورخۇمارلىق كېسىلىنىڭ سەۋەپلىرى ئوخشىمايدۇ.
بەزى ئاتا ئانىلارنىڭ ئىش ئورنى يىراقتا، ياكى مەكتەپ ئۆيدىن يىراقتا شۇنداق بولغانلىقتىن بالىلارنىڭ تېنچ ئامانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئاتا ئانىلار يانفۇن سەپلەپ بېرىدۇ، ،بۇنداق سەۋەپتە سەپلەپ بېرىلگەن يانفۇنلارغا ئاتا-ئانىلار تېلفۇن قىلىش ۋە ئېلىشتىن باشقا مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تاقىتىۋەتسە ھەم يانفۇن ھەققىنى تېجەپ قالغىلى ھەم بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا يانفۇندا تورغا چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بىراق شۇنىڭدىمۇ بالىلار بىلەن چىرايلىق سۆزلىشىپ ئۇلارنى قايىل قىلىش زورۈر بولىدۇ، بالا دىلىدىن سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭزغا قايىل بولمىسا سىز قانچە توسىغانچە ئىش  شۇنچە ئەكس تەسىر بېرىدۇ بولۇپمۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىز 1-، 2-يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا داۋالغۇش بولغان مەزگىللەردە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.بالىنىڭ يانفۇندا دەرس ۋاقتىدا تورغا چىقىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە  ئۇلارنىڭ توردىن توغرا ئۇسۇلدا پايدىلىنشىغا بەلگىلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنى توردىن پايدىلىق ماتىرىيال، سودا ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا يېتەكلەش شۇ ئارقلىق تورنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى تونۇتۇش كېرەك.
يەنە بەزىلەر بولسا بالىلاردا ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بالىسىنىڭ ‹‹قاتاردىن قالماسلىقى›› ئۈچۈن ئېلىپ بېرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدى بىلەن چوڭلار ئۆزىمىزدىكى بەسلىشىش ، قارىغۇچىلارچە مودا قوغلىشىش پىسخىكىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن بالىغا توغرا تەربىيە قىلىشىمىز كېرەك.
كود كود مەسىلىسىگە كەلسەك ھازىر نۇرغۇن مۇنبەرداشلار ئېيتقاندەك ناھايىتى كىچىك ياشتىكى بالىلارنىڭ كود كود نومۇرى بار ئىكەن، ئوغلۇمغىمۇ ئۆزىنىڭ تەلىۋى بىلەن نومۇر بېجىرىپ بەردىم ، ھەم ئۆزىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن كۈندە ئىشخانىدىن كود كودىنى ئېچىپ قويىدىغان بولدۇم، (شۇنداق قىلغاندا دەرىجىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن)، بۇ جەھەتتە بەك قاتتىق قوللۇق قىلمىدىم، كود كود نومۇرى مېنىڭچە بالا ئۈچۈنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مەخپىيەتلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بالا سىزگە ئىشىنىپ ئۇنى ئېچىپ قويۇشنى ئېيتقان ئىكەن، دىمەك ئارىدىكى بۇ خىل دوستانە مۇناسىۋەتنى ساغلام ساقلاپ قېلىش كېرەك، مۇشۇ ئاساستا بالىلارنىڭ دوستلىرىنى، ئالاقە قىلىۋاتقان كىشىلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى، بالىنىڭ پىسخىك ھالىتىنىمۇ بىلگىلى بولىدىكەن ھەمدە ئورتاقلىشىدىغان تېمىڭىزدىن بىرسى كۆپۈيىدىكەن،مېنىڭچە ئاتا –ئانا بىلەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئازادە پىكىرلىشەلەيدىغان ئىچىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتالايدىغان دوستانە مۇھىت بولمىسا بولمايدۇ،بىراق بۇ يەردە تەكىتلەش زۆرۈر يەنە بىر ئىش شۇكى بالىڭىزنىڭ يانفۇننى ، تورنى توغرا ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئاتا-ئانا بولغىچىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۇنۋېرسال كەسپىي ساپا بولمىسا بولمايدۇ، ئەگەر سىز بۇ شارائىتنى ھازىرلىمىسىڭىز بالىنىڭ نەزىرىدە ھىچنەرسە بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ بالا پىكرىڭىزنى ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ، ھەم ئۆزىڭىزمۇ زادى قايسى تەرەپتىن توسۇش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالىسىز، شۇڭا ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –ئانا بولغۇچىمۇ بەلگىلىك  ئۇنۋېرسال ساپانى يېتىشتۈرىشى بىلگەنلىرى ئارقلىق بالىنى يېتەكلىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرداش جېك ئېيتقاندەك ئۆيدە ئۆزىڭىز بار چاغدا بالىلارغا تورغا چىقىش شارائىتىنى ھازىرلاپ ئۇلارنىڭ چوڭلاردىن يوشۇرۇنچە تورغا چىقىش خاھىشىغا خاتىمە بېرىش كېرەك،ھەمدە باشقا مۇنبەرداشلار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەردىكىدەك بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش ھەم ئۇنى يېتىلدۈرۈش شۇ ئارقىلىق بالىلارنى ساغلام پائالىيەتلەرگە يېتەكلەپ ئۇلارنىڭ تورخۇمار بولۇپ قېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.
ئاخرىدا تەكىتلەيدىغىنىم ھەممىدىن مۇھىم نۇقتا ئاتا ئانىلار يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارغا ھەمرا بولۇشى، ھەرۋاقىت بالىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقى، نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىشى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بالىسى توغۇرلۇق كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ قايسى تەرەپلەردە ئۆزگۈۈرۈش بولىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئاساستا بالىنى نىشانلىق مەقسەتلىك يېتەكلىشى كۆپرەك مۇڭدىشىپ بالىغا يېقىنلىشىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا تور ئوريۇنلىرى ۋە كود كود ئالاقىسىمۇ ئۇنچىلىك قورقۇنچلىق نەرسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ .

aslayman 2011-09-27 19:40
تور تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ھالەت شەكىلىنىپ بولدى
ھەمىمىز
بالىرىمىزغا بولغان تەلىم تەربىيەنى كۇچەيتەيلى

diyar213 2011-09-28 21:06
   بالىلىرىمىز مەدىنىيەت ۋە دۇنيا  قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ.
بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرىۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس،بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتقاد ئىستىراتىگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك"
"دادىلار مىللەتنىڭ تۈۋرىكى،قول-قانىتى.دادىلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەققانىيەت بىلەن،باتۇرلۇق بىلەن،چىۋەرلىك بىلەن،ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى،ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق،مۆجىمەللىك،پەمسىزلىك،بېلى بوشلۇق،ساداقەتسىزلىك،ھەماقەت-
لىك ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك.دادىلار قەيسەرلىكتە،چىدام-جاسارەتتە،
ئىلىم- ھۈنەردە ،ۋاپادارلىقتا،ئەل-يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە.......پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇ
لالىشى كېرەك."
"بىزگە غايىلىك بالىلار كېرەك""بىزگە مەسئۇلىيەتچان بالىلار كېرەك""بىزگە ۋاپادار بالىلار كېرەك"
ئۆزلۈك ئېڭى كۈچلۈك،يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ئەخلاق –پەزىلەتلىك،جۇشقۇن،مۇسەقىل پىكىر قىلالايدىغان قىيىنچىلىق ئالدىدا داد دىمەيدىغان،ئۈمىد-ئارزۇغا باي ئەجداد روھىغا،ئاتا-ئانىلار ئەجرىگە يۈز كېلەلەيدىغان تىرىشچان رىئاللىقا يۈزلىنەلەيدىغان،ئۈگەنگەن بىلىم ماھارەتنى ئەمىلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان،ئۆزىگە تاينىپ قۇدرەت تاپالايدىغان سىتودىنتلار كېرەك.
شۇنداق بىزگە كۈيۈمچان،ئوتتەك ئانىلىق مېھرى بىلەن ۋەتەننىڭ،مىللەتنىڭ تاغدەك ئېغىر ئارمانلىرىنى،مۈشكۈلاتلىرىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان پولات ئىرادىلىك ئەزىمەتلەرنى تاۋلاپ چىقالايدىغان،پۈتكۈل جىسمى ۋە روھىدىن تۇمارىس،نۇزۇگۇملاردەك جەسسۇرلۇق،پاكلىق،تەۋرەنمەس ئىتقاد بالقىپ تۇرىدىغان ھەقىقى ئۇيغۇر ئانىلار كېرەك.
قەيسەرلىك،باتۇرلۇقتا باللىرىغا ئۈلگە بولالايدىغان،چۈشكۈنلۈك،بېلى بوشلۇق،ساختىپەزلىك دىگەندەك ناچار خاھىشلادىن پاكلىنالىغان،روھى ىساپ،ئىرادىسى مۇستەھكەم،مەسئۇلىيەتچان،ئەتراپىدىكىلەرگە،ھچ بولمىغاندائۆز ئائىلىسىگە ھەقىقى تۇۋرۈك بولالايدىغان دادىلار كېرەك.
ئەمما بىزگە بۇنداق دادا،ئانا،بالا،سىتۇدېنتلارنى باشقىلار يېتىشتۈرۈپ بەرمەيدۇ،ئارىيەتكە بېرىپ تۇرمايدۇ،تىلسەك تاپارمىز شۇڭا تىلەيلى،تىلەپلا ئولتۇرماي ھەركەتلىنىەيلى،ھەرىكەت-بەرىكەتقۇ،بۈگۈنلا، بولمىسا ئەتە يەنە بولمىسا ئۆگۈن ئىشقىلىپ پات-ئارىدا  ئۆزلىرىمىزنى تىلىگىمىزدىكى دادا،ئانا،بالا،سىتۇدېنت،ئەدىپ.......
لەرگە ئايلاندۇرايلى.بۈگۈنكى ھالىمىز ئەتە ئۈچۈن ساۋاق بولسۇن،ئەتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بۈگۈنكى زەئىپ تېنىمىزگە كۈچ ئاتا قىلسۇن.    
تەلەي قۇبۇل قىلىشقا تۇلۇق تەييارلانغانلارغا بېرىلگەن سوۋغىدۇر،ئۇ ئەزەلدىن سەۋەپسىزلا بىراۋنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلمايدۇ،بىر مەقسەت ئەتراپىغا سىڭدۈرۈلگەن مېھنەتلا بۇ ھوما قۇشنى ھەرىكەت ساھىبىنڭ بېشىغا قوندۇرالايدۇ.مۇشۇنداق بولغاندا   بالىلىرىمىزنى چۇقۇم قۇتقۇزۇپ قاللايمىز.......

otmix 2011-09-29 13:10
بىز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا تېلېفوندا تورغا چىقىش دەيدىغان گەپ يوق ئىدى، لېكىن دەرستىن چۈشكەندە پۇرسەت تاپساقلا بىر نەچىمىز تورغانىغا كىرۋالاتتۇق. تاماق يەيدىغان پۇلنى تېجەپ ئاش قۇرساق تورخانىغا كىرىپ بىردەم ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ چىقىۋالساق شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كېتەتتۇق.
مانا ھازىر خىزمەتكە چىقىپ كۈندە دېگۈدەك كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا كۈندە دېگۈدەك 8-10 سائەتكىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىغان، تور كۆرۈپمۇ زىركىدىغان بولدۇم. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرمايدىغان خىزمەت قىلسام نېمە بۇلاتتى دەپمۇ قالىمەن بەزىدە.
شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدىن شۇنداق ئەنسىرگەن مەن راسلا تورغا خۇمار بولۇپ قالدىممۇ دەپ، كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمىز دەپ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇ خۇمالارمۇ بېسىقىپ قالغان. ھازىر پۈتۈنلەي خۇمادىن چىققاندەكلا.

喀什姑娘 2011-09-29 13:52
بالىلار تىلاۇندا تور ئوينىغاندىن سىرت،بالدۇرلا مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىغىمۇ كىرىپ قالىدىكەن،مىنىڭ ئاچامنىڭ قىزى نەچچە قىتىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قىلىپ نەسىھەت قىلدۇق،ئۇ سىڭلىم ھە دەپ قويۇپ تىلىفۇندا يەنە داۋاملىق ئارىلىشىپ يۇرۇپتۇ،بىر تىلفۇن قولىغا چىقسا يىرىم سائەتتىن كەم سۆزلەشمەيدۇ،بىز تىلفۇن قىلساق ئالدىراشلا چىقىدۇ،شۇڭا بۇ قىتىم تىلىفۇننى ئىلىۋالماقچى بولىۋاتىمىز.

t913 2011-10-03 09:05
مەن ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنداق نەرسىلەر بىلەن تونۇشقان ئىدىم ، ھەي ، ھازىرقى بالىلارنى - زە  !  

karwan.bexe 2011-10-13 01:39
بۇ ئەھۋال جەمىيەت تەرەقىياتىنىڭ يەنە تەرىپىنىڭ كۆرۇنىشى. بۇ ئەھۋالنى  ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس،قاخشغان بىلەن ئىش پۇتمەيدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ خىلدىكى يۇزلىنىش پۇتۇن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۇت تۇرسا، ئەڭ مۇكەممەل قانۇنلارمۇ بۇ يۇزلىنىشنى توسوپ قالالمايدۇ. كەلگۇسىدە   تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ، مەكتەپلەر پۇتۇنلەي چ چ لىشىدۇ. ئوقوغوچىلار توردا مۇھببەتلىشىدۇ. < ھازىرغۇ يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ بۇ ئىشلار > . توردا <  ئادەم > بولوشنىڭ يولىنى ئىزلەيدۇ،  توپلاشقان قارا گۇرۇھلار مەكتەپلەردىمۇ  شەكىللىنىدۇ.  21 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا بارغاندا دۇنيادا ئاجايىپ بىر  < زامانىۋىلاشقان >  ئىنسانلار توپى شىەكىللىنىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپ تەربىيىمىزدە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ساقلانغان. ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىگە  ييېتىشەلمەيۋاتىمىز. چ چ پەن -تېىخنىكىنىڭ مەھسۇلى تۇرسا نىمىشكە ئۇنى چەكلەيمىز؟ سەۋەپ دەل بىزنىڭ ئاددى كاللىمىزدا،ئەمىليەتتە  بىز تەييار نەزىريە، تەييار فورمىلا ئارقىلىق ماشىنا ئادەم تەربىيەلەۋاتىمىز،  بىز ئوقوغوچىلار غا  مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپلا كەتسە پوققا كېرەككە كەلمەيدىغان ئۈلۈك  نەزىريەلەرنى ئۇگۇتىۋاتېمىز.  مەكتەپ قېلىپ بولسا ، ئوقوغوچىلار گويا لاي، خالاس.  مەكتەپ ھازىرقى بالىلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە تاملىرىنى شوئارلار قاپلاپ كەتكەن ئېلان تاختىسى، كېرەكسىز قەغەزلەر بىلەن قاپلانغان جاي،بىر توپ قويلارنى ئەتتىگەندە سولاپ قويوپ كەچتە ئۆيلىرىگە قايتۇرىدىغان  زامانىۋى قاشا. ئۇنداقتا بالىلار بالىلىق خۇشاللىقىنى چ چ دىن تاپىدۇ. م پ 3 دىن تاپىدۇ  توردىن ئىزلەيدۇ. مەسىلىنىڭ يىلتىزى رەڭگارەڭ تەپپەككۇرغا باي بالىلاردا ئەمەس ،بەلكى بىز مائارىپچىلاردا، كۇندىن-كۇنگە جاھان ھاسىلاتلىرىنىڭ كەينىدە قېلىۋاتقان ،قۇرۇق نەزىريەدىن باشقا جەمىيەتكە ئەمەلى پايدا  يەتكۇزەلمەيۋاتقان مائارىپىمىزدا. يەنە نۇرغۇن گەپلەر با ئىدى، ۋاقىت ئېھتىياجى سەۋەۋىدىن گەپنى مۇشۇ يەرەگىچە قىلاي..................

kaktusgul 2011-10-20 14:41
ئەسسالامۇئلەيكۇم،  تورداشلار بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ .بۇ ھەقتە مېنىڭ قارىشىم :ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى تېخىمۇ  چوڭقۇر تونۇپ،كەچتە ئائىلگەقايتىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى  پائالىيىتىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم .ئائىلىدە بالىلار ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا ئۆزى تېلىۋىزور كۆرىدىغان ،ئۆزى ئۆيۇن ئوينايدىغان ،بالىلارنى ئۆگىنىش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا،ئۆزى قاتار چاي ،ئولتۇرۇشلارغا كېتىدىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك .ئىمكانىيەت بولسىلا بالىلار نىڭ يېنىدا  كىتاپ -ماتىريال كۆرۈپ،ئۇلارغا ھەمرا بولۇش لازىم .بالىلار نىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن  ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن  بولسا تەربىيىنى كۇچايتىش ئۇلارنىڭ يانفۇن تۇتىشىنى قەتئى چەكلەش،ئوقۇتقۇچىلاردىن قەرەرلىك ھالدا ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرۇش لازىم . ( سىنىپ مۇدىرى شۇنى توغرا چۈشۈنۈپ، ماسلاشقىدەك ياخشى  ئوقۇتقۇچى بولسا )ياتاقلىق مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى ماسلاشمىسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش  ھەقىقەتەن قىيىن .

tahlik 2011-10-20 15:12
  ھىچ   كىم  ئامال قىلالمايدۇ ،،،،،،،،،
      پەقەت  بىلپلا  قالمىز   شۇ، ، ،  قاخشايمىز ..  تىللايمىز .  سىلە  بىزگمۇ   دادىلىرمىز  ھاراق  ئىچ  ،  تاماكا  چەك  دەپ  ئۆگەتمىگەن،،،    ئۈزىمىزگە  قاراپ  باقلى،،،،،،،،،،،


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بالىلىرىمىزنى بۇ ھاڭدىن تارتىۋالغىلى بولامدۇ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042948 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us