رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قۇتادغۇبىلىك ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئانا تىلىم جان تىلىم] -> قۇتادغۇبىلىك ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

gulen 2011-09-21 15:43

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مېھرىبان ئاتا-ئانىلىرى ۋە كۆيۈمچان ئۇستازلىرى،

قۇتادغۇبىلىك كىتاپخانىسى 21-ئاۋغۇست ئۇيۇشتۇرغان ئانا تىلدا چۆچەك ئېيتىش مۇسابىقىسىدە جاكارلىغان ۋەدىسىگە بىنائەن 11-ئاينىڭ 13-كۈنى (يەكشەنبە) سائەت 10دىن 12 گىچە قەشقەر شەھرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرماقچى.

مەقسەد: پەرزەنتلەردە ئىجادىي روھ يېتىلدۈرۈش، بىلىمنى كىتاپلاردىن، دەرسخانىلاردىن ۋە تۈرلۈك ئىمتىھانلاردىن ئازاد قىلىپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش. بالىلىرىمىزنىڭ دەرسخانىدا ئىگىلىگەن بىلىمىىنى كۆرگىلى، تۇتقىلى، ھىس قىلغىلى بولىدىغان شەكىلدە كۆرگەزمە قىلىپ  ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش.

ئوبىكىت: يەسلى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى. قەشقەر شەھرىگە كېلىپ، ياكى ئىجادىيەتلىرىنى ھاۋالە بىلەن، ۋاكالىتەن قەشقەردە كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرالايدىغان بارلىق نامزاتلار.

تەلەپ: ئىشتىراكچىلارنىڭ مودېل، سىخىما، قۇرۇلما، ئەسەر (ھۆسىنخەت، يازما، رەسىم، قەغەز قىيما، ھەيكەل، كەشتە) قاتارلىق قاتناشتۇرىدىغان ئىجادىيەتلىرىنى ياكى ئىجادىيەت لايىھەلىرىنى ۋە ياكى ئىجادىيەت تەسەۋۋۇرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ئۈمىت قىلىنىدۇ. ئىجادىيەت مەزمۇنى چەكلەنمەيدۇ. ھەرقايسى پەنلەرگە ئائىت مودىللار، سىخىمىلار، قۇرۇلمىلار، ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرى، رەسىم، ھۆسنىخەت،  يازما ئەسەر، توقۇلما، كەچتە، قىيما، ھەيكەل قاتارلىق قول بىلەن پۈتكەن، تەپەككۇر سىڭگەن ھەرقانداق بىر ئىجادىيەت كۆرگەزمىگە لايىق دەپ قارىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئىجادىيەتنى كەشپىيات ياكى ئەدەبىي ئىجادىيەت دەپلا چۈشىنىۋالماسلىق ئىلتىماس قىلىنىدۇ. ئىشتىراكچىلار ئىجادىيەتلىرىنى يېتەكچىسى، ئوقۇتقۇچىسى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يارىدىمى بىلەن تاماملىغان بولسا ئىجادىيەتكە ھەممەيلەننىڭ ئىسمى تەڭ يېزىلىشى كېرەك. مۇكاپاتتىن ھەر بىر ئەمگەك سىڭدۈرگۈچى تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. ئەگەر ئىجادىيەت ساۋاقداشلار ئارا ھەمكارلىقتا تاماملانغان بولسا باھالاشتا بۇ ئامىل ئالاھىدە ئويلىشىلىدۇ. مودېل، سىخىما، قۇرۇلما قاتارلىقلاردا باشقىلارنىڭ تەييار قۇرۇلمىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەسلى ئىجادىيەتچى ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئەسەر دائىرىسىدىكى ئىجادىيەتلەر چوقۇم ئىجادىي بولۇشى كېرەك.

مۇكاپات: مۇكاپاتنىڭ قىممىتى ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن بولىدۇ. مودېل، قۇرۇلما، سىخىما قاتارلىقلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسا مۇكاپات سوممىسى ئالاھىدە بولىدۇ. ئەسەرلەردە كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك، جەلىپ قىلغۇدەك ۋە خېرىدارلىق بولغىدەك ئامىللار بايقالسا بۇنىڭمۇ سوممىسى كۆرنەكلىك بولىدۇ. ئىشتىراكچىلار بىلەن شۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە يېتەكچلىك قىلغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانا ۋە باشقا يېتەكچىلەر بىرلىكتە مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەگەر بىر شەخس، بىر مەكتەپ ياكى ئىجتىمائى تەشكىلات بۇ كۆرگەزمىنى ئۆز جايلىرىدا تەشكىللەشكە كۈچ چىقارسا مەزكۇر كىشى، مەكتەپ ۋە شەخسمۇ قوشۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئىلاۋە: كۆرگەزمىمىز بارلىق كىشىلەرگە ئاشكارە، ھەقسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان شەخس، شىركەت، ئورۇن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بولسا قارشى ئېلىنىدۇ.
تىزىم ئورنى: قەشقەر قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسى. قەشقەر شەھرى خەلق شەرقى يولى 29- نومۇر
ساھىپخان: قەشقەر قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسى
ئالاقە: مەمتىمىن ئايۇپ 13899133015، 2822421ھاجىگۈل مەمەتسىدىق، ئابدۇۋەلى ئايۇپ 15199300236

tohar 2011-09-21 20:04
مەن ئالدىنقى يىلى قەشقەرگە بارغاندا،<<قۇداد غۇبىلىگ>>كىتابخانىسىنى تاپالمىغان ئىدىم،ماڭا <<جۇدالىق>>دېگەن رومان بەك جىددىي لازىم بوپ قالغان،ئۇ كىتابخانىنىڭ ئورنى قەشقەرنىڭ نەرىگە يېقىندۇ؟10-ئايدا بارغاندا بىر كىرىپ چىقمىسام،بۇنداق پالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەك ياخشى قىپتۇ،تولىمۇ خوش بولدۇم.

narazi 2011-09-21 20:25
بۇ كىتاپخانىنىڭ ئورنى خەلىق مەيدانى يېنىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ دەل قارشى ئۇدۇلىدا

kitabpurux 2011-09-21 20:46
ھەقىقەتەنمۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، بولغۇسى كۆرگەزمەڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن .

haliktash 2011-09-22 00:04
بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ،. مەن بۇپائالىيەتكە بىر جيەن سىڭلىمنى قاتناشتۇرىمەن. ئۇ ھەرخىل كىيىنگەن كارتون رەسىم سىزىشقا، شۇنداقلا سىزغان كارتون كىيىملىرىنى رەخىت پارچىلىرىدىن ھەر خىل كىيىملەرنى تىكىپ ياساپ چىقىشقا ئامىراق، ئىنتايىن ئوماق!! ئۇنىڭدىن سورسام چوڭ بولغاندا كىيىم لاھىيەلىگۈچى بولىدىكەن.....
   گۈلەن ئەپەندىنىڭ بۇ پائالىيتىنى پۇتۇن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن!!!! ھارمىغايسىز. باسقان ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈنسۈن!!!!!!!!

achil 2011-09-22 22:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللايمەن، مەن تۇرپاندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەنمۇ سىنىپىمدىكى بالىلارنى سەپەرۋەر قىلىشنى ئويلىدىم،  مىنىڭ مۆلچەرىمدە ئوقۇغۇچىلارنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت ۋە ئىقتىساد يار بەرمەيدۇ. سىزدىن سورايدىغىنىم بالىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى مەلۇم بىرەيلەنگە ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسەك بولامدۇ؟. 

gulen 2011-09-23 18:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى، پائالىيەتنىڭ ئىزچىللىقىغا تۇنجى قېتىملىق ئۈنۈم بەكلا موھىم رول ئوينايدۇ.

gulen 2011-09-23 18:50
نەقىل
بۇ 5قەۋەتتىكىachil يوللىغان 2011-09-22 22:40 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللايمەن، مەن تۇرپاندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەنمۇ سىنىپىمدىكى بالىلارنى سەپەرۋەر قىلىشنى ئويلىدىم،  مىنىڭ مۆلچەرىمدە ئوقۇغۇچىلارنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت ۋە ئىقتىساد يار بەرمەيدۇ. سىزدىن سورايدىغىنىم بالىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى مەلۇم بىرەيلەنگە ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسەك بولامدۇ؟. 


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بولىدۇ، بۇنى بىز بىلدۈرگىدىمۇ دەپ ئۆتتۇق، ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ. كۆرگەزمە نەتىجىسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ.

iz-6 2011-09-24 23:39
ھەي، مۇسابىقىنى بەكلا كۆرگۈم بارئىدى،لىكىن كۆرەلمەيمەن-دە، ئىسىت!!!     

eatiergul 2011-09-25 12:47
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ. مەن ئۇكىلىرىمغا دەپ قويايچۇ،ئۇلارمۇ قاتناشسۇن.

浪漫★boy 2011-09-26 19:52
كۈرگەزمىنى نەخمەيداندا كۈرەلمىسەكمۇ ئۇلاغا مەدەت تىلەيلى!!غەيرەت قىلىڭلا كەلگۇسىنىڭ ئۈمۈتلىرى......

kkk007 2011-09-27 07:43
گۈلەن ئەپەندىنىڭ بۇ پائالىيتىنى پۇتۇن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن!!!! ھارمىغايسىز. باسقان ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈنسۈن!!!!!!!!

arkinn 2011-09-29 17:26
راستىنلا ياخشى ئىش بولۇپتۇ. ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلىشىگە تېلەكداشمەن.

tograk001 2011-10-01 20:53
ياخشى خەۋەركەن  .ئاللاھ نىسىپ قىلسا  ئەشۇ پائالىيەتنى كۆرۈپ كەلمىسەم.....بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قۇتادغۇبىلىك ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.035954 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us