رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز گىتلىرغا زادى قايسى باھالارنى بېرىسىز --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ بەس-بەس مۇنازىرە ] (18) -> سىز گىتلىرغا زادى قايسى باھالارنى بېرىسىز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 4 total )

armanlirim 2011-09-20 18:06

گىتلىرنىڭ  <<پەس ئىرق>> نەسلىدىن ئېكەنلىكى ھەققىدە بايانلار
 
دۇنيادىكى ئاتالمىش «پەس ئىرق» لارنى يوقاتقان ھەمدە ئۆزىنى ئېسىلزادىلەرنىڭ پۇشتىدىن دەۋالغان  داھىنىڭ ئۆزىمۇ ئەسلىدە بىر «پەس ئىرق» نەسەبىدىن ئىدى. ئۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ----تارىختىكى ئەڭ  بىمەنە «ۋاپاسىز ئوغۇل»غا ئايلنىپ قالدى.

 ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسس ۋە ئالىملارنى تارىختا ئۆز ئەجدادلىرىنى ھاقارەتلىگەن قىلمىشى ۋەھشى بولغان، ئەڭ بىمەنە كىشىگە بېلەت تاشلاڭلار دېسە، ئەلۋەتتە بۇ «شەرەپلىك »نامغا ئادولفو. گىتلېر مۇيەسسەر بولالايدۇ.
 

ھەممىمىز گىتلېرنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىرقچى، يەھۇدىلارغا قارشى تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئۇ يەھۇدى ۋە ئافرىقىلىقلارنى «پەس ئىرىقلار» دەپ قارىغان ھەمدە يەھۇدىلانى دۇنيانىڭ دۈشمىنى، بارلىق رەزىللىك ۋە بالايى-ئاپەتنىڭ يىلتىزى دەپ قارىغان. دەل مۇشۇ ئېتقادىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئۇ گېرمانىيە ناتسىسلار پارتىيسىنىڭ رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، ئۆز قولى بىلەن يەھۇدى ئىرقىغا قارىتا يوقتىش سىياستىنى يۈرگۈزۈپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 5مىليون 710مىڭ يەھۇدىنى قىرىپ تاشلىغان.   بۇ ئۆتمۈش ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ بىر بەت بولۇپ قالدى.
ئەمما كىنايىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى، دەل يەھۇدىلارنى كۆزگە ئىلماي ،ئۇلارغا دۈشمەن كۆزىدە قارىغان بۇ كىشى ياش ۋاقتىدا بىر يەھۇدى قىزغا ئاشىق بولغان ھەتتا ئۇ يەھۇدى قىز ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچىمۇ بولغان. ئۇنىڭ ئۆسمۈر ۋاقتىدىكى سىرداش دوستى كۇبىجىكنىڭ ئاشكارلىشىچە، 1905-يىلى باھار پەسلىنىڭ بىر كېچىسىدە، 16ياشلىق گىتلېر ئالتۇن چاچلىق بىر قىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ قىزچاقنىڭ17ياشلىق ستان فاننى. ئىساق ئىسىملىك بىر پۇلدار تۇل خۇتۇننىڭ قىزى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. گەرچە «ئىساق» ئېنىق يەھۇدى فامىلسى بولسىمۇ، ئەمما گىتلېر بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلمىغان. چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن قىزىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، گىتلېر ئەتراپلىق پىلاندىن بىرنى تۈزگەن: ئۇ قەدىناس دوستى كۇبىجىكنى ستان فانىنىڭ ئاپىسى بىلەن ئۇزاق سۆزلىشش ھىلىسىنى ئىشلىتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزى يەھۇدى قىزچاقنى بۇلاپ كەتكەن، كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان بۇ گۈزەل بىلەن كېيىنكى قاچقۇن ھاياتىدىكى تۇرمۇش پۇلىنى غەملىيەلمىگەچكە، تۇتقۇن قىلىش پىلانىدىن ئامال يوق ۋاز كەچكەن. ئەمما مۇھاببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان گىتلېر قاتتىق ئازابلانغان ھەتتا كۆۋرۈكتىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچىمۇ بولغان. ......
ئۆزىنى ئېسىلزادىلەر پۇشتىدىن دەۋالغان بۇ ئادەمنىڭ تومۇرىدا ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم يەھۇدىلارنىڭ قېنى ئاققان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرەيلەن گىتلېرنىڭ  ئائىلە جەمەتى تارىخىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن، نەتىجىدە گىتلېرنىڭ ئاتىسىنىڭ بىر تەرىپى يەھۇدىلارغا چېتىشلىق چىققان،چۇنكى گىتلېرنىڭ ئاتىسىنى ئۇنىڭ مومىسى مالايلىق قىلغان چاغلىرىدا 19 ياشلىق يەھۇدى يىگىتى بىلەن يۇشۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ نىكاھسىز تۇغقان ئىدى. ئەگەر بۇ قاراش ئىسپاتلانسا ،ئۇنداقتا گىتلېرنىڭ تومۇرىدا ئاققان قاننىڭ تۆتتىن بىر قىسمى يەھۇدىلارنى قېنى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بۇ بايقاش گېن تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەچكە، قايىل قىلىش كۈچى يېتەرسىز. ئەمما يېقىنقى بەزى يېڭى بايقاشلار بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىلىقنى ئىسپاتلاشقا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

2010-يىلىنىڭ باشلىرىدا، بېلگىيەلىك بىر مۇخبىر بىلەن تارىخشۇناس بىرلىكتە، دۇنيا خاراكتېرلىك ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن تەكشۈرۈش ھەمدە AND باھالاپ بېكىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق گىتلېرنىڭ 39نەپەر تۇغقىنىنى تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى گىتلېرنىڭ يىراق تۇغقىنى بولۇپ، بۇ كىشى ئاۋسترىيە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئىدى. تەكشۈرگۈچى خادىملار گىتلېرنىڭ جىيەن نەۋرە ئوغلى ئامېرىكىلىق ئالىكساندىر.خوستوننىڭ يىنىدىن  DNA باھالاپ بېكىتىش نەتىجىسىنىڭ بىر نۇسخسىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ ئادەملەرنىڭ بەدىنىدىن ئېلىنغان ئۇيقۇلۇق ئەۋرىشكىسىنى  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلار گىتلېرنىڭ يەھۇدى ۋە ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، چۇنكى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇلۇقىنىڭ تەركىبىدە ADN- Y  بىر خىل خروموسوم  چىققان، بۇ خىل خروموسوم  گېرمانىيە ھەتتا پۈتۈن غەربىي ياۋروپادىمۇ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىكەن.ئەمما ماراكەش،ئالجىرىيە، لىۋىيە ۋە تۇنىستىكى بابارپۇر  ھەمدە گېرمانىيە يەھۇدىلىرى بىلەن ئىسپانىيە يەھۇدىلىرىنىڭ بەدىنىدە ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىكەن. دېمەكچى بولغىنىمىز،  بۇ خىل گېنى بار كىشىلەر نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياكى يەھۇدى ياكى ئافرىقا قان سىسىتېمىسىغا تەۋە كىشى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بۇ بايقاشنى گىتلېرنىڭ ئاتىسىنىڭ نىكاھىسىز تۇغۇلغان تارىخىغا بىرلەشتۈرسەك ،ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ  گىتلېرنى ئۆزى ئېيتىپ كىلىۋاتقان «پەس ئىرق»----يەھۇدىلارنىڭ پۇشتى دەپ ھۆكۈم قىلىشى تەس ئەمەس.

تومۇرىدا يەھۇدىلارنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان گىتلېرنىڭ  ئۆز قولى بىلەن يەھۇدىلارغا قارىتىلغان چوڭ قىرغىنچىلىقى ھەقىقەتەن ئىنسانلار تارىخىدىكى  ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ بىمەنە  بىر سەرلەۋھە ھېسابلىنىدۇ.

niranxa 2011-09-20 19:13
سىتالىنغا قارىغاندا ئۇنى  كۆپ ياقتۇرىمەن ...بىز نېمىشقا ئۇنىڭغا سەلبىي باھا بەرگىدەكمەن،تارىخنى يەڭگۈچىلەر يازىدۇ......

5003 2011-09-20 19:29
گېتلىر  قانچىلىك نەتىجىسى بولغان بىلەن ئۇ بىر قانخور جاللات 5مىليون ئادەمنى رەھىم قىلماستىن ئۆلتۈرگەنلىگى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەڭگۈ لەنەت ئوقۇيمىز!!!  ئۇ ئىنسانىيەتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى !!! بۇرۇنمۇ ھازىرمۇ ،بۇندىن كىيىېنمۇ شۇنداق كىمىكى ئۇنىڭ ئىزىدا ماڭسا ئاقىۋىتى ئوخشاش ئاخىرلىشىدۇ!!!!!!!!!!!!

mamtimin288 2011-09-20 19:48
  2- قاتاردىكى 5003 نىېڭ يازمىسىغا        مەن گەرچەكۆپ ئۇقىمىغان بولساممۇ  گېتلىر نىنڭ  يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلشى يالغۇز <پەس ئېرىق> قارشى ئەمەس
گېتلىر : يەھۇدىلار   1-دۇنيا ئۇرشى  ۋە  ئۇنىڭ ئالدىدىكى بىر نەچچە  قىتىملىق  ئۇرۇشلادا  يەھۇدىلار  گىرمانلارنى جەڭدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئالتۇن كۇمۇش مال دۇنيا لىرنى  ئېلىپ گىرمانىيدىن قىچىپ كەتكەن .
كىيىن يەنە  پادىشالارغا  يۇقرى سوممىدا  باج  تولەپ گېرمانىيەدە قالغان .
ھازىر مۇ ھەممە  بىلدۇ يەھۇدىلار دىن  باي مىللەت يوق  
ئىككى ئۇچ  قىتىملىق گېرمانلارغا  خائېنلىق قىلغىنى ئۇچۈن  گېتلىر  ئۇلاردىن ئۇمۇت كۇتمەي .
ئۇلارغا ئ
ئۆچ  بولۇپ كەتكەن .
بۇلار مىنىڭ ئاڭلىغان لىرىم
بۇنىڭغا  كەڭ  تۇرداشلار قانداق قاراي دۇ بۇنى مەن بىلمىدىم

salam234 2011-09-20 21:04
گەرچە گىتلىر ئۇرۇشتا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ،ئەمما ئاخىرىدا ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىگەن، ئىنسانىيەتكە ھىچقانداق تۆھپە قوشمىغان ، مىنىڭچە گىتلىر پەقەت بىر يىڭىلگۈچى خالاس.

$vmid$ 2011-09-20 21:20
گىتلىردەك بۇ ئۇلۇغ ئىنسان بولمىغان بولسا ، گىرمانىيە ھازىر نىجىس يەھۇدىلارنىڭ جەننىتى بولۇپلا قالماي ، يەنە سىياسى ھوقۇقنىمۇ مۇنۇپۇل قىلىۋالغان بولاتتى . گىتلىر ئەمىليەتتە يېڭىلگۈچىدەك قىلسىمۇ ، لىكىن ئۇ ھەقىقى يەڭگۈچى ۋە نىمىسلارنىڭ پەخرى . شۇنداقلا گىرمانىيەنى شۇنداقلا ياۋرۇپانى بالايى - ئاپەتتىن ساقلاپ قالغۇچى تۆھپىكار ئىنسان . ياشىسۇن گىتلىر !

atella731 2011-09-20 21:23
بىز  نېمىشقا  گېتلىرنى  سەلبىي  جەھەتتىن  باھالايمىز، نېمىشقا ئۇنىڭ  ياخشى تەرەپلىرىنى  ھېسابقا ئالمايمىز . ئەجىبا ئۇنىڭ  قىلغانلىرى خاتامۇ؟ ئەمىسە  سىلەرچە دەپ بېقىڭلار يەھۇدىلار بەك ياخشى  مىللەتكەندە ؟ ئەينى  ۋاقىتتا  يەھۇدىيلار  ھېچنىمە  قىلماپتىكەندە، ئويلاپ  بېقىڭلار  شامال  چىقمىسا  دەرەخ لىڭشىمدۇ؟گېتلىر  پەقەت تازلىغۇچىلا  خالاس.

hacker253 2011-09-20 21:24
مىنىڭچە گىتلىرنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىنى توغرا چۈنكى يەھۇدىغا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىمۇ ئۆچ ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرگە قارشىلىق قىلغان

tanha.oglan 2011-09-20 21:37
گېتلېر مەيلى يەھۇدى بولسۇن مەيلى باشقا مىللەت بولسۇن ئۇ بىر ھەربى ئالىم .ئۇ تارختا  ئۇنتۇلماس خاتىرلەرنى قالدۇردى . شوڭا ھازىرمۇ ئۇنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلدۇ.  تارختا يەھۇدىلار ئىزلىگەن بولسا ،ھازىر ئۇلار باشقىلارنى ئىزۋاتمامدۇ ،پەلەستىنلىكلەر ۋە باشقا ئەرەبلەر شۇلارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ يۇرت ماكانلىرنى تاشلاپ كىتۋاتمامدۇ ،شۇلار تەرپىدىن ئۆلتۇرلۋاتمامدۇ. ئۇلار 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن ئىبرەت ئالسا بولمامدۇ ،ئەكسچە ئۇلار شۇ نىسلارغا ئوخشاپ قالدى.ئۇلار شۇ چاغدا شۇنچىلىك ئىزىلمىگەن بولسا قانداق قىلاتتىكىن تاڭ.

;;;;;ot 2011-09-20 22:07
گىتلىر  چىىڭگىزخاندەك ياۋايىلارغا قارىغاندا ياخشى  ، ئەگەر ئۇ ئوتتۇرغا چىقىپ يەھۇدىيلارنى چەكلىمىگەن  بولسا دۇنيا ئويلىمىغان دەرجىدە قالايمىقان بۇلۇپ كىتىشى مومكىن

taklimakan 2011-09-20 22:44
ئويلاپ بېقىڭ. بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا گېتلىردەك تىلى راۋان ناتىق، ھەربىي قوماندان، پىشقان سىياسىيۇن بارلىققا كەلگەنمۇ؟ ئۇ نېمىس مىللىتى ئەڭ ئۇلۇغ مىللەت دەپ جار سالالىغان. سىز بىلەن بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ ئۇلۇغ مىللەت دەپ جار سالالامدۇق. مىللەتنى سىز  بىلەن بىز گېتلىردەك ئەسەبىيلەرچە سۆيەلەمدۇق؟
بۇ يەردىكى تاللاش پەقەت گېتلىر بىلەن سىتالىن ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاش. سىز يەنە قايسىنى تاللايسىز؟ ئەگەر گېتلىر دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغان بولسا دۇنيانىڭ تارىخى باشقىچە يېزىلغان ھەم دۇنيا تەرتىۋىمۇ باشقىچە ئورنىتىلغان بولاتتى. بىز  پەقەت سىتالىن قۇرۇپ چىققان دۇنيا تەرتىۋىنىلا بىلىمىز، شۇڭا بۇ مۇشۇ رامكا ئىچىدە تۇرۇرپ گېتلىرنى تىللايمىز. لېكىن سىتالىن روسىيەدە قۇرۇپ چىققان سوۋىت بىرلەشمىسى پارچىلاندى. گېتلىردىن كېيىن سىتالىننىڭ قولىدا پارچىلانغان گېرمانىيە بىرلىككە كەلدى. ھازىرغىچە ھېچكىم تېخى گېتلىر ياكى گېرمانىيە بېسىۋالغان بىر سۇنە يەرنىڭمۇ ئىسمىنى بىلمەيدۇ. لىكىن سىتالىن بېسىۋالغان بەش جۇمۇرىيەت رۇستىن ئايرىلدى. ھېلىھەم يەنە نۇرغۇن مىللەت مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىپ رۇسنىڭ ھالىنى قويمايۋاتىدۇ. ئەمدى يەنە كىمنى تىللايسىز سىياسى قاراشقا ئىگە بولمىغان كاللىڭىز بىلەن؟

suot 2011-09-21 00:11
      پۇل ئۇرۇشى دىگەن كىتابنى كۆرسەڭلا، مەلۇم مەنىدە گېتلىرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن، قانداق ئوينىتىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىمىز. چېرچىل، سىتالىنلار  ھەقىقەتەن كاتتا سىياسۇنلار ئىدى.  
   بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، فىرانسىيە بارلىق پايدىنى ئۆز چۆنتىكىگە تارتىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان يېڭى ئويۇن باشلانغان ئىدى. شۇنىسى مەلۇمكى، دۇنيا كاتتا بايلارنىڭ قولىدا ئىدى. ۋېرسال شەرتنامىسى مەلۇم مەزگىل دۇنياغا تىنچلىق ئەكەلگەن بولسىمۇ، يالتا كېلىشىمىدەك ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمىدى. چۈنكى، بايلار بايلىق تەقسىماتىنى نورمال تەڭشىيەلمىگەنلىكى بىلەن  بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشى نۇرغۇن كىرزىسكە ھامىلە بولغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە نېمىسلار قاتتىق ئۇجۇقتۇرۇلۇپ كەتكەچكە، بۇلاردىن تامامەن پايدىلىنىش مومكىنتى. نېمىسلار قاتتىق پىسخىكىلىق بېسىم ئاستىدا قالغان ئىدى. ۋەھالەنكى ئۇلارنىڭ فىرانسىيەلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا مادارى يوق ئىدى. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ياۋرۇپادا بۇرۇندىن ئانتىسېمىتىزىملىق ئىدىيە بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى ئاسىيادىن كىرگەن بارلىق مىللەتلەرگە قارشى تۇرۇش. دەل مۇشۇ سەۋەب بىلەن، دۇنيا تارىخىدىكى ئەشۇ بايلار بۇ ئىدىيەدىن ناھايتتى ياخشى پايدىلانغان ئىدى. يەھۇدىلار بۇ چاغدا ناھايتتى ئاجىز ئىدى. ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى دىگەندەك نېمىسلار يەھۇدىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، بۇ ئويۇنغا گېتلىر باش رول ئالدى. دىمەك، گېتلىر پەقەت بىر پىرسۇناژ. ئۇنى كاتتا سىياسۇنلار ۋە بايلار كېلىشتۈرۈپ چالغان ئىدى. نېمىسلار بولسا يەھۇدىلارنى ئانىي تېپىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان ئىدى. بىر مىللەتتە ئومومىي جەھەتتىن ئوخشاش بىر پىسخىك ھالەت بولىدۇ. فىرانسىيەلىكتىن ئالالمىغان دەردىنى يەھۇدىيلاردىن ئېلىپ مىللەت دەسلەپكى پىسخىك ھالەتنى تەڭشىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن قايتا باش كۆتۈرۈپ چېقىشقا تەييارلىق پۇختا بولغان ئىدى.

batur2008 2011-09-21 00:51
مەن تارىخنىڭ كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن يىزىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەم بىر ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئازراق رەھىمسىزلىكنىڭ كىرەك بولغىنى ئۈچۈن، چىڭگىزخان ياتلار ئىلىگە بېسىپ كىرىپ شۆھرەت قازانغاندەك گىتلىرنىڭ قازىنالمىغىنىغا ھەيران ئەمەس چۈنكى ئۇ مەغلۇپ بولدى.......

hitap 2011-09-21 02:22
         ئادولوف ھېتلىر  باشقىلارنىڭ چالغان  دېپىغا  ئۇسۇل ئوينايدىغان،باشقىلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن ماڭىدىغان ئادەم بولسا  دۇنيادا فاشىستلىق دولقۇنى قوزغىيالمىغان،پۈتۈن دۇنياغا ھەتتا ياۋرۇپادىكى قوشنىلىرىغا دەھشەتلىك ئۇرۇش ۋەھىمىسى سالالمىغان بۇلاتتى.
        2-دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ياۋرۇپادىكى يەھۇدىلار  تەرەققىي قىلىپ  يىتەرلىك بىلىم  پۇل دىگەنلەرگە ئىگە بۇلۇپ بولغان،گىرمانىيىدىكى چۇڭ كىچىك ھۇقۇقلارغا ئىگە بۇلىۋالغان(مەكتەپ مۇدىرى ،دۇكان خۇجايىنى،زاۋۇت باشلىقى دىگەندەك ،قۇل ئاستىدىكىلەر گىرمانلار). بۇلار ھېتلىنىڭ سەرگەردانلىق (ئىشسىز  يۈرگەن  تۆت يىلغا يېقىن ۋاقتى)دا تۇنۇپ يەتكەنلىرى .  كىيىنچە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ مەغلۇپ بۇلۇش سەۋەبىنى يەھۇدى مىللىتىدىن بولغان قۇماندان پولكوۋنىك ......  دىگەنلەردىن كۆرگەن. 1- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىرمانىيەدىكى يەھۇدىلار گىرمانىيەنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە كەڭ تارقىلىپ بولغان ، مونوپول دەرىجىسىگە يەتكەن(ھەتتا دۆلەتنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدىمۇ بار) . 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ھېتلىر ساپ گىرمان مىللىتىدىن بولغان ئارمىيە ،سىياسىي تەشكىلات ،پارتىيە قۇرۇپ چىقىش يۇلىدا ئىزچىل مەيدانىنى ئۆزگەرتمەي ئەگرى تۇقايلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ. بۇ جەرياندا بەزى ۋەتەنپەرۋەر(ۋەتىنىم گىرمانىيە دەپ قارايدىغان يەھۇدىلارنىڭ) يەھۇدىي بايلارنىڭ ئىقدىسادىي ياردىمىغا ئېرىشىشنى رەت قىلىدۇ.  << ئۇلۇغ  يىڭىلمەس مىللەت>>چىلىك بايرىقى ئاستىغا گىرمان نەسەبىدىن  بولغانلارنى توپلاپ ئاتالمىش << پەس مىللەتلەرنى تازىلاش>>تىن ئىبارەت فاشىستلىق قاتىللىق  ھەركىتىنى باشلايدۇ.
        قېرى-ياش، ئەر-ئايال ، ھەتتا  بۇۋاق  بالىلارغىچە  ۋەھشىيلەرچە  قىرغىن قىلغان  قاتىلنىڭ
مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا  ھېچقانداق بىر ياخشى ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق. ئەكسىچە ۋەتەنسىزلىقنىڭ  دەردىنى يەتكۈچە تارتقان يەھۇدىلارنىڭ  ۋەتەنگە زىمىنغا بولغان تەلپۈنۈشى
ئۆملۈك ئېڭى  ھەسسىلەپ كۆچەيگەن ،  پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۇلارغا بولغان ھېسداشلىقى تۈپەيلى
مانا ھازىرقى پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلىدىغان  ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلىشىغا  ئازدۇر-كۆپتۇر  ھەسسە قوشقان گىتلىرنىڭ  ۋەتەن سۆيەرلىكىدىن باشقا  مەدھىيەلىگۈدەك بىرەر تەرىپى يوق.

adidas777 2011-09-21 03:40
مەن ھەممە ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ چىقتىم...
       گىتلىر( دۇنيادىكى 1- ناتىق)ئىتىراپ قىلىنسىلا...
گىتلىرنى سىتالىن بىلەن سىلىشتۇرۇش ئەخمىقانىلىق. چۇنكى رۇسلانىڭ بىزگە 1 مۇچەنلىك پايدىسى تەگمىدى... بىزنىڭ شىمالى رايۇنلارغا بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيەنى سىڭدۇردى خالاس...
      مەن گىتلىرغا شۇنچىلىك ئامىراق ...بۇ ئادەمدەك كەلگۇسىنى ئالدىن كۇرەر زات ئەمدى تەستە چىقىشى مۇمكىن...
ئىىسسىل ئەجنەبى (گىتلىر).
777

yurtoghli 2011-09-21 06:54
ھىتلىرنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىشىنىڭ،ئەمەلىيەتتە يەھۇدىلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئۇتىلىق بىلەن ئوينالغان بىر مەيدان ئويۇن ئكەنلىگىنى بىر تۇركچە كىتاپتا كورگەن ئىدىم.سانلىق مەلۇماتلار پەقەت ئىسىمدە قالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ بىلگىنىمچە يانى ئوقۇغۇنۇمچە تورداشلار بىلەن پايلاشقۇم كەلدى.ئىشىنىش ئشەنمەسلىك ھەر كىشىنىڭ ئەركىنلىكى،بەك تەنقەتلىنىپ كىتىشنى خالىمايمەن...يەىۇدىلارنىڭ ئۇزۇن يىل پۇتۇن دۇنيادا تارقىلىپ ياشىغىنى ھەممىمىزگە ئايان،يەىۇدىلار بارغانلىكى يىرىدە ئالدامچىلىق،ساختىپەزلىك،جازانىخورلۇق قىلىپپۇل،مال-دۇنيا توپلىغان.كۆپ قىسمى ھاللىلىق سەۈىيەدە ئىدى.ئامما ئىزچىل ھالدا مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يەرىدە بولسۇن يەرلىكلەر تەرىپىدىن ياخشى كۆرۇلمەيتى،چەتكگ قىقىلاتى.1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغىن ھازىرقى ئسرائىلىيە جاسوسلۇق ئورگەنى موسسادنىڭ ئەسلى نامى بولغان SHAI قۇرۇلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاسالىق مەقسىتى بولسا نەچچە ئەسىر سەرگەردانلىقتا يۇرگەن يەىۇدىلارنى يىغىپ دۆلەت قۇرۇش ئىدى. پۇتۇن دۇنيا يەھۇدىلىرىغا قىلىنغان مۇراجەت جاۈاپسىز قالدى،چۇنكى ئۇلارنىڭ ئىڭىدا پۇل ،مال دۇنيا  توپلاش، دۆلەت قۇرۇشتىمۇ ئۇلۇغ ئىدى.شۇنىڭ بىلەن 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ناھايىتى تىز قەد كۆتۇرۇپ چىققان ۈە يەھۇدى ئىرقىغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولغان ناتساستلار پارتىيسى يەھۇدى تەشكىلاتىنىڭ كوزىرىغا ئايلاندى.نۇرغۇن پۇل پارا بىرىش ۈە كۇشكۇرتۇش ئارقىلىق گىرمانىيە ۈە پولشادا ئولتۇراقلاشقان  يۇقىرى تۆۈەن تەبىقىدىكى بىر قىسىم يەھۇدىلار قىرىپ تاشلاندى. ئامما قىرىپ تاشلانغان يەھۇدى سانى ھەرگىزمۇ ئۇنداق ۆكوپ ئەمەس ئىدى.ئۇرۇشتىن كىيىنمۇ جازا لاگىرلىرى ناتسىستلار تەرىپىدىن يوقىتىۈىتىلدى دەپ يالغاننى توقۇشتى.ئەمەلىيەتتە بىر قانچە يۇزمىڭدىن ئاشمايتى.بىراق يەىۇدىلار كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن ئىدى.يىتىشلا ئەمەس ھەتتا بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقتى، بىرىجىدىن تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش ۈەدە قىلىنغان مۇقەددەس تۇپراققا قايتىش چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىغان يەھۇدىلار ۈەتەنسىزلىكنىڭ ماھىيەتىنى تونۇپ يەكەن ئىدى ۈە ۈەتەنگە تەلپۇندى، ئىككىنجىدىن پۇتۇن يەىۇدىلار تاپقان تەرگەن سەرمايىسىنى يەھۇدى دولىتى قۇرۇش ئۇچۇن ئاتاشتى  ئەڭ مۇھىم بولغىنى پۇتۇن دۇنيادىكى يەچۇدىلارنى ئۆچ كۆرۇش پىسخىكىسى بىردىنلام ئىچ ئاغرىتىشقا ئۆزگەردى. بۇ شارائىتلار يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇش ئۇچۇن ئەڭ ياخشى شاراىت يارتىپ بەردى....

yurtoghli 2011-09-21 06:59
ئەلكاتىپ چۇشۇرگەن ئىدىم بىراق خەت يەنىلام سول تەرەپتىن باشلىنىپ باش ئاخىرىنى تاپالماي 4 قىتىم قايتا يازدىم.ئىملا خاتالىقىمنى كەچۇرگەيسەن ئانا تىلىم  ۋە تورداشلار...

uiguria 2011-09-21 09:00
ھەرقانداق بىر شەيئىينىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، مۇكەممەللىك پەقەت ياراتقۇچىغا خاس.  گېتلېر مەيلى يەھۇدى بولسۇن مەيلى باشقا مىللەت بولسۇن ئۇ شۇ دەۋرنىڭ بىر ھەربى ئالىم ھەم ئۇستا ناتىق. ئەمىلىيەتتە ئۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن بىر رەسسام ، جەمىئيەتتىكى بەزى تەڭسىزلىكلەر ئاخىرى ئۇنى سىياسىي سەھنىگە باشلاپ چىقىپ 5مىليون يەھۇدىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇ سەھنە پەردىسى يېپىلدى. ھەتتا گىتلېرنىڭ ئۆلۈمىمۇ 20-ئەسىردىكى سىرلىق ۋەقەنىڭ بىرى بولۇپ مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ قالدى.  مەيلى ئۇ قانخور جاللات بولسۇن مەن ئۇنىڭغا قايىل يەنە كېلىپ چىن كۆڭلۈمدىن ھۆرمىتىم بار. ئىشىنىمەن دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە گىتلېردەك ئادەمدىن ئىككىنچىسى پەيدا بولالمايدۇ. ھېلىمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا 5مىليون يەھۇدىنىڭ قىرىلغىنى ، ھازىرقى ئىسرائىلىيەنىڭ قىنىغا پاتماي قالغىنىنى ئويلىسام نېمىشقا گىتلېر ئەينى چاغدا ئۇلارنى مىللەت سۈپىتىدىلا يوقىتىۋەتمىگەندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
      دۇنيا ئېتراپ قىلغان 100 مەشھۇر شەخسنىڭ ئىچىدە 35-ئورۇنغا تىزىلغان (ئەلۋەتتە مۇھەممەد سەلىئاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام100 مەشھۇر شەخسنىڭ 1-سى) گىتلېرنى بۇ مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇنىڭ  يەھۇدى تۇرۇپ ئۆزمىللىتىنى(مەيلى بۇ پاكىتلار راست بولسۇن بولمىسۇن) قىرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپلا ناچار شەخس ، زالىم قانخور قاتارىغا چىقىرىۋېتىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرمەيمەن........
            
      بىزدىمۇ شۇ گىتلېرغا ئوخشاش يولباشچى ، داھىي دىن بىرسى چىققان بولسا ھە !.....

adiyat 2011-09-21 10:58
بىچارە  يەھۇدىلار ...  يىنىغا  بىرىپ تۇمشىقىغا  بىرنى  تەپسە  جىممىدە بولۇپ
مۇلايىملىشىپ  كىتىدۇ.   يىنىدىن  كەتسىلا  ئاۋازىنى  قويوپ  بىرىپ  تازا  ھاۋشۇۋالىدۇ .
ئۇلۇغلارنىڭ  لەنىتى  بەك  يامان  جۇمۇ  باللار...  

مۇبارەك 2011-09-21 11:36
ئادەملەر ئالقانچىلىك يەرگە يۈزمىڭلاپ توپلىشىۋېلىپ، ئۆزلىرى ماكان قىلغان يەرنى بۇزۇپ تونۇغۇسىز قىلىۋېتىشىمۇ، ئاشۇ يەرلەرگە ھېچنېمە ئۈنمىسۇن دەپ، تاش ياتقۇزىۋەتسىمۇ، يەردىن ئۈنۈپ چىققان يۇمران گىياھلارنى پاك-پاكىز ئوتىۋەتسىمۇ، كۆمۈر-نېفىتلەرنى يېقىپ، ئىس-تۈتەكلەرنى قاپلىتىۋەتسىمۇ، دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ، جىمىكى قۇشلارنى ۋە جان-جانىۋارلارنى قوغلىۋەتسىمۇ ___ باھار، ھەتتا شەھەرلەردىمۇ باھار ئىدى. قۇياش كەڭ زېمىنغا ئىللىق نۇرىنى تۆكۈشى بىلەن تەڭ، ئوت-چۆپلەر ئوتاپ تاشلانمىغانلىكى يەردە يېڭىباشتىن كۆكىرىشكە، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان يوللاردىكى چىمەنلىكلەردىلا ئەمەس، ھەتتا تاشلارنىڭ ئارىلىرىدىمۇ ياپيېشىل ئوتلار كۆكلەشكە، قېيىن، تىرەك، ياۋا جىنەستىلەر يېپىشقاق، خۇشبۇي يوپۇرماق چىقىرىپ، ئارغۇۋالارنىڭ بىخلىرى قاپىرىپ يېرىلىشقا، ئالا قاغىلار، كەپتەرلەر يىلدىكىدەك باھار شادلىقىغا چۆمۈپ، ئۇۋا ياساشقا، قۇياش تەپتىدىن ئىسىنغان چىۋىنلەرمۇ تاملارنىڭ تۈۋىلىرىدە گىژىلداشقا باشلىدى. ئۆسۈملۈكلەرمۇ، قۇشلارمۇ، قۇرت-قۇڭغۇزلارمۇ، بالىلارمۇ شاد-خورام ئىدى. پەقەت ئادەملەر، قورامىغا يەتكەن چوڭ ئادەملەر ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداشتىن، ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئازابلاشتىن توختىمىدى. ئادەملەر مۇشۇ باھارنىڭ سەھەر پەيتىنى ئەمەس، جىمىكى ئىنسانغا خۇدا ئاتا قىلغان بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنىمۇ، كىشىلەرنى تېنىچلىققا، ئىناقلىققا، مۇھەببەتكە ئۈندەيدىغان گۈزەللىكنىمۇ ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا ھاكىملىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئويلاپ تاپقان جىمىكى نەرسىنى مۇقەددەس ھەم مۇھىم دەپ بېلىشىدۇ.

                                                        __ تولىستوي <تىرىلىش>

baburhan 2011-09-21 11:37
      گىتلىر دۇنيادىكى ئەڭ يىتۈك ئىنسان.مەيلى ئۇنىڭ قىنى قايسىنىڭ قىنى بولسۇن ئۇ ئۆزىنى گىرمان مىللىتى دەپ تۇنۇغان ۋە گىرمان مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرىپ قىلغان.بۇ ئۇنىڭدىكى مۇقەددىس روھتىن باشقىسى ئەمەس.
     ئەلۋەتتە گىرمانلاردىن باشقا ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ گىتلىرغا باھا بىرىش سالاھىيتى يوق.مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بىراق مەن گىتلىرغا بىر ئۆمۈر ھەۋەس قىلغۇچى.
دىگەن كىنونى كۆرۈپ بىقىڭلار، ئارراقمۇ بولسا بىر نەسىلەرنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيسىلەر.逆天者
دۇنيادا مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى مەڭگۈ قەھرىمان.
توردىن گىتلىرغا ئائىت سۈرەتلەرنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلارمۇ گىتلىرنىڭ گىرمانلارنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈشىگە ئىرىشكەنلىكىنى ،بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ، ئەجىبا گرمان مىللىتى شۇنچىلىك بىر ئۇلۇغ مىللەت تۇرۇپ گىتلىرنى نىمە سەۋەپتىن قوللايدۇ ۋە ئۇنى سۆيىدۇ.

taxqin 2011-09-21 11:49
  ئىنسانىيەتتە  مەيلى قانداق بولمىسۇن گىتلىر، چىنگىزخاندەك ئادەملەرنىڭ  چىقمىقى تەس، نىيوتۇننىڭ "ھەرىكەتتىكى جىسىمغا سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرى بولمىسا ئۇ ھامان ئۆز يۆنۈلىشى بويىچە ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ"دىگەن ھەرىكەت قانۇنى بويىچە ناۋادا مۇشۇ ئادەملەر قوزغىغان ئىژتىمائى ھەرىكەتلەر بولمىغان بولسا بەلكىم دۇنيانىڭ تەرتىپى ھازىرقىدىن باشقىچە ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. دىمەك بۇلار ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىدۇر، شۇڭا ئۇنىڭغا مۇشۇ جەھەتتىنلا باھا بىرىلسە بىرقەدەر ئەقىلغا مۇۋاپىق بولىدۇ، بولمىسا ئۇنى ياخشى دىگۈچىلەر بىلەن ئەسكى دىگۈچىلەر مەڭگۈ پىكىردە بىرلىككە كىلەلمەيدۇ.

manzil117 2011-09-21 12:13
گىتلىردەك بۇ ئۇلۇغ ئىنسان بولمىغان بولسا ، گىرمانىيە ھازىر نىجىس يەھۇدىلارنىڭ جەننىتى بولۇپلا قالماي ، يەنە سىياسى ھوقۇقنىمۇ مۇنۇپۇل قىلىۋالغان بولاتتى . گىتلىر ئەمىليەتتە يېڭىلگۈچىدەك قىلسىمۇ ، لىكىن ئۇ ھەقىقى يەڭگۈچى ۋە نىمىسلارنىڭ پەخرى . شۇنداقلا گىرمانىيەنى شۇنداقلا ياۋرۇپانى بالايى - ئاپەتتىن ساقلاپ قالغۇچى تۆھپىكار ئىنسان . ياشىسۇن گىتلىر !

naway 2011-09-21 12:47
راسىت   ئادالۇف گىتلىر  بىر قانخور!    ئەممە ئۇ 5مىليۇن يەھۇدىنى قىرىپ تاشلاپ 2000يىل سەرگەردان بولۇپ دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە تېپىك يەپ يۇرگەن يەھۇدىلارغا ھۆرلۇك ئازاتلىق بەردى.    ئەشۇ يەھۇدىلانى قىرمىغان بولسا  يەھۇدىلارغا نەدە ئۇ بۇگۇنكىدەك ۋەتەن.
    ئىشنىڭ تىگى تەكتىنى ئويلاپ باقساڭلار   گىتلىر ئەسلى يەۋۇدىپەرەس!
   5مىليۇن يەۋۇدىنى قىرىپ تاشلاش بەدىلىگە يەھۇدىغا دۆلەت ئاتا قىلدى.

يەھۇدىلار  گىتلىرغا مەڭگۇلۇك ماتەم تۇتۇپ قەبرىسىنى ئالتۇندىن قاتۇرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

5003 2011-09-21 12:52
ئالامەت مۇنازىرلەر بۇلۇۋاتىدۇ، گېتلىر خاس يەھۇددى  مىللىتىنىلا ئۆلتۈرمىگەن بۇلۇپ ئۇ قانخور باشقا مىىللەتتكى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتسىز نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەملەرنىمۇ ئۆلتۈرگەن   ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر دىگەن كىنونى كۆرگەنلەر ئەسلەپ باقسا بۇلىدۇ . تارىخې خاتىرلەردىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. شۇڭا ئۇنىڭ ياخشى ئىشىدىن گۇناھى كۆپ!!!!!!!!!!!!!!

uiguria 2011-09-21 13:10
گىتلېرنىڭ ----مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ ---- دېگەن سۆزىنى ھەممىدىن بەك ياختۇرىمەن.

nokar 2011-09-21 13:12
ئەخمەت نىجاتنىڭ گىتلىرنىڭ بەش مېليۇن يەھۇدىنى ئۆلتەرگەنلىكىگە ئېنىق پاكىت يوق دىگەنلىكىنىمۇ قوشۇپ قويايلى باللا تەشۋىقات دىگەن يامان نىمە

بىز بەلكىم ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشۇغا ئائىت ئىلان خاراكتىرلىك كىنولارنى بەك جىق كۆرۇپ كەتكەندۇرمىز ،

bulak0998 2011-09-21 13:13
كىنو كورگەن بىلەن ھىتلىرغا باھا بەرگىلى بولماس،،،،،

كىنونى ئەمەس تارىخ كىتابلارنى كۆرەيلى ،تارىخى كىتابلارنى ئەمەس ھازىرقى پەلەستىندىكى ،كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەقەلەرگە قاراپ باقايلى،،،

tohar 2011-09-21 14:19
گېتلىر مەن ئەڭ قىزىقىدىغان ئادەملەرنىڭ بىرى.ئۇ ئۆزىنىڭ ناتىقلىقى،بىلىملىكى،ھەربىيلىكتىكى ئاقىلانە تەدبىرلىرى بىلەن دۇنيا تارىخىدا ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرۇپ كەتتى.ئۇ ھەربىي ئالىم،سىياسىيۇن،ئۇنى لېنىن،سىتالىن،چېرچىل،روزۋىلىتقا سېلىشتۇرۇشقا ئەسلا بولمايدۇ.مەن گېتلىرنىڭ تارىخىغا بەك قىزىقىمەن.گىرمانىيەنىڭ ھازىرقى ئالەمشۇمۇل تەرەقىياتىنى ئۇرۇش تەلۋىسى ئادلوف گېتلىردىن ئايرىپ قايرىغىلى بولمايدۇ.1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمانىيە زور تالاپەتكە ئۇچرىغان،نۇرغۇن زېمىنلىرى ئازلاپ كەتكەن،يەھۇدىيلار گىرمانىيەنىڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىغا ئىگە بۇلۇۋالغان،نۇرغۇن دۆلەت قەرز سۈيلىگەن،شۇ چاغدا بۇ ئۇلۇغ ئالىم چىقىپ،ئۆزىنىڭ نامىنى تارىخ بېتىگە قالدۇرغان.<<قانداق قىلىمىز؟>>دېگەن چاغدا گېتلىر:<<ئۇرۇش قىلىمىز>>دېگەن قارارنى چىقارغان.<<مېنىڭ كۆرەشلىرىم> دېگەن كىتابتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ:(مەن ھازىردىن باشلاپ گىرمانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر جەڭچىسى.مەن ئۈستۈمدىكى ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئەڭ قىممەتلىك بولغان ھەربىي فورمام بىلەن پەخىرلىنىمەن،ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشمىگۈچە ئۇنى ئۈستۈمدىن سالمايمەن،بولمىغان چاغدا مۇشۇ كىيىملىرىم بىلەن دۆلەت ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇربان قىلىمەن>>.
گېتلىر تارىخ دەرسىگە بەك قىزىقاتتى،تارىخ دۇنيادا گېتلىردەك ئۇلۇغ بىر ئادەمنى دۇنياغا كەلتۈردى.گېتلىرنىڭ يەنە بىر نۇتۇقى:
<<گىرمانىيە جەڭچىلىرى،سىلەر پات ئارىدا ئۇرۇشقا بارىسىلەر.بۇ ئىنتايىن جاپالىق ۋە ھالقىلىق ئۇرۇش،ياۋۇرپانىڭ تەغدىرى،گىرمان مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى،بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ھايات-ماماتى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا!>><<سوۋىت ئىتىپاقى كونىراپ كەتكەن ئەسكى ئۆي،بىر ئىتتىرىشكە پايلىمايدۇ>>.<<لېنىـنگىراتنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋىتىش كېرەك>>
ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى ئادەمنى بەك ئويلاندۇرىدۇ،گېتلىر ئۇ نېمىس مىللىتى،يەھۇدىي دەپ پەرەزگىلا قۇيۇلغان،دەلىل-ئىسپاتى يوق بۇ قاراشلارغا مەن ئىشەنمەيمەن.ئۇنىڭ <<مېنىڭ كۆرەشلىرىم>>دېگەن كىتابىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن.

elyar719 2011-09-21 14:56
گىتلىر ئۆزنىڭ ئانسىنى ھەم ئاچىسىنى ھۆرمەتلىگەچكە يەھۇدىلارنى قىرغان . مەن گىتلىرنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغان لىقىنى قوللايمەن. ۋىجدانىلىق ئوغۇل بالا، بۇ يەردە يەھۇدىلارنى قىلىقسىز قىلىقىنى دىمىسەممۇ بولا .  

agah 2011-09-21 14:57
گېتلىرغا مەدىھيە ئېيتقۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار


گېتلىرغا مەدىھيە ئېيتقۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك ،كەمىنە ئاگاھدىن كۆپچىلىككە سەمىمى سالام ،ئاللاھ ھەر بىرمىزنىڭ  ئىتىقاتىنى مۇستەھكەم،ئىلىملىرىنى زىيادە ،رىزقىلىرنى كەڭ قىلسۇن.
خوش ئەمدى ئاساسىي تېمىغا كەلسەم،تور دىگەن بۇ نەرسە پەيدا بولغاندىن بۇيان جاھاندا يىشىلمىگەن سىرلار يىشىلىپ ،ئارلىق يېقىنلىشىپ ،بىلمىگەننى بىلىپ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى قولايلاشتى .
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ قىلىشىگە ئەگىشىپ ۋە ئىسلام دۇشمەنلىرىنىڭ نىيەتلىرى تولۇق ئاشكەرە بولىشى بىلەن جۇملىدىن ئويغۇر تور جامەئەتچىلىكىدە يەھۇدىي قەۋمىگە قارىتا باشقىدىن مۇلاھىزىلەر بولۇندى .زور كۆپچىلىك يەھۇدىي قەۋمىنىڭ ئىسلام دىنىغا زىيان سالغان ۋە سېلىۋاتقان پاكىتلارنىڭ ئاشكارە بولىشى زور كۆپچىلىك مۇسۇلمان ئويغۇر تورداشلارنىڭ يەھۇدىي مىللىتىگە نىسبەتەن قاتتىق ئۆچمەنلىكى ۋە غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى .كۆپچىلىك ئىسلامغا دۇشمەنلىك قىلىۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشىنى تىلىدى.ھەمدە يەھۇدىيلارنىڭ بۇنچە بۇزەك قىلىشى ئىسلام دىنىنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلالمىغانلىقىدىن ھەمدە بىلىمسىزلىكتىن دەپ تونۇپ يەتتى .مانا بۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى تونىشى بولىش كىرەك ئىدى.
لېكىن ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇنازىرە جەريانىدا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جاللىتى بولغان گېتلىرغا مەدىھىيەلەر ئوقىدى.گېتلىر گىرمانىيىسىنىڭ يەھۇدىيلارنى <ئىرقى يوقىتىش> قىلغانلىقىنى ماختىدى .بۇ مەدىھىيە ۋە ماختاشلار ھەقىقى ئىسلام روھىغا ئويغۇر ياكى ئەمەسلىكىنى بەلكىم ئۇلار بىلمەسلىگى تەبىئىي.
شۇنىسى روشەنكى ئىسلامدىنى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى قوللىمايدۇ .ئىسلام ئالدى بىلەن تىقىچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.پەقەت ئىسلامغا ئېغىر ئەرزىيەت ۋە زۇلۇم كەلگەن چاغدا ئاندىن ئۇرۇش ئاچىدۇ .لېكىن ئۇرۇشتا قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەسكەرلىرىنىلار ئۆلتۈرىدۇ .ھەرگىز ئاۋام پۇخرانى ئۇرق قىرغىنچىلىغى قىلمايدۇ .ئەل بولغان خەلىققە ئىنتايىن مېھرىبانلىق قىلىدۇ.
گېتلىر ئالدى بىلەن كاپىر ،ئۇنىڭ ھەر قانداق ئىشى ئىسلام ئۈچۈن ئەمەس ،ھەم قىلغان ئەتكەنلىرى ۋە ئىدىلوگىيىسى ئىسلام دىنىغا مۇخالىپ .پەقەت ئىسلام دىنىدا ئاللاھقا بوينتاۋلىق قىلغان يەھۇدىيلارغا لەنەت ئوقۇسىمۇ،ھەمدە ئاللاھنىڭ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنى يەھۇديلاردىن ئۇستۇن قىلىدىغان ۋەدىسى بولسىمۇ ،لېكىن گېتلىر مۇسۇلمان بولمىغاچقا ھەمدە ئۇنىڭ كۆرىشى ئىسلام دىنى بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا بۇنداق يەھۇدىيلارنى قارا قويۇق ئۆلتەگەن قاتىلغا بىز مۇسۇلمانلار مەدىھىيە ئوقۇساق خاتالاشقان بولىمىز .
گېتلىر ئۇ بىر ئۇچىغا چىققان مىللەتچى ،ئۇ پەقەت يەھۇدىيلار پەيلاسوپلىرى نەچچە ئەسىر ئىلگىرى كۆتىرىپ چىققان رادىكال مىللەتچىلىك نەزىرىيىسىنىڭ نىمىس مىللىتىگە تەدبىقلىنىشى خالاس .
خۇلاسە كالام گىتلىر ۋە ئۇنىڭ رادىكال مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ھەمدە كۆرىشىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ھىچ قانداق ئالاقىسى يوق .ياشلارنىڭ ئازغۇنلۇقلاردىن ئۆزىنى تارتىشىنى ھەمدە كۆپرەك ئىسلامى چۈشەندۇرش ماتىرياللىرىنى كۆرۈپ بىرىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن .
.

taxqin 2011-09-21 15:09
نەقىل
بۇ 35قەۋەتتىكىagah يوللىغان 2011-09-21 14:57 غا قارتىلغان  :
گېتلىرغا مەدىھيە ئېيتقۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار


گېتلىرغا مەدىھيە ئېيتقۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار

.......


گىپىڭىز بويىچە ئۇ مۇسۇلمان بولغان بولسا ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇساق بولاركەن-دە.

tohar 2011-09-21 15:28
مەن مەدھىيە ئوقۇيمەن،سىز بۇ توغۇرسىدا دىننى چېتىۋالماڭ،مەيلى يەھۇدىي بولسۇن ياكى نېمىس مىللىتى بولسۇن،ھەممىسى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ،ئۇ تارىخقا ئايلانغان ئىشلار،گېتلىر مەسىلسىگە كەلسەك،بۇ يەردە مۇنداق بىر تېما ئوتتۇرغا كېلىدۇ:<<مىللەت مۇھىممۇ ياكى دىنمۇ؟>>،سىز بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.ئاندىن جاۋابىڭىزغا ئىنكاس قايتۇرىمەن.
ئەسكەرتىش:ئاتۇم بومبىسى ئاتۇم يادرۇسىنى مەركەز،ئەتراپىدىكى زەررىچىلەرنى تارماق قىلىپ ياسىلىدۇ.
كۈچ تەلىماتى:1.تارتىلىش تەسىرى2.ئېلىكتىر ماگىنىت تەسىرى3.يادرۇ ئاجىز تەسىرى4.يادرۇ كۈچلۈك تەسىرى.
دىنىىڭ ئۆز ئالدىغا مەزمۇنى يوق،مەزمۇنى رېئال دۇنيادىن ئىبارەت.
-كارل ماركىس.
دىننىي مەزھەپ كۆرەشلىرى بىلەن مىللىي،ئېرقىي ئۇرۇشلار شۇ دەرىجىگە يەتتىكى،ئۇنى ھەممە قىتئە ۋە مەملىكەتلەردىن تېپىش مۇمكىن،بىر قوشۇندىكى ئىككى دىننىي مەزھەپ،بىر كوچىدىكى ئىككى مىللىي،ئېرقىي تۈركۈم پۈتۈن ۋاستىلەر بىلەن شۇنداق ئۇرۇشتىكى،ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا پوپلار،پاپالار،ئۆلىمالار،سىياسىئونلار،سەركەردىلەر،ناتىقلارمۇ پايلىمىدى.مانا ئالدىڭىزدا تۇرغان تېلىۋۇزۇرنى ئېچىڭچۇ،ئۇنىڭ رەڭدار ئېكرانىدا بۇ <<تۆت دائىمىي>>دىن باشقا تېماتىك مەزمۇنلار تولىمۇ زەئىپ ۋە ۋىجىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈسىز...
-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

niranxa 2011-09-21 17:44
مەن ھەرگىزمۇ دىننى كۆزدە تۇتۇپ ياكى ھازىرقى يەھۇدىيلار پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتنى دەپ گىتلىرگە مەدىيەھ ئوقۇغۇنۇم يوق ،چۈنكى ئاۋۋال مىللەت ئىگىلىك ھوقۇق,ئەمەلىي كۈچ   بولغاندىلا ئاندىن باشقا سۆز ئېچىشقا تېگىشلىك.بىرخىل روھ،ئىتىقادلا مۇشۇلارنى يارتىشقا ھەركەتلەندۈرگۈچ رول ئوينايدۇ (كۇپۇر سۆزلەپ،قۇرۇق شۇئارچى بولغۇم يوق) مۇشۇلارنى گىتلىر چىڭگىزغان قىلالىغان،خۇددىي ئۇنىڭ كىيىنكى تەقدىرى بىزنىڭ ھازىرقى  تەقدىرىمىزگە ئوخشاش بولغان ..........

naway 2011-09-21 17:50
گىتلىر سەۋەىبىدىن 2-دۇنيا ئۇرشىدىن كىيىن نۇرغۇن مىللەتلەر ھۆرلىككە چىقتى ئۆزنىڭ  ۋەتىننى ئۆز قولغا ئالالىدى. نۇرغۇن سىياسى گۇرۇھلار ۋەيران بولۇپ يەنە نۇرغۇن سىياسى گۇرۇھلار مەقسەتلىرىگە يىتىشتى.
     يەنە بىر گىتلىر مەيدانغا چىقىپ باققان بولسا ئىدى ، يەنە كىملەر  نانلىرىدىن قۇرۇق قىلىپ يەنە كىملەر  مەقسەتلىرىگە يەتكەن بولار ئىدى.
      ئىنسانلار تارىخى تەرەققىيات قانۇنىيتى بويچە قارايدىغان بولساق ھامان 2-گىتلىر ياكى 2-چىڭگىزخان، 2-............. لەر چىقماي قالمايدۇ.    ئۇرۇش پارتىلاش مۇقەررەر يۇز بىردىغان ئىش.
چۇنكى دۇنيادىكى بايلىق چەكلىك، ئادەمنىڭ ئىھتىياجى چەكسىز!
    بۇ بايلىقنى تالاشماي بولمايدۇ.      ئۇرۇش نۇرغۇن مەسلىللەرنى ھەل قىلدۇ.  نۇرغۇن قەۋىم قىرلىپ قۇرۇپ كىتىدۇ.  يەنە نۇرغۇن قەۋىم غەلبسدىن ئۇسۇل ئويناپ تاكى يەنە بىر قىتىملىق ئۇرۇش پارتىلغۇچە قىن قىنغا پاتماي قالدۇ.   شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەھشەر كۈنمۇ يىتىپ كىلدۇ.

almalik 2011-09-21 21:14
گىتلىردەك چىكىدىن ئاشقان مىللەتچى ،قانخۇر كىشىلەر ئىنسانىيەتكە ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئىلىپ كىلەلمەيدۇ،،،،خالاس!!!!!

nur212 2011-09-21 22:22

abm165 2011-09-21 23:17
  تارىحتا ،ناتىقلقتا ،  ئوز مىللىتىنىڭ  حىزمىتىنى  قىلىشتا گىتلىرعا  يىتىدىعان يەنە بىر ئىنسان يوق .

abm165 2011-09-21 23:54
       گىتلىر  يەھۇدىلارنىڭ  گۇناھىنى ئوزىگە دەپ بىرىپ ،قۇرال ۋە زەھەرلىك گاز بىلەن ئولتۇرۇپ يەھۇدىلارنىڭ  نەسلىنى قۇرۇتماقچى بولعان . ئۇنداق ئوزى تۇزىۋالعان ئاتالمىش قانۇن ،تۇزۇم ئارقىلق ئىرقى يوقۇتۇش ئىلىپ بارمىعان . شۇڭا دۇنيادا گىتلىرنى  قوللايدىعانلار يەنىلا كوپ .تارىحى شەحىسلەرگە باھا بەرگەندە حەقلەرنىڭ نىمە دىگىنىگە ئەمەس ،شۇ شەحىسنىڭ  نىمە قىلعىنىعا قاراش كىرەك .  

2012 2011-09-22 00:11
گىتلىر يەھۇدىيلارنى قىرغانلىقىتىن نىمىسلار ئۈچۈن مىللىي قەھرىمان دىيىلسە ،ئۇيغۇرلارنى قىرغان شىڭ شىسەيمۇ خەنزۇلار ئۈچۈن ئۇلۇغ مىللىي قەھرىماندۇر ........ ماگەپ جايىغا چۈشكەندۇ ....
قوش ئۆلچەم قوللانمايلى .... بولۇپمۇ بىزدەك تارىختا  كۆپ  قېتىم قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مىللەت گىتلىردەك قانخور فاشىسىتلارنى كۆككە كۆتىرىپ مەدھىيلىسە ، ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولىدىكەن ........

arkak1234 2011-09-22 00:24
ئادولىف ھېتلىرنى يەنىلا نېمىسلارنىڭ باھالىغىنى ياخشى ھەم نېمىسلارنىڭ باھاسىلا ئەڭ توغرا چىقىدۇ،چۈنكى ئۇ نېمسىلارنى 12يىل يىتەكلىگەن

2012 2011-09-22 00:31
نەقىل
بۇ 40قەۋەتتىكىarkak1234 يوللىغان 2011-09-22 00:24 غا قارتىلغان  :
ئادولىف ھېتلىرنى يەنىلا نېمىسلارنىڭ باھالىغىنى ياخشى ھەم نېمىسلارنىڭ باھاسىلا ئەڭ توغرا چىقىدۇ،چۈنكى ئۇ نېمسىلارنى 12يىل يىتەكلىگەن

گىتلىرنى پەقەت نېمىسلار باھالىسا  ،ئۇنىڭ زىيانكەشلىكگەئۇچرىغان باشقا دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ  ۋە يەھۇدىيلارنىڭ  باھالاش ھوقۇقى يوقما ؟ بۇرۇن خەنزۇلار زوزۇڭتاڭنى تەيپىڭ تىيەنگونى باستۇرغان جاللات دەپ باھالايتتى ،ھازىر شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغان مىللىي قەھرىمان دەپ باھالاۋاتىدۇ ... ئەتە ئۆگۈن ئۇيغۇرلارنى قىرغان ياڭ زىڭشىن ، شىڭ شىسەينى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان مىللىي قەھرىمان دەپ باھالىسا بولىۋىرىدۇ دەڭا ...

baristekin 2011-09-22 01:25
مۇئەييەن تارىخي شارائىت ھەم تارىخي دەۋىر ئۆز دەۋرىگە مۇناسىپ كىشىلەرنى ھەم ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەم يارىتىدۇ . گېتلىر مۇ  شۇنىڭ ئىچىدە شۇ تارىخي شارائىت ھەم دەۋىر ياراتقان كىشى ئۇنى كېيىنكىلەر نىڭ ياخشى ھەم يامان دەپ باھا بېرىش ھەققى يوقتۇر ، چۈنكى بىز ھەممىمىز ئۇدەۋىرلەر نى باشتىن كەچۈرگەن ئەمەس ھەم شۇ دەۋىرنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى ،شارائىتىنى بىلمەيمىز .
چۈنكى بىزگە ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن گېتلىرغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ھەم پاكىتنىڭ ھەقىقيلىق دەرىجىسىمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس ،  چۈنكى تارىخنى غەلبە قىلغۇچىلار يازىدۇ ، غەلبە قىلغۇچىلار قانداق يازسا شۇ ھالەتتە كېينكىلەرگە يېتىپ كېلىدۇ . مەغلۇبىيەتچىلەر نىڭ يازغان تارىخغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ ھەم ئۇلارمۇ يازالمايدۇ . ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بۇلىدۇ ،گېتلىر نىڭ مۇ شۇ  ھازىرغىچە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گېتلىر نىڭ مىللەت ھەم دۆلەت ئۈچۈن قىلغان ياخشى تەرىپىنى ئاشكارلىسا ھەم ماختىسا خەلقئارادا قانچىلىك بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەۋەر كۆرگەن ھەربىرىڭلار غا ئايان . شۇڭا بىر  تەرەپنىڭ گېپى ھەم تەشۋىقاتىغا ئاساسلىنىپلا گېتلىر نى قانخور ، جاللات دەپ سەلبىي باھالارنى بەرسەك خاتا بولغان بۇلىدۇ .
ھازىر پۈتۈن خەلقئارا ھەم بۇ مۇنبەردىكى كۆپچىلىكڭلار لېنىننى ياخشى دەپ باھا بېرىسىلەر ئەمما ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىزگە قارشى چىقتى دىگەننى باھانە قىلىپ ( ئاتۇ پاجىئەسى ) دە نەچچە مىڭلىغان قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئۇيغۇرلار نى قىرىپ تاشلىغىنىغا باھا بەرمەيسىلەر . ئەمەلىيەتتەروسلار ھازىر غەلبە قىلغۇچى ئورۇندا تۇرغاچقىلا ھېچكىم بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ ھەم لېنىننى قانخور ، جاللات دىمەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە لېنىنمۇ ھەم سىتالىنمۇ بىر قانخوردۇر ، سىتالىن دەۋرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ھەم يوقۇتۇلغان ئادەملەرنىڭ سانىمۇ ئىككى مىليۇندىن ئاشىدىكەن .
گېتلىر نى قانخور دەپ تىللايسىلەر  ھەم خەلقئارا دىمۇ شۇنداق ئاتايدۇ ، نىمىشقا ئامرىكا زۇڭتۇڭى بوش نى قانخوردىمەيسىلەر ھەم خەلقئارا دىمۇ ئۇنداق دىمەيدۇ ،  بوش ئىراق ھەم ئافغانىستاندا قانچىلىغان بىگۈناھ ئادەملەر نى قىرغىن قىلدى ، بەزەن خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىر غىچە بولغان ئارلىقتا ئامرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ ئىراقلىق قېرىنداشلىرىمىز نىڭ سانى بىر مىليۇندىن ئاشىدىكەن ، شۇنداقتىمۇ كىشلەر بوشنى قانخور ،جاللات دىمەي  ئەكسىچە ماختاۋاتىدۇ چۈنكى ئۇ دىگەن غەلبە قىلغۇچى ھەم دۇنيا غا ھۆكۈمران بۇلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئادىمى .  
گېتلىر گېرمانىيىسىنىڭ شۇچاغدىكى قىرغىنچىلىقى بىلەن ئامرىكىلىقلار نىڭ ھازىر قى قىرغىنچىلىقى ئوخشاش پەقەت شۇ دەۋىر نىڭ تارىخى ھەم ۋەزىيەت تەققەززاىسى بەلگىلىگەن ئىشتۇر ، شۇڭا گېتلىر نى قانخور ھەم جاللات دەپ ئاتاش خاتا بىرتەرەپلىمە قاراش

qaynam 2011-09-22 01:44
مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان 10 مۇنەۋەر شەخىسنىڭ بىرى ئادۇلۇف گىتلىر .

ھەربى ئالىم :
بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەپ :
ئۇ ئۆز نىمىس قىسىمىدا ئېس - ئېس چىلار قىسىمى ۋە ئېس ئا چىلار قىسىمى دەپ ئىككى بۈلۈنمە قىسىم ھاسىل قىلغان .
ھەم باشقۇرۇش جەھەتتە ئىككى قىسىمنىڭ باش قۇماندانلىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش بىلەن بىرگە ، ئىككىسىنى بىر - بىرسىگە ئۆچمەن قىلغان .
مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ، ھەربى ئۆزگىرىش بۇلۇشنىڭ مۇتلەق ئالدىنى ئالغان ، يەنى بىرسى يۈز ئۆركسە يەنە بىرسى بىلەن تاقابىل تۇرۇش لايھەسىنى تۈزگەن ، لىكىن بۇ لايھەدىكىدەك سادىق قۇماندانلىرى ھەربى ئۆزگىرىش قىلىشتىن تۈگۈل ، ئۇنىڭغا قاتتىق سادىق بۇلۇشقان .

ئۇنىڭ ئۇرۇشتا يىڭىلىپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، ئۇرۇش بەك ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كەتكەن ، شۇ سەۋەپلىك ئالدىنقى سەۋەپكە ئۇزۇق - تۈلۈك ۋە باشقا تەمىنات ياردەمچى ئەسكەرلەر يىتىشمىگەن .

تىل قابىلىيىتىنىڭ ماھىرلىقى :
شۇ تىل قابىلىيىتى بىلەن ، ئادەتتىكى سەرگەرداندىن گىرمانىيەنىڭ داھىيسى ، نىمىسلارنىڭ پەخىرى بولغان ، ئۇنىڭ تىل قابىلىيىتەگە ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيدۇ .

يەھۇدىلارغا بولغان چوڭ قىرغىنچىلىق :
ھازىرغا قەدەر دۇنيا خەلقىنىڭ ، گىتلىرنى جاللات دىيىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەپ يەھۇدىلارنى قاتتىق قىرغانلىقىدا .
بىرقىسىم ماتىرىياللاردا دىيىلىشىچە ، گىتلىرنىڭ مومىسى ۋە ئاچا سىڭلىسى  يەھۇدىلارنىڭ زۇراۋانلىقىغا بىر قانچە قېتىم ئۇچرىغان .
يەنە كىلىپ شۇ مەزگىللەردا يەھۇدىلارنىڭ گىرمانىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئورنى كۆپىيىپ ، نىمىس مىللىتىنىڭ سانىدىن ئېشىپ بېرىش كىلىپ چىققان .
شۇڭا دانا گىتلىر كىيىنلىكنى ئويلاپ ، تىكەننى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇش لايھەسىنى قوللۇنۇپ ، يەھۇدى مىللىتىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇشتەك دەھشەت ئۇسۇل بىلەن ، يەھۇدىلارنى قىرغان .
گىرمانىيەدىكى يەھۇدىلارنى قىرىلغىنى قىرىلغان ، قاچقىنى قاچقان بولغان .
لىكىن ھازىر قارايدىغان بولسىڭىز ، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدى مىللىتى ئوتتۇرا شەرىقتە ئىسرائىلىيە دىگەن دۆلەتنى قۇرۇپ ، ئەتراپىدىكى ھەممە دۆلەتلەرگە غوجا بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ ، تېخى يېقىندا پەلەستىننىڭ ئەدىبىنى بەرگىنى ھەممىمىزنىڭ يادىدا ، كىيىنكى نۆۋەت كىمگە كەلدى .

دىمەك گىتلىر كەلگۈسىدە ، گىرمانىيەنى يەھۇدىلارنىڭ بېسىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاشۇ قىرغىنچىلىقىن قىلغان دىيىشكە تامامەن بولىدۇ ، بۇ ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىغا مىنىڭ باھا بەرگۈم يوق ، بۇنىڭغا پەقەت تارىخ جاۋاپ بەرسۇن .

يەنە شۇ گەپ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، تارىخنى يەڭگۈچى خاتىرىلەيدۇ .

جوڭگو ياپۇنىيە ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن ، يەرئاستى لەخمە ئۇرىشى ، ۋە باشقا ئۇرۇش فىلىمىدىكى ياپۇن ئەسكەرلىرىنىڭ ئوبرازى يادىڭزدىمۇ ؟
ئۇلار خۇددى چوشقا ، ھەتتە چوشقىدىنمۇ دۆت ، كەينىدىن يۈگرىشىپ ئادەم كەلسىمۇ ھاڭۋىقىپ تۇرغان ، بۇمۇ يىڭىلگۈچى تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن تارىخ خالاس .

uiguria 2011-09-22 10:59
    مۇنبەرداش agah  ، دېگەنلىرىڭىز ئۆز ئالدىڭىزغا توغرىدۇ ئەمما دىن دېگەن دىن،ھەممىلا ئىشقا دىننى چېتىۋالمايلى. خۇددى جاھالەت دەۋرىدىكى موللىلار دىننى قورال قىلىپ خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىگىنىدەك بۇ يەرگە دىننى سۆرەپ كىرىپ سۆزمەنلىك قىلمىسىڭىز.
   بىز بۇيەردە ، شەخسەن مەن ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۇپ جاللاتلىق قىلغىنىنى مەدھىيلەۋاتقىنىم يوق. ئۇنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارى،ۋەتەن ھەم مىللەت سۆيەرلىكى،ناتىقلىقى دۇنيا سىياسىي تارىخ سەھنىسىدە يىگانە. ئۇرۇش بولغانىكەن ئادەم ئۆلۈشى تەبىئىي، ئەلۋەتتە بىگۇناھ پۇخرالارنىڭ ئۆلۈشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ. ئۇرۇش بولماي تۇرۇپمۇ مىللىيون بىگۇناھلار ئۆلۈپ ھەم ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ بۇنىڭغا نېمەدەيسىز ؟؟؟؟؟    بىركۈنى شۇ ئېزىلىۋاتقان بىگۇناھ مىللەت قانغاقان-جانغا جان ئالىمىز دەپ مەيدانغا چىقسا شۇ دىننىي سەپسەتىڭىزنى يەنە سۆزلەسىزمۇ؟ .......
  

agah 2011-09-22 13:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرىيە سىڭلىم .ھەممە ئىشقا دىننى چېتىۋالىمىز .چۈنكى بىز
مۇسۇلمان .سىز ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ پەرزەنتىسىز .
چۈنكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغىلى 1000يىلدىن ئاشتى.ئاللاھقا شۈكرى .
ئۇيغۇرنىڭ بارلىق ئىدىلوگىيەسى مىللى خاسلىقى دىنىمىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان.
ئىسلامى روھتىن ئايرىلغان ئۇيغۇر مېغزى قۇرۇق ياڭاققا ئوخشايدۇ .مېغىسسىز ياڭاقتىن
بىزگە نىمە پايدا ؟
ئىسلام سىزنىڭ ھاياتى دۇنيانىرىڭىزنىڭ ھەرقانداق يېرىگە چېتىلىدۇ .
ئىسلام دىسەك تولا بېششىڭىز ئاغرىمىسۇن ئۇنداق ئازغۇن موللىلارنى بىزگە مىسالغا
ئېلىپ بەرمەڭ .كۆڭلىڭىزدىكىنى تەخمىن قىلىپ تۇرغۇچىلىكىمىز بار ھەم بەزى
ئىمانى نادۇرۇس موللا ئىمام ئاتىلىپ قالغانلارغا بىزنىڭمۇ دەھشەتلىك غەزىپىمىز باردور .
لېكىن ئىسلام ئۇ ئۆزگەرمەس قانون .ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماق بىزنىڭ بۇرچىمىز .
ئىسلامغا ھەقىقى ئەمەل قىلىشقا ئىنتەلمىگەن ئۇيغۇر ئۇيغۇر خاسلىقىنى يوقىتىشقا
قاراپ ماڭغان بولىدۇ .
گەپ ئۇزاپ كەتتى .ئىدىلوگىيە ھەركەتكە تەسىر قىلىدۇ .بىر قانخورغا چاپان يېپىش
بىزنىڭ ھەركىتىمىزگە تەسىر قىلمايدۇ دىيەلمەيمىز .قىرغىنچىلىق بۇ ئەڭ قەبىھ ئۇسول .
بىگۇنا ئاممىنى قىرىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن
يوللىرىمىزنى تارايتىۋېتىدۇ .گېتلىرنىڭ يەھۇدىينى قىرغىن قىلىشغا چاپان ياپالمايمەن
بۇنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى .بىر كاپىر قەۋىم بىلەن يەنە بىر كاپىر قەۋىمنى
جازالىشى دەپلا بىلىمەن .بىر كاپىر قەۋىمنىڭ كاتىۋېشىنى ئۆرنەك قىلىش ۋە
ئۇنىڭغا چاپان يېپىش بىزگە پايدا ئېلىپ كەلمەستىن بەلكى ئەقىدىدە ئېزىش ۋە بىئەجەل
بەدەللەرنى ئېلىپ كېلىدۇ .
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن بۇ كاپىرنىڭ قىلغان كۆرىشىنىڭ پەرقى ئاسمان زىمىندور .
سىزنىڭ  مىللەتنى ھەقىقى  سۆيەر مۇسۇلمان پەرزەنتى بولىشڭىزنى ھەرگىز ئادىمى شەيتانلارنىڭ
ئويۇنچىغى بولىدىغان، ئىسلامنى روھ قىلمىغان ،ئىبادەتنى تەرىك ئەتكەن مىللەتچىلەردىن
بولماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

halmamat123 2011-09-22 13:46
ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەت قان ىۈستىگە قۇرۇلىدۇ   بۇيەردەپەقەت سان مەسـلسـې خالاس
سوتقاتارتـلغان ۋاقىتتا گىتلر <سىلەر بىرۋاراق قەغەزگەىشىنەمسىلەر ياكى تومۇرۇمدىكى
قانغىمۇ> دىـگەن     مىنڭچەمۇھىمى شۇگىتلىرنىڭ يۇرىكى
ىـالۋاستى يۇرىكىدە پەرىشتىلەردەك ياخشى ىشقىلغۇسى كەلسە نىمىشقا قىلال مايدۇ
گىتلىرنىڭ نىمس بولغۇسى كەلسە نىمە بوپتو

ozqut 2011-09-22 15:57
نەقىل
بۇ 30قەۋەتتىكىagah يوللىغان 2011-09-21 14:57 غا قارتىلغان :
گېتلىرغا مەدىھيە ئېيتقۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار


گېتلىرغا مەدىھيە ئېيتقۇچى قېرىنداشلىرىمغا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار

.......

ھەي سىزگە نېمە دېسەم بولا؟ مەنمۇ ئادولف ھېتلىرنى قوللايمەن.
چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاۋۋال مىللىتىنى ئاندىن ۋەتىننى سۆيدى.
مەن ئارلاپ -ئارلاپ بىرقانچە مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمەن، لېكىن ھەممە يەردە قازننىڭ قۇلىقى تۆت دېگەن گەپكە ئەمدى راۋۇرۇس ئىشىنىۋاتىمەن!
سىزبولسىڭىزمۇ بۇ تېمىغا"مۇسۇلمان" ياكى "كاپىر" دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتمىسىڭىز بولمامدۇ.
مەن ئادولف ھېتلىرنىڭ فىلىنى بىر قېتىم ئەمەس بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن . ماڭ ئەڭ ياققىنى مۇنۇ بىر جۈملە سۆزى.
(ئەگە بىر ئوغرى يانچۇقىڭىدىكى پۇرتمالىڭىزنى ئوغۇرلىۋالسا، ئۇنى سىز قايتۇرۋالسىڭىز سىزمۇ ئوۋاققىتتا ئوغرى بولامسىز) دېگەن يېرى.

艾斯喀尔 2011-09-22 17:15
مەنمۇ  قوشۇلمەن . مېنىڭ كۆرگەن ماتېرياللىرىمدا سىتالىننىڭ  قىرۋەتكەن ئادەملىرى 10مىليۇندىن ئاشىدىكەن.  گېتلىر  مىنىڭ نەزىرىمدە بىر ئۇلۇغ شەخىستۇر.

xaptul 2011-09-22 17:44
ئۇ بىر ئالدىن كۆرەر ئىكەن،چۈنكى دۇنيادىكى بارلىق جېدەلنىڭ مەنبەسى ھازىر ئىسرايىلىدە،ئەگەر ئۇلارنى قىرماي،بارغانچە جىقايغان بولسا يەنە نىمە ئىشلار بولاركىن تاڭ؟


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز گىتلىرغا زادى قايسى باھالارنى بېرىسىز --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042175 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us