بۇ 1قەۋەتتىكىfayiza يوللىغان 2011-09-19 11:05 غا قارتىلغان :
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن . ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئارىمىزدا كۆپ .
قەدىرلىك دوستلار ، مۇشۇ تىمىغا ئۇلاپلا مەن كاللامدىكى بىر زىددىيەتنى سىلەرگە دەپ باقاي .
مەن قىزىمنى باشتا خەنزوچە يەسلىگە بەرگەن . مەقسىتىمىز ھازىر قوش تىل بولغاچقا خەنزوچە سەۋىيەسىىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بۇلارمىكىن دىگەن .چوڭ سىنىپقا چىققاندا ئۇيغۇرچىغا يۆتكەپ 1 يىل ئوقۇتتۇق ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايدا ئۇيغۇرچە 1 - سىنىپقا بەردۇق . قىزىمنى ئۇيغۇرچە يەسلى سىنىپىغا يۆتكىگەن چاغدا قىزىم باشتا سەل قىينالدى ، ئېلىپبەنى سولدىن ئوڭغا يېزىپ قويدى . بىز مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق جايىغا چۈشتى ھەم يەسلىنى تۈگەتكەندە ساۋادىمۇ خېلى ياخشى چىقىپ قالدى . لېكىن قىزىم ئولتۇرسا قوپسا ، ھەتتا ھازىرقى 1 - سىنىپقا كىرگەندىمۇ ، خەنزوچە سىنىپتىكى 张老师,朱老师لىرىنىڭ گىپىنىلا قىلىدۇ . ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مۇئەللىملىرىم خەنزو مۇئەللىملىرىمدەك ياخشى ئەمەسكەن . ھازىرقى سىنىپ مەسئولۇممۇ ياخشى ئەمەس دەپ قاھشايدۇ . ئەمەلىيەتتە يەسلىدىكى ۋاقىتتا قىزىم بىر كۈنى يەسلىگە كىرمىگەن ئىدى ، خەنزو مۇئەللىمى سۈرۈشتۇرۇپ تېلېفۇن قىپتۇ . يەنە بىر كۈنى قىزىم يەسلىگە بارمىغان ۋاقىتتا بالىلار بايرىمىلىق تەييارلىق قىلماقچىكەن ، يەنە خەنزو ئوقۇتقۇچى بىزگە تېلېفۇن قىلىپ ، بالىنى ئەكىلىڭلار ، مەشىق قىلدۇرىمىز دىدى . بۇنداق مىساللار بەك كۆپ . دىسەم ئۆزىمىزنى تىللىغاندەك بوپ قالىدىكەنمەن . ئەتىسى قىزىمنىڭ چېچىنى چىرايلىق بۇغۇپ يەسلىگە يولغا سالىمەن . خەنزو ئوقۇتقۇچىلىرى يەسلىدىن قايتىدىغان چاغدا باشقىدىن بۇغۇپ چىرايلىق قىلىپ قۇيىدۇ . ئۇيغۇر سىنىپىغا چىققاندا بولسا چېچى يىشىلىپ چۇۋۇق ھالەتتە چىقىدۇ . يەنە دىسەم مىسال كۆپ .
ھازىر ئۇيغۇرچە سىنىپتا سىنىپنىڭ ئالدى بۇلۇپ ئوقۇۋاتىدۇ . لېكىن يەنىلا خەنزوچە سىنىپتا ئوقۇغۇسى بار ، قانداق قىلسام بۇلار؟ ئاڭلىشىمچە بۇ سىنىپ مەسئولىنى ياخشى دەپ بۇ سىنىپقا قۇبۇل قىلىنمىغان بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى مۇناسىۋەتلىشىپ ئەكىرىپ قويغان بالىلارمۇ كۆپ ئىكەن . ئادەم جىق دەرس ئاڭلىيالماي قالمىغىيدى دەپ قىزىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن . قانداق قىلسام بۇلار ؟ قىزىمنى خەنزوچىغا يۆتكەيمەنمۇ ياكى قىزىمدىكى بۇ پىسخىكىنى قانداق ئوڭشاشنى بىلەلمىدىم . قېنى دوستلار ، ياخشى مەسلىھەتىڭلارنى مەندىن ئايىمىغايسىلەر !!!
