رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز، سىزنى كىم سۆيىدۇ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى تەرجىمە ئەسەرلىرى] -> سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز، سىزنى كىم سۆيىدۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

bozqir 2011-09-15 02:22

سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز ، سىزنى كىم سۆيىدۇ؟

سۇڭ يەن
بوزقىر تەرجىمىسى

« سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز ، سىزنى كىم سۆيىدۇ؟!».مانا بۇ « چايخانا » دراممىسىدىكى مەشھۇر سۆز.شۇنداقلا شۇنچە يىللاردىن بۇيان تالاي ئەزىمەتلەرنىڭ يۈرەك-باغرىنى تىلغاپ ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن نادامەت بېلەن چىققان سۆزدۇر.
بۇندىن ئىككى مىڭ يىللار مۇقەددەم بىر ئەزىمەتمۇ مۇشۇ سۆزنى ھەسرەت ئىچىدە قەيىت قىلىپ ئۆتكەنىدى. ئۇ كىشى لى لىڭدۇر.
لى لىڭ خەن ۋۇدى زامانىسىدىكى مەشھۇر سانغۇن ، شۇنداقلا«ئۇچار سانغۇن » دەپ نام ئالغان مەشھۇر سەركەردە لى گۇاڭنىڭ نەۋرىسى. ئۇلارنىڭ ھەرئىككىسى شىر يۈرەك باھادىر پالۋانلار بولۇپ ، ئەزەلدىن ياۋ قولىدا يېڭىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما، ئۆز ئادەملىرى قولىدا سۈيقەسىت بېلەن ھالاك بولغان . لى گۇاڭ ئەمەلدار-غوجىلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغاچقا ، پايانسىز قۇملۇقلارغا يالغۇز لەشكەر تارتىپ كىرگەندە تۇيۇقسىز ئاساسىي قوشۇن بېلەن ۋاقتىدا ئۇچرىشىش پەرمانىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ . نەتىجىدە يولدىن ئېزىپ قېلىپ ئاساسىي قوشۇن بېلەن ئۇچرىشىشقا كېچىكىپ قالىدۇ. بۇ ئاقىۋەتنى كۆرگەن لى گۇاڭ«قەلەمدىن باشقىسىغا يارىمايدىغان پوق قورساق ئەمەلدارلارنىڭ قەستەن ئەخمەق قىلىشىدەك ئار-نومۇسقا چىدىماي» ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. لى لىڭچۇ؟ ئۇ بەك ئىستىداتلىق بولغاچقا دائىم مۇشاۋىرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ ، ياۋغا باشلامچىلىق بېلەن لەشكەر تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا ئۇ ئاخىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قارشى يۆنىلىشتىن چىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.«ئاز بېلەن كۆپنى يېڭىش ، مىڭ پىيادە لەشكەر بېلەن ھونلار تەڭرىقۇتىنىڭ بارگاھىغا تېگىش قىلىش» تەك تەقدىرىنى دوغا تىكىش ئۇسۇلى بويىچە لەشكەر تارتىشنى دەرىجىمۇ-دەرىجە تەلەپ قىلىپ ، ئاخىر پادىشاھنىڭ ئىجازىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ لەشكەر تارتىپ ئالدىدا مېڭىشقا، ئاساسىي ھەمدەمچى قوشۇن ئارقىدىن يولغا چىقىشقا پەرمان بېرىلىدۇ. باش مۇشاۋۇر لى گۇاڭلى ئەزەلدىن لى لىڭغا غۇم ساقلاپ كەلگەچكە قەستەن كېچىكىپ بارىدۇ. لى لىڭ لەشكەر تارتىپ ھونلارنىڭ 80مىڭ كىشىلىك چەۋەندازلىرى بېلەن قانلىق جەڭ قىلىدۇ. لى گۇاڭلى قەستەن كېچىكىپ كەلگەچكە لى لىڭ ۋە ئۇنىڭ بەش مىڭ كىشىلىك قوشۇنى چىلبۆرىلەرگە پۈتۈن سەپ بويىچە يەم بولۇش خەۋىپىگە دۇچار بولىدۇ.
گەرچە لى لىڭ لەشكەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىرىلىپ تۈگىگەن بولسىمۇ ئەمما، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئازغىنەلەشكەرلىرى ئات بولمىغان ئەھۋالدا دۈشمەن بېلەن 10كۈنگە يېقىن قانلىق ئۇرۇش قىلىپ ،  10مىڭلىغان ياۋ لەشكەرلىرىنى يەر چىشلىتىدۇ.قورال-ياراغ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك ئۆكسۈپ قالغان ئەھۋالدىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي باتۇرلارچە تىركىشىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۇ ئىنىسىنى ھېمايىسىگە ئېلىپ قاچۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ.ئەمما،ئىنىسى جەڭدە ئۆلىدۇ. قەتئىي ئامال بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
       ئۇنىڭ كېيىن چۈشەنچە بېرىشىگە قارىغاندىمۇ ، تەسلىم بولۇشتىكى مەقسىدى پۇرسەت تېپىپ دۈشمەننى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىدى. دەرۋەقە ئۇنىڭ كېيىنكى ئىپادىسىدىنمۇ بۇ نۇقتا ئىسپاتلانغانىدى. ئەمما، ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.پادىشاھ مەخسۇس قوشۇن چىقىرىپ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىدۇ.قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن گوڭ سۇنئاۋ لى لىڭنىڭ ئىستىداتىنى ئاقلاشنى ياكى لى گۇاڭلىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈشنى بىلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالىدۇ-دە ئاخىر ئۇنى قۇتقۇزۇشقا بارماي قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپ ، پادىشاھقا لى لىڭنىڭ ھون لەشكەرلىرىنىڭ مەشقاۋۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ، ھەتتا ھون قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن پادىشاھ بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماستىنلا لى لىڭنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ.سىما چىيەن لى لىڭ ئۈچۈن بىر ئېغىز ئاقلاش سۆزىنى قىلىپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن زىندانغا تاشلىنىدۇ.شۇنىڭ بېلەن ئۇنىڭ«ئاسىي » دېگەن ئار-نومۇسلۇق نامى تارىخنىڭ  لەنەت گەردىشىگە مەڭگۈلۈك پۈتىلىپ كېتىدۇ.
      مانا بۇ لى لىڭنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شاپائىتىدۇر.ۋەھالەنكى، لى لىڭ ھونلارغا ھەقىقى تەسلىم بولۇپ ئۇلارغا مەشقاۋۇل بولۇپ كەتكەن لى شۈنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ ، ئۇزۇن مەزگىل نەزەربەنىت ئاستىدا ياشايدۇ. قېرىپ ئۆلگەنگە قەدەر ھونلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ.
      لى لىڭ ھونلارغا تۇتقۇن بولۇپ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ھونلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى سۇ ۋۇ بېلەن ناھايتى چوڭقۇر دوسۇتلۇق ئورنىتىدۇ ھەم ئۆز-ئارا خەت يېزىشىدۇ. ئۇنىڭ چەكسىز نادامەت ئىچىدە ئېيىتقان يۇقۇرقى سۆزى بىر پارچە خېتىدە ئېنىق يېزىلغانىدى.
      ئۇ خېتىدە مۇنداق يازىدۇ :«يات ئەللەردە سەرگەردان بولۇش قەدىمدىن بۇيان بىر تىراگېدىيە بولۇپ كەلگەن.جەنۇب شاماللىرى ئېلىپ كەلگەن يۇرتۇم تۇپرىقىنىڭ يېقىملىق ھىدى ئەزەلدىن مېنىڭ يۇرىتقا بولغان سېغىنىش ھېسىياتىمنى پەسەيتىلىگەن ئەمەس»، «ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمنىڭ جازا لاگىرىغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ قەتلى قىلىنىشىدەك مۇدھىش پەيىتلەرنى ئويلىغىنىمدا ئۆرتىنىش ئازابى يۈرەك-باغرىمنى لەختە قىلىدۇ. خوتۇن –بالىلىرىمدا قىرىپ تاشلىغۇدەك نېمە گۇناھ بولغىيدى؟ ...مەن ئۆزۈمنى دۆلەتكە قوشقان تۆھپەم ئالدىدا جىنايىتىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، دەپ قارايمەن. پەقەت ئەمەلدار –تۆرىلەرگە ۋاي دېمىگەن يېرىملا بار. شۇڭلاشقىمۇ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىمدا ئازاپتىن ئۆرتىنىپ كېتىمەن...خەن سۇلالىسى ئوردىسى بېلەن ئوتتۇرىمىزدا مادارا قىلغىلى بولمىغۇدەك زىدىيەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلۈۋېلىشىم كېرەكمىكەن؟ ئۇنداق ئۆلۈشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ئۇنداق ئۆلۈمنى باشقىلار مەسخىرە قىلماسمۇ؟ » .«ئەينى يىللاردا سۇ خې ، فەن كۇەيلەر زىندانغا تاشلانغان؛ خەن شىن ، پېڭ يۆلەرنىڭ تېرىسى تەتۈر سويۇلغان؛ چاۋ سو ئۆلتۈرۈلگەن ؛ جۇ بو ، دۇ يىڭلارمۇ بۇ قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇندىن باشقا تۆھپىكار ۋەزىرلەردىن جىيا يى، جۇ يافۇلارمۇ كاتتا تالانىت ئىگىلىرىدىن تۇرۇپ، ئوخشاشلا مۇناپىق ۋەزىرلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان...»«ھەر قېتىم ئەشۇ ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە قەلبىم ئازپتىن ئۆرتەنسىمۇ ئەمما، قىلچە ئۆكۈنمەيمەن. مەن دۆلەت ئۈچۈن يارالغان بولساممۇ ئەمما ، ئوردىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدىم. سىلى مېنىڭ يەنە دۆلەتكە قايتىشىمنى ئۈمىد قىلمىغايلا ، ئىشلار مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇمكىنچىلىكى بولسۇن؟».
      مانا بۇ لى لىڭنىڭ سۇ ۋۇغا يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنى. لى لىڭنىڭ ياردىمىدە سۇ ۋۇ يەنىلا دۆلىتىگە قايتىپ ، سادىق ۋەزىرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشىدىكى تىپىغا ئايلىنىپ، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك مەنسەپكە  تەيىنلىنىدۇ.بۈيۈك خەننىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ ئوغلى خانغا قەسىت قىلىشقا ئورۇنغان دېگەن جىنايەت بېلەن قەتلى قىلىنىدۇ.ئۇ گەرچە «نەمۇنىچى » لىق سالاھىيىتى بېلەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما، بارلىق مەنسەپ-تاجى ئېلىپ تاشلىنىپ يۇرتىغا قايتۇرىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ھونلارنىڭ قولىدا تۇرۇپ ۋەتەنگە تەلپۈنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىدىن بىرسى  يىقىلىپ كېتىپ پادىشاھنىڭ مەپىسىگە سوقۇلۇپ كەتكەچكە «خانغا بىھۆرمەتلىك قىلغان » دېگەن گۇناھ بېلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا يەنە بىر ئاكىسى ئەمەلدارلارنىڭ يەڭ ئىچىدە تىل بىرىكتۈرىۋېلىپ بەتنام چاپلىشى  نەتىجىسىدە گەرچە جىنايىتى بېكىتىلىپ رەسمىي قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغانىدى.
       مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سۇ ۋۇ ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ساقلاپ قالدى ، ئۇ لى لىڭدەك « ئاسىي » دەپ ئاتىلىپ قالمىدى.قارىغاندا ئۆز ۋەتىنىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئامىلى بولسا كېرەك؟
  
مەنبەسى : خەنزۇچە «تاللانغان فېليەتونلار » ژۇرنىلى

degiz 2011-09-15 10:13
خەن، تاڭ سۇلالىلىرى جوڭگو تارىخىداگۈللەنگەن سۇلالىلەر دىگەن نام بىلەن داڭلىقتۇر، خان-پادىشاھلىرى ئادىللىقى بىلەن مەشھوردۇر، ئەمىسە مۇستەبىتلىكتە ئۇچىغا چىققان چىن،مىڭ،چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئازارچىلىقلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلشىمىز تەس دىگەن گەپ.....
"خۇەنجۇ مەلىكە''دىگەن فىلىمغا قارىساملا ئىچىم سىقىلىدۇ، خان -پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا نايناقلاپ يۈرگەن بۇ مەلىكىلەر ئاجايىپ تەلەيلىك، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بۇلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،ئەمەلىيەتتىن يىراقلاپ كەتكەن.... بۇلارغۇ تارىخ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۇپ ياخشىلارغا كۈن بەرمەيۋاتقانلار تۇلا، بۇ فىليەتوندا تىلغا ئېلىنغان لىلىڭنىكىدەك ئۇۋالچىلىقلار ئارىمىزدا كۆپ...ئەمما ئۈمىتسىزلەنمەيمىزكى ئاللاھنىڭ ئاغامچىسى ئۇزۇن.

nawat 2011-09-15 11:25
ئۇلار سۆيمەكچى بولغان ۋەتەن بىلەن ئۇلارنى سۆيمىگەن ۋەتەن بىر ئەمەس

abm165 2011-09-15 14:09
        چەتئەلدىن جۇڭگۇعىچە ،قەدىمدىن ھازىرعىچە ،بۇنداق تىراگىدىيەلەر ساماندەك .ئەمما بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا . يەنى ھەرقانداق ئەمەلدار  ئوزىدىن ئەقىللق ئادەمنى ،ئوزىدىن باي ئادەمنى ،ئوزىنىڭ ئىشلىرىدىن تۇلۇق حەۋەردار ئادەمنى ئاشۇنداق ناكەسلەرنىڭ قولى بىلەن ھالاك قىلىدۇ .  مەيلى قەدىمدىن بولسۇن ياكى كوز ئالدىمىزدا بولسۇن توۋەندىكى ئادەملەرنىڭ بىشى ئون ئەمەس .  ئۇلارمۇ ئاشۇ سۇيقەسنى باشقىلارنىڭ بۇيرىقى بۇيىچە قىلىدۇ . شۇڭا سۇيقەسكە ئۇچۇرعۇچى ،ھە دىگەندە سۇيقەس قىلعۇچىدىن ئەمەس ،ھىساپنى بۇيرۇق قىلعۇچىدىن ئىلىش كىرەك . بۇ لىلىڭ دىگەن بەكمۇ ئەحمەق ئەۋلىيا ئىكەن . ھونلارنىڭ ھوزۇرىدا  ئوزىنىڭ دۇشمىنىنى سىعىنىپ ياتقۇچە  ، ھونلار بىلەن بىرلىشىپ ،ئائىلىسىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلىعان  چوڭ دۇشمەندىن ئىنتىقام ئالىدىعان ئىشتى . «ئادەمگە يارىشا تەقدىر ،تەقدىرگە يارىشا ئادەم »دىگەن ئەنەشۇ . شۇڭا يەھۇدىلارنىڭ « 3 دەستۇرىنى » ئۇنتۇپ قالماسلق كىرەك(ئوزىىڭ ئوتكۇرلىكىنى ، مال دۇنياسىنىڭ سانىنى ، كەلگۇسىدىكى پىلانلىرىنى مەحپى تۇتۇش ) . ?????

bughra68 2011-09-15 16:14
لۈشۈننىڭ مۇنداق بىر گېپى بار .
يەنى ئادەم يىيىش . بۇ دېگىنى دەل پاسىق ئەمەلدارلارنىڭ پاك ئەمەلدارلارنى
زالىملارنىڭ خەلقپەرۋەر ئادەملەرنى يوقىتىشىدۇر .
جۇڭگودا ئەزەلدىن كۆپكە بويسۇنمىغان ئادەمنى يەۋىتىدىغان ئادەت بار .
گەرچە ئۇ ئادەم تەشەببۇس قىلغان ئىدىيە خەلققە مايىل بولسىمۇ ، ئەمەلدارلارغا ياقمايدۇ -دە .!

zulal07 2011-09-15 20:19
بىزنىڭ ئىدىيىمىزگىمۇ سىڭىۋاتامدىكىن دەيمەن. قەدىمدىن قالغان بۇ خۇي. چۈنكى بىزمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىدىن ئەمەسمۇ ؟!

nimjan 2011-09-16 15:30
ۋەتەننى بىز سۆيسەك ۋەتەن بىزنى باغرىغا باسىدۇ!

hero519 2011-09-17 11:39
ئەمىسە  بىزچۇ؟

julal 2011-09-17 12:47
بۇ تېمىدا مەدھىلەنگىنى لىلىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىگى. ۋەتەن ئۇنىڭفا نىسبەتەن مۇقەددەس ئۇقۇم.
ئۇنىڭ دۇشمىنى بولسا پەقەت مەلۇم شاخسلەر. ئەگەر ئۇ ئاشۇ ئازغىنە دۈشمەنلەرنى دەپ ھونلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەنپەرۋەر ئەمەس بەلكى ئاسىي نام بىلەن ئاتالغان بۇلاتتى. بۇنداق ۋەتەنپەرۋەرلىك مىساللىرى بىزدىمۇ نۇرغۇن، ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدىخالىق ئۇيغۇرىمۇ ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقى،  خەلقىنىڭ ھۆرلىگى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ئىدى، ئەپسۇس مۇناپىق روزى مۇللا تەرىپىدىن جاللاتلارغا تۇتۇپ بېرىلدى. ئاز بىر قىسىم مۇناپىقلاردىن قورقۇپ ۋەتەن سۆيگۈسىنى پەسلىتىش قەھرىمانلارنىڭ خىسلىتى ئەمەس. ۋەتەنپەرۋەرلىك ياشىسۇن.
ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمدە نۇرغۇن نۇقسانلار بار ، بەزىلىرى ھەتتا دائىملىق خىرىدارلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ مەن ۋە ئەتراپىمدىكى بىر تۈركۈم دۇسلۇرۇم مال سېتىۋىلىشتا يەنىلا ئىزچىل ئۇلاردىن مال ئالىمىز. ئۇلاردا بولمىغاندا ئاندىن باشقا يەردىن ئىلىشنى ئويلىشىمىز....

-maxkawul- 2011-09-17 13:28
يالغان سۇزلىمەڭلا ۋەتەننى سۇيدىغان لابۇدىياردا مەۋجۇت ئەمەس  

alkud1 2011-09-17 17:30
خەنزۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈلگىلېرى يەنىلا ئەجدادلېرىمىز ھونلارنى ياكى تۈركلەرنى قىر-چاپ قىلغانلېرىدا ئىپادىلەنگىنى قىزىق!بۇ خىل تارىخىي خام ماتىرىياللار داۋاملىق پىششىقلاپ ئىشلىنۋاتىدۇ،ئەپسۇسلۇنارلىقى بىزنىڭ ئاز بولمىغان قېرىنداشلېرىمىزنىڭ شۇنداق مىساللاردىن ئۆز تەپەككۈرىگە ئىلھام ئېلىشى بولىۋاتىدۇ.ئەمىلىيەتتە قەدىمدە سېپىل ئىچىدە قۇرۇلغان فىئۇداللىق خانلىقلارنىڭ ئەجدادلېرىمىز ھونلار ۋە تۈركلەر(كۆكتۈركلەر) بىلەن بولغان ئۇرۇشلېرىنىڭ ھەممىسى ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرلىك ئۇرۇش بولماستىن،بەلكى پەقەت قوغدۇنۇش خارەكتىرلىك ئۇرۇش بولۇپ،ئاساسىي ئالاھىدىلىكى سېپىلنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ياساشتا ئىپادىلەنگەن.شۇڭا،ئاتالمىش لى لىڭدەك <<ئاتلېرى قالمىسىمۇ...ئون كۈنلەپ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ...ياۋنىڭ ئون مىڭلاپ ئادىمىنى قىرغان>>لىغىدەك تارىخىي ۋەتەنپەرۋەر شەخسلەرنىڭ زادى مەۋجۇد ياكى مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ھازىرقى كۈندە بىر نەرسە دىيىش قىيىندۇر.چۈنكى تارىخنى ئادەم يازىدۇ،ۋاھالەنكى ئادەم بولسا بەلگىلىك ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يەنە كېلىپ بىزنىڭ تارىختا سەلتەنەت سۈرگەن ئەجدادلېرىمىز ھونلار بولسۇن ياكى كۆكتۈركلەر بولسۇن ھەرگىزمۇ باشقىلار دىگەندەك<<چىل-بۆرىلەر>> ئەمەس،بەلكى ئۇلار مەرتلىكنى،سەمىمىيەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان باھادىر ئەزىمەتلەردۇر!
تارىختىن ئىبرەت ئېلىشتا ياكى تارىخىي ماتىرىياللاردىن بۈگۈنگە باھا بېرىشتە يەنىلا ئۇنىڭ تارىخىي مەنبەسى ۋە ئوبىكتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

karabora 2011-09-19 13:48
ۋەتەن ئۇچۇن ............................................

karabora 2011-09-19 16:41
بۇگۇندئن باشلاپ ھەرقايسى ئەزالار !
2222-ييلى-2ئاينىىڭ 14-كۇنى -  ھەرقايسى ئەزالارغا چوڭ يېغىن بار .
بۇي يېغىنغا يالغۇز كەلگەنلەر بىردەك ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
بۇ يېغىنندا توھپىسى بارلانى ب د ت غا ئاپىرىپ 15 كۇن ئاتىمىز ،
شۇڭا مىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە چوڭ مۇكاپات بار ، مۇكاپات سوممىسى ،
ئىزدەپ تاققا چىقىڭ ،تاپالمىسىڭىز باققا كىرىڭ،

bayawan627 2011-09-19 21:41
سىزمۇ مەن دىققەت قىلغان قىسمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپسىز ،  تەرجىمان  بوز قىر ئەپەندىمۇ ئاشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماپتۇ ، ئۇلار چىل بۆرە ئەمەس ،  كۆك بۆرە .

bayawan627 2011-09-19 21:42
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىalkud1 يوللىغان 2011-09-17 17:30 غا قارتىلغان :
خەنزۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈلگىلېرى يەنىلا ئەجدادلېرىمىز ھونلارنى ياكى تۈركلەرنى قىر-چاپ قىلغانلېرىدا ئىپادىلەنگىنى قىزىق!بۇ خىل تارىخىي خام ماتىرىياللار داۋاملىق پىششىقلاپ ئىشلىنۋاتىدۇ،ئەپسۇسلۇنارلىقى بىزنىڭ ئاز بولمىغان قېرىنداشلېرىمىزنىڭ شۇنداق مىساللاردىن ئۆز تەپەككۈرىگە ئىلھام ئېلىشى بولىۋاتىدۇ.ئەمىلىيەتتە قەدىمدە سېپىل ئىچىدە قۇرۇلغان فىئۇداللىق خانلىقلارنىڭ ئەجدادلېرىمىز ھونلار ۋە تۈركلەر(كۆكتۈركلەر) بىلەن بولغان ئۇرۇشلېرىنىڭ ھەممىسى ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرلىك ئۇرۇش بولماستىن،بەلكى پەقەت قوغدۇنۇش خارەكتىرلىك ئۇرۇش بولۇپ،ئاساسىي ئالاھىدىلىكى سېپىلنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ياساشتا ئىپادىلەنگەن.شۇڭا،ئاتالمىش لى لىڭدەك <<ئاتلېرى قالمىسىمۇ...ئون كۈنلەپ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ...ياۋنىڭ ئون مىڭلاپ ئادىمىنى قىرغان>>لىغىدەك تارىخىي ۋەتەنپەرۋەر شەخسلەرنىڭ زادى مەۋجۇد ياكى مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ھازىرقى كۈندە بىر نەرسە دىيىش قىيىندۇر.چۈنكى تارىخنى ئادەم يازىدۇ،ۋاھالەنكى ئادەم بولسا بەلگىلىك ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يەنە كېلىپ بىزنىڭ تارىختا سەلتەنەت سۈرگەن ئەجدادلېرىمىز ھونلار بولسۇن ياكى كۆكتۈركلەر بولسۇن ھەرگىزمۇ باشقىلار دىگەندەك<<چىل-بۆرىلەر>> ئەمەس،بەلكى ئۇلار مەرتلىكنى،سەمىمىيەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان باھادىر ئەزىمەتلەردۇر!
تارىختىن ئىبرەت ئېلىشتا ياكى تارىخىي ماتىرىياللاردىن بۈگۈنگە باھا بېرىشتە يەنىلا ئۇنىڭ تارىخىي مەنبەسى ۋە ئوبىكتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.


سىزمۇ مەن دىققەت قىلغان قىسمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپسىز ،  تەرجىمان  بوز قىر ئەپەندىمۇ ئاشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماپتۇ ، ئۇلار چىل بۆرە ئەمەس ،  كۆك بۆرە . بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىدى .

arkak1234 2011-09-19 22:40
ۋەتەننى سۆيمىسەك  نىمە قىلىمىز؟

bozqir 2011-09-20 01:28
نەقىل
بۇ 14قەۋەتتىكىbayawan627 يوللىغان 2011-09-19 21:42 غا قارتىلغان  :

سىزمۇ مەن دىققەت قىلغان قىسمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپسىز ،  تەرجىمان  بوز قىر ئەپەندىمۇ ئاشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماپتۇ ، ئۇلار چىل بۆرە ئەمەس ،  كۆك بۆرە . بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىدى .

تەرجىمان بوزقىر دىققەت قىلمىغان ئىش يوق. پەقەت ئۇ ئۆزى مەشخۇل بولىۋاتقان تەرجىمانلىق كەسپىنىڭ « ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش»دېگەن تەرجىمە پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلغان يېرىلا بار. بۇ يەردە ئىپادىلىنىۋاتقىنى بوزقىرنىڭ ئەمەس بەلكى ئاپتور سوڭ يەننىڭ ئىدىيىسىدۇر، دەپ چۈشەنگەيسىز.

ئەمما، مەن بۇ ئەسەردىن ئۆزگىچە تەسىرات ئالغانىدىم.

binava 2011-09-20 11:11
<<تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۇمبسىگە يازىدۇ>>

taklimakan 2011-09-20 22:54
سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز، سىزنى كىم سۆيىدۇ؟
بۇ جۈملىنى كىم دېگەنلىكىنى تېمىدىن كۆرگەندىن كېيىن بىلىپ نورمالسىزلىق ھېس قىلمىدىم. چۈنكى ئۇيغۇر بۇنداق مەينەت، پاسكىنا، كۇپىرانە گەپنى جېنى چىقىپ كەتسىمۇ دېمەيدۇ.

jiuxing 2011-09-20 23:11
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن ...ئويلىنىپ ..ئويلىنىپ كاللام قېتىپ، بېشىم ئاغرىپ كەتتى....

kkk007 2011-09-21 16:52
 

kkk007 2011-09-21 16:53
ئەرنڭ غېمى ئەلدە

bozqir 2011-09-21 21:31
ئاپتور سوڭ يەننىڭ چۈ يۅەننى مىسال قىلمىغىنىدىن ھەيران قالدىم.

چۈ يۈەن چۇ بەگلىكىنىڭ ئاسايىشلىقى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ شۇنداق ياخشى تەكلىپ-تەدبىرلەرنى كۆرسەتكەنگە تۇشلۇق ئوردىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشمەكتە يوق ئەكسىچە ئوردىدىن ھەيدەلگەن. ئاخىر ئازاپقا چىدىماي مېيلۇجىياڭ دەرياسىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغان.

ۋەتەننى ئوتتەك سۆيسىمۇ ئەمما ۋەتەننىڭ سۆيىشىگە ئېرىشەلمىگەن چۈ يۈەن ھازىرغا قەدەر « ۋەتەنپەرۋەر شائىر » دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

ۋەتەندە گۇناھ يوق. ئەمما...

darya. 2011-09-24 13:53
تىمىنى ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە يىغا ياماشتى... ئۇنىڭ غۇرۇر ۋە ۋىجدانى.. ئەركەكلىكى..بۇرۇچ تۇيغۇللىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان "ۋەتەن"ئۇقۇمى مەڭگۈلۈك ھىجرانى ۋە ئازاپ ئوقۇبىتى بەدىلىگە ئىرىشكەن مەردانىلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئايان بولغان تالاي كۆككە بېقىشلىرىدا مەيدىسىنى كىرىپ تۇرۇپ ،ھاردۇق چىققۇدەك نەپەس ئېلىشلىرىغا تۈرتكە بولغان بولغىيتى!...ئۇنداق "بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ساددا "ۋەتەنداشلىرى ئالدىدا بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس سىياسىيونلارنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرى سەۋەبلىك ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان قەھرىمانلارنىڭ ئېغىر تىنىقلىرى ۋە تىز پۈكمەس باھادىرلىقى ئېلىپ كىلىدىغان "ئەقىدە خاتىرجەملىكىگە"....پۇتكۈل دۇنيا ھەسەت قىلىشقا تىگىشلىك ....

"ۋەتەن"ئۇقۇمى..غا بىرىلگەن ھەقىقى توغرا تەبىر...بولغىنىدا بۇ تىما تېخىمۇ  جۇلالىنىدۇ...... "ۋەتەننى بىز سۆيسەك ۋەتەن بىزنى باغرىغا باسىدۇ!" رىياللىق  نەدىمۇ مۇشۇنداق رومانتىك بولسۇن!!

uyhurkeze 2011-09-26 15:36
ئەينى ۋاقىتتا ،شىڭ شىسەي ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنى ، قىسقىسى ۋەتىنى خەلقى ئۈ ئۆزىنى ئاتىغانلانى ،زىياپەت نامى بىلەن چىرايلىخچە بىر تەرەپ قىلغان.ئەلۋەتتە دىنسىز ئادەملەر نىمىدىن قۇقاتتى ،ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا مال دۇنيا  مەنپەتتن باشقا تاتىشقىدەك ھېچ نەرسىسى يۇق ئەلۋەتتە.

karwan.bexe 2011-10-15 22:37
ۋەتەن دىگەن نىمە؟ كىم توغرا جاۋاپ بېرەلەيدۇ ؟ جوڭگودا ۋەتەنپەرۋەر قەھىرمانلار جىق ئۇتكەن. بىراق كىتاپقا خاتىرلەنگىنى بەكلا ئاز. جوڭگودا تارىخنى خەلق يارىتىدۇ. لىكىن ھۇكۇمرانلار يازىدۇ. < لى لىڭ >  < سىماچىەن > گە ئوخشاش ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ ،سۈيىدە ئاققانلارنىڭ  تەغدىرى خەيرىلىك بولوپ باققان ئەمەس. ھۆكۇمرانلىرى چىرىكلەشكەن ئەلدىن قەھىرمانلار چىقمايدۇ، چىققان تەقدىردىمۇ ئاقىۋىتى <لى لىڭ > دەك بولىدۇ.
ۋەتىنىنى سۇيمەيدىغان كىم بار؟ بەش ئەزاسى ساق ئەركەكنىڭ ھەممىسى ۋەتىنى ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە جان بېرەلەيدۇ. مۇناپىق خائىنلار، ھاراملىق ئەمەلدارلار، نۇمۇسسىز  پارىخۇرلارنىڭ  مۇشتۇمزۇرلىقى < قانۇن > ھېساپلىنىدىغان  ئەلدە ۋەتەننى سۇيۇش پەقەت قۇرۇق شوئاردىنلا ئىبارەت . خالاس.
< سىزنى كىم سۆيىدۇ؟ > بۇ قانداق سوئال ئەمدى؟ < لىيۇ خۇلەن > ، < رەزۋانگۇل>  لەرنى  ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ؟ بىز باشقىلارنىڭ بىزنى سۆيىشى ھېساۋىغا ئاندىن ۋەتەننى سۆيىشىمىز  كېرەكمۇ؟
بۇ بىر خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىدىن سورىغان سوئالى بولماي نىمە؟ < خۇاڭ جىگۇاڭ > ، < زىخرۇللام نادىرۇف > تەك ئۇرۇش قەھىرمانلىرىمىزغا مۇشۇ سوئالنى قويوپ باقامدۇق-يە؟
< لى فىڭ > بىلەن < ئالىم خالىق > نى كىم سۆيىدۇ؟  راست گەپنى قىلسام بۇ سوئال ئادەمنىڭ ئىچىنى بەك تاتلايدىكەن. ھېچقانداق مەنتىقىسى يوق!!!!!!!!!!!!!!!!

margan1990 2011-10-15 23:22
سىز ۋەتەننى سويسىڭىز ،ۋەتەن سىزنى ھاممىنى بىر تەرەپ قىلۋىتىدۇ  ، چۇنكى ۋەتەنىمۇ ئادەم باشقۇرىدۇ ، كۇزىگە سىغماي قالسىڭىز ....... جاجىڭىز 1پاي ئۇق   ، تامام...........................


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز ۋەتەننى سۆيسىڭىز، سىزنى كىم سۆيىدۇ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.054437 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us