رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بىردەم يۇمۇر سۆزلەشمەيلىمۇ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> ماقال-تەمسىل،لەتىپە ۋە يۇمۇرلار -> بىردەم يۇمۇر سۆزلەشمەيلىمۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

gulum906 2011-09-14 17:38

دوسلار ياخشىمۇسىلەر، مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىردىم، بۇندىن بۇرۇن پەقەت مۇنبەر مارىلاپ، رەسمىي ئەزا بولۇپ باقماپتىكەنمەن، مانا ئەمدى تاللاپ تاللاپ سەرخىللىرىدىن تاللاپ، ئۆزۈمنى دەڭسەپ كۆرۈپ، قىزىرىپ تاتىرىپ كىرىپ كەلدىم بۇ مۇنبەرگە، ئەمدى قۇرۇق قول كىرسەم ھەيدەپ سالمىسۇن، ماۋۇ مۇنبەردىكى  بالىلار قولۇمغا قاراپ قالمىسۇن دەپ، ئاز بولسىمۇ، ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان مۇنۇ يۇمۇرلارنى (كۈلسىڭىز يۇمۇر، كۈلمىسىڭىز بايان دەپ تۇرىلى ھازىرچە مەن يېڭىياچى بولغاندىكىن) ئالغاچ كەلگەن. ئەمدى قوبۇل قىلامسىلەر ياكى كۈدە-كۆرپەڭنى ئال، يىغىشتۇر دەپ سۈپۈرگە بىلەن قوغلاپ چىقىرامسىلەر بىلەلمىدىم، ھەرھالدا ھازىرچە كىرىپ تۇردۇم. ئەمدى مۇشۇنداق قىلىپ ئاستا ئاستا تونۇشىۋالارمىز دەپ ئويلىدىمغۇ.    قېلىنلىق يېرىم دۆلەت ئەمەسمۇ! قاندا دىمىدىم؟  


رىۋايەتلەردىكى كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئادەملەر 
خىزمەتكە چۈشۈپ تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئالدىمدە، خۇشال ھالدا پۇلنى يېڭى بېجىرگەن بانكا كارتىسىغا كىرگۈزىۋېتىش ئۈچۈن بانكىغا قاراپ چاپتىم. كىم بىلسۇن بانكا ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتقانلارنىڭ كۆپلىكىدىن يەنە بىر-ئىككى سائەت ساقلىسام ئاندىن ماڭا نۆۋەت كېلىدىغاندەك قىلاتتى. شۇنداق بولسىمۇ تۇنجى مائاشىم بولغاچقا بانكىغا سېلىۋېتەي دەپ ئويلاپ، ئۆچىرەت كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم، شۇ ئارىدا كەينىمدىكى بىر يىگىت دولامغا ئۇرۇپ : " پۇل ئامانەت قويغىلى كەلگەنمۇ ؟ " دەپ سورىدى، مەن "ھەئە" دەپ چاۋاپ بەردىم، ئۇ يەنە " ماۋۇ توغرا كەپقالغاننى كۆرۈڭ، مەن پۇل ئالغىلى كەلگەن ، سىز پۇل ئامانەت قويغىلى كەپسىز، بولمىسا مۇنداق قىلايلى سىز شۇ ئامانەتكە قويىدىغان پۇلنى ماڭىلا بەرسىڭىز، سىزمۇ، مەنمۇ ئۆچىرەت ساقلايمىز دەپ ئاۋارە بولماي، ۋاقىت تېجەپ قالاتتۇق ئەمەسمۇ؟" ئويلاپ باقسام بۇ يىگىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسى بار، نىمە قىلىمەن بىكار نەچچە سائەت ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ ئۆچىرەت ساقلاپ، شۇنىڭ بىلەن خۇشال ھالدا پۇلنى ئۇ يىگىتكە بېرىپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم.

كارتا ئوقۇش[
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى، ئۆيىمىز بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى خېلى يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ بېرىشقا توغرا كېلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاتام ماڭا ئايلىق كارتا بېجىرىپ بەردى، بۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ شوپۇر ئاكاشقا كارتىنى كۆرسىتىپ قويۇپ، ئىچىگە قاراپ ماڭدىم، كەينىدىن شوپۇر ماڭا قاراپ، سىڭلىم كارتىڭىزنى ئوقۇتۇڭ ( خەنزۇچە دۇكا) دىدى، مەن جايىمدا تۇرۇپلا يۇقىرى ئاۋازدا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش ئەترىتى ظاي س كارتىسى"دەپ ئوقۇدۇم، شوپۇر ئاكاش،" ماۋۇ يەرگە ئەكىلىپ (كارتا ئوقۇتۇدىغان جاينى كۆرسىتىپ ) ئوقۇتۇڭ" دىدى. مەن ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى ئىشىكىگە كېلىپ، تېخىمۇ جاراڭلىق ئاۋازدا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش ئەترىتى ظاي س كارتىسى" دەپ ئوقۇدۇم، ئاپتوبۇستىكىلەر ۋە شوپۇر ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى

prince 2011-09-15 10:09
ھاھاھا....قىزىقكەن ھە...ئەتتىگەندىلا كۈلكىدىن باشلاندى مانا!

hacker253 2011-09-15 10:41
ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا بىر ياتاقدىشىم شۇنداق كارتىدىن بىر نى تىپىۋېلىپ ئەكىرىپتىكەن
شۇنىڭ بىلەن  ئىككى كۈندىن كىيىن خەلىقئارا چوڭ بازاغا باردىغان بولۇپ قىلىپ بىز بىر يۈەندىن پۇل سىلىپ چىقتۇق. ئۇ ياتاقدىشىم پۇل سالغۇچە كارتىنىلا تەڭلەپتىكەن...... ئاقىۋەتتە،
ھەي بىچارە ،老人卡)ياشانغانلار كارتىسى( دىمەسما ئوڭدىسىغا پوك چۈشتىدە.

zulnar0996 2011-09-15 10:44
يۇمۇرلىرىڭىز  ئۈزۈلۈپ  قالمىغاي  !!

mary 2011-09-15 10:51
ئەتتىگەندىلا كۇلۇپ ،كەيىپىياتىمىمۇ ياخىشى بۇلۇپ قالىدى، رەھمەت!

مۇبارەك 2011-09-15 11:46
نەۋرە ئۇكام كىچىك چېغىدا يامان بىر شوخ ئىدى. دائىم بوۋىسىنىڭ بېشىدىكى شىلەپىگە قول ئۇزىتىپ. بوۋىسىنىڭ چېچىنىڭ ئالدى يوق پەقەت، ئاپئاق ھەم پارقىراق. بىر كۈنى بۇ ئۇكام بوۋىسى بىلەن بىللە كوچا ئابتۇبۇسىغا چىقىپتۇ. بىراق بۇنىڭ ھېلىقىدەك شوخلىقى يەنە تۇتۇپ، توختىماي ماشىنىنىڭ ئالدىدىن كەينىگە، كەينىدىن ئالدىغا يۈگىرەپ...بوۋىسىنىڭ بەك ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپتۇ. چىدىمىغان بوۋىسى < بالام، بولدى شوخلۇق قىلما، ئەمدى ئاچچىقىم كەلسە تىللىۋالىمەن!> دېسە، ھېلىقى بالا يۈگىرەپ بوۋىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ قۇلىقىغا <بوۋا، شىلەپىڭىزنى ئېلىۋېتىمەن ھېلى بىكا...> دەپتۇ.

بوۋىسى بۇ گەپنى ئاڭلىۋېتىپ جىممىدە ئولتۇرغۇدەك. نەۋرە ئۇكام داۋاملىق يۈگىرەپ...

salam234 2011-09-15 15:37
ئىككى  مەس كىشى  پىيادە مىڭىپ ئۆيگە قايتىپتۇ ، يىرىم يولغا كەلگەندە بىرى يولدىن بىر ئەينەك تىپىۋاپتۇ ،ئۇ قولىدىكى  ئەينەككە قاراپ   : بۇ  ئادەمنى بڭر يەردە كۆرگەندەكلا  قىلىمەن ،  دەپتۇ . يىنىدىكى  ئاغىنىسى : ئەكىلە مەن بىر قاراپ باقاي  دەپ  ،ئەينەكتە  ئۆزىنى كۆرۈپ ، ئاغىنىسىنىڭ بىشىغا پاققىدە  بىرنى ئۇرۇپ :  مىنىمۇ تونىمىدىڭمۇ ؟ ھۇ  دۆت !   دەپتۇ .                                                  

bughra68 2011-09-15 16:20
ئۈچ نەپەر كىچىك بالا ئويناۋېتىپ پاراڭلىشىپ قاپتۇ .
بىرىنچىسى دەپتۇ  ؛ مېنىڭ نەۋرە ئاكامنىڭ قولىنى ھەرە چېقىۋالغان ئىدى بەك قاپىرىپ كەتتى ،
ئككىنچىسى  دەپتۇ ؛ مىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئۇكامنىڭ پۇتىنى پاششا چېقىۋاپتىكەن بەك قاناپ كەتتى دىسە  ئۈچۈنچىسى دەپتۇ ؛ مىنىڭ ئاچامنىڭ قورسىقىنى نىمە چېقىۋالدىكىن تاڭ ، بارغانسىرى يۇغىناپ كېتىۋاتىدۇ دەپتۇ .

gulum906 2011-09-15 16:51
ئەگەر  
پاتولوگىيە دەرسىدە پروففىسسور ھاياجان بىلەن دەرس سۆزلەۋاتسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى بېشىنى پارتىغا قويۇپلا ئۇخلاۋېرىپتۇ.
پروففىسسور : تىببىي ساھەدىكى ئالىملار ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا 'مېڭە ھەرىكەتتىن توختىسا ئۆلگەن بولامدۇ ياكى يۈرەك ھەرىكەتتىن توختىسا ئۆلگەن بولامدۇ' دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تېخىچە تالاش تارتىش ئېلىپ بېرىپ بىرلىككە كېلەلمىدى، ئەگەر ئالدىنقىسى كۈچكە ئىگە بولسا، بىزنىڭ سىنىپتىكى كۆپىنچە ساۋاقداشلارنى ئۆلدى دوپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

qiqek 2011-09-15 18:26
يەنە يوقمۇ....بەك  قىززىقكەن بۇ  يۇمۇرلار..............       

zulal07 2011-09-15 20:13
خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى دەرس ئۆتىۋېتىپ، ئەركىننىڭ دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن سوئال سوراپتۇ.
_ سەن دوسكىغا چىقىپ سۇنىڭ خىمىيىلىك نامىنى يېزىپ بەر.
ئەركىن دوسكىغا چىقىپ : HOH2C دېگەندەك ھەرىپلەرنى يېزىپ قويۇپتۇ. ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ ئاچچىقلىنىپ:
_ ھەي، سەن سۇنىڭكىنى يازدىڭمۇ يۇندىنىڭكىنىمۇ ؟

gulum906 2011-09-15 20:59
zulal07سىزنىڭ يۇمۇرىڭىز نىمانداق قىزىق، كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كەتكىلى قىلقالدى، يۇمۇر سۆزلەشتە ماڭا ئۇستاز بولسىڭىز بولىدەك جۇمۇ!      

kulkam 2011-09-15 21:29
بۇلۇدېكەن ھە بۇ يۇمۇر    

nursima 2011-09-15 23:41
مۇنبەرگە يۇمۇر يوللىغان ئىدىم،خېلى كۈنلەر بولدى يوق ،باشقۇرغۇچىلار يۈتتۈرمىگەنسىلەر؟

nursima 2011-09-15 23:49
بىرى توخۇ ئوغۇرلاپ ئۆستەڭ بويىدا ئۇنىڭ پەيلىرىنى يۇڭداۋاتسا ،ساقچى كىلىپ قاپتۇ.ئوغرى دەرھال توخۇنى ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپتۇ.غەلىتىلىك ھىس قىلغان ساقچى ئوغرىدىن سوراپتۇ:
  _ بۇنىمىنىڭ پەي تۈكلىرى،ئۆستەڭدىكىسىچۇ؟
  _ ئۆستەڭدىكىسى توخۇ،ئۇ سۇ ئۈزگىلى تۇرغانتى،مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بېرىۋاتىمەن،_دەپتۇ ئوغرى چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ.

nursima 2011-09-16 00:01
ئايالى ئېرىنى قاتتىق كۈنلەپ، بەك چىڭ تۇتىدىكەن.بىركۈنى ،ئۇنىڭ مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىپ ئا پىسىنىڭ ئۈيىگە كىتىپتۇ.ئېرى ئىچىدە ناھايىتى خوشال بولۇپ ،ئۆزى يالغۇز كوچا ئايلىنىپ كەلمەكچى بوپتۇ ھەمدە ئادەتتە ناھايىتى ئاز كىيىدىغان قىممەت پۇللۇق كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى قاتۇرۇپ كىيىپ،ماشىنىغا چىقىش ئۈچۈن ،قولىنى يانچۇقىغا سالغان ئىكەن،قولىغا پۇل ئەمەس،بىرتال باغاقچە چىقىپتۇ،باغاقچىنى ئېچىپ قارىسا ،ئۇنىڭدا :<<ھەي،بۇنچىۋالا پۇزۇر كىيىنىپ ،يەنە نەگە بارماقچى ؟ >>دېگەن خەتلەر تۇرغۇدەك.

*   *   *   *   *    *    *    *     *    *    *    *    **     *     *   *   *   *    *    *   *   *    *   *     *

پوق ئۈستىگە قونۇۋېلىپ پوق يەۋاتقان ئىككى چىۋىندىن كىچىك چىۋىن  سوراپتۇ:
  _ ئاپا ،بىز نىمىشقا پوق يەيمىز؟
  _بالام تاماق ۋاقتىدا سەت گەپ قىلما ؟!

atikam1 2011-09-16 11:11
مۇنبەردە  بۇنداق يۇمۇرلارنى ئوقىمىغىنى خېلى زامانلار بوپتىكەن ،،،ئەتتىگەندە بۇ يۇمۇرلارنى ئۇقۇپ ئەجەپ كۈلىۋالدىم-يا
مېنىڭمۇ يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
ساتىراچ
ئەپەندىم كىچىك چاغلىرىدا دائىم شاھزادى بىلەن بىللە ئوينايدىكەن ، بىر  كۈنى زاھزادە گۇدەك ئەپەندىمگە : مېنىڭ دادام پادىشاھ  ،پۇتۇن شەھەر خەلقى دادامغا بوي دۇنىدۇ  دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان كىچىك ئەپەندىم ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن شاھزادىغا: پۇتۇن ئىنسانلار مېنىڭ دادامغا باش ئېگىدۇ دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھزادىنىڭ ئاچچىغى تازا كەپتۇ-دە ،گۇدەك ئەپەندىمگە: سېنىڭ دادام نىمىش قىلىدۇ دەپتۇ.
گۇدەك ئەپەندىم شاھزادىغا: مېنىڭ دادام " ساتراچ " دەپتۇ.

adil2052103 2011-09-16 12:47
بىر كىچىك بالا  دادىسىبىلەن  ئوينىغاچ   دادىسىغا    دادا  مەن خوتۇن ئالمەن دەپتۇ   دادىسى   ۋوي  بالام  كىمنى ئالسەن  دىگىنە  دىگىنىڭنى ئېپبېرمەن دېسىسە  بالىسى  مەنسىنىڭ ئاناڭنى ئالىمەن   دەپتۇ  دادىسى  تۇرپ كىتىپ    ۋاي بالام  ئۇدىگەن سىنىڭ  موماڭ تۇرسا  موماڭنى ساڭا قانداق ئېپبېرىمەن   دەپتۇ
بالىسى   دەپتۇ   سەن مىنىڭ  ئانامنى  ئالساڭ بولدى كەن  مەنسىنىڭ  ئاناڭنى  ئالسام بولمامدىكەن دەپتۇ      قىززىق مىكەن     بۇبىر  يۇمۇرخالاس   ھە  چاكىنىكەن دەپ ئەيىپلەپ كەتمەڭلا  


يېڭى ئەزا ئادىل  دىن  ھەررقايسىڭلاغا  سالام    

gulum906 2011-09-16 13:06
                                         ھىكايە سۆزلەش
ئادىلنىڭ بالىسى شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، ئادىلنى ھىكايە سۆزلەپ بەرمىسەڭ ئۇخلىمايمەن دەپ ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادىل بالىسىغا ھىكايە سۆزلەپ بەرمەكچى بولۇپ، "بالام ساڭا ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي، بۇ ھىكايە ئىككى خىل، سەن ئۇزۇنراقىنى ئاڭلامسەن ياكى قىسقىراقىنىمۇ؟" دەپ سوراپتۇ.
بالىسى: ئۇزۇنىنى
ئادىل: بۇرۇن بىر ھەسەل ھەرىسى بولغانىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئاسماندا ئۇچۇپتۇ، ۋىڭ ۋىڭ ۋىڭ ۋىڭ ۋىڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭڭ.......
نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، بالىسى:
بولدىلا، قىسقىسىنى ئېيتە
ئادىل: بۇرۇن بىر ھەسەل ھەرىسى بولغانىكەنتۇق، ئۇ ۋىڭ قىلىپ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، پاق قىلىپ تامغا ئۈسىۋاپ، پوكلا قىلىپ يەرگە چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ.

slayer 2011-09-16 13:11
بولىدىغان يۇمۇرلاركەن!

xax感觉 2011-09-16 20:08
بەك قىزىقكەن

gulnazi 2011-09-16 21:26
ئون ئەر بىلەن بىر ئايال ئاسماندا ساڭگىلاپ تۇرغان قۇتۇلۇش ئارغامچىغا ئېسىلىپ قاپتۇ . لىكىن بۇ ئارغامچا پەقەت ئون ئادەمنىلا كۇتۇرەلەيدىكەن ، كىم چۇشۇپ كىتىشى كىرەك ؟  كوپچىلىك بىر - بىرىگە قارىشىپ لام - جىم دىيىشمەپتۇ . ئاخىرى ھىلىقى ئايال ئېغىز ئېچىپتۇ ،  - بوپتۇ مەن چۇشۇپ كىتەي ، بىز ئاياللار ئەزەلدىن ئەرلەرنىڭ قۇربانى ، ئۇمۇر بۇيى سىلەر ئۇچۇن كىر -قات يۇيۇپ تاماق ئىتىپ خىزمىتىڭلاردا بۇلىمىز . بۇپتۇ ، سىلەر ئۇچۇن يەنە بىر قىتىم قۇربانلىق بىرەي ،- دەپتىكەن ھاياجانلانغان  ھىلىقى ئون ئەر بىراقلا چاۋاك چىلىشىپ كىتىپتۇ ...........

dilhux2 2011-09-16 22:20
يۇمۇرلار بىر-بىرىدىن قىزىقارلىق ئىكەن.....پۇخادىن چىققۇچە كۇلىۋالدىم . تىما ئىگىلىرىگە رەھمەت.

kalgen 2011-09-16 23:31
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن. مەنمۇ بىرنى يوللاپ باقاي؛

    بىركۇنى ئەلى بىلەن سەلى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،ئىككىلىسى ئۆز دادىللىرىنىڭ كارامىتى  ھەققىدە گەپ تالىشىپ قاپتۇ.
    ئەلى سەلىگە  مۇنداق دەپتۇ؛-سەن تىنىچ ئوكىياننى كورگەنمۇ ؟ شۇ ئوكىياننى دادام كولىغان .قانداق دادام كارامەت
    دەپتۇ.
    بۇنى ئاڭلاپ سەلى ئەلىگە دەپتۇ؛- سەن ئۆلۈك دىڭىزنى كۆرگەنمۇ؟ شۇ دىڭىزنى  دادام ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتكەن دەپتۇ.

slayer 2011-09-17 00:29
ئەجەب  قىززىقكەن!

adil2052103 2011-09-17 00:31
ئەمسە  ھېلىقى  دۆت ئەرلە  چاۋاق چالىمىز دەپ ھەممىسى  تۈشۈپ كىتىپتۇ  
ھاماقەتلە     ھاھاھاھاھاھاھاھا

mohsin 2011-09-17 14:04
hata katti

harakux 2011-09-17 18:07
يېڭى يۇمۇركەن ، رەھمەت !!!!!!!!

bomba 2011-09-17 18:58
بەك  قىزىق  كەن  رەخمەت

0mar 2011-09-17 18:59
بەرگىيە كۆرۈنمەيدا ئەجەپ !!!!!!!!!!!!!!!!!!

nursima 2011-09-17 20:49
مەھەللىدىن <ھەرەقۇش>ئائىلىسىگە بىر سائەت تەخسىملەپ بىرىپتۇ،بىر كۈنلەردە بۇ سائەت تۇيۇقسىز توختاپ قاپتۇ،ئايالى؛
_قارىسىلا دادىسى،بۇ سائەتكە نىمە بولدى ئەمدى،ماڭمايدىغۇ؟
_ماڭە ،بېرىپ ئاتۋېركا ئەكىلە،ئېچىپ قاراپ باقاي._دەپ سائەتنىڭ كەينىنى ئاچسا ،چىشلىق چاقنىڭ ئۈستىدە بىر ئۈلۈك چىۋىن قانىتىنى كېرىپ ياتقۇدەك ؛
_ۋاي خوتۇن،نىم بولدىكىن دىسەم ،ئەسلى بۇنى ھەيدەيدىغان شوپۇر ئۆلۈپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ_دەپتۇ.

gulan 2011-09-17 21:46
بولىدىغان ئىسىل يۇمۇرلاركەن بۇ....تىما ئىگىسىگە رەھمەت

zibarim 2011-09-18 13:40
ىھاھاھاھاھاھاھا........  نىمانچىلا سەرخىل يۇمۇرچىلار يىغىلغان سورۇن بۇ ...... تىما ئىگىلىرىگە كۆپ تەشەككۇر ،يۇمۇرلىرىڭلار بەركەت تاپقاي ...... چارچىغان نېرۋىلىرىم ئاجايىپ ھوزۇرلاندىغۇ .......  

gulum906 2011-09-18 14:26
             ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ
ئا: كەچۈرۈڭ مېنىڭ توخۇيۇم سىزنىڭ سېيىڭىزنى يەپ قويۇپتۇ.
ب: ھېچقىسى يوق، مېنىڭ ئىتىم ئۇ توخۇنى يەۋەتتى.
ئا: ھە! ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىتىڭىزنىڭ قۇرسىقىدىن توخۇ سۆڭەكلىرى چىقىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەسكەنغۇ!

麦麦提敏 2011-09-18 15:29
   :    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەلكۈيى تورىدىن مەنىۋى ئۇزۇق ئېلىپ ئۆزىگە خۇشاللىق بېغىشلاۋاتقان

 !كەڭ تورداشلار،ياخشىمۇ سىلەر   
!ئالدى بىلەن سىلەرگە سەمىمى سالامىمنى يوللايمەن 
 مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولۇپ كىردىم،شۇڭا  قۇرۇق قول كىرمەيدەپ  ئاز بولسىمۇ، بىر كۈڭىل سوۋغىسى ئالغاچ كەلگەن. ئەمدى قوبۇل قىلامسىلەر-قىلمامسڭلا بىلەلمىدىم،        
                          .......................  قېنى ئەمىسە                               
        
        ‹ كۇچەت تىكىپ يىل بۇيى سەنمۇ مەندىك ‹باغسىز   
         تاغ تۈۋىدە تۇرۇپمۇ سەنمۇ مەندەك‹ تاغسىز›  مۇ؟   
 
        ، توۋا دەيمەن ئۆزەمگە ، پۇت -  قۇلۇمدا ماغدۇر يوق
         ئۇرۇق شۇنچە بۇ تىنىم ، سەنمۇ مەندەك‹ ياغسىز › مۇ ؟
 
         ،ئۆتەر كۈنۇم خوش- خوش دەپ ، ياق دىيەلمەي ھەممىگە
         ئاقنى- قارا دە دىسە ، سەنمۇ مەندەك ‹ياقسىز› مۇ ؟
 
        ،بىر چاقاڭنى سەپەردە ئېلىۋەتسە ياق دىمەي 
        ھەيدەلەمسەن ھارۋاڭنى،سەنمۇ مەندەك‹ چاقسىز› مۇ ؟
 
      ، كۈز كەلسە ھاپاشلاپ شاپتۇل يېرىپ بورىغا 
      قۇرۇق قېلىپ يانچۇقۇڭ ، سەنمۇ مەندەك‹ قاقسىز› مۇ؟
 
     ،   مۇپتىلا مەن ئەشۇنداق داۋاسى يوق كىسەلگە 
 كۈرۈنۈپ باق دوختۇرغا سەنمۇ مەندەك‹ ساقسىز›  مۇ   
 


hakyol 2011-09-18 15:58
         ھەي  دوسـلار ياخشىمۇسىلەر  ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى مەنمۇ   بىر-ئىككى  يۇمۇر  يوللاي:
       بىر يىلى ئەپەندىم  يېڭىدىن ئۆيلىنىپتۇ  ،خېلى  كۈنلەر  ئۆتكەندىن  كېيىن  ،خوتۇنى خېمىر يۇغۇرېۋېتىپ <پوت>قىلىپ قويۇۋېتىپتۇ دە  ،چاندۇرماي ئەپەندىمدىن  سوراپتۇ-
          سىلەر  نەچچە  بالا ؟-ئەپەندىم  دەپتۇ
      _بىز  ئۈچ بالا  ئىدۇق  . چوڭ   ئاكام  ئەسكەرلىككە  كېتىپ  ئوقتا  ئۆلدى  ئىككىنچى ئاكام توكچى  ئىدى  توكتا  ئۆلدى  . ئەمدى مەن  سىزگە  ئۆيلىنىپ   پوقتا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن دىگۈدەك  !!!!!!     

hacker253 2011-09-18 16:26
ئاۋۇ خوتۇنمۇ يامانكەن ھە بىر داس خىمىرغا كۈچى يەتمەي

kizqak0997 2011-09-18 20:33
         اھاھاھا.....نىمىدىگەن قىزىقارلىق           كۆڭلۈم كۈتۈرلۈپ قالدى     

yusayin1 2011-09-18 20:41

bahanur 2011-09-18 23:00
بۇ تىمىغا ئىنكاس يازغان بىرەيلەن  پىكومۇ؟لىكىن يۇمۇرلار بەك قىزىقكەن

我要幸福 2011-09-19 15:07
ھاھاھاھاھا      بالىلار يۇمۇرلىرىڭلا نىمانداق قىززىق    ........

hayatwalise 2011-09-20 17:07
نىمانداق قىزىقارلىق   تۇنجى قىتىم كىرىپلا ئون كۈنلۈك كۈلىۋالدىم   يۇمۇرلىرىڭلاربەك قىززىقارلىقكەن.يەنە بىرە ئىككى پەدە ئىيتىپ قويۇڭلار.

ahgul914 2011-09-20 21:07
مۇبارەك كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتسا، بىر ئەر ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈپتۇ. مۇبارەك كىنونى پەقەت كۆرەلمەپتۇ – دە، ئاچچىقىدا ئەرنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇياق– بۇياققا قىمىرلاپ، ئارقىسىغا قاراپتۇ – دە، ئەركە:
— ھە، تۇرۇۋالسا قانداق بولىدىكەن؟ — دەپتۇ.
  

ahgul914 2011-09-20 21:11
بىر كۈنى يۈسەيىن قەبرە بېشىغا كېلىپ ئېچىنىشلىق يىغلاپتۇ:

-نېمىشقا ئۇنى ماڭا تاشلاپ كەتكەنسەن،ئەگەر ھايات بولغان بولساڭ نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە!

-ئارشاڭ ئەپەندى كېلىپ.بەك ئازابلىنىپ كەتمەڭ،تۈگەپ كەتكىنى ئاتا-ئانىڭىزمۇ ياكى قېرىندىشىڭىزمۇ؟-دەپ سۇراپتۇ.

-ياق.ئۇ ئايالىمنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ئىدى.

tanha.oglan 2011-09-20 22:10
بىزنىڭ مەھەللىدە بىز ئردەم بولدىغان بەك ھورۇن  ، 50-60ياشلاردا با ،بۇ ئادەمنىڭ خوتۇن باللىرى يوق  تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن تۇلۇق بەھىرلىندۇدە ھەر ئايدا ئۇن بىرىپ ئۆيگە ئاپىرىپ بەرسە ،بۇ ئادەم رەھمەت دېمەي تېخى رازى بولماي  ئاشخانىغىلا ئۆتكۈزۈپ بەرسەكلە دەيدىغان ئادەمدە .بۇ ئادەم بۇرۇن 17ياش ۋاقتدائوپچە ئەمگەك قىلىپ ئوپچە تاماق يەيدىغان ۋاقىتلاردا (بىز كوممىنا ۋاقتى دەيمىز)  بۇ ئادەم دائىم ئىش قىلماي تاماق يەيمەنلا دەيدىكەن ،كەنىت مۇدىرى ئىش قىلمىساڭ تاماق بەرمەيمىز دەپ ئاتا -ئانىسىغا بالاڭلا ئىش قىلمسا تاماق بىرىلمەيدۇ دەپ كايىپتۇ ،ئاتا -ئانىسى بۇ ئادەمگە نۇرغۇن نەسىھەت قىلىپتۇ ،ئەتىسى كەنىت مۇدىرى بۇ ئادەمگە ماڭ قوناقلىققا  بېرىپ قوناقلارنىڭ تۇيىنى چانىۋىتىپ كەل ئاندىن تاماق يەيسەن دەپتۇ ،بالا ماقۇل دەپ خوشياقمىغان ھالدە قوناقلىققا بېرىپ قوناقلارنىڭ تۇيدىن ھەممىسىنى چانىۋىتىپتۇ ،شۇنڭ بىلەن كىلىپ تاماق بىرىڭلار دەپتۇ،كەنىت مۇدىرى ئىشەنمەي بېرىپ قارسا قوناقلار ھەممىسى يىقىلىپ يەردە تۇرغىدەك ، كەنىت مۇدىرى بۇنى كۈرۈپ ئاچچىقى كىلىپ نىمە قىلغىنىڭ بۇ ھە دەپ بۇ ئادەمنى تاززا تىللىسا بۇ ئادەم خوشياقمىغان ھالەتتە ئۆزىڭىز قوناقلارنىڭ تۈيىنى چانىۋەت دېدىڭىزغۇ مەن شۇ قوناقلارنىڭ تۇيىنى چاناپ قويدۇم ،دەپتۇ ، كەنىت مۇدىرىنىڭ ئەسلى مەقسىدى قوناقلارنىڭ تۇيى يەنى يەرنى چاناپ توپىنى بوشۇتۇپ ئوت- چۆپلەرنى ئالغۇزۇپ ئكەن .بىز تەرەپلەردە قوناقنىڭ تۇيىنى چانىۋەت دەيمىز ، بۇ ھۇرۇن بالا كالىسىنى ئىشلىتىپ قوناقلارنى چانىۋىتىپ ئىشلارنى تۇگۇتۇۋىتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بۇنى ھەممە ئادەم ساراڭكەن دەپ ساراڭلار قاتارغا چىقىرۋىتىپ بېكارغا تاماق يەپ يۇرىۋىرىپتۇ ،تا ھازىرغىچە ساراڭلار قاتاردا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ بېكاغا پۇل ئېلىپ بېكاغا تاماق يەپ يۇرۇيدۇ.

yurtoghli 2011-09-21 07:27
بىركۇنى بىر كىنو فىلىم ئىشلەش شىركىتى يىزىدا گومىنداڭچىلارنى مەغلۇپ قىلىش ئارقا كۆرۇنۇش قىلىنغان بىر فىلىم ئىشلەۋاتقانىكىەن،گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ رولىنى ئالغان بىر نەچچە ئەسكەرنىڭ قوسقى ئاغرىپ ھاجەتخانا ئزدەپ يىزا مەھەللىگە كىرىپ قاپتۇ، دوقمۇشتا پاراڭلىشىپ تۇرغان 3-4 ئۇلارنى كۆرۇپلا قىزغىن چاۋاك چىلىپ(ئەڭ ئاخىرى كەلدىڭلار يىزىمىزدىكى پارىخور ئەمالداردىن يەنىلا سىلەر ياخشى ئىكەنسىلەر..) دىگۈدەك. بۇنى چۇشەنمىگەن بىر ئارتىس بىز ھاجەتخانا ئىزدەپ دىيىشىگە يەنە بىر مويسىپىت دىھقان(ھاجەتنى كىيىن قىلسىڭىزمۇ ئۈلگۇرسىز ما يىزا باشلىقى قىچىپ كىتىدۇ دەيمەن،يامان قىزىل كۆز ئۇ پارىخىور) دىگۈدەك.

yurtoghli 2011-09-21 07:39
2تاغ بار ئىكەن بىرىدە بىر يولۋاس يەنە بىرىدە بىر تۈلكە ياشادىكەن. بىر ىرىنى كورەلەيدىكەنۇ ئامما بىر تاغدىن يانا بىر تاغقا بارغىلى بولمايدىكەن. تۈلكە كۇندە سەھەر تۇرۇپ قىلىدىغان تۇنجى .ىشى بولسا يولۋاس بار تاغقا قاراپ ‹ھەي يولۋاس....ھەي يولۋاس...›دەپ ۋاقىرايدىكەن يولۋاس شۇنداق قارىشىغىلا‹ئۆتۈپ قاسام دەسسىۋىتىمەن جۇمۇ يولۈاسسسس›دەيدىكەن. يولۋاس ئاچچىقىنى ئامالسىز يۇتۇدىكەن. بىر كۈنى تۈلكە شۇندا سەھەر تۇرۇپ ‹يې يولۈاس....› دىسە جىم.
‹يې يولۋاس...› دىسە يەنە جىم...
‹يې لاتا يولۋاسسسس› دىيىشىگە يولۋاس تۈلكىنىڭ يىنىدىنلام ئۈنۈپتىغۇ.
تۈلكىنىڭ مورىسىگە پوك-پوك  ئۇرۇپ قويۇپ،
‹ھھھھھھھھھھھھھە....›دىگەنىكەن، تۈلكە شاققىدە يەدە يىتىپ
‹ بىر دەسسەۋىتە مىنى...› دىگۈدەك...  

مۇبارەك 2011-09-21 10:51
ھا ھا ھا... يۇرت ئوغلىنىڭ ماۋۇ يۇمۇرىغا سەت كۈلىۋەتتىم

anixta 2011-09-21 11:05
گۈلنازىنىڭ يوللىغان يۇمىرى قىززىقكەن ھە....ئارغامچىغا ئېسلىپ قالغان 11 ئادەمدىن بىرسى چۈشۈپ كېتىشكە تىگىشىلىك ئىدى، شۇ ئايالنىڭ كاللىسىنىڭ ئىشلىگەنلىكىدىن 10 ئەرنىڭ ھەممىسى چاۋاك چالىمەن دەپ چۈشۈپ كېتپتۇدە كالۋالار...

梦hiyal想 2011-09-21 18:18
كىچىك بالىغا ناھايىتى ئامراق بىر كىشى باركەن.
        بىر كۈنى بۇ كىشى ۋەلىسپىت مىنىپ كىتىپ بارسا يول بويىدا بىر كىچىك بالا يىغلاپ تۇرغىدەك، ئۇ كىشى ۋەلىسپىتتىن چۈشۈپ:
       بالام، نىمە بولدۇڭ؟ نىمىشقا يىغلايسەن؟ دەپ سورىسا. كىچىك بالا:
       بىر موچەن پۇلۇم يۈتۈپ كەتتى! دەپتۇ. ئۇ كىشى:
       بولدى يىغلىما، مەن ساڭا بىر موچەن پۇل بىرەي! دپتۇ دە بىر موچەن بىرىپتۇ. ھېلىقى بالا بىر موچەن پۇلنى ئېلىپ، تېخىمۇ بەك يىغلاپ كىتىپتۇ. ھېلىقى ئادەم ئەجەپلىنىپ:
       يەنە نىمىگە يىغلايسەن؟ دەپ سورىسا. ھېلىقى بالا:
       بايامقى يۈتۈپ كەتكەن بىر موچەن پۇلۇم بولغان بولسا، ھازىر ئىككى موچەن بولغان بولاتتى!..... دىگۈدەك.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بىردەم يۇمۇر سۆزلەشمەيلىمۇ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.048586 second(s),query:4 Gzip disabled

You can contact us