رەسىمسىز مۇنازىرە: [--
مېنىڭ ئىت بولغۇم بار(تەرجىمە مىكرو ھېكايە)
--]
ئەلكۈيى مۇنبىرى
->
[ئەلكۈيى تەرجىمە ئەسەرلىرى]
->
مېنىڭ ئىت بولغۇم بار(تەرجىمە مىكرو ھېكايە)
[بېسىپ چىقىرىش]
كىرىش
->
ئەزا بولۇش
->
ئىنكاس يوللاش
->
تېما يوللاش
qeqan
2011-09-13 05:16
مېنىڭ ئىت بولغۇم بار
جىياڭ لىيۇ
بىر كۈنى،مەن تاغلىق رايۇندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان دوستۇمنى يوقلاپ باردىم.تاغلىق رايۇندا تۇرمۇش ناھايىتى جاپالىق،ئەمما بالىلار بەك ئىش ئۇقىدىكەن،ئۆگىنىشتىمۇ ناھايىتى تىرىشچان ئېكەن.ئۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان دوستۇم ئۈچۈن بۇ ناھايىتى زور تەسەللى ئىكەن.
كەچتە،دوستۇم چىراغ يۇرۇقىدا تاپشۇرۇق تەكشۈردى،مەن بىكار بولغاچقا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ستەل ئۈستىدىكى ئىمتىھان قەغەزلىرىنى كۆرۈپ باقتىم.بارلىق ئىمتىھان قەغەزلىرى ئەمەلىيەتتە بىر ۋاراق چوڭ قەغەز بولۇپ،ئالدى تەرىپىدە ماتىماتىكا سوئالى يېزىقلىق،كەينى تەرىپىدە ماقالە يېزىقلىق، ماقالىنىڭ تېمىسى بولسا«مېنىڭ ئارزۇيۇم» ئىكەن.بالىلارنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئارزۇيىمىز بىلەن ئوخشاش:مۇئەللىم،ھەربىي،ئالىم بولۇش قاتارلىقلار ئېدى.تۇيۇقسىز بىر قۇر خەت دىققىتىمنى تارتتى:«مېنىڭ بىر ئىت بولغۇم بار».مەن ھەم ھەيران بولدۇم ھەم ناھايىتى كۈلكىلىك ھېس قىلىپ،داۋاملىق ئوقۇپ باقتىم:«دادام كەتتى،ئۆيدە پەقەت ئانام ئىككىمىزلا قالدۇق.تاغلىق كەنتىمىزنىڭ كېچىسى ناھايىتى قاراڭغۇ،باشقىلاردىن ئاڭلىسام جىن بار ئىكەن،مەن جىندىن قورقىمەن،ئاناممۇ قورقىدۇ.دادام قورقمايتتى،ئەمما ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ.يەنە باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۆيدە ئىت بولسا جىن كىرالمەيدىكەن،ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە ئىت يوق.ئەگەر مەن ئىت بولۇپ قالغان بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟مەن كۈندە ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆي ساقلىسام،ئانام ھەرگىزمۇ قورقماي،خاتىرجەم ياتالايتتى».
«مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما»ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 9-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
bargiya
2011-09-13 17:38
ئانىغا بولغان پەرزەنتلىك مۇھەببەتنىڭ يۇقۇرى پەللىسى.
قىسقا ،مەزمۇنلۇق تېمىدىن ئالغان ھوزۇر ئالەمچە بولدى.
hacker253
2011-09-13 23:01
ئاۋۇ بالىنىڭ ئانىغا بولغان مىھىر _ مۇھەببەت قارىشى مىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ لىكىن خىلىلا چوڭقوركەن ھە.تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
koygandengiz
2011-09-14 01:07
" مېنىڭ ئىت بولغۇم بار "دىگەن بۇ گەپ ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا يېقىملىق ئاڭلانمايدىكەن . مەن يەنىلا بۇ ئارزۇنىڭ بۇ سەبىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل ئارزۇ بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن .
qeqan
2011-09-14 09:03
مېنىڭچە بۇ بالا ئىت بولۇشنى پەقەت ئانىسىنى قوغداش ،ئانىسىغا بولغان چەكسىز مېھىر -مۇھەببىتى سەۋەبىدىن ئويلىغان بولىشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە بىر سەبى بالا تۇرۇپ ئانىسى ئۈچۈن شۇنداق ئويلىيالىغان يەردە، ئۇ چوقۇم چوڭ بولغاندا ىېلى چوڭ ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن.
ttt@ppp
2011-09-14 12:20
ئانىسىغا بۇنداق چەكىسز مۇھەببەت باغلىغان ۋاپادار بالا ، كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى كىشى بولۇپ چىقىدۇ . قالتىس ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن .
adil2052103
2011-09-14 16:03
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر مىكرو ھىكايىكەن مەن بەك تەسىرلەندىم كۆرۋاتىمەز ئاتا ئانىسىنى قەدىرلىمەي ئولگەندىن كىيىن ۋاي ئاتام ۋاي ئانام دەپيىغلىغانلانى
بۇنچىلىك ئويلىيالىغاندىكىن ئاپىرىن
كەمىنە يېڭى ئەزادىن ھەرقايسىڭلاغا پاتىڭىمدىن ئىگىلىپ سالام
arkak1234
2011-09-15 00:14
ئاتا ئانىغا ۋاپادارلىق ئەڭ گۈزەل ئەخلاق،بۇ ئۆسمۈردىن ئۈگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ.
nawat
2011-09-15 11:34
مېنىڭ مۈشۈك بولغۇم بار
salam234
2011-09-15 15:19
ئالمىدەك يۈرەكتە ،ئالەمچە سۆيگۈ.
salam234
2011-09-15 15:22
ناۋاتجاننىڭ ئاپىسى چاشقاندىن قورقۇدىكەندە
xamxar901
2011-09-16 13:25
ۋاپادارلىق ئەڭ گۈزەل ئەخلاق............... ئاپىرىن .
turkinaz0992
2011-09-16 14:06
بالىدىكى ۋاپادارلىق ھېسسىيات بىر جۈملە سۆز بىلەن ئىپادىسىنى تېپىپتۇ . مەن بالىنىڭ ماقالىسىدىكى جۈملىدىن ئانىسىنى دادىسى قوغدىمىغاندىن كېيىنكى بالىنىڭ ئانىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك ھېسسىياتنى ھەم قەلبىدىكى بىخ سۈرگەن مەسئۇلىيەتچانلىقنىمۇ كۆرگەندەك بولدۇم . بالىلىرىمىز قەلبىگە ئادىمىيلىك ، ۋاپادارلىق ، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۇرۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن سىڭدۈرسەك دەيمەن .
karabora
2011-09-19 16:03
بۇگۇندئن باشلاپ ھەرقايسى ئەزالار !
2222-ييلى-2ئاينىىڭ 14-كۇنى - ھەرقايسى ئەزالارغا چوڭ يېغىن بار .
بۇي يېغىنغا يالغۇز كەلگەنلەر بىردەك ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
بۇ يېغىنندا توھپىسى بارلانى ب د ت غا ئاپىرىپ 15 كۇن ئاتىمىز ،
شۇڭا مىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە چوڭ مۇكاپات بار ، مۇكاپات سوممىسى ،
ئىزدەپ تاققا چىقىڭ ،تاپالمىسىڭىز باققا كىرىڭ،
qeqan
2011-09-19 20:11
بۇ ئىنكاسنىڭ ئەسەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
tanha.oglan
2011-09-20 22:16
بۇ بالىنىڭ ئانىغا بولغان ۋاپادارلىقى ئادەمنى تەسىرلەندۈردىكەن ، ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن ئولۇغلاردۇر ،ئۇلارغا ۋاپادار بۇلۇش پەرزەنتنىڭ مەجبۇريىتى ، ئىتمۇ ئىگىسىگە ۋاپادار ،بۇ بالا ئەقىللىقكەن.
kkk007
2011-09-21 18:01
'مۇساپىرلار قاۋاقىاننىسىدىكى شامىلدىن يەنە بار ئكەنمۇ نېمە"
zibarim
2011-09-23 01:44
تۈركىنازنىڭ تەھلىلى مىنى بەكمۇ سۆيۇندۇردى..... [img]
erkinaz
2011-09-24 18:18
ماقالە دىگەننى قانداق يازسا بولىۋىرىدۇ... كۆيمىگەننى كۆيدى، ئۆلمىگەنننى ئۆلدى دىگەندەك..
kapsiz30
2011-09-25 14:36
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىnawat يوللىغان 2011-09-15 11:34 غا قارتىلغان :
مېنىڭ مۈشۈك بولغۇم بار
سىزنىڭ ئاپىڭز ساچقاندىن كورقامدۇ؟
ak@kaptar
2011-09-25 15:21
رەھمەت....
uyhurkeze
2011-09-25 21:47
مەن ئالدىنكى قېتىم بىر خەنزۇچە پىراگىرامىدا بىر 5 ياشلىق قىزنىڭ قارىغۇ دادىسىنى ۋە ئاكىسىنى داۋالىتىش ئارزۇسىدا يۈرگەنلىكىنى ،كىچىكلا تۇرۇپ پەرزەنىتلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى كۈرۈپ ،بۇ كىچىك قىزنىڭ ۋاپادارلىقىغا ھەم ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە قايىل بولغان ئىدىم .
بۇنداق ۋاپادارلىقنى ھەممە كىشىنىڭ يەتكۈزۈپ كىتەلىشى ناتايىن،ئەگەر شۇ كىچىك بالىلاردىكى ئەقىل بەزىبىر چوڭلاردا بولغان بولسا ، بۇ دۇنيا مىھىر -مۇھەبەتكە تولغان بولاتتى.شۇڭا تورداشلار بۇنىڭدىكى ماۋزۇدىن قۇسۇر ئىزدىمەي بەلكى بۇنىڭدا ئالغا سۈرۈلگەن ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت يۈكسەك پەزىلەتتىن ئۈلگە ئالغان بولسا بۇ ماقالىنى ئەۋەتكەن مۇنبەردىشىمىزنىڭ ھاردۇقى چىققان بۇلاتتى.
بۇ ھىكايىنى ئەۋەتكەن مۇنبەردىشىمىزغا كۆپ رەھمەت.ناھايىتى چۇڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە مەزمۇنكەن .
qeqan
2011-09-26 09:15
چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ئۇيغۇر قىزى.
مەنمۇ شۇ مەقسەتتە تەرجىمە قىلىپ يوللىغان.لېكىن بەزىلەر باشقىچە ئويلاپتۇ.
مەيلى باشقىلار قانداقلا ئويلىسۇن بۇ ئەسەردىكى كىچىككىنە بىر بالىدىكى يۈكسەك ۋاپادارلىق تۇيغۇسىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.بۇنى چۈشەنگەن،مېنى قوللىغان
مۇنبەرداشلارغا رەھمەت.
miskin303
2011-09-28 12:08
بالا بۇلۇپ بىز ئاتا-ئانىلارغا نىمە قىلىپ بەردۇق.........ھەي............
rassam
2011-10-10 00:29
رەھمەت!!!ئېسىل ھىكايىكەن،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېسىل ئەسەرلەرنى تەقدىم ئېتىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!!ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!!!
رەسىمسىز مۇنازىرە: [--
مېنىڭ ئىت بولغۇم بار(تەرجىمە مىكرو ھېكايە)
--] [--
top
--]
Powered by
PHPWind
v7.3.5
Code © 2003-08
Guldiyar
Time 0.032888 second(s),query:3 Gzip disabled
You can
contact us