رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بالىلىرىمنىڭ «مەخپىي خاتىرىسى» --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> پەرزەنت تەربىيىسى -> بالىلىرىمنىڭ «مەخپىي خاتىرىسى» [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

degiz 2011-09-09 02:09

پېقىر دەرس مۇنبىرىدە ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلىگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا سورۇنلاردا سوزلىيەلمەيمەن، ئىنكاسلارنى يېزىپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ تېخى  يازمىدىم ، تۇلىسى خىيال پېتى قېپقالدى، مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ئۇزۇن بولمىدى، ئەمما بۇ يەردىن ئۆزەمگە ھەم ئوقۇغۇچىلىرىمغا مۇۋاپىق نۇرغۇن ئۈگۈتلەرنى تىرىۋالدىم، شۇڭا يەنىلا سىلەرنىڭ تەربىيلىشىڭلارغا مۇھتاجمەن.
بالىلىرىمنىڭ «مەخپىي خاتىرىسى»نى ئوقۇپ باققۇڭلار  بارمۇ؟
مەخپىي خاتىرىلەرنى ئوقۇۋېلىش ئەدەبسىزلىك، يەنە كېلىپ جىنايەت، ئەمما مەن سىلەرگە مەخپىيەتلىكنى ساقلىغان ئاساستا ئاشكارلايمەن. شۇڭا «مەخپىي خاتىرىنى ئوقۇساق قانداق بۇلار؟!» دەپ ئىككىلەنمەڭلار.........
ئوقۇتقۇچىلىققا قۇيۇلىدىغان تەلەپ نەقەدەر يۇقىرى، جەمئىيەتتە ئۆزى ياخشى ئوقۇيالمىغان، ناتوغرا يوللارغا مېڭىپ قالغان، ھەتتا شۇ يولدىن قايتمىغانلار بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ، ھەرقانداق ئادەم ئۆز پەرزەنتىنى مەكتەپكە بەرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا تېخىمۇ زىيادە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئەھۋال.
مەنغۇ ئۇقۇتقۇچى، كۆڭلۈمدە بارلىقىمنى بالىلارغا ئاتاپ ئىشلەۋاتىمەن، ئالىم ئەمەس ئادەم تەربىيلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ كېلىۋاتىمەن، ئىزباسارلار ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ تەدبىر تۈزۈۋاتىمەن، ئەڭ ياخشى تەربىيلەش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتىمەن، ھەم شۇ يولدا ئالغا قاراپ كېتىۋاتىمەن.... دەپ مەدداھلاردەك ياق، ئەخمەقلاردەك ئۆزەمنى ماختاپ كېتىمەن، توغرا چۈشىنىڭلار، چۈنكى مەن پەقەت مۇنبەر ئۈچۈن(دەرس مۇنبىرى-ھە) يارالغاندەكلا، بۇ خىزمەتنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن، ئەمەلىيەتتە مەن كەمتەر ھەم كەم سۆز ئوقۇتقۇچى، مۇشۇ يەردە بولسىمۇ ئۆزەمنى بىر ماختاپ قويدۇم، لېكىن يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى...... نىمىسىنى دەيسىلەر، بەزىدە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، ئىپادىسىز، ئامالسىز، ئىلاجىسىز ئەھۋاللارغا چۇشۇپ قالىدىغان چاغلىرىمىزمۇ ناھايىتى كۆپ ، ئوقۇتقۇچى ئۇنداق بۇلىشى كېرەك، بۇنداق بۇلىشى كېرەك دىيىش ئاسان بولغان بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ ھەقىقى ئوقۇتقۇچى بولغان ۋاقتىمىزدا ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئاسان ئەمەسلىگىنى ھىس قىلالايمىز. چۈنكى بۇ فورمىلاسى يوق ھىساپ، مەركىزى يوق چەمبەر، قانۇنىيىتى يوق جەريان. ئوقۇغۇچى دىگەننىڭ بىرىگە قوللانغان ئۇسۇلنىڭ بىرىگە ئاقمايدىغانلىقىنى، بىرىگە تەنقىد ئىشلىسە، بىرىگە ماختاش ئەسقاتىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن سىرلىق يارالمىش ئىكەنلىكىنى، بەش ئەزادا مەسىلە بولمىغان بىلەن ئىدىيە-نىيەتلەردە زىنھار ئوخشاشلىقنىڭ يوقلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ ئاللاھنىڭ سىرلىق ياراتمىلىرىغا ھەيران بولماي تۇرالمايمىز.
مەن بۇ خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا كۆز ئالدىمدىن مىڭلىغان بالىلار خاس خاراكتىرى بىلەن مۆجىزىلەرچە ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىغا،نىيەت-ئىقباللىرىغا، تەلەپ-مەقسەتلىرىگە دۇنيا قاراشلىرىغا ھەر ۋاقىت دىققەت-ئېتىۋارىمنى ئاغدۇرۇپ، لايىقىدا تەربىيە ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باقتىم، ئۇلارنىڭ سىماسىنى قالدۇرۋالسام دەپ ئويلاپ، ھەر بىر قارار بالىلىرىمغا دەرسكە كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بىر قېتىم، خوشلىشش پەيتىدە بىر قېتىم مەخپىي خاتىرە يازغۇزۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، بۇ مىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنىڭ گۈزەل دۇردانىلىرى، ئۇلارنى ئەسلىگەندە، ئەسلىيەلمىگەندە ۋاراقلايدىغان قىممەتلىك ساقلانمىلىرىمغا ئايلاندى، بۇ قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ خاتىرىلەرنى يەنە بىر قېتىم ۋاراقلاپ سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇشنى توغرا تاپتىم.ئەلۋەتتە بۇ يوللىغانلىرىم ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى. مەن ئاساسەن ھەممىسىگە دىگۈدەك قىسقىغىنە ئىلھاملاندۇرۇشلارنى قالدۇرۇپ ماڭدىم. بەزى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقەتەن نىمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمىگەن چاغلىرىممۇ كۆپ. ھەمدەمدە بۇلارسلەر.....
ئا  ئوقۇغۇچى: بىلەمسىز مۇئەللىم ھازىرقى مەن تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى مەن ئاچا دەپ يۈرگىنىم مىنىڭ ئاچام ئەمەس بەلكى ئاپام، ئۆز ۋاقتىدا ئاپام توي قىلمايلا مىنى تۇغۇپ قۇيۇپتىكەن، ئاپام ھازىرقى يولدىشى( يەنە ئۆگەي دادام دەپ تۇراي) بىلەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مىنى سىڭلىم دەپ ئەكىلىۋالدى، ئادەتتە ئاكام ئۆيدە يوق چاغلاردىمۇ مەن ئاپا دەپ چاقىرالمايمەن، چۈنكى ئاچام مېنى شۇنداق كۆندۇرۋەتكەن، خۇددى مەن ئۇنىڭ راستىنلا سىڭلىسىدەكلا، مەندىن  خېلىلا كىچىك قوشماق ئۇكىلىرىم تۇغۇلغاندىن كېيىن بىزنىڭ بۇ ئۆيىمىز قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى،ئۇلار  ئاكام-ئاچامغا شۇنداق ئەركىلەيدۇكىن مەن بىر چەتتە بوينۇمنى قىسىپ  قاراپ قالىمەن، ئۇلارنىڭ مەن بىلەن كارى يوق، خۇددى بۇ دۇنيادا مەن مەۋجۇت ئەمەستەكلا، ئۆز دادامنىغۇ ئەسلا بىلمەيمەن، ئاپام خۇددى مەن باغرىنى يېرىپ چىققان بالا ئەمەستەكلا ماڭا ھەرقانداق ئىچكى سىرىنى دەپ باقمىدى، مەن بۇ ئۆمرۈمدە دادا، ئاپا دىگەن سۆزلەرنى دىيەلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. بۇ ئىشلارنى ساۋاقداشلىرىممۇ بىلمەيدۇ، مەن بىر بەخىتسىز بالا.
ئوقۇتقۇچى ئىلاۋىسى: سىڭلىم Xكۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم، گەرچە سىز ئاپا دەپ چاقىرالمىغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئاپىڭىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا، ئۇ سىزنى چوقۇم  قاتتىق ياخشى كۆرىدۇ، بەلكىم باغرىغا چىڭ بېسىپ سىزدىن كەچۈرۈم سورىغۇسى كېلىدىغاندۇ، يەنىمۇ چوڭ بولغاندا ھىس قىلىسىزكى ئۇنىڭ سىزگە دىيەلمەيدىغان نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىنىڭ بارلىقى مۇقەررەر، ھازىرچە ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا قىيىنچىلىقى بۇلىشى مۇمكىن، كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كەينىدىن خوشاللىقلارنىڭ كېلىشى تەبىئىي.
ب ئوقۇغۇچى: خوشنىمىز ئىمراندىن قانچىلىك زېرىككەنلىكىمنى بىلمەيسىلەر، ئاپام-دادام كەچكىچە مېنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ ھارمىدى، مەن يا ئۈگىنىشتە ئۇنىڭغا يىتىشەلمىدىم، ئېسىمنى بىلسەم مەن ئۇنىڭغا سېلىشتۇرىلاتتىم، ئەگەر سېلىشتۇرۇلمىغان بولسام بەلكى ھازىرقىدىن ياخشىراق بۇلۇشۇم مۇمكىن ئىدى، ئۆيگە قايتىپ بارىمەن ئاپام-دادامنىڭ تۈگىمەس تەربىيىسى باشلىنىدۇ، تاپشۇرۇق ئىشلەڭ، بىز  سىز نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلىپ بېرىۋاتىمىز، سىزنىڭ نىمىڭىز كەم، ئىۋۇ ئىمراننىڭ كۈنى سىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ناچار تۇرۇپ قارىڭە، ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا بارساق شۇنىڭلا گېپى، نەتىجىمۇ شۇنىڭ ياخشى، ئەخلاقتىمۇ شۇ ياخشى، ھەجەپمۇ يۈزۈمنى چۈشۈردىڭىز، مەن سىزنى قانداق قىلسام بۇلار، خوشنىلار ئارا بالىلارنىڭ پارىڭىنى قىلشقىمۇ رايىم يوق....يائاللاھ،يائاللاھ!!!
مانا بۇ مەن ھەركۈنى ئاڭلايدىغان، ئاپام زېرىكمىگەن بىلەن مەن ئەشەددىي زېرىكىپ كەتكەن گەپلەر....
سىنىپتىكى ئەھۋالىم  تېخى ناچار، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كەمسىتىشلىرى، سېمىزرەك بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار مېنى مازاق قىلىشىپ ھېلىقى سەت گەپنى قىلشىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئىلاۋىسى: مەن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ، سىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقتىم-يۇ سىمىزلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم، بەلكى ئۇماق بىر قىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى،سىزنى ھەرگىزمۇ سىمىز دېگىلى بولمايدۇ، بەلكى سىز سىمىز دەپ قويسا خاپا بولغاچقا باشقىلار سىزنىڭ بۇ ئاجىزلىقىڭىزدىن پايدىلىنىۋالغان گەپ، بىلەمسىز دۇنيادا نوقسانسىز ئادەم بولمايدۇ، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىق، كەمچىللىكى بولغاندەك، سىزمۇ، مەنمۇ، ئىمرانمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس، سىزنىڭ كۆز،قاش، قۇلاق، بۇرۇنلىرىڭىزنى مىدىرلىتىپ بىزگە نۇمۇر كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزدە مەن سىزدىن بەك سۆيۈنۈپ كەتكەنتىم، بۇ ئالاھىدىلىك ئىمراندىمۇ يوق، باشقا ساۋاقداشلىرىڭىزدىمۇ يوق. ئامال بار ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى بايقاپ، جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بۇلۇڭ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى تەبىئىي، ئۇلارنىڭ سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى سىزگە ياقمىغىنى بىلەن سىزگە قاتتىق كۆيىنىدىغان ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بولغانلىقى سىزنىڭ بەختىڭىز، سىز بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كېتىپسىز، ئۆزىڭىزنى ئەركىن قۇيۇۋېتىپ، خاس خاراكتىرىڭىزنى نامايەن قىلىشقا تىرىشىڭ، مەن سىزگە ئىشىنىمەن.
س ئوقۇغۇچى: مەن دائىم يولدا ماڭا بىر ھەميان ئۇچراپ قالسا« بۇ كىمنىڭ ھەميانى؟» دەپ ئۈچ قېتىم ۋارقىرىسام ئىگىسى چىقمىسا مەن ئۇنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەرسەم، مەكتەپتىن، ئاتا-ئانامدىن قانغۇچە مەدھىيلەنسەم، قانداق ياخشى بۇلاتتى دەپ ئويلاپ كېتىمەن، مېنى ماختانچاقكەن دەپ قالماڭ، بۇمۇ مىنىڭ بىر خىيالىم.
چوڭ بولغاندا مەن ئۇچقۇچى ياكى ماتروس بولسام دەيمەن، ئەگەر ئۇنداق بۇلالمىسام ساقچى ياكى ھۈنەرۋەن بولساممۇ مەيلى، ھېچبولمىغاندا ياراملىق بىر دېھقان بۇلىمەن.
  چوڭ بولغاندا مەن يەنە بويۇمنىڭ ئىگىز،پۇت-قوللىرىمنىڭ يوغان ھەم قارا بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ئۆيۇم دېڭىز بويىدا بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا كەڭرى كەتكەن ئېتىزلىقلاردا بولسىمۇ بۇلىدۇ، مەن بۇ يەردە باي دېھقان بۇلۇپ نامراتلارنى يۆلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن.
مۇئەللىم مەن چىن دىلىمدىكى گەپنى قىلسام مىنىڭ فىلوت چالىدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلغۇم بار.
ئوقۇتقۇچى ئىلاۋىسى: مەن سېنىڭ ئارزۇلىرىڭدىن قانغۇچە ھوزورلاندىم، مەن ھەتتا سەنچىلىك خىيال قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىكەنمەن، ساڭا رەھمەت، ئارزۇلىرىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقىسى بەك رۇمانتىككەن، فىلوتچى قىزنىڭ تويىغا مىنىمۇ چاقىرارسەن........
د ئوقۇغۇچى: مەن  بۇ يىل تۇلۇق ئوتتۇرىغا يېڭىدىن قۇبۇل قىلىندىم،كېيىنكى كۈنلىرىم قانداق بۇلار مەن بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىم پەقەت ياخشى ئەمەس،ئۆيگە قايتسام دادامنىڭ سۆرۈن تەلەتى كۆڭلۈمنى ناھايىتى غەش قىلىدۇ،ئۇ دائىم ھاراقنى بۇلۇشىغا ئىچىپ كىرىپ ئاپام ئىككىمىزگە پەقەت ئارام بەرمەيۋاتىدۇ،تۇنۇگۈن ئاخشام دادام مەست ئۆيگە كىرىپ ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق ئاپامنى ئىشتان كەمىرى بىلەن ئۇرۇپلا كەتتى،مەن ئاپامغا يان باسقانلىقىم ئۈچۈن بېقىنىمغا بىر مۇشت سالدى، بۈگۈن مەكتەپتە توپ ئويناۋېتىپ دەل شۇ يېرىمگە توپ تىگىپ كەتكەن، ئىككىسى قوشۇلۇپ ئاغرىپ بىر كېچە ئۇيقۇ بولمىدى،شۇنچىلىك ئاغرىپ كەتتىكى دادامنىڭ ۋارقىرىشىدىن ئەنسىرەپ قاتتىق ئاغرىقنى ئىچىمگە يۇتۇپ تاڭنى ئاتقۇزدۇم، ئاپامغا دەي دىسەم ئۇنىڭ يەنە بىئارام بۇلۇشىنى خالىمىدىم. ئاپام پاكىزە ھەم رەتلىك ئائىلە ئايالى، زومىگەر دادام ئاپامنى نىمىشقا ئۇرۇدىكىن، مەنمۇ قىز بالا بۇلۇپ قالغىنىمدىن پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
شۇڭا مەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن كېچە-كۈندۇز دادامنىڭ تۈزۈلۈپ كېتىشىنى تىلەيمەن. ئىنساپ- دىيانىتىنى تىلەيمەن، ئاپام ئىككىمىزنى ئۆز قوينىغا ئېلىشىنى تىلەيمەن.
ئوقۇتقۇچى ئىلاۋىسى: سىز راستىنلا قەيسەر قىز ئىكەنسىز، شۇنچە دەرت-ئەلەملەرنى تارتىپ تۇرۇپمۇ مەكتەپتىكى ئۈگىنىش ئەھۋالىڭىز ئىنتايىن ياخشى، مەن سىزدەك قىزلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمەن،مەنمۇ سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ تۇزۇلۇپ كېتىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن، ئۈمىتسىزلەنمەڭ..........ئاللاھ ھېچكىمنى نائۈمىد قويمايدۇ. ئاپىڭىز ئىككىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن.
گ ئوقۇغۇچى: مۇئەللىم مىنىڭ سىزگە دىمەكچى بولغان سۆزۈم ناھايىتى مەخپىي، ئەگەر مىنىڭ بۇ سىرىم باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالسا مەن سىزگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن.
مەن ھازىر مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قالدىم، 3-سىنىپتىكى Xنى بىلىسىز، ئۆزىمۇ قاملاشقان، دەرستىمۇ ياخشى، ئۇ خېلىدىن بېرى مىنى قوغلىشىۋاتىدۇ، مەن دەسلەپتە  قەتئى ئىرەنشىمىگەنتىم، لېكىن ھازىر بىز يۈرۈپ قالدۇق، بىلىمەن، ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەتلەشسە بولمايدۇ،سىزنىڭ بىزنى چەكلىشىڭىز تۇرغانلا گەپ. شۇنداقتىمۇ مىنىڭ بۇ ئىشنى سىزگە مەسلىھەت سالغۇم كەلدى، مەن قانداق قىلسام بۇلار؟
ئوقۇتقۇچى ئىلاۋىسى: قەلبىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن، مۇشۇ تۇرقىڭىزدا مەن نىمىلا دەپ تەربىيە بەرسەم ئاڭلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە قۇلىقى پاڭ، كۆزى كۆر ھالەتكە كەلگەندەك قىلىسىز، ئەمما دىمىسەم بولمايدىغان بىر نەچچە جۈملەم بار: بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ، بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت.
شەرمى –ھايا، ئىپپەت-نۇمۇس قىزلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ زور بايلىقى، بۇنىڭدىن ئايرىلغانلىق ھاياتىدىن ئايرىلغانلىق بىلەن باراۋەر. گەرچە مۇھەببەت ھەممىمىزگە ئوخشاشلا تەبىئىي ئاتا قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭغا يۈگەن سېلىشنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز كېرەك، بولمىسا «كۆڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ، سەمەرقەند ئالمىسىدەك بىر كۈن، ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ» دىگەندەك ئارماندا قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ،شۇڭا مەن يەنىلا سىزنى بۇ يولدىن ۋاقتىنچە قايتىڭ دىمەكچى.
     خ ئوقۇغۇچى: مەن ئەسلىدە دەرسلەردە ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدىم، بىر مەزگىل دوختۇر بۇلۇشنى ئارزۇ قىلدىم، كېيىن تېخى زۇڭتۇڭ بۇلۇمەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم. تۇلۇقسىز 2-يىللىققا چىققان ۋاقتىمىزدا تۇيۇقسىزلا بەخىتلىك ئائىلىمىز ۋەيرانچىلىققا قاراپ يۈز تۇتتى، دادام تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ ئاپام بىلەن ئاجرىشىمەن دەيدىغانلا بۇلىۋالدى، مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىدىم، دادام نۇمۇسسىز،ئىپلاس قىزلارنىڭ كەينىگە كىرىپ يولدىن چىقىپتۇ، دوستلۇرۇم ئالدىدىمۇ يۈزۈم چۈشۈپ كەتتى. ئاپام،سىڭلىم  خېلى يىغلاپ باققان بولساقمۇ دادامغا كار قىلمىدى، ئۇ ئاپام بىلەن مەجبورى ئاجرىشىپ كەتتى.ئاپام ئىشلىمەيتتى، بىر تىيىن مۇئاشىمۇ يوق، دادام بولسا 5500 يۇەن مۇئاش ئالاتتى، دادام بۇ پۇلنى ئاشۇ پاسكىنىلارغا خەجلەپ ئاپامغا تىيىن كۆرسەتمەيدىغان بولدى، ئاپام ئۇنىڭ-بۇنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ سىڭلىمنى باقاتتى، مەن بولسام دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇمەن، ئۇگەي ئانىنىڭ ئالدىدىكى كۈن نىمە بولماقچىدى، ئەمىلىيەتتە دادام بىلەن توي قىلماقچى بولغان قىز دادامنىڭ پۇلىنى كۆزلىگەن ئىدى، مەن دادامغا جىق گەپ قىلدىم، يالۋۇردۇم، گېپىمنى ئاڭلىمىدى، ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى ئاپامنىڭ قىيىن كۈندە قېلىشى..... بۇ تۇرمۇش مىنىىڭ كاللامنى ئىرماش-چىرماش قىلىۋەتتى، ھازىر سىنىپقا كەلسەم بىر بولسا ئۇخلايمەن،بىر بولسا خىيال سۈرىمەن. كۆزۈمنى يۇمساملا ئاپام بىلەن سىڭلىمنىڭ بىچارە ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ.
    ئوقۇتقۇچى ئىلاۋىسى: مىنىڭچە سەن خىياللار قاينىمىدىن قايتىپ چىققىن، چوڭلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا تېخى سېنىڭ،مىنىڭ كۈچىمىز يەتمەيدۇ، بۇ مەسلىنى ھەل قىلىدىغان، ئاپاڭنى،سىڭلىڭنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزىدىغان بىردىنبىر ئادەم دەل سەن، ئائىلەڭنىڭ ماجراسىنى باھانە قىلىپ، ئوقۇشنى بىر ياققا تاشلاپ قويساڭ بولمايدۇ، قەيسەر بول، ئوغۇل بالا دىگەن تۇرمۇشتا تاۋلىنىدۇ، ھازىرقى تۇرمۇشۇڭنىڭ ئەۋزەل يەرلىرىدىن پايدىلنىپ ياخشى ئوقۇ، داداڭنىڭ ئىقتىسادي يار بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئوقۇش مۇھىتلىرىنى تاللاپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ  ئىقتىسادي قىممەت يارىتالايدىغان بۇلۇشۇڭ كېرەك. ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن.

sadakatguli 2011-09-10 10:13
ئەشۇ بالىلارنىڭ بەزى كەچمىشلىرى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى ئېزىدىكەن....شۇلار ئەسلىدە كىملەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ئىدى ھە.....
ئاۋۇ س ئوقۇغۇچنىڭ خىياللىرى ئەجەپ تاتلىقىكەن دېسە...فىلوت چالىدىغان قىز بىلەن توي قىلغۇم بار....بۇلارنى ئوقۇۋېىتپ قاتتىق كۈلىۋەتتىم،،ئاپاملارنىڭ دېيىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا مەن داۋاملىق <ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى>دىكى ماركوغا تېگىمەن دەپ تۇرۋالاتتىمكەن،،بالىلىق دېگەن ئاجايىپ دېسە............

kalgen 2011-09-10 17:24
بۇ بالىلار نىمە دىگەن قەيسەر -ھە!  
سىز قالتىس ياخشى ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز . بالىلارنى چۇشۇنىش بالىلار بىلەن مۇڭدىشىش
ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلاردا كەم بولۇۋاتقان روھ.  سىزگە رەخمەت مۇئەللىم، بايرىمىڭىزغا
مۇبارەك بولسۇن .ئاددى تىلىم بىلەن يۇكسەك تىلەك تىلەيمەن.

tograkkizi 2011-09-10 19:44
ئەگەر ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار سىزدەك ئۇقۇغۇچلارنىڭ قەلىپ قېتىىغا كىرەلىگەن بولسا بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ ئۈمۈتلىك بولغان بۇلار ئىدى.تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ.بايرىمىڭىزغامۇبارەك بولسۇن

koygandengiz 2011-09-10 22:44
    بۇ يازمنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز كونا ئەسلىمىلەر قوينىغا قايتىپ بارغاندەك بولۇپ قالدىم .

koklem 2011-09-12 11:55
ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان، ئۆزىنى دەرس مۇنبىرىگە ئاتاپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتماي كېلىۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا چەكسىز ھۆرمىتىم ۋە رەھمىتىم بار.
كىممۇ ئوقۇغۇچى بولۇپ باقمىغان؟ ھەممىمىزنىڭ مەخپى خاتىرىلىرى بولىشى ئېنىق.  يۇقىرىقىلار بەلكىم بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ مەخپى خاتىرىلىرىنىڭ  كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر...
لېكىن، بۇ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخپى خاتىرىلىرىدىكى مەزمۇنلار ئادەمنى ئويغا سالىدۇ...

xamal903 2011-09-12 15:46
ياشاپ كىتىڭ مىننەتسىز باغۋەن!مىللىتىمىز سىز بىلەن روناق تاپىدۇ.

xamal903 2011-09-12 15:47
رەھمەت سىزگە سۈيۈملۈك ئۇستاز!مىنىڭ بالىلىق ۋاقتىممۇ ئاتا ئانامنىڭ ئۇرۇنسىز جىدىلى بىلەن ،كۆزيېشىم ئارىسىدا ئۆتكەن،مەنمۇ سىزدەك ئۇستازغا مۇھتاج بولغان،ئۇلارغا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دىيەلمىگەن بولساممۇ،ئۇلارنىڭ ئىلھامى بىلەن تىرىشقان .بۈگۈن ئالىي مەكتەپتە ئۇلارنىڭ مەدەتلىرىدىن روھى ئۇزۇق ئېلىپ تىرىشىۋاتىمەن.ئائىلەمدىكى جىدەللەرمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى،ئۇقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە سىلەرنىڭ تەربىيەڭلار سىڭىپ كىتىدۇ.ئۇلار ھامان سىلەردىن سۈيۈنىدۇ.مىللىتىمىز سىزگە ئوخشاش مىننەتسىز باغۋەنلىرىمىز بىلەن گۈللىنىدۇ.سىزگە ئامان ئېسەنلىك بەخىت تىلەش بىرگە خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن.
مۇشۇ يەردە بىر قىسىم ياشلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ:نىكاھ ئائىلىگە ئۇيۇن قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ ،توي قىلىپ با دەرتنى ئەشۇ بىگۇناھ سەبىيلەرگە قالدۇرۇش جەمىيىتىمىزدە مودىغا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ(بىر نەچچە يىللىق ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئاجرىشىش نىسبىتىگە قاراپ بېقىڭ).بۇ خىل ئادەت داۋاملاشسا ئۇيغۇر جەمئىيىتى نىمە بوپ كېتەر؟  بۇ تىمىدىكى ئۇقۇغۇچى ئېيتقاندەك ئىش ئەشۇ بىگۇناھ غۇنچىلارغا نىمە ئېپ كېلەر؟ بىزدىكى مەسئۇلىيەت نەگە كەتتى؟مەندە بۇنداق ئىللەت يوق دىمەڭ ،سىزدە بولمىسا قېرىداشلىرىڭىزدا،دوسلىرىڭىزدا بۇلىشى مۇمكىن.بىز قاچانغىچە «ئۆزەڭنى بىل ئۆزگىنى قوي«دەپ ياشايمىز؟ ئويلىنىپ باقايلى قېرىنداشلار!.  

otyak 2011-09-13 11:40
سىزنىڭ بۇ ئۇسۇلىڭىڭىز بولىدىكەن. بولۇپمۇ ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەخپى خاتىرىسىدىن كىيىن قىلغان تەربىيىۋى سۆزلىرىڭىز مېنى قايىل قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇلارغا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن قىلغان سۆزلىرىڭىز بولدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

zulpehar 2011-09-13 21:10
قەيسەر بول، ئوغۇل بالا دىگەن تۇرمۇشتا تاۋلىنىدۇ، ھازىرقى تۇرمۇشۇڭنىڭ ئەۋزەل يەرلىرىدىن پايدىلنىپ ياخشى ئوقۇ، داداڭنىڭ ئىقتىسادي يار بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئوقۇش مۇھىتلىرىنى تاللاپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ  ئىقتىسادي قىممەت يارىتالايدىغان بۇلۇشۇڭ كېرەك.
بەك ياخشى  يىزىپسىز  

alnoor024 2011-09-13 22:29
                                    
                                                    Alnoor024 says:                            September 13, 2011 at 5:27 pm  (Edit)                ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيىدىكى degiz قېرنىدىشىم
    ھەقىقەتەن 10 مېتىر يىراقتا تۇرۇپ تازىم قىلغۇدەك ، مۇنەۋۋەر ئۇقۇتقۇچى ئىكەنسىز.
    يازمىڭىزنى ئۇقۇپ بەك تەسىرلەندىم،بۇلاپمۇ تېمىسىنى «ئۇقۇغۇچىلىرىم»دىمەستىن «بالىلىرىم»دەپ ئېلىشىڭىز مېنى بەك تەسىرلەندۈردى ۋە بالىلارغا بەرگەن تەسەللىلىرىڭىزدىنمۇ ئاللاھ نىڭ دىيانەتلىك بەندىسى ئىكەنلىكىڭىزچىقىپ تۇرۇدۇ.
    ئاللاھ س ۋ ت بىزنىڭ باللىرىمىزغىمۇ سىزگە ئوخشاش ئۇستازلارنى ئاتاقىلسۇن!!!
      باللىرىمىزنى ياخشى ئۇقۇتۇمىز دەپ چەتئەلدە بوپقالدۇق،مۇمكىن بولسا ئېنتىنېتتە بولسىمۇ سىزگە ئوخشاش ياخشى ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىشقا نىسىپ قىلسا ،ئەپسۇس باللىرىمىز بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاناتىلدا ئۇقۇشاممايدىغان ھاڭ بارغانسىرى چۇڭۇيۇشقا باشلىدى….بۇتوغرۇلۇق بېشىمىز قېتىپ كېتىۋاتىدۇ….ياردەمگە مۇھتاجمىز،چۈنكى ئاناتىلىمىزغا يېقىن تۈركچە مۇھىت ئاستا-ئاستا بالىمىزبىلەن بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرىۋېلىشقا باشلاۋاتىدۇ…..
      ئاخىرىدا ئاللاھ تىن سىزگە كەسپىڭىزدە 2 دۇنيالىق ئۇتۇق تىلەيمەن.
      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
                                    
                             [url]http://uyghuracademy.com/?p=19406&cpage=1#comment-6044[/url]

degiz 2011-09-14 11:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۇ مىنىڭ مۇنبەردە تۇنجى قېتىم سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلار بىلەن ئىنكاس يېزىشىم، سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن باھالىرىڭلاردىن تەسىرلىنىپ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى ، ئەمىلىيەتتە بۇ سىلەر ئۇنچىلىك ماختاپ كەتكۇدەك ئىش ئەمەس، بەلكى كۇندىلىك مەشغۇلاتىم، شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەجبورىيىتىمىز، سىلەرنىڭ بىزنى ھەم مىنى قوللىغىنىڭلارغا كوپ رەخمەت!!!!!!

mawlanim 2011-09-14 21:54
پاھ!!!   مىنىڭ ئۇستازىم  بەك قالتىسكەن جۇمۇ ~~~  بۇ مىنىڭ ھازىرقى ئوقۇتقۇچۇم بەك ئېسىل بۇ مۇئەللىم . دىگەن سۆزلىگەن ھەربىر گەپلىرى ۋىجدان غورۇر دىسە سۆزلىگەن گەپلىرىگە بەكمۇ قايىل بولىمىز ........   بۇ مۇئەللىم مىنىڭ ھاياتىمدىكى  ئەڭ  بۈيۈك ئەڭ سۈيۈملۈك مۇئەللىم..... مۇئەللىمىمنىڭ  بۇنداق  ياخشى نەرسىلەنى يازغىنىدىن تولىمۇ  پەخىرلىنىۋاتىمەن جۇما ~~~~                  

hursan 2011-09-14 23:21
ياشىسۇن مەسئۇلىيەتچان ئۇقۇتقۇچىلار .....!

zamanim 2011-09-18 19:35
يازمىڭىزدىن سۆيۈنمەي تۇرالمىدىم، مەسئۇلىيەتچان، ۋىجدانلىق ھەم ساپالىق ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ. بالىلارنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەربىيىىلەش، ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ، جان بېقىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىش ئوقۇتقۇچىدىن بىر قەدەر مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا، مەنىۋى چوڭقۇرلۇققا، كەسىپ قىزغىنلىقىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، سىزگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىگە ھەم بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ھارماڭ، تالماڭ، زېرىكمەڭ! ئەجىرىڭىز ھامان يەردە قالمايدۇ! سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر، ساغلام تەپەككۇر سىزگە مەڭگۈ يار بولغاي!

awakkiz 2011-09-19 18:42
ھەممە ئوقۇتقۇچىلار سىزدەك ئوقۇغۇچىللىرىنى چۇشەنسە نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!

muhpul1010 2011-09-19 23:39
سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچۇم بۇ پارچە ماقالىنى ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز .. مەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمە ... مۇئەللىم داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ ... !! ئاللاھ سىزدەك باغۋەنلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەسۇن ...


       ئوقۇغۇچىڭىز ::  مۇخپۇل مۇختەر


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بالىلىرىمنىڭ «مەخپىي خاتىرىسى» --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.034863 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us