ئۆزگىچە ئەندىزە بىلەن ئويۇن ئارقىلىق بالىلارغا خاس تەپەككۈر يېتىلدۈرۈش، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىللە ئوينايدىغان يەسلى قۇرۇش ھەققىدىكى پاراڭلار بەك تېتىغان ئىدى. چوڭ ئوغلۇمنى ئاپىرىپ بىللە <<ئويناپ>> كىلەمىز دېسەم، بۇ خىل تەربىيە ئۇسۇلىنى توغرا كۆرىدىغان ئاتا-ئانىلار چىقمىغانمۇ قانداق، بالىلىرىنى ئاپىرىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تايىنى بولمىغاچقا بۇ پىلان ئارزۇ پېتىچە قالدى. بەلكىم 10 دىن ئارتۇقراق بالىلار بولغان بولسا باشلاپ كېتەر بولغىيدى. بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلارغا تەشۋىقات يېتەرسىز بولدىمۇ يا باشقا سەۋەب بارمۇ، بۇ ئىش قوللاش يىتەرلىك بولمىغان سەۋەپ رىئاللىققا ئايلىنالماپتۇ.
تۈرك كىنولىرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن تۈركچە ئۈگۈنەي دەپ نىيەت قىلىپ بەلنى باغلىسام گۈلەننىڭ باشلىۋالغان تۈرك تىلى سىنىپىغا بىرە يېرىم ئاي بولغاندەك. بالىلارنىڭ كەيپىياتى شۇنداق جۇشقۇن. لىكىن مەن بۇ سىنىپنى يېڭىدىن باشلىغاندا ئوقۇساممىكىن دەپ بىر كۈن بىرىپلا توختاپ قالدىم.

ھازىر ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان تۈرك تىلى دېگەن كىتابنى ئانچە - مۇنچە كۆرۈپ قويىۋاتىمەن.
مېنىڭچە نۇرخان مەكتىۋىنى تەخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلسا بولغۇدەك. ھەر قانچە ئوبدان نەرسىنىمۇ كىشىلەر تونىمىسا قىممىتىنى ھېس قىلالمايدۇ.
