رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىختىسادىي كىرزىس ھەققىدە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئىختىسادىي كىرزىس ھەققىدە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

تادۇ 2011-09-04 13:49

ئىختىسادىي كىرزىس ھەققىدە

ئىختىسادىي كىرزىس دىگەن بۇگەپ پەيدا بولغاندىن بىرى ئاددىي تۇر مۇشىمىزغا مەلۇم دەرجىدە تەسىرى بولدى.گۆش ئۇسۇپ بىر قازان پولونىڭ ئاددىي مىھماندارچىلىقتىمۇ، گوش ياغ سەۋزە گۇرۇچ گاز بۇلۇپ يۇز كوي ئەتراپىدا تۇۋىقى ئىچىلىدىغان بولۇپ كەتتى. يۇرتىمىزنىڭ گۆشلىرى يىتىشمەي تىتىمايدىكەن دىگەچ ،ئىچكى مۇڭغۇل، نىڭشا،شىزاڭنىڭ قويلىرىنىمۇ يەپ بۇلاي دىدۇق.ئۇلاغلىرىمىزغا ماي قۇيىدىغىنى ئىغىر كۆرۇنۇپ، توكلۇقنى ئالماشتۇرايلىمىكى دىسەك ئۇمۇ ئۆسۇپتۇ.ئۆي سىلىشنىڭ گىپىنى قىلغىلى بولمايدۇ.بىر ئائىلىنى قامداش ئۇچۇن خىزمەتچىلەرگە تۇۋەن ھىساپتا ئايدا ئۇچ مىڭ كۆي،دىھقانلارنىڭ بىر يىللىق خاتىرجەم تىرىقچىلىقى ئۇچۇن ئىككى مويەرگە ئۇغۇت ئۇرۇق سۇ ماشىنا چىقىمى ۋاھاكازالار بۇلۇپ،مىڭ كوي ئەتراپىداچىقىم بىلەن يۇرىشىدۇ. مۇشۇ ھىيتنى مىساللىساق،سودىلىرىمىزدا ئىنساپ قالمىدۇ؟ياكى مالنى كەلتۇرشى شۇنداقمۇ؟بىرگە ئىككىنى قاتقاندەك، ئاز ئازدىن ئىلىپ خىرىدا تىپىشنىڭ ئورنىغا خىرىدا كەلگەندە يۇلۇپ ئىلىشنىڭ بازىرى چىققاندەك. ما ئىشنى قىلسا پايدا ئالغىلى بۇلدىكەن دىگەن ئۇچۇرلارمۇ كەملەپ كەتتى.ئىلىپ ساتقانغا قارغاندا،ئىلىپ تاشلاپ قويغاننىڭ پايدىسى زوردەك. ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ ئالدى گۇل ،كەينى تىكەن دەپ ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ.بۇ ھالمۇ ھىسلىرىمىزغا، پەزىلەتلىرىمىزگە، خىسلەتلىرىمىزگە ، ئىنساپلىرىمىزغا كۇچىنى كۆرسەتمەكتە..
ئوقىغان ۋاقىتلىرىمدا تارىخ مۇئەللىمىمىزنىڭ ياۋرۇپادىكى سانائەت بورھانى، يەنى زاۋۇتلار مەسھۇلاتنى پىلان بۇيىچە ئىشلەۋەرگەچ، ئالغىلى ئىشلەتكىلى خىرىدار يوق.يۇز بەرگەن بورھان ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇرۇش،بۇنىڭغا قارتا بازارغا قاراپ ئىشلەيدىغان بازار ئىگىلىكىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدىكى دەرىسلىرىنى ئاڭلايتتۇق.ئاردىن ئايغا چىقىش دەۋرى، ئۇچۇر‹تىلفۇن›دەۋرى،كومپىيتۇر دەۋرى،لۇپاڭ دەۋرى دىيىشىپ ھازىر مۇرەككەپ دىنا دەمدۇ بىر دەۋىرلەرنى باساباسماي، ئىختىسادىي كىرزىس دەۋرى قارا سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ.ئەسلىدە ئارزۇيۇمىز  بۇيىچە 21-ئەسىردە نىسىۋىمىزنى پەن تەخنىكىغا تاينىپ موللاشتۇرۇشىمىز كىرەك ئىدى.بىراق بۇ رەڭدارلىقتا سۆكىدىكى بوغداينى ساندۇقتا ياخشى ساقلاشنىڭ ئۇزى، بەزىدە ياخشى چارە ئىكەنلىگىنى بىزە ئويلاپمۇ قالىمەن.گال كىيىم ئۆي ئۇلاق مۇشۇنداق قاتار بۇيىچە ماڭىدۇ ئەمەسمۇ؟قوساق توق كىيىم پۇتۇن بولسا، ئاندىن لۇپاڭغا چىقىۋالساق،يىغىپ تۇشەپ ماشىنلىق بولساق دەپ خىيالىمىز شۇ.
ھازىرقى ئۇشبۇ ئىختىسادىي كىرزىسقا كەلسەك ،ئامرىكىنىڭ ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرزى يەنى،قەزىگە ئالغان مالنى چىنەپ تۇرۇپ يەنە قەرىز ئىلىشى ۋە ياۋرۇپادىكى قىزىل رەقەمنىڭ ئىشىپ كىتىشى يەنى قويمىچىلىقنىڭ ،قەرىزگە ئويناشنىڭ قاملاشماسلىقى تۇپەيلىدىن دۇنيا ھەقىقەتەن ئىختىسادىي كىرزىسقا پىتىپ قالدى. بۇنىڭغا نىجاد ئەھمەدنىڭ قەغەزگە نىفىت تىگەشمەيمىز دىگەن بىر ئىغىز سۇزى ئوبدانلا بانا بولدى بولغاي.كىرزىسنىڭ قاچان تۇگەيدىغانلىقى،قانداق تۇگەيدىغانلىقى،شۇنداقلا چارىسى توغرىسىدا تىخىغىچە ئىنىق مەلۇمات يوق.
ئادەمنىڭ ياشىشى ئۇچۇن تۇپراق يەنى ئۇزۇقلۇق.  ئوت- ئىسسىقلىق تىمپراتۇرا.  سۇ- ئىچىدىغان سۇ نەملىك.  ھاۋا-نەپەسلىنىدىغان ئوكسىگىن.دىن ئىبارەت تۆت شارائىت زۇرۇل بولغانغا ئوخشاش.ئىنسان جۇملىدىن ئىنسانىيەت روھىيتىمۇ گۇللەپ ياشنىشى ئۇچۇن بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت ئاناسۇر تۆت تادۇنىڭ تۇزۇشىگە مۇھتاج بۇلىدۇ .
قۇتادغۇبىلىگدە بەخىتنىڭ‹بىلىشنىڭ› پەزىلىتى- مۇرادىغا يەتكۇزۇش، قۇسۇرى- يىڭىلىق. كىسىلى –تۇراقسىزلىق،  داۋاسى-چىڭ تۇتۇش دەپ يەكۇنلەنگەن.مۇشۇ قىتىمدىكى بىز چوڭ سانا ۋاتقان ئامرىكىنىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتىگە تۇتقان پۇزۇتسىيەسى، پىيىنىڭ بۇشاۋاتقانلىقىنى ھارغىنلىق يەتكەنلىكىنى بىشارەتلەپ قويدى. بەخىتنىڭ تۇراقسىزلىقى.....مۇشۇدە، تىز كىلىپ تىز قاچىدۇ. باقاسى يوق، بىردەم ئۇياقتا ، بىردەم بۇياقتا.
تادۇنىڭ كەتمەن چىپىشىچە، ئاساسلىقى، ۋەدە شۇ، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىغاننىڭ دەردى شۇ دەپ.چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشكە كۇنۇش،‹بۇنى بايلار بىلەلەيدۇ›بولمىسا ئەپلەپ سەپلەپ شۆھرىتىگە تايىنىپ قەرزى قىلىش ئىختىسادىي كىرزىسنىڭ چوڭ بىر  سەۋەبى دەپ ئويلايمەن.ئادەم دىگەن شۇنداق نىمە،بۇرۇنلاردا چايغا نان چىلاپ، ياكى زاغرىغا قىتىق مىلەپ ،جاپادايۇرگەن كىشى ،ئازراق باي بولغاندىن كىيىن مەئىشەتكە كۇنۇپ قالىدۇ.پۇل تاپقان چىغىدا مەئىشەت ياراشقان بىلەن، كىرىم يوق چاغلاردا مەئىشەتتىن مىھرىنى ئۇزەلمەيدۇ، تاشلىيالمايدۇ.‹غەرىپ دۇنياسىدىكى ئايىغى يوق نامايىشلار، دەل مەئىشەتكە پايلىيالمىغانلىقىدىن بولغان ›شۇنداق قىلىپ ئاستا ئاستا سىزىپ كىتىدۇ.خۇددى ئوغاق ئاي تۇلۇپ،يەنە ئاستا ئاستا ئوغاققا ئايلانغاندەك. زىيادە مەئىشەت ۋە ئۇنىڭدىن كىچەلمەسلىك دۇنيانى يەپ كىتىۋاتىدۇ. ھەممىنى يەر تىگىدىن چىققان تاش دەپنىلەر بىلەن پاكىتلىمىساقمۇ، بىشىمىزغا چۇشكەن ئاپتاپتىمۇ،كۆز ئالدىمىزدىكى ئۇزىمىزدىكى ئەمىلىيەتتىمۇ نۇرغۇن ھەقىقەت بار.
ھازىردۇنيا مەدىنىيتى ئادىللىققا قارغاندا ياخشىلىقنىڭ ئۇنىمى كۇرۇلۇپ ، ياخشىلىقنى چىللاۋاتىدۇ.ياخشىلىق ھەممە يەردە ئۇنىۋاتىدۇ. ئىختىسادتا بولسا ياخشىلىق دەۋرى ئاياقلىشىپ تەقۋادارلىق دەۋرىنى پۇراۋاتىدۇ.ياۋرۇپا مەدىنىيەت گۇللىنىشىنى‹ئىختىراچىلىقنى› بىلىش دىسەك، شۇ گۇللىنىشتىن كىيىنكى 3 قىتىملىق دۇنيا ئۇرشى ئادىللىقى ‹قۇرال ياساش قۇرال تەرەققىياتىنى كۆرسەتسە›. ھازىرى ياخشىلىق ‹كومپىيۇتۇر سودا تىلىفۇن› باسقۇچىدا تۇرۋاتىمىز.ياخشىلىقتىن كىيىن تەقۋادارلىق كىلىدۇ.
رابات ئۇغۇزنىڭ قىساسۇل ئەنبىيادىكى يۇسۇپ زۇلەيخا قىسسى دەل تەقۋادارلىق دەۋرىنىڭ بىر كۆرنىشى. شىئەلەر كىنو قىلىپ ئىشلەپمۇ ئۇلگۇرۇپتۇ.ئۇنىڭدىكى يەتتە باشاقلىق سىمىز بۇغداينى،ئۇرۇق يەتتە باشاق بوغداينىڭ يەپ كەتكەنلىكى، ئاندىن پاتقاقتىن چىققان يەتتە ئۇرۇق كالىنىڭ يەتتە سىمىز كالىنى يەۋەتكەنلىكىدەك پادىشاھنىڭ چۇشگە، يۇسۇپ ئەلەيھى سالامنىڭ بەرگەن تەبىرى، ئاخىردا بىرىپ ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ‹ئاللاھ خالىسا ھەقنى مۇنداقمۇ رۇياپقا چىقىردىكەن›.بۇيەردە شۇنداق بىر قاراش بار. چۇش تىكى مەنا ئىككى يەنى كالا ۋە بوغداي،بىراق تەبىر بىر. ئۇنداقتا كالىغا قانداق تەبىر بەرگۇلۇك؟

كالا شۇنداق گۇشى كۇچى سۇتى بار، قارنى يامان بىر مەخلۇق. دۇنيا ئىختىسادىنى ئالدىغا ماڭدۇرىدىغىنى روھىيىتىگە قىياسلىساق، يىڭىلىق قانۇن مەبلەغ ئىھتىياج بۇلاۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە يىڭىلىق بولغاندا،ئۇنىڭغا مۇناسىپ توغرا تەدبىر بىلەن مەبلەغ سىلىنسا،ئىھتىياج سىتىۋىلىپ ئاندىن پايدىغا ئايلىنىدۇ. جىسمىنى قىياسلىساق  ئالتۇن پۇل نىفىت ئاش تەڭشەۋاتىدۇ.ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى كالا؟ قەدىمقى يەھۇدىيلار زىبۇ زىننەتتىن ھاڭرايدىغان كالا ياسىغان بۇيەردە كالىنى ئالتۇنغا ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ.ھازىرقى خار بازىرى يەنى دۇنياۋىي پايچەك بازىرى ئالدىدا كالا ھەيكىلى بار، پۇلغا قىياس قىلىش مۇمكىن. تەقۋادارلىق تىپىدىكى ھىندىلار كالىنى ئۇلۇغلايدۇ ئاشنى كۆرسەتسە كىرەك.
مىنىڭچە سۇ خۇسيەتتىكى نىفىت،چۇشتىكى كالا رولىنى ناھايتى ياخشى ئالالايدۇ. نىفىت پاتقاقتىن چىقىپ كۇچ ھاسىل قىلىدۇ.ئىسىنىشقا ، يامىنى كەلسە يىگىلى، ھەم قالغان ئۇچىنىڭ ئورنىدا تىگەشكىلى بۇلىدۇ. بوغداينى باشاق بىلەن ساقلىغانغا ئوخشاش .نىفىتنى خام نىفىت ھالىتىدە ساقلىغىلى بۇلىدۇ.يەنە كىلىپ يەتتە كالىغا ئوخشاش سىمىز دۆلەتلەرنى نىفىت ئىستىمالى يەپ كىتىۋاتىدۇ. بەلكىم ئىختىسادتىكى بۇ تەقۋادارلىق قىش پەسلىنىڭ ھايات ماماتىنى خام نىفىت بەلگۇلەيدۇ. ياكى ئىككىنىڭ تەبىرى بىر بۇلۇپ باشاقلىق بۇغداي بەلگۇلەيدۇ.ئالتۇن بىلەن پۇل بەلگۇلىمەيدۇ.ھەممىنى بىلگۇچى ئاللاھ. ئەلۋەتتە بىزگە نىمە چارى ھەم نىمە كارى ؟ مۇشۇنداق بىر كىرزىسنىڭ يۇز بەرگەنلىكىنى، ئىسراپچىلىق ،گۇناھ مەسىيەتلەرنى تۇگەتمىسەك بولمايدىغانلىقىنى بىلسەكلا كۇپايە.

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن سودا مىللىتى ، يىپەك يۇلى بۇنىڭ گۇۋاچىسى. بۇيولنىڭ تەلىمىنى ئۇيغۇرلار بىلىدۇ.بۇيول ئۇيغۇرلارغا مۇھتاج ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ ئۇزگە مۇناسىپ ھۇكىمى بۇلىدۇ.

ئەلۋەتتە سۇزۇمنى تادۇ كاللىسى بارلارغا ئىيتتىم.


قۇتادغۇ بىلىگ ۋە قىساسۇل ئەنبىيادىن پايدىلىنىلدى.


orkex 2011-09-04 22:28
<<سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق ، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق >> دەپ قەدىمدە توغرا ئېيىتقان ئەقىل -پاراسەتلىك ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىز .
توۋااااااااااا... ئەرەپ ئەللىرىدە نىفىت ، ئىنىرگىيە مول ، تېىخنىكا ، يېڭىلىق يارتىش روھى كەم، ئەكسىچە ، غەرپ ئەللىرىدە ئىنىرگىيە بايلىقى كەم، بىراق يېڭىلىق يارتىش روھى ۋە تېخنىكىغا باي ...ھەي تەڭشەلگەن جاھاننننننننننننننننننننننن... ...

ayaz 2011-09-04 22:46
تادۇ ئەپەندى ۋەزىيەتنىغۇ  ياخشى كۈزىتىپسىز يازغانلىرىڭىزنى ئويلىنىىپ بىقىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .  
ھازىرقى ۋەزىيەتتە پۇلى بارلار بىلەن پۇلى يوقلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە پەقەت بىرلا ئوخشاشلىق بارمىكى دەپ ئويلايمەن . ئۇ بولسىمۇ ھەر ئىككىلىسى پۇل يەتكۈزەلمەي پۇلنىڭلا كويىدا يۈرۈش .
ئوخشىماسلىقىنى ئەلۋەتتە ھەممىمىز بىلىمىز .

تادۇ 2011-09-05 11:12
نىفىت ئىستىمالى ، نىفىتكە تايىنىشنى ئويلىسا ئادەم چۇچۇيدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا ھازىرقى دۇنيا ئىختىسادىنى بىر ئۆيگە ئوخشاتساق، نىفىت دەل قىشلىرى دىيىشكە بۇلىدۇ.شۇنداقلا ئۇزىقى.. مەسلەن ؛ ئىختىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن كۇپۇنچە ئۆي مۇلۇك بىلەن ماشىنا ئىچكى ئىھتىياجنى كۇچەيتىدۇ. ئۆيگە گاز بولمىسا، ماشىنىغا ماي بولمىسا، ياكى قىممەتلەپ كەتسە،ئىختىساد تەتۇر ماڭىدۇ.

تادۇ 2011-09-05 12:14
تەقۋادارلىق زامانىنىڭ  بىلىشى تۇپراق.يەنى يۇز ئالتە ئىلمىنىتنىڭ بايقىلىشى، ئىجادىيەتنىڭ يىڭىلىق يىڭى تەمنىڭ دو سورىشى.تۇپراقنىڭ كۆپلەپ قىزىلىشى بۇنى ئىپادىلىسە.ئادىللىقى ھاۋا ، ھاۋا ئۇرىشى.  ياخشىلىقى سۇ،يەنى نىفىت ياكى سۇ ئۇستى تەرەققىياتى دىسەك. تەقۋادارلىقى ئوت،مىنىڭچە بۇيەردىكى ئوت ماتۇر دىكى ئوت بىلەن ئۆيدىكى ئوتنى كۆرسىتىدۇ.مۇنداقچە دىگەندە ئىنسانىيەتنى ئوت ياۋىشىتىدۇ. ھەم بەلگۇلەيدۇدىگەنلىك.
تەقۋادارلىق دىگەندە چىن نىيەتتىن ئەسلەش، ئىبادەت قىلىش بوي سۇنۇش، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ. ئىنسان شۇنداق خام نەرسە ئازراق ئاسايىشنى كۆرسە ئۆز ئىجتىھاتىم بىلەن بولدى دەپ چوڭچىلىق قىلىدۇ. خاپىلىق يەتكەندە ئاللاھنى ئەسلەيدۇ.تەقۋادار بۇلۇپ كىتىدۇ.ئىختىساد تەرەققى قىلغان بىلەن ئىنساننىڭ روھىيىتى قاغجىراپ كەتتى. بارا بارا ئىنسان روھىيىتى بازارلىق بۇلىدۇ.مۇشۇنداق تەڭشىلىدۇ.يەنى پاتقاقتىن چىققان ئۇرۇق كالا سىمىز كالىنى يەپ نامىراتلىق چىللايدۇ، بۇنامراتلىق روھىيەتنى بازارلىق قىلىدۇ. بايلارغا قارغاندا نامراتلار تەقۋادار كىلىدۇ. غەرىپ ئەللىرىدىكى كۇنسايىن يىتىلىۋاتقان ھەقىقەتنىڭ مەنبىيى ھىدايەت شۇنداقلا ئىختىسادنىڭ چىكىنىشىدىن كىلىپ چىققان نامراتلىق دەپمۇ قىياس قىلىمەن.

مۇھىت ياخشى ئەمەس پىكىر لىرىم چىچىلاڭغۇ ئەپۇ قىلغايسىزلەر.

akidada 2011-09-06 23:26
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تورداشلار  !
تادۇ  ئەپەندىم  مۇنبەردە مۇزاكىرە قىلىشىپ ، بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ياشخى تىمىدىن بىرنى يوللىغىلى ئىككى كۈندىن ئاشتى . يوللانغان ئىنكاس ئاران بىربەت . ئىقتىساس ئىگىلىرىمىز ئالدىراشمۇ ياكى ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە تازا قىززىقىپ كەتمەمدۇق . گۆشنىڭ پارچە باھاسى ئەللىك يۈەنگە چىققىلى تۇردى ، گۆشسىز تاماقلىرىمىز ئوخشىمايدىغان بىزدەك بىر مىللەتكە نىسپەتەن ، بۇبىر كىرىزىشنىڭ باشلىنىشىمۇ قانداق ؟  ئىقتىسات بولمىسا ھىش ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ بۇرادەرلەر . ئاش قوساقتا قوساقنىڭ غىمىدىن باشقا نىمىنى ئويلىغىلى بولىدۇ .
    بەلكىم بۇتىمىنى قىززىقىپ كۆرۈۋاتقانلار  بەك جىق بولىشى مۈمكىن . بىراق قانائەتلىنەرلىك بىرە ياخشى ئىنكاس يوق . بىشىمغا كۈنچۈشتى بارار جايىم يوق ، چۈنكى مەن يىتىم بالا .

taxbalik 2011-09-08 12:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئقتىزادى كىرزىسنى تادۇ ئەپەندىم . تادۇ كاللىسى بارلارغا ئېيتتىم دەپ يازمىسىدىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈپتۇ . شۇڭا تورداشلار ئالدىراپ پىكىر قاتناشتۇرمىغان بولشى مۇمكىن ، ئقتىزادى كىرزس ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تادۇ ئەپەندىم ئىقتىزاد دىگەن نىمە؟ كىرىزىسچۇ؟ ئىقتىزادى كىرىزس دىگەنچۇ ؟ بۇ ئۇقۇملار قاچان قەيەردە پەيدا بولغان ...مۇشۇ مەزمۇنلارنى چۆردىگەن  ئاساستا ئالدى بىلەن چۈشەنچە بىرىپ ئۆتۋەتكەن بولسا تىما تىخىمۇ مۇكەممەل بولغان بولاتتى دەپ قارايمەن . ئىقتىزاد ، كىرزىس، ئىقتىزادى كىرزىس دىگەن سۆزلەرنى خەلقىمىز تىلقاناللاردىن ۋە ھەرخىل تەشۋىقاتلاردىن كۈندە ئاڭلاپ تۇرساقمۇ بۇ ئابىستىراكىتىنى چۈشەنچىنى تولۇق چۈشۈنۈپ تەپەككۇر قىلدىغانلار يەنىلا ئىقتىزاد شۇناسلار بولشى مۇمكىن.      ( ئەلبەتتە كۆپلىگەن زىيالىلارمۇ ھىس قىلالىشى مۇمكىن) تادۇ ئەپەندىم قۇتاتقۇ بىلىك ۋە قىساسۇل ئەنبىيادىن پايدىلانغاندىن سىرىت خەلقئارا ۋەزيەتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان شۇڭا بۇ تىمىدا ئىقتىزادى كىرزىس ھەققىدە ئوقورمەنلەرگە چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ بىرەلمىگەن .

parasatjan 2011-09-08 23:01
ئەمدى تارىخ قايتىلىنىپ،كۈرۈشكەندە  吃饭了没有دەپ كۈرۈشكىدەكمىز-دە.ئاران قۇساق توق،كىيىم پۈتۈن بۇلۇش ئەمەلگە ئاشقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا ،مال باھاسىنىڭ جۇملىدىن يىمەك -ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەندىشىگە سالىدۇ.

zulpehar 2011-09-13 21:14
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن سودا مىللىتى ، يىپەك يۇلى بۇنىڭ گۇۋاچىسى. بۇيولنىڭ تەلىمىنى ئۇيغۇرلار بىلىدۇ.بۇيول ئۇيغۇرلارغا مۇھتاج ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ ئۇزگە مۇناسىپ ھۇكىمى بۇلىدۇ

adiyat 2011-09-13 22:23
باش  كۆتۈرۋاتقان ئەرزان باھالىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى دۆلىتى ئىنىرگىرىيەگە مۇھتاج،
ئىنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى كۆپۈيۋاتقان نوپۇس
ئەرزان باھالىق ئىشەنچلىك سانائەت مەھسۇلاتىغا مۇھتاج.  
دىڭىزدىكى ۋە ھاۋادىكى كۈچۈيۋاتقان ئىگىلىك تالىشىش كۈرىشى ۋەيۇقارقى ئىككى تەرەبنىڭ دىڭىز ۋە ھاۋادىكى پاسسىپ ھالىتى  قۇرۇغلۇق تىرانسىپورتتىنى يىڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاندىن بۇئىككى تەرەبنىڭ ئۈچۈنجى دۇنياغا تەۋەلىكى ۋە ئورتاق رەقىبكە ئىگە بولۇشتەك تەغدىرى بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرسىگە سەمىمى  بولۇشقا، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشقا  كۆندۈردۇ.
دىمەك يىپەك يولىغا كەلدۇق.
قالدى گەپلەرنى يەنە  دىيىشىمىز...

karabora 2011-09-19 16:06
بۇگۇندئن باشلاپ ھەرقايسى ئەزالار !
2222-ييلى-2ئاينىىڭ 14-كۇنى -  ھەرقايسى ئەزالارغا چوڭ يېغىن بار .
بۇي يېغىنغا يالغۇز كەلگەنلەر بىردەك ئېتىپ تاشلىنىدۇ.
بۇ يېغىنندا توھپىسى بارلانى ب د ت غا ئاپىرىپ 15 كۇن ئاتىمىز ،
شۇڭا مىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە چوڭ مۇكاپات بار ، مۇكاپات سوممىسى ،
ئىزدەپ تاققا چىقىڭ ،تاپالمىسىڭىز باققا كىرىڭ،

nimjan 2011-10-02 15:19
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىzulpehar يوللىغان 2011-09-13 21:14 غا قارتىلغان  :
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن سودا مىللىتى ، يىپەك يۇلى بۇنىڭ گۇۋاچىسى. بۇيولنىڭ تەلىمىنى ئۇيغۇرلار بىلىدۇ.بۇيول ئۇيغۇرلارغا مۇھتاج ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ ئۇزگە مۇناسىپ ھۇكىمى بۇلىدۇ

ئۇيغۇرلارنىڭ سودا مىللىتى ئىكەنلىكى تارىخ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئانداغ ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرنىڭ سودا ئېكولوگىيەسى بەك ئاجىز، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە مەبلەغنى بىرىكتۈرۈپ چوڭ سودا گۇرۇھلىرى، مالىيە گۇرۇھلىرى، مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرى بولۇپ ئۇيۇشالمىدى، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا سودا ئېكولوگىيەسىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنىلا ئىدىيەنى ئازاد قىلمىقى زۆرۈر!


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىختىسادىي كىرزىس ھەققىدە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.039803 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us