رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «مەكتەپ» ۋە ئۆمۈر --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر] -> «مەكتەپ» ۋە ئۆمۈر [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

lopnuri 2011-09-02 00:47

”مەكتەپ“ ۋە ئۆمۈر
 
 
 
ئۆزۈم 20 نەچچە يىلىدىن بېرى مەكتەپ ئەتىراپىدا قاتىراپ يۈرگەچكىمۇ،مەكتەپ تۇرمۇشى ھەققىدە كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.شۇڭا بۈگۈن مەكتەپ ۋە مەكتەپ ھاياتى ھەققىدىكى ئاددى پىكىرلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچى.مەكتەپ-ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت-مائارىپ،پەن-تېخنىكا ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل ھۈنەر-كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس ئوقۇتۇپ تەربىيلەپ،ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە مەلۇماتلىق قىلىدىغان ئورۇن.مەكتەپ ھاياتى ئادەمنىڭ ئۆمۈر بەتلىرىگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە سەھىپىلىرىنى قالدۇرغۇچى،ياشلىقتا باشتىن كەچۈرگەن قىزىقارلىق،ئەھمىيەتلىك،تەسىرلىك ھەتتا بەزىدە بىمەنە كەچمىشلەرنىڭ شاھىدى.نۇرغۇن كىشىلەر“ئادەم مەكتەپتىن ئايرىلغاندا ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشنى ئاياقلاشتۇرۇپ جەمىيەتكە قەدەم قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن<ئوقۇغۇچى>دېگەن نام<خىزمەتچى>دېگەن نامغا ئالمىشىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمىلىيەتتە بىز بۇ دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈك ئوقۇغۇچىلىرى. كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان رەڭگارەڭ دۇنيا،گۈزەللىك ۋە رەزىللىك بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان جەمىيەت،خوشاللىق بىلەن قايغۇسى قوشكېزەك تۇرمۇش بىز ئۈچۈن توختىماي تەنبىھ ۋە تەربىيە بەرگۈچى،تەجىرىبە ساۋاقلارنى ئۆگەتكۈچى بىر مەكتەپ.ئالدىنقىسى بىلەن كىيىنكىسى قۇرۇلما ۋە يۈرگۈزىلدىغان ئۇسۇل جەھەتتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ،خاراكتىر جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش.
بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان تەبىئەتنىڭ،كۆزىمىز كۆرىۋاتقان جەمىيەتنىڭ،جاپاسى ۋە ھالاۋىتىنى تەڭ تارتىۋاتقان تۇرمۇشنىڭ سىرلىرى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى،ئۆگەنگۈچى،بۇ ھەقتە توختىماي تۈرلۈك سۇئاللارنى سورىغۇچى.بىز مەنىگە تولغان ھاياتىمىزنى ئالدىنقىسى بىلەن باشلاپ،كىيىنكىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.بىز بۇ مەكتەپلەرنى پەقەت“مامات“دىن ئىبارەت بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كىيىنلا پۈتتۈرەلەيمىز.ئەزراھىل قولىدا تامغا بېسىلغان دېپلۇمنى كۆتۈرۈپ كەلگەن چاغدىلا بۇ ”مەكتەپ“تە قانداق ئوقۇپ،قانچىلىك نەتىجە قازانغىنىمىزنى بىر دەقىقە ئىچىدە ئويلاپ يىتىمىز-دە،“مەكتەپ ھاياتى“مىزدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىمىز.
ھېلىغىچە شۇنداق ئېسىمدە تولۇقسىزغا ئەمدىلا چىققان ۋاقتىمدا بىر قېتىملىق تاسادىبى ھادىسىگە ئۇچىراپ ئامان قالدىم.قولۇم ئاۋال تەگسىمۇ،ئەڭ ئالدى بىلەن يۈرۈگۈمگە ھوجۇم قىلغان توك ئىقىمى ھاياتىمنىڭ ماتام مۇزىكىسىنى چېلىپ ئۆتتى.لىكىن مەن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بۇ قېتىم مەن ھايات قالدىم.لىكىن توك سوقىۋەتكەن ئەنە شۇ بىر نەچچە دەقىقە ئىچىدە 10نەچچە يىلدا قىلغان ئەتكەنلىرىم،ئەتىراپىمدىكى مەن تونۇيدىغان ھەر بىر كىشى نۇر تېزلىگىدە كۆڭۈل ئېكرانىمدىن ئۆتۈپ بولغان ئىدى.مەن شۇ چاغدىلا ئادەم مەيلى يۈز نەچچە ياشقا كىرسۇن ۋە ياكى 10نەچچە ياشقا كىرسۇن ئەزرائىل يوقلاپ كەلگەندە ھەر ئىككىلىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا“ئۆمۈر خۇلاسىسى“نى يېزىپ تاپشۇرىشى كېرەك ئىكەن دېگەن يەكۈننى چىقاردىم. بۇ قېتىم ھاياتنىڭ ماڭا كەڭچىلىك قىلىشى مېنىڭ تېخى ئۆمۈر دەپتىرىمگە تۈزۈك چىكىت قويمىغانلىقىمغا بولغان ئەپسۇسلىنىشىدىن،ئىچ ئاغىرتىشىدىن بولغان بولىشى مومكىن.بۇ بەلكىم ماڭا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولىشىمۇ مومكىن.چۈنكى، بىز بۇ زىمىنغا ئادەم سۈرىتىدە بارلىققا كەلدۇق،ئادەمدەك تەپەككۇرغا،ئادەمدەك ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە قىلىندۇق.ئادەم ئادىمىيلىكى بىلەن ياشىشى كېرەك.شۇڭا مەن ھەر بىر دەقىقەمنى قەدىرلىشىم،ئىككىنچى قېتىم ئېرىشكەن ھاياتىمنى مەنە گۈللىرى بىلەن بېزىشىم كېرەك. شۇنداق!پەيتى كەلگەندە،بەزىلىرىمىز“مەكتەپ تۇرمۇشى“نى قەدىرلىمەي ئۆتكۈزىۋەتكىنىمىز ئۈچۈن ئۇھ تارتقان ھالدا  “دېپلۇم“نى قولىمىزغا ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.بەزىلىرىمىز“مەكتەپ پەسلى“مىزدىن چېچەك ئېچىپ مىۋە بەرگەن ئۆمۈر مۇساپىمىزنى ئەسلەپ ئەزرائىل تەڭلىگەن“ئاخىرەت دېپلۇمى“نى خوشاللىق بىلەن قولىمىزغا ئالىمىز.
ئېسىمىزدە بولسۇن ھەر ئىككى مەكتەپنىڭ بىزدە قالدۇرغان ئۆتمۈشى بىزنىڭ ئەسلىشىمىزگە،ياد ئېتىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.ھەر ئىككى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئۆمۈرىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىمىز.بۇلاردىكى پەرق شۇكى،ئالدىنقىسىدا يازغان خۇلاسىمىز بالدۇر،يۈزە،قىسقا،بالىلارچەبولىدۇ.كىيىنكىسىدە يازغىنىمىز ئەتىراپلىق،پەلسەپىۋى پىكىرگە تويۇنغان،تەجىربىلەر ئاساسىدا يەكۈن چىقىرىلغان،مويسىپىتچە بولىدۇ.بۇلاردىكى ئايرىلماس مۇناسىۋەت شۇكى،ئالدىنقىسى كىيىنكىسىنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ.ئالدىنقىسىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق ئارقىلىق چېچەكلەتكەن دەرەخلىرىمىز،كىيىنكىسىدە غەلبە مىۋىلىرىنى بېرىدۇ.
ھايات بىر-بىرى بىلەن مەھكەم چېتىلغان زەنجىر.بۇ زەنجىرنى تەشكىل قىلغان بۆلەكلەرنىڭ ئىنچىكە-توملىقى،بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بىزنىڭ“مەكتەپ پۈتتۈرۈش خۇلاسە“مىزنىڭ خام ماتىرىيالى.بۇ زەنجىرنى نىمىدىن سوقۇش،قانداق سوقۇش ۋە قانداق ئۇلاش بۇ خۇلاسىنى يېزىشىمىزنىڭ ئىلھام مەنبەسى.بۇ زەنجىرنىڭ نىمىنى باغلاشقا ئىشلىتىلگەنلىكى،كىملەرگە ئاسانلىق،كىملەرگە پۇتلىكاشاڭ تۇغدۇرغانلىقى خۇلاسىمىزنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى.بۇ زەنجىردىكى ئۈزۈلۈپ قايتا ئۇلانغان جايلار مەغلۇبىيەت بىلەن ھەمنەپەس بولغان.يېڭىدىن داۋاملىق ئۇلىنىپ تۇرغان جايلار غەلبە بىلەن قول تۇتۇشقان چاغلىرىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى.ئەلۋەتتە دۇنيادا ھايات زەنجىرى كەم-كۈتسىز ھالەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغانلار يوق.ھاياتلىق زەنجىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قايتا ئۇلانغانلارمۇ يوق.بىز ياشاۋاتقان مەزگىلدە زەنجىرىمىز پەقەت“دەز كېتىش-پاياتلاش-يېڭىسىنى ئۇلاش“شەكىلدىكى ھالەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ.زەنىجىرىمىزگە كەتكەن ھەر بىر دەز،پاياتلانغان ھەر بىر ئورۇن،يېڭىدىن ئۇلانغان ھەربىر ھالقا ھاياتىمىزنىڭ مەنە ۋە مەنىسىزلىك ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن كۆرەشلىرىنىڭ مەسئۇلى.بۇ كۆرەش پەقەت ھاياتلىق زەنجىرىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەندىلا ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ.
ئەمدىلا توغۇلغان بوۋاقنىڭ كاللىسىدا تېز چوڭ بولۇش،چوڭلارغا ئوخشاش ئۆزى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى بېكەتلىرىگە قەدەم قويغان كىشىلەر بولسا ۋاقىتنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئادەم پۇلغىمۇ،يېمەك-ئىچمەككىمۇ،كىيىم-كېچەككىمۇ،ئابروي-ئىناۋەتكىمۇ،گۈزەل ئاياللارغىمۇ ھامان بىر كۈنى تويىدۇ.لىكىن ھاياتقا تويمايدۇ.يۈز نەچچە يىل ياشىغانلارمۇ،ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدىن چىقىش يولى تاپالماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارمۇ ھەم شۇنداق.مېنىڭچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلار دۇنيادا ياشاش ئارزۇسى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەردۇر.ئۇلار پەقەت“مۇئەللىم“تەرپىدىن  بېرىلگەن تەنبېھلەرنى توغرا قۇبۇل قىلالماي،“مەكتەپ“تىن بالدۇر قاچقان“ئوقۇغۇچى“خالاس.ئۇنىڭ بۇ“مەكتەپ“تە بەك ئوقۇغۇسى بار.لىكىن ئۇنىڭ ئارزۇسى ئاللىقاچان“مەكتەپ“تاملىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.“مەكتەپ“نىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالغان.
بىز ھازىر مەيلى قانچە ياشقا كىرەيلى؛قانچە ياشتا بولايلى،ھەر ۋاقىت“خۇلاسە“يېزىشقا تەييار ھالەتتە تۇرىشىمىز لازىم.خۇلاسىنى يازماي كېتەلمەيمىز،لىكىن خۇلاسە يازىدىغان كۈن بىزگە ئېنىق ئەمەس.بۈگۈن،ئەتە،ئۆگۈن قايسى كۈن يازىمىز؟بۇ بىزنىڭ بىلىش ۋە سېزىش ئىقتىدارىمىزدىن ھالقىغان.تەمتىرەپ قالماسلىق،ھودۇقۇپ قالماسلىق،بوقۇلداپ يىغلاپ قالماسلىق،ئۆمۈر خۇلاسىمىزنى ياخشى،سۈپەتلىك يېزىش ئۈچۈن يەنىلا“مەكتەپ“تە ياخشى ئوقۇشىمىز،گۈزەل ئەسلىمىلەرنى،شانلىق نەتىجىلەرنى قالدۇرشىمىز كېرەك.شۇندىلا بىز ھەر ئىككى ”دېپلۇم“نى ئۈنۋان بىلەن قوشۇپ ئالالايدىغان ئوقۇغۇچى بولالايمىز.مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ قىسقا،ئۆمۈرىمىز ئاتقان ئوق.بۇ ھەممىمىزگە ئايان ھەقىقەت.
ئاخىردا بۇ يازمامنى تۆۋەندىكى بىر كوپلىت شېئېرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇراي.
بالىلىقىم
قۇچقاچلارغا ئەگىشىپ،
چۈشۈمدىكى ۋەتەندە
باسماق قۇرۇپ كەكلىككە،
ئۆتۈپ كەتتى
ۋەللەيلەپ…..
 
ياشلىقىم
كۆچكەن بۇلاق كۆزىدە
شىلدىرلاشقا جۆر بولۇپ
ئاي يۇيۇنغان كېچىدە
ئۆتۈپ كەتتى
ۋۇجۇدىمنى ئەللەيلەپ….
 
قېرىلىقىم
مومام ئېيتقان چۆچەكتەك
يىتىپ كېلەر مۈكچىيىپ
بىر جۈملىنى
مىڭ قېتىملاپ ئەزۋەيلەپ……
 
قەدىرلىك دوستۇم يۇقىرقى شېئىردىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ تەييار بولدىڭىزمۇ؟تېخى تۈنۈگۈنلا تەمتىلىگۈچنى ئىتتىرىپ ئاران تەستە مېڭىۋاتقان ئىدىڭىز،مانا بۈگۈن ياشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدىڭىز،ئەتە چوڭلارنىڭ قاتارىغا قېتىلىشىڭىز مومكىن.ئۆگۈن….لەرنىڭ قاتارىدا يېتىشىڭىز مومكىن.مانا بۇ ھايات.مانا بۇ مامات.
«يۈسۈپ-زۇلەيخا» مۇھەببەت قىسسىسى راستمۇ

gül-kapitan 2011-09-02 13:17
ۋاقت –
دەبدەبىسىز ئۇزىتىلماقتا،
ياش يالتىراپ تۇرغان كۆزۈمدىن .
مەن بىرەلمەي ئاڭا ھېچنىمە ،
ئۇ يىراقلار ئاستا مېنىڭدىن .

توك سوققان شۇ مىنۇتلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقتىم،مەن بولسامچۇ قانداق قىلاتتىم،نە كويدا بولاتتىم دەپ ئويلا[ باقتىم..
ئۆمۈر خۇلاسەمنى يېزىشتىن قورقىۋاتىمەن،چۈنكى ماڭا بىرىلگەن بەتلەرنى گۈزەل قۇرلار بىلەن تولدۇرالماسلىقتىن قورقىمەن...

meyip-kiz 2011-09-02 17:22
خاتىرەمدىن ئۆتمەكتە شۇ تاپ بىر -بىرلەپ،
كۈلكىگە قايغۇغا لىق تولغان تكت يىل.

سىنىپمىز ئوخشايتتى بىر ئىللىق ئائىلىگە،
بولسىمۇ ئۈچ مىللەت ئوخشاشماس،ئۈچ تىل.





hakyol 2011-09-02 18:05
راست  ئېيتىسىز    .بىز  ھەردائىم  خۇلاسە  يېزىشقا  تەييار  تۇرىشىمىز  لازىم .بۇنىڭ  ئۈچۈن  تۇلۇق قۇراللانماي بولمايدۇ  .شۇڭا  تەۋسىيەم ؛-ھازىرنى چىڭ تۇتىشىمىز   لازىم  ،ئەتە  تېىخى تۇغۇلمىغان   ،تۈنۈگۈن كەلمەسكە  كەتكەن ،

apirida 2011-09-02 22:22
ھاياتلىقتا تىركىشىپ-تىرمىشىپ باقىدىكەنمىز ، ئويلىغان  -ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىدىكەن، ۋاقىت بولسا  بىزنىڭ رايىمىزغا ئەسلا باقمايدىكەن . ئەڭ مۇھىمى كەينىمىزدە قالغان شۇ مۇساپىلەرنىڭ بىز ئۈچۈن ياڭرىتىۋاتقان ئۇزىتىش مىلودىيىسىنىڭ قايسى ئاھاڭغا چېلىنىشىنى بىلىش ئەڭ مۇھىمكەن ....كېيىنكى قەدەم بولسا تېخىمۇ...
كېتىشىمىز شۇنداق تۇيۇقسىز ... بىر تېنىق بولسىمۇ ۋىجدان بىلەن ئەھمىيەتلىك ۋە پاكىز ياشىغۇم بار ھەم شۇنداق ياشاش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم ...

قەلەم ئىگىسىگە رەخمەت .

mahbus 2011-09-03 00:05
بىز ھاياتىمىزنى شۇنداق ئۆتكۈزىشىمىز كېرەككى، ئۆز سۆزىمىز ، ھەركىتىمىز  ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىگە نىمىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىپ يېتەلىسەكلا قەلبىمىزدە قىلچىلىكمۇ ئازاب ، ئۆكۈنۈش دېغى قالمايدۇ .

adidas777 2011-09-03 03:31
رەھمەت تىما ئىگىسىگە
       ھايات شۇنداق تىز ئۇتمەكتە زامانغا ماسلىشىپ تەرەقى قىلىشىمىز ئالدىنىقى شەرت....
777

otyurakohlan 2011-09-04 16:53
ئۆمۈر ئاتقان ئوق شۇ قىسقىغىنە ئۆمرۈڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئۈزۈڭىزگە باغلىق دوستۇم مۇشۇ قىسقىغىنە ئۆمرۈمىزنى قەدىرلەيلى

kaygu 2011-09-06 01:01
روس يازغۇچىسى نىكولاي ئوستىرۋىسكىنىڭ <<پولات قانداق تاۋلاندى>> دىگەن ئەسىردە مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ:
ھايات ئىنسان ئۈچۈن تۇلىمۇ قەدىرلىك،ئۇ كىشىگە پەقەت بىرلا قتىم كىلىدۇ،كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى ئۈتۈپ كەتكەن كۈنلىرنى ئەسلىگەندە يىلللار مەنسىز ئۈتۈپ كىتىپتۇ دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن،تۇرمۇشتا چاكىنا ئىشلارنى قىپ قۇيۇپتىمەن دەپ خىجىل بولمايدىغان بولسۇن،ئۈلۈش ئالدىدا ھاياتىمنى ۋە بارلىق زېھنىمنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ۋە ئازادلىق كۈرشىگە بېغىشلىدىم دىيەلىسۇن.
ھاياتلىقتا ئالدىراش كىرەك چۈنكى كۈتۈلمىگەن كىسەللىك ۋە پاجىھەلەر تۈپەيلى ھاياتىنى تۇيۇقسىز ئاخىرلاشتۇرشى مۇمكىن.

tograk001 2011-09-06 18:52
ھايات  ئاجايىپ      گاھ ،كۈلىمىز  ،گاھ،يىىغلايمىز       ھاياتتا  ئىككىنچى بىر نەرسە ئادەمنى ھاياتتەك يىغلىتىلىغان ھەم كۈلدۈرەلىگەن ئەمەس..............

بۇ ھايات كېسەللىك يۇشۇرۇنغان تەن ،
خىلمۇ-خىل پۇراقلىق بىر  دورىخانا.
بۇ  ھايات  مۇنتىزىم  تاللا   بازىرى،
ئۇنىڭدا  قۇيۇلغان  قالايمىقان  باھا.

بۇ ھايات مۇئەللىم چىقارغان سۇئال،
بىر بالا دەست تۇرۇپ قايتۇرغان جاۋاپ.
بۇ ھايات پىژغىرىم ئىسسىقتا دوغاپ،
سوغوقتا زىرىسى تەڭشەلگەن كاۋاپ.
...................                                       م-بۇغرا شىئېرى
.....................

kalgen 2011-09-08 22:56
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىtograk001 يوللىغان 2011-09-06 18:52 غا قارتىلغان  :
ھايات  ئاجايىپ      گاھ ،كۈلىمىز  ،گاھ،يىىغلايمىز       ھاياتتا  ئىككىنچى بىر نەرسە ئادەمنى ھاياتتەك يىغلىتىلىغان ھەم كۈلدۈرەلىگەن ئەمەس..............

بۇ ھايات كېسەللىك يۇشۇرۇنغان تەن ،
خىلمۇ-خىل پۇراقلىق بىر  دورىخانا.
بۇ  ھايات  مۇنتىزىم  تاللا   بازىرى،
.......

ھايات شۇنداق تەڭشەلگەن كەن ئەمەسمۇ؟

diliraba 2011-09-09 17:19
بۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.

uystidunt 2011-09-12 07:15
مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغانلار ئۈچۈن پۇتۇن ئۆمۈر ئۈگۈنۈش جەريانى؛ تۇرمۇش ئۆزى كاتتا بىر مەكتەپ. ھايات تېلسىماتلارغا تولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچە جەزبىدار......ئىنسان مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان ئوقۇغۇچى!

oguzpuxti 2011-10-06 18:43
بۇ ھايات گۈزەلدۇر ، گۈزەلدۇر شۇنچە ،
ھەربىر مىنۇتقا لىرىكىلار جەم .
گاھىدا ئاقىدۇ كۆزلەردىن تامچە ،
كاج قىسمەت تەقدىرگە سېلىپ قويسا رەم .

نە ھاجەت قايغۇرۇش ، ھەسرەت نادامەت ،
كەلگىنە ئادەمدەك ياشايلى بىردەم .
سۆيەيلى ھاياتنى - بۇ ئىنسانلارنى ،
بىر قىزغىن سۆيگۈدە ، ئىھ گۈزەل ئەركەم !

karwan.bexe 2011-10-20 22:49
تارىختا  ئۆتكەن دانىشمەنلەرمۇ، پادىشاھلارمۇ، پۇقرالارمۇ، مەيلى كىم بولسۇن ھاياتلىق ھەققىدە ئەھمىيەتلىك خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
ھاياتلىق ھەققىدە  نىمىلەرنى يازمايلى، بۇ پەقەت بىزنىڭ  ‹ ھاياتلىق › ھەققىدىكى ئوخشاش بولمىغان  ‹تېز سىزما › لىرىمىز  خالاس.
ھاياتلىق پەقەت  ‹بۆشۈك › بىلەن ‹جىنازا › ئارلىقىدىكى ‹تىرىكچىلىك › دىن ئىبارەت


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «مەكتەپ» ۋە ئۆمۈر --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.036781 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us