رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بىر گۈللۈككە كۆمۈڭلارمەن ئۆلگەندە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى تەرجىمە ئەسەرلىرى] -> بىر گۈللۈككە كۆمۈڭلارمەن ئۆلگەندە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

gül-kapitan 2011-09-01 23:42

 
nuri can
نۇرى جان شېئىرلىرىدىن تاللانما

-يىلى ئەرزىنجاندا كىچىك بىر تاغلىق يېزىدا تۇغۇلغان،1960-يىلى ئىستانبۇلغا،1976-يىلى گوللاندىيەگە كۆچكەن
.گوللاندىيەدە ئۆزى كېچىكىدىن قىززىققان مۇزىكا،شېئىر،تىياتىر،ۋە رەسساملىق بىلەن شۇغۇللاندى.رەسىم ۋە شئېرلىرى بىلەن
 نۇرغۇن مۇكاپات ئالغان.

گوللاندىيە،فىرانسىيە،بىلوروسىيە،گىرمانىيە ۋە يۇناندا نۇرغۇن قېتىم كوللىكتىپ ھەم شەخسى كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرغان.

تۈركىيە ۋە ياۋرۇپادىكى ئەدەبىيات -سەنئەت ژورناللىرىدا،شئېر،داستان ھەم سەنئەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

خەلقئارا سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئۈچ يىل رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن.
گوللاندىيە ۋە تۈركىيەدە رەسىم ئوقۇتقۇچىسى ۋە يېتەكچى بولغان.
ئەڭ دەسلەپ «يۈرەك كۆيسە تىترەر،گۈل ئۈششۈسە تىترەر» ناملىق 180 بەتلىك بىر شئېر كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئارقىدىنلا «كۆچمەن ئىشچىلار ئازابى» ناملىق 300 بەتلىك كىتابى ئامىستىردامدا نەشىر قىلىندى.ھازىر تۈركىيەدە يەنە ئىككى كىتابى
 نەشىرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ،ئامىستىردامدا رەسىم ۋە شئېرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىككى توپلامى تەييارلىنىلىۋاتىدۇ.
ئىنگىلىزچە،گىرمانچە،ۋە فىرانسۇزچىغا نۇرغۇن شئېرلىرى تەرجىمە قىلىنغان نۇرى جان فىرانسىيەدە چىقىدىغان بىر مۇھىم ژورنالدا
 ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇندق دېگەن :« سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان چۈشەنچىلىرىمنى ئاشكارلاش توغرا كەلسە
،تۇنجى رەسىم ،شېئىر ۋە داستانلىرىم،ئۆزۈمنىڭ ياشاش شارائىتىم ۋە پىرىنسىپىم،ئىنسانى مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ
.كېيىنكىلىرى ئۈمىد،ئىشەنچ،سۆيگۈ،ئەركىنلىك،تىنچلىق قاتارلىق ھەممە مەزمۇننى ئىپادىلىگەن.ئازاپ ۋە ئۈمىدسىزلىك تېما قىلىنغان
 رىئالىزىم قارشىمنى سىموۋللۇق ۋاستىلەر بىلەن قانچىلىك ئىپادىلىيەلىسەم شۇنچىلىك ئىپادىلەشكە تىرىشتىم.
كېيىن ،مىتولوگىيە،پەلسەپە،مەسەل ۋە چۈش قاراشلىرىمنى چېقىش قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم.كۈچلۈك بىر مەسئۇلىيەت
 تۇيغۇسىنى يەلكەمدە توشۇپ تاشقى دۇنيادىن ئالغان ھېسلىرىمنى،ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىلەشكە تېرىشىپ شۇلار ئىچىدىن
 ئۆزۈمنى ئىزدىدىم.چۈنكى سەنئەت ئىنساننىڭ تۇيغۇسىدۇر،ئىستىتىك زوق ۋە گۈزەللىك قارشىدۇر،مەن ئىنسانلارنىڭ پەقەت سەنئەت
 بىلەنلا ئەڭ گۈزەل چۈشەنچىلەرگە ئېگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

60 ياشلاردىن ئاشقان بۇ داڭلىق رەسسام ۋە شائىرىمىز ئىجادىيەتنى ھېلىھەم توختاتقىنى يوق،تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قانچە شېئىرى ھەم
 شۇ شېئىرلىرى ئۈچۈن سىزغان رەسىملىرىگە نەزەر سالغايسىزلەر.


ئاھ مۇمكىن بولسا


ئاھ مۇمكىن بولسا
ئازاپتىن خۇشاللىق،خۇشاللىقتىن ئۈمىد پەيدا قىلاتتىم،بۆلۈپ ئازابلارغا يۈرىكىمنى،
دۇنيادىكى پۈتۈن بالىلارغا سۆيگۈ ساتاتتىم.
ئاھ مۇمكىن بولسا
شامال بولۇپ ئۇچاتتىم بوز دالىلاردا ،تاغۇ-تاش ئارا،بالىلارنىڭ ھۇجرىسىغا غىپپىدە كىرىپ،
ئۈستىنى يېپىپ، ھىكايە ئېيتىپ بېرىپ ياۋاشلارچە چىقىپ كىتەتتىم، پىشانىسىدىن سۆيۈپ.
ئا مۇمكىن بولسا
دەرەخ بولاتتىم بوز دالىدا ھەر باھار ياشىرىپ،مىۋە بېرەتتىم ھەر ياز،
ئاندىن تۆكۈپ ياپراقلىرىمنى باھارغا،كەتكەن بولاتتىم شامالنىڭ پىشىگە ئېسىلىپ.
ئاھ مۇمكىن بولسا
بىر چىنار بولۇپ باھاردەك ياشايتىم تۆت پەسىل ، يۇيۇپ چېچىمنى يامغۇر بىلەن ،
قۇرۇتاتتىم شامال بىلەن ،سۆيگۈدىن چاپان كىيىپ بالىلارنى قۇچاقلايتىم ھەر قىش.
ئاھ مۇمكىن بولسا
مۇزدەك بۇلاق بولۇپ، سۇ بېرەتتىم باغرى كاۋاپقا،
ئۆچمەنلىك،يامانلىق،ئازابلارنى تازىلاپ، سۆيگۈ بىلە يۇيۇپ يۈرەكلەرنى،
ئېقىپ كىتەتتىم باشقا دىيارغا.
ئاھ مۇمكىن بولسا
تۇپراق بولۇپ،بۇغداي تېرىيتىم باغرىمدا، گۈل بولۇپ ئېچىلاتتىم باغ باغدا.
يەر يۈزىگە چاچاتتىم ھىدىمنى،يامغۇر ياغمىغان يۇرتلارغا،شەبنەم قىلىپ تۆكەتتىم يېشىمنى.
ئاھ مۇمكىن بولسا
بالىلارغا بېرەتتىم دۇنيانى،قۇياش بولۇپ ھەر كۈن پارلايتىم.
چۆچەك بولۇپ،چۈشلىرىنى بېزەيتىم.
سۆيگۈ بولۇپ شەپقەت بىلەن قۇچاقلايتىم يېتىملەرنى، يىغلاتمايتىم ئانىلارنى ھەم ئاتىلارنى.
ئاھ مۇمكىن بولسا
ئېتىۋىتىلسە بىر بالا،مەن شۇ ئان ئۆلەتتىم.
دوختۇر بولۇپ يارىلىرىنى تاڭاتتىم ،ئانا بولۇپ بېلىمگە ئاق باغلايتىم، يىغلاتماستىن بالامنى.
دادا بولۇپ ،بالام ئۈچۈن يىغلايتىم.
ئاھ مۇمكىن بولسا
ئۇرۇشتىن تىنچلىق،تىنچلىقتىن «ئادەم»ياسايتىم.ئازابتىن خۇشاللىق،خۇشاللىقتىن ئۈمىد،ئۈمىدتىن دوستلۇق ياسايتىم.
ئوق ئورنىغا بالىلارغا،ھەر كۈنلىكى شئېر ئاتاتتىم.

 
ax!ey bala


ئاھ ئەي بالا
كەتتىڭ
يىتىم قالدى ئىچىمىزدىكى خىيال تېغى،
يوق بولدى گۈل ھىدىڭدىن تامچىغان سۆيگۈ.
ئىچىمىزدىكى بۇلاققا شېئىرلار تۆكۈلمەس بولدى،
تىتردى شامالنىڭ لەۋلىرى،
قونماس بولدى كىپىنەكلەر گۈل بەرگىلىرىگە.
كەتتىڭ
زەھەرلىك ئوقلار سانجىلار ھەر كۈن،يىرتىلغان ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىغا.
يامغۇربولۇپ تۆكۈلمەكتە كۆزلىرىمىز،يارىلانغان دېڭىز ئۈستىگە.

قەتلى قىلىنغىنى بىر دەستە كۈلكە ئىدى،لەۋلىرىڭدە ئۆلۈم ئاھ ئەي بالا.
يۇلتۇزلارغا پۇلاڭشىتقىنىڭ سۆيگۈ ئىدى،پارلاق كۆزۈڭدىكى غۇنچىلارئىدى.
سۆيگۈڭ چوڭقۇر،يۈرىكىڭ چوڭ،بەدىنىڭ بولسا ۋىجىك ئىدى.

سېنى نازۇڭ چىمەننىڭ بەرگىلىرىگە كۆمدۇق،
يىغلىماق ۋە ئاڭلاتماق ئۈچۈن دۇنياغا ھەسرەتنى.

سېنى ئاڭلاتتىم كۆچمەن قۇشلارغا،شامال،قارلىق تاغ ۋە بۇلۇتلارغا،
سۆيگۈمنى ئاڭلاتتىم پۈتكۈل دۇنياغا،تونىسۇن دەپ قېتىۋالدىم سېنى ناخشامغا.
بارلىق دەرەخ ياپراق تۆكتى،پۈتۈن گۈللەر بويۇن ئەگدى.

ئاھ ئەي بالا !
كەتتىڭ
ئىچىمىزدىكى بۇلاق قۇرىدى،ئاھۇلار جىلغىغا چۈشمەسلا بولدى.
گۈزەللىكلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرمەك ئۈچۈن يەتمىدى سۆيگۈ،يەتمىدى ئۈمىد.
ئاھ ئەي بالا!
كەتتىڭ
پۈتۈن قۇشلارنىڭ قاناتلىرى يۇلۇندى،گۈل-چىچەكنىڭ كۆزلىرىمۇ ياشلاندى.
ئۆلىمىڭ قار دانىسىدەك ئاق ئىدى، بۇ سەپەر باشلانغان يەردىلا شۇنداق ئاياغلاشتى،
ئاھ ئەي بالا!



مەن سۈكۈت قىلدىم،ئازابىمنى سەن ئاڭلات دۇنياغا
 


سۇمبۇل چاچلىق ئوتلاردا كۈل بولدى خىيالىم،قايسى شاخقا ئېسىلدىم ئۈششۈدى ياپراقلىرىم.
كۈز پەسلى چۈشەر سايەمگە،مېنىڭ بۇ بوينۇم ئەي ھايات،بەئەينى بىر تۈپ تەۋرەنگە دەرەخ.
مەن ئېسىلغان شاخلار سۇنۇق،مەن چۈشكەن يوللار توسۇق.
قايانغا بۇرۇلسام ساراڭ شامال مەستلىكى،قايانغا قايرىلسام تىك قىيا بوشلۇقى.
پۈتۈن پەسىللەر كۈز،پۈتۈن ئايرىلىشلار قار،كۈلكىلەر يېتىم،سۇندىغۇ خىيال.
چۈشلىرىم يېتىم،كەلمە ئەي يار،ئەي سەۋدا پەسلىنىڭ يىپەك چاچلىق قىزى،گۈلباھار!
كەلمە،قۇرىدى يولۇڭغا تىككەن ئورمان ياڭىقى.

مەن يىراق تاغ باغرىدىكى ماي چېچىكىمەن ھۈپپىدە ئېچىلغان،
ھەربىر ھېدلاش سانجىق،ھەر بىر تۇتۇش بىر ئازاب.
ھەسرەت بۇلۇتلىرى كۆزلىرىمدا تۇمان-تۇمان،ئىس-تۈتەك بوپ يىپىشىمەن قىيالارغا ھەر كېچە.
بورانلارغا ئېىلىمەن،كوچىلارغا ياپراق تۆكىمەن،يوشۇرساممۇ ئايرىلىشنى كىرپىكىمدە،
پىچاق بولۇپ يۈرىكىمگە سانجىلار ھەر تامچە.
ئاشكارلىدىم سۆيگۈمنى يورۇق يۇلتۇزغا،ئاڭلاتتىم سېغىنىشىمنى ئېقىن سۇلارغا.
كىرپىكىمدىن ساقىغان ئەگىز ئېچىشتۇرار يۈرەكنى،ئولتۇرۇپ يىغلايمۇ ئەمدى ئاپرىل يامغۇرى كەبى.
كەلمە ئەي يار،ئەي يارىدار پەسىللەرنىڭ يامغۇر چاچلىق قىزى گۈلباھار!
كەلمە،چىرىدى ئىچىمدە چوڭ بولغان نازۇك چېچەك.

ئېيتقىنە ئەي شامال،يوشۇرارمۇ يارامنى تىك قىيالار،كۈز پەسلىدە يىغلارمۇ دەرەخ ۋە شاخلار،
ئۈزۈلۈپ چۈشتۈم ھاياتتىن تۆكۈلگەندەك ياپراقلار.
يېشىلدىم،تارقالدىم،ئۈششۈدۈم.
قايانغا قايرىلسام كۈز،قايانغا بارسام تىك قىيا،ئەمدى بېشىمدا قار.شېغىمدا شامال.
كەلمە ئەي يار،ئەي مەجنۇن پەسىللەرنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار!
كەلمە،ئۆچۈرۈلدى سەن ئۈچۈن يېزىلغان داستان

تۆت ئەتراپىم رىيا،تۆت ئەتراپىم خىيانەت،
بىر پەسكەشلك قاپلىدى مېنى،توختىمايدۇ ئىچىمدىكى قىيامەت.
سۈكۈت قىلىش قېيداش بولسا،ئۇنداقتا مەنمۇ سۈكۈت قىلدىم ئەي ھايات.
بىر چۆلدىكى تاغ كەبى سۈكۈت قىلدىم،بىر يېتىمنىڭ سۇنغان نىگاھلىرىدا سۈكۈت قىلدىم.
سۈكۈتلىرىم ئاقماقتا يارىدار دېڭىزغا.
كەلمە ئەي يار،ئەي قارلىق تاغلارنىڭ ،يېراق پورتلارنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار!
كەلمە،ھېچكىم ئۈن چىقارمايدۇ،ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتۇلدى سەن ئۈچۈن يازغان ناخشىلار.
كەلسەڭ ھەسرىتىمگە كەل،سېغىنىشىمغا كەل،ئال كۆڭسۈڭگە باس مېنى،ئازابلىرىڭغا قات مېنى.
مەن سۈكۈت قىلدىم،سەن ئاڭلات دۇنياغا ئازابلىرىمنى.



بىر گۈللۈككە كۆمۈڭلارمەن ئۆلگەندە

مەن سۆيگەن ھايات،
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدىكى رىۋايەت كەبى.
باستۇرۇپ كېلىپ ئىپ كەتتى ئۆمرۈمنى،
بەزىدە يىغلىغان كۆزلەردىكى.
ساقىغان كۆز يېشى كەبى يالغۇزمەن
يا ھايات مېنى چۈشەنمىدى يا مەن ھاياتنى

يامغۇرغا كۆمىۋىتىڭ مېنى ئۆلگەن چېغىمدا
سۇنۇق كۈلكەمنى سوغۇق ئۇرماستا
لىۋىمدىكى شئېر چېچىلماستا
قەلبىمدىكى سۆسۈن رۇخسار يىرتىلماستا
شاماللارغا ،باھارلارغا گۈللەرگە كۆمۈڭ مېنى
باھار كەلگەندە،ئۈمىدلەر ياشارغاندا
پاختەكلەر گىرەلەشكەندە
تۈكى تەتۈر ئۆرۈلگەن ياپراقنى بىر شامال سۆيگەندە.

كۆزلىرىمدە باردۇر شئېر يارىسى
قەلبىم گوياكى يەرنىڭ تەۋرىشى
ھاياتنىڭ ئەڭ نازۇك،نەپىس يېرىدە
قايسى گۈلگە قول ئۇزاتسام
سانجىلار ئۈمۈدىمگە تىكەن يارىسى

بىر سەبىينىڭ تەبەسسۇمىغا كۆمۈڭ مېنى
ئۇچسۇن ئۇنىڭ لەگلەكلىرىدە قانىتى سۇنۇق كۈلۈشلىرىم
بىر ياش قىزنىڭ چۈشىگە.بىر لەيلەكنىڭ پەرۋازىغا
سۆيگۈ يۆگىكىگە يۆگەڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
توڭلىمىسۇن يۈرىكىمدىكى ئاجىز ھېسلىرىم

بىر گۈلزارلىققا كۆمۈڭ مېنى ئۆلگەندە
بىر گۈلنىڭ رەڭگىگە،بىر ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا
بىر كۈز باغچىسى كەبى سولماستىن بۇ قەلبىم
يېتىم مامكاپ كەبى بوينۇمنى ئەگمەستە
بىر بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىغا كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
بىزنىڭ باغۋەن ئۆلگىنىمنى سەزمەستە

باھار پۇراقلىق سەھەرلەرگە كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
كۆك سۇنىڭ ئېقىشىدا،بىر گۈلنىڭ پۇرىقىدا جەسىدىمنى يۇيدۇرۇپ
ياتقۇزۇڭ خىياللىرىمنى سۆرۈن چىملارغا
توختىماستىن ناخشا ئىيتسۇن ،شئېر ئوقۇسۇن بۇ قەلبىم تۈن ۋە تاڭلارغا
كۆك ئاسمان ۋە قۇياشنى،نۇر يۇلتۇز ۋە يېشىل ئۈمىدنى
بېرىۋىتىڭ خۇش بولسۇن جېمى بالىلارغا

بىر تاغ چوقىسىغا كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
بۇلغانماستا ئېچىمدىكى قارنىڭ ئاقلىقى
جىمىماستا كۆڭلۈمدىكى سۇ قۇشلىرى
يىرتىلماستا لىۋىمدىكى رۇخسار گۈلى

يۈرەك سوقۇشلىرىغا،يۈرەك يالقۇنلىرىغا
بىر دادا ھەم ئانىنىڭ كۆز ياشلىرىغا
بىر گۆدەك بالىنىڭ چاڭگاللىرىغا
كۆمۈۋىتىڭ مېنى ئۆلگەن چېغىمدا
قەلبىمگىلا كۆمۈۋىتىڭ ئازابلىرىمنى.
ئۆلۈم ئۇنى سەزمىگەن چاغدا

باھار پۇراقلىق سەھەرگە كۆمۈڭ مېنى ،قۇشلار ئۇچقاندا
يۇيۇڭ مېنى بىر سۇنىڭ ئېقىنىدا بىر گۈلنىڭ ھېدىدە
شاماللار قاينىمىغا كۆمۈڭ شئېرىمنى،كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
خىياللىرىمنى ياتقۇزۇڭ سۆرۈن چىملىق ئۈستىگە
تىنماي ناخشا ئېيتسۇن ،شئېر ئوقۇسۇن بۇ قەلبىم ئاتاپ باھارغا

ey hayat quchaqla mini



قەلبىمنىڭ سۇنۇقلىرىنى چاڭگىلىمغا ئېلىپ،كەتسەمكەن بۇ شەھەردىن،
سېغىنىش يەكسان بولامدۇ؟بىر ياز گۈلى شېخىدا توڭلامدۇ؟سۆيگۈ ئۈچۈن يۈرىكىنى قاناتقاننى كىم بىلىدۇ

كىرپىكىدە باھار يوشۇرغان قېرى بالىمەن،چۈشلەرنىڭ يامغۇردا ھۆل بولغان گۈللىرىمەن،
مەن يىغلاي دېگەن ھەر ساھىلدا بىر لەيلەك ئۆلەر،خاپىلىق شئېر ئاتار خىيالىرىمغا،
تىگىپ ئۆتەر قوللىرىم خىيانەت شاماللىرىغا.

ئىچىمدىكى بۇلاق قۇرىدى،پۈتۈن ياپراقلار سۇلدى،ھەسرەت پۇرايدۇ گۈللىرىم،
قايسى يامغۇرنى خوش قىلساڭ قىلغىن،ياشارمايدۇ ئەمدى ئوت كەتكەن شۇ يەرلىرىم.سۆيگۈم قېيدىدى،
كىم تىڭشايتى سادالىرىنى يارىلانغان شۇ يۈرەكىمنىڭ.

ئاھۇلار ئېتىلغان بىر تاغ چوقىسىمەن،مامكاپلار قۇرىغان كەچكى شەپەقمەن،كۈلكىنى قۇرتىمەن كۈز لەۋلىرىدە،
كەتكەن كەلمىدى ۋا كەچتى شۇ شەپەقلەر.بىر دەھشەت ئازاپقا مۇپتىلامەنكى،
ئۈستۈمدە داتلاشقان سۇنۇق پىچاق،40 يېرىمدىن مەن ھەم سۇنۇقمەن.

ئوۋچىلار ئوۋلىدى كىچىك جانىۋارلىرىمنى،ئازاپلار تۈنىدى خۇشاللىق قوناقخانىسىدا،
كەتكەن كەلمىدى ۋاز كەچتى پەسىل،بىر گۈلمۇ قالمىدى ئۆمرۈمنىڭ شۇ بوز دالىسىدا،
يالغۇزلۇقنىڭ ئەڭ يالغۇز قىش پەسلىدىمەن، يۇلتۇز ساقلىساممۇ ئوقيا كىرپىكلىرىمدا
،بەدىنىمدە مۇز شامال ئوينار ھەر كېچە.

خەرىتىسى يىرتىلغان بىر يولۇچىمەن ،باسقان يوللىرىم تۇمانۇ -تۇمان.
قالدىم بىر قىيانىڭ چوقىسىدا
مۇزلىرىم،ئەي ھايات قۇچاقلا مېنى!
كۆك قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىغا ئال مېنى.
دالدىلىناي سۆيگۈنىڭ ئىللىق ئىقلىمىدا


سۈكۈت قىلدىم


ھەممە ئادەم قىلىشقان پارىڭىنى يازىدۇ،مەن بولسام سۈكۈتلىرىمنى يازىمەن.

ھەركىم سۆزلىشىۋاتقان بۇ دۇنيادا پەقەت مەن سۈكۈت قىلدىم
،قانچىلىك سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىك سۈكۈت قىلدىم.

سۈكۈت قىلدىم ھىچكىم تۇيمىدى.ئۆزۈم بىلەن مۇڭداشماقتىمەن ئەمدى يالغۇز.
پەقەت يۈرىكىم بىلەن ئىپادىلەۋاتىمەن تىۋىشلىرىمنى،
ھىچكىم تۇيمايدۇ،بىلمەيدۇ.
سۈكۈت قىلدىم،سۈكۈت قىلدى لەۋلىرىمدىكى كۈي،كۆزۈمدىكى شېئىر،يارامنى سىيپاپ ئۆتكەن شامال.
پەقەت كۆزلىرىم سۆزلىمەكتە.


بىر ئاھ چىكىش بىلەن تەڭ جىمىدىم، سۈكۈت قىلدىم
،قانچىلىك جىم تۇرالىسام،سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىق قىلدىم.
سۈكۈت قىلدى مەن بىلەن دېڭىز،سۈكۈت قىلدى تاغ.ئۈمىدلىرىمنى ھەر كېچەشاماللارغا يۆگەپ تەلپۈنىمەن ،
 ھېچكىم كۆرمىدى كۆرەلمەيدۇ ،
 چېچى ئاقارغان خىياللار،نەملەنگەن كىرپىكلەر ...يەنە....ھېچكىم كۆرمەيدۇ.

كۆكتە چاقماق بولۇپ غەزەپ بىلەن چاقنايمەن،ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
سۈكۈت قىلدىم، يارىلىرىمغا تۇزبېسىپ.
سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى ۋولقانلارنى دەرۋىش كەبى تەنھالىقنىڭ تېمىغا ئۇرۇپ.
كوچىلارغا گۈل تۆكتۈم،ھېچكىم كۆرمىدى،ھچكىم پۇرىمىدى،شۇ گۈللەرنىڭ ھېدىنى.
ئۆزۈم يالغۇز كەچمەكتىمەن يالغۇز ھالدا شۇ كۆڭۈل كوچامنى،ھېچكىم بىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن تاغ،جىمىدى ئاسمان،جىمىدى يەر،ئازابلار سۆزلەيدۇ ئەمدى .

سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت،جىمىدى ھەسرەت،تۇردى ۋاقت.
پەقەت كۆزۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن بۇ رەڭۋاز دۇنياغا.
ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى دولقانلار يانار تاغ كەبى ۋولقانلىغانچە جىمىدىم،سۈكۈت قىلدىم،
جىمىدى لەۋلىرىم،جىمىدى كۆز ياشلىرىم.
جىمىدى كۆزۈمدىكى شېئىر،كۆڭلۈمدىكى دەريا.
بۇلۇتلارۋە ئىسيانىم بولمىش چاقماق مېنى چاقىردى پەقەت مەنلا ئاڭلىدىم بۇنى،پەقەت مەن،
ئەمما سۈكۈت قىلىۋالدىم.
ئەي !! مەن بۆشۈكىنى تەۋرەتكەن ھايات ،باغرىمدا چوڭ قىلغان مۇھەببەت!!ئاڭلا!
يارامغا مەلھەم كار قىلمايدۇ،كېچىلەرئاھ چىكىشسىز ئۆتمەيدۇ.مەن سۈكۈت قىلدىم،يالغۇز ئازابلىرىم سۆزلەيدۇ.

مەن سۈكۈت قىلدىم،يۈرىكىمنى يىغلاتقان ئازابلار سۈكۈت قىلمىدى،
دەرىزەمگە ئۇرۇلغان يامغۇر تامچىسى سۈكۈت قىلمىدى.سىرتتا ھۇۋلىغان شامال سۈكۈت قىلمىدى.
باھار كەلمىدى،قۇشلار سۆيۈنمىدى،پەقەتلا قىش ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ.
يۇلتۇزلار قېيدىدى،ئاي يىغلىدى،قۇياش چىقمىدى،ئازاب تۈگىمىدى.
ئېچ-ئىچىمدىن شېئىرلار تۆكۈلىدۇ ھەر كېچە،ھېچكىم بىلمىدى.


سۈكۈت قىلدىم
جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت
جىمىدى ھەسرەت
تۇردى ۋاقت
پەقەت ئازابلىرىم سۆزلىدى ،كۆزلىرىم سۆزلىدى.
ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
تۇيمىدى.
ھېچكىم...
ھېچكىم...


تەييارلان كېتىمىز ئەي قەلبىم!


يۈر تەييارلان،كەچ كىردى،ۋاقت توشتى كېتىمىز ئەي قەلبىم،بۇلغانغان يامغۇرۇڭدا قالمايمەن
،بۇنچە خىيانەتنى،ئازابنى كۆتۈرەلمەيمەن.
بىلىمەن بۇلغانغان نىگاھلىرىڭىزدا ماڭا بىر بېقىشىڭىز يوق،شۇ سەۋەپ ئاھۇلاردىن رەنجىيمەن،مەجنۇنلارغا قىيدايمەن.
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقىنى تپىپ يارامنى تېڭىش ئۈچۈن،كېتىمەن بۇ يەردىن،ئىچىمدىكى جەسەتنى چەيلەپ،پارچىلاپ،
يەنە شۇ ئىچىمدىكى مەھشەرگە كېتىمەن.

قارىغىنە،كەچ كىردى،ۋاقت توشتى،بۇلغانغان دېڭىز ئېقىشتىن توختىدى،يېپىپ ئۆمۈر دەپتىرىنى،تەييارلان كېتىمىز ئەي قەلبىم.

كۈز مۇقامى كەبى ئاخىرقى ياپراقنى ساقلىيالمايمەن چارچىدىم،سۆيگۈسى پىچىۋىتىلگەن تارىخ بىلەن بىھۇش قىل مېنى ئەي قەلبىم.
قارا! تۆكۈلىۋاتىدۇ كۈز يامغۇرلىرى ئازاب ۋە خىيانەت ئۈستىگە،
،قىپيالىڭاچ ھەم سۆيگۈسىز قالدى شئىرىم،ئادەمسىز ،سوغۇق بىر قىش پەسلىدە.
كۆزلىرى ئىسسىمايدۇ بالىلارنىڭ،مەجنۇنلارچە بېقىشلىرى يېڭىلانمايدۇ ئاشىقلارنىڭ.
بارلىق دىندىن قوغلاپ چىقىرىلدىم،پۈتكۈل يۇرتتىن،بارلىق يۈرەكتىن قوغلاپ چىقىرىلدىم.
قايسى ئېلاھقا سېغىنسام يارامغا مەلھەم يوق،مەن بىلىمەن،بۇلغانغان نىگاھلىرىڭىزدا ماڭا بىر بېقىش يوق.
شۇ سەۋەپ ئاھۇلاردىن رەنجىيمەن،مەجنۇنلارغا قىيدايمەن.
يېڭى بىر گۈل ياپرىقى تېپىپ يارامنى تېڭىش ئۈچۈن،بىر مەجنۇن قۇش ئازابلىرىمنى قانىتىغا تېڭىپ،
مېنى بۇيەردىن ئېلىپ كەتسىكەن دەپ تىلەيمەن.
خېمىرى بۇزۇلۇپتۇ دوستلۇقنىڭ،ۋاپانىڭ،مۇھەببەتنىڭ، ئەي قەلبىم، مېنى ۋاپاسىز پەسىللەرگە تاشلىما ،
مەجنۇن ئىشىكلىرىدە يىغلاتما، بوينۇمنى ئەگمە پاھىشىلەر ئالدىدا.چەيلىمىگەن يوقسۇزلۇقۇمنى ئاياغلار ئاستىدا
،قويىۋەت بېشىم تىك،كۆڭلۈم يانجىق تۇرسۇن.
پەخىرلىكلەرگە خاس بىر مەقامدا ئەتىۋارلا مېنى،ساتقىنلىق،ئالا كۆڭۈللۈك،خىيانەت ئوتتۇرسىدا بىھۇش قىل.

بىلىمەن، بۇ مەجنۇنلۇقۇم شۇ چۈشلىرىم ئەسلا پاتمايدۇ بۇلغانغان كوچىلارغا ،قارىماڭلارچۇ كۆزلىرىمگە ،
 يۈرىكىمدىكى بۇ ئاغرىق ئەسلا كەتمەيدۇ، خىنە قويغان بىر كېپىنەك چاچلىرىمغا قونغاندا.

ئاھ مېنىڭمۇ خىياللىرىم بار ئىدى.باھارۇ ھەم يازلىرىممۇ بار ئىدى،ئەپسۇس،قۇشلار ئۇچۇپ كەتتى
،بىر ئىسيان كەيگۈزۈپ يۈرىكىمگە،تېگى يوق ھاڭغا دومىلاتقان ئۈمىدلىرىم بار ئىدى.

مۇھەببەت دېدىم،تالاڭ بولدى يالغان بولدى ئۆمۈر،تارىسى ئۈزۈك ئىسكىرىپكىنىڭ روھى ئازابىمەن،
يوق مەن كېتىدىغان باشقا بىر پورت،قارا مانا توختىدى بۇلغانغان دېڭىز.
تەييارلان ئەي قەلبىم ،ۋاقت توشتى كېتىمىز يۈر ،بوشىسۇن نازۇك تۇيغۇلىرىمغا بېسىلغان شۇ يۈك.

پۇلنىڭ مۇھەببەتكە قىلغان خىيانىتىنى كۆردۈم،ئىنسان ئالدىدا تىزلىنىپ ئىبادەتنى يوق قىلغاننى كۆردۈم.
تۈنلەر خاراپ،تاڭلار ئۈمىدسىز،ئازاب تەرەپتىن قايتار بولسام گۇناھ ئۆزۈمنىڭ
،سۆيۈش ئۈچۈن تەلپۈنگەن بارلىق لەۋلەر تومۇزلاغلىق.



پۈتۈن يوللارغا گۈل تۆكىمەن


خىياللارغا قار ياغسىمۇ،كېچىلەر ھەسرەت پۇرىسىمۇ،خىيانەت پۇرىسىمۇ ھايات
،يۇلتۇزلار كۆز قىسمىسىمۇ ،
كۈلۈمسىرەيمەن ئۈمىد ماڭا يار.
تاتلىق قىزىمنىڭ قارىسام كۆزىگە ،مىڭلارچە تەبەسسۇم چۈشەر كۆزۈمگە،ئىللىيدۇ مامكاپلار بىرمۇ بىر قايتا،
ئىلگىرى ئۈششىگەن مېنىڭ لىۋىمدە،ئېرىپ كېتەر چىپىلداپ قارلار يەنىلا شۇ مېنىڭ ئىچىمدە.

مىڭلىغان قۇش قاناتلىنار قىزىم كۈلكىسىدە،شۇنچە سوغۇق قىشتىن تاپقان بىردىنبىر بەختىم ھەم ئامىتىم.
ئېسىلىپ بوينۇمغا،يۈرىكىمنى سىيلىغان ئاۋازى بىلەن،باھارغا ساقلىغان چىمەنلىرىمدە،
قايتىدىن ياشىرىپ كۆكلەيدۇ مېنىڭ ئۈمىد باغچەم.
ھەر كېچە سۆيگۈمنى پۈۋلەيمەن ئۈششىگەن يارامغا،ئاھ مەن يارىدار ئېقىن،ئېزىلگەن نەغمە.
سانسىز ھەسرەت بەرسىمۇ ھايات،چىھرىمدا ساقلىغان بالىلىقىم بىلەن.كۈلۈمسىرەپ قارايمەن قىزىم ھاياتىغا.

ئىككى يۈزلىمىچىلىك، مەينەتچىلىك، خىيانەت پۇرىسىمۇ دۇنيا،بىر يىپەك قۇرتىنىڭ سەبرى،بىر كەپتەرنىڭ ئاقلىقى،
بىر پاختەكنىڭ ساپلىقى بىلەن ئۆگەتتى سۆيۈشنى شۇ قىزىم ماڭا.
ھەر كېچە قىزىمنىڭ ئاي گۈزەللىكىنى قەلبىمگە قويۇپ ئۇخلاش ئادەتتۇر ماڭا.

رەڭدار كېپىنەكنىڭ قاناتلىرىدا،ھارغىن بىر يولۇچى كۆك چۈش توشىيدۇ ماڭا ھەر كېچە،
ئېلىپ مېنىڭ خىياللىرىمنى ،ئېلىپ كېتەر بۇلغانمىغان دىيارلارغا.

گۈزەللىككە قاراپ ئاققان دەريالارغا،شاماللارغا،بۇلۇت ۋە يامغۇرلارغا،گۈللۈكۈمدە ئېچىلغان گۈللەرگە،
قوشنامنىڭ ئىسكىرىپكىسىدىكى پىغانلىق ئاۋازغا،يۈرىكىدە گۈل ئۆستۈرگەن ھەر بىر كىشىگە،ھەر سەھەر يېڭىدىن تۇغۇلغان قۇياشقا ...
مىڭلاپ سالام ئېيتىمەن!سالام سىلەرگە!
ياغقان قارلارغا قارشى،قۇياش كەيگۈزىمەن يۈرىكىمگە،ھەسرەتنىڭ ئىسمى سۆيگۈ،سۆيگۈنىڭ ئىسمى ئۈمىد بولسۇن دەپ
،باھار پەسلى سۆيگۈ پۇرىسۇن دەپ بارلىق يوللارغا گۈل تۆكىمەن.


سۇلغۇن بىر گۈل كەبى سۈكۈت قىلدىم


سەن يوقتۇڭ،سۈكۈت قىلدىم،سۈكۈت قىلىش قېيداش بولسا مانا سۈكۈت قىلدىم،سۇلغۇن بىر گۈل كەبى،ئادەمسىز بىر چۆل كەبى.

يولۇچىمەن،يېراق بەكمۇ يېراقتىن كەلدىم،چارچىدىم،قوللىرىم قۇرۇق،بوينۇم پۈكۈك.
كۆز يېشى تولغان خورجۇنۇمغا،يۈرىكىمنىلا ئېلىپ كەلدىم ساڭا.ئايرىلىش ئازابىدىن ئۆتمە-تۆشۈك بوپ كەتكەن شۇ يۈرىكىمنى،
باشقا ئەكەلگۈدەك نەرسەممىغۇ يوقتى.

شاخلىرىمدا كۈز ناخشىسى،قوينۇمدا چوغ،سېنى ئىزدىدىم كەنتنىڭ تار كوچىلىرىدىن،
يالغۇز،ھارغىن ۋە يارىدار ھالدا.

سەن يوقتۇڭ،مۇزلىغانسىرى ئۇزاپ كەتتى يوقلۇقۇڭ.
قايسى بالىدىن سورىدىم ،يىغلىدى،قايسى بۇلاقتىن سورىدىم چايقىلىپ كەتتى.
قايسى گۈلدن سورىدۇم،بوينىنى ئەگدى،قايسى دەرەختىن سورىدىم يوپۇرماق تۆكتى.
مەن يوشۇرۋالغان قۇشلارمۇ ئۇچتى كەتتى،يالغۇزلا قالدىم بىر بېشىمغا.
سەن گويا يېتىم بىر گۈللۈكتە ھايات غۇنچىسسەن،گۈللەرنىڭ نازۇكىسەن،كۆڭلۈمنىڭ قىيدامچۇقىسەن.

پۈتۈن كۈن سېنى ئىزدىدىم،ھارغىن ،يارىدار ۋە ئازابلىق بىر شامال كەبى،كەزدىم پۈتۈن كوچىلارنى.
سەن يوقتۇڭ،بۇلاقلاردىن سورىدىم ئېقىپ كېتىشتى،يۇلتۇزلاردىن سورىدىم ئۆچۈپ كېتىشتى.
تاماكامنى كۈچەپ شوراپ پۈۋلىدىم كۆككە،ياپراق-ياپراق كۈز پەسلى مېنى قاپلىدى.
ئاندىن ئاستا-ئاستا شۇڭغىدى شۇ ئازابلار ئىچىمگە.سەندىن يا بىر سادا يا بىر نەپەس كەلمىدى.
كوچا بالىلىرغا ئاڭلاتتىم سېنى،قېرى بىر تىلەمچى بىلەن ئورتاقلاشتىم سۆيگۈمنى،
ھەسرىتىمنى بىر گۈلنىڭ كۆك كۆزىگە تاشلىدىم بوينىنى ئەگدى.
كۈلۈشىڭنى ،كۆزلىرىڭنى،ئاۋازىڭنى تاقاپ قولۇمغا،بىز ۋىدالاشقان شۇ بىكەتتە ئوقۇدۇم شېئىرلار ،
ئەقلىنى يوقاتتى،ساراڭ بولدى دېيىشتى كىشلەر.
ئىچ ئاغرىتىپ قارايتى ھەممە،ئاندىن يىغلاشتىن چارچىغان كۆزلىرىمنى،قارا پويىزغا قول ياغلىق پۇلاڭشىتىپ،
يىتىشەلمەيدىغان يېراقلارغا يولۇچى قىلدىم.بىر ۋاگونىغا قۇلۇپلاپ تۇيغۇلىرىمنى،بىر ئاھ ئەيلەپ لەۋلىرىمگە جىمجىتقىنا سۈكۈت قىلدىم.
ئۇنتۇلغان ئىگىسىز ناخشىلار كەبى،قانچىلىك سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىك قىلدىم.

مەن شۇنى ئىستەيمەنكى: يۈرىكىڭ تۇرغان يەر،يۈرىكىم سوقۇشتىن توختىغان يەر بولسۇن.



qolini bermeywatidu bu hayat


يەردە تىپىرلاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ ئازابلار،
كۆسۈمدىن يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە ئاتقان شۇ ئاجىز يۈرىكىمنىڭ ئۈستىدە.
ھېچكىم كۆرمەيدۇ،قاراپمۇ قويمايدۇ،ئوت ئېچىدە تىپىرلاۋاتقان ئاشۇ يۈرەككە.
ئېڭىشىپ ئالمايدۇ ھېچكىم،كۆيمەكتە يۈرىكىم،ئاھ شۇ يۈرىكىم.
ياپراقلىرى يارىدار شامالدا سىلكىنگەن،ھارغىن بىر تاغ لالىسىمەن يول بويىدىكى،
يارىدار ئاھۇنىڭ كۆزلىرىدە ئىڭرار بەدىنىم.
روھىم جاللاتنىڭكىدەك سوغۇق ۋە رەھىمسىز،بۇلغانغان ھاياتنىڭ قاراڭغۇ ھۇجرىلىرىدا سۈرمە تارتىلار كۆزلىرىمگە،
كور بولماقچىمەن
دوست سانىغانلىرىم خەنجەر تىقار كۆكسۈمگە ،يارىلاندى جانىۋارلىرىم،قان تولىدۇ كۆزۈمگە.
يۈرىكىمدىن،قوللىرىمدىن،كۆز ھەم لەۋلىرىمدىن قان تامچىيدۇ ئاھ بۇ دەرتلىرىم.

قەلبىمنىڭ ئەڭ نازۇك يېرىگە ئۇرىدۇ ھايات، ئىللىتالماس ئۈششۈك تەگكەن سېغىنىشىمنى شۇ نۇرلۇق قۇياش ۋە ياكى
 مەن يوشۇرغان شۇ تەنھالىقىم،ھەممىسى بىھۇدە نە قىلاي ھەيھات.
خالتا كوچىدا يۈتتۈردۈم يولۇمنى،ھەيران قالدىم،يۈرىكىم پىغان چەككەن قۇش كەبى ،چارىسىز قالدىم.
پارچە-پارچە ھەر يېرىم،خىيانەت دەستىدىن يوقالدىغۇ ھەر شەيئىم.
تۇماندا ئۆتكەن ھەر كېچنىڭ ئارقىسىدىن يامغۇر كۈتكەنچە يالغۇز قالدىم.

كاشكى مەنمۇ ھېسياتسىز ياشاشنى بىلسەمتىم،يالغانلارنى ئويدۇرالىسامتىم يالغانلار ئارقىسىدىن،
ئاچ قالغان بالىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ خېجىل بولمىسامتىم،بۇ ۋىجدان ئازابىدا ئۆرتەنمىسەمتىم،
كۆزلىرىمگە پەردە تارتىپ،ئۇنتالىسامتىم بولۇپ ئۆتكەن ھەممىنى،خىيانەتلەرگە يەم قىلىپ بەرمەستىم يۈرىكىمنى بۇنچە.

ئەي ئۆمرۈم،ئازابلارنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ بولدۇم،مېنى ئازات قىل.چۈشەندىمكى گەپ ئاڭلىمايدىكەن بۇ يۈرەك ئوق تەگكەندىن كېيىن
،ئەپۇ قىلمايدىكەن ھايات،يۈرىكى بىلەن ئويناشقاننى.
يالغان دەستىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن بىر تامنىڭ يېرىقىنى بويلاپ،
ۋىجدانلىقلارغا خاس بولغان ھەسرەت تاشلىرىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن.

ئەي قەلبىمگە ئۇرۇلغان خەنجەر،ئەي جىگىرىمگە پاتقان ئوق،بۇ يۈرەك يىغلىماسلىقى كېرەك،
ئازابلاردىن بۇ قەدەر كۆيمەسلىكى كېرەك.
ئېغىر كىلۋاتىدۇ ۋىجدانلىق بىر ئۆمۈرنىڭ ئارتىلغان يۈكى،بىر تەرىپىم دېڭىز،بىر تەرىپىم قىيا،بىرى تەرىپىم دېڭىز،بىر تەرىپىم ئوت،
مەن بىر يولۇچىمەن مەھشەرگە ماڭغان،كۆزلىرىمدە قانچە مىڭ يىللىق ئاھ.
سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دېڭىزغا ئاتتىم يۈرىكىمنى،
ئېلىپ بارسۇن دەپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يالغۇزلۇققا تاغلار.
ھارغىن بىر تاغ لالىسىنىڭ ئازابلىق ھېكايىسىدۇر بۇ ھاياتىم،يىللار ئاۋال ،
چېچەكلىرى يانجىلغان بىر باغچىدا يۈتتۈردۈم ياشاش سۆيگۈمنى.

قولىنى بەرمىدى ھايات، يىقىلدىم ،يىقىلىۋاتىمەن بىر قىيانىڭ ئۇچىدا.كۆزلىرىمدىن ئاقىدۇ بىر يۇلتۇز ھەر كېچە،
كۈندە بىر تېلەك ئۆچىدۇ شۇ يۈرەكىمدە،شۇ سەۋەپ يېتىمدۇر مېنىڭ بىر يېنىم،مۇھەببەت ۋە ئازابقا تولغان يەنە بىر يېنىم.

قارا بىر تۇماندا بوغۇلدۇم ئەمدى،كۆزلىرىم قارا كېچىنىڭ كور كېپىنىكى.
مەن قاراڭغۇلۇق ئېچىدە،سۈيى يوق قۇدۇقنىڭ تېگىدە.
تولۇنئاي،بۇلۇتلار ئارىسىدىن ماڭا باقار،باقار ئاندىن تارىلىپ يوقار.
مەن تولۇنئايغا قارىغانچە يۈزلىرىمگە قىزىللىق تارار.
قولىنى بەرمەيۋاتىدۇ بۇ ھايات.


pelestin yaridar bir ana


دەھشەت پەرياتلارغا قاپلانغاندا چۆل، ئەگىپ يۈرەر قورقۇنچ ۋادىلىرىدە ئۆلۈم ئەسكەرلىرى،
توپقا تۇتۇلار چىدىرلار تۆت ئەتراپتىن،ئاياغلار ئاستىدا قالىدۇ يارىدار پەلەستىن چۈشلىرى.

بىلىمەن بىردەمدىن كېيىن ئوت ئىچىگە ئېتىلار يەنە ئۆيلەر،ئۆلۈم سىگىناللىرى سەيلە قىلار ئىشىكمۇ ئىشىك.
تۇتاشتۇرار بىر يۇرتنى باشتىن-ئاياغقا،تىنچلىق يامغۇرى ئورنىغا كۆكتىن بومبا ياغار بۇ جايغا.
بالىلار تۇغۇلماستىن ئۆلىدۇ ئاھ،گۈللەر سۆيۈشمەستىن تۆكۈلىدۇ ئاھ.
خەتمە قۇرئان،مۇراسىمسىز كۆمۈلەر قىز ئوغۇللار،ئېلىپ كېتەر خۇشاللىقنى كۆز يېشى ۋە قان.

بومبا ئاۋازىدا يۈتكەندە ئاۋازسىز پىغان،ئوق ئۈچۈن كىرپىكتە غۇنچە تىزىلغان،
گۈللەر ئاستىدا قان ئىزى قالغان.
بىر غۇنچىنىڭ رەھمىتىدە چوڭ بولار،ئۈمىد ۋە ئوققا تىزىلغان چارىسىز ھايات.
ياپياش ئۆلۈمنىڭ ئۈستىگە چۈشەر تولۇنئاي،مەرسىيەدە قانايدۇ ئانا يۈرىكى،قىزىرىدۇ خېجىللىقنىڭ يۈزى،
خىجىل بولمايدۇ تۇپراقنىڭ ئۆزى.

ئانىلارنىڭ يۈرىكىگە كۆمۈڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەن بالىلارنى,سېپىۋىتىڭلار قانلىق كۆز ياشلىرىنى يەر يۈزىگە،
تىقىلسۇن پىچاق يارىسى سىزنىڭمۇ شۇ سەزمەس كۆزلىرىڭىزگە.


ئەسكەرتىش:يۇقىرقى تەرجىمىلىرىمنىڭ بىر قانچىسى بۇرۇن مەلەك ۋە گۈلىستان دېگەن ئىككى ئىسىمدا ئېلان قىلىنغان.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىمنى ئۆچۈرۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن،قالايمىقانچىلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدۇم.





tograk001 2011-09-06 15:49
مەن ئۆلەرمەن،مەن ئۆلەرمەن،
يولدا   قويماڭلار     مىنى....
يولدا   قويساڭلار   قۇيۇپ،
چۆللەردە قويماڭلار  مىنى.....

مەن ئۈلۈپ تۇپراقتا ياتسام،
كىم مىنى  ياد  ئەيلىسۇن.
دوستلىرىم غەمكىن بۇلۇپ،
دۈشمەنلىرىم شاد ئەيلىسۇن..............

nursima 2011-09-06 23:04
مۇشۇنداق بىر گۈزەل ،مول مەزمۇنلۇق شېئىر،مول ھوسۇللۇق شائىرنى تونۇش،ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر...

atikam1 2011-09-07 10:12
ھەممە جەھەتتىن يېتىشكەن  مول بىلىملىك سەنئەتكار ۋە شاېرنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت ،،،،ئەتتىگەندىلا  ئازاپ يۇشۇرۇلغان شىېرلىرى يۈرەكلەرنى تىترەتتى

coffe 2011-09-08 10:39
سېڭلىم ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز ، ئىشلىرىڭىز ، ئوقۇشىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن .

rumaysa 2011-09-10 17:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈل كاپىتان!
  بۇ شئېرلارنى تەرجىمە قىلغۇچە ئاز جاپا تارتمىغانسىز ھە؟ ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن!
گەرچە شائىرنى ۋە ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ياقتۇرمىغان بولساممۇ ئەمما سىز يوللىغان بۇ شئېرلارنى تولىمۇ ياقتۇردۇم. بولۇپمۇ سۈكۈت قىلدىم دىگەن شئېرنى.  بۇ شئېرنى ئوقۇپ ئاجايپ بىر تۇيغۇ ۋە ھېسلارغا چۆمۈلدۈم. مۇمكىن بولسا ماڭا تۈرىكچىسىنى يوللاپ بېرەلەرسىزمۇ؟ پەقەت شۇ بىرلار شېرنىڭكى بولسىلا بولدى. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
تۆۋەندىكى نەشىدنى سىزگە سۇندۇم.

maxal20 2011-09-17 22:22
لىرىكىغا تويۇنغان يازما.

fany 2011-09-17 23:28
مەلەك  خانىقىزنىڭ ئەجىرىگە  كۆپ تەشەككۈرلەر

zibarim 2011-09-18 01:37
بۇ شىئېرلار ئەدىبىياتنىڭ قايسى خىل ژانىرىغا كىرىدۇ؟ ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر......    

hayrana 2011-10-06 18:33
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈل كاپىتان ئاللا قولڭىزغا بەركەت بەرسۇن ، مۇشۇ كۈنلەدە تورغا كىرسەملا سىزنىڭ تەرجمە ئەسەرلىرڭىزنى ئزدەيدىغان بولۇپ قالدىم ، مۇشۇنداق ئسىل تىمىللىرڭىز بولسا كەڭ تورداشلاردىن ئايمىغايسىز . رەھمەت !


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بىر گۈللۈككە كۆمۈڭلارمەن ئۆلگەندە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.040022 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us