رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۆمىنجان ۋە ئازادبېك بىرگە ئوقىغان ناخشىلار --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> مۆمىنجان ۋە ئازادبېك بىرگە ئوقىغان ناخشىلار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

umidwar 2011-08-31 13:07

ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق موسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق مۆھتىرەم تورداشلار،سۆيۈملۈك مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ بۈگۈنكى قۇتلۇق رۇزى ھېيتىنى تورىمىز ۋە شىركىتىمىزدىكى بارلىق خىزمەتچى - خادىملار نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمىز،ئايەم كۈنۈڭلارنىڭ بەخت - ئامەت ئىچىدە ئۆتىشىگە،توردىكى كۈنلىرىڭلارنىڭ ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق تېخىمۇ مول مەزمۇنلارغا ئېگە بۇلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە بىزنى قوللاپ كەلگەن،ئەلكۈيى تورىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلغان بارلىق تورداشلارغا تۆۋەندىكى رۇزى ھېيتلىق ئالاھىدە سوۋغىمىزنى سۇنماقچىمىز.
 
2011-يىلى 1-ئايدا ئۆزبىكىستاننىڭ ئەڭ داڭلىق سەنئەتكارى ئازادبېك نەزەربېكوۋ دىيارىمىز شىنجاڭغا كىلىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ئىدى،بۇ قېتىملىق كىچىلىككە سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىممۇ ئازادبېكنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن بىرگە قاتنىشىپ ئىككەيلەن كىچىلىكتە بىرگە نومۇر ئورۇنداپ كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ قاينام تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەن.گەرچە بۇ قاينام تاشقىنلىق كەيپىيات تولىمۇ قىزغىن بولغان بولسىمۇ بۇ كىچىلىككە قاتنىشالمىغان نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىنىڭمۇ بۇ خۇشاللىق دەقىقىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى ئارمان بوپ قالغان ئەلۋەتتە.

شىركىتىمىز رۇزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، سابا مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ ئالاھىدە تەمىنلىشى بىلەن ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا 2011-يىللىق رۇزى ھيېتلىق سوۋغات سۈپىتىدە ئۆزبىكىستاننىڭ ئەڭ داڭلىق سەنئەتكارى ، پەخىرلىك ناخشىچىسى ئازادبېك بىلەن ھەممەيلەننى سۆيۈندۈرۈپ كىلىۋاتقان ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم شۇ قېتىملىق كېچىلىكتە بىرگە ئورۇنلىغان ئىككى ناخشا(بۇ ئىككى ناخشىدا مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىنى ئازادبېك ئورۇنلىسا،ئازادبېكنىڭ ناخشىسىنى مۆمىنجان ئورۇنلىغان ،ئىككى ناخشىچى نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ،تاماششىبىنلارغا تېخىمۇ كۆپلىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلغان) ھەمدە مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ كېچىلىك جەريانىدا تاماششىبىنلار بىلەن سەھنىدىن چۈشۈپ ئەركىن -ئازادە بىرگە ئورۇنلىغان بىر ناخشىسىنى ئايەملىك سالامىمىز بىلەن ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇق،بىز تەييارلىغان بۇ سوۋغاتلار يېقىندا بازارغا سېلىنماقچى بولغان ئازادبېك نەزەربېك ئۈرۈمچىدە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ پىلاستىنكىسىدىكى نومۇرلار ئىچىدىكى مۇھىم نومۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ ،ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ تورداشلارغا ھەقسىز تەمىن ئەتتۇق، ئايەم كۈنلىرىدە ئالاھىدە تەييارلىغان سوۋغىتىمىزنىڭ ھېيتىڭلارغا تېخىمۇ مول مەزمۇنلارنى ئاتا قىلىشىنى،ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارنىڭ ئايىمىنىڭ خۇشال_خوراملىق ئىچىدە ئۆتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد
قىلىمىز!

 
 مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئازادبېك بىر- بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ناخشىلىرىنى ئوقىماقتا
 مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ئازادبېك سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىلەش مەركىزىدە


 مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ سەھنىدىن چۈشۈپ ئوقىغان ناخشىسىغا تەڭكەش بولىۋاتقان تاماششىبىنلار

كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور بېكىتى
سابا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى

holmis 2011-08-31 14:50
   مۆمىنجاننىڭ ئاۋازى بەك ئەۋرىشىم ، ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدۇ ، مەن ياختۇرىدىغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى .
  ئازادبېكنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىكەن ، ئىچىم ئىسسىق بولۇپ قالدى.

pakzad 2011-08-31 17:00
روزا ھىيىتتا بۇنداق كۆڭۇل سوغىسى بەرگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۇر ،بۇ كىچىلىكمۇ بەك قىززىپتۇ .تاماشبىنلارنىڭ  قىزغىنلىقىمۇ بەك يۇقىرى ئىكەن ،بولۇپمۇ ئاخىرقى ئۆزبىكچە ناخشا خىلى بولىدىكەن.مومىنجان ئابلىكىم ئۆزبىكچە ناخشىنىمۇ ئۇيغۇرچە پۇراق چىقىرىپ ئوقۇيدىكەن.دىمىسىمۇ ئۆزبىكلەر بىلەن بىزنىڭ ئوخشاشلىقىمىز تىل ۋە سەنئەت جەھەتتىن ئۆزىنى ئاشكارلاپ تۇرىدۇ.ناخشا ،ئۇسۇلغا ھىرىسمەنلىكىمىزمۇ، ناخشىلىرىمىزدىكى ئۇدار،مىلودىيلەردە بەكمۇ يىقىن كىلىدىكەن.
تولىمۇ ئەپسۇس بولغىنى بۇ كىچىلىككە قاتنىشالماپتۇق ،11-چىسلادىكى ناخشا كىچىلىكىگە چوقۇم قاتنىشاي جۇمۇ .ياش بولغاندىكىن ياشلار ياقتۇردىغان سورۇندىن قالماي يەنە.
روزى ھىيىت كۇنلىرى بىزنىڭ كۆڭۈل ئارامىمىزىغا سۇنغان سوۋغىتىڭلارغا كۆپ رەخمەت.

yalniz 2011-08-31 20:08
تولىمۇ سۆيۈندۈم  ،،،،   ئازادبەگ ۋە مۆمىنجان ئىككىلىسى مەن ياقتۇرىدىغان ئارتىستلاردىن ،،،،   ئەپسۇس  مەن قاتنىشالماي  قاپتىمەن دىسە ،،،،  
ئۆزبەك ئۇيغۇر  بىربىرىمىزنى  قوللاش  تولىمۇ كەمچىل دەپ ئويلايتتىم  ، تېخىمۇ  شانلىق نەتىجىلەر  كۆرۈنۈپ  تۇرۇپتۇ  ، ئالغا  ئاكاشلار  ،،،،، سىلەرنى مەڭگۈ  قوللايمەن !

ئەلكۈيى  تورىنىڭ  بۇ سوۋغىسى  ماڭا بەك ياقتى رەخمەت  ،،،  جاپا  چەكتىڭلار !

pariay 2011-08-31 22:03
ئەلكۈيىنىڭ بۇ سوۋغىسىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم . مۆمىنجاننىڭ ئاۋازىغا دەرت بەرمىسۇن ، بۇ ئىككى ناخشىچى بەكمۇ ماسلىشىپتۇ . بىر تەرەپتىن ناخشا ئوقۇپ ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ ،،،،،كۆز تەگمىسۇن !!!

ablimit7304 2011-08-31 22:44
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ..... رۇزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!
ناھايىتى ياخشى سوۋغات بۇپتۇ .... ئەلكۇيىدىكىلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەخمەت ....... !

haliktash 2011-08-31 22:55
بايرامىلىق سوغىڭىزغا تەشەككۇر!! ئىنتايىن ئىسىل سوغا بولۇپتۇ... مۆمىنجاننىڭ ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىغا تىلەكداشمەن....

jasur971 2011-09-01 02:05
ھەقىقەتەن ئىسل سوۋغا بوپتۇ!!  ئەلكۈيى ھەقىقەتەن ئەلنىڭ كۈيچسى دە!!

bayanqur 2011-09-01 13:18
بۇ ھىيىتىلىق سوۋغا ناھايتى ياخشى بولغان  كاتتا سوۋغا بۇپتۇ. مەن بۇنى كۈرۈپ مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن تۈلىگەن غايەت زور بەدىلىنىڭ  تۇنجى قەدەمدىكى نەتىجىسىنىڭ كۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاسىيادا ئەلمىساقتىن بۇيان ناھايتى زور مەدىنيەت مىراسلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن بارچە تۈرىك قىرىنداشلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ كەلگەن ، تۈرىك خەلقىنىڭ سەركىلىك رۇلىنى ئۈتەپ تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىقىنقى يىرىم ئەسىر مابەينىدىكى بىكىنمىلىكى سەۋەبىدىن باشقا قىرىنداشلار نەزىرىدىن چۈشۈپ قىلىۋاتقانلىقى ، ئاددىيسى ئۆزىنىڭ كاتتا نامەيەندىلىرىنى ۋە سەنئەت نەتىجىلىرىنى بولسىمۇ  مەركىزى ئاسىيادا ياشاۋاتقان  باشقا قىرىنداش تۈرىك خەلقىنىڭ ئارىسىغا يۈزلەندۈرەلمەيۋاتقان ئاق توچكا ھالىتىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۈنسىز خۇرسىنغان ئىدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە فەرغانە ، سىر ۋە ئامۇ دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ كىلىۋاتقان ئۆزبىك خەلقىنىڭ مەيلى ئادەتتىكى ئاممىباب سەنئەتكارلىرى بولسۇن ياكى كۆزگە كۈرۈنگەن سەنئەتكارلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ تۈركۈملەپ  كەينى-كەينىدىن كۆپلەپ دىيارىمىز سەھنىلىرىدە پەيدا بۇلۇپ ، ئۆز ئالدىغا غايەت زور مۇۋەپىقىيەت قازىنىشى ھەم بىراقلا ئۆزبىك ناخشىلىرى نامىدا خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۈرىدە مۇئەييەنلىششى، بىزنىمۇ تەبىئىيلا ئەجەپ بىزغۇ  ئۆزبىك كۈيلىرىنى ناھايتى ياخشى ئاڭلاۋاتىمىز .ئۇنداقتا ئۆزبىك خەلقى بىزنىڭ كۈيلىرىمىز ۋە ھازىرقى دەۋىرىدىكى سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئىسىل ئىجادى كۈيلىرىدىن خەۋاردارمۇ؟ بىزغۇ ھەرقاندىقىقىغا ناھايتى كاتتا سەھنە ھازىرلاپ بەردۇق. ئەجىبا بىزنىڭ چولپانلىرىمىز شۇ ئۆزبىك سەھنىلىرىدە نامايەن بولدىمۇ؟ دىگەندەك تەبىئى ھالەتتىكى ئۆزلۈك ۋە غورۇر چۈشەنچىمىز سىڭگەن سۇئاللار بىزنىڭ ئىددىيمىزنى سىلىكىگەن ئىدى. ئەمدى بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق . ناھايتى ئەپسۇسكى بىزنىڭ سەنئەتكارلارغا تېخى مەركىزى ئاسىيا سەھنىلىرى ئۇنچە كەڭ قۇچاق ئاچقىنى يوق. بۇلۇپمۇ ئۆزبىك خەلقى ياشاۋاتقان ئەلدە خاتالاشمىسام بىرمۇ ئۇيغۇر  سەنئەتكارىمىز ئۆز نامىدا كونسىرىت بىرىپ ئۇلارنىڭ مۇئەييەنلىشىشىگە ئىرىشكىنى يوق. بۇلۇپمۇ يىقىنقى 20يىل مابەينىدە دەل شۇنداق. ئاددىيسى ئۇلاردىن ھەر يىلدا بىر ئەمەس بىر قانچىسى بىزنىڭ دىياردا ناھايتى داغدۇغىلىق  ھالدا يۈكسەك ئىھتىراملار بىلەن كۈتۈۋىلىنىپ ناخشا كىچىلىكى ۋە كونسىرىت قۇيىدىيۇ تېخى تا ھازىرغىچە بىزنىڭ شۇلارنى بىسىپ چۈشكىدەك كاتتا چولپانلىرىمىز بىرەر مەيدان يەككە كىشىلىك ئىجادىيەت ناخشا كىچىلىكىنى ياكى كونسىرىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى.  بەلكىم بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بۇلىشى مۇمكىن. ھەممە مەسىلە  بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىزدا بۇلىشى  ناتايىن. ئەمما ھالقىلىق مەسىلە شۇكى بىزنىڭ سەنئەتكارلىرىمىز ئىجادىيەتلىرىنىڭ تېخى ئۆزبىك دىيارىدا غايەت زور غۇلغۇلا قوزغىىغان ئەمىليىتىنىڭ بولماسلىقى ئاساسلىق سەۋەب. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە  دۇنيا سىياسى خەرىتىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، 100يىللاپ داۋاملاشقان قاششاقلىق  ، ھەر خىل مەدىنيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىلىكى ۋە مۇقىم مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك كەڭرى مەنىدىكى سەنئەت ۋارىيانتىنىڭ تازا مۇكەممەلىشەلمەسلىكى قاتارلىق ئىككىلەمچى ئامىللار بىزنىڭ بۇنداق پاسسىپ ھالىتىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئەمما بىز ئۇبدانراق دىققەت قىلىدىغان بولساق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نادىر خەلق ناخشىلىرى  ۋە كەڭ خەلق ئەتىۋارلاپ كىلىۋاتقان خەلق كۈيلىرى تا ھازىرغىچە ھەممە تۈركى قەۋىم ۋە تۇرىك ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ھۆرمەت نەزىرىنى تىكىدىغان ئۇبىكىتتۇر.  گۈھەر سۈپىتىدە ھەممىنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەي ئۇرۇنلانماقتا. ئۇلار پەقەت بىزنى شۇ خەلق ناخشىىرىمىزدىن ئاز-تۇلا ەجىربە ئالامشتۇرسا ئالماشتۇردىكى ھەرگىزمۇ ھازىرقى زامان يەككە شەخىسلىرىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىدىن تەجىربە ئىلىپ باقمىدى. يۇقاردا دىگەندەك خاسلا ئۇلار كىلىپ داغدۇغا بىلەن بىزگە ئۆزىنىڭ كۈيلىرىنى توۋلاپ كىتىرۋەرسە بىز بىرەر قىتىممۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل نەتىجىللىرىمىزنى ئۇلارغا سۇنمىساق يەنىلا رۇشەن ھالدا پەقت شۇلارلا قىلسا بۇلىدىغان بىزنىڭ ھېچنىمىگە ھىساپ بولمايدىغان تەڭپۇڭسىز پۇزىتسىيەنىڭ چىقىشى ناھايتى نۇرمال ھادىسە. دەل مۇشۇنداق بىنۇرمال رىئاللىقىنى كۆزلىگەن مۆمىنجان ئابلىكىم بۇ جەھەتتە يىقىنقى ئاز كەم 10يىلدىن بىرى كۆپ ئىزدەندى، كۆپ جاپالارنى تارىتتى. ئۇنىڭ مەخسىدى پەقەتلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يىقىنقى زامان يىڭى نەتىجىلىرىنى شۇ ئۆزبىك خەلقىگە بىلدۈرۈش ئىدى. بۇلۇپمۇ مەركىزى ئاسىيا زۇنىسىنىڭ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتىپ قۇيۇلغان ئىشىكنى ئېچىش. ھەم مەركىزى ئاسىيادا ئۇيغۇر  خەلقىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىىنى يەنە ھازىرقى دەۋىردىكى مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ، ئۇلارمۇ كىلىدىغان بىزمۇ بىرىپ ئۆزىمىزنىڭ نەتىجىلىرىنى سۇنىدىغان دىمۇكىراتىك سەنئەت نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇھىتىنى يارىتىشتا ناھايتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. شۇ سەۋەبتىن بىز ئازىراق كاللىمىز بىلەن ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق، مۆمىنجان ئۇيغۇر سەنئىتىنى خەلقئاراغا بۇلۇپمۇ قىرىنداش مىللەتلەرگە يۈزلەندۈرۈشتە ھەممە ئادەمدىن كۆپ تىرىشقان ۋە كۆپ ئەگرى -تۇقاي مۇشەقەتلەنى بىشىدىن كەچۈرگەن ياخشى سەنئەتكەر ۋە تىرىشچان  يىگىتتۇر. كىشىنىڭ قىلچىلىك تۆھپىسىنى ۋە نەتىجىسىنى چۇقۇم بىلىشىمىز لازىم. شۇ جەھەتتىن مۆمىنجان قىلىۋاتقان ئىش ماھىيەتتە ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يىڭىچە بۇرۇلۇش ۋە بۈسۈش ھىسابلىنىدۇ. ھەم بۇ قىتىمقى كىچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتكەرئازادبىك نەزەربىك ئەھمەدۇۋ بولسا بىر ئۆزبىكنىڭلا چولپىنى بولماستىن بەلكى پۈتۈن تۈركى خەلقكە تۇنۇشلۇق ناھايتى كاتتا يۈز تاپقان سەنئەتكاردۇر. ئۇ مەيلى ئەزەربەيجان  ياكى مۇسكۇۋا ۋەياكى تۇركىيە شۇنداقلا مەركىزى ئاسىيادا بەش جۆمھۈرىيەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز شۇنداقلا تاتارىستان جۈمھۈريەتلەردە ئۇنىڭ تىتىملىق كۈيلىرىنى تاپقىلى بۇلىدۇ. ھەم بۇ قىتىملىق نۇمۇرنى ئۇرۇنلاشتا قىلىۋاتقان سۆزلىرىنى ئويلىساق، بۇ كىشىنىڭ ئادەم تاڭ قلىدىغان دەرجىدىكى ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەخلاق  ئۆلگىسى ئىكەنلىكىنى كۈرۋىلىش تەس ئەمەس. مەن بىلىپ  دىيارىمىزغا ئاز كەم  20مىگە يىقىن مۇشۇنداق ئۆزبىك سەنئەتكارلىرى كەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ قايسىسى  بىر ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۆزبىك خەلقى ھەققىدە ئازادبېك نەزەربىكچىلىك تۆت ئېغىز ئدىتلىق ۋە ناھايتى توغرا سۆزلەپ باقمىغان. ئەمما بۇ كىشى قولنى يۇيسا قول يۈزنى يۇيىدىغانلىقىنى ناھايتى ياخشى بىلگەن پەقەت سەنئەت ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى ھەممە جەھەتتىن يىتىشكەن  ، ئىسىل ، بىلىملىك نەزەر دائىرسى كەڭ بولغان بۇلۇپمۇ ئىنتايىن ئەپۇچان ۋە نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى ئىكەنلىكىنى سەھنىدە قىلغان شۇ7 سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلىدى. بۇ پەقەت بۇكىشى مۇشۇ ئۈرۈمچىدىلا شۇنداق بولماستىن بەلكى ھەممە دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئەشۇنداق نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىنسان. مەن بۇنى ئاز-تۇلا بىلگىنىم ئۈچۈن يەنى كۆپ كۈرىدىغانلىقىم ئۈچۈن دەۋاتىمەن. دىمەك شۇ ۋەجىدىن مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل بىر كىشى بىلەن دوسلۇق ۋە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشى ئۇنىڭدىمۇ شۇنداق خىسلەتلەرنىڭ بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
ئەمدى مۇشۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ مەن يەنە مۆمىنجان ئابلىكىمغا تۈۋەندىكىدەك پىكىر تەكلىپىمنى بەرمەكچىمەن.
1- مۆمىنجان سىز شۇنداق تىرىشچان ۋە جاپاكەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ياش سەنئەتكار. نەتىجىڭىز ھەقىقەتەن گەۋدىلىك. ھەم مەن قىسقىغىنە بىر نەچچە مىنۇت سىز بىلەن بىۋاستە پىكىرلىشىپ باققان. سىز باشقىلارنى ناھايتى ھۆرمەتلەپ مۇئامىلە قىلىسىز. ھە سۆزلىرىڭز كۈپىنچە ئادەمگە سىپايە تەسىر بىرىدۇ. ئەمما سىز سەھنىدە سۆز قىلغان ۋاقىتتا سەل جىددىيلىشىشى ۋە ئالدىراپ سۆز قىلىش مەۋجۇت . ھەم سەللىمازا نەخ مەيدان ئىنكاس ھازىرلاشتا سەھۋەنلىك بار دەپ قارىدىم.
مەسىلەن مۇشۇ تىمىدىكى سۆزلەرگە قارايدىغان بولساق ئازادبىك  نەزەربىك بىلەن سىزنىڭ سۆزلىرڭىزنى سېلىشتۇرساق بەزى تەرەپىلىرىدە راسلا ئادەم ھەيران قالارلىق پەرىق بار. يەنى ئۇ سىزنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن ۋە سىزنىڭ مۇشۇ يەردە بارلىقڭىزدىن ناھايتى پەخىرلەنگەن. ھەم سىزنىڭ تىرىشىچانلىقڭىزنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بارچە پۇرسەتتە سىزنى ناھايتى چوڭ بىلگەن. ھەم ئۆز تەسىرى ئارقىلىق سىزنىڭ تەسىرىڭىزنى ئاكتىپ كىڭەيتىشكە شارائىت ھازىرلىغان. شۇنداقكەن سىز بۇ كىشىنى سەھنىدە ھېچ بولمىسا شۇنىڭغا ئوخشاش ئازىراق تەرىپلەپ ئۆزىڭىزگە قۇيۇلغان ساھىبخانلىق مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز زۈرۈر. مىنىڭچە دىيارىمىزغا كەلگەن ئۆزبىك سەئەتكارلار ئىچىدە ھەممىسىنى سېلىشتۇرساق ھېچ قايسىسى ئازادبىكقا يەتمەيدۇ. تۇلىسى خاتا كەپ قالغان بىچارىلەر . ئاز ساندىكى بۇنىڭ سىرتىدىكى بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ئازادبىكقا يەتمەيدۇ. ھەم بۇنى سىز ۋە ھەممەيلەن بىلىمىز.شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە ئۇ بىر ھەسسە سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىپ پاراڭ تەشسە سىز يەنە شۇ سەھنىدە ئۇنىمۇ بىسىپ چۈشكىدەك ئىنكاس بىلەن جاۋاپ بەرسىڭىز  تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.چۈنكى سىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۈزىڭىزنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيالايسىز. ھۆرمىتىڭىز يەنە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. سىزنى ھۆرمەت قىلمىدى دىمىدىم. لىكىن قارشى تەرەپكە قارىغاندا پەرىق مەۋجۇت.
2- مۆمىنجان سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ھەر دائىم مۇشۇ گەپ بۇلۇپتۇ دىگەن كۈينى كۆپلەپ ئېيتىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم. بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارىشىم. سىزنىڭ نادىر ناخشىلىرىڭىز شۇنچىلىك كۆپ. مۇمكىن بولسا ھەرخىل سۇرۇنلاردا ناخشىلارمۇ بىرخىل قىلىپلىشىپ قالمىسا.
يۇقارقىلار مىنىڭ تەكلىپ پىكىرىم . باشقىلار دەرھاللا ماڭا چاپلاشماي توغرا ھىس قىلسا، ھەم مەن مۆمىنجان ئابلىكىمنى ھەقىقى قوللايدىغان كىشىلەردىن. شۇڭا مىنىڭ ئىدىيەمنى خاتا بۇراپ قالماسلىقىڭلارنى سۇراپ بۇ ئۇزۇن ئىنكاسىمنى يىغماقچىمەن.  

arkam3 2011-09-01 16:31
بايرامىلىق سوغىڭىزغا تەشەككۇر!! ئىنتايىن ئىسىل سوغا بولۇپتۇ... مۆمىنجاننىڭ ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىغا تىلەكداشمەن    

hokumran 2011-09-01 18:25
ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ ئايەملىك سوۋغا بەرگىنىگە كۆپ رەخمەت .

.lazzat 2011-09-01 22:04
بۇ ھېيتلىق سوۋغىنى كىچىكىپ كورگەن بولساممۇ  لىكىن تۇلۇمۇ سۈيۈندۈم،  كۆپ  رەخمەت بىكەت باشلىقىغا.

babor 2011-09-02 16:36
ممومىنجان  ياشسۇن  كەم ئۇچرايدىغان ناخشىچىمىز            ئابدۇللا ۋە  مومىنجان   ئۇزۇن يىلدا  بارلىققا كىلدۇ

babor 2011-09-02 16:41
مەن  ئاقسۇ جام  دىگەن يۇرتتىن    ئۇقۇغۇچى  ئۇستازلىرىم دايىم ئاۋازىڭىز  مۈمىنجاننىڭ ئاۋازىغا بەك ئوخشايدۇ   دەيتى  .   بىز   يېزا بالىلىرغا  شاراىت يوق .  

babor 2011-09-02 16:46
بەخىتسىز سەئىديە      دىگەن  كىتاپتىن  تەسىرات        ئاپپاق خۇجىغا ئاتاپ                                                                                        

娜紫拉 2011-09-02 16:52
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ھەممىڭلارنىڭ روزا ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن!~بۇلارنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!~

taranqi 2011-09-02 18:56
بۇ پىلاستىنكىنى تارقاتمامدىكەن ؟  ئەڭ زۇر ھېيتىلىق بوپتۇ .... ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .... !

layli 2011-09-02 21:30
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
ھەممە قېرىنداشلىرىمنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن ،
ئەلكۈينىڭ بۇ ئالاھىدە سوۋغىتىنى كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم ،
ئەلكۈي تورىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ۋە كۈندىن كۈنگە گۈللەپ ياشنىشى ۋە ئەلنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ياخشى تور بىكتىنىڭ بولۇپ قىلشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلمەن ،

adidas777 2011-09-03 03:37
رەھمەت ئىسسىل  مۇنبەر باشلىقلقرىنڭمۇ ھىيتىغا مۇبارەك بۇلسۇن

             مۇمۇنجان ئابلىكىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن...
777

ümüt68 2011-09-03 06:22
ئاپىرىن. ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مۇنبەر ئەھلىگە تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ مەزمۇنلۇق سوغىلارنى بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

arkak007 2011-09-03 12:59
بەك سۇيۇندۇم ياشائۇي غۇرۇم،

huxruh 2011-09-03 14:18
رەھمەت سىزگە ..... بۇ ھىيىتلىق سوۋغىدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم ،چۈنكى مەن بۇ ئىككىلى ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن

  يەنە بىر قىتىم رەھمەت سىزگە

koktash 2011-09-04 12:52
4 سائەت ۋاقىت سەرب قىلىپ، ۋىدىئونى ئاران كۆرۈپ بولدۇم.
بەك ئاستا چىقتى، بەكمۇ ئاستا... مۇمكىن بولسا تېزراق چىقىدىغان 56.كوملارغا ئۇلاپ قويسا ياخشى بولاتتى.

didar0996 2011-09-04 14:40
ئايەملىك سوغىنى بەكمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن . شۇنداق سۈيۈندۈم ...

abm165 2011-09-04 17:59
         كوز ئالدىمىزدا  بەكمۇ ياحشى ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ ، مۇشۇنداق بەحىتلىك  دۇنيادا 1000يىل ياشىعۇسى كىدۇ  ئادەمنىڭ .

gullala 2011-09-04 19:13
ئەلكۈي تورى ئارقىلىق مۇشۇنداق ئەھميەتلىك پائاليەتلەر مەزموندىن بەھىرلىنىۋاتىمىز .....................ئەلكۈيى تورىدكى بارلىق خادىملار سىزلەرگە كۆپ تەشەككۈر !

binava 2011-09-05 19:36
ئالاھىدە سوۋغا ---كېچىككەن سوۋغا!

kaygu 2011-09-06 00:49
رەھمەت بۇ سوۋغىڭىزغا....
مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن

bughra68 2011-09-06 15:33
بۇ سوۋغا تولىمۇ ياخشىكەن . مەن  مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ << سابا مائارىپ مەرىپەت
تەربىيىلەش مەركىزى >> نىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىن فېلىمىنى تاپالمىدىم .
مۇمكىن بولسا ئەلكۇيىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنىمەن .
ئەلۋەتتە ھېچ بولمىسا ئىنكاس شەكلىدە ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىمۇ كۇپايە .!

tograk001 2011-09-06 18:27
ئىنتايىن ئىسىل سوۋغىكەن  رەھمەت....ئەلكۇيى مۇنبىرىگە رەھمەت   ئازادبېك ۋە مۆمىنجان ئىككىلىسى مەن ياقتۇرىدىغان ئارتىستلاردىن .......ئازادبېك  ئاكىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم ھەقىقەتەن ياخشى سۆز قىلدى.......راست   مۆمىنجان ئاكاشمۇ  كۆپ تىرىشتى  مۇشۇ سەنئەت يولىدا كۆپ تىرىشچالىقنى كۆرسەتتى        ......ئاۋازى نىمىدىگەن يېقىملىق ،  نىمىدىگەن تاتلىق چىققان ناخشا-ھە؟!.... ئاۋازىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن مۆمىنجان ئاكا......ياشاڭ  بىز سىز نى قوللايمىز.....

ayjamal01 2011-09-09 11:41
مەن ناھايىتى پەخىرلەندىم ھەم ھاياجانلاندىم ، بۇ ئىكىكى ئەرتىسىنى مەن بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ،  

kunluk555 2011-09-09 15:39
بايرامىلىق سوغىڭىزغا تەشەككۇر!! ئىنتايىن ئىسىل سوغا بولۇپتۇ... مۆمىنجاننىڭ ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىغا تىلەكداشمەن  

阿图什 2011-09-13 15:27
مۆمىنجاننىڭ بەلەن سۆزىنى سېلىشتۇرىشى توغرا كەلمەپتۇ، ئۆزبېكچىدىكى "بەلەنت" سۆزى بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى "بەلەن" سۆزىنى ئوخشاش دەپ قويۇپتۇ.

kalbidax 2011-09-19 18:44
بۇ ئىسىل سوغىنى مەنمۇ  بەك كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن،رەخمەت بىزنى بۇ ئىسىل سوۋغا بىلەن تەمىنلىگەن ئەل كۈيى تورىغا تەشەككۈر

ablikim0991 2011-09-28 02:03
مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن ئازادبىك بەك ماسلىشىپ ئوقۇپتۇ ناخشىلارنى،سىنى سېغىندىم يەنە دېگەن ناخشىغا ئامراقلا بوپ قالدىم.

roh5209 2011-09-30 00:59
ھەقىقەتەن ئىسل سوۋغا بوپتۇ  !!!ئەلكۈيى تور نىڭ6يللق چنكوڭلمدن تەبركلەيمەن     

srwaz 2011-10-02 16:57
مۆمىنجاننىڭ بۇ ناخشلىرىنى ئاڭلاپ سۈيۈندۇم . قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە چىراينى كۈلكە قاپلىغان خەلىقمنى كۈۇرۈپ تىخىمۇ ھاياجانلاندىم . نىمە دىگەن ئېسىل مەنزىرە ھە  . ئازادبىك ئىمانى كامىل بىر سەنئەتكار بولغاچقا يالغۇز ئاۋازى بىلەنلا ئەمەس يەنە ئىنسانى پەزىلىتى بىلەنمۇ تونۇلۇپ كەلگەن . بولمىسا ئۇ شىر ئەلى جۇرايۇف . غۇلامجان ياقۇپ . موخۇردىن خالىقۇف . غىياس بايتايۈف . باتۇر قادىرۇف . رەھمەتلىك ئاخۇنجان مەدەلىۋ . نۇردۇن ھەيدەرۇف قاتارلىقلار تىك دەسسەپ تۇرۇش بىلەن ئەلگە خىزمەت قىلغان ناخشىچىلار قاتارىدا سانىلالمايتتى . ئاللا ھەر ئىككى سەنئەتكارنى ئامان قىلسۇن . رىزىقى زىيادە . ئابرۇيى ئۈستۇن . ئۆمىرى ئۇزۇن . كۇڭلى خاتىرجەم . تىنى سالامەت بولسۇن .

ozhal 2011-10-02 17:08
مۆمىنجاننىڭ ھازىرقى ھالەتكە كىلىشى تولىمۇ قىيىن . ئەگىرى توقاي جەريانلار بىلەن تولغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭدىكى چىكىنمەس روھ . ئىزچىللىق بىلەن تىرىشش نەتىجىسىدە ھازىرقىدەك ھەر بىر ناخشىسىنى ياشلىرىمىز سۈيۈپ ئاڭلاشتىن سىرىت يەنە ئاڭسىز ھالدا يادا ئالىدىغان ھالەتكە كەپتۇ . بۇ كۆرۇنۇشلەرنى كۈرۈپ بەك ھاياجانلاندىم . تاماششبىنلارنىڭ چىرايىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدىكى سۈيۈنۈش ھىسياتىنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم . ئەلنىڭ ھۈرمىتىگە ئىرىشمەك ئاسان ئەمەس . ئون نەچچە يىل سەھنىدە دەسسەپ تۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ جەلىپكار ناخشىلىرى ئارقىلىق مەنىۋىيىتى باي ياشلارنىڭ كۇڭلىنى ئۇتماق تەس ئىدى . بىراق مۆمىنجان بۇ ئىشلارنى قىلالىدى . خەلقىمىزنىڭ كۈڭلىنى سۈيۈندۇرۇپ كىلىۋاتقان ۋە خەلىقىمىزنىڭ كۈلكسىىدىن . مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدىن قانائەت ھىس قىلماي يەنە تىرىشىپ يىڭى يۈكسەك پەلىلەر ئۈچۈن تىرىشۋاتقان مۆمىنجانغا بەخىت تىلەيمىز  . مۆمىنجان ئاداش . تىنىڭلار سالامەت بولسۇن . ئىزدىنشلىرىڭلار غەلبىلىك بولسۇن . خەلىقىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتا سىزدەك قابىللار كۆپەيگەي . ئابدۇللاكام . ئابلەتكام قاتارلىق ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك پەرزەنىتلىرىگە مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق قىزغىن سالىممنى يوللايمەن . ئاللا سىلەرنى ئامان قىلسۇن .
  

喀什姑娘 2011-10-02 18:20
بەك ياخشى سوۋغا بوپتۇ بۇ،نىمىشقا قەشقەرگىمۇ كەلمەيدىغاندۇ بۇلار،شىنجاڭنىڭ مەركىزى دەپ ھەممىلا ئىش ئۈرۈمچىدىلا بولىدىكەن،بىزمۇ نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆرەلىگەن بولساق قانچە ياخشى بولاتتى ھە!!ئىچىم تارلىق قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ !!! (چاقچاق)  ئەلكۈيىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە رەھمەت،جاپا تارتتىڭلار.

turgun2005 2011-10-02 21:59
ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكنىڭ بىر مىللەت ڭىكەنلىگى ھەققىدە پاكىت ئىنتايىن جېق مەسلەن : ئوتتۇرا ئاسيادا ئىككىلا مىللەت ئويمانلىققتا  يېرىم تېرىم مەدىنيىتىنى ۋە يېرىم چرۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىپ ئويمانلىقتا ئولتۇراقلشقان تارىم  ئويمانلىقى  ۋە پەرغانا ئويمانلىقى ،ئەتراپىدىكى تاغلىق ياكى يايلاقلارنى باشقا مىللەتلەرگە بەرگەن،ئۇنىڭدىن باشقا ھويلا ئارام ياكى كىيىم-كېچەك مەدىنيىتى ئوپمۇ ئوخشاش ،تىلى ،چىرايى،دىنى ئىتقادى ئوخشاش ،ماقال تەمسىللىرى ئەدبىياتى ئالىملىرى ئوخشاش ،ھويلا-ئارام ئېگىلىكى ،تۇرمۇش شەكلى ئوخشاش... بىز نىمە ئۈچۈن ... 

graf 2011-10-08 19:37
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىbayanqur يوللىغان 2011-09-01 13:18 غا قارتىلغان  :


ناھايتى ئەپسۇسكى بىزنىڭ سەنئەتكارلارغا تېخى مەركىزى ئاسىيا سەھنىلىرى ئۇنچە كەڭ قۇچاق ئاچقىنى يوق. بۇلۇپمۇ ئۆزبىك خەلقى ياشاۋاتقان ئەلدە خاتالاشمىسام بىرمۇ ئۇيغۇر  سەنئەتكارىمىز ئۆز نامىدا كونسىرىت بىرىپ ئۇلارنىڭ مۇئەييەنلىشىشىگە ئىرىشكىنى يوق. بۇلۇپمۇ يىقىنقى 20يىل مابەينىدە دەل شۇنداق. ئاددىيسى ئۇلاردىن ھەر يىلدا بىر ئەمەس بىر قانچىسى بىزنىڭ دىياردا ناھايتى داغدۇغىلىق  ھالدا يۈكسەك ئىھتىراملار بىلەن كۈتۈۋىلىنىپ ناخشا كىچىلىكى ۋە كونسىرىت قۇيىدىيۇ تېخى تا ھازىرغىچە بىزنىڭ شۇلارنى بىسىپ چۈشكىدەك كاتتا چولپانلىرىمىز بىرەر مەيدان يەككە كىشىلىك ئىجادىيەت ناخشا كىچىلىكىنى ياكى كونسىرىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى.  بەلكىم بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بۇلىشى مۇمكىن.


.......



ئۆزبەگ مىللىتىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئۆز تىل يېزىغىنى، ئۆزىنىڭ بارلىغىنى قوغداش ئېددىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىزدە باشقىلارنىڭكىنى دوراشقا ئامراق، شاكىلى بىلەن مېغىزىنى ئاسانلا بىرگە ھەزىم قىلىۋالمايدىغان مېجەزى بەلكىم بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىزنى ئانچە ياقتۇرۇپ، ئالقىشلاپ كەتمىگەنلىكىگە سەۋەپچى بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۆزبەگ مىللىتىنىڭ مۇشۇ خىل مىجەزى سەۋەپلىك، پۈتكۈل روس پۇبلىكىلىرى ئارىسىدا ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ كەلگىنىمۇ مۇشۇ ئۆزبەگلەر ئىكەن، باشقا روس پۇبلىكىلىرىدا روس تىلىنى ئورتاق تىل ئورنىدا ئىشلەتسە، ئۆزبەگىستانغا كەلگەن باشقا مىللەت، ھەتتاكى روسلارمۇ بەزى جايلاردا ئۆزبەگچە ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

awaken 2011-10-11 14:58
مەن ئىككەيلەننڭ ناخشىسىنى بەك ياقتۇرمەن!!!!!!!

zaman924 2011-10-12 17:45
grafنىڭ دېگىنى توغرا، ئۆزبەق مىللىتى ھەقىقەتەنمۇ مىللەتپەرۋەر مىللەت. بىزنىڭ ئۆگنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ!

danixman007 2011-10-15 21:09
بۇ  ئىككىسى  بەك  ياخشى ھەمكالىشىپتۇ جۇمۇ  !

gulnur0997 2011-10-17 18:30
بايانچۇرنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.

roben 2011-10-18 06:50
داۋامىلق تىرشقىن مۆمىنجان ئاكا  .
سەن خەلقمىز نىڭ پەخىرلىك ئوغلانىدۇرسەن.
بىز ھەرۋاقىت سەن بىلەن بىرگە.  

kekaq 2011-10-22 12:47
بەك ياخشى بۇلۇپتۇ  

kayip 2011-10-22 17:20
ناخشنى ئىنتايىن ئۇز ئېيتىپتۇ!
     ئشكىلىپ بەكلا خوشال بولدۇم...

hukumran007 2011-10-22 22:12
پاھ   بەك  ماسلىشىپتۇ   ئككىسى  

خۇددى  ئالتۇن ئۈزۈككە  ،ياقۇت قويغاندەك


guzalnur444 2011-11-01 14:13
ئەل سۇيگەن ئەلنى سۈيگەن ناخشىچىمىز  مۈمىنجان ئابلىكىمنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئارلىق يىراق بولسىمۇ بىراق مۈمىنجاننىڭ  قوللىغۇچىسىدىن بولغان بىز  ئۇنىىڭ ئۈچۈن  ئالقىش سادالىرىمىزنى ئۈزۈپ قۇيمايمىز .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۆمىنجان ۋە ئازادبېك بىرگە ئوقىغان ناخشىلار --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.041326 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us