مۆمىنجان ئابلىكىم 2011 ناخشا كىچىلىكى ھەققىدە ئەلكۈيى ئىكرانىدا سۆھبەت
ئەسسالامۇئەلەيكوم! ئەلكۈيى تورىدىكى مۆھتىرەم تورداشلار قۇتلۇق رۇزى ھېيت ھارپىسىدا ھەممىڭلار بىلەن يەنە دىدارلاشقانلىقىمىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز ھەمدە شىركىتىمىز دىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار نامىدىن ھەممىڭلارنىڭ رۇزى ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورىمىزدا ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز،مەرىپەتپەرۋەر زاتىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم خەلقىمىزگە روزى ھېيتلىق ۋە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سوۋغات سۈپىتىدە 9-ئاينىڭ 10-،11-كۈنلىرى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق،بۇ كىچىلىك كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا ۋە تەقەززاسىغا ئىرىشكەن ئىدى ، نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بۇ كىچىلىك ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىز پىروگىرامما ئىشلەش گۇرىپىسىدىكلەر بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مەشىق زالىدا ھېيىت ھارپىسىدىمۇ جاپالىق مەشىق قىلىۋاتقان سەنئەتكارلار ،رىژېسسورلار شۇنداقلا كىچىلىكنىڭ باش قەھرىمانى مۆمىنجان ئابلىكىم بىلەن <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>نەق مەيدان زىيارىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
زىيارەت فىلىمىنىڭ ئېنىقلىقى يۇقىرى نۇسخىسى جىددىي يوللىنىۋاتىدۇ...
سۆھبەت جەريانىدا سۆيۈملۈك ناخشىچىمىز،مەرىپەتپەرۋەر ياش مۆمىنجان ئابلىكىم كەڭ تورداشلارنىڭ رۇزى ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى كېچىلىكىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ يىڭى تەييارلىغان ناخشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە 2009-يىلى ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق ناخشا كېچىلىكى بىلەن بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى شۇنداقلا مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىنكى تەسىراتلىرىنى باغلاپ تۇرۇپ ناھايتى مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى ،مۆمىنجان ئابلىكىم بارلىق تورداشلارنى بۇ قىتىملىق ناخشا كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىپ،كەڭ سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزى بىلەن نەق مەيداندا سىردىشىشنى ئۇمىت قىلدى ،ئۇندىن باشقا بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ رىژېسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تالانتلىق رىژىسسور جۈرئەت ۋاھىت ،كېچىلىكتىكى ناخشا-مۇزىكىلار،سەھنە ئورۇنلاشتۇرلىشى شۇنداقلا كېچىلىكنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى ھەمدە كېچكلىكتىكى مەزمۇنلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى .
زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر
مۆمىنجان ئابلىكىم ئەلكۈيى تورىدىكى تورداشلارغا ئايەملىك سالام يوللىماقتا
مۆمىنجان ئابلىكىم ئەلكۈيى رىياسەتچىسى رىسالەت ئەلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا
رىژېسسور جۈرئەت ۋاھىت كېچىلىكنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە ئەلكۈيى تورىدىكى تورداشلارغا سۆزلەپ بەرمەكتە ئاخىردا ئايەم ھارپىسىدىمۇ دەم ئالماي جاپا چىكىۋاتقان مۆمىنجان ئابلىكىمدىن ۋە بارلىق سەنئەتكارلاردىن چوڭقۇر ھال سورايمىز ھەمدە بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز،شۇنداقلا بارلىق تۇرداشلارنىڭ رۇزى ھېيتىڭلارغا خۇشاللىق تىلەيمىز!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: ئەلكۈيى تور بېكىتى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30كۈنى |