رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بارماققا قارا --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ نەسىر-ئوبزورلار ] -> بارماققا قارا [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

omarkutyar 2011-08-28 23:05

بارماققا قارا

بەش بارمىقىڭ بىردەك ئەمەس ئايان بۇ،
بىرسى ئالتۇن، بىرسى بۇغداي، سامان بۇ.
ھايات شېرىن، گاھى زەھەر، چايان بۇ،
ئەزەلدىنلا تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ.



    شۇنداق بالام، شۇنداق. بۇ جاھان ئەزەلدىنلا تەڭشەلمىگەن. مۇنۇ بارماققا قارا، خۇددى تەكشى ئۆسمىگەن قوناق تۈپلىرىدەك ئېگىز- پەس، ئۇزۇن- قىسقا. مانا بۇ ھاياتلىق ئالىمى بالام، مانا بۇ تەكشىسىز دۇنيا، مانا بۇ تۇرمۇش. لېكىن بالام، ھەر بىر بارماققا سەل قارىما! ئۇ ئايرىم تۇرغاندا قىلنى قىرىق يارالمىغىنى بىلەن جۈپلەشسە چۆلنى بوستان، تاغنى تالقان قىلالايدۇ. ھاياتلىقنىڭ ھەربىر دەملىرىنى بۇلۇق مېۋىلىككە ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭ بىرلىكىدە كۈچمۇ، ئېتىقادمۇ، ئېشەنچمۇ بار. ئۇ قاچانكى ئۇيۇلتاشتەك بىر گەۋدىگە ئايلىنالىسا، ياۋاشقا يانتاياق، رەقىبكە توقماق بولۇپ، ھەقىقەتنىڭ قوڭغۇرىقىنى جىرىڭلىتالايدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى شۇ خىل روھ بىلەن نۇر يىپلىرىدەك جاي - جايغا تاراپ، مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئىللىتالايدۇ.

    بىلگىن بالام، ئۇ تېرىقتەك چېچىلمىسىلا، تەڭرىتېغىدەك بەردەملىكى بىلەن بورانلارنىڭ زەربىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلالايدۇ. بىراق بالام، ماۋۇ ئۇنداقكەن، ئاۋۇ مۇنداقكەن دەپ،  بىىرىنى سۇزۇپ تاشلىساق، بىرىنى كېسىپ تاشلىساق ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ ئېيىتقىنا بالام، ئۇ چاغدا ئۇ ئوق يىلتىزى كېسىلگەن دەرەخكە، قانىتى سۇنغان قۇشقا ئوخشاپ قالمامدۇ؟ بىلسەڭ بالام، مانا بۇ پاجىئە. شۇڭا دەيمەن بالام، ھېلىغۇ بىر بارماقكەن بىرتال تىرناق چىقىپ كەتسە قانداق بولۇپ قالىمىز؟

    ئويلان بالام، تېرەن ئويلان! سەن بىر بارماق، ئاكاڭ بىر بارماق، ھەدەڭ بىر بارماڭ، ئىنىڭ بىر بارماق، سىڭلىڭ بىر بارماق. سىلەر بەشىڭلار بەش بارماق. سىلەرنىڭ يىلتىزىڭلار بىر، دىلىڭلار بىر. ئەمما بالام، چۈجە - خورازلاردەك كۈن بويى چوقۇشۇپ، ئاغىزى - بۇرنىڭلارنى قان ئېتىشسەڭلار قانداقمۇ تۈن قوينىدىكى گۈلخاندەك نۇر چاچالايسىلەر؟ قانداقمۇ بەخت يولىغا قەدەم قويالايسىلەر؟

    ئېسىڭدە تۇت بالام، ئانا تۇپراق خۇددى پاكىز بىر يۆگەك. ئۇ سېنىمۇ، مېنىمۇ، ئۇنىمۇ چوڭ قىلغان. ئۇ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز، ئۇ بىزنىڭ تاۋاپگاھىمىز.  بىز ئۇنىڭ بەش بارمىقى. گەرچە تۇرمۇش بارماقلىرىمىزدەك تەكشىسىز بولسىمۇ، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، ھەممە ئىشتا ھەمكارلاشساق، ئۇيۇشساق، ئىتتىپاقلاشساق ئانا ۋەتەننى ھەقىقىي گۈللەندۈرەلەيمىز. شۇڭا ئىلتىجايىم بولسۇن بالام، سەن ئاناڭ ئەتكەن پولۇنى قوشۇقتا ئەمەس، قولۇڭدا تويغۇچە يە، يەپلا قالماي بارمىقىڭغا قارا! ئۇ جۈپلەشمىسە قانداق بولىدىكىن؟

    ئۆتۈنەي بالام، يۈرۈكۈمدىن چىقىپ كەتمە. بولمىسا ۋەتەنگە يۈز كېلەلمەيمىز.

nursima 2011-08-29 12:31
توغرا،ئىتتىپاقلىق -كۈچ!!!

bughra68 2011-08-29 12:55
بۇ نەسىر ئەخمەت ئىمىن ئاكىمىزنىڭ بارمىقىم ناملىق نەسىرىگە ئوخشاپ قاپتۇ .
مۇمكىن بولسا تېخىمۇ ئىزدىنىپ بارماقنىڭ ۋە نۇرغۇن بارماقلارنىڭ ئوخشىمىغان شەرھىلىرىنى
يىنىك تىل بىلەن ئىپادىلەپ باقسىڭىز .


ئىككى بارماق بىرلەشسە چوكا تۇتالايسەن ، ئۈچ بارماق بىرلەشسە قەلەم تۇتالايسەن ،
ئەگەر بەش بارماق بىرلەشسىچۇ ؟ دۈشمىنىڭنىڭ خامىرىنى يارالايسەن .!!
ئەخمەت ئىمىن نەسىرلىرىدىن<< بارمىقىم ..>>

otyak 2011-08-29 13:49
بارماققا قارا

( ئەركىن شېئىر )

قارا، جان دوستۇم،
مۇنۇ بەش بارماق،
شۇنچە ئەپچىل، شۇنچىلىك ئوماق .
قولنىڭ زىننىتى،
چوڭدۇر خىزمىتى،
بىر-بىرىگە ئوىشىماس بىراق.
ماۋۇ ئۇزۇن،
ماۋۇ قىسقىراق.
<< بىر بارماقنىڭ كارى چاغلىق>> دىمىگىن ھەرگىز.
زەخمىلىنىپ چىقىپ كەتسە ھەتتا بىر بارماق،
ئىشىمىز چاتاق !
ئۇزۇننى ئۇزۇنكەن دەپ ئۈزۈپ تاشلىساق،
قىسقىسىنى سوزۇپ يۈرۈپ، بكلۈپ تاشلىساق،
بولىدۇ قانداق ؟ !
قېنى ئويلاپ باق !

ئاپتۇرى: ياسىن زىلال

ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم.

uyghuraaa 2011-08-29 15:01
چۈشكەن ئىنكاسلار بىلەن تىما تېخىمۇ مەزمۇنلۇق بولۇپتۇ.

kirani 2011-08-29 16:41
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىbughra68 يوللىغان 2011-08-29 12:55 غا قارتىلغان  :
بۇ نەسىر ئەخمەت ئىمىن ئاكىمىزنىڭ بارمىقىم ناملىق نەسىرىگە ئوخشاپ قاپتۇ .
مۇمكىن بولسا تېخىمۇ ئىزدىنىپ بارماقنىڭ ۋە نۇرغۇن بارماقلارنىڭ ئوخشىمىغان شەرھىلىرىنى
يىنىك تىل بىلەن ئىپادىلەپ باقسىڭىز .


.......

مەن ئاجايىپ بىر ئابزاس سۆزنى كورۈۋالدىم،رەھمەت!

harakux 2011-08-29 19:19
رەھمەت قېرىندىشىم . ئۇيغۇرلاردا ئىتپاقلىقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتەي دىگەن  .

zulpehar 2011-08-31 19:28
ئىتتىپاقلىك كۈچ  ئىتتىپاقلىق غەلبە  

turkinaz0992 2011-08-31 23:53
ئىتتىپاقسىزلىق دىلئازارلىقنى ۋە رىيازەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئىناقلىق ۋە بىرلىكلىك كۈتۈلمىگەن مۆجىزىلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالايدۇ ، ئىتتىپاقلىقنىڭ قۇدىرىتىگە مىسال بولالايدىغان شەيئىلەر ، ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا كۆپ . قەلىبلەرگە ئىتتىپاقلىق ، ئۆملۈك ئۇرۇقى چېچىلغاي !

otyurakohlan 2011-09-01 11:09
بۇ ئوخشۇتۇش ھەقىقەتەن ناھايىتى جايىدا بۇپتۇ

tarimwadisi 2011-09-02 07:56
راس بەش باماق تۇگۇلسە ئادەمنىڭ خامىرنى ئەزگىلى بولىدۇ .

xiringul 2011-09-03 09:28
شۇ توغرا

sevimli 2011-09-04 19:28
توغرا،ئىتتىپاقلىق -كۈچ!!!

gullala 2011-09-04 19:45
بۇ يازمىڭىزنى بەك ياخىشى يېزپسىز ،،،،ئوي - پىكرىڭىز دەل جايدا بوپتۇ ،،،

xamal97 2011-09-07 20:10
ساۋاق ئالدىم


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بارماققا قارا --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038524 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us