رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ساڭزا سالامسىز --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ] -> ساڭزا سالامسىز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

zumratay 2011-08-28 17:50

    ئالدىنقى كۈنى خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلغاندەك"مەن پالانى دۇكانغا ۋازامنى ئاپىرىپ بەردىم، مەن پۇستانى دۇكانغا ئاپىرىپ بەردىم "دېيىشىپ پەخىرلىنىپ سۆزلىشىپ كەتكەنلىگىىنى كۆرۈپ ،كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىشلار كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى:

    كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ھەر قېتىم ھېيىت كەلگەندە ئاپام شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى،ئۆيلەرنى قايتىلەردىن چوڭ كۆلەمدە تازىلاش، يوتقان-كۆرپىلەرنى يۇيۇپ تىكىش، دېرىزىلەرنى سۈرتۈپ تازىلاش... دائىملىق ئادەت بولۇپ، بۇ ئىشلارنى تۆگۈتۈپلا ئاپام يەنە دەستە-دەستە توقاچلارنى ياقاتتى(ئۇ چاغلاردا خۇددى ھېيىتتىن باشقا ۋاقىتتا توقاچ ياقسا بولمايدىغاندەك ئويلاپ قالاتتىم)، ساڭزىلارنى سالاتتى(بىز ئۇ چاغلاردا قايسىمىزنىڭ ئۆيىدە ساڭزا سالسا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ دوستلىرىمىزغا "بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيدە ساڭزا سالدۇق،سىلەرچۇ؟"دېيىشىپ ماختىناتتۇق، ئاپىمىز شۇ چاغلاردا "بالام ساڭزا سېلىپ بولغىچە سۇ ئىچمەڭلار ، قازاندىكى ياغ ئازلاپ كېتىدۇ" دېسە ،"مەن ياغ ئىچمىسەم قازاندىكى ياغ نېمىشقا ئازلاپ كېتىدۇ "دىيىشنى بىلمەي ، ئۇسساپ گېلىمىز قۇرۇپ كەتسىمۇ
سۇ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايتتۇق).شۇڭىمىكىن مېنىڭ كاللامدا "بىزنىڭ ھېيىتىمىز پاكىزلىقنى ،ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بايرام، بۇ بايرامدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىشىمىز ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك "دېگەن ئۇقۇم بار ئىدى. شۇڭا داستىىخىنىمىزنىڭ گۈلى بولغان ساڭزىنى سېلىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم.

    مۇشۇلارنى خىيال قىلغاچ ئۇلارغا شۇنداق دېگۈم كەلدى:

    ھەي ئۇيغۇر ئانىلار، ئۆزەڭلارنىڭ كىچىك ۋاقتىنى ئەسلەپ باقساڭلار بولمامدۇ، ئاپاڭلار سالغان ساڭزىنى سىلەر نېمىشقا سالالمايسىلەر، سىلەر سالمىساڭلار بالاڭلار سالالامدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىچۇ؟ ھازىر جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى تېز بولىۋاتىدۇ، بالىلىرىمىز بىزنىڭ چۆپ يايغىنىمىزنى، نان ياققىنىمىزنى، چاچتەك ئىنچىكە چۆپلەرنى كېسىپ مەززىلىك ئۈگرە ئەتكىنىمىزنى كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولدى، بىزمۇ ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئەمدىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيىتلىرىمىزدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنىمۇ ساقلىيالماي ، كىچىككىنە جاپادىن قورقۇپ ناچار ياغدا پۇشۇرغان تەييار ساڭزىلارنى ئېلىپ ، ئاچچىق ساڭزىنى يېيەلمەي،خىجىل بولماي تۇرۇپ"مېنىڭ ساڭزا يېگۈم كەلمەيدۇ، بالىلىرىممۇ يېمەيدۇ، شۇڭا تەييارنى ئالىمەن، ناھايىتى شۇ پۇلنىڭ مەرىدىن كەچسەم بولىدىكەنغۇ"دېيىشتىن نومۇس قىلمامسىلەر!؟

    بۈگۈن ساڭزا سېلۋاتسام8ياشقا كىرگەن قىزىم"ئاپا باشقىلارمۇ بازاردىن ئالىدىكەن ، بىزدىمۇ پۇل بولغاندىكىن بازاردىن ئالساق بولمامدۇ ،جاپا تارتىپ يۈرگىچە "دېگەن ئىدى، قىزىمغا"بالام، بۇ پۇل مەسلىسى ئەمەس، ھېيىتتا ساڭزا سېلىپ ياغ پۇرۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئۆرپ-ئادەت، شۇڭا ساڭزىنى بازاردىن ئالساق بولمايدۇ"دەپ چۈشەندۈردۈم.

    ئانىلار، ساڭزا سېلىشنى ئۆگىنىڭلار، بالىلىرىڭلارمۇ ساڭزىنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان بولىدۇ. ئۇلارغا ساڭزىنىڭ ھېيىتلىق داستىخىنىمىزنىڭ گۈلى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈڭلار، ئۇلارمۇ ساڭزا سېلىشنى ئۆگىنىۋالسۇن. ئۇلۇغ ھېيىتىمىزنىڭ مەنىسىنى، ئەھمىيىتىنى چۈشەنسۇن!

80halta 2011-08-29 11:30
يازمىلاردا ھورۇنلارغا باھانە بولۇپ بىرىدىغان "تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ" دەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش مودا بولدى. شۇنىڭ بىلەن قىز-چوكانلار ئەرلىرى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پەلەي، پايپاق، پوپايكا توقۇپ بىرەلمەيدىغان توغرىسى توقۇيالمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىغۇ مەيلى دەيلى قازان بېشىدا تاماق ئېتىشنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ كەتسە بىر نېمە دېمىسەك بولمايدۇ ئەركەكلەر. نان ناۋايخانىدا تەييار، لەغمەننىڭ پىلتىسى بازاردا، كېسىگلىك ئۈگرە بازاردا، پىلتە قۇيماق بازاردا، سوغۇق سەيلەر بازاردا... ھەممىسى بازاردا بولۇپ كەتسە خوتۇن - قىزلارنىڭ ئەرلىرى، پەرزەنتلىرىگە مىھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغانغا يەنە نېمە قالدى؟!!! قىز-چوكانلار سىلەر ھورۇنلۇق قىلىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ئەرلەرنى تالىشىش رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمايۋاتىسىلەر. ئەرلىرىڭلارغا ئائىلىدىن تولۇق زوق ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىڭلار. سىلەرگە خىيانەت قىلىش يولىغا ماڭغىلىۋاتقان بولسا (ما گەپ سەل ئىشىپ كەتتى)، مانا ئەمدى سىرتتا زوقلانغۇدەك نەرسە قالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتسۇن! خەيرىلىك ئىشنى كېچىكتۈرمەي يا بىسمىللا دەپ ھازىرلا ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ - ئېرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ جەلىپكار خوتۇن، پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ مىھرىبان  ئانا بولۇش ئۈچۈن قازان بېشىغا ئۆتۈڭ، - دە ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوخشىتىپ ھېيتلىق پىلتە قۇيماق (ساڭزا) سىلىڭ! بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويچە سىلىشنى ئۈگۈنۈڭ: http://www.80halta.com/article/383.htm

taxbalik 2011-08-29 11:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تورداش سىزنىڭ  مىللىتىمىزنڭ يوقىلىپ قىتىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان ئەنئەنسىنى بىزگە ئەسلەتكىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ، شەخسەن ئۆزۈممۇ قوللايمەن ، لىكىن سىزنىڭ ماۋۇ سۆزڭىز
لىڭىز ئىنىقلام خۇراپاتلىق ....
بۈگۈن ساڭزا سېلۋاتسام8ياشقا كىرگەن قىزىم"ئاپا باشقىلارمۇ بازاردىن ئالىدىكەن ، بىزدىمۇ پۇل بولغاندىكىن بازاردىن ئالساق بولمامدۇ ،جاپا تارتىپ يۈرگىچە "دېگەن ئىدى، قىزىمغا"بالام، بۇ پۇل مەسلىسى ئەمەس، ھېيىتتا ساڭزا سېلىپ ياغ پۇرۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئۆرپ-ئادەت، شۇڭا ساڭزىنى بازاردىن ئالساق بولمايدۇ"دەپ چۈشەندۈردۈم.

ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ياغ پۇرتۇپ دۇئاقىلساق بىدئەتكىمۇ بىرىپ قالىدۇ ، مۇسۇلمانلار نامىزىدە ۋىسالگاھتا(جەينىماز) ئولتۇرۇپ دۇئاقىلسا بولىدۇ ، لىكىن سىز بىلىپ بىلمەي ئۇنداق خۇراپاتلىقنى بالىڭىزغا ئۈگەتسىڭىز شۇ ئەھۋالدا بالىڭىز شۇنداق چۈشىنىۋالىدۇدە كىيىن شۇ بويچە مىڭىپ قالسا گۇناھقا شىرىك بولۇپ قالدىغان ئىش ، شۇڭا سىز بۇ دىگەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى دەپ چۈشەندۈرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن ، ئىبادەت بىلەن ئۆرۈپ ئادەتنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىڭ !

مۇبارەك 2011-08-29 12:06
باشلانغۇچ ۋاقىتلىرىمدا بىز سىنىپتىكى ياخشى ئۆتىدىغان 10نەچچىدەك بالا بىللە ھېيىتلىشاتتۇق. مەيلى ئۇلار بىلەن ھېيىتلىغان چاغلاردا بولسۇن ياكى ئۆيدىكىلەر بىلەن ھېيىتلىغاندا بولسۇن، ھېيىتلىغان ئۆيگە كىرىپلا ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساڭزىغا قارايتتىم. ئىگىز ھەم ھەيۋەتلىك سېلىنغان ساڭزىلارغا قاراپ < بۇ ئادەملەر خېلى ئەجىر قىلىپتۇ، ئەھمىيەت بېرىپتۇ ...> دەپ پەرەز قىلاتتىم. ئىككى-ئۈچ قۇرلا قىلىپ سېلىنغان ساڭزىلارغا قارىسام ئاچچىقىم كەپ قالاتتى. بۇلارغۇ بالىلىقتىكى تۇيغۇلار ئەمدى.

مەن ساڭزا يېيىشكە خېلى ئامراق. ھەر قېتىم مەن ئۆيدە بولالماي قالغان ھېيىتلاردا ئاپام ھېلىقى مەن يەپ بولۇپ قويۇپ قويغان چىرايلىق شاكىلات قاپلىرىغا رەتلىك سېلىپ ئەۋەتىپ بېرەتتى، ئاسان پارچىلىنىپ كەتمەيتتى بۇنداق قىلسا.

ئىۋۇ كۈنى ئاپاملار بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ سالدى ساڭزا. بەك ئوخشاپتۇ. قارىسام بەك ئاساندەكمۇ تۇرىدۇ. بىراق ياغنىڭ پۇرىقىدا تۇرماق راستلا سەل تەسكەن.

suzuk 2011-08-29 12:19
مەن سالاي دېگەن، سېلىشنى بىلمەي ئولتۇردۇم، ئۆيدە سالغانلار قەدەم باسقۇچلىرى بىلەن بىر تەمىنلىۋەتسەڭلا بەك خۇرسەن بولاتتىم

80halta 2011-08-29 12:25
مەن يوللىغان ئادرىسقا كىرسىڭىز تەپسىلىي ئۇچۇر بار ئىدى. پەقەت كىرەلمەيمەن دېسىڭىز مۇشۇ يەرگە يوللاپ قوياي!!!

nursima 2011-08-29 12:37
ساڭزىنى بازاردىن ئالسا ئۆيدە  ھېيىت كەلگەندەك تۇيغۇ  بولمايدىكەن،ئۆيدە سالغانغا يەتمەيدۇ زادى.

salkinay 2011-08-29 13:51
بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەنمۇ بەك خۇرسەن بولدۇم،قىز -ئاياللىرىمىز ئەلمىساقتىن قولى گۈل،چىۋەر ئىشچان دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن،بىراق ھازىر ھەقىقەتەن ھورۇنلىشىپ كەتتى،ئەڭ ياخشىسى مۈمكىن بولسا،ھەرقانداق يىمەكلىكنى ئۆزىمىزنىڭ تەييارلىغىنىغا يەتمەيدۇ،ھەم ئىشەنچىلىك،ھەم پاكىز بولىدۇ.

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمدە دەپ،ساڭزا سېلىشنى كۆڭۈل قويۇپ،سالسىڭىز بىر دەمدىلا ئۈگۈنىۋالىسىز.

nijatkurban 2011-08-29 15:37
ساڭزا سېلىشنىڭ جاپاسىمۇ خېلى بار . بىز بۇيەدە ئولتۇرۇپ سۆزلىگەن بىلەن. بىر ئادەم يېتىشەلمىسە كېرەك، شۇڭا بازاردىن ئېلىشقا ئامراقمىكىن.

binava 2011-08-29 18:08
ھەممە ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ساڭزا سېلىشى ھاجەت ئەمەس. ساڭزا سېلىشتىنمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرى بار خانىملارغا ۋاقىت كېرەك.ئارمان شىركىتىنىڭ ساڭزىسىنى سېتىۋالسا، ۋاقىتنى تېجەيدۇ،ئۇيغۇر كارخانىمىزغا  مەنپەئەتمۇ يەتكۈزىدۇ.

zaparistan 2011-08-29 18:15
ئاتالمىش ياغ پۇرىتىدىغان ئىش ئەزەلدىن مۇسۇلمانلارغا خاس بوپ باققان ئىش ئەمەس،ئىسلام قىسسەلىرىدىن،ئەھكاملىرىدىن،ياغ پۇرىتىشنىڭ راۋا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان
گەپتىن بىرنىمۇ تاپالمايسىز،ياغ پۇرىتىش مۇسۇلمانلارغا  راۋا ئەمەستۇر.

nijatkurban 2011-08-29 19:52
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىbinava يوللىغان 2011-08-29 18:08 غا قارتىلغان  :
ھەممە ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ساڭزا سېلىشى ھاجەت ئەمەس. ساڭزا سېلىشتىنمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرى بار خانىملارغا ۋاقىت كېرەك.ئارمان شىركىتىنىڭ ساڭزىسىنى سېتىۋالسا، ۋاقىتنى تېجەيدۇ،ئۇيغۇر كارخانىمىزغا  مەنپەئەتمۇ يەتكۈزىدۇ.


ماۋۇ گەپنىڭ جېنى بار، پۇتى بولسا ماڭىتى جۇما.

yawagul413 2011-08-30 00:18
مەن تۈنۈگۈن ئاپاملار بىلەن بىركۈن ساڭزا سالدىم،خىمىر يۇغۇرۇپ ،ئىشىپ تازا ھاردىم،بىراق ساڭزىنى يولدىشىم بىلەن ئوغلۇم يەپ بىقىپ "بەك تەملىك بوپتۇ"دىگىنىنى ئاڭلاپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدى.

ئانىلار ،قىزلار ساڭزىنى ئۆيىمىزدە سالايلى.

turkyzat 2011-08-30 01:03
مەن تېخى ھېلىلا ساڭزا سالدىم،مېيىنى سەل جىق قۇيۇپ ساپتىمەن ،تازا گۈللىرى چىقماي قالدى ،ئەمما بەك يىيىشلىك بوپتۇ، پىچىنىدەكلا.........

otyurakohlan 2011-08-30 13:31
يەنىلا ساڭزىنى ئۆيدە سالغانغا يەتمەيدۇ

uznazar 2011-08-30 16:45
مەن ساڭزا سىلىشنى بىلمەيتىم ئەمما بۇ ھىيىتتا چوقۇم ئۆگىنىمەن.مەن ساڭزىغا بەكلا ئامراق!!!!

zulpehar 2011-08-31 19:31
ھەممە  شۇ ھۇرۇن خوتۇنلاردا  گەپ
بۇرۇنقى  ئادەتلىرىمىز  يۇقىلىپ كىتەي دەپ قالدىغۇ  
بولسا  ئەسلىگە كەلتۇرۋالساق  

yalniz 2011-08-31 20:23
ھاي خوتۇن قىزلار ،،،،،،،  ساڭزا  سالالمايمىز  دىسەڭلار  سەت تۇرا ؟ !

suzuk 2011-08-31 20:43
مەن سالالمايمەن شۇ

zumratay 2011-09-01 00:25
مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئەپەندىم،تېمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىگىڭىز كېرەك ئىدى.

fayiza 2011-09-02 00:11
ھازىر ساڭزا سالىدىغانلار ئازلاپ كەتتى . مەنمۇ شۇ . ساڭزا دىگەن بىر نەچچە ئادەم ھەمكارلىشىپ پىشۇرىدىغان نەرسە . تەڭ قىلىشىدىغان ئادەمنى تېپىشمۇ تەس . مەن بەزىدە ئۆيدە پىچىنە ، پرەنىكلەرنى پىشۇرىمەن . شۇنداق قىلسام بەزىلەر مىنى "بازاردا بار تۇرسا ، جاپا تارتىپ " دەپ كەتتى . ھەرقانداق تەييار يىمەكلىك خۇددى ئۆي تامىقى بىلەن ئاشپۇزۇللارنىڭ تامىقىدەكلا پەرقلىنىدۇ . نىمىشقىكىن ھازىر كۆپ قىسىم ئادەملەر ھۇرۇنلىشىپ كەتتى . ھەتتا تاماقنىمۇ ئۆيدە ئەتمەيدىغانلار كۆپ .

zumratay 2011-09-03 19:57
[quote]بۇ 9قەۋەتتىكىbinava يوللىغان 2011-08-29 18:08 غا قارتىلغان :
ھەممە ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ساڭزا سېلىشى ھاجەت ئەمەس. ساڭزا سېلىشتىنمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرى بار خانىملارغا ۋاقىت كېرەك.ئارمان شىركىتىنىڭ ساڭزىسىنى سېتىۋالسا، ۋاقىتنى تېجەيدۇ،ئۇيغۇر كارخانىمىزغا  مەنپەئەتمۇ يەتكۈزىدۇ.
سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىزنى قوللىمايمەن.باشقا مىللەتلەر باھار بايرىمىدا ھەر قانچە چوڭ ئەرباپ بولسىمۇ چوقۇم ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بوجوزا تۈگىدىغۇ ھەتتا ئەرلىرىمۇ قھيتىپ كېلىپ يھردەملىشىدۇ .بۇ دېگەن ئۆرۈپ-ئادىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىش-قىلماسلىق مەسلىسى. ئۇيغۇرلاردا ھېيىت ئايەملەردە ساڭزا سېلىش ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئۆرۈپ-ئادەت.باشقا نەرسىلەرنى تەييار سېتىۋالسىڭىز بولغان بىلەن ساڭزىنى سېتۋېلىشنىڭ زۈرۈرىيتى يوق.ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزەلدىن ئىشچان كېلىدۇ

hacker253 2011-09-05 21:07
بازادا سالغان ساڭزا مۇسۇلمانچە بولمىسا تۇتقان رامىزاننى پوق قىلدىغان گەپ شۇ

dilimurat520 2011-09-07 16:46
ساڭزا سالماق بەك قين شۇنڭ ئۈچۈن پوشكال سالمەن

yigana886 2011-09-07 16:48
ساڭزا        سېلېشنى       بىلەمسېز  ؟

taxbalik 2011-09-08 12:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارسام ساڭزا سىلىشنى بىلمەيدىكەن ، بۇ ئەيىپ ئەمەس لىكىن ساڭزا سىلىشنى ئۈگۈنمەسلىك ياخشى ئىش ئەمەس ، ئەجەبا باشلىقىڭىز سىز قىلالمايدىغان ئىشتىن بىرنى بۇيرىسا جاندىل بىلەن بەجا كەلتۈرسىز( تىخى ئاشۇرۇپ) نىمىشكە ساڭزا سالالمايسىز ، ئەگەر ئايال بولغۇچى ساڭزىنى ئۆيدە سالسا ئائىلە ئەزالىرى بىللە ئولتۇرۇپ يىسە ئاندىن ئۆيدە مىھرىبانلىق ، مىھرى-مۇھەببەت بولمامدۇ . قاراڭ ھازىر ھەممنى بازاردىن سىتىۋالغانلارنىڭ ھىيت ئۆتكۈزۈشىگە خۇددى بىر رەسمىيەتتەكلام . ئەسلى ھىيت ئۆتكۈزۈشنىڭ خاسىيتىنى ھىس قىلالمىغانلار ھەمە خۇشاللىقنى ، بەختىنى پۇلدىن ئىزداۋاتمامدۇ ... ھازىرقى ئائىللەرنىڭ بۇزلۇپ كىتىشىمۇ ئائىلدە مىھرى-مۇھەببەتنىڭ ، ئەر-ئايال بىر-بىرنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرنى ئادا قىلالمىغانلىتىن توغىرسى ئادا قىلشنى بىلمىگەنلىكتىن بولۋاتمامدۇ . ئەمدى يىلدا بىر كىلدىغان ئەشۇ ئۇلۇق ھىيتتمۇ ئاياللار ئائىلگە ساڭزا سىلىپ بولسىمۇ ئۆزنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىنى ، ئەجىرنى ھەم ئۆزنىڭ ئىرى ھەم ئائىلە ئىچىدىكى ئۆتەشكە تىگىشلىك ھەققىنى ئادا قىلالمىسا ئۇنداق ئائىلە شۇ ياتاققا ئوخشاپ قالمامدۇ . خۇددى پويىز بىلەن پايتەختمىزگىچە بولغان ئارلىقتا بىر ئورۇندا بىللە ئولتۇرۇپ قالغان سەپەرداشتەكلام ، مەلۇم ۋاقىت بىللە تۇرغانچىلىك ھىسيات ، ھازىر مەن كۆرگەن بۇزۇلغان  ئائىللەر مانا مۇشۇنداق سەپەرداشتەكلام ئۆتىدۇ . ھەمىنى بازاردىن سىتىۋالىدۇ . يەنىلام ھىيتتىن بىر خۇشاللىق ئالالماي روھى قۇرغاق يۈرمەمدۇ . ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دىسىڭىز قولدا زىيان (تاماكا) بىرگە بولسۇن . ئەمەليەت شۇ

kalgen 2011-09-08 22:46
ھېيت خۇشاللىقى ساڭزا سىلىشتا.

nimjan 2011-09-08 23:06
لەغمەن قېقىنى ئۆيدىلا سالماي ۋازىنى خەققە ئاپىرىپ بەرگەن بارمۇ؟

biqarabiz 2011-09-09 00:17
مۇشۇ ساڭزا دىگەن قايسى مىللەتنىڭ تىلدىكى گەپ مەنىسى نىمە،مەنچە ئۇيغۇرنىڭ ئەمەسمىكى،بىلىدىغانلار بولسا پاكىتى بىلەن ئوتتورىغا قويسا بىلىۋالساق

nimjan 2011-09-10 23:51
مېنىڭچە بۇ ھەقتە مەنبەلىك ماتېرىيال يوقمىكىن، دەيمەن، ئەمما بۇنىڭ چوقۇم ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالى بار ھەم ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى مۇسۇلمانلاشقاندىن كېيىن باشقا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىن!

atesh621 2011-09-11 19:21
ئايالىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر بازاردىن ئالىدىكەنتۇق. توي قىلىپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەننىڭياقى مىنىڭ ئاپام بىلەن بىرگە سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى ھازىر ئۆزىنىڭ ئاپىسىغىمۇ ئۆزىگە سالغۇزىدىغان بولىۋاپتۇ. دەسلەپتە ئىرەن قىلماپتىمەن. ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ئويلاپ باقسام ئايالىمغا ئاپامنىڭ ئىشلىرى تەسىر قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاپىسىغىمۇ ئۆگەتكىلى تۇرۇپتۇ.
    مىنىڭچە بىزدەك ياشلارغا مۇشۇنداق مۇنازىرىلىشىىغان ياخشى سورۇن بار، بىزگە تەسىر قىلغان، تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئەھمىيەتلىك بولغان بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا بىز ياشلار تۈرتكىلىك رول ئويناپ، چوڭلارغا باشلامچى بولساقمۇ ھېچقانداق يامىنى يوقمىكىن دەيمەن.

xamurat 2011-09-12 23:34
    ۋاي-ۋۇي  بۇ ھېيتتا ساڭزىنى مەن  سالاتتىم لېكىن  مەن يوق ۋاقىتتا ئاپام ئوغۇرلۇقچە  سېۋېپتۇ  ئەمەسمۇ      بۇدا    ھىيتقا  20  كۈن قالغاندا  قازاننى  تىقىپ قۇيىمەن             

sabahat 2011-09-13 10:59
 amalyatta,unqmu
tas,amas.tayyalgan,hemrni,lagman,pltsdak,plta,klp,tatip,yogap,pixursgz,yalguzmu,salalaysiz,
sinap,kurug.

xamurat 2011-09-13 15:00
         ۋاي-ۋۇي   ساڭزىنى  سېلىش  ئاسان ئەمەس جۇنۇ   شۇنچۇن تەيارنى ئېلىش كىرەك قانداق باللا          

barna0999 2011-09-18 18:54
ھازىر ساڭزا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىكىگە ئايلاندى.   شۇڭلاشقا بىز بۇ ئاتا بۇۋىمىزدىن قالغان جۇزىمىزنىڭ گۇلى بولغان ساڭزىنى  تىخىمۇ چىرايلىق ،يىيىشلىك قىلىپ سىلىپ  باشقىلارنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىكىگە ئايلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك .شۇڭا خانىم قىزلار ساڭزىنى ئۆيدە سىلىشقا ئەھمىيەت بىرەيلى


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ساڭزا سالامسىز --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.201905 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us