رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پيورل خاربور يۇرتىغا سەپەر: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە(2) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> پيورل خاربور يۇرتىغا سەپەر: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە(2) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

uyghurzade 2011-08-28 12:46

ئەسكەرتمە: بۇ يېقىندا نەشىردىن چىققان "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى" ناملىق كىتابىمنىڭ ئايرىم بىر بابى بولۇپ، يەنە بىر  تېمىدىكى بەزى تەكلىپ-پىكرلەرگە ئاساسەن بۈگۈن ئەلكۈيىدە ئەسلى نۇسخسىنى ئېلان قىلدىم. يازما ئۈچ يىل بۇرۇن_  ماگستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يېزىلغان بولۇپ،بەزى نۇقتىلار ھەققىدىكى قاراشلىرىم ئەينى ۋاقتىتكىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن شۇ ۋاقىتتىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا بۇ بابقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدىم. كىتاب ئۆكتەبىرگىچە بازارغا تولۇق سېلىنىپ بولىدۇ.  بۇ باشقىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق چىققان كىتاب بولغاچقا، تورغا بەك جىق بابلىرىنى يوللىيالمايمەن. ئەسلى كىتاب 21 باب بولۇپ، قالغان 19 بابنى كۆرۈشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ كىتابنىڭ ئۆزىنى سېتۋېلىپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
        مۇنبەرداشلارغا روزى ھېيتلىق سالام يوللايمەن. ھەممىڭلارنىڭ روزى ھېيتىغا ئالدىن مۇبارەك بولسۇن!
  
                                                                 پيورل خاربور يۇرتىغا سەپەر(2-باب)
                                                          ____" ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە" دىن پارچە

     ئازابلىق تاللاش ، مەنە ئىزدەش سەپىرى
       ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم ، دوست - بۇرادەرلىرىم ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ نەزەرىدە مەن«تەلەيلىك» ئىدىم . ئۇلار «تەلەي»سۆزىنى ئىشلەتكەندە قانداق ئويلايدۇ ، بۇ ماڭا نامەلۇم . ئەمما ، بىلىش كېرەككى ، بىراۋنىڭ تەلىيى تۇيۇقسىز ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ . ئەشۇ «تەلەي»نىڭ كەينىگە قانچىلىك رىيازەت ، ئەجىر ، تەر سىڭگەن . بۇنى شۇ تەلەي ئىگىسىنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ . سەن باشقىلار ھەۋەس بىلەن تىل چاكىلدىتىدىغان ئەشۇنداق «تەلەي» گە ئېرىشكىنىڭدە ئۇھ دەپ ئۆزۈڭنى تاشلاپ ھوزۇرلانغۇڭ كېلىدۇ . ئەمما كۆپ ھالدا ئۇنداق قىلالمايسەن . ھەتتا بەزىدە تېخى شۇ «تەلەي» دىن تويۇپ ، ۋاز كېچىشكىمۇ مەجبۇر بولىسەن . بۇ ئەخمەقلىقمۇ ؟ بىزارلىقمۇ؟ قانائەتسىزلىكمۇ ياكى «بولغانچە بولغۇم كېلىدۇ» دەپ «تەلەي - ئامەت» نىڭ تېخىمۇ چوڭىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنتىلىشمۇ ؟ بۇ قېتىم بىھېساب ئەجىر ۋە تالاي جۈرئەت - تەۋەككۇلچىلىكىم بەدىلىگە كەلگەن «تەلەي» لەردىن ئۆزۈم خالاپ تۇرۇپ ۋاز كەچتىم : ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتقان خىزمىتىم ، ئايدا مۇقىم كىرىپ تۇرىدىغان مائاشىم بار ئىدى . ئەمما بۇ قېتىم قىلچە تەۋرەنمەستىن بۇ «زىيان»لارغا چىدىدىم . بەزىلەر بۇنى زىيان دېگەنىدى . مەن دەيمەن : بۇ زىيانمۇ ؟ مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن بەدەل كېرەكقۇ ! «ئېسىت ئەجرىڭ ! . . .» دېدى جاپاكەش ئانام . «راھەتنى تاشلاپ جاپاغا ماڭغان ئەخمەق !» دېدى دىلكەش دوستلىرىم . «چەت ئەلدىكى ئوقۇشىڭىز قاچان تۈگەيدۇ ؟» دەپ ئەپسۇسلۇق ئارىلاشقان سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشتى ئوقوغۇچىلىرىم .  

          ھەممىسىگە رەھمەت دېدىم ئىچىمدە . ئۆتكۈنچى راھەت ۋە ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا يۇقتۇرۇۋالغان قانائەت تۇيغۇسى ئۆزۈمگە تالىق ھېسلىرىمنى تالان - تاراج قىلىپ مېنى غەپلەتكە چىللاشقا باشلىغاندا ، ئۆز يۇرتۇمدا تۇرۇپ بېرىلىپ ئىشلىسەم قولۇمدىن ئىش چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار ئەھۋالدا ، مەن يەنىلا 30 ياشلىق ئۆمرۈمگە چېكىت قويۇپ ئۆزۈمنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئىسلاھ قىلىش قارارىغا كەلدىم - دە ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تاللىدىم . «سەرخۇش»، ئىجادىيەت ، خىزمەت ، بالا ..... بۇلار مېنىڭ زېمىندا 31 يىل دەسسەپ يۈرۈپ ھېس قىلغان ئەڭ چىن ۋە سەمىمىي خۇشلۇقلىرىم ، ھاياتىمنىڭ ئەڭ تاتلىق تۇيغۇ - مەنىلىرى سىڭگەن نەتىجىلىرىم ئىدى . ھەممىسىگە كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ خوش دېدىم ۋاقتىنچە . بۇ ئۇلارنى تاشلاش ئەمەس ، بەلكى ئەشۇ سۆيۈملۈك نەرسىلەرنى يۈرىكىمگە تاڭغان ھالدا ئۆزۈمنى تېخىمۇ بۈيۈك مەنزىلگە باشلاش ئىدى . ئوغلۇم سۆزلىيەلمەيىتتى ، ماڭىدىغان كۈنۈم تاتلىقلىشىپ بوۋاقلىقىنىڭ ئەڭ يۇمران چاغلىرىغا تەئەللۇق يېڭى - يېڭى قىلىقلارنى چىقىرىۋاتقان ئوغلۇم ياشلىق كۆزلىرىمگە قۇچىقىمدا تۇرۇپ ئۈن - تىنسىز قاراپ كەتتى . 2003 - يىلى ئىيۇندا ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» ناملىق كىتابقا يېزىپ بەرگەن بېغىشلىمىسىنى ئالغىلى ئۆيىگە بارغان چېغىمدا ، ئۇ كۆيۈنۈش ئاھاڭىدا بالدۇرراق توي قىلىشىمنى جېكىلەپ : «ئۆيلەنمەي تۇرۇپ ، بالىلىق بولماي تۇرۇپ مۇكەممەل ئەر بولالمايسىز . ئائىلىنىڭ لەززىتىنى بالىلىق بولغاندا بىلىسىز» دېگەنىدى . راست ئېيتىپتىكەن ، بۇلماقتەك ئوغلۇمنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ھەر قېتىم تويماي پۇراپ كەتكەنلىرىمدە ، بىر خىل بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ئۈمىد ئارىلاشقان تاتلىق بىر خۇشاللىق ئىچ - ئىچىمنى يايرىتىۋېتەتتى ؛ بالامدىن 31 ياش بۇرۇنقى ئۆز ئەكسىمنى كۆرگەندەك بولاتتىم - دە ، ئانامغا ، مەرھۇم دادامغا بولغان قايىللىق ، سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا ، يېڭىچە ئارمانلارنىڭ قۇچىقىغا بۆلۈنەتتىم . مانا ئەمدى قىيالماسلىق بىلەن بۇ خۇشاللىقلارغا خوش دېمەكتە ئىدىم . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا «مۇكەممەل ئەر» دېگەندە نېمىنى كۆزدە تۇتقان بولغىيتتىكىن ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . ئەمما ، ھازىر ئويلىسام ئەركەك بولغاندىكىن قۇربان بېرىشلەرگە ، جاپالارغا ، ھايات ھەر بىر پەللىسىدە تاسقىغان چاغدىكى دىشىۋارچىلىقلارغا چىداش كېرەككەن . ھەر قانچە كامىل ئادەمنىڭ قاشقىسىغىمۇ «مۇكەممەل ئەر» دېگەن خەت يېزىلغان ئەمەس . ئەمما ئۆزىگە خاس سېزىمى يوقالمىغان ، ئۆزىدىن ھالقىشنى ئادەت قىلغان روھنىڭ ئادەمنى يېڭىچە بىر سەپەرگە - ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىگە باشلايدىغانلىقىدا گەپ يوق . مانا مۇشۇ سەپەرگە ۋە شۇ سەپەردە مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان سىناقلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلىگۈدەك ئادەم مۇكەممەل بولالمىسىمۇ ، ھېچبولمىغاندا بارغانسېرى پىشىدۇ ، يېتىلىدۇ .
           ئەلۋەتتە ، چەت ئەلدە ئوقۇش ھەممە نەرسىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر خىل «تەلەي» ، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ چىققىلى بولمايدىغان چوققا . ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم ساھەسىدە «تەلەي»دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا كىم ئىشىنەركىن ؟ ئەگەردە بار دېگەندىمۇ ، ئۇ چوقۇمكى مېھنەتنىڭ مېۋىسى . ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتى ماڭا تەلەيگە ئوخشاش ئوڭايلا نېسىپ بولدى . توي قىلغىنىمغا يېرىم يىل بولغاندا ئاۋۋال ئەنگىلىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى (Nottingham University) نىڭ «جەمئىيەتشۇناسلىق» كەسپىدىن ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيە كىل ئۇنىۋېرسىتېتى (Keele University) نىڭ ئىنگلىز تىلى ئەدەبىياتى كەسپىدىن ماگىستىرلىقتا شەرىتسىز ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالدىم . ئىزدىنىش ، توختاۋسىز ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بەدىلىگە كەلگەن بۇ چاقىرىقلارنى دەڭسەپ قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ، قايسى كەسپتە ئوقۇشۇم كېرەكلىكىنى بىلمەي يۈرگەن چاغلىرىمدا «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» (Ford Foundation Scholarship) غا ئېرىشكەنلىكىم ھەققىدە خۇشخەۋەر تاپشۇرۇپ ئالدىم . «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بولۇپ ، ئامېرىكا فورد ساخاۋەت تەشكىلاتى ئۇنى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەللەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئوغۇچىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ، دۇنيا مىقياسىدا نامراتلىق ۋە قالاقلىقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلغانىدى . ئەنگلىينىڭ بايا تىلغا ئېلىنغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇيدىغان بولغاچقا ، ئىككىلەنمەيلا « فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» بىلەن ئوقۇشنى تاللىدىم . بۇ تاللاش چەت ئەلگە بىر يىل كېچىكىپ تۇرۇپ مېڭىشىمدىن ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يېرىم يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا تېلېفون پۇلىدىن ئوقۇش پۇلىغىچە بولغان ھەر قانداق خىراجەتتىن غەم قىلماي تۇرۇپ ئوقۇشۇمدىن دېرەك بېرەتتى .2007 - يىلى 28 - فېۋرال «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» ھەيئىتىنىڭ بېيجىڭ ئىش باشقارمىسىدىكى خادىملار يانفونۇمغا تېلىفون قىلىپ ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ، ئىيۇننىڭ ئاخىرىدا يولغا چىقىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى . ھەم خوشال بولدۇم ، ھەم جىددىيلەشتىم . خوشاللىقىمنى چۈشىنىشكە بولاتتى . ئەمما جىددىيلىشىشىمدىكى سەۋەب ، بالامنىڭ تۇغۇلۇشىغا بىر ھەپتىچە ۋاقىت قالغانىدى . خۇداغا شۈكۈر ، بالام ساق - سالامەت تۇغۇلدى . ئوقۇشنىڭ تەييارلىقىنى جىدىيلىشىپ تۈگەتتىم .
       20 - ئىيۇن ، مەن ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن قوزغىلىدىغان كۈن . ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئايروپورتقا  ئانام ، تۆت ئاكام ، ئىنىم ئۇزاتقىلى چىقتى . ھەممەيلەن بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ خوشلاشتىم . مېنىڭ كۆزۈمدە ياش ، ئانامنىڭ كۆزلىرىدە ياش . ئاكا - ئىنىلىرىم يىغلىماسلىققا تىرىشىپ تۇرغىنى بىلەن ، خوشلىشىش ئالدىدىكى مۇرەككەپ ھېسلىرى چاناقلىرىدىن مەلۇم . ئانامنىڭ كۆزىدىكى ، مېنىڭ كۆزۈمدىكى ياشنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىر ھەممىمىزگە ئايان . بارسا كەلمەس يولغا ماڭمىغاندىكىن ، يىغلاش بىھاجەت ئىدى . ئەمما ، چاقىرىق كېلىپ ماڭغۇچە بولغان ئارىلىقتا يازسا رومان بولغۇدەك مۇرەككەپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم . ئىشقىلىپ ، مېڭىشتىن بۇرۇن چەت ئەلگە بىلىم  ئېلىش ئۈچۈن ماڭىدىغان ھەر بىر ئىلىم ئىگىسى تەبىئىي ھالدا باشتىن كەچۈرىدىغان ئەگرى-توقاي جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتۈم .
          «بالاڭدىن خاتىرجەم بول » دېدى يىغلاپ تۇرۇپ ئانام . «ياخشى ئوقۇپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمىز . ئوقۇ ، ئەمما قولۇڭدىن ئىش چىقسۇن !» دېدى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىدىغان ئاكام . قايسىبىر كىتابتىن : «ئادەم بۇ دۇنيادا ئاخىرقى ھېسابتا نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟» دېگەن سوئالغا «سۆيۈش - سۆيۈلۈش ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى ئوقۇغانمەن . ئەمدى بۇ جاۋابنىڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتاتتىم . مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىدىسىگە بولغان ئېتىقادىم ، ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتىغا بولغان ئىخلاسىم ، خەلقىمگە ۋە ئائىلەمگە بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن راھەتتىن ۋاز كېچىپ ، ئازابلىق تاللاشلارغا چىداپ بۇ سەپەرگە چىقىۋاتاتتىم . ئائىلەمدىكلەر ماڭا بولغان مۇھەببىتى ، مەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى گەپ بىلەن ئەمەس ، بالا جاپاسىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن ئىپادىلەۋاتاتتى . ئادەمنى تىنىمسىز ئۈمىدۋار ياشاشقا ، يېڭى پەللىگە ئۈندەيدىغان ئامىللار ئىچىدە سۆيۈش - سۆيۈلۈش تۇيغۇسىنىڭ كۈچى نەقەدەر زور- ھە ! ئەمما ، ئادەمنىڭ ئۆز خەلقىگە ، تۇپرىقىغا ، ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى غايەت زور بەدەل تەلەپ قىلىدۇ .

              2007 -يىل  22- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ئايروپورتىدىكى جىددىي تەكشۈرۈشلەردىن تەرلەپ - تەپچىرەپ دېگۈدەك ئۆتۈپ ، كورىيە سېئول ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھونولۇلۇغا بارىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا چىققىنىمدىلا ئۆزۈمنىڭ چەت ئەل سەپىرىگە مېڭىۋاتقىنىمغا تولۇق ئىشەنچ قىلدىم . جىددىيلىكىم پەسەيگىنى بىلەن ، بېشىم سەل ئاغرىشقا باشلىغانىدى . ئۈستىۋېشىمدىن قۇيۇلۇۋاتقان تەرنى سۈرتكەچ ئايروپىلان ئىچىگە سەپسالدىم . ئايروپىلاندا كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقان كورىيە قىزلىرى ھەقىقەتەنمۇ سىپايە ، چىرايلىق ئىدى . بەل تاسمىسىنى باغلىۋېلىشىمنى راۋان ئىنگىلىز تىلىدا تاپىلاۋاتقان كۈتكۈچى قىزغا ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى يېقىملىق كۈلۈمسىرەشكە قاراپ ئىختىيارسىز تونى بىلايىرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان ئەنگلىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونى گىددىنس  (Anthony Giddens) نىڭ «جەمئىيەتشۇناسلىق» (لوندون پۇلىتىي نەشرىياتى 2001 - يىل نەشرى) ناملىق كىتابىدىكى «تۇيغۇ ئەمگىكى» دېگەن گەپنى ئەسلەپ قالدىم .
            كورىيىلىك قىزنىڭ ماڭا قىلغان ئادەتتىكىچە تەبەسسۇمى تەبىئىي ، يېقىملىق . ئەمما بۇ كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان بولۇشى ناتايىن . تۇيغۇ ئەمگىكى - كىشىلەرنىڭ خوجايىنىغا ، ئېلىۋاتقان مائاشىغا يۈز كېلىش ئۈچۈن جىسمانىي كۈچىنىلا ئەمەس ، تۇيغۇسىنى ، ھېسسىياتىنى سەرپ قىلىش جەريانى . «ئارمان» تاللا بازىرىدىكى ، «مىراج» تېز تاماقخانسىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ، يەنە بۇ ئايروپىلاندىكى كورىيىلىك قىزنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم ئەمەلىيەتتە بىر خىل تۇيغۇ ئەمگىكى . ئۇلار مانا مۇشۇنداق تەبىئىي كۈلۈمسىرەش ئۈچۈن تالاي قېتىملاپ مەشقلەندۈرۈلگەن . ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىدى ، بۇ قىزلارنىڭ تۇيغۇ ئەمگىكىگە قاتنىشىۋاتقان چاغدىكى كۈلۈمسىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىنىڭ سۆيگۈ ئىزھارىنى ئاڭلىغان چېغىدىكى كۈلۈمسىرىشنى سېلىشتۇرۇپ باقساق ، بۇ كۈلۈمسىرەشلەرنىڭ چىنلىق ، تەبىئىيلىك دەرىجىسىدىكى پەرقلەر ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولاتتى . جەمئىيەتشۇناسلىق ئەمەلىيەتتە مۇشۇ پەرقنىڭ كەينىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبكە بەكرەك دىققەت قىلىدىغان قىزىقارلىق پەن . مەن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە ئۆزۈم خالاپ كىرىشكەندىن بۇيان خىيالچان ، شەكىلدىن ماھىيەتنى ئىزدەشكە كۈچەيدىغان بولۇپ قالدىم . «يەنە بىر كۆرسەم» فىلىمىدىكى يوڭجۇنىڭ ئەدەبلىك سالام - سەھەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان كورىيىلىك كۈتكۈچى قىزلارنىڭ چىرايىدا بىر خىل نۇر بار ئىدى . بۇ نۇر ماڭا نېمىشقىدۇر كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئازراق بولسىمۇ مۇناسىۋىتى باردەك تۇيۇلدى . قىزلارنىڭ چىرايىدىن  يېقىملىق بىر گۈزەللىك بىلەن ئۆزگىچە بىر نۇر بالقىپ تۇراتتى . ئادەم ئۆز ۋەتىنى ۋە جەمئىيىتىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلسا ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىقۇۋۇللۇق ۋە ئىلاجىسىزلىقتىن قۇتۇلسا ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن سۆيۈنسە ، تەبىئىي ھالدا چىرايىدا نۇر پەيدا بولىدىغان گەپكەن . بەش - ئالتە يىل بۇرۇن رېئاللىق ھەققىدە ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغان ، ھاياجان بىلەن يۈرگەن چاغلىرىمدا ، مېنىڭ چىرايىمدىمۇ ئاشۇنداق بىر نۇر بار ئىدى . ئەمدى ھەر قانچە زورلاپمۇ چىرايىمغا بۇنداق نۇرنى چىقىرالمىغۇدەكمەن . چىرايىمدا نۇر بولمىسا ھېچگەپ ئەمەس ، ئەمما قەلبىمدە ئىمان  بولسا ، ماڭا بىردەملىك مەنپەئەت ئاتا قىلغان رېئاللىقىمغا ئالدانمىسام ، ھاياتنىڭ مېنى ھالسىراتقان تۈگۈنچەكلىرىنى ماھىيىتىدىن چۈشىنىشكە تىرىشسام ، ماڭا تۇز بەرگەن تۇپرىقىمغا ، سۆيۈش - سۆيۈلۈش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك خەلقىمگە ئاسىيلىق قىلمىسام ، روھىي دۇنيارىمنىڭ ھامان نۇر بىلەن  تولىدىغانلىقى ئېنىق . مەن ئاشۇنداق تەگسىز خىياللار ئىچىدە بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئايروپىلان دېرىزىسىدىن سىرتقا سەپسالدىم . كاللام خىيالدىن نېرى بولىدىغاندەك ئەمەس . ھېلى قۇربان بېرىشلىرىمنىڭ ۋەزنى ، ئەھمىيىتى ئۈستىدە  ئويلانسام ، ھېلى ئەمدى دۇچ كېلىدىغان يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدە باش قاتۇراتتىم .

يېڭى ماكان ، مەدەنىيەت ئەندىكىشى  
        ھونولۇلۇ - ئامېرىكا ھاۋاي شىتاتىنىڭ مەركىزى ، خەلقئارالىق داڭلىق ساياھەت شەھىرى . ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «جەننەتنىڭ قەھرى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى مۇشۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىنغان . تارىختىكى داڭلىق «پىيۇرل خاربور» ۋەقەسى مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن . 1941- يىلى يازدا ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ پىيۇرل خاربوردىكى ھەربىي بازىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، ئامېرىكىنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەن . مەن ئوقۇيدىغان ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ شىتاتتىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت . بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوكيانشۇناسلىق كەسپى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ، تىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرويغا ئىگە . جۇڭگونى تەتقىق قىلىدىغان مۇنەۋۋەر مەجمۇئە «جۇڭگو تەتقىقاتى» مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ . بۇ يىل ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى . ئامېرىكا پارلامېنتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان «شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزى» ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا . ماڭا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ بىر قىسىمىنى مۇشۇ مەركەز كۆتۈرىدۇ . بۇ مەركەزنىڭ ئادىمى بولغاچقا ، بىز باشقا ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا بىر مۇنچە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە . تۆت قەۋەتلىك شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىناسى بىز ئۈچۈن ئوچۇق . مەخسۇس ياسىتىلغان ئاچقۇچ بىلەن كومپىيۇتېرخانىغا 24 سائەتنىڭ خالىغان ۋاقتىدا كىرىپ مەشغۇلات قىلساق ، پرېنتېردا ماتېرىياللارنى قانچىلىك بېسىپ چىقارساق بولۇۋېرىدۇ . ئاسىيا ھەققىدىكى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان بىر مۇنچە ئىلمىي ئەمگەكلەر مانا مۇشۇ مەركەزدە روياپقا چىقىدۇ .
            مەن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ دەسلەپكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە چەت ئەلگە يېڭى چىققان ئادەم مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» جەريانىنى باشتىن كەچۈردۈم . دەسلەپتە بۇ شەھەرنىڭ گۈزەللىكىدىن ، پاكىزلىقىدىن ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ باغچىنى ئەسلىتىدىغان مۇھىتىدىن ھەيران قېلىپ ھاياجان ئىچىدە يۈرگەن بولسام ، بارا - بارا ئۆينى ، بالىنى سېغىنىش تۇيغۇسى كۈچىيىپ ، تاماق ئېتىش ، كىر يۇيۇش قاتارلىق بىر قاتار يېڭىچە مەسىلىلەر ئالدىمغا قويۇلدى. نېمە ئامال ؟ قورساق ياكى غېرىبسىنىشنى دەپلا چىدىماسلىق قىلىش غايىلىك ئوغۇلبالىنىڭ ئىشى ئەمەستە!؟ نەزەرىمنى كۆز ئالدىمدىكى دۇنياغا ۋە بۇ كۈنلەردىن يەيدىغان رىزق - نېسىۋەمگە تىكمىسەم بولمايىتتى . شۇ ئارقىلىقلا تۆلىگەن بەدەلگە تۇشلۇق نەپكە ئېرىشىشىم مۇمكىن ئىدى . بۇ ھەم مېنى ياشلىق كۆزلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قالغان ھەربىر مېھرى ئوت قېرىندىشىمغا يەتكۈزەلەيدىغان ھەقىقىي جاۋاب ، كۆيۈنۈش ، سۆيۈش بولاتتى . نەزەرىمنى ئەتراپىمغا ئاغدۇردۇم . مەن يېڭى بىر يەرگە بارسام تەبىئىي مەنزىرىلەردىن كۆرە يېڭى ئۇچۇرلارغا، ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بەكرەك دىققەت قىلىمەن ۋە تەبىئىي ھالدا ئۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھالقىلارغا باغلاپ تەھلىل قىلىمەن . بەلكىم بۇ جەمئىيەتشۇناسلىققا ئىشتىياق باغلىغىنىمدىن كېيىن مەندە شەكىللەنگەن كەسپىي مىجەز بولۇشى مۇمكىن .  
             مېنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندە ھەممىدىن بەكرەك ھەيران قالدۇرغىنى ئىجتىمائىي سورۇنلاردىكى ئىشەنچ مېخانىزمى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۆزگىچە بىر خىل ساغلام كەيپىيات بولدى . بايا ئىسمىنى تىلغا ئالغان شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىناسىغا مۇشۇ يەرنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خالىغان ۋاقىتتا كىرەلەيتتۇق . بىنالارنى باقىدىغان كۆزەتچى يوق ئىدى، توكلار ئۆچۈرۈلمەيتتى، كارىدورلارغا قويۇلغان ئاسىيا تەتقىقاتى ھەققىدىكى كىتاب ئىشكابلىرى ۋە كومپيۇتېرخانىلارغا قۇلۇپ سېلىنمايىتتى . بىز تۇرىدىغان ئاسپرانتلار ياتاق بىناسىدا كۆپچىلىك ئورتاق ئىشلىتىدىغان توڭلاتقۇ ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ، مۇنچا قاتارلىقلاردىن سىرت ، ئوقوغۇچىلارنىڭ شەخسىي توڭلاتقۇلىرى ، ئاشخانا سايمانلىرى ، قاچا - قۇچا ئىشكاپلىرىغا قۇلۇپ سېلىنمايىتتى ؛ سوپۇن ، چاچ پاراشۇكلىرى مۇنچىلاردىكى ھەر بىرەيلەنگە ئاتاپ ياساپ بېرىلگەن ئىشكاپلارغا قويۇلاتتى ، ئەمما ئىشكاپلار قۇلۇپلانمايىتتى . مەن ئۇنىۋېرسىتېتقا كەلگەن تۇنجى ھەپتىسى ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا تەبىئىي ھالدا يېتىلدۈرۈۋالغان ئۆزۈمگە پۇختا بولۇش ، ياتلاردىن خەۋپسىرەش تۇيغۇسى مېنى بەكلا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى . كەلگەن كۈنۈمنىڭ ئەتىسى ۋەتەندىن ئەكەلگەن قاچا - قۇچىلارنى جايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوپچە ئىشلىتىدىغان ئاشخانىغا كىردىم . ماڭا تەقسىملەنگەن سىفىرلىق قاچا - قۇمۇچ ئىشكاپى ئوچۇق ئىدى . ئۆزۈمچە مەخپىي نومۇر ئورناتماقچى بولۇپ خېلى ھەپىلەشتىم . ئەمما ئىشكاپنىڭ ئىشىكى ئېتىلمىدى . قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرسام ، نېرىدىكى ئوچاقتا تاماق ئېتىۋاتقان چەت ئەللىك ئوقوغۇچى (ئىسمىنىڭ ئاچكۈن، گرېتسىيىلىك ئىكەنلىكىنى كېيىن ئۇقتۇم) يېنىمغا كېلىپ مەندىن ئىنگلىزچە سورىدى :
- جۇڭگودىن كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
- ھەئە ، - دېدىم مەن ئۇنىڭ قانداق بىلىۋالغىنىغا ھەيران بولۇپ ، - جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟
- بىزنىڭ بۇ ئاشخانىدا ئۈچ - تۆت جۇڭگولۇق ئوقوغۇچى بار ، - دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ، - ئادەتتە جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلاردىن باشقىلار قاچا - قۇچا ئىشكاپلىرىنى ئېتىپ يۈرمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ئەنسىرىشىڭىز بىھاجەت . بۇ يەردە ھەممەيلەن ئاڭلىق . بىر - بىرىمىزگە ئىشىنىمىز ، ھېچئىش بولمايدۇ ، نەرسىلىرىڭىزنى قويۇۋېرىڭ .
مەن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم . لېكىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتىم .
- ئەگەر ئىشكاپىڭىزنى راستىنلا ئەتمەكچى بولسىڭىز ، - دېدى ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك ، - بىرىنچى قەۋەتتىكى تىزىملاش ئورنىغا چۈشۈپ مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلىڭ .
بىرىنچى قەۋەتتىكى تىزىملاش ئورنىغا چۈشۈپ مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلىدىغان جەدۋەلنى تولدۇرۇۋاتسام ، بىزنى ئايرودرومغا ئالغىلى چىققان ياپونىيىلىك قىز ئازۇسا ئۇچراپ قالدى .
      - نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ - دەپ سورىدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ ياپونچە پۇراق خېلى ئېغىر ئىنگلىز تىلىدا .
- قاچا - قۇچا ئىشكاپىغا مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلاي دەيمەن .
ئازۇسا كۈلۈپ كېتىپ چاقچاق ئارىلاش قوشۇپ قويدى :
- قارىغاندا جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوغرى جىق ئوخشىمامدۇ ؟ بۇ دېگەن كوچا ئەمەس ئۇنىۋېرسىتېت ، بىر - بىرىمىزگە ئىشەنمىسەك قانداق بولىدۇ؟
ياپونىيىلىك قىز بۇ گەپنى چاقچاق تەرىقىسىدە دېگەن بىلەن ، ماڭا باشقىچە تەسىر قىلدى . ئۇ ئاشۇنداق تۈز قىز ئىدى .
- سىلەر جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلار بەك ئېھتىياتچان كېلىسىلەر ، - دېدى ئازۇسا كۆڭلۈمدىكىنى سەزمەيلا تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن ، - ئادەتتە ئىشكاپلىرىمىزنى ھېچقايسىمىز ئەتمەيمىز .
مەن يەنە بىر قېتىم ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم . ئازۇسا ماڭا خوش دەپ يولىغا راۋان بولدى . مەن ئاخىرى قولۇمدىكى قەلەمنى قويۇپ تىزىملاش ئورنىدىكى ئامېرىكىلىق قىزغا دېدىم :
-    بولدى ، مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلماي . سىزنى ئاۋارە قىلدىم .
-    ھېچقىسى يوق ، - دېدى قىز مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ .
شۇنداق قىلىپ مەن قاچا - قۇچا ئىشكاپىغا مەخپىي نومۇر ئىلتىماس قىلمىدىم . ئەمما، بىر نەچچە ھەپتىگىچە يەنىلا تازا دېگەندەك خاتىرجەم بولالمىدىم . ئارىدىن ئىككى - ئۈچ ئاي ئۆتسىمۇ مەن ئەنسىرىگەن ئىشنىڭ ھېچقايسىسى يۈز بەرمىدى .
            بېشىمدىن ئۆتكەن بۇ ئاددىيغىنا كەچۈرمىش مېنى «ئىشەنچ» دېگەن سۆز ھەققىدە خېلىغىچە ئويلاندۇردى . فرانك كرايىن : «ھەممىلا ئادەمگە ئىشىنىپ كەتسەڭ بەلكىم ئالدىنىپ قېلىشىڭ مۇمكىن ، ئەمما ھېچكىمگە ئىشەنمەي ئۆتكەن ھايات بەكمۇ لەززەتسىز » دېسە ، رالف ۋالدو ئېمرسون : «ئادەملەرگە ئىشەنگىن ، شۇندىلا ئۇلار ساڭا سەمىمىي بولىدۇ ؛ ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ يەنە بىر يارقىن تەرىپىنى كۆرەلەيسەن » دەيدۇ . بىز كىچىكىمىزدىنلا ئۆزىمىزگە پۇختا بولۇش ، باشقىلارغا ئالدىنىپ كەتمەسلىك ھەققىدىكى ۋەز - نەسىھەتلەر ئىچىدە چوڭ بولىمىز . ئەمما ، جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا، زىيادە خەۋپسىرەش ۋە ئېھتىياتچانلىق تۇيغۇسى ئادەمنىڭ خاتىرجەملىكىنى مەڭگۈ تىنچ قويمايدىغان بىر خىل پىسىخىكىلىق كېسەل . گەرچە پەرقلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەھۋالى بىزنى ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەپ تۇرسىمۇ ، بىر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي ھاۋاسىنى ئىشەنمەسلىك ، خەۋپسىرەش ، نامەلۇم ئەندىشە كەيپىياتى قاپلاپ كەتسە ، ئۇنداقتا بۇ جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرىدە شەخسىيەتچىلىك ، بىھۇدە شۈبھىلىنىش خاھىشى ئېغىرلاپ كېتىدۇ - دە ، زېھىن خورايدۇ . مېڭىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان ۋاقتى ئازلاپ قالىدۇ . بۇ ھال بىر مىللەتنىڭ پۈتكۈل نەزەرىيىۋى تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز . ئەمما ، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرۈش كېرەككى ، ئىقتىسادىي نامراتلىق تۈگىمىگەن ، مۇھتاجلىق مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل قىلىنمىغان ، مەنىۋى ساپا ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ، كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز سالمايدىغان پاكىز قەلب ئاۋام ئارىسىدا يىلتىز تارتالمىغان جەمئىيەتتە ئادەمنىڭ خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ھەرگىزمۇ قانائەتلەنمەيدۇ . بۇ ھالدا ئىشەنچتىن سۆز ئېچىش تەس .

داۋامى بار

talva 2011-08-28 13:56
ئەسىرىڭىز بەك سىڭىشلىك،كىتابىڭىز قاچان نەشىردىن چىقىدۇ؟بەكلا كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى،بۇ ئەسەرنىمۇ تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز،كۆرۈپ تولىمۇ خوشال بولدۇم.بۇ ئەسەرنى <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژۇرنىلىدا ئوقۇغاندەك ئىسىمدە بار،جەمىياتشۇناسلىق بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بوشلۇق ئىدى،سىز بۇنى تولدۇردىڭىز،سىزدەك تىرىشچان تەتقىقاتچىلارغا تولىمۇ مۇھتاج.سىزدىن ئۆتۈندىغان بىر ئىشىم بار،تارىم تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ،جەمىياتشۇناسلىققا باغلاپ،بىرەر تەتقىقات ئەسىرىنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،مېنىڭچە،بۇ ئىش قولىڭىزدىن كېلىدۇ.

kalgen 2011-08-28 16:58
كىتابىڭىزنى چۇقۇم سېتىۋالىمەن.

taxbalik 2011-08-28 17:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم سىزنىڭ ئىمان -ئىتقاتلىق تىرىشچان مۇسۇلمان پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭىزنى يازغان تىمىڭىزنى ئوقوغان ھەربىر ئوقورمەن مىنىڭچە چوقۇم بىلىپ يىتەلەيدۇ . مىنىڭ بىر تەكلىۋىم بار ئىدى، لىكىن بۇنى سىز ھەرگىز باشقىچە ئويلاپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن . بۇ تور دۇنياسىدا بولسىمۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمنى ئومۇملاشتۇرساق دىگەن ئۈمۈدتە مەن ، سىزدەك تەسىرى چوڭلار بۇنداق سالامنى قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرسە قالغان ئەگەشكۈچىلەرگىمۇ پايدىسى بار دەپ قارايمەن . پەيغەمبەر ئەلەيھى سالاممۇ سالامىنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار دىگەن ئەمەسمۇ . نەشىرياتتا يىزىشقا ئامال بولمىغان بىلەن توردا بولسىمۇ شۇنداق باشلىغان بولساق مۇمكىن بولسا ئومۇملاشتۇرساق . چۈنكى مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە بىرىنجى بولۇپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەيدۇ ئەمەسمۇ .
بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز-قارشىم باشقىلارنىڭ ماڭا باشقىچە ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۈمۈد قىلمەن

zilnur 2011-08-28 17:26
زۇلپىقار ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى  كۆرۈش يەنە نىسىپ بولدى.شۇنداق خۇش بۇلىۋاتىمەن.

uyghuraaa 2011-08-28 19:01
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداش  ئۇيغۇرزادە____ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزغا مەن بەك يېقىندىن دىققەت قىلىمەن...                    " ياخشى ئوقۇپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوقۇ،  ئەمما قولۇڭدىن ئىش چىقسۇن !"  ئاكىڭىزنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنى مەن تەستىقلاپ ئۆتمىسەممۇ، ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز.

uyghurzade 2011-08-28 20:19
داۋامى
         ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلغان ئىككىنچى ئىش ھاۋايدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۆلەكچە يېقىنلىقى بولدى . ھاۋاي شىتاتى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقىمۇ ، ئادەم ، ئوكيان ، تەبىئەت ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي ھالدا گارمونىك بىر مۇناسىۋەت پەيدا بولۇپ ، بۇ جاينى ئىسمى - جىسمىغا لايىق داڭلىق ساياھەت شەھىرىگە ئايلاندۇرغانىدى .
         ھاۋايغا كەلگىنىمىزگە بىر ھەپتە بولغان كۈنى «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن «ھاۋايدىكى بىھىشباغ» دەپ نامى چىققان گۈزەل جاي ۋايكىكى ئارىلىغا ساياھەتكە باردۇق . ۋايكىكى ئارىلى - ئامېرىكا تېلېۋېزىيە فىلىمى«جەننەتنىڭ قەھرى» سۈرەتكە ئېلىنغان جاي ئىدى . ئۈرۈمچى – دېڭىزدىن ئەڭ يىراق شەھەر ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىپ كاللىسىنى سەگىتىپ كېلىشى ئۈچۈن سائەتلەپ يول مېڭىشىغا توغرا كېلىدۇ . مەن 1995 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئىچكىرىدە دېڭىزنى ئاران بىر قېتىم كۆرگەن . ئۇزاق مۇددەت بېكىك ، تار مۇھىتتا ھەقىقىي كەڭ تەبىئەتتىن ئايرىلىپ ياشىغاچقىمۇ ، ۋايكىكىغا بارغان كۈنى بۇ ئارالدىكى تەبىئەت گۈزەللىكتىن ئاغزىمنى  ئېچىپ قالدىم . شەھەرنىڭ چېتىدە – ئاسمانپەلەك ھەيۋەت مېھمانخانىلار ، رەت - رەت پاكىز كوچىلار يېنىدا بىزگە تېلېۋىزوردىنلا كۆرۈشكە نېسىپ بولىدىغان گۈزەل تىنچ ئوكيان مەنزىرىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ . ئوكياننىڭ قىرغاققا يېقىن قىسىمىدا راھەتلىنىپ سۇ ئۈزۈۋاتقان ، ساھىلدا سۇ كېچىپ، سۇ چېچىشىپ ئويناۋاتقان ، تېخىمۇ يىراقتا قورقماي سۇ كانكىسىدا تېيىلىپ ئويناۋاتقان كىشىلەر تىنچ ئوكياننىڭ سۈرىدىن ئەنسىرەيدىغاندەك ئەمەس . بىرنەچچەيلەن ئىككى - ئۈچ ياشلىق بالىلىرىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىچە سۇغا ئەكىرىپ ئويناتماقتا . قىرغاققا 300 مېتىر كېلىدىغان جايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، تەرتىپكە مەسئۇل بىرەر كىشىنى ، قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىۋالغانلارنى ياكى جىددىيلىشىش ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ( كېيىن ئۇقسام ، ئوكياندا دولقۇن قاتتىق كۆتۈرۈلىدىغان كۈنلىرى ئالدىن سىگنال بېرىلىپ سۇغا چۈشۈش چەكلىنىدىكەن ) . زۇمرەتتەك سۈزۈك ئوكيان سۈيى ، قىرغاق بىلەن كوچىلارنى ئايرىپ تۇرغان ئېگىز ئارچا دەرەخلىرى ، غۇر - غۇر شامال ئېلىپ كېلىۋاتقان نەمخۇش ھاۋا ، ساياھەتچىلەر سوزۇلۇپ ياتقان توپىرەڭ ساھىل ئادەمگە جىددىيلىكنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ، ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات ئاتا قىلاتتى .
                 مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمغا ئەمدى شەكسىز ئىشەندىم ۋە سۆيۈندۈم . ئەمما جىق نەرسىلەرگە ھەيران قېلىشتىن خالىي بولالمىدىم . ئېگىز ، زىلۋا قىزلارنىڭ ئىچ كىيىمى بىلەنلا كوچىلاردا مېڭىشلىرىنى ، ئەر - ئايال ، قىز - ئوغۇللارنىڭ يالىڭاچ دېگۈدەك بىر يەردە سۇ ئۈزۈشلىرىنى ، تېخى يېقىندىلا تونۇشقان بەزى شاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىراپ - تېنەپ يېشىنىپ سۇغا ئۆزىنى ئېتىشلىرىنى قوبۇل قىلالمايىتتىم . شۇڭا ساۋاقداشلىرىم سۇغا چۈشۈشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ، ساھىل بويىدىكى ئورۇندۇقتىن قوپماي ئولتۇردۇم . خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقىدىغاندەك ئەمەس .
        مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ بۇ يەردىكى يېرىم يالىڭاچ قىزلارنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلالماسلىقىم «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقىنىمنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسپاتى ئىدى . نېمىنى قوبۇل قىلالماسلىقىمدىن قەتئىينەزەر ، بۇ يەردە ھايات داۋام قىلىۋېرىدۇ . بەلكىم كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ، ساۋاقداشلىرىم مەندەك خىيالچان بايقۇشنىڭ ساددا كونسىرۋاتىپلىقىدىن كۈلۈشەر . «كىشىلەر نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدۇ؟» دېگەن سۇئالنى مەركەز قىلغان باش - ئۇچى يوق خىياللىرىم ، تەئەججۈپلىرىم ھەر قانداق يېڭى يەرگە ، يېڭى دۆلەتكە بارغاندا دۇچ كېلىدىغان «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» ھادىسىسىنى ماڭا ئەمەلىي ھېس قىلدۇرۇۋاتاتتى . خىياللار قاينىمىدىن چىقالماي ئولتۇرغان ۋاقتىمدا ، ياندىكى ئورۇندۇقتىكى بىر يېڭى ئەھۋال دىققىتىمنى تارتتى . ئاق تەنلىك ياشانغان بىر كىشى سول بىلىكىگە ئىككى قۇشنى قوندۇرۇۋېلىپ دان بېرىۋاتاتتى . پەستە - ھېلىقى ئادەمنىڭ ئايىغى ئاستىدا تۆت - بەش قۇش ئەتراپتا ئولتۇرغانلارنى كۆرمەيۋاتقاندەك چۇرۇقلاشقىنىچە دان ئىزدەپ يۈرەتتى . ئايىغىمنىڭ يېنىغا بىر قۇش كەلدى . مەن ھەيران بولۇپ : « بۇ قۇشلار نېمىشقا ئادەملەردىن قاچمايدىغاندۇ ؟ قورقمايدىغاندۇ ؟» دەپ ئويلىدىم . ئۈرۈمچىدە بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بىز چىرايلىق قۇشلارنى پەقەت قەپەز ئىچىدىلا كۆرەتتۇق . ئادەم بار يەرگە يېقىن جايلاردا قۇشلارنىڭ ئادەمدىن ئەيمەنمەي تۇرغىنىنى ، چۇرۇقلىغىنىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق .
         كېيىنچە بايىقىدىنمۇ چىرايلىق ، تاجىسى ھەر خىل رەڭدىكى قۇشلارنى ئاشخانىدا جىق ئۇچراتتىم . ئاشخانىمىزنىڭ بالكونى ئوچۇق بولغاچقا ، چۈشلۈك - كەچلىك تاماقلاردىن كېيىن قۇشلار چۇرۇقلىشىپ كۆكتات ئادالايدىغان كۆلچەكلەرگە كىرىۋېلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيىتتى ، قوغلىمىغىچە قاچمايىتتى . ھېچكىممۇ بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالمايىتتى ياكى قۇشلارنى قوغلىمايىتتى . بۇنداق چاغلاردا مەن ئىختىيارسىز ئۈرۈمچىدىكى بۇلغانغان مۇھىتتا پەيلىرى باشقىچە رەڭگە كىرىپ قالغان بىچارە قۇشقاچلارنى ئەسلەيتتىم . بەلكىم ئىنسان قەلبىدىكى ئازادىلىك تۇيغۇسى ئادەم بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى بىلەن تېخىمۇ بەكرەك قانائەت تاپسا كېرەك . قۇشلار ئەسلى ئادەملەرنىڭ دوستى . قۇشلار قاچمايدۇ ، ئەمما ئادەم قاچۇرىدۇ .

كىتاب ، كۇتۇپخانا ۋە باشقىلار
         كىتاب باھاسىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت بولۇشى مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى ، ئۈرۈمچىدىن مۇناسىۋەتلىك كەسپىي كىتابلىرىمنى كۆپرەك ئەكىلىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم . «ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا سىتاتىستىكىلىق مېتودلار» دېگەن دەرسلىك كىتابنىڭ كونىسىنى مەكتەپ كىتابخانىسىدىن 94 دوللارغا ئالغىنىمدا يۈرىكىم بىلەن يانچۇقۇم ئارىسىدا ئۇزاققىچە تارتقۇشلاندىم . ئەمما بۇ كىتابنى ئالمىسام بولمايىتتى . جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا ، مەن بىر كىتابنى 700 يۈەنگە يېقىن پۇلغا ئالغانىدىم . ئەگەر كىتابنىڭ يېڭى نۇسخىسنى ئالسام ، يەنە 40 دوللار ئوشۇق تۆلەيىتتىم . «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» پۇلى ئىچىدە ھەر يىلى كىتاب ئېلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلىدىغان 1000 دوللار بار ئىدى .
       مەن ياخشى كىتابلار بولسا سېتىۋېلىش مەقسىتىدە مەكتەپ كىتابخانىسىنى ئايلاندىم . بۇ بىر ئۇنىۋېرسىتېت كىتابخانىسى بولسىمۇ ، كىتاب تۈرى خېلىلا جىق ئىدى . يېرىم ئايدىن كېيىن ھونولۇلۇدىكى چوڭ كىتابخانىلارنىڭ بىرى بولغان ئالىمونا كىتابخانىسىغا باردىم . ئامېرىكىدا كىتابلارنىڭ تۈرلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى ھەم بەكلا نەپىس ئىشلىنەتتى . چىرايلىق كىتابلارنى كۆرگەن كىشى ئىختىيارسىز ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ زىننەت بويۇمى قاتارىدا تىزىپ قويغۇسى كېلەتتى . كىتاب باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى ئەمەلىي بىر مەسىلە . ئەمما ، ئامېرىكىدا مۇقىم  خىزمەت تاپقانلارغا كىتاب باھاسىمۇ قىممەت تۇيۇلمايدۇ . شۇ كۈنى كىتابخانىدا توپتوغرا 10 سائەت ئايلىنىپتىمەن . كەچتە كىتابخانىدىن قورساقلىرىم ئېچىپ تارتىشقان ، ھارغىن ھالەتتە ياتىقىمغا قايتتىم . ئۈرۈمچىدە بىكار بولسام كىتابخانىلارنى ئايلىنىش ، كىتابخانىلاردا يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ئۇزۇندىن بۇيان بىر خىل ئارام ئېلىش ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى . ھايات تەشۋىشلىرى مېڭەمنى تالجىتقاندا ، رېئاللىقنىڭ ئەسلىدىن تالىق بولماسلىققا تېگىشلىك سۇئال - تۈگۈنلىرى كاللامنى ئوچاق قىلغاندا كىتابخانىغا بارسام بىر خىل ئۆزگىچە راھەت تۇيغۇسىغا ، ھوزۇرغا ئېرىشەتتىم . يارىغان كىتابلارنى ، ساقلاش قىممىتى بار دەپ قارىغانلىكى كىتابلارنى ئايىماي ئالاتتىم . ئەمما ، مەن ھازىر ئامېرىكىدا - يۇقىرى ئىستېمال ۋە كىتاب باھاسى ۋەتەندىكىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت بولغان بىر تۇپراقتا ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئىقتىسادچىل بولمىسام بولمايىتتى . «مەن ھازىر ئوقوغۇچى ، ئەمەلىيەتچىل بولۇشۇم كېرەك» دەپ ئۆزۈمگە جېكىلەپ تۇرساممۇ ، ئىچىمدىكى نامەلۇم بىر كۈچ مېنى كىتابخانىغا - كىتاب جاھازىلىرىدىكى ئۆزۈم كۆرۈپ قويغان كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا ئۈندەيىتتى . ئاخىرىدا كىتابنى ئەرزانراق ئالىدىغان ئامالمۇ تېپىلدى . بۇنىڭغا «سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق» دەرسىدە بىللە ساۋاق ئالىدىغان فرانسىيىلىك قىز ساۋاقدىشىم يۇكا (Yucca) نىڭ ئەسكەرتىشى سەۋەبچى بولدى . بىر كۈنى تەنەپپۇس ئارىلىقىدا يۇكانىڭ قولىدا ئاجايىپ چىرايلىق ئىشلەنگەن بىر ئىنگلىزچە كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم .
- نېمە كىتاب كۆرۈۋاتىسىز ؟ - دېدىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ .
- «قار دۆلىتى» ، - دېدى ئۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ .
- ياپونىيە يازغۇچىسى كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ «قار دۆلىتى» دېگەن ئەسىرىمۇ ؟ - سورىدىممەن قىزىقسىنىپ - ، سىزمۇ ئەدەبىي ئەسەرگە قىزىقىدىكەنسىز - دە ! كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇمسىز؟
- ھەئە،  مەن ئەدەبىي  ئەسەر ئوقۇشقا ئامراق . بولۇپمۇ  كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئەسەرلىرى ماڭا شېئىردەك تۇيۇلىدۇ ، - دىدى يۇكا ، - مەشھۇر ئەسەرلەر ئادەمنى ئورتاقلىق تۇيغۇسىغا  ئىگە  قىلىدۇ.
- مەن ئۇنىڭ «كۈز يامغۇرى» ناملىق ھېكايىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان. «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» دېگەن پوۋېستىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن ئىدىم ، - دېدىممەن .
ئەدەبىيات - ئورتاق قىزىقىش ھەققىدىكى پاراڭ گىپىمىزنى تەبىئىي ھالدا ئاۋۇتۇۋەتتى. مەن يۇكاغا - ئالدىمدىكى چىرايلىق فرانسۇز قىزغا قاراۋىتىپ ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى خېلى ۋەزنى بار پاراڭلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ ئىختىيارسىز ھالدا : «ئېسىل كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرغان قىزلارنىڭ  ئىچكى دۇنياسى ئۆزىگە ئوخشاشلا يېقىملىق بولىدىكەن» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . شۇ ئارىدا ياپونىيىلىك قىز كائورى كېلىپ سۆھبىتىمىزگە قوشۇلدى .
داۋامى بار

semerqent 2011-08-28 23:04
بۇ ماقالىڭىزنى << شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلىدىن ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم . ھازىر بولسا يوقاتقان ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋالغاندەك كەيپىياتتا ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئەلكۈيى سىزگە ئوخشاش  قەلەمكەشلىرى بىلەن قانچە بەخىتلىك بولسا ، بىزمۇ شۇنچە ئىپتىخارلىنىمىز . مەنىۋىيەت ئالىملىرى خەلقنىڭ ئەلەمدارلىرىدۇر . سىزنىڭ ئەقىدە-ئىتىقاد يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئەنە شۇ بۈيۈك  ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . ئەسەرلىڭىز ، ئىجادچان روھىڭىز ، ئاتەش يۈرىكىڭىز ماڭا بىر ئۆمۈر ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى ! مەيلى قانچە چاپقۇن بولسۇن  تىخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەڭ سامادىكى بوران قۇشتەك!

gunes 2011-08-29 00:17
نەقىل
بۇ 7قەۋەتتىكىsemerqent يوللىغان 2011-08-28 23:04 غا قارتىلغان  :
بۇ ماقالىڭىزنى << شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلىدىن ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم . ھازىر بولسا يوقاتقان ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋالغاندەك كەيپىياتتا ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئەلكۈيى سىزگە ئوخشاش  قەلەمكەشلىرى بىلەن قانچە بەخىتلىك بولسا ، بىزمۇ شۇنچە ئىپتىخارلىنىمىز . مەنىۋىيەت ئالىملىرى خەلقنىڭ ئەلەمدارلىرىدۇر . سىزنىڭ ئەقىدە-ئىتىقاد يولىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئەنە شۇ بۈيۈك  ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . ئەسەرلىڭىز ، ئىجادچان روھىڭىز ، ئاتەش يۈرىكىڭىز ماڭا بىر ئۆمۈر ئىلھام ۋە مەدەت بولغۇسى ! مەيلى قانچە چاپقۇن بولسۇن  تىخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەڭ سامادىكى بوران قۇشتەك!

ئەسكەرتمە: بۇ يېقىندا نەشىردىن چىققان "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى" ناملىق كىتابىمنىڭ ئايرىم بىر بابى بولۇپ، يەنە بىر  تېمىدىكى بەزى تەكلىپ-پىكرلەرگە ئاساسەن بۈگۈن ئەلكۈيىدە ئەسلى نۇسخسىنى ئېلان قىلدىم.
deydhighu ? Burun Shinjiang Medeniytige besiptiken ma?
Kechurunglar,uyghurche kyazalmidim ,shunga ULYda yezishqa mejbur boldum !

zumret 2011-08-29 03:35
ئۇيغۇرزادىنىڭ  يەنە تېمىسىنى كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن . مۇئەللىمگە ئامەت يار بولسۇن !

uyghurzade 2011-08-29 04:25
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  قېرىندىشىم تاشبالىق، روزى ھېيىتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئورۇنلۇق تەكلىپ بېرىپسىز. مەنمۇ سىز دېگەندەك قىلشىنى قۇۋۋەتلەيمەن ھەم ئىلگىرى شۇنداق قىلغان. يېقىندا ئويلاپ بۇنداق يازسام باشقىلارنى "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام" دەپ جاۋاب بېرىشكە قىستىغاندەك، ئىنكاس تاما قىلغاندەك ئىش بولدىكەن دەپ ئويلاپ يازما بېشىدا قىسقارتىپ ساپتىمەن. بولمىسا مەنمۇ بۇنداق چىرايلىق سالامنڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي. تەكلىپڭىزگە رەھمەت.
     ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 8-قەۋەتتىكى قېرىىندشىم گۇنۇس. سىز لاتىن يېزىقىدا ئېيىتپ ئۆتكەندەك بۇ كىتابنىڭ ئىكى بابى "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" دە ئېلان قىلىنغان. ئەمما، قالغان 19 بابى پۈتۈنلەي يېڭى. يېڭى كىتاب يازدىم دەپ ئېلان قىلىنىپ بولغان بەك جىق يازمىنى كىتابقا كىرگۈزسەم بولمايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن.
     ئامان بولۇڭ.
   داۋامىنى يوللغىلى كىرىپ ئارىلىقتا بىر ئشىقا تۇتۇنۇپ قالدىم. قولۇم بوشىغان ھامان يوللايمەن. ئەپۇ قىلىڭلار.

nursima 2011-08-29 08:04
داۋامىغا تەشنامىز....

uyghurzade 2011-08-29 11:53
   داۋامى  
  ئەدەبىيات - ئورتاق قىزىقىش ھەققىدىكى پاراڭ گىپىمىزنى تەبىئىي ھالدا ئاۋۇتۇۋەتتى. مەن يۇكاغا - ئالدىمدىكى چىرايلىق فرانسۇز قىزغا قاراۋىتىپ ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى خېلى ۋەزنى بار پاراڭلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ ئىختىيارسىز ھالدا : «ئېسىل كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرغان قىزلارنىڭ  ئىچكى دۇنياسى ئۆزىگە ئوخشاشلا يېقىملىق بولىدىكەن» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . شۇ ئارىدا ياپونىيىلىك قىز كائورى كېلىپ سۆھبىتىمىزگە قوشۇلدى .
- مەن ئامېرىكىدا ئىككى چەت ئەللىكنىڭ بىزنىڭ  يازغۇچىمىز ھەققىدىكى پارىڭىنى ئاڭلارمەن دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن . كاۋاباتا ياسۇنارى بىز ياپونىيىلىكلەرنىڭ پەخرى، - دىدى كائورى ھاياجانلىنىپ .
- كاۋاباتا ياسۇنارى  تاگوردىن كىيىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن ئاسىيالىق ئىككىنچى يازغۇچى ، - دىدىم مەن ۋە كائورىدىن ئۇزۇندىن بۇيان بۇ يازغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك كاللامدا تۈگۈن بولۇپ تۇرغان بىر سۇئالنى سورىدىم ، - ئۇ 1968 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا  ئېرىشىپ بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن نىمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ ؟ مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ  ئوقۇيمەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى پەقەت قوبۇل قىلالمايمەن . بىز مۇسۇلمانلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى بەك  ئېغىر ئالىمىز.
  كائورى ئەستايىدىل جاۋاب بەردى:
- كاۋاباتا ياسۇنارى داڭق قازىنىپ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋاقىت ياپونىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىنكى ۋەيرانچىلىق - خارابىلىكتىن تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان ، ياپونىيىنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ چاغلار ئىدى . دادامدىن ئاڭلىشىمچە ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ چاغدا  بەك چۈشكۈنلەشكەنىكەن . كاۋاباتا ياسۇنارىمۇ ۋەتەننىڭ تەقدىرىدىن قايغۇرۇپ چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانمىش .
دۇنياۋى شۆھرەتلىك قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىزئايىتماتوف : «ئەدىب - دەۋرنىڭ ۋىجدانى» دىگەن ئىدى . گەرچە مەن كاۋاباتا ياسۇنارىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى ئۆزىنى  ئىنكار قىلغانلىق دەپ قارىساممۇ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن تەسىرلىنەتتىم . كائورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە بولغاندا،  يازغۇچى دەۋر ئالدىدا ئۆزىنى ئىلاجىسىز ھېس قىلىپ ۋىجدان  ئازابىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولاتتى . كۆڭلۈمدە بۇ جاۋابتىن دېگەندەك  قانائەتلەنمىسەممۇ ،  جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇيدىغان بۇ قىزنىڭ يازغۇچىنىڭ ئۆلۈمىنى ئازاب ئېڭىغا باغلاپ   تەھلىل قىلىشى مېنى خېلىلا قايىل قىلغانىدى .
- ئۈمىد - بەخىتسىز  ئادەمنىڭ ئىككىنچى يۈرىكى ، - دىدىم مەن ، - بىز ھەممىمىز ئىنگلىز تىلىدىكى مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئاڭلىغان: «قاراڭغۇ كېچىدىن كېيىن ھامان تاڭ ئاتىدۇ» (The dawn comes after the dark) . كاۋاباتا ياسۇنارى ئۈمىد بىلەن ياشىغان بولسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماس بولغىيتتى. مانا ھازىر ياپونىيىلىكلەر قەد كۆتۈردى . ئامېرىكىدەك كۈچلۈك دۆلەتتىمۇ نۇرغۇن ئادەم ياپونىينىڭ ماشىنىلىرىنى، ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىدۇ . ھەر قانداق مىللەت چۈشكۈنلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ . ئەمما ، چۈشكۈنلۈككە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىر مىللەتنىڭ پىشقان - پىشمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم . مەن ياپونىيىلىكلەرنىڭ روھىغا قايىل . چۈنكى ئۇلار چۈشكۈنلۈك مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىپ ، رەھىمسىز رېئاللىققا باش ئەگمىدى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتەلىدى .
پارىڭىمىز تەبىئىي ھالدا كاۋاباتا ياسۇنارىدىن باشقا دۇنياۋى شۆھرەتلىك يازغۇچىلارغا يۆتكەلدى . كائورىغا قارىغاندا يۇكانىڭ ئەدەبىيات چۈشەنچىسى مۇكەممەلرەك ئىدى . شۇ تاپتا ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان ئۈچىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىنگلىز تىلى كۆۋرۈك بولۇۋاتاتتى . يۇكا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ھازىرقى زامان فرانسىيە ئەدەبىياتىدىن ئالغانىكەن . بىز فرانسىيىنىڭ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان دۇنياۋى شۆھرەتلىك يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇس ، ۋەتىنىگە پاتماي فرانسىيىگە مۇساپىر بولۇپ بارغان چېخ يازغۇچىسى مىلان كۇندرا ، جۇڭگونىڭ مۇساپىر يازغۇچىسى گاۋ شىڭجيەن ، 2006 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇك قاتارلىقلار ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق . مەن ئارىلىقتا كائورىغا چاقچاق قىلدىم :
- ئىسمىڭىز «ۋاپادار ئايال كائورى» فىلىمىدىكى ھېلىقى ئېسىل ئايالنىڭكىگە ئوخشىغان بىلەن ، جىق كۈلمەيدىكەنسىز . بىزنىڭ يۇرتتىكىلەر «ۋاپادار ئايال كائورى» دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى جىق كۆرىدۇ . ئۇ دېگەن ھەمىشە كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئايال .
كائورى تۈرگۈنرەك قىز ئىدى . ئۇ گېپىمدىن بىر ئاز ئەپسىزلىك ھېس قىلدىمۇ ، ئەيتاۋۇر گەپنى بۇراپ ماڭا سۇئال قويدى :
- سىز ئەدەبىيات توغرىسىدا جىق نەرسىلەرنى بىلىدىكەنسىز ، نېمىشقا ماگىستىرلىقنى ئەدەبىياتتا ئەمەس ، جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇماقچى بولدىڭىز ؟
- بىزدە مۇنەۋۋەر يازغۇچى - شائىرلار بار . شۇڭا ئەدەبىيات كوچىسىنى پاخال قىلماسلىقنىمۇ بىر نەتىجە ھېسابلاپ بۇ يولدىن چىقىۋالدىم . يەنە بىر سەۋەب ، بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن جاۋابىنى ئىزدەيدىغان مەسىلىلەر خېلى بار ، - دېدىممەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپ .
سۆھبىتىمىز قىسقا ئەمما كۆڭۈللۈك بولدى . مەن پاراڭ ئارىلىقىدا يۇكادىن «قار دۆلىتى» دېگەن كىتابنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى نىمكەش كىتابلار كىتابخانىسىدىن ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇم . چۈنكى ، نىمكەش كىتابلار كىتابخانىسىغا بارسام ، ئەرزان باھادا ياخشى كىتابلارنى سېتىۋالالىشىم مۇمكىن ئىدى . ئويلىغىنىمدەك بولدى . ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ كىتابخانىنى ئىزدەپ تېپىپ 30 دوللارغا بىر نەچچە كىتاب سېتىۋالدىم . ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابلارنىڭ قاتارىدا ئورخان پامۇكنىڭ «قار» ، ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق» ، گارسىيە ماركوزنىڭ «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» قاتارلىق رومانلىرى ، جەمئىيەتشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن «جەمئىيەت تەرەققىياتى نەزەرىيىسى» ، جوناتان تۇرنېر( Jonathan Turner)نىڭ «تۇيغۇ جەمئىيەتشۇناسلىقى» قاتارلىقلار بار ئىدى . كىتابلار نىمكەش بولغىنىغا قارىماي خېلىلا يېڭى ئىدى .
كىتابلارنى ئېلىپ ياتاققا قايىتقاچ كىتاب ھەققىدە بىر مۇنچە خىياللارنى سۈرۈپ كېتىپتىمەن . مەن ئۇنىۋېرسىتېتتىن ھازىرغىچە بولغان ھاياتىمدا كىتابنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ لەززىتىنى ، ھالاۋىتىنى تېتىغان ئادەم ئىدىم . شۇڭا رېئاللىق ئازابلىق سۇئاللىرى بىلەن مېنى قىينىغاندا ، يولۇققان مەسىلىلىرىمگە ئېسىل كىتابلاردىن جاۋاب ئىزدەشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلغانىدىم . نەچچە قېتىم «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى تەربىيىلەش مەركىزى» دە لېكسىيە سۆزلىگىنىمدە ئوقۇغۇچىلاردىن : «دۇنيادىكى ئادەمگە ئەڭ پايدىسى تېگىدىغان ، ئەڭ ئۆزگىچە ئۇنىۋېرسىتېت قايسى؟» دەپ سورايىتتىم . ئوقوغۇچىلىرىم بۇ سۇئالنى چۈشىنەلمەي دەماللىققا گاڭگىراپ قالاتتى . مەن ئارقىدىنلا : «ئۇ بولسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئۇنىۋېرسىتېتى» دەپ جاۋاب بېرەتتىم . دېمىسىمۇ ، مائارىپ بىز ئىزدىگەن نەرسىلەرنى بېرەلمىگەندە ، ئارتۇقچە تىت - تىت بولۇپ يۈرمەي ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئاقىلانە تاللاش يولى . ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئەمەلىيەتتە بىر ئادەتلىنىش جەريانى . نۇرغۇن كىشى مەكتەپتىن ، مۇئەللىمدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ . بۇمۇ خاتا ئەمەس . ئەمما ، ئاخىرقى ھېسابتا ئادەمگە ئۆزىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرالايدىغان ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ۋە ھېس - تۇيغۇلىرىنى تىڭشاش پۇرسىتى ئاتا قىلىدىغان مائارىپ شەكلى يەنىلا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش . مىللىي مائارىپ نۇرغۇن كرىزىسلىق سۇئاللارغا دۇچ كەلگەن ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ رولى ۋە پايدىسى تېخىمۇ زور . مەسىلىنىڭ تۈگۈنى كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدىغان تەپەككۇر قۇۋۋىتىنى قانداق قىلىپ قىممەتكە ئايلاندۇرۇشتا . مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا، بۇ نۇقتىنى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان .
ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە كومپىيۇتېر ئارقىلىق كۇتۇپخانىدىن كىتاب - ماتېرىيال ئىزدەشنى ئۆگىنىۋالدىم . بۇ ئۇرۇنۇشۇم مېنى يىپيېڭى بىر خۇشاللىق دۇنياسىغا باشلاپ كىردى . مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك دەقىقىلەرنى ئۆتكۈزگەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ باققان . ئەمما ، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى مەيلى كىتاب تۈرى ، مەيلى كۆلەم ، مەيلى مۇلازىمەت جەھەتتىن بولسۇن بىر خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۇتۇپخانىسىغا خاس ھالدىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن مېنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى . ھەيرانلىق ئىلىكىدە خەۋەر تاپتىمكى ، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىيەت ئالىدىغان كىتاب سانىغا چەك قويۇلمايدىكەن . ئوقۇپ بولالىساق بىر قېتىمدا 100 پارچە كىتاب ئارىيەت ئالساقمۇ بولىدىكەن . يەنە كېلىپ ، ئارىيەت ئالماقچى بولغان كىتابنىڭ نومۇرىنى كومپىيۇتېردىن ئىزدىگەندىن كېيىن ئۆزىمىز ئىزدەپ تېپىپ پەسكە ئېلىپ چۈشىدىكەنمىز . مەن ئىشەنچ مېخانىزمىنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى كۇتۇپخانىدىمۇ ھېس قىلدىم . تاللا بازىرى شەكلىدىكى كۇتۇپخانا باشقۇرۇش شەكلى ئادەمگە ئۆزىنى قەدىرلەش ، بىلىمنى قەدىرلەش ھېسسىياتى ۋە ئەركىن پىكىر بوشلۇقى ئاتا قىلاتتى . سىزنى نازارەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقى ۋە ئالىدىغان كىتابلارغا چەك قويۇلماسلىقى سىزگە ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇلازىمىتىگە تۇشلۇق ئىلمىي روھ تىكلەشنى ۋە بېرىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى جېكىلەپ تۇراتتى . مانا بۇ ئۈنسىز تەربىيىنىڭ رولى . ئۈنسىز تەربىيە ئادەمنى قەلبىدىن ئۆزگەرتىدۇ ، تەسىرلەندۈرۈپ مېڭىنى يۇيۇپ ماڭىدۇ . تۇنجى قېتىم كۇتۇپخانىغا كىرگەن كۈنۈم بەش سائەت ئايلىنىپتىمەن . ئىشقىلىپ ئېسىڭىزگە كەلگەنلىكى كىتابنىڭ ئىنگلىزچە ماۋزۇسىدىكى ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزسىڭىز ، ئىزدىمەكچى بولغان مەزمۇندىكى كىتاب ھامان بىر يەردىن تېپىلاتتى . مەركىزىي كونتىرول سىستېمىسى ئورنىتىلغاچقا ، كۇتۇپخانىنىڭ ئىچى ھەر قانداق ۋاقىتتا سالقىن ئىدى . رەت- رەت كىتاب ئىشكاپىنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ كىتاب ۋاراقلاۋاتقان سۈرلۈك پروفېسسورلارنى ، سەپەر چامادانىنى سۆرەپ كىرىپ لىق كىتاب قاچىلاپ چۈشۈۋاتقان ئاسپىرانتلارنى كۆرگەندە ، كىشى تەبىئىي ھالدا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان«تەتقىقات تەلۋىلىكى»نى ، شۇئارغا ئايلانغان : «تەتقىق قىل ، ئېلان قىل ! بولمىسا يوقال !» (publish or perish!) دېگەن گەپنىڭ ۋەزنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلاتتى . كۇتۇپخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن چىقىدىغان ھەر قايسى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئىلمىي ژۇرناللار قويۇلاتتى . مەن ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا «ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى توغرۇلۇق جىق ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە «ھاۋايغا بارغاندا بۇ ژۇرناللارنى تاپقىلى بولارمۇ؟» دەپ ئەندىشىدە بولغانىدىم . كۇتۇپخانىغا كىرىپ بۇ ئەندىشەمنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . يالغۇز «جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسى» توغرۇلۇقلا 10 خىلغا يېقىن ئىلمىي ژۇرنال بار ئىدى . ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ساھەلىرىدە ئىلمىي ژۇرنال چىقىرىدىكەن . جۇڭگونى تەتقىق قىلىدىغان دۇنياغا داڭلىق ئىككى ئىلمىي ژۇرنالنىڭ بىرى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ، يەنە بىرى مەن ئوقۇۋاتقان ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلاتتى . ئىلمىي ژۇرناللار قويۇلىدىغان ئىشكاپلارنى ئارىلاۋېتىپ ئېرنست ھېمىڭۋاي ، ۋىليام فولكىنېر ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ بەكلا ھەيران قالدىم ، ئىچىم ئاچچىقمۇ بولدى . تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن مەشھۇرلىرىمۇ ئاجايىپ ئەتىۋارلىنىدىكەن ، ھەم بۇ خىل ئەتىۋارلاش قۇرۇق ماختىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن . «ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىك - بىر خىل تەلۋىلىك!» دەيدۇ ئېرخ فروم . بىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئۇلۇغلاردىن ماختىنىش، پەخىرلىنىش ھېسسىياتى نۇقتىسىدىلا توختاپ قالساق بولمايدۇ . ئىلمىي روھ ئارىلاشقان مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئادەمدە سوغۇققانلىق ، ئاۋام ئارىسىدا قىزىققانلىق ، قۇرۇق شوئاردىن خالىي ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ . مەن ئىلمىي ژۇرناللارنى ۋاراقلاۋېتىپ ئاشۇ ئويلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . كىتابخانىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدە جوڭگۇ تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب - ماتېرىياللار تولۇق تېپىلاتتى . مەن «شىنجاڭ ھەققىدە قانداق ماتېرىياللار باردۇر؟» دېگەن قىزىقىش بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا «شىنجاڭ تەتقىقاتى»دېگەن خەتلەرنى كىرگۈزدۈم . 50 نەچچە خىلغا يېقىن تۈر كاتالوگى ئېچىلدى . ئەپسۇسلىنارلىقى ، كىتابلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىنگلىزچە ، خەنزۇچە ئىدى . مەن ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تېپىلماسلىقىدىكى سەۋەبنى توغرا چۈشەندىم . ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارادا ياڭرىتالىغۇدەك پىشقان ، تەسىرى چوڭ ئالىملىرىمىز يوقنىڭ ئورنىدا بولغاچقا ، ئۆزىمىز ھەققىدىكى تەتقىقاتنى باشقىلار قىلىۋېتىپتۇ . مەن ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم . يۇرتىمىزدىكى ئاز بىر قىسىم زىيالىيلار ئارىسىدا خېلىلا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان «ئۆزىگە مەپتۇن بوپكېتىش كېسىلى» ، «ماغزاپ بىلىم» تەتقىقاتى ۋە ئىلىم ساختىپەزلىكى ھەققىدە ئازابلىق خىياللارغا چۆمدۈم . موڭغۇللار ، زاڭزۇلار ھەققىدىكى تەتقىقات بىزنىڭكىگە قارىغاندا خېلى كۆپ ئىدى . ھەتتا خەلقئارادا نوپۇسى بىزدىن نەچچە ھەسسە ئاز بولغان مىياۋزۇلار ھەققىدىكى تەتقىقاتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ . بىزدىكى زىيالىيلار قاچانغىچە «قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا» بولۇپ ئۆتەر ! تىل ئۆتكىلى قاچانغىچە زىيالىيلارنىڭ ئۆزىنى بەزلەشتىكى باھانىسى بولار ! ئىنگلىز تىلى بىلىدىغانلار بولسا قاچانغىچە ئۆزىنىڭ بۇ تىلنى بىلىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ئۆتەر ! - ئىچىمدە شۇنداق سادالار ياڭرايىتتى ، - بىز بەزىدە ئىجتىمائىي پەننىڭ رولىنى چۆكۈرىدىغان سادالارنى پات - پات ئاڭلاپ قالىمىز . ئەمەلىيەتتە ، بىر مىللەتنىڭ روھى ، دەرد - ھەسرىتى ، خۇشاللىقلىرى ، مەۋجۇتلۇقىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش ئىجتىمائىي پەننىڭ ۋەزىپىسى . بىز ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە خەلقئارادا تەسىرى بار بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرىغا ھەقىقەتەنمۇ مۇھتاجمىز ! ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي پەننىڭ ھەقىقىي قەسىرىگە تېخى چىن مەنىسىدىن ، ھەقىقىي كىرمىدى ! ئۇيغۇرلادا ئىجتىمائىي پەننىڭ ۋاقتى ئۆتمىدى ھەم ئۆتمەيدۇ ! ئىچىمدە ئاشۇنداق سادالار دەۋرەپ تۇراتتى ، ئۇ گەپلەرنى كىملەرگىدۇر ۋارقىراپ تۇرۇپ دېگۈم كېلەتتى . لېكىن ئەتراپىمدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق .
داۋامى بار

gvlbeden 2011-08-29 12:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،زۇلپىقار مۇئەللىم!
تېتىملىق يازمىلىرىڭىزدىن چەكسىز مەمنۇن بولىمەن، ھەر قىتىم شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ مۇشۇ تېمىڭىز ئىلان قىلىنغان سانىنى قولۇمغا ئالسام باشتىكى قۇرلىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىمگە ياش كىلىدۇ،نەچچە قېتىم شۇنداق بولغان ، بۇ قېتىممۇ مۇنبەردە ئوقۇۋېتىپمۇ ھەم ۋۇجۇدۇمغا يىغا ئۇلاشتى ، رەھمەت يازمىلىرىڭىزغا!
يەنە بىر ئاجايىپ خوش خەۋەر بار ، نەشىرياتتا ئىشلەيدىغان ئاكام بار ئىدى ، ئاخشام ئۆيگە ئاكام كەلدى ۋە سىزگە بىر سوۋغات بار ، تېپىپ بېقىڭە دېدى ، مەن ئۇنى بۇنى دەپ باققان بولساممۇ ئاكام ھەممىسىنى ئەمەس دېدى، ئاخىر جىلە بوپ ۋاي نىمە بولسام بولمامدۇ ؟ دېسەم ئاكام كىتاب ئۇ دەيدۇ .شۇ ھامان زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمنىڭ كىتاۋىمۇ دېسەم ھەئە دېدى ، ۋاھ كىتاب چىقىپتۇ زۇلپىقار مۇئەللىم ، مەن كىتابنى كۆردۈم ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ، خوشاللىقىمدا بۇ يەرگە ئۇچۇر بېرىۋىتەي دەپ كىرىشىم ، بەك جىق پايدىلىق ئۇچۇر ۋە كەچمىشلەر بىلەن تولۇپتۇ كىتاب ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم ، بەزىبىر تەسۋىرلەرنى ئوقۇغاندا شۇ تەسۋىرلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم ، ئىشقىلىپ كىتابنى ھەممىدىن بۇرۇن ئوقۇغان مەن ، مەن بەكمۇ بەختلىكككەنمەن ، مۇئەللىم سىزگە تېخى كىتابنى كۆرۈش نىسىپ بولمايلا مەن كۆردۈم ، ھەم ئوقۇدۇم!

uyghurzade 2011-08-29 15:02
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام گۈلبەدەن، كىتابىمنىڭ تۇنجى ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولغانلىقىڭىز مېنى كۆپ خۇرسەن قىلدى. شۇنداق، مەن  تەتىلدە ۋەتەنگە قايتقانغا قەدەر بۇ كىتابنىڭ بېسلىغان نۇسخىسىنى كۆرۈشكە ئامالىسىز.  ئەمما، ھېچۋەقەسى يوق، كىتاب ئۆزىنىڭ تېگشىلىك ئوقۇرمىنىنى تاپسا شۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن خۇشاللىق. يەنە كېلىپ، مەن دىققتىمنى يېزىپ بولغان تېمىلاردىن تېز سۈرئەتتە يۆتكەپ ئەمدى يازماقچى بولغان تېمىلارغا بەكرەك دىققەت ئاغدۇرىمەن. بۇ ئادىتىم كىتابنىڭ ئەسلى نۇسىخسىنى كۆرەلمەسلىكىم تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان كچىككىنە ئۇھسىنىش تۇيغۇسىغا بەرھەم بېرىدۇ.
       ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھەر بىر قېتىم مۇنبەردە پەيدا بولۇش جەريانىم جەمئىيەت تەكشۈرۈش جەريانىدۇر(ئۇزۇن تۇرالمايمەن). ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايى، پىكىر قىلىش دەرىجىسى ۋە سەۋيىسى ۋە مۇنبەر ئارقىلىق ئىپادە بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي يۈزلىنىش ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قلدۇرىدۇ. مۇنبەردە مەلۇم بىر مەزگىل قەلەم تەۋرەتكەندىن كېيىن  بىر مەزگىل يۈتىمەن دە، ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىمەن. ئاشۇ ئۇچۇرلار ماڭا يېڭى بىر تېمىنىڭ خېمىر تۇرۇچى بولۇپ بېرىدۇ.
        ئومۇمەن، ئوقۇرمەنلىرىممۇ ۋە پىكىر قىلۋاتقان باشقا مۇنبەرداشلارمۇ مېنى ھەر خىل نۇقتىدىن تەربيلەيدۇ، ماڭا ياردەم بېرىدۇ، مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە ماڭا ۋەتەننىڭ ھىدىنى ئەسلىتىدۇ. شۇڭا مەن ئوقۇرمەنلىرىمگە ۋە باشقا تورداشلارغىمۇ ئوخشاشلا رەھمەت دەيمەن.
      تېمىنىڭ داۋامىنى يوللاشتىن بۇرۇن بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. مەن ئادەتتە مەلۇم پىكىرگە يولۇققاندىن كېين ئۇنى كاللامدا مۇھاكىمە قىلىمەن ۋە مۇستەقىل ھالدا  تەپەككۇر ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزىمەن؛ يېڭى ئوي-پىكىر ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كاللامنى غىدىقلايدىغان ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىزدەيمەن، ئوقۇغۇچىلرىمغىمۇ تەپەككۇر ئىچىدە ياشاش، تەنقىدي تەپەككۇر يېتىلدۈرۈش ھەققىدە دەۋەتلەرنى قىلىپ تۇرىمەن.
        مۆرىتى كەلگەندە بۇ يەردە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلغۇم بار. بۇ يازمىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ئاساسدا بىر قانچە نۇقتدىن  بىشارەت بېرىپ ئۆتتۈم. مەسىلەن، تۇيغۇ ئەمگىكى، ئىشەنچ مىخانىزمى، قىزلارنىڭ نازاكىتى ۋە كىتاب، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش، چۈشكۈنلۈك، تەبىئەت بىلەن ئادەم مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار. يازمىنى ئوقۇغان دوستلارنىڭ چوقۇم ئىنكاس يېزىشى شەرت ئەمەس ، ئەمما  تەپەككۇرىنى چېقىنتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن   يازمىدا تىلغا ئېلىنغان مۇنۇ  نۇقتىلاردا ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
1. ئادەم بۇ دۇنيادا سۆيۈش-سۆيۈلۈش ئۈچۈن ياشايدۇ دېگەن گەپنى ۋە ئۇنىڭ ۋەزنىنى سىز قانداق چۈشىنىسز؟ ھاياتىڭىزدا مۇشۇنداق مىسالغا يولۇققانمۇ؟
2.سىز ئىلگىرى تۇيغۇ ئەمگىكى ھادىسىنى ئۇچىرىتىپ باققانمۇ؟
3. نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ كىملىك ئېھتىياجى ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ دەيمىز؟
4. مەدەنىيەت ئەندىكىشى مەدەنىيەت تەتقىاتىدىكى مۇھىم ئۇقۇم. ئۇنداقتا سىز ھاياتىڭىزدا باشقا مەدەنيەت ئگىلىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندا مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھېس قىلىپ باققانمۇ؟
5.سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە  ۋاز كېچىش بىلەن ئېرىشىشىنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟
6.  يۇكا ۋە كائورى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن بىز ياخشى كىتابلارنىڭ  قىزلارنىڭ نازاكىتىنى كۈچەيتىشتىكى رولى ھەققىدە نېمىلەرنى ھېس قىلىمىز؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېتيقندا، ياخشى كىتاب بىلەن قىزلارنىڭ نازاكىتى ئوتتۇرىسدا قانداق باغلىنىش بار؟ 
       مەقسىتىم خاتا چۈشنىلمىسە. يازمىنى ئوقۇغانلارنى  بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرسۇن دېمىدىم، چوقۇم ئىنكاس يازسۇن دېمىدىم ھەم يازمىلاردا  ئۇ سوئاللارغا تولۇق جاۋەب بەردىم دەپمۇ قارىمايمەن، پەقەت كەچۈرمىشلرىمگە قېتىپ بەزى بىشارەتلەرنى بېرىپ ئۆتتۈم، خالاس. مۇنبەرگە بىلىم ئالغىلى كىرگەكەنمىز، ئۇچرىغان مەسىلىلەر ھەققىدە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرمىساقمۇ ئويلىنىشىمىز لازىم.
       پىكىر ئىچىدە ياشاش ھۇزۇرلۇق ياشاشتۇر. ئۇ بىزدىن ئوقۇش، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئويلىنىش ئادتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىمىزنى، ئۆزىمىزنى ئاسانغا، راھەتكە ۋە قىلپلىق تەپەككۇرغا كۆندۈرۈپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
          دىققىتڭلارنى بەرگىنىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈر.
داۋامى بىر دەمگىچە يوللىنىدۇ.

jeck 2011-08-29 15:39
كىتاۋىڭىز نەشىردىن چىققىنىغا مۇبارەك بولسۇن. ئامال بولسا مەنمۇ بىرەرنى سېتىۋالسام بۇلىتتى، لېكىن چەتئەلدىكىلەر قانداق سېتىۋالارمىز. ( ئامرىكا باھاسى ئەمەس ۋەتەندىكى باھاسىدا جۇمۇ  )

jeck 2011-08-29 15:50
«فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى
------------------
بۇ گەپ مىنىڭچە سەل تەكشۈرۈلمەي دېيىلىپ قاپتۇ. "ئەڭ" نى ئېلىۋەتسىڭىز بولامدىكى دەيمەن ياكى ئىنىقراق ئىزاھلاپ قويسىڭىز ياخشى. ئىجتمائى پەندىكىلەر سۈپەت سۆزلىرى ۋە سان -سىىپىرلاردا تازا ئەستايىدىل بولمايسىلەر بەزىدە.  

خاپا بولۇپ قالماڭ. كەسپى كىسەل

uyghurzade 2011-08-29 16:23
نەقىل
بۇ 16قەۋەتتىكىjeck يوللىغان 2011-08-29 15:50 غا قارتىلغان  :
«فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى
------------------
بۇ گەپ مىنىڭچە سەل تەكشۈرۈلمەي دېيىلىپ قاپتۇ. "ئەڭ" نى ئېلىۋەتسىڭىز بولامدىكى دەيمەن ياكى ئىنىقراق ئىزاھلاپ قويسىڭىز ياخشى. ئىجتمائى پەندىكىلەر سۈپەت سۆزلىرى ۋە سان -سىىپىرلاردا تازا ئەستايىدىل بولمايسىلەر بەزىدە.  

خاپا بولۇپ قالماڭ. كەسپى كىسەل

        شۇنداق، توغرا دەيسىز. بايا قايتا ئوقۇپ "ئەڭ"نىڭ ئارتۇق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۆزگەرتەي دېسەم تەھىرلەش ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ.  بۇ  2008-يىلى يازغان يازما ، ئۇ چاغدا مەن سوممىىسى فوردنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان فۇلبرايت قاتارلىق بىر مۇنچە ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەسلى ئىزدەنسەك ئوقۇش مۇكاپاتى خېلى باركەن.
          مىڭ ئەپسۇس، ئون يىللىق تەسىس قىلىنغان فورد ئوقۇش مۇكاپاتى  بۇ يىل تۈگىدى. مان ھازىر باشقا ئوقۇش مۇكاپاتىدا.  تىرشچان ياشلىرىمىزغا ماس كېلەرمىكىن دەپ  ۋەتەن ئچىدىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرسەم، فۇلبرايت مۇكاپاتىىنىڭ جۇڭگودىكى رەسمىيەت باسقۇچى يەنىلا شۇنداق مۇرەككەپ ۋە ئەگرى-توقاي بولۇپ كېتىپتۇ. بولسا ئۆزىڭىز بايقىغان ئوقۇش مۇكاپاتلىرى بولسا بلگوگىڭىزدا داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرارسىز.
    رەھمەت سىزگە.

gulen 2011-08-29 16:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كىتابىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئامال بار كۆپرەك يېزىڭ. يازغانلىرىڭىزغا پىكىر قاتناشتۇرالماي قالدىم. ۋەتەندە ھەممە ئادەم ئالدىراشكەن. چۈنكى بۇ يەردە ۋاقىتمۇ شەخسىنىڭ ئەمەسكەن.ئامېرىكىدىكى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ كۆپ ئوقۇپ كۆپ يېزىۋېلىڭ.

uyghurzade 2011-08-29 16:37
     ھە-راست، جېك. ئاۋۇ يالاڭئاياغ ئىلىمگەرلەر ھەققدىكى يازمىڭىزنى تولۇقلاپ يازغۇدەك يېرى بولسا يېزىپ قايتا مەتبۇئاتتا ئېلان قىلسىڭىز بولاتتى. ماڭا ئۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىڭىز بەك يارىغان. مەنمۇ ئىجتىمائىي پەنلەردىكى بىر نەچچە يالاڭئاياغ، قارام ئىلمىگەرلەرگە "ماۋۇ يول تۇيۇق يول، ئاخىرى چىقمايدۇ"دەپ پىكىر بېرىپ  كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالدىم. بۇنداق قاراملىق ئەسلى تەتقىقات تەلەپ قىلدىغان بىر ئىجتىمائىي ھادىسىكەن. ئاكادميىدە ئەقەللىي ساۋادلارغا ئايلانغان نەرسىلەرنى ئۇقتۇرۇپ بولالالماي جىلى بولۇپ قالىغان گەپكەن مۇشۇنداق.
        "ھازىر كۆز قارىشىم بار دەپ دەۋالسىلا بولىدىغان يونان  دەۋرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئسىپاتلىنىش جەريانى بولۇشى كېرەك" دېگەن گېپڭىز ماڭا شۇنداق ياراپتىكەن. ئسىمىڭىزنى ئاتاپ تۇرۇپ بىر-ئىككى يەردە نەقىل ئالدىم(بەزىلەر ماڭا شۇنىڭ بىلەن غوم ساقلاپ قالدى).
          يالاڭئاياغ ئىلمگەرلەر (پەنچىلەر) تەتقىقاتى ئىلىم-پەن جەمئيەتشۇناسلىقى نۇقتىىسدىن تەتقىق قلىشقا ئەرزىگۈدەك تېما ئىكەن. يېڭى نەرسىلەرنى بايقىسڭىز خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرارسىز.

gulen 2011-08-29 16:39
نەقىل
بۇ 17قەۋەتتىكىuyghurzade يوللىغان 2011-08-29 16:23 غا قارتىلغان  :

        شۇنداق، توغرا دەيسىز. بايا قايتا ئوقۇپ "ئەڭ"نىڭ ئارتۇق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. ئۆزگەرتەي دېسەم تەھىرلەش ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ.  بۇ  2008-يىلى يازغان يازما ، ئۇ چاغدا مەن سوممىىسى فوردنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان فۇلبرايت قاتارلىق بىر مۇنچە ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەسلى ئىزدەنسەك ئوقۇش مۇكاپاتى خېلى باركەن.
          مىڭ ئەپسۇس، ئون يىللىق تەسىس قىلىنغان فورد ئوقۇش مۇكاپاتى  بۇ يىل تۈگىدى. مان ھازىر باشقا ئوقۇش مۇكاپاتىدا.  تىرشچان ياشلىرىمىزغا ماس كېلەرمىكىن دەپ  ۋەتەن ئچىدىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرسەم، فۇلبرايت مۇكاپاتىىنىڭ جۇڭگودىكى رەسمىيەت باسقۇچى يەنىلا شۇنداق مۇرەككەپ ۋە ئەگرى-توقاي بولۇپ كېتىپتۇ. بولسا ئۆزىڭىز بايقىغان ئوقۇش مۇكاپاتلىرى بولسا بلگوگىڭىزدا داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرارسىز.
    رەھمەت سىزگە.

ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ مۇكاپاتلىرى بار. قىزىقىدىغانلار مۇناسىۋەتلىك تۇربەتلەرگە كىرىپ ئىزدەپ باقسا بولىدۇ. دىلمۇرات شۇنداق بىر مۇكاپاتنى ئالغان.

uyghurzade 2011-08-29 16:41
نەقىل
بۇ 18قەۋەتتىكىgulen يوللىغان 2011-08-29 16:35 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كىتابىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئامال بار كۆپرەك يېزىڭ. يازغانلىرىڭىزغا پىكىر قاتناشتۇرالماي قالدىم. ۋەتەندە ھەممە ئادەم ئالدىراشكەن. چۈنكى بۇ يەردە ۋاقىتمۇ شەخسىنىڭ ئەمەسكەن.ئامېرىكىدىكى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ كۆپ ئوقۇپ كۆپ يېزىۋېلىڭ.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋەتەنگە قايتىپ بارغىنىڭىزغا شۇنداق مەستلىكىم كەلدى(يېقىندا ئۇقتۇم، مەنمۇ تەتىلدە بارىمەن). سىز بېرىپلا تۇتقان پەرزەنت تەربيىسى شۇنداق ياخشى تېما بوپتۇ.
   يانارىم تور خاترىڭىزنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ مۇبارەكلەپ ئىزدىنشقا ئىنكاس يازغانتىم، ئەتىگەن. تېخىچە تەستىقلانمىغان چېغى. ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئاسراڭ.
    تەۋسيەرىڭىزنى قۇلاقتا تۇتىمەن.

uyghurzade 2011-08-29 16:44
نەقىل
بۇ 20قەۋەتتىكىgulen يوللىغان 2011-08-29 16:39 غا قارتىلغان  :

ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ مۇكاپاتلىرى بار. قىزىقىدىغانلار مۇناسىۋەتلىك تۇربەتلەرگە كىرىپ ئىزدەپ باقسا بولىدۇ. دىلمۇرات شۇنداق بىر مۇكاپاتنى ئالغان.

شۇنداق، دىلمۇرات "دانيەنىڭ مۇكاپاتى، تەلىپىمۇ بەك قاتتىق ئەمەس"دەۋاتاتتى. لېكىن، بۇ دىلمۇرات ئاغىنەم ماگستېرلىقنى لوندوندا ئېلىپ بولۇپلا  قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك جىمىپ كەتتى. بىر نەچچە قېتىم ئېلخەت يازسام جاۋاب يوق. قارىغاندا يېڭى مۇھىت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئالدىغا سېلىۋالغان بولسا كېرەك.
       ئۇ سىز دېگەن بۇ مۇكاپاتنى چۈشەندۈرۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىدى.

jeck 2011-08-29 17:13
مەن گەپنىڭ بېشىنى تېخى ئاران چىقارالىدىم. ئايىغىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوڭ يۈرەك ۋە شۇنى چۈشىنىدىغان قوللايدىغان زىيالىلار بولۇشى كىرەك. پاڭجۇزىدا بار يۈرەك سىز بىزدە تېخى يوق. يالاڭئاياق تەتقىقاتچىلىق ۋە ئۇنىڭ پىسخىكىسى ئۇيغۇرلاردا بالايى ئاپەت خاراكتىرلىق ئېغىر. تەبئى پەندە تېخى ئۇنچە ئېغىر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبئى پەندە نىسبەتەن ئاسان بىلگىلى بۇلىدۇ. لېكىن ئىجتىمائى پەندە ئۇنداق ئەمەس. بۇ ئىش ۋەتەندە ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە بەك ئېغىر. مەن بۇنى ھىس قىلىپ تۇرساممۇ لېكىن بۇ ساھەدە بولمىغاچقا ئۇلارنى ئەمەلىيەت، نەزىرىيە ۋە مىسال بىلەن كۆرسىتىشكە ئاجىز كىلىمەن.  بۇ سىز ۋە گۇلەن ئىككىڭلارنىڭ قولىدىن كىلىدۇ.  چوڭلارنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ قالسا تالاش تارتىشقا چۈشۈپ كۈندە توردا خەت يېزىپ ئولتۇرۇشقا بۇرۇنقىدەق ۋاقىت يوق.

بلوگتىكى ماقالىلارنى مەتبۇئاتلار تېخى سەل كۆتۈرەلمەيدىغان ئوخشايدۇ. ھازىرغىچە نەچچەيلەن باستۇرىلى، ئەۋەتىپ بىرىڭ دىدى. ئەۋەتىپ بەرسەم ئېغىر كەلدى بولغاي. مەنمۇ مەتبۇئاتقا دەپ بىر نەرسە يازمىغاچقا كارىم بولمىدى.

gvlbeden 2011-08-29 17:50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نېمىدىگەن يېقىملىق مەنزىرە ، نىمىدىگەن تەسىرلىك !
ئۇيغۇرزادە ، جېك ، گۈلەنلەرنىڭ بىر - بىرىنى تۇلۇقلاپ يازغان ئىنكاسلىرىدىن ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىرىدە بولىدىغان بىر خىل پەزىلەتنى ھېس قىلدىم ، زىيالىلار مانا مۇشۇنداق بىرلەشكەن بولسا نى ئىشلار ۋۇجۇدقا كىلەتتى ، سىلەرگە ئەمىنلىك ،ساقلىق تىلەيمەن! ئەلكۈيى مۇنبىرى بەكلام سۈيۈملۈك بوپ كېتىۋاتىدۇ،مۇشۇ  پېتى داۋاملاشقىلى نىسىپ قىلسۇن!ئىنشائاللاھ!

nurkizi 2011-08-29 19:27
   ئەلكۈيى تور بېتى ھەقىقەتەن سۈيۇملۈك بوپ كىتىۋاتىدۇ،ئەل ئۈچۈن كۆيگەن يۇرەكلەر ئۆچمىسۇن!
     كۈندە دىگۇدەك ئازراق بىكار ۋاقتىم بولسىلا تور ئارىلاپ بىرقانچە ئۇستازلارنىڭ ئادەمنى ئۆزى ۋە ياشاۋاتقان جەمىيەت ھەققىدە ئويلاندۇرىدىغان،تۇرمۇشتا جاۋاپ تاپالمايۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىلھامبەخىش جاۋاپلارغا ئېرىشتۇرىۋاتقان ماقالە،ئەسەرلىرىنى ئۇقۇش مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى مۇھىم بىر خوشاللىق بوپ قېلىۋاتىدۇ.
    

nurkizi 2011-08-29 20:41
1. ئادەم بۇ دۇنيادا سۆيۈش-سۆيۈلۈش ئۈچۈن ياشايدۇ دېگەن گەپنى ۋە ئۇنىڭ ۋەزنىنى سىز قانداق چۈشىنىسز؟ ھاياتىڭىزدا مۇشۇنداق مىسالغا يولۇققانمۇ؟
    ئۇيغۇرزادىنىڭ  مۇشۇ سۇئالىغا جاۋاپ يازغۇم كىلىۋاتىدۇ.
    توغرا ئادەم بۇ دۇنيادا سۆيۇش-سۈيۇلۇش ئۇچۇن ياشايدۇ،ھېچكىم بۇ دۇنيادا يەككە-يىگانە ياشىيالمايدۇ،مەن مۇنداق بىر جۇملە سۆزنى خاتىرەمگە كۆچىرىۋالغان،ئادەمنىڭ بەختلىك بۇلىشى ئۇنىڭ بايلىغى،چىرايى،ھۆقۇقى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
     مەن بۇنداق ئىشلارنى بەك كۆپ ھىس قىلىمەن يالغۇز قالغان غېرىپسىنغان،تۇرمۇشتىن رايىڭىز قايتقان چاغلاردا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ھەم سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرئېغىز سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئېغىز گېپى سىزنى روھلاندۇرىۋېتەلەيدۇ(مەيلى  سۆيگەن ئادىمىڭىز،بالىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىز ،دوستلىرىڭىز بولسۇن).
     بۇ يىل 7-ئايلاردا بولسا كىرەك مەن خىزمەت بىلەن ئۇرۇمچىگە بارغان دەل مۇشۇ ۋاقىت ئوغلۇمنىڭ يازلىق لاگىر پائالىيىتى بىلەن بېيجىڭغا بارىدىغان ۋاقتىغا توغرا كىلىپ قالدى،مەن ئۆغلۇمدىن بۇرۇنراق كەلگەن بولغاچقا ئۇ ئۇرۇمچىگە كەلگەن كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكىلى ھەم ئۇنى ئۇزىتىپ قويغىلى ئۇلار چۈشكەن مىھمانخانىغا كەلدىم،بالامنى كۆرۇپ بىرقانچە كۈندىن بېرىقى سالامەتلىگىم ياخشى بولماسلىق تۇپەيلىدىن بولغان روھى بېسىملىرىم خېلىلا يىنىكلەپ قالدى،مەن بارغان ۋاقىت ئۇلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ۋوگزالغا ئېلىپ مېڭىۋاتقان ۋاقىت ئىكەن.ئۇنىڭ بىلەن ئالدىراشلا كۆرۇشۇپ خوشلاشتىم،ئۇلارنىمۇ رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېلىپ كەتتى،مەن قايتىش ئۈچۈن ئاستا چوڭ يولغا چىقتىم كۆڭلۇمدە ئىپادىلەپ بەرگۇسىز غېرىپلىق ھەم يالغۇزلۇق  بار ئۆزەم شۇنداق ھالسىز،قايتىش ئۈچۈن بىر تاكسىنى توستۇم تاكسى توختىغاندا سەل يىراقتا ياشانغان بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭمۇ تاكسىغا ساقلاپ تۇرغانلىغىنى كۆردۇم شۇنىڭ بىلەن تاكسىنى ئۇلارغا ئۆتۇنۇپ بەردىم (بۇ يولدا تاكسى توسماق بەك تەس ئىدى) ئۇلار كۈلۈمسىرەپ ماڭا رەخمىتىنى بىلدۇردى كۆڭلۇم سەل ئىللىپ قالغاندەك بولدى مۇشۇنداق چاغدا كىچىككىنە ئىللىقلىقمۇ ئادەمگە تەسەلى بولىدىكەن ،لېكىن يەنىلا كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بۇ دۇنيادا ئۆزەمنى يالغۇز قالغادەك ھىس قىلىپ كەتتىم بېشىمغا ئارقا-ئارقىدىن كۆڭۇلسىزلىكلەر كىلىۋەرگەچكە كۆڭلۇمدىكى مەيۇسلۇك ھېچ تۇگەي دىمەيتتى،يول بويىدا مەقسەتسىز خېلى ئۇزۇن تۇردۇم بىر چاغدا قارا دىگەندەك يانغا قاراپ كۆڭلۇم تەسۋىرلىگۇسىز بىر مۇھەببەتتىن ئىرىپ كەتتى قاتار تىزىلغان بالىلارنىڭ قاتارىدا ئۆغلۇمنى كۆردۇم مەن تېخى ئۇلارنى ۋوگزالغا ئېلىپ كەتتى دەپ ئويلاپتىكەنمەن مۇشۇنداق بىر چاغدا ئۆغلۇمنىڭ موجىزىدەكلا ئالدىمدا پەيدا بولىشى كۆڭلۇمدە زىل-زىلە قوزغىدى گەرچە بۇگۇنكى مەيۇسلىكىم ئوغلۇم بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئۇنى كۆرۇپ بۇ دۇنيادا ماڭا ئىھتىياجلىق مىنىڭ مۇھەببىتىمگە تەشنا بىر ئادەم بار ئىكەن ھەرگىز ئازراق كىسەلگە باش ئەگمەي دەپ ئويلىدىم  ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ بىردىنلا ئادەم دۇنيادا مۇھەببەت ئۈچۈن ياشايدىكەنغۇ  نىمە قىلىدىغاندىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى يارە قىلىپ،شۇنىڭ ئورنىدا بىر-بىرمىزگە دوستانە قوللىرىمىزنى سوزساق بۇ دۇنيا قانچە گۈزەل بۇلۇپ كىتەر دىدىم.ھازىرمۇ شۇ چاغنى ئۆغلۇمغا بولغان مۇھەببەتنىڭ ماڭا بەرگەن جاسارىتىنى ئويلىسام كۆڭلۇم ئىللىق بۇلۇپ قالىدۇ.بەزىدە قەلبىمىز سۆيگۇگە تەشنا بولىدۇ لېكىن ئەتراپىمىزدىكىلەرگە سۆيگۇ ئاتا قىلىشنى  ئويلاپ باقمايمىز ، بىزدە ئادەمدىكى زەھەرنى ئادەم ئالىدۇ دىگەن گەپ بار ،بىز باشقىلارنى سۆيسەك باشقىلارمۇ بىزگە سۆيگۇ بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ،سۆيۇلۇش سۆيگەن يۇرەكلەرگە مەنسۇپ.
6.  يۇكا ۋە كائورى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن بىز ياخشى كىتابلارنىڭ  قىزلارنىڭ نازاكىتىنى كۈچەيتىشتىكى رولى ھەققىدە نېمىلەرنى ھېس قىلىمىز؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېتيقندا، ياخشى كىتاب بىلەن قىزلارنىڭ نازاكىتى ئوتتۇرىسدا قانداق باغلىنىش بار؟
    ياخشى كىتاپ بىر خىل ئۇنسىز تەربىيە،ئۇ قىزلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ،نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ ،دۇنيانى چۈشىنىشى چوڭقۇرلىشىدۇ،ئىچكى دۇنيا بېيىغانكەن بۇ مۇقەرەر ھالدا يۇرۇش-تۇرۇشتا،گەپ سۆزدە ئىپادىلىنىدۇ،ئورۇنسىز ئەھمىيەتسىز،مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلمايدۇ،تەبىي ھالدا باشقىلارغا  نازاكەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.

uyghur.77 2011-08-29 22:26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  ئاللاھ زھنىڭلارنى ئۇچۇق قلسۇن

uyghurzade 2011-08-29 23:49
نەقىل
بۇ 27قەۋەتتىكىuyghur.77 يوللىغان 2011-08-29 22:26 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  ئاللاھ زھنىڭلارنى ئۇچۇق قلسۇن

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىلىگىنىڭىز كەلسۇن!

uyghurzade 2011-08-29 23:51
26 -قەۋەتتە ھەمشرىمىز نۇر قىزى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك گەپلەرنى قىلىپتۇ. مۇشۇنداق پىكىر ئىچىدە ياشايدىغان، ئويلىنىش ئىچىدە ياشايدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئېھىترام بولسۇن!

تېمىنىڭ داۋامى

tohar 2011-08-30 01:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىلىم يولىدا ھاردىم-تالدىم دېمەي،جاپالىق ئىزدىنۋاتقان قەدىرلىك ئۇستاز،مەن ئەسەرلىرىڭىزنى پەقەت كىتاب يۈزىدىلا كۆرۈپ قاپتىمەن،بۈگۈن ئۇلۇغ ئاللانىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئەلكۈيى مۇنبىرىگە كىرىپ،سىزنىڭ نۇرلۇق سىمارىڭىزنى قايتا كۆرگەندەك بولدۇم.دەرھەقىقەت،مەن تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ،ئالدىمدىكى تۈرلۈك كىشەنلەر ئالدىدا،ئۇقۇش ھاياتىدىن ۋاز كەچتىم،گەرچە،ئۇقۇيالمىغان بولساممۇ،يەنىلا ياخشى بىر كۈتۈپخانىدىن بىرنى قۇرۇۋالدىم،كىچىگىمدە،ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى <<ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن>>نىڭ ئەسەرلىرى ماڭا تەسىر قىلغاچقا،كىتاب ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ماڭا بىر ھاياتلىق سەھنىسىنى كەڭرى ئاچتى.ئارزۇلۇرۇم كۆپ بولغاچكىمىن،يېقىندا كومپىيۇتۇر سېتىۋالدىم،مەھەللىدىكى بالىلار كومپىيۇتۇرۇمغا ئۇيۇن قاچىلمىغانلىقىمنى  كۆرۈپ،مەندىن رەنجىشتى،ئەلۋەتتە،گەرچە،دېھقان بوپ ياشاۋاتساممۇ،مەن ئۆزەمنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتمنى ساقلاپ،ئازراق بىلىم ئۆگىنىش كويىدا مۇنبەرگە بۈگۈن رەسمى ئەزا بولدۇم.ژۇرناللاردا سىزنىڭ،ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ،يالقۇن رۇزىنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇغۇم كېلىدۇ،تەھلىل يۈرگۈزىمەن،ئوقۇشىڭىزغا مۇۋەپىقىيەت،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.ياخشى ئەسەرلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،بىزدەك يۇرۇقلۇق ئىزداۋاتقان دېھقانلار سىزدەك دانكۇلارغا مۇھتاج!

kiyan 2011-08-30 09:24
ياخشى ئەسەر يوللاپسىز .سىزنىڭ كىتابىڭىزنىڭ بىز بىلەن تېزرەك نەشىردىن چىقىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

uyghurzade 2011-08-30 12:02
داۋامى
        خىيالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . ئەمدى كىتابخانىلاردىن كىتاب ئېلىپ يۈرمىسەممۇ بولاتتى ، ئەمما ئالدىمغا يېڭى بىر مەسىلە قويۇلغانىدى . بىر - بىرىدىن ئېسىل ، يېڭى ئىدىيە ۋە تەنقىدىي ئويلار بىلەن يېزىلغان كىتابلارنى قانداق ئوقۇش ، قانداق ھەزىم قىلىپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ، قايسى نۇقتىدىن پىكىر قىلىش ، بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مەندىن سەنئەت ، ماھارەت تەلەپ قىلىۋاتاتتى . كىتاب ئېلىش ئەمما ئوقۇماسلىق ، ئوقۇش ئەمما ھەزىم قىلماسلىق ، ھەزىم قىلىش ئەمما ئوقۇغانلىرىدىن يېرىم - يارتا خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراش بىر خىل ئەخمەقلىق ، تەتقىقاتتىكى ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . تۈزۈكرەك ئىش قىلىشىم كېرەك . بۇ ئاخىرىدا ۋاقىت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلاتتى . مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىللىق ، پەسىللىك ، ئايلىق ، ھەپتىلىك ۋە كۈنلۈك پىلان تۈزۈۋالىدىغانلىقى ، ھەتتا ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن «ۋاقىت ئىگىلەش كۇرسى»غا قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم . ئەمدى ئۆزۈم بۇنى ئەتراپىمدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھاياتىدىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتاتتىم .  
              ئامېرىكىلىقلار بەكمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىدى . كۈندىلىك پىلاننى تۈزسە ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلماي قالمايىتتى . كۈندۈزنىڭ ھەر بىر سائىتىدە قانداقلا بولمىسۇن بىر خىل ئىشنى (ئاددىي بولسىمۇ) بېجىرەتتى . بىر كۈنى بىزنىڭ «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» پروگراممىمىزغا مەسئۇل بولغان دوكتۇر كىم سىمول ئەپەندى ماڭا ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشقا چىقىشى بىلەن ئىشخانىسىغا كىرىشىمنى ، پاراڭلىشىدىغان ئىش بارلىقىنى تاپىلىدى . ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆزۈمچە : «ئۇ ئىشخانىسىغا سائەت سەككىزدە كىرسە ، يېرىم سائەت تازىلىق قىلىش ، بىر كۈنلۈك ئىشىنى پىلانلاش بىلەن ئۆتىدۇ ، ۋاقچەرەك كىرەي » دەپ ئويلاپ سائەت سەككىز يېرىمدا ئىشخانىسىغا كىردىم . كىم سىمول ئەپەندى ئەپسۇسلانغان قىياپەتتە ئەپۇ سورىدى :
- مەن سىزنى سائەت سەككىزدە كىرسە پاراڭلىشارمىز دەپ ئويلىغانىدىم . ئەپسۇس ، ھازىر سەككىز يېرىم بولدى . باشقا بىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغان ، ۋاقىت توشۇپ قالدى . كەچۈرۈڭ ، - ئۇ ۋاقىت جەدۋلىنى بىر قۇر كۆزىتىۋەتكەندىن كېيىن قوشۇپ قويدى ، - ئەتە سائەت 11 دە كىرىڭ ، شۇ چاغدا تاللايدىغان تېمىڭىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشايلى .
       خىجىلچىلىقتا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتىم . ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ھەققىم يوق ئىدى . ئەمما ، بۇ ئىش مېنى ۋاقىت ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى . ئامېرىكىنىڭ قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي كۈچىنى ، ئىلىم - پەن ، مائارىپ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىككى نۇقتىدىن - ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن كۈچلۈك ۋاقىت ئېڭىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايىتتى . ئەمەلىيەتچىلىك پەلىسەپىسى (pragmatism) نىڭ ئاساسچىسى ، ئامېرىكىنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى ۋىليام جامېس (William James) ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، يەنە بىر گىگانت پەيلاسوپ جون دېۋىي (John Dewy)لارنىڭ تەسىرى ، پەلىسەپىنى رېئال تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئەمەلىيەتچانلىق ، رېئاللىققا يۈزلىنىش روھى ئاۋام ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە ئاز كەم بىر ئەسىرگە يېقىن تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولغانىدى . ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىغا نىسبەتەن ئەمەلىيەتچىلىك پەلسەپىسىنى بېرىلىپ ئۆگىنىش ، ۋىليام جامېس بىلەن جون دېۋىينىڭ مائارىپ ، ئىنسان ۋە رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى جانغا ئەسقاتىدىغان بايانلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى تۇرمۇشقا تەتبىقلاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى . بولۇپمۇ رېئاللىقنىڭ تاشقىي پوستىدىن تېخى ئىچىگە نەزەر سېلىشقا قۇربىتى يەتمەيۋاتقان ، رېئاللىق بىلەن خىيالپەرەسلىك ئارىسىدا ئۆزلۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇۋاتقانلار ئۈچۈن بۇنداق قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر ئىدى . ياپونىيىلىكلەرنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىش روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك .
          ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ، ئۇنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تەرەققىياتتا ئالدىغا كەتكەن مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تاشلىغان ئەھمىيەتلىك قەدەم . ئەمما ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ، ئىراق ئۇرۇشلىرىنى قوزغاپ نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە نارازىلىقىغا سەۋەبچى بولۇشى نەتىجىسىدە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ، ھەتتا بەزى زىيالىيلار ئارىسدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ گېپى چىقسىلا بېشى ئاغرىيدىغان ، غەربنىڭ نەرسىلىرىنى زەھەرلىك دەپ قارايدىغان خاھىش باش كۆتۈرۈپ قالدى . بۇ ، تەنقىدىي ئويلىنىشنىڭ كەم بولۇشى تۈپەيلى كېلىپ چىقىۋاتقان بىرتەرەپلىمىلىك ، ئەلۋەتتە . ئامېرىكىنىڭ ھەممە نەرسىسى زەھەرلىك بولسا ، ئامېرىكىلىقلار ئىجاد قىلغان توك ، تېلېفون ، يۇمشاق دېتاللار ۋە باشقا كەشپىياتلارنى ئىشلەتمىسەك بولىدۇ . لېكىن، بۇ مۇمكىن ئەمەس . ئادەمنىڭ پىكىر قىلىش ، تەنقىدىي ئويلىنىش قابىلىيىتى سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ياكى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتسە ، بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ .
          دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر تەرەپ - ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن ۋاقىت ئېڭى . بىز ئادەتتە «ھايات قىممەتلىك» دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايمىز . ئەمما ھايات بىر ئابستراكت ئۇقۇم ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كونكېرىت ۋاقىتتىن تەركىب تاپىدۇ . كونكرېت ۋاقىت نۇقتىسىدىن يىللار ئەسىرنى ، ئايلار يىلنى ، ھەپتىلەر ئاينى ، كۈنلەر ھەپتىنى ، سائەتلەر كۈننى ... تەشكىل قىلىدۇ . ئامېرىكىلىقلار بىر كۈنلۈك ئىشىنى سائەتلەرگە تەقسىملەيدۇ . مەلۇم بىر ئىشنى مەلۇم بىر مەزگىل ئىچىدە تۈگىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسا، شۇنىڭ پېيىدە يۈرۈپ باشقا ئىشلارغا دىققىتىنى چاچمايدۇ . رىچارد لېۋىس (Richard Lewis) «ۋاقىتتىن پايدىلىنىش» (The Use of Time)(لوندون بىرىلىي نەشرىياتى 1996 - يىلى نەشرى) دېگەن كىتابىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئېڭىنى باشقا مىللەتلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، دۇنيادىكى ئۈچ خىل ۋاقىت باشقۇرۇش ئادىتىنى تىلغا ئالىدۇ . بىرىنچىسى ، ئامېرىكانلارنى مەركەز قىلغان ، گېرمانلار ۋە شۋېتسارىيىلىكلەرگە ئورتاق بولغان تۈز سىزىقلىق ۋاقىت (linear Time) . بۇخىل ۋاقىت باشقۇرۇش شەكلىدىكى كىشىلەر ئېنىق نىشان بىلەن ۋاقىتنى كونكرېت تەقسىملەپ ، تۈز سىزىق شەكلىدە ئىلگىرىلەيدۇ، بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشنى قىلىدۇ ، كۈندىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى پىلانغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر قانداق يېڭى ئىشقا ۋاقىت ئاجراتمايدۇ . ئىككىنچىسى ، جەنۇبىي ياۋروپادىكى ئىسپان ، ئىتالىيانلارنى مەركەز قىلغان كۆپ مەزمۇنلۇق ۋاقىت ( Multi-actives ) . بۇ خىل ۋاقىت باشقۇرۇش شەكلىدە كىشىلەر كۈندىلىك پىلان تۈزىدۇ ، ئەمما ئورۇندالمىسا ياكى يېڭى ئىش چىقىپ قالسا پىلاننى كەينىگە سۈرىدۇ . بىر ۋاقىتتا نەچچە خىل ئىشنى تەڭ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۈچىنچىسى ، ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنى مەركەز قىلغان دەۋرىيلىك ۋاقىت (Cyclic time) . بۇخىل ۋاقىت باشقۇرۇش شەكلىدە كىشىلەر «تاڭ ئاتسا يەنە كەچ بولىدۇ ، چىققان قوياش يەنە ئولتۇرىدۇ . ۋاقىت ئادەمنىڭ ئىلىكىدە ئەمەس ، دەۋرىي قىلىپ مېڭىۋېرىدۇ» دېگەن ئويغا ئادەتلەنگەن . مۇقىم ۋاقىت جەدۋىلىمۇ تۈزمەيدۇ . ۋاقىتنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىدۇ .
        راست گەپنى قىلغاندا ، ئۇزۇندىن بېرى پىلان بويىچە ۋاقىت تەقسىملەپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى ۋاقىت ئېڭىغا پەقەتلا ماسلىشالمىدىم . ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياخشى ئادىتىنى قوبۇل قىلماقچى بولۇپ ئايلىق پىلاننى كۈنگە ، كۈنلۈك پىلاننى سائەتكە تەقسىملەپ ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈشكە تىرىشساممۇ ، پىلانىم ھەدېگەندە بۇزۇلۇپ تۇردى . پىلان بويىچە ئىش قىلىشقا تىرىشاتتىم ، ئەمما ھامان ۋاقىت جەدۋىلىمدىكىدىن سىرت يېڭى ئىشلار كۈندە دېگۈدەك چىقىپ تۇراتتى . ئاخىرى كۈندىلىك پىلان تۈزۈشتىن ۋاز كەچتىم . قارىغاندا ، بۇ خىل ۋاقىت باشقۇرۇش ئېڭى ئادەمدىن يۈكسەك چىدام ، مەشق ۋە ئۇزۇن جەريان تەلەپ قىلىدىغاندەك قىلاتتى . ھالبۇكى ، شۇنىسى ئېنىق ئىدىكى ، ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلۇمنى كەسكىن بىر ئىسلاھ قىلمىسام بولمايىتتى . بولمىسا ، ئوقۇماقچى بولغان كىتابلىرىم ، قىلماقچى بولغان تەتقىقاتلىرىم ، جاۋاب تاپماقچى بولغان سۇئاللىرىم شۇ پېتى تاشلىنىپ قالاتتى . مەن بۇنداق بولۇشنى خالىمايىتتىم . ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىللىق ، ئايلىق ، ھەپتىلىك ۋە كۈندىلىك پىلانلارنى تۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كالىندارلىرى ئاجايىپ نەپىسلىكى بىلەن مېنى قاتتىق جەلپ قىلدى . بەزى كالىندارلار يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن خاتىرە شەكلىدە ئىشلىنەتتى . مەن يىللىق پىلان كالىندارىدىن بىرنى قىممەت بولۇشىغا قارىماي سېتىۋالدىم - دە، ئۆزۈمنى ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىنىڭ باش بېتىگە ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىلىدا مۇنۇ قۇرلارنى يازدىم : «خىيال ئارزۇغا تەڭ ئەمەس ، ئارزۇ نەتىجىگە تەڭ ئەمەس . بۈگۈن ۋاقىتنى خارلىشىڭ ئەتە ئۆزۈڭنىڭ خارلىققا قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ .»
            ئىنگلىز تىلىنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىمىز ؟
داۋامى بار

uyghurzade 2011-08-30 12:08
               ئىنگلىز تىلىنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىمىز ؟
          ۋاڭ مېڭ ئۆزىنىڭ «مەن ۋە ئۇيغۇرتىلى» دېگەن ماقالىسىدە : «مەن ئۇيغۇر تىلى بىلگىنىم ئۈچۈن قاتتىق پەخىرلىنەتتىم . ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايىتتىم . ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش داۋامىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى ، يېڭى بىر تىل ئادەمگە يېڭى بىر جۈپ كۆز ، يېڭى بىر جۈپ قۇلاق ، يېڭى بىر مېڭە ، يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلىدىكەن» دەپ يازىدۇ . بۇ باياندا تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ، ئۈنۈمى ھەققىدە جايىدا باھا بېرىلگەن . يېڭى بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنىڭ قەلبىدىكى تاقاق بىر دەرۋازىنى ئاچىدىغانلىقى ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغانلىقى ئېنىق . چۈنكى ، يېڭى بىر تىلنى ئۆگىنىش يېڭى بىر خىل تەپەككۇر شەكلىنى ئۆگىنىشتۇر .
          ئەمما ، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش مەقسىتى ، ئۇسۇلىدا ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلىلەر بار ئىدى . مەن بۇ مەسىلىلەرنى خېلى بۇرۇن ھېس قىلغان ۋە ئۇنى تۈزىتىشكە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى يېتەر دېگەن مەقسەتتە «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» دەرسلىكىنى باشقىچىرەك مېتودتا تۈزۈشكە تىرىشقان ئىدىم . ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە تەبىئىي ھالدا يەنە ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم . بۇنىڭغا بىر قانچە ئىش سەۋەب بولدى .
          مەن ئامېرىكا شەرق - غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 12 قەۋەتلىك بىناسىنىڭ 12 - قەۋىتىدە تۇراتتىم . بىزنىڭ قەۋەتتە ئاز ساندىكى ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئاسىيادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيىتتى . بىر ئاشخانىدا 20 گە يېقىن ئادەم بولغاندىن كېيىن كىرىپ - چىقىش ، تاماق ئېتىش داۋامىدا تەبىئىي ھالدا دوستانە پاراڭلار بولۇپ ئۆتەتتى . دەسلەپكى كۈنى بىر ۋىيېتناملىق ئاسپرانتنىڭ يەنە بىر ھىندىستانلىق ئوقوغۇچى بىلەن قىلىشقان پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم . ئۇلار ئىنگلىز تىلىنى تولىمۇ بۇزۇق تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى ، بەزىدە مەقسەتلىرىنى بىر - بىرىگە ئۇقتۇرالماي تامغا يېزىشقا مەجبۇر بولاتتى . ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك بولمىغاچقا ، نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بەكمۇ تەستە ئاڭقىرالىدىم . ئەسلى ئۇلار يېڭى مەۋسۈمدە تاللىماقچى بولغان دەرسلىرى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقان ئىكەن . كېيىنچە مەن خېلى كۆپ ئاسپىرانت ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالدىم . ئۇلارنىڭ ئوقۇش ، يېزىش ، سۆزلۈك سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدا گەپ يوق . بولمىسا ئۇنىۋېرسىتېتقا تاللىنالمايدۇ . لېكىن ، ئۇلار ئۆلچەمسىز تەلەپپۇزدا ئىنگلىزچە سۆزلەشتىن خالىي بولالمايىتتى ، تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ ئامالسىز ئىدى . مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى تەربىيىلەش مەركىزى» ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نەچچە قېتىم ئىنگلىزچە لېكسىيە سۆزلىگەن ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىنگلىزچە ئېغىز تىلى كۇرسلىرىنى ئاچقان ، چەت ئەللىك يوق شارائىتتا تامغا ، ئەينەككە قاراپ سۆزلەش ، ئۆز ئاۋازىمنى ئۈنئالغۇغا ئېلىش ئارقىلىق ئېغىز تىلى قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرگەنىدىم . ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم ، ئۆزۈمنى ئىپادىلەش جەھەتتە ئەۋزەللىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتىم . ۋىيېتناملىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى ئىنگلىزچىگە تەستە كېلەتتى ، بەزىدە ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇققىلى بولمايىتتى . تايلاندلىق ، فىلىپپىنلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلىتىدە ئىنگلىز تىلى ئىككىنچى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەچكىمۇ ، ئىنگلىز تىلىنى نىسبەتەن راۋان سۆزلەيتتى . ھىندىستانلىق ، پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلار راۋان سۆزلىگەندەك قىلغان بىلەن ، گېپىدە ئۆز ئانا تىللىرىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك ئىدى .
          بىر كۈنى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ماگستېرلىقنى تۈگىتىپ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان جۇڭگولۇق ئوقوغۇچى جاڭ خاۋ مەن بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ مۇنداق دېدى :
- سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقىڭلار بار . مەن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدىمۇ ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن ياخشى ئۆتەتتىم .
      جاڭ خاۋ دەۋاتقان بۇ گەپنى مەن ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتىمدا بىر قىسىم خەنزۇ بۇرادەرلەردىن، چەت ئەللىكلەردىن ئاڭلىغان . بۇ گەپنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار ئىدى . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى ئەۋرىشىم ، يېپىشقاق بولغاچقىمۇ ، ئەيتاۋۇر ئىنگلىز تىلىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوڭايلا ئاغزى كېلەتتى . ياپونىيىلىك ، كورىيىلىكلەرگە تەلەپپۇز قىلىش تەس كېلىدىغان گېرمان تىلىدىكى «ئۆ ، ئۈ» ، ئەرەب تىلىدىكى «ق» ، رۇس تىلىدىكى «ژ» ، فرانسۇز تىلىدىكى «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس ئىدى . ئەمما بۇ بىر خىل ھېسسىي كۆزىتىش . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپپۇزى ئىتتىك چىققىنى بىلەن ئىزچىللىقى ، چىدامچانلىقى ۋە يۈكسەك غايىسى كەم . تېز قىزىپ تېز سوۋۇيدۇ . ھەر خىل مەقسەتلەردە ۋە باشقىلارنى دوراپ كۇرسقا قاتنىشىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس . ئەمەلىيەتتە ، ئېنىق مەقسەت ، سىجىللىق ، جەڭگىۋارلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلمىغان ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنىڭ تىل ئۆگىنىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . بۇنىڭ بىلەن مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك چۈشكۈنلۈك ، ئىنگلىز تىلىدىن سوۋۇش ، قورقۇش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ .
        چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئىككى قۇتۇپقا چىقىپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت . يەنى ، بىرىنچى قۇتۇپتىكىلەر خېلى جىق ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپمۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنەلمەي چېكىنگەنلەر . بۇنداقلار خېلى ئۇزاق ھەپىلىشىپمۇ بىرەر ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي بۇ تىلدىن سوۋۇپ كېتىدۇ ۋە كېيىنچە تىل ئۆگىنىشكە قىزىقماسلا بولىدۇ ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ سوۋۇشى ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئىنتىلىشلىرىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى ، مىجەزىدىكى تۇتامسىزلىققا ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن . بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش . بەلكىم ئۆگىنەلمىگەنلەر نېمە ئۈچۈن ئۆگىنەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ، تىل ئۆگىنىشتىكى غايە ، ئۇسۇل ۋە جەريان مەسىلىلىرى ھەققىدە ئويلانغان بولسا ، بۇنداقمۇ نەتىجە كېلىپ چىقماس بولغىيدى . ئىككىنچى قۇتۇپتىكىلەر دەل بۇلارنىڭ ئەكسىچە . ئىنگلىز تىلىغا خېلى تىلى كېلىپ قالغان ، مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەنلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ . بۇنداق ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش ھېسسىياتى بەكمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ . ھەتتا ئىنگلىز تىلىنى سۆزلىيەلىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدۇ ، ھاكاۋۇرلىشىدۇ ، خەلقئارالىق تىلنى بىلگەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھاياجان ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە پەپىلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئۇزۇن داۋاملاشقان بۇنداق ھاياجان بىر خىل بىنورماللىقنىڭ ئىپادىسى . ئۇ ھالدا تەبىئىي ھالدا «ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئاخىرقى مەقسەتمۇ ؟ ئىنگلىز تىلىنى بىلىش ھەممىگە باراۋەرمۇ ؟» دېگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ .
               توغرا ، ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەش جەلپكار ئىش ، ئەمما ھەممىگە باراۋەر ئەمەس . ئىنگلىز تىلى -  نىشانغا يېتىش داۋامىدا بېسىپ ئۆتىدىغان بىر كۆۋرۈك ، ئەمما ئاخىرقى نىشان ئەمەس ، ئاخىرقى توچكىمۇ ئەمەس . ئىنگلىز تىلىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلار بەكمۇ جىق . ئىنگلىز تىلىنى سۆزلىۋالغىنى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ يۈرگەنلەر بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلانغان بولسا ، بەلكىم قاڭقىيدىغان يېڭىچە بىر نىشاننى تېپىشىغا ياردىمى بولغان بولاتتى . 2002 - يىلى مەن « ۋىسال » تېز تاماقخانىسىدىكى ئىنگلىز تىلى ئەنجۈمەنلىرىگە خېلى كۆپ بارغانىدىم . كېيىنچە پەقەت بارماس بولدۇم . سەۋەبى ، بۇ يەردىكى بەزى ناتوغرا كەيپىياتتىن ئىچىم پۇشقانىدى . ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلەيمەن دەپ ئويلايدىغانلار ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بەك كۈچەيىتتى . ئاددىي تېمىلاردا ھەر قېتىم سۆزلىشىشكە رازى ئىدىكى ، مۇلاھىزە قىلىدىغان چوڭقۇرراق تېما چىقىپ قالسا ، دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى . ھەر قېتىم بارغىنىمدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىم ، ئىنگلىز تىلىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىم ھەققىدىكى ئوخشاش سۇئالغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولاتتىم . ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا مۇنازىرە قىلىشنى خالايدىغان يۇقىرى سەۋىيىلىك سۆھبەتداشلارنى تاپماق بەكمۇ مۈشكۈل ئىش ئىدى . مانا ، مېنىڭ ئاشۇنداق ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىش سورۇنلىرىغا بارمىغىنىمغا ھەش - پەش دېگۈچە بەش يىل بولۇپ قاپتۇ . بەلكىم ھازىر «ۋىسال تېز تاماقخانىسى» دا بولىدىغان پاراڭنىڭ شەكلى ۋە مۇددىئاسىدا ، كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغاندۇ . ناۋادا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىش سورۇنلىرىغا بېرىش پەقەت يېڭى چىرايلار بىلەن تونۇشۇش ، بىر قەپەس ئۆزىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ خاھىش ئادەمنىڭ سۈزۈك قەلبىگە چۈشكەن مىتە ، ۋاقىت ۋە زېھىنغا چۈشكەن قۇرت .
       ياشلىرىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشى ھەققىدە ئويلىنىشىمغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىلمۇ بار . مەن ۋەتەندىكى چېغىمدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ، «ئىز» قاتارلىق رومانلىرى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپتۇ ، دەپ ئاڭلىغانىدىم . ۋەتەندە بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن ، ھاۋايغا كېلىپ كىتابخانىدىن ، كۇتۇپخانىدىن ، گۇگۇل ، ئامازۇن قاتارلىق خەلقئارالىق تور كىتابخانىلىرىدىن دېرىكىنى قىلدىم . ئەمما ھېچقانداق نەتىجە بولمىدى . بەلكىم مەن ئاڭلىغان ئۇچۇر ئەينەن بولماسلىقى ، ياكى تەرجىمە قىلىنغان بولسا مەن تاپالمايۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى . بۇ ئۇرۇنۇش داۋامىدا يېڭى بىر نۇقتىنى ھېس قىلدىم . ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تېخى خەلقئارادا تونۇشتۇرۇلمىغان ھالەتتە ئىكەن . بىزدە تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك ، چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان رومان ، شېئىر ۋە ماقالىلەردىن ئازراق بولسىمۇ بار . ئەمما ئۇنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلالايدىغان تەرجىمانلار يوق . چەت ئەلدە ماگىستىرلىق ، دوكتورلۇقنى ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇش ئەسەر تەرجىمە قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تېخى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ تەرجىمە كىتابلارنى نەشر قىلىشنى خالايدىغان نەشر سودىگەرلىرىنى تېپىش بەسى مۈشكۈل . بۇ ئەھۋالدا مۇنداق ئاچچىق بىر رېئاللىق ئۆزلۈكىدىن ئايان بولىدۇ : بىر  مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن ئوڭ تاناسىپ . ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىمۇ بىچارىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ . ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئارىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە ئويلانغانلار باردۇر . ئەمما بۇ ھەقتە قاتتىق مېھنەت قىلىۋاتقان ياكى بىرەر ئەمگەكنى روياپقا چىقارغانلارنى بىز تېخى ئۇچراتمىدۇق . چۈنكى، چەت ئەلدە يېزىقچىلىق قىلىش بەكمۇ تەس ئىش. ئوڭاي ئىشقا كۆنۈپ كەتكەن تەبىئەت بىلەن بۇ نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر جەمئىيەتشۇناسى زىگمۇند باۋمەن ((Zygmund Baoman : «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەسلىكتىن ، ھەل قىلىش كۈنتەرتىپىگە قويۇلماسلىقتىنمۇ يامان» دەپ يازىدۇ . تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىمىزدە ، مەقسىتىمىزدە مەسىلە بولغانىكەن ، ئۇنداقتا بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ۋە جاۋاب ئىزدەشكە ئۇرۇنۇش زۆرۈر .
        ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى ، 1950 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ توختى باقى ئارتىشى ، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىنىڭ پېشۋالىرى خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئەمەلىيتىگە يول ئېچىپ بەرگەن ، ھازىر چولتا بولسىمۇ «خەنزۇچە -  ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەزەرىيىسى» بار بولدى . ئەمدى يېڭى دەۋرنىڭ پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنگلىزچە - ئۇيغۇرچە ، ئۇيغۇرچە - ئىنگلىزچە تەرجىمە تەقەززاسىغا ۋە شۇنداق بىر دولقۇنغا مۇھتاج بولۇۋاتىمىز . بۇ ئۇرۇنۇش پۈتكۈل خەلقنى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن خەۋەردار قىلىشتا تولىمۇ زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە . مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئىنگلىزچە - ئۇيغۇرچە ، ئۇيغۇرچە - ئىنگلىزچە تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىش جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك .
      ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ قاتناشقان «سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق» دەرسىدە گۇرۇپپا مۇزاكىرىلىرى ۋە مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇراتتى . مەن  ئىنگلىز تىلىدا چەت ئەللىكلەر بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈپ نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم . بۇ جەرياندا  ئېغىز تىلى ئىقتىدارىمدىن ياخشى پايدىلاندىم . ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدىمۇ باش مۇنازىرىچى بولۇپ خېلى جىق مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان . شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىم ئىنگلىزچە مۇنازىرىلەردە خېلىلا ئەسقاتتى. ئارىلىقتا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياتىقىدىن تېلېفون بېرىپ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەنلىكىمنى تەبرىكلىدى ۋە گېپىنىڭ ئاخىرىدا ئىنگلىز تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان ئادەم بولۇپ چىقىشىمنى ئۈمىد  قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى . مەن تىرىشىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم . ئەمما بۇ ئۈمىدنى ئاقلاش كۆپ كۈچ ۋە زېھىن تەلەپ قىلاتتى . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ بۇ سۆزىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىستىكى، ئىخلاسى ۋە ئىجتىمائىي مەۋجۇدلۇقىمىزنى سىرىتقا  ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى ئىزدەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ پۇرىقى بار ئىدى . مەدەنىيەتلەر پەقەت مانا شۇنداق ئاكتىپ ، يۈزمۇ - يۈز دىئالوگلىشىش ئارقىلىقلا ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايىتتى، تەرەققىي قىلالايىتتى .
           تېلېفوننى  قويۇپ خىياللار قاينىمىدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم . ھەر بىر ئۈمىد ، تىلەك مەن ئۈچۈن غايەت زور بېسىم ۋە قامچا ئىدى . ياخشى ئاتقىمۇ بەزىدە قامچا كېرەكقۇ ، ئاخىر . بولۇپمۇ ئېزىلەڭگۈ ، تەكرار تۇرمۇش رىتىمىغا كۆنۈپ كەتكەن بىزلەر ئۈچۈن بېسىم ، قامچا تېخىمۇ كېرەك ئىدى . مەن ئەشۇ بىر خىلدىكى تەكرارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈمدىن ھالقىشنى ئىختىيار قىلغانىدىم . رۇسىيىگە پاتماي ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە خەلقئارادا يۈكسەك ئابرويغا ئېرىشىپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مۇساپىر پەيلاسوپ ئىسەييا بېرلىن «رېئاللىق تۇيغۇسى» دىگەن كىتابىدا شۇنداق يازىدۇ: «ئەسلىدىنلا ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولمايدىغان ۋە سېنى چىرىتىدىغان رېئاللىققا ۋە شۇ رېئاللىق ئاتا قىلغان ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە ئالدانساڭ ، ئۆزۈڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن .» ئىنگلىز تىلىنى بىلىپ كاللامدا ئىدىيە بولمىسا ، ئىنگلىز تىلىدا پاراڭ قىلسام ، ئەمما پارىڭىمدا مەزمۇن بولمىسا ، بۇ مەن ئۈچۈن خەتەرلىك ئىش ئىدى . ھالبۇكى ، مەن تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ نۇقتا ئىنگلىز تىلىنى سۆزلىيەلىگىنى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ يۈرگەن ئاز ساندىكى ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك كەيپىياتقا ئايلانغان ئىدى . بەزى ياشلىرىمىز ھەتتا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش داۋامىدا يولنى قىڭغىر مېڭىپ ياتلارنىڭ دىنىغا ، يولىغا  كىرىشكە ئۈلگۈرگەن ، ئۇيغۇر تىلى ، ئۇيغۇر  مەدەنىيىتىدىن زېرىكىشكە باشلىغان ئىدى . بۇنداق بولسا  قەتئىي بولمايتتى . تاگور : «ئۆز تىلىمىز بىلەن دېيىلگەن سەپسەتە باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دېيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ» دەيدۇ . ياشلىرىمىزنىڭ چەت ئەل تىلى  ئۆگىنىشتىكى پوزىتسىيىسى ، ئاز بىر قىسىملارنىڭ تىل ئۆگىنىشتە ئاينىپ  كېتىشى ، تىل ئۆگىنىشتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى قىزىققانلىق ۋە تەنتەكلىككە يەم قىلىپ بېرىش جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن تەتقىقات قىلىشقا ، جاۋاب ئىزدەشكە ئەرزىيدىغان تەرەپلەر ئىدى . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش مەسىلىسىنى جەمئىيەت پىسىخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن ئويلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ، ئەنگلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان باقى ئابلىمىت ئاكىمىزنىڭ«ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا دوكتورلۇق ماقالىسى يېزىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ خوشال بولدۇم . دېمەك ، مەن ئويلىنىۋاتقان بىر مەسىلىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ دىققەت نەزىرىگە ئىلىنىشى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەھەتتىكى غايە ، مەقسەتچانلىق قاتارلىق نۇقتىلاردا مەسىلە بارلىقىدىن ۋە ئۇنى جىددىي تۈزىتىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بىرەتتى .
       ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۈنلەر بەكمۇ تېز ئۆتۈۋاتاتتى . ئارىلىقتا پىيۇرل خاربورغا ساياھەتكە چىقتۇق . ئۇ يەرگە بارغان چېغىمدا تارىختىكى «پىيۇرل خاربور» ۋەقەسى ۋە مۇشۇ ھەقتە ئىشلەنگەن كىنوغا باغلاپ نۇرغۇن خىياللارنى سۈردۈم . كېيىن شەھەر چېتىدىكى ۋايپاخۇ ئارىلىغىمۇ باردىم . ھونولۇلۇنىڭ كوچىلىرىنى تالاي قېتىملاپ يالغۇز ئايلاندىم . كوچىلارنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىدە ، گۈزەللىكىدە گەپ يوق . ئاسمانپەلەك بىنالار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . يوللار پاكىز ۋە تىنچ . مىغىلداپ ئۆتۈشۈپ يۈرگەن ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . ئەمما مېنىڭ ئويۇمچە ، ئېگىز بىنا دېگەن ئۈرۈمچىدىمۇ كۇرمىڭ ، نەنسەندىكى گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى بۇ يەردىكىدىن قېلىشمايدۇ . بۇ يەرنىڭ ھەيۋىتى ، پاكىزلىقى ، گۈزەللىكى مەن ئۈچۈن نېمە ؟ بۇ يەردىكى ئورنۇمچۇ ؟ ئۆزبېك شائىرى مۇقىمى «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن ، كۆڭلۈم سەندىدۇر»دەپ ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، پىيۇرل خاربوردا ، ھونولۇلۇ كوچىلىرىدا ، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە سۈرگەن خىياللىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مەۋجۇدلۇقىمىزغا ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرگە ۋە باشقا ئىجتىمائىي تېمىلارغا ياندىشاتتى . ھاۋاينىڭ كارىۋىتىدا يېتىپ ئۇيغۇرنىڭ چۈشىنى كۆرەتتىم ..... دەسلەپكى كۈنلەردە ئۈرۈمچى «يەنئەن» يولىدىكى ئاشخانىلاردا يېگەن لەڭمەنلەرنى ، ئانام  ئېتىپ بەرگەن پولو ، چۆچۈرىلەرنى، «يەنئەن» يولىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى «دوستلۇق» دوختۇرخانىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۆپىلىك يولنى شۇنچىلىك سېغىندىم . بارا - بارا ئىلمىي ئوقۇش موھىتىغا باشچىلاپ كىرىشىم بىلەن قورساق غېمى ئۇنچە موھىم بولماي قالدى . تەييار چۆپ ، گاڭپەن دېگەندەك ۋاقىت ئاز كېتىدىغان تاماقلار بىلەن قورساقنى ئالداشقا ئۇستا بوپكەتتىم . «كۆنگەن يامانمۇ ، كۆيگەنمۇ؟» دېسە ، «كۆنگەن» دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن بۇرۇنقىلار . كاللا نېمىنىڭ موھىملىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆگەنگەندە ، مەززىلىك تاماقلارغا كۆنۈپ كەتكەن غەلۋىخور قورساقمۇ رايىش بولۇپ قالىدىكەن . ئەمما قويۇق ئىنگلىز تىلى مۇھىتىدا يۈرۈۋېرىپ ئۇيغۇر تىلىنى شۇنچىلىك سېغىندىم . ئالدىراشچىلىقتا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلارنى ئېلىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم . ئانا تىلنىڭ مېھرى ئاجايىپ بولىدىكەن . مەن ئىنگلىز تىلىدا دەرسلەرگە ، مۇنازىرىلەرگە ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشاتتىم . لىكىن ، ئۇيغۇر تىلىدا تەپەككۇر قىلىشتىن خالىي بولالمايتتىم . مېھىرلىك ئۇيغۇر تىلى تىنىقىم ، خىيالىم ، چۈشۈمگە ئارىلىشىپ مەنىۋىيىتىمنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغانىدى . داغىستان شائىرى رەسۇل ھەمزەتوف :
«مەيلى قايسى تىلدا زوق ئالسۇن ھەركىم ،
مېنىڭ ئۆز تىلىمغا جېنىم مىڭ پىدا .
ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە ،
مەن بولاي تېنىمدىن بۈگۈنلا جۇدا .»
دەپ يازغاندا ، بەلكىم ئانا تىلىنىڭ ئىشقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى شام قىلىپ ئېرىتىۋەتكەندۇ ۋە بەلكىم ئۇ ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ قويۇق شۇئار بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى دېمەكچى بولغاندۇ!
         ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ بىر ئاي بولغاندا ، ئۈرۈمچىدە مەندىن ئىنگلىزچە ئۆگەنگەن بىر تىرىشچان ئوقۇغۇچۇمدىن ئېلخەت تاپشۇرۇۋالدىم . ئۇ خېتىدە ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياخشى ئوقۇشۇمغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپتۇ ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە مەسلىھەت بېرىشىمنى ئىلتىماس  قىپتۇ . مەن ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا مەسلىھەت بەرگەندىن كىيىن خېتىمنىڭ ئاخىرىغا مۇنۇلارنى قېتىپ قويدۇم : «ھاۋايدىكى كۈنلىرىمگە نەتىجە تىلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت . مەنمۇ ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر كۈنۈمگە مەنە ، كاللامدا يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ يۈرۈۋاتىمەن . خۇدا راۋا قىلسا ياشايمىز . كۈنلەر ئالبومىنى يېڭى مەنىلەر بىلەن بېزەشكە تىرىشىمەن. چۈنكى ، ماڭا تۇز بەرگەن تۇپراقنىڭ مەندە قەرزى بار. مېنىڭمۇ بۇ كۈنلەردە رىزقىم بار. »
          تۈگىدى، بۇ ئەسەر "شىنجاڭ مەدەنىيتى" ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 5-سانىغا بېسلىغان.

baburhan 2011-08-30 12:17
زولپىقار مۇئەللىم،ياخشى يازمىلىرىڭىز كۆپلەپ رۇپاپقا چىققاي.ھازىر نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر جەمئىيتنى ئىككىنچى بىر جەمئىيەتتە تۇرۇپ كۈزەتكۈچىلەرنىڭ،ئانالىز قىلغۇچىلارنىڭ ماقاللىرىنى سۆيۈپ ئوقۇۋاتىدۇ،بۇنىڭ سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئالقىشلىنىپ كىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلى. سىزنىڭ تىرشچانلىقىڭىز ئاخىرى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىشقا يىتەكلەشتە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەش بىلەن نەتىجىلنىدۇ.راسىت گەپنى دىسەم مەن سىزنىڭ ئەينى چاغدىكى "رىئاللىقتىكى بىز ۋە كۆڭلىمىزدىكى بىز"غۇ دەيمەن نۇقىتلىرىڭىزنى ئاڭلاپ پىكىرلىرىڭىزنىڭ ئويغۇر مەتبۇئالىرىدىكى ماقالىلەرنىڭ سەۋىيىسدىن ئاشالمىغانلىقىىغا ئەپسۇسلىنىپ باققان.بىراق ئۇنىڭغا 7-8 يىل بولدى.ئىسىڭىزدە بارمىكىن ئىككىمىز ئاخىرقى قىتىم مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسىدىكى ئابدۇرۇسۇلنىڭ تويىدا ئوچراشقان ئىدۇق، سىز مىنىڭ "دۇنيا ئەدەبىياتى"غا بىسىلغان بىر پارچە تەرجىمە ھىكايەمنىڭ ياخشى تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدىڭىز. ئەلۋەتتە،فاكۈلتىتتىكى دىلدار مۇئەللىم ماڭا سىزنىڭ تەرپىڭىزنى كۆپ قىلىپ بىرەتتى.
ماقاللىرىڭىزنى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن. سىزدىكى يۈكسىلىش ھەقىقەتەنمۇ كىشنى قايىل قىلىدۇ.ماقالىلىرىڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى پىكىرلەرچۇ تىخى.
راسىت سىزدىن سورايدىغان بىر سۇئال بار ئىدى:فورت ئوقۇش مۇكاپاتى مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەردىن  پەقەتلا ئامىرىكىدا ئوقۇشنىلا تەلەپ قىلامدۇ؟
مەن سىزگە يەنىمۇ كۆپ چىدام ۋە غەيرەت تىلەيمەن.

baburhan 2011-08-30 12:28
«ئەسلىدىنلا ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولمايدىغان ۋە سېنى چىرىتىدىغان رېئاللىققا ۋە شۇ رېئاللىق ئاتا قىلغان ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە ئالدانساڭ ، ئۆزۈڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن .
   يۇقارقى نىمە دىگەن ئۇلۇغ پىكىر ھە.

jahangir786 2011-08-30 14:39
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم
مەزكۇر يازمىدىكى گۈلەن، جىك ۋە ئۇيغۇرزادە ئەپەندىملەرنىڭ سۆزلىرىنى كۆرۈۋېتىپ <<داڭلىقلىرىمىز بىر بىرىنى ئىنكار قىلىشمىسىمۇ، بىر بىرى بىلەن ياقا سىقىشمىسىمۇ مانا بىر ئوبدانلا سۆزلەشكىلى بولىدىكەنغۇ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئالىدىغان زوقىمۇ باشقىچە ياخشى بولىدىكەن >> دەپ ئويلاپ قالدىم،
ئۈچەيلەننىڭ بۇنداق دوستانە سۆھبىتى ماڭا مۇختار شاخانوف بىلەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ سۆھبىتىنى ئەسلەتتى رەھمەت سىلەرگە

yaramlik 2011-08-30 14:59
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى تور ئادىرىسىنى كۆرۈپ بىقىڭ
(http://www.jxjxx.org 奖学金信息网 )  يەنە : http://liuxue.eol.cn          http://www.csc.edu.cn    (http://www.gzpi.gov.cn/gzscse/lxpd/jxj/mg/200909/t20090901_102747.html)

abdukorax 2011-08-30 15:36
يۇقىردا تىلغان ئىلىنغان ئامرىكىنىڭ ۋاقىت ئورونلاشتۇرىشىنى ماڭا سەرخۇشتىكى ئۈستىلىڭىزدە دەرىستىن چۈشۈپ قايتاشىمىزدا  ئىنىق چۈشەندۈرۈپ قويغىنڭىز ھىلى ھەم ئىسىمدە .
چەكسىز خياللار باغرىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ئەمەلىي ھەركەت قىلىش،ئەتىگىنى ئىسسىق يوتقاندىن تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ موھىم ئىشلىرىمىزغا تۇتۇش قىلىش ،ۋاقىتنى نىشانلىق ،پىلانلىق،تەرتىپلىك ئورونلاشتۇرۇش نىمانچە مۈشكۈل .پىلاننى تۈزىمەن،ئورونداپ بولالماي يەنە كەينىگە سۈرىمەن،ئىككى كۈن ئوروندىسام ئۈچىنجى كۈنى يەنە ئوروندالماي يەنە كەينىگە تارتىمەن .مۇشۇنداق پىلان تۈزۈش ۋە كەينىگە سۈرۈشلەر بىلەن كۈنۈم ئۆتىۋاتقىلى سەككىز يىل بوپتۇ.شۇنداق پىلان تۈزۈپ چالا پۇچۇق ئوروندىلىپ ياكى ئوروندالماي كەينىگە تارتىلغىنى ئۈچۈن  يۈرۈگىممۇ ئىچىلىپ بىرنى كۈلەلمىگەن.كۈنلىرىم غەمكىن .بۇنداق تۇيغۇنىڭ ئۆزىمۇ بەك قاتتىق ئازاپكەن...
2007-يىلى 2-ئايدا بالىڭىز تۇغۇلۇش ئالدى كەينىدىكى شۇ  جىددىيچىلىك ئىچىدىمۇ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ كۈندىلىكنى كۈندىلىك ئورونلاپ ماڭغان ھالىتىڭىز .شۇ يىلى3-ئاي ئاخىرلىرىدىكى گەپ سۆزلىرىڭىزنىڭ خىلىلا ئازلىغان ،ئىلگىركى كۈلكە يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان چىرايىڭىزنىڭ سايىمۇ يوقالغان،غەمكىن ئەمما چەبدەس -چەبدەس قەدەملەر بىلەن يول يۈرگەن سىمايىڭىز پەقەت ئىسىمدىن كەتمەيدۇ .(مەن راسىت گەپنى دىسەم سىزنىڭ يول ماڭغان ھالىتىڭىزنى خىيالەن دورايمەن)
سىزنىڭ شۇ ئەڭ قىيىن مىنىتلاردىمۇ ۋاقتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان،كۈندىلىك نىشان ۋە پىلاننى ئورونداپ ماڭغان ھالىتىڭىزنى ئويلايمەن .دايىم سىزنىڭ بىر كىچىك خاتىرىگە ئۆزىڭىزنىڭ  ئىشلىرىنى يازىدىغانلىقىڭىز ۋە ئۇنى يىنىڭىزدىن ئايرىمايدىغانلىقىڭىز، كىچىك بىر گ ر ي سۆزلۈك كىتابىنى پات-پات ۋاراقلاپ قويىدىغىنىڭىز ئىسىمدە،بۇ ۋاقىتلار سىز ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ۋاقىتلار .ئەمما ۋاقتىڭىز نىشانسىز،پىلانسىز ئۆتمىگەن.ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى مۇشۇنداق ئەڭ قىيىن ۋاقىتتا تارازىغا سالسا ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى كۆرەلەيدىكەنمىز.
مەن شۇ  ئۆتكەن  8 يىل ئەتراپىدىكى پىلان تۈزۈش ۋە شۇ بويىچە ھەركەت قىلىش جەريانىمدا ئومومەن چوڭ جەھەتتىن پىلانىم ئوروندالسىمۇ ئەمما كۈندىلىك پىلانىم بىر نەچچە كۈن ئوروندالسا بىر كۈن ئوروندالماي قىلىپ ،ھەپتىلىك پىلانىم بىرەر قىتىممۇ كۆڭلىمدىكىدەك ئوروندالماي  ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئازاپلاپ ياكى بۇ ئازاپتىن قۇتۇلالماي كەلدىم ...
ھەم ھازىرمۇ شۇ ...

abdukorax 2011-08-30 15:44
مەن شەخىسكە چوقونمايمايمەن .ھەم چوقونىشقا قارشى.ئەمما سىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن .ئاللا  ئىگىمىز ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن .

uyghurzade 2011-08-31 02:08
قېرىندىشىم ئابدۇكۈرەش، تىلەك ئارىلاشقان ماختاشلىرىڭىز مېنى خېجىل قىلدى.سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ھەم بىلمىدىم. تىبببي ئىنسىتوتتا ئوقۇغان، كېيىن توققۇزاققا تەقسىم قىلىنغان ئابدۇمېجىت ئىسملىك بىر ئوقۇغۇچۇم شۇمىكىن دېدىم(شۇ كۈنلەردە مەن شۇ ئوقۇغۇچۇم بىلەن كۆپرەك پاراڭلاشقان)؛ ئەمما قارىسام، ئىسىمىڭىز ئابدۇكۈرەش دەپ تۇرىدۇ.
    مەيلى كىم بولۇڭ، تىلەكلىرىڭىز تېگىل بولدى. مەن تېخى جىق ئشىلارنى قلىشقا ئۈلگۈرمىدىم، يول ئالدىمدا، مەنزىل قاتتتىق. چامامنىڭ يېتىشچە تىرشىمەن.
     تىلىكىڭىزگە رەھمەت. تەڭ تىرىشايلى. ئايمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
   ئەمدى بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان چۈشكۈنلۈك مەسىلىسى قاتاارلىق بىر قانچە نۇقتىدا ئانچە-مۇنچە پاراڭ قىلىشمىز مۇمكىن. ۋاقىت چىققاندا.
    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

abdukorax 2011-08-31 14:16
مەن مەيلى كىملا بولماي، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا يۈرگەنلەر سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز،ئىرادىڭىز ۋە پەزىلىتىڭىزنى بەلكىم ئىنتايىن ئوبدان بىلىدۇ.
سىزنىڭ شۈنچىلىك ياخشىلىقلىرىڭىزغا ئىرىشكەن بەلكىم مەنلا بولمىسام كىرەك .بۇ سوروندا نۇرغۇن گەپ سۆزلەرنى دىيىش ھەم ئەپسىز ھەم بۇنى تىلغا ئىلىشمۇ ھاجەتسىز .ئەمما مىنىڭ ھازىرقى مۈشۈنچىلىك كۈنگە ئۇلىشالىشىمنى سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ ياخشىلىقلىرىڭىزدىن ئايرىپ قارىيالمايمەن.
ھاياتىمدا سىزدەك بىر ئۇستازنىڭ قولىدا ئازغىنە ۋاقىت ئىلىم ئۈگەنگىنىم مىنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ تەلىيىم.
.مەن 4 يىل ئىلگىركى شۇ  سوغوق قەھرىتان كۈنلەردە قورسوقوم ئاچ،كوچا ئاپتۇبۇسقا تاشلىغۇدەك بىر سوم پۇلنى ئاران تىپىپ دىگەندەك كۇرسقا كىلەتتىم.ئەمما ھىچ بىر كىشىگە ئۈزۈمنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى چاندۇرمايتتىم.مانا ھازىر 2000 پارچىغا يىقىن كىتاب ماتىرىياللىرىم بار.بانكىىدا ئاز بولسىمۇ نەچچە مىڭ سوم پۇلۇم بار.شەھەر مەركىزىدە بىر ئوبدان مۇقىم خىزمىتىم بار.مانا بۇلار ھازىرقى 24 يىللىق ھاياتىمدىكى ئىلكىمدىكى ئازغىنە نەرسىلىرىم.ئاللاغا مىڭ شۈھرى.
مىڭ ئەپسۇس ئەينى ۋاقىتتا ماڭا شۈنچىلىك ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىغا ئازراق بولسىمۇ جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىمكانسىزمەن.ئۈن تىنسىز ئىگەم ئاللادىن ئۇلارغا ئامانلىق،ئاسانلىق تىلەيمەن.
ماڭا ياردەم قىلغان،ماڭا ئىشەنگەن،مەندىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن شۇ يۈرەكلەرنى. مىنى ئارماندا قويىدىغان شۇنداق ئەڭ ئىغىر شەرمەندىچىلىكتىن ساقلىغىن ئىھ ئاللا~~

gül-kapitan 2011-09-01 13:53
ئەسسالامۇئەلەيكۇم زۇلپىقار مۇئەللىم،ماقالىڭىزنى بىردە يىغلىسام بىردە ئويلىنىپ،چۈشەنمىگەن جايلاردا قايتا قايتا كەينىمگە يېنىپ دېگۈدەك ئوقۇپ چىقتىم.
گۈل بەدەن ئىسىملىك قېرىندىشىمىزغا بەكلا ھەۋىسىم ھەم ھەسىتىم كەلدى،كىشىنى ئويغا سالىدىغان پىكىرلىرىڭىزنى تۇنجى بولۇپ ئاڭلىۋاپتۇ،كاشكى بىز ھەم شۇ ئىلتىپاتقا ئېرىشەلىسەكچۇ.
شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى ماقالىلىرىڭىز،ئەلكۈيىدە چىقارغان شىپالىق بورانلىرىڭىز،يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن ئىبارەت "جەڭ مەيدانى"دىكى ئات چاپتۇرۇشلىرىڭىزغا سىرتتىن تۇرۇپ شاھىت بولغاندىن كېيىن بۇ تۇلپار قاچان كىتاپ چىقىرار دەپ تەقەززا بولۇپ يۈرەتتىم.
ئاللاھ شۇنىڭغا نېسىپ قىپتۇ ئەلھەمدۇلىللاھ.
ئەلكۈيىدە نۇرغۇن ئەزالارغا ھايات دەرسى بەرگەنىدىڭىز،ئەقىللىقلەر دۆۋىلىرىنى،قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر كەبى ىپىكىرلەرنى ھەم توپا باسقان دىللارغا،دات باسقان قەلىبلەرگە قامچا بولۇپ تەككۈدەك  گەپلەرنى  ئۇچۇرۇپ كېلىدىغان شۇ بورىنىڭىزنى سېغىنغانىدىم.
جىك ۋە گۈلەن ئەپەندىلەرنىڭ پىكىرلىرىدىن سۆيۈندۈق.
گۈلەن مۇئەللىم ئامىركىدا بوش ۋاقتىدىن بوش ۋاقت چىقىرىپ مۇنبەر ئۈچۈن جىق "نادىر يازمىلار"نى يېزىپ بەرگەن،ۋەتەنگە قايتىپ ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ،شۇنداقتىمۇ زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىگە شۇنچە قىسقىغىنا سۆز قىستۇرىشىدىن ئەپسۇسلاندىم.
ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىزلەر سىلەردىن پەخىرلىنىمىز،بىر بىرىڭلارنىڭ ئارتۇق-كېمىنى تولۇقلاپ ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ چېچىلاڭغۇ ئاجىز چوغدىن لاۋۇلدىغان يانغىنغا ئايلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
زۇلپىقار مۇئەللىم سىزنىڭ سۆزىڭىزدە تۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان روھىڭىزغا بەكمۇ قايىلمەن،مانچە كۈن،مانچە سائەتتىن كېيىن قايتا كېلىمەن دەيسىز چوقۇم ۋە چوقۇم شۇنى ئورۇنلايسىز،يىللىق ،ئايلىق،كۈنلۈك پىلانلىرىڭىزنى شۇنچە ئەستايىدىل ئورۇنلايدىغان شۇ مىجەزىڭىزنىڭ ئازراق بىر قىسمىنى ئۆگىنەلىسەك ئىدۇق...
يۇقىرىدا قالدۇرغان سۇئاللىرىڭىزغا كۆز قارشىمنى چوقۇم يازىمەن،ۋەدەمدە تۇرالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ئېنىق  ۋاقت يازمىدىم،تولىمۇ ئېسل سۇئاللارنى قويۇپسىز.

koygandengiz 2011-09-01 20:17
    يازمىڭىزغا تەشەككۈر ! "ئەسلىدىنلا ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولمايدىغان ۋە سېنى چىرىتىدىغان رېئاللىققا ۋە شۇ رېئاللىق ئاتا قىلغان ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە ئالدانساڭ ، ئۆزۈڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن ." بۇ پاساھەتلىك قۇرلار گەرچە سىزنىڭ بولمىسىمۇ ئەمما سىزنىڭ  يازمىڭىز ئارقىلىق بىلدىم .خىزمەت مۇھىتى بىزنىڭ نۇرغۇنلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە ئوخشاشمايدىغان قىلىپ قويىۋاتىدۇ ......... ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدە يېزىلغان مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يازمىلار ئادەمنى ئېختىيارسىز ۋىژدانىغا سوئال قويۇشقا مەجبۇر قىلىدىكەن

erki 2011-09-01 21:57
سالام زۇلپىقار ئاكا:
كىتابىڭىزنى بالدۇرراق ئوقۇسام دەپ ئالدىراپ كىتىپ بارىمەن. يۇقىردا سىز، ئابدۇۋەلى، تۇرسۇنجانلارنىڭ دىئالوگى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىكەن. بىزگە بىرلىك كېرەك، ئەلۋەتتە سىلەر بىزگە ئۈلگە بولىسىلەر.
توردىكى  قورساقتا بىلىمنىڭ تايىنى يوق شالاقلاپ باقىدىغان، ساپاسىزلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي. ئەلۋەتتە بۇ يازمىلىرىڭىزغا بولغان كۆز-قاراشلىرىمنى ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ باقماقچى.
ئامان بولغايسىز.

arman898 2011-09-03 01:53
5.سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە  ۋاز كېچىش بىلەن ئېرىشىشىنىڭ مۇناسىۋىتى نېمە؟
  مەن مۇشۇنىڭغا بولغان قارىشىمنى دەپ باقاي:
     مەن ئويلاپ باقسام،ئۈزۈم ياخشى كۈرىدىغان بارلىق ئىشلارغا نىسبەتەن ،ئۆز ئىختىيارىلىقىم بىلەن ۋاز كەچكەنلىرىم ئاساسەن يوق ئىكەن،ۋاز كىچىش ئادامنى بەك ئازاپلايدىغان ئىش ئىكەن. بىرەر نەرسىدىن ۋاز كىچىپ ،يەنە باشقا بىر نەرسىگە ئىرىشتىم دەپ قاراشقا كىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن جەريان كەتسە كىرەك.مەسىلەن،بىلىم ئېلىشقا ،ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ئۈگىنىشكە قىزىقىمەن ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىمەن،لېكىن نىمىشقىدۇر ئۇلارغا ئايلىنىپ كىتىشنى خالىمايمەن.ئۇيغۇرلۇقىمدىن ۋاز كىچەلمەيمەن،ئۇيغۇرلۇقىمدىن ۋاز كىچىپ باشقا توپقا قېتىلىپ كەتسەم،ئۈزەمنى بەخىتلىك ھاياتقا،ياخشى ئۇرۇن،ھۆرمەتكە سازاۋارگە ئىگە بۇلۇپ ياشىدىم دەپ قارىمايمەن.قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن چىققان بىر سادا مىنى ئۈزەمدىن ۋاز كاچمەسلىككە ئۈندەپ تۇرىدۇ.باشقا ئىشلارغا كەلسەك.مەسىلەن بەزىلەر ئائىلىۋى خۇشاللىقتىن ،دوستلار ئارا ئۆلپەتچىلىكتىن ۋاز كىچىپ،تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئۇقۇش،تېخىمو چوڭقۇر بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلۇشى مۇمكىن.لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئەرزىمەس نەرسىدىن ۋاز كىچىپ،تېىخمۇ قىممەتلىك نەرسىگە ئىرىشتى دەپ قارىمايمەن.بۇ ئالاقىدار كىشىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلگەن مۇھىتى ،ئالغان تەربىيىسى،دۇنيا قاراش،ۋە قىممەت قارىشى سەۋەپلىك،بەزىلەر ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بەخىت ھىساپلايدۇ،بەزىلەر ئالەمشىمول نەتىجىلەرنى قازىنىپ ياشاشنى بەخىت ھىساپلايدۇ،ۋاز كىچىش بىلەن ئىرىشىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەت يوق،يەنى مەلۇم نەرسىدىن ۋاز كىچىپ مەلۇم نەرسىگە ئىرىشتى دەپ قارىمايمەن.بۇ مىنىڭ بۇ سۇئالغا بولغان يۈزەكىي قارىشىم،توغرىمۇ - خاتامۇ ئۇستازلىرىم تەلىم بەرگەي.

mihran 2011-09-04 19:56
بەك ياخشى تىما ئىكەن

tahirbeg 2011-09-06 19:58
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم زۇلپىقار ئاكا ,
ئالدى بىلەن ئاللاھتىن تىنىڭىزنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن .  
  كىتابىڭىز چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن .  
سىزدىن سورايدىغىنىم ، مۇمكىن بولسا كىتاۋىڭىزنى توردىنمۇ سېتىۋالالىغان بولساق . بىز تۇرۋاتقان يەردە خەنسۇچىلا كىتاپلار بار كىتاپخانىدا .  
ساۋاقداشلىرىم ۋە تونۇشلىرىم كىتابىڭىزنىڭ نەشىردىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ سېتۋالماقچى بولغان ئىدى ، ھەمدە بۇنى توردىن ئالاقىلىشىپ ئەككەلدۈرۈشنى ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىدى 。  

uyghurzade 2011-09-07 12:29
ئىش بېسۋېلىپ بۇ تېمىغا ئىنكاس يازىدىغانغا ۋاقىت چىقرالماي قالدىم. ئەپۇ قىلىڭلار.

goodboy 2011-09-10 00:52
ياخشى گەپلەر بولۇۋاتاتتى. مەن دوستىمىز جېك (تۇرسۇنجان ئابلىكىم) دەك بالىلارنىڭ بۇ مۇنبەردە كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- پيورل خاربور يۇرتىغا سەپەر: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە(2) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.047915 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us