رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- خانىم قىزلار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ خانىم - قىزلار سەمىگە ] -> خانىم قىزلار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

suzuk 2011-08-26 18:42

دۇنيادا ئاياللار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە: ئەرلەرنىڭ ۋەدىسى، ئەرلەرنىڭ ھېسياتى، ئەرلەرنىڭ باھانىسى. ئەگەر ئۇ سىزگە مەڭگۈلۈك دەپ ۋەدە بەرسە، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھېسياتىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنى ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئەڭ چوڭقۇر سۆيگەن ئادىمىم دېسە، بۇ ئۇنىڭ باشقا قىزلارغىمۇ شۇنداق سۆز قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ كېچىكىپ قېلىپ ياكى كېلەلمەي قېلىپ سىزگە تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرسەتسە، ھەرگىزمۇ راست دەپ قالماڭ. ئەرلەر سەۋەپ توقۇش مۇتەخەسسىسى، ئۇلارنىڭ شۇ سەۋەپلىرىنى يىغىپ كەلسەك پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز: باھانە.

ئەرلەر ۋەدە بەرگەندە چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بېرىدۇ. ئەمما يۈز ئۆرۈگەندىمۇ ھەقىقى يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۆزىنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرگەن تۇرۇقلۇق يەنە سىزنىڭ ئەينى چاغدا ئۇنى جەلىپ قىلغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن قاقشايدۇ.

ئەگەر بىر ئەركىشىگە قىزىقىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەقىل پارسىتىڭىزنى نامايەن قىلماڭ. چۈنكى ئەگەر سىزنىڭ سۆيۈپ قالغىنىڭىز بىر ئەخمەق بولسا، ئۇ ئەقىل پاراسەتنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەقىللىق ئەر ھەرگىز ئەقىللىق ئايالنى ياخشى كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئەقىللىق ئەر ئەسلىدىنلا ھارغىنلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولىدۇ، ئۇلار بىر ئەقىللىق ئايال بىلەن بىللە بولسا تېخىمۇ بەك ھارىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.

بىر ئەرنىڭ سىزنى سۆيىدىغان سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ سىزنى ئۆز دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، دوست-بۇرادەرلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ئۇ سىزنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى پەقەتلا خالىمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا ئايرىلىڭ، ھەرگىزمۇ ئالدانماڭ.
ئەگەر بىرى سىزگە ياخشى بىلىنىپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز، دەرھال ئۆزىڭىنى چىمداپ بېقىڭ، ئەگەر ئاغرىمىسا، مۇبارەك بولسۇن، چۈش كۆرۈۋېتىپسىز. ئەگەر ئاغرىق ھېس قىلسىڭىز، چۈشىڭىز بۇزۇلۇشتىن بۇرۇن دەرھال ئويغىنىڭ.

ئۇزۇن يىللىق قوغلاشقۇچىلىرىڭىزدىن پەخىرلەنمەڭ. ئۇنىڭ سىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا سىزگە بىر تېلىفون قىلىدىغانلىقىغا، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئىزدەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر بۇ ۋاقىت بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ سىزنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزنى قوغلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر ئۇ سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلسا، قەتئىيلىك بىلەن ئايرىلىپ كېتىڭ. ئەمما ئايرىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇلايىم ۋە سىلىق-سىپايە بولۇڭ. بۇ ئۇنىڭ قەلبىدە ئەپسۇسلىنىش قالدۇرىدۇ. ئەگەر ۋارقىراپ-جارقىراپ سوقۇشسىڭىز، مىجەز كېلىشمىگەنلىكتىن ئايرىلغان بولۇپ قالىسىز.

ئۇنىڭ قەلبىدە كۆپرەك ئەپسۇسلىنىش قالدۇرۇڭ. چۈنكى ئەپسۇسلىنىش ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېچىنىشلىق گۈزەللىك. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، ئېرىشەلمىگەن نەرسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا سىز ئۇنى يوقاتقاندىن، ئۇ سىزنى يوقاتسا كۆپرەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىسىز.

رىۋايەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى. ئەپسانە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە ۋەدە بېرىشى. چۈش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىنى ئاڭلىغاندىكى ھالىتىڭىز. ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئۇلارغا ئىشىنىشنى خالايمەن، خۇددى كوممونىزىمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەكلا.

ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشى سىزنى سۆيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنى سۆيىمەن دېيىشى سىز بىلەن توي قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز بىلەن توي قىلىمەن دېيىشى سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايمەن دېيىشى ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوغۇل دوستىڭىز ( يولدىشىڭىز) غا تېلىفون قىلغاندا ئېلىنمىسا، ئالمىسا، قايتۇرمىسا، تېلىفۇن ئېتىك بولسا، يەنە بىر قېتىم قىلىشىڭىز ھاجىتى يوق. نېمىلا دېگەن بىلەن خەقنىڭ كۆڭۈللۈك ۋاقتىنى بۇزۇپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى يۈزىنى تۆكۈۋالىسىز.

قىزلار كۆپىنچە چاغلاردا خاتا تاللاپ قالىدۇ. دەسلىپىدە ئاق ئاتلىق شاھزادە دەپ قارىغان ئادەم ئاخىرى ئاق كۆزلۈك چارپاقا بولۇپ چىقىدۇ.

ئاسىيلىق قىلىش ئەرلەرنىڭ قېنى. تارتىۋېلىش ئەرلەرنىڭ شۇئارى، ئەركىنلىك ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇش ئۇلارنىڭ خارەكتېرى.

تۈگىدى.
خەنزۇچىدىن سۈزۈك تەرجىمىسى.

atikam1 2011-08-26 19:11
خېلى بولىدىغان  تېمىكەن،،بىز ئايالخەق  شۇ ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىمىز بۇنىڭغا ئامال يوق،،، بۇ بىزنىڭ خاراكتىرىمىز بولسا كېرەك  ،،،
تەرجىمىسىمۇ شۇنداق راۋان چىقىپتۇ،،ئەجرىڭىزگە رەخمەت

zulfunur 2011-08-26 20:14
بۇ  قانداق گەپ ،  ھەممىگە ئىشەنمە  دىگەن بولماي  نېمە  ؟  تېما  يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ،  مىنىڭچە بۇنداق تېمىلارنى  يوللىغاندا  ئومومى  كەيپىياتتا  ئىشەنمەسلىك  پەيدا   بولىدۇ  شۇ  ......  

bughra68 2011-08-26 21:21
ھەممىسى شۇنداق بولۇشى ناتايىن .
خانىم -قىزلار ئىشەنمىسە نىمە بولىدۇ بىلەمسىز ؟؟؟؟
ۋەيرانچىلىق !!!!

ئەگەر ئىشەنمەسلىككە توغرا كەلسە تۇرمۇش قۇرۇشنى مەقسەت
قىلمىغان كۆڭۈل خۇشى مۇھەببەتكە ئىشەنمەسلىك كېرەك .
خانىم -قىزلار بۇلارغا ئىشەنسىمۇ ئوخشاشلا ۋەيرانچىلىق يۈز بېرىدۇ خالاس.

tamkin221 2011-08-26 22:30
بىز ھەممە ئەرلەر  ئۇنداق ئىشەنچىسىز ، مەسئولىيەتسىز ئەمەس،  شۇنداقتىمىۇ خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ  سەگەك - ھۇشىيار بولىشىنى، ئىجتىمائىي  تۇرمۇشىدا  ئۇچراشقان تۈرلۈك ئىشلاردا ، ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويماسلىقىنى  چىن  قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن..

zumret 2011-08-26 23:51
ئۇنىڭ ۋىجدانلىق بىر ياراملىق ئەزىمەت بۇلۇشنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن .

jiuxing 2011-08-27 01:13
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلار بار.....
بۇ بىر تەرەپلىلىمىك بوپتۇ...

tumaris107 2011-08-27 01:27
ياخشى تىما ئىكەن. ھەممىگە ئىشەنمەي بىرئۆمۇر بويتاق ئۆتكىلى بولمايدۇ،لىكىن ئەرلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان مىجەزىگە قارىتا ئاز تولا مۇداپىيە ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرگەن ياخشى.

oghuzkb 2011-08-27 09:31
تەجىربىلىرىمگە ئاساسلانغاندا تەتۈرسىمۇ توغرا چۈشىۋىرىدۇ. دىمەك ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك بىلەن كىمگە پايدا بىرىدۇ. دۇنيادا ھەرخىل ئادەملەر بار ئىكەن، شۇڭا ھىچكىم بىر قائىدىگە چۈشمەيدۇ مۇھەببەتكە كەلگەندە. نۇرغۇن ھەققى ھىكايىلەرنى ئاڭلىدىم، ھەم نۇرغۇن تۇققانلىرىمنىڭ جۆرىلىرى بىلەن ئۆتكەن ھاياتى شۇنداق گۈزەل، نىمىشقا ھازىر ئازىيىپ كەتتى، مەنچە ھازىر كىشىلەر بارغانچە غەرىب دۇنياسىدىكى كىشىلەردەك شەخسىيەتچى بولۇپ كەتتى، قىزمۇ، ئوغۇلمۇ ئوخشاش بۇ نۇقتىدا

suzuk 2011-08-27 09:59
قەدەم مۇبارەك~~~~   ، ھەتتا فىزىكىدىمۇ ئورتاق فورمىلا يوققۇ دەيمەن، شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىشتە بۇ.  بۇرۇنقىلار ھازىرقىدىن ساپ،ئاددى ياشايتى، قانائەتچان بولاتتى. بەش يىل بۇرۇن تەرجىمە قىلغان نەرسە بۇ، بىراق ھازىر قاراپ باقسام بەزى يەرلىرى يەنىلا توغرا.

taxbalik 2011-08-27 11:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ تىمدىكى دىيىلگەن مەزمۇنلار ساپلا خەنزۇلارغا ماس كىلدىكەن . بىز ئۇيغۇرلاردا تىخى ئۇنداق مۇھەببەت توغورلۇق ئۇنداق نەزىرىۋيى بىلىملەر ھازىرچە بەك بالدۇر تىخى نۇرغۇن خەلقىمىز بىر كۈنلۈك قورساق غىمىنى ھەل قىلىپ بولالماي ، كىملەرگىدۇ تەلمۈرۈپ قاراشماقتا  ، سەھرالاردا كۆكتات ساتىدىغان ، ئەنجۈر ساتىدىغان قار كۆزلەر ھىلىھەم مەۋجۇت .  مەن ھەقىقى مۇھەببەت ھازىر قىممىتىنى يوقتىپ بولدى دەپ قارايمەن ، مۇھەببەتنىڭ ئەسلى ئورنى قەلىبدىلام بولسا ياخشى بولاتتى ، ھازىرچۇ مۇھەببەت شۇ  يىغىپ كەلسەك شەخسى مەنپەت بىلەن  نەپسىنى قاندۇرۇش .   ئۇنداق ئىشەنچ بولمىغان ئائىلدە نىكاھنىڭ نىمە مەنىسى بولسۇن . بۇ شۇ چىركاۋدا نىكاھ قىلدىغان ياكى ئاتا-ئانسىغا بەش تازىم . ياكى بۇتقا تازىم قىلدىغانلارنىڭ سەپسەپتىسى ئىكەن ، بۇنداق دىيىش ئارقىلىق سىزگە قارشى چىقماقچى ئەمەسمەن ، پەقەت ئەسەر مەزمۇنىغا قارتا شەخسى پىكرىمنى بايان قىلدىم خالاس .

hislat321 2011-08-27 12:49
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن، مىنىڭچە بۇ ماتىريالدا دىيىلگەن مەزمونلار ھەقىقەتەن راسىت، قانداقلا قىلغان بىلەن ئەرلەرنىڭ  تۈپ خاراكتىرى يەنىلا ئوخشاش، مىنىڭچە يەنىلا ئايال كىشى ئۆزىگە پۇختا بولۇپ، ھەرۋاقىت ھوشيار تۇرۇشى كېرەك، ئاياللار ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ئەڭ چوڭ قۇربانلىق بېرىپ، ئەڭ ئاز نەپكە ئېرىشكۈچىلەردۈر، بۇنى بىز ھەممىمىز شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايمىز، لېكىن ئاللاھ ھەممىمىزنى باراۋەر ياراتقان، شۇڭا ئەرلەرمۇ ئاياللارغا ئوخشاش قۇربان؛ىق بېرىشنى ئۆگىنۋىلىشى كېرەك .

tograk001 2011-08-27 17:29
ئازراق بىر تەرەپلىمە بوپقالدىمۇ قانداق؟!... ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ....بىز بارلىق ئەرلەرنى  مۇشۇنداق دىسەك  كىم- كىمگە ئىشىنىدۇ.    ئۇ چاغدا بۇ تۇرمۇش ،بۇ جاھان نىمە بوپقالىدۇ....

mijik-kalam 2011-08-27 19:38
بىر ئايالنىڭ ئېلىسى قىرىق ئېشەككە يۇك بوپتۇ دىگەن مۇشۇدە.

naway 2011-08-28 00:33
ھەي بۇ گەپلەرنى خانىم قىزلارغا دەپ بىرىپ نىمە قىلسىز !!؟
       قىزلار  ئاياللار   شۇنىڭغا ئىشەنگەندە ئاندىن ئۆزنى بەختلىك ھىسابلايدۇ!
    تىما ئىگىسى تىغى  توي قىلپ باقمىغان    سۈت بالا ئۆخشايدۇ!

suzuk 2011-08-28 00:54
بەك ئىشىنىپ كېتىپ كېيىن يىغلاپ قالغانلارغا تەسەللى بولسۇن دەپچۇ

ümüt68 2011-08-28 09:15
ئاجايىپ يېزىلىپتۇ. مۇشۇنداق ئىشلارنى قانداق ئادەملەر تېپىپ چىقىپ يازالايدىغاندۇ.

0997muyassar 2011-08-28 11:35
راس دەيسىز،ئەر كىشىنىڭ گېپىگە ئاسان ئىشەنمىسە بولىدۇ كىشى......

semerqent 2011-08-28 13:31
  مۇنۇ بايانلارغا قاراپ باقايلى:
  ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشى سىزنى سۆيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنى سۆيىمەن دېيىشى سىز بىلەن توي قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز بىلەن توي قىلىمەن دېيىشى سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايمەن دېيىشى ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  راست دەپتۇ ، ئەرلەرنىڭ ھەممە نېمىسى يالغان ، ئۇنداقتا ئاياللار ھەممىنى  بىلىپ تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن توي قىلسا ...ئەجەپ ئەقىللىقكىنە؟؟! ئاياللار سىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق دېگەندەك يازمىلارنى كۆپ ئوقۇغانمەن ، ئەمما بۇنچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
  يەنە قاراڭ:
   رىۋايەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى. ئەپسانە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە ۋەدە بېرىشى. چۈش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىنى ئاڭلىغاندىكى ھالىتىڭىز. ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئۇلارغا ئىشىنىشنى خالايمەن، خۇددى كوممونىزىمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەكلا.
  ئاسىيلىق قىلىش ئەرلەرنىڭ قېنى. تارتىۋېلىش ئەرلەرنىڭ شۇئارى، ئەركىنلىك ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇش ئۇلارنىڭ خارەكتېرى.
   ئەمدى ئەسەرنىڭ ئەسلىي  ئاپتورىنىڭ مەقسىتىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى!
   ئاپتۇر نېمە دىمەكچى؟ ئاسىيلىق ،ئاسىيلىق ئەرلەرنىڭ ماھىيىتى  . ئۇنداقتا مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن . ئەمىسە ئەرلەرنىڭ ئاسىيلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئاياللارنىڭ چوقۇم ئەرلەرنى ئىنكار قىلىشى كېرەكلىكىدىنمۇ؟  يات جىنىسنىڭ سىزگە نىسبەتەن شۇنچە ئەھمىيەتسىز ،مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش سىزنى نىمىگە دالالەت قىلار ؟  مەنپىي -مۇسبەت قۇتۇپلۇق ئىككى جىنىسنىڭ بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن
مەنىۋىيەتنىڭ مۇۋازىنىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنى ئۆزگەرتىشكىمۇ؟      
  ئەگەر شۇنداق قىلىش كېرەك بولسا ، بۇنىڭ ئۇسۇلى ئاسان_ ھەمجىنىسلىق ، قوش جىنىس بىرلىكى تەشكىللەش .
  تەسەۋۋۇرىمىز شۇيەرگە ئۇچۇپ باردى.  ئاپتۇرمۇ ئۆزىنىڭ ئەرلەرگە ئىشىنىشىنى كوممۇنىزمنىڭ ئەمەلگە ئېشىش چۈشىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىغا ئىشىنىشىگە ئوخشىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟
  ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ قاراشلىرىنى بەزى ئەرلەردە كۆرىلىدىغان سەلبىيلىكلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ ، ئۆزىنى ئاياللارغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغاندەك قىلىپ كۆرسەتكەن، شۇ ئارقىلىق بىر مەيدان پىسخىكا ئۇرۇشى تەشكىللەپ ، قىسىغىنە ۋاقىتتىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېسسىياتىنى كونتىرول قىلىۋىلىپ ، ھېچ كۈچىمەيلا مەقسىتىگە يەتكەن .
        ئۇ ،بۇ بايانلارنى ئوقۇغانلىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا  دەرھال ئەرلەردىن ۋاز كېچىپ ،  ئۆز جىنسقا مۇھەببەت باغلاپ كەتمەيدىغىنىنىمۇ ئوبدان بىلگەچكە ، ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە  ئىش كۆرگەن .  يەنى ياغلىما تىل ۋاستىسىنى قوللىنىپ ، بەزى يېڭىچە تەبىرلەرنىمۇ يازمىسىغا قېتىپ قويغان:
  <<رىۋايەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى. ئەپسانە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە ۋەدە بېرىشى. چۈش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىنى ئاڭلىغاندىكى
ھالىتىڭىز.>>
  ئاپتۇر ئۆزىمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن زىددىيەتلىك تونۇشتا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىسىدىمۇ نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.  ئۇ ئۆزى زېھنىدە ھېس قىلالىغان ،ئەرلەرنىڭ ئاجىز ،سەلبىي تەرەپلىرىنى ئىخچام ، كونكىرىت تىلدا  كۆرسىتىپ ئۆتەلىگەن بولسىمۇ بۇنى پۈتۈن ئەرلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى دەپ قارىۋالغاچقا  ، ئاسانلا يۇقىرىقىدەك چۈشكۈن ، ئاسىي ،ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەشۋىق قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان.  
  ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەرلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكنى تەكىتلىگۈچى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق دىيەلەيمىزكىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ  ئاياللىق سېھرىي كۈچىگە ، ھېسسىياتىغا ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى مۇقەددەس ئورنىغا ئىشەنچ قىلالمىغۇچى بوپ قالىدۇ،خالاس!

    




  

zulal07 2011-08-28 15:31
بۇنداق قېلىپقا سالىمىز دېسەڭلار، تۇل قالىسىلەر. مەيلىما ؟!

axikjan 2011-08-28 23:22
مەنچە بۇ تىمىدا دىيىلگەنلەر قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا تازا ماس كەلگۈدەك، قانداق دىدىم.

nursima 2011-08-29 07:54
كىتاۋى سۆزلەرگە ئىشەنمەيمەن،رىئاللىق ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ،رىئال تۇرمۇش ھەممىدىن مۇھىم!

喀什姑娘 2011-08-29 07:59
خانىم قىزلارنىڭ ھەممىسى پايدىلانساق،بىلىۋالساق بولىدىغان ياخشى تىمىكەن،ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

مۇبارەك 2011-08-29 12:13
تويدىن بۇرۇن كۆزىڭىزگە ھېچقانداق نۇقسانى يوقتەك كۆرىنىدىكەن.(ئەرلەرنىڭ) بىراق تويدىن كېيىن قارايدىغان بولسىڭىز ھېلىقى نۇقساننىڭ جىقلىقىدا... ئۆزگەرتىش ئاسان ئەمەسكەن نەچچە يىلنىڭ ياقى يىتىلدۈرىۋالغان ئۇنداق ئادەتلەرنى. ئامال يوق جىق ۋاقىتلاردا چىداشقا، كۆنۈشكە، قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەنسىز...

                                                              _ توي قىلىپ كەتكەن بىر ھەدەشنىڭ گېپى.

yaprak605 2011-08-29 14:47
ئاللاھ رىسقىنى قوشقانلار توي قىلالايدۇ ،   بۇنى بىز ئۆزگەر تەلمەيمىز .  لىكىن پىشانىسىگە  نىمە كۇنلەرنىڭ پۇتۇلگننى ئالدىن بىلگىلى بۇلۇ دىغان  ئىش بولسا بەلىكىم   كوپ ساندىكىلىرىمىز   توي قىلماسلىقنى  تالىلشىمىز مۇككىن .  لىكىن ئاللاھ ئىرادە قىلغانكەن  بۇكۇنلەرمۇ  ئۆتۇپ كىتەر  دەپ  سەۋىر قىلىدىغان  گەپكەن .   لىكىن شۇنىسى ھەقىيقەتكى نىكاھ تۇرمۇشدا ئەرلەر  رول   تۇتقان شۇپۇرغا ئوخشايدۇ .  ماشىننى قانداق ھەيدەش ،قايسى بەنزىلگە ئاپىرىش ،قانداق ئاپىرىش ئەرلەر گە باغلىق.  
ئاللاھ ھەممە ئاياللاررنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن . بۇلۇپمۇ مۇسۇلمان ، پۇتۇن ياشلىقىنى ئۆمرىنى بالام ، ئۆيۇم دەپ  ئۆزىنى ئۇپۇرتىۋاتقانلارنىڭ  ئاللاھ ئۆز ئەجرىنى بەرگەي ..............

barqin 2011-08-29 16:06
ھەممىمىز ئىنسابلىق بولساق ئۇنداق نەزىرىيە بىلىملەرنىڭ  يول باشلىغۇچى بۇلۇشى كىرەك ئەمەستە.

zulpehar 2011-08-31 19:37
بۇ بىر  خەنزۇچە  ئەسەركەن
مىنىڭچە خەنلەر  بىلەن بىزلەرنىڭ خاراكتىرىمىز  ئوخشىمايدىغۇ  دەيمەن
ھەممىنى  بىر  تاياقتا  ھەيدىمەسلىك  
لىكىن بەزى يەرلىرى تۇغىردەك قىلىدۇ  ،.
ئىشىنىش  چۈشىنىش بولغاندىلا  ئىناق جەمىيەت بەرپا  قىلغىلى بولىدۇ  
تىمىڭىزغا تەشەككۇر  

hai... 2011-09-05 17:29
ئەجرىڭىزگە رەخمەت.لىكىن مىنىڭچە بۇنىڭ ئەممىسگە ئىشىنىشنىڭ زۇرۇرىيىتى يوق.

coffe 2011-09-08 10:48
نەقىل
بۇ 18قەۋەتتىكى0997muyassar يوللىغان 2011-08-28 11:35 غا قارتىلغان  :
راس دەيسىز،ئەر كىشىنىڭ گېپىگە ئاسان ئىشەنمىسە بولىدۇ كىشى......



ئۇنداق بولسا ئاياللارغا ئاسان ئىشنىش كىرەكمۇ،  بۇ تىمىنىڭ ئىجتىمائى رولى زادى نېمە ؟ مەن ھېچ چۈشەنمىدىم تىما ئىگىسى بۇ تىما ئارقىلىق ئەرلەرگە ئىشەنمەڭلەر دەپ 《lesbianism》《女同性恋关系》لەرنى تەشۋىق قىلماچىمۇ ياكى باشقا مەقسەت بارمۇ ؟

sadakat0996 2011-09-08 17:41
     ياخشى تېما ئىكەن.  قىزلارنىڭ بۇ  تېمىنى كۆرۈپ قويىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن ،چۈنكى بۇمۇ تۇرمۇشتىن يەكۈنلەنگەن ساۋاق . قىزلار بۇ تېمىنى ئوقۇپ زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كەتمەڭلار .
     نەزىرىيە رىئال تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدىن كېلىدۇ ،مېنىڭچە سىلەرنىڭمۇ ئەمىلىيەت داۋامىدا يەكۈللىگەن تەجىربەڭلار بولىشى مومكىن ، قىسقىسى ئۆز تەپەككۇرىڭلارغا ئىشىنىڭلار !

ھىلال 2011-09-19 00:47
ماۋۇ تەرجىمە  ئۆتكۇر چىقىپتۇ........ئۆز تىلدەكلا ..............................ئەمما ئىشەنچ بىلەن گۈزەل بۇ ئالەم.ئىشەنچ بولماي تۇرۇپ كوڭۇل تىنمايدۇ، ئۇيقۇ ئۇيقۇ ئەمەس، دىلىڭدە بىرنەرسە پىچىرلاپلا تۇردۇ بىرئەنسىزلىك ........ئۇنداق كۇننى ھىچكىم كورمىسۇن...........

nazi412 2011-09-19 16:52
رەھمەت ،،،شۇنداق ياخشى تىما  ئەۋەتىپسىز !!!!!!!
خانىم قىزلارغا پايدىلىقكەن ،،،مەن ساقلىۋالدىم ،كىيىن يەنە كۆرۇپ تۇرىمەن
مەن بەك ياخىشى كۆردۇم بۇ تىمىنى ،،يەنە يوللاپ تۇرارسىز !!

awakkiz 2011-09-19 16:59
ياخشى تىما ظىكەن ، لىكىن ظادەم سەل گاڭگىراپ قالىدىكەن ، ظەرلەر بارغانسىرى مذرەككەپ بولذپ كىتىؤاتامدذ ياكى بىز بەك ظويلاپ كىتىپ بارامدذق؟

xipahi 2011-09-20 12:39
بۇدۇنيا  شۇنداق ھەرخىل -ھەرياڭزا  تەقدىر  ئۇرۇنلاشتۇرمىلارغا  تۇلغان ،ئامال  يۇق .
بۇ ئۇرۇنلشتۇرۇشتا  شۇنداق  ئىتائەتسىز ،قانائەتسىز  ،ئىمانى سۇس   قىزلارغا   ،شۇنداق  زەيپانە   ،جاسارەتسىز ،مۇناپىقلارنى  ئۇچراشتۇرۇش  ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان  بۇلۇشى   مۇمكىن

阿瓦古丽 2011-09-20 20:03
بۇ تىمىا ماڭا  بەك ياقىتى .تۇغىرا ئەر كىشى  دىگەنگە ھەر گىز  ئىشەنىمەسلىك كىرەك.   بۇنىڭىدىن كىين  دۋامىلىق  مۇشۇنداق  تىملارنىڭ  كۈپىرەك يىزىلىشنى ئۇمىدى  قىلمەن.  

hacker253 2011-09-25 21:57
ئەمسە ئەرلەرگە ئىشەنمىسەڭلا  قىزلا بىلەن قىزلا 同性恋بولۇپ ئۆتۈپ كەتسەڭلەلا بولغۇدەك

miskin303 2011-09-28 19:13
بۇلىدىغان تېمىكەن...............

awakkiz 2011-10-03 17:19
ئىشەنمەي ئامالىمىز يوق


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- خانىم قىزلار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.035061 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us