ئاتۇشلۇقلارنى ياخشى كۆرمەيمەن(ھېكايە)
1
«ئاتۇشلۇقلارنى ياخشى كۆرمەيمەن!» ئۇ ھەر قېتىم ئاشۇ گەپنى ئەلەم بىلەن زىكىر قىلغان چاغدا ئاشۇ كۈننى ئەسلەيدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ئىدى، بۇ 2008-يىلى يانۋارنىڭ مەلۇم بىر كۈنى بولۇپ، ھاۋا شۇ قەدەر سوغۇق ئىدى، لەپىلدەپ قار يىغىۋاتاتتى. ھەممە يەر ئاپئاق قار بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق بولۇشىنى، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ بۇرنىنى ئاستا تۇتۇپ باقتى، بىردەم ئېقىپ توختاپ قالغان قان، قۇرۇپ قالغانىدى. ھەئە، ئۇ بۇنداق بولۇشىنى، ھاياتىدا بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئىدى، بىر نەچچە ياشلا پەرق قىلىدىغان، شۇنداق ياخشى ئۆتكەن، ھەممىسى ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشىدىغان، بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئۆز ئاكىسى ئىدى، ئۇ ئىككىسى توپتوغرا بازاردا، دۇكان ئالدىدا، يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشۇپ كەتتى، خەقلەرگە بىر مەيدان كومىدىيىلىك ئويۇن قويۇپ بەردى! ئۇ كۈنى ئۇ ئەتراپتىكى سودا-سېتىق قىلىۋاتقان كىشىلەرگىمۇ دىققەت قىلماي، ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئالدىغا قاراپ ماڭدى، دۇنيانىڭ فوكۇس نۇقتىسى ئۇنىڭ دىلىنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان ئاشۇ ۋەقەگىلا قارىتىلغان ئىدى. باشقا ھېچقانداق كۆرۈنۈش ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدا قالمىغانىدى. ئۇ خۇددى دۆڭكۆۋرۈكتىكىدەك مىغىلداپ تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنى تۈرتۈپ ماڭغىنىچە: «قەراسۇدىن ئوشكە» دەپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان تاكسىچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇچرىغانلا بىر ماشىنىغا چىقتى. ئاران تەستلىكتە جىمجىت يەرنى تېپىۋالغاندەك، قارا دېرىزىلىك ئىشىكنى گۇپپىدە قىلىپ يېپىۋەتتى. «ئوشكە! ھەممە كىرانى ئۆزۈم بېرەمەن!» ئۇ شۇنداق دېگىنىچە خىيالىنى داۋاملاشتۇردى. «بۇ دۇنيادا ئەسلىدىنلا ھېچ نېمە يوقكەنغۇ، بۇ دۇنيادا ئەسلىدىنلا ھېچنەرسە، ئارزۇلىغۇدەك ھېچ نەرسە يوقكەنغۇ؟!- ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇپ بولۇپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تولىمۇ يەڭگىللەپ قالغانىدى-بۇ دۇنيانىڭ ياشىغۇدەك يېرى قالمىدى!-قوشۇپ قويدى ئۇ». ئۇ خۇددى يەلكىسىدىكى غايەت زور بېسىمنى ئىرغىتىۋەتكەندەك بولۇپ قالغانىدى. ماشىنا يۈزلىگەن ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ئوش شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئىككى تەرەپتە كەڭرى كەتكەن ئېتىزلىقلار ئاپئاق قارلارنىڭ ئاستىدا بىپايان دالالاردەك كۆرۈنەتتى. «نېم بولىيەپسىز ئەكە!» تاكسىكەش ئۆزبەك ئۇنىڭدىن سوراپ قويدى، ئۇ خۇددى مۇھىم كەشپىيات توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقاندەك خىيالىنى بۇزغۇسى كەلمەي دالىلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋەردى، ماشىنا بولسا س س س ر زامانىسىدىن قالغان كونا ئاسفالىت يولدا غۇيۇلداپ كېتىۋاتاتتى.
2
ئۇ ئىككىسىگە سودىگەرلەر ھەۋەس قىلاتتى. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن يېڭىدىن پۇل تېپىۋاتقانلار ئىدى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقانلار ئىدى. پۇلنىمۇ ئوبدان تاپقان ئىدى. ئۇ مۇشۇ قىرغىزىستانغا چىققاندىن كېيىنكى بىر يېرىم يىلدىلا ئىككىيلەن، ئۈچ مىلىيون مېتىر رەخت ساتقان ئىدى، ناۋادا بۇنى ئاتۇشنىڭ ئىشتارچى دېگەن كەنتىدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ تارتىدىغان بولسا، بۇ رەخت تاكى ئۈرۈمچىگىچە يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا تارتىشقا يېتەتتى. خۇدا مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇلارغا بەرىكەتنى بېرىۋاتاتتى. ئەسلىدە بۇ ئىككىسىدە ئۇنچىلىك پۇل يوق ئىدى. ئاكىسىغا چاڭسۇدىكى مەلۇم بىر زاۋۇتنىڭ خوجايىنى نېسى مال بېرىمەن، دېگەچكە جىق دەسمى كەتمىگەن ئىدى. ئۇ دەسلەپ زاۋۇتتا تۇرۇپ ئاكىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن مال سالدى، كۈندە بەش-ئون تاغار مال ماڭغۇزۇپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە مۇقۇم تۇرغاندىكىن، خەنزۇمۇ پۇلىنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمايتتى. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بۇ رەختلەرگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى، بۇ خوجايىننىڭ كۆپلەپ مال نېسى بېرەلىگەنلىكى، شۇنداقلا شۇ مالنىڭ شۇ چاغدىكى بازار ئەھۋالىغا ماس كېلىپ قالغانلىقى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەرۋەردىگار رىزىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىرادىسىنى مۇشۇ باھانىلەر بىلەن ئۇلارغا بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سودىسى ئازلا ۋاقىتتا روناق تاپتى. گۈللەندى، مالنى سېلىشلار بولۇپ كەتتى. ئۇ ئىچكىرىدە توپتوغرا ئىككى يىلغا يېقىن تۇردى، ئۇنىڭغا ئاتۇشنىڭ سېخى، قولى ئوچۇق بايلىرىمۇ ياردەم قىلىپ تۇراتتى، مال سېلىش ئىشلىرىغا ئۇنىڭغا بولغان ئالاھىدە ئىززىتى سەۋەبلىك ياردەملەرنى قىلىپ تۇراتتى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ئۇنىڭ ئاكىسى ئۈرۈمچىدىن بىر ئۆي ئالدى، ئاتۇشتىن بىر ئۆي ئالدى، قىرغىزىستاندىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە قىممەتتە باراۋەر كېلىدىغان بىر دۇكان ئالدى. ئاتا-ئانىسىنى ھەجگە يولغا سېلىشتى. ئاكىسىنىڭ دېيىشىچە، ئاكىسى قىرغىزىستاندىن يەنە بىر ماشىنا ئاپتۇ. بۇ كۈنلەردە ئاكىسىنىڭ يېشىمۇ توي يېشىغا يېقىنلىشىپ كەتتى، ئەمدى ئۇ قىرغىزىستانغا چىقمىسا، دۇكاننى ئاچمىسا بولمايدۇ؛ دۇكان بىر كۈن توختاپ قالسا بولمايدۇ. ئۇ پاسپورت ئىشلىتىپ، قىرغىزىستانغا چىقىشى كېرەك. ئۇ پاسپورتنىڭ ئىشلىرىنى ئاتۇشقا كېلىپ تېزلا بىجىردى، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن تاجىكىستاننى ئايلىنىپ، قىرغىزىستانغا چىقتى. ئەسلىدە بۇ يەرنى ئۇ «چەتئەل» -ئالاھىدە دەپ ئويلىغان ئىدى، بۇ يەرنى ئۇنى بۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى، بىسەرەمجان قىلىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ ماشىنىنىڭ قاپقارا ئەينىكىنى ئاستا چۈشۈرۈۋەتتى، قار بولسا لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. ئۇ مەڭگۈ ياغسىمۇ ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىدىكى رەزىللىكنى يۇيۇۋېتەلمەيتتى. پەسلىكنى ئاقارتىۋېتەلمەيتتى. « ئاشۇ دالالار،- دېدى ئۇ خىيالىدا،- شۇنداق مۇنبەت تۇپراقلار ئىكەن، ماۋۇ ھۇرۇن قىرغىزلار ئازراق تىرىشسىلا، مۇشۇ يەرلەردىن ئاجايىپ كىرىملەرنى قىلغىلى بولىدۇ! بىزنىڭ ئاتۇشتا خەقلەر تاپتاقىر سايلارغا توپا تۆكۈپ باغ قىلىپ بولدى، ماۋۇ خەق مۇشۇنداق مۇنبەت يەرلەرنى باغ قىلىش تۈگۈل، تېخىچە ئۇنىڭغا كۆممە-قوناق تېرىپ يۈرۈپتۇ.» ئۇ كۈندە قاق بامدات ۋاقتىدا دۇكانغا كىردى، ماللارنى ساتتى، تاجىكلار، ئۆزبەكلەر، قىرغىزلار تاغارلاپ ماللارنى يۈكلەپ كېتىشتى. گاھىدا چۈشلۈك تاماقنى يېمەي سائەت ئۈچ-تۆتلەر بولۇپ كېتەتتى. مانا كارامەت، خۇدا بەرسە شۇنداق بېرىدۇ! ئۇ كۆڭلىدە ئويلايتتى: «خۇدايىم بۇيرىسا، مەنمۇ ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالىمەن، ھازىر ئۆي 250000 كويلارغا چىقىپ كەتتى، كىم بىلىدۇ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئۆسۈپ كېتەمدۇ، تېخى! ھەئە، ماشىنا ئالماي ئاۋۋال ئۆي ئېلىۋېلىش كېرەك. ئوغۇل بالا دېگەننىڭ ئۆيى، ۋەتىنى بولسا قالغىنى ھېچنېمە! ئاتۇشتا ئاشۇ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ پاتقۇزمىغىنىغا بولسىمۇ، چوقۇم ئۆي ئېلىش كېرەك. ئۆي ئېلىش پەرز! ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئۈچۈن ياشاشقا ئەڭ مۇناسىپ يەر. كىملەردۇر ئۈرۈمچىدىن ئاغرىنىشىدۇ، ئەسەرلىرىدە ئۈرۈمچىنى تىللىشىدۇ. ئىشىنى قىلسۇن! مەن يەنىلا ئۈرۈمچىنى ياخشى كۆرىمەن. تۇنجى بولۇپ يىغىلغان پۇلۇمغا ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالىمەن». ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن دۇكانغا كىرەتتى، سودا قىلاتتى. بەزى كۈنلىرى بىر -ئىككى مىڭ دوللارلىق سودا قىلسا، بەزىدە سودا بەك قىزىپ كېتەتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى سىنىغاندەك، جۈمە كۈنىدە سودىسى ئالاھىدە ياخشى بولاتتى. ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ سودا قىلغان كۈنى ئاشۇ بىر جۈمە كۈنى ئىدى، ئۇ كۈنى توپتوغرا 9000 دوللارلىق سودا قىلدى، ئۈچ مىڭ دوللار نىسى كەلدى. خېرىدارلارنى «ئەتە كېلىڭلار!» دەپ ھەيدىۋەتمىسە، چوقۇمكى، جۈمە نامىزىنىمۇ ئوقۇيالمىغان بولاتتى. كېيىن ئاكىسى توي قىلغىلى كىرىپ كەتتى. قىز بىلەن پۈتۈشتى. ئىلگىرى «ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالسۇن» دېگەن قىز ، ئۆي ئېلىنغاندىن كېيىن ئەمدى ماقۇل بوپتۇ. «تويغا لازىم بولىدۇ، ئۆمرىمىزدە بىر كېلىدىكەن ئۇكام» دەۋاتقان ئاكىسى ساندۇقنى ئاچقىنىچە، ساناپ تۇرۇپ 20000 دوللارنى ئەكىرىپ كەتكەنىدى. ئۈرۈمچىدە بىر، ئاتۇشتا بىر توي قىلدى. قىرغىزىستاندىمۇ قوي سويۇلۇپ، مېھمان چاقىرىلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاكىسى تېلېفۇن قىلدى: «ئۇكام، ئەرزان بىر ماشىنا ئۇچراپ قالدى، 15000 دوللار لازىم بولۇپ قالدى، كىرگۈزۈۋەت!» دېدى. ئۇ سەل ئويلىنىپ قالدى: دۇكاننى قىرغىزىستاندا ئاچىدىغان تۇرسا، ئۈرۈمچىدە ماشىنا نېمىگە لازىم بولۇپ قالدىكىن؟ ئۇ بۇ پۇلنى كىرگۈزۈۋەتتى. ھېلىقى خەنسۇمۇ بەزىدە نېسى مال بەرگىلى ئۇنىمايتتى، بەزىدە ئازراق بېرىپ، بىر نەچچە تاغار مال بىلەن باغلاپ قوياتتى. ئۇ ئويلىنىشقا باشلىدى: «ئۆيلەر ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ، مەن قاچان ئۆي ئالارمەن؟ پۇل تاپىمەن دەپ ئوقۇشۇمنىمۇ تاشلىۋەتتىم، قاچانمۇ ئىگىلىك ئىلىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كۈنلەر كېلەر!» ئۇ ئەلەم بىلەن ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، چاچلىرىنى چاڭگاللاپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئۈستىگە قارىغىنىچە بىردەم تۇرۇۋالدى. «مەندىكى بەختسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى-دېدى ئۇ كۆڭلىدە-، ئاشۇ ياۋاشلىقىمدا، قەسەم قىلمىساممۇ شۇنى دەيمەنكى، بۇندىن كېيىن ياخشى، مۆمىن ئادەم بولمايمەن، بۇنداق ئادەمنى ھەممىسى بوزەك قىلىدىكەن. كۆزىگە ئىلمايدىكەن!» ئۇ ئۆزىدىكى قورقۇنۇشلۇق بىر خىل ساداقەتمەنلىكتىن يىرگىنەتتى. ئۇ ئاشۇ خىل مەنىۋىيىتىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇناتتى. ئاكىسى ئۇ يەرگە چىققاندىن كېيىن، تەلەپپۇزى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى: «نېسىلارنى يېزىپ چىق!!» دېدى بىر كۈنى، ئۇ شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ يېزىپ چىقسا، قولىغا ئېلىپ قاراپمۇ قويماي، يان تەرەپكە تاشلاپ قويدى. -بالىلار !-دېدى ئۇنىڭ ئاكىسى قىرلىق شەپكىسىنى كەينىگە سۈرۈپ قويۇپ، شۇ ئۆيدىكى باشقا ياتاقداشلارغا، -مۇشۇ تولا كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم بولمايدىكەن، بىزنىڭ ما ئۇكاڭزا ئايلىقىغا مىڭ كوي بېرىدىغان شۇنداق چوڭ خىزمەتنى قىلماي بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ دەيمەن!-ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىۋەتتى ،-دەڭلا، راستمۇ، ئەمەسمۇ؟ كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ دەيمەن!... ئا..ھاي...!- ئاكىسى دېمىغىنى قېقىپ قويدى،- يا بىر مۇنچە ئۆگەنگەن ئەرەبچىسى ئەسقاتمايدۇ... «توۋا، ماۋۇ گەپنى، ئاكامنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپمۇ ماۋۇ!؟» ئۇ ھېچ نەرسىنى چۈشىنەلمىدى. نېمىلەرنىڭ، نېمە ئىكەنلىكىگە ئەقلى يەتمىدى. بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئويلىنىشقا باشلىدى، ئويلانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا چوڭ بايلار، مويسىپىتلار نەسىھەت قىلىدۇ: «سىز بىر داموللام، سىز ئاكىڭىزغا نەسىھەت قىلىشىڭىز كېرەك، ئۇ بۇنداق يولدا يۈرۈۋەرسە بولمايدۇ . بۇ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە ، جۈملىدىن سىزنىڭ يولىڭىزغىمۇ ماس كەلمەيدۇ! ئىككىڭلارغا خۇدايىم ئوبدان بېرىۋاتىدۇ، بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش سەۋەب قىلساقمۇ، سىلەرگە ياخشىراق بېرىۋاتىدۇ، بۇنى قەدىرلەڭلار». ئۇ ئويلىنىشقا باشلىدى: ئاكىسى ھەقىقەتەن بەتخەج ئىدى، كېچىلىرى نەدە قونغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئولتۇرۇشلاردا كۆپ بولاتتى. ماشىنا ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. پۇلنى سۇدەك خەجلەيتتى. ئۇ ھەممە ئىش تەبىئىي ئوڭشىلىپ قالسا دەيتتى. قارىغاندا ئىشلار ئۇنداق بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ دادىسىغا تېلېفۇن قىلدى: «دادا، ئاكام مۇشۇنداق يۈرىدۈ، سىزمۇ ھەج قىلىپ كەلدىڭىز، مەنمۇ ئوقۇدۇم. بىزگە، ئاكامغا بۇنداق يۈرۈش، ئىسراپچىلىق ياراشمايدۇ، ئاچام ناھايىتى كەمبەغەل، بالىلىرىنى ئاران ئوقۇتۇۋاتىدۇ. قىلىدىغان ئىشلىرىمىز تېخى جىق، سىز نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ». دادىسى «ماقۇل» دېدى. ئەتىسى دادىسىغا يەنە تېلېفۇن قىلغاندا، دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيرانۇ- ھەس قالدى: «سەنمۇ بەتخەج ئىكەنسەنغۇ! يىگىرمە جۈپ پايپاق، ئوندىن ئارتۇق ساقال ئېلىش ماشىنىسى ئاپسەنغۇ!» دېدى دادىسى. ئۇ: « توۋا، مەن ساقال ئېلىش ماشىنىسى ھەۋەسكارى بولمىسام، ئۇنچىۋالا ماشىنىنى نېمە قىلىمەن» دېدى ئۇ تېلېفۇندا، دادىسى مەڭگۈ تەن بەرمەيدىغان بىر ھەقىقەتنى تېپىۋالغاندەك:« ئوغلۇم ، سەنمۇ بەتخەجكەنسەن» دەپلا تۇرۇۋالدى. تۇيۇقسىز ئۇ «بەتخەج » بولۇپ قالدى، ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى. ئەكسىچە ئۆزى «جىنايەتچى» بولۇپ قالدى.
3
-ئەكە! ئوشكە كەلدىك، -دېدى تاكسىكەش ئۆزبەك ئۇنىڭغا ئۈستۈنكى ئەينەكتىن سۇئال نەزىرىدە قاراپ،- چۈشەسىمى؟... -مەملەكەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت يانىگە!!- دېدى ئۇ قاپىغىنىمۇ ئاچماستىن، خۇددى خىيالىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ئاچچىغى باردەك ئىدى. تاكسى بىردەمدىلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېنىدا توختىدى. ئۇ تاكسىكەشكە پۈتۈن پۇلدىن بىرنى تاشلاپ بېرىپ چۈشۈپ كەتتى. قار سەل توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئازراق ئۇچقۇنداۋاتاتتى. ھاۋا شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى. ئادەملەرمۇ، ھاياتمۇ شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇرنىنى يۇيۇۋېلىشىنىڭ كېرەكلىكىنى ئويلىدى. ئۆيگە بارسا، يەنە بىردەمدىن كېيىن ئاكىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشى ئېنىق. قانداق قىلسۇن؟ ئۇ يەنە بىر مەھەللىدىشىنىڭ ئۆيىنى قاقتى. بۇ ئاغىنىسى دۇكىنىنى بالدۇرلا تاقاپ، ئۆيىدە ئۆزبېكىستاننىڭ «كەلگۈندى كېلىن» ناملىق پىلاستىنكىسىنى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ كىنوسىنى كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى، ئۇ ئۇدۇل سۇخانىغا كىرىپ، بۇرنىنى ئوبدان يۇيدى، كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆكۈرۈپ قالغان يەر ھەممە ئىشلارنىڭ راستىنلا راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ، بۇ يەردىمۇ دۆۋىلىشىپ كەتكەن ساقال ئېلىش ماشىنىسى تۇراتتى. ئۇنىڭ قۇلىقىدا دادىسىنىڭ : «سەنمۇ بەتخەج ئىكەنسەنغۇ، نۇرغۇن ساقال ئېلىش ماشىنىسى ئاپسەنغۇ؟» دېگەن گېپى تەكرارلاندى، ئۇ ئەلەم بىلەن مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. ئۇ يان ئۆيگە چىققاندىن كېيىن ئاغىنىسىنىڭ بېرىلىپ كىنو كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە بىر ئۆيگە كىردى، بۇ كىچىككىنە ئۆيگە ھەر بىرى بىر كىشىلىك جىنازىدەك ئۈچ كارىۋات قويۇلغانىدى. ئۇ بىرسىگە ئوڭدىسىغا تاشلاندى. «توغرا، ياۋاش بولماسلىقىم كېرەك، بۇندىن كېيىن ھەرگىز بوزەك بولمايمەن، بوزەك بولساڭ، قۇشقاچمۇ دەسسەپ ئۆتىدۇ، -دەپ خىيال سۈردى ئۇ ئالدى بىلەن،- دادامنىڭ نېمە دېگىنىدۇ ئۇ؟ نېمىشقا مېنى بەتخەج دەپ ئويلايدىغاندۇ؟ ئاكامغا نېمىشقا نەسىھەت قىلىشنى خالىمايدىغاندۇ؟» ئاكىسى يەنە قىلغۇلۇقىنى قىلىۋەردى، ئويناۋەردى، دۇكانغا كىرىپ ياردەملىشەيمۇ دېمەيتتى، بۇيرۇق تەلەپپۇزلىرى كۆپىيىپ كەتتى، دۇكاننى ئۇ ئاچاتتى، ھەپتىدە بىر كۈن بولسىمۇ كىرىپ قارىشىپ بېرەي دېمەيتتى. ئۇرۇنسىز ئىشلار بىلەن ئۇنى ئەيىپلەيتتى. تاسادىپىي دۇكانغا كىرىپ قالغۇدەك بولسا: «بۇ ئادەمدىن نېمىشقا تاماق ئېلىپ يەيسەن، ئاۋۇنىڭ ياخشى، شۇنىڭدىن ئېلىپ يە!» دەيتتى نەسىھەت قىلىپ. «ياق! – دەپ ئويلىدى ئۇ بىر كۈنى، - بۇ مۇمكىن ئەمەس!- ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان، ئېتىراپ قىلىش قورقۇنۇچلۇق بولغان بىر خىيال كېلىپ قالغانىدى،- ياق، بۇ ئىگىلىكنى تەڭ قۇرۇپ چىققان تۇرساق، ئۇ مېنى سىقىپ چىقىرىۋەتمەيدۇ!» لېكىن ئەنە شۇ خىيال ئۇنى ئازابلايتتى. ئاكسىنىڭ مۇئامىلىلىرىمۇ:« سېنىڭ ھەققىڭ يوق! سېنىڭ ھەققىڭ يوق!!!» دەۋاتقاندەك ئىدى. «يېرىم يىلمۇ بولمىدى، نېمىشقا ئاكام بۇنداق بولۇپ قالىدۇ،- دېدى ئۇ كۆڭلىدە،-ياكى خوتۇن كىشى شۇنداق يامان بولامدىغاندۇ؟ تويدىن كېيىن ئۇنى نېمىشقا تونۇيالمايلا قالىمەن؟» دەل ئاشۇ كۈنى، ئاشۇ لەپىلدەپ قار ياغقان، ئىككىسى ئۇرۇشۇپ كەتكەن، ياقا سىقىشىپ كەتكەن كۈنى ئاكىسى دۇكانغا كىردى. ئالدى بىلەن خۇددى چوڭ بىر ئەتكەسچىنى سوراق قىلىۋاتقاندەك ۋارقىراپ، تەنبىھ بېرىپ، تۈپرۈكلىرىنى چاچرىتىپ ئەيىپلەپ كەتتى. مال سېتىش توغرىسىدا (خۇددى ئۇ تۆت يىلدىن بېرى سودا قىلمايۋاتقاندەك، مال سېتىشنى بىلمەيدىغاندەك) بىرمۇنچە ۋالاقلاپ خاپىلاپ كەتتى. ئۇ دىمىنى يەنە ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئۆزىدىن يىرگەندى، ئاشۇ خىل مەنىۋىي ئاجىزلىقتىن يىرگەندى. «بەلكىم،-دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇ شۇ چاغدا، -بىزنىڭ مۇشۇنداق ھەممىنى ئىچىمىزگە يۇتۇشىمىز ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىمىز بولۇشى مۇمكىن!» ئۇ ئاكىسى تۇرسا؟ قان-قېرىنداش ئاكىسى تۇرسا ئۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ نېمە دېسە «ھەئە» دېيىشى كېرەك، نېمە دېسە «ماقۇل» دېيىشى كېرەك. بولمىسا خەقنىڭ ئېڭىدا بۇ كاپىرلىقتىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولىدۇ. ھەممە گۇناھنى بۇنىڭدا قويىدۇ. ئاشۇ كۆتىنى ئۆمرىدە بىر قېتىم يۇيۇپ باقمىغانلار ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ: «توۋا، داموللام تۇرۇپ قاراڭلار، ئاكىسى بىلەن گەپ تالىشىپ، ئۇنىڭدىن بىزنىڭ زىنا قىلغىنىمىز مىڭ ياخشى » دېيىشىدۇ. ئۇ بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇشى كېرەك. ئۇ «خەق»، «جامائەت» دېگەننىڭمۇ ھېچ نېمە ئەمەسلىكىنى ئويلايتتى. -قارىكا، ما كىنو بەك قىزىپ كەتتى، كۆرەمسىز؟- دېدى ياندىكى بىر ئاۋاز. -ياق، مەن كۆرۈپ بولغان، سىز كۆرۈۋېرىڭ!- دېدى ئۇ تورۇسقا قارىغىنىچە. تورۇسقا ئادەتتىكى تام قەغىزى چاپلانغان ئىدى. «ئاشۇ تورۇستىكى قەغەزنى ئاستا قايرىسا، ئۇنىڭدىن يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلسا، ئۇ باشقا بىر دۇنيا بولغان بولسا، شۇ يەردىن چىقىپلا كەتكەن بولسام، بۇ يەرگە قايتىپ كەلمەيدىغان ئىش بولسا، ئۇ ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىق شامال چىقىش ئالدىدىكى بۇلۇتلۇق ھاۋادەك دۇنيا بولغان بولسا...» ئۇ خىيالىي ئويلىرىدىن مىيىقىدە كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. بۇلۇتلۇق ھاۋانى ئويلىسىلا كىچىك ۋاقتىغا كېتەتتى. ئۇ بۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى تېخىمۇ ئويلىغۇسى كەلمىدى. -قايچىنى ئال! -دېدى ئاكىسى ئۇ كۈنى، ئۇ قايچىنى سۇنۇپ بەردى. ماللارنى گاھ مېتىرلاپ، گاھ توپى بىلەن سېتىشتى. ئۇ خاتىرلەپ قويماقچى بولۇپ دەپتەرگە ئېڭىشتى. -پايدىنى تولا ھېسابلىماي، مېلىڭنى ساتە!!- دېدى ئاكىسى قايچا بىلەن مالنى كەسكەچ. ئۇنىڭ قاپىغى غۇژژىدە تۈرۈلۈپ كەتتى. «نېمانداق قىلىدىغاندۇ؟ نېمانداق قىلىدىغاندۇ؟ ئەستەغپىرۇللا!» دىدى ئۇ ئىچىدە، ئاكىسى ئۇنى تېخىمۇ مەنسىتمىگەن قىياپەت ۋە تەلەپپۇزدا خۇددى يىرگىنىشلىك بىر مەخلۇققا قاراۋاتقاندەك تەرزدە شۇنداق دېدى،- سەن پايدىنى ھېسابلىمىساڭمۇ بولىدۇ! ساڭا شۇ بەرسەم 20000 كوي بېرىمەن... بەرىبىر ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالالمايسەن!... ئۇ ئۆزىنى كونتېرول قىلالمىدى. نېمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىدى! توسالغۇسىز بىر خىل كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئاكىسىنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى-دە، ياقىسىدىن ئالدى: -سەن كىمىتىڭ؟ مەن سېنىڭ قۇلۇڭمۇ؟ ئادەم ئەمەس نېمىكەنسەن!؟ ئىشەكمۇ سەندەك بولمايدۇ!- ئۇ ئاپتوماتتەك تاتىلداپ كەتتى. ئاكىسى تېڭىرقاپ قالدى. ئىككىسى خەققە ئويۇن قويۇپ، پومداقلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى. خەقلەر بىردەمدىلا يىغىلىپ، نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاستا ئايرىپ قويۇشتى. -ئۇكام ، - دېدى ئاكىسى تەلەپپۇزىنى ساختىپەزلەرچە ئۆزگەرتىپ،- مەنمۇ جىق دەسمى بىلەن كىرمىگەن، ئۆزۈم تىرىشىپ تاپقان، دادام دەسمى سېلىپ بەرمىگەن... -مەنمۇ ئون مىڭ كوي قەلەم ھەققىمنى قوشقانغۇ؟ مالنى خەنزۇ نېسى بېرىۋاتىدىغۇ؟ ئىككىلىمىز تەڭ تىرىشتۇققۇ!... -ئون مىڭ كويغا كومپىيوتېر ئالغانسەن؟... -بەش مىڭ كويلۇق كومپىيوتېر ئون مىڭ كوي بولۇپ قالدىمۇ؟ سەنمۇ ئىككى ئۆي، ئىككى دۇكان، ئىككى ماشىنا ئالدىڭغۇ؟ نۇرغۇن پۇللارنى بۇزدىڭغۇ؟.... ئۇ خىياللىرىنىڭ ئاخىرىنى ئۇلاشنى خالىمىدى. خۇددى پۇلنى دەپ پەسلىشىپ كەتكەندەك، بۇ گۇناھ ۋۇجۇدىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. قۇلىقىغا نامەلۇم شىۋىرلاشلار ياكى كىملەرنىڭدۇر ئىچىدىكى ئوي-خىياللىرى ئاڭلانغاندەك بولۇپ كەتتى: -توۋا ئەجەب بولدى، بىر ئوبدان بالىلار ئىدى... -ئاكىسىنىمۇ ئۇرامدۇ؟ -ھازىرقى موللاملارغۇ زادى شۇنداق... -بۇ بالىلار زادى نېمىنى دەپ ئۇرۇشقاندۇ؟... -پۇل دېگەن يامان نېمە، بالىلار!... ئەمما ناھايىتى ئېنىق ئېسىدىكى، ئويلىماي دېسىمۇ شۇ ئويلىنىپ كېتەتتىكى، ئۇ لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارلارغا، ئاسمانغا قارىغىنىچە شۇنداق دېگەندەك خىيال سۈرگەن: «بۇندىن كېيىن ياخشى ئادەم بولمايمەن! ياۋاش ئادەم بولمايمەن!!! ئۇنى ھەممىسى بوزەك قىلىدىكەن! ئاھ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار!! مېنى كەچۈر!!!» ئۇ ھازىرقى زاماننىڭ ئەنئەنىۋىي قائىدىسىدەك كىشىلەرنىڭ گۇناھنى ئۆزىدە- موللاملاردا قويىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ھازىر قارىم-موللاملار شۇنداق بوزەك خەق ئىدى، ئۇلارنى نېمە دېسە بولۇۋېرەتتى. ھەئە، ئاكىسىدىمۇ قويىدىغانلار، ھەقىقەتنى ئازراق چۈشىنىدىغانلار بولۇشىمۇ مۇمكىن... «بۇ بىر ئوبدان بالىتى، ئۇنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلغان زادى نېمىدۇ؟» دەپ چوڭقۇر ئويلايدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ بۇنداقلار ئاز دەپ ئويلىدى –دە، ئاتۇشقا كىرىپ كەتسەم بولغۇدەك، بۇ ئىشنى چوڭلار بىر تەرەپ قىلسۇن، بولمىسا خەققە يەنە بولۇپ بەرمىسۇن، دەپ قارار قىلدى. بىر ۋاقىتتا بالىلارنىڭ پەشتاقتىن دۈپۈلدەپ چىقىشقان، ئارقىدىن ئىشىكنىڭ تاراققىدە ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنگەن باش: -توۋا، بۇ يەردىكەنسىزغۇ؟ پالۋانكەنسىزغۇ! ئالامەت ئۇرۇشىدىكەنسىز جۇمۇ!- ئۇ مەسخىرە قىلىپ ھۇزۇرلىنىپ كۈلدى. -داموللام مۇشنى ئالامەت ئېتىپ قويىدىكەن،-دېدى ئىككىنچى بىرىسى. بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا تېتىمىدى. زورلاپ ھىجىيىپ قويدى. ئۇلار يېرىم سائەتچە ئۇيان ئۆتۈپ-بۇ يان ئۆتۈپ ئىشلىرىنى قىلىشقاندىن كېيىن، پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشتى. -پالانىچى بارغۇ، ھازىر تويىنخانا ئاچقان بىلەن يېقىندىلا پۇستانى ئاشخانىدا ژۈندە تۆكۈدىغان نېمىتى ئۇ! -پۇل تاپمىسا، نېمە ئىش بار دەيمەن بۇ دۇنيادا... خېلى-خېلى ئوقۇغان داشۆسىڭلارمۇ، بىزنىڭ ئىككى كۈنلۈك پايدىمىزغا بىر ئاي ئىشەك بولۇپ ئىشلەيدۇ... -ھۆكۈمەتنىڭ خوتۇنى... دېگىنە... -شۇ خىزمەتكە ئېرىشەلىسە چوڭ گەپ تېخى...! -مېنىڭ ئانامنى دېمەيسەن،- دېدى بىرى گەپنى قاپبەلدىنلا ئۈزۈپ،-پۇل ئانىلارنىڭمۇ مېھرىنى ئۈزۈۋەتتىمىكىن دەيمەن، مەن ئاتۇشقا كىرىپ باقمىغىلى توپتوغرا ئون سەككىز ئاي بولدى، ئانام: بالام، پۇل تاپساڭ ياخشى، ئاتۇشتا نېمە بار؟ يەنە بىر يىل تۇرساڭ بىراقلا تويۇڭنى قىلىمىز دەيدۇ... -چوڭلارغا پۇللا بولسا بولىدۇ،-دېدى يەنە بىرى،- ئۆتكەندە مېنىڭ بىر ئاغىنەم: دادا، مەن 35000 كوي تېپىپتىمەن، ئەمما بۇنى شۇ، ئاق سېتىپ تاپقان پۇل، ھالال كۆرسەڭ ئال دەپتىكەن، ھېلىقى پۇستانى ھاجىم گەپ قىلمايلا ئاپتۇ... ئۇلار ھۇزۇرلىنىپ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. -ئاغزىڭدىن پۇلنىڭلا گېپى چىقىدىكەن، باشقا گېپىڭ يوقما؟- دېدى يەنە بىرى. -پۇلنىڭ گېپىنى قىلماي، ئۆزبەك جا... لىنىڭ گېپىنى قىلامدىموي!... ئا ئۆيدە داموللام بار جۇمۇ!... ھىلى باكا... -ما نېمىش قىلىۋاتقاندۇ، ئۆچۈرە دىيىڭنى، قىزىق پاراڭغا چۈشكەندە... -باللا، باللا، - دېدى يەنە بىرى،- ئۆتكەندە پۇستانچى باي بىلەن پوكۇنچى باي ئۇرۇشۇپ قاپتۇ،-ئۇرۇشنىڭلا گېپىنى قىلىدا ماۋۇ،-دېدى يېنىدىكى ئاۋاز،-ئەتىگەن داموللام بىلەن ئاكىسى ئۇرۇشۇپ قالدى... –ئۇ شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا،- نېمە چاتىقىڭوي،-دېدى باشتىكىسى گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- شۇ ئىككى ھاجىم ئۇرۇشۇپ ياقا سىقىشىپ قاپتۇ، بىرى كىچىكرەك، پاكارراق ئىكەن، تەڭ كېلەلمەي نېمە دەپتۇ دېمەمسىلەر؟ -نېمە دەپتۇ؟ -ئۆيۈڭدىكى ھەممە پۇلۇڭنى ئاچىقە جۇغۇ! ئاۋۇ گىردا جىڭلىشىپ باقىمىز! قايسىمىز نوچىكەنمىز! دەپتۇ. -تەڭ كېلەلمەي پۇلىنى ئېچچىقماقچى بوپتۇ-دە... ھاھاھا ... -بوي بولسىلا بولامدوي، ھازىر پۇلۇڭ بولسا ھېساب.... -راست ئەمەسموي، پۇستانى قارىمۇ مىسىردا ئوقۇپ كېلىپ ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەۋاتىدىغۇ؟... -پۇلۇڭ بولمىسا ئاتا-ئاناڭمۇ كۆزگە ئىلمايدىغۇ ھازىر...! -بۆشۈكتىكى بالاڭ دېگىنە!... -خۇددى بۆشۈكتە بالىسى باردەك مانىڭ... -ھىلى باكا، جۇما... ئاغزىمنى بۇزۇۋېتىمەن... مۇشۇ يەردە نۇرغۇن... ئۆزبەك قىزلىرىدىن.... -ئاغزىڭنى يۇمۇشە! - دېدى يەنە بىرى، - مەن داموللام بىلەن سۆزلىشىپ چىقاي جۇمۇ! ئەھۋال سوراپ قويىلى... -ئاتۇشقا كىرىپ كەتسىڭىز نېمە ئىش قىلاسىز؟ مۇشۇ يەر ياخشىتى!-دېدى كىرگەن ئاۋاز. -ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى!- دېدى ئۇ ئىككىلەنمەستىن، تورۇسقا قاراپ تۇرۇپ،-پۇل تېپىشنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمىدى!... -نەدىكى كىتابتىكى گەپلىنى دەيدىكەنسىز قارىكا، پۇل لازىم بولىدۇ دەيمەن... قېلىپ قېلىڭە مۇشۇ يەردە... ئايرىم دۇكان ئاچامىز بولمىسا...مالنى مانا مەن نېسى بېرىمەن... ! -رەھمەت... ئەمدى ھاياتىمدا سەل ئۆزگىرىش ياساپ بېقىشىم كېرەك... ھېلىمۇ بۇ ئىشقا تۆت يىلىمنى مەبلەغ سېلىۋەتتىم... ئوقۇشۇمنى تاشلىۋەتتىم...بەلكىم خۇدا مېنى جازالاۋاتقاندۇ؟...
شۇ كۈنىلا ئۇ ئۈرۈمچىگە كېتىشنى قارار قىلدى، ئەتىسىلا بېلەتنى ئېلىپ، ئاكىسى بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇئامىلىسىنى چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئايرىماقچى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدى.
4
ئۇ ئۈرۈمچى ئايروپورتىغا چۈشۈپ، ئالدىغا بىرسىنى چىقىدۇ، دەپ ئويلىمىغان ئىدى. چامادانىنى سىيرىپ، چوڭ ئىشىكتىن چىقىشىغا چوڭ ئاكىسى ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك چەكچىيىپ قاراپ كەتتى؛ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى. -ئەكىلە چامىدىنىڭنى، چىقە ماشىنىغا، ھېچ نېمە بولمىدى، قالغان گەپنى ئۆيگە بېرىپ دېيىشەيلى،-چوڭ ئاكىسى قۇلاقچىسىنى ئوڭشاپ قويدى،-ھېچنېمە بولمىدى دېدىمغۇ، ئۆزۈمچە شۇ... –چوڭ ئاكىسى ماشىنىنى ئاۋايلاپ ھەيدەپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار بىلەن مۇز بولۇپ كەتكەن يولىدا يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئوي-خىياللىرى تېخىمۇ چىگىشلىشىپ كەتتى. جىمجىت خىيال سۈرۈپمۇ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە ئەسلا يېتەلمىدى. -تاماق يېدىڭمۇ؟ ئاۋۋال تاماق يەۋالايلى، مەنمۇ كەچلىك تاماقنى يېمىدىم،-چوڭ ئاكىسى ماشىنىنى جەۋھەر ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا توختاتتى،-قورسىقىڭ ئېچىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ... -ھەئە، تولىمۇ ئېچىپ كەتتى، ئايروپىلان توپتوغرا توققۇز سائەت كېچىكىپ ئۇچتى، يېمەكلىك ئېلىۋالماپتىكەنمەن... ئۇلار ياشلار باغچىسىدىكى ئۆيىگە كىرگەندە ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئۆيدە تۇراتتى. ئۇ بۇلارنى ئاتۇشتا دەپ ئويلايتتى، بۇ يەردە بولۇشى تېخىمۇ ئۇنى گاڭگىراتتى. ئۇ دادىسى بىلەن سالاملاشتى. دادىسىنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرگەندىن كېيىنلا، مەلۇم بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىنى، بىر خاپىلىقنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بىر پەس جىمجىتلىق بولۇپ كەتتى. ئۇ بۇ ئۆيگە تېزلا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، بۇ بىللە سودا قىلغان ئاكىسى ئالغان ئۆي شۇ ئىدى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا 14000 كويلۇق تېلېۋىزۇر تۇراتتى، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىشكەن ئىدى. بۇلۇڭدا- ئاشخانىنىڭ يېنىدا كورىيەنىڭ يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن قىممەت باھالىق، ئىككى قاناتلىق يوغان توڭلاتقۇسى تۇراتتى. بۇ ئۆينىڭ بېزىلىشىگە كەم دېگەندە 70000~80000 مىڭ كوي كەتكەندەك ئىدى. -سەن مېنى زادى قاچانغىچە خاپا قىلىسەن؟ زادى قاچانغىچە خاپا قىلىسەن! – دېدى دادىسى ئۇنىڭغا ئەسەبىيلىك بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئېتىلغان بۇ گەپتىن (ئۇنىڭغا خۇددى بومبا ئېتىلغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى) ئۇنىڭ يۈرىكى «قارتتىدە» قىلىپ، ئۇ خۇددى بىر قېتىملىق كاپىرلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەندەك ئەندىكىپ كەتتى، - مەن سېنى بەش يىل ئوقۇتمىدىممۇ؟ يەنە قانداق ئوقۇتسام بولاتتى! ئۆگەي ئاپاڭنىڭ ئالدىدا يەنە قانداق قىلسام بولاتتى! مىسىرغا چىقىپ كەتسەڭ، بىز قانداق قىلىتۇق؟ خەقمۇ ئوقۇماي ياشاۋاتىدىغۇ! مەن بالا باقماي، نېمە باققاندىمەن! ئاكىسىنىمۇ قاقشىتىپ، تىجارەتنى تاشلاپ يېنىپ كەپتۇ! يا شۇ يەردە بىر ئوقەت قىلاي دېمەپتۇ...- ئۇنىڭغا زەمبىرەك ئوقلىرى ئارقىمۇ-ئارقا تېگىپ، ھوشىنى بىلەلمەي قالدى، ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالمىدى. دادىسىنىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەنىدى. ئۇ تۇيۇقسىز: «نېمىشقا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟!» دەپ ئويلاپ قالدى، بۇ سۆزنى قۇرئان كەرىمدە بۈۋى مەريەم ئانىنى تولغاق تۇتقاندا دېگەن ئىدى: «مىتتۇ قەبلە ھازا ۋە كۇنتۇ نەسيەم مەنسىييا». «كاشكى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، ئۇنتۇلۇپ ئەرزىمىگەن نەرسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسامچۇ!؟» دادىسى بىر دەمدىن كېيىن پەسىيىپ قالدى: -بۇنىڭمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆي ئالغۇسى كېلىدىغاندۇ، ماشىنا مىنگۈسى كېلىدىغاندۇ؟-دېدى دادىسى ئېچىنىشلىق بىر تەرزدە. ئۇنىڭ يۈرىكى «شۇررىدە» قىلىپ ئېرىپ كەتتى. «بەلكىم مەندىمۇ خاتالىق بارمۇ نېمە؟ » دېدى ئۇ كۆڭلىدە، لېكىن ئۇنى ھەر قانچە ئويلاپ بولسىمۇ شۇ دەقىقىلەردە ئۇنى تاپالمىدى. -مەن ماشىنىغا، يەنە بىر نېمىلەرگە قىزىقمايمەن!- دېدى ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بىر خىل تەمكىنلىك بىلەن،- شۇ، ئۈرۈمچىدىن بىر ئۆيۈم بولغان بولسا دېگەن ئىدىم، لېكىن، ئۆي ئالىدىغان پۇلغا ماشىنا ئېلىۋالدى، سېۋىتتا دۇكان ئاچىدىغان ئادەمگە ئۈرۈمچىدىن ماشىنا نېمىگە لازىم بولىدۇ؟-ئۇ ئەجەبلىنىپ قاراپ قويدى،-ماشىنا بۇ يەردە بىكارلا تۇرىدىغۇ؟ بىكار تۇرسا پاختەك ئۈستىگە چىچىپ قويىدىغۇ؟ خەقلەر يېلىنى چىقىرىپ قويىدىغۇ؟ ئۇنى قويۇپ قويۇش ئۈچۈن چەپەڭنىڭ بىر يىللىقىنى تۆت-بەشمىڭ كويغا ئىجارە ئېلىشقا توغرا كېلىدىغۇ؟ دېمەك، ماشىنا ئېلىشقا ھېچقانداق ئېھتىياج يوق. بوپتۇ ئېھتىياج بار دەيلى، ماڭا قاچان ئۆي ئالىمىز؟ ئۇنىڭ ئەسلا ماڭا ئۆي ئالىدىغان نىيىتىمۇ يوقكەن! ئىككىمىزنىڭ ماڭغان يولىمىز ئەسلا ئوخشىمايدىكەن. مەن ئۇنىڭ خىيالىنىڭ بۇرجىكىنىڭ بۇرجىكىدىمۇ يوقكەنمەن؛ بەلكىم ئىلگىرى بار بولغىيتىم: «ئۇكام ساڭىمۇ بىر ئۆينى تىزىملىتىمىز» دېگەن چاغدا بار بولغىيتىم. ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەنمەن، ئۇ ساڭا بەرسەم ئاران 20000 كوي بېرىمەن دەيدۇ،-ئۇ يىغلىۋېتىدىغاندەك ئىدى، لېكىن ئۆزىنى خېلىلا تۇتۇۋالدى،- 2000000 پۇل تېپىپ، 20000 مىڭ بېرىمەن دېسە، كىم ئۆزىنى بوزەك ھېس قىلمايدۇ؟! سېۋىتكە چىقمىغان بولساممۇ، ئاتۇشتا كىچىك ئوقەت قىلغان بولساممۇ تۆت يىل دېگەندە بۇنچىلىك پۇلنى تاپقىلى بولمامدۇ؟ پۇل بەك رەزىل-نىجىس نەرسىكەن؛ ياق، ئادەملەر شۇنداق ئىكەن. مەن ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىمغا ئوقەت قىلىمەن! ئەمدى ئوقۇيمەن! -يەنە ئوقۇپ نېمە قىلىتىڭ! ھە، نېمە قىلىتىڭ!!- يەنە ئەسەبىيلەشتى دادىسى،- پالانى قارىممۇ مىسىردىن كېلىپ ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەۋاتىدىغۇ؟... ئۇ بۇ گەپنىڭ تېگىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاڭقىرالمىدى. -مەن نەدە مىسىردا ئوقۇيمەن دېدىم؟ -ئاكاڭغا شۇنداق دەپسەنغۇ؟ «ۋاي رەزىل ئەبلەخ!!!- ئەمدى ئۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتكەندەك قىلدى،-ئۇ چوڭلارنىڭ پىسخىكىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپتۇ. تېمىنى باشقا يەرگە بۇراپتۇ. پۇل ئىشى بۇ تەرەپتە قاپتۇ. ئەمدى ‹گۇناھكار› پۇل بەرمىگەن كىشى ئەمەس، ئۆزى بولۇپ قاپتۇ. ئاھ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار! توۋا خۇدايىم... ! ماۋۇ رەزىللىكنى كۆرۈڭ...! »ئۇ ئىچىدە ئەسەبىيلىشىپ كەتتى، يۈرىكى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئارتۇق سۆزلىشىشكە رىغبىتى، ماغدۇرىمۇ قالمىدى. -مەن مىسىرغا چىقىمەن دېمىدىم... –دېدى ئۇ مىسكىن تەلەپپۇزدا،-مەن شۇ ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلدىم...- ۋاقىت تەڭ كېچە بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئەمدى ھەممەيلەننىڭ ئۇخلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئارتۇق گەپ قىلمىدى، لېكىن چارچىغان بولسىمۇ، ئۇيقۇسى تاكى تاڭ ئاتقۇچە، بامداتقىچە كەلمىدى. ئۇ توپتوغرا بىر كېچە: «ئادەملەر نەقەدەر رەزىل-ھە!» دېگەننى ئويلاپ چىقتى. «ئاتۇشلۇقلارنى ياخشى كۆرمەيمەن! -دەيتتى ئۇ يەنە شۇ كېچىدە، - ھەئە، ئۇلار پۇل تېپىشقا بەك ماھىر، ئۇيغۇرنىڭ يەھۇدىيلىرى! شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بايلىرى دەل مۇشۇ يەردە! لېكىن ئۇلار ناھايىتى خاتا يوللاردا مېڭىۋاتىدۇ، پۇللىرىنى توغرا يوللارغا ئىشلەتمەيۋاتىدۇ! ئەگەر ئۇلارنى يەھۇدىيلارنىڭ پەلسەپىسى ئەنە شۇنداق يولدا ماڭىدىغان قىلغان بولسا، شۇ يەھۇدىيلارغا، شۇ يەھۇدىيلارنىڭ پەلسەپىسىگە، ‹ئاۋۋال مەندۇرمەن، مەندىن ئاۋۋال يەھۇدىيدۇرمەن› دېگەن گەپلىرىگە، شۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىغا، خۇللەس پۈتۈن سۇلالىسىغا لەنەتلەر بولسۇن!!! بەلكىم ، - دېدى ئۇ يەنە بۇ گەپنى ئويلىشىمۇ ناھايىتى خەتەرلىكتەك ئويدا،- ئۇلارنىڭ شۇنداق باي بولالىشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ بىر رەزىللىكتۇر! قوشنىلىرى، مەھەللىداشلىرى، مىللىتى مۇشۇنداق نامرات -كەمبىغەل تۇرسا، ياق! يېقىن تۇغقىنى، مەسىلەن مېنىڭ ئاچامنى ئېيتايلى، بالىلىرى شۇنداق كەمبەغەللىكتە ئوقۇيدىغان تۇرسا، كۈنى ئارانلا ئۆتىدىغان تۇرسا، دېمەك نۇرغۇن ئادەم كەمبىغەل تۇرسا ،ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق پۇللارنى يىغالىشىنىڭ ئۆزىلا بىر رەزىللىكتۇر!- ئۇ قورقۇپ كەتسىمۇ ئەنە شۇنداق خىيال سۈردى،- پۇل، سەن شۇ قەدەر يامان نەرسىمۇ ؟» «بەلكىم بۇ دۇنيانىڭ راستىنلا ئەھمىيىتى يوقتۇر؛ ھەممە نەرسە ھېچ نەرسە ئەمەستۇر؛ بەلكىم بىر نەرسىنى ئارزۇ قىلماسلىق لازىمدۇر؛ نېمىشقا مەن بىر نەرسىنى ئارزۇ قىلساملا، ئۇ غايىپ بولۇپ كېتىدۇ؛ بۇ دۇنيانىڭ باشلىنىش- ئاخىرلىشىشى نېمە؟ مۇھەببەت دېگەنچۇ؟ رومانلاردىكى، كىنولاردىكى، ھېكايىلەردىكى مۇھەببەت راستمىدۇ؟ قانداقسىگە بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ؟ ئۇ بىر گۆش، سۆڭەك، تېرىلەردىن تەركىپ تاپقان تۇرسا- مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ پۈتۈنلەي بىر ماددا تۇرسا، قانداقسىگە ئۇنىڭغا مۇھەببەت دېگەن نەرسە بولىدۇ؟ توۋا!- دېدى ئۇ بىر كۈنى سۇ خانىدىكى ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ،- بۇ راست مەنمۇ؟ ئەگەر بۇ راستىنلا مەن بولسام، ئاشۇ كۆز، كىرپىك، قاش، ياكى يۈز... ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بولسام،- ئۇ ئەينەكنى تۇتۇپ سىلاپ باقتى ۋە ئەينەكتىكى سىمانى ‹مەن› دەپ تەسەۋۋۇر قىلدى،- ئۇنداقتا مەن قانداقمۇ خىيال سۈرەلەيمەن، ئويلىنالايمەن!؟ نېمىشقا بۇ ھايات دېيىلىدۇ. نېمىشقا كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ! تېتانىك فىلىمىدا بىر كۆرۈنۈش بار، ئۇنىڭدا بىر گۈزەل ئايال بىردەمدىلا قېرىپ كېتىدۇ، توغرا مەنمۇ بىر چاغدا شۇنداق قېرىپ كېتىمەن... خەقلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە، ئەقىل ئۆگىتىشلىرىگە، ئىسپاتلاشلىرىغا قايىل ئەمەسمەن. ئۇنداق گەپلىرىگە خوشمۇ ياقمايدۇ، لېكىن مېنىڭ ۋۇجۇدۇم ئاجايىپ، ئۆزۈممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر كۈچكە تەسلىم. مەن ئۇنىڭ ئىلكىدە، ئۇ مېنى باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭسىز ھېچنېمەم ھېچنېمە ئەمەس!- ئۇ ئەينەكتىكى ئۆزىنىڭ سىماسىنى يەنە بىر قېتىم سىيلاپ قويدى،-توغرا، بۇ ماڭا كۆرۈنۈۋاتقاننىڭ ھەممىسى بىر ماددا، قان، گۆش، سۆڭەكلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ماددا، نېمىشقا ئاشۇ ياغاچ كۆمۈرگە ئوخشايدىغان يۇمىلاق نەرسە شەيئىلەرنى كۆرەلەيدۇ. بايىلا تېخى نېمىشقا ئادەملەردە مۇھەببەت بولىدۇ، ئاشۇ بىر ماددىنى قانداقلارچە ياخشى كۆرەلەيدۇ ؟ دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم، ھەئە، شۇنداق ئويلىغان ئىدىم... ئەجىبا بۇ تەسەۋۋۇرۇمدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، مەن نېمىشقا باشقىلارنى ياخشى كۆرىمەن؟ - ئۇ جۈمەكنى ئېچىۋەتتى،- مەن نېمىشقا ئۇسسايمەن؟ يېمەكلىككە ئېھتىياجىم چۈشىدۇ؟-ئۇ سۇلارنى ئالقىنىڭغا ئېلىپ ئويناشقا باشلىدى، مانا ئەمدى ئۇنىڭغا ھەر قانداق ئاددى نەرسە ناھايىتى تېرەن بىلىنىپ كەتتى،- توغرا، مەن چۈشەندۈرۈشنىمۇ، چۈشىنىشنىمۇ، ئەقلىمگە سېلىشنىمۇ خالىمايمەن! ھەئە، خالىمايمەن! كىچىكىمدىن مېنى ئاشۇنداق مەھلىيا قىلىپ كەلگەن ئاشۇ غايىۋانە سېھىرلىك كۈچكە، ئەقلىمنى ئىشلىتىشكە ھاجىتىم چۈشمەي تۇرۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىشىمگە ھاجىتىم چۈشمەي تۇرۇپ تەسلىم بولىمەن! بۇ دەل ئاشۇ مېنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان توغرىلىق. ھە ئەمدى بىلدىم، مەن ئىزدەۋاتقان ياكى مېنى ئىزدەۋاتقان نەرسە ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت- ئۇ بۇ خىيالىم تۇيۇقسىز قېچىپ، يۈتۈپ كەتمىسۇن، دېگەندەك ئەينەككە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىكىلگەنىدى،- مەن ئۇنى چىڭ ساقلىشىم كېرەك، باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن، مېنى نېمە دەپ ئويلىسا ئويلىسۇن، مەن ئۇنى چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك، ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلىپ قالماسلىقىم كېرەك. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام، ئۇ چاغدا مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ، زادىلا قالمايدۇ! –ئۇ شۇلارنى قارارلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە قوشۇپ قويدى-گېزى كەلگەندە مىليونلاپ ئادەم ماڭا قارشى چىقسىمۇ، مېنى‹يامان› دېسىمۇ، ‹قارىم دېگەن ئۇنداق›،‹ موللام دېگەن مۇنداق› دېسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مانا ھازىر مەن تاپقان، ياق ئۆمرۈم بويى تاپقان بۇ نەرسىنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەس! ھېچ نەرسە ئەمەس! ھەممە نەرسىنى ئويلىماي تۇرۇپ،- دېدى ئۇ خىيالىنىڭ داۋامىدا،- ھەممە ئىسپاتلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئىنسان بۇ دۇنيادا شۇنداق غايىۋى بىر يۈكسەك كۈچنىڭ ئادىللىقى بولمىسا، دۇنيانىڭ ئېچىنىشلىق ناھەقچىلىكلەرگە-پاجىئەلەرگە تولۇپ، ھەممە نەرسىنىڭ پۈتەنلەي قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ھېچنېمىنىڭ ھېچنېمە بولمايدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، شۇ توغرىلىقنىڭ بىردىنبىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.» ئۇ كۈنلىرىنى ئاشۇنداق خىياللار بىلەن ئۆتكۈزدى، ھېچ نەرسىنى ئويلىماسلىقنىلا ئويلىدى. دادىلىرى ، ئاكىلىرى ئاتۇشقا كېتىشكەنىدى. بىر كۈنى بېيجىڭدىكى بىر تونۇشى تېلېفۇن قىلدى: «ھازىر مىندا دا ئوقۇغۇچىلار تەتىل قىلدى، ياتاقلار بوش قالدى، بۇ يەرنى كۆرۈپ كېتىڭ، مەكتەپتىن ئەرزان تاماق يەيسىز...»، «بوپتۇ، بېيجىڭنى بولسىمۇ كۆرۈپ كېلەي،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- قىرغىزدا ئىككى يىلغا يېقىن تۇرۇپ، تاشكەنتنىمۇ، بېشكەكنىمۇ تۈزۈك كۆرۈپ باقماپتىمەن». ئۇنى بىر نەچچە توردىشى مىھمان قىلىپ ئۇزىتىپ قويدى: «بېيجىڭدا پۇستانى بار» دېدى بىر توردىشى، ئۇ رەھمەت ئېيتىپ، ۋوگزالغا يېتىپ كەلدى، يۈك-تاقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، توردىشى دەرىزىنىڭ تۈۋىدە قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇزىتىپ قالدى. پويىز تاقىلداپ مېڭىپ كەتتى.
5
داۋامى بار... |