رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى(1) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى(1) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

uyghurzade 2011-08-21 18:19

ئاپتورنىڭ ئېلاۋىسى: ئىككى ئاي بۇرۇن  مۇنبەردىن چېكىنىش ئالدىدا رامىزان تۈگىگەندە كىرىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەنىدىم. مانا ھەش-پەش دېگۈچە گۈزەل رامىزان ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىگە قەدەم قويۇپ روزى ھېيتنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇراۋاتىمىز.بۇ بىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئالاھىدە، ھاياجانلىق كۈنلەر. شۇ ۋەجىدىن ئەلكۈيى تورىدىكى كونا يېڭى دوستلارغا سالام بېرىش ئۈچۈن ئەلكۈيى تورىغا روزى ھېيت ھارپىسىدا مۇنبەر ھاياتىمدىكى ئىكىنچى تېمىنى يوللاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. قېرىنداشلىرىمغا سۇنۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ ھېسبايان 2008-يىلى 8-ئايدا يېزىپ ئاخىرلاشتۇرغان "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە" ناملىق كىتابىمنىڭ 6- بابى بولۇپ، بۇرۇن مەتبۇئاتلاردا تەھرىلەپ ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىم ئەلكۈيى تورىدا بۇ بابنىڭ ئەسلى نۇسخسنى ۋە باشقا بىر-ئىككى بابنى چاتما يازما سۈپىتىدە ئېلان قىلىش قارارىغا كەلدىم. گېزى كەلسە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، مەن ساياھەت ئەدەبياتى يېىزىقچىلىقىنى ۋە ئەدەبىي خاتىرە يېزىقچىلىقىنى 2008-يىلى توخىتىتىپ ئىلمي ماقالە ۋە ھېسماقالە يېزىقچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن. شۇڭا يازمىدا تىلغا ئېلىنغان بەزى مەسلىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىم ئۈچ يىل بۇرۇنقىغا ئوخشماسىلىقى مۇمكىن. يېقىندا مۇنبەرلەرنىڭ رايىنى كۆزىتىپ ئوقۇرمەنلەردە يەنىلا ساياھەت ئەدەبياتى شەكلىدىكى ئەسەرلەرگە مايللىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ بۇ تېمىنى يوللىدىم، قېرىنداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
                                                        ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونۇلۇلۇ خىياللىرى(1)
                                                                 6-باب: پروفېسسورلىرىم نېمە دەيدۇ؟

          ئۆزىمىز تونۇش بىر ئۆيگە كىرسەك ، ئۆيدە يېڭىدىن پەيدا بولۇپ قالغان چىراغ ، رەسىم، سائەت دېگەندەك نەرسىلەرنى ئوڭايلا بايقىۋالىمىز. ئەمما ، ئۆزىمىزگە تونۇش ئۆيدىن يۈتكەن نەرسىلەرنى بايقاش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس . كۆزلىرىمىز ، قۇلىقىمىز يېڭىدىن پەيدا بولغان ئادەملەرگە ، نەرسىلەرگە سەزگۈر؛ لېكىن ئارىمىزدىن يۈتكەن ئادەملەرنى ، نەرسىلەرنى دەرھال ھېس قىلماق ئاسان ئەمەس. بەزىدە مەلۇم قىممەتلىك ئادەم ياكى نەرسە ئارىمىزدىن يۈتۈپ نەچچە ھەپتە ، نەچچە ئاي ، ھەتتا نەچچە يىل ئۆتكەندىمۇ بىز ئۇلارنىڭ يوقلۇقىنىڭ قانچىلىك بوشلۇق پەيدا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرەلمەيمىز. بۈگۈن ئۇيغۇرلار قىممىتىنى دەرھال ھېس قىلالمايۋاتقان، ئەمما يوقلۇقى بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تېيىز – چوڭقۇرلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئىجتىمائىي توپ بار . بۇ ئىجتىمائىي توپ دەل ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، شەرىپىدىن ئۆمەر ، خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن ئايۇپ قاتارلىق ۋاپاتى بىلەن ھەم مۇنبەردە ھەم مەتبۇئاتتا زور يوقىتىش پەيدا قىلغان كلاسسىك زىيالىيلار توپىدۇر. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئىلىم ھەم پەزىلەت بابىدا يېتىلگەن پروفېسسورلارنىڭ، زىيالىيلارنىڭ رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ . ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىم دەل زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە ئورنى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان چاغلىرىم بولغاچقا، مەكتەپتە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇپلا يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ باشقا پروفېسسورلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرىدىم.

       تۇنجى بولۇپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم (advisor)، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىسى (Graduate Chair) دوكتور سۈن كىچەي (Sun–ki chai) بىلەن كۆرۈشتۈم . ئۇ – ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Starford University) دا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ، چىرايىدىن ھەمىشە يېقىملىق تەبەسسۇم كەتمەيدىغان 45 ياشلار چامىسىدىكى سالاپەتلىك ئادەم ئىدى. مەن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىشلەيدىغان پروفېسسورلارنىڭ سېھرىي كۈچى، پەزىلىتى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئىجابىي باھالارنى، تەرىپلەرنى ئاڭلىغاندىم. كورىيە قان سىستېمىسىدىن بولغان، باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە پۈتۈنلەي ئامېرىكا مائارىپىنى قوبۇل قىلغان يېتەكچى پروفېسسورۇم سۈن كىچەيدە تەسەۋۋۇرۇمدىكى پروفېسسورلارنىڭ جىمى ئالاھىدىلىكلىرى تېپىلاتتى . پەقەتلا ئۆڭى ۋە كورىيە فىلىملىرىدە جىق كۆرگەن مۇلايىم، ئېغىر – بېسىق ، كىنو چولپانلىرىغا خاس سالاپىتى ئۇنى خىيالىمدىكى ئاق تەنلىك پروفېسسورلاردىن سەل پەرقلەندۈرۈپ تۇراتتى.

       ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا مەسئۇل خادىم تېپىپ بەرگەن ئېلخەت ئادرېسى بويىچە دوكتور سۈن كىچەيگە خەت يازدىم . پروفېسسور ئەتىسى ئەتىگەندىلا جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. جاۋاب خەتتە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋاقتىمنىڭ بار – يوقلۇقىنى سوراپتۇ . ۋاقتىم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يېزىۋەتتىم. چۈشكە يېقىن سىم – سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى . مەن بالكونى ئوچۇق ئاشخانىمىزغا بالدۇرراق چىقتىم – دە ، چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلغاچ پروفېسسور مەندىن سوراپ قېلىش ئېھتىمالى بار سوئاللارنى پەرەز قىلىپ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . ئەمما سەل _ پەل جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. سەۋەبى : بىرى ، مېنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاللىغىنى دەل مۇشۇ پروفېسسور بولۇپ ، سوئالىغا لايىقىدا جاۋاب بېرەلمەي قالسام سەت بولارمۇ دەپ ئەندىشە قىلاتتىم . يەنە بىرى ، تۇنجى ئۇچرىشىش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سۆھبەت داۋامىدا ئۆزۈمنى قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭلۈمدىكىدەك ئىپادە قىلالىشىم ۋە ئۆزۈم تاللىغان «كىملىك ۋە شەھەرلىشىش» تېمىسى ھەققىدە قانچىلىك تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىم پروفېسسورنىڭ ماڭا بولغان چۈشەنچىسىدە مۇھىم رول ئوينايتتى . يەنە كېلىپ ، جىددىيلىشىشىمگە ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا پسىخىكامدا تەبىئىي ھالدا يىلتىز تارتقان ئامېرىكا پروفېسسورلىرىنى چوڭ بىلىش ھېسسىياتىمۇ سەۋەب بولۇۋاتاتتى .

        يېتەكچى پروفېسسورۇم بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىمىز ئۆزۈم ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك تەبىئىي ۋە ئوڭۇشلۇق بولدى . پروفېسسورنىڭ مېنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشخانىسىغا باشلىشى بىلەن جىددىيلىكىم سەل پەسەيگەندەك بولدى . مېنى ھەيران قالدۇرغان نۇقتا شۇ بولدىكى ، مۇلايىملىق ۋە سىيلىقلىق ئاياللارنىلا ئەمەس ئەرلەرنىمۇ ئاجايىپ زور سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن . پروفېسسور سۈن كىچەينىڭ چىرايىدىكى تەبىئىي كۈلۈمسىرەش ، گەپ قىلغان ئاھاڭىدىكى ، يۈرۈش – تۇرۇشىدىكى سىپايىلىك تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىلا ماڭا بۆلەكچە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى ھەم جىددىيلىكىمنى سەل – پەل بولسىمۇ يەڭگىللەتتى .

- ئاۋۋال بىر ئىستاكاندىن قەھۋە ئىچەيلى ، – پروفېسسور بىر دەمدىلا ئىككى ئىستاكان قەھۋە دەملەپ بىرىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ، بىرنى ئالدىمدىكى ئورۇندۇققا قويدى .

- سىز تولۇق كۇرستا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇماپتىكەنسىز ، – دېدى پروفېسسورۇم قەھۋەدىن ئوتلىغاچ ، – ئەمما شەخسىي بايان (Personal Statement)① ىڭىزدىكى بەزى قاراشلىرىڭىز ۋە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن قىلغان ئىشلىرىڭىز مېنى قىزىقتۇردى . بەلكىم ، «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا مەسئۇل دوكتور كىم سىمول سىزگە دېگەن بولۇشى مۇمكىن ، سىزنى مەن تاللىغان .

- رەھمەت ، – دېدىم مەن تەمى قىرتاق ، ئەمما باھاسى قىممەت قەھۋەنى (باھاسىنىڭ قىممەتلىكىنى كېيىن ئۇقتۇم . ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا ھەرقانچە قىلىپمۇ قەھۋە ئىچىشكە كۆنەلمىگەنىدىم) بايقىماستىن گۈپپىدە ئېچىپ سېلىپ ، – مېنى سىزنىڭ تاللىغانلىقىڭىزنى كىم سىمول ماڭا ئېيتقان .

- «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش ئاسان قولىغا كېلىدىغان پۇرسەت ئەمەس . سىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن .

- رەھمەت ، – دېدىم پروفېسسورنىڭ گېپىدىن ئىلھاملىنىپ ، – جەمئىيەتشۇناسلىق بىزدە بىر بوشلۇق . بىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن جاۋاب ئىزدەيدىغان تېمىلار بەك جىق . بۇرۇن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇمىغان بولساممۇ ، «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا تاللانغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە خېلى ئىزدەندىم ، تىرىشىپ ئوقۇيمەن .

جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى كىملىك تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلىقىمدىن پروفېسسورنىڭ خەۋىرى بار ئىكەن . ئۇ گەپ ئارىلىقىدا قايسى نۇقتىنى تۇتقا قىلىدىغانلىقىنى سورىدى . مەن «شەھەر ئۇيغۇرلىرى ۋە كىملىك» دېگەن تېمىدا ئىزدىنىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم . ئەسلى پروفېسسورمۇ كىملىك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن ۋە بۇ ساھەدە «كىملىكنى تاللاش» (Choosing Identity) دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرغانىدىكەن . ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر بىرەر تۇغقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بىرەر مىللەتتىن بولۇپ قالسا ، ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى شۇ مىللەتنىڭكىگە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىدىن پۇشايمان قىلىدىغان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس . ئەمەلىيەتتە بۇ بۈگۈنكى تۈرلۈك جىددىي كرىزىس ئالدىدا تەمتىرەپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كاپىتالى نۇقتىسىدىن ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە بۇ ھادىسىنىڭ شەخسنىڭ سۇبيېكتىدا سېنتىزلاشتىن ئۆتۈپ ئىجتىمائىي رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى . بۇ ھەقتىكى بايانلار پروفېسسور سۈن كىچەينىڭ يۇقىرىقى كىتابىدا بار بولۇپ ، ئامېرىكىغا كەلگەنلىكى كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىلىق بولۇشقا نېمە ئۈچۈن كۈچەيدىغانلىقى ، ئەمما ئامېرىكانلارنىڭ دۇنيانىڭ نەرىگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۆز كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كىملىك ھادىسىسىنىڭ چوڭقۇر سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنغانىدى . كىملىكنى تاللاش ئەمەلىيەتتە ھوقۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى .

پروفېسسور سۈن كىچەي بىلەن يېرىم سائەتكە يېقىن پاراڭلاشتۇق . ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر پىكىردىن كۆرە ئادەمگە ئۈنسىز تەربىيە بېرىدىغان سىپايىلىكى ۋە كۆڭۈلچەكلىكى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بىرەر نۇقتىدا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغىنىمدا ياكى ئۆزۈمگە تازا تونۇشلۇق بولمىغان تېمىلاردا ئويلىنىپ قالغىنىمدا، پروفېسسور مېنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن گەپنىڭ تېمىسىنى مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەزمۇنغا يۆتكەيتتى. بۇ ھالدا مەنمۇ ئۆزۈمنى دەرھال ئوڭشىۋالاتتىم – دە ، يەنە بىر تېمىنى چۆرىدەپ بولۇۋاتقان پاراڭغا دەرھال كىرىشەلەيتتىم . ئارىلىقتا ئائىلە ئەھۋالىم ، قىزىقىشىم ، ئۇنىۋېرسىتېتقا كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم خۇسۇسىدا پاراڭلار بولۇندى . سۆھبىتىمىز ئاخىرلىشىدىغان چاغدا مەن ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كەلگەن بىر داپ بىلەن بىر ئايالچە دوپپىنى خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە پروفېسسورغا سۇندۇم :

- ئاددىي بولسىمۇ قوبۇل قىلىڭ . بۇ چالغۇنىڭ ئىسمى داپ ، ئۇيغۇر سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چالغۇ . بۇ باش كىيىمنىڭ ئىسمى دوپپا ، ئۇنى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز قولى بىلەن تىككەن . بۇ دوپپىنى ئايالىڭىزغا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەنىدىم .

پروفېسسور «نېمىدېگەن چىرايلىق!» دەپ دوپپىنى سىيلاپ كەتتى ۋە ماڭا قايتا – قايتا رەھمەت ئېيتقاچ داپنى تاراڭشىتىپ باقتى . پروفېسسور دوپپىنى سىيلاۋاتقان شۇ دەقىقىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى» ناملىق كىتابىدىكى دوپپىلارنىڭ ياپونىيىگە كەلگۈچە بويىقى چىقىپ ئادەمگە بەرگۈسىز بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار ئېسىمدىن كېچىپ ئۈلگۈردى. پروفېسسور دوپپىنى كىتاب جاھازىسىغا تىزدى، داپنى ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا ئاستى ۋە ھېسسىياتلىق قىلىپ : «مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن! سىز جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ھەم مېنىڭ قولۇمدا تەربىيىلىنىدىغان تۇنجى ئۇيغۇر بولدىڭىز . سىز بەرگەن بۇ يادنامىلار ماڭا ئۇيغۇرلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ!» دېدى . ئامېرىكانلار ئادەمنى گەپ ئارقىلىق خۇش قىلىشنى بىلەتتى. يېتەكچى پروفېسسورنىڭ يۇقىرىقى گېپى مېنى خۇشال قىلدى.

خوشلىشىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم ؛ پروفېسور ئىشىك تۈۋىگىچە ئۇزىتىپ چىققاچ نېمە ئىش بولسا تارتىنماي ئۆزىگە دېيىشىمنى تاپىلىدى ۋە گېپىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۆزۈم قىزىققان «شەھەرلىشىش ۋە كىملىك» دېگەن تېما ھەققىدە قورقماي ئىزدىنىشمنى ئېيتتى. پروفېسسورۇمنىڭ ئىشخانىسىدىن جىددىيلىكىم يوقالغان، ئىلھام ۋە كۈچكە تولغان ھالدا روھلۇق يېنىپ چىقتىم . قايتقۇچە بىر پروفېسسوردىكى پەزىلەت ۋە سېھرىي كۈچنىڭمۇ ئوقۇغۇچىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم . پروفېسسور پەزىلەتنىڭ ئۈنسىز تەربىيىدىكى رولىنى ماڭا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا ھېس قىلدۇرۇپ تۇردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2007 – يىلى ماينىڭ ئاخىرىدا ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا قىلغان ياخشىلىقى مەندە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى .

2007 – يىلى 22 ، ماي – مەن يازلىق تەتىلدە ئائىلەمدىكىلەرنى يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىدىغان كۈن ئىدى . ئايروپىلان ھونولۇلۇ ۋاقتى سائەت بىردە ئۇچاتتى . يۈك – تاقلىرىمنى ئېلىپ ماڭىدىغان ماتېرىياللىرىمنى تەكشۈرۈۋېتىپ تۇيۇقسىز يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمدىن خەت ئېلىۋالمىغانلىقىمنى بايقىدىم . ئادەتتە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ زىيارەتتىكى ئىلىم ئىگىلىرى(访问学者 ,Visiting Scholar)گە بېرىلىدىغان J-1 تىپلىق ۋىزىسى يىلدا بىر بېرىلىدىغان بولۇپ ،  قايتاشىمدا يەنە ۋىزا ئىلتىماس قىلىشىم كېرەك ئىدى . ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان ھۆججەتلەر قاتارىدا فاكۇلتېتنىڭ خېتىنى ئېلىۋېلىشىم كېرەك ئىدى .  جىددىيلەشتىم ، بۇ چاغدا ئەتىگەن سائەت توققۇز بولغان بولۇپ ، ئايروپىلان ئۇچۇشقا يەنە تۆت سائەت ۋاقىت قالغانىدى . قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جىددىي ئويلاندىم . ئېلخەت يازسام ئۈلگۈرمەيتتى . نائىلاج پروفېسسورنىڭ يانفونىغا تېلېفون بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم .

- ياخشىمۇسىز، پروفېسسور؟ – دېدىم تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن ، – سىز بىلەن كۆرۈشىدىغان جىددىي ئىشىم بار ئىدى .

- مەن ئىشخانىدا ئەمەس ، – قارشى تەرەپتىن جاۋاب كەلدى ، – نېمە ئىشتى؟

- قايتاشىمدا بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىپ قايتىدىن بىر يىللىق ۋىزا ئېلىشىم كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن فاكۇلتېتنىڭ مېنىڭ بۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلىقىم ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خېتىگە مۇھتاج ئىدىم .

- نېمىشقا بۇرۇنراق ئالاقە قىلمىدىڭىز؟ – دېدى پروفېسسور تېلېفوندا ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا .

- ئالدىراشلىقتا ئۇنتۇپتىمەن ، – دېدىم مەن ئوڭايسىزلىنىپ ۋە ئۇنتۇغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدە ئۆزۈمگە كايىپ ،  – كەچۈرۈڭ پروفېسسور ، بۇنداق قىلمىسام بولاتتى .

- مەن ھازىر ئۆيدە ، – دېدى پروفېسسور، – ئۆيۈمدىن مەكتەپكىچە 15 مىنۇتلۇق يول، ئىشخانىغا بېرىڭ ، مەن تونۇشتۇرۇش خېتىنى چىقىرىپ بېرەي .

«رەھمەت» دەپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويدۇم . پروفېسسورنىڭ ئىشخانىسىدىن كومپيۇتېردا ئۇرۇلۇپ تامغا بېسىلغان خەتنى ئېلىپ ياتىقىمغا قايتقۇچە پەزىلەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىگە ئۈنسىز تەربىيە بېرەلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم . ئۈرۈمچىدىكى بەزى كەچمىشلىرىم ئېسىمدىن كەچتى . ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئالدانغانلىرىمدا، خاتا چۈشىنىلگىنىمدە ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغىنىمدا ئەتراپىمدىكى ئاز بىر قىسىم ئادەملەردىن ئۈمىدسىزلەنگەنىدىم ۋە تەبىئىي ھالدا : «ئەسكى ئادەملەر ئارىسىدا ياخشى پۇقرا بولۇش ئەخمەقلىقمۇ نېمە!» دېگەندەك ئويلاردىنمۇ خالىي بولالمىغانىدىم . شۇ تاپتا پروفېسسور ئاددىي ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇ ئويۇمنىڭ تەلتۆكۈس خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ، پەزىلەتنىڭ كۈچى ھەققىدە ئۈنسىز دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ماڭا ئەسكىگە ئەگىشىپ ئەسكى بولۇشنىڭ ياكى جەمئىيەتتىن قاقشاپ ئۆز ھەرىكىتىنى مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ ئۆزلۈكىگە قايتىش، چىن تۇيغۇلىرىنى تېپىۋېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر ئادەم ئۈچۈن ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.



2



مەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، دەرسىنى ئاڭلىغان ئىككىنچى پروفېسسور ماڭا كۈزلۈك مەۋسۈمدە «جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىدىن ئومۇمىي بايان» دېگەن دەرسىنى ئۆتكەن ئايال پروفېسسور، دوكتور ناندىتا شارما (Nandita Sharma) . ئىسمىدىن مەلۇم بولغىنىدەك ، ئۇ ھىندى قان سىستېمىسىدىن بولۇپ ، 40 ياشلار چامىسىدىكى ۋىجىك ، پاكار ئايال ئىدى .  ئۇ دۇنيادىكى مەشھۇر 100 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىدە (2006 – يىلدىكى سىتاتىستىكا) 19 – ئورۇندا تۇرغان كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ ، ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىشتىن بۇرۇن كانادا يورك ئۇنىۋېرسىتېتى (York University) دا نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ، «دۆلەت ئىچى ئىگىلىكى» (Home Economics) دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرغانىدى .  دوكتور ناندىتا شارمانىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ چىرايىدىن ھىندىلارنىڭ تىپىك چىراي ئالاھىدىلىكى تېپىلاتتى . تۇرۇقىدىن قارىسا ھېچكىمنىڭ پروفېسسور دېگۈسى كەلمەيدىغان بۇ ۋىجىك ئايال چاققان كىيىنىشلىرى ، ياغاق يۈزى ۋە ئەرلەردەك كۆينەك ، ئىشتان كىيىپ يۈرۈشلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى . تۇنجى قېتىم دەرس تىزىملىكىدە Sharma دېگەن ھىندىچە ئىسىمنى كۆرۈپ سەل ئۈمىدسىزلەندىم . سەۋەبى، ھىندىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ، ئۆز تىلىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئاسان ئاڭلىغىلى بولمايتتى؛ يەنە كېلىپ مەن ئاق تەنلىك پروفېسسورلاردىن دەرس ئاڭلاشنى بەكمۇ خالايتتىم. ئۇنىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرسىنى ئاڭلاپلا بايىقى ئەندىشەمنىڭ ئورۇنسىز ۋە ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. دوكتور ناندىتا شارما ئىنگلىز تىلىنى ساپ ئامېرىكا تەلەپپۇزىدا ناھايىتى ئوچۇق ھەم چىرايلىق سۆزلەيتتى؛ پات – پاتلا قىلىۋاتقان گېپىدە ئادەمنىڭ ئېسىگە كەلمەيدىغان تېرەن پىكىرلەر بىلەن كاللامنى ئېچىپ مېنى خىياللار قوينىغا غەرق قىلاتتى . كېيىن بىلسەم ، بۇ ئوقۇتقۇچىمىز كانادالىق مەشھۇر ئايال جەمئىيەتشۇناس، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق پروفېسسورى، ئاياللار نەزەرىيىسىدە يېڭى يول ئاچقان دوروسى سىمىس (Dorothy Smith) نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن . دوروسى سىمىس ئاياللارنىڭ بەدىنى بىلەن سىياسىي ھوقۇقىنى باغلاپ ئۆز ئالدىغا نەزەرىيە سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ ، 1996  – يىلى «ئاياللار نەزەرىيىسى (Feminism Theory) بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىق  نەزەرىيىسىگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى» دېگەن باھا بىلەن ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىغا نائىل بولغانىدى . دوكتور ناندىتا شارما دەرس ئارىلىقىدا ئۇستازى دوروسى سىمىسنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل ئالاتتى . ئىنتوناتسىيىسىدىن ئۇنىڭ ئۇستازىدىن قانچىلىك پەخىرلىنىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى . دوكتور ناندىتا شارمانىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆتكۈر پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ، ئىلغار زىيالىيلارنىڭ تەلىمىنى ئالغان ئادەمنىڭ ھامان ئىدىيىدە چاقنايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر پاكىت مەلۇم بولۇپ تۇراتتى.

ناندىتا شارمانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى بىر مەسىلىگە بولغان قارىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا ۋە كۈتمىگەن نۇقتىدىن پىكىر قىلىشىدا ئىپادىلىنەتتى . ئۇ 2007 – يىلى باھار مەۋسۈمى (spring semester) دە تەشكىللىگەن «مىللەت ، ئىرق ، سىنىپ» (Nation, Race, Class) دېگەن سېمنارىيىسى (Seminar)② دە ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە ، قايىل قىلارلىق قاراشلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلدى . ئارىلىقتا ئۇنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ھەققىدە ئېيتقان بەزى قاراشلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى . ئادەتتە مەن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۆز مىللىتىگە مۇھەببەت باغلاشنىڭ زىيىنى يوق دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، دوكتور ناندىتا شارما مىللەتپەرۋەرلىك (Nationalism) نى پۈتۈنلەي زىيانلىق پسىخىكا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.- پروفېسسور، سىزنىڭ زىيانلىق دەپ قارىۋالغىنىڭىز مىللەتپەرۋەرلىك ئەمەس مىللەتچىلىك (ethnocenterism) بولسا كېرەك ، – دېدىم مەن چۈشىنەلمەي . چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىمىزدا «مىللەتچىلىك» سۆزى سەلبىي مەنىدە ، «مىللەتپەرۋەرلىك» سۆزى ئىجابىي مەنىدە ماڭاتتى.

- ياق ، مىللەتپەرۋەرلىك ، – دېدى ناندىتا شارما ، – ھازىرقىدەك ھەمكارلىق تەكىتلىنىۋاتقان بىر دەۋردە ئۆز مىللىتىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش – بىر چاكىنىلىق ھەم زىيىنى  كۆپ پسىخىكا . ئىككىنچى دۇنيا بالايى – ئاپەتلىرى ۋە فاشىزمنىڭ دۇنياغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى چاكىنا مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ نەتىجىسى . مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيىتىنى تونۇش ئۈچۈن مىللەت ئۇقۇمىنىڭ مېغىزىنى چۈشىنىش كېرەك . بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ، بېندىكت ئاندېرسون (Bendict Anderson) نىڭ «تەسەۋۋۇردىكى جامائەتچىلىك» (imagined communities) دېگەن كىتابىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى قايىل بولمىغان يەرلىرىم خۇسۇسىدا پروفېسسور بىلەن ئۇزۇنراق پىكىرلىشىشكە مۇمكىن بولمىدى . ئەمما ، دوكتور ناندىتا شارمانىڭ تەۋسىيىسى بويىچە ئەتىسى كۇتۇپخانىدىن بېندىكت ئاندېرسوننىڭ «تەسەۋۋۇردىكى جامائەتچىلىك» دېگەن كىتابىنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇدۇم . بۇ كىتابتىكى نۇرغۇن يېڭى قاراشلار مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى . بېندىكت ئاندېرسوننىڭ بۇ كىتابى 1983 – يىلى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان قايتا – قايتا بېسىلىپ مىللەت ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ نوپۇزلۇق ھەم ئەڭ جىق سىتاتا ئېلىنىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى . كىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئويلىنىش» دەپ قويۇلغانىدى . كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى – «مىللەت – تەسەۋۋۇردىكى جامائەتچىلىك» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى . بېندىكت ئاندېرسون ئۆز كىتابىدا قاراشلىرىنى مۇنداق شەرھىيلەيدۇ: «مىللەت شۇنىڭ ئۈچۈن تەسەۋۋۇرىدىكى جامائەتچىلىك ئىكەنكى ، ھەممە مىللەت ئەزالىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ، بىر – بىرىنى تونۇپ بولالمايدۇ . لېكىن ، ئۇلار خىيالىدا ئۆزلىرىنى مەلۇم بىر توپنىڭ ئەزالىرى دەپ تونۇيدۇ . مىللەتپەرۋەرلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىنى ئەزەلدىن مەۋجۇد دەپ قاراشسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مىللەت – ھازىرقى زاماندىكى ئىنقىلابلارنىڭ نەتىجىسى . يېزىق ، مەتبەئە مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ، ساۋاتلىقلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، ھازىر كىشىلەر ئۆزلىرىنى مەلۇم بىر سىياسىي جامائەتچىلىكنىڭ ئەزالىرى دەپ قارايدىغان  بولدى.»

ناندىتا شارمانىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى شۇ ئىدىكى ، ئۇ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن شۇ تېمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىدىغان نادىر كىتابلارنى تونۇشتۇراتتى ۋە ئوقۇپ كېلىشىمىزنى تاپىلايتتى . مەن بۇ جەرياندا دوكتور ناندىتا شارمانىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) نىڭ مەشھۇر پروفېسسورى جەمېس سىكوت (James Scote) نىڭ «دۆلەتكە ئوخشاپمۇ تۇرىدۇ» (Seeing Like a state)، فرانسىيە مۇتەپەككۇرى ئېتېيىن بالىبار (Etein Balibar) بىلەن ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى ۋاللېر ستەيىن (Waller Stain) نىڭ «مەۋھۇم كىملىك» (Ambiguous Identity) دېگەن كىتابلىرى بىلەن ئۇچراشتىم ۋە بۇ كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا دوكتور ناندىتا شارمانىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىنى – تەييار بىلىمنى سۆزلەش ئەمەس ، مەلۇم تېمىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كەڭ ئۇچۇر زاپىسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىنى ئېچىشىغا، مۇستەقىل پىكىر قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلدىم .

مەنبەسى: ئۆزۈمنىڭ "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە" ناملىق كىتابى. داۋامى ھەر بىر سوتكىدا بىر ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. ئەسلى نۇسىخسى بويىچە يوللانغان بۇ  يازمام ئەلكۈيى تورىغا مەنسۇپ بولۇپ خالىغانچە يۆتكەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

داۋامى بار

bayawan 2011-08-21 19:01
ئۆزلۈك ھەققىدە چەتئەل بىلەن دىيارىمىزنى ، باشقا مىللەتلەر بىلەن مىللىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر تەپەككۇر قاتلاملىرىغا چۆمدۈرگەن ماقالىلىرىڭىزنى بۇرۇندىن ئوقۇپ كېلىۋاتاتتۇق . يۇقىرىقى ئەڭ يېڭى چەتئەل ھاسىلاتلىرىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر . مۇمكىن بولسا داۋاملىق يوللاپ تورداشلارنى ئۆزلۈك ھەققىدە ئىزدىنىشكە ، ئاڭ-تەپەككۇرنى يەنىمۇ روشەنلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
يازمىنى تەپسىلى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاپ ، ئىنكاس سالمىقى زورىيىشى مۇمكىن ...

maxal20 2011-08-21 19:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالدى بىلەن ئۇيغۇرزادە ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنغانلىقىغا چوڭقۇر تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ كىتابىڭىز توغرىلىق ئازراق ئۇچۇر بەرگەنىدىڭىز، مۇنبەردە پارچىسىنى ئوقۇش نېسىپ بوپتۇ، ئاللاھ خالىسا ئۆزلۈك ۋە كىملىكتىن كېيىنكى يەنە بىر ھەقىقىي چەتئەل قىرغاقلىرىدىن سېلىنغان ئۆزلۈك نەزەرلىرى بىلەن سىردىشىش نېسىب بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
سىزگە يەنە بىر سالام، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.

faniy 2011-08-21 20:27
ئۇيغۇرزادە،ھېسماقالە دېگەن قانداق ماقالە؟

sufiye 2011-08-21 21:09
زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئەسىرىنى بۇ يەردە كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم.
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ قىزغىن بىر ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە ھۆرمەت ۋە سالام يوللايمەن مۇئەللىم.
ئەسەرلىرىڭىزنى ئەلكۈيىدە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

tahirbeg 2011-08-21 23:19
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا . يازمىللىرىڭىزغا تەشنا بولۇپ تۇرغانتۇق .      رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزشىڭىزگە تىلەكداشمەن .  

tuprakbag 2011-08-22 00:45
ئۇيغۇر زادەنىڭ  تېتىملىق تىمىللىرى بىلەن رامىزاننىڭ ئاخىرىلىرىنى ئۆتكۈزگىدەكمىز...ھارماڭ مۇئەللىم........................

ئۈرۈمچىدىكى بەزى كەچمىشلىرىم ئېسىمدىن كەچتى . ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئالدانغانلىرىمدا، خاتا چۈشىنىلگىنىمدە ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغىنىمدا ئەتراپىمدىكى ئاز بىر قىسىم ئادەملەردىن ئۈمىدسىزلەنگەنىدىم ۋە تەبىئىي ھالدا : «ئەسكى ئادەملەر ئارىسىدا ياخشى پۇقرا بولۇش ئەخمەقلىقمۇ نېمە!» دېگەندەك ئويلاردىنمۇ خالىي بولالمىغانىدىم . شۇ تاپتا پروفېسسور ئاددىي ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇ ئويۇمنىڭ تەلتۆكۈس خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ، پەزىلەتنىڭ كۈچى ھەققىدە ئۈنسىز دەرس ئۆتۈۋاتاتتى. بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ماڭا ئەسكىگە ئەگىشىپ ئەسكى بولۇشنىڭ ياكى جەمئىيەتتىن قاقشاپ ئۆز ھەرىكىتىنى مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ ئۆزلۈكىگە قايتىش، چىن تۇيغۇلىرىنى تېپىۋېلىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر ئادەم ئۈچۈن ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى....................

مەنچە بۇلارنى بەك كىچىكىپ ھىس قىپتىكەنسىز........مەن سىزنى ئۈرۈمچىدىكى چاغلىرىدىلا ھىس قىلىپ بولىشى كىرەك دەپ بىلەتتىم......
ئاخىرىغا تەشنامەن

hokumran 2011-08-22 01:03
ئۇيغۇرزادىنىڭ كىشىنى ئويغا سالىدىغا ماقالىلىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ماقالىسىگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن .
تېما ئۈستىدىكى ئىنكاسلىرىمنى كېيىنچە يازاي .

uyghurzade 2011-08-22 02:59
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىmaxal20 يوللىغان 2011-08-21 19:20 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئالدى بىلەن ئۇيغۇرزادە ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنغانلىقىغا چوڭقۇر تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ كىتابىڭىز توغرىلىق ئازراق ئۇچۇر بەرگەنىدىڭىز، مۇنبەردە پارچىسىنى ئوقۇش نېسىپ بوپتۇ، ئاللاھ خالىسا ئۆزلۈك ۋە كىملىكتىن كېيىنكى يەنە بىر ھەقىقىي چەتئەل قىرغاقلىرىدىن سېلىنغان ئۆزلۈك نەزەرلىرى بىلەن سىردىشىش نېسىب بولىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
سىزگە يەنە بىر سالام، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنىم مەشئەل. مالايىسيادىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ ئۆيگە ئامان-ئېسەن قايتىۋالدىڭىزمۇ؟ ئشىلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ۋاقتىم كۆپ چاغلاردا مۇنبەردە خېلى ئۇزاق تۇراتتىم. ھازىر ۋاقىت سەل قىس، كۈندە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى ئارىلايدىغان ۋاقتىم بىر سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ. يازمىنىڭ ئىملالىرىنى توغرىلاش، جۈملىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا  بۆلۈپ يوللاشقا، ھەر بىر ئابزاسنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈشكە توغرا كەلدى.  داۋامىنى كېچىكتۈرمەي يوللايمەن. ساقلىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن.

uyghurzade 2011-08-22 03:33
نەقىل
بۇ 3قەۋەتتىكىfaniy يوللىغان 2011-08-21 20:27 غا قارتىلغان  :
ئۇيغۇرزادە،ھېسماقالە دېگەن قانداق ماقالە؟

       ماقالە شەكلىدە يېزىلغان، ئەمما رەسمىي ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان، ھېسسىيات قېتىلغان ماقالە. نۆۋەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋيىسى ۋە ئېستېتىك ئېھتىياجى يەنىلا بۇنداق ماقالىلەرنىڭ  ئاز-تولا يېزىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۆلچەملىك ئىلمىي ماقالە بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋاقتىلىق ئسىمنى قوللىنىپ تۇردۇم.جۈملىدىن مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازملىرىم ئىلمىي ماقالە، ھېسماقالە، ھېسباياندىن ئىبارەت ئايرىم-ئايرىم ئۈچ شەكىلدە يېزىلىدۇ.
             ئەسلى مۇناسىۋەتلىك  ئاتالغۇلاردا ئىچنكىلىشىشىمىز كېرەك ئىدى. بىزدە ماقالە دېگەن سۆزنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسىدە پاخالىشىش بولدى، ماقالە ئۆلچمىگە چۈشمەيدىغان نەرسىلەرمۇ قارا-قويۇق مۇشۇ ئاتالغۇ بىلەن ئاتالدى. بۇنداق بولسا بولمايدۇ.          
          يەنە بىرسى ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىمىنىمۇ قايتا دەڭسەپ كۆرشىمىز كېرەك.  مەن ئىلمىي ماقالىنى ئۇنداق ئاسان چۈشەنمەيمەن. ئۇيغۇرلاردا تەبىئىي پەندە قانداق بىلمىدىم، ئىجتمائىيەت، ئادەمىيات پەنلىرى ساھەسىدە ئۆلچەملىك ئىلمىي ماقالىلەر بارماق بىلەن سانىغاننىڭ ئورنىدا ئاز(مەسىلەن، مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە خەمىت تۆمۈر بىرلىشىپ يازغان "چاغاتاي تىلى ھەققدىكى قاراشلىرىمىز" قاتارلىق ماقالىلەردەك).بىدە ئىلمىي ماقالە دەپ يېزىلۋاتقان ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ھېسماقالىدۇر. ئۆلچەملىك ئىلمىي ماقالە بولۇش ئۈچۈن تەتقىقات سوئالى بولۇش، تەتقىقات قىممىتى بولۇش، نەزەريىۋىي چوڭقۇرلۇق بولۇش، دەلىل ئسىپات بولۇش، دەلىل-ئسپاتنى توپلايدىغان مېتودكا بولۇش، ئېنىق نۇقتنەەر بولۇش، پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇش ۋە باشتىن ئاخىر باش تېمىدىن چەتنىمەي، ھېسسيات ئارىلاشتۇرماي ئىزچىل پىكىر قىلىش قاتارلىق ئۆلچەملەرگە چۈشۈشى كېرەك.
           ئۆزۈمنىڭكىگە كەلسەم، ئوي-تەسىراتلىرىمنى بايان شەكلىدە ئۇدۇل، تۈز ئوتتۇرىغا قويىدىغان يازمىلارنى بۇ تېمىدىكىدەك ھېسبايان دەپ ئاتىدىم. يازملارنى  بۇنداق كاتېگورىيەىگە ئايرىش باشقىلارغا ئەھمىيەتىسىز تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، يازملىرىمنى رەتلەپ ئارخپلاشتۇرش،   ئوخشمىغان ئېھتياج ئۈچۈن ئوخشىمىغان شەكلىدىكى يازمىلارنى نشانلاپ يېزىش زۆرۈريىتىنى ئويلاشقاندا مەن ئۈچۈن ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئاتالغۇلار ۋاقتىلىق ئاتالغۇ بولۇپ، ئۆزۈم ئۈچۈن مۇھىم ۋە زۆرۈر، باشقىلارغا تېڭىش نىيىتىم يوق.
       سىز سورىمىغان بولسىڭىز ئەسكەرتىش بەرمەي ئۆتۈپ كېتەرمەنكەنمەن. بۇنى ئسېىمگە سالغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئامان بولۇڭ.
    قالغان قېرىنداشلىرىمغىمۇ رەھمەت.

begana 2011-08-22 07:25
شارما مۇئەللىمنىڭ مىللەتچىلىك ۋە مىلەتپەرۋەرلىك توغرىسىدىكى قاراشلىرى ۋە توغرىسىدىكى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندا ئۆزۈم ھىس قىلغان قاراشلرىم ئالدىدا ئوڭايسىزلاندىم .
مىللەتچىلىك نەزىرىمدە .سەن قازاق ،مەن ئۇيغۇر ،سەن جىرلىساڭ مەن ناخشا ئىيتالايمەن .
سەن ئاق بولساڭ مەن كۆك .سىنىڭ قالپىقىڭ بولسا مىنىڭ دوپپام بار ،بىر مۇنداق ئىلغارھەي ،مۇنداق ياخشىھەي .....
مىللەتپەرۋەرلىك بولسا ئۇيغۇر دىسە سەكرەپ چىقىپ توختىماي ئاھ ئاھلارغا چۈشىدىغانلار .ئاغزىدىن كۇپۇك چىقىرىپ ھازىرقىسى بىلەن ھىساپلاشماي بۇرۇنقىسىنى داڭلايدىغانلار نۇرغۇن نۇرغۇن ...ئىشلار ۋە كىشلەر خىيالىمدىن كەچتى .
ئۈنسىز پەزىلىتى بىلەن دىلنى قايىل قىلدىغان پىروفسسور توغرىسىدا سۇزلەنگەندە ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلىرىمىز توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشىمىز كىرەكمۇ دەپمۇ ئويلىدىم .بەلكىم كۆرەلىگىدەك كۆزىمىز بولمىغاندۇ ؟

soygum 2011-08-22 07:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم. ماقالىڭىزنىڭ تېمسدىكى ھونۇلۇلۇ توغرسىدا ئازىراقمۇ ئۇچۇر بەرمەيلا  : ئۆزىمىزگە تونۇش ئۆيگە كىرسەك.. دەپ باشلاپ كېتىپسىز. مەن  ئەلكۇيگە يېڭى ئەزا بولغاچقا ئالدىنقى ئەسىرىدە تىلغا ئالغاندۇ دەپ ئويلىدىم. بىزدەك ئامىرىكىنى بىلمەيدىغانلارغا شەھەر ھەققىدە ئاز تولا تونۇشتۇرۇش قېتىۋەتكەن بولسڭىز ياخشى بولاتتى. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ماقالىڭىزدىن بىر خىل كەمتەرلىك،بايقاشقا ماھىرلىق،ھېس قىلغانلىرنى سەمىميلىك بىلەن يۇشۇرماي ئوتتۇرغا قويدىغان يۇقۇشچانلىقنى ھېس قىلمەن. مېنڭچە مۇنبەرگە قانداقتۇر ئىلىمي ماقالىلەر كېرەك ئەمەس بەلكى سىز دېگەندەك مۇشۇنداق ھېسبايان خاراكىترلىك يېنىك ئەسەرلەر كېرەك،چۈنكى بۇ دېگەن مۇنبەر .ئاخىردا سىزگە رامىزانلىق سالام سالامەتلىك خاتىرجەملىك تىلەيمەن!

soygum 2011-08-22 07:37
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىbegana يوللىغان 2011-08-22 07:25 غا قارتىلغان  :
شارما مۇئەللىمنىڭ مىللەتچىلىك ۋە مىلەتپەرۋەرلىك توغرىسىدىكى قاراشلىرى ۋە توغرىسىدىكى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندا ئۆزۈم ھىس قىلغان قاراشلرىم ئالدىدا ئوڭايسىزلاندىم .
مىللەتچىلىك نەزىرىمدە .سەن قازاق ،مەن ئۇيغۇر ،سەن جىرلىساڭ مەن ناخشا ئىيتالايمەن .
سەن ئاق بولساڭ مەن كۆك .سىنىڭ قالپىقىڭ بولسا مىنىڭ دوپپام بار ،بىر مۇنداق ئىلغارھەي ،مۇنداق ياخشىھەي .....
مىللەتپەرۋەرلىك بولسا ئۇيغۇر دىسە سەكرەپ چىقىپ توختىماي ئاھ ئاھلارغا چۈشىدىغانلار .ئاغزىدىن كۇپۇك چىقىرىپ ھازىرقىسى بىلەن ھىساپلاشماي بۇرۇنقىسىنى داڭلايدىغانلار نۇرغۇن نۇرغۇن ...ئىشلار ۋە كىشلەر خىيالىمدىن كەچتى .
؟


  توۋۋا، مۇشۇنداق تەسلىمچىل پىكىر قىلمساق قانداق؟ بىر ئامىرىكلىق پراففىسسۇرنىڭ كۆز قاراشلىرى بىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمزگە بۇنچە تېز بۆسۈپ كېرىپ ئۆزگەرتىۋەتسە قانداق بولغىنى؟  ئوڭايسزلىنىش دېگەن قانداق گەپ؟ خۇددى گۇناھ تۇيغۇسىدا قالغان ئادەمدەكئ بىرسى مۇنداق دەۋاتىدۇ دېسە، ئۆزىمۇ كۆرۇپ باقمىغان باشقىلارنىڭ ماقالسىدىكى پىرسوناژنىڭ كۆز قاراشلىرى ئالدىدا مايدەك ئېرىپ ئېرىق بولۇپ ئاقساق. مېنڭچە ئامىرىكدىكى ۋە جاھاننىڭ باشقا يەرلىرىدىكى مىللەتچىلىك بىلەن ما بىزنىڭ مىللەتچلىك ماھىيەتتە ئۆز مىللتىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەت ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا پەرىق چوقۇم مەۋجۇت. ئۆزلۈك ھەققىدە ئىزدىنۋاتقان تۇرۇقلۇق يەنە ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلدىغان ئىشنى قىلمايلى. شارمانىڭ يەككە كۆز قاراشلىرىغا شا بولۇپ قالمايلى دوستۇم. سەممى پىكىر مەن مۇشۇنداق ئوچۇق يورۇق ئادەم قوبۇل قىلغايسىز.

apirida 2011-08-22 07:51
رەھمەت بۇ تۈردىكى تېمىلانى ياختۇرىمەن ھەم قىزىقىمەن ، ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن .

begana 2011-08-22 09:42
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىsoygum يوللىغان 2011-08-22 07:37 غا قارتىلغان  :


  توۋۋا، مۇشۇنداق تەسلىمچىل پىكىر قىلمساق قانداق؟ بىر ئامىرىكلىق پراففىسسۇرنىڭ كۆز قاراشلىرى بىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمزگە بۇنچە تېز بۆسۈپ كېرىپ ئۆزگەرتىۋەتسە قانداق بولغىنى؟  ئوڭايسزلىنىش دېگەن قانداق گەپ؟ خۇددى گۇناھ تۇيغۇسىدا قالغان ئادەمدەكئ بىرسى مۇنداق دەۋاتىدۇ دېسە، ئۆزىمۇ كۆرۇپ باقمىغان باشقىلارنىڭ ماقالسىدىكى پىرسوناژنىڭ كۆز قاراشلىرى ئالدىدا مايدەك ئېرىپ ئېرىق بولۇپ ئاقساق. مېنڭچە ئامىرىكدىكى ۋە جاھاننىڭ باشقا يەرلىرىدىكى مىللەتچىلىك بىلەن ما بىزنىڭ مىللەتچلىك ماھىيەتتە ئۆز مىللتىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەت ئوتتەك قىزغىن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا پەرىق چوقۇم مەۋجۇت. ئۆزلۈك ھەققىدە ئىزدىنۋاتقان تۇرۇقلۇق يەنە ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلدىغان ئىشنى قىلمايلى. شارمانىڭ يەككە كۆز قاراشلىرىغا شا بولۇپ قالمايلى دوستۇم. سەممى پىكىر مەن مۇشۇنداق ئوچۇق يورۇق ئادەم قوبۇل قىلغايسىز.

ھەيران قالماڭ .مەن مەيلى كىتاپ ياكى تېما ئوقۇي مەزمۇن بويىچە ئۆزەمگە تەدبىقلايمەن .باشقىلارغا ئوخشاش ۋاي ئامرىكا دەپ سۇيىدە ئىقىپ .مىيىدا قورۇلدىغانلاردىنمۇ ئەمەس .ئوڭايسىزلانغىنىم راس ..
مىللىتىم دەپ تورخانىدا كۇپكۇك ئىستا ئۇلتۇرۇپ شئېر يازدىغانلاردىن ئوڭايسىزلىنىمەن .
ئاياللارنىڭ ئىچ كىيمىنى ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلىپتىكەن دەپ 30بەتلىك ئىنكاس يازدىغانلاردىن ئوڭايسىزلىنىمەن .
مىللىتىم دەپ مىللىتىمىزنىڭ باللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سىتىۋاتقان مىللەتداش قىرىنداشلىرىمىدىن  ئوڭايسىزلىنمەن....
بىزدە باشقىلارنى ئۆز كۇزى بىلەن كۆرمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشسا بولمايدۇ دىگەن گەپ يوققۇ دەيمەن .
ئۆزلىك ئىزدىگەندە چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئارتۇقچىلىق دەپ تۇرۇپ ئىزدىشىمىز كىرەككەندە ھەممىزنىڭ ئىزدىگىنى ئوخشاش ئەمەس .يەنە بىر گەپ نىمە ئۇ تەسلىمچىل دىگەن ؟
بۇنى سىلشتۇرۇش دەپلا چۈشىنىڭ . سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئىككى قولۇمنى ئىگىز كۇتۇرۇپ بارمىغاندىن كىيىن ....

uyghurzade 2011-08-22 11:07
داۋامى
ئەپسۇس، 2007 – يىل قىشلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتىپ ئۆزۈم تونۇيدىغان بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەتتا ئۆزى ئىگىلىگەن ئىلمىي ئۇچۇرنىمۇ باشقىلاردىن قىزغىنىدىغانلىقىنى، ئارامبەخىش ئىلمىي سۆھبەتلەرنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان ئىلىم ئىگىلىرى ئارىسىدىمۇ مەنىۋى كەيپىياتقا ئايلانمىغانلىقىنى ئۇقۇپ بىئارام بولدۇم. ئەپسۇسلۇق خىياللار ئىلكىدە فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى پىئېر بوردىئو (Piere Bourdiu) نىڭ «زىيالىيلار ئورتاق ئىلمىي مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال پائالىيەت ئەخلاقىنى ئۆگىنىشى كېرەك» دېگەن گېپىنى ئەسلىدىم . دوكتور ناندىتا شارمانىڭ لوگىكىسى بويىچە بولغاندا – بىر زىيالىيغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئىلمىي مۇلاھىزىلەردە باشقىلاردىن ئۆزى ئىگىلىگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇش ، ئىلمىي ئۇچۇرلارنى بېسىۋېلىش ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىناتتى . بۇ ۋىجىك ئايال ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بىر ئىلىم ئىگىسىدە پائالىيەت ئەخلاقىنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى.

مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى سائەت دەرس ئۆتۈلۈپ بولغاندا، ناندىتا شارما بىزنى- ئۆزى دەرس بەرگەن يەتتە ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ قەھۋەخانىسىدا مېھمان قىلدى . ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، بۇنى ھەيران قالارلىق ئەھۋال دېيىشكە بولاتتى . سەۋەبى ، ئامېرىكىلىقلار بىراۋنى ئالدىراپ مېھمان قىلمايتتى ، مېھمان قىلغان تەقدىردىمۇ چاقىرىلغۇچى مېھمان چىقىمنىڭ ئۆزىگە تەۋە قىسمىنى تۆلىشى كېرەك ئىدى . يەنە بىرى ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا  ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى مېھمان قىلىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرىمايتتى .

- پىۋا ئىچىدىغانلار بىر چەتكە ، ئىچمەيدىغانلار بىر چەتكە تىزىلىڭلار! – دېدى ناندىتا شارما چاقچاق ئارىلاش تەلەپپۇزدا بۇيرۇق قىلىپ ، – مەن بىرىنچى بولۇپ پىۋا ئىچىدىغانلار قاتارىغا تىزىلىمەن!

سىنىپىمىزدا مېنى قوشقاندا ئۈچ ئوغۇل بار ئىدى ، قالغان تۆتەيلەن قىزلار ئىدى . ئۆچرەتتە تۇرۇش توغرا كەلگەچكە ، ناندىتا شارمانىڭ كەينىدىن ئىتالىيىلىك ئوغۇل ساۋاقدىشىم پرانو ، ئامېرىكىلىق ئوغۇل ساۋاقدىشىم ھېنرى ۋە ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىن كەلگەن پەتتى ئىسىملىك قىز پىۋا ئىچىدىغانلار قاتارىغا تىزىلدى . مەن پىۋا ئىچمەيدىغانلار قاتارىغا تىزىلدىم . ئارقامدا ياپونىيىلىك ئىككى قىز ۋە كورىيىلىك بىر قىز بار ئىدى .

- سىز نېمىشقا پىۋا ئىچمەيسىز؟ – دېدى ناندىتا شارما ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي قولۇمغا 50 دوللار پۇل تۇتقۇزۇپ ، – ئۆزىڭىزگە ۋە كەينىڭىزدىكى ئۈچ قىز ساۋاقدىشىڭىزغا خالىغان نەرسىنى ئېلىڭلار.

قىزلار كولا، مېۋە سۈيى، تورت ، پىشلاق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالدى . مەن سودا سۈيىدىن باشقا نەرسە ئالمىدىم . سەۋەبى ، مەن ئاشۇ پىشلاق ، تورت دېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىگە زادى نېمىلەر قېتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم(كېيىن بىلسەم ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ ئايرىم بەلگىسى بولىدىكەن) . مەن بۇنداق ئەھۋاللارغا جىق ئۇچرايتتىم . يېنىمدا پۇلۇم بولسىمۇ ، نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى شۈبھىلىنىپ ئالالمايتتىم . تاللا بازىرىدا قوي گۆشى بولسىمۇ ئالماي ئاتايىتىن مۇسۇلمانلار ئاچقان ھالال گۆش دۇكىنغا بېرىپ سېىتۋالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا مېنىڭ كىملىك ئېھتىياجىم روشەنلىشەتتى. يېڭى فرۇېئدىزمنىڭ غوللۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى، جەمئىيەت نەزەريىچىسى ئېرخ فرومنىڭ "ساغلام جەمئىيەت" ناملىق كىتابىدىكى «ئادەمدىكى كىملىك ئېھتىياجى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ» دېگەن گېپى دەل مەنە يولۇققان كىملىك ھادىسسىنى ئىخچام ئىپادىلەپ بەرسە كېرەك.

مەن ئاشقان پۇلنى ناندىتا شارماغا قايتۇرۇپ بەردىم . بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ناندىتا شارما لىق پىۋا قويۇلغان ئىستاكاننى سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈردى :

- دەرسىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن خوشە!

- خوشە ! – ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن شۇنداق دېيىشتى . مەنمۇ قولۇمدىكى سودا سۈيىنىڭ قۇتىسىنى باشقىلارنىڭكىگە سوقۇشتۇرۇپ قويدۇم . ناندىتا شارما بىر تىنىقتا ئىستاكاندىكى پىۋىنى خېلىلا يېرىملاتتى . ھەيران قالماي تۇرالمىدىم . ئۇنىڭ رومكا سوقۇشتۇرۇۋاتقان ھالىتى شۇنچلىك ئەركىن ۋە بىخارامان ئىدى. مەن ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا ئىدارىدە كوللېكتىپ زىياپەت بولغاندا، بىرەرسىنىڭ ھاراق زورلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىمكانقەدەر بۇنداق سورۇنلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم . شۇ تاپتا بۇ يەردە مېنى پىۋىغا زورلايدىغان ھېچكىم يوق ئىدى . ناندىتا شارمانىڭ بۇ سورۇندىكى ئەركىن قىياپىتى دەرسخانىدىكىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى . مەن ئىچىمدە «بۇ يەرنىڭ پروفېسسورلىرى ياشاشقىمۇ نەقەدەر ئۇستا – ھە!» دەپ ئويلىدىم . قايسىدۇر بىر دانانىڭ : «خىزمەتتە جەڭچىمەن، تۇرمۇشتا ئادەممەن!» دېگەن گېپى ئېسىمدىن كەچتى.



3



بۇ سالاپەتلىك مويسىپىتنىڭ ئىسمى پېتىر مانىكاس (Peter Maniacs)، ئۆزى 60 ياشتىن ھالقىپ پىنسىيىگە چىققان ، ئىتالىيان قان سىستېمىسىدىن بولغان بۇ ئادەم فاكۇلتېتىمىزنىڭ پەخرىي پروفېسسورى ؛ ھاۋايدا ، ھەتتا ئامېرىكىدا داڭقى بار مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ؛ ھازىرغىچە «ئۇرۇش ۋە دېموكراتىيە» (War and Democracy)، «ئەمەلىيەتچىلەرنىڭ جەمئىيەت پەلىسەپىسى» (The Realist’s Social Philosophy) قاتارلىق 11 كىتابى نەشر قىلىنغان . ئۇ 2008 – يىللىق باھار مەۋسۈمىدە «بۈگۈنكى زامان جەمئىيەت نەزەرىيىسى» (The Contemporary Sociological Theory) دىن دەرس بەردى . كېيىن ئۇقسام ، فاكۇلتېتىمىزدا پېتىر مانىكاس جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ جېنى بولغان جەمئىيەت نەزەرىيىسىگە ئەڭ پىششىق ، نەزەرىيە ساھەسىدە ئەڭ ئۇزۇن ئىزدەنگەن پروفېسسورى ئىكەن ؛ شۇڭا پىنسىيىگە چىققىنىغا نەچچە يىل بولغىنىغا قارىماي تەكلىپ بىلەن داۋاملىق دەرس ئۆتۈۋېتىپتۇ .

پېتىر مانىكاس مەن ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن خىيالىمدا تەسەۋۋۇر قىلغان سالاپەتلىك پروفېسسورلارغا ھەقىقەتەنمۇ ئوخشايتتى . ئېگىز بوي ، ئاقارغان چاچلىرى ، كۆزەينىكى ئاستىدىكى ئادەمگە ئەستايىدىللىق بىلەن تىكىلىدىغان كۆزلىرى تېرەن پىكىرلىرىگە قېتىلىپ ئۇنىڭ سالاپىتىنى، مويسىپىتلارغا خاس جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغانىدى.

- نېمە بۇ؟ – دېدى ئۇ مەن خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان قامچىنى ھاۋادا پۇلاڭلاتقاچ . ئەمەلىيەتتە ئۇ مەن سوۋغا قىلغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەتتى . مەن ئۇنىڭ گېپىنى بۇ سوۋغاتنىڭ مەنىسىگە قىزىققانلىق دەپ چۈشىنىپ :

- قامچا – ئۇيغۇرلارنىڭ ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى . ئۇيغۇرلار تارىخىي بوران

- چاپقۇنلاردا ئات ئۈستى مەدەنىيىتى ياراتقان خەلقلەرنىڭ بىرى ، – دېدىم .

- مەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئاڭلىغان ؛ لېكىن جۇڭگونىڭ قايسى تەرىپىدە ياشايدىغانلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن ، – دېدى پروفېسسور .

uyghurzade 2011-08-22 11:12
مەن تامغا ئېسىلغان خەرىتە يېنىغا كېلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جايلاشقان جاينى قولۇمدا چېنەپ كۆرسەتتىم . ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر كۆلۈمىنىڭ چوڭلۇقى ، شۇنچە جىق دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغانلىقى ئۇنى ھەيران قالدۇردى . ئۇ بىرەر جەمئىيەتشۇناسنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى سۆزلەۋاتقانلىرىدا، ئۆزى دەۋاتقان گەپتىن بىرەرى ئارىدا ئولتۇرغانلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغاندا ، ھاياجانلىنىپ ئالدىدىكى شىرەنى ئالقىنى بىلەن پاقىلدىتىپ ئۇرۇپ قوياتتى؛ گاھىدا قانداقتۇر بىر پىكىردىن چەكسىز ھوزۇر ئالغانلىرىدا پۇتلىرىنى لىككاڭشىتىپ بىر چەتكە ياڭداپ قوياتتى ياكى لەۋلىرىنى كەڭ ئېچىپ چىشلىرىنى چىڭڭىدە چىشلەيتتى. گاھىدا تازا قىزىق سۆزلەۋېتىپ قايسىدۇر بىر جەمئىيەتشۇناسنىڭ قاراشلىرىنى ياقتۇرمىغانلىرىدا «بىكار گەپ! جۆيلۈپتۇ!» (No way! Nonsense!) دەپ ۋارقىراپ كېتەتتى . پىكىر قىلىشنىڭ ھوزۇرىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم ئۇنى ساراڭغا چىقىرىۋېتىشى تۇرغان گەپ ئىدى . بەزىدە ئۇ ئاجايىپ غەلىتە قىلىقلارنى قىلىپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈۋېتەتتى . دەسلىپىدە ئۇنى تازا چۈشەنمەپتىمەن . كېيىن ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاتىغان، قەلبى قەغەزدىنمۇ ئاق كىشى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم . مەن ئۇنىڭ دەرسىدە جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئۈچ يول ئاچقۇچىسى بولغان فرانسىيىلىك ئېمىل دۇركىم (Emile Durkheim)، گېرمانىيىلىك ماكس ۋىبىر (Max Wiber) ۋە كارل ماركسنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن تونۇشتۇم؛ جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۈچ غول نەزەرىيە بولغان «فۇنكسيىزم نەزەرىيىسى» (Functionalism Theory)، «توقۇنۇش نەزەرىيىسى» (Conflict Theory)، «سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى» (Symbolic Interactionism) دىن خەۋەر تاپتىم ؛ جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىر خىل نەزەرىيە مودېلى يەنە بىر خىلى نەزەرىيىنى ئاغدۇرۇش ئاساسىدا ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان، جەمئىيەتكە ئائىت يېڭى تېما ، يېڭى مەسىلە بايقالغانسېرى يېڭى نەزەرىيە تېپىلىپ بېيىپ ماڭىدىغان پەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم . بۇ جەرياندا پروفېسسور پېتىر مانىكاسنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى چوڭقۇر بولدى .

ئىلمىي تەتقىقاتتا ، بولۇپمۇ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا «نەزەرىيە ئەسلەش» نىڭ تولىمۇ مۇھىم بىر ھالقا ئىكەنلىكىنى مەن پروفېسسور پېتىر مانىكاستىن ئۇقتۇم . خەلقئارا تەتقىقات ساھەسىدە مەلۇم بىر تېما ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولغان تەتقىقاتچى بۇ ساھەدە بۇرۇن ئىزدەنگەن نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئەسلەپ ئۆتۈشى ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئاشۇ قاراشلىرىنىڭ قايسى تەرىپىگە يېڭى بىر نۇقتىنى ئېلىپ كىرمەكچى بولغانلىقىنى شەرھىيلىشى لازىمكەن . شۇ ساھەدىكى كلاسسىكلاردىن ياكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلاردىن مەنپەئەتلىنىپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى قىسقارتىپ ئەسلەپ چىقىش جەريانى «نەزەرىيە ئەسلەش» (Literature Review) دەپ ئاتىلىدىكەن؛ بۇ ھالقىسى ئورۇندالمىغان تەتقىقات ئىلمىي تەتقىقات ھېسابلانمايدىكەن . ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا ئىجتىمائىي پەنگە ئائىت خېلى جىق كىتابلارنى ئوقۇغان بولساممۇ ، ئىلمىي تەتقىقاتتىكى «نەزەرىيە ئەسلەش» جەريانى ھەققىدە ھېچكىمدىن ، ھېچيەردە بىرەر ئۇچۇر ئاڭلىمىغانىكەنمەن. شۇڭا پۈتۈنلەي يېڭى ساھە بولغان «نەزەرىيە ئەسلەش» ھالقىسى مېنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتىمدا خېلىلا تەرلەتتى . «زامانىۋىلىق» ھەققىدە يازغان قىسقا ماقالەمنى پروفېسسور قايتۇرۇۋېتىپ قايتا يېزىشىمنى تەلەپ قىلدى . سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم ، يازمامدا باشتىن – ئاخىر دېگۈدەك ئۆزۈمنىڭ شەخسىي قاراشلىرىمنى گەۋدىلەندۈرۈپتىمەن ؛ خېلى جىق بايانلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپتىمەن . پروفېسسورنىڭ تەلىپى بويىچە ماقالەمنى قايتا ئۆزگەرتىش داۋامىدا ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى دانېل بېل (Daniel Bell)، گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى ئۇلچ بېك (Uich Beck)، ئەنگلىيە جەمئىيەتشۇناسى ئانتونى گىددېنىس (Anthony Giddens) لارنىڭ زامانىۋىلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. يەنە بىر چوڭقۇر تەسىراتىم شۇ بولدىكى، ئۇيغۇرلانىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ، «نەزەرىيىدىن قورقۇش كېسىلى» ياكى نەزەرىيىنى چۈشەنمەي مەنسىتمەسلىك خاھىشى بىزدىكى پىكىر تېيىزلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەن. نەزەرىيىۋى تەپەككۇردا قىينالغانلىرىمدا «بىزنى نەزەرىيىگە ئۆچ قىلىۋەتكەن نەرسە نېمىدۇ؟» دەپ ئويلىغان چاغلىرىممۇ بولدى. بىز ئۇيغۇرلار «نەزەرىيە ساتمىغىنا، نەزەرىيىچى» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نەزەرىيە ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى پاراڭلىرىمىزدا مەنسىتمەسلىك بىلەن ئاشكارىلاپ ئۆتەتتۇق . ئىككى خىل مۇھىتتىكى نەزەرىيىگە تۇتۇلغان قارىمۇقارشى ئىككى خىل پوزىتسىيە مېنى ئويلاندۇراتتى. بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ناھايىتى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرۇق گەپ ساتقانلارنى «نەزەرىيىچى» دېگەن نام بىلەن، مەنىسىز، چۈشىنىكسىز، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان گەپلەرنى قىلىشنى «نەزەرىيە سېتىش» دېگەن گەپ بىلەن ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە ، نەزەرىيە دېگىنىمىز ئوخشىمىغان ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى شەرھىلەپ بېرىدىغان، مۇتەپەككۇرلارنىڭ پىكىر ئەلگەكلىرىدىن ئۆتۈپ مەلۇم مەسىلە، مەلۇم تېمىنىڭ ئىجتىمائىي نېگىزىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلغان ئىدىيە مودېلى بولىدىكەن. بىز نەزەرىيىنى چۈشەنمەسلىكنى مەنسىتمەسلىكىمىز بىلەن يۇپۇتماقچى بولۇپ كەپتىمىز. كىمنىڭ دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق ، بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئابىستراكت بايانلارنى چۈشەنمەي تىللىغىنىنى «بىلمىگەن نەرسىنى تىللاشنىڭ لەززىتى بىلگەن نەرسىنى تىللاشقا قارىغاندا شېرىن بولىدۇ» دەپ كىنايە قىلغانىكەن . ھازىر بۇ گەپ ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ «نەزەرىيىدىن قورقۇش كېسىلى» گە قارىتىپ ئېيتىلغاندەك تۇيۇلىدۇ .

پېتىر مانىكاسنىڭ سۆزلىگەن دەرسلىرى ئىچىدە بىلىمنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە بىلىم جەمئىيەتشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى، ۋىنگرىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس كارل مەنخايىم③ (Karl Mannheim 1893-1947) ھەققىدىكى قاراشلىرى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى.

- كىشىلەرنىڭ ئېڭى ئىجتىمائىي مەۋجۇدلۇقنى ئەمەس، ئىجتىمائىي مەۋجۇدلۇق كىشىلەرنىڭ قانداق ئاڭدا بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ ، – دەپ قاراشلىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى پروفېسسور پېتىر مانىكاس بىر قېتىملىق دەرسىدە ، – بۇ ئەمەلىيەتتە كارل ماركسنىڭ قارىشى. ماركسنىڭ قارىشىچە بولغاندا ، بىر خىل ئىدىيە سىستېمىسى شۇ خىل ئىدىيىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي رولى ، ئورنى ، توغرىراقى سىنىپىي ئورنىغا باغلىق بولىدۇ . كارل مەنخايىم بولسا باشقىچە قاراشتا . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، بارلىق كۆزقاراش ۋە ئىدىيە شۇ كۆزقاراش، ئىدىيە بارلىققا كېلىۋاتقان تارىخىي، ئىجتىمائىي شارائىتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم شۇ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . ھەرقانداق مۇتەپەككۇر ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي مەزھەپكە تەۋە بولىدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ، ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي رول ئۆتەيدۇ . شۇڭا مۇتەپەككۇرنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە ئورنى ئۇنىڭ دۇنيانى كۆزىتىشىگە ، مۇھاكىمە ئاساسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ھەرقانداق تەپەككۇر پائالىيىتى ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ . بۈگۈنكى دۇنيا سەھنىسىدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ھەرخىل نۇقتىئىينەزەرلەر ئەمەلىيەتتە شۇ نۇقتىئىينەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . كارل مەنخايىمنىڭ «مەۋجۇدىيەت ئىدىيىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن قارىشى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدىكى ئىدىيە سىستېمىسىغا سىڭىپ كەتكەن.

پروفېسسور پېتىر مانىكاس گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى مۇھاكىمە قىلىش بىلەن چۈشۈردى ۋە يەنە بىر بىلىم جەمئىيەتشۇناسى، پولەك مۇتەپەككۇرى فلورىيان زىنانىك (Florian Znaniecki 1882-1958) نىڭ يادرولۇق قاراشلىرىنى ئۆز مۇھاكىمىسىگە يانداشتۇرغان ھالدا مۇنداق چۈشەندۈردى :

- بىلىم بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىر – بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان. ئاۋۋال ئىنسانلارنىڭ مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي سىستېمىغا قاتنىشىشى ۋە شۇ ئىجتىمائىي سىستېمىنىڭ چەكلىمىسى ئىچىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بىلىم سىستېمىسىغا ئىگە بولغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . فلورىيان زىنانىكنىڭ قارىشىچە ، بىرىنچىدىن ، پەقەت تەربىيە كۆرگەن ياكى نەزەرىيىلەرگە پىششىق ئادەملەرلا ئالاھىدە ئىجتىمائىي رول ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئالاھىدە ئىجتىمائىي شارائىتتا مەلۇم ئىجتىمائىي توپنىڭ يادرولۇق ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەخس ۋە بىلىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىگە تەربىيە قىلىش، ئىلھام بېرىش، كونترول قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي رول ئۆتەۋاتقان بىلىم ئىگىسى ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىنىڭ نەزىرىدە بىر خىل مەنىۋى تۈۋرۈك. ئىلىم ئىگىسى ئۆتەۋاتقان ئىجتىمائىي رول بىلەن ئۇ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپ ئارىسىدا ئومۇم ھوزۇرلىنالايدىغان قىممەتنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئورتاق ئۇيۇشۇشچانلىق مەۋجۇت . مەسىلەن ، پادىشاھ بىلەن ئۇنىڭ پۇقرالىرىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقىنى سىياسىي قىممەتتۇر. سەنئەتكار ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ياكى تەنقىدچىلىرىنى مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي چەمبىرەكتىكى ئۇيۇشۇشچانلىق بولسا ئەمەلىيەتتە ئىستېتىك قىممەتتۇر. ئىلىم ئىگىلىرى ئۆتەۋاتقان ھەربىر خىل ئالاھىدە ئىجتىمائىي رولىدا بىر خىل ئىستەك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ . تۆتىنچىدىن ، زىنانىكنىڭ قارىشىچە ، ئىلىم ئىگىلىرى بىر جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ھەرخىل ئىجتىمائىي رول ئۆتۈشى مۇمكىن . مەسىلەن ،  تېخنىكىلىق مەسلىھەتچى (Technological Advisors) لەر ؛ دانىشمەنلەر (Sages) – يەنى ئاۋامنى ئورتاق مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن مەلۇم ئىدېئولوگىيىگە باشلايدىغان ياكى قامچىلاپ تۇرىدىغان كىشىلەر؛ دىنىي ۋە ئىلمىي ئالىملار (Sacred and Secular scholars) . بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەقىقەت بايقىغۇچى (Discoverer of Truth) ، ئىلىم تارقاتقۇچى (Disseminators of Knowledge) ، تەشكىللىگۈچى (Systematizers) ، بېغىشلىغۇچى (Contributors) ، ھەقىقەت جەڭچىلىرى (Fighters for Truth) ، ئىلىم ياراتقۇچى (Creators of Knowledge) ، ھەقىقەت بايقىغۇچى (Fact-finders)، مەسىلە بايقىغۇچى قاتارلىق كونكرېت ئىجتىمائىي روللارنى ئۆتەيدۇ . بەشىنچىدىن ، ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ كۆزقاراشتا توقۇنۇشۇپ قېلىشى قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس. مۇنازىرە ۋە ئوخشىمىغان قاراش بىلىم يولىدا ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ روھىدىكى مەنىۋى كىشەنلەرنى بالدۇرراق پاچاقلاشقا پايدىلىق …

پروفېسسور پېتىر مانىكاسنىڭ شۇ قېتىملىق دەرسى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى. مەن ئۇنىڭ بىلىم ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاش، لېكسىيىسىدىن خاتىرە قالدۇرۇش، خاتىرىلىرىمنى كۆرۈپ ئانالىز قىلىش داۋامىدا ئۆزىمىزنىڭ زىيالىيلىرى ھەققىدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، نۇرغۇن ئىلىم ئىگىلىرى تارىيىۋاتقان ئىمكانىيەتلەرنى باھانە قىلىپ بالدۇر چۈشكۈنلىشىۋاپتۇ. ئەلۋەتتە ، بىر زىيالىينىڭ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي دەۋردە چۈشكۈنلىشىشى، ئىدىيىدە كرىزىسقا پېتىشى نورمال ئەھۋال . چۈنكى ، چۈشكۈنلۈك – ئۈمىد بىلەن قوشكېزەك، توغرىراقى ئۈمىدنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىدۇر. زىيالىيلارنىڭ چۈشكۈنلۈكى ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزلىرى ئۆتەۋاتقان ئالاھىدە ئىجتىمائىي رولىنى سەل چاغلىغانلىق ياكى ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى مەنىۋى گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق. بىزدە دەۋر «ھەقىقەت جەڭچىلىرى» بولۇشقا يول قويمىسا «مەسىلە بايقىغۇچى» بولالايدىغان، ئىلىم تارقىتىش ئىمكانىيىتى تارايسا ئۆز ئىجتىمائىي توپىغا مەسلىھەتچى بولالايدىغان، ئىشقىلىپ مەلۇم بىر يول ئېتىلسە يەنە بىر يوچۇقتىن شۇڭغۇپ كىرەلەيدىغان روھ، چېچەنلىك ۋە پىداكارلىق بولۇشى كېرەك . چۈنكى، بىر مۇنەۋۋەر زىيالىينىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئۆزىگە تەۋە بولغىنى بىلەن ، مەنىۋىيىتى ئۆزىگە ھەم ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپقا مەنسۇپ بولىدۇ. ئاجىز ، ئورنى تۆۋەن مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ پېشانىسىگە «دەردمەنلىك» پۈتۈلگەن. ھەقىقىي زىيالىيلار ئۆزى خالاپ تۇرۇپ بۇنداق سۆيۈملۈك دەردمەنلەردىن بولۇشى كېرەك. قىيىنچىلىقنى، تارىيىۋاتقان ئىمكانىيەتلەرنى باھانە قىلىپ كەينىگە داجىغان، چۈشكۈنلەشكەن زىيالىي ئۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلغان زىيالىيدۇر.



4
داۋامى بار

taxbalik 2011-08-22 11:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
رامىزىنڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئۇيغۇرزادە ، مەنمۇ سىزنىڭ  ئاددى ئىپادىلەش سۆزلىرى بىلەن ئوقورمەنلەرنى قايىل قىلدىغان تىمىللىرڭىزنى قويماي دىگۈدەك ئوقۇپ كىلۋاتمەن . بۇرۇنقى تىمىللىرڭىزغا ئىنكاس يىزىشنى يازالمىغان بولساممۇ بۇقىتىم تىما يزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . مۇشۇنداق بىز ھىس قىلغان لىكىن  ئىپادىليەلمەيدىغان <ھىسماقالە، ھىسبايان>دىگەندەك يىڭى سۆزلەرنى كۆرگۈنۈمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم . بۇرۇن ھەممىسىنى ئىلمى ماقالە دەپ كۆرەتتۇق ، لىكىن ئىچىمىزدە قايىل بولمىساقمۇ نىمە دەپ ئىپادىلسە توغرا بولدىغاندۇ دەپ ئويلىنىپ قالاتتۇق . سز كەبى ئىلىملىك كىشلىرمىزنىڭ تىلىمىزنى بىيتىش مەجبۇريى ھەم مەسئۇليىتى بار دەپ قارايمەن . چۈنكى پىكىر ئاددى كىشلەر بۇنداق سۆز ئجاد قىلامايدىكەنمىز . ئۇلۇق رامىزىننىڭ ئەڭ جەۋھەر كۈنلىرىدە سىزنىڭ تىمىڭىزنى كۆرگەنلىكىمدىن كۆپ رەمەت ئېيتىمەن . ئاللاھ ئوقۇشىڭىزدا يۇلۇققان قىيىنچىلىقلىرڭىزنى ئاسان قىلىپ بەرسۇن . قالغان ئىنكاسىمنى ھىسماقالىڭىزنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن داۋاملىق يازمەن...

zial 2011-08-22 12:50
ھىس ماقالىغا مەن بىر مىسال كۆرۈستۈپ باقاي
مۇشۇ تېمنىڭ ئاپتۇرى زۇلپىقار باراتنىڭ ''شىنجاڭ مەدەنىيتى''نىڭ بۇ يىللىق 3-ساندا ژۇرنىلدا ئىلان قىلغان  ماقالىسى دەل ھىسماقالا. قىزىقانلار تېپىپ ئوقۇپ بېقىڭلار.

uyghurzade 2011-08-22 13:51
نەقىل
بۇ 11قەۋەتتىكىsoygum يوللىغان 2011-08-22 07:29 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم. ماقالىڭىزنىڭ تېمسدىكى ھونۇلۇلۇ توغرسىدا ئازىراقمۇ ئۇچۇر بەرمەيلا  : ئۆزىمىزگە تونۇش ئۆيگە كىرسەك.. دەپ باشلاپ كېتىپسىز. مەن  ئەلكۇيگە يېڭى ئەزا بولغاچقا ئالدىنقى ئەسىرىدە تىلغا ئالغاندۇ دەپ ئويلىدىم. بىزدەك ئامىرىكىنى بىلمەيدىغانلارغا شەھەر ھەققىدە ئاز تولا تونۇشتۇرۇش قېتىۋەتكەن بولسڭىز ياخشى بولاتتى. سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. ماقالىڭىزدىن بىر خىل كەمتەرلىك،بايقاشقا ماھىرلىق،ھېس قىلغانلىرنى سەمىميلىك بىلەن يۇشۇرماي ئوتتۇرغا قويدىغان يۇقۇشچانلىقنى ھېس قىلمەن. مېنڭچە مۇنبەرگە قانداقتۇر ئىلىمي ماقالىلەر كېرەك ئەمەس بەلكى سىز دېگەندەك مۇشۇنداق ھېسبايان خاراكىترلىك يېنىك ئەسەرلەر كېرەك،چۈنكى بۇ دېگەن مۇنبەر .ئاخىردا سىزگە رامىزانلىق سالام سالامەتلىك خاتىرجەملىك تىلەيمەن!

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. ئەسلى ھونۇلۇلۇ شەھرى، ھاۋايلىق يەرلىك خەلق ۋە پيورل خاربور ھەققىدە مەزمۇنلار بار بابنى يوللاش پلانىم يوق ئىدى. سىزنىڭ  ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ ئۇ ھەقتىكى بايانلار يېزىلغان بابنىمۇ ئەۋەتىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. بۇ باشقىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن نەشىردىن چىققان  كىتاب بولغاچقا، مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ سەمىگە سالماي تۇرۇپ بەك جىق بابنى يوللىسام ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ ماۋزۇغا يۈز كېلىش ئۈچۈن ماس كېلىدىغان مەزمۇنلار مۇمكىنقەدەر تولۇق يوللىنىدۇ.  
    مېنىڭ بۇ بابنى ئاۋۋال يوللاشتىكى مەقسىتىم مۇنداق: زىيالىلار ، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى مۇھىم رولىنى بارغانچە چوڭقۇر ھېس قىلۋاتىمەن. ئويلايمەنكى، زىيالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز رولىنى سەل چاغلىمىسا، ئۆزى يولۇقۋاتقان چۈشكۈنكۈكلەرنى يېڭىپ ئەتراپىدا بار ئىمكەنىيەتلەرنى ۋە قابليىتنى تولۇق قازسا، 21-ئەسرىدىكى مەۋجۇدلۇقىمىزدا ئاچقۇچلۇق دەۋر بولغان ئالدىمىزدىكى ئون يىلدا ئۆزى ئويلىغاندىن ئارتۇق ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئشىلارنى قىلالايتتى. شۇ سەۋەبتىن ھەم روزى ھېيتقا ئەگىشىپلا  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنڭ كېلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،  ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىنىڭ رولى ھەققىدە يېزىلغان بۇ بابنى يوللىغۇم كەلدى.كېيىنكى قېتىم يوللىىنىدىغان قسمىدا يەنە ئىلىم ئىگىسىنىڭ رولى ھەققىدە  مۇلاھىزە سۇنۇلىدۇ.
     سىزگە رەھمەت!
     شۇنداقلا مۇنبەرلەر ۋە سەبيىلەر ئالدىدىكى رولىنى تونۇپ سەگەكلەشكەن ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە، قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدە بار ئىمكانىيەتلەرنى قېزىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان، "مەن نېمە قىلالايمەن؟" دەپ ئۆزىنى سوراقلاۋاتقان زىيالىلرىمىزغىمۇ ئېھتىرام.
     بولسا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا "بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى يەنە نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىن؟ زىيالىيلار نېمىگە سەل قاراۋاتىمىز؟" دېگەن تېمىنى بويلاپ مۇنازىرە قىلدىغانلار، پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلار بولسا قارشى ئالىمەن.مۇنبەرنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشلار داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
         داۋامى كەچتە يوللىنىدۇ.

uyghurbeg 2011-08-22 13:53
سالام ئۇيغۇرزادە ئاكا،
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمدا تالاي قېتىم ئۆزلۈك ھەققىدە ئويلۇنۇپ، بېشىم قاتقان مەزگىللەردە ئۆزباش تەخەللۇسىدىكى ئاپتورنىڭ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››ژۇرنىلىغا ئەۋەتىدىغان ھەر يازمىلىرى ئارقىلىق قەلبىمگە تەسەللىي تېپىپ، كۆڭلۈمدە يۇرۇمىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى يۇرۇتقان، گاڭگىرىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدىگەن ئىدىم. نىھايەت، شۇنىڭدىن مانا تۆت يىللارغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بىر  يىلنىڭ ئالدىدا ئەلكۈيىدە سىز باشلىغان تەنقىد بورىنىدىن بۇرۇن، كۆپ ۋاقتىمنى مەنزىلسىز، مەقسەتسىز تورغا چىقىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسام، شۇ تاپ ئاشۇ كەتكەن ۋاقىتلىرىمغا ئېچىنغاچ، ئۆزۈم ئەينى چاغ جاۋاب ئىزدىگەن ‹‹ئۆزلۈك››كە ھېلىھەم جاۋاب ئىزدەۋاتىمەن.كىتابخانلىرىمىز ‹‹يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام››، ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك››، ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا›› قاتارلىق كىتابلاردىن مەلۇم زوققا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بارلىرىمىز گۈلەن قاتارلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ سەرگۈرەشتىلىرى ئاساسىدا  بولسىمۇ كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بىز كۆپ ئىشىتكەن، ئەمما ھەقىقىي نەزەردە بىزدىن بەكلا ناتۇنۇش ئاشۇ يۇرتلار ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى مۇۋاپىق ھالدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان تېتىملىق يازمىلىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈشكە، كىملىك ھەققىدە ئويلۇنۇشقا تىرىشماقتا. مەزكۇر يازما ئارقىلىق سىزنىڭ يەنە شۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم بولىۋاتقان ‹‹ئۆزلۈك››ھەققىدە كىتاب يازغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ، تولىمۇ خۇش بولدۇم. بۇ ئەمگىكىڭىزمۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ياكى ئەتراپىمىزنى تونۇش، ئويلۇنىش ھەققىدە ئازراق پايدىسى بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. ناۋادا بۇ كىتابىڭىز ئىلمىي ئەسەر بولمىسا، گەپ-سۆزلەرنى ئاممىبابقا يېقىن چىقارسىكەن، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ، چۈشۈنۈش ئىقتىدارى تۆۋەن نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ھەم نورمال پايدىلىنىپ، زوق ئالالىسا، بۇمۇ سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزنىڭ يەنە بىر پەللىسى بولىدۇ ئەلۋەتتە.
يازمىڭىزنىڭ داۋامىغا نەزەر سالغاچ، سىزگە ۋە سىزنىڭ ئىشىڭىز ۋە خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
- سىزنىڭ يۇشۇرۇن قوللىغۇچى ئىنىڭىز ئۇيغۇربەگدىن

uyghurzade 2011-08-22 14:09
ۋەئەلەيكۇم ئەسسسالام ئۇيغۇربەگ ئىنىم.
    ئورۇنلۇق گەپ قىلىپسىز. شۇنداق، سىز ئۈمىد قىلغاندەك بۇ كىتابتا گەپلەر ئاممىباب تىلدا دېيىلگەن.ئابسترااكىت گەپنى قانداق قىلىپ ئادديىللاشتۇرۇپ دېيىش، سرلىقلاشتۇرماسلىق مەن ئۈچۈن چوڭقۇر باش قاتۇرۇشقا تېگشلىك بىر نۇقتا.  
     سىزنىڭ "ئۆزلۈك" ۋە "ئۆزىنى تونۇش" ھەققىدە ئويلىنىۋاتقىنىڭىز  ياخشى ئىشكەن. ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆزىنى قېزىش ئادەم ئۈچۈن بىر ئۆمۈرلۈك جەريان. ئۆزىنى تونۇغان رەببىنى تونۇيدۇ دەيدۇ ئەمەسمۇ؟
    ئىلىمىي نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ مەيلى پسىخولگيىدە بولسۇن، مەيلى پەلسەپىدە بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە بولسۇن، ئۆزلۈك ئۇقۇمى تالاي يىللاردىن بېرى تەھلىل قىلىنىپ كەلدى. شۇڭا بۇ ھەقتە ئويلىنىش ئەھمىيەتلىك ۋە زۆرۈر. ياخشى بوپتۇ، ئىزدىنىش سەپرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
     كېيىن، زۆرۈر تېپلغاندا، "ئۆزلۈك ۋە كىملىك دېگەن زادى نېمە"دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش مەقستىدە يېزىلغان "ئۆزلۈك ۋە كىملىكنىڭ مەنە ۋە نەزەريىۋي قاتلاملىرى" دېگەن ماقالەمنى يوللاپ قويۇشۇممۇ مۇمكىن.

uyghuraaa 2011-08-22 16:21
تورداش ئۇيغۇرزادە تىمىلىرىڭىزنى، شۇنداقلا تىمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ سىزنىڭ مەھسۇلىيەت تۇيغۇرىڭىزنىڭ چۇڭقۇرلىغىنى، شۇنداقلا مىنىڭ چۈشەنچىمدە تىمىڭزنىڭ ئويغان، تۈزەل تۈسىنى ئالغانلىغىنى چۈشىنىپ يەتتىم. سىزگە رەھمەت، تور ئەدەبىياتىنى مانا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا راۋاجلاندۇرۇپ تۇرىشىڭىزنى بەكلا كۈتىمەن. كىيىنچە بىزدىنمۇ يانفۇندا ئابونتلارغا يوللاپ تۇرغىدەك ماقالىلار، ئەسەرلەر بولغۇسى، مۇشۇنداق خىياللاردا بولغىلى بىر يىلچە بولۇپ قالدى.

barikat 2011-08-22 16:51
زۇلپىقار مۇئەللىم مەن سىز بىلەن مۇنبەردە كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، مەن ھەر قېتىم "شىنجاڭ مەدەنىيىتى"، "ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" قاتارلىق ژۇرناللاردىن ماقاللىرىڭىزنى ۋاقتى - ۋاقتىدا كۆرۈپ تۇرىمەن، بۇ قېتىم شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىدا يەنە سىزنىڭ ماقالىڭىزنى كۆرەرمەن دەپ كۈتكەن ئىدىم لېكىن ژۇرنال خېلىلا كېچىكىپ چىقىشى ۋە سىزنىڭ ماقالىڭىزنىڭ يوق بولۇشى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان ئىدى، بۈگۈن بۇ مۇنبەردە سىزنىڭ يازمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوشال بولدۇم. مۇئەللىم ۋاقتىڭىزلا بولسا تور ئارقىلىق بولسىمۇ كۆپەرەك دىدارلىشىپ تۇرايلى، مېنىڭ دائىم سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن خەۋەردار بولغۇم، يېڭى ئىدىيە يېڭى كۆز- قاراشلىرىڭىز بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ تۇرغۇم كېلىدۇ. مۇئەللىم ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، ئۇلۇغ ئاللاھ تېنىڭىزگەسالامەتلىك تۇرمۇشۇڭىزغا خوشاللىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار ئاتا قىلسۇن!!!
يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز

turkzad 2011-08-22 20:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرزادە
يەنە بىر يېڭى يازمىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن، ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!...
سزى تىلغا ئالغان بىر نەچچە يىل بۇرۇن مۇنبەرلەردە ئېلان قىلغان شۇ يازمىلىرىڭىزنى ھازىر بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قۇيالارسىزمۇ؟ ماڭا ئوخشاش بۇ يازمىلارنى ئەينى ۋاقىتتا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر مۇنبەردە خېلى بار دەپ ئويلايمەن. بۇ يازمىڭىزنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئوقۇماي يېڭى قىسىملىرىنى ئوقۇساق بەلكىم تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئالدىنقى قىسىملىرىنىمۇ ئوقۇساق...
رەھمەت!

mohsin 2011-08-22 20:17
بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان شەخىسلەر  ۋە كىتاپلارنىڭ ، ۋە بەزى موھىم ئاتالغۇلارنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشىنى قوشۇپ يازغانلىغىڭىز بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.  ماقالىنى ئوقۇش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر ، مەسىلەن  شارما ...   قاتارلىقلارنىڭ رەسىمىنى گوگۇللاپ  كۆرۈپ باقتىم، كۆپىنچىسىنىڭ رەسىمى بار ئىكەن ، بۇنداق بولغاندا ماقالىنىڭ تەسرچانلىقىغا تېخىمۇ ئىجابى تەسىرى بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم، ..

semerqent 2011-08-22 21:46
[.................
يازمىڭىزنىڭ داۋامىغا نەزەر سالغاچ، سىزگە ۋە سىزنىڭ ئىشىڭىز ۋە خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
- سىزنىڭ يۇشۇرۇن قوللىغۇچى ئىنىڭىز ئۇيغۇربەگدىن ......
—《سىزنىڭ يۇشۇرۇن قوللىغۇچ ئىنىڭىز》
    مۇشۇ ئىبارىنى ياختۇرۇپ قالدىم ،زۇلپىقار ئاكا ! مېنىڭچە بۇ ئىبارە بىزگەنىسبەتەن  سۆزلىگۈچىنىڭ سىزنىڭ قىممىتىڭىزنى ،ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرسە كىرەك . چۈنكى بىز ئالاھىدە مۇھىت شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە قەھرىمانلارغا ئوخشايمىز .سۆيگۈمىز <<قىلىچنىڭ بىسىدا ئۆسكەن رەيھاننى >>ئەسلىتىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۈمىد ئىگىلىرىگە ياردۇر. گەرچە يىراقتا بولساقمۇ ،تونۇشمىساقمۇ ئەسەرلىرىڭىزدىن سىزنى تۇنۇپ خالس نىيەتتە سىز گە ئىشتىياق باغلاپ كېلىۋاتقان ئىخلاسمەنلىرىڭىزدىن بىرى مەن. سىز بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنى شۇ سالاھىيەتكە مۇناسىپ بولۇشقا ؛يوقاتقانلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى دەڭسەشكە ؛ سىز ۋە بىز كۈتكەن مەنزىللەردە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرىدا بىلەكلەرنى تۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بايانى ھەم پايانى چەكسىز بولسۇن ئاكا !
   كىملىك يىگانىدۇر . بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە نىيەت قىلغىنىڭىز  بىزنى بەكمۇ خۇرسەن قىلدى . ئاللاھنىمۇ خۇرسەن قىلسۇن دىگەن تىلىكىمىزدىن سىزمۇ خۇرسەن بولىسىز ئىنشائاللاھ !

uyghurzade 2011-08-22 23:35
نەقىل
بۇ 24قەۋەتتىكىturkzad يوللىغان 2011-08-22 20:10 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرزادە
يەنە بىر يېڭى يازمىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن، ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!...
سزى تىلغا ئالغان بىر نەچچە يىل بۇرۇن مۇنبەرلەردە ئېلان قىلغان شۇ يازمىلىرىڭىزنى ھازىر بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قۇيالارسىزمۇ؟ ماڭا ئوخشاش بۇ يازمىلارنى ئەينى ۋاقىتتا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر مۇنبەردە خېلى بار دەپ ئويلايمەن. بۇ يازمىڭىزنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئوقۇماي يېڭى قىسىملىرىنى ئوقۇساق بەلكىم تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئالدىنقى قىسىملىرىنىمۇ ئوقۇساق...
رەھمەت!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تۈركزاد:
شۇنداق، بىر تۈركۈم يازمىلىرىمنى ئىلگىرى چۆكۈپ كەتكەن مەلۇم بىر داڭلىق مۇنبەرنىڭ مەسئۇلى  رۇخستىمنى ئېلىپ تورغا قويغان.  چۆكۈپ كەتكەن  مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان شۇ يازمىلارنىڭ بىر قىسمىنى دىلكەش دوستلارنىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان سەرخۇش بلوگىدىن كۆرەلەيسىز. مېنىڭ ئادەتتە ئۇ بىلوگنى باشقۇرىدىغان، ئۇنىڭغا دائىم يازما يازىدىغان ۋاقتىم يوق. ئەمما، بۇرۇنقى كونا بىر قىسىم يازمىلارنى شۇ بلوگ باشقۇرغۇچىسىىغا ئەۋەتىپ بېرىمەن( بلوگنى ماڭا ۋاكالىتەن باشقىلار باشقۇرۇۋاتىدۇ). سىز شۇ يەردىن ئۆزىڭىزگە لازىم بولغان بەزى ئۇچۇر ۋە يازمىلارنى تاپالشىڭىز مۇمكىن. سىناپ بېقىڭ.
     ئۇنىڭدىن باشقا تەكرارلىق بولۇپ قالمسۇن ئۈچۈن يازغۇچىلار تورى ۋە ئەلكۈيى تورىغا يوللىغان تېمىلارنى سەرخۇش بلوگىغا خېلى ئۇزۇنغىچە قويمايمەن. مەسىلەن، "ھونولۇلۇ خياللىرى" دېگەن تېما ئاستىدا يوللىنىدىغان ئۈچ بابنى(ئەسلى كىتاب 21باب) مۇشۇ ئەلكۈيى تورىدىن، بەزى مەسلىلىلەر ھەققدىكى قاراشلىرىمنى يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى "ئۇيغۇرزادە پىكىرخانىسى" ئاستىدىكى يۈرۈشلىك ھېسپۈتۈكلەردىن كۆرەلەيسىز.
    ئامان بولۇڭ، مۇنبەر ئارقىلىق كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سردىشىشقا نېسپ بولسۇن.
    ماڭا تەكلىپ پىكىر بەرگەن، مەدەت بەرگەن باشقا قېرىنداشلىرىمغىمۇ رەھمەت.

uyghurzade 2011-08-22 23:40
ۋاقىت تاپساملا تورغا يوللاۋاتىمەن. بۇ بابنىڭ داۋامى بۈگۈن يوللىنىپ تۈگەيدۇ.    
       ئاندىن "ھونولۇلۇ-قىش بولمايدىغان شەھەر" دېگەن بابنى ۋە "پيورل خاربور يۇرتىغا سەپەر" دېگەن بابنى يوللاشنى باشلايمەن. ۋاقتىم سەل جىددىي بولۇۋاتىدۇ، ۋاقىت تاپساملا تەكشۈرىدىغان يەرنى تولۇق تەكشۈرۈپ داۋاملىق يوللايمەن. تورداشلارنى ساقلىتىش نىيىتىم ئەسلا يوق.ئۆزرە سورايمەن.
"پروفېسسورلىرىم نېمە دەيدۇ" دېگەن بابنىڭ خاتىمىسى

uyghurzade 2011-08-22 23:44
داۋامى

4

ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن كۈنلىرىمدە ، يېتەكچى پروفېسسورۇم، دوكتۇر سۈن كىچەي، دوكتور ناندىتا شارما ، دوكتور پېتىر مانىكاسلار بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئىدىيەمنى زەرەتلەۋاتقانلىقىنى، ماڭا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. سۈن كىچەيدىن پەزىلەتنىڭ ئۈنسىز تەربىيىدىكى رولىنى ۋە پروفېسسورنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا يوشۇرۇن بىلىم بېرىدىغانلىقىنى ، دوكتور ناندىتا شارمادىن ئۆزۈمنىڭكىگە قارشى قويۇلغان پىكىرنىڭ ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى، دوكتور پېتىر مانىكاستىن بىر مۇتەپەككۇرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ شاگىرتلىرى ئۈچۈن تۈگىمەس بايلىق ئىكەنلىكىنى، زىيالىيلارنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەندىم . ھالبۇكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كلاسسىك زىيالىيلارنىڭ بارغانسېرى ئازلاۋاتقانلىقى ، زىيالىيلاردىكى ئېغىر چۈشكۈنلۈك ئويغاق پىكىرلىك كىشىلىرىمىزگە ئايان رېئاللىق ئىدى . ئەلۋەتتە زىيالىيلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، سۈكۈتكە چۆمۈشى نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسە . مەن ئۆزۈم كۆرگەن پروفېسسورلار ھەققىدىكى خىياللىرىمغا يانداشقان ھالدا چىن زىيالىيلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يوقاپ كېتىۋاتقانلىقى، زىيالىيلارنىڭ بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى مەنىۋى دۇنياسى ۋە قىيىنچىلىق، تارىيىۋاتقان ئىمكانىيەتلەر ئالدىدىكى ئىپادىسى قاتارلىق نۇقتىلار ھەققىدە ئويلاندىم .

ئەمەلىيەتتە ئۆتكۈر زىيالىيلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى يالغۇز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھادىسە بولماستىن، ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي دەۋردە مۇقەررەر يوسۇندا مەۋجۇد بولىدىغان ھادىسىدۇر. تارىخشۇناس خارولد ستېرنىس (Harold Stearns, 1891-1943) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چۈشكۈن ئامېرىكا زىيالىيلىرىنى باش تېما قىلغان «ئامېرىكا ۋە ياش زىيالىيلار» ناملىق كىتابىدا «بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز نەگە كەتتى؟» دەپ سوئال قويىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەپەككۇر رۇسسېل جاكوبى (Russel Jacoby) ئۆزىنىڭ «ئاخىرقى زىيالىيلار» (The Last Intellectuals) ناملىق كىتابىدا يۇقىرىقى سوئال بىلەن كىتابنى باشلايدۇ ۋە چىن زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ يوقاۋاتقانلىقى دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ : «سودا مەدەنىيىتى زىيالىيلارنى خىرىسقا دۇچار قىلدى. سانائەتلىشىش تەرەققىياتى ۋە شەھەرلىشىشنىڭ زەربىسى زىيالىيلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى بوغۇپ قويدى . ھازىر بىزنىڭ كۆزىمىزگە چېلىقىدىغىنى سايىسى مەكتەپنىڭ سىرتىغا چىقمايدىغان، تەتقىقات قۇلچىلىقىغا بەند بولغان زىيالىيلاردۇر. روھىيىتى چوڭقۇر بولمىغان بۇنداق زىيالىيلار يېزىۋاتقان تېمىسىنى چوڭقۇر پىكىر ئەلگىكىدىن، تاسقاشتىن ئۆتكۈزمەيدۇ . تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ سانىغا كۆچۈش ئېھتىياجى ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەپ قويغان .» رۇسسېل جاكوبى يەنە «زىيالىيلار نېمە ئۈچۈن ئىش قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالغا ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «زىيالىيلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كۆزقارىشى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئۇقۇم. زىيالىينىڭ كەچۈرمىشى ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ كەسپىي ھايات دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلاردىكى روھ تېخىمۇ قىممەتتۇر. قانداق تەقدىرگە دۇچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىش قىلىدىغان زىيالىيلار ماددىي ئىستەكتىن باشقا ئىنتىلىشى يوق تىرىك مۇردىلارغا قارىغاندا ئەھمىيەتلىك ياشىغانلاردۇر.»

ئۇنداقتا ، جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ نەزەرىدە زىيالىي دېگەن نېمە ؟ ھازىرغىچە جەمئىيەتشۇناسلار بۇ ئۇقۇمغا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ تەبىر بەرگەن . ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس لېۋىس كوسېر④ (Lewis Coser, 1913-2003): «زىيالىي پىكىرگە تايىنىپ ئەمەس، پىكىر ئۈچۈن ياشايدىغان ئادەمدۇر» دېسە، رون ئېيىرمەن (Ron Eyerman): «ئەقلىي ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى زىيالىي ئەمەس، زىيالىنى پەرقلەندۈرىدىغىنى ئۇنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مودېلى، ئۆزىگە قاراشتىكى ئۇسۇلى ۋە ھىمايە قىلغان قىممەت قارىشى» دەپ كۆرسىتىدۇ. فرانسىيە مۇتەپەككۇرى، جەمئىيەتشۇناس پىئېر بوردىئو (Pierre Bourdieu 1930-2003) بولسا: «زىيالىي دېگەن قالپاقنى كىيمەكچى بولغانلار چوقۇم ئالاھىدە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقىنى شۇ ساھەدىن باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەردىمۇ جارى قىلدۇرالايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك» دەيدۇ. ئەنگلىيە جەمئىيەتشۇناسى زىگمۇند باۋمەن (Zygmunt Baoman 1925-)  بولسا: «زىيالىينىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى – ئۆزىنىڭ يانماس ئىرادىسىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدۇر. بىر زىيالىي بولۇش – جەمئىيەتكە تەنقىدىي ۋە گۇمانلىق نەزەر بىلەن قاراشتىن ۋاز كەچمەسلىك دېگەنلىكتۇر. زىيالىي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساپ، دەرمانسىز ئىدىيە بىلەن كۈچلۈك سىياسىي نوپۇزنى تەنقىد قىلىدىغان، ئىككى تاش ئارىسىغا قىسىلىدىغان ئادەمدۇر. زىيالىيلارنىڭ تەسىرىدە ئاقارتىش ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان جەمئىيەت تېڭىرقاپ ئازاب چەككەنلەرگە ئەقىل نۇرىنى تارقىتىپ بېرىدىغان جەمئىيەتتۇر. زىيالىيلار سىياسىي ھوقۇققا قاتناشسا ، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە تەنقىدىي ئويلىنىش روھىنى ساقلاپ قالالمايدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. پىئېر بوردىيۇ بولسا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «زىيالىي دېگەن تامغا ئەسلىدىنلا كۈرەش قىلىش ئوبيېكتى بىلەن باراۋەر ئۇقۇمدۇر. زىيالىينىڭ ئىدىيىسى – ئۇنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىدۇر. ھالبۇكى، زىيالىي ھەم ھۆكۈمران ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى زىددىيەتلىك نۇقتىنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ. زىيالىيلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ – ئۆز چەمبىرىكىدىكى جان باقتى ئالدامچىلاردىن كېلىدۇ» دەيدۇ ۋە زىيالىيلاردىكى ھەمكارلىق روھىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بىلىم چەمبىرىكىنىڭ ئەزالىرى، بىلىمنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!» دەپ چاقىرىق قىلىدۇ.

بىر جەمئىيەتتە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ چاكىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى – زىيالىيلارنىڭ ئەرزىمەس ئادەملەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدۇر. رېئال مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان ھالدا تەتقىقات قۇلچىلىقىغا بەند بولغان زىيالىيلار بيۇروكراتلارنىڭ قولىدىكى تېخنىكلارغا ئوخشايدۇ. ماغزاپ بىلىم تەتقىقاتى، ئىلىم ساختىپەزلىكى، ئەخلەت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرگىزمۇ چىن زىيالىينىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئەمما، زىيالىينى جان باقتى قىلىۋېتىدىغىنى يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماددىي مەئىشەتتىن باشقا ئىنتىلىشى يوق، تۇيغۇسى ماشىنىلىشىپ كەتكەن پۈچەك ئادەملەردۇر. يامان بولغىنى ، بۇنداق پۈچەك ئادەملەر مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا پۈچەكلىكنىڭ جەمئىيەتلىشىشىگە پارنىك بولۇپ بېرىدۇ .



ئىزاھات :

① ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئىككى – ئۈچ بەت ئەتراپىدا بايان يېزىپ ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ بايان كۆپىنچە ھاللاردا پروفېسسورلارنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشتىكى ئاساسى بولۇپ قالىدۇ .

② سېمىنار – گۇرۇپپا مۇنازىرىسى ئاساسىدا تەشكىللىنىدىغان ، ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىپ پىكىر قىلىدىغان دەرس . تىلىمىزدا «سېمىنار» دېگەن سۆز ھازىر مەنىسىنى كېڭەيتىپ كۆچمە مەنىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان بولدى .

③ كارل مەنخايىم ۋىنگىرىيىدە تۇغۇلغان ، 1919 – يىلى بۇداپىشىتتا پارتلىغان ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندا گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن . گېرمانىيىدە فاشىزم تىرىلگەندىن كېيىن ، 1933 – يىلى لوندونغا بېرىپ لوندون ئىقتىساد پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان .

④ فلورىيان زىنانىك – پولشادا تۇغۇلغان ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ، شائىر . 1953 – يىلى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان . ئۇ : «مەدەنىي دۇنيا – قىممەت قاراش دۇنياسىدۇر ، ھەرگىزمۇ ماددىي دۇنيا ئەمەس» دەپ قارايدۇ ۋە بىلىمنىڭ ، ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ .

yaramlik 2011-08-23 00:42
جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتىسىز ،ئىلىمنى ئەمەلىي ئۈگىنىۋاتىسىز ،تىرىشچالىقىڭىزغا،سىزدىكى ھالال يۈرەككە رەخمەت!(ئەجىرنى دەجلىگە قىلساڭ،ھوسۇلنى فىراتتىن ئالىسەن). يازمىلىرىڭىزدا خىلى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ نەرەر دائىرسىنى كىڭەيتىشكە ياردەم بىرىۋاتىسىز، مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىزنېڭ تىخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەققىيەتكە ئىرىشىڭىزنى تىلەيمەن.
تەكلىۋىم:ئىزچىل جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تىرىشىپ ،ئېزدىنىپ ئۆمۈر ھاياتىڭىزدا جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە مەلۇم مۇۋەپپقىيەت ئابىدىسى تىكلەڭ.يەنى دىمەكچىمەنكى بىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى بىر بوش ساھە،بەك چوڭ نەتىجە يارىتالماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن(ئەلۋەتتە سىزگە ئەڭ چوڭ تىلەكلىرنى تىلەيمەن!)،ئۇمۇمەن ئويغۇر جەمئىيتىدە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىىگە قارىتا بەلگىلىك تۇنۇش ھاسىل بولسا ،بۇساھەگە قىزىقىدىغان ،ئىزدنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر
پەيدابولسا،جەمئىيەتشۇناسلىق پېنى بىزگە نىسبەتەن موھىملىقى چوڭقۇر چۈشىنىلىپ ،جەمئيتىمىزدىكى ئۆرۆپ-ئادەت،مەدەنىيىتىمىزگە يات بولغان،ئومۇمەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي كىسەللىكىكلەرگە دىئاگنۇز قۇيۇلۇپ ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبى ئىزدىنىلىپ ،بۇكىسەللىكلەر نى داۋالاش ھەل قىلىش  توغورلوق ئەمەلىي  تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئۇتتۇرغا قويىدىغان كىشىلەر يىتىشىپ چىقسا بۇمۇ سىزنىڭ مۇۋەپپقىيىتىڭىز بولىدۇ دەپ قارايمەن.
شەخسەن مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن جەمئىيەتشۇناسلىق توغۇرلۇق مەلۇم ساۋاتقا ئىگە بولدۇم ،  جەمئىيەتشۇناسلىق بىر پەن، ئۇ جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىللەرنى جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ ،ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ئىزدىنىلىدۇۋە تىپىپ چىقىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاخىردا ئۇنىڭ ھەل قىلىش لاھىيسى ئوتتورغا قويىلىدۇ.گەرچە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بىر يولىلا پەقەت بىرلا كىشىنىڭ قولىدىن ھەل قىلىنىشى ناتايىن بولسىمۇ ،ئۇنىڭ بىر باسقۇچى ئوتتورغا قويولسىمۇ يەنىلا  جەمئىيەتشۇناسنىڭ بىر تۆھپىسى(ئاخىرنى ئىزچىلار ئۇلايدۇ!).لىكىن بىز مەسىلىنىڭ قاتتىق ئىجتىھات بىلەن تولوق ھەل قىلىنىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز. گىپىمگە كەلسەم جەمئىيەتشۇناسلىق توغىرلوق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان (جەمئىيەتشۇناسلىق) ناملىق كىتابدىن باشقاجەمئىيەتشۇناسلىق توغورلوق كىتاب چىقىپ باقمىدى،شۇڭا تىخىمۇ سىستىمىلىق مەخسۇس ئۈگۈنۈپ چۇڭقۇر بىلىم ھاسىل قىلىپ تەتقىق قىلغۇدەك جەمئىيەتشۇناسلىق توغورلوق كىتاپ چىقىرىلغان بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولۇر ئىدى.
منىڭچە جەمئىيەتشۇناسلىق قىلىپ رامكا  بويىچە ئەمەس ،كۆپ ساھەگە تۇتاشقان (تەبىئي پەن ساھەسىمۇبۇنىڭ ئىچىدە) جانلىق تەپەككۇر قىلىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنى ئۈگۈنۈش ئادەمنىڭ يەنە بىر كۆزى ئارتۇق بولغانغا ئوخشايدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنى ئۈگۈنۈشكە ھەممىزنىڭ ۋاقتى بار ،گەرچە مەخسۇس جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنى سېستىمىلىق ئۈگۈنۈپ تەتىقىق قىلغان كىشىلەردەك بولالمىساقمۇ ،جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ مەسىللەرنى كۈزىتىشتىكى مېتۇدىنى ئۇقۇۋلالىساق ،مەيلى ئادىمىيەت پەنلىرى،ئجتىمائىيەت پەنلىرى ،تەبىئي پەندىكى خىزمەت خادىملىرى بولايلى ئۆز كەسپىمىزنى قىلغاچ جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى  مەسىللەرنى كۈزىتىشتىكى  مېتۇدى بويىچەئىجتىمائىي مەسىللەر توغورلوق ئاز-تولا پىكىر قىلساق بولىدۇ،پەقەت ئۆز مەدەنىيىتىگە كۆڭۆل بۆلىدىغان ئەقلى ئويغاق،ۋىجدانلىق كىشى بولسىلا !              
مىنىڭچە سىز ئۈزىڭىزنىڭ تەتقىقات نىشانىڭىزنى بىكىتىپ بولدىڭىز،مۇشۇ رىلىسـتا ئۇدۇل مىڭىڭ ،ھەرقانداق بوران چاپقۇنغا باشئەگمەڭ!

ئ

arkak1234 2011-08-23 00:59
مۇئەللىم ياخشى يېزىپسىز داۋامىمغا تەشنامىز،مۇمكىن بولسا تۇلۇق يېزىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز سەۋەبى بىزنىڭ كۆپ كىشىللىرىمىز تورغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەس ،ئاندا ساندا تورغا چىقىپ قالىدىغانلار تۇلۇق ئۇقۇيالماي قالىدىكەن

jeck 2011-08-23 03:22
كىتاۋىڭىزنىڭ تىزراق نەشىردىن چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

soygum 2011-08-23 07:27
باشقىلار مەبلەغ چىقىرىپ قوللىغان ئىكەن. بىزدەك   تورخۇمارلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇ ياققا ئۇۋالچلىق بولۇپ قالمسۇن.  ئويلاپ باقسام شۇنداق بولغنى توغرا ئىكەن.  كىتابىڭىز نەشىردىن چىقسىلا بىزمۇ سېتىۋلىپ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىمىز.باھاسى بەك قىممەت بولۇپ كەتمىسۇن ئىشقىلپ    مۇقاۋسىنى باھادىرنامە دېگەن كىتابلاغا ئوخشاش قاتتىق تاشلىق قىلىپ ھەل بەرمەي  ئاددراق قىلىپ چىقىمنى تېجسەڭلار. بىر يول كۆرسىتەي چاقچاق.

soygum 2011-08-23 07:40
تۈنۈگۈن ئاخشام ئىدارىدا دىجورنلىق قىلغاچ <ھاللىق سەۋىيدىكى ھالسىز ئادەملەر >دەپ بىر ماقالە يازغان ئىدىم.تەۋەككۇل قىلىپ ئەلكۈيىگە يوللاپ باقايمۇ دەيمەن. ئەلكۈيىگە ئەسەر يوللاپ باقمغاچقا ئىككىلىنىپ قالدىم.  

uyghurzade 2011-08-23 12:36
نەقىل
بۇ 25قەۋەتتىكىmohsin يوللىغان 2011-08-22 20:17 غا قارتىلغان  :
بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان شەخىسلەر  ۋە كىتاپلارنىڭ ، ۋە بەزى موھىم ئاتالغۇلارنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشىنى قوشۇپ يازغانلىغىڭىز بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.  ماقالىنى ئوقۇش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر ، مەسىلەن  شارما ...   قاتارلىقلارنىڭ رەسىمىنى گوگۇللاپ  كۆرۈپ باقتىم، كۆپىنچىسىنىڭ رەسىمى بار ئىكەن ، بۇنداق بولغاندا ماقالىنىڭ تەسرچانلىقىغا تېخىمۇ ئىجابى تەسىرى بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم، ..


   بۇ ئادىتڭىز ياخشىكەن. مەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قىزققۇچىلار توردىن ئاختۇرۇپ كۆرسۇن دەپ بەزى ئاچقۇچلۇق ئاتالغۇلارنى ۋە مۇھىم مۇتەپپەككۇرلارنىڭ ئىسمىنى ئىككى تىلدا ئىزاھلاپ قويغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتابنىڭ تەھرىرى "ئىككى تىلدا ئىزاھلاشقا تېگشلىك ئاتالغۇلارنى مۇمكىنقەدەر ئېنگلىزچىسىنى قوشۇپ بېرەيلى، كىتابنىڭ ئىلمىيلىكى ئاشىدۇ" دەپ تەكلىپ بېرىپ بىر مۇنچە سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەھىرىرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن "يېتەكچى ئوقۇتقۇچى" دېگەندەك ئىزاھ بەرمىسمۇ بولىدىغان سۆزلەرنىڭ ئېنگلىزچىسى بېرىلدى.
          گۇگۇل ۋە بەيدۇ ئاڭ تەرەققياتىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز ئويلىغاندىن ئارتۇق چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۆزىمىز قىزققان ئۇچۇرلارنى ئاختۇرۇپ كۆرۈش ياخشى ئادەت. بولۇپ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ياش ئاسپرانتلار بۇنداق ئادەتكە بالدۇرراق ماسلىششى كېرەك. بۇنداق ئادەت داۋاملاشسا، ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگشىپ جىق جۇغلانما توپلىغلى بولىدۇ.
     بۇ ئادتىڭىزنى داۋاملاشتۇرشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

uyghurzade 2011-08-23 12:41
نەقىل
بۇ 32قەۋەتتىكىjeck يوللىغان 2011-08-23 03:22 غا قارتىلغان  :
كىتاۋىڭىزنىڭ تىزراق نەشىردىن چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

تۇرسۇنجان، سىزنى بۇ يەردە كۆرگىنمدىن خۇرسەنمەن. سىزمۇ زىيالى ھەققىدە بىر يازما يازغاندەك قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدا تەبئىي پەننىڭ دوكتۇر ئاسپرانتلىقىدا ئىجتىمائىي پەنچىلەر چۈشىنىپ بولالمايدىغان تەرەپلەر بولىدۇ. ئۆزىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان ياكى تەسىراتىڭىز چوڭقۇر بولغان نۇقتىلاردا ۋاقىت چىققاندا بۇرۇنقىدەكلا بىر نەرسە پۈتۈپ قويۇڭ.
        يېقىننىڭياقى ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بلوگىڭىزغا چىقالماي قالدىم. ۋاقىت چىقرىپ يېڭى تېمىلارنى كۆرىمەن.
    ئامان بولۇڭ، روزى ھېيتىڭىزغا ئالدىن مۇبارەك. بولسا روزى ھېيتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەلكۈيى تورىغا كىرىپ تۇرۇڭ.

uyghurzade 2011-08-23 12:53
نەقىل
بۇ 30قەۋەتتىكىyaramlik يوللىغان 2011-08-23 00:42 غا قارتىلغان  :
جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتىسىز ،ئىلىمنى ئەمەلىي ئۈگىنىۋاتىسىز ،تىرىشچالىقىڭىزغا،سىزدىكى ھالال يۈرەككە رەخمەت!(ئەجىرنى دەجلىگە قىلساڭ،ھوسۇلنى فىراتتىن ئالىسەن). يازمىلىرىڭىزدا خىلى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ نەرەر دائىرسىنى كىڭەيتىشكە ياردەم بىرىۋاتىسىز، مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىزنېڭ تىخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەققىيەتكە ئىرىشىڭىزنى تىلەيمەن.
تەكلىۋىم:ئىزچىل جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە تىرىشىپ ،ئېزدىنىپ ئۆمۈر ھاياتىڭىزدا جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە مەلۇم مۇۋەپپقىيەت ئابىدىسى تىكلەڭ.يەنى دىمەكچىمەنكى بىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى بىر بوش ساھە،بەك چوڭ نەتىجە يارىتالماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن(ئەلۋەتتە سىزگە ئەڭ چوڭ تىلەكلىرنى تىلەيمەن!)،ئۇمۇمەن ئويغۇر جەمئىيتىدە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىىگە قارىتا بەلگىلىك تۇنۇش ھاسىل بولسا ،بۇساھەگە قىزىقىدىغان ،ئىزدنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر
پەيدابولسا،جەمئىيەتشۇناسلىق پېنى بىزگە نىسبەتەن موھىملىقى چوڭقۇر چۈشىنىلىپ ،جەمئيتىمىزدىكى ئۆرۆپ-ئادەت،مەدەنىيىتىمىزگە يات بولغان،ئومۇمەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي كىسەللىكىكلەرگە دىئاگنۇز قۇيۇلۇپ ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبى ئىزدىنىلىپ ،بۇكىسەللىكلەر نى داۋالاش ھەل قىلىش  توغورلوق ئەمەلىي  تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئۇتتۇرغا قويىدىغان كىشىلەر يىتىشىپ چىقسا بۇمۇ سىزنىڭ مۇۋەپپقىيىتىڭىز بولىدۇ دەپ قارايمەن.
شەخسەن مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن جەمئىيەتشۇناسلىق توغۇرلۇق مەلۇم ساۋاتقا ئىگە بولدۇم ،  جەمئىيەتشۇناسلىق بىر پەن، ئۇ جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىللەرنى جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ ،ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ئىزدىنىلىدۇۋە تىپىپ چىقىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاخىردا ئۇنىڭ ھەل قىلىش لاھىيسى ئوتتورغا قويىلىدۇ.گەرچە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بىر يولىلا پەقەت بىرلا كىشىنىڭ قولىدىن ھەل قىلىنىشى ناتايىن بولسىمۇ ،ئۇنىڭ بىر باسقۇچى ئوتتورغا قويولسىمۇ يەنىلا  جەمئىيەتشۇناسنىڭ بىر تۆھپىسى(ئاخىرنى ئىزچىلار ئۇلايدۇ!).لىكىن بىز مەسىلىنىڭ قاتتىق ئىجتىھات بىلەن تولوق ھەل قىلىنىشىنى ئۆمۈد قىلىمىز. گىپىمگە كەلسەم جەمئىيەتشۇناسلىق توغىرلوق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان (جەمئىيەتشۇناسلىق) ناملىق كىتابدىن باشقاجەمئىيەتشۇناسلىق توغورلوق كىتاب چىقىپ باقمىدى،شۇڭا تىخىمۇ سىستىمىلىق مەخسۇس ئۈگۈنۈپ چۇڭقۇر بىلىم ھاسىل قىلىپ تەتقىق قىلغۇدەك جەمئىيەتشۇناسلىق توغورلوق كىتاپ چىقىرىلغان بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولۇر ئىدى.
منىڭچە جەمئىيەتشۇناسلىق قىلىپ رامكا  بويىچە ئەمەس ،كۆپ ساھەگە تۇتاشقان (تەبىئي پەن ساھەسىمۇبۇنىڭ ئىچىدە) جانلىق تەپەككۇر قىلىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنى ئۈگۈنۈش ئادەمنىڭ يەنە بىر كۆزى ئارتۇق بولغانغا ئوخشايدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنى ئۈگۈنۈشكە ھەممىزنىڭ ۋاقتى بار ،گەرچە مەخسۇس جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنى سېستىمىلىق ئۈگۈنۈپ تەتىقىق قىلغان كىشىلەردەك بولالمىساقمۇ ،جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ مەسىللەرنى كۈزىتىشتىكى مېتۇدىنى ئۇقۇۋلالىساق ،مەيلى ئادىمىيەت پەنلىرى،ئجتىمائىيەت پەنلىرى ،تەبىئي پەندىكى خىزمەت خادىملىرى بولايلى ئۆز كەسپىمىزنى قىلغاچ جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى  مەسىللەرنى كۈزىتىشتىكى  مېتۇدى بويىچەئىجتىمائىي مەسىللەر توغورلوق ئاز-تولا پىكىر قىلساق بولىدۇ،پەقەت ئۆز مەدەنىيىتىگە كۆڭۆل بۆلىدىغان ئەقلى ئويغاق،ۋىجدانلىق كىشى بولسىلا !              
.......

   ئۆزىڭىز كۆرستىپ ئۆتكەندەك جەمئىياشۇناسلىق بىزدە ناھايىتى ئىپتىدائىي ھالەتتە. قىلىدىغان ئىش جىق، لېكىن قايسىبرىنى ئاۋۋال قىلشىنى بىلمەي بەزىدە بېشىم قاتىدۇ. تىلشۇناسلىقنىڭ، ئەدەبياتشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتى ھېچبولمىغاندا بىخ ھالىتىدە بولسىمۇ روياپقا چىقتى. ئەمما، نېمشىقا  جەمئىيەشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، پىسخولوگىيە كەسپلىرىنىڭ 21-ئەسرىگىچە ئېچلىمىغان بوز بۇلۇڭ بولۇپ كەلگىنىگە، ھېچئشىنىڭ قىلىنمىغىنىغا ھەيران قالىمەن. مەلۇم بىر دەۋردە قىېلشىقا تېگشلىك ئشىلار شۇ دەۋردىكى بىپەرۋالىق تۈپەيلى قىلىنىمسا ئۇنىڭ دەردىنى كېيىنكى ئەۋلاد تارتىدىكەن. ئەمدىلىكتە جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت باشلانغۇچ بىلىملەرگە ئائىت بىر نەرسە يازاي دېسەم كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. مەخسۇس بۇ يەردىكى ئاكادىمىيە ئۆلچىمى بويىچە يازاي دېسەم ئۇ ئاۋۇ تۇپراققا ئېغىر كېلىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئىككى تىلدا ئىككى خىل ئوقۇرمەننىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ  ئوخشمىغان مەزمۇندا بىر نەرسە يېزشىقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.
    ئەمما، خۇش بولىدىغان يېرىم، يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان جەمئىيەشۇناسلىققا قىزىقىدىغان، بۇ ساھەدە ئوقۇيدىغان، بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر پەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ياش بالىلار كۆپيىۋاتىدۇ. بۇ ياخشى ئەھۋال.
     تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت. دېگىنىڭىزدەك قىلشىقا تىرىشىمەن.

abdukorax 2011-08-23 13:32
سالام موئەللىم،مەن ھەر قىتىملىق ماقالىڭىزنى ئوقوپ كىلىۋاتىمەن.ئەمما شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ 2011-يىللىق 3-سانىغا بىسىلغان << شائىر،كىملىك ۋە جەمىيەت >> دىگەن ماقالىڭىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئالاھىدە بولدى.راستىنى دىسەم  مىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا،ئويغىتىشقا سەۋەپ بولدى.مەن قانداق ئادەم ؟مەن قايسى كىشىلەر توپىغا تەۋە ؟مىنىڭ ئىڭىمدا مەۋجۇت بولىۋاتقان تەۋەلىكىم بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ھەقىقىي كىملىكىم تەۋەلىكىم بىردەكمۇ ؟مەن ئۆز يۈرىگىمگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلالىدىممۇ ؟مانا مۇشۇنداق بىر تالاي سۇئاللار كاللامدا قايتا -قايتا پەيدا بولوشقا ھەم ئۆزۈمنىڭ تەۋەلىكىنى تىخىمۇ كۈچەيتىشكە سەۋەپ بولدى.ئەمەلىيەتتە  بۇ ماقالە، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىگە، ئۆزىنى ھۆكۈم  قىلىشقا يىتەكلەيدىغان ھەم ئۇنى مۇستەھكەملەشكە ئۈندەيدىغان ماقالىكەن.
مەن مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزلۈك،كىملىك،تەۋەلىك دىگەن سۆزلەرنى ئۆز شەخسىيتىمگە باغلاپ چۈشىنەلىدىم.
يەنە بۇ ماقالىڭىز ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىنى تۇتاشتۇرۇش،يەنىي ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ،زىيالىلىرىمىزمۇ ھەم شۇنداق لىكىن ئۇلار خەلىق يۈرىكىدىن ئايرىىمدەك،نىمىشقىدۇر بۇ پىكىرىمنى ئىپادىلىيەلمىدىم.
ئەمما بۇ ماقالە مەن ھازىرغىچە ئوقوغان ماقالىلەر ئىچىدىكى ماڭا ئەڭ يارىغان ماقالە بولدى.
مىنىڭچە پۈتكۈك ئۇيغۇر خەلقىگە،قىرىنداشلىرىمىزغا مانا مۇشۇ ماقالىنى يازغاندەك يازغۇچى ئەڭ لازىم.
ئىگىمىز ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان ،سىزنى ئامان،كۆرەلمەسلەرنى سامان قىلسۇن  !
ئەپسۇس بۈگۈن دۇجۇرنى بولوپ قالدىمدە...

uyghurzade 2011-08-23 13:44
     "پروفېسسورلىرىم نېمە دەيدۇ؟" دېگەن بابتىكى ئىشارىنى چۈشەنگەن ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇملۇقكى، مېنىڭ ئەسلى مەقستىم قانداقتۇر ئامېركىلىق پروفېسسولارنى كۆككە كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ياراملىق زىيالىليرىمىزنى، ياراملىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ھەر تەرەپتىن ترىشسا ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان ئۈنۈملەرنى يارىتالايدىغانلىقى ھەققىدە، ئەسلى مەندىكى زىيالىنىڭ مۇھىملىقى ۋە رولى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىش. خاتىمە قىېسمىدىكى مۇلاھىزەلەردە بۇ ھەقتە روشەن بىشارەتلەر بار.
    يېڭى بابلارنى يوللاشتىن بۇرۇن ئۇزۇن ئويلىنىىپ ياراملىق ئوقۇتقۇچى ۋە مەسئۇلىيەتچان زىياللار ھەققىدە دەيدىغان گەپلەرنىڭ چالا قالغانلىقى ۋە بۇ تېمىنى يەنىمۇ ئىلگرىلەپ تويۇندۇرۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا يېڭى بابلارنى يوللاشنى بىر كۈن كېچكتۈرۈپ ياخشى ئۇستازنىڭ، ياراملىق زىيالىلارنىڭ رولى ھەققىدە ۋاقتىم چىققاندا داۋاملىق چاتما ئىنكاس يېزىشىم مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنى شارائىتىم بەلگىلەيدۇ.
     يېڭى ئىنكاسلارغا كىرىشىن بۇرۇن ئوخشمىغان ساھەلەردە شامدەك يېنىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ياراملىق ئوقۇتقۇچىلارغا، چۈشكۈنلىككە ھەرىكەت بىلەن، تەدبىر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇۋاتقان زىيالىلارغا سالامەتلىك ۋە ئېسەنلىك تىلەيمەن .
          يەنە بۇ ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە تېمىنىڭ بېشىدا تىلغا  ئېلىنغان، ئۇيغۇر يازما ئەدەبياتىمىزدا بىر دەۋر ياراتقان، قۇربانلارنى بەرگەن مەرھۇم كلاسسىك زىيالىلىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن،خەمىت تۆمۇر، تۇرسۇن ئايۇپ، شەرپىدىن ئۆمەر قاتارلىق تۆھىپكارلارنى ئەسلەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن.
       شۇنىڭدەك ھاياتىدا ئۆزىگە تەسىر قىلغۇدەك زىيالىلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچراتقان تورداشلارنىڭ ئەمەلىي كەچۈرمىشىلىرىنى يېزىپ ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق مۇھاكىمەنىڭ رولى زور. ئوقۇتقۇچىلارنى، زىيالىلارنى چۆكۈرگەندىن شۇنداق تىپلار ۋە ئۈلگىلەر بولسا قېزىش ئەۋزەلرەكتۇر. بىزگە ئۈلگە كېرەك.  
    

enqer 2011-08-23 13:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۈگۈن تۇر ئارىلاشقا ۋاقىت چىقىرىپ ئەلكۈيىنى ئېچىشىمغىلا سىزنىڭ تېمىڭىز كۆزۈمگە چېلىقتى ، ئۇيغۇرزادە دىگەن ئىسىمنى كۆرسەملا قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان ئادىتىم بار ، خېلى بولغان سىز مۇنبەرگە كىرمىگىلى ، مانا مۇبارەك كۈنلەردە مۇنبەرگە قەدەم قويۇپسىز ، بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ، خۇددى ياخشى كۆردىغان نەرسەم يۈتۈپ كىتىپ قايتا تېپىۋالغاندەك خوش بوپ كەتتىم ، تېما ئىنكاسلارنى بىر بىر لەپ ئوقۇپ چىقتىم.
زۇلپىقار مۇئەللىم ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بوپكەتتى ، مەتبۇئاتلاردا! شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ ھەر يېڭى سانى چىقسا كىتابىانىغا بېرىپ مۇندەرىجىسىگە قارايمەن، زۇلپىقار بارات ئۆز باش ، ئا.جالالىدىنلارنىڭ ماقالىسى بار ژورناللارنى تارتىشمايلا سېتىۋالىمەن ، ئەمما يېقىنقى نەچچە ساندا سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرمىگەچ ئۇ ژورنالنى سېتىۋالمىدىم ، ئۆزۈممۇ بىلمەي سىزگە قېيداپ قالدىم ،تورغا چىقىشقا ۋاقتى باركەن ، مەتبۇئاتقا يېزىشقا ۋاقتى يوقكەن دەپ. مۇھەررىدىنمۇ رەنجىدىم ، قۇربان مامۇت بار چاغدا ھەر ساندا سىزنىڭ ماقالىڭىز بار ئىدى ، بەگمەت يۈسۈپ چىقىپ سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى باسماسلىق بۇيرۇقى بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۇلاردىنمۇ يەتكۈچە قېيدىدىم ، مانا بۈگۈن ئاخىر يېڭى تېمىڭىزنى تور يۈزىدە كۆرۈشكە بولسىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم ، شۇڭا ھاياجانلىنىپ ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ھە راسىت مۇئەللىم كىتاپ چىقىدۇ دەپسىز ، چىقسا نەدىن سېتىۋالمىز ، كىتابخانىلارغا قاچان سېلىنىدۇ ، مۇقۇم سېتىلىدىغان ئورنى بارمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولسىڭىز .داۋامىغا تەشنامىز!
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ، كىتابىڭىزنىڭ تىزراق نەشىردىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

uyghurzade 2011-08-23 15:01
نەقىل
بۇ 40قەۋەتتىكىenqer يوللىغان 2011-08-23 13:57 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۈگۈن تۇر ئارىلاشقا ۋاقىت چىقىرىپ ئەلكۈيىنى ئېچىشىمغىلا سىزنىڭ تېمىڭىز كۆزۈمگە چېلىقتى ، ئۇيغۇرزادە دىگەن ئىسىمنى كۆرسەملا قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان ئادىتىم بار ، خېلى بولغان سىز مۇنبەرگە كىرمىگىلى ، مانا مۇبارەك كۈنلەردە مۇنبەرگە قەدەم قويۇپسىز ، بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ، خۇددى ياخشى كۆردىغان نەرسەم يۈتۈپ كىتىپ قايتا تېپىۋالغاندەك خوش بوپ كەتتىم ، تېما ئىنكاسلارنى بىر بىر لەپ ئوقۇپ چىقتىم.
زۇلپىقار مۇئەللىم ، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بوپكەتتى ، مەتبۇئاتلاردا! شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ ھەر يېڭى سانى چىقسا كىتابىانىغا بېرىپ مۇندەرىجىسىگە قارايمەن، زۇلپىقار بارات ئۆز باش ، ئا.جالالىدىنلارنىڭ ماقالىسى بار ژورناللارنى تارتىشمايلا سېتىۋالىمەن ، ئەمما يېقىنقى نەچچە ساندا سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرمىگەچ ئۇ ژورنالنى سېتىۋالمىدىم ، ئۆزۈممۇ بىلمەي سىزگە قېيداپ قالدىم ،تورغا چىقىشقا ۋاقتى باركەن ، مەتبۇئاتقا يېزىشقا ۋاقتى يوقكەن دەپ. مۇھەررىدىنمۇ رەنجىدىم ، قۇربان مامۇت بار چاغدا ھەر ساندا سىزنىڭ ماقالىڭىز بار ئىدى ، بەگمەت يۈسۈپ چىقىپ سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى باسماسلىق بۇيرۇقى بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۇلاردىنمۇ يەتكۈچە قېيدىدىم ، مانا بۈگۈن ئاخىر يېڭى تېمىڭىزنى تور يۈزىدە كۆرۈشكە بولسىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم ، شۇڭا ھاياجانلىنىپ ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ھە راسىت مۇئەللىم كىتاپ چىقىدۇ دەپسىز ، چىقسا نەدىن سېتىۋالمىز ، كىتابخانىلارغا قاچان سېلىنىدۇ ، مۇقۇم سېتىلىدىغان ئورنى بارمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولسىڭىز .داۋامىغا تەشنامىز!
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ، كىتابىڭىزنىڭ تىزراق نەشىردىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان مەتبۇئاتقا بىر نەرسە يازالماي قالدىم. بۇ مۇھەررىلەردىكى ئەمەس، مەندىكى مەسىلە. بىرەر يەردىن ئۇنداق بۇيرۇق چۈشكىنىمۇ يوق ھەم بەگمەتكەم ئىزچىل ھالدا قۇربانكام ماڭغان يولدا مېڭىپ ژۇرنالنى ياخشى چىقرىش ئۈچۈن تىرىشۋاتىدۇ ھەم  مېنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. كاللامدا يازىدىغان تېما جىق، ئەمما قەلەمگە ئالىدىغان ۋاقىت ئاز بولۇۋاتىدۇ. توردا بىر قوپۇپ ئولتۇرۇشتا يازغان يازمىلارنىڭ ھەممسى مەتبۇئاتقا ماس كېلىشى ناتايىن بولغاچقا، تور ئۈچۈن يازغان بەزى نەرسىلەرنى ئۆتكۈنچى تېمىلار قاتارىدا ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.
          يەنە  شۇنىڭدەك، بۇ يەردە ئشىلار بۇرۇنقىدىن كۆپيىپ، پروېفېسورلار كومېتېتىمنىڭ مەندىن كۈتۈدىغان تەلەپلىرى كۈچەيدى؛  باشقا تىلدا يازىدىغان ئىلمىي تېمىلارنىڭ ھەم  باشقا ۋەزىپىلەرنىڭ سالمىقى ئېغىرلاشتى.شۇڭا بوشىنالمايۋاتىمەن.    كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە، ھەيدەكچىلىك قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
   كىتابنىڭ ئشىىغا كەلسەك، مەبلەغ سالغۇچىلار "چىقىپ بولدى، روزى ھېيتتىن كېيىن كىتابخانىلارغا سالىمىز" دېگەنىدى. چامىمچە ئۆكتەبىرگىچە دىيارىمىزنىڭ ھەممە يېرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلارغا سېلىنىپ بولىسا كېرەك. قالدى گەپلەرنى 13899818146دېگەن نومۇرغا تېلېفون قىلىپ ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ. كىتابنىڭ سېتلىش ھالقىسدىكى باشقا ئشىلاردىن  مەن خەۋەرىسز ھەم ئارىلشالمايمەن.
    ئامان بولغايسىىز.
   ئەمدى ۋاقتىم چىققاندا باش تېما ھەققىدە يەنە ئازراق بىر نەرسە يازىمەن.

enqer 2011-08-23 15:10
نەقىل
بۇ 41قەۋەتتىكىuyghurzade يوللىغان 2011-08-23 15:01 غا قارتىلغان :

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان مەتبۇئاتقا بىر نەرسە يازالماي قالدىم. بۇ مۇھەررىلەردىكى ئەمەس، مەندىكى مەسىلە. بىرەر يەردىن ئۇنداق بۇيرۇق چۈشكىنىمۇ يوق ھەم بەگمەتكەم ئىزچىل ھالدا قۇربانكام ماڭغان يولدا مېڭىپ ژۇرنالنى ياخشى چىقرىش ئۈچۈن تىرىشۋاتىدۇ ھەم  مېنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. كاللامدا يازىدىغان تېما جىق، ئەمما قەلەمگە ئالىدىغان ۋاقىت ئاز بولۇۋاتىدۇ. توردا بىر قوپۇپ ئولتۇرۇشتا يازغان يازمىلارنىڭ ھەممسى مەتبۇئاتقا ماس كېلىشى ناتايىن بولغاچقا، تور ئۈچۈن يازغان بەزى نەرسىلەرنى ئۆتكۈنچى تېمىلار قاتارىدا ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.
          يەنە  شۇنىڭدەك، بۇ يەردە ئشىلار بۇرۇنقىدىن كۆپيىپ، پروېفېسورلار كومېتېتىمنىڭ مەندىن كۈتۈدىغان تەلەپلىرى كۈچەيدى؛  باشقا تىلدا يازىدىغان ئىلمىي تېمىلارنىڭ ھەم  باشقا ۋەزىپىلەرنىڭ سالمىقى ئېغىرلاشتى.شۇڭا بوشىنالمايۋاتىمەن.    كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە، ھەيدەكچىلىك قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
   كىتابنىڭ ئشىىغا كەلسەك، مەبلەغ سالغۇچىلار "چىقىپ بولدى، روزى ھېيتتىن كېيىن كىتابخانىلارغا سالىمىز" دېگەنىدى. چامىمچە ئۆكتەبىرگىچە دىيارىمىزنىڭ ھەممە يېرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلارغا سېلىنىپ بولىسا كېرەك. قالدى گەپلەرنى 13899818146دېگەن نومۇرغا تېلېفون قىلىپ ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ. كىتابنىڭ سېتلىش ھالقىسدىكى باشقا ئشىلاردىن  مەن خەۋەرىسز ھەم ئارىلشالمايمەن.
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
گېپىمنى ئىلىك ئېلىپ ماڭا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگىنىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم مۇئەللىم ، رەھمەت سىزگە ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغىچە كىتاب چىقىپ قالسا ياخشى بولاتتى ! تېمىنىڭ داۋامىغا ، كىتابىڭىزنىڭ تىزراق چىقىشىغا تەشنامەن!ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن ئىشلىرىڭىزغا!

uyghurzade 2011-08-23 15:26
ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىلىرىنڭ نۆۋەتتە كۈندىن كۈنىگە مۇھىم بولۇۋاتقان رولنى چوڭقۇر ھېس قىلغانسىرى ھەمدە ياراملىق زىياللار ۋە شۇلارنىڭ ئىچدىكى ياراملىق ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە گەپ بولغاندا، مەن ياراملىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارىدا ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەشھۇر ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىسى مەرھۇم ئابلىمىت سىدىقنى، ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەشھۇر ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىسى مەرھۇم مۇستاپا مۇئەللىمنى، ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەشھۇر پىداگوك ئەھەت ناماننى، ناھيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان داڭلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى دولقۇن ياسىن قاتارلىق ئۇستازلارنى ياد ئېتىمەن. ئۇلار ئوخشىمغان جايدا، مۇنبەرلەردە بىر دەۋىر ياراتقان مۇئەللىملەر. بىز ئۈچۈن ھازىر ئەنە شۇنداق ئوقۇغۇچىلار قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغان، ئۇلارغا روھ تەربيىسى بېرەلەيدىغان مۇئەللىملەر لازىم بولۇۋاتىدۇ.  
        ئشىنىمەنكى، يۇرتلىرىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە بىز بايقاشقا ياكى ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بۇنداق ئۇستازلار ئىنتايىن كۆپ. بولسا تورداشلار ئۆزىگە تەسىر قىلغان مۇئەللىملىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرسە، ياش ئوقۇتقۇچىلارغا نسبەتەن  بىر ھەيدەكچىلىك بولاتتى.    
                  مېنىڭ نەزەرىمدە  بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بىر مەنىۋىي جەڭچى.
                     بىر ياخشى مەتبۇئات ۋە بىر ياخشى مۇنبەر--- گوياكى بىر مەكتەپ، ياخشى ئىش قىلۋاتقان مۇھەرىرلەر ۋە بېكەت باشلىقلىرى بولسا ئاشۇ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىدۇر.

lukqvn 2011-08-23 15:30
     ۋاي دىگۈدەك كىتاب سىتىۋالمىغىلى خېلى بۇپتۇ ، يىقىندا بۇ تەشنالىقىمىزمۇ قانىدىغان ئۇخشايدۇ .كىتاپ نەشىردىن چىققان ھامان سىتىۋالىمەن .

uyghurzade 2011-08-23 15:50
      مەن چۈشكۈنلۈك ۋاباسىىغا يەم بولمىغان، دەۋرنىڭ ۋاقتىلىق مەئشەتلىرىگە سېتىلىپ كەتمىگەن، قولىدا ھېلىھەم ئىمكانىيەت بار ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنداق بىر ئۈمىدىم بار: ئۇلارنىڭ مەشھۇر روس پىداگوگىكى سۇخۇملسىنىكىنىڭ "بارلىقمنى بالىلارغا بېشىلايمەن" ناملىق كىتابىنى، ئابدۇۋايىت مەتنىيازنىڭ ئامېركىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلشىدە،ئامېرىكا مائارىپىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەرەققىي قىلشىدا مۇھىم رول ئوينىغان جون دۇۋىىي (پراگماتىزمنىڭ__ئەسقاتما مەپكۇرە پەلسەپىسىنىڭ غوللۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى)ھەم روس مائارىپىدا مۇھىم رولللارنى ئۆتىگەن دېمترۋىي ئوشنسىكى قاتارلىقلارنىڭ مائارىپ ئديىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان "مەشھۇر پېداگوكلارنىڭ مائارىپ ھەققدىكى قاراشلىرى" ناملىق ماقالىسىنى("مۇنبەر" ژۇرنلىغا چىققان) ۋە "ئوربىتا ئىزدەش" ('شىنجاڭ مەدەنيىتى" گە چىققان) قاتارلىق باشقا ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چىقشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئوقۇتقۇچىلار ھېس قىلغۇدەك خېلى نەرسىلەر بار.
        ئۇزۇندىن بېرى "ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆزلىشىش" دېگەن ماۋزۇدا بىر نەرسە يېشىنى پىلانلاپ كەلدىم. ھېچ ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ.
      ئۇستازلار، بالدۇر چۈشكۈنلىشۋالمىساق، بىر ئىمكانىيەت يار بەرمەس بولۇپ قالسا،توسالغۇلاردىن شۇڭغۇپ يەنە بىر ئىمكانىيەتلەرنى ئېچىشنىڭ كويىغا كىرسەك. يەنە دېسەم يەنە شۇ، ئانا تىلىمىزنىڭ 21-ئەسرىدىكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىدا ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كېيىنكى ئون يىلدىكى رولى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە زور بولىدۇ. تىلىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا خاتىرجەم تۇتقازمىساق كېيىن گۆرىمىزدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايمىز.
     سىرتتا قاراڭغۇلۇق ييېىلشىقا باشلىغاندا ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى. چۈشكۈن ئادەمنىڭ كۆزى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تىكىلدى، ئۈمىدۋار ئادەمنىڭ كۆزى پاتقاققا تىكلىدى.
    ئۇنداقتا، ئەي ئوقۇتقۇچى، سىزچۇ؟ دېرىزىدىن سىرتقا قارىغاندا سىزنىڭ كۆزىڭىز ئاۋۋال نېمىنى كۆرىدۇ؟ سىز چۈشكۈنلكىكڭىزگە باھانە ئىزدەۋاتقان، تۈگۈلۈلۋالغان ئوقۇتقۇچىمۇ؟
       بۇرۇنمۇ دېگەن،ھازىرمۇ دەيمەن: چۈشكۈنلەشكەنلەرگە ھېچيەردە مۇكاپات يوق، چۈشكۈنلۈك ۋابا دېمەكتۇر. ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىي دوستلار، چۈشكۈنلۈك تارقاتماڭلار! چۈشكۈنلەشكەنلىكىڭلەرگە باھانە ئىزدىمەڭلار. يول تاپىنىمىزنىڭ ئاستىدا، ئىمكانىيەت يەنە بار.

haliktash 2011-08-23 16:08
ماقالىڭىزنىڭ داۋامىغا، شۇنداقلا نەشىر قىلنىش ئالدىدا تۇرغان كىتابىڭىزنىڭ چىقىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىمەن،،،  ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇقلار ، تىرىشچانلىقىڭىزغا مىڭ مەرتىۋە تىرىشچانلىق ، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.،

uyghurzade 2011-08-23 16:15
       تېمىنڭ بېشى ئوقۇتقۇچىلار ھەققدىكى گەپلەردىن باشلانغان. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئىككى ھەپتە قالغان بۇ كۈنلەردە تېمىدىن چەتنىمىگەن ھالدا ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە گەپ قىلىش ئارتۇق ئىش بولمىسا كېرەك.
2008 -يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە قايقىنىمدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىنستىتىوتىنىڭ تەكلىپ
قىلشى بىلەن ئۈزلۈكسىز مائارىپ تەربيىسىگە كەلگەن 40 قا يېقىن ئەدەبيات ئوقۇتقۇچسىغا لېكېسيە سۆزلەشكە توغرا كەلدى.  لېكسىيەنىڭ تېمىسىنى ئۆزىمىزنىڭ بېكىتشىگە رۇخسەت بېرىلدى. مەن "يەنە شۇ ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولى  توغىرىسدا" دېگەن تېمىدا سۆزلىدىم ۋە لېكسيەنىڭ تۇنجى بۆلىكىنى "ئەدەبيات ئوقۇتقۇچۇمنى ئەسلەيمەن" دېگەن يەردىن باشلىدىم. بۇنداق بولۇشىدا سەۋەب بار.
       ماڭا ھاياتىمدا بىر قانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى بەكمۇ زور بولغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبيات ئوقۇتقۇچۇم، يەنە بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدىكى داڭلىق تىلشۇناسلىق مۇئەللىمەسى ئامىنە لېتىپ ئاپپاي ("ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى) بولىدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يازما بېشىدا تىلغا ئېلىنغان كىلاسسىك زىيالىلىرىمىزنىڭ ھەم داڭلىق ئۇنىۋېستېتت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى بېۋاستە ئاڭلاش نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ كىتابلىرىدىن زور نەپ ئالدىم. ئۇلار ئاجايىپ مۇھىم ئەمگەكلەرنى قىلىپتىكەن. قىممىتىنى چۈشەنگەنسىرى ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشىدۇ.
     قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچى بالىلارنى ھاياجانغا سالغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچى چەكسىز مۇڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا  غايە تەربيىسى  بېرەلەيدۇ؟....ئويلىنشقا تېگىشلىك سوئاللاردۇر.
   يەنە بىر سوئال بار، نېمە ئۈچۈن نوبېل ئەدەبيات مۇكاپاتىنىڭ بىر ئۆلچمىدە" بۇ مۇكاپات ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان غايىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ياخشى ئەسەرلەرگە بېرىلىدۇ؟" دەپ يېزىلىدۇ؟ قاباھەت ۋە مۇدھىش پۇراپ تۇرغان بىر مۇھىتتا ياشاشقا توغرا كەلگەندە،  ياش ئەۋلادلارغا يەنىلا غايە كېرەك. بۇ تەربيىدە بىرسى يازغۇچىلارنىڭ، يەنە بىرسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولى ئىنتايىن زور. ئەپسۇس، ئۆزى چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا غايە تەربيىسىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ بېرەلمەيدۇ.
   ئۈنسىز تەربىيەنىڭ رولىمۇ ئاجايبپ زور بولىدىكەن.
    

uyghurzade 2011-08-23 16:24
بۈگۈن ئازراق بىكار بولۇپ قالدىم، شۇڭا يېزىشقا ۋاقىت چىقتى. ئەمدى تېمىنى تېخىمۇ ئىلگرىلەپ تويۇندۇرۇش ئۈچۈن "شۇنداق زىيالىلىرىمزمۇ ئۆتكەن" دېگەن تېمىدا ئازراق پىكىر قىلىپ بۇ تېمىدىن بىر سوتكا چېكىنمەكچى. مەقسەت يەنە شۇ. ئىش قىلغانلارنى خەلق كۆرىدۇ. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز.
تۆۋەندىكى ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ ۋاقتىلىق خوش. ئەتە ئىپتار ۋاقتىدىن كېيىن كىرىمەن. ئەمدى ئشىمغا بېرىپ كېلەي.


شۇنداق زىيالىلىرىمىزمۇ ئۆتكەن
ھەر دەۋرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق سىناقلىرى ، باش قېتىنچىلىقلىرى ، تېپىشماقلىرى بولىدۇ . ھەر بىر رېئاللىقنىڭ ئادەمنى بىردە ئۆرلىتىدىغان ، بىردە چۆكتۈرىدىغان ئۆركەشلىرى بولىدۇ. زىيالىيلىرىمىزنىڭ تار ئىمكانىيەتلەر ئىچىدە قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلىقى ، ئويلىنىۋاتقانلىقى راست . بىز زىيالىيلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا «بۇرۇنقىلار قانداق قىلغان بولغىيدى؟ ئۇلار ئۆز دەۋرىدىكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلغان بولغىيدى؟>> دەپ ئۆزىمىزدىن سوراپ بېقىشىمىز، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمىز ۋە ئىمكانىيەت بار تۇرۇپ نىمىلەرنى قىلمايۋاتقانلىقىمىزغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك . شۇندىلا ئىمكانىيەتنى شەخسنىڭ كۈچى يارىتىدىغانلىقى، كۆڭلىمىزدىكىدەك رېئاللىقنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ ، توسالغۇلاردىن شۇڭغۇپ ئۆتسەك ، بىر ئىشلارنى يەنىلا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز . مەن بۇ كۆز قارىشىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خەلق ئالدىدىكى زىيالىيلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلغان بىر قانچە ئالىمىمىزنى ئەسلەپ ئۆتىمەن . ئۇلار نېمىلەرنى قىلغان؟ ئۆز دەۋرىنىڭ باش قېتىنچىلىقلىرىنى قانداق ھەل قىلغان؟ ئەمدى بىز نىمە قىلالايمىز؟
ئىسلاھاتتىن كىيىن ، ئويغۇر رېئاللىقىدا تۆھپىسى تارىخقا يېزىلىدىغان ئىككى مۇنەۋۋەر زىيالىي بار. ئۇنىڭ بىرى ئىبراھىم مۇتىئى ، يەنە بىرى مىرسۇلتان ئوسمانوف . يەنى بۇ ئىككى سۆيۈملۈك ئالىمىمىزنىڭ 1980- يىللارنىڭ بېشىدىكى تىل تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا قەشقەر ئوپالدىكى <<ھەزرىتى موللام>> قەبرىسىنىڭ ئولۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئىكەنكىنى ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققانلىقى ئاجايىپ شەرەپلىك بىر ئەمگەك بولغان . بۇ ئەمگەك مەھمۇد كاشىغەرىنى «ئۇ يەرلىك ، بۇ يەرلىك» دەپ تالىشىۋاتقانلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا خاتىمە بەردى . يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئىككى زىيالىي بۇ ئىش ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن . ئۇزۇن يوللارنى باسقان ، كۆزگە ياش كەلگۈدەك تەسىرلىك ئىشلارنى قىلغان .<<ئۇ يىللاردا شارائىت ياخشى ئىدى >> دەيلى دېسەك ، شۇ يىللاردىكى ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن پىشقەدەملىرىمىز چۈشىنىدۇ. دېمەك، زىيالىينىڭ رېئاللىققا تەسىر كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا ، ئىبراھىم مۇتىئى ئاكا بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانوف ئاكا زىيالىيلىق بۇرچىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلغان . ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگىكىنىڭ ئەھمىيىتى يىللار ئۆتۈپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.  ھېلىتىن ئۇلارنىڭ قەدرى ئۆتۈلىۋاتىدۇ. زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتكە تەسىر قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدا ئەلۋەتتە بىر مۇنچە ئىجتىمائى سەۋەب بار. ئەمما، ئۆزىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار بىلەن ئاشۇ زىيالىيلىرىمىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى سېلىشتۇرساقلا  مەسىلىنىڭ نەدىلىكى ئايان بولىدۇ .
              ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈيۈك ئەقلىي مىراسلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە سەمەرىلىك ئەمگەك قىلغان بىر زىيالىيلار توپى بار. ئۇ بولسىمۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق شاھەنە ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئويغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى تەييارلاش جەھەتتە كاتتا ئەجىر كۆرسەتكەن ئەھمەت زىيائى، ئابدۇلھەمىت يۈسۈپ ھېكىم، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرىشىت قارى ھاجىم ، خەلىم سالىخ قاتارلىق ئالىم-تەتقىقاتچىلىرىمىز (مىرسۇلتان ئوسمانوف نىڭ ئىسمى بايا قىلغا ئېلىنغاچقا ، بۇ يەردە تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق) دۇر. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىزگە بىر مۇھىم پاكىتنى- بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا زىيالىيلارنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. ئاشۇ ئىككى ئىلمىي ئەمگەكنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن بەزى ئالىملىرىمىز تۈرمىدىن يېڭى چىقىپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن ؛ ئابدۇلھەمىت يۈسۈپ ھېكىم ،ئابدۇرېشىت قارىھاجىم قاتارلىق ئالىملىرىمىز خوتەن ، قەشقەرلەردىن كەلگەن ؛ شۇ ۋاقىتتا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەمتىىن يۈسۈپ  بۇ ئىلمىي خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى يۈكسەك بۇرچ نۇقتىسىدىن تۇنۇپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوللىغان ؛ ئالىم – تەتقىقاتچىلارغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن . مانا بۇ - زىيالىيلىق بۇرچىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى . مانا بۇ - ھەمكارلىقنىڭ كۈچى .
        ئەلۋەتتە ، بىز يەنە ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئەجىرلەرنى قىلغان ، تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن زىيالىينىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. مەسىلەن ، ھازىرقى زامان ئويغۇرتىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا ئەجىر قىلغان خەمىت تۆمۈر (قىلغان ئەمگىكى يالغۇز بۇلا ئەمەس)؛ ئويغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىدە تۆھپە كۆرسەتكەن غەنىزات غەيۇرانى؛ بۈيۈك يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت» رومانىنىڭ نەشىردىن چىقىشىدا كوللىكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىمىن ئەخمىدى ، ئازات سۇلتان ، ئابدۇراخمان ئەبەي قاتارلىق ئەدىبلىرىمىز ، « ئويغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» ، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» يېڭى،سۈپەتلىك ،كۆركەم نەشرىنىڭ چىقىشىدا كۈچ سەرپ قىلغان ئابدۇراخمان ئەبەي ، ئەخمەت ئىمىن قاتارلىق نەشىرىياتچىلىرىمىز قەلب تۆرىمىزدە ھۆرمەتلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ قىممىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ. ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەشۇ تىرىشچانلىقلىرىغا يانداشتۇرۇپ ئويغۇر ئالدىدىكى زىيالىيلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ، ئويغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا دەلىللىگەن . ئۇلارنىڭ ئەجىر- مىھنەتلىرى ئىسىمى بۇ يەردە سەھىپە چەكلىمىلىكى تۈپەيلى ئاتالماي قالغان باشقا نۇرغۇن تۆھپىكار زىيالىلىرىمىزنىڭكىگە ئوخشاشلا داۋاملىق ئەسلىنىدۇ.
        زىيالىيلارنىڭ ئىجتىمائى رىئاللىىقىمىزغا تەسەر كۆرسىتىشىدە تەشكىلاتچانلىقنىڭ رولى بەك چوڭ . ھەر قېتىم بۇ ھەقتە ئويلىغىنىمدا بىر زىيالىي ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ تىيىپجان ئېلىيوف .يەنى ئۇ زات ھايات چېغىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەش داۋامىدا ئۆزىنىڭ تەشكىلاتچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان . ئەلۋەتتە ، مەرھۇم تىيىپجان ئېلىيوف- ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئويغۇر شېئىرىيىتىدە پەللە ياراتقان پىشىۋالارنىڭ بىرى . ئەمما، مەن ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۇيغۇر  ئەدىبلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ، تەشكىلاتچىلىق رولىغا تېخىمۇ يۇقىرى باھا بېرىمەن . ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئەدىب - زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا ئىدىيە كۆرىشى ئەۋج ئېلىپ ، ئويغۇر ئەدەبىياتىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلگەن ئىدى . تىيىپجان ئېلىيوف دەل پەيتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەرزىمەس زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ، ئەدىبلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەھمىيەتلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن . زىيالىينىڭ بۇرچى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، تىيىپجان ئېلىيوف ئاكىنىڭ بۇ روھى تولىمۇ قىممەتلىك ھەم رەھبەرلىك ، زىيالىيلىق بۇرچىنى تەڭ ئۈستىگە ئالغان كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئەينەك .
          بىر مەسئۇلىيەتچان ، چىچەن زىيالىي رەھبەرلىك ئورنىغا چىقسا ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئاجايىپ بولىدۇ؛ مەنپەئەتى خەلققە بىۋاستە تېگىدۇ . بۇنى تىيىپجان ئېلىيوف قاتارلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ئىسپاتلىغان .
        زىيالىيلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ئاجىزلاۋاتقان بۈگۈنكى ئىجتىمائى رىئاللىق دەل ئەنە شۇنداق زىيالىيلارنىڭ بۇلۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك بىزدە ئۇنداق زىيالىيلار قالمىدى دېگەنلىك ئەمەس . ئەلۋەتتە بار، بىزنىڭ قەدىردان زىيالىلىرىمىز بار. ئەمما ، تېخىمۇ جىق بولۇشى لازىم. شۇڭا ئۆزىنى ئويغۇرنىڭ زىيالىيسى دەپ ئويلايدىغان ھەربىر سەگەك كىشى ئۆزىدىن :« مەن يەنە نىمە قىلالايمەن ؟» دەپ سوراپ باقسا يامان بولمايدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا مۇتەپەككۇرى جون دۇۋۋېينىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ، «ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلانمىغان تۇنۇش ئەھمىيەتسىزدۇر.»
نېمە قىلىش كېرەك ؟
مەن سىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىمايدىغان مېڭىلەر، تەۋرىمەيدىغان قەلەملەرگە ئېچىنىدىغانلىقىنى ئېيتماقچىمەن .
           - ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن:«يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»

soygum 2011-08-24 07:20
ئانا يۇرۇت رومانىنىڭ مۇۋەپپىقيتى ماھىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇۋەپپىقىيتى ۋە بەختى ئىدى. ئۇنىڭ  كىشلەرگە بەرگەن تارىخى ئۇچۇر،بەدىئىيلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن ئېرىشكەن غايەت زور ئالقىشى ئەمەلىيەتتە ئانا تىلىمىزنىڭ سەۋىيسى بىلەن ھۆرمىتى ۋە قىممتىنڭ تونۇلىشى بىر قېتملىق نامايەن بولۇشى ئىدى. بۇ بارغانسىرى  مۇھىتى تارلىشۋاتقان ئانا تىلىمىزنىڭ ھاياتى كۈچنى ئۆزىمىزگە ھېس قىلدۇردى. بىر ئوقۇتقۇچى  بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا قوش تىل سەۋىيسىگە ئىگە بولغانلىقى بىلەن ئەمەس، ئانا تىلنى قانچلىك دەرىجىدە چۈشنىدۇ قانچلىك دەرىجدە مۇھىم دەپ بىلىدۇ شۇنىڭغا  قاراپ باھا بېرىش كېرەك.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى(1) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.056952 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us