رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئالى مەكتەپ ھاياتى] -> ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

hotanboyxxx 2011-08-17 17:11

ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق

نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ سەبىي, پاك  -غۇبارسىز ، گۈزەل ياشلىق باھارنى خاراپ قىلىپ ، روھىي ئىنىرگىيەنى خورىتىپ قان چىقارماي جان ئالىدىغان مەنىۋىي قاپقانغا ئايلانغان .
ئىلىم خۇسۇسىي ھايات تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغان ، ئالىي مەكتەپ ئەمەلدارلىق سورۇنىغا ، بازارغا ، ئىشقىي مۇھەببەت ، نام- مەنپەت سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان .
جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مەنىۋىي ھايات تۇپرىقىنى پەرۋىش قىلىدىغان ئۇرۇن تۈرلۈك ساختىلىقلارنىڭ تەسىرىدە قورقۇنۇچلۇق بىر ئورۇنغان ئايلىپ قالغان .
مۇدىر ئەمەلدارلاشقان ،مەمۇرىي خادىملار دوسىت تارتىشقان ، باھالاش ماغزاپلاشقان ، قۇرلۇشلار مۇبالىغىلاشقان ،كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىداپ كەتكەن ، نام- ئاتاق دەرىجىلەر چىرىكلەشكەن ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بازارلاشقان ، كىڭەيتىش قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ،دىپلوم پاخاللاشقان، مالىيە چىرىكلەشكەن ، نازارەت ئۈنۈمسىزلەشكەن ، دەرىس ئۈتۈش شەكىللەشكەن ، ئىلىم دوگمىلاشقان ، ئىلىم تەتقىقاتى بىرتەرەپلىمىلەشكەن ، ساختىلاشقان ، مەنىۋىيەت پۈچەكلەشكەن ،ئەركەكلىك سۇسلاشقان ، مەدەنىيەت رىياكارلاشقان ، ئىتىقاد زەئىپلەشكەن ، پىلان قېلىپلاشقان ، دەرىسلىك تەسسىس قىلىش يۈزەكى ، ئوقۇتۇش ئويۇن- تاماشىغا ، ئىلىمگەر زاھىتقا ،ئوقۇتقۇچى سېھرىگەرگە ئايلىنىپ ئوقۇغۇچىلار چۈشكۈنلىشىپ ، مەكتەپ مۇھىيتى بازارلىشىپ كۈچۈرمىكەشلىك ئادەتلىشىپ ، مۇھەببەت ئويۇنچۇقلىشىپ ، پارىتلاش دائىملىشىپ ، پىسخىكا كىرزىسلىشىپ ...
ئومۇمەن يىغىنچاقلىغاندا جامائەتنىڭ نەزەرىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ 30 خىل ئىللىتىنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ .
سەنشى ئۆلكىسى لىن شىيەن ناھىيسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە تورخانىلار مەجبۇرىي تاقالغان ، تورخانىلار قىچىشقا جاي تاپالمىغان . خاڭجۇدىكى بىر ئانا ئوغلىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بەلگىلىگەن ،ئوخشاشلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان ھەپتىلىك ژورنالدا «ياخشى ئوقۇش مىنىڭ بېيىش يولۇم» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىنغان .
«ئالىي مەكتەپكە كىرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ، ھاللىق- باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشىشتىكى بىردىن بىر چىقىش يولى » ...دىگەندەك لوزۇنكىلار كىچىك شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىنالىرىغا چاپلانغان .
خۇددى جەمئيەت سىز ئۈچۈن قۇرۇلغان قىمارخانىدەك .
سىز خۇشاللىقىڭىزنى ، ئەركىنلىكىڭىزنى ، ئارزۇ- غايىللىرىڭىزنى ، ساپ- ھالال تەرىڭىزنى سەرىپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئىرىشىدىغىنىڭىز بېيجىڭ ئونۋىرىستىتى ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ كۈرسى چۈشۈپ ، چوشقا گۆشى سېتىشىدەك ئېچىنىشلىق يەكۈنىدۇر .
جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇنداق بىر قارا يۇمۇر تارقالغان  :
كىشىلىك ھاياتتىكى ئەگرى توقايلىقلاردا ئادەم چىدامچان  بولغانسىرى ھاياتنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ ، ئەگرى توقايلىقلار بىلىنگەنسىرى ئۇنىڭدا ماڭىدىغانلار كۆپىيىدۇ ، سىز بۇئەگرى توقايلىقلارنىڭ خەتىرىنى چۈشەنگەنسىرى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىسىز .
ھەممە بىردەك بۇ ئەگرى توقايلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى ، قاتناشقۇچىسى،زىيانلانغۇچىسى بولغاچقا «ھەر كاللىغا بىر خىيال » دەپ ئېيتىلغان .
ئالىي مەكتەپ نام – مەنپەت ، شان شۆھرەت ئۇۋىسىغا ئايلانغان ، چۈنكى بىز ھەممە ئارزۇ – ئۈمىدلىرىمىزنى ئۇنىڭغا باغلىغان .  

نىمىشقا ئالىي مەكتەپ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىدى ؟
«ھەممەيلەن ئىلىم – بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ دەيمىز؛ مەن كۆپ ئوقۇغان، ئەمما  تەقدىرىم ھېچبىر ئۆزگەرمىدى . »
بۇ سۆزنى  2009– يىلى شاڭخەي دېڭىز ئىشلىرى ئونۋىستىتى قانۇن فاكولتىتنىڭ ئاسپىرانتى يۈەن يۈەن ئۆلۈۋېلىش ئالدىدا ئېيتقان .

«يالى تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى »
بۇ سۆزنى 2009- يىلى يالىنى پۈتتۈرگەن جۇڭگۇلۇق جاڭ لىينىڭ ئۇچۇق – ئاشكارە ئېيتقان .
ئۇ يالىغا 888.888 تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلماقچى بولغان .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ يالىي ئونۋىرىستىتى باشقۇرۇش ئىنىستوتىغا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان كىشى ئىكەن .
ئومۇمەن ؛ يۇقارقى ئىككى ئىش بىر خىل تەقدىر قىسمەت .
يۈەن يۈەننىڭ سۆزى ئاممىنىڭ دىققىتىنى مائارىپقا بۇرىدى .
جاڭ لىي نېمىشقا جۇڭگۇدىكى ئانا مەكتىۋىگە پۇل ئىنانە قىلمايدۇ ؟
بىر تورداش ئۇنىڭ ئورنىدا بۇ مەسىلىنى مۇنداق چۈشەندۈردى :
يالىغا ئىئانە بىرىش مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىرخىل قىممەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئىئانە بىرىش مۇئەييەنلەشتۈرىلىدىغان بىرخىل مەنىسىز قىممەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ .

2009- يىلى چۇڭچىڭدا بىرمۇنچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان .
خۇبېي ئۆلكىسىدە 26 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بىرىشتىن ۋاز كەچكەن .
2010- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار 2009- يىلىدىكىگە قارىغاندا 65 مىڭ نەپەر ئازلىغان .
يېڭىچە «ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق نەزىرىيىسى » باش كۆتۈرۈۋاتقان پەيىتتە جۇڭگۇ ياشلار گېزىتىدە بىر كىچىك ھېكايە ئېلان قىلىندى .
ھېكايىدە بىر نەۋرە ئاكا – ئۇكىلار تىلغا ئېلىنغان ، ئۇكىسى رىمۇنىتچىلىق  قىلىپ ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500 يۈەن كىرىم قىلغان ، ئاكىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە خىزمەت تاپالمىغان .
رىمۇنىتچى ئىنىسىغا بۇ ئىش بەكمۇ ھار كىلىپ «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قالمىغىنىمغا يۈزمىڭ شۈكرى » دىگەن .
نىمىشقا ئالىي مەكتەپ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىدى ؟
ئېھتىمال ، بىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك .
قەدىمقى زاماندا  ئارىدىكىسى ئائېلىۋىي مۇناسىۋەت بولۇپ ، «بېقىپ تەربىيلىمىسە ئاتىدىن ، تەربىيلىيەلمىسە ئۇستازدىن »ئىدى  .
1919- يىلدىن كېيىن ، سەي يۈەن مەدرىسلەرنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى زامانغا لايىق ئونۋېرسىتىتقا ئايلاندۇرغاندا ، مەكتەپ ئىختىيارى باشقۇرۇلاتتى ، ئوقۇغۇچىلار ئەركىن – ئازادە بولۇپ ،ئارىدىكىسى دوستلۇق مۇناسىۋەت ئىدى .
1952-يىلدىن كېيىن جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەر سىتالىن ئەندىزىسى بويىچە يول تۇتتى ، بۇ مەكتەپلەر ئەمەلىيەتتە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى بولۇپ ،جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋىنتىنى شەكىللەندۇردى ، ئارىدىكىسى خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى ئىدى .
1977-يىلى تاقالقىنىغا 11 يىل بولغان ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسى قايتىدىن ئېچىلدى ، ئالىي مەكتەپلەر ئەڭ غايىلىك ئىخلاسمەنلەرگە ئېرىشتى، ئارىدىكىسى مېھرى – مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئىدى .
2010- يىلىغا كەلگەندە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا  GDP ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ، مەكتەپ ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرلۇشلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى ، ئارىدا ئاللىبۇرۇن سودا مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ بولغان ئىدى .
نۆۋەتتە بىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ئارىسىدىكى ئاتا- بالىلارچە يېقىن مەنىۋىيەت چەمبىرىكى يۇقالغان بۇلۇپ ، ئارىدىكىسى قىسقا مەزگىللىك ئىھتىياجنى قاندۇرۇش مۇناسىۋىتى ئىدى .
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ئون يىلدا ئالىي مەكتەپ ئىمتھان لايھىسىنى بەش قېتىم ئالماشتۇردى ، 500 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى بەش قېتىم سىناققا دۇچ كەلدى .
«2010- يىللىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىش » ناملىق كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2-3 يىل ئىلگىرى قىزىق نوقتا بولۇپ قالغان كەسىپلەر كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە ئىشسىزلىق قىزىق نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان، بولۇپمۇ قانۇن ، كومپيۇتېر،ئېنگىلىز تىلى ، خەلىقئارا سودا ،سودا – سانائەتنى باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر 2007- يىلدىن 2009-يىلغىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىشسىزلار سانى ئەڭ كۆپ كەسىپلەر بولۇپ قالغان .
بەلكىم بۇ پۈتۈنلەي مەملىكىتىمىزدىكى «مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان زىيالىلار قاتلىمى»نىڭ ناھايىتى كەمچىللىكدىن بولسا كېرەك .
بېجىڭ ئونۋېرىستىتى ، چىڭخۇا ئونۋېرىستىتىلىرى ئاسىيادىكى ئون داڭلىق ئونۋېرىستىتى قاتارىغا كىرەلمىدى ، سىتانفۇرد ئونۋېرىستىتى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قارىشىچە ، جۇڭگۇ دۇنياۋىي ئىلغار سەۋىيدىكى ئونۋېرىستىت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەڭ تىز بولغاندىمۇ 20 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن ، بۇتېخى سەل تەكەللۇپ بىلەن ئېيتىلغان گەپ .
يالى ئونۋېرىستىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى شېمدت  يالى ئونۋېرىستىت گېزىتىدە جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئاشكارە تەنقىد قىلىپ «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە جەمئيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى پەقەتلا دەرىسلىك كۆپ بۇلۇش، ئوقۇتقۇچى كۆپ بۇلۇش، ئوقۇغۇچى كۆپ بۇلۇش،ياتاق كۆپ بۇلۇش ئىكەن » دەپ يازغان .
ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئالىي مەكتەپ ئەسلىدە « ئەركىن پىكىر- تەپەككۇر قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇنى ئاخىرىغىچە ئىپادىلەيدىغان غايىلىكلەرنى ئاپىرىدە قىلىشى كىرەك ئىدى، ئەڭ يامان بولغىنى جۇڭگۇدا غايە قىلىنغىنى-ئارزۇ قىلىنغىنى ئەنە شۇنداق ماكان . »
نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپتە غايە – ئىتىقاد ، مۇستەقىل روھ يۇقالغان ، پىداكارلىق روھىنى يىتىلدۇرۇش ئىقتىدارىمۇ يۇقالغان بۇلۇپ بېيجىڭدا ئەسەبىيلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 10 تۈمەندىن ئاز ئەمەس ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، چۈشكۈنلىشىپ ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ ، ئاتا-ئانىغا تېخى يۈز كىلەلمەي ...
«جۇڭگۇ ياشلار گېزىتى »نىڭ ئون مىڭ كىشى قاتناشقان بىرقىتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، %34  كىشى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغانغا پۇشايمان قىلغان ، %51  كىشى «ئالىي مەكتەپتە پايدىلانغىدەك نەرسىدىن ھېچنىمىنى ئۆگىنەلمىدىم . » دەپ قارىغان .
ئېھتىمال ، ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى سۇ يۈزىدىكى ماغزاپتەك بىر خىل مەھسۇلات بۇلۇشى مۇمكىن ، ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىدە ئۇلار ئالىي مەكتەپكە كىردى ، ئىمتىھان بىرىشنى ئۆگەندى ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، خىزمەت تېپىش ئۈچۈن دىپلوم كۆتۈرۈپ قاتراپ يۈردى ...
ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىشىپ بىرخىل ئاقما قۇرالنى بەرپا قىلدى ،ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قۇرال ئۆزىنىڭ 18 يىل ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ پۈتۈنلەي كىرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايقىدى .
نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ ئىقتىساسلىقلار مائارىپىنى سېفىرلاشتۇرغان ، تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتەك سېھرىي كۈچىنى يۇقاتقان ---- بىلىم ئىقتىدارنى نۇمۇرلاشتۇرۇپ ، كىشىلىك سالاھىيەتنىمۇ ، ئەخلاقنىمۇ گۇۋاھنامىلەشتۇرگەن .
شاڭخەي قاتناش ئونۋىرىستىتى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە كەسىپىي نەتىجە تىزىملىكى ، ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى ، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئۈچ خىل گۇۋاھنامە تارقاتقان بولۇپ ....


داۋامى بار  


  مەنبەسى  : «مەشھۇر فىليەتۇنلار»  ژوزرنىلى  ، 2010-يىلى ئاخىرقى سان .

baxkent 2011-08-17 19:02
تېمىنى كۆرۈپ "تازا بىر سۆزلەي" دەپ كىرگەن... مەزمۇنى باشقىچە ئىكەن.
مېنىڭچە:
ھازىرقى زامان جوڭگۇ مائارىپىدا قاچانلا قارىسىڭىز "سىناق قىلىنىۋاتقان تۈر"لەرنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرىسىز. "سىناق"لاردا موۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولغۇچە، خەق مېغىزىنى چېقىپ بولىدۇ. ئېلىمىز مائارىپىدا ئەڭ گەۋدىلىك ساقلىنىۋاتقان ئاجىزلىق-بۈگۈن بازارلىق بولۇۋاتقان كەسپلەرگە ئەتە مەبلەغ سېلىش. يەنى: بۇ يىل مېدىتسىنا كەسپىگە ئېھتىياج تۇغۇلسا، مەكتەپلەر يوقۇرىغا دوكلات يېزىپ، بۇ كەسپكە لايىق ئۇل موئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كېلەر يىلى پۈتتۈرىدۇ- دە چالا- بۇلا تەييارلىق بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىۋېتىدۇ. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن قارىسىڭىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىنى ئۆگەتكۈدەك ئوقۇتقۇچىنىڭ تايىنى يوق، نانقېپى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرىسىز. مەكتەپلەر شۇ ساھەدە موكەممەل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى تېپىپ بولغۇچە بۇ كەسپ ئاللىقاچان كاساتلاشقان بولىدۇ.

muhali 2011-08-18 00:18
بىز لەردىكى ئەركىن مائارىپ نەرگە كەتتى . داڭلىق ئالىم بۇلۇشىمىز ئۈچۈن فۇدەن خارىۋاتلاردا ئوقۇشىمز كېرەكمۇ ؟       بىزگە ھەقىقى ئەز قاتىدىغىنى نمۇ ؟  
قەدىمدىن قالغان تۆت كىتاپ بەش دەستۇرلۇق  ئنتىھان مائارىپى كېرەكمۇ يا ؟

mamh 2011-08-18 04:49
بۇ بەلكىم كېلەڭسىز لىكنى ئوڭشاپ بولالماي،بىرنى تۈزىسە يەنە بىر يېڭى قىيىنچىلىق مەيدانغا كېلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مەسئۇليەتسىز بولىۋىلىشقا قىستىغان ئەڭ يامان قىيىنچىلىق بولىشى مومكىن،چۈنكى نوپۇسنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى مۇقەررەر كەسىپ ئېھتىياجنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تۇراقسىز بولىشىنى،كونتىرول قىلىشقا مادار يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تىز بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭ بېلەن مائارىپ بېلەن جەمىيەتتىكى كەسىپ ئېھتىياجى ئوتتورىسىدا مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنى باشلىنىدۇ،قىسقا ۋاقىت جەمىيەت مەلۇم بىر كەسىپكە ئىنتايىن جىددى ئېھتىياج بولىدۇ، شۇنىڭ بېلەن ھەممەيلەن ئىشتاننى تۈرۈپ ئالغا !!!!!!!!!موشۇ كەسىپ بويىچە ئازراق بىر نەرسىنى بىلىپ بولغۇچە ئۇ ئاللا بۇرۇن ئۆز پاىشاسىنى تەخىتكە چىقىرپ بولىدۇ،ئېھتىياج سانى بېلەن تەمىنلەش سانى قاچانلا قارىسىڭىز ماس كەلمەيدۇ،شۇنىڭ بېلەن كېيىن قالغانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟؟؟ بەلكىم يەنە بىر جىددى ئېھتىياجغا يۈرۈش قىلىشى مومكىن ....،موشۇنداق مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنى ياشلارنى ھالسىرېتىپ قويىدۇ....بىز نىڭ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاپپا راتلىرىمىز بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلارنىڭ كۆپلىكىدىن سەل گاڭگىراپ قالدىمۇ نېمە ؟؟؟

abm165 2011-08-18 10:26
      تىما  ئىگىسىگە  كوپ رەھمەت . نەچچە ۋاقىتتىن  بىرى مىنى قىناپ  كىلىۋاتقان  بىر سۇئالعا جاۋاپ تاپتىم . ئەسلىدە ئىش مۇنداقكەن ئەمەسمۇ .  شۇنداق عايىلىك ،ئىستىقباللق قىزىممۇ  ئالى مەكتەبلە  بىرىپلا  ، چۇشكۇن ھەم عايىسىز ئەبگاعا ئايلىنىپ  قالدى . مەن ھازىر  بۇيىللق ئالى مەكتەب ئىمتاھانىدا ماتىماتىكىدا  تۇلۇق نۇمۇر ئىلىپ بىزنىى قاتتق ھاياجانلاندۇرعان پەحىرلىك قىزىمىز پەحىرەنىڭمۇ ئالى مەكتەبكە  بىرىپ ، مەكتەبنىڭ بۇزىشى بىلەن   چۇشكۇنلىشىپ   ،تۇگۇشۇپ  كىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن .
         مەن ئوتكەن يىلى ، يافۇنىيەدە 5يىل ئوقۇپ دوكتور ئاشتىلق ئىنۋانى ئىلىپ كەلگەن ،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ يۇرتىمىزدىكى بىر تحنىكۇمعا  ۋەزىپە بىلەن چىنىقىشقا كەلگەن بىر  ئوقۇتقۇچىسى  بىلەن بىر قىتىملق تاماقتا بىللە  بولعان  ئىدىم ، بىز زور ئۇمۇتلەرنى كۇتكەن بۇ دوكتور ئەمەلىيەتتە قورسىقى تويسا ئۇحلايدىعان ،ھاراق ئىچسە يىعلايدىعان ،ھىچقانداق مەۋقەسى يوق ئوتە ئەبگا  بىر نىمە ئىكەن .  «ھەرەمگە  بارعان ئىشەك  ھاجى  بولماس »دەپ مانا مۇشۇنداق ئەسلىدە ئەبگا تەربىيەلەنگەن بۇ دوكتۇرنىڭ يافۇنىيەدەك مەدەنىيەتلىك دۋلەتتە 5يىل ئوقۇپمۇ شۇ پىتى قايتىپ كەلگەنلىگىنىڭ سىرى ئىچىلدى ئاحىرى . داۋامىعا تەشنامىز   .

abm165 2011-08-18 10:46
        بۇنىڭ سەۋەبى  پەقەت بىرلا ، يەنى ھەممە نەرسە بازارلاشقاندىن كىيىن ، ئەسلىدە ئەقىل بىلەن بۇلىدىعان ئىشلارمۇ سودا بىلەن پۇتتۇرلۇپ ،ئەقىل-پاراسەت  حار-زەبۇنلۇقتا قالدى . پۇلنىڭ قۇدىرتى ھەممىنىڭ ئالدىعا ئوتۇپ ، ئىلىم-بىلىمنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئەقىل ئەمەس پۇل بەلگىلەيدىعان بۇلۇپ كەتتى . مەنپەئەت  ئەقىلنىڭ ئالدىعا ئوتىۋالعان جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۇزبىرىشىدىن ساقلانعىلى بولمايدۇ . ( ئىلىم ھەق ئىزدەيدۇ ،ھوقۇق نەپ ئىزدەيدۇ .ئا. جالالىدىن)

taxbalik 2011-08-18 10:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز ! بىزنىڭ شىنجاڭ رايۇندا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار سانى كۆپرەك رايۇنلاردا ، بىز بىلمەيدىغان مۇشۇنداق ئويۇنلاردىن قانچىلىك باردۇ . بىچارە ئاتا-ئانىلار بالسىنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن شۇنچە مەبلەغ سىلىپ 16-17يىل ئوقوتۇپ ، خىزمەتكە چىقىرىشنىڭ كويىدا كىچە-كۈندۈز باش قاتۇرۋاتقان . ئىمتاھام تىزىملاش مەزگىلدە شۇنداق جىق كۆزلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالىمەن . نىمە ئۈچۈن مائارىپ جەمئىيەتكە ئىھتىياجلىق ئقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ بىرەلمەيدۇ؟ نىمىشقا مەكتەپتە ئۈگەنگەننى جەمئىيەتتە جارى قىلدۇرالمايدۇ ؟ مائارىپ باشقا دۇنيا ، جەمئىيەت باشقا دۇنيا بولۇپ كىتىدۇ ؟ بۇ تىمىنى يوللاپ ناھايتى ياخشى قىپسىز ، لىكىن بۇنى مائارىپ باشقارمىسىدىكىلەر كۆرەسە قانداق ئىنكاستا بولار .

orkex 2011-08-18 12:01
يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىچكىردىكى پۇلدار ئاتىلار ئامراق بالىلىرىنى تولۇقسىزدىن تارتىپلا چەتئەلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتماقتا ...
پۇلدارلارغۇ شۇنداق قىلىپ بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلەيدىكەن ، ئۇنداقتا ئېلىمىزدە ئوقۇۋاتقان مىليۇنلىغان بالىلارنىڭ تەقدىرى نىمگە تەڭ ئەمدى ؟! ھەييييييييييييييي ... ...
بۇلارنى ئويلىسا كىشى بىر قىسمىلا بوپ قالىدۇ ...

otyurakohlan 2011-08-18 12:05
دىمىسىمۇ ھازىر جەمىيتىمىزدە بۇنداق شۇنداق ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇقۇپ كىلىپمۇ ئۈزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماي .8سائەت توشسا پۇل يانچۇققا كىرسە بولدى دەيدىغانلار نۇرغۇن بۇلۇپ كەتتى  .بۇ ھەقىقەتەن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك بىر ئىش

tiltumar 2011-08-18 13:18
بۇ تىما بىزگە ماس كەلمىگۈدەك. مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆۈپ كىتىپ بىرىپ،"مىللەتنىڭ ئۈمۈدى مائارىپتا" دىگەن خەتنى ئوقۇپ ، خۇرسىنىپ قويدۇم. بىز يەنىلا  ئوقۇشىمىز كىرەك.
5يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيۈمنى بىزىگەن خۇنەنلىك خەنزۇنى ، بۇ قىتىم ئالغان يىڭى ئۆينى بىزەشكە تەكلىپ قىلدىم. ئىلگىركى ئۆيۈمنى بىزەشكە ياردەملەشكەن ئىككى ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىسام، بىرسى ئاۋىئاتسىيە ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇپ ، پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىدە ئىشقا چۈشكەنلىگىنى، ئايلىق مائاشى 5مىڭ يۈەن ئىكەنلىگىنى (ئۇلار بۇنى ئاز دەيدۇ تىخى )، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ يەنە قايسى بىر ئۇنۋىرسىتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئىيتىپ بەردى.
بۇ ئەر -خۇتۇن بىزەكچىلەر شۇنداق يۇۋاش ھەم ئىشچان بولۇپ،شىنجاڭغا كەلگىلى 15يىلدەك بولۇپتۇ، بىر كەلگەنچە قايتىپ كەتمەپتۇ. باشتا ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرغان بولسا، ھازىر نۇرغۇن يەرلەرنى سىتىۋالغاننىڭ گىپى بار. بولۇپمۇ ئايالى بەك مۇلايىم، كۈندە ئىرى بىلەن بىللە كىلىپ، ئۈن- تۈنسىز ئىشلەيدۇ. نىمە تاماق ئىتىپ بەرسەم گەپ قىلماي يەيدۇ. ئۇ ئايال بۇئۆمرىدە ، ئويۇن تاماشا دىگەننى كۆرۈپ باقمىغاندەكلا. بىزدىمۇ بىر ئەۋلات يەنە بىر ئەۋلاتنىڭ بەختى ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىدىغان ئاتا- ئانىلار كۆپرەك مەيدانغا كەلسە دەيمەن.
تىما ئىگىسى سىزگە كۆپ رەھمەت. مەنمۇ بىر مەزگىل فىلياتۇن تەرجىمە قىلىشقا بەك قىزىقىپ، مىسرانىم مۇنبىرىگە نۇرغۇن تىمىلارنى يوللىغان. لىكىن بىزنىڭ ئىھتىياجىمىزغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ھازىر توختاپ قالدىم.

nur2002 2011-08-18 16:26
  كىم   دەيدۇ   ئوقىغاننىڭ  پايدىسى   يوق   دەپ    ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

arqen 2011-08-18 19:00
ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يۇق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى نادان.

alkud1 2011-08-18 19:29
  ئوقۇش ۋە ئوقۇپ بىلىم ئېلىشنىڭ مەقسىدى چوقۇم بىر ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئىگىسى بولۇش ئۈچۈن ئەمەس،ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيىتى ئۆزىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تونۇشىنى(ساپاسىنى) دەۋرنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش،بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئارىسىدا قىممەت قارىشى جەھەتتە زور پەرق بولۇپلا قالماستىن،پەرزەنت تەربىيەسىدىمۇ زور پەرق بار.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا(قىسمەنلىكنى نەزەرگە ئالمىغاندا)بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئالدى بىلەن بىر ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشى ناھايىتى مۇھىم ،چۈنكى بىز ھەر ئادەمنىڭ رىزقىنى ئاللاھ بېرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز،شۇڭا،كۆپ سانلىق دېھقانلېرىمىز پەقەت ئىقتىسادىي قۇربى يەتسىلا پەرزەنتلېرىنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇدۇ،گەرچە ئۇلار شۇ پەرزەنتلېرىنىڭ كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ.ئەكسىچە بولغاندا خەنزۇلار ئۆز پەرزەنتلېرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىكى مەقسىدى ئاساسىي جەھەتتىن،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان پەرزەنتلېرى چوقۇم كەلگۈسىدە شۇ ئوقۇغان كەسپىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك يولىنى ھەل قىلىشتۇر.
  يۇقارقى فىليەتۇندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيە خەنزۇ خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىممەت قارىشىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەن.ئەمدى مېنىڭچە <<ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق>>دىن ئىبارەت بۇ ئىدىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشى يەنىلا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە بولۇپ،شۇ تۈزۈلمە تۈپتىن ئىسلاھ قىلىنىشقا ئېرىشكەندە،ئۇ خىل بىمەنە ئىدىيەمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.

kaygu 2011-08-18 20:53
مەن بۇ تىمىنى ئۇقۇپ ئەجەپ بىر قىسمانلا بۇلۇپ قالدىميا.بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرەتتىم.ئالىي مەكتەپ ئەجەپ بىر قىسمان تۇيۇلدى ماڭا...
ھۆرمەتلىك مۇنبەردىكى مۇنبەرداشلار ئاناتىلمىزنى قوغدايلى....ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا خەت ئىملاسىغا دىققەت قىلساق.

nursima 2011-08-18 21:16
نەقىل
بۇ 14قەۋەتتىكىkaygu يوللىغان 2011-08-18 20:53 غا قارتىلغان  :
مەن بۇ تىمىنى ئۇقۇپ ئەجەپ بىر قىسمانلا بۇلۇپ قالدىميا.بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرەتتىم.ئالىي مەكتەپ ئەجەپ بىر قىسمان تۇيۇلدى ماڭا...
ھۆرمەتلىك مۇنبەردىكى مۇنبەرداشلار ئاناتىلمىزنى قوغدايلى....ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا خەت ئىملاسىغا دىققەت قىلساق.

ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز دىققەت قىلىڭ. <قىسمان> ئەمەس< قىسما >.

holmis 2011-08-19 01:07
  يۇقارقى فىليەتۇندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيە خەنزۇ خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىممەت قارىشىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەن.ئەمدى مېنىڭچە <<ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق>>دىن ئىبارەت بۇ ئىدىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشى يەنىلا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە بولۇپ،شۇ تۈزۈلمە تۈپتىن ئىسلاھ قىلىنىشقا ئېرىشكەندە،ئۇ خىل بىمەنە ئىدىيەمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.
[/quote]
   مەنمۇ مۇشۇ گەپنى دىمەكچى ، بۇ جەمىيەت ئۆزىنى ھەر قانچە پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولسىمۇ ، لېكىن ھامان بىر كۈنى ئۆزگىرەيدۇ ، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى .

suzuk 2011-08-20 00:01
ھازىر بالىسىنى باشقۇرالماي، جەمىيەتتە بىكار يۈرۈپ باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمىسۇن دەپ ئالىي مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس، بەزى ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ ئوقۇش پۇلى زەھەردەك قىممەت تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈم كەسپلىرىگە ئوقۇغۇچى ئېشىپ تېشىپ تۇرغانلىقى مۇشۇنى ئىسپاتلامدىكىن دەيمەن

xam003 2011-08-21 10:11
ھەڭ  بۇنىنغا نىمە دىگۈلۈك  ئەمدى  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

apirida 2011-08-21 11:26
نىمە سىر باركىن بۇلاردا ، سوزلەپ كەلسەك سەۋەپ نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ . ئادەتتىكى ياماقچىنىڭمۇ كوزى خېلى ئېچىلغان ( بەلكىم بۇ نىسبىدۇ ) .
مېنىڭچە بىزنىڭ بالىلار يەنىلا  ئوقۇشى كېرەك....

parangqi 2011-08-21 17:00
ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق بولسا، ئوقۇماسلىق كېرەك! (1) كوزىچى يار بېشىدا ساپالچىلىقنى ئوقۇش، (2)  تۆشۈك دەرۋازىدا ناۋايلىق قىلىشنى ئوقۇش، (3) خام بازىرىدا...نى ئوقۇش،(4)... دە بورا توقۇشنى ئوقۇش.... دە سېۋەت توقۇشنى ئوقۇش....دە ئات-ئىشەككە تاقا قېقىشنى ئوقۇش....كېرەك، شۇنداقمۇ؟!
ئامېرىكىلىق قارا يۇلتۇز رايىس توغرىلىق يېزىلغان بىر كىتاپقا ئۇنىڭ مۇنۇ گەپلىرى قىستۇرۇلۇپتۇ : بىز (قارا تەنلىكلەر)ئاق تەنلىكلەردىن بىر ھەسسە ئارتۇق تىرىشساق ئۇلار بىلەن تەڭ بولىمىز، ئىككى ھەسسە ئارتۇق تىرىشساق ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىمىز.
نىمىدە تىرىشىدۇ؟ ئاۋال ئوقۇشتا، مۇشۇ زامان ئىنسانلىرى ئېرىشكەن بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتە تىرىشىدۇ.
بىز بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت بۇيرىغاننى ئوقۇۋاتىمىز.  ئىككىنچىدىن، يۇرتىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئانچە-مۇنچە ماس كېلىدىغان بىلىملەرنى ئوقۇۋاتىمز. لېكىن ھەرقانداق بىلىم شۇ بىلىمنى ئالغان شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  ئەڭ ئاۋال  پايدىلىق بولۇشى يەنى جانغا ئەسقېتىشى كېرەك، ئەسقاتمىسا ئۇ مەنىۋى ئەخلەت ھىھاپلىنىدۇ (ھىچ بولمىسا ھازىرچە ئەخلەتتۇر).
ئەسقاتمىغان بىلىم كىشىنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ. سەرپ قىلغان ۋاقىت، زېھنىي كۈچ، ئاتا-ئانىلار مۇشاققەت ئىچىدەتاپقان، پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق كىشى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىپ سەرپ قىلغان پۇلنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىدۇ.
ئاتالمىش ئوقۇمايمۇ كۈنلىرىنى گۈلدەك ئۆتكۈزىۋاتقانلار يۇقۇرىلاپ مەكتەپتە ئوقۇمىغان بىلەن ئەسقىتىدىغان بىلىملەرنى جەمئىيەتتە ئوقۇغان. <داشۆ> پۈتتۈرگەن ئىشسىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش ئوقۇمىغان ئەمما بېيپ كەتكەن دوستلىرى ئالدىدا تولىمۇ بىچارىدۇر.ئالىي مەكتەپلەردە كۈنلىرىنى ئويناقلاپ ئۆتكۈزگەن بالىلىرىمىز ئەمدىلىكتە جان ساقلاشنىڭ ئېپىنى تېپىپ بولالماي تەمتىرەپ قالماقتا، بەزىلىرى چۈشكۈنلۈك ئىچىدە...نىمە دەپ ئوقۇغان بولغىيىتتىم؟
ئۇلار ئۆزى ئىش تېپىشى كېرەك! مەمۇرلار ئىمتىھانى بولۇپ تۇرغىنى بىلەن  قوبۇل قىلىنىدىغانلار بەك ئاز، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردا ئادەم دىگەن غىققىدە. كارخانىلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجى تولىمۇ ئاز (ئەڭ ئاۋال سانى ئاز)، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىش ھەققى مەسىلىسى بار. ھېلىقى ئەسقاتىدىغان بىلىملەرنى ئوقۇش دىمەكلىك <قارا قورساقلار> غا شاگىرت بول دىگەن گەپ.شۇنداق بولغاندىمۇ قانچە يىل شاگىرت بولارمەن؟
بولدىلا، دىخان مىللەت دىگەن يەر تېرىغۇلۇق. بىكار يەر بارمۇ؟ بولمىسا نىمە ئامال، ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالدى، ئوينىڭ ئىشىغا قارىشىپ بېرەي، يەرنى مەن تېراي!  بىكاردىن بىكارغا ئوقۇپتىمەن دە، ئىسىت!
ناھايىتى قىيىن، ئەمما ئويلىنىش تولىمۇ زۆرۈر مەسىلە ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ، تورداشلار، ئويلىغانسېرى خىياللىرىم چىگىشلىشىپ كەتتى. شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۈمكىنكى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى كەلگۈسىدە بىر مەھەل ئىشسىز قالىدۇ. بىلىملىك ئەمما ئىشسىز بىر قاتلامنىڭ ياشاش، بەلكى نورمال ياشاش ئېھتىياجىغا جەمئىيەت چوقۇم مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ.  

turkinaz0992 2011-08-21 23:05
           مېنىڭچە  ، يەنىلا ئوقۇغان ياخشى !...................................................

hokumran 2011-08-22 01:06
مائارىپىمىزدىكى ئەڭ زور كەمچىلىك نوقۇل ئىنتاھاننىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىي بىلىمگە سەل قاراش.

yayrim 2011-08-22 13:35
ئۇقۇغاننىڭ پايدىسى بار....لىكىن شۇ مەكتەپنى ياخشى تاللاش كېرەك

tiltumar 2011-08-22 13:49
يەنىلا ئوقۇشىمىز كىرەك.
قايسى كۈنى ئوغلۇم كەچكىچە تورغا چىقىۋىلىپ، ئۈگىنىش قىلمىغانتى تازا قۇرقاتتىم."مۇشۇنداق ناچار ئوقۇيدىغان بولساڭ، شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەرگىمۇ ئۆتەلمەيسەن، ئالى مەكتەپ ئوقۇماي ، ياخشى خىزمەت تاپقىلى بولمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلىڭ، مەن سىنى ئۆيلەپ قۇيۇمەن. سۇغۇرتىدا يىغىلىپ قالغان 10مىڭ كوي پۇلۇڭ بار. شۇنىڭغا يىراق سەھرادىكى قىزدىن بىرنى ئىلىپ بىرىمەن. كوچىدا خەقنىڭ  مىلىنى تۇشۇپ بىرەمسەن، ياكى خەقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ جان باقامسەن كارىم يوق؟ شەرىئەتنىڭ قائىدىسىدىمۇ ، يوغان بولغان بىر ئەرنى ئۆيدە ساقلاش گۇناھكەن"دىسەم ئەتىسىدىن باشلاپ تازا تىرىشىدىغان بولۇپ كەتتى.

yusayin 2011-08-22 15:19
  مەن بىر بىزەكچى  ئىشلىرىم يامان ئەمەس   ھۇنەرگە  بەك  ئىشتىياقىم بار             يۇقارقى تىمىنى كۈرۈپ   بەك ئەپسۇسلاندىم،

hotanboyxxx 2011-08-24 00:52
قانداق ئوقۇشنى - ئۈگىنىشنى بىلىش ئەڭ مۇھىم ، ئۇگىنىش ئۇسۇلىمىز توغرا ، ئىلمىي بولسۇن .

arqen 2011-08-24 17:27
ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يۇق دىگەن گەپنى خەنزۇ يولداشلار مۇنداق چۈشەندۇرىدۇ:بىزنىڭ ئىدارە ئۆي بۆلگەندە خىزمەت تارىخى ،مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى دىگەنلەرگىلا نومۇر قويۇپ رەتكە تىزىپ ئوقۇش تارىخى دىگەننى قىتىغا ئىلىپ قويمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىزدەك داشۈدە ئوقۇيمەن دەپ5يىل ۋاقتىنى سەرىپ قىلغانلار داشۈدە ئوقۇمايلا ئىشچى بولۇپ شۇ ئىشچىلىقتىن ھازىرقى ئورنىغا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار،ھەتتا شوپۇرلارنىڭمۇ ئارقىسىغا تىزىلىپ قىلىپ(خىزمەت تارىخى ئۇزۇندە)ئورنى ياخشى چوڭ ئۆيلەر شۇلارغا تەۋە بولۇپ بىزگە ئاشقان-تاشقىنى تەگدى.بۇ قىسمەتكە يەنە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كىيىن دىڭ شىياۋپىڭنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىشلەۋاتقان ئورنىدىن ئايرىلىپ ئالىي مەكتەپكە بارغان كىشىلەرمۇ دۇچار بولدى.بىرىنجى بولۇپ ئەڭ چوڭ،ئەڭ ياخشى ئۆينى15يىشىدىلا زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىگەن،سەۋىيە دىگەن نەرسە يوق ،لىكىن خىزمەت تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بىرسى ئالدى.شۇ چاغدا باشلىقىم ماڭا،كۆردۈڭمۇ ئوقۇغۇنىمىزنىڭ نىمە پايدىسى چىقتى دىگەن ئىدى.دۆلىتىمىزدە ئوقۇش تارىخىغا(بولۇپمۇ دۆلەت ئورگانلىرىدا)كۆڭۈل بىلمەسلىك،خىزمەت تارىخغىلا كۆڭۈل بۆلۈش بىر قەدەر ئېغىر.
لىكىن ئوقۇغانلار ئوقۇمىغانلاردىن مەيلى سەۋىيە،يۈرۈش-تۇرۇش،تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جىق جەھەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

hotanboyxxx 2011-08-29 23:19
------------------------------------------------------------

mamh 2011-08-30 17:48
مېنڭىچە يەنىلا ئوقۇغان ياخشى ................چۈنكى بەزىلەر بىزنىڭ كۆپ قىسىممىزنىڭ ئوقۇماي ،ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىدىن غەپلەتتە قېلىشىمزنى ،شۇنىڭ بېلەن يەرشارىدېكى بىزگە تەئەللۇق بولغان ،پەن تېخنىكىدىن كېلىدىغان بىر لوقمىنى ئۆزلىرىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ...،گەرچە بىز ۋاقىتلىق بىۋستە نەپكە ئېرىشەلمىگەن بولساق ئەۋلاتلىرىمىزغا پايدىسى تېگىپ قالار!!! ئوقۇشقا سەل قارىمايلى!!!!  

ak@kaptar 2011-09-01 14:23
توغرا

yesmine 2011-09-01 15:17
نەقىل
بۇ 23قەۋەتتىكىtiltumar يوللىغان 2011-08-22 13:49 غا قارتىلغان :
يەنىلا ئوقۇشىمىز كىرەك.
قايسى كۈنى ئوغلۇم كەچكىچە تورغا چىقىۋىلىپ، ئۈگىنىش قىلمىغانتى تازا قۇرقاتتىم."مۇشۇنداق ناچار ئوقۇيدىغان بولساڭ، شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپلەرگىمۇ ئۆتەلمەيسەن، ئالى مەكتەپ ئوقۇماي ، ياخشى خىزمەت تاپقىلى بولمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلىڭ، مەن سىنى ئۆيلەپ قۇيۇمەن. سۇغۇرتىدا يىغىلىپ قالغان 10مىڭ كوي پۇلۇڭ بار. شۇنىڭغا يىراق سەھرادىكى قىزدىن بىرنى ئىلىپ بىرىمەن. كوچىدا خەقنىڭ  مىلىنى تۇشۇپ بىرەمسەن، ياكى خەقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ جان باقامسەن كارىم يوق؟ شەرىئەتنىڭ قائىدىسىدىمۇ ، يوغان بولغان بىر ئەرنى ئۆيدە ساقلاش گۇناھكەن"دىسەم ئەتىسىدىن باشلاپ تازا تىرىشىدىغان بولۇپ كەتتى.

ھا ھا~~~ئوغلىڭىزنى مۇشۇنداق دەپ قورقاتتىڭىزمۇ؟ بۇ گەپلەرگە قورققان بولسا خىلى ئەقىللىق بالىكەن جۇمۇ.

تادۇ 2011-09-01 17:04
ئۇي بۇلىدىغان مۇزاينىڭ پوقىدىن مەلۇم دەپ، ئوقۇشتا ئەڭ مۇھىمى كىچىكگىدىن باشلاپ زەن قۇيۇشكەن. مىنىڭ بىر تۇققۇنۇمنىڭ باللىرى چەتئەللەردە ۋە مۇشۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇيدۇ.
ئۇنىڭ دىيىشچە باللارنى تەييارلىقتىن باشلاپ3-سىنىپنى پۇتتۇرگىچە ، ياخشى يىتەكلەپ كۇندە تاپشۇرۇقلىرىدىن خەۋەر ئىلىپ،بىلمىگەن يەرلىرىنى ئۇگۇتۇپ قىلسا، ئۇبالىلاردا ئۇگۇنۇشتىن نەتىجە چىقىدىكەن. ئەكسىچە كىچىك دەپ قۇيىۋەتسە چوڭىغانچە دەرىس خوش ياقمايدىكەن.
بىر كۇنى تىلۋۇزۇردا بىرىنى تۇنۇشتۇردى<خەنزۇ ماتىماتىكا ئالىمىنىڭ دادىسىنى>ئۇنىڭ دىيىشچە بالىسىنىڭ ئەمدى تىلى چىقىشىدىن باشلاپ تەربىلەيمىش، مەسلەن بالىسى بۇر نىنى سۇرتىشى ئۇچۇن چوقۇم يى ئەر سەن دەپ ئۇچ قىتىم سۇرتۇشنى ئۇگۇتەر مىش.

مىنىڭچە ئوقۇمىسا نىمىش قىلىدۇ؟ پەقەت بىر دائىردە چوڭقۇر ئوقۇپلاقالماي، كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىلىشقا ئەھمىيەت بەرسە ياخشى . يەنە ئۇسۇلمۇ مۇھىم. ئەمىلىيەتتىن چىقىش قىلىپ ئۇگەنسە بەك ئىسىدە قالىدىكەن ھەم يىڭى يول تاپالايدىكەن.

tatleh 2011-09-01 18:06
يەنىلا ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ، ئالى مەكتەمنى پۈتتۈرۈپ سودىگەر بولسىمۇ بۇلىدىغۇ ! ئالى مەلۇماتلىق ، كەڭ دائىرىلىك ، يىراقنى ئويلىيالايدىغان ، بىلىملىك سودىگەر بولسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ! ھازىر كادىردىن سودىگەرنىڭ ، ناۋاينىڭ ، رىمۇنتچى ئۇستىلارنىڭ ھال-كۈنى  مىڭ ياخشى ، مۇشۇ ئۇستىلارمۇ  بىلىم دائىرسىنى كېڭەيتسە تىجارەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتەلەيدۇ ئەمەسمۇ !

tarimwadisi 2011-09-01 22:32
بىرلا ئېغىز <<بىلىملىك ئۇزار،بىلمسز تۇزار>>، ئاتىلار بۇنى بۇرۇنلا يەكۈنلەپ بولغان.

adila214 2011-09-07 16:48
ياخشى يېزىلىپتۇ  بۇ مەسىلە ئۇيلىنىشقا تېگشلىك ؟ بىز مۇ بەك ئەنسىرەيمز رەھمەت سىز گە


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038913 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us