رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

umidwar 2011-08-17 12:26

ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىنىڭ مۆھتىرەم ئىشتىراكچىلىرى ئالدى بىلەن تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك،ئىشلىرىڭلارغا بەخت ۋە ئامەت تىلەش بىلەن بىرگە تورىمىز ۋە شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر نامىدىن ئوتلۇق سالام يوللايمىز.باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلار ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكەي،ئەلكۈيى تورىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ مول مەزمۇنلارغا ئېگە بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر سەنئىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرى چارچىغان قەلبىمىزگە مەلھەم بولسا،دىل ئارامىمىزغا ئىلھام بولۇپ ھەممەيلەننىڭ سۆيۈپ ئاڭلىشىغا ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋام ئىىتىپ كىلىۋاتىدۇ،مەنىۋى تۇرمۇشىمىزغا ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىزچىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ كىلىۋاتقان،مەيلى چوڭلار بولسۇن مەيلى كىچىكلەر بولسۇن ھەممەيلەن ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان شۇنداق بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم.
بالىلىق ھاياتىنى قەدىمىي دولان موقاملىرى،دولان مەشرەپلىرى قوچىدا ئۆتكۈزۈپ،سەبى چاغلىرىدىن باشلاپلا مىللىي ناخشا - مۇزىكا سەنئىتىمىزگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان،ناخشا -مۇزىكا سەنئىتىنى تېگى ماھىيتىدىن چۈشىنىپ،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىش يولىدا نۇرغۇنلىغان قان - تەرىنى سىڭدۈرۈپ،پىشىپ يىتىلىپ ،ئوزۇندىن بويان ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى تىترىتىپ كىلىۋاتقان تالانتلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا قىززىقمايدىغان ، ئۇنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولمايدىغان،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن تور ئارقىلىق سىردىشىشنى خالىمايدىغان تورداش بولمىسا كېرەك.ئەلكۈيى تورىدىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ياخشى مۇنازىرەلەر بولۇپ تۇرىدۇ ئەلۋەتتە،ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئېكرانىنىڭ يېڭى سانىغا <<ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيى ئېكرانىدا سۆھبەت>> نامىدىكى بىر مەيدان ياخشى سۆھبەت ئويۇشتۇرۇپ ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز.

كۆرۈش نوقتىسى (Medila player )ئارقىلىق كۆرۈش (قېتىۋالسا ياكى سۈزۈك چىقمىسا پەستىكىنى كۆرۈڭ)

كۆرۈش نوقتىسى(flash player)ئارقىلىق كۆرۈش

زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر

ئەل سۆيگەن ناخشىچى،پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە

پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئۇنىڭ ئوماق  قىزى شاھناز ئابدۇللا ،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار قاتارلىقلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

ئابدۇللا ئابدۇرېھمنىڭ قىزى شاھناز ئابدۇللا ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىگە دادىسى ۋە ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكتە


زىيارەت نەق مەيدانىدىن ئارىيە
بۇ قېتىملىق زىيارەت شىنجاڭ مىللىي مۇزىكا ئۆمىكى ئابدۇللا ئانسامبىلىنىڭ ئىشخانىسىدا سۈرەتكە ئېلىندى،زىيارەت جەريانىدا ئەسلىدىكى سابا ئانسامبىلىنىڭ ئابدۇللا  ئانسامبىلى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى بىلدۇق ھەمدە بۇ ھەقتىكى بەزى بايانلارنىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق،يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش شۇكى ئەل سۆيگەن ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ ئوماق پەرزەنتى شاھناز ھەققىدە ئۆزىنىڭ قەلب ئىزھارىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى شۇنداقلا بىزمۇ يېقىندىن بويان تورىمىزدا قىززىق نوقتا بولۇپ كىلىۋاتقان بۇ كىچىك چولپانىمىز بىلەنمۇ ھەمسۆھبەتتە بولدۇق.
كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتنى چىن ئىخلاسى بىلەن كۆرۈپ چىقىشىنى شۇنداقلا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن تورىمىز ئارقىلىق كەڭ - كۇشادە سىردىشىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە شىركىتىمىز ۋە تورىمىز شۇنداقلا تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلار نامىدىن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى،ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا مول مەزمۇنلارنى تىلەش بىلەن بىرگە يېقىندا ئۆتكۈزۈلۈپ،خەلقىمىزگە سوۋغا قىلماقچى بولغان 2011-يىللىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا كېچىلىكىنىڭ ت ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىلىشگە،مول مەزمۇنلارغا تۇلىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز! ھارماڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، خەلقىمىز سىزنى مەڭگۈ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ!

كامالىي ئېھتىرام بىلەن : 
ئەلكۈيى تور بېكىتى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

natiwan0909 2011-08-17 12:53
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ ئەلكۈيىدىن ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن ...
ھەممىمىزنىڭ  ھۆرمىتىگە نائىل  پەخرلىك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشىلىرىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن .......

دوپپام 2011-08-17 13:16
بارىكاللا ئەلكۈيى تورى،خەلقنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ چۆككىنىڭدىن خۇشال بۇلىمىز.
بۇ ئىنكاس ئورنىنى ئۆزەم ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئىنكاس يېزىپ توراي،ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا بولغان قەلب سۆزلىرىم سەل كۆپ بولغاچ باشتىكى ئورۇننى ماڭا بەرسەڭلار،فىلىمنى كۆرۈپ بوپ ئىنكاس يازىمەن.

uyghuraaa 2011-08-17 15:42
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ  ئۇتۇقلۇق، ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەل كۈيى تورىنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

atikam1 2011-08-17 16:15
ئەلكۇيى  مۇنبېرىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق  پۇرسەتكە ئىگە قىلغانلىغىدىن مەن بەكمۇ سۆيۇندۇم ،،
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا  بەرەكەت ھەم ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن ،
ھەم ئائىلىسىگە بەخىت شۇنداقلا خاتىرجەملىك تىلەيمەن

yahxilik 2011-08-17 20:23
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام...
بۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ،سۆھبەت فىلىمىنىڭ باشلىنىشىدىكى شېئىر ھەقىقەتەن ئىسىل ئىكەن جۇمۇ!ئابدۇللا ئاكىمىز بىلەن تور يۈزىدە مۇشۇنداق سۆھبەت ئارقىلىق سىرداشمىغىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپتىكەن،ئەلكۈيىگە تەشەككۈر،قارىغاندا بۇ يىل ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان،مەيلى ئورۇنلاش،مەيلى سەۋىيە...جەھەتلەردىن بولسۇن يۇقىرى بولغان بىر مەيدان كېچىلىكتىن بەھىر ئالغۇدەكمىز. شاھنازمۇ بىر چىرايلىق قىز بولۇپ چوڭ بوپ كىتىپتۇ مانا،ئېيتقان ناخشىسىمۇ شۇنداق يېقىشلىق،سۆھبەتتىن شۇنى ھېس قىلدىمكى شاھناز ئۆزىنى تۇتىۋالغان،تەمكىن،ئەدەپ-ئەخلاقلىق بىر قىز بولۇپتۇ.كۆز تەگمىسۇن شاھنازغا.
ئابدۇللا ئاكىمىزمۇ ياخشى كۈيلەرنى خەلقىمىزگە تەقدىم ئىتىشنى توختىتىپ قويمىغاي.شاھنازمۇ ھەم شۇ،مۇشۇ پۇرسەتتە ئابدۇللا ئاكىغا سالام يوللايمەن،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن،تۇرمۇشىنىڭ شاد-خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى،قىلغان ئىشلىرىنىڭ بەرىكەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


amanpahri 2011-08-17 23:20
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ناخشا - مۇزىكا،ئادىمىلىك،ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت ،دۇنيا قاراش،تەرەققىيات،مىللەت،پەرزەنىت تەربىيىسى،ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى يىڭى نوتىلار،ھەۋەسكارلار توغرىسىدىكى بارلىق كۆز قاراشلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن،تەبىئى،چىن ھىسسىياتى ،چىن مۇھەببىتىنى، قىسقىسى كۆڭلىدىكىنى تۈكۈپلا بىرىپتۇ.ھەقىقەتەن ھەممەيلەنگە ئەمىلىي بىر دەرىس بېرىپتۇ.
مەن كۆرگەن زىيارەت خاتىرلىرى ئىچىدە (سەنئەتچىلەر ئىچىدىكى)چىن دىلىمدىن ھۆرمىتىمنى، قايىللىغىمنى قوزغىغىنى بولدى،ئەلكۈيى تور بېتىگە رەھمەت!

yaprak6603 2011-08-18 00:07
ئابدۇللا ئابدۇرىھىم خەلقىمىزنىىڭ پەخىرلىك ئوغلانى بۇلۇپلا قالماي ،خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن يۇكسەك ئۇرۇن ئالغان ئەل سۈيگەن پەخىرلىك كۈيچىسى..................!!!!!!مىللىتىمىزنىڭ بۇ پەخىرلىك ئوغلانىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلمەن!!!!  

yarkn 2011-08-18 01:56
   كۆپ  خۇرسەن بولدۇق  .ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ئالتۇن تېنى سالامەت بولسۇن ..شۇنچە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاكىمىزنىڭ سۈپەتلىرى ئىچىگە جامائەت ئەبابى  دىگەن نامنى قېتىپ قويساقكەن  ..چۇنكى ئابدۇللا ئاكىمىز  پۇتۇن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قەلبىنىڭ باياناتچىسى ...
ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىكى پىنھان سۆزلەر ناخشىلىرىڭىزغا مۇجەسەملەنگەي ئاكا .

pakzad 2011-08-18 09:51
ئابدۇللا ئاكىمىز ئەلكۈيىگە بەكلا ماس كەپتۇ جۇمۇ ،خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دىگەندەك .ئابدۇللا ئاكىمىز ۋە ئەكلۈيىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
مەن ئەقلىمنى بىلسەم مىنىڭ بالىلىق دەۋرىم ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ "قارا تۇپراق "،"سىرلىق تۇمان "،"ئۇزاق يول"دىگەندەك ناخشىلىرىنى زوقلىنىشى بىلەن ،ياشلىق دەۋرىم "مەجنۇنتال"، "ئەركەم"،"تەنھا سۆيگۈ" دىگەن مۇڭلار بىلەن تەڭداش بولۇپ ،ھەرخىل ھىس تۇيغۇ ۋە ئەسلىمە ئىچىدە ئۆتتى .بەلكىم مەن قۇرامىدىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولسا كىرەك . جۇملىدىن نۇرغۇن دەۋىرداشلىرىمىز ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ناخشىلىرى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يىتىلدى .مەنچە مۇزىكا ھۆجەيرىسى نورمال بولغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ناخشىدىن ،مۇڭلۇق ئاۋازىدىغا ھەۋەسلەنمەي قالمايدۇ .
ئەلۋەتتە زىيارەت جەريانىدا ئابدۇللا ئاكىمىز ئىيتىقاندەك ،خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق ،خاتالىق گەرچە ئۆز ۋاختىدا توغرا تۇيۇلسىمۇ ،لىكىن سەزگەن ھامان تۈزىتىش كىرەك .بۇ سۆزلەر ياش ناخشىچىلىرىمىزغا بىرىلگەن بىر دەرىس ئىكەن .ئەستە چىڭ ساقلىۋالساق بولغىدەك .
ئۆزىمىزنىڭ ئۇسلۈبىلا توغرا دەپ تۇرۋالماي ،خەلىق ياقتۇردىغاننى ئىزدەنسەك ،مۇشۇنداق ئۆلمەس كۇيلەرنى ياراتقىلى بولغىدەك .
ئاخىردا ئابدۇللا ئاكىمىزمۇ ئۆز يولىدىن چەتنىمەي  ئەينى يىللاردىكى "قارا تۇپراق "،"سىرلىق تۇمان"،"ئۇزاق يول "غا ئوخشاش خەلىق قەلبىنى تىتىرتىدىغان ناخشىلارنى مەيدانغا كەلتۇرشىنى ئۇمىت قىلىمەن .

izlidim 2011-08-18 10:47
ئابدۇللا ئابدىرئېھم ئاكىنڭ تىنىگە سالامەتلىك ئىشلىرغا ئوتۇق تىلەيمەن.
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ ئەلكۈيىدىن ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن ...
ھەممىمىزنىڭ  ھۆرمىتىگە نائىل  پەخرلىك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشىلىرىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن .......

niranxa 2011-08-18 10:49
ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئەلەم ۋە قەلەمدە ئۈزلۈ كسىز تاۋلىنىۋاتقان روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن ،ئۇ توغرا دەيدۇ ئىللەتنى يايماي ،ئىجابىي جەھەتنى جىقراق سۆزلەپ ياشلارنىڭ روھىنى ئويغۇتۇپ ،جانلاندۇرۇش زۆرۆردۇر ،مىللى ساپانى يۇقىرى كۆتىرىشتە سۈرئەت تالاشماي ،سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك ،ئەلكۈينىڭ بۇ داستىخىنىغا تەشەككۇر.

bargiya 2011-08-18 10:51
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئەلكۈيىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدىكى كۈنلىرى كۆڭۈل ئازادىلىكتە ئۆتكەي!!
بۇ قېتىمقى بۇ سۆھبەتنىڭ روياپقا چىققانلىقىغا بارلىق تورداشلار بىلەن بىرلىكتە چىن دىلىمدىن خۇش بولدۇم.
ئابدۇللا ئابدىرىھىمنىڭ ناخشا ئېيتقاندىكى بولسۇن ياكى  تاماشىبىنلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتقاندىكى بولسۇن تەمكىنلىكىنى بەكمۇ ياقتۇرۇمەن.
خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن  ئابدۇللانىڭ ناخشىلىرىنىڭ سالمىقى گۈزەللىكى ھەر تەرەپتىكى ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغانلىقى،ئاممىباپلىقى توغرىلىق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بىر خىزمەتدىشىمىز"ئابدۇللا ساپلا ئېسىل پەيزى ناخشىلارنى ئۆزى ئېيتىۋالىدىكەن."دىگەندە پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق. مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرۇدىكىن ئابدۇللانىڭ ئېيتقان ھەممە ناخشىلىرىلا شۇنداق يېقىشلىق ،ئېسىل "پەيزى"
ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ قىزى شاھنازنىڭمۇ  دادىسىغا ئوخشاشلا ئېسىل ناخشىلارنى ئېيتىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۇرقىدىنلا بىر خىل ئەخلاقلىق،تەمكىن قىز بولغانلىقى چىقىپ تۇرۇدىكەن.بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،پارلاق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
ئابدۇللا ئابدىرىھىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەنزىلىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي!!

kalbidax 2011-08-18 13:18
ئابدۇللا ئابدىريىم ھەقىقەتەن خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئۇنىڭ بىلەن ئەل كۈيىدە سۆھبەتتە بولغۇنۇمغا تولىمۇ خۇشال.ئۇنىڭ  كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى،قىممەت قارشىمۇ كىشىلەرنى قايىل قىلىدىكىن،ئۇنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،سەنئەت ھاياتىغا بەركەت تىلەيمەن.

jantik 2011-08-18 14:49
ئابدۇللا ئاكىمىز مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان سەنئەتكار!  ھەم مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان شەخىسلەرنىڭ بىرى ! ئاكىمىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ دەرت-ھەسرىتى، كۈلكە -شادلىقى تەسۋىرلەنگەن ناخشىلارنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇشىنى، تېخىمۇ كۆپىرەك ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!

turkinaz0992 2011-08-18 20:29
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىغا زور ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخت ، خاتىرجەملىك تىلەيمەن ! شاھناز سىڭلىمىزنىڭمۇ غورۇرلۇق ، ئەخلاقلىق ئۇيغۇر قىزى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن .

          

kaygu 2011-08-18 20:46
ئابدۇللا ئاكىمىز بىلەن سۆھبەتتە بۇلۇپ ناھايتى ياخشى ئىش قىلىپسىز..
ئابدۇللا ئاكىمىزغا بولغان چۈشەنچىمىز تېىخىمۇ ئاشتى.....
بولسا مۇشۇنداق نادىر تىمىلار ئۈزۈلمىسە...
ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئىشلىرغا ئۇتۇق،تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا پىشقەدەم خەلىق شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىمۇ بىر زىيارەت قىلغان بولساڭلا بەك ياخشى بۇلاتتى.....

zulal07 2011-08-18 21:07
ئىسللىقى سۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئادەم بولۇش ئەڭ مۇھىم. شۇنى تۇتقا قىلغانلار غەلبە قازانسا ئەلگە نەپ بېرەلەيدۇ. ئەكسىچە بولسا ئەلگە غەم بولىدۇ.
ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى ساغلام ئىدىيىنى كەڭ خەلقىمىزگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

sefura 2011-08-18 22:46
رىياسەتچىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ،تەبىئى سۆزلەشلىرى شۇنداق ياقتى،كىيىن تېخىمۇ ياخشى بوپ كەتكۈسى.
ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ قىزى ئاپىسىنى تاتتىمۇ نىمە،ھەجەپ ئامراق بوپ قالدىم بۇ قىزغا،كۆزۈمگە ئەمدى 13ياشلارغا كىرگەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.قىز شۇنداق ئىسىل ئەمما سەل جانسىز بەلكىم جىددىلىشىپ كەتكەندۇ...
بىر ئائىلە كىشىلىرىگە بەخت تىلەيمەن.

تەن600 2011-08-19 10:17
ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سوھبىتىدىن، مەن ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ئوز كەسپىىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى،ئۇنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتىنىڭ قانچىلىك ياخىشى ئكەنلىكىنى ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىىنىڭ بىزدەك ياشلارغا ناھايىتى ياخشى ئۇلگە ئكەنلىكىنى كورۇپ يەتتىم!!!!!!!!!!! كوڭلۇمدىكى ئابدۇللا ئاكامغا بولغان ھورمىتىم يىەنىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى!!!!!!ئابدۇللا ئاكامنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ئل سۇيىدىغان ياخشى ناخشىلارنى بارلىققا كەلتۇرىشىنى شۇنداقلا ئشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق،تۇرمۇشڭنىڭ خاتىرجەم،تېنىنىڭ سالامەت ،ئائلىسىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى اللاھدىن تىلەيمەن!!!!!!!!!

bayawan 2011-08-19 13:31
ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . بۇ كىشىنىڭ چىن ئىنسانىي پەزىلىتىگە قول قويدۇم .

agah 2011-08-19 13:33
خەلىق نىمىنى ئويلايدۇ ،نىمىنى كۈتىدۇ ..نىمىگە مۇھتاج ..مانا ما گەپلەر
جىڭ گەپلەر ...لېكىن بەزى ناخشىچىلار ئۇچ پەلەمپەينى بىراق دەسسەيمەن
دەيدۇ ..

uyhuriye 2011-08-19 14:56
ئاللاھ ئىگەم بۇ پەخىرلىك ناخشىچىمىزغا سالامەتلىك ،خاتىرجەملىك،تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار   بەرگەي .بۇ ناخشىچىمىزنىڭ تىل قابىليىتىمۇ يۇقىرى ئىكەن .

uyhuriye 2011-08-19 15:09
     بىزنى پەخىرلىك كىشىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ يىقىنلاشتۇرغان،ئۇلار بىلەن كۈرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ، ئەلكۈيى تورىغا مىڭ رەھمەت!،گۈللەپ ياشناڭلار ! تېخىمۇ كۆپ سۆھبەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭلارنى  ئۈمۈد قىلىمىز ،ئابدۇللا ئاكا سىزگە سالامەتلىك ،بەخىت يار بولسۇن !!!

abm165 2011-08-19 15:29
       ئادەتتە  ناحشىچىلار  ،ناحشا  ئىيتىشتىن باشقا  ئىشلارعا ئانچە يارىمايتتى ، لىكىن ئابدۇللا ئىنىمىز  ، يولدا ماڭسا حىزىر سۇپەت مويسىفىت ، ئىكران ئالدىدا فىروپىسسور ، سەھنىدە پىشقان ناحشچى ،  ئائىلىدە  مەسئۇلىيەتچان  دادا ،  شىركەتتە  مۇۋاپپەقىيەت قازانعان دىرىكتور ،جەمئىيەتتە ھورمەتكە ئىگە  ئوقۇتقۇچى   ..........يىعىپ ئىيتقاندا ،حەلقىمىز  ئىتىراپ قىلعان ،  ھەم ياحشى  كورگەن  كوپ ئىقتىدارلق  زىيالى . شۇنداقلا  ئۇيعۇر نىڭ مەنىۋى روھى ، ياشلىرىمىزىنىڭ  ئوگىنىش ئولگىسى .   ئابدۇللانىڭ  تۇتقان يولى بىزنى قايىل  قىلىدۇ .  حەلقمىزنىڭ  ئۇنىڭدىن كۇتكەن  ئومۇدى زور  .  چۇنكى بىر مىللەتنى  دۇنياعا تۇنۇتۇشتا  سەنئەتتنىڭ  ئورنىنى  باسالايدىعان باشقا  كەسىپ يوق .  شۇڭا ئابدۇللا ئىنىمىزگە تىحىمۇ  كوپ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز . ( مىنىڭچە سىز ،مۇھاببەتكە  بولعان چۇشەنچىڭىزنى داۋاملق چوڭقۇرلاشتۇرۇڭ )

tograk001 2011-08-19 16:42
  ياشاڭ ئابدۇللا  ئاكا    ....ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ  ئۇتۇقلۇق، ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى ،ئالدىمىزدىكى  كېچىلىكىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ،شاھناز  قىزچاقنىڭ ئەخلاقلىق ئۇيغۇر قىزى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن  ...ئەلكۈيى  تورىدىكى  بارلىق جاپاكەش  خىزمەتچىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن...

mar灬ku 2011-08-19 19:33
ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى.
ئوت يۈرەك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خەلىققە تېخىمۇ نادىر بولغان ئېسىل ناخشىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
بىزنىڭ ئۆيىدە قارا تۇپراق دېگەن ئۈنئالغۇ دېيىمۇ بار. شۇ چاغدىمۇ ناخشىنى ئاجايىپ ياخشى ئېيتاتتى.

aitürk 2011-08-19 21:09
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن....

pat5479 2011-08-19 22:03
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ماۋۇ سۆھبەتنىڭ كارامەت ياخشى ئىشلەنگىننى كۈرۈپ بەكلا ھاياجانلاندىم.تورىمىزنىڭ بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت!!!ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئىسىل گەپلىرىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن جامائەتنىڭ  ئەڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇناسىپ كىشى ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭدىن ئادىمىيلىكنى ،سەنئەتنى،........ئىشقىلىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىشىمىز لازىملىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتىم.ياشاپ كەت ئابدۇللا !!!بىزگە مەنىۋى زوق بىرىش بىلەنلا قالماستىن يەنە بىزگە باشقا جەھەتلەردىنمۇ ياخشى تەربىيە بىرىدىغان ئىسىل ناخشىلارنى ئېيتىش ئۇچۇن ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق،ئۇزۇن ئۆمۈر،بەرىكەتلەرنى تىلەيمەن!!!

huntekin 2011-08-19 23:41
abdullaning mijaziga bakmu kayil boldum, sozliridin  bakmu tasirlandim, esil nahxiliringiz vzvkmigay 

kilyang 2011-08-19 23:55
ۋە ئەلەيكۇم  ئەسسىلام !
                 ئەل سۆيگەن تالانىتلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرەھىم ئەپەندىم نى ئەلكۈيىدىكى جاپاكەش  قىرىنداشلارنىڭ  بىز بىلەن  دىدارلاشتۇرغىنىغا  تەشەككۇر  بولسۇن !
ئابدۇللا  ئاكىمىزنىڭ سۆيدۈم  پىشتىم  ، كۆيدۈم  يىغلىدىم   دىگەندەك  ناخشىللىرىنى  تاشلاپ بىزنىڭ  خەلىقىمىزنى يۈرەك تارىنى زەرەتلەپ   سۈت ئۇيقۇدىدىن  ئويغىنىشقا   ئۈندەيدىغان ناخشا تىكىسىتلىرىنى  تاللاپ  ناخشى قىلىپ  ئىيتىپ  ھازىرقى   ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن . بۇرۇنقى ناخشىللىرىمۇ  ياخشى  مەيلى  ھىسيات  مەيلى  قىزىقىش  جەھەتتىن  بولمىسۇن   بۇرۇنقى  ناخشا  بۇرۇنقى  ناخشىدۇر    ........................
ئەمدى  ئابدۇللا  ئەپەندىم  ھەرخىل  قايناملاردا  پىشىپ  خەلىقىمىزنىڭ  قەلبىدىن ئورۇن ئىلىۋاتىدۇ   ئەمدى  خەلىق  ئىچىدىكى  مىللەت  ئىچىدىكى  ناخشا  ئارقىلىق  داۋالايدىغان  كىسەللەرنى   ۋاقتىدا  داۋالاپ  ئۈنۈمى  بولمىسىمۇ  ناخشىنى ئاڭلا  ۋەرسە  ئۈنۈمى  بولۇشى  مۇمكىن ................................................  شۇڭا   خەلىق ئارىسىدىكى ئەھمىيتى يۇقىرى بولغان مەيلى  يۇمران مايسىلارنى  مەيلى   چوڭلارنى  مەيلى  قىزلار ئىچىدىكى  ياشلارنى  ياخشى  ئەخلاقىلىق يوللىرىغا  باشلىيالايدىغان  ناخشىلارنى  بىز گە  سۇنۇشىنى ئۈمۈد  قىلىمەن
مەسىلەن  تىكىسىتنى  ئۆزى  يازالايدۇ ،  ئابلەت  ئابدۇرىھىم ئەپەندىممۇ  يازالايدۇ
ئۆزى يىتىشىپ  بولالمىغاندا  مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىم ، مۇختار  بۇغرا  ئەپەندىم ، قاتارلىق  ناخشا تىكىسىتنى چۈشىنىدىغان  يازغۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ  ھاياتىنىڭ  ئوتتۇراھال مەزگىللىرىدە  بىزدە  يەنىمۇ  چوڭقۇر  تەسىر  قالدۇرۇشنى  ئۈمۈد قىلىمەن .
سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ  سالام  خەلقىم   ، دىگەنگە  ئوخشاش  مەنىسى  چوڭقۇر  ناخشىللىرىنىڭ  تىكىسىتنى  مۇھەممەتجان  راشىدىن  ئاكىمىز  يىزىپ  بەرگەنغۇ  دەيمەن .   بەلكىم  مەن  بىلمەيدىغان  ھەم  بايقىمىغان   ناخشا  تىكىستنى  ياخشى  يازالايدىغان   پىشقەدەملەرمۇ  باردۇ................................................ ئاخىردا  ئابدۇللار ئاكىمىزنىڭ  ئىشلىرىنىڭ  ئوڭۇشلۇق  تىنىنىڭ  سالامەت  بولۇشنى  تىلەيمەن
بەلكىم  ئابدۇللا  ئاكام  بۇ كىمدۇ  دەپ  قالمىسۇن   مەن  ئابدۇللا  ئاكامنىڭ  ھەر بىر  ناخشىسنى  سۆيۈپ  ئاڭلايدىغان  ھەرقىتىم   گۇما  ناھىيسىگە  كەلسە  ۋاقىت  چىقىرىپ  ئابدۇللا  ئاكىمىز  بىلەن  كۆرىشىدىغان ئاددى  بىر ئىنسان

e^r^k 2011-08-20 07:57
قاچان ئابدۇللانى زىيارەت قىلا دەپ ئولتۇراتتىم...ئەلكۈيگە رەخمەت!!

adalet 2011-08-20 15:34
بەرھەق،ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ،كىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغاندىلا ئەل سويگەن ناخشىچى ۋە ئەلنىڭ كۆڭلىدىكى ئادەم بولغىلى بولىدۇ .سۆھبەتنىڭ داۋامىغا تەشنابىز .

mukam 2011-08-20 16:27
بۇ زىيارەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بوپتۇ ئەلكۈيىنىڭ مۇشۇڭداق زىيارەتلەرنى پات پات ئىلىپ تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

haliktash 2011-08-20 18:26
ئالدى بىلەن ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇنداق ئىسىل تىمىنى خەلىقىمىزگە سۇنغىنىدىن مىڭ مەرتىۋە تەشەككۇر ئىيتىمەن... ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ھەق سۆزلىرىدىن ئالەمچە خۇشاللىق تاپتىم!! شاھناز سىڭلىمىزنىڭ دادىسىدەك ئەل خەلىق سۆيگەن ھەقىقى ئىسىل سۈپەت سەنئەتچى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن!! .ئابدۇللا ئاكىمزنىڭ ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىگە بەخىت، تىرىشچانلىقىغا ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق تىلەيمەن.. خەلىقنىڭ مەڭگۈ ئەزىز ئوغلانى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!

tugluk 2011-08-20 19:43
ئالدى بىلەن ئابدۇللا ئاكا ۋە ئەلكۈيى توردىكىلەرگە رەھمەت! ئابدۇللا ئاكا سىز مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان چولپان،سىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن

娜地拉 2011-08-20 20:42
RASLA BU SEGLEMEZ NAHXENE BAK YAHXI EYTEP TU  MUZEKESEMU XUNDAK YAHXI NAHXESEMU UNEGDEN YAHXI KAN  BU SEGLEMEZ NEG BUNEGDEN KEYENMU YEGE YEGE NAHXELARNE EYTEP DADESEGA OHXAX  AL SOYAR NAHXEQE BOLUP QEKEXENE VMVD KELEMEZ DAWAMLEK TEREXENG SEGLEM  ;

xiwas 2011-08-21 01:44
ئاللاھقا مىڭ شۈكرى بىزنىڭ ئۇيغۇر زىيارەت پىراگىراممىلىرىمىزدىمۇ بۈيۈك مۇقەددەس (ئاللاھنىڭ) ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتىلىدىكەن ،ئابدۇللا ئاكا شۇتىلىڭىز مەڭگۈ  ۋە مەڭگۈ ئامان بولغاي
........
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇللا ئاكا ئېھتىمال جەنۇبى شىنجاڭنىڭ  بۇلىڭىدىكى توپىلىق شەھەر خوتەن دىيارىدا  مەن دەك ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلىشىڭىز مومكىن شۇنداقلا بىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ،مەزكۇر فىلىمدىكى دىكلىماتسىيە سۈكۈتتىكى سادا ناملىق پىلاستىنكىدابۇلۇپ بۇمىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدا روھىيىتىمگە ئىستېتىك تۇيغۇمغاسىڭىپ كىرگەن بىرپىلاستىنكا ،مەن بۇپىلاستىكىنىڭ مۇقاۋىسىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن ھېلى ھەممۇ شۇ قىزىل قۇياش ئالدىدىكى ئابدۇللا ئاكىنىڭ مەردانەقىياپىتى بېسىلغان شۇمۇقاۋىنى كىتاپ قېتىدا ساقلاپ تۇرۇپتىمەن شۇ ۋاخلاردا ،شۈكۈردىدىم ،راك باياۋان مۇقامى ، تەنتەنە ،ئاقتۇرۇپ كەدىم ئەركەم ، قالىدۇ ، قارلىغاچ قاتارلىق ئېسىل ناخشىلارنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايتىم مە ندە ھازىرمۇ ئابدۇللا ئاكىنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا ئۆتكۈزگەن ياش ۋاختىدىكى سەننەت كىچىلىكىنىڭ پىلاستىكىسى بار ،ئابدۇللا ئاكا خوتەن دىيارىغا ئويۇن قويغىلى كەلگەندىمۇ مەن نەچچە دەستە گۈل سوۋغاقىلغان ئىدىم ،ۋوي ھاياجاندا كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ،مەن ئابدۇللا ئاكىنىڭ تېخىمۇ يىڭى ئىجادى ناخشىلارنى مەيدانغاكەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن ھەم سىڭلىمىز شاھنازنىڭمۇ (ساھرا )دەك يېقىملىق ئۇماق ناخشىلارنى كۆپ لەپ ئېيتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن جۈملىدىن ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئائىلىسىگە بەركەت ۋە ئىمان خۇشاللىق تىلەيمەن
ئابدۇللا ئاكا تورغاچىقىپ تۇرىدىكەن ئۇندا ق بولسا تەۋەككۈل قىلىپ بىر سوئال سوراپ باقاي ...
بىر ۋاخلاردا مەن سىزنىڭ ئىچىمىز، پاراڭنى مەنىسىز قىلما ، قاتارلىق ناخشىلىرىڭىزنى ئاڭلىغان ئىدىم لىكىن مۇشۇ يېقىندا بۇ ناخشىلارنى زادىلا تاپالمىدىم ،ئابدۇللا ئاكا بولسا ئېيتىپ بەرسىڭىز بۇناخشىلارنى قەيەردىن ئاڭلايمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ

yilpez 2011-08-21 02:14
ئابدۇللا ئابدىرئېھم ئاكىنڭ تىنىگە سالامەتلىك ئىشلىرغا ئوتۇق تىلەيمەن

jiuxing 2011-08-21 11:44
كۈندىن - كۈنگە تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگەن ئەلكۈيى تور خىزمەتچىلىرىگە سالام...

abdulla9543 2011-08-22 18:26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇللا ئاكا؟ سىز تۇرىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئەڭ يىراق بولغان خوتەن دىيارىدا ، مەندەك ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالغايسىز، سىز بىلەن توردا ئەھۋاللىشالىغانلىقىمدىن ئېنتايىن بەك خۇشالمەن، سىزنىڭ ئىيىتقان بارلىق ناخشىلىرىڭىزنى ئاساسەن دىگۈدەك يادلاپ بولدۇم، خوتەن دىيارىغا كەپ قالسىڭىز بىزنىڭ يۇرتقا بىرقىتىم قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن،كەلسىڭىز  شەھەردىنلا قايتىپ كېتىسىز،ئەلۋەتتە ۋاقتىڭىز بەكلا قىس،شۇنداق بولسىمۇ بىركۈن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىزنىڭ سەھراغا بىر قىتىم قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز،
ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللادىن، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن،تىنىڭىزنىڭ سالامەت ،بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.
تەنھا سۆيگۈ دىگەن ناخشىنى مەن ئۈچۈنلا ئىيتقاندە سىز.

alyar@ 2011-08-23 11:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئابدۇللا ئاكا،سىز خەلقىمىز  ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار،بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ.سىز سۆھبەت جەريانىدا قىزىڭىز شاھنازنىمۇ سەنئەت ساھاسىدە يىتەكلەيمەن دىگەن ئىدىڭىز ،مەن قىزىڭىزنىڭ ناخشىسىنى توردا ئاڭلىغان ئىدىم ،سىز دەپ ئۆتكەندەك قىزىڭىزدا راستىنلا سەنئەت جەھەتتە تالانىت بار ئىكەن .شۇڭا قىزىڭىزنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئەل سۆيگەن ناخشىچى بولۇپ چىقىشىدا ئۈمىد زور،مەن قىزىڭىز شاھناز ئۈچۈن بىر ناخشا تىكىستى يازغان ئىدىم ،ياراپ قالسا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ھېچقانداق ھەق ئالمايمەن . مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە ئەمەس ،شۇڭا ناخشا ئورگىنالىنى ئىشخانىڭىزغا ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيتىم يوق .شۇڭا  توردا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن بولسىڭىز  تىلفۇن نومرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن سىزگە تىلفۇن قىلىمەن .ياكى ماڭا تىلفۇن قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .تورداش دوسلار ئىچىدە ئالاقىلشىش نومرىنى بىلدىغانلار بولسا مىنىڭ چى چى رىمغا ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ تىلفۇن نومرىنى يوللىۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.
         يانفۇن:13842018397
          چى چى:418915731

alyar@ 2011-08-23 12:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئابدۇللا ئاكا،سىز خەلقىمىز  ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار،بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ.سىز سۆھبەت جەريانىدا قىزىڭىز شاھنازنىمۇ سەنئەت ساھاسىدە يىتەكلەيمەن دىگەن ئىدىڭىز ،مەن قىزىڭىزنىڭ ناخشىسىنى توردا ئاڭلىغان ئىدىم ،سىز دەپ ئۆتكەندەك قىزىڭىزدا راستىنلا سەنئەت جەھەتتە تالانىت بار ئىكەن .شۇڭا قىزىڭىزنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئەل سۆيگەن ناخشىچى بولۇپ چىقىشىدا ئۈمىد زور،مەن قىزىڭىز شاھناز ئۈچۈن بىر ناخشا تىكىستى يازغان ئىدىم ،ياراپ قالسا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ھېچقانداق ھەق ئالمايمەن . مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە ئەمەس ،شۇڭا ناخشا ئورگىنالىنى ئىشخانىڭىزغا ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيتىم يوق .شۇڭا  توردا بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن بولسىڭىز  تىلفۇن نومرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن سىزگە تىلفۇن قىلىمەن .ياكى ماڭا تىلفۇن قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .تورداش دوسلار ئىچىدە ئالاقىلشىش نومرىنى بىلدىغانلار بولسا مىنىڭ چى چى رىمغا ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ تىلفۇن نومرىنى يوللىۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.
         يانفۇن:13842018397
          چى چى:418915731
  بولدىلا ناخشا تىكىستىنى مۇشۇ يەردىلا ئېلان قىلاي
                                                                        بەختىم ئېچىلسۇن
                                            
                                       بالىلىقنى ئۇزىتىپ، يىتىپ كەلدى ياشلىقىم ،
                                      بولدى ماڭا پەزىلەت، زىننەتلەنگەن تاشلىقىم،
                                      بىلىم بولدى ھەم يەنە، تۈگمەيدىغان ئاشلىقىم،
                                      دۇئا بىرىڭ جان ئاتا ،  بەختىم  ئېچىلسۇن .

                              مەنمۇ ئەمدى چوڭ بولۇپ ئەلگە قېتىلدىم ،
                              ياشلىق بېغى ئىچىدە  گۈلدەك  ئېچىلدىم ،
                              مۈشكۈل ھايات قاينىمىغا مەنمۇ ئېتىلدىم،
                              دۇئا بىرىڭ جان ئانا ،بەختىم ئېچىلسۇن .

                                             پەرۋاز قىلاي سامادا مەنمۇ ئاتامدەك ،
                                            پۇراق چاچاي باغلاردا مەنمۇ ئانامدەك،
                                            ئۈزەي ئاشۇ قايناملاردا ئۇلۇغ بوۋامدەك ،
                                            دۇئا بىرىڭ جامائەت ،بەختىم ئېچىلسۇن.

                           دۇئا بىرىڭ جان ئاتا  ،
                            دۇئا بىرىڭ جان ئانا ،
                            دۇئا بىرىڭ جامائەت ،بەختىم ئېچىلسۇن،
                             ئېچىلسۇن ،ئېچلىسۇن ،بەختىم ئېچىلسۇن،
                            دۇئا بىرىڭ بارچىلار  ،بەختىم ئېچلىسۇن!
    
  بۇ شېئىردا نۇقسان بولسا كۆرسىتىپ بىرشىڭلارنى سورايمەن.  دۇئا بىرىڭ دىگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئورنىغا <بەخىت تىلەڭ >دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.

                                            
                                  

borankux33 2011-08-23 16:04
مۇشۇنداق داڭلىق شەخسلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ پات - پات ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى، ئەل كۈيى تورىنىڭ تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق سۆھبەتلەر ۋاقتى - ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەندىلا،، بىر قىسىم ئۆسەكچىلىرىلەرنىڭ داڭلىق شەخسلەر ھەققىدە بولمىغۇر ئۆسەكلەرنى توقۇشىغا ئىمكان بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن.  

zilnur 2011-08-23 17:02
ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ  سۆز قابىليىتى ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن.مەن بۇ فىلىمنى  باشتىن -ئاخىرى ناھايىتى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم. ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ قىزى ۋە باشقىلارغا بەرگەن پىكىر تەلەپلىرى بەك  جايىدا  ئىكەن . مەن بۇ ناخشىچىمىزنىڭ بۇنىڭىدىن كىيىنكى ئىشلىرىغان ئوتۇق تىلەيمەن.

miras.biz 2011-08-23 20:30
ئۆھھۆ... ئۆھھۆ... مەن كەلدىم....

miras.biz 2011-08-23 20:40
ھۆرمەتلىك ئابدۇللا ئاكا ياخشىمۇسىز، تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن...
مىنىڭ خەتلىرىمنى كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىكىڭىزنى بىلمەيمەن... مەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى جۈملىدىن پۈتۈن يەر شارى ئىچىدىكى ناخشىللىڭىزنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغۇچى دەپ ئويلايمەن... مەن  سىزگە، سىزنىڭ ناخشىللىرىڭىزغا ئىنتايىن ئامراق. سىزنى چىن قەلبىمدىن ھۆرمەتلەيمەن... ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنى ناخشا ئېيىتش ئۈچۈنلا ياراتقاندەكلا ناخشىنى ئىنتايىن ياخشى ئېيتىسىز،،، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا باشقا ناخشىچىلارنىڭ ناخشىللىرى پەقەتلا قۇلىغىمغا ياقمايدۇ... ئاخىرىدا سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن... ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي، باسقان ئىزلىرىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي.... سىز  مىنىڭدەڭ بىز مەستانىڭىزنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرمەسلىكىڭىز مۇمكىن....
مەن ئەقلىمنى تېپىپ سىزنىڭ ناخشىللىرىڭىزنى ئاڭلىغاندىن بۇيان سىز بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ يۈز تۇرانە كۆرۈشىۋېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى،،، لىكىن شارائىت بۇنىڭغا يار بەرمەيدىغان ئوخشايدۇ... ئەگەر سىزمۇ تورغا چىقسىڭىز.. كىيۇ-كىيۇ رىڭىز بولسا ئېغىر كۆرمەي مىنى دوستلىرىڭىز قاتارىغا قوشۇۋالغان بولسىڭىز، سىزدىن ئالەمچە خۇشال بولغان بولاتتىم. مىنىڭ كىيۇ كىيۇ نومۇرۇم: 982052329..

باشقىلارنىڭ ئابدۇللا ئاكامنىڭ نامىنى سېتىپ مىنى ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن...

uzum-tal 2011-08-23 21:42
ئابدۇللا  ئاكىمىز  ئەلنى سۆيگەن ئەل سۆيگەن ياخشى ئىستىل ئىگىسى
مەن بۇندىن كىيىنكى  ئىشلىرىغا  ئۇتۇق تىلەيمەن  
ئائىلىڭىزگە بەخىت يار بولسۇن  

intizar786 2011-08-24 06:07
ئالدى بىلەن ئەلكۈيى توربىكىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
ئابدۇللا ئاكامغا بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى.
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى دېگەن ناخشىنى قايتىدىن بىر ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز! مەن ھەم كەڭ خەلقىمىزمۇ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان بولاتتى!

zilnur 2011-08-24 11:31
بۇ ئادەمنىڭ زىيارەت فىلىمنى كۆرمىگەن ئادەم ئارماندا قالغۇدەك.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.037677 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us