رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەمسىز --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەمسىز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

aysultan 2011-08-08 12:40

داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەمسىز؟
ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا  26 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالا ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىنى سوراپ كەپتۇ. مەن سېستىمىدىن تەكشۈرۈپ بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولۇش ۋاقىت چېكىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى شۇڭا بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم ھەمدە باشقا ئەھۋاللارنىمۇ بىلىپ بېقىش نىيىتىد بەزى سۇئاللارنى سورىدىم. تۆۋەندىكىسى مەن سورىغان سۇئاللار ۋە ئۇ بالىنىڭ جاۋاپلىرى.
--- نىمە ئۈچۈن خىىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەردىڭىز؟
--- ئاغرىپ  قالغان ئىدىم. شۇڭا خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپلا ئۈرۈمچىگە كېسەل داۋالاتقىلى باردىم.
--- ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالىدىڭىزمۇ؟
--- ياق. بەھرىمان بولالمىدىم. داۋالىنىپ بولۇپ ھىساۋات قىلىدىغان چاغدا دوختۇرخانا تەرەپ كارتىڭىز توختاپ قاپتۇ، ئات چوت قىلغىلى بولمايدىكەن دىدى. شۇڭا نەق پۇل تۆلىدۇق.
--- كېسىلىڭىزنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەش توغۇرلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىسپات(转院整) ئالغانمۇ؟
--- ئالغان.
--- ئۈرۈمچدە دوختۇرخانىغا جەمى قانچە پۇل تۆلىدىڭلار؟
--- 20 مىڭ يۈەن.
--- باشقا سۇغۇرتىلارغىمۇ قاتناشقانمۇ؟
--- يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شۇنىڭدىن 3000 يۈەن ئات چوت قىلىپ بەردى.
--- 20 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىپ ئاران 3000 مىڭ ئات چوت قىلدۇردىڭىزمۇ؟! كارتىڭىز توختاپ قالمىغان بولسا داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ 93% تى ئات چوت قىلىناتتى ئەمەسمۇ؟! – ئەسلىدە سىز داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە  ئۆيىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى ياكى سىز ھاۋالە قىلغان بىرەرسى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرىۋەتكەن بولسا كارتىڭىز توختاپ قالمايتتى. نىمىشقا ئۆيىڭىزىدكىلەردىن  بىرەرسى كېلىپ قانداق قىلىش توغۇرلۇق بىزدىن مەسلىھەت سورىمىدى؟
--- ئۆيدىكىلەر دېھقان بولغاچقا بۇنداق قىلىشنىمۇ بىلمەپتۇ. دادام بوپتۇ ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى تۆلەۋېرەيلى دىدى.
مەن بۇندىن كېيىن قانداق قىلغاندا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇ بالا كېتىپ قالدى. لېكىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ بالىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى 3 يىلدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا تەمىناتتىن بەھرىمان بولالمىغانلىقى خىيالىمدىم كەتمىدى. يەنە قانچىلىغان دېھقان پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆزىگە پايدىلىق سىياسەتلەرنى چۈشەنمەي يۈرىدىغاندۇ؟ يەنە قانچىلىكى داۋالىنىشقا پۇل تاپالماي كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقاندۇ؟ 20 مىڭ يۈەن بىر دېھقان ئۈچۈن ئاز پۇلمۇ؟ بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا مۇشۇنداق بىر تېمىنى تەييارلاشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلدىم ھەم تەييارلىدىم.

      ئۇنداقتا بۇ بالىنىڭ بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولالماسلىقىدىكى سەۋەپ نەدە؟
سەۋەپ دەل مۇناسىۋەتلىك قانۇن سىياسەتلەرنى چۈشەنمىگەنلىكىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سورىمىغانلىقىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئوقۇمىغانلىقىدا. ئەگەر بۇلا شىركەتتىن ئىستىپا بەرگەن ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن  باشلاپ بۇ سۇغۇرتىنى ئۆزى ياكى ئاتا ئانىسى ياكى مۇشۇ بالا بالا ھاۋالە قىلغان بىرەرسى بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنى ئايمۇ ئايمۇ تۆلەپ ماڭغان بولسا ياكى دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن قېلىپ قالغان پۇلنى تولۇقلاپ تۆلىۋەتكەن بولسا  بۇ سۇغۇرتىدىن  تامامەن بەھرىمان بولالايتتى. بۇ دىگەنلىك بۇ پۇلنى تۆلەشنى بىر ئايمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ئىشسىز قالغاندا، ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىگەندە تۆلىمىسىڭىز بولىدۇ لېكىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بالىغا ئوخشاش ئەسلىدە ئايمۇ ئاي تۆلەپ كېلىۋېتىپ دەل دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان چاغدا توختىتىپ قويسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر بۇ بالا خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ھىچ بولمىغاندا دوختۇرخانىدىن چىققانغا قەدەر سۇغۇرتا پۇلىنى ئۆزى تۆلەپ ماڭغان بولسا بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولالايتتى.

ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ تەلىپى نىمە؟
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ تەلىپى سۇغۇرتا پۇلىنى شۇ ئايدا تۆلەپ كېيىنكى ئايدا بەھرىمەن بولۇش. مەسىلەن سىز مۇشۇ ئايدا پۇل تاپشۇرغان بولسىڭىز پەقەت كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچىلا تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايسىز يەنى كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىڭىز داۋالىنىش كارتىڭىز ئىشلەيدۇ. ئەگەر شۇ ئايدا تاپشۇرۇپ كېيىنكى ئايدا داۋاملىق تاپشۇرماي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىڭىز كارتىڭىز توختاپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز قېپقالغان ئايدىكى پۇلنى تولۇقلاپ تۆلەپ كارتىڭىز ئېچىلغاندىن كېيىنلا تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايسىز.
        داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى ئەگەر سىز بىرەر ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى بولسىڭىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا شۇ ئايدا قاتنىشىپ تەمىناتتىن كېيىنكى ئايدا بەھرىمان بولالايسىز، ئەگەر ئۆزىڭىز تاپشۇرۇپ ماڭسىڭىز تولۇق بىر يىل تاپشۇرغاندىن كېيىن 2- يىلىدىن باشلاپ بەھرىمان بولالايسىز.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ھەر ئايدا قانچىلىك پۇل تاپشۇرىمەن؟
ئەگەر بۇ پۇلنى سىز ئۆزىڭىز تاپشۇرماقچى بولسىڭىز ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزغا قاراپ قارار چىقارسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئاساسى سان شۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى ئوتتۇرىچە مائاشتىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەسىلەن بۇ يىللىق ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىجتىمائى ئوتتۇرىچە مائاش 2466 يۈەن. يەنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇشۇ پۇلنىڭ 8% تى بويىچە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ پۇلنىڭ 8 پىرسەنتى 197.28 يۈەن. ئۇندىن باشقا چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى ئۇچۈن ھەر ئايدا 9 يۈەن تۆلەيسىز. بۇ ئىككى تۈرلۈك پۇلنى قوشقاندا ھەر ئايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تۆلەيدىغان پۇل 206.28 يۈەن بولىدۇ. ئۇندىن باشقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش بولغاچقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بۇ پۇل بىلەن قوشۇپ تۆلەيسىز. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ تۆۋەن چېكى 1480 يۈەننىڭ 20% تى. يەنى ،1480×20%=296.0. مۇشۇ  بويىچە ھىساپلىساق ھەر ئايدا تۆلەيدىغان پۇل 206.28+296.0=502.28 يۈەن بولىدۇ. بۇ مۇشۇ سۇغۇرتىلارنى سېتىۋالىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە بۇنىڭدىن يۇقۇرى ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      ئەگەر مەن بىر شىركەت خىزمەتچىسى بولسام شىركەت مېنى قايسى تۈردىكى سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرىدۇ؟
ئەگەر سىز بىر شىركەتنىڭ توختاملىق خىزمەتچىسى بولسىڭىز شىركەت سىزنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىدۇ. ( بۇ بەش خىل سۇغۇرتا مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك بولۇپ ھىچقانداق تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. شىركەت تەرەپ ماۋۇ سۇغۇرتىنى تاپشۇرىمەن ياكى ماۋۇ سۇغۇرتىنى تاپشۇرمايمەن دەپ تاللىيالمايدۇ. ھەممىسىنى چوقۇم تاپشۇرىشى كېرەك. ) بۇ سۇغۇرتىلار ئۈچۈن سىز ئىشلەۋەتقان ئورۇن سىزنىڭ مۇئاشىڭىزنى ئىجتىمائى كاپالەت ئورۇنلىرىغا نەچچە پۇل دەپ مەلۇم قىلغان بولسا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن شۇ پۇلنىڭ 28% تى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 8% تى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 2% تى، توغۇت سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 1% تى،  ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 0.5% تى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. (يۇقۇرقى پۇللاردىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 28% نىڭ 8% تى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 8% نىڭ 2% تى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 2%نىڭ 1% تى  ھەر ئايدا قولىڭىزغا تارقىتىدىغان ماشىڭىزدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. قالغان كۆپ قىسمىنى سىز ئىشلىگەن ئورۇن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. توغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان پۇلنىمۇ پۈتۈنلەي سىز ئىشلىگەن ئورۇن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇتۇلمايدۇ.)

      ئەگەر سىز ۋاقىتلىق خىزمەتچى بولسىڭىز  سىز ئىشلەۋەتقان ئورۇن سىزنى پەقەت ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغىلا قاتناشتۇرىدۇ.

      ئەگەر ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا ئۆزەم قاتناشسام قايسى سۇغۇرتىلارغا قاتنىشالايمەن؟
      ئەگەر ئۆزىڭىز قاتناشسىڭىز ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشالايسىز. بۇ سۇغۇرتىلارنىڭ ھەققىنى ئۆزىڭىز تاپشۇرۇپ ماڭسىڭىز بولىدۇ ياكى ئەسلىدە خىزمىتىڭىز بار بولۇپ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئىككى خىل سۇغۇرتىنى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.

       خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئەسلىدە تۆلەپ كېلىۋاتقان سۇغۇرتا پۇللىرىنى تاپشۇرمىساممۇ بولامدۇ؟
       تامامەن بولىدۇ. بىر ئىككى يىل تۆلەپ ئارلىقتا بەش يىل ھەتتا ئون توختىتىپ قويىدىغانلارمۇ بار.  لېكىن سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى داۋاملىق تاپشۇرغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى سىز سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىمىسىڭىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالمايسىز يەنى كارتىڭىز توختاپ قالىدۇ.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە قانچە يىل تاپشۇرسام پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىن سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمان بولالايمەن؟
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە 15 يىل تولۇق تاپشۇرسىڭىز پېنسىيەگە چىققاندا سۇغۇرتا پۇلى ئالالايسىز. بۇ ھەرگىز 15 يىل ئۈزمەي تاپشۇرۇڭ دىگەنلىك ئەمەس ۋە ياكى 15 يىل تۆلەپلا توختىتىپ قويۇڭ دىگەنلىكمۇ ئەمەس. بۇ ۋاقىت يىغىپ ھىساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تاپشۇرغان ۋاقتىڭىز قانچە ئۇزۇن، تاپشۇرغان پۇلىڭىز قانچە كۆپ بولسا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان سۇغۇرتا پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىدە

قانداق ئەھۋالدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايمەن؟
ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى سۇغۇرتا پۇلىنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر يىل تاپشۇرۇش. ئەگەر بۇ پۇلنى بىر يىل تاپشۇرسىڭىز 3 ئاي ، 2 يىل تاپشۇرسىڭىز 6 ئاي ، 3 يىل تاپشۇرسىڭىز 9 ئاي ئالالايسىز. لېكىن مەيلى 10 يىل ياكى 20 يىل تاپشۇرۇڭ پېنسىيەگە چىققۇچە بۇ سۇغۇرتىدىن  پەقەت 24 ئايلا بەھرىمان بولالايسىز.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا ئىلتىماش قىلىشنىڭ ۋاقىت چېكى قانچىلىك؟
خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ 3 ئاي ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمان بولۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. 3 ئايدىن ئېشىپ كەتسە 2- بىر ئورۇندا ئىشلەپ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە شۇ مۇددەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.(تۈگىدى)
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىشىدىكى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر تورداشلارنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا دائىر باشقا سۇئاللىرى بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسا بولىدۇ. ئامالنىڭ بارىچە ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.
تەييارلىغۇچى: ئۆزەم
مەنبە: ئىجتىمائى كاپالەت قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار

uyghuraaa 2011-08-08 15:30
بارلىق تورداش نامىدىن سىزگە ئالاھىدە رەھمەت. نۇرغۇنلىغان مۇشۇنداق تەرەپلەردە گاڭگىراپ يۈرگەن ئادەملەر ئۈچۈن چوڭ ئىشتىن بىرنى قىلغىنىڭىزغا يەنە قايتىدىن ئالاھىدە رەھمەت.

etikad 2011-08-08 15:35
ئايالىم ھازىر 38 دە،ئىشسىز،ئۇنىڭ كىيىنچە مۇئاشلىق بولۇپ قىلىشى ئۇچۇن مەن قايسى خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقۇزۇپ قويسام بولار؟تەپسىلى دەپ بەرسىڭىز؟

taxbalik 2011-08-08 16:32
ئاۋۇ بالىدەك مۇشۇنداق بەھرىمان بولۇش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەلمىگەنلەردىن يەنە قانچىلىك باردۇ . سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەمەلى مىسال بىلەن بەشخىل سۇغۇرتا ھەققىدە تەپسىلى ئىزھات بەرگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم رەھمەت سىزگە .

xerin121 2011-08-08 16:40
مەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئىلتىماس قىلغانتىم ،ئىشسىزلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپ بولۇپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئىلتىماس كىلىدىغان ۋاقىتتا مەن ئىشلىگەن شىركەتنىڭ سۇغۇرتا پۇلىىنى يېزا نوپۇس  ئۆلچىمىدە تاپشۇرۇپتۇ ،ھازىر شەھەر نوپۇس ئىكەنسىز،تولۇقلاپ تاپشۇرۇڭ دەيدۇ،مەن يەنە قانچە پۇل تاپشۇرۇشۇم كېرەك.
لېكىن بىز ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە نوپۇسىمىز بىر تۇتاش شەىەر نوپۇس ئىدى.

nursima 2011-08-08 17:34
مەنمۇ بۇ توغرۇلۇق ھىچقانداق ساۋاتقا ئىگە بولمىغاننىڭ زىيىنىنى تارتقان ئىدىم،ھەممىمىزگە پايدىلىق ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە؟!

aysultan 2011-08-08 18:51
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىetikad يوللىغان 2011-08-08 15:35 غا قارتىلغان  :
ئايالىم ھازىر 38 دە،ئىشسىز،ئۇنىڭ كىيىنچە مۇئاشلىق بولۇپ قىلىشى ئۇچۇن مەن قايسى خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقۇزۇپ قويسام بولار؟تەپسىلى دەپ بەرسىڭىز؟

ئايالىڭىزنى ياشانغاندا  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە  ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىسە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت بىر خىللا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغىمۇ قاتناشتۇرۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئەگەر ئايالىڭىز دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا ئادەتتە نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايدۇ. بۇ سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئايالىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرسىىڭىز بولىدۇ.  بۇ ئىككى خىل سۇغۇرتا ئۈچۈن ھەر ئايدا تۆلەيدىغان پۇل يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك 502.28 يۈەن.

muztag 2011-08-08 19:02
ياخشىمۇسىز ، ھەقىقەتەن ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسز. مەن بەش يىل بىر شىركەتتە ئىشلىگەن ئىدىم ، بەش خىل سۇغۇرتىنىڭ ھەممىسىنى مۇئاشىمدىن تۇتۇپ ماڭغان ئىدى. ئەمما مەن شىركەتتىن ئىستىپا سورىغان ۋاختىمدا ، شىركەتنىڭ ئالدىنقى 3.5يىلنى تولەپ كىيىنكى 1.5يىلنى تولىمىگەنلىگى ئۇچۇن بىرىنچىدىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئالالمىدىم ، ئىككىنچىدىن تا ھازىرغىچە قالغان قىسمىنى شىركەت تولۇقلاپ تاپشۇرمىدى<سەككىز ئاي بولدى> ، ئەمگەك كاپالەت ئىشخانىسىنىڭمۇ شىركەتتنى مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق ئوخشايدۇ . ئۇچىنچىدىن تولۇقلاپ تاپشۇرمىغانلىغى ئۇچۇن سۇغۇرتا رەسميتىمنى شەھەرگە يوتكەپ كىرەلمىدىم . سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاجمەن . قىممەتلىك تەكلىۋىڭىزنى ئايمىغايسىز .    

xamxar901 2011-08-08 19:27
ھەممىمىزگە پايدىلىق ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە..............

coffe 2011-08-08 20:30
خەتكۈچ

uyghur.77 2011-08-08 23:37
مەنمۇ، بىر شىركەتتە تەكلپ بلەن ئشلەۋاتقان توختاملق خادىم ئدىم.قۇلۇمغا ئاران 582.5يۇۋەن پۇلنى،كارتامغا ئۇرۇدۇ. بۇنىڭ قانداق ئش ئكەنلگنى،مىنىڭ مائاشىم زادى قانچە پۇل، بۇنى ھچكىم ئيتىپ بەرمىدى.مەن بولدىلا ئشلىمەي دىسەم 11يل بۇلاي دەپقاپتۇئاشۇ شىركەتتە ئشلىگىلى. ھازىر خزمەت تاپماقنىڭ تەسلىكدە.قايتىلاپ سوراۋەرسەك، سلەرنىڭ مائاشڭلار 1000يۇۋەندىن ئاشىدۇ  دەيدۇ، يۇقۇردا سىز دگەندەك 5خل سۇغۇرتغا  قاتناشتۇردۇق. دەپ گەپنى ئۇزۇدۇ.مىنىڭ ھەقىقى ئالىدىغان ئش ھەققم زادى قانچە  پۇلدۇ،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

handanlik 2011-08-08 23:58
قانداق ئادەملەر ئالدىغاندۇ ئاشۇنداق پۇللانى

pazilat2004 2011-08-09 10:38
مەن  38  ياش  ،  93.يىلى  خىزمەتكە  قاتنىشىپ مەلۇم  بىر  بانكىدا ئشلىگەنتىم   .  بانكا  96.يىلدىن  باشلاپ  داۋالىنىش  ،   ئىشسىزلىق ،   ئۆي - مۈلۈك  ، ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسى   تاپشۇرۇپ   كەلگەن  ،   مېنىڭ   93.  يىلدىن  باشلاپ  2011. يىلغىچە  بولغان  خىزمەت  تارىخىمدا  ھېچقانداق   مەسىلە  كۈرۈلمىگەن  ،  2011 .  يىلى 1.  ئايىنىڭ  26.  كۈنى  ،  مېنىڭ   دىققەتسىزلىگىمدىن   بىر  خەنزۇ   خىزمەتدىشىم  پايدىلىنىپ  ،  مۇئامىلدارنىڭ   بانكىدىكى   ئامانەت ھىساۋادىكى  پۇلىدىن  594.000.00  مىڭ  يۈەن  پۇلنى ئۆزىنىڭ  ئامانەت  كارتىسىغا   يۆتكەپ    قويغان  .
يەنە 2.  ئاينىڭ  2 . كۈنى  بانكىنىڭ   ئاپتۇماتىك  پۇل   ئېلىش  ماشىنىسىغا   سېلىپ   قويغان   پۇلدىن   400.000.00  يۈەن  ئوغرىلىغان   .    شۈنىڭ  بىلەن  بۇ   خىزمەتدىشىمنىڭ   ئوغرىلىغان  پۇلىنىڭ   جەمىسى   994.000.00   يۈەن  بولغان    .
بۇ  ئوغرى   ،   994.000.00   يۈەن   پۇلنى  ئېلىپ  2.  ئاينىڭ  2 .  كۈنى   كەچتە   كېچىپ   كەتكەن   .
2.ئاينىڭ  5. كۈنى  چۈشتىن  كېيىن  سائەت  تۆتتە    ئەھۋال  بايقىلىپ  ،   بانكا جامائەت  خەۋىپسىزلىگى  ئىدارىسىگە  ئەنزە  مەلۇم  قىلدى   .
جامائەت  خەۋىپسىزلىگى  ئىدارىسى  ئەھۋالنى  مۇقۇملاشتۇرۇپ  ،   2. ئاينىڭ  6 . كۈنى  تۇتۇش  بۇيرىقى   چىقىرىپ  ،  2 . ئاينىڭ 11 . كۈنى  ئوغرىنى  خېنەن  ئۆلكىسىنىڭ  جېڭجۇ  شەھرىدىن  قولغا   چۈشۈرگەن  .
بۇ  ۋاقىتتا  ئوغرى 300.000.00  مىڭ  يۈئەننى  خەجلەپ   بولغان   .
ئاپتونۇم  رايۇنلۇق  بانكا  ئەنزە   يۈز  بىرىش   سەۋەبىنى   تەكشۈرۈپ   ،  4 .  ئاينىڭ  1  .كۈنى  ئاپتونۇم  رايۇنلۇق  بانكا  تېلىفۇن  يېغىنى  چاقىرىپ  ،  ئەنزە  ئەھۋالىنى  شىنجاڭدىكى مەلۇم  بانكا  سېستىمىسىغا  ئاشكارلىدى  .
شۇنىڭ  بىلەن  بىرگە  ئەنزىگە  ئالاقىدار  كىشىلەرنى  جازالاش  قارارىنى   ئېلان   قىلدى   .
ماڭا  قارىتا  ئەمگەك  توختامىنى  ئەمەلدىن  قالدۇرۇش  جازاسى  بىرىپ  ،  بانكىدىن  ھەيدەپ   چىقاردى   .
(  ئىختىسادى  جەھەتتىن  جازا  قوللانمىدى )  
مەن  5 . ئايدا  ئىششىزلىق  سۇغۇرتىسىنى   بىجىردىم  ،  20 ئايلىق  ئىشسىزلىق  سۇغۇرتىسى    بىرىدىكەن  ،  ھەر  ئايدا  390.00  يۈەن  ، يەنە 5  . ئايدا  ئۆي - مۈلۈك  سۇگۇرتىسىنى  ئەمەلدىن  قالدۇرۇپ  نەخ  پۇل  ئالدىم  .
ھازىر  داۋالىنىش   سۇغۇرتىسى  بىلەن  ياشانغاندا  بېقىلىش   سۇغۇرتىسى   قالدى   يەنى  5  .  ئايدىن  باشلاپ  توختاپ   قالدى .
ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسى  جەمى  12  يىل  4  ئاي  تاپشۇرلۇپتۇ   .
داۋالىنىش  سۇغۇرتىسى   بىلەن  ياشانغاندا   بېقىلىش   سۇغۇرتىسىنى    بىر   تەرەپ   قىلالمىدىم   .
بانكا  ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسىنى  ئاپتونۇم  رايۇنلۇق  بانكىغا  تاپشۇرىدىكەن  .
مۇشۇ  توغرىسىدا  مەسلىھەت   بەرسەڭلار     ،    

okunux 2011-08-09 11:31
ياخشىمۇ سىز مەن بىر ئىشتىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم. مەن سودا كوپراتىپتا  11 يىل ئىشلىگەن. كېيىن كوپراتىپ زىيان تارتىپ خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى يىل تارىخىغا پۇل بېرىپ ئىشتىن توختاتتى. مەنمۇ شۇ قاتاردا يىل تارىخىمغا پۇل ئېلىپ، ھازىر بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتىمەن. ھازىر شىركەتتىن 5 خىل راسخوتنى تاپشۇرۇۋاتىدۇ. كوپراتىپ مېنىڭ 11 يىللىق سۇغۇرتا ھەققىمنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ، 11 يىللىق سۇغۇرتا ھەققىم يوق بولىۋاتىدۇ. مەن بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك؟ كوپىراتىپ ئەينى ۋاقىتتا مۇئاشىڭىزدىن سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتماپتىكەن دەپ تۆلىگىلى ئۇنىمىدى. رەھمەت سىزگە.

aysultan 2011-08-09 11:40
[quote]بۇ 4قەۋەتتىكىxerin121 يوللىغان 2011-08-08 16:40 غا قارتىلغان  :
مەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئىلتىماس قىلغانتىم ،ئىشسىزلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپ بولۇپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئىلتىماس كىلىدىغان ۋاقىتتا مەن ئىشلىگەن شىركەتنىڭ سۇغۇرتا پۇلىىنى يېزا نوپۇس  ئۆلچىمىدە تاپشۇرۇپتۇ ،ھازىر شەھەر نوپۇس ئىكەنسىز،تولۇقلاپ تاپشۇرۇڭ دەيدۇ،مەن يەنە قانچە پۇل تاپشۇرۇشۇم كېرەك.
لېكىن بىز ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە نوپۇسىمىز بىر تۇتاش شەىەر نوپۇس ئىدى.
[/quote
ھازىر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بولسۇن ۋە ياكى باشقا سۇغۇرتىلار بولسۇن شەھەر نوپۇس ياكى يېزا نوپۇس دەپ ئايرىلمايدۇ، پۇل تاپشۇرۇش ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش. ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتتا )对账单(بۇ سۇغۇرتىنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر يىل تاپشۇرغان بولسىڭىز بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىسشىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.  قارىغاندا بۇ سۇغۇرتىنى تاپشۇرغان ۋاقتىڭىز تېخى بىر يىلغا توشمىغان ئوخشايدۇ. لېكىن بۇ سۇغۇرتىنىڭ ۋاقتىمۇ يىغىپ ھىساپلىنىدۇ. سىز باشقا بىر ئورۇندا يەنە بىر مەزگىل ئىشلەپ ئىش ئورنىڭىزدىن قالغاندىن كېيىن ئالدىنقى قېتىم تاپشۇرغان ۋاقتىڭىز بىلەن بۇ قېتىم تاپشۇرغان ۋاقتىڭىز قوشۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا  قايتا  ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.  

aysultan 2011-08-09 12:01
[quote]بۇ 10قەۋەتتىكىuyghur.77 يوللىغان 2011-08-08 23:37 غا قارتىلغان  :
مەنمۇ، بىر شىركەتتە تەكلپ بلەن ئشلەۋاتقان توختاملق خادىم ئدىم.قۇلۇمغا ئاران 582.5يۇۋەن پۇلنى،كارتامغا ئۇرۇدۇ. بۇنىڭ قانداق ئش ئكەنلگنى،مىنىڭ مائاشىم زادى قانچە پۇل، بۇنى ھچكىم ئيتىپ بەرمىدى.مەن بولدىلا ئشلىمەي دىسەم 11يل بۇلاي دەپقاپتۇئاشۇ شىركەتتە ئشلىگىلى. ھازىر خزمەت تاپماقنىڭ تەسلىكدە.قايتىلاپ سوراۋەرسەك، سلەرنىڭ مائاشڭلار 1000يۇۋەندىن ئاشىدۇ  دەيدۇ، يۇقۇردا سىز دگەندەك 5خل سۇغۇرتغا  قاتناشتۇردۇق. دەپ گەپنى ئۇزۇدۇ.مىنىڭ ھەقىقى ئالىدىغان ئش ھەققم زادى قانچە  پۇلدۇ،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ھەر ئايدا قولىڭىزغا تېگىدىغان مائاش مەيلى 400 يۈەن بولسۇن ياكى 500 يۈەن بولسۇن شىركەت سىز ئۈچۈن تاپشۇرغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ئۆلچىمى مەن تېمىنىڭ ئۆزىدە ئېيتىپ ئۆتكەن ئاساسى ساندىن تۆۋەن بولۇپ قالسا بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ شىركەتنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشمۇ ئەمەس.  ئەگەر سىز ئىشلىگەن شىركەت دۆلەت ئىگىىلىگىدىكى شىركەت بولسا بەش خىل سۇغۇرتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن پۇل تاپشۇرۇش ئاساسى سانى ئوخشاشلا   1480 يۈەن. ئەگەر  سىز ئىشلىگەن شىركەت شەخسى شىركەت بولسا داۋالنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن پۇل تاپشۇرۇش ئاساسى سانى 2466 يۈەن، قالغان تۈرلەرنىڭ يەنىلا 1480 يۈەن.  سىزگە ھەر ئايدا مۇشۇ ئاساسى ساننىڭ تېمىدا تىلغا ئىلىنغان نىسبىتى بويىچە پۇل تاپشۇرىلىدۇ. شىركەت ھەرگىز ماۋۇ خادىمنىڭ ئىش ھەققى 500 يۈەن .ئىدى مەن مۇشۇ ئاساسى سان بويىچە تاپشۇرىمەن دىيەلمەيدۇ.  سىز كىملىكىڭىزنى ئېلىپ ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ قانۇندا بەگىلەنگەن ھوقۇقىڭىز.

aysultan 2011-08-09 13:42
نەقىل
بۇ 7قەۋەتتىكىmuztag يوللىغان 2011-08-08 19:02 غا قارتىلغان  :
ياخشىمۇسىز ، ھەقىقەتەن ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسز. مەن بەش يىل بىر شىركەتتە ئىشلىگەن ئىدىم ، بەش خىل سۇغۇرتىنىڭ ھەممىسىنى مۇئاشىمدىن تۇتۇپ ماڭغان ئىدى. ئەمما مەن شىركەتتىن ئىستىپا سورىغان ۋاختىمدا ، شىركەتنىڭ ئالدىنقى 3.5يىلنى تولەپ كىيىنكى 1.5يىلنى تولىمىگەنلىگى ئۇچۇن بىرىنچىدىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئالالمىدىم ، ئىككىنچىدىن تا ھازىرغىچە قالغان قىسمىنى شىركەت تولۇقلاپ تاپشۇرمىدى<سەككىز ئاي بولدى> ، ئەمگەك كاپالەت ئىشخانىسىنىڭمۇ شىركەتتنى مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق ئوخشايدۇ . ئۇچىنچىدىن تولۇقلاپ تاپشۇرمىغانلىغى ئۇچۇن سۇغۇرتا رەسميتىمنى شەھەرگە يوتكەپ كىرەلمىدىم . سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاجمەن . قىممەتلىك تەكلىۋىڭىزنى ئايمىغايسىز .    

سىز بۇ ئىشنى قانۇنى يول ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىڭ. بىز تېخى مۇشۇ 5-ئايدىلا ئەھۋالى سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بىرەيلەننىڭ پۇلىنى تۇلۇقلاپ يىغدۇق.  بۇ ئىش مۇنداقكەن. بىر خادىم مەلۇم شىكەتتە ئىشلىگەن بولۇپ بۇ شىركەت بۇ خادىم ئۇچۈن ئىجتىمائى كاپالەت پۇلىنى باشتا تاپشۇرۇپ 2008-يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا ۋە 2009-يىل تولۇق بىر يىل تاپشۇرماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خادىم شىركەتتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن  ئادۇۋكاتتىن بىرنى تېپىپ بۇ شىركەتنى سوتقا ئەرز قىپتۇ ھەم ئۇتۇپ چىقىپتۇ. پۇل تاپشۇرغىلى كەلگەندە ئادۇۋكات، ئىجراغا مەسئۇل خادىملار ۋە شىركەتنىڭ ئىجتىمائى كاپالەت پۇلىنى تاپشۇرغۇچى مەسئۇل خادىمى بىرلىكتە كېلىپ پۇلنى تاپشۇرىۋېتىپ كېتىپ قالدى. تۈنۈگۈندىن ئاڭلىساق ئۇ خادىم يەنە ماڭا تاپشۇرغان پۇل ئاز بولۇپ قاپتۇ. مېنىڭ ئەسلىدىكى مائاشىم 2500 يۈەن ئىدى شۇ ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرسۇن دەپ ئۇ شىركەتنى يەنە ئەرز قىپتۇدەك.  ئەھۋال مۇشۇنداق، سىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. بىزنىڭ مەسئۇلىمىز دائىم بۇنداق ئىشتا ئەگەكچىلەر ھەرگىز ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ، بىردە بىر يېڭىپ چىقىدۇ دەيدۇ.  ئاخىرىدا سۇغۇرتا رەسمىيىتىنى يۆتكىيەلمىدىم دىگەن گېپىڭىزنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم. ئەگەر سىز ئۈرۈمچىدە مەلۇم شىركەتتە ئىشلەپ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن كورلىدا يەنە بىر شىركەتتە ئىشلىگەن بولسىڭىز سۇغۇرتا رەسمىيىتىڭىزنى ئۈرۈمچىدىن كورلىغا يۆتكىسىڭىز بولىدۇ ۋە ياكى يەنە باشقا جايلاردىمۇ ئىشلەپ ئاخىىرىدا قەيەردە پېنسىيەگە چىقماقچى بولسىڭىز شۇ يەرگە يۆتكىسىڭىز بولىدۇ، يەنە بىرى ئەگەر بۇرۇن قارا شەھەردە ئىشلەپ سۇغۇرتا پۇلىنى شۇ يەردە تاپشۇرۇپ كېيىن يەنە كورلىدا ئىشلەپ سۇغۇرتا پۇلىنى كورلىدا تاپشۇرماقچى بولسىڭىز سىزنىڭ سېستىمىدىكى ھالىتىڭىز <ۋاقىتلىق توختاش> ھالىتىدە بولسىلا كورلىدا داۋاملىق تاپشۇرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. يۆتكەش دىگەن گەپ مەۋجۇت بولمايدۇ. ئاپتونۇم رايونىمىزدا ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى ئىجتىمائى كاپالەت سېستىمىسى شۇ ئوبلاست ۋىلايەتلەرگە قاراشلىق ناھىيە شەھەرلەر ئىچىدە ئۆز ئارا تورلاشتۇرۇلغان. شۇڭا كىملىك نومۇرۇڭىز خاتا بولۇپ قالمىسىلا بىر ۋىلايەت ياكى ئوبلاستقا قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەر ئىچىدە رەسمىيەتنى يۆتكەشنىڭ زۆزۈربيىتى يوق. كىملىك نومۇرىڭىز بولسا قەيەردە قانداق سۇغۇرتىلارغا قاتناشقىنىڭىزنى، ھالىتىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.

aysultan 2011-08-09 13:48
نەقىل
بۇ 13قەۋەتتىكىokunux يوللىغان 2011-08-09 11:31 غا قارتىلغان  :
ياخشىمۇ سىز مەن بىر ئىشتىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم. مەن سودا كوپراتىپتا  11 يىل ئىشلىگەن. كېيىن كوپراتىپ زىيان تارتىپ خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى يىل تارىخىغا پۇل بېرىپ ئىشتىن توختاتتى. مەنمۇ شۇ قاتاردا يىل تارىخىمغا پۇل ئېلىپ، ھازىر بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتىمەن. ھازىر شىركەتتىن 5 خىل راسخوتنى تاپشۇرۇۋاتىدۇ. كوپراتىپ مېنىڭ 11 يىللىق سۇغۇرتا ھەققىمنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ، 11 يىللىق سۇغۇرتا ھەققىم يوق بولىۋاتىدۇ. مەن بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك؟ كوپىراتىپ ئەينى ۋاقىتتا مۇئاشىڭىزدىن سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتماپتىكەن دەپ تۆلىگىلى ئۇنىمىدى. رەھمەت سىزگە.

سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ناھىيە ياكى شەھەردىكى ئەمگەك ئىدارىسىغا بېرىپ ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىڭ ھەم خىزمەت سىتاژىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇشقا )工龄认定(بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سوراڭ. ئۇلار بولىدۇ دىسە  工龄认定نى قەيەردە قىلدۇرىدىغانلىقىڭىز توغۇرلۇق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى دەپ بېرىدۇ. سىز شۇ بويىچە  خىزمەت سىتاژىڭىزنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ ئاشۇ 11 يىللىق پۇلنى تولۇقلاپ تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.

aysultan 2011-08-09 14:05
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىpazilat2004 يوللىغان 2011-08-09 10:38 غا قارتىلغان  :
مەن  38  ياش  ،  93.يىلى  خىزمەتكە  قاتنىشىپ مەلۇم  بىر  بانكىدا ئشلىگەنتىم   .  بانكا  96.يىلدىن  باشلاپ  داۋالىنىش  ،   ئىشسىزلىق ،   ئۆي - مۈلۈك  ، ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسى   تاپشۇرۇپ   كەلگەن  ،   مېنىڭ   93.  يىلدىن  باشلاپ  2011. يىلغىچە  بولغان  خىزمەت  تارىخىمدا  ھېچقانداق   مەسىلە  كۈرۈلمىگەن  ،  2011 .  يىلى 1.  ئايىنىڭ  26.  كۈنى  ،  مېنىڭ   دىققەتسىزلىگىمدىن   بىر  خەنزۇ   خىزمەتدىشىم  پايدىلىنىپ  ،  مۇئامىلدارنىڭ   بانكىدىكى   ئامانەت ھىساۋادىكى  پۇلىدىن  594.000.00  مىڭ  يۈەن  پۇلنى ئۆزىنىڭ  ئامانەت  كارتىسىغا   يۆتكەپ    قويغان  .
يەنە 2.  ئاينىڭ  2 . كۈنى  بانكىنىڭ   ئاپتۇماتىك  پۇل   ئېلىش  ماشىنىسىغا   سېلىپ   قويغان   پۇلدىن   400.000.00  يۈەن  ئوغرىلىغان   .    شۈنىڭ  بىلەن  بۇ   خىزمەتدىشىمنىڭ   ئوغرىلىغان  پۇلىنىڭ   جەمىسى   994.000.00   يۈەن  بولغان    .
بۇ  ئوغرى   ،   994.000.00   يۈەن   پۇلنى  ئېلىپ  2.  ئاينىڭ  2 .  كۈنى   كەچتە   كېچىپ   كەتكەن   .
2.ئاينىڭ  5. كۈنى  چۈشتىن  كېيىن  سائەت  تۆتتە    ئەھۋال  بايقىلىپ  ،   بانكا جامائەت  خەۋىپسىزلىگى  ئىدارىسىگە  ئەنزە  مەلۇم  قىلدى   .
جامائەت  خەۋىپسىزلىگى  ئىدارىسى  ئەھۋالنى  مۇقۇملاشتۇرۇپ  ،   2. ئاينىڭ  6 . كۈنى  تۇتۇش  بۇيرىقى   چىقىرىپ  ،  2 . ئاينىڭ 11 . كۈنى  ئوغرىنى  خېنەن  ئۆلكىسىنىڭ  جېڭجۇ  شەھرىدىن  قولغا   چۈشۈرگەن  .
.......

سىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە داۋالىنىش سۇغۇرتىڭىز شۇ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى شۇ 20 ئايلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن تولۇقلاپ تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.  بۇ ئىش مۇنداق سىز ئىشسىز بولغاچقا داۋالىنىش سۇغۇرتىڭىز بىلەنمۇ ھىچكىمنىڭ كارى بولمىسا سىز ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسىڭىز تەمىناتتىن بەھرىمان بولالمايسىز. شۇڭا دۆلەت مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ   داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى شۇ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن تۇتۇپ قېلىىشنى بەلگىلىگەن يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە   ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ شۇڭا تۆلەشكە بولمايدۇ.  شۇڭا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك  ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى شۇ 20 ئايلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن تولۇقلاپ تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.

zamandaxlar 2011-08-09 15:33
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئايسۇلتان خانىم . سىزنىڭ تورداشلارغا ئىنتايىن ئەھميەتلىك بىر تېمنى يوللاپ ۋە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ناھايتى ساۋابلىق ئىش قىلغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم . رەھمەت سىزگە ! ناۋادا ئاۋارىچىلىق كۆرمىسىڭىز سۇغۇرتىغا ئائىت مىنىڭمۇ سورايدىغانلىرىم بار ئىدى .
مەن ئادەتتىكى بىر يەككە تىجارەتچى . ئائىلەمدە ئايالىم ۋە باللىرىمنى قوشقاندا جەمئى 5 جان ئادەم بار . ئايالىم بىلەن چوڭ ئىككى بالامنىڭ يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار . مىنىڭ يوق . ( بىز ھەممىمىز شەھەر نوپۇسى ) مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن ، ئايالىم ۋە باللىرىم ئۈچۈن قانداق سۇغۇرتىلارنى ۋە سوممىسى قانچە پۇللۇق سۇغۇرتىلارنى سېتىۋالسام مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ بۇ سۇغۇرتىلارنى قەيەردىن سېتىۋالىمەن ؟ قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەيمەن ؟! ... جاۋاب بەگەن بولسىڭىز ، رەھمەت سىزگە .

mu709101 2011-08-09 18:27
مەن سىزنىكى مۇشۇ تېمىڭزنى كۆرۈپ ئاتايىن تىزىملىتىپ كىردىم،مەن ھازىر مايتاغدىكى مەلۇم بىر كارخانا ئورۇندا ئىشلەيمەن،مەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئىشلەپ كىيىن مۇشۇ ئورۇنغا يۆتكۈلۈپ كەلگەن،مەن ئۈرۈمچىدە ئىشلاۋاتقان ۋاقىتتا 1يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھەر قايسى سۇغۇرتىلارنى تاپشۇرغان لېكىن مايتاققا كەلگەندىن بېرى تاپشۇرمۇدۇم،شۇنداق بولغاندا ئىلگىركى تاپشۇرغانلىرىم بىكار بۇلۇپ كېتەمدۇ ياكى داۋاملىق ئارخىپ قىلىپ ساقلىنامدۇ؟بۇندىن كىيىن ئۇلاپ تاپشۇرسام بۇلىۋېرەمدۇ؟
مەن خىزمەتداشلىرىمدىن سورىسام قاچانلا تاپشۇرساڭ بۇلدۇ،60ياشتىن بۇرۇن 15يىل تاپشۇرۇپ بولساڭ بولدى دەيدۇ،ھەقىقەتەن راست شۇنداقمۇ؟؟؟
رەھمەت سىزنىكى تېمىڭزغا؟

ziyaratqi1 2011-08-09 18:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،مەن ئۇزۇندىن بىرى ئەلكۈيى توربىكىتىنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن،شۇنداقلا بۇتور بىكەتتىكى نادىر تېمىلار ،ئۇنۋىرسال تېمىلار مىنى شۇنداق جەلىپ قىلدى،شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن رەسمىي ئەزا بولۇپ تېزىملىتىپ كىردىم.
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بۇتور بىكەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنىڭ داۋاملىق يوللىنىپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.
تېما يوللىغۇچىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

zulal12345 2011-08-09 18:50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، رەھمەت سىزگە ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . مۇشۇنداق خەلىققە پايدىلىق ئىش قىلغانلىقىڭىزدىن چەكسىز سۈيۈندۈم . مىنىڭمۇ سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بار . مەن ھازىر بىر دۆلەت ئورگىنىدا ئىشلەۋاتىمەن . مۇئاشىمىز بەك تۆۋەن . يەنى قولىمىزغا تىگىدىغىنى 337 يۈەن قالغىنى بەش خىل سۇغۇرتىغا تۆلەيمىز دەپ تۇتىۋالىدۇ . مەنمۇ مۇئاشىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن . ئەگەر مەن بۇ يەردە ئىشلىمەي چىقىپ كەتسەم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالامدىم ؟؟؟ 2007- يىلىدىن باشلاپ تۆلىگەن . يەنە بىر سۇئال مەن ئىششىسزلىق سۇغۇرتىسىدىن ھازىر بەھرىمان بولسام بۇ كېيىنكى پىنسىيىگە چىققاندىكى مۇئاشىمغا تەسىر كۆرسۈتەمدۇ ؟؟؟؟ مالال كۆرمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز . ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا ساۋابلىق ئىشلار سىزگە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلسۇن .

阿依古丽 2011-08-09 18:51
yahximusiz  aysultan, kompiyuturum  urgurqa hat  yezixni kolimaywatudu 。bolsa QQ da alakilaxsak bolamu?miningmu soraydign masililirim batti。。。

mazin 2011-08-09 19:55
ياخشىمۇ سىز ؟ مھن بولسام ئامانلىق ساقلاش شىركىتىدە ئىشلەيمەن . مەن ئىشلەۋاتقىلى 2يىل بولدى .ئۇلار تېخى 5 سۇغۇرتىنىڭ بىرسىنىمۇ تاپشۇرغىنى يوق .توختاممۇ تۈزگىنى يوق .توختام تۈزۈشنى دىسەك داۋاملىق كەينىگە سۈرۈپ كەلدى .بىز ناۋادا ئىش ئۈستىدە يارىلانساق توختاممۇ يوق .بىز قانداق قىلساق بولىدۇ؟ قايسى ھۆكۈمەت ئورونلىرىنى ئىزدىسەك بولىدۇ ؟ بىزگە بىر يول كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز.....

pazilat2004 2011-08-09 21:11
مەن  بىر  سۇئالنى  سورىماقچى  ئىدىم  .
مېنىڭ  بىر  دوستۇم  1996- يىلدىن  2001 - يىلغىچە مەلۇم  بىر  يولۇچى توشۇش  شىركىتىدە  ئىشلىگەن  ،  2001 -  يىلى  قايتىپ  چىققان  .  ئەينى چاغدا  يولۇچى  توشۇش  شىركىتى  1997 - يىلدىن  2001 -يىلغىچە  بىر  نەچچە  خىل  سۇغۇرتا  تاپشۇرغان   ،  2001  -  يىلدىن  باشلاپ  ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسىنى   تا  ھازىرغىچە  تاپشۇرمىدۇق   ،  بىرەرسىمۇ  بىزنى  ئىزلىمىدى  .  بۇ  دوستۇم  تاپشۇرغان  سۇغۇرتا  پۇلىنىڭ   ھېچقايسىدىن   بەھرىمان   بولمىغان     .
ھازىر  10 يىلدىن  ئاشتى   ،  بۇ  ھەقتە   دوستۇمنىڭ   بىلىدىغىنى   يوق  بولغاچقا  ۋاقىت  ئۆتىۋەردى    .
بۇ دوستۇم  10 يىلدىن  بۇيان  خىزمەت  قىلماي   ئائىلە  ئايالى  بوپ   كەلدى   .
بۇ  دوستۇم  يۇقارقى  ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسىنى  قانداق   سۈرۈشتە   قىلسا   بۇلۇدۇ   ؟   ھەم   قانداق   داۋاملاشتۇرسا   بۇلۇدۇ    ؟
مەسلىھەت    بەرسەڭلار    .

aysultan 2011-08-09 22:47
نەقىل
بۇ 19قەۋەتتىكىzamandaxlar يوللىغان 2011-08-09 15:33 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئايسۇلتان خانىم . سىزنىڭ تورداشلارغا ئىنتايىن ئەھميەتلىك بىر تېمنى يوللاپ ۋە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ناھايتى ساۋابلىق ئىش قىلغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم . رەھمەت سىزگە ! ناۋادا ئاۋارىچىلىق كۆرمىسىڭىز سۇغۇرتىغا ئائىت مىنىڭمۇ سورايدىغانلىرىم بار ئىدى .
مەن ئادەتتىكى بىر يەككە تىجارەتچى . ئائىلەمدە ئايالىم ۋە باللىرىمنى قوشقاندا جەمئى 5 جان ئادەم بار . ئايالىم بىلەن چوڭ ئىككى بالامنىڭ يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار . مىنىڭ يوق . ( بىز ھەممىمىز شەھەر نوپۇسى ) مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن ، ئايالىم ۋە باللىرىم ئۈچۈن قانداق سۇغۇرتىلارنى ۋە سوممىسى قانچە پۇللۇق سۇغۇرتىلارنى سېتىۋالسام مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ بۇ سۇغۇرتىلارنى قەيەردىن سېتىۋالىمەن ؟ قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەيمەن ؟! ... جاۋاب بەگەن بولسىڭىز ، رەھمەت سىزگە .

سىزنىڭ ئائىلە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئويلىغىنىڭىز ناھايىتى  ياخشى ئىش بوپتۇ. بالىلىرىڭىزنى شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋا،ىنىش سۇغۇرتىسى 居民医保 ياكى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشتۇرۇپ ئايالىڭىز ۋە ئۆزىڭىز ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىشىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشساڭلار بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل سۇغۇرتا ئۈچۈن ھەر ئايدا ئەڭ  تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرسىڭىز ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن 502.28 يۈەن تۆلەيسىز. ( بۇ پۇلنىڭ قانداق ھىساپلىنىدىغانلىقى تېمىنىڭ ئۆزىدە ئېيتىپ ئۆتۈلگەن) .  بۇ سۇغۇرتىلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئايالىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ ئۆزىڭىز تۇرغان شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ رەسمىيەت بىجىرىسىز. بۇ ئىككى خىل سۇغۇرتىنى تاپشۇرۇپ بولۇپلا داۋالىنىش كارتىسىنى بىجىرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ھەر ئايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنغان پۇلنىڭ بىر قىسمى داۋالىنىش كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىلىدۇ. سىز ئۇ كارتىدىكى پۇلغا شۇنداق كارتىلار ئىشلەيدىغان دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلاردىن 医保定点药店-医院 دورا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ。 سىز بۇ پۇللارنى بىر يىل تاپشۇرغاندىن كېيىن 2- يىلىدىن باشلاپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىڭىز باشقا ھەر قانداق ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايسىز. ئايالىڭىزمۇ ھەم شۇنداق. سىز مۇشۇ ھالەتتە ئەڭ ئاز دىگەندە تولۇق 15 يىل تاپشۇرسىڭىز پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايسىز.

aysultan 2011-08-09 22:57
نەقىل
بۇ 20قەۋەتتىكىmu709101 يوللىغان 2011-08-09 18:27 غا قارتىلغان  :
مەن سىزنىكى مۇشۇ تېمىڭزنى كۆرۈپ ئاتايىن تىزىملىتىپ كىردىم،مەن ھازىر مايتاغدىكى مەلۇم بىر كارخانا ئورۇندا ئىشلەيمەن،مەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئىشلەپ كىيىن مۇشۇ ئورۇنغا يۆتكۈلۈپ كەلگەن،مەن ئۈرۈمچىدە ئىشلاۋاتقان ۋاقىتتا 1يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھەر قايسى سۇغۇرتىلارنى تاپشۇرغان لېكىن مايتاققا كەلگەندىن بېرى تاپشۇرمۇدۇم،شۇنداق بولغاندا ئىلگىركى تاپشۇرغانلىرىم بىكار بۇلۇپ كېتەمدۇ ياكى داۋاملىق ئارخىپ قىلىپ ساقلىنامدۇ؟بۇندىن كىيىن ئۇلاپ تاپشۇرسام بۇلىۋېرەمدۇ؟
مەن خىزمەتداشلىرىمدىن سورىسام قاچانلا تاپشۇرساڭ بۇلدۇ،60ياشتىن بۇرۇن 15يىل تاپشۇرۇپ بولساڭ بولدى دەيدۇ،ھەقىقەتەن راست شۇنداقمۇ؟؟؟
رەھمەت سىزنىكى تېمىڭزغا؟

سىزنىڭ ئۈرۈمچىدە تاپشۇرغان سۇغۇرتا پۇلىڭىز بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۆتكەن يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتىسىنى ھەر قايسى جايلار ئارا يۆتكەش يولغا قويۇلدى. شۇڭا سىز ئۈرۈمچىدىكى رەسمىيىتىڭىزنى ماتاغقا يۆتكىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بىرەر دوستىڭىز ياكى ئۇرۇق تۇققىنىڭىزغا ھاۋالە قىلسىڭىز ئۇلار كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ سىزگە ئىۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. چوقۇم ئۆزىڭىز بېرىشىڭىزمۇ ھاجەت ئەمەس. بۇندىن كېيىن ئۇلاپ تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ. خىرمەتداشلىرىڭىز دىگەندەك پېنسىيەگە يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن 15 يىل تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.  لېكىن بۇ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم . تاپشۇرغان پۇلىڭىز قانچە كۆپ، ۋاقتىڭىز قانچە ئۇزۇن بولسا پېنسىگە چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان مائاشىڭىشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

aysultan 2011-08-09 23:08
نەقىل
بۇ 22قەۋەتتىكىzulal12345 يوللىغان 2011-08-09 18:50 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، رەھمەت سىزگە ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . مۇشۇنداق خەلىققە پايدىلىق ئىش قىلغانلىقىڭىزدىن چەكسىز سۈيۈندۈم . مىنىڭمۇ سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بار . مەن ھازىر بىر دۆلەت ئورگىنىدا ئىشلەۋاتىمەن . مۇئاشىمىز بەك تۆۋەن . يەنى قولىمىزغا تىگىدىغىنى 337 يۈەن قالغىنى بەش خىل سۇغۇرتىغا تۆلەيمىز دەپ تۇتىۋالىدۇ . مەنمۇ مۇئاشىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن . ئەگەر مەن بۇ يەردە ئىشلىمەي چىقىپ كەتسەم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالامدىم ؟؟؟ 2007- يىلىدىن باشلاپ تۆلىگەن . يەنە بىر سۇئال مەن ئىششىسزلىق سۇغۇرتىسىدىن ھازىر بەھرىمان بولسام بۇ كېيىنكى پىنسىيىگە چىققاندىكى مۇئاشىمغا تەسىر كۆرسۈتەمدۇ ؟؟؟؟ مالال كۆرمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز . ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا ساۋابلىق ئىشلار سىزگە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلسۇن .

ئەگەر سىز خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. لېكىن،  ھەر قايسى سۇغۇرتىلانى ھەر ئايدا تۆلەپ تۇرۇپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولمايدۇ.  ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇش بىلەن پېنسىگە چىققاندىن كېيىنكى مائاشنىڭ ئاز كۆپلىگىنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق. ئەگەر ھازىرقى خىىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىپ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت تېپىشقا ياكى يەككە تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىشقا كۆزىڭىز يەتسە ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كېتىپ باشقا يەردە ئىشلەپ داۋالىنىش ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆزىڭىز تاپشۇرۇپ ماڭسىڭىزمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئوخشاشلا بەھرىمان بولالايسىز. پېنسىيەگە چىققاندا ئوخشاشلا مائاش ئالالايسىز.

aysultan 2011-08-09 23:15
نەقىل
بۇ 24قەۋەتتىكىmazin يوللىغان 2011-08-09 19:55 غا قارتىلغان  :
ياخشىمۇ سىز ؟ مھن بولسام ئامانلىق ساقلاش شىركىتىدە ئىشلەيمەن . مەن ئىشلەۋاتقىلى 2يىل بولدى .ئۇلار تېخى 5 سۇغۇرتىنىڭ بىرسىنىمۇ تاپشۇرغىنى يوق .توختاممۇ تۈزگىنى يوق .توختام تۈزۈشنى دىسەك داۋاملىق كەينىگە سۈرۈپ كەلدى .بىز ناۋادا ئىش ئۈستىدە يارىلانساق توختاممۇ يوق .بىز قانداق قىلساق بولىدۇ؟ قايسى ھۆكۈمەت ئورونلىرىنى ئىزدىسەك بولىدۇ ؟ بىزگە بىر يول كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز.....

شىركەتنىڭ سىزنى ھىچ بولمىغاندا ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا بولسىمۇ قاتناشتۇرمىغىنى ياخشى بولماپتۇ. بۇ يىل 2- ئينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بىراقلا ئەڭ ئاز دىگەندە 600 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىش بەلگىلەندى. شۇڭا ھەر قايسى كارخانىلا شۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ خىزمەتچىلەرنى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا  ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتۇرىۋاتىدۇ. قارىغاندا سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ مەسئۇلى مۇشۇنداق قانۇن سىياسەتلەردىن خەۋەرسىز ئوخشايدۇ.  سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ بىرمۇ ئادەمگە ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتىسى تاپشۇرماسلىقى مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ بېقىڭ.

aysultan 2011-08-09 23:25
نەقىل
بۇ 25قەۋەتتىكىpazilat2004 يوللىغان 2011-08-09 21:11 غا قارتىلغان  :
مەن  بىر  سۇئالنى  سورىماقچى  ئىدىم  .
مېنىڭ  بىر  دوستۇم  1996- يىلدىن  2001 - يىلغىچە مەلۇم  بىر  يولۇچى توشۇش  شىركىتىدە  ئىشلىگەن  ،  2001 -  يىلى  قايتىپ  چىققان  .  ئەينى چاغدا  يولۇچى  توشۇش  شىركىتى  1997 - يىلدىن  2001 -يىلغىچە  بىر  نەچچە  خىل  سۇغۇرتا  تاپشۇرغان   ،  2001  -  يىلدىن  باشلاپ  ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسىنى   تا  ھازىرغىچە  تاپشۇرمىدۇق   ،  بىرەرسىمۇ  بىزنى  ئىزلىمىدى  .  بۇ  دوستۇم  تاپشۇرغان  سۇغۇرتا  پۇلىنىڭ   ھېچقايسىدىن   بەھرىمان   بولمىغان     .
ھازىر  10 يىلدىن  ئاشتى   ،  بۇ  ھەقتە   دوستۇمنىڭ   بىلىدىغىنى   يوق  بولغاچقا  ۋاقىت  ئۆتىۋەردى    .
بۇ دوستۇم  10 يىلدىن  بۇيان  خىزمەت  قىلماي   ئائىلە  ئايالى  بوپ   كەلدى   .
بۇ  دوستۇم  يۇقارقى  ياشانغاندا  بېقىلىش  سۇغۇرتىسىنى  قانداق   سۈرۈشتە   قىلسا   بۇلۇدۇ   ؟   ھەم   قانداق   داۋاملاشتۇرسا   بۇلۇدۇ    ؟
.......

دوستىڭىز كىملىكىنى ئېلىپ ئىلگىرى شىركەت پۇل تۆلىگەن ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. داۋاملاشتۇرۇپ تۆلەش ئۈچۈنمۇ ئارتۇق رەسمىيەت ئۆتىمەيدۇ. مەن داۋاملىق تاپشۇرىمەن دىسىلا ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىدىكى خادىملار قانچە پۇل تاپشۇردىغىنىنى ھىساپلاپ بېرىدۇ. دوستىڭىز شۇ بويىچە تاپشۇرسىلا بولىدۇ. ئەگەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىمەن دىسە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ خىزمەت سىتاژىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن [工龄认定 قىلدۇرغاندىن كېيىن دىمەكچى】 كېيىن تاپشۇرسا بولىدۇ.

aysultan 2011-08-09 23:28
نەقىل
بۇ 23قەۋەتتىكى阿依古丽 يوللىغان 2011-08-09 18:51 غا قارتىلغان  :
yahximusiz  aysultan, kompiyuturum  urgurqa hat  yezixni kolimaywatudu 。bolsa QQ da alakilaxsak bolamu?miningmu soraydign masililirim batti。。。

بولىدۇ. مۇنبەرنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ماڭا  مۇڭداشقۇ  نۇمۇرىڭىزنى  دەپ بېرىڭ . مەن سىزنى قوشۇۋالاي.

yuluqi 2011-08-10 00:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىزنىڭ ئىشلەۋاتقان ئورۇن شەخسى ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا، بۇيەردە ئىشلىگەن ۋاقتى بىريىلغا توشمىسا ھىچقانداق سۇغۇرتغا قاتناشتۇرمايدۇ. بىريىلدىن كىيىن داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى بىجىرىپ بىرىدۇ. شۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
ئەگەربىز ئىشتىن توختىساق مائاشنى تۇلۇق قايتۇرۇپ بەرمىسە ئەھۋالنى قەيەرگە ئىنكاس   قىلىمىز؟ (بىز بۇيەرگە يېڭى كىرگەندە 300يۈەن تاپشۇرمىز، يەنە15كۈنلۈك مائاش داۋاملىق تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئۇنى ئالماق بەك قىيىن. مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئادرىسىنى ياكى تىلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز، )رەھمەت

mahbus 2011-08-10 16:36
خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي پايدىسى تېگىدىغان تېمىنى يوللاپسىز . سىزگە كۆپ رەخمەت .

阿依古丽 2011-08-10 18:00
yahximusiz aysultan, mining mungdaxku numirimni baya uqur kilip awatkantim 。 sizdin uqur kalmidi 。 koralmigan bolsingiz  yana bir yaolay 。QQ: 924372067

haliktash 2011-08-10 21:54
ئايسۇلتان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز... قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن!! ياشاپ كىتىڭ!!!!

zulpehar 2011-08-10 22:25
بىزدەك ياشلارغا  ئوبدان بىر تىما يوللاپسىز  
كۆپ نەرسىلەرنى  بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە

aysultan 2011-08-11 11:46
نەقىل
بۇ 32قەۋەتتىكىyuluqi يوللىغان 2011-08-10 00:43 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىزنىڭ ئىشلەۋاتقان ئورۇن شەخسى ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانا، بۇيەردە ئىشلىگەن ۋاقتى بىريىلغا توشمىسا ھىچقانداق سۇغۇرتغا قاتناشتۇرمايدۇ. بىريىلدىن كىيىن داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى بىجىرىپ بىرىدۇ. شۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
ئەگەربىز ئىشتىن توختىساق مائاشنى تۇلۇق قايتۇرۇپ بەرمىسە ئەھۋالنى قەيەرگە ئىنكاس   قىلىمىز؟ (بىز بۇيەرگە يېڭى كىرگەندە 300يۈەن تاپشۇرمىز، يەنە15كۈنلۈك مائاش داۋاملىق تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئۇنى ئالماق بەك قىيىن. مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئادرىسىنى ياكى تىلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز، )رەھمەت

ھەر قايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى ئەمگەك ئىدارىللىرىدامۇشۇنداق ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوتتۇرسىدا كېلىپ چىققان ماجرانى بىر تەرەپ قىلىدىغان  مەخسۇس ئىشخانا ۋە مەخسۇس خادىملار بار. سىز ئەھۋالىڭىزنى شۇلارغا ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تېل نومۇرىغا كەلسەك سىز قايسى جايدا بولسىڭىز شۇ يەردە 114 كە تېل قىلىپ سورىسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق ماجرا قەيەردە يۈز بەرسە شۇ يەردىكى ئەمگەك ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلىدۇ. مەن سىزگە ئۆزەم تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىدارىنىڭ نومۇرىنى دەپ بەرسەم لېكىن سىز مەن بىلەن بىر شەھەردە بولمىسىڭىز مېنىڭ سىزگە  ئۇ تېل نومۇرىنى دەپ بەرگىنىمنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى بىلوگدا ئىجتىمائى كاپالەت ئىشلىرىغا دائىر ناھايىتى ياخشى مەزمۇنلار بار ئىكەن كۆرۈپ بېقىڭ.
http://www.wolkan.biz/

aysultan 2011-08-11 15:02
خەلقىمىزنىڭ ئىدىيىسى يېتەرلىك ئازات بولمىدىمۇ ياكى نادانمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ مۇشۇنداق سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىشقا قىزىقمايدىغان ياكى سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىپ تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇشنى ھارام دەپ قارايدىغان ئىشلار مەۋجۇت.  مەن بۇ تېمىنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان تورداشلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەت ۋە بلوگلارغا چاپلاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

回忆 2011-08-11 15:46
رەخمەت سىز گە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

kapalat 2011-08-11 23:35
سودا سۇغۇرتىسى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قانداق پەرقى باردۇر؟!

kurbanjanabl 2011-08-12 16:28
مەن سىزدىن سۇغۇرتا توغرىسىداجىددى ياردەم سورىماقچى ئىدىم   چ چ نۇمۇرۇم   704750539   مۇمكىن بولسا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز

kurbanjanabl 2011-08-12 16:39
مەن 1995-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،2008-يىلىغا كەلگەندە مەلۇم سەۋەپ تۇپەيلى خىزمەت ئورنۇمدىن بىر يىل ئايرىلىپ كىيىن قايتىپ كەلگەندە مىنى ئۇزاق مەزگىل ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان دەپ ئىشتىن توختاتقان ،بىراق مائاشىم ھازىرغىچە مەكتەپ مالىيسىگىچە كىلدۇ ،5خىل سۇغۇرتىنى 2009-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ توختىتىۋەتكەن ،مەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلىنەلەيمەنمۇ ؟
چ چ 704750539

kurbanjanabl 2011-08-12 16:41
مۇمكىن بولسا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز...

kurbanjanabl 2011-08-12 16:56
ئايگۇل مۇمكىن بولسا ئايسۇلتاننىڭ چ چ نى ياكى تىلفۇن نۇمۇرىنى ئىيتىپ بەرگەن بولسىڭىز   جىددى ياردەم سورىماقچى ئىدىم

kurbanjanabl 2011-08-12 17:04
مەن 1995-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،2008-يىلىغا كەلگەندە مەلۇم سەۋەپ تۇپەيلى خىزمەت ئورنۇمدىن بىر يىل ئايرىلىپ كىيىن قايتىپ كەلگەندە مىنى ئۇزاق مەزگىل ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان دەپ ئىشتىن توختاتقان ،بىراق مائاشىم ھازىرغىچە مەكتەپ مالىيسىگىچە كىلدۇ ،5خىل سۇغۇرتىنى 2009-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ توختىتىۋەتكەن ،مەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلىنەلەيمەنمۇ ؟
چ چ  

aysultan 2011-08-12 17:32
نەقىل
بۇ 42قەۋەتتىكىkurbanjanabl يوللىغان 2011-08-12 16:39 غا قارتىلغان  :
مەن 1995-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،2008-يىلىغا كەلگەندە مەلۇم سەۋەپ تۇپەيلى خىزمەت ئورنۇمدىن بىر يىل ئايرىلىپ كىيىن قايتىپ كەلگەندە مىنى ئۇزاق مەزگىل ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان دەپ ئىشتىن توختاتقان ،بىراق مائاشىم ھازىرغىچە مەكتەپ مالىيسىگىچە كىلدۇ ،5خىل سۇغۇرتىنى 2009-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ توختىتىۋەتكەن ،مەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلىنەلەيمەنمۇ ؟
چ چ 704750539

سىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالمايسىز. ئەسلى تېمىدا دىيىلگەندەك سۇغۇرتا پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ۋاقىت چېكى خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 3 ئاي. سىزنىڭ ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كېتىپتۇ، لېكىن ھىچقىسى يوق. سىز ئەمدى باشقا بىر ئورۇندا توختاملىشىپ  ئىشلىسىڭىز ئۇ ئورۇن سىزگە يەنە ئەسلى تېمىدا تىلغا ئېلىنغان بەش خىل سۇغۇرتىنىڭ ھەممىنى تاپشۇرىدۇ. سىز مۇشۇ خىزمەت ئورنىڭىزدىنمۇ ئايرىلغاندىن كېيىن 3 ئاي ئىچىدە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.  ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىمۇ يىغىپ ھىساپلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىك ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىلتىماس قىلالمىغان بولسىڭىز 2- قېتىملىق خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: سىز بىرىنچى ئورۇندا سۇغۇرتا پۇلىنى 8 ئاي تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتكەن بولسىڭىز بىر يىل تولۇق تاپشۇرمىغانلىق سەۋەبىدىن سۇغۇرتا پۇلى ئالالمايسىز. شۇڭا 2- ئورۇندا يەنە ئەڭ ئاز 4 ئاي تاپشۇررۇپ چىقىپ كەتسىڭىز پۇل تاپشۇرغان ۋاقتىڭىز تولۇق بىر يىلغا توشتى دەپ ھىساپلىنىدۇ ھەم بۇ چاغدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

wulkan 2011-08-12 23:41
ئالدى بىلەن تىما ئېگىسىگە رەخمەت، خۇداغا شۈكرى، مۇشۇتىمىنىمۇ قىزغىن كۆرۈۋېتىپسىلەر، بىزدە ھەرھالدا ئىلگىرلەش بولىۋېتىپتۇ بۇنىڭدىن بەك رازى بولدۇم.
مەن ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەن مۇشۇ بىلوگىنى قۇرغان 3 يىلدىن بۇيان كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشلاغا بولغان مۇئامىلىسىگە قاراپ بەك مەيۈسلەنگەن ئىدىم.
http://www.wolkan.biz/ بۇمىنىڭ يېڭى ئادىرسىم سىلەر ئىزدىگەن مەسىللەر ئاساسەن تېپىلىدۇ،
بۇ كونا بىلوگىمنىڭ ئادىرسى:http://tanhaburkut.blogbus.com/
تىما ئېگىسى خالىسىڭىز ھەمكارلىشايلى.

kapalat 2011-08-12 23:43
قۇربانجان ئەپەندىم، سودا سۇغۇرتىسىدىكى، ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتا تۈرىگە قاتناشسىڭىزلا بولىدىغۇ....ئوخشاشلا يەتمەكچى بولغان مەخسەتكە يېتىسىز ئەمەسمۇ

wulkan 2011-08-13 02:32
نەقىل
بۇ 40قەۋەتتىكىkapalat يوللىغان 2011-08-11 23:35 غا قارتىلغان :
سودا سۇغۇرتىسى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قانداق پەرقى باردۇر؟!

http://www.wolkan.biz/?p=496


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەمسىز --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.049426 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us