رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇردا پەرزەنت تەربىيىسى تەقەززاسى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئۇيغۇردا پەرزەنت تەربىيىسى تەقەززاسى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

gulen 2011-08-07 13:39

ئۇيغۇردا پەرزەنت تەربىيىسى تەقەززاسى


-بىز نېمە ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىگە تەقەززا بولۇپ قالدۇق؟

ئابدۇۋەلى ئايۇپ


تەقەززالىق ئالامەتلىرى

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېين ئادىتىم بويىچە كىتابخانىلارنى ئارىلىدىم. مەزمۇن نوقتىسىدىن ئويلاشقاندا كىتابخانىلاردا مۇۋەپپەقىيەتكە، ساغلاملىققا ۋە پەرزەنت تەربىيىسىگە  دائىر كىتابلارنىڭ تۈرى باشقا تۈردىكى كىتابلاردىن جىق ئېدى. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق يازغان "ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى"، "يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى " دېگەن كىتابلار پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگىگەنىدى. بۇلارنى كۆرۈپ 2006- يىلى تۈركىيەدىن قايتىپ ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇئەللىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيسى ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا مۇئەللىم مېنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنى تەۋسىيە قىلغانىدى. ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن يازغان خاتىرىلىرىمدىن ئەڭ كۆپ ئوقۇلغىنى ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى بۆلەك بولدى. "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" ئىچىدە ئاتا ئانىلاردىن ئەڭ كۆپ خەت تاپشۇرۇپ ئالغىنىم ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەربيىسى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىم بولدى. دېمەك، بىز پەرزەنت تەربىيىسىگە شۇ قەدەر مۇھتاج، شەيدا، تەقەززا بولدۇق. سەۋەب نېمە؟

تەقەززالىق سەۋەبلىرى

بىرىنجى، ئائىلە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش. 80- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بىرى، ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنتلىك ئائىلىلەر كۆپەيدى، يەنە بىرى، نەچچە ئەۋلاد بىرگە ياشايدىغان جەمەتلىك ئائىلىلەر ئاساسەن ئازايدى. مائارىپنىڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈلىشى ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلەر ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلدۇردى. ئائىلىلەردىكى پەرزەنت سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئاتا- ئانىلاردا پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. "بارلىق تاپقان تەرگەن پەرزەنت ئۈچۈن" دەيدىغان ئاتا-ئانىلار ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپەيدى.

ئىككىنجى،  ياشاش شارائىتىدىكى ئۆزگىرىش. جوڭگۇنى قاپلىغان بازارلىشىش دولقۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارائىتىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. مەسىلەن، قەۋەتسىز ئۆيلەرنى چېقىپ تاشلاپ بىنالاشتۇرۇش ئەنەئەنىۋى  مەھەللىلەرنى ۋە مەھەللىنى بىرلىك قىلغان جامائەتچىلىكنى يوقاتتى. نەتىجىدە مەھەللىنىڭ پەرزەنتلەرنى تەبىئى تۈزەيدىغان مەكتەپلىك رولى ئاجىزلاشتى. جامائەتچىلىكنىڭ يوقۇلىشى ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەشرەپلەر يوقالدى. بۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنى سەنئەت، ئەقىل ۋە ئەخلاقتا نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان بۆشۈك بەربات بولدى.

ئۈچۈنجى ئىجتىمائى موھىتنىڭ بۇلغىنىشى. نازارەتچىلىك ئورگانلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل نازارەتچىلىك سېستىمىسنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك مائارىپ چىرىكلىكنىڭ ئوچىقىغا ئايلىنىپ قالدى. سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلىكى سەۋەبلىك بالىلار چىقسىلا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئەخلەت يىمەكلىكلەر بازارلارنى قاپلاپ كەتتى. ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك بالىلارنى خاتالىققا باشلايدىغان مېھمانخانا نامىدىكى پاھىشخانا، تورخانا نامىدىكى قىمارخانالار ئاۋۇپ كەتتى. يالغانغا، شەكىلۋازلىققا، مىللەتچىلىككە، باستۇرمىچىلىققا، زوراۋانلىققا تولغان موھىت بالىلارنىڭ نورمال ئىنسانى تۇيغۇلىرىنىڭ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

تۆتىنجى: تۈزۈلمە ئۆزگىرىشى، ئۇچۇر دەۋرى ۋە  ئاتا ئانىلارنىڭ ماسلىشالماسلىقى. ئىچكىرىدىكى ئالاھىدە رايۇنلاردا سىناق قىلىنغان بازار ئىگىلىكى ئەندىزىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىىزغا قارىغۇلارچە تەدبىقلىنىپ كىشىلەرنىڭ تۈزۈلمىگە ماسلىشالماسلىقى كېلىپ چىقتى. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى دىيارىمىزدىكى مائارىپنىڭ بىر ئەۋلاد چالا تەربىيىلەنگەن كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى ئاشكارلىدى. نەتىجىدە ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشالماسلىقنىڭ ئىجتىمائى ۋە ئىنسانىي ئاساسى كۆزگە تاشلىنىپ قالدى.

بەشىنجى، مائارىپتىكى  تىلنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئاتا-ئانىلاردىكى چارەسىزلىك. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى مائارىپنىڭ ئورنىنى  "قوش تىللىق مائارىپ" ئىگىلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا تەپەككۇر ھاڭى شەكىللەندى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغزىدا دائىم تەكرارلىنىدىغان "بالام جاھىل بولۇپ قالدى"، " بالام بىزنى كۆزگە ئىلماس بولۇۋالدى"دەپ ئاغرىنىش، "بالام مەندىن جىق پەرقلىق" دەپ ئويلاش مائارىپتىكى تىلنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى تەپەككۇر ھاڭىنىڭ ئىپادىسى. بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ دەپ بېرىشىچە، بالىسىغا خەنسۇچە كىتاپ ئوقۇپ بەرسە بالىسى ئاپىسىنىڭ تەلەپپۇزۇنى ياراتماي، "ئاپا سەن ئوقۇغانمۇ؟" دەپ سوراپتۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتۇمى (پوزىتسىيەسى)

يۇقاردا بىز تىلغا ئالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈرلۈك تۇتۇمدا بولۇۋاتقىنى ئېنىق. ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتۇم-پوزىتسىيەسىنى مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرى  بىرى قاقشاشقا، غۇدۇراشقا مايىل بولوش، ئەمما تەدبىرگە بىپەۋالىق؛ يەنە بىرى كەسكىن، رەھىمسىز بولۇش، ۋاستە تاللىماستىن ئۈنۈم قوغلۇشۇش. 2011-يىلى ئىيۇننىڭ بېشىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ پىسخىك نۇقسانلىرى ھەققىدە ئەھۋاللاشتىم. ھەتتا بەزىلەر بىلەن يېرىم كۈنلەپ پاراڭلاشقان ۋاقتىممۇ بولدى. قىزىق يېرى پەرزەنتلىرى ھەققىدە سائەتلەپ دەرت تۆككەن ئاتا-ئانىلاردىن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى لېكسىيەگە كەلگەنلەر تولىمۇ ئاز بولدى. پەرىزىمچە ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان ئورتاق غۇدۇراش، باتناش، قېيداش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردەك قىلاتتى. بۇنداق كېسەلنىڭ بىمارلىرى توختىماي قاقشايتتى-يۇ تەدبىر ھەققىدە باش قاتۇرمايتتى. ئەڭ چاتاق يېرى باش قاتۇرۇلۇپ خۇلاسىلەنگەن تەدبىرلەرگىمۇ بىپەۋالىق قىلاتتى. يەنە بىر تۇتۇمدىكىلەر پىسخىك نۇقسانلارنى تۈزەشنىڭ جىسمانى نۇقساننى داۋالاشقا قارىغاندا كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان، ئاتا-ئانىلارنىڭ، مەھەللە-كوينىڭ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ جەريان ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى. ئۇلارچە بولسا كېسىدىغان يېرى بولسا كېسىپ، چانايدىغاننى چاناپ نېمىلا بولسۇن بىر كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىگە ئېرىشىش موھىم ئېدى. بۇنداق ئالدىراقسانلىق، پايدىنىلا كۆزلەش، ئۈنۈمگىلا ئەھمىيەت بېرىپ ۋاستىنىڭ قەبىھلىكىگە كۆز يۇمۇش شىنجاڭچە سىياسىي رىياللىقنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىدىكى ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ تەدبىرى

ئاتا-ئانىلارنىڭ يۇقارقى پوزىتسىيە-تۇتۇملىرىغا كۆرە تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە بولماقتا.  

بىرىنجى ئائىلە تەربىيىسىنى تەكىتلەش. بۇنىڭدا يېتەكچى ئىددىيە "ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلىدۇ" دېگەندىن ئىبارەت. "مىراس" ژورنىلىنىڭ " مىللىتىم تۈزەلسۇن دېسەڭ ئىشنى ئائىلىدىن باشلا" دېگەن سەھىپىسىدىنلا يۇقارقى يېتەكچى ئىددىيەنىڭ رەسمى ساداغا ئايلانغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلالامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئائىلە تەربىيىسى بىر بىرىدىن ياخشى پەرزەنتلەر بىلەن تولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئائىلىلىكلەر قوراسى نېمە ئۈچۈن 90-يىللاردا خىرويىننىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى؟ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى نېمە ئۈچۈن خىرويىننىڭ، ئەيدىزنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى؟
ئىككىنجى ئەسكىرى تۈزۈمگە باش ئۇرۇش. پەرزەنت تەربىيىسىدە مەغلۇپ بولغان، ياكى ئامال قىلالمىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ يەنە بىر تاللىشى پەرزەنتلىرىنى ئەسكىرىي تۈزۈمدە تەربىيىلەشكە ماييىللىق بىلدۈرۈش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ئىھتىياجغا ئاساسەن مائارىپپەرۋەر زات غوپۇر نۇر بىر مەكتەپمۇ ئېچىپ باققان. مەكتەپكە ئەسكىرىي مەكتەپتىن ئارامغا چىققان بىر ئوپىتسىر تەكلىپ قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئەسكىرىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلغانىكەن. مەن 1998-يىللىرى غوپۇركام بىلەن ئەھۋاللاشقاندا مەكتەپنىڭ خاراپلاشقانلىقىنى ھىس قىلغانىدىم. ئۇزاققا قالماي ئۇ مەكتەپنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. بۇ يەردە ئىككى خاتالىق بار. بىرى قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، يەنە بىرى بالىلارنىڭ قەلبىگە قۇللۇقنى تامغىلاش. مەيلى ئىلمىيلىك جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئەخلەق نوقتىسى بويىچە بولسۇن 18 ياشقا تولمىغان بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش خاتا. بالىلارنىڭ 18 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىگە قېنىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلىنىپ رۇھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىدىغان مەزگىلى. بۇ مەزگىلنى يات موھىتتا، ئاتا-ئانىسىدىن مۇستەسنا ئۆتكۈزگەن بالىلاردىكى رۇھى كەمتۈكلۈك ئۇلارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. ئەسكىرىي تۈزۈم بالىلارغا مۇتلەق بويسۇنۇش-بويسۇندۇرۇش تەربىيىسى بېرىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرىدۇ. نەتىجىدە بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە قۇللۇق تامغىسى بېسىلىپ باراۋەر ئىنسانلىق سالاھىيىتىدىن ئۆزلىگىدىن ۋاز كېچىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ياكى باشقىلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان خۇي يېتىلدۈرىۋالىدۇ.

مېنىڭ تەشەببۇسۇم

مەنچە پەرزەنت تەربىيىسىدە تۆۋەندىكىچە ئاماللارنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

بىرىنجى، ئاتا ئانىلار بىرلىكتە ئۆگىنىش. بۇ خىل ئامالدا پەرزەنتلەردە باراۋەرلىك تۇيغۇسى يېتىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار تاپشۇرۇق ئىشلەش، كىتاپ ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بالىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ مەشخۇلاتى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۆزىنى چوڭلار بىلەن ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن ئىلگىرلەۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ ۋە باراۋەرلىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدۇ. يەنە بىرى بۇ ئامال پەرزەنتلەرنىڭ ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق. ئۈچىنجىدىن پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىغا، ئۆز ئارا چۈشىنىشگە پايدىلىق.

ئىككىنجى، مەھەللىۋىي ھەمكارلىق. پەرزەنتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. گەرچە ئۇلارنىڭ تەكلىپ بېرىش، نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولسىمۇ بۇ ھوقۇقلارنىڭ قوللىنالايدىغان جۇرئەتكە ئىگە ئاتا-ئانىلار يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭا ئۆز مەھەللىسدىكى بالىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، چېنىقىش ئادىتى، ئىقتىسادىي ئاڭ يېتىلدۈرىدىغان تۈرلۈك مۇسابىقە، پائالىيەت ۋە لاگىرلارغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئىجتىمائى موھىت يارىتىش بالىلارغا پايدىلىق جەمئىيەت تەربىيىسىنى بەرگەنلىككە باراۋەردۇر.
ئۈچىنجى، چايلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قاتار چاي ھادىسىسى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەشرەپلىرىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى. بۇ يېڭىلىقتا سەل قارالغىنى بالىلار تەبىيىسىنىڭ دىققەتسىز قېلىشى. كۆزىتىشىمچە بۇنداق چايلاردا بالىلار بىر بولسا يېقىن يولۇتۇلمايدۇ. يەنە بىر بولسا چوڭلار سورۇنىنىڭ كىچىك تاماششابىنلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىزىقىشلىرىغا ماس پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلماي قالىدۇ. مەنچە چايلاردا بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ماس پائالىيەت، يېشىغا ماس ئىچىملىك، ئەخلاقىغا ماس سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش.

ئىلاۋە: بۇ يازما قەشقەر شەھرى پەن تېخنىكا سارىيىدا 2011-يىلى 10-تومۇزدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك لېكسىيەنىڭ تۇنجىسى. قەلەمگە ئېلىش جەريانىدا بىر ئاز قىسقارتىلىدى ۋە تۈزۈتۈلدى. مەزكۇر لېكسىيە 4 نۆۋەت سۆزلىنىپ توختۇتۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا سۆزلەنگەن تېمىلار "ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت چۈشەنچىسى"، "بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىسخىك تەرەققىياتى"، " بالىلارنىڭ ئەقلى تەرەققىياتى ۋە تىل تەرەققىياتى". قالدى تېمىلار بەلكىم رەتلىنىپ يوللۇنىشى مۇمكىن.

uyghuraaa 2011-08-07 15:59
مىللەتتىكى ئىللەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن مىللەتنى تۇغىدىغان، ئۆستۈردىغان، داۋاملاشتۇرىدىغان قىزلارنى، ئاياللارنى ھەر تەرەپلىك ئوقۇتۇش، تەربىيىلەش ... قاتارلىق خىزمەتلەر ساقلاپ تۇرۇشقا ياكى كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان تەقەززالىق ئىشلاردۇر.

taxbalik 2011-08-07 17:02
بىزدە ھازىر كەم بولۋاتقىنى مۇشۇنداق ئىشلارنى تۈزەيدىغان تۈزۈمىكىن دەپ ئويلاپ قالمەن . سەۋەبى شۇنداق ياخشى نەسھەت قىلدىغان ئىسىللىرمىز ھەم ئۆتكۈر تىلىق يازغۇچىللىرمىزمۇ شۇنداق ياخشى ئەسەرلەربىلەن ھەردائىم تەلىم بىرۋاتقان ھەتتاكى ئۇيغۇرلارنىڭ جاملەردىكى ۋەز نەسھەتتىمۇ ئائىلە تەربىيسى ، باللارنىڭ نىمە ئۈچۈن توغرا  بولمىغان يوللاردا مىڭىپ قىلشى ۋە شۇنداق خاتا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلشىنىڭ مەنبىينى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ شۇ جامەدىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن ھەمىنى ئۇنتۇش ، كىتاپلارنىمۇ ئوقىغان بىلەن مەزمۇنى كىتاپتا قىلىش .... شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇلارنى تەرتىكە سالدىغان تۈزۈم بولمىغانلىقتىن ، ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ كارقىلماسلىقى شۇنىڭدىنمىكىن دەيمەن ! قالغىننى باشقا تورداشلارمۇ دەپ باقسا  ئىلمى مۇنازىرە بولغۇسى

nokar 2011-08-07 18:14
  نەچچە مىڭ يىللىق ئۇدۇم بۇزۇلۇپ كەتتى ، ھازىرى شۇ نەدە مىللىك ئازىراق چاقنىسا ، بالىنى شۇ يەرگە يۇگۇرەپ ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. رەسىمگە تارتىشنىمۇ ئۇنتىمايمەن،   ئۆزەمچە مۇشۇ  مەنزىرە ، مۇشۇ ھالەت بالىدا مىللى تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ دەپ قاراپ قالسام پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بالىنى كۆپرەك تۇرغۇزۇپ بىرىۋاتىمەن ،
كاللامغا كەلىگىنى يەسلىنى ئىمكانقەدەر كىچىكتۇرۇش  ( يەسلىلەر ھەممىسى خەنزۇچە )، كۆپرەك بىللە بولۇش ، كۆپرەك مەلىداش ئاداش  ئىزدەش ،

jiwa 2011-08-07 18:21
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىnokar يوللىغان 2011-08-07 18:14 غا قارتىلغان  :
 كاللامغا كەلىگىنى يەسلىنى ئىمكانقەدەر كىچىكتۇرۇش  ( يەسلىلەر ھەممىسى خەنزۇچە )، كۆپرەك بىللە بولۇش ، كۆپرەك مەلىداش ئاداش  ئىزدەش ،

nokar سالام سىزگە! كەلگۇسىدە مىنىڭ بالام ئاداش تاپالماي قالسا چوقۇم سىزنى ئىزدەيمەن...

nokar 2011-08-07 18:26
شۇنداق بولسۇن ، مېنىڭ بالامدا بىر تال مىللى تۇيغۇ بولسا سىزنىڭ بالىڭزىدا بىرتال بولسا ، بۇلار بىللە ئوينسا بۇ خىل مىللى تۇيغۇ ھەر بىرىدە ئىككى تالدىن بولۇپ قالىدۇ .ناۋادا يۇز تال مىللى تۇيغۇ بولسا ئاللاھ خالسىا  ھەر بىرىدە ئىككى يۇز تال بولۇدۇ، ناۋادا يۇز بالا بىللە ئويناپ چوڭ بولسا ئون مىڭ تال مىللى تۇيغۇ ھەر بىر بالىنىڭ ئېڭىغا ئورۇنلىشىدۇ ، ۋە مەڭگۇ ئۆڭمەيدۇ .

bughra68 2011-08-07 18:55
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بەك ياخشى رول ئوينىيالايدۇ .
باللىرىمىزغا كىچىكىدىن ئۇيغۇر ئۇيۇنلىرىنى ئوينىغان ، ئىلى دەرياسى ،
كۆنچى دەرياسى، تۈمەن دەرياسى، يۈرۈڭقاش دەريالىرىنىڭ ساپ ئەلۋەك سۈيىنى
ئۇچۇملاپ ئىچكەن ، ئۇنىڭ باغرىدا تالاي گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ،
قاراقۇرۇمغا ، بۇغدا چۇققىسىغا يامىشىپ باققان ، تەكلىماكانغا كىرىپ تۇز ئەچىقىپ ساتقان ،
ئوتۇنچىلىق قىلغان ، كارىزلارنىڭ بويلىرىدا يانپاشلىغان ، تاغدىن چىقىپ خەلقىمىزنىڭ
ئازاتلىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان پىشقەدەملىرىمىزنىڭ بۇرمىلىنىشتىن خالى ، مۇبالىغىسىز
چىن ھاياتى باللىرىمىز ئۈچۈن ھەقىقى دەرسلىك بولالايدۇ .
مەن تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2011.يىللىق 3. سانىدىكى <<ئوتۇنچى بولغان بالىلار بىز>>
ناملىق ئەسەرنى بەك ياقتۇردۇم ، ۋە بولغۇسى پەرزەنتىمگە ئوقۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەر
قاتارىغا ئېپ قويدۇم .ئەسەر مۇبالىغىدىن خالى روزىمۇھەممەت مۇتەللىپنىڭ چىن ھاياتىنىڭ
بىر كارتىنىسى بولغاچقا  ئاپتۇرغا ۋە شۇ دېمەتلىك ئوتۇنچى بالىلارغا بولغان  ھۆرمىتىم ئاشتى.
كونا گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان ئوتۇنچى ئىكەن دىمەڭلا ، ھەقىقى ياخشى پەرزەنت
ئاتا-ئانىسىنىڭ ،ئەچۈ-ئوغۇشلىرىنىڭ باشقا ئەچىقالمىغان  ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر .
قەۋمى-قېرىنداشلىرىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خۇشال بۇلالمىغان ، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن جان پىدا قىلالمىغان قىز-بوغۇنلىرىنى ھىمايە قىلالمىغان پەرزەنتلەر ياخشىمۇ ؟

بەزىلەر باللىرىغا يەھۇدىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش دەستۇرلىرىنى زورلاپ تاڭىدۇ ،
بۇنىڭ پايدىسى يوق ! چۈنكى ئۆز يۇرت ماكانىنى قوغدىيالماي 2000يىل سەرسان بولغان
بىر مىللەت ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولالمايدۇ .بۇنداق دىسەم يەھۇدىلار ھازىر بەك يامان دەيسىلەر ھەقىچان ، ئۇلارنىڭ شۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرۇشى غۇجىئاكىسىنىڭ كۆزىگە سىغماي باقسۇنچۇ قېنى ؟
بەزىلەر بايا دىگەندەك ئۇلۇغۋار ئىستەكلەردىن خالى بالىلارنى ئارزۇ قىلسا يەنە بەزىلەر
ياخشى ئىش ئورنى تاپالايدىغان ، داڭلىق ماركىلىق ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان ،
ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ھاياتنىڭ ھەرخىل يولىدا ماڭالايدىغان پەرزەنتلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ .

ئاخىرىدا بارلىق كىشىلەرنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ ، مەقسىدىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى
نەتىجىسىنىڭمۇ ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئى ئەھۋال ئەلۋەتتە .

aychiwer 2011-08-07 19:21
ئاتا-ئانىنىڭ ساپاسىدىن بەكىرەك مىجەزىمۇ بالىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . (گۈلەن ئەپەندى ، مۇشۇ ھەقتىمۇ ئازراق توختالغان بولسىڭىز بوپتىكەن )  

alqinay123 2011-08-07 20:08
بۇ يازمىنى كۆرۈپ بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇنداق بىر ئېغىز سۆزى ئىسىمگە كېلىۋاتىدۇ: ھازىر شەھەر بالىلىرىدا مىللىي تۇيغۇنى ئويغىتىش ۋە ساپ ئىنسانىي مىھىر-مۇھەببەت يىتىلدۈرۈشتە سەھرا سەيلىسى ئىنتايىن مۇھىم، مۇمكىن بولسا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ھەر تەتىلدە بىرەر ئاي ئەتراپىدا سەھرالاردا تۇرغۇزۇپ كەلسە،شەھەرلىك بالىلارنىڭ سەھرالىق دوستلىرى بولسا،بالىلار بىزدە يوقىلىۋاتقان  تونۇر بېشى مەدەنىيىتى، ئوچاق ئالدى مەدەنىيىتى دىگەن نەرسىلەر بىلەن تونۇشسا بولاتتى،مۇشۇنداق كېتىۋەرسە 10-20 يىلدىن كىيىن بالىلار بىزدىن : دادا ، ئېشەك دىگەن قانداق ھايۋان دەپ سورايدىغان بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئويلايمەن...دىگەنىدى ئۇستازىمىز خۇرسىنىپ تۇرۇپ.
گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئۈچىنچى تەشەببۇسىنى مەن سىناق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن،مەسىلەن مىنىڭ ئاتا-ئانام بولسا پىنسىيىگە چىققان زىيالىيلار، ئۇلار ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ياش، بىلىم قۇرۇلما،كۆز قاراش جەھەتتە ئوخشاشلىقى بار 10 نەچچە جۈپ پىنسىيىگە چىققان ئەر-ئاياللار بىلەن ھەر ئايدا بىر نۆۋەت كىلىدىغان چاي ئوينايدۇ، بۇ خىل چايلار كەڭرى قورولۇق ئۆيلەردە،ئازادە سەھرا باغلىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم چايدىن كەلگەندە ئاتا-ئانامنىڭ كەيپىياتى بۆلەكچە كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ ،بىزمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن ئاخىرقى ئۆمرىنى خوشال ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىدىن خوشال.بىر قېتىم ئاكامنىڭ 6 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئاپامغا ئەگىشىپ بىر چايغا بىللە كەتكەنتى،قايتىپ كەلگەندە مەندىن سوئال سوراپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى: ھەدە، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دىگەن نىمە؟ گۇڭشې دىگەن نىمە ؟ نورما دىگەنچۇ؟ ....دىگەندەك. شۇئان مەن بۇ بالىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىنىڭ چايدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم-دە ،ئاددىي گەپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. بەلكىم گۈلەن ئەپەندى تەشەببۇس قىلغان قاراشنىڭ ئۈنۈمى شۇ بولسا كىرەك....

arislan 2011-08-07 21:03
پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى بۇ مەسىلىنى مۇقىم بىر قېلىپقا سېلىپ ھەل قىلىپ كېتەلمەيمىز. گەرچە ھەممىمىز ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ نام ئاستىدا ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان بولساقمۇ ئاساسلىنىدىغان مەدەنىيەت ئەندىزىزىمىز ئوخشاش ئەمەس. ئېتىقادىي مەۋقەدە بولىۋاتقانلىرىمىزنىڭمۇ پىكىرىدە ئوخشاشماسلىقلار كۆپ، مەسىلەن ئەنئەنىۋى ئېتىقاد قارىشىدا، يېڭىچە ئىسلامىزىم ئېقىمىدا، ئىبادەتسىز ئېتىقاد قاراشلىرىدا مۆلدۈرلەپ يۈرۈۋاتقانلارمۇ، ئېتىقادسىز مەدەنىيەت،مىللىي روھ مەيدانىدا، غەرب ۋە شەرقنىڭ تۇرمۇش ئەندىزىلىرىگە باغلىنىپ، ئەقىدە قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىرىمىزمۇ بار. چېچىلاڭغۇلۇق ئۆزىمىزدە ۋە ئاتا - ئانىلىرىمىزدا ئېغىر بولىۋاتقان ئەھۋالدا پەرزەنىتلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ يولىغا سېلىۋالىمىز دېسەك يەنە بېرىپ ئاخىرى ئۆزىمىزگە ئوخشايدىغان پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈۋالغان بولىمىز. مىنىڭچە بىزدە ھەممىزنى ئومۇمىي بىر ئېدىلوگىيەگە باشلىيالايدىغان مۇكەممەلراق ئىدىيە ئوتتۇرىغا چىقسا ئۆزىمىزنىمۇ، پەرزەنىتلىرىمىزمۇ ئەشۇ ئومۇمىيلاشقان ئىدىلوگىيەگە باشلىيالىساق شۇ ۋاقىتتا "بىز" دېگەن بۇ سۆزنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان شۇ ئىدىلوگيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارساق ياخشى بولاتتى. ئەمما بۇنداق ئىدىلوگىيەنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ھازىرچە ھېچقايسىمىزنىڭ قولىدىن كەلمىدى.  

apirida 2011-08-08 10:12
گۈلەن ئەپەندىمگە رەھمەت ، بۇ ھەقىقەتەن ئىزدىنىشكە تېگىشلىك تېما.
بىز  ھەقىقى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئادىمىلىكنى گەرچە ئاغزىمىزدا شوئار قىلىپ توۋلىساقمۇ ، ئەمما ئەمىلىلەشتۇرۇشتىكى پاسسىپلىغىمىز ۋە ئەمىلىلەششكەندىن كېيىنكى ياخشى ئادەم ۋە ئىشلانىڭ يېتىم قىلىش ۋە يېتىم قالدۇرۇلۇش ھادىسىسىمۇ بالىلار تەربىيىسىگە تەسىر  كورسىتىۋاتىدۇ ، ھىس قىلىشىمچە ،نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار ئەخلاق ۋە بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن قانداق بالىنى تەربىيلەشكە ئەمەس ، قانداق قىلغاندا مۇشۇ جەمىئەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ئادەم تەربىيلەشكە كوڭۈل بولىۋاتىدۇ، مەلۇم نۇقتىدىن كۈزەتكەندە  بۇ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق تەربىيە ئۇسۇلى.
بۇ خىل تەربىيىدە نۇرغۇن ئىسىل ئادىمىلىك خىسلەت، ئىلغار ۋە پاك ئېتىقات تەربىيەسى، ئەنئەنىۋى ئىسىل ئەخلاق ، ئادەت تەربىيەلىرى  چەتكە قېقىلىدۇ ياكى تۇنجۇقتۇرۇلىدۇ  . چۇنكى تەربىيلىگەن پەرزەنتلىرىمىز  جەمىئەتكە "ماسلىشىپ" ياشىمىسا بولمايدۇ.

barkatjan 2011-08-08 13:15
بۇنداق لىكسىيە بارلىقىنى زادىلا ئاڭلىماپتىمەن......بولمىسا ئارىلىق يىراق بولسىمۇ باراتتىم........

zilnur 2011-08-08 14:07
ياخشى ئوقۇمىغان بالىنى پۇلغا زورلاپ ئوقۇتىدىغان ئىشلار بەك كۆپ.شىنجاڭ سىنىپلىرى ۋە ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى بەك چوڭ بىلىمىز. پەرزەنتلىرىمىزنى خەنچە مەكتەپلەرگە بېرىش مۇدا.نىمە ئۈچۈن دىگەندە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بالىلار ئەبجەش بۇلىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ سەۋيىسىمۇ چەكلىك بولغاچقا خەنچە ئوقۇغان بالىلىرىمىزغا ياردەم بېرەلمەيمىز. بالىمىز ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا  بۇلۇپ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ.

otmix 2011-08-08 22:09
گۈلەن ئەپەندىنىڭ تېمىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، بۇرۇن كۆپ نامىنى ئاڭلىغان، بۈگۈن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن.  بەكمۇ سۆيىنىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپتىمەن.
ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئاقسۇ تەرەپلەردە لىكسىيە ئۆتكۈزۈپ قالساڭلار خەۋەردا بولساق...

adiyat 2011-08-08 22:44
يىڭى بىر قاراشنى ئوتتۇرغا چىقىرىش  ئارتۇقچە. ئەجدادلار ئىزىغا  قاراپ باقساق بولىدۇ.  ئەجدادلار ئىزىغا  قارىغاندا  ئۆزىمىزگە  ياقىدىغان  قىسمىغىلا  قارىماي  بىزگە قاباھەتلىك  ،ئاچچىق تۇيۇلغان  قىسىملىرىنىمۇ  نەزەردىن  ساقىت قىمماسلىق  كىرەك.
ھوشۇق  - بىر خىل بالىلارنىڭ  تەنتەربىيە تۈرى  ئىدى.  كىيىن قىمارۋازلارنىڭ  قىمار ئويناش ئەسۋابىغا  ئايلانغان ..دىگەندك..
مۇسا ئەلەيسالام  خىزىر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاي( بىلىق تىرىلىپ  دەرياغا چۈشۈپ كىتىدىغان جاي)دىن ئۆتۈپ كەتكەندەك  بىزمۇ مۇھىم يەدىن ئۆتۈپ كىتىپباغاندەك تۇيۇلىدۇ.

مۇبارەك 2011-08-09 14:33
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئوغلىنى بىر شەھەردە بولغاچقا تونۇيتتۇم. دائىم دېگۈدەك بېشىغا دوپپا كېيىپ يۈرۈيدىغان ئىگىز بالا. ئۇچرىشىپلا قالسا كۆزىڭىزگە سەمىمىي قاراپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ تۇرۇپ شۇنداقمۇ بىر ئىللىق سالام قىلىدۇ. دۇتتار چېلىشلىرى تېخى. ئىشقىلىپ، بەك ياخشى تەربىيلەپتىكەن بۇ بالىنى.

gullala 2011-08-09 15:58
bakmu yahxi temni otturaga koyupsiz ,,,bala tarbiyisa aila mohiti yani ata aninig baliga bolgan tasiri birinqi tarbiya bop hisaplidu ,,

nawbahar 2011-08-10 10:34
سالام گۈلەن ئەپەندى،سىزنىڭ بارلىق تېمىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.ھەر بىر ئەسىرىڭىز  ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلايدۇ.ئۆتكەندە قەشقەردە كۇرس ئېچىش  توغۇرلۇق ئۇچۇر كۆرگەن ئىدىم.باشقا جايلاردىمۇ كۇرس ئېچىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟مەسىلەن كۇچادا،ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز ،مەنلا سىزگە 10ئوقۇغۇچى بىلەن بىرگە 10پىكىرداش دوست تېپىپ بېرەتتىم.بۇ چاقچاق ئەمەس،ئويلىشىپ بېقىڭ.

nawbahar 2011-08-10 10:46
باشقىچە ئويلاپ قالماڭ،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغانلار بەك دۆت بولمىسىلا ،كۇرس ئېچىشتىكى مەقسىدىڭىزنىڭ پەقەت پۇل تېپىشلا ئەمەسلىگىنى بىلەلەيدۇ.بۇياقلاردىمۇ  كۇرسلار كۆپ ،بىراق ئىلاستىك تىل بىلەن جانلىق تەپەككۇرغا ئىگە ئۇستازدىن تىل ئۈگىنىشنىڭ ئۈنۈمى باشقىچە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

haliktash 2011-08-10 21:19
ياخشىمۇسىز گۈلەن ئەپەندى!!! ئىسل تېمىڭىزغا يەنە مىڭ مەرتىۋە تەشەككۇر،. مەن سىزنىڭ ئىككى قىتىملىق پەرزەنىت تەربىيسى لىكسىيەسىگە قاتناشقان ئىدىم. كىيىنكى قىتىملىققا خىزمەت تۈپەيلى قاتنىشالمىدىم(ھەقىقەت شۇنداق بولدى)،. بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن.. سىزنىڭ لىكسىيەرىڭىز ئارقىلىق سىز بىلەن شۇنداقلا ھەرقايسى ئاتا-ئانىلار ئارا پەرزەنىت تەربىيسى توغرىسىدا ئەركىن مۇنازىرلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ھەمدە ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تەييارلىقسىزلا كۆرسەتكەن تالانتلىرىدىن سۆيۈندۈم!! مەن سىزنىڭ بۇ لىكسىيڭىزدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى پەرزەنىت تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنىت ئەڭ ياخشىسى باشقۇرغۇچى بىلەن باشقۇرۇلغۇچىلىق رولى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز-ئارا دوسلىشىش شەكلى بىلەن تەربىلەش بالىغا نىسبەتەن بىر پۇتۇنلىك، دادىللىق ، باراۋەرلىكنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن.؟  شۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىغا كۆينىش شەكلى بىلەن بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن موھىيتىدىن تارتېۋىلىشنىڭ بىزدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم......... ئىزدىنىشلىرىڭىز داۋاملاشسۇن!!! مەن ئۇلۇغ ئاللادىن ئىرادىڭىزغا ئىرادە، تىرىشچانلىقىڭىزغا مىڭ مەرتىۋە تىرىشچانلىقلار تىلەيمەن!! مەن قەشقەرگە بارغاندا داۋامىلىق لىكسىيەرىڭىزگە قاتنىشىمەن.....

vmid219 2011-08-10 23:30
يولدىشىم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھېچقانداق خىزمەت بىلەن شوغۇللانماي ئائىلىىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن قىلغان كىرىمىمىز تۇرمۇشىمىزنى قامداشقا يېتىپ ئېشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئاساسلىق ئۆگىتىدىغىنىمىز  تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرىغىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا،فىزىكىسى. ئەلۋەتتە، بىز پەقەت تەكرار قىلىپ بەرسەك بولاتتى، لېكىن ئوقۇغۇچىلىرىمىز  مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنى يېنىمىزغا كېلىپ  قايتىدىن يېڭى دەرس سۈپىتىدە ئۆگنىدۇ. چۈنكى ئۇلار مەكتەپتە  ئەزەلدىن ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈپ،ئۆزى  چالا-بۇلا ئۆگىنىۋالغان  خەنزۇتىلى بىلەن  يامىداپ ئاران دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ، ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي، بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇڭگانچە دەرس ئاڭلايدۇ،ئاندىن خېلى چۈشەنگەندەك بولۇپ قايتىدۇ.  ھازىر بارا-بارا ئوقۇغچىلىرىمىز كىچىكلەپ، باشلانغۇچنىڭ بالىلىرىمۇ  كېلىدىغان بولدى، ئاڭلايدىغان بولسىڭىز ئاتا-ئانىلارنىڭ دەردى. "بىز تەكرار قىلىپ بېرەيلى دېسەك، يا بۇ بالىلارنىڭ خەنزۇچە دەرسلىرىنى بىز چۈشەنمەيدىكەنمىز، شۇڭا  بىر قۇر كىيىمنى ئاز كىيسەممۇ مۇشۇ بالام بىر نىمە بىلىپ قالسۇن دەپ ئەكەلدىم"  دىيىشىدۇ. بۇ ھازىر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك كۆرۈلىۋاتقان ئىشمىكىن دەيمەن، مېنىڭچە بۇ خىل ھالەت خېلى بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىدۇ.
   مېنىڭ قۇلۇمدا ئېنگلىزتىلى ئۆگىنىۋاتقان  بەشىنچى يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بار، بىر ھەپتىدىكى يەتتە كۈن بىلەن ئون ئىككى ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى بىلمەيدىكەن. يازغان خېتىنىڭ  ئوننىڭ سەكىزى ئىملا خاتا. بەشىنچى يىللىققا چىقىپ قالغان بالىغا   شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆگەتتىم،ئۆگىتىۋېتىپ بەك كۆڭلۈم يېرىم بوپ كەتتى. بۇ ئىشلارغا نىمە دېگۈلۈك؟

kaktusguli10 2011-08-12 14:01
            مېنڭچىمۇ پەرزەنتلەرنى يەسلىگە بېرىشتەسەل كىچىكتۈرگەن ياخشى.چۈنكى،بالىلارنىڭ قەلبىگە دەسلەپكى سېڭىدىغىنى مىللى تەسىربولماستىن بەلكى ...........(قاياققا قارىسا خەنزۇچە كۆرسەتمە،ئوقوتقۇچىلىرىمۇ ئالاھىدە مائارىپ_قوشتىل مائارىپى بويىچەئىچكىردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيە كۆرگەن،كىيىنىشى ،گەپ-سۆزلىرىدىن،يۈرۈش-تۈرۈشلىرىدىن تەربىيلەنگەن ئالاھىدەئۇرۇنلىرىنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم سەرخىل مائارىپ قۇشۇنلىرىدىن  ئىبارەت.)

     سەن قايسى خىل مۇھىتتا ياشىساڭ تەپەككۇرۇڭ  شۇنىڭغا ماسلىشىدۇ،شۇنداق ئەمەسمۇ.ئادەمنى باشلاپ ماڭىدىغىنى دەل ئۆزى شۇ تەپەككۇر-ئاڭدۇر.


  
        

tiltumar 2011-08-12 14:05
گۈلەن ئەپەندى ، ياخشىمۇسىز؟ يۇقارقى يازمىڭىزنى ئوقۇپ خىلى مەنپەئەت ئالغان بولساممۇ، لىكىن "بالىلار 18گە كىرگۈچە ئائىلىدە تۇرۇشى كىرەك"دىگەن كۆزقاراشنى ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بالامنى خەنزۇچە مەكتەپكە بىرەيمۇ؟ ئۇيغۇرچە مەكتەپكىمۇ دىگەن مەسىلىنى ئويلاشقاندەك  تەكرار تەكرار ئويلىشىۋاتىمەن. چۈنكى مىنىڭ بالاممۇ خىلى چوڭ بولۇپ قالدى. تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ  يەنە بىر ئىنتىلىشى بولۇپ قالغان، ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا بالىلار 18گە كىرمەي تۇرۇپ بارىدۇ. مەن ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالاملا كۆيۈنگەچكە، مەنمۇ سىزدەك"18گە كىرگۈچى ئائىلىدىن ئايرىلمىسا"دىگەن قاراشقا مايىل. ، لىكىن يىقىندا ئىدارىمىزگە  ئومۇميۈزلىك ئىنتىھان ئىلىش ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ، قازاق باللارغا ب قارىسام، ئۇلار ھەر جەھەتتىن شۇنداق يىتىشكەن بالىلاركەن. ئۇلارنىڭ تولىسى تۇنجى قارار ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىغا  قۇبۇل قىلىنغان بالىلاركەن.
   نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ، ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپغا  قۇبۇل قىلىنغان تاغامنىڭ قىزى بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىپ باققان ئىدىم . ئۇ" ئىچكىردىكى ئوقۇتۇش تۈزۈمىبەك ياخشىكەن. ھەم مۇئەللىملەرنىڭ سەۋىيىسى بەك يۇقۇرىكەن. بىز شىنجاڭدا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇغان بىلەن  بۇ يەرگە كەلسەك ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىپ قالىمىزكەن. بۇ يەردىكى بالىلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ، ھامىلە تەربىيەسى قۇبۇل قىلغان بولغاچقا، ھەممە جەھەتلەردە بىزدىن ئالدىدا ماڭىدۇ. ھەي، شىنجاڭدىكى ئاشۇ ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا بىزنىڭ ئۆمرىمىزنى زايە قىلۋىتىپتۇ "دىگەن ئىدى.
   ئەگەردە مەنمۇ بالام تولۇق ئوتترىغا ئىنتىھان بىرىدىغان چاغدا،بالامنىڭ تۇرمۇشتىكى ئازراق قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرىغا بىرىش ئىمكايىنىتىنى توسۇپ قويسام، مەسئۇليەتسىزلىق قىلغان بولامدىم؟
بالا تەربىيەلەش مەسىلىسىدە مەن نۇرغۇن ئىزدەنگەن. بۇ ئىزدىنىشىم ھەتتا چەتئەللەرنىڭ ئەدىبى كىتاپلىرىدىكى كىچىك تەپسىلاتلاردىنمۇ قىچىپ قۇتالالمىدى. مەن سىزگە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي -ھە
مۇپاسساننىڭ "ھايات "دىگەن ، رومانىدىكى ئايال باش قەھرىمان ژىننامۇ كىچىك چىغىدىلا باشقا شەھەردىكى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋىدە نۇرغۇن يىل ئوقۇپ قايتىپ كىلىدۇ. بۇ ئەسەر مۇپاسسان ياشىغان دەۋردىن بىر ئەسىر بۇرۇنقى ئىشلار ئىكەن. دىمەك ياۋروپادا بىر ئىككى ئەسىر ئىلگىرىلا  ، بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇش ئىشى بار ئىكەنتۇق.
يەنە تۈركىيەنىڭ " چالىقۇشى "دىگەن رومانىدىمۇ فەرىدە، ئۇزۇن يىل قىزلار مەكتىۋىدە ئوقۇيدۇ
ئامرىكىنىڭ بىر كىنو فىلىمىدە ئامرىكىنىڭ تۇنجى زوڭتۇڭىنىڭ بالىلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن  بولۇپ، بىرنەچچە تاغا ، ھاممىلىرىنىڭ چوڭقۇر مىھرى- مۇھابىتىدە چوڭ بالىلىق ۋاقتىنى تۈگىتىپ  ئوننەچچە ياشقا كىرگەندە، پويىزغا ئولتۇرۇپ، يىراققا ئوقۇشقا ماڭىدۇ ھەم ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدۇ.  .......................................................................................................................................................
كىچىك تۇرۇپلا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ، ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇش، ياۋروپادا ئۆز ۋاقتىدا مودا بولغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىش ئىقىمىدەك، بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ، خاتا دەپ قارىلىپ  ئەمەلدىن قالغان ئىشمۇ -يە؟
ئەگەر بالىلارنى  18كىرگۈچە ، ھىچنەرگە ئەۋەتمەي، ئائىلىدە تۇتۇپ قالساق، ئۇنداقتا" سىزنىڭ "ئامرىكىچە قۇنداق ، ئۇيغۇرچە قەپەز "دىگەن يازمىڭىزدىكى كۆزقاراشلارغا زىت بولۇپ قالامدۇ قانداق؟

gulen 2011-08-13 12:55
نەقىل
بۇ 22قەۋەتتىكىtiltumar يوللىغان 2011-08-12 14:05 غا قارتىلغان  :
گۈلەن ئەپەندى ، ياخشىمۇسىز؟ يۇقارقى يازمىڭىزنى ئوقۇپ خىلى مەنپەئەت ئالغان بولساممۇ، لىكىن "بالىلار 18گە كىرگۈچە ئائىلىدە تۇرۇشى كىرەك"دىگەن كۆزقاراشنى ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بالامنى خەنزۇچە مەكتەپكە بىرەيمۇ؟ ئۇيغۇرچە مەكتەپكىمۇ دىگەن مەسىلىنى ئويلاشقاندەك  تەكرار تەكرار ئويلىشىۋاتىمەن. چۈنكى مىنىڭ بالاممۇ خىلى چوڭ بولۇپ قالدى. تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ  يەنە بىر ئىنتىلىشى بولۇپ قالغان، ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا بالىلار 18گە كىرمەي تۇرۇپ بارىدۇ. مەن ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالاملا كۆيۈنگەچكە، مەنمۇ سىزدەك"18گە كىرگۈچى ئائىلىدىن ئايرىلمىسا"دىگەن قاراشقا مايىل. ، لىكىن يىقىندا ئىدارىمىزگە  ئومۇميۈزلىك ئىنتىھان ئىلىش ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ، قازاق باللارغا ب قارىسام، ئۇلار ھەر جەھەتتىن شۇنداق يىتىشكەن بالىلاركەن. ئۇلارنىڭ تولىسى تۇنجى قارار ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىغا  قۇبۇل قىلىنغان بالىلاركەن.
   نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ، ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپغا  قۇبۇل قىلىنغان تاغامنىڭ قىزى بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىپ باققان ئىدىم . ئۇ" ئىچكىردىكى ئوقۇتۇش تۈزۈمىبەك ياخشىكەن. ھەم مۇئەللىملەرنىڭ سەۋىيىسى بەك يۇقۇرىكەن. بىز شىنجاڭدا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇغان بىلەن  بۇ يەرگە كەلسەك ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىپ قالىمىزكەن. بۇ يەردىكى بالىلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ، ھامىلە تەربىيەسى قۇبۇل قىلغان بولغاچقا، ھەممە جەھەتلەردە بىزدىن ئالدىدا ماڭىدۇ. ھەي، شىنجاڭدىكى ئاشۇ ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلار راستىنلا بىزنىڭ ئۆمرىمىزنى زايە قىلۋىتىپتۇ "دىگەن ئىدى.
   ئەگەردە مەنمۇ بالام تولۇق ئوتترىغا ئىنتىھان بىرىدىغان چاغدا،بالامنىڭ تۇرمۇشتىكى ئازراق قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرىغا بىرىش ئىمكايىنىتىنى توسۇپ قويسام، مەسئۇليەتسىزلىق قىلغان بولامدىم؟
بالا تەربىيەلەش مەسىلىسىدە مەن نۇرغۇن ئىزدەنگەن. بۇ ئىزدىنىشىم ھەتتا چەتئەللەرنىڭ ئەدىبى كىتاپلىرىدىكى كىچىك تەپسىلاتلاردىنمۇ قىچىپ قۇتالالمىدى. مەن سىزگە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي -ھە
مۇپاسساننىڭ "ھايات "دىگەن ، رومانىدىكى ئايال باش قەھرىمان ژىننامۇ كىچىك چىغىدىلا باشقا شەھەردىكى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋىدە نۇرغۇن يىل ئوقۇپ قايتىپ كىلىدۇ. بۇ ئەسەر مۇپاسسان ياشىغان دەۋردىن بىر ئەسىر بۇرۇنقى ئىشلار ئىكەن. دىمەك ياۋروپادا بىر ئىككى ئەسىر ئىلگىرىلا  ، بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇش ئىشى بار ئىكەنتۇق.
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىز دەۋاتقان رومانلاردىكى پىرسۇناجلار ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتتا ياشىغان بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىدە تەربىيىلىنىدۇ. ئانىنىڭ باغرىدىن ئايرىلغان بىلەن مەدەنىيەتنىڭ پەرۋىشىدىن مەھرۇم قالمايدۇ. مەن دەۋاتقان تەربىيەنىڭ ئوبىكتى ئالاھىدە بالىلار ئەمەس، رومانلاردىكى پەرزەنتلەر ئەمەس، روماندا تىلغا ئېلىنمايدىغان ئاددى ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى. ئۇلار يۇرتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەربىيىسىدىن ئايرىلىپ ئاتىزىملىق مائارىپتا تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، يات يەرلەردە ئانا تىلى، مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ تەربىيىلىنىدۇ. توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز ب د ت نىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق ئەھدىنامىسىدا مەن دېگەن مەزمۇن بار.

gulen 2011-08-13 13:05
نەقىل
بۇ 17قەۋەتتىكىnawbahar يوللىغان 2011-08-10 10:34 غا قارتىلغان  :
سالام گۈلەن ئەپەندى،سىزنىڭ بارلىق تېمىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.ھەر بىر ئەسىرىڭىز  ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلايدۇ.ئۆتكەندە قەشقەردە كۇرس ئېچىش  توغۇرلۇق ئۇچۇر كۆرگەن ئىدىم.باشقا جايلاردىمۇ كۇرس ئېچىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟مەسىلەن كۇچادا،ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز ،مەنلا سىزگە 10ئوقۇغۇچى بىلەن بىرگە 10پىكىرداش دوست تېپىپ بېرەتتىم.بۇ چاقچاق ئەمەس،ئويلىشىپ بېقىڭ.

رەھمەت، ئۇيغۇر ئوت يۈرەكلىرىنىڭ ماكانى كۇچانى كۆزلىرىمگە سۈرگۈم كېلىدۇ. ئاللاھ كۇچانى ۋە كۇچادىكى قېرىنداشلارنى ئامان قىلغاي. مەن ھازىرچە كۇچاغا بارالمايمەن. ياخشى كۆڭلۈڭلار ۋە تەكلىبىڭلار ئۈچۈن رەھمەت.

nokar 2011-08-13 20:18
نۇرغۇن ئاتا ئانىلار قانداقتۇر بىر خىل جەميەتنىڭ بالىنى ئۆزىمىزدىن تالىشىۋاتقانلىقىنى ھىسسى ھالەتتە تونۇپ يەتتۇق . ئەمدى بۇنى بىر ئىلمى نەزىريە ھالەتتە تونۇپ يىتىش ۋە قانداق قىلىش مەسىلىسى بىز باسمىساق بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى ، ياق بىز كىچە كۇندۇز مۇشۇ مەسلىگە مەجبورى يۇزلەنمەكتىمىز ، ئەجىبا مىللەتنىىڭ ئىممۇنىت كۇچى شۇ قەدەر ئاجىزلاپ كەتكەندىمۇ ؟

abm165 2011-08-14 01:53
         گۇلەن ئەپەندىنىڭ  يازمىلىرىنى  ئىزدەپ ،ئەلكويى  تورىعا تولاقاراپ كوزۇم تىشىلەي دىگەندە مانا بۇ پۇتۇن ئۇيعۇر جاما  ئىتى ئەڭ كوڭۇل بولىۋاتقان  تىمىنى كوردۇم ، ھەم پەرزەنىت  تەربىيىسى ھەققىدىكى  قارشىمنىڭ  ئوزلىرى بىلەن  ئوحشاش  ئىكەنلىگىنى ھىسقىلىپ ،ئوزۇمنىڭ بۇھەقتىكى تۇتقان يولۇمنىڭ توعرا بولعانلىقىدىن  بەك حوش بولدۇم .  ئەمدى مۇشۇمۇناسىۋەت بىلەن  مۇنداق بىر مەسىلىنى  سىلى   بىلەن  ئورتاق لاشقۇم بار .  
           مىنىڭ قىزىم باشلانعۇچ ئوتتۇرا مەكتەبلەردە  ئەلاچى ئوقۇپ  ،مىنىڭ تەلىۋىم بۇيىچە 2008-يىلى رايۇنىمىزدىكى مەلۇم نوقتۇلۇق  ئالى مەكتەبكە ئوتكەن . ئۇ ئالى مەكتەبكە  بارعۇچە بەكمۇ عايىلىك ، چىدامچان ،تىجەشلك ،ئىشچان ،چوڭلارنى ھورمەت قىلىدىعان ، كىچىكلەرنى ئاسرايدىعان بەكمۇ  ئىستىقباللق ئىدى(يۇرتىمىزدىكى قوش تىللق مەكتەبتە ئوقۇعان )  .مەنمۇ چوقۇم چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدۇ دەپ قاريتتىم  ئەمما بىر يىلدىن كىيىن تەتىلدە  كەلگەندە ، ئاعىزىدىن پۇل، تاماق يىيىش ، ياحشى كىيىشتىن باشقا گىپى يوق   ،ئاتا-ئانا بىلەن كارى يوق ،دوسلىرىنىڭلا گىپىنى قىلىدىعان   ، بىرىش -كىلىشتە فويىزنىمۇ  ياراتماي  ئايرۇپىلاندا ماڭسام دەيدىعان ،ھە دىگەندە ئاتا -ئانىدىن  قىيداپلا  يۇرىدىعان شۇنداق چۇشكۇن  بىر ئەبگاعا  ئايلىنىپ كەپتۇ .  سوراپ باقسام  ھازىرقى عايىسى ئىنگىلىس تىلىدىن  4-دەرىجىنى ئىلىش ئىكەن .  بۇنىڭدىن ھازىر تۇلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوعلۇمنى  بۇنداق ئادەم بۇزىدىعان ئاتالمىش ئالى مەكتەبتە ئوقۇتماي ، دىنى مەكتەبتە .ئوقۇتۇپ  قوشۇمچە ھونەر  ئوگىتەيمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم . يەنە بىرگەپ ،ئوتكەندە شىنجاڭ تىلىۋىزىيە  ئىستانسىسىنىڭ  تەلەي  يۇلتىزى  فىروگىراممىسىدا شىنجاڭ  يىزا ئگىلىك  ئۇنۋىرستىتىنى كىلەر يىلى   پۇتكۇزىدىعان  بىر ئوقۇعۇچىنىڭ رايۇنىمىزدىكى شىۋە ئاپپتۇنۇم ناھىيىسى قايسى؟ دىگەن  سۇئالعا جاۋاپ  بىرەلمىگەنلىگىگەئاچچىعىم كىلىپ  يۇرسەم . مىنىڭ ئالى مەكتەبنى كلىلەر يىلى پۇتكۇزىدىعان  بۇ قىزىم ، قايسى كۇنى دادا  تالىبان دىگەن نىمە ؟ دەپ سورىدى .  بۇنىڭدىن بەكمۇ حاپا بولدۇم ،ھەم بۇسۇئالعا   ئوتتۇرا مەكتەبتە  ئوقۇيدىعان ئوعلۇمنى جاۋاپ بىرىشكە  بۇيرىدىم . ئۇ جاۋاپ بەردى .  بۇنىڭدىن  ئوتكەندە  رايۇنىمىزدىكى مەلۇم بىر ئىدارە  باشلىقىنىڭ  كادىر قۇبۇل  قىلىش ۋاحتىدا  ،ماڭا ئىش قىلالمايدىعان دوكتوردىن ،ئىش قىلالايدىعان ئوتتۇرا مەكتەب ئوقۇعۇچىسى لازىم دىگەن  سوزىنىڭ بىىكارعا دەپ قۇيعان گەپ  ئەمەسلىگىنى  ھىس قىلدىم . چۇنكى ھازىر  ئالى مەكتەب ئوقۇعۇچىلىرىنى حىزمەتكە قۇبۇل قىلىش  ئىمتاھانى ،يىزىقچەۋە ئىعىزچە ئىككى حىل بۇلىدۇ . بالىلار كىتاۋى بىلىمنىلا  ئوگۇنىپ  باشقا ئەمەلى مەسىلىلەرگە سەل قارىسا  ، حىزمەتكە  ئالعۇچىمۇ-حىزمەت  ئىزدىگۇچىمۇ  ئوحشاشلا قاحشايدىعان ئىش كىلىپ چىقىدۇ .  مەحسەت: سىلىنىڭ  بۇ ھەقتە  ھىس قىلعانلىرى بولسا  تورعا يوللاپ  قويعان بولسىلا ،سىلىدىن ھەممىمىز  تىحىمۇ  حۇش  بولعان بۇلاتتۇق .رەھمەت .  

dilfiruz 2011-08-14 17:55
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بۇ تېمىسى ياخشى ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ .لېكىن«شىنجاڭ ئۈنۋېرسىستىتى قورۇسى ئىچىدىكى بالىلارنى تىلغا ئالغان يەردىكى كۆز قاراشقا ئانچە قوشۇلمايمان .ئاتا- ئانىسىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقۇرى بولىشى ھەرگىزمۇ ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرىنىڭ يۇقۇرلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ .نۇرغۇن ئادەملەر بىلىملىك كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ياخشى تەربىلىنىدۇ دەيدۇ .بۇنى مۇتلەق خاتا دىمەيمەن .بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدە رولى چوڭ، لېكىن ئۇ ئائىلە تەربىيسى بىلىملىرىنىڭ يۇقۇرلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ .ئوقۇمىغان ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ياخشى تەربىلىنىش بۇنىڭ جانلىق مىسالى بولالايدۇ دەپ ئۆيلايمەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلامدۇ ؟ دىگەن سۇئالغا ھەئە دەپ جاۋاپنى مۇتلەق بېرىۋەتمىسەكمۇ لېكىن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ھازىر بارلىق تەربىيىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ھازىرقى تەتقىقاتتىن چىقىرىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغان ئائىلە تەربىيىسىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى 70% ئۇنداقكەن ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دىيەلمەمدۇق؟
ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ كېيىنكى پىكىرلىرىگە تامامەن قوشۇلىمەن  
ئاتا- ئانىلار ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرى بويىچە مۇنتىزىم تەربىلىنىشى كېرەك .چۇنكى بۇ پەرزەنتىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئېھتىياجى .بىر ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنىڭ ئېھتىياجى

dilfiruz 2011-08-14 18:22
ھازىر بىزگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتقىنى بەس مۇنازىرە ئارقىلىق كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇشلا ئامەس بەلكى ئاتا- ئانىلارنى ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئائىلە تەربىيىسى  يېتەكچىلىرى  ھازىر چەتئەل ۋە ئىچكىر ئۆلكىلەردە ئائىلە تەربىيىسى يېتەكچىلىرى تۈركۈملەپ مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ .ئاتا- ئانىلاردىن رەنجىيۋەرسەك بولمايدۇ .ئۇلارمۇ ھازىر تېڭىرقاش ئىچىدە .كىم ئۆز بالىسىنى ياخشى تەربىلەشنى خالىمىسۇن؟ بولسا ئائىلە تەربىيسى بىلىملىرى بىلەن تەربىلىنىش بىلەن بىرگە ئاتا- ئانىلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان ئائىلە تەربىيسى يېتەكچىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا چىقسۇن .شۇنداق بولغاندا قاخشاپ ئولتۇرغانغا قارىغاندا ئەمىلىي ئىش قىلغانلار كۆپ بولىدۇ

bayawan 2011-08-14 18:25
ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت بىر قىسىم كىتابلار

بۈگۈنىكى كۈندە پەرزەنت تەربىيلەش مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىۋىدىن ئۇرۇن ئالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت كىتابلارمۇ كۆپەيگىلى تۇردى، مەنمۇ ئاتا بولۇش ئالدىدا مۇشۇ تۈردىكى كىتابلاردىن سېتىۋىلىپ پەرزەنت تەربىيلەش سەۋىيەمنى ئۆستۈرمەكچى بولدۇم، كىتابلارنى رەتلەۋىتىپ مۇشۇ تۈردىكى كىتابلارنىڭ مەن بىلمەيدىغان يەنە قايسى تۈرلىرى باردۇر دەپ ئويلىدىم، ھەم تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئىستىمەك بولدۇم. بىلگەنلەر يوللىسا، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسا دەپ ئويلىدىم.


نەشىر يىلى
نەشىر قىلغان ئۇرۇن
ئاپتۇرى
كىتاب ئىسمى

2001-يىلى
شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى نەشىرىياتى
يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى

2007-يىلى
شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى نەشىرىياتى
يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى


  
تەرجىمانى
ئەسلى ئاپتۇرى
  

2005-يىلى
سەھىيە نەشىرىياتى
ئا.ئابدۇرەشىد بەرقى
  
تالانتلىق بالا مۇنداق تەربىيلىنىدۇ

2004-يىلى
سەھىيە نەشىرىياتى
مۇھەممەد رېھىم سايت، ھاجى يۈسۈپ، ئابدۇللا غاپپار
م.دىن. سېتنا (ئامېرىكا)
سېتنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى

2004-يىلى
سەھىيە نەشىرىياتى
ئادىل ئابدۇقادىر

ئازادجان نىزامىدىن
چوڭ كارل ۋىتېر، كىچىك كارل ۋىتېر
كارل ۋىتېرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى


قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى
  
كارل ۋىتېر( گىرمانىيە)
كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيسى

2002-يىلى
شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى
ئىتىبارقىز ئەزىز دۆلەت
كارل ۋىتېر( گىرمانىيە)
پەرزەنت تەربىيلەش دەستۇرى


سەھىيە نەشىرىياتى
ئابلىز ساقى پەزىلەتشاھ،

مۇختەر تۇردى
جاڭ بىڭخۇي( كورىيە)

سىدرس ( ئامېرىكا)
بالىنىڭ يېتىلىشى 99 % ئانىغا باغلىق

2004-يىلى
شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرىياتى
ئالىمجان ھاشىر تۈزگەن
  
تالانتلىق بالىلارنى تەربىيلەشنىڭ سىرى ( 2)


شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى
ئازاد نىزامىدىن
سىزىكى چىنوئىچى (ياپۇنىيە)
پەرزەنتلەردە ئەمەلى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش

2000-يىلى
شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى
ئۆمەرجان مەمەت
ليۇ فاڭ
فىرانسوزلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ

2000-يىلى
شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى
ئېلى نىياز ...
جاڭ يۇخۇا
رۇسلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ

2000-يىلى
شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى
  
  
ئىنگىلىزلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ

2000-يىلى
شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى
  
  
گىرمانلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ

2000-يىلى
شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى
  
  
ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ

dilfiruz 2011-08-14 18:28
يېقىندا نەشردىن چىقىدىغان «پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ئاچقۇچى »دىگەن كىتاپ ئاتا- ئانىلارنى پەرزەنتتە ككرۈلىۋاتقان ھەر خىل مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىسخىكا ۋە باشقا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ .مەسلەن « بالىڭىز .وقۇتقۇچىسى بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟» دىگەنگە ئوخشاش رىيال تۇرمۇشتىكى كونكىرت مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان

gulen 2011-08-14 18:43
نەقىل
بۇ 27قەۋەتتىكىdilfiruz يوللىغان 2011-08-14 17:55 غا قارتىلغان  :
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بۇ تېمىسى ياخشى ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ .لېكىن«شىنجاڭ ئۈنۋېرسىستىتى قورۇسى ئىچىدىكى بالىلارنى تىلغا ئالغان يەردىكى كۆز قاراشقا ئانچە قوشۇلمايمان .ئاتا- ئانىسىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقۇرى بولىشى ھەرگىزمۇ ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرىنىڭ يۇقۇرلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ .نۇرغۇن ئادەملەر بىلىملىك كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ياخشى تەربىلىنىدۇ دەيدۇ .بۇنى مۇتلەق خاتا دىمەيمەن .بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدە رولى چوڭ، لېكىن ئۇ ئائىلە تەربىيسى بىلىملىرىنىڭ يۇقۇرلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ .ئوقۇمىغان ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ياخشى تەربىلىنىش بۇنىڭ جانلىق مىسالى بولالايدۇ دەپ ئۆيلايمەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلامدۇ ؟ دىگەن سۇئالغا ھەئە دەپ جاۋاپنى مۇتلەق بېرىۋەتمىسەكمۇ لېكىن ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ھازىر بارلىق تەربىيىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ھازىرقى تەتقىقاتتىن چىقىرىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغان ئائىلە تەربىيىسىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى 70% ئۇنداقكەن ئائىلە تەربىيىسى ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دىيەلمەمدۇق؟ ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ كېيىنكى پىكىرلىرىگە تامامەن قوشۇلىمەن  
ئاتا- ئانىلار ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرى بويىچە مۇنتىزىم تەربىلىنىشى كېرەك .چۇنكى بۇ پەرزەنتىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئېھتىياجى .بىر ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنىڭ ئېھتىياجى

سىزنىڭ يەتمىش پىرسەنتلىك سانلىق مەلۇماتىڭىز نەدىن كەلگەن؟ قايسى كىتاپ، قايسى ماقالىدە شۇنداق؟
بىز قەشقەردە مۇشۇ تېمىدا لېكسىيە قىلدۇق، لېكىن داۋاملىق ئاڭلىغان ئاتا-ئانا يىگىرمىگە يەتمەيدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيىسى غېمىدە ئەمەس، ئاتمىشنى قانداق قىلىپ توقسان قىلىشنىڭ غېمىدە.
يەنە بىر گەپ، ئادەم ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ مەھسۇلى. يۇقارقى يەتمىش پىرسەنت بويىچە بولسا جەمئىيەت، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ نىسبىتى قانچە بولۇپ قالىدۇ؟

gulen 2011-08-14 18:47
ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى جەمئىيەتتە ئاققاننى ئەمەس، ئائىلىدە كۆڭلۈمگە ياققاننى، دىنىم تەرغىپ قىلغاننىلا قىلىپ ياشىيالايمەن، بالاممۇ ئائىلەمدىلا ياشايدۇ، دېيەلىسە ئائىلە تەربىيسىنى ھەل قىلغۇچ ئامىل دەپ ئويلۇشۇپ بېقىشقا بولۇرمىكىن.

dilfiruz 2011-08-14 18:56
سىز سۆزنى خاتا چۈشۈپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ مەن ھازىرقى  بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ كۆرسۈتىدىغان تەسىرى %70 دىدىم ھازىرقى ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش بىرسەنتىنى 70 دىمىدىم .بۇ سانلىق قىممەتنى مەن 中华家庭教育网 دىكى ئائىلە تەربىيىسنىڭ پەرزەنتكە كۆرسەتكەن تەسىرى ئائىلە تەسىرىنىڭ ھازىرقى مەكتەپ تەربىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى دىگەن ماقالىسىدا كۆرگەن جەدۋەلنى يوللاشقا ئامالسىزمەن ئۇنىڭدا مۇنداق ئىككى خىل سانلىق قىممەت جەدۋىلى بار:  بىرسى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئادەتتتە ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولغان يەنى ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەن بالىلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نىسبىتى %85  دىيىلگەن يەنە بىر جەدۋەلدە 50- يىللاردىكى 80-يىللاردىكى ۋە ھازىرقى ئائىلە تەربىيىسى ،مەكتەپ تەربىيىسى ۋە جەمىيەتنىڭ پەرزەنتنىڭ .ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كۆرسەتكەن تەسىرىنى سېلىشتۇرغان .دىمەك ئائىلە تەربىيىسى 50- يىللاردا %20 بولسا ھازىر %70 كە چىققان .بۇنىلا ئەممەس ھازىرقى بالىلارنىڭ پەرقىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟

dilfiruz 2011-08-14 19:07
مېنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دىيىشىم ھازىرقى مەكتەپ تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسى ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتىدۇ شۇڭا مەكتەپلەر لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىنى تەربىلەشلا ئەمەس لاياقەتلىك ئاتا- ئانىلارنىمۇ تەربىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىۋاتىدۇ بەزى مەكتەپلەردە ئاتا- ئانىلارنى تەربىلەش مەسىلىسىنى ئۈستىگە ئالدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ .پەرزەنتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئائىلە ،مەكتەپ .جەمىيەت 3 تەرەپنىڭ تەسىرى بار لېكىن ھازىر ئائىلە تەربىيىسى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەۋاتىدۇ . بۇ يەردە مېنىڭ نەزەردە تۇتىۋاتقىنىم ئالىم بولۇش مەسىلىسى ئەمەس ئادەم بولۇش مەسىلىسى بىر ئادەمنى ئادەم قىلىپ تەربىلەشتە سىزنىڭچە مەكتەپنىڭ تەربىيىسى ياكى جەمىيەتنىڭ تەسىرى ئائىلە تەربىيسىنىڭ ئالدىدا تۇرامدۇ؟ ئادەم بولىشنى ئۈگىتىدىغان ئاساساىي ئورۇن ئائىلە .ھازىر مەكتەپلەر گەرچە ئادەم بولۇشنى تەكىتلىەەن بىلەن ئىمتاھان مائارىپىدا بۇ تەربىيەنى قانچىلىك ئىشلىيەلەيدۇ؟

taxbalik 2011-08-16 12:38
نەقىل
بۇ 31قەۋەتتىكىgulen يوللىغان 2011-08-14 18:43 غا قارتىلغان  :

بىز قەشقەردە مۇشۇ تېمىدا لېكسىيە قىلدۇق، لېكىن داۋاملىق ئاڭلىغان ئاتا-ئانا يىگىرمىگە يەتمەيدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيىسى غېمىدە ئەمەس، ئاتمىشنى قانداق قىلىپ توقسان قىلىشنىڭ غېمىدە.
يەنە بىر گەپ، ئادەم ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ مەھسۇلى. يۇقارقى يەتمىش پىرسەنت بويىچە بولسا جەمئىيەت، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ نىسبىتى قانچە بولۇپ قالىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەگەر سىز قەشقەردە بىرەر سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز مىنىڭچە ئاڭلايدىغانلار ھازىرقى لىكسىيە ئاڭلايدىغانلاردىن كۆپ بولىدۇ . بۇنىڭغا ھازىر باللىرنى ھەرخىل سەنئەت كۇرسلىردا ئوقۋاتقانلار بىلەن سىلىشتۇرساقلام ئايدىڭ بولىدۇ . ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئائىلىنىڭ بالىنى تەربىيلەش رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . بالا ئاتا-ئانسىدىن ئالغان تەربىينى ھەرقانداق داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ دوكتۇر، ئالىمىمۇ بىرەلمەسلىكى مۇمكىن . بالىنىڭ تۇنجى مەكتىۋى ئالىدە بولىدۇ ، بالىنىڭ ئانىسى بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولىدۇ ، مىنىڭچە ئائىلنىڭ تەربىيسىنى 70پىرسەنىت دىسەك ئىشىپ كەتمەيدۇ . سىز دىگەندەك تەلەپتە باللارنى ئاتا-ئانا بىرلىكتە كىلىپ دەرىس ئاڭلاپ، بالىسىغا ئۇقەدەر كۆيىندىغان ئاتا-ئانلار شەھرىمىزدە ئاز ،  ھازىرقى ئومۇمى قاراش(باللارنى ئوقۇتۇشتىكى دىمەكچى ) بالىنى داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقىرىش ، خىزمەتكە چىقالىسىلا بالنىڭ قانداق بولشى ئانچە مۇھىم ئەمەس ، خىزمەتكە چىققانلار ياخشى ياشايدۇ ، چىقمىغانلارنىڭ ئىشى چاتاق ، ھەتتاكى خىزمىتى يوقلار باشقا مەخلۇققا ئايلىنىپ كىتىغاندەك تۇيغۇدا تۇرۋاتقان مۇشۇ زاماندا  كىشلەر مۇشۇنداق ئويلۇنۇشقا كىلىپ قالغان زاماندا ،ھەم كۈندىن -كۈنگە ئىشىپ بىرۋاتقان خىزمەت بىسمىنىڭ ئىغىرلىقى بىلەن بۇنداق شارائىت ھازىرلاشقا يەنىلام مەلۇم باسقۇچ كىتىدۇ . مائارىپىمىز تەرەققى قىلىپ ئۇ دەرىجىدە بولمىدى . تىخى كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئۇنداق ئوقۇتۇشلارغا ئالدىراپ كۆنەلمەسلىگى مۇمكىن . ئاتا-ئانلارنىڭ ئويلايدىغنى بالىسنىڭ ئىمتاھاندىن قانداق قىلىپ نۇمۇرنى 90دىن ئاشۇرشى ، 90دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغان بالا ياخشى بالا دەپ قارىلىدۇ ، ئەگەر بالا نۇمۇرنى 90دىن يۇقىرىق ئىلىپ بەرسە ھەرقانداق تەلپىنى قاندۇرىدۇ . بۇ ئەمەليەت ، ئەھۋال مانا مۇشۇنداق سۆزلىسەك مىساللار جىق . مۇشۇنداق شارائىتتا سىزنىڭ يىڭى بىر تەربىيە ئۇسۇلنى باشلاپ ئەمەلى ئىش قىلغىنڭىز بۇ بىر ياخشى يۈزلىش بولغۇسى ! لىكىن ئائىلنىڭ تەربىيسىنى سەل چاغلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ دەپ قارايمەن .

turkinaz0992 2011-08-17 01:02
گۈلەن ئەپەندى ، ئىزدىنىشكە ، ئويلىنىشقا تېگىشلىك ناھايىتى مۇھىم مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز .
          پەرزەنت  تەربىيىسى خىزمىتى  ئۇزۇن مۇددەتلىك ، ھەتتا مەڭگۈلۈك خىزمەت . ئەمما بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار گەرچە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقان بولسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈمنى قوغلىشىش ،  ئالدىراقسانلىق قىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ . 2009 - يىل 6 - ئايدا يۇرتىمىزغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن تۇرسۇن ھەسەن ئەپەندى كېلىپ ئوقۇتقۇچىلارغا بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن چۈشتىن كېيىن ئاتا - ئانىلار ئۈچۈنمۇ بىر مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، شۇ كۈنىمۇ كەلگەن ئاتا - ئانىلارنىڭ سانىدىن شەخسەن مەن نۇمۇس قىلىپ كەتكەن ، لېكسىيە جەرىيانىدا يان تېلىفۇنلارنى تاقىۋىتىش ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ بۇلۇڭ - بۇلۇڭدا تېلىفۇندا سۆزلىشىش ، ھەتتا تېلىفۇننى كۆتۈرۈپ چوڭ زالدىن تاراقلاپ چىقىپ كېتىشلەرنى دېمەيلا قوياي ... ( مۇشۇنداق ئىشلاردىنلا قىسمەن ئاتا - ئانىلارنىڭ ساپاسىنى ، مەسئۇلىيەتچانلىق  روھىنى ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ  )
                 قىسقىسى ، پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە زارلىنىشلار ، قاقشاشلار ئېغىر بولغىنى بىلەن بۇ ھەقتە نەق ئەمەلىي ئۇسۇل چارىلەر قوللىنىلمايۋاتىدۇ ياكى ئېغىزدىلا قېلىۋاتىدۇ  . شۇڭا ، گۈلەن ئەپەندىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ باقساق بولىدۇ . مېنىڭچە ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيىلەشمۇ مىللەتكە قوشقان تۆھپە ، ۋاقتىمىزنى ، زېھنىمىزنى سەرىپ قىلساق ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ ئىش . پەرزەنتلىرىمىزنى ئالىم قىلالمىساقمۇ ئادەم قىلىپ تەربىيىلەيلى !

haliktash 2011-08-20 17:19
بىر مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللەت بولۇپ داۋاملىشىشى ئىزبىسىپ ماڭغان  ئەۋلادلارنىڭ ئەجداد روھىنى راۋاجلاندۇرشىى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ئەجداد روھىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈش بولمىش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى بولىشى كىرەك. ئەقەللىسى ئەۋلادلارغا بۇ ئەقىدىنى تىكلەپ بىرىش ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيە بۇرىچى بولىشى كىرەك!!! ___ بۇ مىنىڭ پەرزەنىت تەربىيەمدىكى تۇتقان يولۇم

xagert 2011-08-20 18:17

ئەڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە ئاتا-ئانىنىڭ توغرا،ياخشى بولغان ئەمەلى ھەركىتىدۇر

163640 2011-10-11 11:50
گۇلەن ئەپەندىنىڭ لىكسىيەسىدىن حەۋەرسىز قاپتۇق.بۇندىن كىيىن يەنە لىكسىيە بولسا قايەردىن حەۋەر تاپىمىز؟


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇردا پەرزەنت تەربىيىسى تەقەززاسى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.040659 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us